ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

موللا تاپقاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا


موللا تاپقاق
ھېكايە




بۇ ئىدارىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يۇنۇسنى موللا تاپقاق دىيشەتتى. ئەلۋەتتە بۇ لەقەمگە ئەلۋەتتە بۇ لەقەمگە ئازراق كىنايە ئارلىشىپ قالغانلىقنى يۇنۇسنىڭ ئۆزىمۇ بىلەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىش قىلىش پىرىنسىپ ‹‹خەق نىمە دىسە دەۋەرسۇن، ئۆز ئىشىڭغا پۇختا بول›› بولغاچقا باشقىلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا نىمىلەرنى دىيىشسۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى.
يۇنۇس ئىدارە باشلىقىنىڭ كاتىپى بولۇپ ئۇ ئىشخانىدىكى ئىشلارنى رەت-رېتى بىلەن دەل جايىدا ئورۇنلىغاندىن باشقا يەنە ئىدارە باشلىقىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. مەسىلەن ئەگە باشلىقى بىرلا قېتىم يۆتلىپ قويسىلا ئۇ دەرھال بىر قۇتا زۇكام دورسىنى باشلىقنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قوياتتى. ئەگەر باشلىقى شۇنداقلا سائىتىگە قاراپ قويسا ئۇ دەرھال شوپۇرغا تىلفۇن قىلىپ ئۇنى ماشىنىنى تەق قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتى. باشلىق ئىشلەۋىتىپ چېكىسىنى ئۇۋلاپ ئەسنىسە ئۇ ئىشخانىنىڭ ئىشكى ئالىدىغا بىر ئورۇندۇقنى قويۇپ ئولتۇرېلىپ باشلىقنى ئىزدەپ كەلگەنلەرگە‹‹ باشلىققا دەخلى قىلماڭلار ئۇ ھازىر جىددى بىر ئىشنى ھەل قىلىۋاتىدۇ›› دەيتى. باشقا خادىملا ئامالسىز خېلى ئۇزۇن ساقلاشقا مەجبۇر بولاتتى. شوڭىلاشقىمۇ ئۇلار يۇنۇسقا ‹‹موللا تاپقاق ››دىگەن لەقەمنى سوۋغا قىلىشقان.
بۇ ئىدارىدىكى ھېچكىم يۇنۇسنىڭ بىرەر كۈنمۇ قاپىقىنى سېلىپ ئىشقا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغاندى. ئۇ قاچانلا قارىسا شۇنداق خۇشخۇي، تىتىك كۆرۈنەتتى. بولۇپمۇ باشلىقىنى كۆرگەندە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. باشلىقى ئىش تاپشۇرسا خۇددى قۇماندان ئالدىدىكى ئەسكەردەك تىك تۇراتتى. ئىشنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندا ئۇجۇر-بۇجۇرگىچە تولۇق چۈشەندۈرۈپ باشلىققا سۇئال سورغىدەكمۇ ئورۇن قالدۇرمايتى.
تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ توققۇزى تەل بولمايدۇ. دىگەندەك يۇنۇسنىڭمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلار بار ئىدى. بۇ قايسى ئىش دىگەندە ئۇ باشلىقىغا شۇنچە سادىقلىق بىلەن جان پىدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ نىمىشقىدۇر باشلىقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە خوشى يوقتەك كۆرىنەتتى. ئۇ بۇ ئىدارىگە كەلگىلى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئەمما باشلىق بىرەر-قېتىممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلاشقىنى يوق. پەقەت ئاندا-ساندا ئۇنىڭ بەزىبىر شەخسى ئىشلىرىنى سوراپ قوياتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ ئانسى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. باشلىق بۇنى بىلگەندىن كىيىن ‹‹ ئۆيگە قايتىپ ئانىڭىزغا بىر نەچچە كۈن قاراڭ››دەپ ئۇنىڭ ئۇرۇپ قويىۋىدى ئۇ مەسىتخۇشلۇقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدى. ئۇ مۈرىسىگە بىر ئادەتتىكى قول ئەمەس بەلكى بەخىت قۇشى قونغاندەك ھەتتا مۈرىسى بىردىنلا يەڭگىللەپ كەتكەندەك ھېس قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئېغىزغا ئالغىدەك ئىش يوق. باشلىق قاچانلا قارىسا ئالدىراش ھەم ھارغىن يۈرەتتى. يۇنۇسقىلا ئەمەس ئىداردىكىك باشقا خىزمەتچىلەرگىمۇ شۇنداق سۈرلۈك ۋە سوغۇق بىر تۇيغۇ بېرەتتى. ئەمما يۇنۇسنىڭ كۈتكىنى بۇ ئەمەس، مۆمكىن بولسا باشلىقى ئۇنىڭغا قېرىنداشلاردەك مۇئامىلە قىلسا ئىشخانىدا كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئازادە خىزمەت قىلسا، مۆمكىن بولسا بارىدىغان تۇرىدىغان يەرلىرىگىمۇ ئانچە-مۇنچە ھايىت دەۋەتسە ئۇنىڭ نىمىسى كەملەپ كېتەتتى. ئەمما بۇ يۇنۇس ئۈچۈن چوڭ بىر ئىناۋەت ئىدى-دە. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ ئىدارىدە ئۇنىڭغا موللا تاپقاق دەپ لەقەم قويىۋالغان ئاشۇ ئىچى تار خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەسەتتىن ئىچىلىرى ئېچىشىپ، قان قۇسۇپ ئۆلمەمتى. جەمئىيەتتىكى ئۇنى ‹‹قولىدىن خۇشامەتتىن باشقا ئىش كەلمەيدىغان ئاقماس››دەپ يۈرىيدىغان تونۇش دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ شۇنچە چوڭ بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى بىلەن بىللە يۈرگىنىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ياقسىنى تۇتۇشمامتى؟
ھە دىسە ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشىپ،ياقسىغا ئېسلىپ يۈزلىرىنى مورلاپ جېنىغا تېگىدىغان ھازازۇل خوتۇنىچۇ تېخى...
مانا بۇ ئىشلارنى ئويلىسىلا يۇنۇسنىڭ سېرىق چىرايى تېخىمۇ سارغىيىپ، ۋىجىك بويى تېخىمۇ ئىنچىكلەپ، يۇمۇق كۆزى تېخىمۇ قىسىلىپ كېتەتتى. ئەمما ئۇ ئىچىدىكى بۇ ئەلەملىرىنى ئەزەلدىن ھېچكىمگە ئېيتىپ باققان ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ھازىرقى جەمئىيەتتە دوست-بۇرادەر دىگەنگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنى سېنى دوستۇم دەپ تۇرۇپ سىرىڭنى ئېلىۋىلىپ ئەتىسىلا بەش تەڭگىگە ساتىدىغانلار سامان نەرقى.
مانا بۈگۈنمۇ ئىدارە باشلىقى ئىشقا كېلىپلا ئۇنىڭ بىلەن كۈندىكىدەكلا تىنىچ –ئامانلىق سورىشىۋەتكەندىن كىيىن ئىشقا چۈشۈپ كەتتى. بىر نەچچە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا يۇنۇسقا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باققىنى يوق. شۇ تاپتا يۇنۇسنىڭ ئىچى سىقىلىپ ئۆلەي دەۋاتقانلىقىدىن ئۇ زادىلا خەۋەرسىز ئىدى.
‹‹ ھەي . ئۇنىڭمۇ يۈكى ئېغىر ››دەپ ئويلىدى يۇنۇس ‹‹ مۇشۇنداق چوڭ بىر ئىدارىنى باشقۇرماق ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس، ئادەم بولغاندىكىن ئۇمۇ چارچايدىغاندۇ؟ ›› يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ چايداندىن بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ باشلىقنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قويدى. باشلىق بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىپادىسز بىر ھالەتتە ‹‹ رەھمەت›› دەپ قويۇپ يەنە ماتىريال دۆۋىسگە چۆكتى.
سائەت ئون بىر يېرىم بولدى. باشلىق سائىتىگە قارىۋىتىپ ئورنىدىن تۇردى. بۇ چاغدا يۇنۇس ئالددىكى بىر جەدۋەلگە بىر نىمىلەرنى يېزىۋاتاتتى. ئۇ بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ باشلىقنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-بۈگۈن چۈشتىن كىيىن دادام دوختۇرخانىدىن چىقماقچىتى،-دىدى ئىدارە باشلىقى،- شوڭا چۈشتىن كيىىن ئىشقا كېلەلەمدىم يوق بىلمەيمەن. شوڭا چۈشتىن كىيىن جىددى ئىشلار بولسا تىلفۇن قىلىپ خەۋەردار قىلارسىز، باشقا ئىشلارنى ئۆزىڭىز بىلىپ بىر ئىش قىلىڭ.
-بولىدۇ. سىز خاتىرجەم بېرىۋىرىڭ،-دىدى يۇنۇس،-قالدى ئىشلارغا مەن بار.
باشلىق گۈس-گۈس مېڭىپ چىقىپ كەتتى. يۇنۇس بولسا خىيالغا پاتقاندى. ‹‹ئەجەپ باشلىقنىڭ دادىسى ئاغرىپ قالغانلىقىدىن بىخەۋەر قاپتىمەنغۇ، بۇرۇنراق بىلگەن بولسام بىرەر قېتىم يوقلاپ كېلىدىغان يولۇم بار ئەمەسمدى، ھېلىھەممۇ كېچىكمىگەندىمەن؟››
ئۇ خىيالىنى تىزلا تىزلا يىغىشتۇرۇپ قولىغا تىلفۇننى خوتۇنىغا تىلفۇن قىلدى:  
-خوتۇن. يوقلىمىسام بولمايدىغان بىر كېسەل باتى. مېنىڭ بىر نەرسە ئالغىلى ۋاختىم يەتمەيدۇ. چۈشتىمۇ دەم ئالماي ئىشلەيمەن. چۈشتىن كىيىنمۇ ئىدارىدە تۇرمىسام بولمايدۇ. باشلىق يوق. شوڭا ماڭا بىر كېسەل يوقلاشقا كېتەرلىك نەرسىلەر ئەكىلىپ بەرگەن بولساڭ.
-يوقلايدىغان ئادىمىڭىز ئەرمۇ ، ئايالمۇ، ياشمۇ ، قېرىمۇ  دىمىسىڭىز مەن نىمە ئېلىشىمنى قانداق بىلىمەن،-دىدى ئايالى جاۋۇلداپ
-ھە، ئۇ ئاتمىش ياشلاردىن ئاشقان ئەر كىشى،-دىدى يۇنۇس،-سەن ئەقىللىق خوتۇن بولغاندىكىن قاراپ بىر ئىش قىلارسەن ئەمسە،
خوتۇنى ‹‹ ماقۇل ئوبدان سوۋغات تەييارلايمەن›› دەپ قويۇپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.
كەچتە يۇنۇس ئىشتىن چۈشۈپ ئىدارىنىڭ ئالدىغا چقىشىغىلا ساقلاپ تۇرغاندەك ئايالى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ قولىدا ئەپچىل بىريالتىراق سومكا بولۇپ ئىچىدە كىيىم باردەك قىلاتتى.
-نىمە ئالدىڭىز،-سوردى يۇنۇس
-ئۇخلاش كيىمى،-دىدى ئايالى،-ئەڭ ياخشسى دەڭە چەتنىڭ تېخى...
-كېسەل كىشىگە ئۇخلاش كىيىمى ....
-ھازىر دىگەن مىۋە-چىۋە، گۆش-پۆش دىگەنلەرنى ھېچكىم كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. بۇ كىيىم دىگەن شۇنداق راھەت دەڭە. ھېلىقى بىمارىڭىز ھەر ئاخشىمى كىيىپ ئۇخلىسا سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە بارىكاللا ئيتىماي قويمايدۇ.
- ھە ياخشى قىپسەن. ئەقىللىق خوتۇن-دە،-دىدى يۇنۇس،-مەن بېرىپ كېلەي ئەمسە،بولمىسا بىللە بارامدۇق-يا؟
-ھە، ياق بولدى-دىدى ئايالى،-يەنىلا ئۆزىڭىز بېرىڭ، مەن ئۆيگە قايىتقاچ تۇراي،
‹‹ ھىم . ئاخشامقى ئاچچىقىڭ تېخى يانماپتۇ-دە. بوپتۇ. سەن باتناپ يۈرىۋەر، كىمدىن كىم قورقىدىكىن››
-مەيلى ئەمسە،مەنمۇ بەك كەچ قالمايلا بارىمەن،- يۇنۇس باشلىقنىڭ ئۆيىگە ماڭدى. ئەمما ئۇ ئايالىنىڭ سوغۇق كۈلكسى ئاسىتىدىكى  نەپرەتلىك بىر ئۇچقۇننى بايقىمدى.
ئۇ بارغان چاغدا باشلىقى يوق بولۇپ ئىدى. ئۇ باشلىققا ئۇدۇل بولمايلا بۇ ئىشنى تۈگەتكىنىدىن خۇش بولدى. ئەگەر باشلق بولغان بولسا ئۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولاتتى.
ئۇ ئانچە ئۇزۇن ئولتۇرمايلا يېنىپ چىقتى. ئەمدى بۇ مۇيسىپىت باشلىققا ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ قويسا ئىش پۈتتى دىگەن گەپ . ‹‹ بۇ ئىشتا ئايالىم ئەقىلىنى ئشىلىتپ سوۋغاتنى ياخشى تاللدى. ئەمدى بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياخشى بىر ئېلىپ قوياي. بولمىسا بىر ھەپتىگىچە ماڭا چىراي ئاچمايدۇ ئۇ›› دەپ ئويلىدى يۇنۇس ئۆيگە كېتىۋىتپ.
ئەتىسى يۇنۇس ناھايتى روھلۇق ھالدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ ئىشقا كەلگەندە سۇۋادان تىرەكتەك قاۋۇل دەرۋازىۋەن ئۇنى ئىشكىتىن كىرگۈزمىدى.
-مەن دىگەن يۇنۇس ،-دىدى يۇنۇس قەھرى بىلەن شالىنى چېچىپ،-كۆرمەيۋاتامسەن، مەن دىگەن ئىدارە باشلىقىنىڭ كاتىۋى. مېنى كىرگۈزمەيدىغانغا سېنىڭ بېشىڭ ئونمىدى.
-ياق مېنىڭ مۇشۇ بىرلا بېشىم بار،-دىدى دەرۋازىۋەن،-تەمكىنلىك بىلەن،-سېنى دەرۋازىدىن كىرگۈزمەسلىك ئىدارە باشلىقىنىڭ تاپشۇرقى. مەندە ئامال يوق.
-مۆمكىن ئەمەس،-دىدى يۇنۇس ئەزۋەيلەپ،- بۇ قانداقمۇ مۆمكىن بولسۇن. مەن ئىدارە باشلىقى بىلەن كۆرىشىمەن. مېنى توسىۋالغىنىڭ ئۈچۈن كۆرگۈلۈڭنى كۆرسىتىمەن تېخى.
-ئىدارە باشلىقى ھازىرمۇ ئىچىدە،-دىدى دەرۋازىۋەن،-ئۇ سېنى كىرگۈزمەسلىكىمنى ئالاھىدە جىكلىگەن. بولمىسا ئۆزۈڭ تىلفۇن قىلمامسەن؟
-ھە راست، خەپ توختاپ تۇر، ھېلى كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن،-يۇنۇس شۇنداق دەپ يېنىدىن تىلفۇنىنى چىقىرىپ باشلىقنىڭ نۇمۇرىنى باستى. تىلفۇن ئۇلاندى-يۇ ئەمما ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. بىر نەچچە قېتىم ئۇرىۋىدى. يەنە ھېچكىم ئالمىدى. توختىماي ئۇرۋەرگەندى. ‹‹ سىز ئۇرغان ئابونىت سۆزلىشىۋاتىدۇ›› دىدى . دىمەك ئۇنىڭ نومىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىلگەندى.
بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ۋاۋاڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ ئىشقا كىلىۋاتقان باشقا خىزمەتچىلەرمۇ دەرۋازا ئالدىغا يىغىلىشقا باشلىغاندى.
-يامانكەنسەن،-دىدى يۇنۇس ئاخىرى يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ،-ھازىر ئادەم كۆپ ساڭا گەپ قىلمايمەن. ئەمما كىيىن بىلىپ قالسىەن كىملىكىمنى،- ئۇ سۆزلىگەچ ئارقسىغا ياندى. شۇ تاپتا ئۇ يا يىغلىشىنى، يا غەزەپلىنىشىنى بىلمەيتى. قايسى ئىشنى خاتا قىلغىنىنى تېخى بىلمەيتى.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى. يۇنۇس ئىدارىغا بىر نەچچە قېتىم بارغان بولسىمۇ يەنىلا دەرۋازىۋەن تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى. يا باشلىق بىلەن بىرەر قېتىم ئۇچرىشىشى پۇرسىتى بولمىدى. ئۇ ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىرى ھېلىقى كۈنى ئايالى ئالغان سوۋغاتنىڭ سەۋەبىدىن مۇشۇ ئىش چىققانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمما سوراي دىسە تۈنۈگۈن ئايالى بىلەن يەنە مۇشلىشىپ ئايالى قېينئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەندى. ئۇنىڭ بېشى ئوبدانلا قاتتى.
-ئاداش نىمە بولۇپ كەتتى،- دەپ سوردى بىر كۈنى ئۇ ئىدارىدىكى كۆڭلى يېقىن بىرىدىن.
-ھېلىقى كۈنى باشلىقنىڭ دادسىنى يوقلاپ بارغانمدىڭلار،-دەپ سوردى تونۇشى.
-ھەئە نىمە بولدى؟
-قانداق سوۋغا-سالام بىلەن بارغان؟
-ئۇخلاش كىيىمىغۇ دەيمەن،-دىدى يۇنۇس بېشىنى قاشلاپ.
-ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئالغانمۇ ياكى باشقىلارغا ئالغۇزغانمۇ؟
-ئايانىمىكەن؟-دىدى يۇنۇس بىردىنلا ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ.
-تەييار كېپەنلىككەن،-دىدى ئاغىنسى
-بۇلىمغا ئالغۇزغان قانداق؟-دىدى يۇنۇس چۈشەنمەي ،-نىمە بولدى؟
- قارىغاندا ئايالىڭلار ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ. سىلەرنىڭ ئېلىپ بارغىنىڭلار ...
- مۆمكىن ئەمەس،-دىدى يۇنۇس كۆزلىرىنى ئەلەڭ-سەلەڭ قىلىپ،-بۇ قانداقسىگە
-راست شۇنداق،-دىدى ئاغىنىسى،- باشلىقنىڭ دادىسى سوۋغاتنى كۆرۈپ ‹‹ئۇ مېنىڭ ئۆلۈممنى تىلىگىدەك مەن ئۇنىڭغا نىمە قىلغان ››دەپ خاپا بولۇپ يەنە دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتىمىش.

-ھە. ئەمدى بىلدىم،-دىدى يۇنۇس بېشىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ،-ئەسلىدە ئىشنى بۇزغان خوتۇن دىگەن گۇي ...مەن.. سېنى ...ھەي.. .
بىردىنلا ئاسمان چۆرگىلەپ زىمىن ئاستىن-ئۈستۈن بولغاندەك بولدى. يۇنۇسنىڭ پۇت-قوللىرى بوشىشىپ لوڭڭىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
2017-يىل 30-يانۋار . ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-2-13 19:36:28 | ئايرىم كۆرۈش
توۋا  ، دۇنيادا  مۇشۇنداقمۇ  ئەقىلسىزلىك قىلغان بارمۇ ؟  ھىچ بولمىسا ئىچىپ قاراپ باققۇلۇق ئەمەسمۇ ؟
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-2-25 18:41:34 | ئايرىم كۆرۈش
بولۇپمۇ ئايالى بەك ناچاركەن،ئېرىئىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرگەن ئايال ئايال بولامدۇ،بەلكى بىر چايان
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:26 , Processed in 0.131576 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش