چوغ چاينىغان ئاخشاملار
ئالىمجان توختىمۇھەممەد
تەڭ ئۆلەيلى ئامرىقىم
سەن قۇچاقىمدا ئۆلۈپ باغرىمنى قان - قان ئەتكۈچە،
تەڭ ئۆلەيمەن ئامرىقىم ۋەسلىڭنى ھىجران ئەتكۈچە.
سۈپسۈزۈك تاڭ شاخىدا سايرايلى بىر جۈپ قۇش بولۇپ،
تاكى تەقدىر ئىككىمىزگە جاننى بىر جان ئەتكۈچە.
سەن كۆيەرسەن مەنمۇ ھەم ئىشقىڭ چوغىنى شۈمگۈچى،
چاينىسام ئاتەش قوقاسنى ۋەسلىڭ ئىمكان ئەتكۈچە.
لەئلى، ئويناق كۆزلىرىڭنىڭ تەھتىدە قەبرەم مېنىڭ،
كىرپىكىڭ شەمشەرلىرىدە جاننى سەرسان ئەتكۈچە.
باغ ئېتەرمەن سەن ئۈچۈن دەشتى - باياۋان قوينىنى،
كىر جېنىم، كۆز يېشىمدا لالە - رەيھان ئەتكۈچە.
سەن مېنىڭ باغرىمدا پىنھان نازلىنىپ ئۈزگەن بېلىق،
تەڭ ئۆلەيلى، بۇ ھايات بىزلەرنى داستان ئەتكۈچە.
ھەسرىتىڭگە باغلىدىڭ
ھەسرىتىڭگە باغلىدىڭ ۋەسلىڭگە نۇسرەت ئىزدىسەم،
كۈلپىتىڭدە داغلىدىڭ بەختىمگە شەربەت ئىزدىسەم.
دەردلىرىمنىڭ كۆلچىكىدە مۇز تۇتۇپ قالغاي كۆڭۈل،
سەن باھارىمنىڭ لىۋىدىن تامچە پۇرسەت ئىزدىسەم.
لاماكان گۈللەر گۈلىستاندىن جۇدا بولدى ئەجەب،
مەن ئىشقنىڭ چۆللىرىدىن ئاڭا خىلۋەت ئىزدىسەم.
ھاسا، كەشىمنى تۆمۈردىن سوقتۇرۇپ قىلدىم سەپەر،
يىڭنىدەك قالدى، تېپىلماس قەترە رىغبەت ئىزدىسەم.
مەيلى ئاقسام مىسلى تاھىردەك ۋاپا دەرياسىدا،
ئاچسا ئارمانلار پورەك بىر مەرتە سۆھبەت ئىزدىسەم.
ئىشىق ۋەجى
ئىشىقنىڭ ۋەجىدىن دەردكە چۆكۈپ يۈرمەكتە بىر ئاشىق،
يېشىنى كۆكسىگە چۆلنىڭ تۆكۈپ يۈرمەكتە بىر ئاشىق.
تاپاندىن بىر قوقاس چىشلەپ بېشىغا چىققۇچە دەۋرەپ،
تېنىنى ئوۋلىغان چوغقا مۆكۈپ يۈرمەكتە بىر ئاشىق.
خىيالى، چۈشلىرى يارنىڭ كۆزىگە باغلىنىپ ھەر چاغ،
كۈنۇ-تۈن كۆكسىنى تىغلاپ سۆكۈپ يۈرمەكتە بىر ئاشىق.
چىرايى سارغىيىپ ئاندىن كۈچەپ ئاغرىيدۇ سول كۆكسى،
ھىجىر ئايۋانىدا يالغۇز ئۆڭۈپ يۈرمەكتە بىر ئاشىق.
جاناننىڭ ئىسمىغا باققان ۋۇجۇدى قىل كەبى كۆيگەي،
تامام ئاتەشنى يەلكىدە يۈدۈپ يۈرمەكتە بىر ئاشىق
كۆڭۈل ئارزۇسى
مۇشەقەت تەپتىدە چۆللەر گۈلىستاندىن ئاۋات دەيمەن،
مۇھەببەت دەشتىدە گۈللەر ئېچىلغاي قاتمۇ - قات دەيمەن.
ساداقەتلىك كۆڭۈللەرگە سۈزۈك ئاپتاپ قۇچاق ئاچقاي،
دىلىڭنى قاپلىسا زەرداپ زەھەر مىسلى ناۋات دەيمەن.
تۇغۇپ مىھرىڭنى تۆك ئەمدى توزۇپ كەتكەن قىزىل گۈلگە،
زىمىستان نەشتىرى كۆيسە ئاچار پورەك ھايات دەيمەن.
ئۆمۈر تاۋكاسىدا گاھى پىشانەڭگە تېگەر تاشلار،
تەبەسسۇم ئەيلىسەڭ قەترە قاشاڭ زۇلمەتنى مات دەيمەن.
پەلەكتىن چۈشكۈسى بىر ئوت سېنىڭ قەلبىڭنى ئوۋلاشقا،
كۆيۈپ بەرسەڭ يېتىم قۇشقا ھارارەتلىك رابات دەيمەن.
ئىشق ئەينەكلىرى چۇل - چۇل چېقىلسۇن، كۆرسىتەر ئەينەن...
چېقىڭ مىڭ پارە، مىڭ بىرلەر تەقەززا، تىلسىمات دەيمەن.
غۇرۇرۇڭ ئۆڭمىسە ئەلبۇم ياشاۋەر مەيلى زىنداندا،
قۇياش چۆككەن ۋۇجۇدۇڭنى ئەبەد سۇنماس قانات دەيمەن.
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى،
قەلبىڭدە پاك سۆيگۈم ئاچاتتى چېچەك.
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى،
سەن ئۈچۈن سوقاتتى پەقەت بىر يۈرەك.
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى،
بىر يولدا ئىزىمىز جۈپلىشىپ قالغان.
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى،
ھىجراننىڭ قەسرىگە چۈشلەر قامالغان.
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى،
سايىمىز بىر ئىدى، تىلىكىمىز ھەم.
ئايرىلىپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى،
مەن غىرىب، سەن ئىدىڭ ئەبەدىي سەنەم.
باغرىڭدىن باغرىمغا ئېچىلدى بىر يول
باغرىڭدىن باغرىمغا ئېچىلدى بىر يول،
شۇ يولدا پورەكلەپ تۇرغان ساداقەت.
خىيالىم سەن تامان قاقىدۇ قانات،
چېگىلگەن رىشتىمىز پۈتەر مۇھەببەت.
سەن ماڭا بىقارار، مەن ساڭا ئاشىق،
ئىككىمىز گوياكى لەيلى - مەجنۇنبىز.
بىر چۈشنى ئەبەدكە كۆرەيلى بىللە،
كەل جېنىم باغرىمدا چىڭ تارتقىن يىلتىز.
بىر قىزنىڭ كۆزىدە كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى
بىر قىزنىڭ كۆزىدە كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى،
كۆز ياشنىڭ ئىچىدىن ئۈنگىن گۈل بولۇپ.
قۇچاقلاپ قوي يەنە ئەركەكلىكىڭنى،
ۋىجداننى ئەڭ يۈكسەك تۇيغۇدا قويۇپ.
بىر قىزنىڭ كۆزىدە كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى،
بۇلبۇلغا ئايلانغىن ئۇنىڭ بېغىدا.
ئەقىدەڭ گۈللىرى ئەبەد پورەكلەپ،
ئۇ قىزنىڭ قەلبىدە ياسىسۇن ئۇۋا.
بىر قىزنىڭ كۆزىدە كۆرسەڭ ئۆزۈڭنى،
بىللە ياز رومانتىك چۈش خاتىرىسىنى.
ئاتلىغىن مۇھەببەت بوسۇغىسىدىن،
ئۆمۈرلۈك جۈپلۈككە تاللىغىن ئۇنى.
|