بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 383838 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-8 02:03
ئەسلى بۇنداق تېمىنى قەتئىي يازماي دېۋىدىم، ئويلاپ باقسام يەنىلا شەخسىيەتچىلىك قىلسام بولمىغۇدەك... بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئىنى - سىڭىللىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن، دېدىم... شۇنداقتىمۇ، تېما يېزىش خۇش ياقماي مەكتىپىمىزنىڭ «بۇلاق كۆلى ياشلىرى» ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىن تېرىپ - تۆشۈپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. شۇڭا، ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئاي بۇرۇن ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ سايلاپ چىقارغان ئۆلكە بويىچە ئالدىنقى بەش مەكتىپىنىڭ رەت تەرتىپىنى دەپ ئۆتكۈم كېلىپ قالدى...
1. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (211 قۇرۇلۇشى، غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى نۇقتىلىق مەكتەپ)
2. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى (211 قۇرۇلۇشى)
3. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى ئالدىنقى قاتاردا، كېلىپ چىقىشى ئەسلىدىكى شىنجاڭ بىرىنچى ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى)
4. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى
5. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (پىداگوگ پەنلىرى ئالدىنقى قاتاردا)
ئەمسە تەرجىمەمنى باشلاپ كەتتىم، زېرىكىپ كەتسەڭلار مەندىن كۆرمەڭلار - ھە... ئۆزۈم يازمىغانكىن سەل زېرىكىشلىك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن... ھى...ھى... ھى..
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭكەن، ئايلىنىپ كەلگۈم بار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىللە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقۇم بار. ئىللىق قۇياش نۇرىدا، كۆپكۆك ئاسمانغا دۆلەت شېئىرىگە ئەگىشىپ لەپىلدەپ چىقىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرگەندىكى ھېسسىيات چوقۇم ئاجايىپ ئىپتىخار ۋە ھاياجانغا تولغان بولىدۇ... (كەچۈر قىز ئۆزىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بۇ مەنزىرىنى)
سىز بىلەن بىللە مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلانسام، بېشىمىزنى كۆتۈرسەكلا كۆز يەتكۈسىز ئاسمان... ئۇ خىل تۇيغۇ چوقۇم بەك گۈزەل
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىللە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ تورۇسىدىن كۆككە قارىساق... سىزنى بۇلاق كۆلى بويىغا ئەكىلىشىم تۇرغانلا گەپ. دېڭىز سۈيىدەكلا كۆرۈنىدىغان كۆل سۈيى شامالنىڭ سىلىشى ئاستىدا كۆۋەجەيدۇ كۆل بويىدىكى ئورۇندۇقلاردا، راۋاقلاردا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىمىز، چاقچاقلىشىمىز، رەسىملەرگە چۈشىمىز... ھاۋا ئىللىغانلاردا بۇ يەردىكى ياۋا غاز، بېلىقلارغا يەم بېرىمىز... (گەپ بولدىدە بۇمۇ) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىللە مەكتەپ تەنتەربىيە سارىيى ۋە تەنھەرىكەت مەيدانىغا بارغۇم بار... مەيداندا ئادەم قالمىغاندا، كەچكى شەپەق نۇرىدىن ھۇزۇرلانغاچ سىز بىلەن مەيداننى ئاستا چۆگىلىسەم... سىز بىلەن بىللە بويالغان تام تۈۋىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كەتسەم... شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىللە كۇلۇب ئىچىدىكى چوڭ سەھنىدە قويۇلغان ھەرخىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنى بىللە كۆرسەم... شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىللە مەكتەپ تارىخىي مۇزىيىغا كىرسەم. بۇ سىرلىق يەردە، يۇمشاق گېلەملەرنى دەسسىگىنىمىزچە مېڭىپ، يىللارنىڭ قوينىغا سىڭسەك، مەكتەپنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى، بىردىنبىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساق...
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، سىز بىلەن بىللە مەكتەپ كۇتۇبخانىسىغا كېلىپ بىللە ئۆگىنىش قىلسام... (سۈرەتتىكىسى يان ئىشىكى، ئالدى ئىشىكىنىڭ رەسىمىنى چىقارمىغان ئوخشايدۇ) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، گۈزەل ئاپرېلدا گۈللەر چېچەكلىگەندە سىز بىلەن بىللە تەبىئەتنىڭ بۇ نادىر ئەسىرىدىن لەززەتلەنسەم.... شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، مەكتەپنىڭ خالىغان بىر يېرىدە سىز بىلەن بىردەملا ئولتۇرسام، چوقۇم ئۆزگىچە كىشىلەر، ئۆزگىچە ھېكايىلەردىن بىرمۇنچىنى ئۇچرىتالايمىز... شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بەكلا چوڭ، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز كېلىڭ، مەن ساياھەت يېتەكچىسى بولاي... (بۇ ئۆزەمنىڭ قوشۇۋالغان گېپىم يالغانلاتىنلام)
_____________ پۈتۈن ماقالىدىكى رەسىملەر ئاساسلىقى مەركىزىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئىكەن، شىمالىي ۋە جەنۇبىي مەكتەپ رايونىنىڭكىدىن ئايرىم - ئايرىم بىر پارچە باردەك ھېس قىلدىم... ئەڭ ئاخىرىدىكى رەسىم شىمالىي مەكتەپ رايونى ئىچىدىكى يەسلى... ماقالىلەر بەك كۆپ ئىكەنتۇق، تەرجىمە قىلىش خۇش ياقمىدى.... (رەسىملەر كۆرۈنمەي قالغان بولسا، تەستىقلىماي شۇ پېتى قويۇپ قويساڭلار كەچلىكى ئوڭشىۋېتىمەن)
|