ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 254|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېنى شۇنداق دەپ ئويلا ئامرىقىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

148

يازما

643

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 752
يازما سانى:
148
تىللا:
491
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-1-18 03:46:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مىنى شۇنداق دەپ ئويلا ئامرىقىم

ئامرىقىم مېنى ئۆزەڭگە ئاشىق دەپ ئويلا ،ھەربىر سۆزلىرىمدە سېنىڭ بارلىقىڭنى ئۇنۇتمىغىنكى مېنى سۆيگۈ قەسىدىسى ۋە ۋىسالسىز كېچىدىكى مەدداھ ياكى ناتىق دەپ ئويلا . دەرھەقىقەت مەن بىر ئاشىقمەن ،ئاشىقلىقىم بېشىمغا بالادۇركى سېنى سۆيىشىمدىن كۈلپەتلەر مېنى ئۈچ ۋاق يوقلاپ تۇرىدۇ ،قىناغىڭدا قىل ئارغامچىدا تولغانغىنىمدا كۆز ئالدىمدىكى سىمايىڭ مېنى نەچچە رەت مەۋھۇم توقماق بىلەن ئۇرىدۇ ،ئەنە شۇنداق چاغدا مەن دەل كۈلىمەن ،كۈلگىنىمدە مېنى ساراڭ دەپ ئويلىغىن ،چۈنكى تەنلىرىم ئازاپتىن قىينىلغىنى بىلەن يۈرەكلىرىم شىرىنلىكىڭ سەۋەبىدىن تاتلىق تاتلىق كۈلىدۇ .ئېھ قەلبىم مېنى قانداق ئويلىساڭ ئويلىغىنكى مېنى ئوي خىيالىڭدىن قوغلىمىغىن .

ئامرىقىم مېنى قەلەندەر دەپ ئويلا ،مەن شۇنداق قەلەندەردۇرمەنكى ،سېنىڭ ۋىسالىڭنى دەپ مەشرەپ كەبى جاھان كەزگەن ،مېنى يەنە شۇنداق قەلندەر دەپ ئويلىغىنكى تىلەپ تۇرۇپ تىلىكىگە ئېرىشەلمىگەن ،جېنىم راس مەن قەلەندەرمەن ،پېقىرلىق كوچىسىدا يۈرەكلىرىم تەن قەپىسىدىن تاندى ئۇ سېنى ئىزلەپ ئۆز يولىغا ماڭدى ،ئاھ قەلەندەرچىلىك ،مۇھەببەت كوچىسىدا قەلەندەر بولماق ئىنتايىن ئازاپلىق !نىمىشقا دەپ سورىما چۈنكى پۇلى يوق ئىنسان پۇل ئۈچۈن تىلىسە ئىت تالىغان بىلەن مۇھەببەتكە زار قەلەندەر مۇھەببەت تىلىسە ھەممە سەندىن قاچىدۇ  .


ئېھ قەلبىم مېنى بىر باغۋەن دەپ ئويلىغىن مەن مۇھەببەت گۈلزارلىقىنى شۇم بۇيىلاردىن ساقلىماقچى بولغان ئاددى ئۇتاقچىدۇرمەن ،ئۈزەمنىڭ يۈرىكىنى مۇنبەت تۇپراق قىلىپ سۆيگۈ ئۇرىقىنى چاچتىم ،ئۇ ۋىسالنىڭ سۈيىدە سۇغۇرىلغاندا پورەكلەيدۇ ،خۇش بۇي ھېدلىرىدىن مەس خۇش بولغىنىڭدا سۆيگۈ گۈلىنىڭ ياپراقلىرى ئارىسىغا مۈكىۋالىمەن ،ئارزۇلىرىم سەن مېنى شۇ بەرگى ياپراقلارنى كېپىنەكتەك يىنىك ئۇچۇپ كېلىپ مېنى تاپماقتۇر ،ئۈمۈتلىرىم مېنى تاپقىنىڭدا ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەتكىندە لالە رەيھانلار تۈۋىگە ساچلەرىڭ بىلەن باغلاپ قوي مانا مەن شۇندىلا بەختلىك باغۋەن بولىمەندە تۇپراقتەك چىرىپ كېتىمەن .

  ئېھ گۈلۈم سەن مېنى سۆيگۈ سەپىرىدىكى يولوچى دەپ بىلگىن ،ئەمما سەپىرىمنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى سورىما ،سەپىرىم شۇدۇركى سېنڭ شانۇ شەۋكەتلىك  سۆيگۈ قەسىرىڭگە ئات چاپتۇرغانمەن .ئاتلىرىم گوياكى رىۋايەتتكى بۇراقلاردىن قېلىشمايدۇكى سۈرىتىنى تەسۋىرلىگۈسىز .ئەمما مەندەك ئازغۇنغا بۇ بۇراقلار ياراشمىدى ،خۇددى تازغا تارغاق ياراشمىغاندەك .چۈنكى سېنىڭ يۈرىكىدىكى سۆيگۈ قەسىرىنىڭ قەيەرلەردە پىنھان ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ جاھاننى ئىسراپىلدەك قىرىق مىڭ يىل كەزسەممۇ تاپالماسمەن .

ئېھ قەدىرلىكىم مىنى دۇنيادىكى ئەڭ دۆت ،ئەڭ نادان دەپ ئويلىغىن ،شۇ دۆتلىكىمدىن سۈيىنىدىغانلىقىمنى ئۇنۇتمىغىن ،چۈنكى شۇ دۆتلىكىم سەۋەبىدىن سېنىڭ ماڭا سالغان ئازاپلىرىڭ ماڭا ئدلتۇن قەدەھتە شاراپ تۇتقاندەك شىرىن بىلىدۇ ،

خەيىر ئامرىقىم مېنى نىمە دەپ ئويلىساڭ ئويلىغىن لىكىن ئوي خىيالىڭدىن مېنى قوغلىمىغىن .

ئاپتۇرى ئەزمەت ئەخمەت نوتا
2017-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچە
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-1-18 11:25:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ تەھرىرلەشكە ئامالسىز قالدىم ئۇكام .
ئادەم بەزىدە بەك  چىچەن بۇلۇپ كەتسە زىيادە ئۆزىگە ئازاپ تېپىۋالىدۇ ، شۇڭا بەزى ئىشلاردا گالۋاڭراق بۇلىۋالغانمۇ ياخشى .

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-1-18 12:47:59 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەر مانا موشۇنداق، شۇنچە ياخشى يازمىلار يوللىنىدۇكى  كۆرىدىغانغا كۆز يوق. مانا تەسەۋۇرغا تولۇپ تاشقان ياخشى ئەسەر چىقىپتۇ قولىڭىزدىن. تىرشىڭ ، ئىسمىڭىز جىيەنىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىكەن.   

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2017-1-18 17:59:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك پەيزى چىقىپتۇ، لىرىك مۇزىكىدىن بىرنى قويۇپ  ھېسياتىلىق قلىپ ئوقۇپ كەتتىم دەيمائائائائا

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

5#
ۋاقتى: 2017-1-19 07:49:11 | ئايرىم كۆرۈش
نەسىر بولار مۇشتا بولار ماخما، قانماي ئوقۇۋەتتىم  .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2017-1-19 13:40:58 | ئايرىم كۆرۈش
نەسىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولماي جۇمۇ ئەمدى. مەن بۇ مۇنبەردە يەنە بىر ئايبەرگىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

5

تېما

82

يازما

1782

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 640
يازما سانى:
82
تىللا:
680
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-30

كۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا

7#
ۋاقتى: 2017-1-30 16:12:27 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  نەسىرنى  ئوقۇپ  ،  « يارىم سېنىڭ  دەردىڭدە » دېگەن  ھېلىقى  ناخشا  يادىمغا  يەتتى ، گەرچە  ئۇ  ناخشا  بىرخىل  قىزىق  تۇيۇلسىمۇ  ئەمما   ئۇنىڭدىمۇ  ئاددى  ،  قوپال  تىل  بىلەن    مۇشۇ  نەسىردىكىگە   ئوخشاش  مەزمۇن  ئىپادىلەنگەن .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2017-2-3 18:23:53 | ئايرىم كۆرۈش
دېمسىمۇ مۇڭلۇق مۇزىكا بىلەن قوشۇپ ئاڭلىسا يۈرەككىلا بارىدىكىنا
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

9#
ۋاقتى: 2017-2-9 14:45:48 | ئايرىم كۆرۈش
ما نەسىرنى كۆرۈپ بىر خىل يانداشقۇم كەپ قالدى دېسە... ئەمما ۋاقىت ئالدىراشلىقى تۇپەيلدىن ياندىشىشقا ئامالسىزمەن..سەل تۇرۇپ يىغىنغا چىقمىغان بولسام چۇقۇم بىر پەدە ياندىشىپ قوياتتىم..ئەمما ئىلگىرى مۇنبەردىن چاڭ چىقىرىپ، نەسىرلەرنى يېزىپ.. ياندىشىپ قىلغان ۋاقىتلار ئېسىمگە كەپ قالدى..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:10 , Processed in 0.159383 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش