بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆكتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 15:46
چىچەكمۇ چىچەكلەيدىغان بوپتۇ ،خۇش بولدۇم ،ھىجرانلىق يۈرەك ،قار دەپلا قويسىڭىز ماۋزۇنى ...
مىنىڭ ئۇ تەرىپىمدە
مىنىڭ ئۇ تەرىپىمدە
سەن بىلەن قار مۇزلاۋاتىدۇ ...
مىنىڭ ئۇ تەرىپىمدە،
سەن يۈتۈپ كەتكەن،
كۆك رەڭلىك چەكسىزلىك بار .
مەن تۇرغان نوقتا،
كۆزۈڭنىڭ تۇنجى يېشى ئېقىۋاتقان،
كۆڭۈل كۆڭۈلنى چېقىۋاتقان،
ئۆزۈمدىن قېچىۋاتقان،
مەن ۋە مۇزلاۋاتقان قار .
مىنىڭ ئۇ تەرىپىمدە
سېنىڭ قېنىڭدەك
قىزىل رەڭلىك چەكسىزلىك بار .
ساماندەك سارغىيىپ،
كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراۋاتىمەن.
قاچان قارا بولار
قاپقارا بولار...!؟
مىنىڭ ئۇ تەرىپىمدە
سەن بىلەن يامغۇر يىغلاۋاتىدۇ ..
كۆكتاش |