ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 286|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش
ھەققىدە  قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
ئويچى تەرجىمىسى


1.   تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى
  ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان بولسا جەمئىيەتتىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە قارىتىلغان ئۇقۇش تارىخى ئىمتىھانىنى ئاساس قىلىدىغان ئالىي مائارىپ بۇيىچە دۆلەتلىك ئىمتىھاندۇر. ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تۈزۈمى جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، شۇنداقلا ھازىرقى زامان مائارىپى بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاننى يىتەكچى، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىشنى ئاساس، جەمئىيەتنىڭ ياردىمىنى قۇشۇمچە قىلغان مائارىپ شەكلى بولۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجادىيىتى.
  دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تۈزۈمى 1981-يىلى ئورنىتىلغان. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا،ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيەت زورتۈركۈمدىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولدى. ئاممىنىڭ ئۆگېنىش قىزغىنلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت ئالىي مائارىپ شەكلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشى تەسكە توختىدى. نەتىجىدە، يولداش دېڭ شىياۋپىڭ ئوتتۇرىغان قويغان ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يۈنىلىشى (فاڭجېنى)نىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا،مائارىپ مىنىستىرلىكى قول سېلىپ تەشكىللەپ، ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تەتقىق قىلدى. 1981-يىلى 10-ئايدا،بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت «ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشتۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدا قارار»نى ئېلان قىلدى. 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (گوۋۇيۈەن) مائارىپ مىنىستىرلىكى تۈزۈپ چىققان «ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشنى سىناق يولغا قۇيۇش چارىسى»نى تەستىقلاپ تارقاتتى ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، تىيەنجىن قاتارلىق ئۈچ شەھەردە سىناق يولغا قۇيۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سىناق نوقتىغا قاتناشقان ئۆلكىلەر يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى. 1985-يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە،ئاپتونۇم رايۇن ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش سىناق نوقتىسى تەسىس قىلدى. 1988-يىلى 3-ئاينىڭ3-كۈنى، ئەسلىدىكى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ھەر قايسى جايلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، «ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ۋاقىتلىق نىزامى»نى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىدى. ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تۈزۈمىنىڭ خارەكتېرى، ۋەزىپىسى، ئورنى، مەسئۇل ئورگان، تەسىس قىلىنىدىغان كەسپلەر، ئىمتىھان ئۇسۇلى، ئۇقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا قۇيۇش قاتارلىقلارغا قارىتا، دۆلەت مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش شەكلى بىلەن ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. مانا بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ئىشلىرىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىشىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. نۆۋەتتە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، ئارمىيە ۋە شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايۇنىنى قاپلىغان بولۇپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. 1999-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، مەملىكەت بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشكە تىزىملاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى 90 مىليون480 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، تۇلۇق كۇرۇس ۋە مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر 2 مىليون442 مىڭ 200گە يەتكەن. (بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر: 164 مىڭ 900،مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر: 2 مىليون 77 مىڭ 200). ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرگەنلەر بولسا 390 مىڭدىن ئاشقان. 1999-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىمتىھانغاتىزىملاتقانلارنىڭ سانى 6 مىليون 450 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ئۆزىنىڭ يۇقۇرى سۈپىتى ۋە ياخشى نامى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشپ، تەسىرى چەتئەللەرگىچە كېڭىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۆلىمى ئەڭ زور ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مائارىپ شەكلىگە ئايلاندى. 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ 21- ماددىسىدا: «دۆلەت ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا مۇناسىپ ئۇقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، قانۇن شەكلى ئارقىلىق ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تۈزۈمىنىڭ خارەكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئاساسىي تۈزۈمى ئىچىدىكى مۇھىم ئورنى بىكىتىلدى.

  2. ۋەزىپىسى ۋە ئوبيېكتى
ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ بىرىدىغان ئىمتىھان بولسا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە قارىتىلغان ئۇقۇش تارىخىنى ئاساس قىلىدىغان ئالىي مائارىپ بۇيىچە دۆلەتلىك ئىمتىھان بولۇپ، شەخسنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىشى، جەمئىيەتنىڭ ياردەملىشىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىمتىھان ئېلىشى ئۆزئارا بىرىككەن ئالىي مائارىپ شەكلىدۇر.
  ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننىڭ ۋەزىپىسى بولسا دۆلەتلىك ئىمتىھان ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە شەخسنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىش ۋەجەمئىيەتنىڭ ياردەملىشىش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتتىكىلەر كەسپىي مائارىپى ۋە ئالىي مەكتەپتىن كېيىنكى داۋاملىق مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يىتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ چىقىش، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقىنى، پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشتىن ئىبارەت.
  بۇ ئىمتىھاننىڭ ئوبيېكتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى، جىنىس، ياش، مىللەت، ئىرق ۋە قۇبۇل قىلغان مائارىپ سەۋىيىسى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەممەيلەن بىردەك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ۋاقىتلىق نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بۇيىچە، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشكە قاتناشسا بولىدۇ.

  3.  تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش
   بىرىنچى، مەركەز ئورگانلىرى
   (1) مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشكە يىتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى (قىسقارتىپ «مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتى» دېيىلىدۇ). مەزكۇر كومىتېت مەملىكەتلىك ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئورگېنى بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭرەھبەرلىكى ئاستىدا، مەملىكەتلىك ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مائارىپ، پىلان، مالىيە ۋە ئەمگەك كادىرلار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئارمىيە ۋەئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، مۇتەخەسىسلەر ۋە ئالىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
  (2)مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ئىشخانىسى. مەزكۇر ئىشخانا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەسىس قىلغان ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئورگېنىدۇر. بۇ ئورگان يەنە مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىش بىجىرىش ئورگېنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ئىشخانىسى تەسىس قىلغان ئىچكى بۆلۈم-باشقارمىلار تۈۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئونۋېرسال بۆلۈم،پەنلەر باشقارمىسى. ئۆلكە دەرىجىلىك تېما چىقىرىشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى،تەبىئىي پەنلەر بۆلۈمى، ئۆگېنىشكە ياردەملىشىشكە يىتەكچىلىك قىلىش باشقارمىسى،ئىمتىھان ئىشلىرى نازارەت بۆلۈمى، دەرسلىك ۋە نەشىر قىلىش باشقارمىسى،پەن-تەتقىقات بۆلۈمى، ئۇچۇر-ستاتىستىكا بۆلۈمى قاتارلىقلار.
  (3) ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنپ ئىمتىھان بېرىدىغان كەسىپلەر كومىتېتى. مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىر قانچە مەخسۇس كومىتېت ياكى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇلار كەسىپلەر بۇيىچە ئىمتىھان ئېلىش پىلانى ۋە دەرسلەر بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش پروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە تەۋسىيە قىلىشقا قاتنىشىش، شۇ كەسىپ ئىمتىھانىغا قارىتا يىتەكلەش ۋە سۈپەت باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەر قايسى كەسىپ كومىتېتلىرى ياكى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىلىرى شۇ كەسىپتىكى سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان مۇتەخەسىس ئالىملاردىن تەشكىل قىلىنىدۇ.
  (4)مەملىكەتلىك مائارىپ ئىمتىھانى ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش تەتقىقات كومىتېتى. بۇ كومىتېت دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مائارىپ مەمۇرلۇقى، پىداگوگىكا، مائارىپ ئۆلچەمشۇناسلىقى، ئىمتىھان باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسىسلەر ۋەئالىملاردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش سىياسىتى ۋە كەسپى تەتقىقاتقا مەسلىھەت بىرىش ئورگېنى ھېسابلىنىدۇ

   ئىككىنچى، يەرلىك ئورگانلار
   ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت (شەھەر)لەرنىڭ ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش كومىتېتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار شۇ جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش كومىتېتلىرىنىڭ يىتەكچىلىكى  ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مائارىپمەمۇرىي تارماقلىرى ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشكە دائىر دائىمىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ.

   ئۈچىنچى، باش بولىدىغان مەكتەپلەر
  ئۆلكىلىك ئىمتىھان كومىتېتى تەرىپىدىن تاللانغان كەسپى ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا باش بولىدۇ. باش بولىدىغان مەكتەپلەر ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش خىزمىتىنى ئىشلەشتە ئۆلكىلىك ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىدۇ. سۇئال چىقىرىش ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە ئالاقىدار ئۆگېنىش ھالقىلىرىنى سىناشقا مەسئۇل بولىدۇ. دىپلوم ئۈستىگە باش بولغان مەكتەپنىڭ نامى يېزىلىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق پۈتۈن كۈنلىك تۈزۈمدىكى315 دانە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشكە باش بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگەئالغان.

   تۆتىنچى، ھاۋالە بۇيىچە ئىمتىھان تەسىس قىلىش
  ھاۋالىلىك ئىمتىھان تەسىس قىلىش دېگىنىمىز دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن كەسپى تارماقلارنىڭ كەسپى ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەلىپىگە ئاساسەن مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتىغا ھاۋالە بۇيىچە ئىمتىھان تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى،مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ يەرلىك ئىمتىھان ئورگانلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىشىنى تەڭشىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1985-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىشكە يىتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ «ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش ۋاقىتلىق نىزامى»دىكى ئالاقدار بەلگىلىمە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى، ستاتىستىكا ئىدارىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە قاراشلىق 19 مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتنىڭ ھاۋالىسىنى قۇبۇل قىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەخسۇس كۇرۇس، تۇلۇق كۇرۇس ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم كەسىپلىرىدىن 32نى تەسىس قىلىپ، كەسپى تارماقلار ئۈچۈن زورتۈركۈمدىكى مەخسۇس تالانتلىقلارنى يىتىشتۈرۈپ بەردى.

  بەشىنچى، ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشى
  1996-يىلى، مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى پۈتۈن ئارمىيە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. ھەربىي تەمىنات باشقۇرۇش، ھەربىي ئەسلىھە باشقۇرۇش، ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشى ماشىنىلىرىنى رېمىنۇت قىلىش، ھەربىي ئىشلار يۇقۇرى پەن-تېخنىكىسىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس كۇرۇس ۋە تۇلۇق كۇرۇس كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى.

  4.  ئىمتىھان ئۆلچىمى ۋە ئېچىلىدىغان كەسپلەر
  ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنىدىغان كەسىپلەر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋەجەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى، ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياج توغرىسىدىكى ئىلمىي پەرەز ۋە كەسىپ تەسىس قىلىش شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ھەر بىر ئۇقۇش تارىخى قاتلىمىنىڭ تەلىپى ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئادەتتىكى ئالىي مائارىپتىكى ئوخشاش ئۇقۇش تارىخى قاتلىمىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن بىردەك.
كەسىپلەرنىڭ ئىمتىھان پىلانى دۆلەتلىك ئۇقۇش تارىخى ئىمتىھانىنىڭ «ئۇمۇمىي لايىھە خەرىتىسى» سۈپىتىدە، ھەر قايسى كەسىپ كومىتېتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەشكىلىي تەرتىپ بۇيىچە دەلىللەپ چىقىلىدۇ ۋە ئېچىلغان كەسىپلەرنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى، تەربىيلەش نىشانى، ئاساسىي تەلەپ، ئۇقۇش تارىخى قاتلىمى، ئۇسلۇب، دەرسلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش، دەرسلىك نۇمۇرى، ئەمەلىي ھالقىلارنى سىناش تەلىپى، تەۋسىيە قىلىنىدىغان ماتېرىياللار ۋە پايدىلىنىدىغان كىتابلار قاتارلىقلار بىكىتىلىدۇ. كەسىپلەردىن ئىمتىھان ئېلىش پىلانى بولسا دۆلەتلىك ئىمتىھاننى يولغا قۇيۇشتىكى مىزان خارەكتېرلىك، قانۇن خارەكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، شەخسلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىش پىلانى تۈزۈشى، ئۆگېنىشكە ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ يىتەكلەش پىلانى تۈزۈشىدىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ.
  1998-يىلى تەڭشەلگەندىن كېينكى «ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى» ئۇمۇمەن: پەلسەپە، ئىقتىساد باشقۇرۇش، قانۇن،جەمئىيەتشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىلمى، پىداگوگىكا، جۇڭگوتىل-ئەدەبىياتى، چەتئەل تىل-ئەدەبىياتى، ئاخباراتشۇناسلىق، سەنئەت، تارىخ، كۇڭزىتەلىماتى، كانچىلىق، ماشىناسازلىق، ئېلىكتىرون ۋە ئۇچۇر، تۇپا قۇرۇلۇشى، خېمىيە سانائىتى، يېنىك سانائەت، تۇقۇمىچىلىق، يېمەكلىك، قاتناش، ترانسىپورت، يېزائىگىلىك، دورىگەرلىك ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق 23 ساھە بۇيىچە 224 كەسىپ بولۇپ، بۇلار 141 مەخسۇس كۇرۇس كەسپى، 61 مۇستەقىل تۇلۇق كۇرۇس كەسپى ۋە مەخسۇس كۇرۇسنى تۇلۇق كۇرۇسقا ئۇلاپ ئۇقۇيدىغان 22 تۇلۇق كۇرۇس كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  5. ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىش، جەمئىيەت ياردەملىشىش
  ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشكە قاتنىشىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ئۆگېنىش شەكلى ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىشتۇر. شۇنداقتىمۇ ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەت بۇيىچە، ئۇقۇغۇچىلار يۈزتۇرانە دەرس ئېلىش، ماتېرىيال ئارقىلىق ئۇقۇش، رادىئو-تېلېۋىزىيە، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى قاتارلىق شەكىللەرنى تاللاپ تەلىم ئالسا، ياردەم قۇبۇل قىلسا بولىدۇ.
   ئۆگېنىشكە ياردەم بېرىش ھەركىتى ھۆكۈمەت ۋە ئىمتىھان ئالغۇچى ئورۇننىڭ ئىلھام بېرىشى ۋەقوللىشىغا ئېرىشىدۇ. تۈرلۈك مائارىپ ئورگانلىرى، كارخانا ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئېلىپ بارغان ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەركەتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ قانات يېيىپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۆگېنىشكە ياردەم بېرىش ھەركەتلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگېنىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشىغا ياردەم بېرىش، مائارىپ جەريانىنى تاماملاش، تەربىيەلەش نىشانىغا يىتىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرماقتا.
ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىش ۋە جەمئىيەت ياردەملىشىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولسا ئىمتىھان ئالغۇچى ئورۇن تارقاتقان دەرسلىك ئىمتىھان پروگراممىسى، بىكىتىلگەن، تەۋسىيە قىلىنغان دەرسلىك ماتېرىيال ۋە پايدىلىنىش كىتابلىرىدۇر. ئالىي مەكتەپلەر، نەشرىياتلار ۋەئىجتىمائىي تەربىيلەش ئاپپاراتلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، مەشىق سوئاللىرى، مەشىق ۋە ئەمەلىي ھالقىلارنى مەشىق قىلىشقا پايدىلىق سىن ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقتى.
مەملىكەتلىك ئىمتىھان ئىشخانىسى نەچچە يۈز پارچە دەرسلىك ئىمتىھان پروگراممىسىنى تۈزدى ۋە نەچچە يۈز خىل دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەشكىللەپ يېزىپ چىقتى. مەملىكەت بۇيىچە 20 نەچچە نەشرىيات ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن دەرسلىك ۋە يىتەكلەش-تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى نەشىر قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەملىكەتلىك ئىمتىھان ئىشخانىسى ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش تورى رەسمىي ئېچىلغان بولۇپ، ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئۆگەنگۈچىلەرنى ئىمتىھان ئېلىش، يىتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق  مۇلازىمەتلەربىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى كۆپ خىل شەكىللەرئارقىلىق ھەممە جەھەتتىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر سىستېما شەكىللىنىۋاتىدۇ.

6.  ئىمتىھان ۋە گۇۋاھنامە
  ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر پەنلەر بۇيىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، نۇمۇر يىغىش شەكلىنى قوللىنىپ، تەدرىجىي ئۇقۇشنى تاماملايدۇ. كەسىپ ئىمتىھان پىلانىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تارماق پەنلەر بۇيىچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. دەرسلىك ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغۇچىلارغا يەككە پەننىڭ لاياقەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەم بەلگىلىمە بۇيىچە نۇمۇر ھېسابلىنىدۇ. لاياقەتلىك بولالمىغانلار مەزكۇر پەننىڭ كېلەر قېتىملىق ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. كەسىپ ئىمتىھان پىلانىدا بەلگىلەنگەن بارلىق پەنلەرنى تۈگىتىپ، لاياقەتلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازغان ياكى باشقا مائارىپ ئەمەلىي خىزمىتىنى ئۇرۇنلىغانلار، ئىدىيە-ئەخلاقى لاياقەتلىك باھالانغانلار مۇناسىپ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىدۇ. دۆلەت ئۇنىڭ ئۇقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىلىرى تۈۋەندىكىچە: ئوتتۇرا تېخنىكۇم دىپلومى، مەخسۇس كۇرۇس دىپلومى، تۇلۇق كۇرۇس دىپلومى. يەنە يەككەپەنلەرنىڭ لاياقەتنامىسى ۋە كەسپى گۇۋاھنامىلەرمۇ بار. ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ تۇلۇق كۇرۇسنى تاماملىغان ھەمدە ئۈنۋان شەرتىگە چۈشىدىغانلار ئۈنۋان بېرىش ھۇقۇقىغا ئىگە باش بولغان مەكتەپلەر تەرىپىدىن باكلاۋېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ.

7. ئىمتىھان ئېلىشنى باشقۇرۇش
ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش 19 يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق خېلىلا مۇكەممەل بىر يۈرۈش قائىدە-تۈزۈم ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى قۇرۇپ چىقتى. ئىمتىھان تەشكىللەشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇقۇتۇش بىلەن ئىمتىھان ئېلىشنى ئايرىۋېتىشنى يولغا قۇيۇپ، ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىلمىيلىشىش ۋە ئۆلچەملىشىش جەھەتلەردە زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى. ئىمتىھانغا تېزىملىتىش، ئىمتىھان مەيدانىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرۈپ نۇمۇر قۇيۇش، ستاتىستىكا قىلىپ ئانالىز ئېلىپ بېرىش، ئىمتىھان ئىشلىرى ۋە ئىمتىھان تەۋەلىكى قاتارلىق ئىمتىھان باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا كومپىيۇتېر تېخنىكىسى كەڭ تۈردە قوللىنىلدى. مائارىپ ئۆلچەش نەزەرىيەسى مەملىكەت بۇيىچە بىر تۇتاش تېما چىقىرىش، تېما ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك تېما چىقىرىش، رايۇنلۇق تېما چىقىرىش خىزمىتى مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ قېلىپلاشتۇرىشى ئاستىدا، بىر تۇتاش سۈپەت ئۆلچىمىنى يولغا قۇيىدۇ. تالانتلىقلارنى تاللاپ چىقىش تېخىمۇ توغرىلىشىپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشنىڭ مائارىپلىق رولى تۇلۇق جارىي قىلدۇرىلىدۇ.

8. ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات
  يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن غەيرى ئۇقۇش تارىخى گۇۋاھنامىلىرى بۇيىچە جەمئىيەت ئىمتىھانلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كومپىيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى، ئاممىۋىي ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى ۋە بىر قىسىم تارماق-ساھەلەر ھاۋالە قىلغان كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامە ئىمتىھانى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى. مەملىكەتلىك ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەر قايسى جايلار ئاكتىپلىق بىلەن ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشنى يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم قېلىپ قالىدىغان، كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى يىتىشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ يولىنى ئاچتى. يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يېزا-كەنتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۆچەيتىشكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينىدى. ئەنئەنىۋىي ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىشنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە خەلق ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي مائارىپ ئۇقۇش تارىخى دىپلوملىرىغا قارىتا بىكىتىش ئىمتىھانى ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان چۇقۇم ئۆگېنىشكە تېگىشلىك دەرسلەر ئىمتىھانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي تۈزۈمى ھېسابلىنىدىغان ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش «ئاساسىي قانۇن»نىڭ «ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ تالانتلىق بولۇشقا مەدەت بېرىش»، «مائارىپ قانۇنى»نىڭ پۇقرالار «قانۇن بۇيىچە باراۋەر تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دېگەن ماددىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك چارە بولۇپ، ئۆمۈرلۈك مائارىپنىڭ ئۈنۈملۈك يولىغا ئايلاندى. شۇنداقلا خەلق ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە باھابېرىش، ئۆگەنگەنلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىغا ئايلاندى.
  يېڭى ئەسىرنىڭ يىتىپ كېلىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات قەدىمىگە ئەگىشىپ،ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا تېرىشىپ ماسلىشىپ، مائارىپ يۈنىلىشى (فاڭجېنى)نى ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىزمائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پارلاق نەتىجە ياراتقۇسى.

    مەنبە:

   جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى تورى.


  ئەسكەرتىش:
  مەن يېقىندا ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىشكە مۇناسىۋەتلىك بىريۈرۈش ماقالە يېزىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شۇ قاتاردا دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆزلىكىدىن ئۆگېنىپ ئىمتىھان بېرىش يەنى «自考» ھەققىدە بىر قۇر مەلۇمات بېرىشنى لايىق تاپتىم. مەزكۇر چۈشەندۈرۈشنى ئەنە شۇ مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تورىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. قالغان مەلۇماتلارمۇ ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا تورلارغا يوللىنىدۇ. تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.


2015-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھىرى قاراقاش  

(باغراش تورى ئويچى يازمىسى)
تىلسىم : ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلارغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن تەرجىماننىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ئاساستا يۆتكەلدى .

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-8-6 17:11:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىپ شۇنچە كۆپ ئىمتىھانلارنى بېرىپتىمەنكىن ...ھازىر ئويلىساممۇ بېشىم ئاغرىيدۇ

ئۇكاشلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىشىگە تىلەكداشمەن!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-8 00:28:36 | ئايرىم كۆرۈش
مەندەك تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەرگىمۇ مۇشۇنداق پۇرسەتلەر بولارمۇ ؟

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-8-9 11:52:58 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-8-8 00:28
مەندەك تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەرگىمۇ مۇشۇنداق پۇرسەتلە ...

سىز  ئاۋال  ئۆزىڭىز  تۇرۇشلۇق  ناھىيە - شەھەر دەرىجىلىك  مائارىپ ئىدارىسىغا  بىرىپ ئۆزلۈكىدىن ئۈگۈنۈش ئىشخانىسىدىن  ئۇقۇشۇڭ  .
مىنىڭچە  ئالدى بىلەن ئوتتۇرا تىخنىكوم كەسىپلىرى بويىچە  ئىمتىھانغا تىلىزىملىتىشىڭىز مۈمكىن .
ئەگەر  تولۇق ئوتتۇرا  دىپلۇمىنى تاپالىسىڭىز  ئالىي تىخنىكوم ( مەخسۇس كۇرس) قا  ،ئۆزىڭىز  تاللاپ  تىزىملىتالايسىز .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-8-9 12:10:32 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىلىپ كەپسىز  .
مۇنبەردىكى ئەڭ كونا ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگۈچى مەن بولسام كىرەك .
مەن  1995-يىلى تولۇقسىزدىنلا  ئوتتۇرا تىخنىكوم  ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قىلىپ ئوتتۇرا تىخنىكومدا  ئوقۇپ قالغان ، شۇ ۋاقىتتا  كۆڭلۈم بەك يىرىم بولغان  ،مىنىڭ ئەسلىدە  ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ  ئاسپىرانىت - دوكتۇر دەيدىغانلاردىن بولغۇم ، مەخسۇس خىمىيە  پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇم بار ئىدى ، شۇڭا ئىمتىھاننىمۇ  بەك تەييارلىق قىلماي  ،  بىلىشمچە بەرگەن ئىدىم ، كىم بىلسۇن شەھەر بويىچە 3  - ، مەكتەپ بويىچە 1 - بوپ قىلىپ ، دادام  تاللىغان مەكتەپنىڭ ئۆزۈم تاللىغان كەسپىگە  قوبۇل قىلىندىم .
ئوقۇش جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن ئۈگۈنۈش ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ  ،  سىنىپىمىزدىكى بىر قىسىم بالىلار  بىلەن بىرلىكتە  تىزىملاتقان ئىدۇق ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئوتتۇرا تىخنىكومنى پۈتتۈرۈپلا  ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم ، خىزمەتكە چىقىپ 4 ئايدىن كىيىن ئالىي تىخنىكوم دىپلۇمۇم قولۇمغا تەگدى ، شۇ ئايدىلا  مائاشىم تەڭشەلدى ، ئۇلاپلا تولۇق كۇرسقىمۇ تىزىملىتىپ  بىر يىل  ئىچىدە  تولۇق كۇرۇسنىمۇ  پۈتتۈرۈۋالدىم  دىپلۇم كەلگەن ھامان  مائاشىمغا  پۇل قوشۇلدى ، شۇنداق قىلىپ  1997-يىلدىن 2001-يىلغىچە بولغان 4 يىلدا  مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈۋالدىم ، ھازىر ئىدارامدا تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسى ھىساپلىنىمەن .
ئىشقىلىپ  ئۆزلۈكىدىن ئۈگۈنۈش نىڭ  پايدىسىنى مانا مەن كۆرگەن  ،  شۇڭا  ساۋاقداشلارنىڭ ئىككىلەنمەي سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىگە ماس كىلىدىغان كەسىپلەردە ئۆزلۈكىدىن ئۈگۈنۈپ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يىڭىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:38 , Processed in 0.144567 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش