ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 162|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەقىل يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-12-25 11:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،بەك ياخشى چىقىپتۇ.
ياش تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلغانلار كۆپىيىپ قالدى دېسە.بۇلتۇر قىشتا دۇكاندا ھە دەپ ئىشلەۋاتساق ئوتتۇز ياشلار چامىسدىكى بىر تىلەمچى كىرىپ پۇل سورىدى.ياش بولغانكىن ئىشلىسەڭ بولمامدۇ،ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ،سەندەكلەرگە ئەجىر قىلىپ تاپقان پۇلنى بېرىشنىڭ ئۆزى ئىسراپچىلىق،دېدىم،چۈنكى ئۇ ئۆزى مېيىپمۇ ئەمەس،پەقەتلا بىر قارا يېتىم ئىدى،ناھىيەلىك ساناتورىيەدە يەيدىغىنى بار،كىيدىغىنى ،ياتىدىغان جايى بار ئىدى.بۇ لەقۋانى ھەر ئاماللار بىلەن بېيىشقا يېتەكلىيەلمىگەن ھۆكۈمەت بۇ تاپنى ئائىئىرى تەييارغا ھەييار قىلغانىدى،چۈنكى كېچىچە ئەلەس يۈرۈپ كىشىلەرنى ئارامىدا قويمايتى.ئۆتۈپ كەتكەن بەز نىمىكەن،ماڭغىلى ئۇنمىدى.جۈپ قولۇڭ بولغانكىن ئىشلەپ تېپىپ يە ،دېسەم ،شۇ سەت مەينەت ھالىغا دۇكاندىكى ئىشلەۋاتقان قىزغا كۆز تاشلىۋىدى،قىز ئەلەمدىن يىغلاپ كەتتى،ئاچچىقىمدا بېرىپ سۈپۈرگىنى ئېلىپ ھەيۋە قىلاي دېسەم تاياق يېسە رازىكىن،بىر كوي بېرە،بىر كوي،ئاندىن كېتەتتىم ،دەپ تۇرۋالدى.قولۇمغا تېلفۇننى ئالدىمدە يالغاندىن نۇمۇر بېسىپ مەۋھۇمدىكى ساقچى بىلەن بۇ ئەبلەخنى مەلۇم قىلىپ پاراڭلىشۋىدىم،قورقۇپ—ۋاي ئاچا،ئۇنداق قىلما،مەن كېتەي،ساقچى تۇتسا سولاپ قويىدۇ،ھاراق تاماكىغا خۇمارىم تۇتۇپ بەك قىينىلىپ كېتىمەن،دەپلا پايپاسلاپ قاچتى.
يەنە بىر قېتىم بىر تىمەن كۆرىنىدىغان ئەللەك ياشلاردىكى كىشى ھويلىمىزغا كەلدى:
-ئامىن تۆۋە گۇنانى يە،سەدىقە بالانى يە،ئامىن...
شۇنىڭ بىلەن ھاممام ئۆيدىن يېڭى ياققان سۈتلۈك نان بىلەن ئىككى نەشپۈت،بازارغا ئېپ ماڭغان ئىككى تۇخۇمنى ئاچىقىپ سۇلياۋغا ئوراپ بېرىۋىدى،ئۇ كىشى :
-ئال ئۇكام،سېنىڭ ھالىڭ مېنىڭدىنمۇ ناچار ئوخشايدۇ،بىر كوي پۇل چىقمىدى-دەپ ھاممامنىڭ سۇنغىنىنىمۇ ئالماستىن شۇ ناننىڭ ئۈستىگە بىر كوينى قويدى.خىجىل بولغان ھاممام يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ ئىككى كوي پارچە پۇلنى تەستە ئۇ چاپان بۇچاپاننى ئاختۇرۇپ ئاچىقىپ بەرمەكچى بولغىنىدا ھېلىقى تىلەمچىنىڭ قوللىرىنى كىرىشتۈرۈپ،قاپاقنى تۈرۈپ ئاران شۇنچىلىكما دېگەندەك پۇلنى ئالغىلى قولىنىمۇ سۇنماي تۇرغىنى قىززىق،شۇ ئەسنادا ئۇدۇل قوشنىمىز كىرىپلا :
—ۋاي بۇنداق سۆلەتۋاز تىلەمچىگە پۇل بەرگەندىن ما قىزغىلا بېرىڭە،ئۆيىڭىزنى تازىلاپ سۈيىڭىزنى توشۇيدۇ،دەپ پۇلنى ماڭا تۇتقۇزدى.تىلەمچى پوكاندەك قىزىرىپ ئاچچىقلاپ بىر نىمىلەرنى دەپ چىقىپ كەتتى.
....................
زادى نىم بولۋاتىدىكىن بۇ كىشلىرىمىزگە،شۇندىن كېيىنزە ،ھەقىقىي مېيىپ بولسا پۇل بەردىم،ئۆزۈمنىڭ تىمەنلىكىمگە شۈكۈر قىلماق بولۇپ.بولمىسا تىيىن چىقارماس بولدۇم.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:21 , Processed in 0.114500 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش