ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئائىلە سىرلىرى . تۇرسۇنئاي سادىقوۋا [ئۆزبېكىستان]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

«قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. مۆھتەرەم قېرىندىشىم، كېلىڭ، بىز ئاياللارغا خاس كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى يازايلى...
كۆرۈنۈشتە ھەر بىرىمىز ئاددىي ئايالمىز. ئەمما شۇ ئاددىيغىنە بىرلىكتە مىڭ بىر خىل رەڭلىك ئالەم مۇجەسسەمدۇر. گاھى ئۆزىمىزدىكى قۇدرەتنىڭ ئاخىرىغا يېتەلمەي ھەيران بولىمىز، گاھى بولسا، ئەڭ ناتىۋان كىشىدەك تەلەي خاتالىقلىرىغا يول قويىمىز. ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ھەيران بولۇپ ئۆتۈۋاتىمىز، بىزنى چۈشىنىش يولىدا سەۋر ۋە ئىرادىسىنى سۇندۇرماي كېلىۋاتقان يىگىتلەر ئامان بولسۇن! گەرچە ئەر زاتىنىمۇ ياراتقۇچى ناھايىتى كەمچىلىكسىز، بىگۇناھ ياراتمىغان بولسىمۇ، مەن بۈگۈن ئۇلارنى چەتلەپ ئۆتۈپ، پەقەتلا ئۆز تائىپىمىز ھەققىدە گەپ قىلماقچىمەن. بولۇپمۇ، بىزنىڭ يىگىتلەر زىرەك، «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» دېگەن گەپنى ئوبدان بىلىدۇ.

* * *

ئائىلىدىن قاخشاپ يېزىلغان مەكتۇپلارنى ئوقۇپ، ئۆزلىرى خالاپ تۇرمۇش قۇرغان، بىراق كېيىنچە ئاسانلا ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنى ئاڭلىغاندا، كىشى كۆڭلىنى غەم باسىدۇ. ئىككى ئارىدا بالىلارنىڭ سەرسان بولۇۋاتقانلىقى بولسا... پاجىئەدۇر! بۇنداق تۇرمۇش ئاتا-ئانىنىڭ زورى بىلەن بولسىمىغۇ، ھەممىسىنى ئۇلارغا دۆڭگەپ قوياتتۇق. ئەمدى بولسا، «ئالتۇن دەپ تاللىغىنىم مىس چىقىپ قالدى» دەپ، ھەممە گۇناھنى جورىمىزغا ئارتىپ قويۇۋاتىمىز. كىشى بىر يىل كىيىدىغان كىيىمىنىمۇ ئوبدان كۆرۈپ، چامىلاپ ئالىدۇ. جورا تاللاش كۆڭلەك تاللاش ئەمەسقۇ! ئۇ ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغىچە بىرگە بارغۇچى ئىككىنچى بىر قەلبىڭ، ئىككىنچى پۇت-قولۇڭ، ئىككىنچى كۆزۈڭدۇر. ئۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ئاتىسى، 20، 30، 40، 50، 60... يېشىڭنىڭ يېگانە ھەمدەمچىسى ۋە ھامىيسىدۇر! سەن جورا تاللاشتا ئۇنىڭ قەددى-قامىتىگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ مال-دۇنياسىغا ياكى ئۇنىڭ ۋەدە-قەسەملىرىگە قاراپ باھا بەردىڭمۇ؟ ۋە بۇنىڭ نامى «سۆيگۈ» بولدىمۇ؟ دەيلى، سەن تاللىغان ئادىمىڭ سەن ئارزۇ قىلغان كىشى ئەمەس ئىكەن. سەن قانداق ئويلىغان ئىدىڭ؟ مۇكەممەل، قۇيما ئىنسانلار ئانىدىن تەييار يارالمايدىغۇ.

* * *

شۇنداق، ئەزىزىم. ئائىلە ئىستىراھەت بېغى ئەمەس. ئۇنىڭدا كۈن بويى گۈل كۆتۈرۈپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، قولتۇقلىشىپ يۈرگىلى بولمايدۇ. خەلق توغرا ئېيتىدۇ: ئائىلە غارغا ئوخشايدۇ! ئۆزۈڭنى يول بويى خۇددى شام مىسالى ياندۇرۇپ بارساڭلا، ئەتراپىڭ يورۇپ شەكىلگە كىرىپ بارىدۇ. ئائىلە ئەرگىمۇ، ئايالغىمۇ بىر-بىرىگە مۇناسىپ بولۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەيدىغان مەيدان!

* * *

ئەل ئارىسىدا «ئايال كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق تۆگىگە يۈك بولىدۇ» دەيدىغان نەقىل بار. بۇنى ئىجابىي چۈشىنىش كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىزگە ئېيتىلغان ئەينى ھەقىقەتتۇر: ئېيتىڭچۇ، ھىيلىنى ئەقلى بار ئادەم تاپىدىغۇ؟ دېمەك، ئاشۇنچىلىك ھىيلىنىڭ ئارىسىدا ئايالنىڭ قىرىق تۆگىگە يۈك بولغۇدەك ئەقلىمۇ بار ئىكەنغۇ! ئەگەر ئاشۇ ئەقىلنى ھەر قېتىم پەقەت ياخشىلىق يولىدا سەرپ قىلغان بولساق، نەچچە-نەچچە ئائىلىلەر توزىمىغان، نەچچە دىللار ئۆكسىمىگەن بولاتتى.

* * *

پاراكەندە ئائىلىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويغان بىز بولىمىز. باشباشتاق ئەرلەرنى قاتارغا قوشقانمۇ، ئىتتىپاقى بۇزۇلغان ئاكا-ئۇكىلارنى بىرلەشتۈرگەنمۇ بىز! سۆيۈنگۈچى تاغ بولغانمۇ، يايراتقۇچى باغ بولغانمۇ بىز ئاياللار، بۇ بىزدىكى ئاشۇ ياخشى مەنىدىكى «ھىيلە»نىڭ شاراپەتلىرى. ئەمما، خالىس مەيداندا تۇرۇپ ئېيتايلى، بىزنى دەپ، بىز تۈپەيلى چېكەرمەن بولۇپ كەتكەنلەر قانچە، ئىچەرمەن بولۇپ كەتكەنلەر قانچە! بىزنىڭ خەنجەرگە ئوخشاش تىللىرىمىزدىن ئەبگا بولۇپ... ياۋاشراق جورىنى ئارزۇ قىلغانلار قانچە! ئەتراپقا ئەستايىدىل نەزەر سالسىڭىز، شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، ئاياللارغا قارىغاندا، ئەر زاتى ئىشەنچلىكراق، ساددىراقتۇر. مانا مۇشۇ سەمىمىيەتنى بىز سۈيئىستېمال قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئەرلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات دەپ بىلىشىمىز ۋە بۇ سەمىمىيەتنى ياخشى ئىشلارغا قارىتىشىمىز جائىزدۇر.

* * *

كۆڭلۈڭ ئازار يېسە، ئۆيۈڭ تىنچسىز بولسا، ئاچچىقلىنىشتىن ئىلگىرى، شۇ ئىشلارغا ئۆزۈم سەۋەبچى ئەمەسمۇ، دەپ بىر قېتىم ئويلىدىڭمۇ؟ ئادەمنىڭ ئاجىزى ئەيىپنى باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ، دېگەن گەپ بار. نازاكەت، نەپىسلىكنى تەبىئەت بىزنىڭ تائىپىگە بەرگەن. تۇنجى بولۇپ زەربە بېرىش، چېگرىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىش ئاياللىق ئىقلىمىغا خاس ئەمەس...

* * *

شورالار ھۆكۈمىتى (سوۋېت ئىتتىپاقى) كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئاداشماي يەتتى: نۇرغۇن ئەرنى ھەق يولىدىن چىقاردى ‐ ئىچىملىككە ۋە پاھىشىگە مۇپتىلا قىلدى. ئۇلار شەپقەتسىزلىكنى ئاۋۋال ئۆزلىرىگە قىلدى، چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ھەق ياراتقان بىر نېمەت، بۇ نېمەتنى ھارامغا ئارىلاشتۇردى. كىشى ھاراقنى ھېچقاچان ياخشى نىيەتتە ئىچمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا، مەستلىك باھانىسىدە كىمنىدۇر سۆكۈپ ئۆچ ئېلىش مەقسىتى بولىدۇ...
سورۇن تاللىماي ئىچىدىغان ياكى ئارىلاپ ئىچسىمۇ ئىنسانلىق قىياپىتىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئەرنىڭ ئايالى دۇنيادا بەختسىزلەرنىڭ بەختسىزىدۇر. بۇ ئەر ئانا ئاتالغان نېمەتكە ئازار بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ كالتەك يېيىشىدىن قورقۇپ، ئاتىسىغا كۆزلىرى چانىقىدىن چىقاي دەپ قالغان گۆدەكلەرنىڭ مەردانە بالىلىقى ئالدىدا، ئائىلىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان پەيىز، بەرىكەت قېشىدا ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا گۇناھكاردۇر. بۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلغان بالا، مىڭ ئەپسۇسكى، كەلگۈسىگە زىيان يەتكۈزگۈچىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ مېھىر كۆرمەي ئۆستى، باشقىلارغىمۇ مېھىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

* * *

ئائىلە ‐ مۇقەددەس دەرگاھ. ئۇنىڭغا مەخسۇس تەييارلىق كۆرمەي يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىدىن شۇنداقلا كۆڭلى قالدىمۇ، تامام، ئائىلىدە ئاراملىق بولمايدۇ. بىزنى دائىم بىر غاپىللىق بەنت قىلىدۇ: تۇرمۇش قۇرغان چاغدا ئەر ئايالنى، ئايال ئېرىنى ئەمدى ئۆزۈمنىڭكى بولدى دەپ خاتىرجەم بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا، شۇ كۈندىن تارتىپ خاتىرجەمسىزلىك باشلىنىشى مۇمكىن. گەپ شۇنىڭدىكى، كىشى كىشىگە يېقىن بولغانسېرى ئىلگىرى سەزمىگەن كەمچىلىكلەر سېزىلىشكە باشلايدۇ. بىر-بىرىدىن سوۋۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دانا ئەر-خوتۇنلار ئۆمۈر بويى ئۆزىنىڭ كەم-كۇتىلىرىنى تۈزىتىش ۋە جورىسىغا يېقىش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىپ ياشايدۇ.

* * *

ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئايالغۇ ئارمانلىرىنى كۆكسىگە كۆمۈپ، تۇغۇلۇپ قالغان بالىلىرى بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاۋېرىدۇ. ئەمما خوتۇنىدىن كۆڭلى قالغان ئەر بولسا خەتەرلىك! خاتا قەدەم تاشلاشقا ھەمىشە پۇرسەت ۋە قولايلىق كۈتۈپ ياشايدۇ.
ئەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئايالنى ئاسراشمۇ سەنئەتتۇر. كىم بۇ سەنئەتتىن بەھىرسىز بولسا ۋە ياكى خەۋەردار بولۇشنى ئىستىمىسە، بۇ ئائىلىدە يورۇق كۈن بولمايدۇ.
«ياش ۋە گۈزەل مەھبۇبە» تاپقان ئەرلەرگە كەلسەك، ئاساسىي ئەيىپنى مەن ئەرگە ئەمەس، ئاشۇ «مەھبۇبىلەر»گە قويغان بولاتتىم. ئەر ھەرقانچە سۇيۇق بولسۇن، ئىشتىياقى قانچىلىك جۇش ئۇرسۇن، ئايال كىشى رۇخسەت بەرمىسە، ئەر نىيىتىگە يېتەلمەيدۇ.

* * *

بەزىلەرنىڭ ئەرلىرىنى يولدىن ئازدۇرۇۋاتقانلارنى ھەرگىز قارغاشنىڭ ۋە قەست بىلەن باپلاپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار ھەقنى تونۇمىسىمۇ، گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ناملىرىنىڭ خىيانەت ئىكەنلىكىنى ھەر مىنۇتتا يادلاپ تۇرىدۇ! شۇ ئەھۋالدا ئۇلار يايرامدۇ دەمسىز! سىرتىدىن پارقىراپ كۆرۈنۈشىدۇ، خالاس. ئەر ئىجارە، خۇشلۇق ئىجارە، ئۇ ئادەم قىياپىتىنىمۇ ئىجارىگە ئالغان مەخلۇق. شورلۇقنىڭ نە ئۇ دۇنيالىقى بار، نە بۇ دۇنيالىقى! بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ، بەختلىك بولغۇچى بۇ دۇنيادا يوق!

* * *

ئەر نېمىشقا باشقا چاھارباغقا مارىلاپ قارايدۇ؟ غەزەب ئېتىغا مىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ كۆرۈش لازىم. مېھنەتكەش ئايال بولۇش، ئاش-تاماققا ئۇستا ياكى چىرايلىق ئايال بولۇشلا كۇپايە ئەمەس، ئەر-خوتۇننىڭ بېرىدىغان كەيپىياتى، كوچىدىن تېپىپ بولمايدىغان گېپى، كۆڭۈل ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

* * *

يەنە «بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن» دەيدىغان رايىش، ھەددىدىن ئارتۇق كەچۈرۈملۈك ئايال ۋە شۇ خىلدىكى ئەر بىلەن ياشاشنىڭ قىزىقى يوق. ئورنى كەلگەندە ئۆزىنى ھىمايە قىلىشنى، خاپا بولۇشنىمۇ بىلىش كېرەك.
ئەر-ئايال مۇئامىلىسىدە ھەمىشە ھېساب كىتاب زۆرۈر. كوچىدا، ئىشتا، جامائەت ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە ئېھتىياتسىزلىققا يول قويۇش مۇمكىن، ئەمما ئەڭ نازۇك مۇئامىلە ئۆيدە بولۇشى شەرت! مىللەتنىڭ كېلەچىكى كوچىدا ئەمەس، ئاساسەن، ئائىلىدە شەكىللىنىدۇ. ئىنسان ھوقۇقلىرىنى پايمال قىلىشمۇ، قەدىر-قىممىتىنى تىكلەشمۇ دەسلەپتە ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەر بىر ئىشتا ئاۋۋال مىللەت بالىسىنى ئائىلىدە يېتىشتۈرۈش كېرەك.

* * *

سەۋر ئايالدىن، كەچۈرۈش ئايالدىن، بالا تۇغۇش ئايالدىن، تەربىيە ئايالدىن، ئائىلە ئىشى ئايالدىن، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئايالدىن دەپ، ئىككى قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ تۇرغان ئەر پەرزەنت، جامائەت ۋە دەۋر ئالدىدا خىجالەت بولۇشى لازىم. ئايالدىن ئېلىۋاتقانلىرىنى ئۆلچىشى ۋە كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىنى سوت قىلىشى لازىم، مەن ئۆز ئانامغا، سىڭلىمغا، ئايالىمغا، مىللەتنىڭ ئانىسىغا نېمە قىلىپ بەردىم دېيىشى، ئاخىر توختىماي يېيىشكە تاغمۇ توشۇمايدۇ، ئايالنىڭ ئاياللىق كۈچ-قۇۋۋىتى، مېغىزى دېڭىز ئەمەسقۇ، دېگەن ئويغا كېلىشى لازىم.

* * *

ئايال بارىنى ئاناردەك سىقىپ، بالىسىنىڭ تومۇرىغا قويۇپ تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ پۇچەكلىشىپ كېتىۋاتقان يىلىكىنى كىم تولدۇرىدۇ؟ ئايال جەمئىيەتكە ۋۇجۇدىدا بارىنى بېرەلىسىمۇ، يوقىنى بېرەلمەيدۇ-دە. پولۇنىڭ ئوخشىغىنىنى يەپ قۇۋۋەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلساق، ئۇنىڭغا كېرەكلىك بۇيۇملارنى تەييارلىشىمىز شەرتقۇ، ئاخىر. ئادەم ۋە ئالەم ئايالنىڭ مېھىر-مۇرۇۋۋىتى بىلەن كۆكىرىدىكەن، نېمىشقا ئۇنى دەسلەپتىلا يېتەرلىك خۇرۇچلار ‐ ئارام، ئوزۇق، ئىلىم ۋە مېھىر بىلەن تەمىنلەپ تۇرمايمىز؟ نېمىشقا بەر، بەر دەۋېرىمىز؟ ئايالى ئورۇق يۇرتنىڭ مىللىتى ئورۇق، ئايالى ئۆكسۈك يۇرتنىڭ مىللىتى يېرىمدۇر. مەن ئانامدىن ئالىدىغىنىمنى ئېلىپ، تەڭگىسىنى قۇرۇتۇپ بولدۇم دەيلى، ئەمدى ئۇنى چېكىگە سۈرۈپ، باشقا قۇۋۋەتلىك ئايالغا تومۇرۇمنى ئۇلاپ قويۇشنىڭ ئىلاجى يوققۇ، ياكى مېنىڭ ئايالىمنى مۇھاپىزەت قىلىپ بەر دەپ، سىرتتىن نىجاتكار ياللىيالمايمىزغۇ.
ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆيۈنۈپ ئېيتىمەنكى، مىللەتدىشىم، سەپدىشىم، ئوغلۇم، بىزنى ئاسراڭ. سورىمىساقمۇ شۇنداق قىلىڭ، بىز كۈتمىگەن ياخشىلىقلارنى ھەدىيە قىلىڭ. ھەرگىز بىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ پۈتۈن بولۇشى ئۈچۈن، ئەقىللىق قىزلىق، ساغلام ئوغۇللۇق بولۇشىڭىز ئۈچۈن.

* * *

ئانىلىققا مەنىۋىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەييار بولمىغانلارنىڭ ئانا بولۇۋاتقانلىقى، ئائىلە بىلىمىنى بىلمەي تۇرۇپ ئائىلىگە قەدەم قويۇشنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مىللەت ئوغلانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك.
ھۆرمەتلىك ئەر، ئايالىڭىز سىزنىڭ قۇلىڭىز بولۇپ جىمغىنە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، سىزدىن شىكايەت قىلمايۋاتقانلىقىدىن قورقۇڭ. سىزنى غەپلەت باسمىسۇنكى، ئايالىڭىز بىر جېنىنى قىرىققا پارچىلاۋېتىپتۇ، شۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟ بۇنىڭغا ھەمىشە دىققەت قىلىڭ.

* * *

ھەممىمىز ئانىلارمىز. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەختلىك بولۇشىنى بەك-بەك خالايمىز. ھازىر قىزلارنى بەك كىچىك ئۇزىتىش ئادەتكە ئايلانغان...
بۈگۈنكى قىرىق ياشلىق ئايالغا بىز قانداق بىلىم بېرەلىدۇق، ئەرنى كۈتۈش، ئۆي تۇتۇش، قېينانا بولۇشنىڭمۇ سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتۇقمۇ؟ باشقىلارغا يېقىش، باشقىلارنى ياقتۇرۇش سىرلىرىنى ئۆگەتمىگۈچە ئائىلىنىڭ ھالقىسىنى تۇتۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەمدۇ ئۇلار؟ ئۇلار تۇغقان 16-17 ياشلىق غورا قىزدىن نېمىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن. مانا مۇشۇ ساھەدە بىز ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالمىدۇقمۇ؟

* * *

ئائىلە قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان سىڭىللىرىم، شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭكى، ئائىلە دېگەن ئەر بىلەن خوتۇننىڭ داۋاملىق ئىتتىپاقىدۇر. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە پايدىسى تەگمىسە، روھىي جەھەتتىن تىرەكلىكى، كېرەكلىكى بولمىسا، تۇرمۇشنىڭ چىرىغى يانارمىدى؟ ياخشىلىقنى، مۇرۇۋۋەتنى، ئالدى بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ياشايدىغان كىشىڭگە قىلىسەن. شۇنداق ئىكەن، ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە «پالان چاغدا ساڭا ئۇنى قىلىپ بەرگەنمەن، پۇستان چاغدا بۇنى ئېلىپ بەرگەنمەن» دېيىشى، ھەر قېتىم بارلىق ياخشىلىقلىرىنى ساناپ كۆرسىتىشى ئۆزىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش بىلەن باراۋەردۇر. بۇ ئائىلىدىكى ئەڭ نازۇك تارلارنىڭ ئۈزۈلۈشىدۇر. ئەمدى بۇلار ئەر-خوتۇن ئەمەس، دۈشمەنلەردۇر. چۈنكى، ئۇلار بىر-بىرىگە مىننەت قىلدى. مىننەت ‐ زەھەر. زەھەرنى دۈشمەنلەرلا بىر-بىرىگە راۋا كۆرىدۇ! بىز ئانا بولۇشتەك بۈيۈكلۈك، پىدائىيلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان ئاياللارمىز. گاھ ئەرلىرىمىز ئادىشىپ، شۇ خاتالىققا يول قويغان تەقدىردىمۇ، بىز مىننەتكە تىل ئۇزاتمايلى. قىلغان ياخشىلىقلىرىمىز جورىمىزغا تېتىسۇن.
ئائىلە ‐ ئىككى كىشىنىڭ قولى، ئىككى كىشىنىڭ ئەقلى بىلەن توقۇلىدىغان زەنجىردۇر. بىر ئىش سەۋەبى بىلەن ئىككى خىل پىكىر تۇغۇلغاندىن كېيىن، چوقۇم بەس-مۇنازىرە بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا كىمنىڭ كىمدىن ئۈستۈن بولۇشى ئەمەس، ئائىلىدىكى ئىشنىڭ بالدۇرراق تۈگىشى ئەھمىيەتلىكراقتۇر. ئىشنىڭ تۈگىگەنلىكىنى تەن ئېلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا بۇ ئىش مېنىڭ پىكرىم بىلەن ئەمەس، سېنىڭ پىكرىڭ بىلەن پۈتىدىكەن دەپ، ھەپتىلەپ، ئايلاپ تونىنى تەتۈر كىيىپ يۈرىدىغانلار بار. ئەر-خوتۇنلۇق دېگەن بىر پۈتۈنلۈكتۇر. بىرىمىز يىپنىڭ ئۇچىنى تاپالمايۋاتقان چاغدا جۈپتىمىز تېپىپ بەرسە، بۇنىڭ نېمىسى يامان؟ پەقەتلا شۈكۈر قىلىش كېرەكقۇ!
ئىنساننىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا! بارا-بارا پەرزەنتلەرمۇ ئۆز يوللىرىغا ماڭىدۇ. بۇ جىگەر پارىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قاينايدىغان قازىنى بار. ئاتىلار كېتىدۇ، مىڭ ئاھ، ئانىلارمۇ كېتىدۇ! يېنىڭدا ئاخىرقى يولۇڭغىچە ھەمراھ بولغۇچۇڭ ‐ ئاشۇ ئۆمۈر يولدىشىڭ. شۇنداق ئىكەن، يۈرىكىمىزدىكى بارلىق مېھرىمىزنى جۈپتىمىزگە ئىزھار قىلىپ ئۈلگۈرەيلى. تاكى «سېنىڭدىن بۇرۇن مەن كېتەي» دەپ، جۈپتىدىن ئايرىلىشتىن كۆرە دۇنيادىن بۇرۇنراق كېتىشنى ئەۋزەل كۆرگەن بوۋاي-مومايلارنىڭ شېرىن تارتىشىشلىرى ئۆزىمىزدىن ئېشىپ، بالىلىرىمىزغىمۇ نېسىپ بولسۇن...

* * *

ئائىلىنى پۈتۈن ساقلايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئەپۇچان بولۇشتۇر. ئەپۇ قىلىش دېگەن ئۆچمەنلىكنى يۇتقۇزۇشتۇر. مىسالەن دەيلى، ئائىلىدە مېنى قاتتىق رەنجىتىشتى، دېمەك بىر ئىنسان قاتتىق ئازار يېدى. شۇنىڭ ئۆزى قانچىلىك قاملاشمىغان ئىش-ھە! ئەمدى، مېنى رەنجىتكەنلەرگە ئوخشاش مەنمۇ ئاشۇ كۆڭۈلنى سۇندۇرۇشۇم شەرتمۇ؟ كىچىككىنە قۇربان بەرسەك نېمە بوپتۇ؟ كەچۈرۈش بىزدىن، ئاياللاردىن باشلانغىنى ماقۇل. يۇقىرىدا ئېيتىلغان «قىرىق تۆگىگە يۈك بولىدىغان ئەقلىمىز» بىلەن جايىنى تېپىپ، رەنجىگىنىمىزنى ئىزھار قىلىپ ئۈلگۈرىمىز...

* * *

ئەمما «كەچۈرۈش» لايىقىدا بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئائىلىلەر بار: ئۇلارنىڭكىدىن ئاڭلىنىۋاتقان جەڭگى-جېدەلدىن ھەر قېتىم مانا ئەمدى ئاجرىشىپ كېتىدىغان بولدى، دەپ تەشۋىشلىنىسىز. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە يىلان قاسراق تاشلايدۇ. بىر-بىرىنى دۇنيادىكى جىمى سەت گەپ بىلەن تىللىشىدۇ. شىرەلەر ئۆرۈلىدۇ، قاچا-قۇچىلار چېقىلىدۇ. بالىلار چىرقىرىشىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈشىدۇ. ئەتىسى... ئەتىسى قارىسىڭىز، ئەر-خوتۇن چاقچاقلىشىپ بازاردىن قايتىۋاتقان بولىدۇ! بۇ قانداق گەپ؟ ئەر-خوتۇنلۇق بالا چوڭ قىلىش ۋە بىر ئىشىكتىن كىرىپ-چىقىش دېگەنلىكمۇ؟ ئۇلار «ئەر-خوتۇننىڭ ئۇرۇشى ‐ داكا رومالنىڭ قۇرۇشى» دەپ ئۆزلىرىنى بەزلىسە كېرەك. ياق، ئەسلا! بۇ ‐ ئارىيەتنىڭ، غۇرۇرنىڭ، ئەندىشىنىڭ قۇرۇشىدۇر! بۇ ‐ ئىنسانىي پىكىر قىلىشتىن توختاپ، تەبىئەتتە ئۆمىلەپ يۈرگەن جانىۋارلارنىڭ قەبىلىدە ياشاشقا ئۆتۈشىدۇر!

* * *

ئۇلۇغ نەۋايى ھەزرەتلىرى شۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئالدىدا قول شىلتىش ئۇيات بولغان ئىشلارنى، ئېيتىشقا بولمايدىغان گەپلەرنى كىشى يوق يەردىمۇ قىلمىسا، دېمىسە، ئاشۇ ئادەم دانادۇر!» مەدەنىيەت ئالدى بىلەن ئائىلىدە يارىتىلىدۇ. ئائىلىدە ئۆزىنى ھېلىقىدەك تۇتۇپ، كوچىدا ئەدەپلىك يۈرۈش ‐ قاباھەتنىڭ ئۆزىدۇر!
مەكتەپلەردە يىللاپ گۈزەل ئەخلاق ساۋاقلىرىنى بالىلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيىمىز، چوڭ سورۇنلاردا ئۇقتۇرىمىز، مەتبۇئات ئارقىلىق ئۆگىتىمىز، ئەمما ئىزىدىن چىققان ئائىلە بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسىنى زايە كەتكۈزىدىكەن: مانا ئاشۇ بىر-بىرىنى ئايىمايدىغان ئەر-خوتۇننىڭ پەرزەنتى ‐ ئالىي مەلۇماتلىق، سىرتتا گەپلەشسىڭىز گەپلىرىدىن راھەت ئالىسىز. كەچتە شۇ ياش كېلىننىڭ بىر يېرىم ياشلىق قىزىغا ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم: «ئۆل، ئۆل ئىتنىڭ بالىسى! يىغلاۋېرەمسەن؟» قالغان گەپلىرى ئۇنىڭدىن بەتتەر... مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان ئائىلىنىڭ تەسىرى بالىدىن ئۆتۈپ، ئەمدى نەۋرىنى دەم تارتماقتا. بۇ خەۋپلىك، غايەت خەۋپلىك ئىشتۇر. توقسان پىرسەنت كېسەللىكنىڭ باشلىنىشى غەزەبلىنىشتىن بولىدۇ. غەزەبنىڭ ئاساسىي كۈشەندىسى بولسا تىلدۇر! تىلغا ئېھتىياتسىزلىق قىلغاندا ياش-قېرى، ياخشى ۋە ياماننىڭ نەق يۈرىكىنى قورشاۋغا ئېلىپ، قاراقويۇق ئوققا تۇتۇش بىلەن باراۋەردۇر. كۆڭۈل سۇندۇرۇش، ھە دېسە دىلنى ئازارلاشمۇ جىنايەت!

* * *

...بەزىدە جاھىللىق ئارىلاشقان غەيرىي خىتابلار قۇلاققا كىرىپ قالىدۇ: «ھۆكۈمەت بىزگە رۇخسەت قىلغان، ئەرلەر بىلەن ھوقۇقتا باراۋەرمىز!» سىزنىڭچە تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش دېگەن نېمە؟ ئەر بىلەن تەڭمۇ تەڭ تۇرۇپ ئۇرۇشۇشمۇ؟ ياكى ئاياللارنىڭ ئېغىر تور خالتىلاردا بازاردىن ياڭيۇ، پىياز توشۇشىمۇ؟ سىڭلىم، «تەڭ ھوقۇق» ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئايلىنىشى ئەمەس! ھەممە نەرسە ئۆز رەڭگى، ئۆز شەكلىدە بولغىنى ماقۇل. ئېرىڭنىڭ بېلىدىكى پەرتۇقنى ئېچىپ، قولىدىن سۈپۈرگىنى ئال. جۈپتىڭغۇ سەن ئۈچۈن ياردەمگە كۆنۈپتۇ ‐ رەھمەت! ئەمما ئەر كىشى مىڭ ئۇرۇنمىسۇن، ئايالنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۆزىمىزدىن كەتمىسۇن! ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەپ كېلىمىز، كېلىپلا ئاشخانىغا يۈگۈرەيمىز. جۈپتىمىز مېھرىبان بولسا، دەرھال يېنىمىزغا كىرىدۇ، ئۇ يۈرەكتىن ساڭا ياردەم بېرىشكە تەييار، ئەمما نە خېمىرغا قولى كەلسۇن، نە قاچا-قۇچىغا! بۇ بىرىمۇ؟ ئەمدى ئىككىنچىسى: مېھمان كەلدى، ھېچقاچان سەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئەر كىشى تاماق ئەتمەيدۇ، بۇ ئەدەپتىن ئەمەس! يەنە بالاغا قالغان ئۆزۈڭمۇ؟ نەق يېرىم كېچىدە بالاڭ يىغلاپ ئويغاندى ياكى ئۇ بىتاب. ئاتىسى مىڭ ئالداپ پەپىلىسۇن، بالا گول بولمايدۇ. پەقەت سەن بىلەنلا تىنچلىنىدۇ. يەنە سەن ئويغاق... ۋاھاكازا...ۋاھاكازا...

* * *

كونىلارنىڭ «ئايال كىشى ئەردىن تۆۋەنراق تۇرۇشى كېرەك» دېگەن گېپى بار. بۇنى مەنمۇ ئىجابىي چۈشىنىمەن. نەپىس ئاۋازىمىز، نازۇك قەددىمىز، مەيىن تەبىئىتىمىز بىلەن ئائىلىگە بىز سەردار بولغاندىن كۆرە، بۇ ئىشلار بەردەم، قەتئىي نىيەتلىك، كەسكىن تەبىئەتلىك يىگىتلەرگە يارىشىدۇ. بۇ بىرىنچىسى. ئىككىنچىسى، ئەردىن تۆۋەن تۇرۇش دېگىنى خارۇ-زارلىق، قۇللۇق دېگىنى ئەمەس. بۇ شەرقچە ئەدەپ! ئۈچىنچىدىن، بالا تەربىيەسى نۇقتىنەزىرىدىنمۇ جۈپلىرىمىزنى ئەلۋەتتە ئائىلە سەردارلىقى مەۋقەسىگە ئېلىپ چىقىشىمىز كېرەك. ئايانكى، ئايالنىڭ پىكرى، يۈرەك قېنى قوشۇلمىغۇچە، ئائىلىنىڭ ھارۋىسى ئورنىدىن قوزغالمايدۇ. ئادەتتە ئەرلەر ئاشكارا، كۆزگە كۆرۈنەرلىك، ئاياللار بولسا سەزدۈرمەي، ئىنچىكىلىك بىلەن باشچىلىق قىلىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا ئېرىشىش كېرەككى، بالىلىرىمىز ھەل قىلغۇچى ئاۋاز ئاتىمىزدا دەپ بىلسۇن. نەق يېرىنى ئېيتقاندا، ئاتىلارنىڭ ئامان بولغىنى، بالىلىرىغا باش بولۇپ يۈرگىنىگە نېمە يەتسۇن!

* * *

...ئەرلەرنى ئۆيدىن بەزدۈرىدىغىنى ئاساسەن ئىككى نەرسىدۇر. بىرى ‐ تىلىمىز. ئىككىنچىسى ‐ ئۆي تۇتۇشنى بىلمەسلىكىمىزدۇر. بۇنداق ئاياللار بار ئائىلىنىڭ ھالاۋىتى بولمايدۇ. تىلى يامان ئايال قاتىلدۇر. بۇ ‐ مەزكۇر ئۆيدىن ئەمدى پۈتۈن ئادەم چىقمايدۇ دېگىنى!
ئەسلى تەبىئىتى تازا ئايال بولسا كىچىك بالىسى بولسىمۇ، كېسەلچان بولسىمۇ، پاكىزە بولۇۋېرىدۇ. شارائىت قىسمەن تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما ئەسلى پاكىزە ئايالنى مۇتلەق تاشلاندۇققا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ...

* * *

قوشنىمىزنىڭ مەرھابا ئىسملىك كېلىنى بار ئىدى. ھازىر ئۇلار تاشكەنتتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا باھارغا يولۇققاندەك بولاتتىم. ئەمدى ئويلاپ كۆرسەم، ئۇنى ھەمىشە تەبەسسۇم چاراقلاۋاتقان ھالەتتە كۆرىدىكەنمەن. قولۇم-قوشنىلار ئۇنى ھەر دائىم ئىخلاس بىلەن ئەسلىشىدۇ. «بەرىكەت تاپقۇر، بىباھا ئىدى-دە!» دەپ گېپىنى قىلىدۇ. ئۇ بەك گۈزەل ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ جەلپكارلىقى بار ئىدى: چاچلىرى پاكىز تارالغان، ئۆيىدىمۇ كەچتە ئەكېلىنگەن كېلىندەك لاۋۇلداپ، ياسىنىپ يۈرەتتى. قاچان قارىساق كىر يايغان، قولىدا سۈپۈرگە. ئېرىنىڭلا ئەمەس، ئىككى شوخ بالىسىنىڭ ئۈستى-بېشىغا چاڭ قوندۇرمايتتى. ئۆيىگە كىرىپ قالساڭ، پاكىزلىقتىن، داستىخاندىكى تاتلىق-تۈرۈم، پىشۇرۇقلاردىن، ئۇنىڭ قوڭغۇراقتەك يېقىملىق ئاۋازىدىن كۆڭلۈڭ يايرايدۇ. ئۇنىڭ تىككەن زەر دوپپلىرى، سەمەرقەنتچە كەشتىلىرىگە قاراپ كۆزۈڭگە نۇر تولىدۇ.
ئەرنى ھۆرمەت قىلىشنى شۇ ياش كېلىنچەكتەك ئوخشىتالماي، بىزنىڭ تەڭقۇرلارنىڭ گاھىدا تازا ئىزا تارتقان چاغلىرىمىز بولغان... ئۇ ئىككى بالىسى بىلەن تېببىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كىردى ۋە ئۇنى لاياقەتلىك پۈتكۈزدى. مەن ھازىر ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇپ، كۆڭلۈم بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. شېرىن خىيال سۈرىمەن: بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى كېلىن ئەكەلسەم، مەرھاباغا ئوخشىسا ئىدى...
خۇلاسە قىلغاندا، ئۆي تۇتۇش غايەت مۇرەككەپ سەنئەتتۇر. ئۇنى ئۇقماي تۇرۇپ، ئوي-چوڭقۇرى ھەققىدە تەسەۋۋۇر ھاسىل قىلماي تۇرۇپ، تۇرمۇش قۇرۇشقا تەييارلىنىش ماقۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشتۇر.

...قۆشنىلارنىڭ ئۆيىدە توي تەييارلىقى. كېلىن بولىدىغان قىزنىڭ قۇلىقىغا ئاستا ئېيتىمەن:
سىڭلىم! ئېسىڭدە تۇت، ھويلا سۈپۈرمەكچى بولساڭ، تام تەرەپتىن باشلاپ سۈپۈر، بۇ سىزنى ھۆرمەت قىلىمەن دېگىنىڭ بولىدۇ...
ئۇنىڭغا يەنە نېمىلەرنى دېسەم بولار... ئۆزۈم بولسام... كېلىن بولۇش ئالدىدا قوشنا موماينىڭ ماڭا قاراپ، ئۇرغۇ بىلەن ئېيتقان نەسىھەتلىرىنى ئەسلەيمەن:
‐  جېنىم بالام، يات بىر ئۆيگە كېتىۋاتىسەن. ئاشۇ يەردە ئۈنەي، كۆكلەي دېسەڭ، ئاغزىڭغا تاش سال. يولدىشىڭغىمۇ «سىز»لەپ گەپ قىلغىن. بارغان جايىڭنىڭ بىرىنى ئىككى قىلمىساڭ، قېيناناڭنىڭمۇ، ئاناڭنىڭمۇ ئەجرى زايە كېتىدۇ، بالام...
بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆمۈر بويى چۈشىنىپ ياشاۋاتىمەن...

  مەنبەسى :   يېقىندا نەشىر قىلىنغان «ئائىلىگە ئاپتاپ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-1-12 18:23:43 | ئايرىم كۆرۈش
مانا ماۋۇ ئەسەر ئاياللارنىڭ بىر ئوقۇشۇغا لايىق جۇما ، بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ بىي جىڭلاپ باقساق بۇلىدا ، قېنى قانچە سە كېلىمىزكىن
رەھمەت قېرىندىشىم ، شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز ، ئىشلىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي !

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-1-10 17:40:31 | ئايرىم كۆرۈش
باشقا كۈنى تەپسىلىي ئوقاي بۇ ئەسەرنى،بىر ئوقىغۇدەك ئەسەركەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:14 , Processed in 0.152049 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش