ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياشلار مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ياشلىق ئىنساننىڭ ئەڭ قىسقا ۋە مۇھىم بولغان بىر مەزگىلى ، كىشىلەر ئادەتتە ياشلىقنى سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ، يېڭدىن كۆتۈرۈلگەن قوياشقا ئوخشىتىدۇ . ياشلار ھەقىقەتەن سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش جەلپكار ، يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن قوياشقا ئوخشاش جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولىدۇ .

ياشلىق چاقماققا ئوخشاش چېقىپ ئۆچىدۇ-دە ، كۆزدىن غايىپ بولىدۇ . ياشلىق دەۋرىدە قولدىن كەتكەن پۇرسەتلەرنى كەينىگە ياندۇرۇشنىڭ ئورنى يوق . شۇڭا ، ياشلىق دەۋرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك . ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بۇ تۇرمۇش يولىدا ياشلار ھەمىشە بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ . مەسىلەن : ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالغان بىر قىسىم ياشلارنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇلار
« مەن بەك يارامسىز ئىكەنمەن ، ئائىلەمگە يۈك بولۇپ قالدىم ، بارلىق غايىلىرىم كۆپۈككە ئايلاندى » دەپ مەيۈسلىنىدۇ . تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ، ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالىدۇ . ھەتتا مۇشۇ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ تراگىدىيىسى قىلىۋالىدۇ .

ئەمەلىيەتتە ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك – تۇرمۇش يولىدىكى كىچىككىنە بىر مەغلۇبىيەتتۇر . ئىمتىھاندىن ئۆتۈش – ھايات كەچۈ- رۈشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئەمەس ، ئالىي مەكتەپ بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى بەلگىلەيدىغان بىردىن-بىر شەرتمۇ ئەمەس . بىزنىڭ بەختىمىز جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېچىلغان . بىز ئالىي مەكتەپكە كىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۆز ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئىشلەپ ، ئىگىلىك يارىتىش ، ئۆزىمىزنى سىناپ كۆرۈش ، ئىزدىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆز بەختىمىزنى تاپالايمىز ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز .

نۆۋەتتە ، ئالىي مەكتەپلەرگە تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالىدۇ ، تۇرمۇش يولى ئېتىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ، ھېھنى چېچىلىپ كېتىپ ، ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ . بەزىلەر ئىقتىسادنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىدۇ . بۇ – ئىرادىسىزلىك . ئەتراپىمىزدا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقى بارلارمۇ بارغۇ ؟ كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ئەمالار ، ياش تۇرۇپ پۇت-قولىدىن ئايرىلغان مېيىپلارمۇ تىرىشىپ ئىشلەۋاتمامدۇ ؟ بىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىمىز كەم ؟ بىز ئۆزىمىزگە دائىم مۇشۇنداق سوئال قويۇپ ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك . ئۈستۈنلۈك ، ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك . يەنە بەزى ياشلار مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا روھى چۈشۈپ كېتىدۇ . ھەممە نەرسىگە ئۈمىدسىز قاراپ ، مەنىسىز ھېس قىلىدۇ . باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بەختسىزلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئاھ ئۇرۇپلا يۈرىدۇ . بۇ يارىماس قىلىق .

مۇھەببەت ئادەمنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل ۋە نازۇك ھېس-تۇغۇ . لېكىن بىز ياشلار مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، بەختىمىزنى بەختسىز مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرىغا مەھكۈم قىلماسلىقىمىز كېرەك . ياخشى پۇرسەتلەر يەنە كېلىدۇ . قولدىن كەتكەن نەرسە ئۈچۈن ھەمىشە ئۆكۈنۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق . ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل – مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ ، كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ ، ياخشى پۇرسەتلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشىۋېلىشىمىز كېرەك . مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك . مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەخت ئۆزى بىز ياشلارنى ئىزدەپ كېلىدۇ . كېلەچەك – ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۈپ .

بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىز رىقابەت دەۋرى ، يۈكسىلىش دەۋرى ، بىز ياشلار تېتىك ۋە جۇشقۇن ، ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بۇ رىقابەتكە قاتنىشىشىمىز كېرەك . ھەمىشە بوشىشىپ ، سالپىيىپ يۈرسەك دەۋىرگە ماسلىشالمايمىز . شۇڭا ، بىز ياشلار تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، تۇرمۇشنىڭ زەربىسىگە قارىتا مەردانىلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك ، شۇندىلا بارلىق قىيىنچىلىقلار بىز ئۈچۈن باش ئېگىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت بىزگە يار بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت جاپالىق ئەجىردىن كېلىدۇ ، بىز جاپادىن قورقمىساقلا پارلاق كېلەچەك بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ .

قەشقەر» ژۇرنىلى ، 2006 ، 4- سان
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-9 16:02:32 | ئايرىم كۆرۈش
بىرىنجى بوپ ئوقۇۋاپتىمەن.
مەن كىم؟

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-9 21:53:25 | ئايرىم كۆرۈش
پەقەت تىرىشىدىغانلا بولساق ھېچقانداق ئىشقا كېچىكمەيمز.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-10 18:12:55 | ئايرىم كۆرۈش
جاڭ چۈنشىيەن شۇجى  پەقەت تىرىشسىلا  ھەممىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ  دىگەن گىپى بۇ تىمىغا بەك ماس كەپتۇ .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 23:55:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 18:12
جاڭ چۈنشىيەن شۇجى  پەقەت تىرىشسىلا  ھەممىنى ئۆزگەرتكىل ...

يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ   ما  تىمامنى بولسىمۇ  بۇرۇن كۆرمەپتىكەنسىز ھە  خۇداغا  شۈكرى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-3-11 18:11:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇدۇنيا يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 23:55
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ   ما  تىمامنى بولسىمۇ  بۇرۇن كۆرمەپتىك ...

مەن  بەك كۆپ مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئىدىم ، ھازىر ئىككىسىلا قالدى ، قالغانلىرى تاقىلىپ بولدى ، شۇڭا كۆپرەك نەرسىلەرنى كۆرىمەن ، كىتاپ - ماتىرىيال ، گىزىتلەرنىمۇ كۆپ كۆرىمەن ، ئۈندىدار سالۇنلىرىدىنمۇ 29سالۇنغا تىزىملاتقان ، يولدۇشۇم ۋە بالىلىرىم بىلەن  بىللە سالۇن كۆرۈپ ، ئانار پىشتى ، قەشقەر يۇمۇرلىرى ، شادىمانىيۇ  دىگەندەكلەرنىمۇ  ئۆيدە كۆرىمىز .شۇڭا  ئەيىپكە بۇيرىمايسىز  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-11 23:31:50 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇدۇنيا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 23:34  

ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 18:11
مەن  بەك كۆپ مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئىدىم ، ھازىر ئىككىس ...


چاقچاخ  قىلىپ  قويدۇم  .ھە راس  ( قەشقەر يۇمۇرلىرىنىڭ  4 قىسمىغىچە كۆرگەنتىم  يىڭىسى چىققان بولسا  خەۋەردار قىلىپ قوياسىز  .بىلىپ قالاي  . قەشقەر يۇمۇرلىرىغا    كىچىك ئوغلۇم بەك  ئامراقتى  ئايالىممۇ ھەم بىزمۇ شۇ ئۆيدە  كۆرىمىز چۇ
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:50 , Processed in 0.145350 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش