ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ماشىنا ھەيدەشتىكى بەش خىل ئەپچىل چارە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


                  ماشىنا ھەيدەشتىكى بەش خىل ئەپچىل چارە

                     

     ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدە يول بۈلەكلەردە ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،
ئوخشاش بولمىغان يول بۈلەكلىرىدە يول ئەھۋالىغا قاراپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش
بىخەتەر يول يۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىدۇر.

    تونىلدا :


   چوقۇم ئەستە ساقلاش كېرەككى تونىلدا يول يۈرگەندە مەيلى تۇنىلدا چىراق يېقىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئاپتوموبىل چوڭ چىرىغىنى يېقىش لازىم. تونىلدىكى يول چىرىقى پەقەت يولنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈنلا ياندۇرۇلغان ھەمدە كەينىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئورنىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئورنىتىلغان.ئەگەر تونىل ئىچىدىكى يول سىزگە ناتونۇش بولسا ئەستە تۇتۇشنى سۈرئەتنى چوقۇم ئاستىلىتىپ يول سىزىقى ۋە نۇر قايتۇرغۇچ بەلگىگە دىققەت قىلىپ ئالدىڭىزدىكى ماشىنىنىڭ ئارقا چىرىغىغا  ئەگىشىپ يول يۈرۈڭ .بۇنداق بولغاندا قارشى يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولىغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىنىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  يامغۇرلۇق كۈنلەردە:

   بۇنداق كۈنلەردە كۆرۈش دائىرىسى ناچار بۇلۇپ  ئالدى تەرەپتىكى ماشىنىغا بەك يېقىن مېڭىشقا بولمايدۇ.يامغۇرلۇق كۈنلەردە چوقۇم ئالدى تەرەپتىكى ماشىنا بىلەن يىراق ئارىلىق ساقلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىش كېرەك،چۈنكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئاپتوموبىل چاقى تېيىلغاق بۇلۇپ،تورمۇز ئاسان تۇتماي قالىدۇ.چاقنىڭ يەل بىسىمىنى سەل يۇقىرىلاتقاندا ھۆللۈكنى ئاسان چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ.ئەينەك سۈرتكۈچى تاللىغاندىمۇ چوقۇم قىممەت  باھالىقنى  تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.چۈنكى قىممەت باھالىق سۈتكۈچلەرنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزاق بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ئەينەكتىكى داغلارنى پاكىزە چىقىرالايدۇ.

  تاغلىق ئەگرى يوللاردا:

  ئادەتتە  تاغلىق يوللاردا  ئەگىلمىلەرگە كېرىشتىن بۇرۇن خوت سېلىش بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ئىبارەت ئىككى باسقۇچ تاماملىنىپ بولۇشى لازىم ،بۇنداق بولغاندا ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ئاپتوموبىلنى ئاسانلا كونترول قىلىۋالغىلى بولىدۇ،ئايلانمىغا كىرىشتىن ئاۋۋال رولنى سەل ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇش،كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم ئايلىنىۋاتقاندا ئاپتوموبىل رولىنى ئوخشاش نىشاندىكى يۆنىلىشتە ساقلاشتۇر.چوقۇم كەڭ دائىرىدە رولنى ئايلاندۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك بولمىسا  ئاپتوموبىل ئاسانلا كونتىرولىغىنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سېرىت ئاپتوموبىل رولى قايتقاندا ئىككى قۇلنى قويۇۋەتمەسلىك كېرەك،شۇنداق بولغاندا خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا:

  يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە چوقۇم ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش كېرەك.سائەتلىك سۈرئىتىدىن باشقا  بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش،مەسىلەن كۆزلىگەن نىشاننىڭ سۈرئىتى 100\كىلومېتىر  بولغاندا بىخەتەر ئارىلىق 50 مېتىر.ناۋادا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل تۇيۇقسىز ھادىسىگە ئۇچىرىسا  جىددىي تورمۇز لاشتىن باشقا يەنە يول ئەھۋالىغا قاراپ ئىككى تەرەپكە ئۆزىنى تارتىش كېرەك.يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ ئۆتۈشمە يولدىن كېسىپ ئۆتكەندە چوقۇم سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك بولمىسا ئاپتوموبىل ئاسانلا كونتىروللىغىنى يوقىتىدۇ.چۈنكى ئۆتۈشمە يولىنىڭ ئايلىنىش بۇلۇڭى چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سېرىت چوڭ يۈك ئاپتۇموبىللارنىڭ كەينىدىن بەك يېقىن ماڭماسلىق لازىم،چۈنكى يۈك ئاپتۇموبىللارنىڭ چاقىغا ئاسانلا  تاش كىرىۋالىدۇ-دە تاش ئۇچۇپ چىقىپ ئاپتوبوبىلىڭىزنىڭ ئەينىكىنى چىقىۋىتىشى مۇمكىن.

  سۇ يىغىلىپ قالغان يوللاردا:

  ھەرگىزمۇ بۇنداق يوللاردا تەۋەككۈل قىلىپ ئۆتمەسلىك كېرەك،ئالدى بىلەن سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى مۆلچەرلەپ باشقا ئاپتوموبىللار بىخەتەر ئۆتكەندە ئاندىن ئۆتسىڭىز بولىدۇ،ئادەتتە سۇنىڭ چوڭقۇرلىقى ئاپتوموبىل چاق ئېگىزلىكىنىڭ يېرىمىدىن ئېگىز بۇلغان ئەھۋالدا ئۆتمەسلىك كېرەك.ئەگەر ئاپتوموبىلىمىز ئاپتۇماتىك توكلۇق ماي تەمىنلەپ بېرىدىغان ماتۇر بولسا ھەرگىزمۇ ماتۇر قىسمىغا سۇ كىرىپ كەتمەسلىك لازىم.چۈنكى ماتۇردىكى  ھاۋا كىرىش يولىدىن سۇ كىرىپ كەتسە ئاپتوموبىل ماتورىدىن چاتاق چىقىشى مۇمكىن.


    مەنبە:بەگزادە تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-19 16:22:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئىككى يىلدا  بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن پەقەت يامغۇردىلا يول مىڭىپ بىقىپتىمەن ، قەشقەرنىڭ يامغۇرىغۇ ئۇنچە شارىلداپ كەتمەي چوڭ سۈپەت سىمىلداپ قويىدۇ  ، پەقەت شۇ سىم - سىم يامغۇردىلا ھەيدەپ بىقىپتىمەن .
چوقۇم دىققەت قىلىمەن .  تىمىڭىزغا  تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-24 14:09:44 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا  تېگىشلىك مۇھىم ئەپچىل بىخەتەرلىك چارىلىرى ئىكەن بۇلار رەھمەت سىزگە ، سىزنىڭ مۇنبەردە يوللىغان تېمىلىرىڭىزغا بەك  دىققەت قېلىمەن  سىزنىڭ يوللغانتېمىللىرڭىزنىمۇ ھەممىسى بەك ئۆزگچە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:28 , Processed in 0.142709 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش