ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بۇۋاي ۋە كۈچۈك(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بوۋاي ۋە كۈچۈك
ھىكايە
ئىلى ياسىن (ئاقيول)

بوۋاي ناھىيە ئىچىگە ياتلىق قىلىنغان قىزىنى يوقلاپ بولۇپ، يېزىدىكى ئۆيىگە قايىتماقچى بولغاندا ئاللا قاچان كەچ كىرىپ خېلى بىر ۋاق بولۇپ قالغانىدى.قىزىنىڭ ئۆيىدىن يانار ۋاقتىدا قىزى ۋە كۆيئوغلى ئۇنى ئۆيىدە قونۇپ قېلىشقا خېلى زورلىغان بولسىمۇ ئۇ :‹‹موماي ئۆيدە ئاغرىق ياتىدۇ،قارىغىلى ئادەم يوق، قايىتمىسام بولمايدۇ›› دەپ تۇرىۋالدى. ۋە كۆيئوغلى بىرەر كىرا ماشىنىسىغا سېلىپ قۇياي دېگىنىگە ئۇنىماي‹‹ سىلەرنى ئاۋارە قىلماي، ئۆزۈم ماشىنا تېپىپ كىرا قىلىپ كىتەي›› دەپ تۇرىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن قىزى بىلەن كۆيئوغلى ئۇنى ئامالسىز ئۇزۇتۇپ قويدى.
بوۋاي چوڭ يولغا چىققاندا بايا مىسىلداپ يېغىۋاتقان قار خۇددى ئاسماندىن بىرسى پاختا تۆككەندەك لەپپىلدەپ يېغىشقا باشلىدى.بۇۋاي قارغا كۆمۈلگەن ماي يولغا چىقىپ قولىنى جۇۋىسىنىڭ يىڭىغا تىقىپ بىرەر ماشىنا ئۇچىرسا توساي دەپ   قاراپ تۇردى.
كەچ كىرىپ خېلى بىر ۋاق بولۇپ قالغاچقا يولدىن ماشىنا ھېچ ئۆتمەيۋاتاتتى، بىردەمدىن كېيىن بىر تاكسى ماشىنىسى كىلىۋىدى ،بوۋاي قولىنى شۈنچە پولاڭلاتسىمۇ توختىماي كىتىپ قالدى،.
بوۋاي دۈگدۈگۈلۈپ يەنە ماشىنا كىلىشنى كۈتۈپ تۇردى.
ئالدى تەرەپتىن ماشىنىنىڭ چىرىغى كۆرۈنۈشى بىلەن بۇۋاي ئۈمىدلىنىپ ئالدىغىراق مېڭىپ قولىنى پۇلاڭلاتتى .
ماشىنا توختىدى، بوۋاي ئالدىراپ ماشىنا ئەينىكىنىڭ قېشىغا كىلىشىگە  ئەينەك ئېچىلىپ شوپۇر بېشىنى چىقارماستىن:
-نەگە بارىسىز ئاكا؟
-ئۇكام، ‹‹دۆڭ ئۆستەڭ››گە باراتتىم، ئاپىرىپ قويغان بولساڭ،-دېدى.شۇ تاپتا بوۋاينىڭ ئۈستى -بېشى قارغا كۆمۈلۈپ كەتكەنىدى.
-ئەللىك كوي بەرسەڭ ئاپىرىپ قۇياي،-دېدى شوپۇر.
-ئۇكام، نىمانچە كۆپ ئالىسەن، بى سىڭغا-پاتا گەپ قىلمامسەن؟
-شۇنۇڭغا ئۇنىساڭ ئاپىرىپ قۇياي، بولمىسا باشقا ماشىنا تېپىپ كىتىۋال،- شوپۇر شۇنداق دەپ دېرىزە ئەينىكىنى ئىتىۋېدى، بۇۋاي ئۇنىڭغا يىلىندى:
-ئۇكام، جېنىم ئۇكام، ساۋاپمۇ بۇلار، يېنىمدا بارى يوقى ئوتتۇزكوي پۇل بار ئىكەن، شۇنىڭغا ئاپىرىپ قويساڭ...
-ئاھاي، باشقا ماشىنا تاپقىنە ئاكا،- شوپۇر شۇنداق دېگىنىچە  ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قالدى.
بوۋاي قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىپ جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى.شۇنڭىدىن كېيىن  يەنە بىر نەچچە ماشىنا ئۆتىۋىدى، بۇۋاي توسسىمۇ توختىماي كىتىپ قالدى. ئەمدى خېلى ساقلىغان بولسىمۇ ماشىنا كىلەي دېمىدى.
بۇۋاي قىزىنىڭ ئۆيىگە قايىتىپ كىتەي دەپ ئويلىدىيۇ، بىراق ئۆيدىكى ئاغرىق مۇمايدىن ئەنسىرەپ قالغاچقا بۇ ئويىدىن دەرھال يالتايدى.
ئۇ توختىماي ئۈستىدىكى قارنى قېقىشتۇراتتى. بىر چاغدا ئالدى تەرەپتىن چىراق يورىقى كۆرۈنىۋىدى بوۋاي ماشىنىنىڭ توختىماي كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يولنىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇردى،.
ماشىنا جىددى تورمۇزلىنىپ توختاپ بىر ئەر ماشىنا ئەينىكىنى ئېچىپ؛
-قانداق دېگەن جېنىدىن تويغان ئادەمسەن،- دەپ ۋاقىردى
-ئۇكام، خاپا بولما، ئۆيۈمگە قايىتاي دېسەم ھېچ بىرەر ماشىنا كىلەي دېمەيدۇ، خوش بوپقالسام، مىنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويغان بولساڭ،- بوۋاي سۇغۇقتا توختىماي تىتىرەيىتتى...
-بۇ كىرا ماشىنىسى ئەمەس، مىنى كاشىلا قىلما،- دېدى ئەر قوپال ئاۋازدا.
-ئۇكام، يېنىمدا  ئوتتۇز كوي پۇل بار، ئۆيگە بارغاندا يەنە قانچە پۇل دېسەڭ بىرەي، ئايالىم ئاغرىق، قارايدىغان ئادەم يوق، خوش بوپقالاي ئۇكام...
-ئاكاۋاي، تۇلا كاپىلداپ يولۇمنى توسمىغىنا، مەن دېدىمغۇ، بۇ كىرا ماشىنىسى ئەمەس، سەن غەرەز ئۇقامسەن-يا؟
-قېرىغاندا سىرىتتا لاغايلاپ يۈرگىچە بۇرۇنراق قايىتماي... بىزگە كاشىلا قىلمىسىلا ،- ماشىنا ئىچىدىن ياش بىر چوكاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئۇكام، ئۇنداق قىلماي...
ماشىنا ئۈچ قېتىم قاتتىق سىگىنال قىلىۋىدى، بۇۋاي ئامالسىز بىر ياققا ئۆتۈپ تۇردى. ماشىنا قوزغۇلۇپ ماڭدى، بۇۋاي ئەمدى ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ئۆيىگە مېڭىپ بولسىمۇ قايىتماقچى بولۇپ تۇرغاندا ،ھېلىقى ماشىنا بىرەر يۈز مىتىر ماڭغاندا توختىدى.
بوۋاي بەلكىم ئۇلار مىنى ماشىنىسىغا سېلىۋالماقچى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ ماشىنا قېشىغا ماڭدى.ھەتتا  بىر نەچچە قېتىم تېيىلىپ يىقىلغىلىمۇ قىل قالدى. ئۇ ھاسىراپ ماشىنىنىڭ قېشىغا كىلىپ توختىدى، ھېلىقى ئىككەيلەن پەستە يول ياقىسىدا تۇراتتى:
- بىچارە كۈچۈك،قايسى تاش يۈرەك تاشلاپ قويغاندۇ؟ توڭلاپ قالغىلى قىل قاپتۇ، تىلمان بۇنى ئۆيگە ئەپكىتەيلىچۇ؟
-ئۆيدە بىرسى بارغۇ، بۇنى ئەپكىتىپ نىمە قىلىمىز...
-ئەجەپ يۈرىكىڭىز تاشكەن، كۆرمىدىڭىزمۇ كۈچۈكنىڭ چىرايلىقلىقىنى، بىچارە مۇنداق تۇرسا توڭلاپ قالىدۇ... ماقۇل دەڭە ئەپكىتىپ باقايلى...
-سەنزە، بەك جايىلدە ، بوپتۇ، ئۇنى ئەپكىتەيلى...
-سىز بەك ياخشى جۇمۇ...
ھېلىقلار بۇۋاينى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدىمۇ چوكان كۈچۈكنى كۈتۈرگەن پېتى ئىرىغا ئەركىلەپ ماشىنىغا چىقتى. ماشىنا ئىشىكى كۈچەپ يېپىلىپ كىتىپ قالدى،.يول چىراغلىرى غۇۋا يۇرۇپ تۇرغان، ئاپ-ئاق قار قاپلىغان يولدا بوۋاي يەككە يىگانە قالدى، ئۇ شۇ تاپتا ئۆيدە ئاغرىق ياتقان ئايالىنى ئويلىدىدە تاقەتسىزلىنىپ ئۆيىگە ئالدىراپ قەدەملىرىنى تىزلەتتى...

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-4 22:56:17 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
‏تەھرىرلەپ بولغىچە تەستىقلىنىپ كىتىپتۇ.ماۋزۇ بىلەن ژانىرىنى يېزىۋالسام بۇلاتتى.

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-12-4 23:06:03 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھر -مۇھاببەت سۇسلاشقاندا ،ئادەمدىن ھايۋاننى ئەزىز كۆرىدىغان بولۇپ قالامدۇ نېمە.....؟

ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك يازمىكەن...

مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ...

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-4 23:14:52 | ئايرىم كۆرۈش
‏رەھمەت ئۇكام،ھەر قېتىم ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى مۇشۇنداق چالا ئىش قىلىپ سىزنى ئاۋارا قىلىپ قۇيىمەندە .مۇسلىنەنىڭ بۇ يازمىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىغا رەھمەت...
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2014-12-4 23:17:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقيول يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 23:14
‏رەھمەت ئۇكام،ھەر قېتىم ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى مۇشۇن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ، بۇ گەپنى تولا دەپ كەتتىم  ، ئەسەرلىرىڭىزنىڭ قىسقىلىدىن شۈنچىلىك سۆيىنىمەن .
قۇرۇلمىسى ئاددى ، ئۆزى قىسقا ، بىراق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ئىنتايىن چۇڭقۇر ...
بۇ ھىكايە تۇرمۇشۇمىزدىكى بەزى ناچار قىلمىشلارنى قامچىلاپتۇ . قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن. نادىر تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى !

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-12-5 07:57:30 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بەك تىرىشىپ سىزدىن ئۆگنىپ مۇشۇنداق قىسقا ،مەزمۇنلۇق ھېكايىلەرنى يېزىشنى ئۆگەنمىسەم خەپ ......
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-12-5 09:42:11 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 09:44  

ھەقىقەتەن ئاز،ئەمما لىكىن ساز ئەسەركەن . مەن جىق گەپ قىلماي ،ئوقورمەن ھەممىنى ھىس قىلالايدۇ.
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
8#
ۋاقتى: 2014-12-5 10:22:13 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق تاش يۈرەك ئادەملەرنى كۆرسەمزە ماشىنىسىنىڭ چاقىنىڭ يېلىنى چىقىرۋىتىپ كىتىدىغان ئىش زادى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

9#
ۋاقتى: 2014-12-5 10:42:05 | ئايرىم كۆرۈش
خاككىر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 10:22
مۇشۇنداق تاش يۈرەك ئادەملەرنى كۆرسەمزە ماشىنىسىنىڭ چا ...

پىچاقتىن بىرنى تىپىپ  ماشىنىنىڭ ئۈستىگە  ‹‹باغرىڭ تاش بىر گۇيكەنسەن ›› دەپ جىجىلاپ قويۇش كىرەك .

0

تېما

33

يازما

417

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 382
يازما سانى:
33
تىللا:
294
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-7
10#
ۋاقتى: 2014-12-5 12:44:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
قايتار دۇنيا بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:55 , Processed in 0.137694 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش