بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-12-21 19:37
ياش تۆكسە نىم بوپتۇ ئەركەك دىگەنلەر
ياش تۆكسە نىم بوپتۇ ئەركەك دىگەنلەر،
دەرتلىرى يۈرەككە پاتمىغان بەلكىم . دۈشمىنى توختىماي پىچاق سالغاندۇر، سۆزلىمەس كۈلپەتنى ئۇچرىسا ھەركىم .
ياش تۆكسە نىم بوپتۇ ئەركەك دىگەنلەر، ۋە بەلكىم قىينىغان بىر ئاچچىق ئازاپ . خىزمەت دەپ ئائىلە قالغاندا چەتتە ، ئامالسىز كۆز ياشتا قالغاندۇر قاراپ .
ياش تۆكسە نىم بوپتۇ ئەركەك دىگەنلەر ، بىر پىنھان جايلارنى ئىستەپ قالغاندۇر . چۈشەنمەس بوپ قالسا ھېچ كېشى ئۇنى ، ئاچچىقتا ئەلەمنى يۈدۈپ ھارغاندۇر . ياش تۆكسە نىم بوپتۇ ئەركەك دىگەنلەر، ياشلىرى تۇپراققا لازىمدۇر بەلكىم . قاغجىراپ چاك كەتكەن قارا تۇپراقنى ، سۇغارماس يىگتتەك يېشىدا ھېچكىم .
مەنبە:ئەزمەت ئەخمەت نوتا
|