ئۇنتۇپ كەتتىم
1
قىپقىزىل ئۈمىدتەك يارقىن قاراشلىرىڭنى
تال تال كىرپىكلىرىڭگە ئوخشايدىغان مەغرۇر قەدەملىرىڭنى
مېنى مەن كۆرۈپ باقمىغان نەرگىز گۈلىگە ئوخشىتىدىغىنىڭنى
ماڭا ئامراقلىقىڭنى
ئەيىبلىرىم بىلەن قوشۇپ سۆيگەنلىرىڭنى
كېچىكىپ قالغان كۆزلىرىمدە
قايتا كۈلمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ كەتتىم
2
پەقەت ئېسىمدە يوق …
تەگسىز كىچىلەردە دىلغۇل لەۋلىرىمىزنى يېقىشقانلىرىمىز
سۆيۈشلەردىن تىتىرەپ ،تىتىرەشلەردىن تېڭىرقىغانلىرىمىز
ھېچكىم يوق
تۇمان بىلەن سەن
قۇلۋاق بىلەن مەن
قىلمۇ سىغالمىغۇدەك
گىرەلەشكەن تەن
ئىككى كىشىلىك دۇنيالىرىمىز
3
راستىنلا ئۇنتۇپ كەتتىم
ئىسىمدە قالماپتۇ
كەلگۈسىگە ئاسقان ئارزۇلىرىمىز
بىللە ياشىماقچى بولغان ئىسسىق ئۆيىمىز
تىرامۋايغا ئولتۇرۇپ بىللە ئىشقا بېرىپ بىللە قايىتماقچى بولغانلىرىمىز
سەن قورۇما قورۇپ مەن خېمىر يۇغۇرۇپ لەغمەن ئىتىپ يىمەكچى بولغىنىمىز
ساڭا بۈدەرچاچلىق ئوماق بىر قىز تۇغۇپ بەرمەكچى بولغىنىم …
4
ئۇنتۇپ كەتتىم
سېنىڭ يوللىرىڭغا قارايدىغان كۆزلىرىمنى
ھېلىھەم ترامۋاي بېكىتىدە مېنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىڭنى
بېكەتتە ئىككى تەرەپتىن ئېتىلىپ كىلىپ بىر بىرىمىزنى مەھكەم قۇچاقلاشتۇرىدىغان خائىن خىياللىرىمنى
پەقەتلا ئۇنۇتتۇم…راستىنلا ئۇنتۇپ كەتتىم
…………
ھە راست قىزىمىزنىڭ ئىسمىنى سەمەندەر قويساق بولغىدەك
بۇ ئىسىمنى سېنىڭ ئىسمىڭغا يېقىن قىلىپ ئاخشام ئويلاپ تاپتىم.
2015-يىلى11-ئاينىڭ15-كۈنى
قال دېدى تەڭرى
دېدىم مەن خەيرى-خوش،خۇش قال ئىستانبۇل ،
باغرىڭنى ئاچ ماڭا تارىم، خانتەڭرى …
لېكىن كېتىشكە بەرمىدى ھېچ يول،
قال دېدى تەڭرى قال دېدى تەڭرى.
سۆيگۈڭنى ئىستىسەڭ ئىستانبۇلدا سەن ،
بەختىڭنى ئىستىسەڭ ئىستانبۇلدا سەن ،
ئەسلىڭنى ئىستىسەڭ ئىستانبۇلدا سەن ،
قال دېدى تەڭرى …قال دېدى تەڭرى.
مەن دېدىم بەك كىچىك ئۈمىد بەك كىچىك ،
ئۇدېدى بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى كەڭرى .
ئىشىق-سەن تېخى كەچمىگەن كېچىك ،
قال دېدى تەڭرى …قال دېدى تەڭرى .
مەن دېدىم بۇ يەردىن نىمە تاپارمەن،
بەلكى نەپسىم دەپ تىنماي چاپارمەن.
سۆيگۈدىن بىر گۈزەل ھايات بېرەرمەن،
ئال دېدى تەڭرى …قال دېدى تەڭرى.
بىر غېرىپ ئاشىقنى سېغىنمىسۇن دەپ،
مەشۇقنى ئۆزگىگە بېقىنمىسۇن دەپ ،
مۇھەببەت بەردىمغۇ يەنە نە تەلەپ ،
كەتمەكچى بولغىنىڭ ئەمدى نە سەۋەپ؟
مەن دېدىم ئاتامنى ئانامنى دەرمەن ،
ھەر دەقىق ئۇلارنىڭ غېمىنى يەرمەن.
ۋەتەننى سۆيگۈدىن ئەلا دەپ تۇرۇپ ،
بۇ يات تۇپراقتا قانداق ئۈنەرمەن؟
ئۇ دېدى ئاتاڭنى پەرىشتەم تاپار ،
خالىسام يۇرتۇڭنى قۇم تۇپراق ياپار،
ھامىنى سەن ئۇنى ئۇ سېنى تاپار ،
قال دېدى تەڭرى …قال دېدى تەڭرى.
ئېھتىمال كەتكىنىم كەتمىگىنىمدۇر،
ئاشىققا بۇ ئالەم بولغانمۇ كەڭرى ؟
مەن دېدىم كېتىمەن،كېتىمەن چوقۇم،
قال دېدى تەڭرى …قال دېدى تەڭرى…
جۈمەنىڭ دۇئاسى
جۈمەنىڭ دۇئاسى-
پەيشەنبە كېچىنى ئۇخلىماي تاڭ ئاتتۇرغان ئايالنىڭ ھۆل چاچلىرىدىن سارقىغان مىننەتدارلىق يېشىدۇر.
ئۇ ئېرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ
ساقلىق تىلەيدۇ
ئۇ دەيدۇ:
تاغلىرى ئىگىز بولسۇن
دەريالىرى ئۇلۇغ بولسۇن
كۈچلۈك بىلىكى
مەزمۇت پۇتلىرى
قۇۋۋەتلىك تېنى
بىنەم يەرلەرنى قىلسۇن شودىگەر
ھەر كۈنى
ھەر كۈنى
ئېتىزلاردا قاينىسۇن ئەمگەك!...
مەنمۇ كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ سېنى ئويلاپ چىقىمەن
ياشلىرىم نەمدىگەن ھۆل چاچلىرىمنى تارايمەن
يۈزۈمنى سەن تەرەپكە قارىتىپ
دۇئا قىلىمەن:
مەن تۇتىدىغان قوللىرىڭنى ھېچكىم تۇتمىغاي
مەن باقىدىغان كۆزلىرىڭگە ھېچكىم باقمىغاي
باشقا ئوچاقتا ئوتۇڭ يانمىغاي
باشقا ئېرىقتا سۈيۈڭ ئاقمىغاي.
مەنسىز قورسىقىڭ توق، كىيىمىڭ پۈتۈن بولمىغاي
مەنسىز قازىنىڭدا ئاش، موراڭدا تۈتۈن بولمىغاي...
يېنىمغا كەلگەنگە قەدەر
كور بولغايسەن
گاس بولغايسەن
گاچا بولغايسەن
توكۇر بولغايسەن
ئۇ يەردىمۇ بولمىغايسەن
بۇ يەردىمۇ بولمىغايسەن
بولمىغايسەن
بولمىغايسەن
يېنىمغا كېلىپ بولغايسەن
قانداق بولساڭ...
ئاندىن
تەڭرىگە دەيمەن:
تەڭرىم، ئۇنى ماڭا بەر
يا مېنى ئۇنىڭدىن ئال
ئارىدا
ئىككى ياقتىن كېلىپ
بىر- بىرىمىزدىن سانسىز قېتىم ئۆتۈپ كەتتۇق
ھېرىپ كەتتۇق
ھېرىپ كەتتۇق...
2016-يىلى3-ئاينىڭ25-كۈنى
مەن تۇغۇلغان كۈن
كېچىنىڭ ئىسمى قارا
كۈندۈزنىڭ باغرى يارا،
كۈننىڭ باغرى تاش
ئاينىڭ كۆزى ياش…
مانا بۇ-مەن تۇغۇلغان كۈن!
تاغنىڭ ئىسمى ئاھۇ
چۆلنىڭ پەريادى ياھۇ،
گۈلنىڭ بەرگى قان
بۇلبۇلنىڭ كۆڭلى سەرگەردان…
مانا بۇ-مەن تۇغۇلغان كۈن!
ئاسماننىڭ ئىسمى خۇدا
يەرنىڭ قەلبى جۇدا،
يار يېنىمدىدۇر، بىلمەي
ئۆلۈپ كىتەرمەن بىر كۆرمەي…
مانا بۇ-مەن تۇغۇلغان كۈن!
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك
تىترەيدۇ ئۆرلەيدۇ كۆكسۈمدە يۈرەك،
ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىشىم كېرەك .
ئىزىمغا ئاق قاردىن بېرىپ نەزىرلەر،
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك .
قۇياشنىڭ قەلبىدە ئاينىڭ يۈزىدە،
گۈللەرنىڭ سۆزىدە قۇشنىڭ كۆزىدە.
ياشاشچۈن ھاياتنىڭ ئەسلى ئۆزىدە،
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك .
تامچىدىن،دەريادىن،دېڭىزلارغىچە،
ئاسماندىن،بۇلۇتتىن،يامغۇرلارغىچە.
سەرگەردان باھاردىن مەھبۇس قارغىچە،
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك.
مۇھەببەت ئىدى ئاھ، يارىمنىڭ ئېتى،
قالارمۇ ئىسمىمنى چاقىرغان پېتى؟
توشقاندۇ بۇ ئۇزاق جازا مۇددىتى
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك.
غېرىب شەھرىمدە سۇنساممۇ مەيلى،
ياۋنىڭ قولىغا قالساممۇ مەيلى.
ئاسماننى يەلكەمگە ئالساممۇ مەيلى،
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك .
قەدىمىم يۆتكىلەر ئاستا بەك ئاستا،
قېلىشقا باھانەم يوقتۇر ھەم ئەسلا .
كەتسەممۇ بىر ئۆمۈر كەلمەسكە قايتا…
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك .
چۇقان سال،پەرياد قىل نالىلەپ يۈرەك،
ئامالىم يوق سېنى سىقماقتىن بۆلەك.
سەن بۇندا قال مەيلى يىغلاپ تا ئەبەد
سەن بۇندا قال مەيلى كۈتۈپ تا ئەبەد
سەن مەيلى قال بۇندا ياشاپ تا ئەبەد
مەن بۇ شەھەردىن كېتىشىم كېرەك …
نەدە جېنىم ،نەدە سىز؟
ئاسمىنىمدا ئاي غۇۋا،
كۆرۈنمەيدۇ يۇلتۇزۇم.
دەرتتە قالدىم بىداۋا،
قەيەردىسىز يالغۇزۇم.
مېنى قويۇپ چارىسىز،
نەدە جېنىم، نەدە سىز؟
كىرپىكلىرىم يورىماس،
كۆزۈم ئوچۇق تاڭغىچە.
ئەجەل مېنى سورىماس،
مەن ئۆلەرمەن ئاڭغىچە.
مېنى قويۇپ چارىسىز
نەدە جېنىم، نەدە سىز؟
دەيدۇ سىزنى خىياللار:
باھار بولۇپ كېلىدۇ...
ئىپار پۇراق شاماللار
دەردىمنى نە بىلىدۇ؟
مېنى قويۇپ چارىسىز
نەدە جېنىم، نەدە سىز؟
كېلىڭ جېنىم، تىز كېلىڭ
جان چىققۇچە تېنىمدىن.
قىزىل گۈلدەك ئېچىلىڭ
ئوخچۇپ ئاققان قېنىمدىن.
مېنى قويۇپ چارىسىز
نەدە جېنىم، نەدە سىز؟!...