ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بەخىت قوينىدا (

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بەخىت قوينىدا


  مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقان چاغدا چىرايىمنىڭ قانداق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما كۆزلىرىم تارتىشىپ كەتكەچكە توختىماسىتىن چىمچىقلاتتىم. يېقىن ئەتراپتىكى مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان مەنزىرە دەرىخىگە قونۇۋالغان بىر جۈپ قۇشقاچنىڭ بىر-بىرنىڭ تۇمشۇقىنى چوقۇپ ئوينىشىۋاتقانلىقىغا دىھقەت قىلىدىم. ئاسماندا خۇددى دۆلىتىمىز خەرىتىسىگە ئوخشاپ قالغان بىر پارچە بۇلۇت ئۇچۇپ يۈرەتتى. مەيىن شامال چاچلىرىمى سىيپاپ ئۆتتى.
-تىچلىقمۇ؟-دىدى ئۇ خۇددى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلاردەك كۈلۈمسىرەپ،- مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئارتىسلىقىنى شۇنچىلىك ياخشى قاملاشتۇرالايدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم.
-ياخشى،-ئاغزىم ئېچىلغان پېتى تۇرۇپ قالدى.
-نىمە بولدى؟-ئۇ قاشلىرىنى ئېتىپ قويدى،-خۇددى روھىڭ چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قاپسەنغۇ؟
-روھىم چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
-سەن بىلەن پاراڭلاشقىلى بولمامدۇ نىمە؟،-مەن تىلفۇنۇمنى ئېلىپ سائىتىگە قارىغان بولۇپ پەم بىلەن ئۈنئالغۇسىنى ئېچىپ قويدۇم.
-مانا بىر ئوبدان پاراڭلىشۋاتىمىزغۇ؟ -مەن ئەسلىدە كۈلمەكچى بولۇشۇم مۆمكىن ئەمما چىراي ئىپادەمنىڭ يىغلىغانغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى سەزدىم.
-ئەسلىدە ئۆزۈڭگە بۇنچە بېسىم قلىۋېلىشىڭنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق ئىدى.-دىدى ئۇ،- يۈرە . ئولتۇرايلى.
بىز تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق. ئارىنى تەخمىنە بىر مىنۇتچە جىمجىتلىق باستى.
-ئەجەپ ئىچىمنى سىقتىڭ،-دىدى ئاينۇر جىلە بولۇپ،- ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرساڭچۇ؟
-ئاينۇر ...،-ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلانغىدەك بولۇپ،-ساڭا تىزلىناي مېنى قويىۋەتكىن. سەندىن خۇش بولۇپ قالاي. راست خۇدا ھەققى.
-ئۇ خۇددى كىنولاردىكى ئاۋۋال كۈلۈپ تۇرۇپ ئاندىن ئۆلۈمگە بۇيرۇيدىغان قارا جەمئىيەتنىڭ كاتىۋېشىدەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،-دەيمەنغۇ سەن ئارتىس بولماي زايا كەتتىڭ دەپ...قارا تۇرقۇڭنى،- ئۇ تاكى كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكۈچە كۈلدى.
-
.مەن چاقچاق قىلمىدىم. بىز ئايرىلىپ كېتەيلى
-بولدى. كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. ئەمما ئىشلار سەن ئويلغاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس،-دىدى ئۇ بىردىلا چىرايىغا جىددى تۈس بېرىپ،-بۇنى قانداق قىلىمىز؟-ئۇ قورسىقىنى ئىشارەت قىلدى.
-چۈشۈرۋىتەيلى. مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن. سېنى ئوبدان رازى...
-سەن مېنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭ؟-دىدى ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ،- سەن مېنى ماڭا شۇنچە ئاشىق دەپ ئويلامسەن، ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ بەكلا شۇنداق قىلغۇم بار. ئەمما دوختۇرلارنىڭ ئىيتىشىچە بۇنداق قىلسام ئۆمۈر بويى قورساق كۆتۈرەلمەيدىكەنمەن. شوڭا تۇرۇپ قالدىمغۇ؟-بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېڭەم پارتىلاپ كەتكۈدەك بولدۇم. بۇ قانداق چاقچاق ئەمدى.
-راست دەۋاتامسەن؟
-سېنىڭ ئالدىڭدا خار بولغىنىم بىلەن مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق غورۇرۇم بار. ئەمدى تېخى ئون گۈلۈمنىڭ بىرسى ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كىيىن يەنە ياشىمىسام بولمايدۇ.
-ئەمسە قانداق....
-يۈز مىڭ يۈۋەن تۆلەم بېرىسەن،-دىدى ئۇ جىددى تەرىزە،- سېنى مەن كۆرمىدىم، سەن مېنى. بۇ ساڭا ئانچە قىممەت چۈشمەيدىغۇ دەيمەن.
-مۆمكىن ئەمەس،-دىدىم مەن،- بېشىمغا پايپاق كىيىپ يول توسساممۇ مەندىن ئۇنچىلىك پۇل چىقمايدۇ.
-پۇل چىقمايدىغان  ئادەم خورازچىلىقنى ئازراق قىلىدىغان، ئەمدى قانداق قىلاي. ساڭا ئىككى يول بار. بىرى ئايالىڭدىن ئاجرىشىسەن. ئىككىمىز قورساقىتىكى بالا يەرگە چۈشكىچە ئۆي تۇتىمىز. ياق دىسەڭ مەن دىگەن پۇلنى ئالدىمغا قوي. تاللاش ئۆزۈڭدىن.
-بۇ دىگەن ھەر ئىككىمىزنىڭ رازىلىقى بويىچە بولغان ئىشقۇ، ئەمدى مۇشۇنداق قىلامسەن سەن...
-مەن قانداقكەنمەن. ۋىجدانسىز دىمەكچىمۇ، بۇ جەھەتتە ھەر ئىككىلىمىز قېلشىمايمىز. ئىشەنمىسەڭ گەدىنىڭنى بىر سىلىۋەتسەڭ كاللاڭغا كېلىدۇ.
مەن جىمجىت  تۇرىۋاتىمەن. ئۇ مەندىن جاۋاپ كۈتىۋاتىدۇ. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا ئايالىمنىڭ مەندىن ئاستا-ئاستا يىراقىلىشىۋاتقان سىمايسى پەيدا  بولدى. مەن ئۇنىڭ قوي كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ئېنىق كۆردۈم.
.....
  ئىشلەتكەن ئامالىم ھېچنىمىگە كار قىلمىغاندى. تىلفۇنۇمغا ئېلىنىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ بېقىپ ئېغىر خۇرسىندىم. پەقەت ئاينۇر بىلەن بولغان ئىشلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بويىچە بولغانلىقنى ئىسپاتلىساملا ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشىدۈ دەپ ئاددى ئويلاپ قاپتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەسكەن.
-راستىنلا قورساق كۆتۈرۈپسەنمۇ،-دىدىم ئايالىمغا،- ئۇ بۇ سۇئالىمنى ئاڭلاپ سەل مەيۈسلەندى.
-ياق، مەن شۇنداقمىكىن دەپ گۇمان قىلغاندىم. ئەمما ...،- ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش لىغىرلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. شۇ تاپتا ئۇنى باغرىمغا بېسىپ تەسەللى بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ نىمىشقىدۇر ئۇنداق قىلمىدىم. پەقەت ‹‹ ھە ›› دەپلا قويدۇم. ...
مەن ئۆزۈمنى قانداق بىر تەقدىرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى زادىلا بىلمەيتىم. بىر بولسا سوتتىن چاقىرىق كېلىدۇ. يەنە بىر بولسا ئەل-جامائەت ئالدىدا شەرمىسار بولىمەن. ھەر ئىككىلا يولنىڭ ئاخىرى قاراڭغۇ ھاڭ ئىدى. مەن خۇددى چەكسىز دېڭىزدا بىر تال ياغاچقا ئېسلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئايالىمدىن ئاجرىشىشىنى ئويلىۋىدىم. يۈرىكىمگە چەكسىز بىر قورقۇنىچ كىرىۋالدى. ئاينۇر بىلەن يارىشىشنى ئويلىۋىدىم. ئۇنىڭغا بولغان گۇمان ۋۇجۇدۇمنى تىتىرەتتى. چۈنكى راستىمنى دىسەم مەن ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنىچ قىلالمايتىم. ئايالىمدىن زادىلا ئاجرىشالمايتىم. ھەم ئۇنىڭ باشقىلار بىلەنمۇ خېلىلا ئىش-پەش تارتىپ يۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرمۇ نەچچە قېتىم ماڭا يەتكەندى. ئەمدى قانداق قىلاي.
مەن قەرىز سورغىدەكلا كشىلەردىن قەرىز سوردىم. ئۇرۇق-تۇققانلىرىم. دوستلىرىم. كۆڭۈل يېقىنلىرىمنىڭ ھەممسىنىڭ ئىشكىگە دوقۇرۇپ يۈردۈم. ئايالىمدىن يوشۇرۇن بانىكىغا قويغان يىگىرمە مىڭ يۈۋەن پۇلنىمۇ ئالىدىم. ئاخرى 50مىڭ يۈۋەننى غەملەپ ئاينۇرنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
-ھەقىقەتەن بەك تىرشتىڭ،-دىدى ئۇ پۇلنى پۈتۈن ئىشقى بىلەن ساناۋىتىپ،-بوپتۇ مۇشۇنىڭغا شۈكىرى قىلاي.
-توختا،-دىدىم. پۇلنى ئۇنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ،-ماڭا ھۆججەت يېزىپ بەر، بۇنىڭدىن كىيىن كۆزۈمگە ئىككىنچىلەپ مېنى ئاۋارە قىلغۇچى بولما،
-ماقۇل،- ئۇ سومكىسىدىن قەغەز قەلەمنى چىقىرىپ چىرايلىق قىلىپ ھۆججەتمۇ يېزىپ بەردى. مەن قارىماققا بۇ ئىشنى ھەل قىلغان بولدۇم. ئەمما ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ يىلغىچە ئەسلىمگەكېلەلمىگۈدەك دەرىجدە ۋەيران بولغاندىم. كۈلكىلىك يېرى ئىشق-مۇھەببەت كەينىگە كىرىپ ئاخىرقى ھېساپتا ئىرىشكىنىم بىر پارچە قۇرۇق ھۆججەت بولغاندى. ھەممە ئىش مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغانلا بولسا نىمە بولسام بولاي دەپ ئارقامغا ياندىم.
ئايالىم بىلەن قايتىدىن بەخىت قوينىغا چۈمگەندەك تۇرمۇشۇمدا ۋاختىنىچە تىنىچلىق پەيدا بولغاندەك بولدى. ئەمما قولدىن كەتكەن 50 مىڭ يۈۋەن كېچىسى ئۇيقۇمنى بۇزسا كۈندۈزى خىياللىرىمنى ئوغىرلاپ قاچتى. ئەمما بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن پۈتۈن مەھەللىدە ئاينۇر ئەلنى 50مىڭغا قويىۋىتىپتۇ دىگەن سۆز-چۆچەكلەر پەيدا بولدى. مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ماڭا گۇمانلىق ھەم يات بىر نەزەردە قارىشاتتى. ئارقامدىن كۇسۇرلىشاتتى. بارا-بارا كوچىغا چىقىشمۇ ھار كېلىدىغان بولدى. خىزمەتتىنمۇ ئىستىپا بېرىپ قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىپ يېتىۋالدىم. ئايالىم گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما قوي كۆزلىرىكى ھەر بىر قاراشلىرى سۇئاللىق ئىدى.
-نىمە كارىڭ،-دىدىم. بىر كۈنى غەزىپىم تېشىپ،- پۇلنى تاپسام مەن تاپتىم. خەجلىسەم مەن خەجلىدىم. قەرىز بولسام مەن بولدۇم. قانداق قىلاتتىڭ،- ئاياللىمنىڭ شۇ كۈندىكى خاتالىقى بىر قەرىز ئىگىسنىڭ پۇل سوراپ ئۆيگە كەلگىنى ئاندىن ئايالىمنىڭ نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى مەندىن سورىغانلىقى ئىدى.  ئايالىم ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپلا قالدى. كۆزلىرىگە شۇنچە قاراپمۇ ھېچقانداق بىر ئىپادىنى بايقىيالمدىم. ئەمما سۈزۈك ئىككى تامچە ياشنىڭ مەڭزىنى بويلاپ پەسكە چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. تاماكا قېپىدىن بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ ئاغزىمغا سېلىپ ئوت تۇتاشتۇردۇم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى چۈشىنىكىسىز ئىپادە ھەيرانلىق ئىپادىسىگە ئالماشتى.
مەن ئىختىيارسىزلا تاماكنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. تاماكىغا ئۈگىنىپ قالغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا چەكمىگەندىم. بۈگۈن قانداقسىگە...
   -مەن سىزنىڭ ئايالىڭىزغۇ، بۇنچىلىك ئىشلارنى بىلىشى ھوقۇقۇم باردۇ؟-بۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن بۇيانقى ئۇنىڭ ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگەن گېپى ئىدى.
-مانا ھەق دىگەن،-يۈزىگە تۇيۇقسىز تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ئۇنىڭ قوي كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. مەن ھېچنىمىنى كۆرمىگەن بولۇپ چاپىنىمنى مۈرەمگە سېلىپ ئۆيدىن يېنىپ چىقىتىم.
مەن شۇ كۈنگە ئۆزۈمگە شۇنداقلا ئۆزنى دوستۇم دەپ يۈرگەن قاسىم، ئەزىز ۋە تۇرسۇنغا لەنەت ئوقۇيمەن. بۇ ئۈچ شەخىس مېنىڭ ھېلىھەممۇ قالايمىقان تۇرغان تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتتى.
-بايۋەتچە نەگە چىقتۇق؟-دىدى قاسىم كوچىدا ئەلەڭ-سەلەڭ كېتىۋاتسام . بۇ زەھەردەك گەپ قىلىدىغان ئاداش بىلەن ئانچە خوشۇم بولمىسىمۇ ئەمما ھازىرقىدەك دەرىت ئېيدىغان ئادەم يوق چاغدا ئۇچراپ قالغنى ياخشى بولدى دەپ ئويلىدىم.
- مۇشۇنداق پىرقىراپ چىقتۇققۇ؟-دىدىم بايىقىن ئارامسسىزلىقىمنى چاندۇرماستىن.
-ئۇنداقتا پىرقىرايدىغان جايغا بېرىپ پىرقىرامدۇق،-دىدى ئەزىز ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ، -سىلەر قانداق؟
-نەگە؟ دىدىم ئۇنىڭ گېپىنى دەماللىققا چۈشەنمەي،
- يۈرىكىڭلار بولسا نەنىلىكىنى سورماي مېڭىڭلار،-دىدى تۇرسۇن،  مەنمۇ نىمشقىدۇر ئارتۇق تالىشىپ ئولتۇرمايلا ئۇلارغا ئەگەشتىم. شۇ ھازىرقى ئىچ-پۇشۇقۇمنى ئازراق بولسىمۇ باسقۇم بار ئىدى.
بىز نەچچە كوچىنى ئايلىنىپلا پىرقىرايدىغان جايغا كېلىپ بولدۇق. بۇ ناھىيە مەركىزىدىكى داڭلىق مۇزىكىلىق ئارامگاھ ئىدى. ئىشك بېشىدىكى ۋىۋىسكىغا يېزىلغان ‹‹ جەننەت مۇزكىلىق ئارامگاھى›› دەپ خەتلەر ۋال-ۋۇل چاقناپ تۇراتتى. مەن كىرىشتىن سەل ئەيمىنىپ قالدىم. بۇ ھالىتمنى سەزگەن قاسىم:
-بايۋەتچە ئەپەندىم، چىقىم بىزدىن ئەنسىرىمەي قەدەم تەشرىپ قىلىۋەرمەملا ،-دىۋىدى گەپمۇ قىلمايلا ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىچىگە كىردىم. بىر بۇلۇڭدىكى ئۈستەلگە ئورۇنلىشىپ تۇرىشىمىزغا مۇزلازىم قىز كەلدى.
-ئۆزۈڭلار بىلىپ بۇيرۇتۇڭلار،-دىدىم ئۇلارنىڭ ماڭا قارىشىپ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ،- مەن بۇيرۇتۇشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.
بىز بۇ يەردە تەخمىنەن ئۈچ سائەتچە ئولتۇرغاندۇق. دەسلەپتە ئىككى -تۆت تال قورۇمىلارنى يىگەن بولدۇق. كىيىن بىر نەچچە رۇمكىدىن ئىچكەن بولدۇق. بىر دەم ئۇسۇل ئوينىغانمۇ بولدۇق. ئاخىرقى ئىلشلارنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. باشقىلارنىڭ مېنى يۆلەپ دىگۈدەك ئېلىپ چىققانلىقىنىلا بىلىمەن. يۈزۈمگە سوغۇق سۇ چېچىلغاندەك بولدى. سەل ئېسىمگە كەلسەم يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتىمىز.
-بايۋەتچە قانداقراق؟-دىدى قاسىم،- ئەمدى ئۆيلىرىمىزگە تارقامدۇق ياكى...
-ئەلۋەتتە ئۆيگە تارقايمىزدە،
-ھەي بالىلار سائەت تېخى ئەمدىلا 11 بوپتۇ دىدى ،-دىدى ئەزىز،- مېنىڭ بۈگۈن بالدۇر قايىتقۇم يوق. بىرەر يەرنى تېىپىپ يەنە بىر دەم ياشىمامدۇق.
-مېنىڭچە قايتايلى،- سەل ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ،-بەك كەچ بولۇپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر....
-ۋاي بولدى قىلغىنە،-دىدى تۇرسۇن،-بىرەر ئاخشام ئۆيدە قونىمغانغا ئايالىڭنى ئوغرى ئەپقاچمايدۇ.
-راست مۇشۇ ھەر كۈنى قېشىغا كىرۋالسا جاھاندا مەنچىلىك ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ تېخى ھەددىدىن ئاشىدۇ ئۇلار،- دىد ئەزىز،
-ھەر راست دەيدۇ،- قوللىدى قالغان ئىككسى . بۇ گەپ بىلەن مېنىڭمۇ مېڭەم قىزىزىپ كەتتى. ئايالىمغا ئۆزۈمنى راسا بىر كۆرسىتپ قويغىم كەلدى.
-ھە، دىيشە بۈگۈن نەدە ياشايمىز. دوزاخقا كىرىشسەڭمۇ يانمايمەن،-دىدىم مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.
-تونۇشقاندىن بىرى تۇنجى قېتىم ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭ،-دىدى تۇرسۇن مەيدەمگە ئۇرۇپ،- ھەقىقى مەيدىسىدە تۈكى بار ئەركەك دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.
دەل شۇ چاغدا قىسقا يوپكا، ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كيىگەن، چاچلىرى مۈرىسىدە ئويناپ تۇرغان، بىر قىز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى.
-ھەي يىگىتلەر ئويناپ كېلەمدۇق؟- بىز بىر -بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپلا قالدۇق. مەن ھېلىقى قىزنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە قېنىق گىرىم قىلىۋالغانلىنى غۇۋا كوچا چىرىغىنىڭ يورۇقىدىمۇ ئېنىق كۆردۈم.
-گەپ قىلمامسىلەر،-دىدى قىز نازلىق قىلىپ،- مېجەزىڭلار بوشمۇ نىمە؟
-مېجەزىمىز خېلى چىڭ،-دىدى قاسىم،- بىراق بىز تۆت سىز يالغۇزكەنسىز، جاپادا قالارسىزمۇ يا؟
-مۇنداق گەپنى قىلمامسز،-دىدى قىز،-ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار مانا ھازىرلار لىكىن. ...
-لىكىن -پىكىننى قويۇپ باشىلىڭە ،-دىدى تۇرسۇن، ئەمما بىز تۆت قاراپ بىر ئىش قىلسىڭىزلا بولىدۇ،
— ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار ،-قىز يېندىن تىلفۇننى چىقىرىپ بىرسىگە تىلفۇن قىلدى،- ۋەي گۈزەل تەييارمۇ سىلەر، تۆت مىھماننى ئېلىپ بارىمەن، تەييار بولۇڭلا،- ئۇ بىزگە قاراپ قويدى.،- بۇلار بەك قىممەتلىك مىھمانلار جۇمۇ.
-ھەي ئاغىنىلەر . مەن بۇنداق ئىشنى قىلمايمەن،-دىدىم تارتىشىپ،-ھەممىمىز ئايالى بار ئادەملەر تۇرۇپ بۇنداق قىلساق مەن كىرمەيمەن بولدى.
-نىمانداق قىلىسەنەي،-دىدى قاسىم،- كۈندە بىر خىل تاماقنى يەلىۋىرىپ زىرىكمىدىڭمۇ؟
-ئۇنداق دىگەن بىلەن ..
--ۋاي ۋۇي بولدى قىلە،-دىدى تۇرسۇن،- ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا، بىر تېتىپ قالسا بۇنىڭدىن كىيىن چىقماي يېتىۋالامسەن تېخى.
-شۇ ئەمەسمۇ ناز قىلىپ،-دىدى ئەزىز
-ئەمسە ماڭامدۇق،-دىدى قىز تولىمۇ سىپايە بىر ئاھاڭدا ، ئۇلار مېنى خۇددى يالىغاندەك ئېلىپ ماڭدى. كتىۋاتىمەن، كاللامدا مىڭ سۇئال، مەسلىكىممۇ يېشىلگەندى. ئايالىمنىڭ سىمايسى كۆز ئالدىمدا ئۇچاتتى. مېنىڭچە بۇ مەنزىرە بىر چۈشكە ئوخشايتى. بىز مېڭىپ بىر قانچە خالتا كوچىدىن ئۆتتۇق. ئاندىن دەرۋازىسى ئانچە چوڭمۇ ئەمەس بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. شۇنچە ئىگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدا قانداقسىگە مۇشۇنداق بىر ئادەتتىكى ئۆينىڭ بولىدىغانلىقىغا ھېچ ئەقلىم يەتمدى. قاسىملار يايمىچىدىن بىر مۇنچە مىۋە-چىۋە ۋە ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى ئېلىۋالغاندى. ھېلىقى قىز دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ تىلفۇنىنى ئېلىپ نۇمۇر باستى. بىر دەمدىن كيىن دەرۋازا ئېچىلدى. بىز چىراق غۇۋا يېنىپ تۇرغان بىر ئۆيگە كىردۇق. بۇ ئۆيدە بىر سەل خام سىمىز، يەنە بىر بوي تۇرقى ئادەتتىكىچە لىكىن چاچلىرى بەلگە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئىككى قىز بار ئىكەن.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-14 18:18:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسەر بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ .
مۇشۇنداق  ئەرلەرنى كۆرسەم  ....
داۋامىنى كۈتىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-15 21:56:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.  ھەقىقەتەن تالانتىڭىز بارئىكەن.  ئاخىرىنى 4 كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. ئىشتىكراق بولۇڭ!
مەن كىم؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.128669 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش