- جۇغلانما
- 445

بايلىق- 386 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارتۇچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-2-23 18:48
تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ19- كۈنىدىكى خەۋەرىگە ۋە باشقا خەۋەرلەرگە قاراغاندا، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا قۇرۇلغان شەھەرلەر 28 گە يەتكەن.
1-ئاپتونۇم رايونىمىزغا بىۋاستە قاراشلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەردىن 4 شەھەر بار. ئۇلار:
ئۈرۈمچى شەھەرى (乌鲁木齐市)
قاراماي شەھەرى (克拉玛依市)
تۇرپان شەھەرى (吐鲁番市)
قومۇل شەھەرى (哈密市) دىن ئىبارەت.
2-ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردىن 15 شەھەر بار. ئۇلار:
قەشقەر شەھەرى (喀什市)
ئاقسۇ شەھەرى (阿克苏市)
خوتەن شەھەرى (和田市)
ئاتۇش شەھەرى (阿图什市)
بورتالا شەھەرى (博乐市)
سانجى شەھەرى (昌吉市)
فۇكاڭ شەھەرى (阜康市)
كورلا شەھەرى (库尔勒市)
غۇلجا شەھەرى (伊宁市)
كۈيتۇن شەھەرى (奎屯市)
چۆچەك شەھەرى (塔城市)
شىخۇ شەھەرى (乌苏市)
ئالتاي شەھەرى (阿勒泰市)
ئالاتاۋ شەھەرى (阿拉山口市)
قورغاس شەھەرى (霍尔果斯市) دىن ئىبارەت
3-شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۋەنىدىكى ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردىن 9 شەھەر بار. ئۇلار:
شىخەنزەشەھەرى (石河子市)
ۋۇجاچۈي شەھرى (五家渠市)
ئارال شەھەرى (阿拉尔市)
تۇمشۇق شەھەرى (图木舒克市)
بىتۈن شەھەرى (北屯市)
باشئەگىم شەھەرى (铁门关市)
قوشئۆكۈز شەھەرى (双河市)
كۆكدالا شەھەرى (可克达拉市)
قۇرۇمقاش شەھەرى (昆玉市) دىن ئىبارەت.
ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، شىنجاڭدا 70دەك شەھەر قۇرۇش پىلانلانغان ئىكەن. قوشۇمچە بىر پىكىرىم شۇكى، شەھەر ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى توغرىسىدا ئىلمى ئىزدىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پىكىرىمنىڭ ئەھمىيەتى بولمىسىمۇ، كىيىن قۇرۇلماقچى بولغان شەھەرلەرگە ئىسىم قويۇشتا پايدىلىنىش بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.
قۇرۇمقاش شەھىرى، ئەسلىدە «قاراقۇرۇم شەھەرى» دەپ ئاتالغان بولسا مۇۋاپىق بولاتتى.
شىخەنزە شەھەرى، ئەسلىدە «تاشېرىق شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
قوشئۆكۈز شەھەر، ئەسلىدە «قوشغول شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
ۋۇجاچۈي شەھەرى، ئەسلىدە «بەشېرىق شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
شىخۇ شەھەرى، ئەسلىدە «قاراسۇ شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
كۈيتۈن شەھەرى، ئەسلىدە «كۆكبوز شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
بېيتۈن شەھەرى، ئەسلىدە «ئاقبوز شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
بورتالا شەھەرى، ئەسلىدە «بوراندالا شەھەرى» دىيىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
|
|
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
|
|
|
|
|