ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاماق سۇنۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

‏تاماق سۇنۇش

                                              (ھېكايە)

                                            ئېلى ياسىن‏


‏     مۇختەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ھويلىغا قويۇلغان كارىۋات ئۈستىدە بىر قاچا ئۇماچنىڭ ئۇيۇپ قالغان ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئايالىدىن سورىدى:
ـــ ‏خوتۇن،چۈشلۈك تاماققا ئۇماچ ئەتتىڭلىما؟
‏ــ ۋاي ياق، بۇنى مەن ئەتمىدىم قوشنىمىز ئەكىرىپتۇ،-دېدى ئايالى قاچىدىكى ئۇماچقا قاراپ ياراتمىغاندەك قاپىقىنى دومسايتىپ.
‏ــ ئەمىسە ئىچىۋەتمەي بۇ يەرگە قويۇپ قويۇپسىلىغۇ؟
‏  ــ ۋاي،ئىچكىڭلا كەلگەن بولسا ئۆزۈڭلا بى ئىچىۋېتىڭلا !دائىم خوشۇم يوق تاماقنى سۇنغان،بۇندىن كېيىن تاماق سونغۇچى بولسام...
‏  ــ ئۇماچ بولسا نىمە بوپتۇ؟ كۈندە لەغمەن، پولۇ يەۋەرمەي ئۇماچنىمۇ ئىچىپ قويغۇلۇق، مەن ئۇماچقا ئامىراق. مەن ئىچىۋىتەي.
‏مۇختەر شۇنداق دەپ ھېلىقى ئۇماچنى قولىغا ئېلىپ ئىچكىلى تۇردى.
‏ـــ بۇ ھېلىمخان يا تاماق سونماي تۇرمىغان، سۇنغاندىكىن يا ئېغىزغا تېتىغۇدەك تاماق سۇنمىغان...سەت تۇرسىمۇ مەيلى بۇندىن كېيىن باللىدىن قاچىسىنى قۇرۇق چىقارتىمەن...
     مۇختەرنىڭ ئائىلىسى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلە ئەھۋالى نامرات بولغان ھېلىمخان ئۇلارغا دائىم تاماق سۇنۇپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن مۇختەرنىڭ ئايالىمۇ تاماق سۇنۇپ تورىدىغان بولدى، لېكىن ئۇ ھېلىمخان سونغان تاماقلارنى ياراتمايىتتى، تېخى بەزىدە تۆكۈۋېتەتتى، شۇڭا بۈگۈن ئەكىرگەن ئۇماچنى كۆرۈپ ئۇ ھېلىمخانغا تاماق سۇنماسلىق قارارىغا كەلگەنىدى.
‏   شۇندىن كېيىن ھېلىمخان سونغان تاماق قاچىلىرى بۇ ئۆيگە يىغىلىپ قالدى، ئۈچ-تۆت قاچا يىغىلىپ قالغاندا ھېلىمخاننىڭ نەۋرە قىزى كىرەتتى:
ـــ ‏چوڭ ئانام قاچىلارنى ئاچىق دېگەنتى.
‏  ــ ھە،نەچچە كۈن بولدى، سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، تاماق ئېتەلمىدىم چوڭ ئانىڭىزغا دەپ قويۇڭ...ــ مۇختەرنىڭ ئايالى شۇنداق گەپلەر بىلەن قاچىلارنى قۇرۇق تۇتقۇزۇپ قۇياتتى. شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتتى. ھېلىمخان پۇل تېپىش ئۈچۈن سىرىتقا پاختا تەرگىلى چىقىپ كەتكەچكە تاماق سونۇش بىر مەزگىل توختاپ قالدى. «ھەنىم بولسا چىقىپ كەتتى بۇ خوتۇن»دەپ ئويلىدى مۇختەرنىڭ ئايالى ئىچىدە. ئۇزاق قالماي ھېلىمخان قايتىپ كېلىپ يەنە بۇرۇنقىدەك بۇ ئۆيگە تاماق سونۇپ تۇردى. بەزىدە تاماق سۇنغىلى كىرگەندە ھېلىمخان قورۇق باسقان يۈزىگە تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ:
‏  ـــ قىزىم، ئۆيدە گۆش تۈگەپ كېتىپ بۇ تاماق ئوخشىماي قالدى، شۇنداق بولسىمۇ زاڭلىق قىلماڭ-ھە،-دەيىتتى.
‏   مۇختەرنىڭ ئايالى ئاغىرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ چىقتى. ئۇ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن خېلى بىر چاغقىچە ھېلىمخاننىڭ ئۆيىدىن تاماق كىرمىدى.
‏ــ ئاخىرى تاماق ئەكىرىۋېرىپ ھېرىپ قاپتۇ-دە بۇ خوتۇن،-دېدى بىر كۈنى يولدىشىغا
ــ ‏ھېلىمخاننى دەمسەن؟-دېدى مۇختەر.
ـــ ‏ھە،شۇ بولماي كىم بۇلاتتى ئەمىسە؟
‏   ــ ھە راست، ھېلىمخان سەن دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقتىڭدا ماڭا، ۋە بالىلارغا تاماق سونۇپ ھالىمىزدىن كۆپ خەۋەر ئالغان، ئەتتىگەن ئاڭلىسام بىچارە ئايال كىسەل بولۇپ ئۈچ كۈن ئىلگىرى تۈگەپ كېتىپتۇ. سەن بىلەن مەن چوڭ ئۆيىگە كېتىپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىماي قاپتىمىز....
‏   مۇختەرنىڭ ئايالى بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە دېيىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تورۇپ قالدى. ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقاندا ھېلىمخان ئۇنىڭغا شورپا ئاپىرىپ يوقلىغانىدى، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭغا چىراي ئاچمىغانلىقى ئىسىگە كېلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن تەكچىدە دەستىلەكلىك تۇرغان تاماق قاچىلىرىغا تىكىلىپ قاراپ قېلىشتى، مۇختەرنىڭ ئايالى ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئۆي ئىچىگە ئۆزىنى ئېتىپ ئىشىكنى گۈپ قىلىپ ياپتى...

‏ئىلاۋھە:مەزكۇر ھېكايە«ئاسىيا كېندىكى»گېزىتىنىڭ 7-نۇيابىر سانىدا ئىلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-1-10 22:40:50 | ئايرىم كۆرۈش
تەسىرلىك ،تەربىيۋى ئەھمىيتى بار ،ئىخچام يىزىلغان ھىكايە بوپتۇ .«باش ئاغرىقى»دەكلا !كۆزتەگمىسۇن!
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-1-10 23:50:05 | ئايرىم كۆرۈش
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا كۈندىن كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان مىھىر-مۇھەببەت ئاددىي تىللار بىلەن تولىمۇ تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.قەلىمىڭىزگە قايىلمەن!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2015-1-11 00:16:00 | ئايرىم كۆرۈش
بەك تەسرلىك يىزلغان ئەسەركىن .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-1-11 13:01:42 | ئايرىم كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ھىكايىكەن .بىز بىلەن تەڭ بەھىرلەنگىنىڭىزگە تەشەككۇر.
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-1-12 12:41:53 | ئايرىم كۆرۈش
تاماق سۇنۇش ئەسلى بىزنىڭ ئىسىل ئۆرپ - ئادىتىمىز ئىدى ، لىكىن ھازىر  شەھەرلەردە  يوقاپ كەتتتى دىسەكمۇ بولىدۇ .
ھەي ئىسىل ئادەتلىرىمىز  ....
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:55 , Processed in 0.120702 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش