ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇپقۇن:شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇپقۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-30 13:52  

شېئىرلار

ئۇپقۇن


بۇ كېچە گۈللەردىن چۈش تالاشتىم مەن

تاشلارنىڭ سۆھبىتى بۇزار تۇيغۇمنى،
ئەينەكتەك خىيالدا چايقىلار دۇنيا.
سارغايغان سىغىنىش يېرىم قان بولدى،
يۈرەكنى زىخلايدۇ بىر گۈزەل رەنا.

ئېچىلدى شامالنىڭ پىنھان رۇجىكى،
بۇ جايدا گۈللەردىن ياسىلار زىندان.
شېئىردەك بىر گۈزەل قىزنى سىغىندىم،
ئىچىمدە ئوت قالاپ تۇرار زىمىستان.

بۇ كېچە گۈللەردىن چۈش تالاشتىم مەن،
يىلتىزىم تەشتەكتىن تامار يۈرەككە.
سۆيگۈمىز چىگىكلىك قالغىلى نىكەم،
ئىزىڭدىن كۆكلىگگن يالغۇز تىرەككە.

تۆكۈلەر ئۈستۈمگە ئاينىڭ كىرپىكى،
ئۆزۈمنى چانايمەن ئىشىق يولىدا.
ئەرۋاھلار مەي ئېچەر باش سۆڭۈكۈمدە،
قاقشالغا ئايلاندىم يارنىڭ قولىدا.

بۇ كېچە ئۆتىدۇ قىرىق قاراقچى،
تۇيغۇمنىڭ چۆلىدىن چاپتۇرغانچە ئات.
يىرتىلغان تېنىمدە چۈش كۆرىدۇ گۈل،
ئازابنىڭ سايىسى لەۋ تەڭلەر ۋاي دات.

كەل ئامرىقىم سۆيۈپ ئۆلتۈرەي


ھارۋىكەش خىياللار چېكەر دېرىزە،
قاراسلاپ سۇنۇشقا تەيياردۇر ئاسمان.
سۆيۈش ئۇ ئاشىققا جىنايەت ئەمەس،
لېۋىڭدىن مەن چوقۇم ئۈزىمەن رەيھان.

بەختنىڭ شاخلىرى چاۋاك چالىدۇ،
ئۆلۈمنىڭ ئىشىكى ھاڭقىرقاي ئوچۇق.
كەل سېنى ئامرىقىم سۆيۈپ ئۆلتۈرەي،
يېرتىلغان يۈرەكنى يامار تۇمۇچوق.

تېنىمنىڭ چۆلىدىن ماڭار سىغىنىش،
بىر ناخشا ئىيتىلار يارنىڭ ھەققىدە.
جىنلاردەك چۇرۇقلاپ كېچە قوينىدا،
سۆيگۈنىڭ بەرگىگە يازار قەسىدە.

كىرپىكىم ئۈستىدە قۇشلار ئۇخلايدۇ،
يېپىشقىن باغرىمغا بىر پەس چۈش كۆرەي.
ئۇسسىغان بۇلاقنى قاندۇرايلى بىز،
كەل سېنى ئامرىقىم سۆيۈپ ئۆلتۈرەي.

يىغلىماقتا كەچكۈز ئاسمىنى


ساپ سىرىق خازاڭلار بولدى پەرىشان،
قەلبىمنىڭ شاخلىرى قالماقتا يەكتا.
يەريۈزى بىر قەۋەت تولدى ھەسرەتكە،
ئىسەدەپ تۇرىدۇ شۈمشەيگەن بىنا.

يۇلتۇزلار تىۋىشسىز كەتتى ئۇيقىغا،
سۇلارنىڭ لەۋلىرى يېرىلدى بۇدەم.
كەچكۈزنىڭ ئاسمىنى يىغلاۋاتقاندا،
تەمبۇردەك بۇلۇتتىن تۆكۈلدى ئەجەم.

نەشتەر سانجىماقتا سوغۇق شاماللار،
ئۇپۇقتەك قىززاردى پۈتكۈل كائىنات.
مۇڭدۇشۇپ خىيالەن كەچمىشى بىلەن،
ئەسكى تام تۈۋىدە ئولتۇرار ھايات.

يوللاردىن كۆز يېشى ئاقار توختاۋسىز،
كەچكۈزنىڭ ئىشىكىدىن كىرمەكتە بىر قىز.

كورلا
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-10-31 15:09:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى ھەرقىېتىم ئوقۇغان ۋاقتىمىدا سىزگە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىمەن ، ئىچىممۇ سەل قىزىرىپ قالىدۇ تېخى ............. چاقچاق ھە

بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ....
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-11-10 19:49:40 | ئايرىم كۆرۈش
تىنىمسىز ئىجادىي تىرىشچانلىغىڭىزغا تېخىمۇ بەرىكەتلەر يار بولغاي .
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:46 , Processed in 0.128095 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش