ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بېسىمنى تۈگىتىشتىكى 20 خىل ئۇسۇل (ئاتىكەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 19:06  

بېسىمنى تۈگىتىشتىكى 20 خىل ئۇسۇل





1. ھەر قانچە ئازابلىق ئىش بولسىمۇ، ئۇ ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز بىئارام بولماڭ.
2. ئىلگىرىكى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىڭىزنى، ئەينى چاغدا قانداق قىلىپ قايتىدىن قەد كۆتۈرگىنىڭىزنى ھەمدە كېيىنكى كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئويلاپ، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ.
3. ئۆزىڭىزگە «بۇ دېگەن كىشىلىك ھايات، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىۋاتىدۇ» دېيىشىڭىز كېرەك.




4. كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ. ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ، كۆڭلىڭىزدە ساقلىغانلىرىڭىزنى تولۇق خاتىرلەپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ.
5. بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تازا قانغۇچە ئۇخلاڭ. ئويغانغاندىن كېيىن كەيپىياتىڭىز چوقۇم ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
6. بەزى يۇمۇرلۇق، ھەجۋى رەسىملەر توپلىمى، كىتابلار ياكى كومېدىيەلىك فىلىمدىن بىرنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن كۆرۈپ چىقىڭ. كۈلكە بارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
7. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ، بۇمۇ كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاشتىكى بىر ياخشى ئۇسۇل.
8. چېنىقىش مەركىزى ياكى ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كەسپىي ئۇۋۇلاشتىن بەھرىمان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىڭىزنى تەلتۆكۈس بوشاشتۇرۇڭ.
9. بالكوندىن پايدىلىنىپ، باغۋەنچىلىك ھوزۇرىدىن بەھرىمان بولۇڭ. ھەر بىر تەشتەكتىكى گۈلگە نام بېرىڭ. ھەر بىر تال يۇپۇرماقنى كۆڭۈل قويۇپ سۈرتۈڭ. پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئۆسۈملۈكلەردىن خەۋەر ئېلىڭ.





10. سەھەر تۇرۇپ باغچا ياكى دەرەخزارلىقتىن ئىبارەت يېشىللىققا پۈركەنگەن جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ.
11. ئەتىۋارلىنىش ھېسسىياتىدىن بەھىرىمان بولۇڭ. ئادەم چىرايلىق بولغانسېرى كەيپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدۇ.
12. پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ راھەتلىنىڭ. ئاسان توڭلايدىغانلار بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا ئەڭ مۇۋاپىق.





13. ئەڭ راھەت قىياپەتتە تۇرۇپ، قورساق بىلەن نەپەسلىنىڭ، بۇرۇن بىلەن كۈچەپ نەپەس ئېلىپ، ئاندىن ئېغىز بىلەن ئاستا -ئاستا نەپەس چىقىرىڭ. مۇشۇنداق تەكرار بىر نەچچە قېتىم نەپەسلەنگەندە، كەيپىياتمۇ تۇراقلىشىدۇ.
14. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسۋابى بىلەن بويۇن، غول، بەل ھەمدە پۈتۈن بەدەننى كۈچەپ ھەرىكەتلەندۈرۈڭ.
15. دوستىڭىز ياكى كۆڭلىڭىز يېقىن بولغان بىرەسى بىلەن پاراڭ قىلىڭ.
16. مەقسەتسىز مېڭىڭ. نىشان بەلگىلەشنىڭ ئورنى يوق، كەيپىياتىڭىز تۇراقلىشىدۇ.
17. تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنى شۇنىڭغا سىڭدۈرۈڭ.
18. ناخشا ئېيتىڭ ياكى ناخشا ئاڭلاڭ.
19. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ھېيىقماڭ، كەيپىياتىڭىز ياخشىلانغۇچە يەڭ. ئورۇقلاۋاتقان بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، ئۆزىڭىزگە بىر كۈن روخسەت بېرىڭ.
20. كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاقتىدا، ئىلگىرى سېتىۋالماقچى بولۇپ سېتىۋالالمىغان كىيىم ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىزگە: «داۋاملىق تىرىشقىن» دەپ تەسەللى سۈپىتىدە سوۋغا قىلىڭ.

مەنبە: خەۋەر تورى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-11 22:17:41 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلار راستىنلا پايدىلىق كۆرسەتمىلەر ئىكەن. يادىلاپ شۇ بويىچە ئىش قىلسام بولىغدەك
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-11 23:15:00 | ئايرىم كۆرۈش
5 سى بىلەن 20 سى مەن دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇلكەن ...   قاغانلىرنىمۇ سىناپ باقسام بوغىدەك...  جاپا تارتىپسىز  رەھمەت...
مەن كىم؟

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2016-3-12 15:34:45 | ئايرىم كۆرۈش
تۇلىمۇ ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت بىلۋالدۇق جېنىم

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-3-14 11:23:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنىڭ  ئىچىدە  مەن قىلدىغان   بەزى ئىشلار يوقكەن..    بىسىم  بولسا  تۈگىتىدىغان يەنە بىر ئامال  شىرىن چۈش كۆرۈش.         
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-3-14 11:35:30 | ئايرىم كۆرۈش
xajarim يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 11:23
بۇنىڭ  ئىچىدە  مەن قىلدىغان   بەزى ئىشلار يوقكەن..    بىسى ...

شىرىن چۈشنى كۆرۈمەن دەپلا كۆرۈدىكەنسىز-دە !

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-3-14 11:40:03 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما ئېلىپ كەپسىز جانىم . سىناپ باقمىسا بىلمەيدۇ كىشى ، يەنىلا سىناپ بىر كۈن بولسىمۇ خوشاللىق كەيپىياتتا ياشىغان ياخشى . چۈنكى ھەرقانداق كېسەلنىڭ باشلامچىسى كەيپىياتتىن بۇلامىش . ئېغىر كېسەل ھەتتا راك ھۆجەيرىسىمۇ قىزغىن ، خوشال كەيپىياتتىن قوقارمىش !
ئەمدى كۈلۈپ ياشاڭلار دېسە 32 چىشنى چىقىرىپ كۈلۈپ يۈرسىلا بولمايدۇ . ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى قايىل قىلىپ تۇرۇپ ياشىساق ، كۈلگەن كۈلكىمىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئىللىق بىلىنىدۇ . تۇرمۇش بېسىمى ھازىر ھەقىقەتەن ئېغىر ، بەزىدە چارچاپ شۈكلىنىپلا قالىمىز . شۇنداق چاغلاردا سىناپ باقسام بولغۇدەك ، رەھمەت جانىم .

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-3-14 12:58:26 | ئايرىم كۆرۈش
     كىشىلىك دۇنياسىدا ئەر-ئايال، ياش-قېرى بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىلا ئادەمنىڭ بېشىدا ئوخشاش بولمىغان  تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى ۋە باشقا ببېسىملار بولىدۇ. بۇنداق بېسىملارنى ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ يەڭگىللىتىپ تۇرمىغاندا، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ساغلاملىقىمىزنى كۆزدە تۇتقاندا، ھەممىمىزنىڭ  بۇ تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇللىرىنى سىناپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:28 , Processed in 0.137901 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش