بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 21:26   
 
ماياك ئىللىقلىق فوندى95- قېتىملىق ماياك پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ 29- قېتىملىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى!
 
 ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماياكچىلار  ۋە جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرساھە ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلار  :   
      ئالدىمىزدا قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت خەيرلىك كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ . قۇربان ھېيتتا ئۆز- ئارا ھېيتلىشىپ ، چوڭلارنى يوقلاش ، قېرىنداشلىق ، خوشنىدارچىلىق مېھرىنى يەتكۈزۈش ، ئاداۋەتلەرنى يۇيۇش بىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزدىن بىرى . ھېيتتا ھەربىرلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە خوشاللىق كۈلكىلىرى ياڭرايدۇ . ئەمما بۇخىل بايرام كەيپىياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . ماياك ئىللىقلىق فوندى پىدائىيلار ئەترىتىمىز بۇيىل ھېيتنى << گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيىسى >> دىكى بوۋا – مومىلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزمەكچى . شۇڭا  كەڭ پىدائىي ۋە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزنى بىرگە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىمىز .  ھەممىڭلارنڭ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتى قۇتلۇق بولغاي . 
        ۋاقتى : 2015 – يىلى 9 – ئاينىڭ 24- كۈنى يەنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن 
        يىغىلىش ئورنى : سەنشىخاڭزا ئالتۇن بولاق سودا سارىيى ئالدى .  
       يىغىلىش ۋاقتى :  ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:00    
جەمئىيىتىمىزدىكى كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېيتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز !   
 
مەسئۇل :ئابلىز  . تېلېفۇن :18016959289
 
ماياك ئىللىقلىق فوندى تەشۋىقات بۆلۈمى
  
     
 
  
 |