- جۇغلانما
- 445

بايلىق- 386 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارتۇچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-2-20 20:28
شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر
1. ماۋزۇ
ماۋزۇنى شېئىرنىڭ گۈل تاجى دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتور ئۆزىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغان، قەلبىنى لەرزىگە سالغان ۋە تاۋلىنىشتىن ئۆتكەن ۋەقە، ھادىسە ياكى ھېكمەتلىك پىكىرلەرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، شېئىرغا قويۇلىدىغان ماۋزۇ جەلپ قىلارلىق ۋە ئىخچام بولۇشى، شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلىيەلىشى كېرەك. «قەشقەر » ژۇرنىلىغا كېلىۋاتقان نەزمىي ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىدا ماۋزۇ ئۇزۇن بولۇش، شېئىرىي مۇددىئانى تولۇق ئىپادىلىيەلمەسلىك ۋە جەلپكار بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت. شۇڭا، ئىشلىتىشكە تەييارلانغان بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ ماۋزۇسىنى مۇھەررىرلەر قايتا تەھرىرلەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. شېئىردىكى ماۋزۇ ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆرنەك سۈپىتىدە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇكېرىم خوجانىڭ «تۇپراق، باھار ۋە مەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلارنىڭ ماۋزۇلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: «كەلدى»، «گۈلسۇرۇخ»، « تامغا بولسام »، « سۇمۇرغ ئۇچقاندا »، «دېڭىز − ئانامسەن»، «كۆچەت تاللاش»، «كىشەن»، «يول ئۈستىدە»، «بۇلبۇل ۋە قەپەز»، «ئاچچىق ۋە تاتلىق»، «ئايدىڭدا سەپەر»، «قوڭغۇراق»، «ئاندىن گۈزەل»، «ساۋاق»، «تاغ گۈلى»، «گۈل ۋە مۆلدۈر»، «بۇلۇت»، «قالغاي»، «چېچەك»، «مامكاپ بىلەن ئەنجۈر»، «يۇلتۇز»، «شارلار تېغى»، «قىلدىلا»، «گۈل ۋە شامال»، «تاج ۋە باش» قاتارلىقلار. يۇقىرىقى ماۋزۇلاردا يېزىلغان شېئىرلاردا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارمۇ، قىسقا يېزىلغان شېئىرلارمۇ، ئۇزۇنراق يېزىلغان شىئىرلارمۇ بار. بۇ ماۋزۇلار ئىخچام ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپ، ئۇزۇن، مۇجىمەل ۋە چۈشىنىكسىزلىكتىن خالىي. ماۋزۇنى ئوقۇپلا ئادەمدە شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىشتىياقى قوزغىلىدۇ. دېمەك، شېئىرغا ماۋزۇ تاللىغاندا، شېئىردىكى بىرەر مىسرانى كۆچۈرۈپلا بولدى قىلماستىن، ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق ھەم شېئىرىي مۇددىئانى يىغىنچاق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم
جەلپكارلىققا ئىگە سۆزلەرنى ماۋزۇ قىلىپ تاللاش شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا، شېئىرنىڭ ماۋزۇسى − ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدەك بىر كۆرۈپلا مەزمۇنىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان «قىسقا خەۋەر» تۈسىدە بولماسلىقى، ئوقۇرمەندە ماۋزۇنى كۆرۈپلا شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغىيالايدىغان بولۇشى كېرەك .
2. شەكىل
شەكىلنى شېئىرنىڭ تون – لىباسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئۆزىگە خاس شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك بولسۇن ياكى چاچما شېئىر بولسۇن ناھايىتى كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا قارايدىغان بولساق، گەرچە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىل، رەڭدار ۋە جەلپكار بولسىمۇ، لېكىن، قوللىنىۋاتقان شېئىر شەكىللىرى يەنىلا ناھايىتى ئاز. مەسىلەن: مۇسەللەس( ئۈچ مىسرالىق شېئىرىي شەكىل ) ،مۇرەببە(تۆت مىسرالىق شېئىرىي شەكىل)، مۇسەببە( يەتتە مىسرالىق ئۇدا قاپىيەلىك شېئىرىي شەكىل )، مۇسەددەس( ئالتە مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇسەببە( يەتتە مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇسەممەن( سەككىز مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇتەسسە( توققۇز مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، تەرجىبەنت( قايتۇرما مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇستەھزات( بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرالىق شېئىرىي شەكىل )، مۇۋەششەھ، مۇختەمىلات، تەجنىس، مۇئەمما( شېئىرىي تېپىشماق )، ئىقتىباس… دېگەندەك شەكىللەردە يېزىلغان شېئىرلار يوق دېيەرلىك. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياش ھەۋەسكارلار شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، شەكىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى زۆرۈر. ئاپتورلار بىرەر يېڭى ئوي – پىكىرنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن شۇ مەزمۇنغا لايىق، ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللىشى شەرت. شېئىردىكى شەكىل مۇۋاپىق تاللانمىسا، خۇددى كىچىك بالىغا چوڭ چاپان، چوڭ ئادەمگە كىچىك چاپان كىيدۈرۈپ قويغاندەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ – دە، ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىر ھەرقانچە يېڭى بولسىمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمايدۇ. ھالبۇكى، ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي پىكىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلنى تاللاشمۇ بىر خىل بەدىئىي دىت ۋە ئىجادىيەت ماھارىتى ھېسابلىنىدۇ.
بۇلبۇل ئېيتۇر گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما.
( ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر )
3. قاپىيە
قاپىيەنى شېئىرنىڭ جەزبىدار زىننىتى دېيىشكە بولىدۇ. شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى قاپىيە دېيىلىدۇ. قاپىيە شېئىر مىسرالىرىدا مەزمۇت ئېتىبارى بىلەن بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن تەڭداش ئاھاڭلىق سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ تۈگەللىمىسى بولۇپ، كۆپىنچە شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ. قاپىيەنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: توق قاپىيە، ئاچ قاپىيە، يانداش قاپىيە( رادىف )، ئىچ قاپىيە، ئالماش قاپىيە، باش قاپىيە،ئۇدا قاپىيە، ئەركىن قاپىيە، جورا قاپىيە، شەكىلداش قاپىيە دېگەندەك. شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت. بىرى نوقۇل قاپىيە قوغلىشىپ، شېئىرىي مۇددىئاغا، ئاساسىي مەزمۇنغا سەل قاراش، مەزمۇننى قاپىيەگە ئەگەشتۈرۈش ۋە بويسۇندۇرۇش. يەنە بىرى، شېئىرىي مۇددىئانى، مەزمۇننى ئاساس قىلىش، لېكىن قاپىيەگە سەل قاراش. شېئىر − نەزمە بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئۆزىگە خاس ئىندىۋىداللىققا ئىگە سۆز دۇردانىلىرىدىن رەتلىك تىزىلغان «ئۈنچە – مەرۋايىت».قاپىيە شېئىر – نەزمىنى نەپىسلىككە، جەلپكارلىققا ئىگە قىلغۇچى جۇلالىق «كۆز مۇنچاق». شېئىر ئاشۇ «كۆز مۇنچاق»لار ئارقىلىقلا تۈرلىنىدۇ، رەتلىنىدۇ ۋە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ. قاپىيەسىز شېئىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قاپىيە شېئىردىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردا، ھەتتا نەسر شەكىللىك شېئىرلاردىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.
قاپىيە بۇزۇلغان، چۈشمىگەن. كېيىنكى شېئىردا توق قاپىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شېئىرنىڭ مەزمۇنى بىلەن زىچ بىرىكىپ، شېئىرنىڭ جەلپ قىلارلىقى ۋە نەپىسلىكىنى ئاشۇرغان. مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە،مىراسى بىباھا مەشرەپ،
بوغۇلغان دەم – نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ
كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام – ئەلنەغمە، جانبازلىق،
ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.
بېغى سەن قان – قېرىنداشلىق، ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ،
ھوسۇل-بەھرىڭ ئاداۋەتلىك جاراھەتكە داۋا، مەشرەپ.
يەنە سەن كاتتا سەيناسى ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ،
سېنىڭدە ئەنئەنە، رەسمى – يوسۇن شەرمى – ھايا، مەشرەپ،
يەنە يۈكسەل، قۇياشتەك پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ،
باخاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى ئېسىل نەغمە – ناۋا، مەشرەپ.
|
|
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
|
|
|
|
|