ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!
جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا كىشىلەرنىڭ ساپاسى، ئىجادىي تەپەككۈرى ئېشىپ، زور بولغان ئىجدىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈردى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇغۇچى تورىمىز ھەرۋاقىت يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي،مول ئىجادىي تەپەككۈرگە ئىگە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، ئىجدىمائىي پائالىيەت..... قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە جەھەتتىن يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچماقچى.
ئالىي مەكتەپ ھاياتى بولسا، ئۆمۈر خاتىرىلىرىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل بەتلەرنىڭ يارقىن سىماسىدۇر ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن سىرت ئىجدىمائى ئالاقە مۇناسىۋىتى، كارخانا مەدىنيىتىنى چۈشىنىش، سودا-ئالاقە مۇناسىۋىتى، مەدەنىيەت ساھەلىرى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئىجرائىيە ئىقتىدارى، ئۇچۇر ئىگەللەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئويلىغان پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق خىلمۇ-خىل كەسىپ ۋە خىزمەت ئىھتىياجلىرىنى ،ۋە غايىلىرىنى ئەمەلىي تەجرىبە، بىۋاستە ئۇچرىشىش قاتارلىق ئامىللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن كېيىن ،ھەر بىرەيلەن جەمىيەتكە قەدەم قويۇپ،ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن ھەرقايسى كەسىپلەرگە بولغان تونۇشى ئارقىلىق نىشاننى بېكىتىش ۋە ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش، خىزمەتكە كىرىشكەندىن كېيىن مول ساپاغا ئىگە، مەكتەپتە ئۈگەنگەن نەزىرىيەنى ئەمەليەتكە بىرلەشتۈرۈپ، جەمىيەتكە تۇرمۇشقا دادىل قەدەم تاشلاشنى ھەممە ئوقۇغۇچى ئويلايدۇ ،ئەلۋەتتە!
بۇ قىتىمقى يىڭى تۈر بولسا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ۋە ئوقۇۋاتقان كەسپىدىن باشقا كەسىپلەردىمۇ مۇۋاپىق يىتەكلەش ئىلىپ بىرىش قاتارلىقلارنى مەخسەت قىلىدۇ .
سىز ئائىلىڭىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى چوقۇم ئويلىدىڭىز ، بەلكىم ئىشمۇ ئىزدىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن ، شەنبە - يەكشەنبىلىك ئىشلارنى سىز ئاسانلىقچە تىپىپ بولالماي بۇ گۈزەل ئارزۇيىڭىز رىئاللىققا ئايلىنالمىدى، سىز ھەرگىز بوشاشماڭ .
سىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىن باشقا چاغلاردا قوشۇمچە ( بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ، تەكشىلىكتە ئىلان لاھىيلەش ، فوتۇگرافلىق ... قاتارلىق بىر تۈركۈم شەخىسلەر تەرىپىدىن ئۈگۈنۈشكە بولىدىغان بىلىملەر ) ئۈگۈنۈشكە قىزىقىسىز . لىكىن بۇنداق پۇرسەتنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتىسىز ، كىمدىن ئۈگۈنۈشنى بىلمەيسىز .
يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلۇڭ بىز بىر توپ بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن سىزگە ۋاكالىتەن ئىشلىرىڭىزنى ھەل قىلىپ بىرىشكە تىرىشىمىز ، ئوقۇغۇچى تورىمىز ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايدۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك تىۋىشلىرىنى جەمىيەتكە ئاشكارلايدۇ . تور بىكىتىمىز جەمىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرىقى شارائىتلارنى سىزگە ھازىرلاپ بىرىشكە تىرىشىدۇ . بۇ ئۇچۇر داۋاملىق كۈچكە ئىگە ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ۋە تورداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
تىزىملىتىش تىلفۇن نۇمرى : 13095012997
ئۈندىدار : kaherjon
ئوقۇغۇچى تورى مۇلازىمەت ئىشخانىسى
2015.6.10
|