ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«كۈرەش يولۇم» ئا. ھىتلېر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
ئادولف ھىتلېر

كۈرەش يولۇم

(مېيىن كامپىف)

1-قىسىم

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا. ئابدۇلھەق بوران

2010

مۇندەرىجە

تەرجىماندىن
ھىتلېرنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى تىزىمى
ناتسىستىزم
بۇ كىتاپقا قارىتا بەزى باھالار
ئادولف ھىتلېر  كىم؟
ھىتلېرنىڭ نەشرى قىلىنمىغان باشقا بىر «كۈرەش يولۇم» كىتابى توغرىسىدا
كىرىش سۆز
تەغدىم

1-قىسىم  تەييارلىق باسقۇچى
بىرىنچى باب  
تۇغۇلغان يۇرتۇم
دەسلەپكى كۈزىتىشلىرىم
جەڭگىۋار ھېسسىياتلىرىم
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش
ئىككىنچى باب
ۋيېننادا ئوقۇشنى دەپ كۆرگەن جاپالىق كۈنلىرىم
ماركسىزم
نامراتلىق
سوتسيال دېموكراتچىلار
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى
سوتسيال دېموكراتىيە
يەھۇدىيلار
سوتسيال دېموكرات مەتبۇئاتلار
ئۈچىنچى باب
ۋيېننادا تىكلەنگەن سىياسىي كۆزقاراشلىرىم
1848-يىل ئىنقىلابى
ئاۋسترىيە مونارخىيىسى
ئىمپىرىيە ئوردىسى
خاندانلىقنىڭ قەلبى − ۋيېننا
تۆتىنچى باب
ميونخېندا
“ئىقتىساد ھەل قىلغۇچ ئامىل” دېگەن سەپسەتە
بەشىنچى باب
دۇنيا ئۇرۇشىدا
ئالتىنچى باب
ئۇرۇش تەشۋىقاتى
يەتتىنچى باب
سىياسىي توپىلاڭ
چوڭ ساتقۇنلۇق
ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر
ساتقۇنلۇق ئۈستىگە ساتقۇنلۇق
سەككىزىنچى باب
دەسلەپكى سىياسى پائالىيەتلەر
توققۇزىنچى باب
نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى
ئونىنچى باب
تارمار قىلىنىشىمىزنىڭ سەۋەپلىرى
دىنى ھايات
ئون بىرىنچى باب
ئىرق ۋە مىللەت
ئالىي ئىرق
يەھۇدىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئون ئىككىنچى باب
نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى
ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈچىيىشى
چوڭ يىغىلىش

2-قىسىم مىللەتچى سوتسىيالىزم ھەرىكىتى
بىرىنچى باب
دۇنيا قارىشىمىز ۋە پارتىيىمىز        
خاتا ئەقىدىلەر
ئىرقچىلىق ئۇقۇمى
ئىككىنچى باب
دۆلەت
ئالىي ئىرق
ياشلىق دەۋىر ۋە غايە
ئىرقچى دۆلەتتە پۇخرالار ۋە مەدەنىيەت
مىللىي غۇرۇر
ئۈچىنچى باب
پۇخرا ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرى
تۆتىنچى باب
غورۇر ۋە مىللىي دۆلەت چۈشەنچىسى
بەشىنچى باب
دۇنيا قاراش ۋە تەشكىلات
ئالتىنچى باب
دەسلەپتىكى كۈرەشلىرىم ۋە نوتۇقنىڭ رولى
ئاممىۋىي يىغىلىشلار
يەتتىنچى باب
كوممۇنىستلار بىلەن ئېلىشىش
دۈشمەن ھۇجۇملىرى
سەككىزىنچى باب
كۈچلۈكنىڭ ھۆكمۈرانلىقى ئەڭ كۈچلۈك
توققۇزىنچى باب
ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ رولى ۋە تەشكىلات
يېڭى ھەرىكەت
ھۇجۇمچىلار ئەترىتى (س.ئا)
ئونىنچى باب
فېدرالچىلىق بىر نىقاپ
فېدىرالچىلىق ۋە مەركەزچىلىك تۈزۈمى
ئارمىيە
ئون بىرىنچى باب
تەشۋىقات ۋە تەشكىلات
تەشۋىقات
ئون ئىككىنچى باب
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسىلىلىرى
ئون ئۈچىنچى باب
دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتى
ئون تۆتىنچى باب
شەرق سىياسىتىمىز
ئون بەشىنچى باب
جىددىي مۇداپىيىگە ئۆتۈش ھوقۇقىمىز
ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن:
ئادولف ھىتلېرنىڭ بۇ كىتابىنى («Kavgam»، «Mein Kampf»، ياكى «我的奋斗»، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغاندا كۈرەش يولۇم، كۈرەشلىرىم، مېنىڭ كۈرەشلىرىم، غوۋغالىرىم، ئۇرۇش-جىدەللىرىم، مۇجادىلەم، سىياسىي كۈرەشلىرىم دېگەندەك مەنىلەردە) باشقا تىللاردىن تۈركچىگە ۋە 1ىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان 4~5 خىل تەرجىمە نۇسخىلىرى بويىچە نەچچە ئون قېتىملاپ نەشرى قىلىنغان كىتاپلار ئاساسىدا، ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم. بۇ جەرياندا، كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى «كۈرەش يولۇم» دەپ ئالغاندا كىتاب مەزمونىغا ئەڭ ئۇيغۇن بولغىدەك دەپ قارىدىم.
دۇنيا جامائەتى، بولۇپمۇ ئىلغار غەرپ ئەللىرى ھەر قانچە ئېتىراپ قىلىشمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە غەرپ مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن گېرمان تەۋەككۈلچىسى ئادولف ھىتلېر (ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردا بۇ ئىسىم “گىتلېر، گىتلىر، گېتلىر” دېگەندەك سلاۋيان يېزىقلىرىدىن ئېلىنغان بىر قانچە خىل بۇزۇلغان ئاھاڭ تەرجىمىسى شەكلىدە كۆرۈلسىمۇ، مەن يەنىلا لاتىن ھەرپ يېزىلىشىنى ئاساس قىلىپ “ھىتلېر” دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.) نىڭ مىللەتچىلىك دېگەن نېمە؟ دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ تەپسىلى بايان قىلىپ چىققان كۆز قاراشلىرى بۈگۈنكى ياۋرۇپانىڭ يوشۇرۇن غۇرۇرى بولۇپ كىلىۋاتقانلىقى شۆبھىسىز. خەلقىمىز تايىنى يوق گەپلەرنىمۇ مىللەتچىلىك دەپ قاراۋاتقان، ھەتتا بۇ ئۇقۇمدىن قورقۇپ تىلغا ئېلىشماي كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، غەرپ ئەللىرىنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك بايانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ۋەتەن دۈشمىنى، مىللىي دۈشمەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق دىگەن ئۇقۇملىرىنى قايتىدىن كۆزىتىپ چىقىشىغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئارزۇدا غەربنىڭ مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگىچە بىر قاراش ۋە ئۇسلۇپتا بايان قىلغان بۇ كىتاپنى خالىس تەرجىمە قىلىپ خەلقىمگە سۇنۇشقا تىرىشتىم.
بۇ كىتاپنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى ئەستايىدىل نېمىسچە ياكى باشقا تىل تەرجىمانلار قولىدىن چىقمىغانمۇ قانداق، ئۇيغۇرچىغا مەن بىلىدىغان بىر قانچە خىل ئىككىلەمچى تەرجىمە تىلدىن تەرجىمە قىلىشتا بەكلا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلدىم. بىر قانچە تۈركىيە تۈركچىسىگە قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە راۋان تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم.
بۇ يەردە ھەيران قېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، مەن ئۇچراتقان تۈركچە ئونغا يېقىن تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىۋاستە ئاساسى ماۋزۇ تەرجىمىسىدىن باشلىغان بولۇپ، بۇ كىتاپقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەرجىمان ياكى نەشرىيات ھېچقانداق كىرىش سۆز، چۈشەندۈرۈش، باھالاش، ئەسكەرتىش ياكى قوشۇمچە ماتېرىيال قىستۇرمىغان. بەك بولۇپ كەتسە مەزمونىغا قارىماي خالىغىنىچە نۇرغۇن ساندا ھۈججەتلىك رەسىم قىستۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن، بۇ رەسىملەرنىمۇ تەرجىمە قىلىنغان كىتابلاردىن ئالمىغانلىقى ئېنىق. ھەتتا بەزى تەرجىمىلىرىدە تەرجىمان ئىسمىمۇ بېرىلمىگەن. مېنىڭمۇ ئەسلىدە بۇنداق بىر ئىزاھات بېرىش نىيىتىم يوق ئىدى. شۇڭا بۇ تەرجىمەم تولۇق پۈتكىنىدە، ئەگەر بىرەرسى كىتاپ شەكلىدە تۈپلەپ تارقىتىشنى لايىق كۆرگىنىدە، تەرجىمە قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدىغان ‘ئا. بوران’ نى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاساسىدا ئەسلى ئەسەردىن باشقىلارنى ئىختىيارى تاللاش ھەققىگە ئىگە.
بەزى تەرجىمىلەردە باپ ئىچى پاراگراپلار ئايرىلمىغان. يەنە بەزى تەرجىمىلەردە بىر قىسىم پاراگراپ تېمىلىرىنىمۇ قوشۇپ بىراقلا باپ قاتارىدا ئالغان. مەن باپ-پاراگراپلىرى ئايرىلغان ئۇسلۇپنى تاللىۋالدىم.
رەسىم قىستۇرالمىغىنىم ئۈچۈن، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تۈركچە تەرجىمىلىرىدە تەرجىمان ياكى نەشرىيات بەرگەن بەزى قوشۇمچىلارنى كىتاپخانلارنىڭ زېرىكىشىنى پەسەيتىش نىيىتىدە كىتاپ بېشىغا قىستۇرۇپ قويدۇم، خالاس. تەرجىمىدە چۈشۈپ قالغان ياكى خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇغايسىزلەر.
                 
                                                                                              ئا. ئا. بوران

ھىتلېرنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى

«كۈرەش يولۇم»
«ئادولف ھىتلېر نۇتۇقلىرى»
«يېڭى تۈزۈم»
«ھىتلېرنىڭ 1922~1941-يىللاردىكى نۇتۇقلىرى»
«ھىتلېر نۇتۇقلىرى − 1922-يىلى ئاپرېلدىن 1939-يىلى  ئاۋغۇستقىچە»
«ھىتلېرنىڭ مەخپى نۇتۇقلىرى − 1941~1944»
«ھىتلېر خەت-چەكلىرى ۋە كۈندىلىك خاتىرىلىرى»
                  − قايسى بىر تۈركچە تەرجىمىسىدە بېرىلگەن قوشۇمچە

ناتسىستچىلىق
مىللىي سوتسيالىزم، يەنى قىسقارتىلغان ئاتىلىشى بويىچە ناتسىسىزم ئىدىيىسى 1920-يىللاردا ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ئىتالىيە فاشىزمىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن تەڭ مەنىدىكى گېرمانىيىدە شەكىللەنگەن بىر ئەقىدە. بۇ تۈر قاراش، پرۇسىيە مىللىتارىزمى بىلەن كاتولىك پروتېستانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى مارتىن لۇتېر تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان چېكىدىن ئاشقان يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە ئوخشاش نېمىس خەلقىگە تونۇشلۇق سىموۋۇللارغا ئاساسلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىرىلغان. مىللى (مىللەتچى) سوتسيالىزم ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ تىپىك ئەقىدىسى ئىرقچىلىق ئاساسىغا تىكلەنگەن. ناتسىسىزم دېگەن بۇ ئەقىدە بويىچە ئادەملەر ۋە ئىرقلار تەڭ ئەمەس دەپ ھېساپلىنىدۇ ھەمدە ئۇلۇغ بىر مەدەنىيەت پەقەت مەدەنىيەت شەكىللەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك ئىرقلار تەرىپىدىنلا بارلىققا كەلتۈرۈلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ.
گېرمانىيىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي جەھەتتىكى پەۋقۇلئاددە زور قالايماقانچىلىقلار، ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددى بېسىم ۋە روھىي ئېزىلىش بىلەن بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن ئاممىۋىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناتسىستلار خەلق ئاممىسىغا خىزمەت، نان، ئادىل تەقسىمات بېرىش، قۇدرەتلىك گېرمانىيە قۇرۇپ چىقىشنى ۋەدە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ تۈر مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا يەھۇدىيلار، سوتسيال دېموكراتچىلار، كومۇنىستلار ۋە چەتئەل كىشىلىرى سەۋەپچى بولغان دېيىشىپ، ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى “مىللىي ئىتتىپاقلىق بىلەن تەڭ-باراۋەرلىك” نىڭ ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئىدىيىۋىي ئېقىمنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىشقا كىرىشىدۇ. ھىتلېر، مۇجىمەل ئىدىيىلەر خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىتىملىك، ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىۋېتىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېنىق، چۈشىنەرلىك، ئۆزگەرمەس شەكىلگە كەلتۈرۈپ 25 ماددىغا يىغىنچاقلاپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ ھەممە نەرسىگە دېگىدەك قارشى تۇرىدىغان ئىدىيىسى ئۇششاق بۇرجۇئازلار، ھۈنەرۋەنلەر، دېھقانلار ۋە مەمورى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا سىنىپ كىشىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى خانىۋەيرانچىلىق ئىچىدە مۈلكىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپىگە دۈچ كېلىۋاتقان بۇ تەبىقە كىشىلىرى ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغان ئىمپىراتورغا، ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئىمزالاشقان سوتسيال دېموكراتچىلارغا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ شەخسى مۈلۈك بولىشىغا قارشى تۇرىدىغان مانچىستلەرگە، كۈچلۈك بايلىققا ئىگىدارچىلىق قىلىپ يۈرگەن يەھۇدىيلارغا ۋە ئۆزلىرىنى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە بېغىشلىغان چىركاۋلارغا دۈشمەن كۆزى بىلەن قاراپ كەلمەكتە ئىدى. يەھۇدىي دۈشمەنلىكى بۇ سىنىپتىكىلەرنىڭ نەپرىتى بىلەن بىپەرۋالىقىنى كۈچەيتىش ئامىلىغا ئايلانغان، “قۇدرەتلىك نېمىس ئىرقى” نىڭ پۇخراسى بولۇش ئارزۇسى باش كۆتۈرەلمەي يۈرگەن بۇ سىنىپتىكىلەرگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلماقتا ئىدى. پارتىيە ئىسمىدىكى سوتسيالىزم دېگەن نامى ئىچىلار سىنىپىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ قىستۇرۇلغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، 1870-يىللاردىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى ھالىغا كەلگەن گېرمانىيە سانائىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تاشقى بازارلاردىن مەھرۇم قېلىپ، ئېغىر ئۇرۇش چىقىمى تۆلەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا ئا ق ش قەرزىگە مۇھتاج بولغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. 1920-يىللار بويىچە چوڭ كاپىتالىستلاردىن تايسېننىڭلا ماددى ياردىمىگە ئېرىشكەن ناتسىستلار پارتىيىسى 1929-يىلقى دۇنياۋى بۇھران كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي بۇھران يىللىرىغا كەلگىنىدە قالغان كاپىتالىستلار بىلەن چوڭ پومىشچىكلارمۇ ئاشكارە ياردەم قىلىشقا باشلايدۇ. ناتسىستىزم ئەقىدىسى بۇ تەبىقە كىشىلىرى ئۈچۈن بىردىن-بىر قۇتقازغۇچى، بىردىن بىر ھۆكۈمەت شەكلى بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.
ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان 1933-يىلىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ناتسىستلار گېرمانىيىنىڭ بارلىق مەنبەلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇرۇش سانائىتى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا باشلايدۇ. 1933~1938-يىللار ئىچىدە ئېغىر سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 162% ئاشقان بولسا، ئىستىمال ماللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئاران 36% ئارتىدۇ. ئەمەلىي ئىش ھەققى ئازايتىلىپ، كاپىتالىستلار بىلەن بانكىرلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ.
ناتسىستلار دەسلىۋىدە سىياسىي تەشۋىقات كۈچىدىن ۋە دەب-دەبىلىك پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىۋالىدۇ. ئاندىن سىياسىي رەقىپلىرىنى زورلۇق كۈچى بىلەن بىر-بىرلەپ يوقۇتۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئۇرۇشقا تەييار ھالغا كەلتۈرىۋالىدۇ.
                                         − قايسى بىر تۈركچە تەرجىمىسىدە بېرىلگەن قوشۇمچە

بۇ كىتاپقا قارىتا بەزى باھالار
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن بىرى بولغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: “ئەگەر بىز ھىتلېرنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتاۋىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ باققان بولساق، بەلكىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغان بولاركەنمىز.”
ھەقىقەتەنمۇ ھىتلېر بۇ كىتاۋىدا كەلگۈسىدە يولغا قويماقچى بولغان سىياسىي تۈزۈمىنى ئىنتايىن ئېنىق ۋە تەپسىلى بايان قىلىپ چىققان ئىدى. ھىتلېر بۇ كىتاپنى يېزىپ ئېلان قىلغان 1925-يىللاردىلا گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى، رۇسىيىنىڭ ئەھۋالىنى، باشقا ئەللەرگە يۈرگۈزمەكچى بولغان پىلانلىرىنى شۇنىڭدەك كومۇنىزىمنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋېتىنى، ھەتتا كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىدىغان 1ىننىڭ قىياپىتىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئالدىن كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
«كۈرەش يولۇم» دېگەن بۇ كىتاپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىۋەتكەن، كەڭ جامائەتچىلىككە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن 10 كىتاپتىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تا بۈگۈنگىچە يوقاتقىنى يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ كىتاپنى ئوقىغاندا ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئىجرا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئاخماقانە ئويدا بولماي، بۈگۈنكى ياۋرۇپانىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇش كېرەك دەپ قارايمىز. بىز بۇ كىتاپنى ياۋرۇپانىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى تۈركىيە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىغا تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىغىمۇ سېلىشتۇرغان ئاساستا تولۇق نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلدۇق.
    − ئەسلى نۇسخىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان تەرجىماننىڭ يازغان كىرىش سۆزىدىن

ئادولف ھىتلېر كىم؟
(1889~1945)
ھىتلېر، ئاۋسترىيەدە تۇغۇلغان نېمىس سىياسىيون. 1933~1945 يىللاردا گېرمانىيە دۆلەت باشلىقى بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ناتسىستلار دىكتاتورلىقىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلىتىپ مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان.
ئادولف ھىتلېر، 1889-يىلى 20-ئاپرېلدا (ئۇمۇتتا) ئاۋسترىيەنىڭ لىنز بويىدىكى براۋناۋ ئام ئىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ، 1945-يىلى 30-ئافرېلدا بېرلىندا ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاۋسترىيەنىڭ باۋارىيە چېگرا بويىدىكى بىر تاغلىق يېزىسىدىن كەلگەن بولۇپ، دادىسى ئالويس ھىتلېر ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاددى بىر تاموژنا كادىرى ئىدى. ھىتلېر، 1900~1905-يىللاردا لىنزدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇيدۇ. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى دېگەندەك نەتىجىلىك بولمىغانلىقى، ئوقۇشقا بەكلا قىرىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومىنىمۇ ئالالمايدۇ. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا رەسىم سىزىشقا، تارىخقا، مۇزىكىغا ۋە رىچارد ۋاگنېرنىڭ ئەسەرلىرىگە قىزىقاتتى. ئۇ بالا ۋاقىتلىرىدا رەسسام ياكى بىناكارلىق ئېنجىنېرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتى. 1905~1907-يىللار ئىچىدە لىنزدا بىرەر ئىش بىلەن شوغۇللانماي ئۆتىدۇ. ھىتلېر بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ قىزىقىپ كېلىۋاتقان رەسسام بولۇش ئارزۇسى بويىچە سەنئەت كەسىپىدە ئوقۇش ئۈچۈن 1907~1908-يىللاردا ۋيېنناغا بارغان. ۋيېننا گۈزەل سەنئەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىپمۇ ئۆتەلمىگەن. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭدا كىشىلەرگە ئارىلاشماي يالغۇز يۈرۈشنى خالايدىغان، رىياللىقتىن قاچىدىغان مىجەز يىتىلىشكە باشلايدۇ. ئائىلىسىدىن ۋە دوستلىرىدىن ئايرىلىپ ۋيېننادا يالغۇز ياشاشقا باشلايدۇ.
1903-يىلى 3-يانۋار (ئوچاق) كۈنى دادىسى، 1908-يىلى ئانىسى ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلىۋاتقان يىتىملار پۇلى 1911-يىلى توختىتىلغىنىدىن كېيىن تۇرمۇشىنى پوچتا ئاتكىرتكىلىرى بىلەن ئېلان سۇ بوياق رەسىم ۋە سەنئەت پىلاكاتلىرىنى سىزىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ قامداشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا قونۇپ يۈرگەن مۇساپىرلار ئۆيىدە لۈكچەك ۋە ئىشسىزلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرىدۇ. مۇقىم بىر ئىشىمۇ يوق ئىدى. قولىغا ئازىراقلا پۇل كىرىپ قالسىلا ئىشمۇ قىلماي قەھۋە-چايخانىلارغا كىرىۋېلىپ تىنماي گېزىت-كىتاپ ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئارىلاپ كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپمۇ قوياتتى.
بۇ جەرياندا سىياسىي ۋەزىيەتكە بەكلا دىققەت قىلىپ يۈرەتتى. كارل ليۇگېر يىتەكچىلىكىدىكى ئاۋسترىيە سوتسيال خىرىستىيانلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەتچىلىكى بىلەن كونسىرىۋاتىپ سىياسەتچى گېئورگ فون شۆنېرېر (1842~1921) نىڭ يەھۇدىي دۈشمىنى پارتىيىسىنىڭ نېمىس مىللەتچىلىكىگە ھەۋەس قىلىپ يۈرىدۇ. ئۇ يىللىرى ۋيېننادا ئومۇمىي ئېقىم ھالىغا كەلگەن نېمىستىن باشقا مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ يەھۇدىي مىللىتىنى ئۆچ كۆرىدىغان، كەلگۈسى تەغدىرىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخسى مىجەزى بويىچە جەمىيەتتىكىلەرگە ئارىلاشماي يالغۇزلۇق ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە باشلىغان. ئاۋۇسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىيىسى ھۈكۈمدارلىرى ھابسبۇرگ مونارخىيىسىنى نېمىس ئىتتىپاقىغا قوشۇلماي نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىيانەت قىلغانلار دەپ قارايتتى. ئۆزىنى ئىشچىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشنى خالىمايتتى ھەمدە سىنىپىلىككە ئىگە دەپ قاراپ سوتسىيال دېموكراتىيىگىمۇ ئۆچ ئىدى.
1913-يىلى، گۈزەل سەنئەت خادىمى سۈپىتىدە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە بولىدىكەن دەپ ئويلاپ گېرمانىيىنىڭ مىيونخېن شەھىرىگە بېرىپ تۇرۇپ قالغان. ئۇ يەردە يوقسۇللۇق، بىكارتەلەتلىك، ئىشسىزلىك ئىچىدە لاغايلاپ يۈرىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئۈمىتسىز تۇرمۇش مۇھىتىدىن قۇتۇلۇشىغا تېپىلماس پۇرسەت بولۇپ تۇيۇلىدۇ. 1914-يىلى غېنىۋاردا ئەسكەرلىككە چاقىرتىلىپ ئاۋسترىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، سالزبۇرگ ھەربى لاگىرىدا سالامەتلىك ئەھۋالى ئەسكەر بولۇش شەرتىگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە ھەربىلىككە ئېلىنمايدۇ. قايتىدىن مىيونخېنغا يېنىپ كېلىدۇ. گېرمانىيە ئارمىيىسىگە پىدائىي ئەسكەر بولۇپ ھەربىيلىككە قاتنىشىدۇ. غەرب ئۇرۇش سېپىدا ئون بېشىلىق ھەربى ئۇنۋان بىلەن 16-باۋارىيە پىيادىلار پولكىدا خەۋەرچى ئەسكەر بولۇپ پۈتكۈل ئۇرۇش جەريانى بويىچە ئالدىنقى سەپلەردە جەڭگە قاتناشقان. 1916-يىلى ئۇرۇشتا ئايىقىدىن يارىلىنىپ، 1918-يىلى گاز زەھىرىدىن يارىلىنىپ ئارقا سەپكە قايتۇرۇلۇپ ھەربىي گوسبىتالدا داۋالىنىدۇ. ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم “تۆمۈر كىرىست مىدالى” بىلەن مۇكاپاتلانغان.
ئۇرۇشتىن كېيىن ئەسىرلەر لاگىرىدا كۈزەتچى بولىدۇ. لاگىر تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن مىيونخېندا ھەربىي قىسىمغا قاراشلىق تەشۋىقات ئەترىتىدە بولشېۋىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش، نېمىس مىللەتچىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كومۇنىستلارنى پاش قىلىش جاسۇسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. 1919-يىلى ھەربى سەپتىن چېكىنىپ درېكسلېر يىتەكچىلىكىدە يېڭى قۇرۇلغان «نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» گە 7-ئەزا بولۇپ كىرگەن. پارتىيە تەشكىلىدە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئول بولۇپ پائالىيەتكە كىرىشكەن. كېيىنكى يىلى، گىتلېر بۇ پارتىيىنىڭ ئىسمىنى «مىللىي سوتسيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» (بۇ ئىسىم 1ىنچە ۋە ئۇيغۇرچە رەسمى ماتېرىياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا “دۆلەت سوتسىيالىزم گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتچىلىك ئۇقۇمىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە تىرىشىلغان. − ئۇ.ت) دېگەنگە ئۆزگەرتكەن.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلوپ بولۇپ ئىقتىسادىي بوھران ئىچىگە پېتىپ قېلىشى نەتىجىسىدە گېرمانىيە ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلاپ كېتىشى، بۇ پارتىيىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ پارتىيە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان “ئېس ئاچىلار” (ستۇرم ئابتەيلۇڭ) تەشكىلاتىغا تايىنىپ سوتسيال پارتىيە بىلەن كومۇنىستلارنىڭ مىتىنگلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ زوراۋانلىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. پارتىيىنىڭ كۈچلىنىشىدە ھىتلېرغا تايانماي بولمايدىغانلىقى، پاتىيىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان مەركەزى كومۇتىت ھەيئىتى، 1921-يىلى ئۇنى تولۇق ھوقۇقلۇق پارتىيە سېكىرتارى قىلىپ بېكىتىشىدۇ. ھىتلېر، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى بىلەن تەڭ، گېزىت ۋاستىسى ۋە مىتىنگ چاقىرىش ۋاستىلىرىغا تايىنىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە شوغۇللىنىشقا كىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا پارتىيە مەركىزى كومۇتىتىغا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى جەلىپ قىلىپ، شۇ ئاساستا دۆلەت ھوقۇقىنى تارتىپ ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. 1923-يىلى نويابىردا (ئوغلاقتا) ميونخېندىكى بىر پىۋىخانىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا پارتىيىسىنىڭ مەقسىدى ھۆكۈمەتنى تارتىپ ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەتىسى ھۆكۈمەتنى قولغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىققان بۇ پارتىيىنىڭ نامايىشچىلىرىنى ساقچىلار توساپ تارقىتىۋېتىدۇ ھەمدە پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپىسىدىكىلەرنى قولغا ئالىدۇ. قولغا ئېلىنغانلار قاتارىدا ھىتلېرمۇ بار ئىدى.
لاندسبېرگ تۈرمىسىگە قامالغان ھىتلېر، تۈرمىدە ئىككى قىسىملىق «كۈرەش يولۇم» (مېين كامپف) دېگەن كىتاۋىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى يېزىپ پۈتكۈزىدۇ. توققۇز ئايدىن كېيىن قويىۋېتىلگەن ھىتلېر، يوقۇلۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان پارتىيىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىقىدۇ. مەتبۇئات ۋاستىسى ئارقىلىق نامىنى گېرمانىيىگىلا ئەمەس ھەتتا دۇنياغا تونۇتۇشقا باشلىغان ھىتلېر، كۈچلۈك ئوڭچى ھۆكۈمەت قۇرۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كاپىتالىستلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگىمۇ ئېرىشىپ پارتىيىسىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشسىزلار بىلەن نامرات نېمىسلارنى بۇ پارتىيىگە ئەزا بولۇشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەينى ۋاقتىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەت جەھەتتىكى ئىقتىدارسىزلىقى ناتسىستلار پارتىيىسىنى سايلامدا زور ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ. 1930-يىلقى ئومۇمىي سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز نەتىجىسىدە بۇ پارتىيە ئىككىنچى چوڭ پارتىيىگە ئايلىنىدۇ.
1932-يىلى پرىزدېنت نامزاتى بولۇپ سايلامغا قاتناشقان ھىتلېر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنە شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پارتىيىسىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى تېخىمۇ ئازىيىپ كېتىدۇ. ئەمما كۈرەشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرغان ھىتلېر، 1933-يىلى يانۋاردا (ئوچاقتا) ئوڭچى كۆزقاراشتىكى كاپىتالىستلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ پىرىزدېنت پاۋۇل فون ھىندېنبۇرگ تەرىپىدىن باش مىنىستىر (شانسۆليە) لىققا تەيىنلىنىدۇ.
بۇ قېتىم ھىتلېرنىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى، پرېزدېنت ھىندېنبۇرگنى قايتا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل كەلتۈرۈش بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ پارلامېنت تارقىتىۋېتىلىدۇ. ئېس-ئاچىلارنىڭ زورلۇق-زومبىلىق قىلىشلىرى ھەمدە ئۆزلىرى ئوت قۇيۇپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان 1933-يىلى 27-فېۋرال (ئۇي) رېيچستاگ بىناسى (گېرمانىيە خەلق قۇرۇلتاي زالى، پارلامېنت بىناسى ــ ئۇ.ت) يانغىنىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى كومۇنىستىك پارتىيىگە ئارتىپ قويۇپ، بىر قىسىم ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويۇشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنى قولغا ئالىدۇ. ئارمىيە ئىچىدىكىلەر بۇ چاغدا زورلۇق-زومبىلىق قىلىپ يۈرگەن ئېس-ئا (س-ئا) چىلاردىن بەكلا نارازى ئىدى. شۇڭا، ھىتلېر گېنراللارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ 1934-يىلى 29-ئىيون كۈنىسى ئېس-ئاچىلارنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرنست رۇم بىلەن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولغان ئېدمۇند ھېينېسنى، شۇ قاتاردا يەنە گرېگور ستراسسېر، كۇرت فون شىلېيچېر ھەمدە بىر قىسىم سىياسىي رەقىپلىرىنى بىرگە قوشۇپ ئۆلتەرگۈزىدۇ. “خەنجەرچىلەر كېچىسى” دەپ ئاتالغان بۇ كېچىدىن كېيىن، ھەربىي قۇماندانلىق شىتاۋىدىكىلەر خېلىلا ئارام تېپىپ قالىدۇ. شۇ باھانىدا ھىتلېرمۇ گېپىنى ئاڭلىماي بارغانسىرى ئۆز ئالدىغا پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان ئېس-ئاچىلاردىنمۇ قۇتۇلىۋالغان ئىدى. 1934-يىلى 2-ئاۋغۇست (چايان) كۈنى پرېزدېنت ھىندېنبۇرگ ئۆلىدۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ھىتلېر دەرھال قانۇن چىقارتىپ پىرىزدېنتلىك بىلەن باش مىنىستىرلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، “رېيچ فۈھرېر” (گېرمانىيە دۆلەت داھىسى − ئۇ.ت) ئۈنۋانى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. كەينىدىنلا ئومۇمىي خەلق ماقۇللاش سايلىمىدا يۈزدە 88 پىرسەنتلىك مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋازى بىلەن بۇ ۋەزىپىسىنى خەلقىگە تەستىقلىتىۋالىدۇ.
شۇندىن ئېتىۋارەن، گېرمانىيە قاتتىق بېسىم ئاستىدىكى ساقچى تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېنرىچ ھىملېر يىتەكچىلىكىدىكى “س-س” چىلار (ئېس-ئېسچىلار)، ساقچىلار ۋە جاسۇسلۇق تەشكىلاتى “گېستاپو” قۇرۇلىدۇ. بۇ جەرياندا گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتا تارمار قىلىنىشىنىڭ باش سەۋەپچىسى قىلىپ يەھۇدىيلار كۆرسىتىلىدۇ. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى تۇرغانلار بىلەن يەھۇدىيلار جازا لاگىرلىرىغا قامىلىدۇ. بۇ جەرياندا ناتسىستلار ئىدىيىسىگە چوقۇنىدىغان «ھىتلېر ياشلىرى» دەيدىغان يەنە بىر تەشكىلات قۇرۇلىدۇ. نيۇرېمبۇرگ قانۇنىنى تۈزۈپ يەھۇدىيلارنىڭ نېمىسلار بىلەن توي قىلىشى چەكلىنىدۇ. يەھۇدىيلار ئۇنىۋېرسىتىتلاردىن، دۆلەت مەمورى خىزمەتچىلىكىدىن چىقىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسى كەسىپلەر بۇيىچە پائالىيەت قىلىشىغىمۇ يول قويۇشماي، ھەممىسىنى “گېتتو” دەپ ئاتالغان تاملار بىلەن قورشالغان چەكلەنگەن مەخسۇس لاگىرلار ئىچىدىلا ياشاشقا مەجبورلايدۇ. بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى “س-س” چىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا قىرىپ يوقۇتىلىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئەسلى غەرىزى “ئۈستۈن ئىرق − ئېرىغ، پاكىز ئىرق، ياكى ئىسىل، ئالىي ئىرق” دەپ سۈپەتلىگەن نېمىس ئىرقىنى باشقا ئىرق خەلقلىرى ئۈستىگە ھۆكمۈران ئىرققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. نېمىسلار ئۈچۈن راھەت-پاراغەتلىك ياشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك “ھاياتلىق مۇھىتى” يارىتىش ئۈچۈن شەرققە قاراپ كېڭىيىشنى پىلانلايدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ئىمزالانغان ۋېرسال شەرتنامىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ يېڭىدىن ئارمىيە قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئاندىن رېين رايونىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئىتالىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولىدۇ. ئاۋسترىيە بىلەن چېخسلاۋاكىيىنى گېرمانىيىگە قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن مەجبۇرلايدۇ. ئاۋسترىيە گېرمانىيە بىلەن بىرلىشىشنى رەت قىلغاندا ئۇ دۆلەتنى مەجبۇرى بېسىۋالىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىنلا چېخسلاۋاكىيىنى بېسىۋالىدۇ. س س س ر بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى تۈزۈشىدۇ. 1939-يىلى پولشانى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغىنىدا ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئىككىسى گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ.
ستراتىگىيىسىنى ھىتلېر ئۆزى تەييارلاپ چىققان بۇ ئۇرۇش يېڭى باشلانغان كۈنلەردە، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىنتايىن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نورۋىگىيە، دانىيە، گوللاندىيە، بېلىگىيە ۋە فرانسىيىلەرگە بېسىپ كىرىدۇ. ئاندىن ئەنگىلىيىنى بېسىۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. ئەمما ئەنگىلىيىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. 1940-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىن باشلاپ س س س ر نى بېسىۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. مۇسسولىن باش مىنىستىرلىكىدىكى ئىتالىيىمۇ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 1941-يىلىنىڭ ئىيون ئېيىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ زېمىنىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ. قەھرىتان قىش مەۋسۈمىگە دۈچ كەلگەن گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىدۇ. ياپونىيە ئارمىيىسى پيېرل خاربۇردىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە فلوتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغىنىدىن كېيىن ئا ق ش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا رەسمى قاتنىشىدۇ. گېرمانىيە ئارمىيىسى ستالىنگراد بىلەن ئەل ئالامېيندا تارمار قىلىنىدۇ. 1943-يىلى ئەنگلىيىلىكلەر شىمالى ئىتالىيىنى بېسىۋالىدۇ. نەتىجىدە مۇسسولىن ئاغدۇرۇلۇپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىتالىيىنى پۈتۈنلەي بېسىۋالىدۇ.
ھىتلېرنىڭ سىياسىتى گېرمانىيىنى بىر بالايى-ئاپەت ئىچىگە باشلاپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. شۇڭا گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھىتلېرگە سۈيىقەست قىلىشنى پىلانلاشقا كىرىشىدۇ. پولكوۋنىك كلاۋۇز فون شتاۋفېنبېرگ ھىتلېرنىڭ قۇماندانلىق شىتابىنى پارتىلىتىش پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. ئەمما ھىتلېر بۇ پارتىلاشتىن يېنىك يارىلىنىپ قۇتۇلۇپ قالىدۇ. سىياسى ئۆزگىرىش قىلغۇچىلاردىن كلۇگ بىلەن روممېل ئىككىسى ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ. مارېشال فون ۋىتزلېبېن، گېنېرال فون ستۇلپناگېل، ئادمىرال كانارىس قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھىتلېرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىشقا باشلايدۇ. 1945-يىلىنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە غەربتىن، سۆۋېت ئىتتىپاقى بولسا شەرقتىن گېرمانىيە زېمىنىگە بېسىپ كىرىدۇ. ھىتلېر ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تۇيۇپ تۇرسىمۇ بېرلىندىن چىققىلى ئۇنىمايدۇ. 28-ئاپرېل (ئۇمۇت) كېچىسى سۆيگىنى ئېۋا براۋۇن بىلەن توي قىلىدۇ. 1945-يىلى 30-ئاپرېل (ئۇمۇت) كۈنى بىرگە تۇرىۋاتقان ناتسىست يىتەكچىلىرى بىلەن ۋىدالىشىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا دونتىزنى تەيىنلەپ، ئېۋا براۋۇن بىلەن بىرگە ئۆلىۋالىدۇ. جەسىدى قالغان ناتسىستلار تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىك مەھكىمە قوراسىدا كۆيدۈرىۋېتىلىدۇ. ھىتلېر ئۆلۈپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي، گېرمانىيە شەرتسىز تەسلىم بولىدۇ.
                                                 − قايسى بىر تۈركچە تەرجىمە ئىزاھاتىدىن

[قوشۇمچە ماتېرىيال:
ئادولف ھىتلېرنىڭ يېڭى «كۈرەش يولۇم» كىتاۋى توغرىسىدا
(ئۆز ۋاقتىدا نەشرى قىلىنمىغان)
ھىتلېر، ناتسىستلار پارتىيىسى 1928-يىلقى سايلامدا يېڭىپ چىقالمىغاندىن كېيىن سايلىغۇچىلارغا كۆزقاراشلىرىمنى يىتەرلىك دەرىجىدە ئىپادىلىيەلمىسەم كېرەك دەپ ئۆيلىغان. شۇڭا ئۇ، مىيونخىنغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتاۋىنىڭ داۋامى ھېساۋىدىكى يېڭى بىر كىتاپ يېزىشقا كىرىشكەن. تاشقى سىياسەتنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بۇ كىتاۋى «كۈرەش يولۇم» دا بايان قىلىنغان كۆزقاراشلىرى ئاساسىدا يغىنچاق ۋە تېخىمۇ ئېنىق يېزىلغان ئىدى. كېيىنكى يىللاردا دۇنيادا كۈچ كۆرسىتىش ئۇرۇشلىرى پارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ ئۇرۇش ئا ق ش، گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارىدىكى ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى كۆرۈلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ.
بۇ كىتاۋىنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن پەقەت ئىككىلا نۇسخا ئارگىنالىنى تەييارلاپ چىقىدۇ. ئەمما «كۈرەش يولۇم» دېگەن بۇرۇنقى كىتاۋى كۈتكىنىدەك سېتىلمىغاچقا، بۇ كىتاۋىنى ئېلان قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن ئىكەن. يەنى نەشرىياتتىكىلەر ھىتلېرغا، ئەگەر ئىككىنچى كىتاۋىنى باستۇرسا بىرىنچى كىتاۋىنىڭ سېتىلىشى تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن دەپ مەسلىھەت بەرگەن. 1930-يىللاردىكى سايلامدا نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن بىرىنچى كىتاۋىغا بولغان قىزىقىش ئېشىپ بارغاچقا تراجى ئۇچقاندەك ئارتىپ كەتكەن. ئەمما بۇ قېتىم ھىتلېر تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، يېڭى يازغان ئىككىنچى كىتاۋىنى باستۇرۇش پىلانىدىن يېنىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى كىتاۋىنىڭ ئارگىنالى بىر ساندۇق ئىچىدە تا ئۇرۇش تۈگىگىچە بېرلىندىكى ھاۋا مۇداپىيە ئۆڭكۈرلىرىدىن بىرسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. 1945-يىلى ئامېرىكىلىق بىر ئوفىسسېر ھىتلېرنىڭ ئىككىنچى كىتاۋىنىڭ ئارگىناللىرىنى تېپىۋالىدۇ. بۇ ئارگىنال، بۇرۇن ناتسىستلار نەشرىياتىدا ئىشلىگەن جوسېف بېرگ بىلەن نيۇرېمبېرگ سوت مەھكىمىسىدە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولغان ئامېرىكىلىق گېنېرال لېتنات تېلفورد تەيلور ئىككىسى بۇنىڭ ھىتلېرگە تەۋە ئەسلى ئارگىنال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.
1858-يىلىسى، گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئامېرىكىلىق يەھۇدىي تارىخشۇناس گېرخارد ۋېينبېرگ، ئا ق ش دىكى ناتسىستلار ئارخىۋى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقاندا بۇ كىتاپنىڭ قىممىتىنى بىرىنچى بولۇپ كەشپ قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدا بۇ كىتاپنى باستۇرۇشقا بىرەرمۇ نەشرىياتچىنى ماقۇل كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاخىرى ميۇنخېندىكى يېڭى زامان تارىخ تەتقىقات يۇرتى 1961-يىلى بۇ كىتاپنى نەشرى قىلىشقا ماقۇل بولۇپ باستۇرۇپ بېرىدۇ.
“ھىتلېر بۇ كىتاۋىدا «كۈرەش يولۇم» غا قارىغاندا ئۆز پىكىرلىرىنى تېخىمۇ كەڭىرى ئوتتۇرغا قويغان.”
                                                         − دېننىس شوۋالتېر
“ھىتلېرنىڭ بۇ كىتاۋىنى ئۇيدۇرما دەيدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچىراتمىدىم.”
                                      − ۋولكېر بېرگخاھىن
“ھىتلېرنىڭ كېيىنكى «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتاۋى نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرىنچىسىدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.”
                                                                               − گۇئاردىئان

كىتاپ ئىسمى: كۈرەش يولۇم-2
ئاپتورى: ئادولف ھىتلېر
ھەجىمى: تەخمىنەن ئۇيغۇرچە 32 فورماتلىق 500 بەت ئەتىراپىدا

مۇندەرىجىسى:
كىرىش سۆز
ھاياتلىق كۈرىشىدە ئۇرۇش ۋە تېنچلىق
ھاياتلىقنى قوغداشتا سانائەت ئەمەس ئۇرۇش كارغا كېلىدۇ
ئىرقلار، توقۇنۇشلار ۋە قۇۋۋەتلەر
تاشقى سىياسەت ئۈستىدە تەنقىت ۋە تەۋىسىيىلىرىم
ن س د ئا پ (مىللىي سوتسيالىزمچى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى − ناتسىستلار پارتىيىسى، «م س گ ئى پ، ياكى مىسگىپ») سىياسىتى
رېچنىڭ بىرلىشىشىدىن گېرمانىيە سىياسىتىگىچە
ئىككىنچى رېچنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى خاتا سىياسەتلىرى ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈش سىياسەتلىرى
ھەربىي كۈچ ئېھتىياجىمىز − 1914-يىلقى چېگرالار مەقسەت ئەمەس
چېگرا سىياسىتى، ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋە پان ياۋرۇپا سىياسەتلىرىنىڭ ھېچبىرى يوق
بىتەرەپلىك كېرەك ئەمەس
گېرمانىيىنىڭ سىياسى ئەھۋالى − روسىيە بىلەن كۈچىنى بىرلەشتۈرەلمەيدۇ
گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ پىرىنسىپلىرى
يەتمەكچى بولغان مەقسەتلەر
گېرمانىيە بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ مۇناسىۋىتى
گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ مۇناسىۋىتى
خۇلاسە]

كىرىش سۆز
1924-يىلى 1-ئاپرېل (ئۇمۇت) كۈنى، ئۆز ۋاقتىدىكى ميونخېن خەلق سوت مەھكىمىسى مېنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ لاندسبېرگ ئام لېچ تۈرمىسىگە قامايدۇ.
تىنىم تاپماي كۈرەش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، چۈشەنچىلىرىمنى بىر كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە تۇنجى قېتىم ئەنە شۇ شەكىلدە تۈرمىدە ئېرىشكەن بولدۇم. ئەسلىدىنلا نۇرغۇنلىغان يېقىن سەبداشلىرىم بۇ تۈردە بىر ئەسەر يېزىپ چىقىشىم ئۈچۈن مېنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. مەنمۇ، بۇنداق بىر كىتاپ يېزىپ تارقىتىشنىڭ دەل ۋاقتى كەلدى دەپ ھېس قىلىپ تۈرمىدە ياتقان ۋاقتىمنى ئەنە شۇنداق بىر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەرنى ئىككى قىسىملىق قىلىپ تۈرمىدە يېتىپ يېزىشقا كىرىشتىم.
تۈرمىدە يېزىلغان بۇ ئىككى قىسىملىق ئەسىرىمدە ھەرىكىتىمىزنىڭ غايىسىنىلا ئەمەس، بۇ ھەرىكەتنى تەقەززار قىلىۋاتقان تۈپكى سەۋەپلەرنىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بېرىشكە، بۇ سەۋەپلەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشىكارلاشقا بەل باغلىدىم. بۇنداق بىر ئەسەر، ساپ نەزەرىيىۋىي تۈستە يېزىلغان كىتاپلارغا قارىغاندا كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەت بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ كىتاۋىم ۋاستىسى ئارقىلىق، مەن ئۆز قابىلىيىتىمنى كىشىلەرگە تونۇتۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلەيدىكەنمەن. ئەسلىدە، ئۆز قابىلىيىتىمنى ئىپادىلەش ئىشى، كىتاپنىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈنلا زۆرۈر بولۇپ قالماي يەھۇدىي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە توقۇپ چىقىرىۋاتقان بوھتانلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدى.
شۇنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەنكى، مەن بۇ كىتاۋىمدا ھەرگىزمۇ ھەرىكىتىمىزگە يات بولغان كىشىلەرگە مۇراجەت قىلىشنى مەقسەت قىلمىدىم. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزگە چىن قەلبىدىن ئەقىدە قىلىپ سېپىمىزگە قوشۇلغان، ئەمما ئىدىيىۋىي چۈشەنچىلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئالالماي يۈرگەن سەبداشلىرىمىزغا خىتاپ قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.
ئادەتتە خەلق ئاممىسىنى يېزىق شەكلىدىكى تەشۋىقاتلارغا قارىغاندا بىۋاستە سۆز-نۇتۇقلارغا تايىنىپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىغىنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتقىنىم يوق. يەنى، تارىختىكى ھەر قانداق بىر داغدۇغىلىق ھەرىكەتنى يازغۇچىلار ئەمەس بەلكى ناتىقلار ياراتقان ئەسەر ئىكەنلىگى ئېنىق.
شۇنىڭدەك يەنە، بىرەر تەلىماتنىڭ مەزمونى بىلەن بىر پۈتۈنلىگىنى، پەقەت يېزىق شەكلىدە ئىپادىلەش ئارقىلىقلا ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىغىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق بىر تەلىمات، پەقەت بىرلا قېتىم يېزىلسا كۇپايە. مانا بۇلار، مېنى بۇ ئىككى توملۇق ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىككى ئاساسى نوقتا ئىدى.
                                                − ئادولف ھىتلېر
                                               لاندسبېرگ تۈرمىسى− لېچ دەريا بويى

تەغدىم
1923-يىلى 9-دىكابىر (ئاراي) كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، تۈۋەندە ئىسمى يېزىلغان كىشىلەر فېلدھېرنھال ئالدىدا، بۇرۇنقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگىنىڭ تاشقى قوروسىدا جاللاتلار ئالدىدا قاتارغا تىزىلدى. ئۇلار مىللىتىگە قايتىدىن شان-شۆھرەت كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە چىن قەلبىدىن سادىق بولۇپ ئەگەشكىنى ئۈچۈنلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى:
ئالفارد فېلىكس، تىجارەتچى، 1901-يىلى 5-ئىيوندا تۇغۇلغان؛
باۋرىيېلد ئاندرېئاس، شەپكىچى، 1879-يىلى 4-مايدا تۇغۇلغان؛
كاسېللا تېيودور، بانكا خىزمەتچىسى، 1894-يىلى 8-ئاۋغۇستتا (چاياندا) تۇغۇلغان؛
فائۇست مارتىن، بانكا خىزمەتچىسى، 1901-يىلى 27-يانۋاردا (ئوچاقتا) تۇغۇلغان؛
ئېخرىلىچ ۋىلھېلم، بانكا خىزمەتچىسى، 1894-يىلى 10-ئاۋغوستتا تۇغۇلغان؛
ھېچېنبېرگېر ئانتون، سىلېسار، 1902-يىلى 28-سىنتەبىردە (ياچاقتا) تۇغۇلغان؛
كورنېر ئوسكار، تىجارەتچى، 1875-يىلى 4-يانۋاردا (ئوچاقتا) تۇغۇلغان؛
كۇن كارل، ستۇدېنت، 1897-يىلى 26-ئىيوندا تۇغۇلغان؛
لافورس كارل، ئېنجىنېرلىق ستۇدېنتى، 1904-يىلى 28-ئۆكتەبىردە (ئوغۇزدا) تۇغۇلغان؛
نېۋباۋېر كۇرت، كۈتكۈچى، 1899-يىلى 27-مارتتا (قوزادا) تۇغۇلغان؛
پاپ كلاۋۇس (فون)، تىجارەتچى، 1904-يىلى 19-ئاۋغۇستتا (چاياندا) تۇغۇلغان؛
پفوردتېن تېئودور (فون دېر)، يەرلىك ئالىي سوت مەھكىمە ھەيئەت ئەزاسى، 1873-يىلى 14-مايدا تۇغۇلغان؛
رىكمېرس جوھان، كاپىتان كاۋاللىر پېنسىيونېر (پىنسىيىدىكى ئاتلىق ئەسكەر كاپىتانى، يۈزبېشى − ئۇ.ت)، 1881-يىلى 7-مايدا تۇغۇلغان؛
شېئۇبنېر-رىچتېر ماكس-ئېرۋىن (فون)، دوكتور ئېنجىنېر، 1884- يىلى 9-يانۋاردا (ئوچاقتا) تۇغۇلغان؛
سترانسكىي لورېنز- رىتتېر (فون)، ئېنجىنېر، 1899-يىلى 14-مارتتا (قوزادا) تۇغۇلغان؛
ۋولف ۋىلھېلم، تىجارەتچى، 1898-يىلى 19-ئۆكتەبىردە (ئوغۇزدا) تۇغۇلغان.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قەبرىسى ئۈچۈن بىرەر خاتىرە مۇنارىسى قاتۇرۇش تەلىۋىمىزنىمۇ قوبۇل قىلىشمىدى.
مەن بۇ ئەسىرىمنىڭ بىرىنچى قىسمىنى، ئەنە شۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئورتاق خاتىرىسى ئۈچۈن تەغدىم قىلىمەن: شىھىتلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك نۇرى سەبداشلىرىمىزنىڭ يولىنى مەڭگۈ يورۇتقاي!
                               لېيچ دەريا بويى لاندسبېرگ تۈرمىسى،
                                                     1924-يىلى 16-ئۆكتەبىر (ئوغۇز)
                                                                                       − ئادولف ھىتلېر  

1-قىسىم
تەييارلىق باسقۇچى

بىرىنچى باب

تۇغۇلغان يۇرتۇم
تەقدىر مېنى ئىككى نېمىس دۆلىتىنى ئايرىپ تۇرىۋاتقان چېگرانىڭ نەق ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان رېيىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان براۋناۋ دېگەن ئىنتايىن مەنزىرىلىك كىچىك بىر شەھەردە بەخىتلىك ھالدا دۇنياغا كەلتۈردى. بۇنداق مەنىلىك بىر يەردە تۇغۇلغانلىقىمنى، كۈرەش قىلىشىم ئۈچۈن تەغدىرنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان بىر لۇتۇپى دەپ قارايمەن. يەنى، بۇ كىچىك شەھەر ئىككى نېمىس دۆلىتىنىڭ چېگرالىرى ئىچىگە كىرىشىپ كەتكەنلىكى، بۇ ئىككى نېمىس دۆلىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن قولدىن كېلىدىغان پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن ئۇلۇغ غايىنىمۇ ئىپادىلەپ تۇراتتى.
تىپىك نېمىس يۇرتلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدىغان ئاۋسترىيە، گېرمانىيە دەپ ئاتالغان بۇ ئۇلۇغ نېمىس ۋەتىنىنىڭ قوينىغا بۇرۇنلا قايتىپ كېلىشى كىرەك ئىدى. بۇنداق بىر قوشۇلۇش، باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مۇقەررەرلىك. بۇ مۇقەررەرلىك ھەرگىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئادەتتىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەقەززاسىدىن بارلىققا كەلگەن بىر قوشۇلۇش بولماستىن بەلكى قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ تەقەززاسى ئىدى. شۇنداق! بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشىنى تەقەززار قىلىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەت، ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت بولماي، پەقەتلا قانداشلىق ئاساسىدىكى مۇناسىۋەت ئىدى! بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلچە پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق بولغان تەغدىردىمۇ مۇتلەق تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى شەرت بولغان بىرلىشىش بولىشى كېرەك. چۇنكى، بۇ ئىككى ئەل خەلقى بىر خىل ئىرققا مەنسۈپ، بىر خىل قاندىكى خەلق بولغاچقا، چوقۇم بىرلا ئىمپىرىيىگە تەۋە بولۇشى كېرەك. ئەگەر، ئىككىگە ئايرىۋېتىلگەن بۇ ئىككى نېمىس دۆلىتى بالدۇرىراق بىرلا دۆلەت بولۇپ بىرلەشتۈرلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمۇ بۇ ئايرىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان دەرت-ئەلەمدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ-دە، كېڭەيمىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزۈش پۇرسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر گېرمان دۆلىتى پۈتۈن نېمىسلار ياشايدىغان بارلىق تۇپراقلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرىۋالغان كۈنلىرىدە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە نېمىس نوپۇسى ئارتىپ بۇ تۇپراق ئۇلارنى بېقىپ تويغۇزۇشقا، نورىمال پاراۋان تۇرمۇش قامداشقا كۈچى يېتىدىغان بولىدۇ. نېمىس خەلقى بۇنداق بىر مەجبورىيەت ئاستىدا قالغىنىدا، قولىدىكى قوش-ساپانلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قىلىچ كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇرۇش باشلاش يولىنى تاللىۋېلىشقا مەجبۇر. شۇ كۈنلەرگە كەلگىنىدە، ئۇرۇش يېغىلىغىنىڭ كۆز ياشلىرى يىتەرلىك بولكا بىلەن سېرىق ياغقا ئېرىشىشنىڭ، كەلگۈسى ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىگە ئايلىنالايدۇ.
مېنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇم، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ بىر غايىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتىشىم كېرەككى، مېنىڭ بۇ يۇرتۇمنىڭ ئۆزگىچىلىگى ھەرگىز بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ بۇ پارچىسى، بىر ئەسىردىن بېرى نېمىس مىللىتىنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان مۇنداق بىر تراگىدىيىگىمۇ سەھنە بولغان: ۋەتىنىمىز فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ يوقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئۇ پاجىئەلىك يىللاردا، جوھاننېس پالم ئىسىملىك نۇرېمبېرگلىك بىر كىتاپپۇرش، پۈتۈن قەلبى بىلەن سۆيگەن نېمىس مىللىتى ئۈچۈن بۇ شەھەردە قىلچە ئىككىلەنمەي جېنىنى پىدا قىلغان ئىكەن. پالم، فرانسۇز تاجاۋۇزچىلىرىغا ئىنتايىن ئۆچ تىپىك نېمىس مىللەتچىسى ئىكەندۇق. ئۇ، دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان دوستلىرى بىلەن پارتىزان يىتەكچىلىرىنى تاجاۋۇزچىلارغا پاش قىلمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇپ، خەلقىگە ئۈلگە بولۇپ بەرگىنى ئۈچۈنلا تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. لېئو شلاگېلېر دەيدىغان يەنە بىر ئەزىمەتمۇ پالمغا ئوخشاش ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بىرى ئىكەندۇق. ئۇمۇ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا بىر قورچاق ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ پاش قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا ئېلىنغان، ئۇمۇ پالمغا ئوخشاش بىرمۇ سەبدىشىنى پاش قىلماي ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بۇ ۋىژدانسىزلىقنى ئاۋگسبۇرگلۇق بىر قورچاق ساقچى ئەمەلدارى قىلغان ئىكەن. قورچاق سەۋەرىڭ دۆلىتىنىڭ يېڭى نېمىس دائىرىلىرى، بۇ قورچاق ساقچى ئەمەلدارىنى بۇ خائىنلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن قاتتىق جازالاش ئورنىغا، تاجاۋۇزچىلارغا غالچىلىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردىڭ دەپ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ مۇكاپاتلاشقان ئىكەن.
مېنىڭ ئائىلەم، 1890-يىللار ئەتىراپىدا بۇ ئىككى نېمىس قەھرىمانىنىڭ ئىسسىق قېنىدا بويالغان ئەنە شۇ ئىن دېگەن كىچىك شەھەردە تۇراتتىكەن. مېنىڭ بۇ يۇرتۇم، قانداشلىق جەھەتتىن باۋارىيىگە مەنسۈپ بولسىمۇ، سىياسىي تەۋەلىك جەھەتتە ئاۋسترىيەگە تەۋە بىر يەر ئىدى. دادام ئۆز كەسىپىنى سۆيىدىغان ۋەزىپىسىگە سادىق بىر دۆلەت تاموژنا كادىرى، ئاپام بولسا دادام بىلەن بىرگە بالىلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىدىغان بىر ئائىلە ئايالى ئىدى.
مەن، تۇغۇلغان يۇرتۇم بىلەن بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى ئەھۋالىم ھەققىدە تىلغا ئالغىدەك بىرەر نەرسە ئەسلىيەلمەيمەن. چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا دادام يېڭى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ رېيىن دەرياسىنىڭ تېخىمۇ تۈۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان پاسساۋ دىگەن يەرگە، يەنى ئەسلىدە گېرمانىيىگە تەۋە بىر يەرگە يۆتكىلىدىكەن. ئۇ يىللىرى ئاۋۇستىريىلىك بىر تاموژنا كادىرى بولغان بىرسى تىنماي كەسىپىنى ياكى خىزمەت ئورنىنى يۆتكەپ تۇرۇشقا مەجبور دەۋىرلەر بولسا كېرەك، دادام كېيىنچە يەنە ئۇ يەردىنمۇ ئالماشتۇرۇلۇپ لېنزگە ئىۋەرتىلىدىكەن. دادام ئاخىرى شۇ يەردە پىنسىيىگە چىقىدۇ. ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەم، پىنسىيىگە چىققان بولىشىغا قارىماي كۈنلىرىنى ئارام ئېلىپ بىكارچىلىقتا ئۆتكىزىشنى ھەرگىزمۇ خالايدىغان بىرسى ئەمەس ئىدى. ئۇ، بىر يېزائىگىلىك ئىشچىسىنىڭ پەرزەنتى بولغىنى ئۈچۈن، ئىش ئىستەپ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىلا ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغانىكەن. يەنى، دادام ئەندىلا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، چامىدانىنى كۆتۈرۈپ تۇغۇلغان ئورمانلىق يېزىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. پىشقەدەم مەھەلىداشلىرى ئۇنى ھەرقانچە سۇۋۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگە پەرۋا قىلماي بىرەر ھۈنەر ئۆگۈنۈپ ھۆرمەتكە لايىق بىر ئادەم بولۇپ كېلىش خىيالىدا ۋيېنناغا قاراپ سەپەر قىلغان ئىكەن. بۇ ئىشلار 1850-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، يېنىدا ئارانلا ئۈچ ئېكۇس (شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئاۋسترىيە پۇلى − ئۇ.ت) پۇلى تۇرۇغلۇق كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن بىر سەپەرگە ئاتلىنىشقا زورلىنىشى، دادام ئۈچۈن بەكلا مەجبۇرى ۋە ئېغىر كېلىدىغان ئىش بولسا كېرەك. دادام، سىرتلاردا ئىشلەپ يۈرۈپ تۆت يىلدىن كېيىن كومپاينانلىق دەرىجىسىدىكى ئۇستا ئىشچى بولالىغان بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئىشچىلار دەرىجىسىدىكى بۇ ھالىدىن پەقەتلا رازى بولمىغان ئىكەن. ئۇ يىللاردىكى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن ئېغىر نامىراتلىق، دادامنى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىلىك كەسىپ ئىگەللىگەن ئادەم بولۇش خىيالىغا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
يېزىنىڭ نامىرات بىر دېھقان بالىسى بولغان دادام، بالىلىق ۋاقىتلىرىدا مەھەلىسىدىكى پوپنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ھەۋەسلىنىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى بۇ جاھاندا يەتكىلى بولىدىغان ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە دەپ بىلگەن بولسا، چوڭ شەھەرلەردە ياشاش جەريانىدا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىدىكى خىزمەتلەرنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، مەمورى كادىرلىق ھەممىدىن ئېتىۋارلىق ئىش ئىكەن دەيدىغان قاراشقا كەلگەن بولىشى مۇمكىن. كەمبەغەلچىلىكتە تارتقان جاپالىرى دادامنى بالدۇرلا قۇرامىغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىگە كېلىپ يولغا چىققان بۇ يىگىت، شۇ ۋاقىتلاردا ئەندىلا 17 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئىكەندۇق. ئاخىرى غايىسىگە يېتىپ رەسمى بىر دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. دادام بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان كۈنلىرىدە يېشىمۇ 23 كە كىرىپ قالغان ئىكەن. پەرىزىمچە، يېزىسىدىكىلەرگە كۆزگە چېلىققىدەك بىرسىگە ئايلانماي تۇرۇپ ئۇ گۈزەل يېزىسىغا قايتىپ كەلمەيمەن دەپ ۋەدە قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئەندى ئۇ، ۋەدە قىلغان مەخسىدىگە يەتكەن بىرسى ئىدى. ئەمما دادام ئۇزۇن يىل ئايرىلغان يېزىسىغا قايتىپ بارغىنىدا، مەھەلىسىدە ئۇنى ھېچكىم تونىيالماپتۇ. مەھەلىسىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن ئۇنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشكەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ دادام ئۆز يېزىسىدىن ياتسىراشقا باشلاپتۇ. …
ئاخىرى دادام، مەمورى كادىرلىق بىلەن شوغۇللىنىپ پىنسىيىگە چىقىپ ئاددى ئائىلە قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ، بىردەممۇ جىم تۇرالمايدىغان بىرسى ئىدى. يۇقۇرقى ئاۋسترىيەنىڭ لامباچ دەيدىغان كىچىك بىر شەھەر ئەتىراپىدىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ شۇ يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، دادام ئۇزۇن يىللىق تىنىم تاپماي يۆتكۈلۈپ يۈرۈپ ئىشلىگەن ئىشىدىن پىنسىيىگە چىقىپ، تا ۋاپات بولغان 56 يېشىغىچە ئاتا كەسىپى بولغان دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ ئۆتىدۇ.
مېنىڭ دەسلەپكى كۆزقاراشلىرىم ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلىغان دېيىشىم مۇمكىن. ئوقۇش دەۋرىدە ئۆتكەن ھاياتىم تىنىم تاپماي شوخلۇق قىلىشلار، ئەركىن تالاش-تارتىشلار، مەكتەپتىن قېچىشلار، ئۆزەمدىن چوڭ ياكى كۈچلۈك بالىلار بىلەن دوست بولۇپ ئويناش … دېگەندەك شوخ ئۆسمۈرلۈك ھايات بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇ قىلىقلىرىمغا قاراپ ئانام مەندىن بەكلا خاپا بولاتتى. ئەمما مەنمۇ مۆڭدەك ئۆيدىن تالاغا چىقماي جىم ئولتۇرۇشقا چىدىيالايدىغان بىرسىمۇ ئەمەس ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆزەمنىڭ نىمىلەرگە قابىلىيىتىم بارلىقى، نىمىلەرگە ھەۋىسىم بارلىقىنى بەك ئويلاپ كەتمەيتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە بىر نىمە ئويلايتتىم دېيىشكە توغرا كەلسە، ھەر ھالدا دادام تاللىۋالغان مەمورى كادىر بولۇشتەك بىر تۇرمۇش يولى مېنى قىزىقتۇرمايدىغانلىقىنى ئويلىسام كېرەك؟ شۇ ياشلىرىمدىلا دوستلىرىم ئارىسىدا سۆزلەپ قويىدىغان ئاز-تۇلا قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، توغرىسى ئۇلارنى ئىشەندۈرۈپ ئېيتىدىغان يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىم شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ناتىقلىق قابىلىيىتىم يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. شۇ ياشلىرىمدىلا ئۆزەمنى ئاران تۇتۇپ يۈرىدىغان بالىلار يىتەكچىسى − لىدېر بولۇشقا باشلىغان ئىدىم. شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى ھېساپلىناتتىم. مەن ئۈچۈن ئۆگۈنۈش ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش بولۇپ تۇيۇلاتتى.
بوش ۋاقىتلىرىمدا لامباچ ماناستىرىدا ئېچىلغان ناخشا-مۇزىكا دەرسلىرىگە قاتنىشاتتىم. بۇ دەرسلەر يەكشەنبىلىك داغ-دۇغىلىق چىركاۋ مۇراسىملىرىدا ئۆزەمنى راسا كۆرسىتىۋېلىش پۇرسىتىنى بېرەتتى.
ئۆز ۋاقتىدا دادام ئۆز يېزىسىدا ھۆرمەتلىنىپ قەدىرلىنىدىغان پوپىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئېرىشىشكە تىگىشلىك بىر ئۈلگە قىلىپ تاللىۋالغىنىغا ئوخشاش، مەنمۇ بۇ يەردىكى ھۆرمەتلىك پوپىمىز ئاببېنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر غايە دەپ قارايدىغان بولغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا خىيالىمدا ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. دادام ياشلىق دەۋرلىرىدە بەكلا جاپالىق ئىشلەپ ئۆتكەن ئىكەندۇق. شۇڭا، تەغدىر دادامغا ئېغىر جاپالىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا مېنىڭدەك سۆز قابىلىيىتىنى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ قايىل قىلالىغىدەك سۆزلەش قابىلىيىتىنى پەقەتلا بەرمىگەن ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، دادام، مېنىڭ بۇ قابىلىيىتىمنى ئىشقا سېلىش خىيالىمدىن زادىلا رازى ئەمەس، دائىم مېنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىم ئۈستىدە غەم قىلىپلا يۈرەتتى. بۈگۈنكى ياشلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالىغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس دەپ قارامدىكىن، مېنىڭ ئويلىرىمنى غەلىتىلىك دەپ قاراپ مەندىن رەنجىپ يۈرەتتى؛ بۇنداق غەيرى قاراشلاردا بولىشىمنىڭ سەۋەبىنى تۇغما نوقسانلىق بولمىسۇن يەنە دەپمۇ ئويلاپ قالسا كېرەك؟ دادام بۈگۈنكى ياشلارنى زادىلا چۈشەنمەيتتى.
راس دېگەندەك، كېيىنچە ناتىقلىق ھەۋىسىمنىڭ ئورنىنى ئۆز خاراكتىرىمگە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېڭىچە ھەۋەسلەر، يېڭى ئۈمىدلەر ئېلىشقا باشلىدى. بىر كۈنى دادامنىڭ قىرائەتخانىسىنى چۇخچىلاپ يۈرگىنىمدە، ئەسكەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل كونا كىتاپلار قولۇمغا ئېلىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1870~1871-يىللارردىكى فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشى تونۇشتۇرۇلغان ئاددى ساۋات خاراكتىرىدىكى چاتما ماقالىلارمۇ بار ئىدى. كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۇ يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر رەسىم شەكلىدە سىزىپ تونۇشتۇرۇلغان قايسى بىر رەسىملىك گېزىتكە تەۋە ئىككى قىسىملىق بروشورمۇ بار ئىدى. بۇ كىتاپلار ئۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بالىلار كىتابىمغا ئايلانغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قەھرىمانلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ چوڭ ئۇرۇش قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئىلىشقا باشلىدى. شۇندىن ئېتىۋارەن قولۇمغا چىققانلىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىلىككە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى يىغىشقا كىرىشىپ كەتتىم.
بۇ قىزىقىشىم مېنىڭ ھاياتىمدىكى يېپ-يېڭى ۋە ئىنتايىن مۇھىم بىر كەشىپ، بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. يەنى، ئۇ كۈنلەردە ئانچە بەك ئېنىق چۈشىنىپ كىتەلمىسەممۇ، تۇنجى قېتىم ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان بىر مۇنچە سۇئاللار كاللامغا كېلىۋېلىپ مېنى قىينىماقتا ئىدى. شۇنىڭغا ئىشىنەتتىمكى، بۇ خىل سۇئاللار شۇ كۈنگىچە تېخى جاۋاپقا ئېرىشەلمەي كەلگەن مۇجمەل سۇئاللار ئىدى: مەن بىر نېمىسمەن. شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان نېمىسلار بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بىزدەك باشقا نېمىسلار نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن؟ بىز ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار، گېرمانىيىدىكى نېمىسلاردىن زادى نىمە پەرقىمىز بار؟ ئەگەر بىرەر پەرقىمىز بار دېيىلسە، بۇ پەرق زادى قانداق بىر پەرق؟ دادام ۋە باشقا ئاۋسترىيەلىكلەر بۇ ئۇرۇشقا نېمە ئۈچۈن قاتناشمىدى؟ بىز ئاۋسترىيەلىكلەر ئۇ گېرمانىيىلىك نېمىسلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر كىشىلەرمىدۇق بولمىسا؟ بىز ئۇلار بىلەن بىر يولدىكى كىشىلەردىن ئەمەسمۇ-يا؟
مېنىڭ بالا ئەقلىم بۇ مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاپ تاپالماي قىينىلاتتى، بەزىدە ئۆزەم سورىغان سۇئالغا ئېھتىياتلىق بىلەن يەنە ئۆزەم جاۋاپ تېپىشقا تىرىشاتتىم. ئاخىرىدا، يوشۇرۇن بىر ھەسەتلىنىش ھىسىياتى ئىچىدە غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆزەمدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورىدىم: نېمە ئۈچۈن بارلىق نېمىسلار بىردەك بىسمارك ئىمپىرىيىسىگە مەنسۈپ بولۇش بەختىيارلىقىغا ئېرىشەلمىگەن؟! ئىشنىڭ بۇ تەرىپىگە زادىلا ئەقلىم يەتمەي، گېرمانىيىدىكى نېمىسلاردىن قىزغىنىپ كەتكەن ئىدىم.
بۇنچە چوڭ بىر مەسىلىگە ئۇ ياشتا قانداقمۇ توغرا جاۋاب تاپالايتتىم؟

دەسلەپكى كۈزىتىشلىرىم
بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇشۇم كىرەكلىگىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كېلىپ سىستېمىلىق بىلىم ئېلىشىم كىرەكلىگىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
مېنىڭ مىجەز-خاراكتىرىمنى كۈزىتىپ يۈرگەن دادام، بۇ ئوغلۇمدا كلاسسىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا پەقەتلا ئىقتىدارى يوق ئىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كېلىپ، “ساڭا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ، ئەسلىدە كەسىپى ئورتا مەكتەپ ئىكەن” دەپ سۆزلەپ يۈرىدىغان بولدى. دادام مېنىڭ رەسىملەرنى بەكلا ئاسان ۋە چىرايلىق سىزالىشىمغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، مېنىڭدىكى بۇ ئالاھىدىلىككە قاراپ يوقۇرقىدەك خۇلاسىغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. دادام يەنە ئاۋسترىيەدىكى لىسەلەردە (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە − ئۇ.ت) رەسىم سىزىش كەسىپىگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا قەتئى كۆزگە ئىلمايدۇ دەپمۇ قوياتتى. بەلكى ئۇنىڭ جەمىيەت تەجرىبىسى ئەمىلىي قىممىتى يوق بۇنداق ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، “ئىنسانلىق” تىن ئۇنى بەكلا ياتلاشتۇرىۋەتكەنلىگىدىن شۇنداق ئويلايدىغان بولسا كىرەك، مېنىڭ بۇ تۈردىكى قىزىقىشلىرىم ئۇنى پەقەتلا قىزىقتۇرالمىغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇ، مېنىڭ كىلەچىگىم ھەققىدە ئاللىمۇ قاچان بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى: ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىر مەمورى كادىر بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق دەۋرى، ئۇنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش شارائىتىنى تەييارلاپ بەرمىگەن بولغاچقىمىكىن، تەبىئى ھالدا ئۇنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ قولغا كەلتۈرگەن كادىرلىق كەسىپىنى ئەتىۋارلايدىغان مىجەزى ھەرقانداق بىر ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم قەتئى ئىرادىگە كېلىپ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش شەرت دەيدىغان قاراشنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. راس دېمىسىمۇ، دادام مەمورى كادىر بولىمەن دەپ ئاز جاپا تارتمىغان ئىكەن. دادام، شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنى مەمورى كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالىغانلىقىدىن بەكلا مەغرۇرلىناتتى. شۇڭا، مېنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مەمورى كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك كادىر بولۇشقا تەييارلىق قىلىشىمنى ئويلايتتى. ئۇ مېنىڭ ئۈچۈن تۈزگەن بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلىنى يوقۇرى مەۋقەلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشتۈرىمەن دەپ ئالاھىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى. بۇ ئۇنىڭ بىر غايىسىغا ئايلانغانىدى.
دادام، پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان كادىر بولغىنىغا ئوخشاش، مېنىمۇ بىر كادىر قىلىپ يېتىشتۈرىمەن دەيدىغان ئارزۇسىغا ماقۇل بولمايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق، كەسكىن ۋە ئۇنىڭچە بولغاندا ئاتا بولغۇچىنىڭ بۇنداق بىر قارارغا كېلىشى پۈتۈنلەي ھەق، بەكلا نورىمال بىر ئىش ھېساپلىناتتى.
جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا بۇيرۇقۋاز مىجەزنى سىڭدۇرىۋالغان دادام، بالىسىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق مۇھىم بىر ئىشقا قارار بېرىش ئىشنى ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان، مەسئولىيەت دېگەننىڭ نېمىلىگىنىمۇ بىلمەيدىغان مېنىڭدەك بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويالمايتتى، ئەلىۋەتتە. بۇ ئىش ئوغلىنىڭ ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم ئىش بولغاچقا، قىلچە بوشاشماي نەق بىر ئاتا مەسئولىيىتى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئىدى. بۇ ئىشتا كۆرۈلۈشى ئېھتىمالى بولىدىغان ھەرقانداق سەل قاراش ئاتىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھى دەپ ھېساپلايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق بىر ئىشقا سەل قاراش ئۇنىڭ ئەستايىدىل ۋەزىپە ئۆتەش مىجەزى بىلەنمۇ زادىلا سىغىشالمايتتى.
شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە شەكىلدە تەرەققى قىلىشقا باشلايدۇ. يەنى، دادامنىڭ ئىستىقبالىم ھەققىدە شۇنچە باش قاتۇرغىنىغا قارىماي، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈلگىرەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلەي؟
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم − ئەندىلا ئون بىر ياشقا قەدەم بېسىۋاتقان بىر ئۆسمۈر بولۇشۇمغا قارىماي دادامنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئىدىم. دادام ئىستىقبالىمغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانچىكى چىڭ تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان مەنمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر پىكىرنى رەت قىلىشتا ئەڭ كامىدا دادامدەك جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ تىركەشمەكتە ئىدىم:
«ياق، مەمورى كادىر بولۇشنى خالىمايمەن!»
سىيلىق نەسىھەت قىلىشلار، قاتتىق گەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ قارشى چىقىشىمنى توساپ قالالمىغان ئىدى: “مەمورى كادىر بولۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن، ياق، ھەرگىزمۇ كادىر بولمايمەن!” دەپ بەكلا چىڭ تۇرىۋالاتتىم.
داداممۇ مېنىڭدە كادىرلىققا بولغان قىزىقىشنى قوزغايمەن دەپ ئۆزىنىڭ كادىرلىق ھاياتىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ بىكاردىن-بىكارغا ئاۋارە بولاتتى. ئەمما دادامنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرى ماڭا پۈتۈنلەي ئەكسىچە تەسىر قىلاتتى. مەن بولسام، دادامنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن بىلگىنىمچە كادىرلىقنىڭ قانداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كادىرلىققا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كىتەتتىم: كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزەمنى غۇۋا يۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىشخانىدا قامىلىپ ھېچ يەرگە مىدىرلىيالماي ئەتىدىن كەچكىچە ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇشۇمنى، پۈتۈن ئۆمۈرۈمنى بىر مۇنچە دەپتەر-جەدۋەللەرنى تولدۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىشىمنى، ۋاقتىمنى ئۆز ئىختىيارىم بويىچە ئىشلىتەلمەي قاراڭغۇ ئىشخانىدا قامىلىپ ئولتۇرىدىغانلىقىمنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرسەملا، بۇ كادىرلىق دېگەندىن پۈتۈنلەي يىرگىنىپ كىتەتتىم.
راستىنى دېسەم، كۈچلۈك، بەستلىك بولمىغان، ‘ئەخلاقلىق، يۇۋاش تەربىيىلەنگەن’ مېنىڭدەك بىرسىنىڭ كىلەچەكتە نىمە ئىشلارنى قىلالىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش، ھەقىقەتەنمۇ غەمگە سالىدىغان بىر ئىش ئىدى.
مەكتەپتىكى دەرىسلەرنى ئۆگىنىشىم ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقتىم كەتمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، بوش قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدە قامىلىپ جىم ئولتۇرۇش ئورنىغا سىرتلاردا، ساپ ھاۋالىق يەرلەردە ئايلىنىپ ۋاقت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىرىم مېنىڭ ئۆتمۈشۈمدىن بىرەر نوقسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن “بۇ ھىتلېر دىگەن كىشى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە نېمە ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكەزگەن بولغىيدى؟” دېيىشىپ، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تا بالىلىق كەچۈرمىشلىرىمگىچە چۇخچىلاپ يۈرۈپ ماڭا ئۇ بالىلىق ۋاقتىمدىكى بەخىتلىك كۈنلەرنى ئېسىمگە سالغىنى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇ دەۋىرلەردە ئىچىم پۈشقان ھامان چاتقاللىقلار بىلەن ئورمانلىقلارنى ئايلىنىپ سەيلە قىلىپ كېلىپ پۈتۈن خاپىلىقلىرىمنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كىتەتتىم. ئورمانلىقلار، چاتقاللىق دالالار ھەقىقەتەنمۇ ئىچ پۇشىقىنى، زىرىكىشلىكنى، ھەتتا خاپىلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان بەكلا ياخشى ماكان ھېساپلىناتتى.
كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم مېنىڭ قىزىقىشلىرىمنى، كۈندىلىك پائالىيەت جەدۋىلىمنى ئانچە بەك ئۆزگەرتىۋىتەلمىگەن ئىدى. ئەمما ئۇ كۈنلەردە بىلىپ-بىلمەي يەنە بىر ئىشقا كىرىشىپ قالغان ئىدىم.
دادامنىڭ مېنى كادىرلىققا تەييارلايمەن دىگەن ئارزۇسىغا قارشى چىقىشىم ئۆيدىكىلەرنى رەنجىتىپ قويغاندەك قىلسىمۇ، مېنىڭ نارازىلىقىم مەمورى خىزمەتكە بولغان ئۆچلىكىمنىلا ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ نارازىلىقىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىم. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مەمورى خىزمەتكە بولغان ئۆچلۈكۈمنى يوشۇرۇپ، دادامنى رەنجىتىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتىم. چوڭ بولغىنىمدا مەمورىي كادىر بولمايمەن دېگەن ئىرادەم كۈچلۈك بولۇپ، بۇنداق كەسكىن بىر ئىرادىگە كىلەلىگەنلىكىمدىن پەخىرلىنىپ بەكلا مەغرۇرلىنىپ يۈرەتتىم. ئەمما، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادامنىڭ پىلانى مېنىڭ باشقا قىزىقىشلىرىم بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشقا باشلىشى بىلەن ئارىمىزدا كۆڭۈلسىزلىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئويغا قانداق كەلگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىسەممۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ بولسام رەسسام بولىمەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالغان ئىدىم. دېمىسىمۇ نەقىش رەسىملىرىنى سىزىش قابىلىيىتىمگە گەپ كەتمەيتتى. ھەتتا دادامنىڭ مېنى كەسىپى ئورتا مەكتەپكە بېرىش ئويىغا كېلىشىگىمۇ رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىم سەۋەپ بولغان دېيىشكە بولاتتى. شۇنداقتىمۇ، دادام مېنىڭ رەسمى بىر رەسسام بولۇش ئۈچۈن ئوقۇشۇمنى ھەرگىز خالىمايتتى. ھەتتا كەلگۈسىدە بىرەر رەسسام بولۇپ چىقىشىمغا قەتئىي قارشى ئىدى. دادامنىڭ ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، دادام مەندىن، چوڭ بولغىنىڭدا زادى نىمە ئىش بىلەن شوغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلىسەن دەپ تۇنجى قېتىم سوراپ قالدى. بۇ ھەقتە ئاللىقاچان ئېنىق قارارغا كېلىپ بولغىنىم ئۈچۈن، ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا دەرھال جاۋاپ بەردىم:
− رەسسام بولماقچىمەن!
دادام، ھەيران بولغانلىغىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.
− نىمە دېدىڭ؟ رەسسام بولماقچى دېدىڭمۇ؟ يەنى بىر سەنئەتكار بولىمەن دىمەكچىمۇسەن؟
دادام مېنىڭ بۇ جاۋابنى ئويلىنىپ ياكى ئويلانماي بەرگەنلىكىمنى پەرق قىلالماي چىرايىمغا تىكىلىپ قاراپ بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتى. ھەتتا مېنىڭ ئەقلى-ھۇشۇمنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمان قىلسا كېرەك، خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ قانداق دەپ ماڭا قايتا تىكىلدى. ئەمما مېنىڭ راستىنلا رەسسام بولماقچى ئىكەنلىكىم ھەققىدىكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشۈمنى قايتا بىر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن راس شۇنداق جاۋاپ بەرگەنلىكىمنى بىلدى-دە، شۇ ھامان شىددەت بىلەن قارشى چىقتى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا كەسكىن ۋە ئۇچۇق ئىدى، مېنىڭ ھەر قانداق بىر قابىلىيىتىمنىڭ بارلىقىغا قەتئى ئىتىبار قىلمايدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتتى:
− رەسسام بولىمەن دېدىڭ-ھە؟ ياق، ياق، ھەرگىز بولالمايسەن!
ئەمما ئوغلىنىڭ دادىدىن يۇقتۇرۇپ ئالغان مىجەزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالىدىغان جاھىللىق مىجەزىمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەرگەن جاۋابىممۇ ئۇنىڭكىدەك ئېنىق ۋە كەسكىن ئىدى.
دادام ئىككىمىز تالىشىپ يۈرۈپ دەيدىغان گېپىمىزمۇ تۈگىگەن ئىدى. دادام ياق دېدىمۇ بولدى، ئۇ ھەرگىز گېپىدىن يانمايتتى. ئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزگېپىمدە چىڭ تۇرىۋېلىشتا ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتىم.
راس دېمىسىمۇ، بۇ تالاش تارتىشنىڭ ئاقىۋىتى خاپىلىق بىلەن پۈتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان دادام، مەندىن بەكلا رەنجىگەن ئىدى. مەنمۇ بۇ ئىشنى دەپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي مەن يەنىلا دادامنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ دادام مېنىڭ رەسىم سىزىشىمنى چەكلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەنمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ، ئۇنداق قىلساڭ مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تەھدىت قىلدىم. تەبىئىيكى بۇنداق ۋاقىتلاردا يېڭىلىدىغان تەرەپ يەنىلا مەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ مەغرۇر كىشى باشقا ئېغىز ئېچىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى. ئاتا بولغانلىقىنى تونۇتۇپ قويماقچى بولدى. ئىش بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، مەنمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈن چىقارماي جىم تۇرۇشقا مەجبور بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مەكتەپتىن قاچىمەن دەپ تەھدىد سېلىشتىن يانمىدىم. كەسىپى ئورتا مەكتەپتە مەيلى خالاپ ياكى خالىماي ياخشى ئوقىمايدىغانلا بولسام، دادام مېنى چوقۇم ئۆز ئىختىيارىمغا قويىۋېتىدىغۇ دەپ ئويلايتتىم.
بۇ پىلانىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ-ئاشماسلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمما مەكتەپتە ئالغان نەتىجىلىرىم كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئۆزەم قىزىقىدىغان ياكى كەلگۈسىدە رەسسام بولغىنىمدا ئەسقاتىدۇ دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بەكىرەك كۈچ چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتىم. مېنى قىزىقتۇرمايدىغان، كېرىكى يوق دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بىلىپ تۇرۇپ تىرىشمايتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئالغان دەرىس نەتىجىلىرىمدە قىزىقىدىغان دەرسلىرىمدىن پەۋقۇلئاددە يوقۇرى، قىزىقمايدىغانلاردىن بولسا بەكلا ناچار نومۇرلارنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدىم. “ياخشى” ۋە “ئەلا” دىگەن نومۇرلار بىلەن بىرلىكتە “ئورتا” ھەتتا “ناچار” دىگەن نومۇرلارنىمۇ ئېلىپ قالاتتىم. ئەڭ نەتىجىلىك بولغان دەرسلىرىمدىن تارىخ ۋە جوغراپىيە قاتارىدىكى ئومۇمى ساۋات دەرسلىرى بار ئىدى. بەكلا قىزىقىدىغان بۇ دەرسلىرىمدە سىنىپنىڭ ئەڭ ئەلاچىلىرىدىن بىرى ئىدىم.
ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈن ئۇ يىللارنىڭ ھىساپ-كىتاۋىنى قىلىپ كۆرگىنىمدە، مۇنداق ئىككى مۇھىم خۇلاسىنى چىقىرىمەن:
1. شۇ يىللاردىن باشلاپ مىللەتچى بولۇپ يېتىشىشكە باشلىغان ئىدىم؛
2. تارىخنى ھەقىقىي مەنىسى بويىچە چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم.
كونا ئاۋسترىيە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردىكى بۇنداق بىر دۆلەتتە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىدىن تەپسىلى خەۋەردار بولىمەن دېېيىش ئۇنچە ئاسان ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشىدا داڭلىق گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۇتۇغلۇق جەڭلەرنى قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشكىنىدىن كېيىن، گېرمانىيىلىكلەر ئۆز چېگراسى بويىدىكى قوشنا نېمىسلارنى كۈندىن كۈنگە ئېسىدىن چىقىرىشقا باشلايدۇ. گېرمانىيىدىكى نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاۋسترىيىدە نېمىس بولۇشنىڭ قانچىلىك تەسكە توختايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھەرگىز بىلمەيتتى ياكى بىلىشنىمۇ خالىمايتتى. ھېچكىم ئاۋسترىيەدىكى نېمىسچە مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىشقا مەجبور بولىۋاتقانلىقىنى پەقەت خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيتتى. نېمىسلار، سىرتتىكى نېمىسلارنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ قانچىلىك ئېغىر بىر يوقۇتۇلۇش بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيتتى.
بولۇپمۇ ئاۋسترىيە نېمىسلىرى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا، ئۇلارنى ھەر دائىم ۋەيران بولىۋاتقان خاندانلىق بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرۈپ ئاۋسترىيە دېمەك نېمىس دېمەكتۇر دەپلا قارىشاتتى.
راس دېگەندەك، ئاۋسترىيە نېمىسلىرى ئۆتمۈشىدە 52 مىليون نوپۇسلۇق بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقالىغان ئەڭ ئېسىل ئىرق ئىدى. بەلكىم شۇ ئۇلۇغ نەتىجە سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، گېرمانىيىلىكلەر ئاۋسترىيەنى پۈتۈنلەي نېمىسلارنىڭ قولىدىكى بىر دۆلەت دەپ قارىشاتتى. بۇنداق قاراش، رۇشەنكى بەكلا چوڭ خاتا قاراش، ھەتتا ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر خاتا قاراش ئىدى! يەنە بىر جەھەتتى ئالغاندا، ئاۋسترىيەنىڭ بۇ شەكىلدە كۆرۈنۈشى، شەرقتىكى ئون مىليون نېمىس ئىرقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئىرق ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئاۋسترىيەدە نېمىس مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتۇش تىلىنى نېمىسچىدە ساقلاپ تۇتۇش، شۇ ئاساستا ئاۋسترىيەدە نېمىسلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ يەردىكى نېمىسلار تىنماستىن جاپالىق كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى گېرمانىيىدە ئويلايدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە رېيچ (گېرمانىيە پارلامېنت ھۆكۈمىتى − ئۇ.ت) گېرمانىيىسىنىڭ سىرتىدا قالغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نېمىسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىپ، ئانا ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە پۈتۈن قەلبى بىلەن گېرمانىيىگە تەلپۈنۈپ ياشىماقتا. ئۇلار بۇ غايىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشىپ ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ جاپالىق كۈرەش قىلماقتا. ئەسلىدە ئۇلار «نېمىس ئىرقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» نىڭ ئەھمىيىتىنى بەك ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ھېساپلىناتتى.
بۇ ئىش شۇنداق بىر تەتۇر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغانكى، رېيچ گېرمانىيىسى مۇستەملىكىلەر بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، چېگرىسىنىڭ يىنىدىكى قان قېرىنداشلىرىغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇ يەردە نېمىسچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوقۇلۇشقا يۈز تۇتىۋاتقانلىقىغا پەرۋامۇ قىلىشمايتتى. ھەتتا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن نېمىس دۆلىتىنى قۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرىۋاتقانلار دېيىشىپ ماختىنىپ يۈرىشەتتى. ئاۋسترىيە ئۆتكەن ئەسىرلەردىن بېرى نېمىسلىكىنى شەرقتىن مۇداپىيە قىلىپ كەلگەن، كېيىن يەنە ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ۋەيران قىلارلىق ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە نېمىس تىلىنىڭ كېڭىيىش چېگرالىرى خېلى دەرىجىدە تارىيىپ كەتكەنىدى.
بۇ ھادىسىلەر قىلچە ھەيرانلىق ھېس قىلىنىدىغان ھادىسە ئەمەس. چۇنكى، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە ۋە ھەر قانداق بىر ئىشتا كۆرۈلۈپ تۇرغىنىدەك، كونا ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى تىللارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتىدىمۇ مۇنداق ئۈچ خىل ئادەملەر مەيدانغا چىقماقتا ئىدى: چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلار، نېمىلا دېسە ماقۇل دەيدىغان يۇمشاقباشلار ۋە مۇناپىقلار.
مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە ئوخشايدىغان ھەممە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەھۋال يوقۇرقىدەك ئىدى. شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ كەسكىن تالىشىش رىقابىتى، ئەۋلات يېتىشتۈرىدىغان يەرلەردە روي بېرىدۇ. بۇنداق رىقابەتلەر ئىزباسار تالىشىشنى تۈپكى مۇددا قىلغاچقا، ھەرقاندان بىر چاقىرىق ئاۋال ئەنە شۇ ئىز باسارلارغا قارىتىلىشى، بۇنداق چاقىرىق قىلىشنى چوقۇم بىلىشى كېرەك:
− ئەي نېمىس يىگىتى، ئۆزەڭنىڭ ئۇلۇغ بىر نېمىس ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئېسىڭدىن چىقارما!
− ئەي نېمىس قىزى، يېقىندا شەرەپلىك بىر نېمىس ئانىسى بولىدىغانلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما!
ياشلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر، بۇنداق بىر چاقىرىقنى ئەڭ قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ ئەنە شۇ ياشلار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ياشلار بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ۋە قۇراللىرى بىلەن مىڭ بىر خىل تۈسكە كەلتۈرۈپ قانات يايدۇرالايدۇ: ئۇلار چەتئەل ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ؛ نېمىس شۆھرىتىنى ئۇنۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانچە ھەپىلەشسىمۇ، ياشلىرىمىز بۇ مىللىي شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە جوشقۇ بىلەن قوغداشقا تىرىشىدۇ؛ چوڭلار قاتناشقان ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىدىكى خەجلەيدىغان تەڭگىلىرىنى تىجەيدۇ؛ دىن تارقىتىش نىقاۋى ئاستىدىكى چەئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن غەرەزلىرىگە قارىتا ھەر دائىم ھۇشيار تۇرالايدۇ. تاقاش چەكلەنگەن ئۆز مىللىتىگە خاس ئىزنەك-بەلگىلەرنى قورقماي تاقاپ يۈرەلەيدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن جازالىنىش، ھەتتا تاياق يېيىشكىمۇ پىسەنت قىلماي غورۇرلىنىپ يۈرەلەيدۇ.
ياشلار چوڭلاردىن ئۈلگە ئېلىش بىلەنلا قالماي، كۆپۈنچە ھاللاردا چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسىياتلىنالايدۇ. ياشلارنى قوزغاش، ئۇلارنى يىتەكلەش چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان.
كونا ئاۋسترىيە مىللەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق كۈرەشلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى ماڭىمۇ نېسىپ بولغان ئىدى. مەكتەپتە جەنوبىي مانشى جەمىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچۈن ئىئانە يىغاتتۇق، قارا، قىزىل، سېرىق ئۈچ رەڭلىك بايراقلار بىلەن بىزەلگەن گۈل دەستىلىرىنى سوغات قىلىشاتتۇق؛ “خايىل − ياشىسۇن!” دەپ توۋلىشىپ تەنتەنە قىلىشاتتۇق؛ پاش قىلىنىش ۋە جازالىنىشلاردىن قورقماي ئىمپىرىيە مارشى كايزەرلايدنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ “دوتچلاند ئاللېس − گېرمانىيە ھەممىدىن ئۈستۈن” دېگەن مارشنى ئېيتىشاتتۇق. ئاتالمىش مىللىي دۆلەتنىڭ تەركىۋىدىكى ئىرقلار ھەققىدە گەپ بولغىنىدا، چۈشىنىكسىز مىللىي تىللىرىدىن باشقا مىللىي غورۇرىمىزنى كۈچەيتىدىغان ھېچ نېمىدىن خەۋىرىمىز بولمىسىمۇ، ياشلار سىياسىي جەھەتتە ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار روھ بىلەن يېتىشتۈرىلەتتۇق. شۇنىسى ئېنىقكى، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ يۇۋاش-يۇمشاق يېتىشكەن بولماي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوت يۈرەك “نېمىس مىللەتچىسى” بولۇپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدىم. بۇ يەردە مىللەتچى دېگىنىم، بۇگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىگە مىللەتچى ئىسىمنى قويىۋالغان پارتىيىنىڭ چۈشەنچىلىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان بىر مىللەتچىلىك ئىدى.
بۇ تۈردىكى يىتىلىش روھى سەۋەبىدىن، مەنمۇ ئىدىيە جەھەتتە تىزلىكتە تەرەققى قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. ئون بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدىلا خاندانلىق پۇخرالىقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن ئىرق مىللەتچىلىگى دېگەن ئىككى ئۇقۇمنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ھالغا كېلىپ، رەسمى مىللەتچى بولۇپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدىم.
ھابسبوۋرگ خاندانلىق تۈزۈمىنىڭ ئىچكى سىياسى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئاۋارىچىلىقىغا چىدىمايدىغانلار، مېنىڭ نېمىشكە بۇنداق بىر يول تاللىيالىغانلىقىمنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ. ئادەتتە بۇنداق بىر مايىللىق دۆلەت ئىچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىغان ئومۇمىي تارىخ دەرسلىرىنىڭ تەسىرىدىلا ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ئاۋسترىيە تارىخى دەيدىغان مەخسۇس بىر تارىخ ئەمەلىيەتتە يوق. بۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى نېمىسلىككە شۇنچىلىك زىچ باغلانغانكى، نېمىس تارىخىدىن مۇستەسنا بىرەر ئاۋسترىيە تارىخىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، نېمىسلارنىڭ ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىشىنى، نېمىس تارىخىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
ۋيېننادا زاۋاللىققا يۇز تۇتقان بۇ كونا پادىشالىقتىكى بارلىق دەبدەبىلىك مەنزىرىلەر گويا ئىمپىرىيە تەركىۋىدىكى بارلىق مىللەتلەر بىر پۈتۈنلۈكنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە بۇ سۇنئى تاشقى كۆرۈنۈشتىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
ھابسبوۋرگ خاندانلىقى يىمىرىلىشقا يېقىنلاپ قالغان كۈنلەردە، ئاۋسترىيە نېمىسلىرى ئانا ۋەتەن توپراقلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسى بىلەن تېپىرلىشىپلا كەتكەنىدى. ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدە شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئورتاق گېرمانىيە قۇرۇش ئارزۇسىنى يالغۇز تارىخ تەربىيىسى ئارقىلىقلا قوزغىتىش مۇمكىن. تارىخ، مەڭگۈ قۇرىماس بىر بۇلاق بولۇپ، شارائىت يار بەرمىگەن بەزى دەۋرلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، قەلبلەردە يېڭى بىر ئىستىقبالنى نېمىسلارنىڭ قۇلىقىغا تىنماي پىچىرلاپ تۇرىدۇ. مانا بۇ، ئىككى نېمىس خەلقىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسىنىڭ ئىچكى كۈچى.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتىلىدىغان دۇنيا تارىخ دەرسلىكلىرى بەكلا ناچار تۈزۈلگەن دېيىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارىخ دەرسىنىڭ مەقسىدى تارىخىي ۋەقەلىكلەر يۈز بەرگەن ئاي-كۈنلەر بىلەن جەريانلارنىلا ئوقۇتۇش دەپ قاراشماقتا. بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بىرەر ئۇرۇشنىڭ قايسى يىلى، قايسى ئايلاردا باشلىنىپ قايسى كۈنلەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىۋېلىشى ياكى قايسى بىر مارشالنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قايسى بىر پادىشاھنىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىنى ئاي-كۈنلىرى بويىچە ئېنىق يادلىۋېلىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. ئەسلىدىنلا ئەھمىيەتلىك بولغىنىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ئەمەس ئىدى. تارىخ دەرسىنىڭ مەقسىدى، تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئەسلى سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئامىللارنى ئۆگۈنۈش بىلەن ئۇلارنى تەتقىق قىلىش مەقسەت قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
مېنىڭچە بولغاندا، تارىخ ئۆگۈنۈش، بەلكىم ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ماھارىتى دېگىنىمىزدە شۇنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك: ئاساسىي مەزمونلارنى ساقلاپ قېلىپ، جەريانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
مېنىڭ مەكتەپتىكى تارىخ دەرس ئوقۇشىمدا، بۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ئاز ئۇچۇرايدىغان تالانتلىق بىرسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سالاھىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىم كېيىنكى كۆزقاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارايمەن. ھەتتا شۇ سەۋەپتىن پۈتكۈل ھاياتىمدا يول كۆرسەتكۈچ رول ئوينىغان، ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا بىر ئىنقىلاپچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ئۈچۈن يىتەكچى رول ئوينىغان دەپ قارايمەن. ماڭا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچۇم لېنزدىكى كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لىئوپولد پويېتش دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز ھېسىياتچان، مىجەزى چۇرس ۋە ئاق كۆڭۈل بىر ئادەم ئىدى. ئۇ جوشقۇنلۇق نوتۇقلىرى بىلەن بىزنى سىھىرلەپ، بىزنى بۇ رىئال دۇنيادىن چىقىرىپ ئۆتمۈش ئەسىرلەرنىڭ تۇمانلىق يىللىرى ئىچىگە يىتەكلەپ، ئۇ دەۋىرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان بىر مۇنچە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەپ بىزنى ھاياجانلاندۇراتتى. بىزنى تارىخنىڭ ئۇ سىرلىق دۇنياسىغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرغان شۇ ئوقۇتقۇچىمنى تا بۈگۈنگىچە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاۋاتقىنىمىزدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالاتتۇق. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە ھاياجاندىن كۆزلىرىمىز ياشقا تولۇپ كېتەتتى.
بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇ تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، تارىخىي ھادىسىلەردىن ساۋاق ئېلىپ بۈگۈنگە تەدبىقلاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن تەسىرلىك تەسۋىرلەپ بېرەلىگەچكە، بىزمۇ پەۋقۇلئاددە سۈكۈنەت ئىچىدە ئاڭلاپ كىتەتتۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز مىللىي ھېسىياتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئىنتىزامچان بولۇشىمىزغا يىتەكلەيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەرس پروگراممىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايتتى.
ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىم، ماڭا تارىخ دەرسىنى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان دەرستىن بىرىسىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. ھەتتا مېنىڭ ياش ئىنقىلاپچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمدا بۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ئىدى.
بۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنى سۆيگەن، ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن، گېرمانىيە تارىخىنى ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇغان بىرسى، مىللىتىنىڭ تەغدىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خاندانلىقتىن نەپرەتلەنمەي، ئۇنىڭغا قارشى تۇرماي تۇرالارمۇ؟
بۇرۇندىن تارتىپ مىللىتىگە خىيانەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ پەسكەش مەنپەئەتىنى نېمىس مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىۋالغان بۇنداق بىر پادىشالىققا كىممۇ سادىق پۇخرا بولغىسى كېلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز مىللەتچى ياش-ئۆسمۈرلەر ئاۋسترىيە دۆلىتىگە نېمىسلارنىڭ قىلچىمۇ مۇھەببتى يوقلىغىنى، بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلمەسمىدۇق؟
بۈگۈنگىچە روي بېرىۋاتقان ھەر بىر ۋەقە، تارىخنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن تەجرىبىلىرى ئاۋسترىيە خاندانلىق ئائىلىسى بولغان خابسبوۋرگلارنىڭ مىللىتىگە قىلىۋاتقان رەزىللىكلىرىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى، خالاس.
جەنوپ ۋە شىمالدا يات دۆلەتلەرنىڭ زەھىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەقلىنى بۇلغاشقا باشلىشى بىلەن، ۋيېننانىمۇ كۈندىن-كۈنگە نېمىس شەھىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان، نېمىسلىكتىن بارغانسىرى ياتلىشىۋاتقان شەھەرگە ئايلاندۇرماقتا. بۇ دەبدەبىلىك ئاۋسترىيە خاندانلىق ئائىلىسى ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چېخ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن قىلچە نومۇس قىلمايدىغان ھالغا كەلمەكتە. ئاۋسترىيەنىڭ ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇلۇشىنى نېمىس دۈشمىنى بولغان ئاۋۇسرتىيە شاھزادىسى فرانز فېردىناند قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئىدى. قىزىق، بۇ ئارشىدۇك، سىلاۋيانلارغا ياردەملىشىپ بىرگە قۇيۇپ ياسىغان ئوقتا يەنە شۇ ئىسلاۋىيانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتىلدى. ئەسلىدە ئاۋسترىيەنى يوقۇرىدىن تۈۋەنگىچە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇش ئىشىغا بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلغان ئادەم دەل بۇ شاھزادە ئەمەسمىدى؟ تەڭرى ئۇنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بەرگەن ئىدى.
گېرمانىيە خەلقىگە ئارتىلغان تۆلەم پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بىز نېمىسلاردىن بۇنچە كۆپ قان-تەر تەلەپ قىلىشى، دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر زومىلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ گېرمانىيىگە قىلغان بۇ ئۆكتەملىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ناھەقچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەتتا قارغۇمۇ ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيتتى. بۇ ئىشتا بىزگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان تەرىپى شۇكى، خابسبوۋرگلارنىڭ نېمىسلارغا يوقۇرقىدەك دۈشمەنلىك قىلىشىنى گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دېگەننى باھانە قىلىپ ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدۇر. گېرمانىيىمۇ كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن بۇ مۇنارخىيىدە نېمىسلىكنىڭ كۈنسايىن ۋەيران قىلىنىشىغا قىلچە پەرۋا قىلماي بىر چەتتە قاراپ تۇراتتى. ئاۋسترىيە خاندانلىقىمۇ تاشقى مۇناسىۋەتلەردە ساتقۇنلۇق قىلىشقا تايىنىپ ئاۋسترىيەنى بىر نېمىس دۆلىتى قىياپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمپىرىيە سارىيىدا نېمىسلىققا قارشى ئىسيان، قىساس ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىماقتا ئىدى.
ئەپسۇسكى، ئاۋسترىيە خاندانلىقى ئىچىدە روي بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەرنى يالغۇز گېرمانىيە رېيچ دائىرىلىلا كۆرەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار قارغۇ ئادەمدەك ئۆلگەن جەسەتنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ نېرى كېتەلمەي، چىرىگەن سۈڭەكلەردىن قايتا تىرىلىش شەپىلىرىنى كۆرىۋاتىمىز، ھەتتا بۇ جەسەتكە جان كىرىپ قىمىرلاۋاتىدۇ دېيىشىپ ئۆلىۋاتقان ھابسبورگ خارابىسىغا قاراپ كۆڭلىنى خوش قىلىشماقتا ئىدى.
يېڭى تۇغۇلغان رېيچ بىلەن ئەرۋاھقا ئايلىنىپ بولغان كونا ئاۋسترىيە ئوتتۇرسىدا ئىمزالانغان بۇ تەلەيسىز ئىتتىپاقداشلىق كىلىشىمى ئىچىدە، كەلگۈسىدە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاشنىڭ تۇنجى توپ ئوقلىرى يوشۇرۇنغان، گېرمانىيىنى مەغلوبىيەتكە سۆرەپ ماڭىدىغان ئامىللار يوشۇرۇنغان دېيىشكە بولاتتى.
بۇ مەسىلىنى كىتاۋىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە تېخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ ھەقتە ھازىرچە شۇنچىلىك توختىلىپ ئۆزەمنىڭ گېپىگە قايتاي. ياشلىق دەۋرىمنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن تارتىپلا بەزى ئاساسلىق كۆز قاراشلىرىم شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلىرىمنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ماڭدىم، خالاس. شۇ چاغدا تىكلىۋالغان ئاساسلىق كۆزقاراشلىىم تۈۋەندىكىلەر ئىدى:
− بۇندىن كېيىن نېمىس ئىرقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى − مۇتلەق تۈردە ئاۋسترىيە يىمىرىلىشى كېرەك.
− مىللەتچى ھېسىياتقا ئىگە بولۇش بىلەن بۇ خانىدانلىق پۇخرالىقىدا تۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەر بولۇش بىر-بىرسىگە تۈپتىن زىت كېلىدىغان ئىككى خىل ئىش.
− خابسبوۋرگ ئوردىسى نېمىس مىللىتىگە ئاپەت تېرىدىغان بىر خان سارىيىدۇر.
شۇ يىللاردىن باشلاپ، بۇ قاراشلىرىمنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان مۇنداق بىر تۇيغۇ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى: ئانا ۋەتىنىم بولغان نېمىس ئاۋسترىيە تۇپراقلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ئەمما ئاۋسترىيە دۆلىتىنى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆچ كۆرەتتىم.

جەڭگىۋار ھېسسىياتلىرىم
شۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇغان دۇنيا تارىخى ھەققىدىكى بىلىملىرىم مەسىلىلەرنى كۈزىتىشىمدە، بولۇپمۇ سىياسىي كۆزقاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بىلىم غەزىنەم ۋە ياردەمچىم بولۇپ كەلدى. مەن بۇ بىلىملەرگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى قىلچە قىينالمايلا چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم. شۇندىن كېيىن داۋاملىق تارىخ ئۆگۈنۈشۈمنىڭ ھاجىتى قالمىدى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇ يىللاردا تارىخنى مەن ئۆگەندىم ئەمەس بەلكى تارىخ مېنى ئۆگەتتى دېسەم تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
مەن ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا سىياسىي جەھەتتە بالا ئىنقىلاپچى بولۇپ يېتىشكىنىمگە ئوخشاش، ئۇزۇنغا قالماي سەنئەت ساھەسىدىمۇ ئىسلاھاتچى روھ بىلەن يىتىلىشكە باشلىغان ئىدىم.
ئۇ يىللاردا ئاۋسترىيەنىڭ يوقۇرىسىدىكى مەركىزى شەھەرلەردىن بىرىدە بىر تياتىر ئۆمىگى بولىدىغان. بۇ ئۆمەكنىڭ ئويۇن سەۋىيىسى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. بۇ ئۆمەك پات-پاتلا مەن تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئويۇن قويۇپ تۇراتتى. مەن ئون ئىككى ياش ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم گۇيللاۋم تېل تىياتىرىنى كۆرگەن ئىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە شۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئوپىرا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇ ئوپىرا لوھېنگرىن ئوپىراسى ئىدى. بۇ ئوپىرا مېنى باشتىن تارتىپلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. باش رولچى بايرېئۇت ئالغان رولدىن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭغا بەكلا ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. كىچىككىنە بىر ۋىلايەت شەھىرىدە بۇنداق سۈپەتلىك ئۇيۇنلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىم، مېنىڭ ئۈچۈن بىر تەلەي ئىدى. بۇ ئوپىرا ماڭا، كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىلىك ئوپىرالارنى كۆرۈپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى بەرگەن ئىدى.
شۇ ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار − شوخلۇقلار ئىچىدە نۇرغۇنلىغان خاپىلىقلارنىمۇ تەڭ تارتقان ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم − مېنى، دادامنىڭ مەن ئۈچۈن پىلانلاۋاتقان كەسىپىدىن پۈتۈنلەي سوۋۇتۇپ كادىرلىققا تېخىمۇ ئۆچ قىلىۋەتكەن ئىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى كەلگۈسىدە بىر مەمورىي كادىر بولۇپ بەخىتلىك بولالمايدىغانلىغىمنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلماقتا ئىدىم. رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئىسپاتلانغان ئىدى. بۇمۇ تاللىۋالغان يولۇمدىن يانماسلىقىم ئۈچۈن تۈرتكە بولۇپ بەرمەكتە ئىدى.
دادامنىڭ يالۋۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىشلىرىنىڭ ھېچقايسى ماڭا كار قىلمايتتى. نىمە بولسا بولسۇن، كەلگۈسىدە ھەرگىزمۇ مەمورىي كادىر بولمايمەن، چوقۇم بىر رەسسام بولۇپ يېتىشىپ چىقىمەن دەيتتىم.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەندە بىناكارلىق كەسىپىگە بولغان قىزىقىشمۇ ئاستا-ئاستا شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئۇ يىللاردا، بىناكارلىق كەسىپىنى رەسىم سەنئىتىنى تەكاممۇللاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان بىر كەسىپ دەپلا ئويلايتتىم. شۇنداق قىلىپ، سەنئەتكارلىققا مۇناسىۋەتلىك قىزىقىشلىرىمنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بەكلا خوشال بولغان ئىدىم.
ئەمما، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە ئىش ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ، پۈتۈنلەي باشقا بىر تەغدىرگە دۈچ كېلىدىغانلىقىمنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش
كەسىپ تاللاش مەسىلەم كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولۇپ كەتتى:
دادام تۇيۇقسىزلا ۋاپات بولدى. دادامدىن ئايرىلغان كۈنلىرىمدە ئەندىلا ئون ئۈچ ياشقا قەدەم باسقان ئىدىم. دادام، ساپساغلام يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ پالەچ بولۇپ بىزنى چوڭقۇر مۇسىبەت ئىچىگە تاشلاپ بۇ ئالەمدىن جىممىتىلا كېتىپ قالدى. ئائىلەم ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە قالغان ئىدى. دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىدىن بىرسى، مېنى جەمىيەتكە چىققىنىمدا ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگىنىدەك دۈچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان جاپالاردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كەسىپ ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىدى. دادام، بۇ ئارزۇسىغا يىتەلمەي ئاخىرى ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، بىلىپ-بىلمەستىن بولسىمۇ ماڭا ئىستىقبال توغرىسىدا بىر غايىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا دادم بىلەن ئىككىمىزنىڭلا ئىشەنچىمىز كامىل ئىدى.
دەسلەپكى كۈنلەردە، مۇنداق قارىغاندا ئىشلىرىمدا كۆزگە كۆرۈنگىدەك بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلاتتى. ئاناممۇ مېنى تەربىيەلەشتە دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە يول تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ مەجبورىيىتى دەپ ھىساپلايتتى. يەنى ئاناممۇ مېنىڭ مەمورىي كادىر بولۇش ئۈچۈن تەربىيىلىنىشىمنى تىلەيتتى. مەن بولسام، ھەرگىزمۇ كادىر بولماسلىق ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكىرەك جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرماقتا ئىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرس سېتكىلىرى غايەمگە ماس كەلمىگەنسىرى، مەنمۇ ئۇ دەرسلەرگە ئۇنچە بەك قىزىقماس بولىۋالغان ئىدىم. تۇيۇقسىزلا بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلغان بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولدۇم. بۇ كېسەللىك، ئائىلەم بىلەن بولغان بارلىق زىدىيەتلىرىمنى بىراقلا ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى. ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدىم.
دوختۇر ئانامغا، كەلگۈسىدە نېمە بولسا بولسۇن ئوغلىڭىزنى بىر ئىشخانىدىن چىقماي قامىلىپ ئولتۇرىدىغان مەمورى كادىرلىقتەك بىرەر ئىشقا قويۇشنى ھەرگىز ئويلىماڭ، دەپ ئالاھىدە جىكىلەش بىلەن بىرگە، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى ئەڭ بولمىغاندا بىرەر يىل بولسىمۇ توختۇتۇپ تۇرۇشۇم ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن ئارزۇلىرىمغا، قەتئى ۋاز كېچىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەيدىغان غايىلىرىم يولىدا كۈرەش قىلىش ئىمكانىغا تۇيۇقسىزلا ئېرىشكەن ئىدىم. كېسىلىم سەۋەپلىك، ئانام ماڭا كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ بىرەر تېخنىكومغا كىرىپ ئوقۇشۇمغا ماقۇل بولدى.
بۇ كۈنلەردە مەن خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك، يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلار راسمۇ-يالغانمۇ دەپ ئاڭقىرالماي خوشاللىغىمدىن خۇدۇمنى بىلەلمەي يۈردۈم. ئەسلىدە، ئۇ كۈنلىرىم راستىنلا بىر چۈش ئىكەندۇق. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا، تاغام ۋاپات بولۇپ مېنىڭ ئۇ تاتلىق خىياللىرىمنى پۈتۈنلەي توزىتىۋەتتى.
ئانام، ئۇزۇن داۋام قىلغان ئازاپلىق بىر كېسەلىككە گىرىپتار بولىدۇ. ئانام كېسەل بولغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا بۇ كېسەلدىن ساقىيىش ئۈمىدىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. بۇ زەربە ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. مەن، دادامنى ھۆرمەت قىلاتتىم؛ ئەمما ئانامنى چىن قەلبىمدىن سۆيەتتىم.
بۇ ئاچچىق ئەمەلىيەت، مېنى دەرھال بىر قارارغا كېلىشكە قىستىماقتا ئىدى. ئائىلىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار بولغان ئىختىسادىي زاپىسى ئانام ئېغىر كېسەللىك تارتقان كۈنلەردە ئاساسەن پاك-پاكىزە قۇرۇغدىنىپ تۈگىگەن ئىدى. يېتىملار يۇرتىنىڭ ماڭا بېرىدىغان ياردەم پۇلى تۇرمۇشۇمنى قامداشقا زادىلا يەتمەيتتى. شۇڭا، نىمىلا قىلسام قىلاي بىرەر ئىش تېپىپ تۇرمۇشۇمنى قامداشقا مەجبور ئىدىم.
بىر چامىدانغا كېيىم-كېچەكلىرىمنى سېلىپ ۋيېنناغا قاراپ يولغا چىقتىم. قەتئى ئىرادىگە كېلىپ يولغا چىققانلىقىم ئۈچۈن بۇ سەپەردىن ئۆزەمگە تولۇق ئىشەنچ قىلاتتىم. يولدا كېتىۋېتىپ بۇندىن ئەللىك يىل ئاۋال دادام ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئاتلانغان ۋيېننا سەپىرىدىن ئۇتۇق قازىنىپ يانغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈردۈم: مەنمۇ ئۇنىڭ باسقان ئىزىدىن مېڭىپ، تىلغا ئالغىدەك بىر “ئادەم” بولۇپ قايتىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن ئىدىم. ئەمما ھەرگىز كادىر بولمايمەن دەيدىغان سۆزۈمدىنمۇ قەتئى يانمىغان ئىدىم.

ئىككىنچى باب

ۋيېننادا ئوقۇشنى دەپ كۆرگەن جاپالىق كۈنلىرىم
ئانام ۋاپات بولغان كۈنلەردە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشىم توغرىلىق كاللامدا بەزى پىلانلارنى تۈزۈپ قويغان ئىدىم.
ئەسلىدە ئانامنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچلارغا كىرىپ قالغان كۈنلەردە، گۈزەل سەنئەتلەر ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئىمتىغانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋيېنناغا بارغان ئىدىم. سىزغان رەسىملىرىمدىن بىر بولاقنى قولتۇغۇمغا قىستۇرۇپ ۋيېننا سەپىرىگە ئاتلانغان ۋاقتىمدا، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بۇ ئېنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىمغا يۈزدە يۈز ئىشىنەتتىم. چۇنكى، كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىرە-بىنا رەسسامى ھېساپلىناتتىم. بۇ جەرياندا ھەرخىل مەنزىرە ۋە بىنا رەسىملىرىنى سىزىش سەۋىيەم ئالاھىدە يوقۇرى دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن، رەسساملىق پاكۇلتىتىغا چوقۇم قوبۇل قىلىنىمەن دەپ قەتئىي  ئىشىنەتتىم.
شۇنداقتىمۇ ئەنسىرەيدىغان تەرەپلىرىممۇ يوق ئەمەس ئىدى: رەسىم سىزىش جەھەتتە مەنزىرە-نەقىش رەسىملىرىنى سىزىشقا، بولۇپمۇ بىنا مەنزىرىلىرىنى سىزىشقا تېخىمۇ ئىقتىدارلىقتەك كۆرۈنەتتىم. بىناكارلىق سەنئىتىگە بولغان قىزىقىشىم، بۇ جەھەتتە ئىپادىلەنگەن زوۋقۇم تەبىئى ھالدا بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئەندىلا ئون ئالتە ياشقا كىرگەن بولۇشۇمغا قارىماي، ئون بەش كۈن ئەتىراپىدا تۇرۇپ قالغان ۋيېننادا مېنىڭدىكى بۇ ھەۋەس تېخىمۇ كۈچلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. خوفمۇزېئۇم رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىشقا بارغىنىمدا رەسىملەرگە دىققەت قىلىشنى ئۇنۇتۇپ بىنانىڭ گۈزەللىكلىرىنىلا كۆزۈتۈپ يۈرگەن ئىدىم. ھەر كۈنىسى ئەتىگەندىن تا كۈن پاتقىچە مېنى قىزىقتۇرغان چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چېپىپ يۈرگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرغىنى يەنىلا بىنالار ئىدى. ئوپىرا بىناسى بىلەن پارلامېنت بىنالىرىنى سائەتلەرچە تاماشا قىلىشتىن زادىلا زېرىكمىگەن ئىدىم. پۈتۈن رىنگستراس كوچىسى ماڭا گويا مىڭ بىر كىچە چۈچەكلىرىدىن ئېلىنغان بىر مۇزىيخانىدەكلا كۆرۈنمەكتە ئىدى.
مانا بۇگۈن، بۇ شەھەرگە ئىككىنچى قېتىم كىرىپ كەلمەكتە ئىدىم. ئىنىستىتۇتقا كىرىش ئىمتىھانىدىن مۇتلەق تۈردە ئۆتەلەيمەن دەيدىغان ئىشىنچ بىلەن مەغرۇر ھالدا نەتىجەمنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمغا شۇنچىلىك ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى، … ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىگىمدىن خەۋەر تاپقىنىمدا گويا بېشىمغا چاقماق چۈشكەندەك ھۇجۇقۇپ كەتكەن ئىدىم! ئىنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىم راس ئىدى. كىرىپ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىنىستىتۇتنىڭ رەسىم بولۈمىگە قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمنىڭ سەۋىبىنى سورىغىنىمدا، رېكتور − ئىنىستىتۇت مۇدىرى مېنىڭ تاپشۇرغان رەسىملىرىمگە ئاساسەن رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمنىڭ يوقلىغى توغرىسىدا رەت قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىپ مېنى قايىل قىلدى. ھەقىقەتەنمۇ رەسسام بولۇش خىيالىم يوققا چىققان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىنىستىتۇتنىڭ بىناكارلىق بۆلۈمىگە ئىمتىھان بېرىپ سىناپ بېقىشىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. مەنمۇ بۇنى بىر سىناپ كۆرۈشنى ئويلىدىم. ئەمما بۇنىڭمۇ بىر قىيىن تەرىپى بار ئىدى: بىناكارلىق كەسىپىگە تەييارلىق قىلغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشۇم شەرت ئىدى. مەن بولسام، يا ئۇنداق بىرەر مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئەمەسمەن ياكى ئۇنداق بىر مەكتەپنى سىرتتىن بولسىمۇ ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم.
شىللېر مەيدانىدىكى ھانسېن سارىيىدىن ئايرىلغىنىمدا، روھى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئەھۋالدا ئىدىم. تۇنجى قېتىم قابىلىيىتىمگە بولغان ئىشەنچىمدىن گۇمان قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. چۇنكى ئىستىبداتىم توغرىسىدا ئاڭلىغان سۆزلەر ماڭا ئەجەللىك زەربە بولۇپ تەككەن بولۇپ، ئۇ كۈنىسى ئاڭلىغانلىرىم قابىلىيىتىم ھەققىدە بۇرۇن ئاڭلاپ يۈرگەن گەپلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى. بۇ ۋەقە، ئۇزۇندىن بويان دىققەت قىلماي كەلگەن تۇراقسىزلىك، ياتلىشىش خاراكتېرىمنىمۇ بىراقلا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالغان ئىدىم. بۇ دەرت، مېنى قاتتىق ئازاپلاندۇرغان ئىدى.
ئەندى ئارتۇق ئويلىنىشىمنىڭ ئورنى يوق ئىدى. بۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۇشۇمنى يىغىۋېلىپ كەلگۈسىدە چوقۇم بىر بىناكار بولۇپ يېتىشىپ چىقىمەن دەپ پەرەز قىلىشقا مەجبور بولدۇم. ئەسلىدە، ھاياتلىق يولى مۇشەققەتلىك ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن تولغان ئىكەن. بۇرۇن رېئالشكۇل − كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا ئوقۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سەل قاراپ كەلگەن، ئەھمىيەت بەرمىگەن دەرسلىرىم، مانا بۈگۈن مېنىڭدىن ئاچچىق ئىنتىقامىنى ئالماقتا ئىدى. ئىنىستىتۇتنىڭ بىناكارلىق بولۈمىنىڭ دەرسلىرىنى ئۆزلەشتۈرەلىشىم ئۈچۈن ئاۋال قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئالغان بولىشىم كېرەك ئىدى. بۇ خىل دەرسلەر ئۈچۈن يەنە نورىمال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇشۇم لازىم. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئورۇندىمىغان ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا، بىر قاراشتا غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرەر ئىمكانىيىتى قالمىغاندەكلا كۆرۈنەتتى.
ئانام ۋاپات بولۇپ ۋيېنناغا ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىمدە ئۆزەمنى تۇتىۋالغان، ئىرادەم ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ۋيېننادا خېلى يىللار تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلاتتىم. غورۇرۇم قايتا تىكلەنگەن، مەقسىدىمگە يېتىش يولىدا دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق مۈشكىلاتلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان غەيرەتكە كەلگەن ئىدىم. مەن ئەندى بىناكار بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن، بۇ يولدا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار مېنى بويۇن ئەگدۈرەلەيدىغان قىيىنچىلىقلاردىن ئەمەس دەپ ئويلايتتىم. چۇنكى ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىققا چوقۇم تاقابىل تۇرالايمەن دەپ ئۆزەمگە ئىشەنچ قىلاتتىم. مەن ئالدىمدا دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىقنى چوقۇم يېڭىمەن دەپ ئۆزەمگە قەسەم قىلدىم. يېزىسىنىڭ ئاق كۆڭۈل، يوقسۇل بىر موزدوزى تۇرۇغلۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كادىر بولالىغان قەدىردان دادام ماڭا ئەڭ مۇۋاپىق ئۈلگە بولۇپ كۆز ئالدىمدا تۇراتتى. دادامغا قارىغاندا مەن تېخىمۇ پايدىلىق بىر نوقتىدا ئىشقا كىرىشمەكتە ئىدىم. شۇڭا، مېنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم دادامنىڭكىدەك ئۇنچىلىك قىيىنغا توختاپ كېتىشى ناتايىن دەپ ئويلايتتىم. ئۆز ۋاقتىدا تەغدىرنىڭ ماڭا قاتتىققول بولۇپ زۇلۇم قىلىشى بولۇپ بىلىنگەن ئىشلارنى، مانا بۈگۈن تەڭرىنىڭ مەن ئۈچۈن تەييارلىغان بىر چېنىقىش يولى ئىكەن دەپ قارىماقتىمەن.
يوقسۇللۇق تەڭرىسى مېنى ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، نۇرغۇن قېتىم سېنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قىلىپ باققان ئىدى. ھەر بىر توسالغۇ ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىشىمغا سەۋەپ بولۇپ، ئاخىرى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كىتەلىدىم.
بۈگۈن مەن، مېنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن شۇ يىللارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىشنى بىر قەرزىم دەپ قارايمەن. بۇ جەرياندا كۈچلۈك ئىرادىلىق بولۇپ يېتىشىپ چىققىنىم ئۈچۈن ئۆزەمدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇ يىللار مېنى راھەت ئىچىدە ياشاشقا بولىدىغان تۇرمۇش ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئىسسىق بىر ئۆيدە چوڭ بولغان نازۇك-مىشچان بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، غەم-ئەندىشىلىك كۈنلەر ئىچىگە تاشلىغانىكەن. ئۇ دەۋىر، مېنى خارلىق ۋە يوقسۇللۇق دۇنياسىغا تاشلاپ، كەلگۈسىدە غايەم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىم كېرەك بولغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر كۆرسەتكەن ئىكەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ جاپالىق يىللارغا رەخمەت ئېيتىشنى مەجبورىيىتىم دەپ قارايمەن.

ماركىسىزم
ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ كۆزۈم ئېچىلىشقا باشلاپ، ئۇ كۈنلەرگە كەلگىچە ئىسمىنىلا ئاڭلاپ يۈرگەن، ئەمما نېمىس مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن مۇنداق ئىككى خەۋپنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم: بۇ ئىككى خەۋىپ − ماركىسىزم بىلەن يەھۇدىيلىق ئىدى.
ۋيېننا، تەلەيلىك بولغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، سەبىلەر ئۈچۈن بولسا بايرام ئوينايدىغان بىر شەھەر ھېساپلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ئۈچۈن ۋيېننا دېمەك، ھاياتىمدىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇق يىللىرىمنىڭ جانلىق بىر خاتىرىسىدىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۈگۈنمۇ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى مەندە نامىراتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن شۇ بەش يىللىق ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمدىن باشقا بىرەر تەسىرات قوزغىيالمايدۇ. بۇ بەش يىللىق ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا مەدىكارلىق دەمدۇ، ھامماللىق دەمدۇ، ئۆي ئاقلاش دەمدۇ، ئىش قىلىپ تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشىم قالمىغان ئىدى. شۇنچىلىك ئاز ئىش ھەققى ئالاتتىمكى، تاپقان پۇلۇم قۇرسىغىمنى تويغۇزۇشقىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ كۈنلەردە ئاچلىق، مەندىن پەقەتلا ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بىر ھەمرايىم ۋە تاپقان بىر تىيىنىمنىمۇ تەڭ تالىشىپ خەجلەيمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان ئايرىلماس بىزەڭ دوستۇمغا ئايلانغان ئىدى. بۇ ئاچلىق دەردىمگە يەنە سېتىۋالغان ھەر بىر كىتاپلىرىمنىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. بىر قېتىملىق ئوپىراغا كىرىشىم، ئەتىسى ئاچلىق دېگەن بۇ ئايرىماس دوستۇمنىڭ ماڭا بىر كۈن كەچكىچە ھەمرا بولىشىغا سەۋەپچى بولاتتى. ئۇ كۈنلەرنى، ئاچلىق دىگەن بۇ ئىنساپسىز دوستۇم بىلەن تىنىمسىز تالىشىپ ئۆتكۈزگەن كۈنلەر دىيىشىم مۇمكىن. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇ كۈنلەردە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۈنەلىگەن ئىدىم. بىناكارلىق ئۆگۈنۈشىم، ھەمدە كامدىن-كام كۆرۈلىدىغان ئوپىراغا كىرىشىمدىن باشقا، ئاچ قېلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ تىجىگەن پولۇمغا سېتىۋالغان، ئاچ قالغان كۈنلىرىمنىڭ يالدامىسى بولغان كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان كىتاپلىرىمدىن باشقا، كۆڭلۈمنى خوش قىلغۇدەك بىرەر مەلىكەممۇ يوق ئىدى. بەكلا كۆپ ئوقۇيتتىم، ئىشتىن بۇشىغان ۋاقتىمنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك كىتاپ ئوقۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ، بىرقانچە يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن بىلىملىرىم بۈگۈنكى كۈندىمۇ ماڭا ئەسقىتىپ كەلمەكتە.
شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىم كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىدىيىلىرىم بىلەن كۆزقاراش ئاساسلىرىمنى ئەنە شۇ كۈنلەردىكى بىلىملىرىم ئاساسىدا شەكىللەندۈردىم دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. شۇندىن بۇيان، شۇ چاغدا ھۇلىنى سېلىۋالغان كۆزقاراش ۋە نەزەرىيىلىرىمنى ئاساسەن يېڭىلىماي دېگىدەك ئۆز پىتىچە ساقلاپ كەلمەكتىمەن. يەنى ئۇ كۈنلەردە تىكلىۋالغان قاراشلىرىمنىڭ ئاساسىنى قىلچە ئۆزگەرتمەستىن، ساداقەت بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
بۈگۈن مەن، مۇنداق بىر نەرسىگە قەتئى ئىشىنىمەن: ئادەمنىڭ ئىجابى قاراش ئاساسى ئادەتتە ياشلىق دەۋىرلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن. ئۇزۇن يىللىق جەمىيەت تەجرىبىسى ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان بىر بوۋاينىڭ بىلىم غەزىنىسىنى، تىنماي يېڭى كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرىدىغان، بۇ كۆزقاراشلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇلارنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي يۈرگەن، ھېرىپ چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ياشنىڭ زىھنى كۈچ-قۇدرىتىگە قەتئىي تەڭ قىلىشقا بولمايدۇ. ياشلىق دەۋىر، قۇرامىغا يەتكىنىدە پايدىلىنىدىغان بىلىم بىلەن پىلانلارنى تەييارلاپ بېرىدىغان دەۋردۇر. قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتلىرىدا، ئەگەر بۇلارنى ئۆتكەن يىللىرىدا ئۆزلەشتۈرىۋالغان سەۋىر، ئېھتىيات قىلىش، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش دېگەندەك ئادەتلەر بىلەن بوغۇپ تاشلىمىغانلا بولىدىكەن، بۇ بىلىم جوغلانمىلىرىدىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېتەلەيدۇ.
مېنىڭ ئۇ كۈنلەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇشۇم، ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان ياشلارنىڭ تۇرمۇش جەھەتتە تۇتقان يولىدىن كۆپ پەرق قىلىپمۇ كەتمەيتتى: كىلەچىكىم ھەققىدە تۈزۈك بىر پىلانىم يوق، ئىجتىمائى ئورنۇم ياكى تۇرمۇش ساھەسىدىمۇ بىرەر غېمىم يوق ئىدى.
مېنىڭ بالىلىق مۇھىتىم، ئۇششاق بۇرجۇئازىيىنىڭ جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان بىر ئائىلە ھاياتى ئىچىدە ئۆتكەن ئىدى. بىر قارىماققا غەلىتىرەك كۆرۈنسىمۇ، ئىقتىسادىي شارائىتى ئۇنچىۋالا ياخشى ھىساپلانمايدىغان ئۇششاق بۇرجۇئازىيە سىنىپى بىلەن مەدىكار ئىشچىلار سىنىپى ئوتتۇرسىدا پەرەز قىلغانلىرىمىزدەك ئۇنچىۋالا چوڭقۇر بىر ھاڭ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ ئىككى سىنىپ بىر-بىرسىگە چەكسىز دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن قارىشاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى دۈشمەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: ئەسلىدە تېخى يېقىنقىلا بىر ۋاقىتتا ئىشچى سىنىپىنىڭ سەۋىيىسىدىن قۇتۇلۇپ بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر، ئاز-تۇلا يىرگىنىدىغان بۇرۇنقى ھالىتىگە يېنىپ قېلىشىدىن ياكى ئۇ سنىپقا مەنسۈپ كىشىلەرگە ئوخشاپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيدىغانلىقى سەۋەپ بولغان دېيىش مۇمكىن. شۇنىڭدەك يەنە ئارىسىدا بىۋاستە ياشاپ باققان پەس كۆرگەن بۇرۇنقى سىنىپىدىكىلەرنىڭ قوپال، كىشىنى يىرگەندۈرگىدەك تىللار بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرى بىلەن مەدەنىيەتسىزلىگىمۇ، بۇنداق يىرگىنىشنى پەيدا قىلغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. ئەنە شۇنداق بىر ئىجتىمائىي سەۋىيىدىن قۇتۇلۇپ مويسىپەت بولىۋالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مىنوتلىقىغا بولسىمۇ كەينىدە قالغانلارنىڭ ئەھۋالىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش قورقۇنچىسى ھەقىقەتەنمۇ سۈكۈت قىلغىلى، بەرداشلىق بەرگىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس ئىدى.
شۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئۇچۇرىتىشقا بولىدۇكى، ئىجتىمائىي سەۋىيىسى يوقۇرى بولغان كىشىلەر مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ تۈۋەن سەۋىيىلىك ئاۋارە پۇخرالىرىنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىرىدا، يوقۇرى سەۋىيىگە كېيىن چىقىپ قالغان “كېيىن راھەت كۆرگەن كىشىلەر” گە قارىغاندا تۈۋەن تەبىقىگە بىر قەدەر ئادىمىيلىك قىياپەت بىلەن كىرىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ يەردە “يېڭىدىن راھەت كۆرگەن كىشىلەر” دېگىنىمدە، بۇرۇنقى نامراتلىق ھالىتىدىن ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ مەرتىۋىسىنى بۇرۇنقى سەۋىيىدىن ئۆستۈرىۋالغان كىشىلەرنى كۆزدە تۇتماقتىمەن. بۇ تۈردىكى كىشىلەر بۇرۇن يەتكىچە خارلانغان، جاپا تارتقان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلاردىكى قايتا كەينىگە يېنىپ قېلىش قورقۇنچىسى، كەينىدە تاشلاپ كەتكەن جاپاكەشلەرگە ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرىۋېتىدىكەن، ئۇلار كەينىدە قالغان بۇرۇنقى سەبداشلىرىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىدىكەن.
بۇ مەسىلىگە كەلگەندە، تەغدىرىم ماڭا مەرھەمەتلىك قولىنى ئۇزارتىپ ياردەم قىلغان ئىكەن. چۇنكى مەنمۇ دادامنىڭ كادىر بولۇشتىن بۇرۇن ماددىي جەھەتتە قىلچە كاپالىتى بولمىغان نامراتلىقنى ياشىغان كۈنلىرىگە ئوخشاش جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈشكە مەجبور بولىشىم، ئۇششاق بۇرجۇئازىيىچە مىشچان دەپ تەرىپلىنىدىغان بەكلا نازۇك تەربىيىلىنىش نەتىجىسىدە پەقەت پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىمدىن ساقلىنىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنى كۈزەتكىنىمدە ئىچى كاۋاك كىشىلەرنى قوپال كۆرۈنۈشلۈك كىشىلەرىدىن ئايرىش، ئۇلارنىڭ سىرتقى مىجەز-خاراكتېرىنى ئەسلى ماھىيىتىدىن پەرقلەندۈرۈپ تونۇش يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالدىم.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ۋيېننا شەھىرى ئىجتىمائىي ناھەقچىلىقلار بىلەن تەڭسىزلىكلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان بىر شەھەر بولۇپ، باياشاتلىق بىلەن گادايلىق بىر-بىرسىگە تامخوشنا بولۇپ ياشايتتى. شەھەر مەركىزى بىلەن ئارقا كوچىلاردا ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن يىغىلىپ ھەرقايسى ئۆزىنىڭ خامخىيال قىلغان ئۈمىدلىرىنىڭ كەينىدە يۈرگەن ھەرخىل ئىرقلاردىكى كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئەللىك ئىككى مىليون نوپوسلۇق بۈيۈك بىر ئىمپىرىيىنىڭ قەلبىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىشقا بولاتتى. بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلىك خان ئوردىسى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن بايلىقنىڭ پېيىغا چۈشۈپلا يۈرىدىغانلارنى ياكى ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغانلارنى گويا ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى. خابسبوۋرگ مۇنارخىيىسىنىڭ سىستېمىلىق شەكىلدە ھەممىنى بىر مەركەزدىن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىمۇ يوقۇرقىدەك كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشنىڭ يىتەرلىك پۇرسىتىنىمۇ بەرمەكتە ئىدى. بۇ خىل مەرگەزلەشتۈرۈش، بىر-بىرسىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان قەۋىملەرنى ئوڭۇشلۇق شەكىلدە بىر يەردە تۇتۇپ بىر-بىرسىدىن ئايرىلالماس ھالغا كەلتۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان دۆلەتچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر خىل مەركەزلەشتۈرۈش ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە يوقۇرى تەبىقىلىك ياكى يوقۇرى مەرتىۋىلىك ئاقسۈڭەكلەر پەۋقۇلئاددە تۈردە بىر يەرگە يىغىلىپ قالىدىغان، تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىدىكىلەر بولسا ئىمپىراتورلۇقنىڭ پايتەختىدە ۋە ئۇنىڭ خان ئوردىسى ئىچىگە چىۋىندەك ئولىشىۋالىدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈگەن ئىدى.
ۋيېننا، قېرىپ ھالىدىن كەتكەن دوناي (تۈركچە تەرجىمىسىدە دوناي دەرياسى “تۇنا نەھرى” دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) مونارخىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئىمپىرىيىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ھېساپلىناتتى. يوقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت كادىرلىرى، سەنئەتكارلار، ئىلىم ئەھلى ۋە ئىدىيولوگلار، ھەتتا ئارمىيىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىمۇ بۇ شەھەردە ياشايتتى. بۇ تۈردىكى يوقۇرى مەدەنىيەتلىك كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا نامرات ئىشچىلار قوشۇنىمۇ بۇ پايتەخت شەھىرىدە بىرگە ياشايتتى. ئاقسۈڭەكلەر بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ھەشەمەتلىك باياشاتچىلىقى ئالدىدا نامىراتلىقنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك قىياپەتلىرىمۇ بۇ شەھەردە بىرگە مەۋجۇت ئىدى. رىنگستراس كوچىسىدىكى ئوردا سارىيىنىڭ ئەتىراپىدا مىڭلىغان ئىشسىز ئوڭ-تەتۈر لاغايلاپ ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. بۇ ئىشسىزلار، ئاۋىسترىيىنىڭ غالىبىيەتلەر بىلەن تولغان دەۋرلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان ۋىياتۇمپالىس − غالىبىيەت يولىدىكى يۇندا قاناللىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە سېسىق قاراپانچۇق يۇندا دەرياسىنى قونالغۇ يەر قىلىشىپ خارۇ-زارلىق ئىچىدە سۆرۈلۈپ يۈرمەكتە ئىدى.
شۇنداق بولغاچقا، ھەرقانداق بىر نېمىس شەھىرىدە ئىجـتىمائىي مەسىلىلەرنى ۋيېننادىكىدەك بۇنداق ھەرتەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى بۇ يەردىكىدەك بۇنداق تولۇق كۈزىتىش شارائىتىنى تاپقىلى بولمايتتى. ئەمما بۇ يەردە بۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئويلايدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچۇراتقىلى بولمايتتى. بۇ مەسىلىلەرنى يوقۇرىدىن كېلىپ ئات ئۈستىدە يۈرۈپ كۈزىتىپ ھەل قىلىمەن دېيىش پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يوقۇرى ئورگانلارنىڭ قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيتتى. بۇنداق بىر نامىراتلىق مۇھىت ئىچىدە بىۋاستە ياشاپ باقمىغان بىرسى، ۋيېننانىڭ ۋەھىمىلىك ھالغا كەلگەن ئىقتىسادى پاجىئەسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھەرگىز بىلەلمەيدۇ ياكى كۆرسىمۇ ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.
نامىرات تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن بۇ مەسىلە پەقەت كۆرۈنۈشتىكى ئىچ ئاغرىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ ياكى سۇنئىي ھېسىداشلىق قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزىۋېتىلىدۇ. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۈپتىن تونۇپ يىتەلمەيدىغان بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا زىيانلىق ئىدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى بايىۋەتچىلەر بىلەن، كېيىن بېيىپ قالغانلار بۇ خىل ئىجتىمائىي نامىراتلىق مەسىلىسىگە قارىتا ھەرگىزمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولالمايدۇ ياكى پەقەتلا باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇپ كۆرۈنىۋېلىش ئۈچۈنلا نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كۆپ ھاللاردا مەقسەتسىز، ھەل قىلىشقا كۆزى يەتمەيدىغاندەك كۆرۈنۈشتە نامىراتلىق ئۈستىدە گەپ يورغۇلۇتىدىغان، ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلىش قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغان بەزى مەدەنىيەتلىكلەرنىڭ تىنىم تاپماي “ئامما ئارىسىغا چۆكۈش” نى تىلغا ئالغىنىدەك قۇرۇق سۆز قىلىشىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشالمايدۇ. بۇ كىشىلەر چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، كۆڭلىدە مەسىلىنى تاشقى كۆرۈنىشى بويىچە بىلىشكە تىرىشقانلىقلىرى ئۈچۈن، چىقارغان خۇلاسىلىرى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ چىقىدۇ. بۇ تۇردىكى كىشىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىغى ياكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇخىل ساختا كۆيۈنۈشلىرىگە قارىتا يىرگىنىش، ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ سۇنئىي رەھىمدىللىك قىلىشلىرىغا رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چۈچۈپ ھەيران بولغان ھالدا ئاغزى ئېچىلىپلا قالىدۇ. ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشەنمەي بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى خەلقنىڭ ئىنساپسىزلىغىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ داۋراڭ قىلىشقا تىرىشىدۇ.
بۇنداق قاراشتىكى كىشىلەر ئۈچۈن خەلقنى بىرەر ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە جەلىپ قىلىشتا بۇ تۈردىكى سۇنئىي مىھرىبانلىق كۆرسىتىشلەر قىلچە رول ئوينىمايدىغانلىقىنى، بىر ئاممىۋى ھەرىكەت ھەرگىزمۇ مىھرىبانلىقىغا بېرىلىدىغان مىننەتدارلىق ھەققىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىر سەدىقە تارقىتىش ئىشى ئەمەس بەلكى ھەققىنى بېرىش، ئادالەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بۇ ئەقىلسىزلار ئۇنچە ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ئىشلاردىن ئەمەس.
مەن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بۇ تۈردىكى كىشىلەردەك تەھلىل قىلىدىغان، چۈشىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان بىرسى ئەمەس ئىدىم. يوقسۇللۇق مېنىمۇ ئۇ لەنەتكە يولۇققانلار قوشۇنىغا قوشىۋەتكەن، ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىندىن تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىگە مېنىمۇ تەكلىپ قىلىشقان، مېنىمۇ شۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي مەن ئۇ دەرت-ئەلەملىك غەم ئىچىگە پېتىپ قالماي، نامراتچىلىقنىڭ دەردىدە ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ سوغۇققانلىق بىلەن كۈزىتىپ تەھلىل قىلىشقا، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئاختۇرۇشقا تىرىشقان ئىدىم. مەن ئۇلاردەك تەجرىبە ھايۋىنى بولۇشقا رازى ئەمەس ئىدىم. ئەگەر مېنىڭدەك ئىجتىمائىي تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىدىغان بىرسى ئوپىراتسىيە سۇپىسىدىن تەجرىبە قىلىنىشقا نارازىلىق كۆرسىتىپ قوپۇپ كەتكەن بولسا، بۇ تەجرىبە ھايۋىنى قىلىنىۋاتقان ئادەمدە گۇنا يوقتۇ ھەرھالدا؟!
بۈگۈن مەن، ئۇ بالىلىق يىللاردا كۆرگەنلىرىم ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن تۇيغىلىرىمنى قايتا ئەسلەشكە شۇنچە تىرىشىپ باققان بولساممۇ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا يەنىلا تولۇق ئېسىمگە ئالالماي قالىمەن. ئېسىمدە قالغان ۋەقىلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك مەنمۇ شۇ قاتاردا، ھادىسە يۈز بەرگەن شۇ مۇھىتتا بولغانلىغىم ئۈچۈنلا ئېسىمدە چىڭ ساقلىنىپ قالغان ۋەقەلەردۇر. بۇ كىتاۋىمدا، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ماڭا ئىبرەت بولۇپ تۇيۇلغان ئەنە شۇ بىۋاستە ئۇچۇراتقان ئىشلارنى بايان قىلدىم.
ۋيېننا، جەمىيەت ناھەقچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر شەھەر ئىدى. باياشاتچىلىق بىلەن نامىراتلىق بىر-بىرىگە خوشنا بولۇپ ياشايتتى. بۇ يەردە مىڭلىغان ئىشسىزلار، مال-مۈلكىدىن، يۇرتدىن ئايرىلىپ قالغان نامراتلار ياشايتتى. شۇنىڭغا قارىماي، مەن ئۇ يىللىرى ئىش ئىزدەۋاتقان ئۇستا ئىشچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى قۇرسىغىنى تويغازغىدەك ئىش ھەققى بەرسىلا رازى بولىدىغان بىر مەدىكار ياكى بىر شاگىرت سۈپىتىدە ئىش ئىزدەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ئىش تېپىش مېنىڭدەك بىرسىگە ئۇنچە بەك تەسكە چۈشۈپمۇ كەتمەيتتى. مەن ئۇ كۈنلەردە، ئۇچىسىدىكى ياۋرۇپا ئېتىزلىرىنىڭ چاڭ-توزاڭلىرىنى قېقىۋېتىپ، يېڭى بىر دۇنيادا دائىم خىيال قىلىپ ۋاز كېچەلمەي كېلىۋاتقان غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يېپ-يېڭى بىر ھايات يولىغا قەدەم قويۇش خىيالىدا، يېڭى بىر ئورۇنغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا شەھەرگە كىرىپ كەلگەن كىشىدىن قىلچە پەرقىم يوق بىرسى ئىدىم. بۇنداق بىرسى يۈز-ئابروي ياكى ئۆرپە-ئادەت دىگەندەك ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئادەتلەر، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياكى ئۆرپە ئادەت ئەنئەنىلەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ كەلگەن بىرسى بولغاچقا، بېرىلىدىغان ھەرقانداق مائاشقا ماقۇل دەپ، ئىشلەش نومۇس ئەمەس دېگەن خەلق سۆزىگە ئىشىنىپ، تاپالىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى تاللاپ ئولتۇرماي قىلىۋىرىدۇ. مەنمۇ خۇددى شۇلارغا ئوخشاش ئۆزەمگە يېڭى بىر يول تاپىمەن دىگەن ئۈمىد بىلەن بۇ يېڭى دۇنياغا ئاياق باسقان بىرسى ئىدىم.
مەن ئۇزۇنغا قالمايلا بىرەر ئىشتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپ قالىمەن دېيىش ئۇنداق بىر ئىشنى تېپىشتىنمۇ بەكىرەك تەسكە توختايدىغانلىقىنى پەرق قىلىشقا باشلىدىم. كۈندىلىك نېنىمنى قانداق قىلسام تېپىپ يەرمەن دىگەن غەمگە پېتىپ قېلىش، جەمىيەتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، كىشىنى ئەڭ چارىسىز قالدۇرىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇستا ئىشچىلارنى ئادەتتىكى بىر شاگىرت ئىشچىغا مۇئامىلە قىلىنغاندەك ئۇنداق پات-پاتلا ئىشتىن ھەيدەپ ئولتۇرمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىمۇ ئۇنچىلىك كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئىشسىز قېلىپ ئاچ قېلىش خەۋىپىگە نىسبەتەن ئاز دۈچ كەلگەندەك قىلسىمۇ، ئۇلارمۇ كارخانا ۋەيران بولغانلىقىدىن ئىش توختىتىلىش ياكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتى قاتارىدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈلىشىدىن بەكلا ئەنسىرىشەتتى.
ئىش ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىغى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ، ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقلىرىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.
ياش بىر دېھقاننى پەرەز قىلايلى: ئۇ ياش سەھرالىق شەھەرلەردە قىلىدىغان ئوڭاي ئىشلار بەكلا كۆپ، پۇل تېپىش بەك ئاسان دەيدىغان گەپلەرگە ئىشىنىپ مەدىكارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى شەھەرگە ئېتىپ تۇرىدۇ. راس دېگەندەك، شەھەردىكى ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ يېزىدىكى ئىشلاردىن ئاسان، ئىش ۋاقتىمۇ قىسقا. ئەمما شەھەرگە يېڭى كىرگەن بۇ دېھقاننى چوڭ شەھەرلەردىكى كۆز قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلارنىڭ ھەشەمىتى ئۆزىگە تارتىپ كېتىدۇ. ئادەتتە يېزىسىدا ئاز بولسىمۇ تۇراغلىق بىر كىرىمگە كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، يېڭىسىنى تاپماي تۇرۇپ كونا ئىشىنى ئاسانلىقچە تاشلىماسلىق ئادىتىنى يىتىشتۈرگەن بولىدۇ. يېزىلاردا يېزائىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ سانى شۇنچىلىك ئازكى، ئەمگەكچان بىرسىنىڭ ئۆز يېزىسىدا ئۇزۇنغىچە ئىشسىز قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يېزىسىدىن چىقىپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كەلگەن ياش بىر دېھقاننى، يېزىسىدا ئىش قىلالمىغىدەك دەرىجىدە ئاجىز، ھۇرۇن بىرسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئەڭ كۆپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر ئەقىللىق، تېنى ساغلام، ئىشچان ۋە بەستلىك كىشىلەردۇر. بۇ يەردە كۆچمەن دېگىنىمدە، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەنلەرنىلا كۆزدە تۇتمايمەن. تۇغۇلغان يېزىسىدىن ئايرىلىپ ئۆي خىزمەتچىسى ياكى مەدىكار بولۇش ئۈچۈن مەلۇم چوڭ شەھەرگە كېتىش نىيىتىگە كەلگەن بىرسىمۇ كۆچمەن ھىساپلىنىدۇ. ئۇمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر كىلەچەكتە تەلىيىنى سىناپ بېقىشقا تەييارلىغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ.
بۇنداقلار ئادەتتە شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ پۇل يىغىپ ئاندىن يولغا چىقىدۇ. ئىشى ئوڭدىن كەلمەي، يېڭى كەلگەن كۈنلىرى دەرھال قىلىشقا ئىش تاپالماي قالغىدەك بولسىمۇ ئۇنچە بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما تاپقان ئىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرىلىپ قالغىدەك بولسا ئۇنى غەم بېسىشقا باشلايدۇ. يېڭىدىن بىر ئىش تېپىش، بولۇپمۇ قىش مەۋسۈملىرىدە بەكلا تەس، ھەتتا زادىلا ئىش تاپقىلى بولمايمۇ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ يېڭى مەدىكار ئىشسىز قالغان دەسلەپكى ھەپتىلەردە بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن. تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىغا تايىنىپ بىرقانچە ھەپتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋالالايدۇ. ئىشسىزلىق كۈنلىرى ئۇزۇن داۋام قىلغىدەك بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويىدۇ. بۇنداق كۈنلەردە بۇ ئىشسىز كىشى يانچۇغىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىيىنلىرىنىمۇ خەجلەپ تۈگىتىپ ئېغىر نامراتلىق كۈنلەر ئىچىگە پېتىشقا باشلايدۇ. ئەندى بۇ بىچارە ئاچقۇرساق كوچىلاردا سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە مەجبور بولىدۇ. يېنىدا نېمىسى بولسا شۇنى سېتىپ خەجلەشكە ياكى رەنىگە قويۇشقا كىرىشىدۇ. بۇنداق بەرىكەتسىز پۇلمۇ قالمىغىنىدا، ئۇ كىشى قاسماقلىشىپ كېيىم-كىچەكلىرىمۇ كىرلىشىپ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا كۆپۈنچە قىش كۈنلىرى دۈچ كېلىدىغان بولغاچقا، ياتقىدەك يەرمۇ تاپالماي ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇنى دەپ-بۇنى دەپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر ئىشمۇ تېپىلىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە باشقىدىن يوقۇرقىدەك قىيىنچىلىقلار قايتا تەكرارلىنىشقا باشلايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئىشسىز قالغىنىدا يەنە ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن، ئۈچىنچى قېتىمقىسىدا تېخىمۇ بەتەر ھاللارغا دۈچ كېلىدۇ. ئاخىرىدا دائىملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بۇنداق يوقسۇزلۇق تۇرمۇشقا چىداش، ھۇلۇقۇپ كەتمەسلىكنى ئۆگىنىشكە، بۇنداق جاپالارغا كۆنۈشكە باشلايدۇ.
ئاخىرى بىر كۈنلىرى بۇنداق يوقسۇزلۇق ئەھۋاللارنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ تۇرىشى نەتىجىسىدە ئۇ كىشى بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا رەسمى كۆنۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇرۇنقى ئىشچان بىر يىگىت، بوشۇشۇپ ئۆزىنى تاشلالىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ياش، پاسكىنا يوللار بىلەن ھارام يوللاردىن پۇل تېپىشنىڭ پېيىدا يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئاددى بىر ئويۇنچۇق ھالىغا چۈشۈپمۇ قالىدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى بىر ياش ئىشچى، ئىشسىزلىقنىڭ سەۋىبىنى شۇ ئىشسىزنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويىدىغان ناھەقچىلىك ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بۇنداق بىر جەمىيەتتە ئېقتىسادىي ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن دۆلەتنى، ئىجتىمائى تۈزۈمنى ۋە مەدەنىي ھاياتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكەتلىرىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان قاراشنى شەكىللەندۈرىۋالىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ھالغا كەلگەن بىر ئىشچى ئىش تاشلاشلارغا قىلچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا دەرھال قاتنىشىۋېرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ.
مەن بۇنداق خۇلاسىغا كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرگە مىڭلارچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. بۇنداق ھادىسىلەرنى قانچە كۆپ كۈزەتكەن بولسام، نەچچە مىليون نوپۇسلۇق چوڭ شەھەرلەرگىمۇ شۇنچە ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم. بۇنداق شەھەرلەر ياشلارنى گويا شىرنىدەك ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنى چايناپ-ئېزىپ ئۆزىنىڭ قېلىپىغا چۈشۈرۈپ ئاخىرى ئۇلارنى يالماپ يۇتۇپ تاشلايتتى.
كىشىلەر بۇنداق چوڭ شەھەرلەرگە يېڭى كەلگىنىدە ئۇلارنى يەنىلا ئۆز مىللىتىگە مەنسۈپ كىشىلەر دەپ قاراشقا بولاتتى. ئەمما ئۇلار بۇ تۈردىكى شەھەرلەردە قانچىكى ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، مىللىتىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ، ئاخىرىدا مىللىتىمىز بۇ بىر تۈركۈم ئادەملىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇپ قالاتتى.
چوڭ شەھەرلەرنىڭ قاراڭغۇ ئارقا كوچىلىرىدا مەنمۇ يوقسۇزلۇق ئىچىدە نۇرغۇن ۋاقىت سۆرۈلۈپ يۈرۈپ باققان بىرسى ئىدىم. ئۇ يەرلەردە تەغدىرنىڭ پۈتىۋەتكەن بارلىق ئازاپلىرىنى تېتىپ كۆردۈم ۋە بۇ ئازاپنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ جەرياندا مۇنداقمۇ بىر ئەھۋال دىققىتىمنى جەلىپ قىلغان ئىدى: ئىش تېپىش بىلەن ئىشسىزلىق بىر-بىرسىنى سوڭدىشىپ كېلىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئادەمنىڭ نورىمال پۇل خەجلەش، پىلانلىق تۇرمۇش رېتىمىنىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىكەن؛ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ئىشچىلاردا تىجەشلىك بىلەن پۇل خەجلەش، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى پىلانلىق رەتكە سېلىش دەيدىغان ئۇقۇملىرىمۇ يوقاپ كېتىدىكەن؛ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ قولىغا پۇل كىرگەن كۈنلىرىدە بۇزۇپ چاچىدىغان، پۇلى تۈگىگەن كۈنلىرىدە بولسا ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىدىغان ھالغا كېلىپ قالىدىكەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىشى ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئاچلىق دېگەن بۇ مەخلۇق، پۇل تېپىش ئاسان بولغان كۈنلەردە كەلگۈسىدە تېخىمۇ بىخەتەر تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن تۈزگەن بارلىق پىلانلىرىنى مېڭىلىرىدىن سۈپۈرۈپ تاشلايدىكەن. بۇنداق ئادەم چولدە قېلىپ سۇسىزلىقتا جان تالىشىۋاتقان بىرسىگە ھەردائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئېزىتقۇغا ئوخشاش ئاسان ۋە راھەت تۇرمۇش تەسۋىرى ھەردائىم ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىۋېلىپ، پۇرسەت كەلگەن ھامان ھەرقانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئى نەزەر بىر قېتىملىق قانغىچە تويىۋېلىش خۇمارى ئىچىگە پېتىپ قالىدىكەن. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ بىر غەلىتە كېسەللىك. شۇنداق بولغاچقا، ئىشچى، ئىش تاپار-تاپمايلا ئېغىر كۈنلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرخىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ ئىشچى ئەقلىنى يوقىتىپ، ئۇ كۈنى يانچۇقىغا قانچىلىك پۇل كىرگەن بولسا ئۇنى شۇ كۈنىسىلا خەجلەپ تۈگىتىۋىتىپ پىلانسىز بىر تۇرمۇش ياشاشقا باشلايدۇ. دەسلىۋىدە بىر ھەپتىلىك تاپقان پۇلى بىلەن ئىككى-ئۈچ كۈننى، بەلكىم تۆت كۈننى باياشات يەپ-ئىچىپ ئۆتكۈزەلىگەن بولسا، كېيىن بۇ كىرىم ئۇنىڭغا ئاران بىر كۈنگە ... ئاخىرى بېرىپ بىر ئاخشاملىق بايرام قىلىۋېلىشقىلا يېتىدىغان بولىدىكەن.
ئەگەر بۇ ئىشچى توي قىلغان بىرسى بولغىنىدا ئۇنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ. بۇنداق بىر ئىشچىنىڭ ئائىلىسى، بالا-چاقىسى بار دەپ پەرەز قىلايلى. ئەگەر بۇ ئەر كىشى ئاق نىيەتلىك مىھرىبان ئادەم بولغىنىدا، يەنى ئەر بولغۇچى بالا-چاقىسىنى ئۆزىگە يارىشا سۆيىدىغان بىرسى بولغىنىدا، بۇنداق پىلانسىز بىر تۇرمۇشقا بۇ ئائىلىنىڭ ھەممە ئەزالىرى كۆنۈپ كېتىدىكەن. بىر ھەپتىلىك مائاشىنى ئۆيىدە يەپ-ئىچىپ سورۇپ توزىتىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بۇنداق بەتخەجلىك كۈنلىرىمۇ ئارانلا ئۈچ كۈن داۋام قىلالىشى مۇمكىن. پۇلى تۈگىگىچە خالىغىنىچە يەپ-ئىچىشىدۇ-دە، ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەممىسى بىرلىكتە غۇلدۇرلاپ تۇرغان ئاچ قۇرسىقىنى پۈكۈپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشقا باشلايدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ئۆيدىكى ئانا بولغۇچى ئايال ئۆيىدە پۇلغا يارىغىدەك نەرسىسىنى ئېلىپ چىقىپ سېتىپ پۇل قىلىىپ، كېمىنى تاتىرىپ يالۋۇرغان ھالدا باققالدىن قەرز قىلىپ بولسىمۇ يىمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىپ ھەپتىنىڭ قالغان قاراڭغۇ كۈنلىرىنى ئۆتكىزىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى غورۈگۈللىشىپ كەتكەن دەستىخاننىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىدۇ. يوقنىڭ ھېساۋىدا بولسىمۇ يىگىدەك بىرنېمىلىرى بولسىلا ھەممە خوشال، ھېچبىرسىدىن نارازىلىق ئىپادىسى كۆرۈلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەپتىلىك مائاش چىقىدىغان كۈننى تاما قىلىپ بېلىنى چىڭ باغلاپ ئاچ ئولتۇرىشىدۇ. ھەممە بىرلىكتە كېلەر ھەپتىلىك مائاشنى ئالغاندىن كېيىن قانداق خەجلەش ھەققىدە مۇڭدىشىپ، ئېچىرقاپ كەتكەن قۇرساقلىرى ئۈچۈن بىرمۇنچە پىلانلارنى تۈزۈشىدۇ، كېلىدىغان بۇ بەختلىك كۈنلىرى ھەققىدە شالۋاقلىرىنى ئاقۇزۇپ سۆزلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ.
ئائىلىنىڭ نارسىدە بالىلىرىمۇ بۇنداق نامىرات تۇرمۇشنىڭ بەتخەشلىك-ئاچلىق ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر ئائىلىگە ئاتا بولغۇچى ئەر ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ پۇل خەجلەيدىغان بىرسى بولغىنىدا ئەھۋال تېخىمۇ پاجىئەلىك تۈسكە كىرىدۇ. ئايالى بالىلىرىنى دەپ ئېرى بىلەن جىدەل قىلىشىقا كىرىشىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەردە ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ئۇرۇش-جىدەللەر زادىلا بېسىقمايدۇ. نەتىجىدە، ئەر كىشى ئايالىنىڭ جىدىلىدىن زېرىكىپ نېرى قاچقانسىرى ھاراققا شۇنچە بېرىلىشكە باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەر ھەر شەنبە (ئازناراس) كېچىسى غەرق مەس ئارانلا ئۆيىگە كىرىۋالىدىغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بالىلىرىنى بېقىش غېمىدىكى ئايال كىشى مەس ئېرىنىڭ يانچۇقلىرىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قالغان پۇلنى خۇددى ئولجا ئالغاندەك سىرىپ ئېلىۋېلىشقا ياكى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا زاۋۇت بىلەن قاۋاقخانا ئوتتۇرسىدىكى يولدا ئېرىنىڭ يولىنى توسىۋېلىپ ئازىراق بولسىمۇ پۇل ئۈندىرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئەر بولغۇچى كىشى يەكشەنبە (پازار كۈنى) كېچىلىرىگىچە كۆرۈنمەي ئۆيىگە غىق مەس ھالدا ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ يانچۇقلىرىنى قۇرۇغداپ ئارانلا يېتىپ كىرىدىغان بىرى بولغىنىدا، ئېچىنىشلىق تراگىدىيە كەينى-كەينىدىن باشلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇ يىللىرى، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە يۈزلەرچە قېتىم دۈچ كەلگەن ئىدىم. دەسلىۋىدە بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپ يېرىلغىدەك خاپا بولۇپ كىتەتتىم. كېيىنچە بۇنداق ھادىسىلارنىڭ پاجىئەلىك تەرەپلىرىنى، بۇنى پەيدا قىلغان تۈپكى سەۋەپلەرنى چۈشىنىشكە باشلىغىنىمدىن كېيىن، ناچار بىر مۇھىتنىڭ بۇ بىچارە قۇربانلىرىغا ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدىم.
ئۆي دەردى تېخىمۇ ئېغىر دەرتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ۋيېننادىكى مەدىكار ئائىلىلىكلەر مەھەلىسىدىكى يوقسۇللۇق پاجىئەلىرىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇ نامىرات ئۇۋىلارنى، پېتىشماي قىستاقچىلىق، رەتسىزلىك ۋە پاسكىنىچىلىق ئىچىدىكى ئۇ ئائىلىلىك بىنالىرىنى ئويلىسام، بۈگۈنمۇ قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كېتىدۇ. ئەگەر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق يوقسۇللۇق دوزىخىدىن قۇللۇق زىنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ بوشاپ كېتىدىغان بۇ كىشىلەر توپىنى پەرەز قىلىپ باقايلى: كەلگۈسىدە كۆرۈلىشى مۇقەررەر بولىدىغان قالايماقانچىلىققا قىلچە ئىككىلەنمەي قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن بولغان بۇ ئىنسانلار، بۇ ئەھۋاللارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدىغان بىغەم ھاللىقلار سېپىگە ئاڭسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغىدەك بولسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار؟
ھەرقانچە جاپا تارتقان بولىشىمدىن قەتئى نەزەر، مېنى ئەنە شۇنداق بىر مەكتەپتە چېنىقتۇرۇپ چىققانلىغى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن: شۇندىن باشلاپ كۆڭلۈم كۆتەرمىگەن ئىشلارنى كۆرگىنىمدە چاتىغىم بولماي بىر تەرەپتە قاراپ تۇرۇشۇم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، بۇ ھادىسىلەرنى تىنىم تاپماي كۈزىتىشكە، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مەلۇمات توپلاشقا ھەمدە چوقۇم ئوقۇپ مەلۇماتلىق بولۇشقا ئىرادە باغلىدىم.
ئۇ كۈنلەردە ئەتىراپىمدىكى كىشىلەردىن پۈتۈنلەي ئۈمىتسىز ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ نامراتلار تەبىقىسىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە تۇلا بەك ئېتىۋار قىلىپ كەتمەي، ئۇلارنى بۇ نامراتلىق ۋە خارلىقلارغا قويغان سەۋەبلەرنى كۈزىتىپ تەتقىق قىلىشقا زىھنىمنى قويدۇم. ئۇلارنىڭ بۈنداق پاجىئەلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئەنە شۇ ئارقىلىقلا بەرداشلىق بىرەلىشىم مۇمكىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇخىل نامىراتلىقلار، ئۈمىدسىزلىكلەر، چېچىلاڭغۇلۇقلارغا ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان كىشىلەر گۇناھكار ئەمەسلىكىنى، بەلكى ناچار قانۇنلار، ناچار ئادەتلەر ئاساسى سەۋەپچى بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدىم. بۇ جەرياندا، مەنمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، بۇنداق بىر جاپا ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان غەزەپلىنىش، ھىسىياتقا بېرىلىپ كېتىشتىن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم. ياق، بۇ مەسىلىنى ھەرگىز بۇنداق ھىسىياتقا بېرىلىپ چۈشىنىۋالماسلىقىم كېرەك ئىدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پەقەت ئىككىلا چارە بار ئىدى:
بىرىنچىسى، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئولىيەت روھىنى تىكلەپ، تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ساغلام ئاساس سېلىش؛
ئىككىنچىسى، ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى قالمىغان بالىلاردىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ قۇتۇلۇش.
بۇنداق كەسكىن خۇلاسىغا كېلىشىمنى تۈۋەندىكىچە ئىزاھلىشىم مۇمكىن:
تەبىئەت تەڭرىسى، ئاز ئۇچرايدىغان بىرەر مەخلۇقاتنىڭ ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن بۇ جانلىقنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۇنكى، تەرەققىيات، بۇ نەسىلنىڭ ئۇرۇقىنى داۋاملاشتۇرالىشىنىڭ شەرتى ۋە ئاساسىدۇر. بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، بار نەرسىلەرنىڭ يامان تەرەپلىرىنى تۈزىتىمەن، ناچار شارائىتىنى ياخشىلايمەن دەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ قىلچە قىممىتى يوق. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشنىڭ ئىمكانى يوق. قىلىشقا تېگىشلىك بىردىن-بىر ئىش، ئادەم بالىسىنى كىچىكىدىن تارتىپلا چىڭ تۇتۇپ ئۇنى كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېتىشتۈرۈش، ئۇنىڭغا مۇكەممەل ۋە توسالغۇسىز يول تەييارلاش ئەڭ توغرا ۋەزىپە ھېساپلىنىدۇ.
شۇڭا، ۋيېننادىكى جاپالىق كۈرەش يىللىرىمدىلا مەندە مۇنداق بىر قاراش شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى:
ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر جەمىيەتنى پاراۋان ۋە بەختلىك ھالغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ كىشىلەرنى ئاخماق قىلىپ ئالدىماسلىق كېرەك. ھەتتا پاراۋانلىق ئىشلىرىغىلا يېپىشىۋېلىش كىشىلەرنى تاماخور، ھۇرۇنلۇققا باشلاپ كېتىدىغان ئىنتايىن كۈلكىلىك ۋە قىلچە پايدىسى يوق ھەرىكەت ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش پاراۋانلىقىغا باغلىنىپ قالىدىغان بۇنداق خاتالقلاردىن قەتئى ساقلىنىشىمىز، ئاممىۋى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مەقسىدى كىشىلەرنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىمىزدىكى تىپىك يوقسۇللۇقلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش جەھەتتىكى ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش بولىشى شەرت.
دۆلەتكە ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇلغانغان بىر ئىجتىمائىي مۇھىتنى، ھەرقانداق بەدەل تۆلىنىشىگە قارىماي، ھەتتا ئەڭ قاتتىق چارىلارغا مۇراجەت قىلىش ھىساۋىغا بولسىمۇ قەتئىي ئۆزگەرتىش شەرت. بۇ جەرياندا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە ھەرگىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىيىنچىلىق، توسالغۇلار ئالدىدا قانچىكى ئىككىلىنىپ ئولتۇرساق، ناچار ئىللەتلەرمۇ شۇنچە ئۇلغىيىپ كېتىدۇ.
ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشقا قارشى تەدبىر ئالماي ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدىغانلار، پۈتۈن بىر سىنىپ خەلقنىڭ پاجىئەلىك شەكىلدە ۋەيران بولىشى ۋە ئەخلاقسىزلىقلارغا گىرىپتار بولىشىنىڭ مەسئولىيىتىنى شۇ سىنىپ كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دەپ ھېساپلىشىپ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىسى ھەرقانداق بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىش قىزغىنلىقىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەر ئالدىدا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئىللەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن رەھىمدىل، سىلىق يوللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ئەخلاقى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خام خىيال قىلىشتىن نېرىغا بارالمايدۇ. ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى تازىلاش پىرىنسىپلىرىنى يولغا قويۇشتا ھەرقانداق بىر تەدبىرنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرىشى شەرت.
زىيانلىق ئوت-چۆپلەرنى ئىككىلەنمەي يۇلۇپ تاشلاشتىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدىغان، بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ئىچكى ئامانلىق ئۈچۈن دەپ قىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، پەقەت ئەنە شۇنداق روھقا ئىگە دەۋرلا مەسئولىيەتچانلىق دەيدىغان ۋىجدانى ئاستىدا ئىزىلىپ كەتمەيدىغان بىر دەۋىردۇر. ئەمما ئاۋسترىيە دۆلىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ياكى جەمىيەت قانۇنلىرىغا سەل قاراپ كەلگەچكە، ئۇنداق ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنى باشلىغىدەك جاسارەتكىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى.

نامىراتلىق
مەن، نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئۇ يىللىرىمدا نېمىسلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم خەۋىپنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى ئېنىق تونۇپ كېتەلمىگەن ئىدىم. يەنى، مېنىڭ بېشىمغا كەلگىنىدەك ئىشچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامىراتلىقى ياكى ئۇلارنىڭ قوپال ۋە ناچار ئادەتلىرى، ئەخلاقى چۈشكۈنلىكى، تەپەككۈر قىلىشتىكى ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ قايسىسى مىللىي تەغدىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر خەۋپ بولىۋاتقانلىقىنى تېخى ئېنىق ئۇقالمىغان ئىدىم.
نامىراتلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان بىر لۈكچەك نەدە قۇرسىقى تويسا رازى بولۇپ شۇ يەردە كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرىۋېرىدىغان بىرسى بولغاچقا، نېمىس بولۇش-بولماسلىقنىڭ ئۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق گەپنى ئاڭلىغان نۇرغۇنلىغان ھاللىق بۇرجۇئازلىرىمىز بۇ سىنىپقا ئىچ-ئىچىدىن غەزەپلىنىپ كىتىشىدۇ. بۇرجۇئازلار، مىللىي غۇرۇرىنىڭ بۇنچە ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چالۋاقىشىپ بەس-بەس بىلەن ئۇلارنى ھاقارەت قىلىشقا كىرىشىدۇ.
ئەجىبا، ئۇ نامرات كىشىلەردىن قانچىسى ئۆز مىللىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئىنتايىن زور ئۇتۇقلارنى يارىتالىغان ئۈستۈن ئېرققا مەنسۈپ شەرەپلىك ئادەملەر ئىكەنلىكىنىڭ غورۇرىنى ھېس قىلىپ كىتەلەيدىغاندۇ؟ نامراتلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇنداق قاراشقا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋىبىنى شۇ بۇرجۇئازلىرىمىز ئەستايىدىل سۈرۈشتە قىلىپ باققانمىدۇ؟
بۇ مىللەتنىڭ چەكسىز ئۇتۇقلارنى يارىتالىغى ئۈچۈنلا قۇدرەتلىك گېرمانىيە دۆلىتىنى قۇرالىغانلىقىنى، شەرەپلىك نېمىس بولۇپ تونۇلغانلىقىنى بۇ نامراتلىرىمىزدىن قانچىسى ھېس قىلالايدىغاندۇ؟
بۇرجۇئاز تەبىقىلىرىمىز بۇنداق بىر غۇرۇر ۋە شەرەپنى ماختىشىپ ۋە ئۇنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ يۈرگىنى بىلەن، بۇنىڭدىن بىخەۋەر قالغان خەلقىنى مازاق قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزلىرى ھېس قىلامدىغاندۇ؟
بۇنداق دېسەم، ئۇلار ماڭا بۇنداق ئەھۋاللار بارلىق دۆلەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئەھۋاللاردۇر، شۇنىڭغا قارىماي باشقا دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار يەنىلا ئۇز ئەللىرىدە ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەشنى بىلىدۇ دەپ پەش قىلىپ مېنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ئەمما باشقا ئەللەردە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللارنىڭ نورىمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ بىزدە كۆرۈلىۋاتقان بۇ ئەھۋاللارغا ئۇنچە بەك ھەيران قالماسلىمىز كېرەك دەپ تەرغىپ قىلىشقىمۇ ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. ھالبۇكى، ئەسلىدە چەت دۆلەتلەردە ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەكمۇ ئەمەس. مەسىلەن بىز دائىم ئېغىزىمىزدىن چۈشەرمەي تەگىشىدىغان “فرانسۇزلارنىڭ چەكلىمىسىز، ھەددىدىن ئاشقان (شوۋېنىزملىق) ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە ھەرىكىتى” دېگەن نەرسىنىڭ ئەسلىدە فرانسۇز مەدەنىيىتىنى كۆككە كۆتۈرۈش، ياكى ئۇلارنىڭ دېيىشى بويىچە مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۇزلىرىنىڭ تەڭداشسىز مەدەنىيەتكە ئىگە ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى ماختاپ يۈرىشىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. ئۇلار فرانسۇز ياشلىرىنى ئەمەلىيەتنى ئۆز پېتى يادلىۋالسۇن دەپ يېتىشتۈرمەيدۇ: ئۇلار ياشلىرىغا بېرىدىغان تەربىيىدە سوبېكتىۋ جەھەتتە ۋەتىنىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي جەھەتلەردە تەڭداشسىز ئىكەنلىگىگە ئىشەندۈرىدىغان بارلىق مۇھىم نەرسىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگىتىشنى ئۆزلىرىگە مۇھىم ۋەزىپە قىلىۋېلىشقان. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەربىيىلەش پائالىيىتىدە ئوقۇتۇشتا مىللى ئەقىدىسىگە ئاساس بولالايدىغان بارلىق مۇھىم مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ بىلىملەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ ياشلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيىدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، چالا بولسىمۇ ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق مۇھىم نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا مائارىپ لايىھىسى تۈزۈپ ئوقۇتۇش يولغا قويۇشماقتا. بىزدىكى سىياسەتنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىترىش ئۈچۈن زەھەر تارقىتىدىغان كۈسۆتكىلەر ئۇ نامراتلار تەبىقىسىدىكى ھەر بىر سەبى بالىمىزنىڭ مېڭىسىگە كىرىۋېلىپ، مېڭىسىدە قالغان شۇ ئازغىنە ھېسىياتلىرىنىمۇ غاجاپ يوق قىلىۋىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئوقۇتۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ كەلمەكتە. ئىشچىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇپ مىڭىسىدە قالغان نېمىسلىك غۇرۇرىغا ئائىت ئازغىنا قالدۇقلار ئەگەر نامىراتلىق تەرىپىدىن يوقىتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغىدەك بولسا، ئۇ غۇرۇر قالدۇقلىرىنى مىللىي ئەخلاقىمىزنى ۋەيران قىلىپ يۈرگەن شۇ كۈسۆتكىلەر غاجاپ يوق قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
ئەندى بىز مۇنۇ مەنزىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ باقايلى:
ئىككى ئېغىزلىق بىر گەمە قەۋىتىدە، يەتتە جانلىق بىر ئىشچى ئائىلىسى ئولتۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ ئائىلىنىڭ بەش بالىسىدىن بىرسى ئۈچ ياشقا كىرگەن نارسىدە بولسۇن، بالىنىڭ بۇ يېشى تاشقى مۇھىتنى تېخى ئەندىلەتىن ئىدراك قىلىشقا باشلايدىغان ۋاقتى ھېساپلىنىدۇ. بالا بۇ ياشتا كۆرگەن ھادىسىلەرنى ئادەتتە تا قېرىغىچە مىڭىسىدە ئۇنۇتماي ساقلايدۇ. ئەنە شۇنداق ئىرقدىشىمىز ياشاۋاتقان بۇ مۇھىتنى بىر كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ: ئۆي ئىچىنىڭ تار ۋە قىستاڭچىلىق بولىشى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ زىرىكتۈرىۋىتىدىغانلىقى تەبىئىي. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق بىر ئۆيدە جىدەللەر ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىمۇ نورىمال بىر ئەھۋال. بۇ ئادەملەرنى بۇ ئۆيدە بىرلىكتە ئولتۇرماقتا دىگەندىن كۆرە، ئۇلارنى تاغاردەك بىر-بىرسىنى ئۈستى-ئۈستىگە قاتلاپ تىزىپ قويغان دېگەن تۈزۈك. ئادەتتىكى كەڭتاشا ئۆيلەردە ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئۇقۇشماسلىقلار بۇ نامىراتلىق ئىچىگە پېتىپ كەتكەن تار ئۆيدە ئاخىرى چىقماس جىدەللەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىچىك بالىلار ئوتتۇرسىدىكى جىدەللەرنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، چۇنكى ئۇلار يۈز بەرگەن خاپىچىلىقلارنى بىر دەمدىلا ئۇنتۇپ كېتىپ، قايتىدىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئويۇنلىرىنى داۋام قىلدۇرالايدۇ. ئەمما ئانا بىلەن دادا ئوتتۇرسىدىكى كۈندىلىك چۈشىنىشمەسلىكلەر كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئەقلىگىمۇ كەلمىگىدەك دەرىجىدە قورقۇنۇشلۇق جىدەللەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان بۇنداق پاجىئەلەر بالىلارنىڭ روھى دۇنياسىغا ۋەيران قىلارلىق دەرىجىدە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. غىق مەستلىكنىڭ، قوپال، رەھىمسىز مۇئامىلىلەرنىڭ قايسى دەرىجىگىچە داۋاملىشىپ بارىدىغانلىغىنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر مۇھىتنى بىۋاستە كۆرۈش، ئۇنى تونۇش كىرەك. بۇ ئۆيدىكى قەلبى ئىزىلگەن ھالدا چوڭ بولغان يەنە بىر ئالتە ياشلىق بالا، ئەسلىدە پەقەتلا ئوقۇش-يېزىشتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆگۈنىشكە مەجبور قالماسلىقى كىرەك ئىدى. ئەمما بۇنداق بىر ئۆيدە چوڭ بولغان ئۇ بالا چوڭلارنىمۇ چۈچۈتكىدەك بىر قىسىم قورقۇنۇشلۇق ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇشقا باشلايدۇ. روھى جەھەتتىن زەھەرلەنگەن، جىسمانى جەھەتتىن پەرۋىش قىلىنمىغان بۇ كىچىك پۇخرايىمىز، مەكتەپكە بارغان ۋاقتىدا ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگەنگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئۆيىگە كەلگىنىدە تاپشۇرۇق ئىشلەش دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. چۇنكى بۇنداق ئائىلىلەردە دەرس ۋە ئوقۇتقۇچى دېگەنلەر كۆزگە ئىلىنمايدىلا ئەمەس ھەتتا ئېغىر مازاق قىلىنىپ ھاقارەتلەرگە كۆمىۋېتىلىدۇ. ئەسلىدىنلا بۇنداق بىر ئائىلىدە مەكتەپتىن تارتىپ تا دۆلەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى ئورگانلىرىغىچە بولغان ھەرقانداق بىر نەرسىگە ھۆرمەت قىلىنمايدۇ. دىن، ئەدەپ-ئەخلاق، مىللەت ۋە جەمىيەتكىچە بولغان ھەممە نەرسە ئۇ بالىنىڭ ئالدىدىلا قارىلىنىپ ھاقارەتلىنىدۇ. بۇ بالا ئەنە شۇنداق مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ ئون تۆت ياشقا كىرىپ مەكتىۋىنىمۇ پۈتتۈرگەن بولىدۇ. ئەندى ئۇنىڭ ئېڭىغا قانداق پىكىرلەر ھۆكمۈران ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ باقايلى: بىر بولسا بارلىق ئاساسى پەنلەرگە ئەشەددىلىك بىلەن ئۆچلۈكنى ئىپادىلەيدۇ، يا بولمىسا ئادەمنىڭ چاچلىرىنى ئۈرپەيتىۋەتكىدەك دەرىجىدە ئەدەپسىز، قوپال قىياپەتنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. دۇنيا قاراش جەھەتتە ھېچقانداق بىر تەربىيە كۆرمىگەن ئەمما تۈرمۇشقا دائىر پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلارنى، پەسكەشلىكلەرنى يۇقتۇرغان، ئەنە شۇنداق رەزىللىكلەر ئىچىدە ياشاپ چوڭ بولغان، ھېچقانداق نەرسىنى مۇقەددەس دەپ تونىمايدىغان ئون ئۈچ ياشلىق بۇ بالا، جەمىيەتكە چىققىنىدا قانداق بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.
ئاقىۋەتتە، ئون بەش ياشقا كىرگەن بۇ ياش يىگىت، بارلىق ساھەلەرنى قارىلاپ تىللاشقا باشلايدۇ. چۇنكى، ئەقلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئورنىغا پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلارنى ئۆگىنىپ چوڭ بولغان بىرسى بولۇپ يېتىلگەن ئىدى. بۇنداق چوڭ بولغان بىر بالا، قارشى چىقىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ رەقىپلىرى تەرىپىدە تۇرىدىغان بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەندى ئۇ، نوچى يىگىتلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم لۈكچەكلىكلەرنى ئۆزىگە تۇرمۇش ئۈلگىسى قىلىشقا باشلايدۇ.
ئەندى ئۇنىڭ قورامىغا يەتكەن ۋاقتىدىكى تەربىيىلىنىشىگە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى:
ياش ۋاقىتلىرىدا سىرتتا نېمىنى كۆرگەن بولسا، دادىسىدىن نېمىنى كۆرگەن بولسا شۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ دوراشقا تىرىشىدۇ. كىم بىلىدۇ، ئۇمۇ دادىسىنى دوراپ ئۆيگە تۈن يېرىمىدا قايتىدىغان، دادىسىغا ئوخشاش ئۆزىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان بىچارە ئاپىسىنى دادىسىنىڭ ئورنىدا دۇمبالايدىغان بولامدۇ تېخى! ئېنىقكى، بۇنداق بىرسى تەڭرىگە، پۈتۈن كائىناتقا تىل تەككۈزۈپ ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇپلا يۈرىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ. ئاخىرىدا بىر جىنايەت سادىر قىلىپ ئۆزگەرتىش ئورنىدا قامىلىپ ياتىدۇ.
ئۇ يەردە بۇ بىچارىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق لاك بېرىلىدۇ.
شۇنداق پاجىئەلىك بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان ياشلىرىمىزنى كۆرگەن بىزنىڭ بۇرجۇئازلىرىمىزمۇ، قىلچە تەپ تارتماستىن ئۇ نامرات ياشلىرىمىزدا “مىللىي غۇرۇر، مىللىي ھېسىيات نېمە دېگەن تۆۋەن” دېيىشىپ ھەيران بولۇپ چۆچۈپ كېتىشىدۇ!
ئەسلىدە بۇرجۇئالىرىمىزنىڭ بۇ مىجەزىگە ئۇنچە بەك ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. چۇنكى بىزنىڭ بۇرجۇئازلىرىمىز ئەنە شۇنداق قاراشلارنىڭ شەكىللىنىش مۇھىتىدا ياشىغان. يەنى بۇرجۇئازىيە جامائىتى ھەر كۈنى تىياتىرلاردا، كىنولاردا، ناچار كىتاپلاردا ۋە ئەخلاقسىز گېزىتلاردا خەلقنىڭ روھىيىتىنى بۇلغاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىلەك-چىلەكلەپ يۇندا چېچىپ ۋە ئېغىر زەھەرلەپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىگە، مىللىي ھېسىياتلىرىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىگە پەرۋامۇ قىلىشمايدۇ! گويا ئېكران ۋە سەھنىلەر، كىتاپلار ۋە گېزىتلار مىللىي قىممىتىمىز ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ تۇرىۋاتقىنىدەك، ئەمما بۇ بىلىملەرنى خەلقىمىز قوبۇل قىلىشماي كەلگىنىدەك مۇئامىلىدە بولىشىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئۆگۈتۈشكە تېگىشلىك بولغان ئاساسى تەلىم-تەربىيە تېمىلىرى ھەققىدە قىلچىمۇ ئېغىز ئېچىشمايدۇ.
مەن شۇ ۋاقىتلارغىچە زادىلا ئويلىنىپ كۆرمىگەن تۈۋەندىكىدەك بىر پىرىنسىپنى بىلىۋالغان ئىدىم:
بىر قەۋىمنى مىللەت ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشتىن تارتىپ ساغلام ئىجتىمائى مۇھىت، مۇۋاپىق ئائىلە مۇھىتى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. شەخسىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە بۇنداق بىر مۇھىت ئىنتايىن زۆرۈر. بولۇپمۇ ئائىلىدە ۋە مەكتەپلەردە ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىكى ئۇلۇغلىغىنى ئۆگىنىش ئارقىلىقلا بۇ مىللەتكە مەنسۈپ بولغانلىغىنىڭ غورۇرىنى ھېس قىلالايدۇ ۋە چوقۇم بۇنىڭدىن بەھرى ئالالايدۇ. ئادەم بالىسى، پەقەت قەدىرلەپ سۆيىدىغان نەرسىلىرى ئۈچۈنلا جان تىكىپ كۈرەش قىلالايدۇ، قەدىرلەشكە لايىق نەرسىلا كىشىنى مەپتۇن قىلالايدۇ. يەنە كېلىپ بىرەر شەيئىنى قەدىرلەش ئۈچۈن ئۇنى ياخشى تونىغان بولىشى شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىلىم ئېلىش، ئۇنى ئۆگىنىش لازىم.
مەن بۇ تۈردىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قىزىقىپ سەۋىيەم ئاشقانسىرى، بۇ تۈر مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇندىن ئېتىۋارەن، ئۇپۇغۇمدا نامەلۇم بولۇپ تۇيۇلغان بىر دۇنيا، تېخىمۇ روشەن كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
1909- ۋە 1910-يىللىرىغا كەلگەندە، ئەھۋالىم خېلىلا ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشۇمنى مەدىكارلىق قىلىپ قامداشتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. سۇ بوياق رەسىملىرىنىمۇ سىزالايدىغان ئاددى بىر مەنزىرە رەسىمچىسى بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەسلىدە بۇ كەسىپىمدىنمۇ ۋاي دېگىدەك كىرىم قىلىپ كىتەلمىسەممۇ، تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يەتكىدەك پۇل تاپالايدىغان بولغان ئىدىم. قىزىق يېرى بۇ ئىشلىرىم ئوقۇيمەن دەپ تاللىۋالغان كەسىپكىمۇ بەك كۆپ ياردىمى تېگىشكە باشلىدى. يەنى شۇندىن باشلاپ مەدىكارلىق ئىشىدىن ئۆيگە قايتقان ۋاقىتلاردەك ئۇنچىلىك ھېرىپ-ئېچىپ كىتاپ ئوقۇشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي ئارانلا يوتقانغا ئۈلگىرىدىغان ئەھۋالدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. كۈنلۈكچى بولۇپ ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا قىزىققان ئىشلىرىمنى قىلىدىغانغا زادىلا ۋاقىت چىقىرالماي قىينىلىپ يۈرگەن بولسام، مانا ئەندى، رەسىم سىزىش بىلەن شوغۇللىنىپ، ئۇ مەدىكارچىلىقتىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوقۇيمەن دەپ تاللىۋالغان كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، خالىغانچە پايدىلىنالايدىغان ۋاقىتنىمۇ بېرىدىغان بىر ئىش ئىدى. رەسىم سىزىش ئىشىنى تۇرمۇشۇمنى قامداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بولسام، كىتاپ ئوقۇشقا بولسا پۈتۈن قەلبىم بىلەن بىرىلىپ كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم.
شۇنداق قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىۋاستە تۇرمۇشتىن ئالغان دەرسلىرىمنى ئۆگۈنىشىم شەرت بولغان نەزىرىيىۋىي بىلىملەر بىلەن تولۇقلاش پۈرسىتىگە ئېرىشمەكتە ئىدىم. بۇ جەھەتتە قولۇمغا چۈشكەن پۈتۈن كىتاپلارنى ئوقاتتىم، ئۇ نەزەرىيەلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگىزەتتىم.
ئۇ ۋاقىتلاردا ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر مېنى بەكلا مويسىپەت ياكى بىر ۋېنتىسى كام دەپ تونىغان بولىشى چوقۇم.
مەن قوشۇمچە قىلىپ پۈتۈن قىزغىنلىقىم بىلەن بىناكارلىققىمۇ كۆڭۈل بولۇپ ئۆزەمنى بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تەييارلىماقتا ئىدىم. مەن بۇ كەسىپكە گۈزەل سەنئەتلەرنىڭ مەلىكىسى بولغان مۇزىكىنى قوشۇمچە قىزىقىش قىلىپ ئەتىۋارلىغاندەك قىممەت بېرىپ قىزىقماقتا ئىدىم. بىناكارلىق بىلەن شوغۇللىنىش مېنىڭ ئۈچۈن بىر ئىش بولماستىن بىر قىزىقىش، بىر سۆيگۈ ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئاخشاملىرى ھېرىش-چارچاش دېگەننىڭ نېمىلىگىنى بىلمەستىن تا يېرىم كېچىلەرگىچە كىتاپ ئوقۇيالايتتىم ياكى رەسىم سىزالايتتىم. ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بەرسەملا كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزىۋاتقان پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمغا بولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. بىناكار بولۇپ داڭ چىقىرالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل، بۇنىڭ ئۈچۈن قەتئى ئىرادىگە كەلگەن ئىدىم.
بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، سىياسىي ئىشلارغا بولغان ھەۋىسىم ھېچقانچە قىممىتى يوق بىر ئىشتەك بىلىنەتتى. مەن پەقەت سىياسەت ئىشىنى جەمىيەت ھەققىدە باش قاتۇرۇشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىلىشكە تىگىشلىك بىر ئەقەللى ئىشى دەپلا قارايتتىم. بۇ ھەقتە بىلىمسىز قالغان كىشىلەر تەنقىت بېرىش ياكى خالىغان بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىنى قولدىن بىرىپ قويغان كىشى ھىساپلىناتتى. شۇنىڭغا قارىماي سىياسەت ئىشلىرىغا دائىر بەكلا كۆپ كىتاپ ئوقۇيتتىم، تەھلىل قىلاتتىم.
مەن، “كىتاپ ئوقۇش” دېگەننى ئۆزلىرىنى “بىلىملىك زىيالى” دەپ ئاتىۋالغان كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش دەپ چۈشەنگىنىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مەنىدە چۈشىنەتتىم.
تىنماي كىتاپ ئوقۇيدىغان، بىرەر كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتمەي تۇرۇپلا يەنە بىرسىنى قولىغا ئېلىۋالىدىغان، كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق چۈشەنمەي، ئۇنىڭدىن بىرەر خۇلاسە چىقارماي تۇرۇپلا توختىماستىن كىتاپ ئوقۇيدىغان نۇرغۇن ئادەم تونۇيمەن. ئۇلار، كاللىسىدا نۇرغۇن بىلىملەر جوغلانغىنى بىلەن كىتاپتىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، مەن ئۇنداق كىشىلەرنى “ئوقۇغان كىشىلەر” دەپ تونىمايمەن. ئۇنداق كىشىلەر بىر پاتمان كىتاپ ئوقىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەقلى كىتاپتىكى بۇ بىلىملەرنى يا چۈشىنىشنى يا ئۇلارنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر، بىرەر كىتاپتىكى ئەستىن چىقارماسلىققا تېگىشلىك بولغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى چۈپىرەندىلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىپ مېڭىسىگە قۇيىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان، كېرەكسىز مەزمون يېزىلغان قۇرلارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشنىمۇ بىلمەيدىغان، ئوقۇغان پۈتۈن كىتاپلىرىنى قۇرمۇ-قۇر يادلىۋېلىشقىلا ئۇرۇنىدىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق پايدىسىز يەرلىرىنى ئىمكان بولسا زادىلا ئوقۇماسلىق، پايدىسى بولمايدىغان مەزمۇنلارنى ساقلاپ يۈرمەي تۈكۈرۈپ تاشلاشنى بىلىش كېرەك. كىتاپ ئوقۇشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ ئوقۇشلا بولماستىن، ئوقۇغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىدىن كىشى ئۆزىنىڭ كەسىپى، غايىسى، قىزىقىشى ۋە قابىلىيىتىگە كۆرە ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاپ چىقىش، ئۇلارنى قوبۇل قىلىۋېلىش جەريانى دېمەكتۇر. شۇنداق بولغاندىلا ھەر بىر كىشى ئۆز كەسىپى ئۈچۈن شەرت بولىدىغان مەزمۇن ۋە قۇراللارغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇلار ئۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ياكى يوقۇرى ئۆرلىشى ئۈچۈنمۇ ياردىمى تېگىدىغان، ئۇپۇغىنى كېڭەيتىدىغان نەرسىگە ئايلىنالايدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندىمۇ يالغۇزلا كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈنلا كىتاپ ئوقۇشنىڭ قىلچە مەنىسى يوق. ئوقۇشنىڭ يەنە بىر مەقسىدى، ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھەققىدە ئومۇمىي يۈزلۈك بىر چۈشەنچىگە، قاراشقا ئىگە بولۇشنى، مۇنازىرە قىلالايدىغا بولۇشنى مەقسەت قىلىشى شەرت. ئەمما ھەر ئىككىلا مەقسەت بىلەن ئوقۇغىنىمىزدا، ئوقۇغان مەزمۇنلارنىڭ مېڭىمىزگە بىر قىسىم ماۋزۇ ياكى ئابزاسلار شەكلىدە يادقا ئېلىنماسلىغى، بەلكى تىزىلغان نەقىش تاشلىرىدەك نەق جايىغا تىزىلىشى، ئوقۇغۇچى ئەقلىدە دۇنيا ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچىلەرنى شەكىللەندۈرىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ تەلەيسىز بىلىملەر ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىگە، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن ئاخماقلىقىغا قارىماي پايدىلىق بولۇش ئورنىغا قىممىتى يوق، چېچىلاڭغۇ بىر داشقايناققا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ تەلىيى كەلمىگەن بىلىملەرنى ئوقۇغان كىشى ئۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقتىم، تۇرمۇشتىن خەۋىرىم بار، بىلىملىك بىرسىمەن دەپ ھېسابلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، قانداق ئوقۇشنى بىلمەي تۇرۇپ ئوقۇغاندا، ئۇ كىشىنى ئەملىيەتتىن تېخىمۇ بەك يىراقلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر كەلگۈسىدە يا بىرەر نېرۋا كېسەللىكلىرى ساناتورىيىسىگە كىرىپ قالىدۇ ياكى بولمىسا قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ۋەتىنىنى ساتىدىغان رەزىل، خائىن بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
قالايماقان بىلىم ۋە چۈشەنچىلەر داشقاينىقى بىلەن تولدۇرۇلغان بۇنداق بىر كاللا، لازىم بولغىنىدا چىگىشلىشىپ كەتكەن بىلىم دۆۋىسى ئىچىدىن مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا كارغا كېلىدىغان بىرەر نەرسە تاللاپ چىقالمايدۇ. چۇنكى بۇنداق بىلىملىكلەر پادىسى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجلىرىغا يارىشا يېتىشكەن بولماستىن، پەقەتلا ئوقۇغان كىتاپلىرى مېڭىسىگە ئۆز پېتىچە ئۈستى-ئۈستىلەپ قاتلاپ قويۇلغان قالايماقان كىتاپ دۆۋىسىگىلا ئوخشايدۇ. بۇنداق بىلىم ئالغان بىرسى بىلىمگە ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ بۇرۇن ئوقۇغان كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىش ۋاقتى كەلگىنىدە، بۇ بىلىملەرنىڭ قايسى كىتاپنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى شەرت. ئەگەر ئۇ بەتنى تاپالمىسا، بۇ بىچارە ئاخماق ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پىكىرلەرنى تا ئۆلگىچە تاپالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر بىرسى كېلىپ بۇنداق پىكىرلەر قايسى كىتاپنىڭ قانچىنچى بېتىگە يېزىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەندە، ئۇ كىتاپنى يۈز قېتىم ئوقۇغان بولسىمۇ لازىم بولغىنىدا ھەردائىم ھېچنىمە بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كېتىپ، تەلەپ قىلىنغان پىكىرلەرگە ئوخشىتىۋالغان باشقىچە بىر خاتا نېمىلەرنى بولسىمۇ تېپىپ چىقىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولىدۇ. ناۋادا بۇنداق مەزمۇنلارنى تاپالىغان تەغدىردىمۇ، ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ كېچىككەن بولىدۇ. ئەمما ئۇنداق قاپاقباشلار كۆپۈنچە ھاللاردا توغرىسىنى تاپتىم دەپ ھىساپلاپ، پۈتۈنلەي خاتا بىر مەسلىھەتنى، خاتا بىر رېتسىپنى ئوتتۇرغا چىقىرىشىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئۇلۇغلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ ئوقۇغان بىلىملىك كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولىشىغا قارىماي، بەكلا كۆپ خاتالىشىپ تۇرىدىغانلىغىنى بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق باھانە كۆرسىتىپ چۈشەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن؟ ئەگەر ئۇ كىشىلەر ئۇنداق ئاخماق كىشىلەر ئەمەس دېيىلگىنىدە، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغان پاتولوگىيىلىك بىرەر كېسىلى بار كىشىلەر دەپ قارالمىغىنىدىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىغا چىققان پەسكەش يالغانچى ئادەملەر دەپ قاراشقىلا توغرا كېلىدۇ.
ئەمما ئوقۇشنى بىلىدىغان كىشى بىرەر كىتاپتىن، بىرەر بروشوردىن ياكى بىرەر گېزىتتىن ئۆزىگە ياكى ئومۇمغا پايدىلىق بىرەر ماتېرىيال بار يەرنى دەرھال تېپىپ چىقىپ لازىملىق بىلىملەرگە ئېرىشىشنى بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن بىلىملەرنى، قايسى شەكىلدە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئوتتۇرغا قويغان قاراشلىرىغا قوشۇش، تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشلەردە پايدىلىنىپ، بۇ پىكىرلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، خاتالىرىنى شاللاپ چىقىرىپ توغرىلىرىنى تاللاپ ئۆز پىكىرىنىڭ مەزمونىنى چۈشىنەرلىك ھالغا كەلتۈرىۋالالايدۇ. ئوقۇشنى بىلىدىغان كىشى ئىشلىرىدا تۇيۇقسىز بىرەر مەسىلە ياكى قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگىنىدە، يىللار بويىچە توپلىغان بىلىملىرىگە ئاساسەن ئەقىل ئىشلىتىپ يېڭى بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ، دۈچ كەلگەن يېڭى مەسىلىنى بۇ پىكىرىگە ئاساسلىنىپ تەھلىل قىلىشنى بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۈچ كەلگەن مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ ياكى ئۇنى چۈشەندۈرۈپ چىقالايدۇ. ئوقۇش دېگەننى، بىرەر مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىش دېگەننى مانا مۇشۇنداق تونىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بىر مەنىسى، بىر قىممىتى بولىدۇ.
بىر ناتىق، ھىمايە قىلىدىغان مەسىلىنى لازىم بولىدىغان ماتېرىياللار بىلەن ئەنە شۇ شەكىلدە تەمىنلىمىگەندە، بىر رىقابەتچىسى ئالدىدا دېگەنلىرىنىڭ مىڭ قېتىم ھەقلىق ۋە توغرا ئىكەنلىگىنى سۆزلىگىنى بىلەن، ھىمايە قىلىۋاتقىنىنى بەرىبىر ئىسپاتلاپ چىقالمايدۇ ياكى قارشى تەرەپنى قايىل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدىكى مۇنازىرىسىدە زىھنى ئۇنى سانسىز يىتەرسىزلىكلىرىنى ئالدىغا تىزىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىزاغا قويۇپ يېتىم ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنداق بىرسى، يا دېگەنلىرىنى توغرىغا چىقارغىدەك پاكىتلارنى تېپىپ چىقالمايدۇ ياكى بولمىسا قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغىدەك بىرەر ئېغىز گەپ تاپالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بىر ناتىق ئەمەس بەلكى ئامما ئۈچۈن بەك مۇھىم بولمىغان، ئۆزىنى قايىل قىلىشنىلا مەقسەت قىلىدىغان بىرسى بولغىنىدىمۇ نەتىجىسى بەرىبىر ئوخشاش بولۇپ، ئاقىۋەتتە ھەتتا ئۆزىنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ. ئەگەر تەغدىر ئەنە شۇنداق ھەم كۆپ ئوقۇغان، ھەم ئىقتىدارسىز بىرسىنى باش جۇمھۇر قىلىپ سايلاپ قويغىدەك بولسا، ئەھۋالىمىزنىڭ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس − ئۇنداق بىرىنىڭ قولىدا قالغان دۆلەت، پۈتۈنلەي خاراپ بولىدىغانلىقى چوقۇم.
شۇنداق بولغاچقا، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىدىم ھەمدە تەڭرىنىڭمۇ ياردىمى بىلەن زېھنىم بىلەن ئەقلىمنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە ئىشلىتىپ كېلەلىدىم دەپ ھېساپلايمەن. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ۋيېننادا ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمنى پايدىسى بولدى ۋە بەرىكەتلىك ئۆتتى دەپ ئېيتالايمەن. كۈندىلىك كۆرگەن-بىلگەنلىرىم مېنى تىنىم تاپماي كۈزىتىش، تەتقىق قىلىشقا ئۈندەپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ بەزىدە ھادىسىلارنى نەزىرىيە بىلەن، بەزىدە نەزىرىيىنى ھادىسىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلالىغىنىم ئۈچۈن، مىڭەمنى قۇرۇق نەزىرىيىلەر بىلەن توشقۇزۇشتىن ساقلاپ قالالىغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن كۆرگەن ھادىسىلەر ئىچىگە پېتىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ قالالىغان ئىدىم.
كۈندىلىك تەجرىبىلىرىم مېنى ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن باشقا ئىككى ئاساسلىق مەسىلە ئۈستىدە ئېنىق بىر قاراشقا كېلىشىم ئۈچۈن ھەيدەكچى بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە نەزىرىيىۋىي جەھەتتىن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمغا باشلامچى بولۇپ بەرگەن ئىدى.
ئەگەر ئۇ يىللىرى ماركىسىزمنىڭ ئاساسى ماھىيىتى بىلەن ئۇنىڭ نەزىرىيىلىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ھېرىش-چارچاشقا قارىماي كاللامنى تولۇق ئىشقا سالمىغان بولسا ئىدىم، كىم بىلىدۇ بۇ ئىدىيىنىڭ نەزەرىيىسىنى بىلىشىم ئۈچۈن كېيىن يەنە قانچىلىك ۋاقت سەرىپ قىلىشىمغا توغرا كېلىشىنى؟

سوتسىيال دېموكراتچىلار
ياش ۋاقتىمدا سوتسىيال دېموكراتىيە توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم بەكلا يىتەرسىز، ھەتتا بىلىمەن دەپ يۈرگەنلىرىممۇ پۈتۈنلەي خاتا نەرسىلەر ئىكەندۇق.
دەسلىۋىدە سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بويىچە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى مېنى بەكلا قىزىقتۇرغان ئىدى. چۇنكى شۇ ۋاقىتلاردىلا، يوشۇرۇن ئاۋازغا قويۇش دېگەن بۇ ئۇسۇل ئىشقا ئاشۇرۇلغىنىدا مەن بەكلا ئۆچ كۆرىدىغان خابسبوۋرگ تۈزۈمىنى ئاجىزلىتىشقا ياردىمى بولىدۇ، دەيدىغان بىر قاراشتا ئىدىم. مەن، شۇ ۋاقىتلاردىلا دوناي دۆلىتى نېمىسلىكىمىزنى قۇربانلىق قىلماي تۇرۇپ بۇ جاھاندا پۇت تىرەپ تۇرالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سەزگەن ئىدىم. ئەسلىدە بۇ دۆلەت، نېمىس ئامىلىنى سلاۋىيانلاشتۇرۇش ھىساۋىغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىشىمۇ تەس ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سلاۋيانىزمنىڭ بۇ دۆلەتنى ساقلاپ قالالايدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇبالىغە قىلىنغىدەك ئۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، قىلچە ئىككىلەنمەي قەتئىي ئاغدۇرىۋېتىشكە تىگىشلىك بولغان، ئون مىليونلۇق بىر نېمىس قەۋىمىنى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغان بۇ ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنى تېز ئارىدا ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان، ئۇنىڭ ھالاكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى ھەر دائىم چىن قەلبىمدىن قوللاپ قۇۋەتلىمەكتە ئىدىم. شۇنىڭدەك يەنە، ئاۋسترىيە كۆپ مىللەتلىك بىر ئىمپىرىيە بولۇش سەۋەبىدىن تىل جەھەتتىكى قالايماقانچىلىقلار بۇ ئەلنىڭ پارلامېنتىنى قانچىكى پارچىلىيالىسا ۋە ئۇنى قانچىكى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالىسا، بۇ بابىل ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنىمۇ شۇنچە تېزلىتىپ بىرەلەيدۇ، دەپ قارايتتىم. بۇنىڭ نەتىجىسى − ئاۋسترىيەدىكى نېمىس مىللىتىنىڭ ئازاتلىققا چىققان كۈنى بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقەررەرلىك − ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قوشۇلۇپ كېتىشى بولۇپ، بۇنىڭغا توسالغۇ بولالايدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ قالمىغان بولاتتى.
ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، سوتسىيال دېموكراتچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ يىللىرى بۇنداق بىر قاراشقا ئىشىنىپ قالغىدەك ساددا بىرسى بولغىنىم ئۈچۈن، سوتسيال دېموكراتچىلار ئىشچىلار تۇرمۇشىنىمۇ ياخشىلىيالايدۇ دەپمۇ ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنى ھىمايە قىلغان ئىكەنمەن. شۇڭا ئۇلارغا قارشى تۈرۈش ئورنىغا ئۇلارنى ھىمايە قىلغان ئىدىم. كېينكى ۋاقىتلاردا، ئۇلارنىڭ ئاۋسترىيە تەۋەسىدە نېمىسلىكنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى بارلىق پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئىسلاۋىيان “يولداشلىرى” بىلەن بەكلا ئاپاق-چاپاق بولۇپ ئۇلارغا نومۇسسىزلارچە قويرۇق شىپاڭشىتىپ كېتىشلىرى، مېنى ئۇلاردىن يىرگىندۈرگەن ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان ئىدى. ئىسلاۋىيان يولداشلىرىمۇ سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ ئەمەلدە كۆرسىتىپ كەلگەن بۇ قىلىقلىرىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىشاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئىسلاۋىيانلار بىرمۇنچە ئېتىۋار قىلىنىشلاردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇراتتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىچە تىرىسىگە پاتماي باشقا مەسىلىلەرگە كەلگەندە قىلچە نۇمۇس قىلماي بۇ پارتىيىگە ۋەھشىلەرچە كۆكەمىلىك قېلىشاتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ دىۋانە پارتىيىگە تىگىشلىك جاۋابىنىمۇ بېرىپ تۇرىشاتتى.
ئون يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىمدىمۇ ماركىسىزم ھەققىدە ھېچ نېمە بىلمەيتتىم. سوتسىيال دېموكراتىيە بىلەن سوتسىيالىزمنى پەرقلەندۈرەلمەي بۇ ئىككى ئۇقۇمنى بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا بىر مەنىدىكى نەرسىلەر دەپ تونىۋالغان ئىكەنمەن. بۇ يەردىمۇ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇش تەغدىرىم كۆزلىرىمنى ئېچىپ، مىللىتىمىز دۈچ كېلىۋاتقان خەۋپ بىلەن خەلقىمنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەن كۆز قاراشلارنى تونىۋېلىش پۇرسىتىنى بەردى.
سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بەزى نامايىشلىرىدىن تاماشىبىنلار قاتارىدا كۆزىتىپ يۈرۈپ سىرتتىن تونىغىنىمدىن باشقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىيىلىرىدىن قىلچىمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىدىنمۇ پەقەتلا خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ خاراكتېرلىرى، چۈشىنىش شەكىللىرى ۋە تەشكىلى كۈچ-قۇۋۋەتلىرىنى تونۇپ يېتەلىشىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش پۇرسىتىگە پەۋقۇلئاددە بىر پۇرسەت سەۋەپ بولمىغان بولسا، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلارنى تونىيالىشىم ئۈچۈن بەلكىم نۇرغۇن يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىشىمغا توغرا كەلگەن بولاتتى. ئەمما بىۋاستە ئىچىگە كىرىپ ئارىلاشسىلا ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا تونىۋالغىلى بولىدىكەن. دىگەندەك، مېنىڭ ئۇلارنى تونۇشۇم ئۈچۈنمۇ بىر قانچە ئايلا ۋاقت كەتكەن ئىدى: بۇ نەرسىنىڭ پەزىلەتلىك ئىجتىمائىي غايە دېگەن نىقاپ ئىچىگە پۈركىنىۋالغان ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ۋابا ئىكەنلىگىنى، ئەگەر ئىنسانىيەت ئالىمى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئۇلارنى دەرھال بۇ دۇنيادىن سۈپۈرۈپ تاشلىمايدىكەن، يەر يۈزى ئۇزۇنغا قالماي ئىنسانىيەتتىن مەھرۇم چۆلدەرەپ تۇرىدىغان بىر پىلانىتقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىغىنى پاتلا تونۇپ يەتكەن ئىدىم.
سوتسىيال دېموكراتچىلارنى تۇنجى قېتىم مەدىكارلىق قىلىۋاتقان پاراخوت ياساش پورتىدا تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. يەنە كېلىپ شۇ تۇنجى ئۇچۇرۇشۇشتىلا ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىمنى يوقۇتۇشقا باشلىغان ئىدىم. مېنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشۈم شۇ كۈنلەرگىچە دېگىدەك بىر مەكتەپ بالىسىدەك رەتلىك، گەپ-سۆز، مۇئامىلىلىرىم ئەدەپلىك، مېڭىش-تۇرۇشلىرىممۇ سىلىق ئىدى. ئۇ كۈنلەردە مەن تۇرمۇش غېمى ئىچىگە پېتىپ قېلىپ ئەتىراپىمدىكىلەرگە دىققەت قىلغىدەك ھالىممۇ يوق، ئاچلىقتىن ئۆلمەسلىك، كەلگۈسى تەغدىرىمنى ياخشىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر ئىش تېپىۋېلىشتىن باشقا ھېچ نىمە ئەقلىمگە كەلمەيتتى. ئىشقا كىرىپ ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى كۈنلىرىمىدىكىن، بىر كۈنىسى ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالمىغان بولسام بەلكىم ئۇلارنى ھەرگىزمۇ تونىماي ئۆتۈپ كېتەر ئىكەنمەن.
بىر كۈنىسى ئۇلاردىن بىرسى يېنىمغا كېلىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇ كۈنگە كەلگىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دېگەننىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشنىڭ ئىشچىلارغا نىمە پايدىسى بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇلار ماڭا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇشۇڭ شەرت دەپ ئېيتقىنىدا، بۇ ئۇيۇشمنىڭ نىمىگە پايدىسى بارلىقىدىن خەۋىرىم يوقلىقىنى، شۇنىڭدەك نىمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق مەجبور قىلىنىدىغان ھەر قانداق بىر تەشكىلگە كىرىش نىيىتىم يوقلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ تەكلىۋىنى سىلىغلىق بىلەن رەت قىلىۋىدىم، ئۇلار دەرھال مەندىن ئۇزاقلاشتى. ئۇلار، بىر قانچە كۈن ساقلاپ تۇرساق، بۇ تەشكىلنىڭ قانداق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا تەكلىۋىمىزنى رەت قىلغىنىدىن پۇشمان قىلىپ ئەزا بولاي دەپ ئۆزى ئالدىمىزغا كىلىدۇ، دەپ ئويلىدى ھەقىچان. ئۇلار مېنى بۈتۈنلەي خاتا تونىغان ئىدى. مېنى دېسە، دەسلەپكى كۈنلەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەققىدە بىر نەرسە بىلمىگىنىم ئۈچۈن سىلىق تەلەپ قىلغان بولسا بەلكىم ئەزا بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئون بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتىم. چۇنكى بۇ جەرياندا ئەتىراپىمدىكىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ تەشكىلنىڭ مەسئوللىرىغا زادىلا قايىل بولمىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇنداق بىر تەشكىلاتقا ھەرقانچە زورلاشسىمۇ قەتئىي كىرمەيمەن دەيدىغان ئىرادىگە كىلىپ بولغان ئىدىم.
دەسلەپكى كۈنلەردە ھېچكىمگە گەپ قىلماي ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى يىراقتىن كۈزىتىپ گەپ قىلماي جىم يۈرىۋەرىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتلىرىدا ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرى يېقىندىكى ئەرزان ئاشپۇزۇللارغا كېتىشەتتى. كۆپۈنچىسى ئىش ئورنىدا قېلىپ ئۆيلىرىدىن ئالغاچ كەلگەن نامىراتلىق پۇراپ تۇرغان تاماقلىرى بىلەن قۇرساق تويغۇزىشاتتى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆي-ئوچاقلىق ئىشچىلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ سىرى چۈشۈپ ماكچىيىپ كەتكەن كونا كورىلاردا غورۇگۈل نامراتلار ئۇمىچى ئېلىپ كىلىشەتتى. شەنبە (ئازناراس) كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئىش ئورنىدا قالىدىغان ئىشچىلانىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ قالاتتى. بۇنىڭ سەۋىبىنى كېيىن بىلدىم: ئەسلىدە ئۇلار سىياسىي ئۆگۈنۈش قىلاتتىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ قۇرۇق نان بىلەن سۈتۈمنى ئىچىپ بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئېھتىيات بىلەن كۈزەتكەچ، كەلگۈسىدە نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلەلمەي خىيال ئبىچىگە پېتىپ قالغان ئىدىم. بۇ ئارىدا، ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپمۇ قالاتتى. يىغىندا بولۇنغان بۇ گەپلەرنىڭ بەزىلىرى مېنى قىزىقتۇرمايدىغان گەپلەر بولغاچقا ئۇلارغا تۇلا بەك دىققەت قىلىپمۇ كەتمىگەن ئىدىم. بەزىدە بۇ كىشىلەر مېنى قىزىقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلىشىم ئۈچۈن ماڭا ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىۋاتقاندەك، يىغىنلىرىغا قاتنىشىشنى خالىمىغىنىم ئۈچۈن مېنى قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە يىغىنلىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەن ئاڭلىيالىغىدەك ئاۋازدا سۆزلىشىپ ئېچىشىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى. ئەمما ئۇلار ئادەمنىڭ ئوۋغىسىنى كەلتۈرگىدەكلا گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرىشاتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ چىدىيالمايلا قالدىم. ئۇلار جاھاندىكى ھەممە نەرسىنى قارىلاپ بىر باشتىن ئىنكار قىلىشقا كىرىشتى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مىللەت دېگىنى كاپىتالىستلارنىڭ پەيدا قىلغان ئۇيدۇرمىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەسمىش. − شۇندىن باشلاپ كاپىتالىست دېگەن بۇ سۆزنى خېلى كۆپ ئاڭلايدىغان بولدۇم − ۋەتەنپەرۋارلىك دېگىنى بولسا، بۇرجۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىشچىلارنى كولدۇرلىتىدىغان ئويۇنىمىش؛ قانۇنلار بولسا ئىشچىلارنى ئېزىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان بىر قۇرالمىش؛ مەكتەپلەر قۇل بىلەن گۇندىپاي يېتىشتۈرىدىغان بىر ئورۇنمىش؛ دىن دېگىنى بولسا، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئاسان ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن روھىنى مەست قىلىدىغان بىر ئەپىيونمىش؛ ئەخلاق دېگىنى پەقەت قويلارغىلا خاس ئاخماقانە باش ئەگدۈرۈش پىرىنسىپىمىش. … ئۇلار قارىلىمىغان بىرمۇ نەرسە قالمىغان بولۇپ، جاھاندىكى پۈتۈن نەرسىلەرنى پاتقاققا مىلاپ قاپقارا قىلىپ كۆرسىتىشمەكتە ئىدى.
دەسلىۋىدە پەقەت ئارىلاشماي جىم ئولتۇرۇپ تىڭشاپ باقتىم. ئەمما كېيىنچە ئۇلارنىڭ بۇ ئاخماقانە گەپلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەيلا قالدىم. ئاخىرى چىداشلىق بىرەلمەي ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى گەپلىرىگە رەددىيە بېرىپ سۆزلەشكە كىرىشتىم. ئەمما شۇنىمۇ ھېس قىلدىمكى، مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلار ھەققىدە ئېنىقىراق مەلۇماتىم بولماي تۇرۇپ بۇنداق مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىشىمنىڭ قىلچە پايدىسى بولمايدىكەن. شۇڭا جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاشتىن باشقا چارەم يوق ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، ياتاققا قايتىشىمدا رەقىپلىرىمنىڭ ئاتالمىش بىلىم دېيىشىۋالغان مەنبەلىرىگە مۇراجەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېپىلغانلىكى گېزىت، ژورنال، كىتاپ، بروشورلارنى يىغىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم، ياق، توغرىسى ئۇلارنى قاينىتىپ ئىچمەكتە ئىدىم.
بەزى كۈنلىرى ئىش ئورنىمىزدا ئىش يوق ۋاقىتلارمۇ بولۇپ قالاتتى. شۇنداق ۋاقىتلاردا مەنمۇ جىم تۇرماي ئۇلارنىڭ قاراشلىرى، نەزەرىيىلىرى ھەققىدە بىلىم جوغلاشنى داۋام قىلماقتا ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىش ئورنىدىكى بۇ تۈردىكى بەس-مۇنازىرىلەردە مېنىڭ ئوتتۇرغا قويغان ئەقلى، مەنتىقى پاكىتلىرىم ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان كۆرىدىغىنىم زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ قورقۇتۇپ تەھدىت قىلىشلىرىغا سەۋەپ بولدى. ئۇلار ھىمايە قىلىۋاتقان قاراشلار ئۈستىدە ئۇلاردىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋېلىپ مۇنازىرىگە كىرىشمەكتە ئىدىم. ئەمما بۇ كىشىلەر ئۇنداق مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنازىرە قىلىشقا بولىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. بۇ ھالەت ئۇلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپ غۇدۇرۇتۇپ، قوپاللىق بىلەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشلەرگىچە بېرىپ يەتتى. قارشى پىكىردىكىلەردىن بەزىلىرى مېنى پاراخوت پالوبىسىدىن سۇغا تاشلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قىلىشقا باشلىدى. مەندىن ئىشنى تاشلاپ كېمە سازلىق پورتىدىن كېتىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. مەنمۇ يالغۇز بېشىمغا ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىغىمنى بىلىپ قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ئۇ يەردىن قاتتىق رەنجىگەن، ئەمما بىر مۇنچە تەجرىبىگە ئېرىشكەن ھالدا كېتىپ قالدىم.
بۇ تالاش-تارتىشلار مېنى شۇنداق غەزەپلەندۈرگەن ئىدىكى، غەزىۋىمدىن يېرىلىپ كەتكىدەك ھالغا كېلىپ قالغان ئىدىم. … شۇنىڭغا قارىماي بۇ مۇنازىرىگە شۇنچىلىك بىرىلىپ كەتكەن ئىكەنمەنكى، مۇنازىرىنى تاشلاپ كەينىمگە يانغىم كەلمىگىدەك ھالدا ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ئەقلى-ھۇشۇم جايىغا كەلگىچە ئۇ يەرنى ئويلىماسلىققا تىرىشتىم. ئەمما بىر نەچچە ھەپتە ئۆتمەيلا ئۇ ئىشىمغا قايتمىسام بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم. دېمىسىمۇ بۇ كۈنلەردە يىغقان ئۈچ-بەش تىيىن تەڭگەمنىمۇ خەجلەپ تۈگىتىپ قويۇپ، قايتىدىن نامىراتلىق قوينىغا چۈشۈپ قالغان ئىدىم. شۇڭا ئۇ يەرگە قايتىپ بارايمۇ-بارمايمۇ دەيدىغان تاللاش ئىختىيارىممۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ كىمەسازلىق ئورنىغا قايتا بېرىپ ئىشقا چۈشتۈم. شۇنداق قىلىپ مۇنازىرىلىرىمىز يەنە باشلىنىپ كەتتى.
شۇ ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزەمگە مۇنداق بىر سوئال قويدۇم: بۇ ئادەملەر ئۇلۇغ بىر ئىرققا مەنسۈپ بولۇش لاياقىتىگە ئىگە كىشىلەرمىدۇ؟ بۇ سۇئال، مەن ئۈچۈن بەكلا ئېغىر بىر سۇئال ئىدى. چۇنكى بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى “ھەئە” بولغىنىدا، بۇنداق بىر ئىرق ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرى چىداشلىق بېرىش پەزىلىتىگە ئىگە، ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان، مىللىتى ئۈچۈن ھەرقانچە ئېغىر كۈنلەرگە قالسىمۇ بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىر خەلق بولىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ “ياق” بولغىنىدا، ئىرقىمىز ئىنسانلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا ئەڭ قىممەتسىز، ئەڭ بىچارە، تۈگەشكەن، قىلچىمۇ ئۈمىد قالمىغان سۈپىرەندە بىر خەلق ھېساپلىنىشى كېرەك ئىدى.
جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن ئۇ كۈنلەردە، قەۋىمىمىزدىن ئايرىلىپ تۇيۇق يولغا قاراپ كىتىۋاتقان بۇنداق كىشىلەر توپى شۇنچىلىك كۆپىيىپ بارماقتا ئىدىكى، بۇ كىشىلەر توپى مىللىتىمىزگە قارشى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر قوشۇن ھالىغا كېلىشكە قاراپ كۈنسايىن ئۇلغايماقتا ئىدى.
بۇنداق ئەھۋاللارنى بىۋاستە كۆرۈپ ھېس قىلغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىرقىمدىن ئەنسىرىمەي جىم ياتالىشىم مۇمكىنمۇ؟
شۇ ئىشتىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە بىر ئاممىۋىي نامايىشنى تاماشا قىلدىم. ۋيېننالىق ئىشچىلاردىن تەركىپ تاپقان، قاتىرىسىغا تىزىلىپ كەينى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ نامايىش قوشۇنىنى پۈتۈنلەي مەيۈسلەنگەن بىر ھېسىيات ئىچىدە كۈزەتمەكتە ئىدىم. ئىلاندەك تولغۇنۇپ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان نامايىشچىلار قوشۇنىنى پۈتۈن دىققىتىم بىلەن نەق ئىككى سائەت كۈزەتتىم. ئاخىرى يۈرىكىم سىقىلغان ھالدا نامايىش مەيدانىدىن ئايرىلىپ ئۆيگە قايتتىم. قايتىش يولۇمدا، بىر موخوركىچىنىڭ بوتكىسىدا ئاۋسترىيە سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ «ئاربېيتېرزېيتۇڭ» گېزىتى كۆزۈمگە چېلىقتى. بۇ گېزىت ۋيېننا سوتسىيال دېموكراتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورگان گېزىتلىرىنىڭ بىرسى ئىدى. بۇ گېزىتنى گېزىت ئوقۇش ئۈچۈن ئارىلاپ كىرىپ قالىدىغان ئاددى-ساددە بىر قەھۋەخانىدىمۇ كۆرۈپ قالاتتىم. شۇ كۈنگە كەلگىچە بۇ ۋەيرانە گېزىتنى قولۇمغا ئېلىپ ئىككى مىنوت بولسىمۇ چىداپ تۇرۇپ ئوقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ گېزىتنى ئوقۇسا ئادەمنى غەزەپلەندۈرۈپ قۇيقا چاشلىرىنى تىك تۇرغۇزىۋىتەتتى. تېخى يېڭىلا ئىشچىلارنىڭ نامايىشىنى كۈزىتىپ چىققىنىم ئۈچۈن، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ گېزىتنى بىر ئوقۇپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. ئادەمنى غەزەپلەندۈرۈپ ئۈرپەرتكىدەك يالغان توقۇلمىلاردىن باشقا بىر نەرسە يازمايدىغان بۇ گېزىتنى، شۇ كېچىسى چىداپ تۇرۇپ باشتىن-ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ، سوتسىيال دېموكراتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىغىنى نەزەرىيىچىلىرىنىڭ مەخسۇس كىتاپلىرىدىن ئاختۇرۇپ ئاۋارە بولمايلا بۇ تۈردىكى كۈندىلىك مەتبۇئاتلىرىدىن كۆرۈپ خەۋەردار بولۇپ تۇرالايدىغان بولدۇم.
كىتاپلار بىلەن گېزىتلار بىر-بىرسىدىن بەكلا چوڭ پەرقلىنەتتى. كىتاپلار چوڭقۇر بىلىملىكلىگىنى بازارغا سېلىپ، ئەركىنلىك، ۋىجدان، گۈزەللىك سۆزلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەممە نەرسىنى گويا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلاھى تەلىماتلىرىدەك كۆرسىتىشكە تىرىشىپ چالۋاقىغان ھالدا تەرىپلىشەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈشنىڭ يېڭى تەلىماتى دەپ تەرغىبات قىلىدىغان گېزىتلىرى، بۇ تۈر قاراشلىرىنى ئۇچىغا چىققان پەسكەشلىك دەپ تەرىپلىشىدىغان، ھەرقانداق بىر ناھەقچىلىكنى قەتئى تەنقىت قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى ھەرخىل بوھتانلارنى ئۇيدۇرۇشنى قىلچە نومۇس بىلمەي ئۆزلىرىگە كەسىپ قىلىشىۋالغان بىر مەتبۇئات ئىدى.
كىتاپلار، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق، بىلىملىك دەپ قارىشىدىغان بىر قىسىم ئاخماق، چىرىگەن مەدەنىيەتلىكلەر ۋە يوقۇرى مەۋقەلىك سىنىپلارنى كىتاپخان قىلغان بولسا، گېزىت-ژورناللىرى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان ئاددى پۇخرالارغا خىتاپ قىلىشاتتى.
سوتسىيال دېموكراتىيە تەلىماتىنى ئۇنىڭ گېزىت-ژورنال مەتبۇئاتلىرى ۋە ئەدەبىي مەجمۇئەلىرىنى ئوقۇپ يۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا باشلىدىم. نەتىجىدە، بۇلار تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلغان ئۆز قەۋىمىمنى قايتىدىن تونۇشقا باشلاپ، ئۇلارنى يېڭىدىن تېپىۋالغان ئىدىم. دەسلىۋىدە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ دەپ تونۇپ كەلگەن بۇ قەۋىمىمگە، ئۆزەمنىڭ ئىسىل ئىرقىمغا باشقىلاتىن سۆيگۈ بىلەن باغلانماقتا ئىدىم.
ئاخماق ئادەملا شۇنچە ۋەھىمىلىك بىرلەشمە زەھەرلەش ھەرىكەت تاكتىكىسىنى پەرق قىلالماسلىقى مۇمكىن. بۇنچە ۋەھىمىلىك زەھەرلەشتىن ساق قالالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان بۇ خەلقنى گۇناھكار دەپ قارايدىغانلار ئۇنچە بەك ئاق نىيەتلىك كىشىلەر ھېساپلانمىسا كېرەك. مەن ئۇلارنى كۈزىتىپ يۈرگەن شۇ يىللاردا، سوتسىيال دېموكراتىيىنىڭ قانداقلارچە شۇنچە كۆپ ئۇتۇغلارغا ئېرىشەلىگەنلىگىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تونۇپ يىتەلىگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا يەنە بىر ئىشنىمۇ ئېنىق پەرق قىلالىغان ئىدىم: ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پەقەتلا كومۇنىستلار چىقارغان قىزىل كىتاپلار بىلەن قىزىل گېزىتلارنىلا ئوقۇپ، پەقەتلا قىزىللارنىڭلا يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ يۈرگەنلىگىنىڭ سەۋىبىنى بۇ گېزىتلاردىن تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشكە باشلىدىم. يەنى، بۇرجۇئازىيە تەرىپىدىن روھى ھالىتى خانىۋەيران قىلىۋېتىلگەن بۇ خەلقىم، ھەممىگە چەكسىز دۈشمەنلىك قىلىشنى، ھەممىنى خاراپ قىلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر پەلسەپەنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەزەرىيىسىنى رەھىمسىزلەرچە بازارغا سالغۇچىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. چۇنكى، خەلق ئاممىسى پەقەت ئەڭ كۈچلۈك ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشەلەيدۇ دەپ تونۇيدىغان ئەقىدىنىڭلا كەينىدىن ئەگىشىدىكەن.
خۇددى ئاياللار ئابىستراكىت چۈشەنچىلەردىن كۈرە كونكىرىتنى ھەرىكەتلەرگە قايىل بولىدىغانلىقى، ھەمدە ئاجىزلارنى كۆرسە بوزەك قىلغىنى بىلەن كەسكىن بويرۇق چۈشىرىدىغان كۈچلۈكلەرگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقىغا ئوخشاش، خەلق ئاممىسىمۇ يالۋۇرۇپ يۈرىدىغان بوزەكلەرنى ئەمەس بەلكى زومىگەرلەرنى، يالۋۇرىدىغانلارنى ئەمەس يالۋۇرتىدىغانلارنى ئۆزلىرىگە چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋېلىشىدىكەن. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدىكەن. ئۇلار بۇنداق كەسكىن بىر تەلىماتنى ئەركىن مۇھاكىمىدىن ئەۋزەل كۆرىشىدىكەن. يەنى خەلق ئاممىسى ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كۈچنى تونىمايدىغان بىر كۈچكە بوي سۇنۇشنى ئەركىنلىكتىنمۇ ئۈستۈن كۆرىشىدىكەن. خەلق ئاممىسى چەكسىز ئەركىنلىككە ئۇنچە بەك قىزىقىپ كەتمەيدىكەن. ئۇلار مۇتلەق ئەركىنلىك دىگەن ئۇقۇمنى قىلچە ئەھمىيىتى يوق بىر ئۇقۇم دەپ قارىشىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، قىلچە ئەنسىرىمەي خەلق ئاممىسىغا زورلۇق كۈچنى ھېس قىلدۇرۇش، ئەركىنلىكلەرنى كۈچ قوللانغۇچى تەرەپ ئۆز قولىدا تېزگىنلەپ تۇرۇشى، كىشىلەرگە بۇ ئەركىنلىكلەردىن بىرەلەيدىغانلىقىنى ھەردائىم پۇرۇتۇپ تۇرالايدىغان بولۇش لازىم ئىكەن. بۇنداق قاراش بەزى كىشىلەرگە غەلىتى بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما خەلق ئاممىسى بىرەر كۈچ-قۇدرەتنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆرگىنىدىن كېيىنلا ئۇ كۈچكە، ئۇنىڭ زوراۋانلىقىغا بوي سۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشىدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، سوتسىيال دېموكىراتچىلاردىنمۇ كۈچلۈك يېڭى بىر پارتىيە تەشكىل قىلىنىپ، ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك زوراۋانلىقنى ئىپادىلىيەلىگىدەك بولسا، بۇنداق بىر تەشكىلات خەلقنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشەلىگىدەك دەيدىغان قاراشقا كەلگەن ئىدىم.
مەن ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا سوتسىيال دېموكراتچىلارنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇللىرىدىن تولۇق خەۋەر تېپىپ بولغان ئىدىم. شۇنىڭدەك بۇ پارتىيىنىڭ ئۇيۇنچىقى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن خەلق ئاممىسىنىڭ روھى قىياپىتىنىمۇ چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم.
سوتسيال دېموكراتچىلار پارتىيىسى زوراۋانلىق كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدىكەن. ئۇلار كۈچلا بولىدىكەن، يەڭگىلى بولمايدىغان دۈشمەن يوق دەپ قارىشىدىكەن. سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ بۇ تۈر قورقۇنۇشلۇق قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇرجۇئازىيىگە قارشى ھەرىكەتلەردە بىۋاستە پايدىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان ۋەھىمىلىك مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. بۇرجۇئازىيىدە مەيلى روھىي جەھەتتىن ياكى جىسمانى جەھەتتىن بولسۇن، بۇنداق بىر ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالىغىدەك كۈچ يوق ئىدى. سوتسىيال دېموكراتچىلار، مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىرەرسىگە دۈچ كەلگىنىدە، ئۇنىڭغا قارشى بىرلا ئىشارەت بېرىلىشى بىلەن تەڭ ئۇ كىشىنى قايتا ئېسىنى يىغىۋالالمىغىدەك دەرىجىدە ئەقلى-ھۇشىنى يوقاتقانغا قەدەر رەھىمسىزلەرچە بوھتانلار ئىچىگە كۆمۈۋېتىش تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان زەربە بېرىش تاكتىكىسىنى دائىم ئىشقا سېلىپ تۇرىشىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى تاكتىكىلىرى بىر خىل خۇمار، ئادەت ھالىغا كېلىپ، كۆرۈنەرلىك بىرەر داغدۇغا پەيدا قىلىشتىن نېرىسىغا ئۆتەلمەيدىكەن.
بۇنداق ئويۇنلار رىقابەتچىلىرى قۇدۇرىغان غالجىر ئىتلاردەك ئۆزىنى يوقۇتۇپ ئاخىرى ھالسىراپ كۈچىدىن ئايرىلغانغىچە تەكرارلىنىپ تۇرىدىكەن. سوتسيال دېموكراتلار كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ قىممىتىنى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ياخشى بىلگەچكە، ئۇلارنى قورقىتىۋالغان كۆكەمىلەرگە يېقىن يولىماي، نۇمۇسچان ئوبىكتىپلارغىلا ئەنە شۇنداق كۆكەمىكەشلىك قىلىشىدىكەن. ئۆكتىچى پارتىيە بولغان بۇرجۇئازىيىنىڭ يۇمشاقباش كىشىلىرىمۇ ئۈزۈلمەي بېشىغا كېلىۋاتقان بۇنداق قانۇنسىز زەربىلەردىن زېرىكىپ تېچلىققا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئۇلارغا باش ئېگىش يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولىشىدىكەن؛ كۈچى يەتمەيدىغانلارغا، ئەقىللىق ئەمما ئىرادىلىك، جاسارەتلىك كىشىلەرگە بولسا يېقىن يولىماسلىققا تىرىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ سوتسيال دېموكراتچىلار ئۆز مەقسىتىگە ئۈزلۈكسىز ئېرىشىپ تۇرىدىكەن. يەنى، سوتسيال دېموكراتچىلار ئەقلى-ھۇشى نورىمال قوپال مىجەزلىك كىشىلەردىن ئەنسىرەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ تۈردىكى ئادەملەرنى تېپىۋالسا يالاقچىلىق قىلىپ ئۇنى ماختاپ ئەرشىگە چىقىرىۋېتىشىدىكەن. شۇنىڭدەك ھەددىدىن ئارتۇق ئاجىزلاردىنمۇ ئۇنچە بەك ئەنسىرىشىپ كەتمەيدىكەن. چۇنكى بۇنداق ئاجىزلار بەرىبىر ئۇلاردىن قورقىدىغان، ئۇلارغا زىيان سالالمىغىدەك ئاجىز كىشىلەر-دە.
سوتسيال دېموكراتچىلار ئۆزلىرىنى ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ساقلىيالايدىغان بىردىن بىر كۈچ دېگەنگە خەلق ئاممىسىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدىكەن، ئۇلار ھەرقانداق بىر ۋەقەنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدىكەن. ھەتتا بۇنداق ۋەقەلەرگە بىۋاستە قاتنىشىشتىنمۇ چېكىنمەيدىكەن. ئۇلار بەزىدە ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ غايىسىگە قارشى ھەرىكەت قىلسا، يەنە بەزىدە بۇ غايىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدىكەن. شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققەت نەزىرىنى پات-پات باشقا نەرسىلەرگە بۇرايدىكەن. دىققىتى باشقا يەردە بولغان خەلق ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا چولىسى تەگمەيدۇ-دە.
كىشىلەرنىڭ روھىي ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش ئاساسىغا تايانغان بۇنداق تاكتىكلارغا ئۆكتىچى پارتىيىلەرمۇ شۇنىڭغا ماس چارىلاردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتمەيدىغانلا بولىدىكەن، سوتسيال دېموكراتلارنىڭ ئۈستىدىن ھېچكىم ئېنىق بىر غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالاردا، ئاجىزلار قانداق قىلىپ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان ھالەت ئىچىگە پېتىپ قالغان بولىدۇ.
بۇ كۈزىتىشلىرىم ئارقىلىق شەخسىلەر ھېس قىلىدىغان جىسمانى قورقۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىپ يەتتىم. دېمەك، بىرەر ھەرىكەتتە خەلق ئاممىسىغا، ئاجىزلارغا ئۆز كۈچىنى تونۇتۇپ تۇرۇش زۆرۈر ئىكەن. يەنى سىلەرگە ئەركىنلىكنى، بىخەتەرلىكنى مەنلا بېرەلەيمەن دېگەن قاراشنى خەلق ئاممىسىغا تونۇتۇش زۆرۈر ئىكەن. تەبىئىكى، بۇ ھادىسىلەر پسىخولوگىيىلىك مەسىلىلەر بولۇپ، بۇنداق ئەھۋاللار قۇرۇلۇش ئىش ئورنىلىرىدا، زاۋۇتلاردا، ئاھالە ئولتۇراق يەرلىرىدە، نامايىشلاردا ۋە چوڭ يىغىن-نۇتۇق مەيدانلىرىدا يۈز بېرىدىغان قورقۇتۇش يوللىرىغا قارىتا توسالغۇ پەيدا قىلىنمايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسىنى قورقۇتۇپ قولغا كەلتۈرۈشىدىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدىكەن.
ئەگەر بۇنداق ۋەھىمە سېلىش ھەرىكەتلىرى توسالغۇغا دۈچ كەلگىنىدە، قورقۇتۇشقا تايىنىپ ئامما ئارىسىدا بۇنچىلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەن يىتەكچى پارتىيىمۇ تەبىئىي ھالدا كۆرەڭلەشتىن يولىنى ئۆزگەرتىپ بۇرۇن ئۆزلىرى ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوينىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشىدىكەن. ئەسلىدە، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قالايماقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتلاردا ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشى ئۈچۈنمۇ بىر پۇرسەت بولۇپ بېرىدۇ. ئۇلار، بۇنداق مالاماتاڭچىلىقتىن پايدىلىنىپ مۇرادىغا يېتىش پۇرسىتىگە ھەقىقەتەنمۇ ئېرىشەلىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتلاردا، ھەر قېتىملىق ھۆكۈمەت قۇرغان پارتىيىنىڭ قوينىغا كىرىۋېلىشنى پىلانلاپ يۈرىدىغان، بىرەر ئورۇنغا ئىگە ئەمما قولىدىن تۈزۈك بىر ئىش كەلمەيدىغان مەمورى كادىرلارمۇ، بۇرۇنقى دۈشمىنى بولغان ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان دۇنيانىڭ ۋاباسى ھېساپلىنىدىغان سوتسيال دېموكراتچىلارغا دەرھال قورۇق شىپاڭشىتىپ پىلان كۆرسىتىپ، بۇرۇن ئۇلارغا دۈشمەن بولغان كىشىلەرنى پاش قىلىش ھىساۋىغا يېڭى ھۆكۈمەت تەركىۋىدە بۇرۇنقى لالمىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ.
سوتسيال دېموكراتچىلار قولغا كەلتۈرگەن بۇنداق سايلام غالىبىيىتىنى ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا ئەگىشىدىغان كىشىلەر قانداق ئويلايدىغاندۇ؟ ئۇلار بۇ ھۆكۈمەتنى خەلق ئاممىسىغا قانداق خىزمەت قىلىدۇ دەپ ئويلار؟ ھېسسىيادىنى يىگانە كىتاپلاردىن ئۆگۈنىۋالغانلار بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەرگىزمۇ تاپالمايدۇ. بۇنى بىلەلىشى ئۈچۈن خەلق بىلەن بىرگە ياشىغان، خەلقنى بىۋاستە تونۇيدىغان بىرسى بولۇش كېرەك.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئۇتۇقىنى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پارتىيىگە ئۇزۇندىن بېرى ھارماي-تالماي ياردەم قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسى دەپ تەشۋىق قىلىشىدىكەن. ئۇلار بۇنداق بىر پارتىيىگە قارشى چىقىش نىيىتىدە ئۆكتىچىلىك قىلىشقىنىدا ئۆزلىرىگە قىلچە پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇلارغا قەتئىي بوي سۇنۇشلا شەرت دەيدىغان گەپنى يېيىشقا باشلايدىكەن.
سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ بۇ تۈردىكى شىددەتلىك زورلۇق-زومبىلىق ئۇسۇللىرىدىن خەۋەر تاپقىنىمدىن كېيىن، بۇ تۈردىكى تېررورچىلىققا دۈچ كەلگەن خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ بەك ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدىم.
ماڭا، مېنى ئۆز خەلقىم ئىچىدە ياشاتقان، خەلقىمنى تونۇش پۈرسىتى يارىتىپ بەرگەن، خەلقىمنى ئاخماق قىلىپ يۈرگەنلەرنى ماڭا تونۇتقان، نەتىجىدە خەلقىمنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان ئاپەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تونىۋېلىشىم ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن شۇ جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلىرىمگە چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.
ئەنە شۇنداق ئۇسۇللار بويىچە ئازدۇرۇلغان، كۆزلىرى ئىتىۋىتىلگەن بۇ خار كىشىلەر سىياسەتنىڭ تەجرىبە ھايۋىنى ئورنىدىكى قۇربانلىقلىرىدىن باشقا بىرسى ئەمەس ئىدى. ئەگەر مەن، بۈگۈن قولۇمغا چوتكامنى ئېلىپ “تۈۋەن تەبىقە” دەپ ئاتالغان بۇ سىنىپ كىشىلەر روھىنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى سىزىشقا ئۇرۇنسا ئىدىم، بۇ رەسىمدە يەنىلا نۇرغۇن چۈشۈنۈكسىز ۋە خاتا تونۇلغان ئىسىل پەزىلەتلىك نوقتىلارنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەشتىن ھەرگىز چېكىنمەس ئىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سىزغان رەسىمىم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر رەسىم بولۇپ قالاتتى. بىز ئۇلارنى ھەر قانچە تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر دەپ قارىساقمۇ، ئۇلارنىڭ بىر تەرىپىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ يەنىلا بىر نۇرنىڭ چاقناپ تۇرىدىغانلىغىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. يەنى، بۇنداق كىشىلەر ئارىسىدا پىداكارلىق روھ، ۋاپادار دوستلۇقلار ۋە تەڭ مۇئامىلە قىلىشتەك پەۋقۇلئاددە بىر سەمىمىيلىك تەڭ ئىپادىلىنىپ، ئۆزلىرىنى ھەر دائىم تارتىنچاق قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرىشىدۇ. بۇ پەزىلەتلەر بولۇپمۇ چوڭ ياشتىكى ئىشچىلاردا تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ياشلاردا بولسا، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەسىرىدە بۇنداق پەزىلەتلەر كۈنسايىن كامىيىپ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا شۇ پاسكىنىچىلىقلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمىغان بىر مۇنچە ياشلارنى ئۇچۇرتالىشىمىز مۇمكىن. ئالى غايىلارغا ئىگە بۇ يۈرەكلىك ۋە مەرت كىشىلىرىمىزنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يار-يۈلەك بولۇش، ئۇلارنى قوغداش ئىشىنى مىللەتنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان شۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان بولساق، بۇ غايىلىك كىشىلىرىمىز ئۇ چىرىك ئەقىدىلەرنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى تېخى پەرق قىلىپ كىتەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى تېخى بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقىپ خەلقىمىزنىڭ بۇ غايىلىك كىشىلىرىنى بۇلغاپ كىلىۋاتقان كۈچلەرنى پاش قىلىپ ئۇلارغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدى. شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ غايىلىك كىشىلىرىمىزدە ھەرقانچە تاقابىل تۇرۇش كۈچى باردەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار يەنىلا سەۋىر قىلىش تەلىماتىنىڭ زەھىرى نەتىجىسىدە غىڭ قىلماي ئۇلارغا ئەگەشمەكتە. چۇنكى بۇرجۇئازلار ياراتقان نامراتلىق، بۇ كىشىلىرىمىزنىمۇ ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا قىستاپ ئۇلارنىڭ بۇلغۇنىشىغا مۇھىت يارىتىپ بەرمەكتە ئىدى.
ئۇنداقتا، سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان بۇرجۇئازىيە قايسى ئەھۋالدا تۇرىدۇ؟ بۇرجۇئازىيە، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانلىق تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇرۇپ بەرمەيلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى ئەقەللىي ئىنسانلىق تەلەپلىرىنى مىڭلارچە قېتىم ھاقارەت بىلەن رەت قىلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، پەزىلەت ئىگىسى بولغان ئىشچى ئۇلار بىلەن تىركىشىش مەقسىتىدە بېرىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دەيدىغان قاپقانغا چۈشۈپ ئۇلارنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان گوماشتىغا ئايلىنىپ قالغان.
دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مىليونلىغان ئىشچىلار سوتسيال دېموكراتچىلارنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپمۇ كەتمەيتتى. ئەمما ئىشچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولمىغان شارائىتلار ئىچىدە نۇرغۇن قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كېلىپ مەغلوپ بولغان ئىدى. بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرى بولسا ئىشچىلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي تەلەپلىرىگە قارىتا قەتئىي قارشى تەرەپ بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. ئۇلار، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە قىلچىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەجبورى ھالدا سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ قېلىشىغا بىردىن بىر سەۋەپچى بولغان ئىدى. سوتسيال دېموكراتچىلار بولسا ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشقىلا تىرىشىدۇ. بۇرجۇئازىيە بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ھەرگىز كۆڭۈل بۆلۈشمىدى؛ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، بالا ئىشچى ئىشلىتىش ۋە ئاياللارنى ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئېغىر ئاياق ۋاقىتلىرىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلۈشمىدى؛ ماشىنىلار ئالدىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى ھەر تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. نەتىجىدە خەلق ئاممىسى ئارىسىدا غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەپ بولۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىشچىلار تەبىقىسىمۇ سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ جامائەت پىكىرى توپلاش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇرجۇئازىيە پارتىيىلىرىمۇ بۇ جەھەتتە سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى ھېچ بىر ۋاقىت تۈزىتىش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدى. ھەتتا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىشچىلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، قىساس ئۇچقۇنلىرىنى كۈچەيتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار ئىنسانىيەت دۈشمىنى بولغان سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ “بىز سىلەرگە ئىگە بولىمىز” دەيدىغان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ سىياسى غەرەزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كۈچىگە ئايلاندى.
ۋيېننادا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا يوقۇرقىدەك كۈزىتىشلەر نەتىجىسىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارغا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.
ئەسلىدە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارىۋېلىشىم بىر تۈرلۈك خاتا قاراش ئىكەندۇق. بۇنى تونۇپ يەتكىنىمدىن كېيىن، بۇنداق خاتا قاراشتىن دەرھال يېنىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا بولغان بۇرۇنقى قاراشلىرىم پۈتۈنلەي ئاغدۇرىۋېتىلدى.
ئىشچىلار مەنپەتىنى ھىمايە قىلىش، ئىشچىلارنى تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزلىرىگە مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي كۈرەشلەردە ياللانما كۈچ ئورنىدا پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىشقان ئۇيۇشمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى پەرق قىلغان ۋاقىتلىرىمدا، مەنمۇ يىگىرمە ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىم.
سوتسيال دېموكراتچىلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتىنىڭ تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتىنى باشقىلاردىن بۇرۇن بىلىپ قېلىشقان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار بۇ كۈچتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئېرىشىۋالىدۇ. بۇرجۇئازلار بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمىگىنى ئۈچۈن جەمىيەتتىكى سىياسىي ئورنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئىدى. بۇرجۇئازىيە، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتەك كىبىرلىكىگە تايىنىپ ئىشچىلار ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ ئۇلارنى يوق قىلىۋىتىلەيمىز دەپ ئىشەنگەن ئىدى. ئەسلىدە، بۇرجۇئازلارنىڭ دېگىنىدەك ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەركىۋىدە مىللەتنى ۋەيران قىلىۋىتىدىغان ئۇنداق بىر ئامىل مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ جەھەتتە بۇرجۇئازىيە پۈتۈنلەي خاتالاشقان ئىدى.
ئەسلىدە، ئىش بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرى مىللەتنىڭ ھۇلى بولغان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆزلىرىگە غايە قىلىپ ھەرىكەت قىلىشنى تاللىۋالىدىغانلا بولىدىكەن، ھەرگىزمۇ ۋەتەن، مىللەتكە زىيان كەلتۈرمەيتتى. بەلكى خەلقنىڭ جىسمانى ۋە ئەخلاقى نامراتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەرسىلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئورتاق بىر مىللىي تەربىيە يولىدا زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ، مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان بىر تەشكىلى كۈچكە ئايلىنالىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيۇشما ھەرىكىتىنى بىزگە بىرەر پايدىسى بارمۇ دەپ ئەنسىرەپ سوراشنىڭ قىلچە ئورنى يوق.
ئىجتىمائىي چۈشەنچىسى يوق، ھوقۇق ۋە قانۇن ئۇقۇملىرىدىن بىخەۋەر بىر قىسىم ئەخلاقسىز غوجايىنلار ئۆز خەلقىنى ياتلار ئورنىدا كۆرگىنىدە، ئەمگەكچى خەلقىمىزنىڭ پاراۋانلىقىغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنغىنىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى تەغدىرى ئۈچۈن ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇنداق بىر ئەھۋالدا ھەرقانداق تەرەپ ئۆز مەنپەتىنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىش ھەققىگە ئىگە ئەمەس. ھېچ كىمنىڭ بۇنداق تاللاش ھەققى يوق. شۇنىڭدەك يامان غەرەزلىك كىشىلەرمۇ خەلقنىڭ بېشىدىكى بۇ غەمدىن پايدىلىنىپ باشقا غەرەزلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقىمۇ ھەققى يوق. ئىجتىمائى تۇرمۇشقا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزگە پادىسى بارمۇ-يوق؟ بۇ سۇئالغا پايدىلىق دەپ جاۋاپ بېرىلىدىغان بولغىنىدا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن لازىملىق قۇراللار بىلەن قۇراللىنىپ بۇ كۈرەشكە ئاتلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەنپەئەتپەرەسلىكى كۈچلۈك بىر غوجايىننىڭ شەخسى مەنپەئەتى چەكسىز زومىلىق قىلىشى ئۈچۈن ھەرگىز باھانە بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇنداقلار ۋەتىنىمىزدە مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خەلقىمىزنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان ئىشچىلار، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ مەنپەتپەرەسلىكى ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ ئۇلارنىڭ بىر ۋەزىپىسى ھېساپلىنىشى لازىم. چۇنكى خەلق بىلەن بولغان ئۇيۇشقاقلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتەك پائالىيەتلەر مىللىي مەنپەتىمىزگىمۇ ئۇيغۇن پائالىيەتلەر ھېساپلىنىشى كېرەك.
ئەمما يالغۇز بىر ئىشچى ئۆز ئالدىغان كۈچلۈك بىر غوجايىنغا ھەرگىزمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ ھەققانىيەتنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسىلا ئەمەس، ئەگەر ھەق دىگەن نەرسىنى ھەممە ئىتىراپ قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئوتتۇرلۇقتا نە بىر زىدىيەت مەۋجۇت بولار ئىدى ياكى زىدىيەت ھەل قىلىش دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت بولار ئىدى. ھەققانىيەت تۇيغۇسى مۇتلەق تۈردە زىدىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تۇيغۇ. ھەتتا ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار يەردە ھېچ قاچان زىدىيەت، مەسىلە دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولالمايدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، مەسىلىنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى − ئەڭ كۈچلۈك، تېخىمۇ كۈچلۈك بىرسى بولۇشتۇر.
ئادەتتە كىشىلەر ناھەقچىلىككە دۈچ كەلگەنلىرىدە ئىجتىمائىي قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تاللىۋېلىشى ئەڭ توغرا يول تۇتقانلىقى بولىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇنداق بىر قانۇن يوق ياكى ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئادۋۇكات-سودىيەلەر بولمىغىنىدا، كۆرۈلگەن ناھەقچىلىكلەرگە قارشى بىردىن بىر چارە، زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشلا بولىدۇ، خالاس. ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق بىر زورلۇق كۈچىنى بەرپا قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى، ئۇيۇشۇپ تەشكىللىنىپ بىر ۋەكىلنى ئوتتۇرغا چىقىرىشتۇر. مانا بۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىكى زۆرۈرىيەت. بۇ شەكىلدە بارلىققا كەلگەن ئۇيۇشمىلار كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق جەمىيەتكە ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشىدۇ. نەتىجىدە، كۆرۈلىدىغان ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇن كۈندىلىك مەسىلىلەر بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىنىپ تۇرۇلغان بولىدۇ.
بۇرجۇئا سىياسەتچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى بىلەلمەي ياكى ئۇلارغا سەل قاراپ، ئۇلارغا زورلۇق كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان بولسا، سوتسيال دېموكراتچىلار زەربە يىگەن تەرەپكە كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ بۇ كۈچتىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەتمەكتە ئىدى. دىگەندەك، ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ دەرتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىشىپ، ۋەزىيەت قالايماقانلاشقان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بۇ كۈچتىن ھەقىقەتەنمۇ ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۈچىدىن خالىغان ۋاقىتتا پايدىلانالايدىغان نوقتىغا كېلىۋالغاندىن كېيىن، ئىشىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا غايىلارنى تىكلەشكە كىرىشتى. چۇنكى، سوتسيال دېموكراتچىلار ئومۇمى خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق پروگراممىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ھېچقاچان ئەھمىيەت بېرىپ باققان ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى غايىسى بولغان بۇ غايىسىگە ھېچقاچان قىزىقىپ باقمىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز.
نەتىجىدە، ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان بارلىق كۈچلەر، سوتسيال دېموكراتچى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قولىغا كىرەر-كىرمەي مىللىي ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇلماقتا. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئەقەللى مەنپەئەتلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرۇلدى. چۇنكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە كۆرۈلىدىغان باجنى ئۆستۈرۈشتەك ۋاقىتلىق ئۇسۇللار سىياسىي تۇرمۇشتا ھەر تۈرلۈك باش ئەگدۈرۈش جەريانىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈپ بېرەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن جاھالەت ھۆكۈم سۈرىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتە ئاخماق ئىنسانلار يىغىلىپ قالغان بىر ۋەزىيەتنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلاتتى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى دەل شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا دەپ قارىشىمىز مۇمكىن.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرىنىڭ غايىلىرى دەسلەپتە بەلگىلىگەن غايىلىرىدىن قېيىشقا باشلايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيۇشمىلار سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ خەتەرلىك سىياسىي قاپقىنىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشۈشكە باشلاپ، ئاخىرى سىنىپىي كۈرەشنىڭ زوراۋان كۈچلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا مىڭ تەستە بەرپا قىلىنغان ئىقتىسادىي ئاساسلار كەينى-كەينىدىن زەربە يەپ ۋەيران قىلىۋېتىگىنىدە، ئىقتىسادىي ئاساستىن ئايرىلغان بىر دۆلەت ئورگىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بەكلا ئاسانغا توختايدۇ. ۋەزىيەت بۇ ھالغا كەلگەندىن كېيىن، سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەمەلىي تەلەپلىرىگە بارغانسىر قۇلاق سالماس بولىۋالدى. ئەمما ئۆز سىياسەتلىرى ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ نامىراتلىققا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماي يۈرىۋەرگىنىدە، ئۆزلىرىگە خەۋب يېتىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. چۇنكى، خەلقنىڭ تەلىۋىنى بىر قېتىم قاندۇرۇپ قويۇش بىلەنلا ئۇلارنى مەڭگۈ ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق يۈزلىنىش سىنىپىي كۈرەش تەرەپتارلىرىغا شۇنداق ئېغىر زەربە بولۇپ تۇيۇلدىكى، ئۇلار دەرھال يولىنى ئۆزگەرتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈرمۇش سەۋىيىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆستۈرىمىز دەيدىغان تۈزۈمنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەرگە قارشى سەپ تۈزۈشكە كىرىشتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە يولىنى ئۆزگەرتىشكەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي نىمە ئۈچۈن بۇنداق يول ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىزاھلاپمۇ ئولتۇرۇشمىدى.
چۇنكى، بۇنداق ئەھۋالدا تەلەپلەر قانچىكى ئارتىپ بارسا، بۇنداق تەلەپلەرنى ئورۇنداپ بېرىش ئېمكانىيىتىمۇ شۇنچە قىيىنلىشاتتى. بۇ تۈردىكى ھىلىگەرلىكلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا قارىماي ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تەبىئى ۋە ئەڭ ئەقەللى ھەقلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن كۈلكىلىك جاۋابلارنى بېرىشىدىكى مەقسەت، ئىشچىلارنىڭ روھىنى، كۈچىنى ئاجىزلىتىش، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئىشچىلارنى ئومۇمىي يۈزلۈك پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىشاتتى. بۇ تۈردىكى ئالدامچىلىقلارنىڭ تىگىدە ياتقان ئەسلى غەرەزلەردىن بىرى بولغان بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنى خەلققە بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈش لازىم بولماقتا ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ھەر تۈرلۈك گەپ-سۆزلەر ۋاستىسىدا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئۇتۇقلارغىمۇ ھەيران قالغۇچىلىقى يوق ئىدى. چۇنكى ھەر تۈرلۈك چۈشەنچە ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن مەھرۇم بولغان بىر خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ھەر خىل شۇئارلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىمۇ ئالاھىدە كۈچلۈك بولاتتى.
بۇرجۇئا پارتىيىلىرى سوتسيال دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ بۇ تۈردىكى قورقۇنۇشلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئاقىۋەتلىرىگە قاتتىق نەپرەتلىنەتتى. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ تۈردىكى زىيانلىق پائالىيەتلەردىن قۇتۇلۇش يولىنى ئاختۇرۇپ باقماي جىم يېتىۋېلىشتى. ئەسلىدە، ئۇلارمۇ سوتسيال دېموكراتچىلارغا ئوخشاش ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە زادىلا باش قاتۇرماس بولىۋېلىشقان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ بۇرجۇئازىيە دىگەنلەر ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدى. ئۇلار دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئورنىغا ئۆزىنى ئۆزى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندەك ئىش قىلىشقان ئىدى. كېيىن يەنە ئۆزلىرى پەيدا قىلغان بۇ قىيىن مۇھىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېچىكىپ بولسىمۇ بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تاپقان چارىلىرى زادىلا كارغا كەلمىدى. نەتىجىدە ھەم ئۆزلىرىنى ھەم باشقىلارنى رەنجىتىشتىن باشقا بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، سوتسيال دېموكراتلار تەرىپىدىن ئاسانلا سەپتىن سىقىپ چىقىرىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن “ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى” دىگەن بۇ تەشكىلات، خەلق ئاممىسىغا كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش سىياسىي ساھەلەردىمۇ بوران-چاپقۇندەك تەھدىت سالىدىغان كۈچكە ئايلىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە، ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مىللىي ئىگىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا، دۆلەتنىڭ ئامانلىقى بىلەن شەخسىنىڭ ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالىدىغان قورقۇنۇچلۇق تېرورچى كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
دېموكراتىيە دىگەن بۇ ئۇقۇمنى دەل شۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كۈلكىلىك، ئەھمىيەتسىز ۋە زىيانلىق دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى ئەسلىدە ئەركىنلىككە قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن، تەڭ-باراۋەرلىك دىگەنلىك مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان بىر ھاقارەت سۆزى ھېساپلىناتتى. شۇنداق بولغاچقا، “ئەگەر سەن بىزگە يولداش ئەمەسكەنسەن، ئۇنداقتا ئىت كاللاڭنى ئىزىپ تاشلايمىز” دىگەن رەزىللىكتە چىڭ تۇرۇشتى.
مەن ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت دوستى دەپ يۈرگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئەركىنلىكنى ۋەيران قىلىش يولىدا ماڭىدىغان بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى ئەنە شۇ تەرىقىدە تونىغان ئىدىم. ئۇلارنى كۈزىتىش جەريانىدا چۈشەنچىلىرىم كېڭىيىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ باردى. شۇنىڭغا قارىماي بۇ قارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەپ بولىدىغان بىرەر پاكىتقىمۇ ئېرىشەلمىدىم.

سوتسيال دېموكراتىيە
سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى قانچىكى كۈزەتسەم، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بىلەن پەلسەپەسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان غەرەزلىرىنى بىلىپ بېقىش ئىستىگىممۇ شۇنچە ئارتىپ بارماقتا ئىدى. ئەمما بۇ ئىستىگىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئاشكارە ماتېرىياللىرىنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ھېچ بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم. بۇ پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتلىرى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىدا پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن ماتېرىياللىرىنىڭ ھېچبىرسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. سىياسىي غايىلىرى ئۈستىدە توختالغان ماقالىلىرىدىمۇ قىلچە سەمىمىيەتنى كۆرگىلى بولمايتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ماھارەت ئىشلىتىپ جىدەل تېرىش ئىستىگى بىلەن پاكىت كەلتۈرۈش ئۇسلۇبى مېنى ھەر دائىم قاتتىق يىرگەندۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ يازغان ماقالىلىرىدا ئېيتقان چۇۋالچاق يالغان گەپلىرىنى، سىرلىق، ھەتتا مەنىسى يوق چۈشىنىكسىز سەپسەتىلەر بىلەن تولغان جۈملىلىرىنى ھەر قانچە باش قاتۇرۇپ ئوقۇساممۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ماقالىلىرىدىن قىممەتكە ئىگە بىرەر ئېغىز راس گەپنىمۇ ئۇچرىتالمايتتىم. ئۇلارنىڭ ئانالىزلىرى شۇنداق سىھىرلىك، ئايلاندۇرۇپ يېزىلغانكى، ئاخىرى نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلەلمىگىدەك دەرىجىدە مۇجمەل گەپلەر بىلەن تولغان بولاتتى. ئادەم بۇنداق نەرسىلەرنى ئوقۇپ بىرەر چۈشەنچىگە كېلىش، ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلىش، شۇنىڭدەك بۇ باش-ئاخىرى يوق “دادائىزم” ئەخلىتى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بىر تۇيغىغا كېلىمەن دېيىشى ئۈچۈن چوڭ شەھەرلەردە ئۇچىرايدىغان “بوھېم” (دادائىزىم − 1917-يىلى ئەتىراپىدا قۇرۇلغان بىر ئەدەبىيات-سەنئەت مەكتىۋىدۇر. بۇ مەكتەپنىڭ دەرس پروگراممىلىرى تەپەككۈر بىلەن چۈشىنىش ئوتتۇرسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك تەلىم تەربىيە بېرىش يولىنى تۇتىدۇ. بوھېم − دىۋانە، مازارلىق شەيخلىرىغا ئوخشاش داڭلىق تىلەمچىلەر − قايسى بىر تۈركچە تەرجىماننىڭ ھاشىيەدە بەرگەن ئىزاھاتى. بۇ ئىزاھات كۆپ قىسىم تەرجىمىلەردە يوق. − ئۇ.ت) لاردىن بىرى بولۇش كېرەك. سوتسيال دېموكراتچىلار پارتىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان ئاپتورلار ئاشكارە دېگىدەك بىر قىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشقا كىرىشەتتى. چۇنكى بۇ تۈردىكى ئامما بىرەر نەرسىنى قانچىكى ئاز چۈشەنگەن بولسا، شۇ نەرسە ھەققىدە شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە يېڭى نەرسىلەرنى بىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىدىيىۋىي ئېقىم ئوتتۇرغا قويىۋاتقان نەزەرىيە جەھەتتىن تۇيۇق يولغا باشلاپ ماڭىدىغان ۋە قىلچە قىممىتى يوق نەرسىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇلار يەتمەكچى بولغان يوشۇرۇن غەرەزلىرىنىڭ نىمە مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كېچىكىپ بولسىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتەلىگەن بولدۇم.
نېمە دىگەن دەھشەت، بۇ كۈزىتىشلىرىم نەتىجىسىدە قىساس بىلەن نەپرەتنى ئۆزلىرىگە بىردىن-بىر كۈچ قىلىشقان بىر نەزەرىيىگە دۈچ كەلمەكتە ئىدىم! بۇ نەزەرىيە، غالىبىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئۇششاق ھالقىلارغىچە ئانالىز يۈرگۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنىسى ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يوقۇتۇش خاراكتىرلىك زەربە بېرىشكە تەييارلانغان ۋاقتى كەلگەن ھېساپلىنىدىكەن.
ئەسلىدە، سوتسيال دېموكراتىيىنىڭ يوشۇرۇن مۇدداسىنى يەھۇدىيلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئارقىلىقمۇ ئۇققىلى بولاتتىكەن. يەھۇدىي دېگەن بۇ خەلقنى تونىيالىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنى بۇ پارتىيىنىڭ غايىسى بىلەن غەرىزىنى پەردىلەپ تۇرغان خاتا چۈشەنچىلەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىيالايدىغان ھالغا كەلگەن بولىدىكەنمىز. ئەگەر بىز يەھۇدىي دىگەننى تونۇپ ئالالىساق، بىزنى قارغۇلارچە ئىشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ پارتىيىنىڭ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىنىڭ ماھىيىتى ئاشىكارىلىنىپ، ئۇنىڭ تىگىدىن سوتسيالىزىمغا ھەل بېرىپ كۆككە كۆتىرىدىغان ماركىسىزمنىڭ بەدبەشىرە ۋە قورقۇنۇشلۇق چىرايىنى كۆرۈپ ئالالايمىزكەن.

يەھۇدىيلار
يەھۇدىي دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ مەندە ئۆزگىچە مەنا ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن. يەنى، مەندە يەھۇدىلار ئۈستىدە بولىدىغان سەلىبى كۆز قاراشلارغا قوشۇلمايدىغان پىكىرگە كەلگەن ۋاقىتىمنىڭ قاچانلاردا باشلانغانلىقى ئېنىق يادىمدا قالماپتۇ. دادام ھايات ۋاقىتلىرىدا ئۆيدە بۇ سۆزلەم ھەققىدە سەلىبى بىرەر گەپ-سۆز بولغانلىقىنى پەقەتلا ئەسلىيەلمەيمەن. شۇنىسى ئېنىقكى، مەن قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان دادام يەھۇدىي دېگەن بۇ سۆزلەمنى مازاق قىلىپ تىلغا ئالىدىغان كىشىلەرنى كۆرسە، ئۇنداق ئادەملەرنى جاھاندىن كېيىن قالغان قالاق كىشىلەر دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەسلىدە دادامنى پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ھەممە نەرسە داشقايناققا ئايلىنىپ كەتكەن چوڭ شەھەر قاراشلىرىنى ئۆزىگە مىزان قىلىۋالغان بىرسى دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئۆي ئىچىدە دادام مىللەتچىلىك كۆزقاراشتا ئىنتايىن چىڭ تۇرىۋالىدىغان جاھىل بىرسى بولغانلىقىغا قارىماي يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بۇ تۈر كۆزقارىشى قىلچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى. ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق مەنمۇ شۇنداق قاراشقا كەلتۈرۈلگەن دېسەم خاتا بولمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدىمۇ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى ئائىلەمدىن يۇقتۇرىۋالغان بۇ قاراشلىرىمنى ئۆزگەرتىشكە تەسىر كۆرسىتەلىگىدەك ھېچقانداق بىر ئىشقا دۈچ كەلمىگەن ئىدىم.
رىئالشكول (كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپ؟ − ئۇ.ت) دىكى ۋاقتىمدا بىر يەھۇدىي ساۋاغدىشىم بارلىقىنى ئەسلەيمەن. بىز ئۇ بالىدىن ئېھتىيات قىلىپ زادىلا يېقىن يولىمايتتۇق. بۇنداق مۇئامىلىدە بولىشىمىزغا ئۇ بالىنىڭ بىزگە ھەر دائىم راست گەپ قىلماسلىقتەك مۇئامىلىلىرى سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ مەن ياكى ساۋاغداشلىرىم يەھۇدىي دىگەن بۇ قەۋىم ھەققىدە ئېنىق بىر كۆز قاراشقىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدۇق.
14~15 ياشقا كەلگەن ۋاقتىمدىلا سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا يەھۇدىي دېگەن بۇ ئاتالغۇنى كەمسىتىش سۈپىتىدە پات-پات ئاڭلاپ قالىدىغان بولدۇم. ئۇ چاغلاردا بۇ تۈردىكى پەس كۆرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىسام ئىچىمدىن بىر تۈرلۈك نارازىلىق ھېسسىيات قايناپ كېتەتتى. يەھۇدىيلارغا بېرىپ چېتىلىدىغان دىنىي مەزھەپلەر سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان جىدەل-ماجرالارنى كۆرگەن ۋاقىتلىرىمدا، بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇپ كېتەتتى. ھەتتا بۇنداق جىدەل قىلىشلاردىن بەكلا نارازى بولۇپ كىتەتتىم. بىز تۇرىۋاتقان لىنز شەھىرىدە يەھۇدىيلار بەكلا ئاز ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك پۈتۈنلەي ياۋرۇپالىشىپ بولغان كىشىلەر ئىدى. ھەتتا ئۇلارنى كۆرسەم بىزگە ئوخشاش نېمىس دەپلا ھېساپلاپ يۈرەتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق خاتا قاراشتا بولغىنىمدىن قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمايتتىم. نېمىس بولۇش بىلەن يەھۇدىي بولۇشنىڭ تۈپكى پەرقى − ئوخشىمايدىغان باشقا-باشقا دىنلارغا ئېتىقات قىلىدىغانلىقىدا دەپلا قارايتتىم. ھەتتا يەھۇدىيلارنىڭ پات-پاتلا بوزەك قىلىنىشلىرىنى كۆرگىنىمدە، بۇنداق بوزەك قىلىش ئۈچۈن دىننى باھانە قىلىۋېلىشىدىن بەك ماقۇل ئەمەس ئىدىم.
مەن ئەنە شۇنداق كۆزقاراشلار بىلەن ۋيېنناغا كىرىپ كەلگەن ئىدىم.
بىناكارلىق ساھەسىدىكى قىزىقىشىم سەۋەپلىك بۇ پايتەخت شەھىرىنىڭ بىر-بىرسىدىن گۈزەل ھەشەمەتلىك بىنالىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئۆگۈنۈش بېسىمى بىلەن تۇرمۇش غېمى ھەلەكچىلىكىدە قالغان دەسلەپكى كۈنلىرىمدە، ۋيېننانىڭ شەھەر ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان ھەر قايسى مىللىي تەركىپلەر ھەققىدە ھېچ قانداق نەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەن ئىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ۋيېننا ئىككى مىليون نوپوسلۇق بىر شەھەر ئىدى. بۇ ئىككى مىليون ئاھالىنىڭ ئىككى يۈز مىڭدەك قىسمى يەھۇدىي ئىكەندۇق. ئۇ كۈنلەردە بۇنىمۇ پەرق قىلالمىغان ئىكەنمەن. ۋيېنناغا كىرگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدە، بۇرۇنقى كاللامدا يېڭىچە كۆزقاراشلارنىڭ قورشاۋىدىن ئۇنچە ئاسان قۇتۇلۇپ كىتەلىگىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدىم. كېيىنچە ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق ھەيران بولۇشقا باشلىدىم. بۇ تۈردىكى تۇيغىلىرىم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، يەنى يەھۇدىي دېگەن بۇ مەسىلە بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشقىنىمدىن كېيىن، ئەتىراپىمنى قورشاپ تۇرغان مۇھىتنى قايتىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدىم.
مەن تۇنجى قېتىم يەھۇدىي دېگەن بۇ مەسىلىگە دۈچ كەلگىنىمدە بەكلا ھەيران قالغان ئىدىم. شۇ كۈنگە كەلگىچە مەن يەھۇدىيلارنى باشقا بىر دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر گۇروھى دەپلا بىلەتتىم. دىنىي توقۇنۇشلار بىلەن دىنىي ئېتىقاتلاردىن پەيدا بولغان ھەر تۈرلۈك زىدلىشىشلارنى ئادەمگەرچىلىك بىلەن ئىنسانى پەزىلەت نوقتىسىدىن تەنقىت قىلىشقا، ئۇلارغا ھېسسىداشلىق قىلىشقا ھەر دائىم تەييار بىرسى ئىدىم. شۇ كۈنلەردىكى ۋيېننا مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى پوزىتسىيىلىرىنىمۇ مەدەنىيەتلىك ۋە ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ خاراكتىرىگە ياراشمايدىغان بىر پوزىتسىيە دەپ قارايتتىم. بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسام، كۆڭلۈم پەقەتلا قوبۇل قىلالمايدىغان ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ۋەقەلەر قايتا يۈز بېرىۋاتامدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالاتتىم. مەن يوقۇرىدا دېگەن بۇ گېزىتلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم گېزىتلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئېنىق بىلمەيتتىم. شۇ سەۋەپتىن بۇ تۈردىكى گېزىتلارنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بۇنداق سەلىبى قاراشلىرىنى ئەينى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ كىتەلمىگەن بولسام كېرەك. يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قارىتا داڭلىق گېزىتلار ئوتتۇرغا چىقىپ دادىللىق بىلەن رەددىيە بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ئىش، بۇ گېزىتلار ئۆز پىكىرىگە قارشى بۇ تۈردىكى گېزىت-ژورناللارغا جاۋاپ بەرمەي جىم تۇرىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى جىمجىتلىق ئىچىگە كۆمىۋېتىپ، بۇنداق ھۇجۇملاردىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمايدىغان ھالەت پەيدا قىلالايتتى.
دۇنياغا داڭلىق گېزىتلاردىن «نېۋ فرىي پرىس» (يېڭى ئەرك)، «ۋيېنېر تاگبلېت» (ۋيېننا) قاتارلىق گېزىتلارنى ئىزچىل ئوقۇپ تۇراتتىم. بۇ تۈردىكى گېزىتلار مۇشتېرىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ۋەقەلەرنى پۈتۈنلەي بىتەرەپ تۇرۇپ خەۋەر قىلىشلىرى مېنى بەكلا ھاياجانلاندۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. مەن بۇ گېزىتلارنىڭ ئەنە شۇ خىل سىلىق مۇئامىلە قىلىدىغان تەرەپلىرىنى بەكلا ياقتۇراتتىم. ئۇلارنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى − ئۇلارنىڭ بەكلا ئېغىر بېسىق بولىۋېلىشى مېنى قايىل قىلالماي كەلگەن بولۇپ، بۇ تەرىپى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپمۇ قوياتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسى بەلكىم بۇ تۈردىكى چوڭ شەھەرلەرنى تېنچ ۋە جانلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن بولسا كىرەك دەپمۇ ئويلايتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا، ۋيېننانى ئەنە شۇنداق بىر شەھەر دەپ تونىغانلىقىم ئۈچۈن، كۆڭلۈمنى تىندۇرۇشنىڭ بىر باھانىسى قىلىپ شۇنداق خۇلاسىغا كەلگەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن.
ئەمما مەن، بۇ تۈردىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ھۆكۈمەتكە ھەددىدىن ئارتۇق يالاقچىلىق قىلىپ ئەخلاقسىزلارچە قويرۇق شىپاڭشىتىپ كېتىشلىرىگە زادىلا قايىل ئەمەس ئىدىم. ئوردا تەۋەسىدە كىچىككىنە بىرەر ۋەقە يۈز بەردىمۇ بولدى، ئۇلار بۇ ۋەقەنى مۇشتىرىلىرىگە ھەممە كۈتكەن ئالاھىدە چوڭ خوشاللىنارلىق بىر ئىش بولغىنىدەك ياكى بىرەر ھادىسە يۈز بەرگىنىدەك مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىشىپ، بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ خەۋەر قىلىپ كېتىشەتتى. بولۇپمۇ “دۇنيا تارىخى بويىنچە ئەڭ ئەقىللىق ھۆكۈمدار” ئۈستىدە توختالغانلىرىدا، خۇددى كۈرسىگە كىرگەن ياۋا خورازنىڭ مىكىيىنىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى قالمىغاندەك، بۇ گېزىتلارمۇ ھۆكۈمدارنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلمىغان قىلىقى قالمايتتى. بۇنداق ماقالىلارنى كۆرسەم، بۇ گېزىتلار پۈتۈنلەي يالغان گەپ ساتىدىغان، ياخشى كۆرۈنۈشنى مەقسەت قىلىدىغان گېزىتلار ئىكەن دەپ يىرگەنگىم كېلەتتى.
يوقۇرقىدەك كۈزىتىشلىرىم، مېنىڭ بۈگۈنگىچە قولغا كەلتۈرگەن “لېبىرال دېموكراتىيە” توغرىسىدىكى قاراشلىرىمغا داغ چۈشۈرگەن ئىدى. ئىمپىرىيە ئوردىسىغا ياخشى كۆرۈنىمەن دەپ بۇنداق ئۇسۇللاردىن پايدىلانماقچى بولۇش، ئەسلىدە خەلقنىڭ ئىناۋىتىنى بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغانلىق ھىساپلىناتتى. شۇنداق قىلىپ، ۋيېننانىڭ داڭلىق گېزىتلىرىگە بولغان قىزىقىشىم كامىيىشقا باشلىغان ئىدى.
ۋيېنناغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن سىياسىي جەھەتتىكى ياكى جەمىيەت ھاياتىدىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالاھىدە ھەۋەسلەنگەن ھالدا مەتبۇئاتلاردىن ئىزچىل تۈردە كۈزىتىپ كەلمەكتە ئىدىم. رېيچ (گېرمانىيە ھۆكۈمەت مەھكىمىسى، مىنىستىرلار كابىنتى − ئۇ.ت) نىڭ كۈچلىنىشىنى ئاۋسترىيەنىڭ زەئىپلىشىش كېسىلىگە سېلىشتۇرۇپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ خوشال بولۇپ كېتەتتىم. رېيچنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى مېنى چەكسىز خوشال قىلالىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتى مېنى ئۇنچە بەك خوشال قىلىپ كىتەلمەيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككىنچى ۋىلھېلمغا قارشى قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەرنى پەقەتلا توغرا كۆرمىگەن ئىدىم. مەن ئۇ كىشىنى گېرمانىيىنىڭ ئىمپىراتۇرى دەپلا تونىماستىن، ئۇنى يەنە گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىردىن-بىر قۇرغۇچىسى دەپمۇ ھىساپلايتتىم.
گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئىمپىراتورنىڭ سىياسىي نوتۇق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ پارلامىنتتىن قاتتىق رەنجىگەن ئىدىم. چۇنكى بۇنداق بىر قارارنى ھېچقانداق سالاھىتى بولمىغان بىر قۇرۇلتاي چىقارماقتا ئىدى.
پۈتكۈل ئىمپىرىيە خاندانلىقى ئەسىرلەر بويىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ بۇ ھارامتاماقلاردىن تەشكىل تاپقان قۇرۇلتاي سادىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان خاتالار ئىچىدىن نەچچە ئەسىردە بىرەر قېتىم بولسىمۇ قىلچە زىيىنى يوق بىرەر خاتالىق سادىر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر خاندانلىققا ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق خاتا مۇئامىلىدە بولۇشماقتا ئىدى. ھەر بىر چالا ساراڭغا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىۋېلىشى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىشقا يول قويىدىغان، ھەتتا قانۇن تۈزىگۈچى قىياپىتى بىلەن دۆلەت ئىچىدە يۈگەنسىز قويىۋىتىلگەن پۈتۈن قارارلىق قۇرۇلتايلارنىڭ ئەڭ مەدداھ كىشىلىرىگە سورۇن يارىتىپ بېرىدىغان پەسكەش بىر قۇرۇلتاي، ئىمپىرىيە تەختىدە ئولتۇرغان بىر پادىشاھنى ھاقارەتلىيەلىگىنىنى ئاڭلاپ چەكسىز غەزەپلىنىپ كەتكەن ئىدىم. بولۇپمۇ مېنى غەزەپلەندۈرگەن يەنە مۇنداق بىر ئىشمۇ بار ئىدى: ئىمپىرىيە ئېغىللىرىدىكى ئەڭ قاشاڭ ئاتلىرىنى كۆرسىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىپ كۈتىۋالىدىغان، ئەگەر بۇ ئات قويرۇقىنى شىپاڭشىتىپ قالغىدەك قىلسىمۇ چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ ماختاپ كۆككە كۆتىرىپ كېتىشىدىغان ۋيېننا گېزىتلىرى، گېرمانىيە ئىمپراتورىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسسىز تۆھمەتلەرنى كۆڭۈللىرى يېرىم بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالماي ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغانلىقى مېنى تېخىمۇ بەك نەپرەتلەندۈرگەن ئىدى. ئەگەر بۇ گېزىتلارنىڭ ئېلان قىلغان نەرسىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ھەرگىزمۇ گېرمانىيە (دوچلاند) ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيەتلىرى يوق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە ھەردائىم تىرىشىدىغانلىقىنى − بۇ يالغانچىلاردىن تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! − كۆرۈپ ئالالايمىز. ئەمما ئۇلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار گويا ئىككى ئىمپىرىيە ئوتتۇرسىدا كىلىشىمگە كەلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ياردەملىشىۋاتقانلاردەك سۇنئى كۆرۈنۈشنى ئىپادىلىشىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئۇلار ئەسلىدە پەسكەش نىيەت بىلەن دوستانە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ پاسكىنا بارماقلىرى بىلەن يارىغا قولىنى تىقىپ قوچۇپ يۈرگەن كىشىلەرگە ئوخشايتتى. ئۇلار بۇ قىياپەتتە كۆرۈنۈش ئارقىلىق مەتبۇئاتچىلىقتا راستچىل بولۇش دەيدىغان پىرىنسىپنىمۇ ئامالسىز ئىجرا قىلىۋالغاندەك قىياپەتنى نامايەن قىلىۋېلىشاتتى! ئەسلىدە، بۇ گېزىتلار ئەنە شۇنداق ماقالىلىرى ئارقىلىق پاسكىنا قوللىرى بىلەن يارىنى قوچىلاپ مىجىغلىشاتتى. ئۇنداق قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا قۇرسىغىم كۆپۈپ يېرىلىپ كەتكىدەك غەزەپلىنىپ كىتەتتىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ داڭلىق (!) گېزىتلاردىن بارغانسىرى گۇمان قىلىشقا باشلىدىم. ئاخىرىدا يەھۇدىي دۈشمىنى بولغان گېزىتلاردىن «دوتچېس ۋولكسات» (نېمىس پۇخرالىرى) گېزىتىنىڭمۇ بۇنداق جىددى مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ نازاكەتلىك، تېخىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوقۇپ ھەيران قالغان ئىدىم.
بۇلاردىن باشقا يەنە، مېنى غەزەپلەندۈرگەن ئىشلاردىن بىرسى، داڭلىق گېزىتلارنىڭ ئۇ كۈنلەردە فرانسىيىگە ئالاھىدە ئېھترام بىلدۈرپ كېتىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېھترام بىلدۈرىشى فرانسىيىگە چوقۇنۇش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەن ئىدى. بۇ داڭلىق (!) گېزىتنىڭ ئۇ “مەدەنىيەتلىك خەلق” نى مەدھىيلەپ يازغان كارامەت شىېرلىرىنى ئوقۇغان كىشى، ھەتتا نېمىس بولۇپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلىپ كەتكىدەك تەسىراتلارغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. گېزىتلاردا تەسۋىرلەنگەن بۇ تۈردىكى پەسكەش فرانسىيە قىزغىنلىق ۋاباسى بۇ تۈردىكى داڭلىق گېزىتلارنى تالاي قېتىم چۆرۈپ تاشلىۋېتىشىمگە سەۋەپ بولغان ئىدى. مەن شۇنداق ۋاقىتلاردا دەرھال «ۋولكسبلەت» (پۇخرالار) گېزىتىنى ئوقۇيتتىم. ئۇنىڭ مۇشتىرىلىرىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر تار ئىدى. بۇ گېزىت، بۇ تۈردىكى ئىشلارغا بەكىرەك دىققەت قىلىپ تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر ئۇسلۇپ بىلەن تەھلىل يۈرگىزىدىغان بىر گېزىت ئىدى. مەن بۇ گېزىتنىڭ يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بەك قوبۇل قىلالمىساممۇ، ئۇلار ئېلان قىلغان بەزى ماقالىلىرىدا شۇنداق دەلىل-ئىسپاتلارغا دۈچ كېلەتتىمكى، بۇلارنى كۆرۈپ يەھۇدىلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا پېتىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى.
مەن بىر ھېساپتا، ئۇ كۈنلەردە ۋيېننانىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان كىشى بىلەن ئۇنىڭ پارتىيىسىنى ئەنە شۇنداق گېزىتلارنى ئوقۇپ يۈرۈپ تونىغان ئىدىم. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى دوكتور كارل لۋېگېر بولۇپ، ئۇنىڭ پارتىيىسىنىڭ نامى “خىرىستىيان سوتسيالىستلار پارتىيىسى” دەپ ئاتىلاتتى. مەن ۋيېنناغا يېڭى كەلگەن كۈنلىرىمدە بۇ پارتىيىنى پەقەتلا قوللىمايتتىم. مەن دوكتور كارل لۋېگېر بىلەن ئۇنىڭ پارتىيىسىنى مۇتەئەسسىپلەر دەپ تونۇيتتىم. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كىشىنى مەتبۇئاتتىن تونۇش ۋە ئۇنىڭ يازغان كىتاۋىنى ئوقۇش پۈرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلارغا بولغان كۆز قارىشىم ئۆزگەردى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ دوكتور كارل لۋېگېرنى ھەرقانداق بىر قارارلىق شەھەر باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك نېمىس شەھەر باشلىقى دەپ قاراپ كەلمەكتىمەن. خىرىستىيان سوتسيال ھەرىكىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىم ئۆزگەرگەندىن كېيىن، كاللامغا ئورۇنلىشىۋالغان خۇراپىلىق مەسىلىسى ھەققىدىكى بارلىق كۆز قاراشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىراقلا پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلاندى. يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىممۇ تەدرىجى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئەمما مېنىڭ بۇنداق بىر توغرا يولنى تېپىۋالالىشىم نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۈشتەك بەكلا مۈشكۈل جەريانلارنى باشتىن ئۆتكىزىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن كاللامدا ھېچكىمگە بىلدۈرمەي كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئەقلىم بىلەن ھېسسىياتىم، گويا ئۆزئارا دۈشمەن ئىككى كىشىگە ئوخشاش بىر-بىرسى بىلەن كەسكىن جەڭلەرگە كىرىشىپ، ئاقىۋەت ئەقلىم ھېسسىياتىمدىن ئۈستۈن كېلىپ ئۇنى يېڭىپ چىققان ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئەقلىم بىلەن تۇيغۇلىرىم قايتىدىن يارىشىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ھېسسىياتىم ئەقلىمنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، يول كۆرسەتكۈچىسىگە ئايلاندى. كۆزقاراش جەھەتتە ئالغان تەربىيەلەر بىلەن ئەقلىم ئوتتۇرسىدىكى ئادەمنى ئازاپلايدىغان بۇ تۈردىكى قاتتىق توقۇنۇشلاردا، ۋيېننانىڭ مۇساپىرلار رايونىدىن ئالغان تۇرمۇش دەرسلىرىم ماڭا بەكلا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى سۇنۇپ مەسىلىلەرنى، ۋەزىپىلىرىمنى چۈشىنىشتە ماڭا ياردەم بەرگەن ئىدى.
شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن كوچا-دوخمۇشلاردا قارغۇلارچە ئايلىنىپ مەڭدەپ يۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. كۆزلىرىم ئېچىلىپ ئەتىراپنى روشەن كۆرەلەيدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋيېننانىڭ كونا مەھەلىلىرىنىڭ بىرسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىزلا ئۇزۇن يەكتەكلىك (تۈركلەر كېيىدىغان ئۇزۇن چاپانغا ئوخشايدۇ)، قارا چاچلىرىنى ئۇزۇن قويىۋەتكەن بىرسىگە دۈچ كەلدىم. “ۋاي بۇ نېمە ئادەم، ياكى يەھۇدىي دېگىنى شۇمۇدۇ؟” ئۇنى كۆرگىنىمدە ئەقلىمگە كەلگەن تۇنجى سۇئال شۇ بولدى. لىنزدىكى يەھۇدىلار بۇنداق قىياپەلەر بىلەن يۈرمەيتتى. ماڭا بەكلا يات كۆرۈنگەن بۇ قىياپەتكە پۈركەنگەن گەۋدىنى ئېھتىيات قىلغان ھالدا ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدىم. بۇ گەۋدىنى كۈزىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ يۈز-كۆزىگە سىنچىلاپ قارىدىم. ئاندىن بايا ئۆزەمدىن سورىغان سۇئالنى دەرھال ئۆزگەرتتىم: “ئەجەبا بۇنى بىر نېمىس ديىشكە بولارمىدۇ؟”
ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كاللامدىكى بۇ مۇجمەل سۇئالنى يېشىش يولىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن دەرھال كىتاپلارغا مۇراجەت قىلىشقا كىرىشتىم. شۇنداق قىلىپ تۈنجى قېتىم نەچچە تەڭگە پۇل خەجلەپ يەھۇدىلارغا قارشى كىتاپلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدىم. ئەمما نىمىشقىدۇ بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك كىتاپخانلار يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەردىن ئاز-تۇلا خەۋىرى بار دەيدىغان قاراش بويىچە تەييارلانغان كىتاپلار ئىكەن. بۇ كىتاپچىلاردىكى بايانلار مېنىڭدە يېڭى-يېڭى چۈشىنىكسىزلىكلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلتۈرگەن پاكىتلىرى بەكلا ئاددى نەرسىلەر بولۇپ، ئىلمىيلىققا پەقەتلا يەتمەيتتى. شۇنداق قىلىپ كونا كۆزقاراشلىرىم ئىچىگە قايتىدىن پېتىشقا باشلىدىم. مەندىكى بۇ ھالەت ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ داۋام قىلدى.
مەسىلىلەر ماڭا شۇنچىلىك غەلىتى، ھۆكۈملەر شۇنچىلىك مەنىسىز بىلىندىكى، بۇلارغا قاراپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىرەر خۇلاسىگە كېلىپ قالماي يەنە دەپ بەكلا قورققان ئىدىم. شۇندىن كېيىن، بۇ كىتاپلاردا دىنىي توقۇنۇشلار بايان قىلىنغىنىدا باشقا مەزھەپتىكى بىر نېمىس قەۋىمى ئۈستىدە گەپ بولمايۋاتقانلىقىنى، بىز نېمىسلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر ئىرق − يەھۇدىي ئىرقى ھەققىدە گەپ بولىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. راس شۇنداق ئىدى، گەپ راستىنلا يەھۇدىيلار ئۈستىدە بولىۋاتقان ئىدى. چۇنكى، بۇ مەسىلە بىلەن شوغۇللىنىشقا باشلاپ، پۈتۈن زىھنىمنى يەھۇدىلار ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرگەن كۈنىمدىن ئىتىۋارەن ۋيېننانى باشقىچە بىر قىياپەتتە تونىماقتا ئىدىم. شۇندىن ئېتىۋارەن، نەگە بېرىشىمدىن قەتئىي نەزەر قايسى تەرەپكە قارىسام قارىماي، ھەممە يەردە يەھۇدىيلار كۆزۈمگە چېلىقىدىغان بولدى. يەھۇدىيلارنى ئىزچىل تۈردە ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ كەلگىنىم ئۈچۈن، ئۇلارنى باشقا كىشىلەر ئارىسىدىن دەرھال تونۇۋالالايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. ۋيېننانىڭ مەركىزىدە، دوناينىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەھەلىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى نېمىس مەھەلىلىرىنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ يەرلەردە باشقا بىر تۈردىكى كىشىلەر مىغىلداپ يۈرىشەتتى.
شۇندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە، يەنى يەھۇدىيلارنى تونۇش ئىشىدا كاللامدا پەيدا بولىدىغان ئازىراقلا گۇماندا قالدۇرىدىغان يەرلەر بولىشى ھامان يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسمى ئىپادىلەيدىغان مىجەز-خۇلۇقلىرى دەرھال سۈپۈرۈپ تاشلايتتى. ئۇ يىللىرى يەھۇدىلار ئارىسىدا كۈچىيىپ بېرىۋاتقان، ۋيېننادا ھەممە يەرگە يامىراپ كەتكەن ئىنتايىن زور بىر ھەرىكەت بولۇپ شەكىللىنىۋاتقان يەھۇدىي ئىرقىنىڭ غايىسى، ئىنتايىن رۈشەن ھەرىكەت ھالىنى ئېلىپ كۆزگە چېلىقماقتا ئىدى. بۇ زور ھەرىكەتنىڭ ئىسمى “سىيونىزم” ئىدى. تۈۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمەن.
يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن ئاز كىشىلەرلا سىيونىزمنى ئاشىكارە تۈردە ھىمايە قىلىشاتتى. قالغان كۆپ سانلىق يەھۇدىيلار بولسا بۇ پىرىنسىپنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەردەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىدىغانلا بولساق، ئۇلارنىڭمۇ نىقاپلىرى يىرتىلىپ سيونىست يەھۇدىلارغا تۈپتىن ئوخشايدىغان بىر يەھۇدىينىڭ ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولاتتى. ئۇلار بىزگە ئۆز غايىلىرى ئۈچۈن ئۇيدۇرۇپ چىققان بىر قاتار قىلچە ئاساسى يوق سەۋەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، لېبىرالىست يەھۇدىيلار سىياسىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان يەھۇدىيلارنى بىز بىلەن بىر ئىرققا تەۋە كىشىلەر ئەمەس دەپ رەت قىلىپ باققانمۇ ئەمەس. سيونىستلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى يوشۇرماي ئاشكارە ئوتتۇرغا قويالايدىغان يەھۇدىلار بولۇپ، لېبىرالىست يەھۇدىيلار بولسا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۆزلىرىگە زىيان كەلتۈرۈپ قويۇشلىرىدىن بەكلا ئەنسىرىشەتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇلارنىڭ بۇنداق ھېسىياتلىرى ئۇلارنى بىر يەرگە توپلىنىشلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ توسالغۇ بولالمايدىكەن. ئەنە شۇ تۈردىكى لىبېرال يەھۇدىيلار بىلەن سىيونىست يەھۇدىيلار ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل يالغان زىدىيەتلەر نىقاۋى ئاستىدا ھەمكارلىشىشلىرى مېنى قاتتىق يىرگەندۈرىۋىتەتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر-بىرسى بىلەن چىقىشالمايدىغان كۆرۈنۈشكە كېلىۋېلىشىغا سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكەن زىددىيەتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشتە توقۇنۇش ھالىتىدە بولغان بۇنداق قىلىقلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان كاززاپلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇخىل ھىلىگەرلىكلىرى يەھۇدىي ئىرقى زۇلۇم ئاستىدا قالدى، بىز ئەسلىدە ئاق نىيەتلىك كىشىلەرمىز دىيىشلىرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيتتى. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، بۇ ئىرقنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىك بولىۋېلىشى پەۋقۇلئاددە ياسالمىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ ھارامتاماقلارنىڭ سۇدىن نەقەدەر قورقىدىغان مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى يۈزىگە قاراپلا بىلىۋالالايسىز، ھەتتا كۆپۈنچە ھاللاردا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ يېنىغا يېقىن كەلسىڭىزلا ئۇلارنىڭ سېسىق پۇرىقىنى شۇ ھامات ھىس قىلالايسىز. بۇنى پەرق قىلغان كۈنىمدىن بويان بۇ يەكتەك كىيىۋالىدىغان ھارامتاماقلارنىڭ سېسىق پۇراقلىرىنى سەزسەملا كۆڭلۈم ئاينىپ ئاشقازانلىرىم تەتۈر ئۆرىلىپ كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۈستى-بېشى كىر كىشىلەر بولۇپ، ئەدەپ-ئەخلاق دىگەندىن پەقەتلا خەۋىرى يوق ئىدى. بۇ دىگەنلىرىمدىن بەلكى قولغا چىققىدەك بىر نەرسە ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ مەخلۇقلارنىڭ پاسكىنىلىقلىرى تىگىدە ياتقىنى، ئۆزلىرىنى ئەتىۋارلىق ئىرق ئەۋلادلىرى دېيىشىۋالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلى ئەخلاق جەھەتتە ئىنتايىن پەسكەش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىدىغان بولدۇم.
شۇنىڭدىن باشلاپ يەھۇدىيلارنىڭ بەزى پائالىيەت ساھەلىردىكى ھەرىكەت قىلىش شەكىللىرى دىققىتىمنى بەكىرەك جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش سىرلىرىنى بىر-بىرلەپ كەشپ قىلىشقا باشلىدىم. جەمىيەتتە ھەر قانداق شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقانداق بىر ناچار ئىش مەۋجۇتلا بولىدىكەن چوقۇم بۇ ئىشنىڭ ئىچىدىن بىر يەھۇدىي چىقاتتى. بۇ تۈردىكى پاسكىنىچىلىقلارغا نەشتەر سانچىلا-سانچىلماس، سېسىپ پۇراپ كەتكەن بەدەنگە چاپلىشىپ قالغان قان شورىغۇچى قۇرتتەك كۈچلۈك يۇرۇغلۇقتىن كۆزلىرى قاماشقان بىر جۈپ يەھۇدىي ئوتتۇرغا چىقاتتى.
يەھۇدىلارنىڭ مەتبۇئات، گۈزەل سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە كىنو-تىياتىرچىلىق ساھەلىرىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ چىققىنىمدىن كېيىن، يەھۇدىيلىقنى قارىلاشقا بولىدىغان بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلاپ چىقتىم. شۇنداق قىلىپ، گېزىتلاردىكى چىرايلىق گەپلەر، قىزىقارلىق ماقالىلار ماڭا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەس بولۇپ قالدى. ھەرقانداق بىر كىنو ياكى تىياتىر ئېلانلىرىغا قاراپلا بۇلارنىڭ غوجايىنلىرىنىڭ كىملىكىنى ياكى كىنو سىنارىيە يازغۇچىسىنىڭ ئىسىملىرىنى كۈزىتىش ئارقىلىقلا بۇنىڭ تېگىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى كۆرىۋالالايدىغان بولدۇم. بۇلارنى تەتقىق قىلغانسىرى ئادەم ئىختىيارسىزلا يەھۇدىيلارغا ئەشەددى دۈشمەن بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن.
بۇ تۈردىكى ئەخلاقسىز پائالىيەتلەر ۋيېننادا خەلقىمىزنى زەھەرلەپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئەخلاق ۋاباسى بولۇپ، بۇ تۈردىكى ۋابا قورقۇنۇچلۇق قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەپ بولغان قېدىمقى ۋاقىتلاردىكى تەبىئىي ۋابالاردىنمۇ ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىدەك كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇ تۈردىكى ۋابا مىكروپلىرى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىلىپ تۆت ئەتىراپقا تارقىتىلماقتا ئىدى. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلارنىڭ بىلىم ۋە ئاڭ-پىكىر سەۋىيىسى قانچىكى تۈۋەن بولسا، ھەتتا يوقنىڭ ھىساۋىدا بولغىنىدا، بۇنداقلارنىڭ ئەسەر (!) چىقىرىش قابىلىيىتىمۇ شۇنچە يوقۇرى بولاتتى. بۇ پەسكەش كىشىلەر خۇددى بىر پۈركىگۈچ ماشىنىسىغا ئوخشاش پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلارنى ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە توختىماي پۈركۈپ تۇراتتى. بۇ تۈردىكى پەسكەشلەرنىڭ سانىنى ئاز مۆلچەرلەشكىمۇ بولمايتتى.
تەڭرىنىڭ لۇتپى بولغان بىر گيوتېنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئورنىغا بۇ چالا ساۋاتلارنى قويۇپ، ئۇلارنى يازغۇچى دەپ پەرەز قىلىپ بېقىڭ. بۇ پەسكەشلەر خۇددى بىر تاياقچە باكتېرىيىگە ئوخشاش ئەڭ ساپ قەلپلەرنى زەھەرلەشتىن بىر مىنوتمۇ توختاپ قالمايتتى. يەھۇدىيلارنى بۇنداق قورقۇنۇچلۇق رول ئويناش ئۈچۈن تەڭرى مەخسۇس ياراتقان دېگەن پەتۋالار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان گەپلەر. … ئەمما بىز بۇنداق يالغانلارغا ھەرگىزمۇ ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ يەھۇدىي ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە بولماسلىقىمىز شەرت. مەخسۇس تاللانغان ئىرق ھەرگىزمۇ ئۇنداق چىرىگەن لەشلەر بولالمايدۇ!
شۇنىڭدىن كېيىن ئەخلاقسىز ۋە پەسكەش نەرسىلەرنى سەنئەت ئەسىرى دەپ ئوتتۇرغا چىقىرىۋاتقان ئاپتورلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشكە كىرىشتىم. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەھۇدىيلار ھەققىدىكى بۇرۇن ئويلىغانلىرىمنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پەرق قىلدىم. ھېسسىيات ئادەمنى ھەرقانچە قايمۇقتۇرىمەن دىسىمۇ ئەقىلنىڭ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئوتتۇرغا چىقىدىغان نەتىجىلەر تېخىمۇ توغرا بولاتتى. مۇنداق بىر پاكىتنى ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايتتى: گۈزەل سەنئەتلەردىكى پەسكەش ئەسەرلەر، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پاسكىنىچىلىقلار، كىنو-تىياتىرچىلىقتا رولغا ئېلىنغان ئاخماقلىقلارنىڭ يۈزدە توقسەن قىسمى ئومۇمىي نوپۇسىمىزنىڭ ئارانلا يۈزدە بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئىرقنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان نەرسىلەر ئىدى. بۇلار ھەرگىز ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلار ئىدى. مەن بىر زامانلاردا دۇنيانى چۆگۈلۈتۈپ يۈرىدىغان ئورگانلار دەپ تۇنىۋالغان ئەڭ چوڭ گېزىتلارنىمۇ خۇددى يوقۇرقىدەك ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلى تەتقىق قىلىپ باقتىم. قارماقنى قانچىكى چوڭقۇرغا تاشلىسام، نەشتىرىمنى يارىغا قانچىكى تىرەن پاتۇرسام، بۇرۇن مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەن نەرسىلەر قىممىتىنى يوقۇتۇپ كۆز ئالدىمدا ئىرىپ يوقاپ كەتمەكتە ئىدى. بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان رەزىل بىر ئۇسلۇپ ئىدى. بۇنداق گېزىتلاردا ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولۇپ كەتمەيدىغان ئاددى كۆزقاراشلارنىمۇ مەجبورى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىشاتتى. بۇ يالغان ماشىنىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىكى مەنتىقىسىزلىكلەر مېنى راس شۇنداق بىتەرەپ باھالار بولسا كېرەك دېگەن تۇيغىغا كەلتۈرگىنىگە قارىماي، بۇنداق يالغانلار ماڭا ئەڭ چوڭ ئۇيدۇرما بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. بۇ مەتبۇئاتلاردا ماقالە يازىدىغان ئاپتورلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك يەھۇدىيلار ئىدى. بۇرۇن پەقەتلا دىققىتىمنى تارتمىغان مىڭلىغان ئەھمىيەتسىز نوقتىلار بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دىققىتىمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ چىقىشقا توغرا كەلمەكتە ئىدى. بىر ۋاقىتلاردا مېنى چوڭقۇر ئويغا سالغان نوقتىلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسى قايتىدىن رۇشەن كۆرۈنۈشكە، بۇ نوقتىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كۆزئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەندىلىكتە بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ لىبېرال كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر شەكىلدە چۈشىنىشكە ۋە ئۆلچەشكە باشلىدىم. ئۆزلىرىگە قارشى چىققان ماقالىلارغا جاۋاپ بەرگەن ۋاقتىدا ئىپادىلەيدىغان سالاپەتلىكى ياكى پىكىرلىرىگە زىت كېلىدىغان گېزىتلارغا قارىتا ئۆلۈكتەك جىم بولىۋېلىشلىرىدەك ھىلىگەرلىكلىرىنىڭ مۇدداسى مانا ئەندىلىكتە رۇشەن كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ جىم تۇرىۋېلىشتەك قىلىقلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئوينالغان ئۇيۇن ئىكەندۇق.
بۇ گېزىتلارنىڭ كىنو-تىياتىر ئوبزورچىلىرى پەقەت يەھۇدىي ئاپتورلارنىلا كۆكلەرگە ئۇچۇرۇپ مەدھىلىشىپ كېتەتتى. ئەكسىنچە نېمىس ئاپتورلارنى ھەر دائىم تەنقىتلەش نىشانىسى قىلىۋېلىشاتتى.
ئىككىنچى ۋىلخېلمغا رەزىللەرچە پاتۇرۇلغان بىگىز شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تەكرار پاتۇرۇلدىكى، بۇ گېزىتنىڭ ماقالىلىرىنى مەلۇم بىر مەركەزدە تەييارلىشىپ ئاممىغا سۇنۇلىۋاتقانلىقىغا شۇ ھامات ئىشەندىم. فرانسۇز مەدەنىيىتى ئۈچۈن يېزىلغان ماقالىلارمۇ ئەنە شۇ ئۇسۇلدا تەييارلانغان ماقالىلار ئىدى. ئەندىلىكتە بۇ گېزىتنىڭ تىلى ماڭا يات بىر تەبىقە تىلى بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى. يېزىلغان ماقالىلار نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە شۇنچىلىك زىت ئىدىكى، بۇ ماقالىلار مەخسۇس شۇ مەقسەتتە يېزىلغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەت قىلىشلىرى كىم ئۈچۈن ئىدى؟ بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ پەۋقۇلئاددە توغرا كېلىپ قالغان دېيىشكە بولمايتتى.
مەن يەنە ئىككىلىنىش ئىچىدە نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ئىدىم. كېيىن يەنە بىر مۇنچە ۋەقەلەرنى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ چىققىنىمدىن كېيىن پىكىرلىرىم يەنە قايتىدىن جايىغا كېلىشكە باشلىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئادەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەر ئىدى. بۇ جەھەتتە نامراتلار مەھەلىلىرى ماڭا ئىنتايىن مول تۇرمۇش مەكتىۋى بولغان ئىدى. ئەمما بۇ جەرياندا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدىم.
يەھۇدىيلارنىڭ پاھىشىلىك سودىسىدا، بولۇپمۇ ئاق تەنلىك ئاياللار سودىسىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى پەرق قىلغان ئىدىم. بۇ تۈر چىرىكلىكلەر، فرانسىيىنىڭ جەنوبىدىكى پورت شەھەرلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا غەربىي ياۋرۇپا شەھەرلىرى ئىچىدىكى ۋيېننادا بەكلا ئاسان تەتقىق قىلىشقا بولىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئاخشاملىرى لېوپولدستادنىڭ جىمجىت تار كوچىلىرىدا قەدەمدە بىر ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشىرىدىغان پاجىئەلەرنى ئۇچرىتىشقا بولاتتى. بۇ ئەھۋال ئۇرۇش مەزگىللىرىدە شەرقىي فرونتتا ئۇرۇش قىلغان نېمىس ئەسكەرلىرىگە ئۇنچە تونۇش بولغىنى بىلەن، نېمىس مىللىتىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ تۈر ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدى.
ۋيېننانىڭ پاتقاق كوچىلىرىدا ئەخلاقى پەزىلەتلەر ئېغىر دەپسەندە قىلىنىپ، چەكلەشكە تىگىشلىك بۇ كومىدىيىنى ئۇ ئەخلاقسىز يەھۇدىيلار ئۇستىلىق بىلەن ئوينىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەدەنلىرىم تىتىرەپ ئۈيۈشۈپ ھېچنېمىنى سەزمەس بولۇپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى ئاشىكارىلاشتىن قەتئىي قورقماس ھالغا كېلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ رەزىل ئەپتى بەشىرىسىنى پاش قىلىش ئىشىنى ئۆزەمگە ۋەزىپە قىلىش ئىرادىسىغا كەلگەم ئىدىم.
مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا، گۈزەل سەنئەتنىڭ ھەرخىل پائالىيەت تارماقلىرىدا يەھۇدىيلارنى پەرق قىلىش يوللىرىنى تېپىۋالغىنىمدىن كېيىن، يەھۇدىي دېگەن بۇ پەسكەش مەخلۇق بۇ يەردە ھەرگىز بولماسلىقى كېرەك دەپ ئويلىغان يەنە بىر يەردە ئۇلارغا دۈچ كېلىپ، ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم: يەھۇدىيلار سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ يىتەكچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالدىم. يەھۇدىيلارنىڭ سوتسيال دېموكراتىيىنىڭ مەسئولى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدىن كېيىن، سوتسيال دېموكراتىيە ھەققىدىكى بۇرۇنقى كۆز قاراشلىرىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتتىم. شۇنداق قىلىپ، ھېسسىياتىم بىلەن ئەقلىم ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كۈرەشمۇ ئاخىرلاشقان بولدى.
ئىشچى قېرىنداشلىرىم بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان كۈنلەردە، ئۇلار ھەر قانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە بەكلا چاپسان مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. ئىشچىنىڭ بىر-ئىككى كۈندە بىر، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھەر سائەتتە بىر  دېگىدەك كۆزقاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغانلىقىغا بەكلا ھەيران قالغان ئىدىم. ئىشچىلار بىلەن ئۆزئارا سۆھبەتلىشىش جەريانىدا مەيدانى مۇستەھكەم، خېلىلا توغرا پىكىرلىك ئىشچى ئىكەن دەپ تونىغانلىرىممۇ بىرەر پارچە گېزىتنى كۆرگەن ھامان بۇرۇنقى توغرا پىكىرلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالاتتىم. ئۇلاردىكى بۇنداق مىجەز مېنى بەكلا ئۈمىتسىزلەندۈرىۋىتەتتى. مەن بۇ ئىشچى دوستلىرىمغا نەچچە سائەتلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئەندى ئۇلارنى قايىل قىلالىدىم، ئۇلار بىلەن ئورتاق كۆزقاراش تىكلىيەلىدىم، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىرىك ئىدىيەلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ توغرا يولغا قايتىشلىرىغا ياردەمچى بولالىدىم دەپ خوشال بولۇپ كېتەتتىم. ئەمما ئەتىسى ئۇلار بىلەن ئۇچىراشقىمدا خۇددى ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە پەقەتلا پىكىرلىشىپ باقمىغىنىمدەك، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى خاتا قاراشلىرىنى تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كۈن ئاۋال شۇنچە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەنلىرىمنى، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ دىگەنلىرىمگە قايىل بولۇپ پىكىرلىرىنى تۈزىتىۋالغانلىقلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ ھېچنىمە كۆرمىگەندەك ئالدىمدا گۆشىيىپ تۈرىۋالاتتى. مېنىڭ كۆرسەتكەن شۇنچە تىرىشچانلىقلىرىم بىكار بولۇپ چىقاتتى. ئۇلار كاللىسىغا كىرىۋالغان قىممىتى يوق، ئەھمىيەتسىز كۆز قاراشلاردىن خۇددى ئۆلگىچە ئايرىلالمايدىغاندەك قىياپەتتە ئالدىمغا كېلىپ گۆشىيىپ تۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ كىتەتتىم.
بۇ ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك بىر تەغدىرگە قالغانلىقلىرىدىن بەكلا نارازى ئىدى. ئۇلار ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقان بۇ جەمىيەتتىن بەكلا نارازى ئىدى. ئۇلار، بۇنداق قىيىن كۈنلەرگە قالغانلىقلىرىنى شۇ كاپىتالىستلاردىن، غوجايىنلاردىن كۆرۈپ، ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشاتتى؛ ئىشچىلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالىغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەي كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىمۇ ھاقارەتلەپ ئۇلاردىن نەپىرەتلىنەتتى. ئىشچىلارنىڭ بۇ ھېسسىياتلىرى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلىپ كوچىلاردا يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ئاشكارە ئىپادىلىنەتتى. ئەمما مېنىڭ ئەقلىم يەتمەيدىغىنى، بۇ ئىشچىلار نىمىشكە ئۆز مىللىتىگىمۇ شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟ بۇ ئىشچىلار مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە سەۋەپ بولغان ھەرقانداق نەرسىنى قارىلىشاتتى، تارىخىمىزغا قارا چاپلىشاتتى، ئىرقىمىزنىڭ داڭلىق كىشىلىرىگە بوھتان قىلىشاتتى. ئۆز قان قېرىنداشلىرىغا، ئۆز ماكانىغا، ئۆزلىرى توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىگە بۇنچە كۈچلۈك دۈشمەنلىك قىلىشلىرىغا زادىلا چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق نانكۆرلۈكى تەبىئەت قانۇنىيەتلەرگە زىت بىر ھەرىكەت ھىساپلىناتتى. گەرچە قايمۇققان بۇ كىشىلەرنى تەربىيىلەپ توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشكە بولار، ئەمما يوقۇردا دېگىنىمدەك، ئۇلار بىر قانچە كۈندىن كېيىن، بەك ئۇزاپ كەتسە نەچچە ھەپتىدىن كېيىن يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىگە يېنىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنى نەچچە قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. ئۇلار قىلچە تەپ تارتماستىن بۇرۇنقى قىياپىتىگە كېلىۋالاتتى.

سوتسيال دېموكرات مەتبۇئاتلار
سوتسيال دېموكراتىك مەتبۇئاتلارنى يەھۇدىيلار قولغا كىرگۈزۈپ بولغانلىقىنى كۆپ كېچىكمەي تونۇپ يەتتىم. بۇنىڭمۇ ھەيران قالغۇدەك يېرى بولمىسىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدىم. ھەتتا باشقا گېزىتلاردىكى ئەھۋالمۇ بۇ گېزىتلاردىن كۆپ پەر قىلىپ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ، مېنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدە ئالغان تەربىيىلىرىم نەتىجىسىدە يىتىلدۈرگەن مىللەتچىلىك ئېڭىمغا ماس كېلىدىغان ھەقىقىي مىللەتچى گېزىتخانىلاردا بىرمۇ يەھۇدىي ئاپتورنى ئۈچىراتقىلى بولمايدىغانلىقى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇنى سەزگىنىمدىن كېيىن، ئۆزەمنى زورلاپ بولسىمۇ ماركىسىزم ئىدىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان گېزىتلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشقا كىرىشتىم. بۇ تۈردىكى گېزىتلار مېنى شۇنداق غەزەپلەندۈرىۋەتتىكى، ئاخىرىدا بۇ تۈردىكى خائىنلىق ۋە پەسكەشلىك بىلەن تولغان دەستۇرلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشىلەرنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىمۇ تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىقىشقا كىرىشتىم. ئەسلىدە، بۇ مەلئۇنلارمۇ يەنە شۇ يۈزسىز يەھۇدىيلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. سوتسيال دېموكراتلارنىڭ كىتاپچىلىرىدىن تاپالىغانلىكى كىتاپلارنى يىغىپ بىر باشتىن ئوقۇشقا كىرىشتىم. قىزىق، بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىلا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپلار ئىكەن. ھەرخىل ئىشلارغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرنىمۇ بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم. ئۇلارنىڭمۇ كۆپۈنچىسى يەھۇدىي ئىكەن! ئالىي قۇرۇلتاينىڭ بەزى خەلق ۋەكىللىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، پارتىيە سېكىرتارلىرى ياكى كوچا ھەرىكەتچىلىرىنىڭ يىتەكچىلىرى قاتارلىقلارمۇ ئاساسەن ئۆزلىرىنى تاللانغان (!) ئىرققا مەنسۈپ كىشىلەر دەپ ئاتىۋالغان ئەنە شۇ كىشىلەردىن ئىكەن. ئاۋستېرلىتز، داۋىد، ئادلېر، ئېللېنبوگېن، … بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن مىڭەمگە يېزىۋالدىم.
شۇنداق قىلىپ مېنىڭ كۆزقاراشلىرىمغا زىت ئىدىيىدىكى پارتىيىلەرنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىنىڭمۇ يات مىللەت ئادەملىرى قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. چۇنكى ھەر قانداق بىر يەھۇدىي ھەرگىزمۇ بىر نېمىس بولالمايتتى. بۇنى ئېنىق بىلگىنىمدىن كېيىن، ئۇف دەپ ئەركىن بىر تىنىۋالدىم.
شۇنداق قىلىپ، ئىرقىمىزنى بۇلغاپ يۈرگەن شەيتانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تونىۋالغان ئىدىم.
ۋيېننادا بىرەر يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن مۇنداق قاراشقا كەلدىم: خاتا ئىدىيىلەرنىڭ قايمۇقتۇرىشى نەتىجىسىدە ئىنتايىن جاھىل مىجەزلىك بولۇپ قالغان ھەرقانداق بىر ئىشچى، توغرا يىتەكلەنسە ياكى توغرا چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىنسا توغرا يولغا كىلەلەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشچىلارنىڭ قەلبىنى تەستە بولسىمۇ چۈشىنەلىگەن بولدۇم. مېنىڭ بۇ تۈردىكى تەجرىبىلىرىم پىكىرلىرىمنى تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم قۇرالىمغا ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پائالىيەتلىرىمدە ھەر دائىم ئۇتۇغقا ئېرىشىپ كەلدىم. خەلق ئاممىسىنى خاتا ئىدىيىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەۋىرچانلىق، زور پىداكارلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلەتتى.
شۇنداقتىمۇ بىرمۇ يەھۇدىينى ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىدىن ۋە ئىتىقاتىدىن ياندۇرۇشنى زادىلا ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم.
ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيلارنى ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئېتىقاتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايمەن دەپ ئىشىنىپ بىكاردىن بىكارغا ئاخماق بولۇپ يۈرگەن ئىكەنمەن. مەن شۇ چاغدىكى ئىنتايىن تار مۇھىتىمدا ئۇلارنى قايىل قىلىمەن، ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاغزىم قۇرۇپ كەتكىچە كاپشىپ سۆزلەپ كەتكەن ئىكەنمەن. ئۇلارغا ماركىسىزمنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك بىر ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرمىشىپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلۇرۇم ھەر دائىم ئارزۇيۇمنىڭ تەتۈرسىچە نەتىجىلىنەتتى. چۇنكى، سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ نەزەرىيىۋىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمىلىي پائالىيەتلىرىدە بولسۇن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يەھۇدىيلارنىڭ جاھىللىق بىلەن ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقاچقا، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ قىلچە رولى بولماي كەلمەكتە ئىدى. ئەمما بۇ مەخلۇقلار بىلەن قانچىكى كۆپ مۇنازىرە قىلىشقان بولسام، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىمۇ شۇنچە كۆپ بىلىۋالاتتىم. ئۇلار، ئۆزلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ ئاخماق كىشىلەر ئىكەنلىكىگە بەكلا ئىشىنەتتى. ئەگەر ئۇلار مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا گەپتە يېڭىلىپ قېلىپ قۇتۇلۇش يولىنى تاپالماي قالسا، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ھېچ نىمىنى چۈشەنمەيدىغان دۈتلەردەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قۇرۇق گەپ قىلىپ قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولىشاتتى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇق گەپلىرىگە رەددىيە بەرسەڭ، گەپنى بۇراپ يەنە باشقا مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنى ئىسپاتلايمەن دەپ چالۋاقاشقا باشلايتتى. ئەگەر ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ رەددىيە بېرىشكە باشلىساڭ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ھەرقانداق بىر سوئالىڭغا جاۋاپ بەرمەي سەندىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى. ئۆزلىرىنى بىر قۇتقازغۇچى قىلىپ كۆرسىتىپ يۈرگەن بۇ مەلئۇنلاردىن بىرەرسىنى تۇتىۋالساڭ، خۇددى قولۇڭغا بىرەر مىچىلداپ تۇرغان مايلىق بىرنىمە تەگكەندەك كۆڭلۇڭ ئايىنىپ كېتەتتى. كەينىدىنلا بۇ مىلىچ-مىلىچ نەرسە بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن ساقىپ چىقىپ كۆزدىن يوقىلاتتى. يەنە بىر ۋاقتىدا قارىساڭ، ئۇ نەرسە باشقا بىر يەرگە بېرىپ يەنە قايتىدىن بىرىكىپ بۇرۇنقى قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر-ئىككىسىنى گەپ ياندۇرالمىغىدەك دەرىجىدە رەددىيە بېرىپ جىمىتىپ قويساڭ، ساڭا خۇددى دىگەنلىرىڭگە قايىل بولىۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ھاڭۋېقىپ قاراپ ئولتۇرىۋالىدۇ. ئەمما ئارىدىن بىرەر كۈنمۇ ئۆتمەي پۈتۈنلەي بۇرۇنقى قىياپىتىگە كېلىۋېلىپ سېنى يەنە ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ: يەھۇدىي دىگەن بۇ مەخلۇق، بىر سوتكا بۇرۇن بولغان ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپ، خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك يەنە شۇ بۇرۇنقى گېپىنى يورغىلىتىپ تۇرىۋالىدىكەن. ئەگەر سەن بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئۇنۇتقاقلىقىغا رەنجىپ تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا قايتا ئەسلىتىشكە ئۇرۇنساڭ، ئۇلار ھەيران بولغان قىياپەتتە تۈنۈگۈن بۇنداق بىر سۆھبەت قىلىشقانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ھەتتا بەزىدە تۈنۈگۈنكى سۆھبەتلەر ئېسىمدە يوق دېيىشتىنمۇ ۋاز كېچىپ، تۈنۈگۈنكى سۆھبەتتە مەن سېنى يېڭىۋالغان ئىدىم دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ جېنىڭنى چىقىرىۋېتىدۇ.
مەن ئۇلارنىڭ بۇ قىياپىتىنى كۆرۈپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالاتتىم. بۇنداقلارغا يەنە نىمە دېيىشىم مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ قاقۋاشلىق قىلىپ دېگەن سۆزلىرىگە ھەيران بولايمۇ ياكى يالغانچىلىق ماھارىتىگە ھەيران قالايمۇ؟ ئاخىرىدا، يەھۇدىي دىگەن بۇ مەخلۇقلارغا چىش-تىرنىقىم بىلەن ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
بىر ھېساپتا ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ تالاش-تارتىشلىرىمنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ بار ئىدى. ھېچ بولمىغاندا، بۇ تۈردىكى تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق سوتسيال دېموكراتچىلارنىڭ تەشۋىقات يىتەكچىلىرىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئېنىق تونۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ئىدىم. بۇ تەرىپى مىللىتىم ئۈچۈن پايدىلىق بولدى دەپ ئېيتالايمەن. يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تۈردىكى ئەينولىقى شەيتاننىمۇ ئازغاشتۇرغىدەك كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالدام خالتىلىرىغا چۈشۈپ قالغان ئىشچىلىرىمىزنىڭ يوقۇرقىدەك ئىپادىلىرىدىن قانداقمۇ رەنجىشكە بولسۇن؟ شەيتاننىمۇ ئالداپ ئايىقىنى تەتۈر كەيگۈزىۋىتىدىغان بۇ ئىرقنىڭ ھىلىگەرلىكلىرىگە رەددىيە بېرىمەن دەپ تارتمىغان جاپالىرىم قالمىغان ئىدى. ھېلى دىگىنىدىن ھېلى يېنىۋالىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ يەھۇدىي دىگەنلەرنى قانچىكى ئېنىق تونىيالىغان بولسام، ئىشچىلىرىمىزنىمۇ شۇنچە ئەپۇ قىلىشقا مەجبور بولاتتىم.
مېنىڭچە، گۇناھكار بولغانلار ھەرگىز بىزنىڭ ئىشچىلىرىمىزلا ئەمەس. ئەسلى جىنايەتچىلەر خەلقىمىزنىڭ تەغدىرى بىلەن ئوينايدىغان، ئىشچىلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ تەغدىرىنى، مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرىنى قولغا كىرگۈزىۋالغان بۇ ئەخلاسىز يەھۇدىيلارنى ئادالەت قانۇنى بويىچە كەسكىن جازاغا تارتىش ئىشىنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدىغان كىشىلەردۇر.
كۈندىلىك ئىزچىل كۈزىتىشلىرىم مېنى ماركىسىزم مەنبەلىرىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىش يولىغا باشلىغان ئىدى. شۇندىن ئىتىۋارەن ماركىسىزمنىڭ خەلق ئاممىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئېنىق تونۇپ يەتمەكتە ئىدىم. مەن ئەندى دىققىتىمنى بۇ ئىدىيىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدىم. بۇ ئىدىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئۈچۈن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشىمنىڭ ئۆزىلا بۇ ئەقىدىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىشىم ئۈچۈن كۇپايە قىلغان ئىدى. ئەجەبا بۇ ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىۋاتقانلار ئۆز پىكىرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئاخىرقى نەتىجىسىنى راستىنلا بىلەمدىغاندۇ؟ ياكى بىلمەي تۇرۇپلا بۇنداق بىر خاتا يولغا كىرىپ قالغان كىشىلەرمىدۇ؟ ئەندىكى مەسىلە، بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلىشتا قالغان ئىدى.
مېنىڭچە بولغاندا، بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا يوق دېيىشكە بولمايتتى. ئىككىنچى ئىھتىماللىق راس بولغىنىدا پاجىئەلىك ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھاكىمە قابىلىيىتى بار ھەر قانداق ئادەم دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى شەرت ئىدى. ئەمما بىرىنچى خىلدىكى ئىھتىماللىق راست بولۇپ قالسا خەلقنى قاراڭغۇ سازلىق ئىچىگە سۆرەپ ماڭىدىغان بۇ ئاپەتنىڭ ئاپتورلىرىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەيتانىي ئەپتى-بەشىرىسىنى خەلققە ئوچۇق كۆرسىتىش لازىم بولاتتى. چۇنكى، مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي گۇمران قىلىۋىتىدىغان، دۇنيانى جانلىقلاردىن مەھرۇم چۆلگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇنداق بىر يولغا باشلاپ ماڭماقچى بولىۋاتقان بىر ئورگان قۇرۇپ چىقىشنى نىيەت قىلىش ۋە بۇ نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەپسىلى لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئادەم ئەمەس، بەلكى يەتتە باشلىق بىر يالماۋۇز روھىغا ئىگە بىرسى بولۇشى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، بىزگە بۇ ئىدىيىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىن باشقا يول يوق. بۇنداق بىر كۈرەش، دۈشمەن ھەرقانداق قۇرالدىن پايدىلانغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئادەم ئەقلى يەتكەن روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىكى ھەرقانداق قۇراللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ قانات يايدۇرىلىدىغان بىر كۈرەش بولىشى لازىم. شۇنداق، ئۇلارغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشتا ھەرگىزمۇ ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ دۈشمەننى يوقۇتۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىش لازىم.
مەن ماركىسىزم ھەرىكىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنىڭ لايىھىلىگۈچىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشكە كىرىشتىم. يەھۇدىي مەسىلىسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمغا تايىنىپ مەقسىدىمگە پەرەز قىلغاندىنمۇ تېز ۋاقىت ئىچىدە يەتتىم. ئەسلىدە مېنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىدىغانلىرىمنى ئۇنچىلىك مۇكەممەل دەپ كىتىشكىمۇ بولمايتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي يەنىلا يەھۇدىيلار ئۆزلىرى يەتمەكچى بولغان غايىلىرىنى قانداق بىر شەكىلدە بايان قىلىۋاتقانلىقىنى كەشپ قىلالىدىم. ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى، ھەر دائىمقىدەك ئۆز كۆزقاراشلىرىنى يوشۇرۇش ئۇسلۇبىدىن باشقىچە ئەمەس ئىدى. يەھۇدىينىڭ ئەسلى غەرىزىنى يازغان ھەرقانداق بىر ئەسىرى ئىچىدىن ئاختۇرۇپ تاپقىلى بولمايتتى. بۇ يەھۇدىيلار، ئۆزلىرىنىڭ غەرەزلىرىنى يازغان نەرسىلىرىنىڭ قۇرلىرى ئىچىگە يوشۇرىۋېتىشەتتى. بۇنى پەرق قىلغان كۈنىمدىن باشلاپ روھىمدا زور ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇرۇن مەن ئەقلى-كۈچى يىتىشمەيۋاتقان چوڭ شەھەر دۇنيا قارىشىغا ئىگە بىرسى بولغان بولسام، ئەندىلىكتە مۇستەھكەم ئىرادىلىك بىر يەھۇدىي دۈشمىنى بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ ئىرق كىشىلىرى ئۈچۈن ھىسىداشلىق قىلىش-قىلماسلىق تۇيغىسى ئىچىدە ۋىجدانىي ئازاپ چەكمەكتە ئىدىم. يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئارزۇلىرىنى ئەستايىدىلىللىق بىلەن تەھلىل قىلىشقا كىرىشتىم. ئۆز غايىسىنى ئەسىرلەر بويى ئۇنۇتماي ھەيران قالدۇرغىدەك غەيرەت بىلەن ياشاپ كەلگەن بۇ كىچىك قەۋمنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىگە تىلەكداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەنسىرىگەن ھالدا ئويلاشقا باشلىدىم: ھەر دائىم بىر پارچە تۇپراقنى خىيال قىلىپ ياشاپ كەلگەن بۇ خەلققە، دۇنيا راستىنلا مۇكاپات سۈپىتىدە بىر ۋەتەن تەغدىم قىلىش ۋەدىسىنى بەرگەنمىدۇ؟ بىز ئويلىغان، ئۇلارنىڭ شۇنداق بىر تۇپراق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەققى راستىنلا بىرەر ئىلاھىي ئاساسقا ئىگە ھەقمىدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى بىز ئۆزىمىز كاللىمىزدا پەرەز قىلىپ ئۇيدۇرۇپ چىقىرىۋالدۇقمۇ؟
مەن، ماركىسىزمنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ يۈرگىنىمدە ھەمدە يەھۇدىي مىللىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىپ يۈرگىنىمدە، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالدى: ماركىسىزم بىلەن يەھۇدىي ھەرىكەت ئېقىمى تەبىئەت بوي سۇنۇپ كېلىۋاتقان تەبىئىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈپتىن رەت قىلماقتا ئىكەن. بۇ ئېقىم، كۈچ-قۇۋەت بىلەن ئېنېرگىيىنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى ئورنىغا رەقەملەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قويۇشماقتا ئىكەن. ماركىسىزم، ئادەمنىڭ شەخسى قىممىتىنى رەت قىلىپ، ئىرقنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلماقتا ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىنسانىيەتنى ھايات ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەن ئىرسى شەرتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەگەر بۇنداق بىر نەزەرىيەنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى قىلىدىغانلا بولىدىكەنمىز، ئىنسانىيەت بارلىققا كەلتۈرگەن بارلىق سىستېمىلار تۈپ-يىلتىزىدىن گۇمران قىلىنىشى شەرت ئىدى.
بۇنداق قانۇن ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان بىر دۇنيا، بىزنىڭ ئىرادىمىز سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان دۇنيانى ئېغىر ۋەيران قىلىۋېتىش بىلەنلا قالماي، ئىنسانىيەتنىمۇ يەر يۈزىدىن سىرىپ سۈپۈرىۋېتىشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
ئەگەر يەھۇدىيلار ماركىسىزم دېگەن بۇ ئەقىدىگە تايىنىپ غەلىبە قىلىپ قالغىدەك بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان مۇراسىم كۈنىسىنى، يەر يۈزىدە بىرمۇ جانلىق كۆرۈنمەيدىغان مىليونلىغان يىل ئاۋالقىدەك قۇپ-قۇرۇق بىر پىلانىت ئۈستىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ مەھشەر كۈنى جەنازە مۇراسىمىدىن باشقىچە تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ئەگەر ياراتقۇچىنىڭ بويرۇقىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىنسا، تەبىئەتنىڭ ئىنتىقامىمۇ ئىنتايىن شىددەتلىك بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۆزەمنى تەڭرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ كىلىۋاتقان بىرسى دەپ چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن. چۇنكى، مىللىتىمىزنى يەھۇدىيلاردىن قوغداش دېگەنلىك، تەڭرىنىڭ گېرمان − نېمىس دەپ نام بەرگەن بۇ ئۇلۇغ ئەسىرىنى قوغداش دىگەنلىتۇر.

ئۈچىنچى باب

ۋيېننادا تىكلەنگەن سىياسىي كۆزقاراشلىرىم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 11:23:03 | ئايرىم كۆرۈش

ئۈچىنچى باب

ۋيېننادا تىكلەنگەن سىياسىي كۆزقاراشلىرىم
بۈگۈن مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، پەۋقۇلئاددە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئادەم ئوتتۇز ياشقا بارماي تۇرۇپ سىياسىيون بولۇش يولىغا كىرمەسلىكى لازىم. ئادەم بۇ ياشقا كەلگىچە سىياسىي كۆز قاراشلىرى ئۈچۈن بەزى ئاساسلارغىلا ئېرىشەلەيدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىگە خاس مۇستەقىل سىياسىي كۆز قاراش تىكلەپ كىتەلىشى ناتايىن. شۇنداق بولغاچقا ئادەم بۇ ياشقا كەلگىچە بەلگىلىك بىر سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزەلەيدىغان، بۇ جەھەتتە مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. ئادەم بۇ تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزى مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرىش ئاساسلىرىغا ئىرىشىپ تەمتىرىمەي ھۆكۈم قىلالايدىغان مىجەزىنىمۇ يىتىلدۈرەلىشى مۇمكىن. كىشى ئەنە شۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن سىياسىي سەھنىلەرگە ئۆزىنى ئاتىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن يىتەرلىك دەرىجىدە بىلىمى بولماي تۇرۇپ ئالدىراپلا سىياسيون بولۇش يولىغا ئاتلانسا، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بۇنداق كىشى شۇ كۈنگىچە تىكلىگەن تۈپكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇر يولدا ئۆزگەرتىشكە ياكى ئىدىيىۋىي ئاساسلىرى خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلمىگەن بىرەر كۆزقاراشقا چىڭ ئېسىلىۋېلىشقا مەجبور بولىدۇ. ئەگەر رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۈپكى كۆزقاراشلىرىنى پات-پاتلا ئۆزگەرتىپ تۇرغىنىدا، بۇنداق بىرسى ئۆزىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان تەرەپتارلىرىدىن ئاسانلا ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا قالماي، پۈتۈن سىياسىي پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى رىقابەتچىلىرى ئالدىدىمۇ نومۇسقا قېلىپ يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتىنى پالەش ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. خاتا قارىشىدا چىڭ تۇرىۋالىدىغان مىجەزى سەۋەپلىك سىياسىي پائالىيەتلەردە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ۋەقەلەر ئادەتتە ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدىغان ھادىسىلەردۇر. خاتا ئەقىدىنى ئىدىيىۋىي ئاساس قىلىپ تاللىۋالغان بىرسى كۆپۈنچە ھاللاردا ئۆز ئەقىدىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگىمۇ تولۇق ئىشەنچ قىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئۆز ئەقىدىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلىپ كىتەلمەيدىغان بىر رەھبەر، قانات يايدۇرىۋاتقان ھەرىكىتىدىمۇ ھەردائىم ئەھمىيەتسىز، ئاقىۋىتى مەلۇم بولمىغان، قىممىتى يوق ئىشلارنى تاللاپ پائالىيەت قىلىشقا مەجبور بولىدۇ. بۇنداق بىرسىنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغانلارمۇ بۇ تۈردىكى خاتالىقلارنى دەرھال ھىس قىلىشىپ ئۇنىڭ يولىدىن ئايرىلىشقا تىرىشىدۇ. چۇنكى ئادەم ئىشەنگەن نەرسىلىرىگىلا ئۆزىنى پىدا قىلالايدۇ. بۇ جەرياندا يىتەكچى بولغان كىشىمۇ ئۆزىگە ئەگەشكەن كىشىلىرىگە مەسئولىيەتسىزلىككە سەۋەپ بولىدىغان بەكلا تۆۋەن تەلەپلەرنى قويۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر يىتەكچى بولغان كىشىنىڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىز بولۇپ چىققىنىدا، بۇنداق بىر يىتەكچى مەسئولىيەتنى ئامال قىلىپ باشقا بىرسىلىرىگە ئارتىپ قوتۇلۇشقا تىرىشىدۇ. ھەتتا قىلغان ھەر بىر ئىشىنى توغرا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، رەزىللىك ۋە پەسكەشلىك قىلىشتىنمۇ باش تارتماس ھالغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇنداق بىرسى ئۆزىنىڭ داھىلىق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ ھىلىگەر بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۇنكى، بۇنداق بىرسىنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان قارىشى ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەسلىك. ئەگەر بۇنداق بىرسىنى خەلق بىلمەستىن ۋەكىل قىلىپ سايلاپ ئالىي قۇرۇلتايغا كىرگۈزۈپ قويغان بولسا، ئۇ كىشى قۇرۇلتايغا كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ قولىدىكى “سىھىرلىك قاينام چۆگۈن” نى تارتتۇرۇپ قويارمەنمۇ دېگەندىن باشقا ھېچ نىمىنى ئويلىمايدىغان، ھەممە ئىشتا ئۆز شەخسى مەنپەتى ۋە بالا-چاقىسىنىڭ تۇرمۇش غېمىنىلا ئويلايدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تۇرمۇش غېمىنى دەپ قۇرۇلتايغا كىرگەن ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ كىشى دۈچ كېلىدىغان ھەر بىر ھەرىكەتتە، ئىشلىرى روناق تېپىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە سەۋەپچى بولىۋاتقان دۈشمەن دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭلا پېيىدا بولۇپ يۈرىدۇ.
مەن شۇ ۋاقىتلاردا بۇ تۈردىكى پارلامېنت “ھەسەنشىرىكلىرى” نى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىپ ئۇلارنى چوقۇم خەلقى ئالەم ئالدىدا سېسىتىۋىتىشكە تىرىشىمەن دەپ ئۆزەمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. شۇڭا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەققىدە كېيىنكى بابلاردا يەنە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن.
مەن بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، ئوتتۇز ياشقا قەدەم قويىۋاتقان بىرسى قالغان ئۆمۈرىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ كېيىن ئۆگۈنۈشكە مەجبور بولغان بىلىملەر ئۇنىڭ شۇ يېشىغا كەلگىچە تىكلىۋالغان كۆزقاراشلىرى ئۈچۈن تولۇقلىغۇچى، مۇستەھكەملىگۈچى بولۇشتەك قوشۇمچە رول ئويناش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يەنى، ئادەم ئوتتۇز ياشتىن كېيىن ئۆگىنىدىغان بىلىملىرى ئۇنىڭ بۇرۇن تىكلىۋالغان تۈپكى پىرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ياكى بۇرۇن تىكلىگەن كۆزقاراشلىرىنى ھەرگىز تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرىۋىتەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتە چالا يېتىشكەن بىرسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرمۇ داھىسىنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇتامى يوق كۆزقاراشلىرى ئىچىدە تىڭىرقاپ، ئاقىۋەتتە بۇنداق بىرسىنىڭ كەينىدە مىڭىسىنى بۇلغاپ يۈرۈشتىن قۇتۇلۇش غېمىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەگەر بىرەر داھىنىڭ تۈپكى چۈشەنچىلىرى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا يېڭى بىلىملەر بىلەن كۈنسايىن تولۇقلىنىپ مۇكەممەللىشىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئۆز داھىسىغا قەتئى ئىشەنچ بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ كېيىن تولۇقلاپ بارغان بىلىملىرى ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە داھىسىنىڭ پىكىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پاكىت بولۇش رولىنىمۇ ئوينىيالايدۇ.
ئەگەر بىرەر يىتەكچى، ئۆز كۆزقارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ ئۇ ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى بۇ خاتا ئەقىدىسىنى تۈزىتىشكە مەجبور بولغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن، ئۇ رەھبەر قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي سىياسىي پائالىيەتلەردىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى بوشىتىپ دەرھال چەتكە چىقىشى لازىم. چۇنكى، ئىنتايىن مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بىرەر قېتىم خاتالاشقان بىرسىنىڭ كەلگۈسىدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىش ئېھتىمالىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بىر كىشى خاتالىقىنى تۈزەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ خەلقتىن ئۆزىگە ئىشىنىشىنى، داۋاملىق داھىي بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھەققى يوق.
بۈگۈنكى كۈندە خاتالىقىنى تونۇپ ئورۇن بوشىتىشقا جاسارەت قىلالايدىغان كىشىلەرنى بەكلا ئاز ئۇچرىتىمىز. بۇ ئەھۋال، ئۆزلىرىنى سىياسىي سەھنىدە ئولتۇرۇشقا تولۇق ھەققىم بار دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نەقەدەر پەسكەش بىرنېمىلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئويلاپ كۆرەيلى، ئەنە شۇنداق پەسكەشلەر ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك بىرەرسى يېتىلىپ چىقالارمۇ؟ ئەپسۇسكى ئۇنداق كىشىلەردىن رەھبەرلىك ئورنىغا سايلىنىدىغانلارنىڭ سانى يەنىلا بەك كۆپ. شۇنداقتىمۇ ئۇنداقلارنىڭ ئارىسىدىن يەنىلا بىردە-يېرىم قابىلىيەتلىكلەرمۇ بولۇپ قالىدىكەن.
مەنمۇ بىلىپ-بىلمەي سىياسىي ئىشلارغا ئۆزەمنى ئاتاپ كەلگەن بىرسى بولغىنىمغا قارىماي، سىياسەتكە بەك چوڭقۇرلاپ كىرىپ ئۆزەمنى كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتىم. مەن پەقەت سىياسىي مەسىلىلەردە مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرگىلا سۆزلەپ يۈرمەكتە ئىدىم. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنى قانداق قىلىپ قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇلغانغان ئەمما ساددا قەلبلىرىگە قانداق قىلىپ تەسىر كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرگە قانداق خىتاپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئۈگىنىشكە تىرىشاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللارنى ئۆگىنىپ سىياسىي سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىدىم.
بۇنداق بىر ئۆگىنىش ئۈچۈن پۈتكۈل نېمىس مۇھىتى ئىچىدە ۋيېننادىنمۇ مۇۋاپىق باشقا بىر يەر تېپىلمايتتى.

1848-يىل ئىنقىلابى
ئۇ ۋاقىتلاردا، پروسىيە بىلەن ھامبۇرگنى، بالتىق بويلىرى قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەينى ۋاقتىدىكى گېرمانىيىگە سېلىشتۇرغاندا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دوناي مۇنارخىيىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. ئاۋسترىيەدىكى نېمىس ئامىلى بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىلا مۇھىم رول ئوينىغان بولماي، ئۆز ۋاقتىدا يەنە سۇنئىي بىر ئورگان بولغان ھابسبۇرگ ئىمپىرىيىسىنى ئەسىرلەر بويىچە ساقلاپ كەلگەن مەنىۋىي كۈچ بولۇش رولىنىمۇ ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. نېمىس ئامىلى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللار مەۋجۇت بولىشى ۋە ئۇنىڭ تەغدىرى ئۈچۈنمۇ ئىجابىي رول ئوينايدىغان ئىمپىرىيىنىڭ جەۋھىرىنى شەكىللەندۈرۈشى جەھەتتىمۇ مۇھىم ئامىل بولغان ئىدى. ئەگەر تارىختىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى ئاتىدىن ئوغلىغا مىراس بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئەلدە، بۇ خىل ۋارىسلىق تۈزۈمى ئىمپىرىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ساپ قان بىلەن تەمىنلەيدىغان مەركەزىي يۈرەك بولۇش رولىنى ئويناپ كەلگەن دەپ قارالغىنىدا، ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان ۋيېننانى بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يۈرىكى دېيىشكە بولاتتى.
ۋيېننانىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى تاج كەيدۈرۈلگەن گۈزەل بىر مەلىكىنىڭ تەختىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. بۇ ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشلەر ۋيېنناغا ھەرخىل ئىرقلارنى بىر مەركەز ئاستىدا باشقۇرۇش ئىمكانىنى بەرگەن ئىدى. بۇ شەھەر، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكلىرى بىلەن بۇ ئىمپىرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان قىياپىتىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا قانلىق جىدەللەر ئىچىگە پېتىپ ئىمپىرىيىنى كۈنسايىن زەئىپلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، باشقا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىنى ۋيېننانىڭ گۈزەللىكلىرىگە ئوخشاش گۈللەنگەن، كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىنىپ بېرىۋاتقان ھەشەمەتلىك بىر ئىمپىرىيە دەپ تونۇپ كەلمەكتە ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا ۋيېننا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق زور يۈكسىلىش دەۋرىنى − تۆتىنچى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرىنى ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ بۇ ئىمپىرىيىگە ئەنە شۇنداق ھەيران بولىشى نورىمال بىر ئەھۋال ئىدى. يەنى، ئۇ يىللاردا ئىقتىدارلىق يىتەكچى بولغان بىر شەھەر باشلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بۇ قېرى دوناي مۇنارخىيىسىنىڭ ئىمپىرىيە پايتەختى كۆزنى قاماشتۇرغىدەك گۈللەپ ياشنىغان يېڭى بىر دەۋرىنى ياشاۋاتقان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، نېمىس خەلقى ئىچىدىن چىقىپ شەرقىي نېمىس چېگرالىرىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغ نېمىس، بۇ ئىمپىرىيە تەۋەسىدە رەسمىي بىر دۆلەت رەھبىرى دەپمۇ قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى. ھالبۇكى، خەلق ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئەنە شۇ دوكتور لۋېگېر، ئىمپىرىيە پايتەختىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغىنىدىن كېيىن پۈتۈن ساھەلەر بويىچە ئىنتايىن ئۇتۇغلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بىرسى ئىدى. دوكتور لۋېگېر ئىقتىسادىي ساھەلەردە، گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئالاھىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان ئىدى. دوكتور لۋېگېر ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنچە كۆپ توسالغۇلارغا دۈچ كەلگىنىگە قارىماي، ئىنتايىن جاپالىق كۈرەشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرلۇقتا يۈرگەن بارلىق سىياسيونلاردىن ئۈستۈن دۆلەت رەھبىرى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىيالىغان بىرسى ئىدى.
گەرچە بۇ ئىمپىرىيە تەۋەسىدە ئاۋسترىيە مىللىتى دەيدىغان بىر ئۇقۇم ئاللىمۇ قاچان بىتچىت بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ شەرقىي نېمىس يۇرتىدا گېرمانلاردىن چىققان بۇ سىياسىي ئەرباپنىڭ ئىناۋىتى يەنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. شۇنىڭغا قارىماي بۇ ئىمپىرىيىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ كەسكىن چارە-تەدبىرلەر لازىم بولغىنىدا، ئون مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە مېغىزلىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان نېمىس مىللىتىنىڭ ئىقتىدارىغا ھەرقانچە تايانغان بىلەنمۇ ئەللىك مىليونلۇق بىر دۆلەتنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتىن ساقلاپ قېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار ھەقىقەتەنمۇ نەزەر دائىرىسى كەڭ، زىرەك، مەرت ۋە ساپدىل ئىنسانلار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، نېمىس مىللىتى شۇنچە كالاڭپاي بىر ئىمپىرىيە ئورگىنى ئىچىدىمۇ ئۇنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزىلىرىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت ئىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن مەجبورىيەتلەرنى بىجا كەلتۈرۈشتىنمۇ ھەرگىز قاچمايتتى. ئۇلار ئىمپراتور ئوردىسىنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن شۇنچە تار دائىرلىك ئىمكانىيەتلەرگە قارىماي، ھەر دائىم پۈتكۈل ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىشاتتى. تەغدىر ئۇلارنى نېمىس ۋەتىنىدىن ئايرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەجداتلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن تارىخىي جەريان ئىچىدە قانلىق كۈرەشلەر ئارقىلىق شەرقىي چېگرا بويلىرىدىن يۇلۇپ ئالغان بۇ تۇپراقلاردا نېمىسلىكىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسى دەپ تونۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر نېمىس ھەرقانچە ئېغىر كۈلپەتلەرگە قېلىشىدىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار ئۆزلىرىنى ئۇلۇغ نېمىس مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇپ كەلگەچكە، بىر قىسىم نېمىسلار ئورتاق بىر ئاۋسترىيە قۇرۇش دەيدىغان بۇ غايە ئۈچۈن ھېچقاچان ئەستايىدىل خىزمەت قىلىش نىيىتىگە كەلگەنمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلغار، بىلىملىك كىشىلىرى ھېچقاچان بۇنداق ئورتاق بىر دۆلەتنى چىن كۆڭلىدىن خالىغان ئەمەس. ئەمما گېرمانىيىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەيتتى. بۇ نوقتىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرك.
شۇنىڭغا قارىماي ئاۋسترىيەنى نېمىسلاردىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار پۈتكۈل ئىمپىرىيە تەۋەسىدە بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇھىم ئىگىلىك ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالغان ئىدى. بۇ دۆلەت تەۋەسىدىكى مۇھىم بولغان بارلىق لايىھەلەر ئاساسەن بۇ نېمىسلار تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەسئول كادىرلار، تېخنىك كادىرلار ۋە باشقا بارلىق كادىر خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنە شۇ نېمىسلاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. ئەمما تاشقى سودا ئاساسەن ئالغاندا يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا دېيىشكە بولاتتى. يەھۇدىيلار قول سالالمىغان ئىشلار ئاساسەن ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار تەرىپىدىن تولۇقلانغان ئىدى. بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا دۆلەت پۈتۈنلەي دېگىدەك ئاۋسترىيەلىك نېمىسلارغا تايىنىپ ئۆرە تۇرماقتا ئىدى. بۇ نېمىسلار ئىمپىرىيە تەۋەسىدە ئەسكەر بولۇپ، تۇغۇلغان يۇرتلىرىدىن يىراق ماكانلارغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيتتى. ئەسكەرلىككە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى نېمىس پولكلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيىتتى. بۇ پولكلار ۋيېننا ياكى گالىچيە قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتەش بىلەنلا قالماي، تا بوسنا-ھەرسەكلەرگىچە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيتتى. پولكتىكى ئوفىتسېرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، شىتاپلاردىكى قۇماندان-ئوفىتسېرلارمۇ ئاساسەن نېمىسلاردىن تەشكىل تاپاتتى.
بۇ دۆلەتتىكى گۈزەل سەنئەتلەر بىلەن ئىلىم-پەن ئىشلىرىمۇ نېمىسلارغا تەۋە ئىشلار ئىدى. ئەمما زامانىۋىي سەنئەت دەپ ئۇيدۇرۇپ چىقىرىلغان ساھەلەردىكى سەنئەتچى-ئارتىسلار ئىچىدە نېمىسلار يوق ئىدى. ئەسلىدە بۇنداق ساختا سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئاددى قۇل نېگىرلارمۇ چىقىرالايدىغان ئادەتتىكىچە نەرسىلەر ئىدى. ھەقىقىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش ئىلھامى يەنىلا نېمىسلارغا خاس بىر ئىش. نېمىس ئامىلى ئاساسىغا قۇرۇلغان ۋيېننادا، نېمىس ئامىلى، گۈزەل سەنئەت ساھەلىرى بويىچە، يەنى مۇزىكا، بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسساملىق تارماقلىرى بويىچە پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاۋۇسترو-ۋېنگىر دەپ ئاتالغان دوناي مۇنارخىيىسىنىڭ سەنئەتكە بولغان تەلىۋىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر مەنبە ئىدى.
گەپنىڭ قىسقىسى، نېمىس ئامىللىرى سان جەھەتتىن بەكلا ئاز بولغان ھۇنگار (ۋىنگېر − ئۇ.ت) لارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بارلىق تاشقى سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىي تۈۋرىكى بولۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بۇ قوش ئىرقلىق ئىمپىرىيىنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتىن ساقلاپ قالىمەن دېيىش پۈتۈنلەي ئاخماقانىلىق ئىدى. چۇنكى، ئۇنى ساقلاپ قالالايدىغان ئاساسىي شەرت-شارائىت بۇ ئەلدە زادىلا يوق ئىدى. ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا چارە بار ئىدى: دۆلەتنى بىر مەركەزدىن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. بۇنىڭدىن باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالاتتى. ئەگەر ئىچكى جەھەتتىكى بىر مىركەزگە ئۇيۇشۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى بولمىسا ئىدى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن بولار ئىدى.
ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان پادىشا ۋە دۆلەت ئەھكاملىرىنىڭ زىھنى ئوچۇق، ھەممە ئىش ئوتتۇرغا قويۇلۇپ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان دەۋرلەردە بۇ خىل خەۋىپنى ھېس قىلىشىپ، بۇ ھەقتە يوقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئارىسىدا ئاز-تۇلا تالاش تارتىشلار بولۇپ تۇراتتى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دۆلەتنى بىر مەركەزلىك تۈزۈم بويىچە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئىشلىرى يەنىلا تاشلاپ قويۇلدى ياكى بۇنداق بىر لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولماي ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتنى ئۇششاق پارچىلارغا بۆلۈپ فېدرال تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ، ئىمپىرىيىنىڭ مېغىزى بولغان تەبىقە مەسئول قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن فىدراتسىيىلىك تۈزۈممۇ نەتىجىسىز قالدى. بۇنىڭغا يەنە ئاۋسترىيە تەۋەسىدە بۇ دۆلەتكىلا خاس بولغان، بىسمارك تەرىپىدىن گېرمانىيە رېيچى قۇرۇلغان ۋاقتىدىكى گېرمانىيە ۋەزىيىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر قىسىم ئىچكى ئامىللارمۇ سەۋەپ بولغان ئىدى. گېرمانىيىدە ئاساسەن بىرلا ئىرق، بىرلا مەدەنىيەت ھاكىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولغاچقا، سىياسىي ئادەت كۈچلىرىنىڭ ئۈستۈلۈكىلا كۇپايە ئىدى. چۇنكى سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا گېرمانىيە رېيچى ئاز بىر قىسىم يات مىللەت ئامىللىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئاساسەن بىرلا مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر پارلامېنت ئىدى. ئەمما ئاۋسترىيەدىكى ئەھۋال بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى.
ئاۋسترىيەدە ۋىنگېرلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ھىساپقا قاتمىغاندا، قالغان ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ تۈزۈك بىر مەدەنىيەت تارىخىمۇ يوق، بار دىيىلگەندىمۇ تارىخىي جەريان بويىچە تۇتۇقلىشىپ بىر-بىرسىنى پەرق قىلغىلى بولمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەمما شۇنداق بولىشىغا قارىماي، مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئەھمىيىتى كۈچەپ تەكىتلەنسە، چەت جايلاردىكى ئىرقلار قايتىدىن جانلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر ئېھتىماللىق مۇنارخىيىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا مىللىي دۆلەت ئارزۇلىرىنى ئۇلغايىپ، ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كىتىشى ئاسانغا توختايتتى. ئۇ جايلاردىكى ئىرقلار بىر-بىرسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى يېقىن قانداشلىقى بار ئېرىقلاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئاۋسترىيە تەۋەسىدە نېمىسلىككە قارىغاندا ئۆز ئىرقىغا بەكىرەك چوقۇنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەتتا ۋيېننامۇ ئۇزۇنغىچە تاقابىل تۇرالمىدى.
بۇداپىشت (بەزى مەنبەلەردىن قارىغاندا، دوناي دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى قىرىغا يېيىلغان بۇدا ۋە پىشتىدىن ئىبارەت ئىككى پارچە شەھەر رايونى بىرلەشتۈرىلىپ بۇداپىشت دەپ ئاتالغان − ئۇ.ت) تەرەققىي قىلىپ گۈزەل بىر شەھەر ھالىتىگە كەلگىنىدىن كېيىن، ۋيېننا شەھىرى تۇنجى قېتىم رىقابەتچى بىر رەقىپكە دۈچ كەلمەكتە ئىدى. بۇ رەقىپ، مۇنارخىيىنىڭ ئاۋۇسترو-ۋېنگىر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئورنىغا چېگرا بويلىرىدىكى قايسى بىر يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ياكى ۋېنگىرىيىنىڭ تەرەققىياتىغا بەكىرەك ئەھمىيەت بېرەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پراگامۇ بوداپېشتنى دوراپ ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلىش يولىنى تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن لەمبېرگ، لەيباچ قاتارلىق شەھەرلەرمۇ ئىز بېسىپ ئەگىشىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ كونا ۋىلايەت شەھەرلىرى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رايونلارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەرلەر شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي مەركەز تۈسىگىمۇ كىرىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئىرقلارنى ئاساس قىلىدىغان مىللىي ھېسىياتلار ھەر تەرەپتىن يۈكسىلىپ، ھەر قايسى ئىرقلار ئۆز ئالدىغا مىللىي ئىدىيىلىرىنى شەكىللەندۈرش يولىدا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.
شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەر تۈرلۈك ئىرقلارنىڭ تەرەققىي قىلىش تەلەپلىرى بۇ دۆلەتنىڭ رەسمىي يۇسۇندا ئوتتۇرغا قويغان مىللىي ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلالىغىدەك كۈچ-قۇۋەتكە ئېرىشەلىشى چوقۇم. ئەنە شۇ كۈنلەر كەلگەندە ئاۋسترىيەنىڭ كۈنىمۇ تۈگىگەن بولىدۇ.
ۋەزىيەتنىڭ بۇ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى جوسېف-2 نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن (1790-يىلى) ئوچۇق-ئاشكارە كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىمپىرىيە سارىيىنىڭ ئۆزىمۇ سەۋەپچى بولۇپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىمپىرىيىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى سىياسىي ئورنىمۇ تەڭ سەۋەپچى بولغان دېيىش مۇمكىن.
ئەسلىدە بۇ دۆلەتنى ساقلاپ قالىمەن دېيىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، سەۋرىچانلىق بىلەن مەركەزدىن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پۈتۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە بىرلا تىلنى كۈچكە ئىگە قىلىشى، ئۇ كۈنلەر كەلگىچە قەغەز يۈزىدە قالغان مىللىي ئىتتىپاقلىق پىلانى ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بولىشى ۋە بۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى ھۆكۈمەت قولىغا تۇتقۇزغان بولىشى لازىم ئىدى.
ئورتاق مىللىي ھېسىيات تىكلەش ئىشى مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر دەۋىر ئىچىدىلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بىر ئىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئون-يىگىرمە يىل ھەرگىز يەتمەيدۇ. ھەتتا بۇ ئىش ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلىك پىلان تۈزۈپ ئىزچىل ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەممە بىر خىل مىللىي ھىسىيات بىلەن ياشايدىغان، بىرلا خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىش ئىشى خۇددى بىرەر مۇستەملىكىنى تولۇق بويسۇندۇرۇش جەريانىدەك سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە زورلۇق كۈچكە قارىغاندا سەۋىرچانلىق بىلەن ماھارەتنىڭ رولى بەكلا مۇھىم. بۇ جەرياندا مەمورىي باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مۇتلەق بىرلىك-ئىتتىپاقلىق شەرت دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
يوقۇرقىدەك ئىشلاردىن بىرەرسىنىمۇ بۈگۈنگىچە ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنلىكىنى، ئېنىقىراق ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى ئىشلار نىمە ئۈچۈن پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئىشى، مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىرلارنى يىشىشىمنى بەكلا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇ تۈر ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلگەنلىكنىڭ ئۆزىلا، بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلىتىپ بەرگەن مۇھىم بىر سەۋەپ ئىكەن.
شۇنىڭغا قارىماي زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغانلىقى قالغان قۇدرەتلىك ئەللەرنىڭ ھەرقاندىقىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ھاكىمىيەت تەركىۋىدىكى نېمىس ئامىلى بۇ ئىمپىرىيىنى ياشاتقۇزۇپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئامىل ئىدى. ئاۋسترىيەدە مىللىي دۆلەت ئاساسىي يوق ئىدى. بۇنداق بىر دۆلەتتە ھاكىمىيەت ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرى ئەگەر بىر ھۆكۈمەت قولىدا مەركەزلەشمىگىنىدە، مەلۇم بىر ئىرق ئۈستۈنلىكى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىپ، بۇ ئىرق دۆلەتنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىن-بىر كۈچكە ئايلىنالىشى مۇمكىن. بىر ئىرق دۆلىتى، بەزى ۋاقىتلاردا خەلقىنىڭ ھۇرۇنلىقىغا، بۇ ھۇرۇنلۇقتىن كەلگەن ھەممىگە چىداش خاراكتىرىگە تايىنىپ ناچار تۈزۈملەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرۈشىگىمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە چىداشلىق بېرىپ كىتەلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى بىر ھايۋاننىڭ قىشلىق ئۇيقىسىغا كىرگىنىدەكلا بىر ئىش.
ئەمما ھەرخىل ئىرىقلاردىن تەشكىللەنگەن، قانداشلىق ئاساس قىلىنمىغان بىر ئەلدە، ھاكىمىيەتنى بىرەر مۇستەبىت كۈچ چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ھەر خىل ئىرقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىمپىرىيىلەردە ھەممە خەلق بىراقلا قىشلىق ئۇيقىغا پېتىپ قالغاندەك جىمىپ كەتكەن بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئىرق چوقۇم ئۇزۇن مەزگىل ئىچكى قابىلىيىتىنى ساقلاپ يېتىپ بىر كۈنلىرى پارتىلاپ چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر خەۋپ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلدۇرۇلغان تەربىيە ۋە ئادەتلەر ۋاستىسى ئارقىلىقلا ئاجىزلاشتۇرىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق دۆلەتلەر قانچىكى يېڭى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە بېقىنىش ئېھتىياجىمۇ شۇنچە كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ.
بىز نۇرغۇنلىغان ئەللەردە ئۇ دۆلەتنى قۇرغان ياكى ئۇ دۆلەت ئۈچۈن بەكلا قىممەتلىك بولغان ئادىمىنىڭ ئۆلىشى بىلەن تەڭ، دۆلەتمۇ يىمىرىلىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما بۇنداق ئەھۋال تارىختا ئۇنچە بەك كۆپ كۆرۈلمەيدۇ دەپ بۇنداق بىر خەۋپكە ھەرگىزمۇ سەل قارىيالمايمىز. چۇنكى بىر دۆلەت ئاجىزلاشقان پەيتلىرىدە ئۇنىڭدىكى يوقۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن دۈشمەن كۈچلەر قايتىدىن جانلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
خابسبوۋرگ خاندانلىقى ئەنە شۇنداق بىر ئەقەللى خەۋىپتىن خەۋىرى بولمىغاچقا يىمىرىلىشتىن ساقلىنالمىدى.
تەغدىر بۇ خاندانلىقنىڭ خەلقى ئارىسىدىكى پەقەت بىرلا پۇخراسىغا ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان مەشئەلنى تۇتقۇزغان ئىدى. ئەمما بۇ مەشئەل ھېچ بىر ئىشنى باشقا چىقىرالماي مەڭگۈلۈك ئۆچۈپ قالدى.
نېمىس مىللىتىنىڭ ئىمپىراتورى بولغان جوسېف ئىككىنچى ئاتا بوۋىلىرى پەيدا قىلغان خاتالىقلىرىنى دەرھال تۈزەتمىسە، بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىرق جىدەللىرى ئىچىدە ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى قاتتىق ئەنسىرەش، ئازاپلىنىش ئىچىدە تۇيۇپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، خەلق سۈيەر جوسېف ئىككىنچى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك سەل قاراپ كەلگەن ئىشلىرىنى ئون يىل ئىچىدىلا تۈزىتىشكە ئۇرۇندى. ئەگەر جوسېف ئىككىنچى يەنە قىرىق يىل ياشىيالىغان ھەمدە ئۇنىڭ يەنە ئىككى ئەۋلادىمۇ ئەنە شۇنداق تىرىشقان بولسا بەلكىم بۇنداق بىر مۇجىزىنى يارىتالىغان بولار ئىدى. ئەمما ئون يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدىلا ھەممە تەرەپتىن ھارغىنلىق يەتكەن بۇ پادىشا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان غايىلىرى بىلەن بىرگە گۆرىگە كىرىپ ياتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغانلار مەيلى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا بولسۇن ياكى كۆزقاراش جەھەتىدە بولسۇن بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشىدا جوسېف ئىككىنچىنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغان ئىقتىدارسىز خانلار ئىدى.
1848-يىلقى ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتلەر بىلەن تولغان ياۋرۇپانىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغان ۋاقىتلاردا، بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئاۋسترىيە تەۋەسىدىمۇ ئاستا-ئاستا يالقۇنجاشقا باشلىغان ئىدى. ئاخىرىدا بۇ ئۇچقۇن يالقۇنغا ئايلىنىپ ئىجتىمائىي، سىياسىي ياكى سىنىپىي زىدىيەتلەردىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئىرق توقۇنۇشلىرىدىن پەيدا بولغان ئاپەتلىك ئوت يالقۇنىنى پەيدا قىلدى.
1848-يىلقى ئىنقىلاپ ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا سىنىپى كۈرەش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلغان بولسا، بۇ دولقۇن ئاۋسترىيەگە كەلگىنىدە ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى يېڭى بىر كۈرەشكە ئايلانغان ئىدى. نېمىس خەلقى بۇ ئىنقىلاپنىڭ نىمە مەقسەتتە قوزغالغانلىقىنى ئەسلىرىدىن چىقىرىشىپ ياكى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىۋاتقىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ مەھكۈملىكىنىمۇ تەييارلىماقتا ئىدى.
دەسلەپكى كۈنلىرىدىن تارتىپلا ئورتاق بىر تىلدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە بىر پىكىرگە كەلمەي تۇرۇپلا تەشكىل قىلىنغان پارلامېنت، مۇنارخىيە تۈزۈمى ئىچىدە نېمىس ئۈستۈنلىكىگە تۇنجى زەربىنى بەرگەن ئىدى. ئەمما بۇ زەربە بىلەن بىرگە دۆلەتمۇ ۋەيران بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇنداق يۈز بەرگەن بىر ھادىسە، بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ يىمىرىلىش جەريانىنى كۈزىتىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆگۈنۈش پۇرسىتى بولۇش بىلەنلا قالماستىن، مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرغان بىر ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. … نەتىجىدە تارىخ تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئاۋۇستىرىيىلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇنداق يىمىرىلىش يولىدا ھېچ نىمىدىن خەۋىرى يوق قارغۇلارچە ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. بۇ گويا ئاۋسترىيەنى يوقۇتۇشنىڭ ئىلاھىي ئارزۇسىنى ئىسپاتلاپ بەرگەندەكلا بىر ئىش ئىدى.
بۇ ھەقتە تەپسىلى بايان قىلىش ئىشى بۇ كىتاپنىڭ مەقسىدى بولمىغاچقا بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن. مەن پەقەت ئىرقلار بىلەن دۆلەتنىڭ يوقۇلۇشىغا سەۋەپچى بولغان، ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان ۋەقەلىكلەرنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكە بولۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا بۇ ھەقتە تەھلىل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتىمەن.

ئاۋسترىيە مۇنارخىيىسى
ئاۋسترىيە مۇنارخىيىسىنىڭ − خانلىق تۈزۈمىنىڭ يىمىرلىشى ۋە ئۇنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇشىنى تىزلەتكەن ئامىللار ئىچىدە ئىمپىرىيە پارلامېنتى، يەنى ئاۋسترىيەلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا رېيچسرات دەيدىغان ئورگان ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنى نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار بولغان بۇرجۇئازىيىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدى. بۇ ئورگان بىر قارىماققا كلاسسىك دېموكراتىيىنىڭ ۋەتىنى بولغان ئەنگىلىيىدىن ئۈلگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ مۇئەسسە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزگەرتىلمەي ئەنگىلىيىدىن ۋيېنناغا ئۆزپىتى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر ئورگان ئىدى.
قوش قۇرۇلتايلىق ئەنگىلىيە ھاكىمىيەت سىستېمىسى تۆۋەن پالاتا (ئاۋام قۇرۇلتىيى − ئۇ.ت) ۋە يوقۇرى پالاتا (ئاقسۈڭەكلەر قۇرۇلتىيى − ئۇ.ت) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلاتتى. بۇ ئىككى قۇرۇلتاي بىر-بىرسىدىن پارلامېنت بىنالىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇراتتى. بىر يىللىرى باررىي دىگەن ئېنجىنېر، تايمىس دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرى ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن پارلامېنت بىناسىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن ۋاقتىدا برىتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىن پايدىلانغان ئىدى. 1200 بۆلۈملۈك شامدان، ۋاسا ۋە تۈرۈكلەر بىلەن بىزەلگەن، ھەيكەللەر ۋە ماي بوياق رەسىملەر ئارقىلىق زىننەتلىنىپ چىقىلغان ئاق سۈڭەكلەر قۇرۇلتاي سارىيى بىلەن ئاۋام قۇرۇلتاي سارىيى ئېنگىلىزلارنىڭ غۇرۇرلىنىپ تەلپۈنىدىغان ئورنىغا ئايلانغان ئىدى.
ۋيېننانىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۇنجى مەسىلە، پارلامېنت سارىيىنى سېلىش جەريانىدىكى بىزەشكە كەلگەندە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ: دانىيىلىك خانسېن خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ساراينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە مەرمەر پارچىسىنى قويۇپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ ساراينى بىزەش ئۈچۈنمۇ باررىغا ئوخشاش قېدىمى تارىخىي مەنبەلەردىن ئۈلگە ئېلىشنى ئويلايدۇ. شۇنداق قىلىپ “غەرپ دېموكراتىيىسى” نىڭ تىياتىرخانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ھەشەمەتلىك بىناسى يونان ۋە رىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن پەيلاسوپلىرىنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن بىزىلىدۇ. مازاق قىلىنغاندەك بىر يېرى، بۇ بىنانىڭ ئۈستىنى بىزىگەن ‘غالىبىيەت ھارۇۋىسى’ غا قېتىلغا ئات ھەيكەللىرى تۆت تەرەپكە قاراپ چاپچىپ تۇرغان ھالىتىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇ مەنزىرە بىنانىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھەممە كىشى ھارۇۋىنى ھەر تەرەپكە سۆرەيدىغان بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى بىنانىڭ سىرتىدىكى بۇ ھەيكەللەر ئارقىلىق ئۇپ-ئوچۇق تەسۋىرلەپ بەرمەكتە ئىدى.
ئاۋسترىيەلىك ھەر مىللەت خەلقى، كەمسىتىش خاراكتىرىنى ئالغان بۇنداق بىر تەسۋىرنى بىزگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ ھىساپلاپ، بۇ ساراي نەقىشلىرىنىڭ ئاۋسترىيە تارىخىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ نارازىلىق بىلدۈرىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. ئەمما، پاۋل ۋاللوتنىڭ گېرمانىيە رېيچ بىناسىنى “نېمىس خەلقىگە سوغات” دېگەن خەتلەرنى ئويۇپ نېمىسلارغا تاپشۇرغاندەك، بۇ ئىمپىرىيە پارلامېنت بىناسىمۇ ۋيېننادا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توپ-زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ گۈلدۈرمامىلىرى ئىچىدە ئاۋۇستىرىيىلىكلەرگە داغدۇغا بىلەن سوۋغا قىلىنىدۇ.
تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن بىر ۋاقىتىمدا، بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن فرانزېنسرىڭ سارىيىغا تۇنجى قېتىم كىرگىنىمدە بەدىنىمنى توك سوقىۋەتكەندەك ھىسىياتلارغا كىرىپ قالغان ئىدىم.
ئەسلىدە مەن قۇرۇلتاي (پارلامېنت) غا ھەقىقەتەنمۇ ئۆچ ئىدىم. شۇنداقتىمۇ مېنىڭدىكى بۇ ئۆچلۈك ھەرگىزمۇ بۇ ئورگانغا بولغان ئۆچلىكىمدىن كەلگەن ئەمەس، ھەتتا مەن لىبېرالىستىك كۆز قاراشلىرىم تۈپەيلىدىن پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقىچە بىرەر ھاكىمىيەت شەكلىنىمۇ ئەقلىمگە كەلتۈرەلمەي يۈرەتتىم. ئۇ كۈنلەردە ھەرقانداق بىر دىكتاتورلۇق كۆز قارىشى ھابسبۇرگ سارىيىغا بولغان ئۆچمەنلىك قارىشىمغا سېلىشتۇرۇلغاندا گويا ئەركىنلىك، ئەقىل، مەنتىققا قارشى ئېغىر خىيانەتكارلىقتەكلا بىلىنەتتى. مېنىڭدە بۇنداق قاراشنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا بولغان ھەيرانلىقىم سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. مېنىڭدىكى بۇ خىل پارلامىنت سۆيگۈسى، ياش ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇغان گېزىتلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىمدىن بارلىققا كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئاۋام كامىرىسىنىڭ ئەنگىلىيىدە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلىقىنى نېمىس گېزىتلىرى ئالاھىدە كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ تونۇشتۇرۇشلىرى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە بىر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرغىنىدىن ئارتۇق يەنە قانداق بىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىم مۇمكىن؟ ئاۋسترىيە قۇرۇلتىيىغا ئۆچ بولۇپ قېلىشىمغا ئۇنىڭ خەلقنى كۆزدە تۇتماي ھەردائىم خاتالىق سادىر قىلىپ تۇرۇشلىرى، ناتوغرا قارار چىقىرىشلىرى سەۋەپ بولغان بولۇپ، بۇنداق خاتالىقلارنى شەرەپلىك بىر ئورگاننىڭ ئىناۋىتىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارايتتىم. بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆچ بولۇپ قېلىشىمغا باھانە بولىدىغان مۇنداق بىر ئەھۋالغىمۇ دۈچ كەلگەن ئىدىم:
ئاۋسترىيە دۆلىتى تەۋەسىدىكى نېمىس ئامىللىرىنىڭ تەغدىرى رېيچسراتنىڭ ئالىدىغان قارارلىرىغىلا باغلىق ئىدى. مەخپى ئاۋاز بېرىش ياكى ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش لايىھىسى ماقۇللانماستىن بۇرۇن پارلامېنتتا سانى ئاز بولسىمۇ خېلى كۈچلۈك نېمىس ۋەكىللىرىنىڭ تەسىرى مەۋجۇت ئىدى. ئەسلىدىنلا نېمىس ۋەكىلىنىڭ بۇنچە ئاز بولىشىمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قويمايتتى. چۇنكى مىللەت نوقتىسىدىن ئالغاندا سوتسيال دېموكرات پارتىيىسى نېمىس مەنپەئەتى ئۈستىدە قارار ئېلىشقا توغرا كەلگىنىدە ھەر دائىم رەقىپلەرگە يان بېسىپ ئاۋاز بېرىشكە مايىللىقى كىشىنى ئويلاندۇرماي قويمايتتى. سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى نېمىسلاردىن باشقا ئۇنسۇرلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكلا ئەنسىرەيدىغانلىقىدىن كەلمەكتە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىر نېمىس پارتىيىسى دەپ قارىغىلى بولمايتتى. ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلى قوبۇل قىلىنغىنىدىن كېيىن نېمىسلارنىڭ سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشىمۇ ئەمەلدىن قالغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، نېمىس تەسىرىنى تازىلاش پۇرسىتى يارىتىلغان ئىدى.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مېنىڭدىكى مىللەتچى (ناتسيۇنالىست)، مۇتەئەسسىپ تۇيغۇلىرىم نېمىسلارغا تەۋە بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ھىمايە قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرەپ، نېمىس ئامىللىرىنى قوغداش تۇرماق ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بۇنداق بىر قۇرۇلتاينى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ ئۆزگەردىم.
ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە، ئاۋاز ئۈستۈنلىكىدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى ئاۋسترىيە دۆلىتىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئىدى. قېرىپ كەتكەن بۇ دۆلەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشىغا كۈچى يەتمىگەنسىرى، نېمىس مىللىتىمۇ بۇ قۇرۇلتايدا بىرىنچى دەرىجىلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئەسلىدە ھۆرمەت قىلىشقا لايىق، ئەمما ئىناۋىتىنى ئاللىمۇقاچان يوقۇتۇپ بولغان بۇ سارايغا ئەنە شۇنداق بىر روھىي ھالەت ئىچىدە كىرىپ كەلگەن ئىدىم.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، مەن بۇ يەرگە كىرىۋاتقان ۋاقتىمدا بىنانىڭ دەب-دەبىلىك كۆرۈنىشىگە قارىتا بىر تۈرلۈك ھۆرمەت ھىسىياتى بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ بىنا − ھەقىقەتەن نېمىس تۇپراقلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر يونان مۇجىزىسى ئىدى.
ئەمما قۇرۇلتاي زالىدا بولىۋاتقان ئىشلارنى كۆرگىنىمدىن كېيىن، ئۇ يەردىن قاتتىق يىرگىنىشكە باشلىدىم. قۇرۇلتاي يىغىن زالىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىقتىسادىي مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نەچچە يۈز خەلق ۋەكىلى بىر يەرگە يىغىلغانىكەن. نوتۇق سەھنىسىگە چىقىپ سۆز ئالغانلارنىڭ دەۋاتقان گەپلىرى بەكلا سەۋىيىسىز ئاددى گەپلەر ئىدى. بەزى ۋەكىللەر نېمىسچە سۆزلىمەي ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئىسلاۋيانچە تىلدا، يەنە بەزىلىرى يەرلىك شىۋىلەردە سۆزگە چىققان ئىدى. شۇ كۈنلەرگىچە گېزىتلار ۋاستىسى بىلەن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ئىشلارنى بۇ يەردە بىۋاستە ئاڭلىماقتا ئىدىم. ئۇ يەر-بۇ يەردە قالايماقان چېچىلىپ ئولتۇرۇشقان بۇ كىشىلەر ھەرخىل تىللار بىلەن ھەممە تەرەپتىن چالۋاقىشىپ بىر-بىرسىنىڭ سۆزىنى كېسىپ ۋارقىرىشاتتى. بۇ جەرياندا ياشانغان بىرسى توختىماي قوڭغۇرىقىنى پولاڭشىتىپ چېلىپ خەلق ۋەكىللىرىگە جىم بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىپ، مەجلىس تەرتىۋىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا ئىدى.
بۇ كۈلكىلىك مەنزىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزەمنى كۈلۈشتىن زادىلا تۇتىۋالالماي قالغان ئىدىم.
ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قايتا بۇ قۇرۇلتاي زالىغا كىرگىنىمدە، ئاۋالقىسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەنزىرىگە دۈچ كەلگەن ئىدىم. قۇرۇلتاينىڭ يىغىن زالى قۇپ-قۇرۇق دېگىدەك بولۇپ، بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرى ئۇيقىغا غەرق بولۇشقان، يەنە بەزىلىرى بىر-بىرسىگە مەنىسىز قارىشىپ پارقىراپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. ئارىدىن بىرسى سەھنىگە چىقىۋېلىپ بىر نىمىلەرنى دەپ سۆزلىمەكتە ئىدى. رەئىس ۋەكىلى بولغان بىرسى خۇددى بۇ زالدا يىغىن باشقۇرىۋاتقاندەك قىياپەتتە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىدىن بەكلا زىرىككەنلىكى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
شۇندىن باشلاپ ۋاقتىم بولسىلا قۇرۇلتاي زالىغا بېرىپ تۇرىدىغان بولدۇم. قۇرۇلتاي سارىيىغا ھەر بېرىشىمدا يىغىن زالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، چۈشىنەلىگەن نۇتۇقلارنى ئاڭلىغاچ بۇ دۆلەتنىڭ پۇخرالىرى سايلىغان بىچارە خەلق ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، ئۆزەمچە خېلى ئەقلى بار نىمىكەن دەپ قارىغان بىرەر-ئىككى كىشىگە دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئولتۇراتتىم. بۇ جەرياندا، بۇ ئورگان ھەققىدە ئېنىق بىر كۆز قاراشقا كەلمەكتە ئىدىم. بىرەر يىل داۋاملاشقان بۇ تېنچ كۈزىتىشىم نەتىجىسىدە، قۇرۇلتاي دىگەن بۇ مۇئەسسە توغرىسىدىكى بۇرۇنقى باھالىرىمنىڭ بىر قىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە، يەنە بىر قىسىم باھالىرىمدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدۇم.
ئەندى مەن، ئاۋسترىيە قۇرۇلتىينىڭ پەسكەش ۋە كۈلكىلىك ھالىغا ئەمەس بەلكى بۇ قۇرۇلتاي دېگەن ئورگاننىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغان بىرسىگە ئايلانماقتا ئىدىم. شۇ ۋاقىتقا كەلگىچە بارلىق پاسكىنا ئىشلار بىلەن خاتالىقلارنىڭ ئاۋسترىيە قۇرۇلتىيدا نېمىس كۆپ سانلىقىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىدىن مەيدانغا كەلمەكتە دەپ تونۇپ كەلگەن ئىكەنمەن. ئەندىلىكتە بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بۇ ئورگاننىڭ پەيدا بولۇش پىرىنسىپىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن ئىزدىنىش لازىملىقىنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.
شۇندىن ئىتىۋارەن دېموكراتىيىنىڭ، پۈتكۈل بۇ تۈزۈمنىڭ ھۇلى بولغان “كۆپ سانلىق قارار چىقىرىش” پىرىنسىپى دىگەننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر قاراشقا كەلمەكتە ئىدىم. خەلق ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن قۇرۇلتايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا كىرىشتىم. شۇ ئارقىلىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دىگەن بۇ مۇئەسسەنىڭ قانداق بىر ئورگان ئىكەنلىكى، بۇ مۇئەسسە قانداق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشمەكتە ئىدىم. بىر قانچە يىل ئىچىدە، كېيىنكى ۋاقىتلارنىڭ ئەڭ داڭلىق ھاكىمىيەت شەكلى بولغان پارلامېنت تۈزۈمىنى بارلىق ئۈگىلىرى بويىچە تولۇق تونۇپ يەتكەن ئىدىم. شۇ چاغلاردا تەسەۋۋۇر قىلغان پارلامېنت شەكلى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرۇم تا بۈگۈنگىچىمۇ ئۆزگەرمەي ئۆز پىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبەم مېنى بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئاز-تۇلا جەلىپ قىلارلىق بولۇپ تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەسلىدە ئىنسانىيەتنىڭ يىمىرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي نەزەرىيىنىڭ مېنى نىشانىمدىن ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلىنالىغان ئىدىم.
بۇگۈنكى كۈندىكى غەربىي ياۋرۇپادا، دېموكراتىيە دېگەننى ماركىسىزمنىڭ بىر سوۋغىسى دېيىشكىلا بولىدىكەن. يەنى، ماركىسىزمنى دېموكراتىيىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. مېنىڭچە بولغاندا دېموكراتىيە دىگەن بۇ نەرسە بۇ دۇنيانىڭ ۋاباسى بولغان ماركىسىزم ئۈچۈن بىر مىكروپ ئۇۋىسى بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك مىكروبلىرى ئەنە شۇ ئۇۋىدا كۆپىيىپ تۆت ئەتىراپقا يېيىلىپ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ مىكروپلار ئۆزىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى “چالا تۇغۇلغان بوۋاق” دەپ تەرىپلەشكە بولىدىغان ئەنە شۇ پارلامىنتارىزمدىن ئالماقتا ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، ھەر قانداق بىر ئىلاھىي نۇرمۇ پارلامېنت دىيىلگەن بۇ لايدا يۇغۇرۇلۇپ چىققان ھەيكەلگە جان بىرەلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يېتىشكە باشلىدىم.
ۋيېننادا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ماڭا پارلامېنتچىلىقنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن تەغدىرىمگە مىڭلارچە قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن. ئەگەر ئۇ ۋاقىتلاردا گېرمانىيىدە بولغان بولسام، بۇ مەسىلىنى ئۇنچە بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەيلا بىر چەتكە تاشلىۋەتكەن بولار ئىدىم. ئەگەر پارلامېنت دەيدىغان بۇ نەرسىنىڭ شۇنچە كۈلكىلىك قىياپىتىنى ئاۋال بېرلىندە كۆرگەن بولسا ئىدىم، شۆبھىسىزكى، بۈگۈنگىچە ئېرىشكەن كۆز قاراشلىرىمنىڭ يېرىمىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولار ئىدىم. شۇنداق بولغىنىدا بەكلا ئىشەنچىلىك بولۇپ كۆرۈنىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىگىلا قاراپ خەلق بىلەن رېيچنىڭ قۇتقۇزۇلىشىنى ئىمپىرىيە چۈشەنچىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە باغلىق دەپ قارايدىغانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولار ئىدىم. ئەمما بۇنداق قارايدىغان كىشىلەر قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرق قىلالمايدىغان ساۋاتسىز كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بەرىبىر ھېچنىمىنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان، ھەممە ئىشنى خەتەرلىك يار لىۋىگە يىتەكلەپ كېتىۋەرگەن بولاتتى.
ئاۋسترىيىدە بولسا بۇنداق كەينى-كەينىدىن خاتالىشىپ يۈرەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۇنكى پارلامېنتنى قىلچە ئەھمىيىتى يوق دېگەندىمۇ، خابسبۇرگنىمۇ ئۇنىڭدىن مۇكەممەل دەپ قاراش ئىمكانى يوق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر دەپ قاراشقا بولاتتى. پارلامېنتچىلىق رەت قىلىنغىنىدا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەپ قاراشقىمۇ بولمايتتى، ئەلىۋەتتە. بۇنداق قارىساقمۇ پۈتۈن مەسىلە بەرىبىر ئۆز پىتى ساقلىنىپ قالىۋىرەتتى. رېيچسراگنى (ئاۋۇستىرىيە پارلامېنتىنى، ئالى قۇرۇلتىيىنى) ئەمەلدىن قالدۇرۇش دىگەنلىك، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى خابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ قولىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇش دېگەنلىك بولاتتى. بۇنداق پىكىرنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايتتى، بۇنداق بىر قاراشنى، بولۇپمۇ مەن ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتىم.
بۇ ئالاھىدە ئەھۋالنى ئېنىقلىۋېلىشتا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىم، مېنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە مەجبورلىغان ئىدى. ئەگەر شۇنداق بىر مەجبورلىنىش بولمىغان بولسا، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىمدا، بۇنداق بىر خۇلاسىغا زادىلا كىلەلمىگەن بولار ئىدىم.
مېنى تېخىمۇ بەك ئويلاندۇرغىنى، پارلامىت تۈزۈمىنىڭ ھېچ قانداق بىرسىگە قىلچە مەسئولىيەت ئارتمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويىشى ئىدى. پارلامېنت ھەرقانداق بىر ئىش ھەققىدە قارار چىقرالايتتى. ئەگەر ئېلىنغان بۇ قارارلار ھەرقانداق بىر پاجىئەلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىدك بولغىنىدا، بۇ قارار سەۋىبىدىن ھېچكىم بىرەر جاۋاپكارلىققىمۇ تارتىلمايتتى. ئەگەر ئىنتايىن ئېغىر بىرەر پاجىئەلىك ئاقىۋەت يۈز بەرگىدەك قىلسا، بىر بولسا ھۆكۈمەت ئىستىپا بېرىپ قۇتۇلاتتى يا بولمىسا پارلامېنت تارقىتىۋىتىلەتتى.
بۇنداق ئەھۋالدا، ئېنىق مەسئولىيىتى بولمىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بۇنداق بىر كۆپچىلىكنى جاۋاپكارلىققا تارتىش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر بىرەر ئىشنىڭ مەسئولىيىتى مۇئەييەن بىر كىشىگە تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ئۇ ئىشنىڭ بىرەر قىممىتى قالارمۇ؟ قارار قىلىش بىلەن بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ئىشى بىر مۇنچە كىشىلەرگە ئورتاق تاپشۇرۇلغىنىدا، مەسىلە كۆرۈلگىنىدە بۇنداق ئىجرائەتتىن ھۆكۈمەت رەئىسىنى جاۋاپكارلىققا تارتىش مۇمكىنمۇ؟
بۈگۈنكى كۈنگىچە بىرەر مەسئول كىشى دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىرەر پىلان تۈزۈپ، بۇ پىلانىنى ئەقىلسىز قوي پادىلىرىغا چۈشەندۈرۈپ، بۇ بىر توپ قوي پادىسىنى قايىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبور بولۇپ كەلمىدىمۇ؟
دۆلەت رەھبىرى بولۇش دىگەنلىك، قايىل قىلىش سەنئىتىگە ئىگە بولۇش، مۇھىم پىرىنسىپلارنى چۈشەندۈرۈش ۋە چوڭ-چوڭ قارارلارنى چىقارتقۇزۇش ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ماھىر بولۇش دىگەنلىكمۇ؟
ئەگەر بىرەر دۆلەت مەسئولى بەلگىلىك بىر كۆز قاراش ئۈچۈن راك ئۆسمىسى ھالىغا كېلىپ بولغان بىر پارلامېنت كۆپ سانلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن مۇئەييەن بىر كۆز قاراش ئەتىراپىغا جەلىپ قىلالمىغىنىدا، بۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئۇلارغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىگىنىدە، ئۇ مەسئول كىشىنىڭ ئىقتىدارسىز بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالارمۇ؟ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ داھىي بولالىغان كىم بار؟
جېنىنى تىكىپ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ دۇنيادىكى بارلىق داھىيانە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرەر داھىنىڭ مۈگۈدەپ ياتقان خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىمەن دەپ شۇ خەلق ئاممىسىنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەت پەيدا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمىدى؟
ئەنە شۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئوتتۇرغا قويغان پىلانلىرىنى يوقۇرقىدەك كىشىلەر گۇروھىغا تەستىقلىتالمىغان بىرەر دۆلەت رەھبىرى قانداق قىلىشى كېرەك ئىدى؟ ئۇلارغا پۇل تارقىتىپ ماقۇل قىلىشى كېرەكمىدى؟ ياكى بولمىسا خەلقىنىڭ تەغدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى زۆرۈر بولغان بۇنداق بىر پىلانىنى خەلقىنىڭ نادانلىقى سەۋىبىدىن ئۇقتۇرالماي ئەمەلدىن قالدۇرسا بولامتى؟ بۇنداق بىر مەسىلىگە دۈچ كەلگەن خەلقىغە، ۋەتىنىگە سادىق بىر رەھبەر، ۋىجدانى ۋەزىپىسى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئارىسىدا قايسىنى تاللىۋېلىشى ياكى بۇ زىدىيەتنى قايسى خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىشى كېرەك؟ ئەنە شۇنداق بىر مەسىلىدە خەلقىغە مەسئول بولۇش ۋىژدانى بىلەن قۇرۇلتاي ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقىنىڭ قايسىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم زادى نىمە؟ ھەقىقىي بىر دۆلەت رەھبىرى بولغان كىشى خەلق ئالدىدىكى مەسئولىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ، قويۇپ يالغۇز قۇرۇلتاي جامائىتىنىلا چۈشىنىپ ھۆكۈمەت سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان قۇرۇق بىر سىياسەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلىشى لازىممۇ قانداق؟
ئەگەر، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بۇ دۆلەت رەھبىرى ئادەتتىكىدەك بىر سىياسيون بولۇپ قالغىنىدا، يوقۇرقىدەك مەسئولىيەتلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالماي، بۇ مەسئولىيەت يۈكىنى بىر گۇرۇپ ئادەملەرگە ئورتاق دەپ ھىساپلاپ بەزى ھىلىگەرلىكلەرنى ئىشلىتىپ ئىشنى ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكىزىۋېتىشكە ئۇرۇنماسمۇ؟
ئەنە شۇنداق بىر ئەھۋالدا، بىزنىڭ “پارلامېنت كۆپ سانلىقىنىڭ قارارى” دەيدىغان پىرىنسىپىمىز ۋەزىپىنى ئېنىق بىر كىشىگە تاپشۇرۇش دەيدىغان مەسئوليەتچانلىق پىرىنسىپىمىزغا زىت كېلىپ قالماسمۇ؟
ئەجىبا ئارىمىزدا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى مەلۇم شەخسىنىڭ پىلانىدىن بارلىققا كەلمەي ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق تۈزگەن پىلانىنىڭ نەتىجىسى دەيدىغانغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بارمۇ؟ ئارىمىزدا ئىنسانىيەت بىر كۈنلىرى بۇنداق باشلامچى دەيدىغان شەرتتىن قۇتۇلۇپ كىتىشى كېرەك دەيدىغان گەپلەرنى تەرغىپ قىلىدىغان بىرسى بارمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۈچۈن ئېنىق بىرسى مەسئول بولۇش دەيدىغان ئۇقۇم ھەر قانداق ۋاقتتىكىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئەمەسمۇ؟
كۆپسانلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلىدىغان پارلامېنت پىرىنسىپى بىرلا كىشى مەسئول بولۇش دەيدىغان پىرىنسىپتىن ئۈستۈن كىلىپ، مەسئول كىشى ئورنىغا سان ئۈستۈنلىكى بىلەن كۆپچىلىكنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىرىدىغان تۈزۈم، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە پەقەتلا توغرا كەلمەيدىغان بىر تۈزۈمدۇر. ئەگەر يەھۇدىي مەتبۇئاتىنىڭ مۇشتېرىلىرى تولۇق ئەركىن پىكىر قىلىش ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگۈنەلمىگەن بولسا، بۇ تۈردىكى زامانىۋىي پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ قانچىلىك پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ چۈشىنەلمەيدۇ.
پارلامېنت دىگەن بۇ ئورگان، سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئادەم ئەقلىگە كەلتۈرەلمىگىدەك چاكىنا ئۇششاق ئىشلار ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان بىردىن بىر ئورگاندۇر. مەسىلەن ئالايلى، ئەگەر سادىق بىر دۆلەت رەھبىرىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن قانچىكى يىراق تۇتالىسا، بۇ ھالەتتىن پەسكەش كىشىلەر شۇنچە خوشال بولۇپ يايراپ كېتىدۇ. چۇنكى، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈش سورۇنلىرى پەسكەش كىشىلەر تەرىپىدىن كۆپ سانلىقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك سودىلىشىش ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇلغان.
بۈگۈنكى كۈندە بىر تېرە ئېلىپ ساتارى چۈشەنچە ۋە بىلىم جەھەتتە قانچىكى سەۋىيىسى تۈۋەن بولسا، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا لازىملىق سودا پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك پەسكەشلىكلەردىن شۇنچە كۆپ ئۆزلەشتۈرىۋالغىنىغا ئوخشاش، ئالاھىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىش ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار تەلەپ قىلىنمىغان بىر ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىمۇ پەسكەش بىر سەھرالىقتا بولىدىغان يوقۇرىقىدەك ھىلىمىكىرلىكى بويىچە ئالاھىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرىۋىتەلىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر ئاخماق ھۆكۈمەت، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەرقانداق بىر مەسئولىيەتتىن ھەرگىز ئەنسىرىمەيدۇ. قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ يۈرمەيدۇ. بۇنداق ھۆكۈمەت ئادەملىرى سىياسىي ئىجرائەتلىرى ھەرقانداق بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھامان بىر كۈنىسى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئورنىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. تاللانغان بۇنداق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سانى ئۇلارغا بولغان تەلەپنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ بارماقتا. بۇ ھادىسىلەرمۇ بۇ خاندانلىقنىڭ چوقۇم يىمىرلىدىغانلىقىنىڭ بىر سىگنالى ئىدى. شۇنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بىر تەرەپتىن ئەقىللىك بىرسى ئىقتىدارسىز، ئاددىي مېڭىلىك مەدداھلارنىڭ ئادەتتىكى كاتىپى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ سانلىقنىڭ، يەنى ئاخماقلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇنداق قىممەتلىك قابىلىيەت ئىگىلىرىدىن ھەر دائىم نەپىرەتلىنىپ يۈرىدۇ.
پەسكەش بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى ھەر دائىم ئۆزىگە ئوخشاش قىلچە قىممىتى بولمىغان بىر باشلىق تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنداقلار ھېچ نەرسىدىن ئەنسىرەپمۇ يۈرمەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ھەممە كىشى ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ئەقىللىق بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن ئارىلاپ پېير باشلىق بولۇپ سايلىنالايدىكەنۇ، نىمىشكە پاۋل سايلانسا بولمايدىكەن دەپ غۇتۇلداپمۇ قويىشىدۇ. بۇ جەرياندا دېموكراتىيىنىڭ روھىدىن پەسكەشلىكنى پەيدا قىلىدىغان بىر مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. كۆرۈنگەن بۇ مەسىلە، ماھىيەتتە رەھبەر دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلگەن ئېھتىياتچانلىق، قورقۇنچاقلىقنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئىنتايىن مۇھىم قارار چىقىرىدىغان بىر ئورۇنغا ئېرىشىپ قالغانلىرىدا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كاپالىتى ئاستىغا كىرىپ قالىدىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن بىر تەلەي ئىدى. سىياسەت قەلەندەرلىرى بارلىق قارارلىرىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللىقىنى تىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزلىرىگە لازىملىق بولغان ‘جىنايەت شىرىكچىلىكى’ گە كاپالەتلىك قىلىشىپ، ھەر قانداق بىر مەسئولىيەتتىن پېشىنى قېقىپلا قۇتۇلۇپ كىتەلەيدىغان شارائىتقا ئېرىشىۋالىدۇ. راستچىل، ۋىجدانلىق بىرسى، بۇ تۈردىكى سىياسىي ئويۇنلاردىن يىرگىنىپ، ئۇنىڭدىن نەپىرەتلىنىشتىن باشقا بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار بارلىق پەسكەشلىكلەرنى ئۆز ئەتىراپىغا توپلىغان بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىشىنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئوڭۇشسىزلىقلىرىنىڭ مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىغان، ھەر دائىم ئۆزىنى ھەر قانداق ئەيىپتىن خالى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدىغان بىرسى، پەسكەش مەخلۇقتىن قىلچە پەرقى يوق بىرسىدۇر. خەلقنى باشقۇرۇپ يىتەكلەشكە مەسئول بولىدىغان بىر ئورگان ئەنە شۇنداق قابىلىيەتسىز پەسكەشلەردىن تەشكىل تاپقىنىدا، ئۇزۇنغا قالمايلا تۈزەتكىلى بولمىغىدەك پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپچى بولىدۇ. بۇنداق بىر ئورگان قورقماستىن ئەقىل ئىشلىتىپ ھەرىكەت قىلىش جاسارىتىگە ئىگە ئەمەس. بۇنداق ئىقتىدارسىز بىر ئورگان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئورنىغا خەلقنىڭ تىل-ئاھانىتى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىشنى ئەۋزەل كۆرىشىدۇ. ئەگەر بىر قاتار جىددىي قارارلار ئېلىشقا توغرا كەلگىنىدە، ئۇلاردىن ھېچ بىرسى ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ يىتەكچىلىك قىلىشقا ماقۇل بولمايدۇ.
بىز يەنە شۇنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئىقتىدارلىق بىر رەھبەر نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆپ سانلىق ھېچقاچان بىر شەخسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. كۆپسانلىق دىگىنىمىز، ئاخماقلارغا ۋەكىللىك قىلغىنىغا ئوخشاش، پەسكەشلەرگىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەقلى ئىشلىمەيدىغان يۈز كىشى ھېچ بىر ۋاقىت ئىقتىدارلىق بىر كىشىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، يۈز نەپەر قورقۇنچاقتىنمۇ قەھرىمانلارچە قارار ئالالايدىغان بىر باتۇر ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن دەپ ھەرگىز ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئېغىر مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قانچىكى چەتكە ئالىدىكەن، ئۆزلىرىنى خەلق خىزمىتىگە ئاتاشقا لايىق دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ قاتارغا كىرىپ نۆۋىتى كېلىشنى كۈتۈشلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر كۈچ توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئۈچىرەت تۇتقان كىشىلەرگە قاراپ غەمكىنلىك بىلەن نۆۋىتىنى كۈتىدۇ. ئۇلار ئۆز ئارزۇلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ۋاقتىنى ھەتتا سائىتىگىچە ھىساپلاپ چىقىشىدۇ. كۆز تىككەن بىر ئورۇننىڭ بوشىتىلىشىنى كۈچلۈك تەلمۈرۈش ئىچىدە كۈتىدۇ. ئۈچىرەت ساقلاۋاتقانلار ئارىسىدا ئالدىدىكىلەرنى ئازايتىشقا پايدىسى بولىدىغانلىكى رەزىللىلكەرنىڭ يۈز بېرىشىنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالىدۇ.
ئەگەر قاتاردا بىرەرسى ئېرىشكەن ئورنىنى بوشاتماي چىڭ ئولتۇرىۋالغىنىدا، بۇنداق ئەھۋالنى گۇرۇپپا ئىچىدە تۈزۈشكەن شەرەپلىك شەرتنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توختاپ قالدى دەپ قارىشىپ رەنجىشكە باشلايدۇ. ئۇلار بايىقى نومۇسسىزنىڭ نۆۋەت ساقلاۋاتقانلارغا ئىسسىغىدا ئورنىنى بوشىتىپ ئۆتكۈزۈپ بەرمىگىچە زادىلا ئارام تېپىشمايدۇ.
ئەمەلدىن بىر قېتىم چۈشۈپ كەتكەن بىرسى ئۇ ئورۇنغا قايتا ئېرىشەلمەيدۇ. ئورنىنى تارتتۇرۇپ قويغان بۇ روھىي كېسەل ئادەملەر ئورۇن كۆزلەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تىل ئاھانەتلەرگە قېلىشىغا قارىماي تۈۋەنىرەك بولسىمۇ قايتا بىرەر ئورۇنغا ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىشىدۇ. ئەنە شۇنداق ئورۇن ئالماشتۇرۇش ھادىسىلىرىنىڭ يىغىندىسى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنلىرى بىلەن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئادەمنى ئۈركىتىدىغان بىر شەكىلدە نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق نۆۋەتلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قۇرۇلتاينىڭ ئەخلاق ۋە قائىدىلىرىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغانلار پەقەت ئاخماق، قابىلىيەتسىز كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەگەر تەغدىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقىي رەھبەر دەپ نام ئېلىشقا لايىق بىرسىنى ئۇ ئورۇنغا ئىگە قىلىپ قويغان تەغدىردىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ تەغدىرىمۇ ئوخشاشلا نۆۋەت ساقلاۋاتقانلارنىڭ تەغدىرىدىن باشقىچە بولۇپ كەتمەيدۇ. ھەتتا بۇنداقلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى تېخىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن. بىرەر رەھبەر ئۆزنى كۆرسىتە-كۆرسەتمەيلا ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر دەرھال ئاتاكىغا ئۆتىشىدۇ. ئەگەر يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن كۈچلۈك بىر رەھبەر، شۇ ئورۇنغا كىرىشكە تىگىشلىك دەپ قارىغان ئاۋام ئارىسىدىن كەلگەنلا بولسا، بۇ رەھبەرنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ پاجىئەلىك بولىدۇ. دۆت ئادەملەر ئۇ ئورۇندا ئۆزلىرىدەك كىشىلەرنىڭلا تۇرىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بۇ قاپاقۋاشلار، ئارىسىغا بىرەر ئەقىللىقنىڭ كىرىپ قېلىشىغا ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەقىللىق بىرسى كىرىپ قالغىنىدا ئۇنداق كىشىگە ھەر تۈرلۈك باھانىلارنى ئۇيدۇرۇشۇپ بىرلىكتە زەربە بېرىشكە كىرىشىدۇ.
بۇنداق نۆۋەتلىشىپ ئەمەل تۇتۇشنىڭ نەتىجىسىدە، رەھبەرلىك تەبىقىسى كۈنسايىن ئەقىلسىزلىشىشقا باشلايدۇ. بۇنداق رەھبەرلىك تەبىقىسىگە تەۋە بولمىغان ھەرقانداق ئادەم خەلقى بىلەن ۋەتىنىنىڭ بۇنداق كىشىلەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىدىن تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر زىيانلارنى تارتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ. ئەنە شۇنداق بىر پارلامېنت تۈزۈمى كونا ئاۋسترىيە ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق مىكروپ ئۇۋىسى بولۇپ قالماقتا ئىدى.
گەرچە مىنىستىرلىكنى ئىمپراتور ياكى پادىشا تەيىنلىگەندەك قىلسىمۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ قىلغىنىمۇ بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئارزۇ قىلغان، ئويلىغانلىرىنى تەستىقلاپ بېرىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. قۇرۇلتايدىكىلەر مىنىستىرلىك ئورنى ئۈچۈن سودىلىشىپ تۇراتتى. ھەر بىر مىنىستىرنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېڭىسى ئالماشتۇرىلاتتى. بۇنداق ئورۇن ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلتاينىڭ بىر خىل قائىدىسى ھىساپلىناتتى. ئورنىغا كەلتۈرۈلگەن مىنىستىرنىڭ قابىلىيىتى مۇتلەق تۈردە ئالدىنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ تۈۋەن بولۇپ چىقاتتى.
پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ئىشلار ئەنە شۇ شەكىلدە تەكرارلىنىپ داۋاملىشىپ، ئاخىردا پارلامېنت تەۋەسىدىكى ھەممە كىشىنى ئەڭ پەسكەش تەييارتاپلار ھالىغا كەلتۈرىۋەتكىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ تەييارتاپ پارازىىتلار ھەر قېتىملىق سايلىنىشىدا كۆپ سانلىق قارار چىقىرىش پىرىنسىپىنى ساقلاپ قېلىشقا، يەنى ئەھمىيىتى يوق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەنلا مەشغۇل بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىشقىلا تىرىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى شۇنچىلىك ئىدى. ئەنە شۇنداق ئىشلارنى كۈزىتىش ئۈچۈن ۋيېننا ماڭا ئەڭ مۇۋاپىق بىر مەكتەپ بولۇپ بەرگەن ئىدى.
مەن بۇ جەرياندا بۇ خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز بىلىم ۋە قابىلىيەتلىرى ئاساسىدا ھەل قىلىشقا مەجبور بولغان مەسىلىلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرۈشكە كىرىشتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى، قايسى خىل ئىدىيىۋى قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ يېقىندىن كۈزىتىشكە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ ئىشلارنىمۇ تۈگەتكىنىمدىن كېيىن، بۇ تۈردىكى چولپانلىرىمىزنىڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاسماندا بىر-بىرلەپ چاقنىشىغا كارىم بولماي بىر چەتتە قاراپ ئولتۇرالمايتتىم.
كۈلۈمسىرەپلا يۈرىدىغان بۇ مۇلايىم كىشىلەرنىڭ ئەسلى قانداق نەرسىلەر ئىكەنلىكى ھەمدە قانچىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن-خەلق مەنپەتى ئۈچۈن بۇ ئالاھىدىلىكىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنى سىياسى پائالىيەت جەريانىدا ئۇلار قايسى تۈردىكى سىياسىي ھۈنەرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشىم زۆرۈر ئىدى. پارلامېنت پائالىيەتلىرىنى، ۋەكىللەرنى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە تونۇشقا بولىدىغان بىتەرەپ پوزىتسىيىدە تۇرۇپ كۈزەتكەندە، ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر ئەھۋال ئوتتۇرغا چىقاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھىمايە قىلىۋاتقان خالىغان بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ياكى بىرەر كونكىرىتنى مەسىلىگە قارىتا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە كېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر نەزىرىيىگە ئاساسلانماي ئادەتتىكى گەپلەرنى يورغۇلىتىپ يۈرۈشلىرىنى كۈزىتىش ئارقىلىقمۇ پارلامېنت ئورگىنىنى ئوڭۇشلۇق تەتقىق قىلىشقا بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ پەسكەشلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا شوغۇللىنىپ يۈرگەن پۈتۈن رەزىللىكلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلساقمۇ ئۇلار ھەققىدە كىشىنى چۈچۈتكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن ئىدى.
ئەگەر بىتەرەپ پوزىتسىيىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، پارلامېنت پىرىنسىپلىرىغا ئوخشايدىغان بۇنداق خاتا نەرسىنى باشقا ھېچقانداق يەردە ئۇچرىتالمايمىز.
ئاۋال خەلق ۋەكىللىرىنىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا سايلىنىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ باقايلى. خەلق ۋەكىللىرىنىڭ بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن ھەرقانداق بىر ئۇتۇغى خەلققە پايدىلىق بەكلا ئاز نەرسىلەرنى ھەل قىلىشقا يارايدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەتىجىلەر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرەلەيدىغان، دەردىگە دەرمان بولالايدىغان ئىقتىدارلىق سىياسىيونلارنى تاللاپ قۇرۇلتايغا ئىۋەرتىشكە يەتمەيتتى. خەلق ئاممىسى دىگەن بۇ توپلۇم ئىچىدە شەخسىلەرنىڭ خۇسۇسىي تەجرىبىلىرى بىلەن بىلىملىرى بەك ئېنىق بىلىنىپ كەتمەيتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىرىنى ئادەتتىكى تاشقى كۆرۈنۈشلەرگە تايىنىپلا جەلىپ قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، گېزىت تەشۋىقاتى بىلەن گېزىتلاردا ئېلان قىلىنىدىغان ئاممىنى قايىل قىلىدىغان خەۋەر-نوتۇقلار ئارقىلىق خەلقنى بەكلا ئاسان ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋېلىش مۇمكىن.
خەلق ئاممىسىنىڭ دىنى ئېتىقاتىنى ئىزچىل تەربىيە ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى ۋە ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە قۇيىۋەتكىلى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىتىقاتلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئىزچىل روھىي تەربىيە بېرىشكە تايىنىپ سىڭدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش مۇمكىن.
تەشۋىقات دەپ ئاتالغان بۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ سىياسىي تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش ئىشىدا گېزىت-ژورناللارغا ئوخشاش مەتبۇئات ئورگانلىرى ئالاھىدە ئۆنۈملۈك رول ئوينىيالايدۇ. گېزىتلار كۈندىلىك خەۋەرلىرىگە تايىنىپ قورامىغا يەتكەن خەلق ئاممىسىنى تەربىيىلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەكتەپ بولۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئەمما بىزدە بۇنداق مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ قولىدا ئەمەس بەلكى بەزى ناچار، يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ قولىدا قالغان ئىدى. يەنە شۇ ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىمدا بۇ تۈردىكى جامائەت پىكىرى تەييارلىغۇچى ۋاستىلار بىلەن بۇ ۋاستىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان كۈچلەرنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم.
مەتبۇئاتلارنى كۈزىتىش ئىشىگە كىرىشكەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدىن تارتىپلا دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق بولغان بۇ كۈچنىڭ ئالدىن پىلانلانغان بىرەر كۆزقاراشنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پەيدا قىلالايدىغانلىقى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇنداق كۆزقاراشلار جەمىيەتتىكى ئەقەللىي ۋە رىئال كۆزقاراشلارغا ھەر قانچە زىت كەلگىدەك قىلسىمۇ، بۇ تۈردىكى زىيانلىق كۆزقاراشلارنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن تارقىتالايتتى. بۇ مەتبۇئاتلار ئادەتتىكىلا بىر ئىشلارنى بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىۋىتەلەيتتى ياكى شۇ باھانىدا دۆلەتنىڭ باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋىتەلەيتتى. بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان بىرمۇنچە كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ئىش-ئىزلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەردە ئۇلارنى راستىنلا ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك دانا، قەھرىمان كىشىلەر ئىكەن دېگەنگە ئىشەندۈرۈپ، ئۇ ئادەمنى پۈتۈن ئۆمۈرىدىمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان يۈكسەك ئابرويلۇق كىشىگە ئايلاندۇرىۋىتەلەيتتى. بىر-ئىككى ئاي بۇرۇن ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچكىم تونىمايدىغان كىشىلەرنى بۈگۈننىڭ داڭلىق كىشىلىرى دەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئومۇمنىڭ، دۆلەت مەنپەتىگە، بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەسىلىلەر بىراقلا كۆمۈپ تاشلىناتتى. بەزىدە بۇ كىشىلەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشقانلىرىدا پۇرسىتى كەلگىنىدە بۇرۇنقى بىرەر رەزىللىكىدىن، بىرەر نومۇسسىزلىقىدىن ۋە بىرەر خىيانەتكارلىقىدىنمۇ ئېغىز ئېچىشىپ، تونۇشتۇرىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشاتتى. ئەخلاقى پەزىلەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرنى قارىلاش جەھەتتىكى رەزىل پەسكەشلىكلىرىنى يەھۇدىيلار بىلەن ماركىسىزمچىلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا پاش قىلىش مۇمكىن ئىدى.
بۇ تۈردىكى كۆزقاراش ئوغرىلىرى ئۆزىنىڭ رەزىل غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىۋېلىش ئۈچۈن قىلمايدىغان ئەسكىلىكى يوق. بۇ مەخلۇقلار پەزىلەتلىك ساپ بىر ئادەمنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا قارا چاپلاشتىنمۇ يانمايدۇ. شەرمەندە قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن بىر كىشىنى قارىلاپ ۋەتۋەرىگىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قولىغا ئىلىشكىدەك بىرەر باھانە تاپماي تۇرۇپ ئۇ كىشىنى ھەرگىزمۇ ئارامىدا قويمايدۇ. شۇنىڭدىمۇ ئومۇم مەنپەئەتىگە ياكى شەخسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كىچىككىنە بولسىمۇ بىرەر ئەيىپ تاپالماي قالغىنىدا دەرھال تۆھمەت چاپلاش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار، جامائەتچىلىك ئالدىدا پەزىلەتلىك بىرسىگە يىتەرلىك دەرىجىدە قارا چاپلانغىنىدا ئۇ كىشى ئۆزىنى ھەرقانچە ئاقلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، ئۆزىگە ئوخشاش باشقا گېزىتلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ تۈردىكى بوھتانلارنى پۈتۈن جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرىۋېتەلىگىنىدە، ئۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرىۋېتىشكە بولىدىغانلىقىنى بەك ياخشى بىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ھەرگىزمۇ ھەممىگە مەلۇم ئادەتتىكىدەك ئىشلارنى باھانە قىلىپ بىرسىگە ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئۇلار پاك بىر ئادەمنى قارىلىماقچى بولغىنىدا، ئۇ كىشىگە ئەڭ ئېغىر بوھتانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغاندىلا ئاندىن تولۇق ۋەيران قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ مەرەزلەردىن تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! … بۇ قانۇن قاچقۇنلىرى ئابرويلۇق يۇرتداشلىرىمىزنى ھىلىگەرلىك، سۇيىقەستچىلىك ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭغا خۇددى بىر رۇدىپايدەك چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ گويا ھەققانىيەتنى قوغداۋاتقان كىشىلەردەك ئۇنى سىلىق-سىپايە كىنايە سۆزلىرى بىلەن ھاقارەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق كۆرۈلگىدەك قىلسا “بىز مۇخبىرلىق ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداۋاتىمىز” دەپ تۇرىۋالىدۇ. پەقەت بولمىغاندا باشقا تايىنى يوق قۇرۇق باھانىلارنى كەلتۈرۈپ قىلىۋاتقان ئىشىنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىشىدۇ. ئەڭ كۆپ ئاپەت تېرىيدىغان يىغىلىش ياكى قۇرۇلتايلىرىدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، “مۇخپىرلىق ئىناۋىتى” دېگەندەك ئالاھىدە ئىناۋەتلىك بىر ئورگان ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندەك بىلجىرلاشقا باشلايدۇ. مۇستەقىل پىكىر يۈرگىزىش قابىلىيىتى بولمىغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى بىلجىرلاشلىرىغا رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ قاراپ ئولتۇرىشىدۇ. مانا بۇلار، ئاممىۋىي ئەپكار ئىشى بىلەن شوغۇللىنىدىغان باندىتلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى. دېمەك، ئۇلار بىرەر جامائەت پىكىرىنى ئەنە شۇ خىل تۆھمەتخور لۈكچەكلەر گۇروھىغا تايىنىپ پەيدا قىلىشماقتا. شۇندىن كېيىن خۇددى دېڭىز كۆپۇكى ئىچىدىن بىر چولپان يۇلتۇزى چىققاندەك بۇ جامائەت ئارىسىدىنمۇ بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى چىقىپ كېلىدۇ. …
پارلامىت دېگەن بۇ مۇئەسسەسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇش، بۇ ئورگاننىڭ باشتىن ئاخىرى كۆز بويامچىلىق بىلەن تولغان ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن نەچچە توملۇق ماتېرىيال يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ ئورگاننى ئومۇمىي يۈزلۈك بىر قۇر كۈزىتىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، بۇ ئورگاننىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى بىرقۇر كۆزدىن كەچىرسەكلا كۇپايە. بۇ خىل كۈزىتىش جەريانىدا، ئەگەر كاللىسى ئىشلەيدىغان بىرسىلا بولىدىكەن، پارلامېنىت دېگەن بۇ ئورگاننىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقىنى دەرھاللا پەرق قىلالايدۇ.
ئەگەر دېموكاتىك پارلامىنت تۈزۈمى بىلەن نېمىس دېموكراتىيىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغانلا بولىدىكەنمىز، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغان ئوخشىماسلىقلار ئادەمنى ساراڭ قىلىۋەتكىدەك تەسىراتقا كەلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى دەرھال كۆرۈپ ئالالايمىز.
پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بەلگىلىك ساندىكى كىشىلەر (يېقىندىن بېرى ئاياللارمۇ) بۇ ئورگانغا سايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. مەسىلەن بۇ سايلانغان كىشىلەرنى بەش يۈز كىشى دەپ پەرەز قىلايلى. سايلانغان بۇ بەش يۈز كىشى بارلىق ئىشلار ئۈستىدە قارار ئېلىش سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ. يەنى، ماھىيەتتە ھۆكۈمەت ئەنە شۇ بەش يۈز كىشى دېمەكتۇر. كېيىن ئۇلار بىر ھۆكۈمەت مەھكىمىسى (كابېنت) تەشكىل قىلىپ چىقىدۇ. سىرتتىن قارىغاندا دۆلەت ئىشلىرىنى ئەنە شۇ ھۆكۈمەت مەھكىمىسى بىجىرىۋاتقاندەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشتىنلا ئىبارەت. ئەسلىدە كابېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك بۇ قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن تىلەمچىدەك بىچارە كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق بىر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشتا شۇ بەش يۈز كىشىنىڭ، يەنى پارلامېنتنىڭ رۇخسىتى بولماي ئۆز بېشىغا بىر قەدەممۇ ئالغا ماڭالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئورۇن ھەر قاچان پارلامېنت بولغاچقا، ھەرقانداق بىر مەسىلە كۆرۈلسە ھۆكۈمەتتىن مەسئولىيەت سۈرۈشتە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. ھۆكۈمەت ئورگىنى پەقەتلا كۆپ سانلىقنىڭ تەلەپلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بىر ئورگاندۇر. بۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مەيدانى ھەققىدە توغرا باھا بېرەلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇش ياكى كۆپ سانلىق دەپ ئاتالغان بۇ پارلامىتنى ئۆز كۆزقاراشلىرىغا قايىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ماھارەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا قاراپ بىر نېمە دىيەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇنداق شەكىلدە ئىش يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر قالغان بىر ئورگان، ماھىيەتتە ھۆكۈمەت مەھكىمىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان، ھەر ۋاقىت كۆپ سانلىقتىن يوليورۇق تىلەيدىغان بىچارە ھۆكۈمەت ئورۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق قىلىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ھەر دائىم بۇ كۆپ سانلىقنىڭ تەستىقلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئايلىنىپ يۈرىدىغان، ياكى بولمىسا ئۆزلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان يېڭىدىن ئىككىلەمچى كۆپ سانلىقنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن تىپىرلاپ يۈرىدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئىككىلەمچى كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرەلىسە، بۇ ھۆكۈمەت يەنە بىر مەزگىل ساقلىنىپ قالالايدۇ. بۇنداق بىر كۆپسانلىقنى پەيدا قىلالمىسا، قىلىدىغان باشقا بىر ئىش قالمىغاچقا، ئۆز لاھىيە-پىكىرلىرىنىڭ ھەر قانچە توغرا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاستا ئورۇن بوشىتىپ ئىستىپا بېرىشتىن باشقا يولى يوق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دۆلەت مەسىلىلىرىدە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دەيدىغان پىرىنسىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھېساپلىنىدۇ.
بۇنداق بىر ۋەزىيەتتىن كېلىپ چىققان نەتىجە ھەممىگە مەلۇم: بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان كەسىپكە ھەمدە ھەر خىل قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ گۇمانلىق بولغان بۇ بەش يۈز كىشىدىن تەشكىل تاپقان قۇرۇلتايدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىتىدىغان ئىچكى زىددىيەتلەرگە تولغان بىر كۆپسانلىق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى شۇكى، خەلقىمىزنىڭ بۇ تاللانغان ئادەملىرى ئەقىل ۋە مەنتىق جەھەتلەردىنمۇ تاللانغان كىشىلەر ئەمەس ئىكەنلىكى ئىدى. مېنىڭچە، يۈزلىگەن سايلام قەغىزى ئىچىدىن ئەقىللىق بىر دۆلەت كادىرى تۇغۇلىدۇ دەپ ھېچكىم كېسىپ ھۆكۈم قىلالمىسا كېرەك؟ ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق داڭلىق كىشىلەرنى تاللاشقا بولىدۇ دەپ قاراش ئۇچىغا چىققان ئاخماقلىق. بىرىنچىدىن، بىر خەلق ھەقىقى دۆلەت ئادىمىدىن ئەمەلىي پائالىيەتلىرى جەريانىدا نەچچە يۈز نەپەر ئەمەس پەقەت بىر نەپەرنىلا ئوتتۇرغا چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىدا ھەرقانداق بىر داڭلىق كىشىگە قارىتا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان بىر مىجەزمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سايلام يولى بىلەن بىرەر داھى تاللاپ چىقىمەن دېيىش يىڭنىنىڭ تۈشىگىدىن تۈگە ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغاندەك مۈشكۈل بىر ئىش. ئادىمىزات پەيدا بولغىنىدىن بۇيان ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەرقانداق بىر پەۋقۇلئاددە نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي شەخسى بىر ئادەمنىڭ پىكىرى ۋە ئۇ كىشىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەپسۇسكى، پارلامېنت سىستېمىسىدە، سەۋىيىسىنى ئوتتۇرچە سەۋىيىدىنمۇ تۈۋەن كىشىلەر دەپ قاراشقا بولىدىغان بۇ بەش يۈز ئادەم، خەلقنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە قارار چىقىرالايدۇ، ئاندىن بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى سۈپىتىدە يەنە شۇ قۇرۇلتاينىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا مەجبور بولىدىغان ھۆكۈمەتلەر قۇرۇلىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، دۆلەت سىياسىتى دېمەك، ئەسلىدە ئەنە شۇ بەش يۈز كىشىنىڭ سىياسىتى دېمەكتۇر.
ئەمەلىيەتتىمۇ دەل شۇنداق بولماقتا!
ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇپ، يالغۇز ئۇلارنىڭ ھەل قىلغان مەسىلىلىرىنىڭ تۈرلىرى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلانغان تەدبىرلىرى ۋە ئالغان قارارلىرىنىڭ بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ چىگىشلەشتۈرىۋىتىلگەن مەسىلىلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىلا كۈزىتىدىغان بولساق، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈپ ئالالايمىز: قارار ئېلىش ھوقۇقى قۇرۇلتاينىڭ يىغىن زالىدا بار بولغان كىشىلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭمۇ بەك ئاز بىر قىسمى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلە ھەققىدە ئاز-تۇلا خەۋىرى ۋە تەجرىبىسى بولغان كىشىلەر بولىشى مۇمكىن. پارلامېنتتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئەنە شۇ شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق مۇزاكىرىلەرگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭمۇ ئاران ئوندا بىرسى بۇرۇن ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن شوغۇللانغان كىشىلەر بولىدىكەن. بۇ دېگەنلىك، بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەڭ ئاخىرقى قارار بېرىش ھوقۇقىنى ئەسلىدە شۇ مەسىلە ھەققىدە ئازىراقمۇ ساۋادى بولمىغان، قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇش دېگەنلىك ئىدى.
دۆلەت مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىش جەريانىمۇ ئاساسەن يوقۇرقى جەرياندىن قىلچە پەرق قىلمايتتى. مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن بىرەر قارار بېرىشكە تىگىشلىك بولغان مەسىلىلەر خەلق ئاممىسىغا تەۋە مەسىلىلەر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، پارلامېنت تۈزۈمى ئۆزگەرمىگەنلىكى ئۈچۈن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاجىز، ساۋاتسىز كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ پارلامېنت كۆپسانلىقى ھەر دائىم ئۆز مەنپەئەتلىرىگە مايىل قارار چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بىرەر ھەل قىلىش تەدبىرى چىقىرىشقا تىگىشلىك بولغان پارلامېنت ھەيئەتلىرى پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرىشى شەرت ئىدى. چۇنكى، خەلقنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىلەن ئاساسلىق سىياسەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى يەنە شۇ مەخلۇقلارنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشقا ھېچقايسى رازى ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇ كىشىلەرنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە، بۇ كىشىلەر نەچچە ئەسىردە ئاران بىر قېتىم ئوتتۇرغا چىقىدىغان داھىي سۈپەت كىشىلەردىن بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ كىشىلەر بىرەر پېچكىغىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان، تۈزۈك ھەۋىسىنىڭمۇ تايىنى يوق ئەقلسىز، ئابرويپەرەس، چۈشىنىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ھەر تۈرلۈك ئەقىدىلەر ئىچىدە باشلىرى قېيىپ كەتكەن نەرسىلەر ئىدى. راس دېگەندەك، بۇ كىشىلەر چوڭ-چوڭ ئالىم سۈپەت كىشىلەرمۇ مېڭىسىنىڭ قېتىغى چىقىپ كەتكىچە باش قاتۇرۇپ ئاران چارە تاپالايدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىمۇ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئاددىي مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىشىپ يەڭگىلتەكلىك بىلەنلا قارار چىقىرىدىغان كىشىلەردىن بولىشىنى پەقەت يوقۇرقىدەك ئاددىي كىشىلەر ئىكەنلىكى ئارقىلىقلا ئىزاھلاش مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلىلەر بىر ئىرقنىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋاتلىك ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئەمەس، خۇددى ئۇلار بۇ يىغىن زالىغا بىرەر مەيدان دامكا ئويۇنى ئويناشقا كەلگەن كىشىلەردەك خەلق، دۆلەت تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك شۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنى ئويۇن ئوينىغاندەك يەڭگىللىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدۇ.
ئەنە شۇنداق بىر پارلامېنتتىن، شۇنچە يەڭگىلتەكلىك بىلەن قارار قوبۇل قىلىشىدىغان بۇنداق بىر قۇرۇلتاينىڭ ھەرقانداق بىر ۋەكىلىدىن بىرەر مەسئولىيەت تەلەپ قىلىمەن دېيىش ھەرگىزمۇ ئەقىلغا سىغىدىغان ئىش ئەمەس.
ئەپسۇسكى، بۇنداق مۈگىدىشىپ ئولتۇرغان بەزى ۋەكىللەر زادىلا ئەقلى يەتمەيدىغان تېمىلار ئۈستىدە بىرەر قارار بېرىشكە مەجبورلىنىش نەتىجىسىدە بۇ ۋەكىللەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ئاستا-ئاستا سوۋۇپ جاسارىتىنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ. دېمىسىمۇ ئۇلاردىن بىرەرسى چىقىپ “دوسلىرىم، مېنىڭچە بۇ تېما ھەققىدە ھېچقايسىمىز بىر نېمە بىلمەيدىكەنمىز” دېيىشكە ياكى “مەن بۇ ئىشنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم” دېيىشكە جاسارەت قىلالمايدۇ. گەرچە بۇنى دىيەلىگىدەك بىرسى چىقسىمۇ بىرەر ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىشى ناتايىن. چۇنكى بۇنداق قۇرۇلتايلاردا ئاق نىيەتلىك بىلەن دېيىلگەن بۇ خىل گەپلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. ھەتتا ئۇنداق راس گەپ قىلىدىغان ناداننى ئىشىمىزنى خاراپ قىلدىڭ دەپ دەرھال ئاغزىنى تۇۋاقلىشىدۇ.
ئادەمنىڭ مىجەزىنى بىلىدىغان كىشىگە مەلۇمكى، راستچىللىقنى دۆتلۈك دەپ تونۇيدىغان بۇنداق سالاپەتلىك ۋە داڭلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر گۇرۇھ كىشىلەر ئارىسىدا، ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھەممىدىن دۆت بىرسى ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئەسلىدە ئاز-تۇلا راستچىل بولغان بىر پارلامېنت ۋەكىلىمۇ ئاستا-ئاستا يالغانچىلىق، ھىلى ئىشلىتىدىغان يولىغا مەجبورى كىرىپ قالىدۇ. يالغۇز بىر كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغاچقا، ھېچكىممۇ ئاۋاز بەرمەي جىم ئولتۇرىۋېلىش يولىنى تاللىمايدۇ. نەتىجىدە، ھەر بىر ۋەكىل ئۆزىنى ئۇ يەردىكىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ دۆت بىرسى دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالغان ۋەكىللەرنىڭ سەۋىيىسى ئۆزىگە يەتمەيدۇ دەيدىغان ئىشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھەر بىرسى ئەسلىدىنلا بەك ئاق كۆڭۈللىك قىلىش ھامىنى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ھەر بىر ۋەكىل ھەرقانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە كەسىپ ئەھلى بولۇپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىپ تۇرىدىغان پارتىيىسىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى، پارتىيىسىنىڭمۇ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەردىن كومىسسىيىلەرنى تەشكىللەپ ھەر قانداق بىر مەسىلە ھەققىدە ھەممە ۋەكىلنى ماتېريال بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا قۇرۇلتاي مۇزاكىرىلىرىدە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بەك قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.
بىر قارىماققا، بۇنداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىنىش نەتىجىسىدە ھەر بىر ۋەكىل ھەر جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاز-تۇلا بىلىمى باردەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر سۇئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ: ئەگەر مەسىلىلەرنى بىلىدىغان بىر قانچە مۇتەخەسسىسنىڭ چۈشەنچە بېرىشى يىتەرلىك بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ يەرگە بەش يۈز كىشىنى يىغىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
ئەسلى مەسىلە مانا مۇشۇ ئىدى.
بىزنىڭ بۈگۈنكى دېموكراتىك پارلامېنت سىستېمىمىز ئەقىللىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر قۇرۇلتاينى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈشنى ھەرگىز ئويلاشمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا ئادەتتىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بىر “سىياسىي گۇرۇپ” تەشكىل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ قۇرۇلتاينى بەلگىلىك بىر يۆلۈنۈش بويىچە يىتەكلەپ مېڭىش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتاينى تەشكىل قىلغۇچى كىشىلەر كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتمەيدىغان مەخلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان بولىشى شەرت ئىدى. شۇ چاغدىلا پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىمكانى يارىتىلغان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق پارتىيىنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئادەم ھېچقانداق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالماي تۇرۇپلا قىلچە تەمتىرىمەستىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قۇماندانلىق قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاقىۋەتتە، قۇرۇلتايدا ئېلىنغان خەلق مەنپەتىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان بىرەر قارارنىڭ جاۋاپكارلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق نومۇسسىز بىر مەخلۇقنىڭ ئۈستىگە ئارتىلماي، پۈتۈن جاۋاپكارلىق پارتىيىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويىلىدۇ. قىسقىسى، مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھېچكىم تېپىلمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا مەسئولىيەت مەلۇم بىر كىشى ئۈستىگە ئارتىلىپ قېلىپ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قۇرۇلتاي مەسئولىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولىدۇ. قىسقىسى، پارلامېنت تۈزۈمىدىن ھەممىدىن ئاۋال ھەممىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن قورقىدىغان گۇمانخور كىشىلەر بەكلا رازى بولىشىدۇ. مەسئولىيەتچان ئاق نىيەتلىك، ۋەزىپىسىگە سادىق كىشىلەر بولسا بۇنداق بىر تۈزۈمنى ئەسلا خالىمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، دېموكراتىيىنىڭ بۇ خىل شەكلى يامان غەرەزلىك يەھۇدىي ئىرقىغا بەكلا يارايدىغان بىر تۈزۈمدىن ئىبارەت. يەھۇدىي خاراكتىرىگە ماس پەسكەشلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان بۇنداق بىر ئورگاندىن پەقەت يەھۇدىيلارلا مەمنۇن بولىشى مۇمكىن.

ئىمپىرىيە ئوردىسى
ھەقىقىي نېمىس دېموكراتىيىسى بۇنداق بىر تۈزۈم بىلەن ھەرگىزمۇ چىقىشالمايدۇ. چۇنكى، ھەقىقىي دېموكراتىيىلەردە ئەركىن سايلام ئارقىلىق سايلىنىپ چىققان ھۆكۈمەت رەئىسى، قىلغان بارلىق ئىشلىرى بىلەن پۈتۈن ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىنىڭ مەسئولىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبور. بۇنداق بىر دېموكراتىيىدە ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كۆپ سانلىق ئاۋازىغا تايىنىپ ھەل قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇنداق دېموكراتىيىدە مەسئولىيەتنى پەقەت بىرلا كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بۇ كىشى پۈتۈن قارارلارنى ئۆزى بېرىپلا قالماي، بۇ ئىشىغا جان پىدالىق بىلەن بېرىلىپ، پۈتۈن نەرسىسىنى تىكىپ مەسئول بولىدۇ.
بۇ خىل شەرتلەر بويىچە نېمىس دېموكراتىيىسى ئۈچۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ماقۇل دەيدىغان ئادەمنى تېپىش ئۇڭايغا چۈشمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، تەڭرىگە مىڭ شۈكرىكى، نېمىس دېموكراتىيىسىنىڭ ئەسلى مەنىسىمۇ دەل بۇنى تەققەززار قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق بىرسى تېپىلمايدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمىز. نېمىس دېموكراتىيىسى ئۇنداق يوشۇرۇن پەسكەش يوللار بىلەن ئىش قىلىدىغان نامەرت ۋە نومۇسسىز بىرسىگە خەلقىنىڭ تەغدىرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇشقا ھەرگىزمۇ يول قويالمايدۇ. بۇ يەردە بۇنداق بىر ۋەزىپە، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش جەريانىدىكى ئۈستىگە چۈشىدىغان مەسئولىيەتنىڭ ئېغىرلىقى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان قورقۇنچاقلارنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمەيدىغان ئالاھىدىلىككىمۇ ئىگە.
ئەگەر نومۇسسىز بىرسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقماقچى بولغىنىدىمۇ، نېمىس دېموكراتىيىسى ئۇنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشىكارىلاپ، يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ: “سەھنىدىن يىراق تۇر، پەسكەش مەخلۇق! سەھنىدىن دەرھال چۈش، بولمىسا ئۇ يەرنى پاسكىنا ئاياقلىرىڭ بىلەن كىرلەشتۈرىۋېتىسەن!” دەپ ۋارقىراشنى بىلىدۇ. چۇنكى تارىخ سەھنىلىرىگە ھېلىگەرلەر ئەمەس پەقەت قەھرىمانلارلا لايىق بولالايدۇ.
مەن بۇ خۇلاسىنى ۋيېننا پارلامېنت پائالىيەتلىرىنى ئىككى يىل كۈزىتىش ئارقىلىق چىقارغان ئىدىم.
بۇ خۇلاسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ پارلامېنت بىناسىغا ئىككىنچىلەپ ئاياق باسمىدىم.
پارلامېنىت تۈزۈمى، قېرىپ ھالى قالمىغان ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ يىمىرلىشىنى تېزلىتىپ بەرگەن ئالدىنقى ئورۇندىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ يىمىرىلىش جەريانى، كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ روشەن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. نېمىس ئامىلىنىڭ ئۈستۈنلىگىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەنسىرى نېمىس مىللەتچىلىك كۈرىشىمۇ كۈچىيىپ، ئىمپىرىيە پارلامېنت ھۆكۈمىتى بۇ كۈرەش ئىچىدە بارغانسىرى چوڭقۇر بوھران ئىچىگە پېتىشقا باشلايدۇ. رېيچسرات ئىچىدىكى بۇ كۈرەش ھەر دائىم نېمىسلارنىڭ زىيىنىغا تەرەققى قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ زىياندىن ئىمپىرىيىمۇ ئۆز نىسىۋىنى ئالماقتا ئىدى. چۇنكى، ئەڭ گالىۋاڭ ئادەملەرمۇ 1900-يىلىغا كەلگىچە شەرقتىكى ئاپتونومىيىلەردە كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۆلۈنۈشكە قاراپ يۈزلىنىشى سەۋەپلىك، مۇنارخىيىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە ھېچكىم توسالغۇ بولالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنداق بىر توسالغۇنى پەيدا قىلىش بىلەنلا قالماي، ئىمپىرىيە كۈنسايىن پارچىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا ئىدى.
دۆلەتنىڭ بۇنداق يىمىرىلىشكە قارشى تىركىشىش ئۈچۈن ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتقان چارىلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچسىزلىشىپ كېتىۋاتقاچقا، ھەممە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىغان ئىدى. يالغۇز ۋېنگىرىيىدىلا ئەمەس، قالغان ھەرقايسى سلاۋيان ئاپتونومىيىلىرىدىمۇ مونارخىيىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن ئازىيىپ بارماقتا ئىدى. قىزىق يېرى، بۇنداق ئاجىزلىشىشتىن نومۇس قىلىدىغان بىرەر كىشىنىڭمۇ يوقلىقى ئىدى. ھەتتا بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىش تۇرماق، بۇنداق پارچىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشتىن ھەممە كىشى خوشال بولىۋاتقاندەك، ھەممىلا كىشى ئىمپىرىيىنىڭ بۇ تۈردىكى كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ئورنىغا ئۇنىڭ تېزىراق ئۆلۈشىنى كۈتىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
پارلامېتتىكى تولۇق يىمىرىلىشنىڭ شەپىلىرى ئابروي-مەنپەتىنى سېتىپ پارىخورلۇق يولىغا مېڭىش شەكلىدە ئوتتۇرغا چىقماقتا ئىدى. بۇنداق مەنپەتدارلىقنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنىنى يەنىلا نېمىس مىللىتى ئوتتۇرغا چىقىپ توساشقا مەجبۇر ئىدى. نېمىسلار قالغان مىللەتلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن يىتەكلەپ بۇنداق يىمىرىلىش يولىغا مېڭىپ كېتىشتىن توساشقا تىرىشاتتى. ئەمما نېمىسلارنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەر دائىم يىمىرىلىش تەرىپىگە قاراپ بارغانسىرى يېقىنلاشماقتا ئىدى. بولۇپمۇ پادىشا ۋارىسى بولغان ئارشىدۈك فرانچويس فەردىناند ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىپ خاندانلىقنىڭ يوقۇرىسىدىن تۆۋىنىگىچە مەخسۇس پىلانلانغان ۋە تېزگىنلەنگەن ئاساستا چېخلارغا مايىل بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تىرىشىپ كەلگەنلىكى، نېمىسلارنىڭ ئىمپىرىيىنى يىمىرىلىشتىن ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقلىرىغا پۈتۈنلەي قارشى تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. بۇ قوش مىللەت ھۈكمىرانلىق قىلىدىغان خاندانلىقنىڭ ۋارىسى مەيلى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارە بولسۇن، بارلىق چارىلارنى ئىشقا سېلىپ ئىمپىرىيە تەركىۋىنىڭ نېمىس تەسىرىدىن تازىلىنىش ئىشىنى تېزلەشتۈرۈپ بەرمەكتە ئىدى. گەرچە بۇ ۋارىس بۇنداق بىر پارچىلىنىش ھەرىكىتى بىلەن بىۋاستە شوغۇللانمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مەركەزگە يېقىن ئورۇنلاردىكى نېمىسلارنى ئۇستىلىق بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى تاللاش باھانىسىدا ھەرخىل مىللەتلەر ئارلىشىپ كەتكەن خەتەرلىك چەت-ياقا يۇرتلارغا ئىۋەرتىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، ئۇلاردىن بوشىغان ئورۇنلارغا چېخلارنى تىقىشتۇرۇشقا كىرىشمەكتە ئىدى. نەتىجىدە، چېخلار ۋيېننانىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پايتەخت شەھىرى دەپ ھېساپلايدىغان ھالغا كەلمەكتە ئىدى.
ھابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ يېڭى ۋەكىلى ئارشىدۇك، پۈتۈنلەي كاتولىك پىرىنسىپلىرى ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت ئۇرۇس كاتولۇكلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر قوشۇمچە كۈچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن خامخىيال بويىچە، ئوتتۇرا ياۋرۇپادا تەدرىجى شەكىلدە بىر سلاۋيان دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش دەيدىغان يېڭىچە پىكىرىنى ھابسبۇرگ خاندانلىقى ئىچىدە كۈچەپ تەرغىپ قىلماقتا ئىدى (ۋارىس ئارشىدۇكنىڭ ئايالىمۇ بۇرۇنقى چېخ كىنەز ئائىلىلىرىدىن بىرسىنىڭ مەلىكىسى ئىدى. نېمىس دۈشمەنلىكى بىر تۈرلۈك ئائىلە ئادىتىگە ئايلانغان بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بۇ مەلىكە، ئۆيىدە كۆپۈنچە چېخچە تىلدا سۆزلەيتتى.).
ھابسبۇرگ خاندانلىقى، بۇرۇنلاردا نۇرغۇن قېتىم پايدىلانغىنىدەك دىننى ھاكىمىيەت سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تاللىۋالغان بۇ يولى ھەر قەدەمدە نېمىس مەنپەتىگە زىيان سېلىپ كەلمەكتە ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق بىر يول نۇرغۇن تەرەپلەردە سەلىبى رول ئويناپ، مەيلى ھابسبۇرگ خاندانلىقى ياكى كاتولىك چىركاۋلىرى ئۈچۈن قىلچىمۇ نەتىجە بەرمىگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھابسبۇرگ خاندانلىقى تەختتىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا قالماي، رىمنىمۇ ئىنتايىن چوڭ بىر دۆلەتتىن مەھرۇم قالدۇرغان ھېساپلاندى. چۇنكى دىنى ئەقىدىلەرنى سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمەن دەپ ئويلىغان پادىشا، شۇ كۈنگە كەلگىچە پەقەتلا قوزغالماي جىم ياتقان غايەت زور روھى كۈچنى ئويغۇتىۋەتكەن ئىدى. يەنى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بۇ خاندانلىق ئاۋسترىيە تەۋەسىدە پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ نېمىسلىكنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى، ئاۋسترىيەدە پان گېرمانىزم مەقسەتلىك نېمىس ئىتتىپاقى دېگەن بىر ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇپ زورىيىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
1880~1890-يىللىرى ئارىسىدا يەھۇدىيلىقتىن ئىلھام ئالغان مانچېستېر لىبىرالىزمىمۇ ئاۋسترىيەدە چېكىگە يەتكەن، ھەتتا نېرىسىغا ئۆتۈپ بېرىسىغا قاراپ قالغان ھالغا كەلگەن ئىدى. بۇنداق بىر ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلەر ھەر دائىم كۆرۈلگىنىدەك ئىجتىمائىي پىكىر شەكلىدە ئەمەس بەلكى مىللەتچىلىك تۈسىنى ئېلىپ يېيىلماقتا ئىدى.
تۇغما بولغان ئۆزىنى قوغداش ئىچكى تۇيغۇلىرى نېمىسلارنى پائال تۈردە مۇداپىيىگە ئاتلاندۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قارشى پائالىيەتلەر ئاۋسترىيىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىنلا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەت ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىپ رەسمى سىياسى ھەرىكەت ھالىغا ئايلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى سىياسىي داۋالغۇشلاردىن كېيىن ئىككى پارتىيە ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. بۇ پارتىيىلەرنىڭ بىرسى مىللىي خاراكتىردە بولۇپ، يەنە بىرسى سوتسيال خاراكتىردە ئىدى. ئوتتۇرغا چىققان ھەر ئىككىلا پارتىيە بۇرۇنقى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئالغان ئىدى. ھابسبۇرگ خاندانلىقى 1866-يىلقى ئۇرۇشتا پاجىئەلىك تۈردە يېڭىلغاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن ئىنتىقام ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشمەكتە ئىدى. ئەمما مېكسىكا ئىمپراتورى ماكسمىلېننىڭ پاجىيەلىك ئاقىۋىتى فرانسىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا ئىدى. يەنى ماكسمىلېننىڭ تەلەيسىزلىكى ناپالىيون ئۈچىنچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ فرانسۇزلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشى مىسلىسىز يىمىرىلىشكە سەۋەپ بولماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ھابسبۇرگ خاندانلىقى يەنىلا پەيت كۈتمەكتە ئىدى. ئەگەر 1870~1871-يىلقى ئۇرۇش تەڭداشسىز غالىبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولمىغىنىدىمۇ ۋيېننا ئوردىسى ھەر قانداق ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بەرىبىر سادوۋۋانىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن قانلىق كۈرەشكە ئاتلانماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سېپىدىن ھەيران قالارلىق غالىبىيەت خەۋەرلىرى يېتىپ كېلىشى ھامان، كاللىسى ئىشلەيدىغان ھۆكۈمدار بۇنداق بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىش پەيتى ئەمەسلىكىنى دەرھال سېزىپ، تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلمىگەنلىكىگە چىداشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئەمما بۇ ئىككى يىللىق شانلىق كۈرەش تېخىمۇ كۈچلۈك بىر مۇجىزىنى ئوتتۇرغا چىقارغان ئىدى. ھابسبۇرگ خاندانلىقىنى سەپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇنداق سەپ ئۆزگەرتىش، ھەرگىزمۇ چىن قەلبىدىن كەلگەن بىر ئۆزگىرىش بولماي ئەسلىدە دەۋرنىڭ مەجبورلىشىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ئۆزگىرىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ، كونا شەرقىي مارشتىكى (چېگراسىدىكى) نېمىس خەلقى رېيچ قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيەتتىن ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا تەنتەنە قىلىشىپ ئەجداتلىرىنىڭ زەپەر مارشىنى قايتىدىن كۆرگەندەك ھاياجان ئىچىگە چۆمگەن ئىدى. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئالدىنىپ قېلىشقا بولمايتتى: چىن قەلبىدىن نېمىسلار تەرىپىنى ئالىدىغان بىر ئاۋسترىيەلىك شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدىكى، ھەتتا ئاخماق بىرسىمۇ چىرىگەن بىر كونا فېدراتسىيىنىڭ خارابىلىرىغا قارىغاندا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئىمپىرىيە ھەرقانچە سۈپەتسىز بولغىنىدىمۇ قايتا قۇرۇلغىنى ياخشىراق ئىكەنلىكىنى، بۇ شەكىلدە قايتا تىكلىنىدىغان بىر ئىمپىرىيە كونا كېسەللىكلەردىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايتتى. بولۇپمۇ ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق شۇنىمۇ تونۇپ يېتەلىگەن ئىدى: ھابسبۇرگ خاندانلىقى تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملىغان بولۇپ، يېڭى ئىمپىرىيە قەھرىمانلىق پىرىنسىپلىرى بىلەن بىزەلگەن رېىچ تاجىنى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ لايىق بولغان بىر باشقا كەيگۈزگەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن تەغدىرگە شۈكرى قىلىش لازىم. چۇنكى، قالايماقان بىر دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق بىر تاللاشتا خەلققە ئۈمىد بېغىشلىيالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق بىر كىشىگە، يەنى فرېدېرىخقا تاج كەيگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.
ئەمما، بۇ چوڭ ئۇرۇشتىن كېيىن خابسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ قوش مۇنارخيىسى سلاۋيانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجى دېگەننى باھانە قىلىپ خەۋىپلىك دەپ قارىغان نېمىس ئامىللىرىنى يوقۇتۇشقا كىرىشكەن ۋاقىتتا، خاندانلىقنىڭ يەر يۈزىدىن سىرىپ سۈپۈرىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىرقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بەكلا كۈچلۈك روي بەرگەن ئىدى. بۇنداق بىر قارشىلىق كۆرسىتىش بىلەن بۇنداق كۈچلۈك پارتلاشنى نېمىس تارىخى تا شۇ كۈنگىچە كۆرۈپ باققان ئەمەس.
ۋەتەنپەرۋەر دەپ قارالغان كىشىلەر تۇنجى قېتىم خائىن دەپ قارالماقتا ئىدى.
ئەسلىدە بۇ كىشىلەر مىللىتىگە، خەلقىگە قارشى كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئۆز مىللىتىنىڭ يوقۇلۇشىنى تېزلىتىپ بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە قارشى تۇرغان كىشىلەر ئىدى.
شۇنداق قىلىپ يېقىنقى زامان نېمىس تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋەتەن-مىللەتكە بولغان مىللىي سۆيگۈ، مەھەللىۋىي ۋە خاندانلىققا كۆرسىتىلگەن سۆيگۈدىن ئايرىلماقتا ئىدى.
1890~1900-يىللاردا، ئاۋۇسرتىيىدىكى پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ كۈچى، دۆلەت ئابرويى خەلق مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغىنىدىلا خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە، ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويماقتا ئىدى. ئەسلىدە ئابروي ھېچقاچان دۆلەتنىڭ غايىسى ئەمەس. ئەگەر دۆلەت ئابرويىنى غايە دەپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە ئىدى، ھەرقانداق بىر ئىستىبداتنىمۇ تەگكىلى بولمايدىغان مۇقەددەس ئەۋلىيا دەپ قاراشقا توغرا كېلەتتى.
ئەگەر بىرەر ھۆكۈمەت بىرەر مىللەت خەلقىنى خالىغان ۋاستىغا تايىنىپ ئاپەتكە باشلاپ ماڭغىنىدا، بۇ خەلقنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق كۆرسىتىشى بۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ھەر بىر پۇخراسىىنىڭ ھەققىلا ئەمەس بەلكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبورىي ۋەزىپىسىدۇر.
بۇنداق بىر ئەھۋال قايسى ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭغا نەزەرىيەلەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ جاۋاپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق بىر مەسىلىنى كۈچ قوللىنىپ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىغا تايىنىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت، مەيلى ئۇ ھۆكۈمەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ناچىرى، مىللىي مەنپەتلىرىگە مىڭلارچە قېتىم خىيانەت قىلغان ھۆكۈمەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنى بىلەن ئىناۋىتىنى قوغداشقا تىرىشىپلا قالماي، بۇنى بىر مەجبورىيەت دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق. بۇنداق ئەھۋالدىكى بىر ھۆكۈمەت ئۆزىگە قارشى بىرەر ھەرىكەت قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغىنىدا، قارشى چىققۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغا چارىلارنى ئىشقا سېلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى تىركىشىشكە مەجبوردۇر. ئەگەر بۇنداق بىر كۈرەشنى ھۆكۈمەت تەرەپ يولغا قويىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت قانۇنسىز يوللارنى تاللىۋالغان بولسا، قارشى چىققۇچىلارمۇ قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشى لازىم.
شۇنى ئۇنتىماسلىق كېرەككى، ئىنسانلار بىرەر دۆلەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆز ئىرقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياشايدۇ. يەنى، ئىنسان ئىرقىنى ساقلاش ھەققى دۆلەت ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىشى كېرەك.
ئەگەر بىرەر مىللەت بېسىم ئاستىدا قالسا ياكى باستۇرۇلۇپ يوقۇتۇلۇش خەۋىپىگە دۈچ كەلگىنىدە ئۇ مىللەت ئۈچۈن قانۇنلارغا رىئايە قىلىش مەسىلىسى ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمەت پۈتۈنلەي قانۇن بويىچە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۇنچە بەك ئەھمىيىتى يوق. زۇلۇم ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تۇغما ئىستىگى بويىچە ئېلىپ بارغان كۈرىشىدە خالىغان ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلىنىشى ئۇنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ھېساپلىنىدۇ.
دۇنيا تارىخىدىكى ئىچكى ياكى تاشقى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىدە ئېلىپ بارغان بۇنداق كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ پىرىنسىپ دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان.
ئەگەر بىرەر مىللەت كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە مەغلۇپ قىلىنغان بولسا، تەغدىر تارازىسى ئۇ مىللەتنىڭ مەسىلىسىنى پەللىگە قويۇپ تارتىپ كۆرۈپ، ئۇ مىللەتنىڭ بۇ ئاخىرەتلىك دۇنيادا داۋاملىق ياشاشقا قىلچە ھەققى قالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار تۇرالمىغان ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ-قۇدرىتى بولمىغان بىر مىللەت، تەڭرى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ۋەيران قىلىنىشقا پۈتىۋېتىلگەن مىللەتتۇر.
بۇ دۇنيا، بۇ سىستېما، ئۇنداق قورقۇنچاق ۋە ئاجىز مىللەتلەر ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس. يەنى، ئاجىز، قورقۇنچاق بىر مىللەتنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشقا ھەققى يوق.

خانىدانلىقنىڭ قەلبى − ۋيېننا
بۇ پىرىنسىپقا ئاۋسترىيەنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەك، ئەھۋال ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايمىز:
قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، نېمىسلاردىن باشقا كۆپ سانلىقلار بىلەن بىرگە نېمىس ئۆچمەنلىك ئەقىدىسىگە، يەنى پارلامېنتنىڭ نېمىسلارغا ئۆچ ۋەكىللىرىگە تايىناتتى، شۇنىڭدەك يەنە بۇ قۇرۇلتاي نېمىسلارغا قارشى تۇرىدىغان خاندانلىققا تايىناتتى. دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرى بۇ ئىككى ئامىل ئاساسىدا شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئاۋسترىيە نېمىسلىرىنىڭ تەغدىرىنى يوقۇرقىدەك ئامىللارغا تايىنىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بەكلا كۈلكىلىك بىر ئىش ئىدى. ئەمما بىزدىكى ‘قانۇنىي ئۇسۇل’ غا قىزىققۇچىلىرىمىزنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، بۇنىڭ مەنىسى نېمىسلار بارلىق نارازىلىقلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدىكەن. چۇنكى، بۇنداق بىر تىركىشىش قانۇنغا خىلاپ كىلەرمىش. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا مۇنارخىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان نېمىس ئىرقى تېز ئارىدىلا يوقۇلۇش يولىغا قىستىلىشى مۇقەررەر ئىدى. ئەسلىدە ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار پەقەت دۆلەتنىڭ ئاغدۇرۇلىشى نەتىجىسىدىلا بۇنداق قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتتىن ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن ئىدى.
شۆبھىسىزكى، ئۆزىنى بىلىملىك زىيالى دەپ ئاتىشىۋالغان كۆزئەينەكلىك نەزەرىيىچىلىرىمىز ئۆز نەزەرىيىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈشنى مىللىتى ئۈچۈن ئۆلۈشتىن چوڭ بىلىدۇ.
يەنى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشىدۇ. شۇندىن كېيىن ھېلىقى كۆزئەينەكلىك نەزەرىيىچىلىرىمىز ئوتتۇرغا چىقىپ ئىنسانلار ئەنە شۇ قانۇنلار ئۈچۈن ياشايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ.
ئاۋسترىيەدىكى كونا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، بۇ قۇرۇق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى نەزەرىيىچىلەرنىڭ ۋە ئۇندىن باشقا، دۆلەتنى بۇت ئورنىدا كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي ئىككىلەنمەي سىرىپ سۈپۈرۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى.
ھابسبۇرگ خاندانلىقى بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ نېمىسلارنى ئاخماق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان كۈنلىرىدە، پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسى ‘دەبدەبىلىك’ خاندانلىققا قىلچە ئىككىلەنمەي ھۇجۇم قىلالىغان ئىدى.
ئەسلىدە، چىرىگەن بۇ دۆلەتنىڭ ئىچىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر قېزىپ كۆرسىتىپ يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغانلار ئەنە شۇ پارتىيە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، كۈچلۈك ۋەتەن سۆيۈش دېگەن بۇ ئۇقۇم نېمىسلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان خاندانلىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشىدا قالغان ئىدى.
دەسلىۋىدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغانلار سەلدەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىك پائالىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. مەن ۋيېنناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا خرىسيان سوتسيال پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ خېلى يوقۇرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ ئاساسى جەھەتتىن قىممىتىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
ئۇ ۋاقىتلاردا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىشى جەريانىدا خرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنى تەكشۈرۈش ئىشى مېنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشىم بولغان ئىدى. مەن ۋيېنناغا كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا پان گېرمانىزم ھەرىكىتىگە چىن قەلبىمدىن بىرىلگەن ئىدىم.
ئۇ كۈنلەردە ئاۋسترىيە پارلامېنت زالىدا “ياشىسۇن خوھەنزوللېرنلار!” دەپ شۇئار توۋلاشلىرى ئاڭلانماقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر شۇئار توۋلاشقا جاسارەت قىلالىغانلىقىدىن خوشال بولۇپ چەكسىز ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئاۋسترىيەنى گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق بۆلۈنۈپ تۇرغان بىر پارچىسى دەپ قاراشلىرى، بۇنى پۇرسىتى كەلگەن ھامان ئېلان قىلىشقا تەييار تۇرالايدىغانلىقى ماڭا خوشاللىق، ئىشەنچ، جاسارەت ۋە غەيرەت بېغىشلاپ تۇراتتى. ئۇ كۈنلەردە ماڭا گېرمانىزم ئۈستىدە گەپ بولىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە ساپ ۋە قىلچە شەرت قوشماستىن مۇئامىلە قىلىشى، ئىرقىمىزنى ئازات قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما دەسلىۋىدە ئىنتايىن ئىستىقباللىق بولۇپ كۆرۈنگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. ھەتتا خرىستىيان سوتسيال پارتىيىسىنىڭمۇ دەل شۇ پەيتلەردە مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدىم. بۇ پارتىيىنىڭ ئابرويى بىلەن جەمىيەتتىكى تەسىرى شۇ كۈنلەردە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. بۇ ئىككى ھەرىكەتنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، تەلىيىم بىلەن پەرىشان ھالىتىم بۇ ئىشنى يېشىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەڭ ياخشى ياردەمچىم بولغان ئىدى.
ئاۋال بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىرى بىلەن پارتىيە قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئىككى كىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىدىم. بۇ ئىككى كىشى، گېئورگ فون شۆنېرېر بىلەن دوكتور كارل ليۇگېر ئىدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا پارلامېنت مۇھىتىدىكى مەسئۇل كىشىلەر ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ سىياسى-ئەخلاقى پەزىلىتىمۇ پارلامېنتتىكىلەر ئارىسىدا مىڭ مەرتىۋە ئۈستۈن كىشىلەر ئىكەن.
مەن دەسلىۋىدە پان گېرمانىزمچى شۆنېرېرگە بەكلا قىزىققان ئىدىم. ئەمما كېيىنچە خرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ داھىسىغىمۇ قىزىقىشقا باشلىدىم. بۇ ئىككى لىدېرنىڭ قىزىقىشلىرى بىلەن قابىلىيەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۆنېرېرنىڭ پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلىق بىرسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بۇ كىشى، ئاۋسترىيە دۆلىتىنىڭ چوقۇم يوقىلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەمدىن ئېنىق مۆلچەرلىيەلىگەن ئىدى. ئەگەر، رېيچ ھۆكۈمىتى شۆنېرېرنىڭ ھابسبۇرگ خاندانلىقى مەسىلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بالدۇرىراق قۇلاق سالغان بولسا ئىدى، گېرمانىيىنى ياۋرۇپا بىلەن دۈشمەن ھالغا كەلتۈرگەن دۇنيا ئۇرۇشى پالاكىتى ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان بولار ئىدى.
ئەپسۇسكى، شۆنېرېر مەسىلىلەرنى شۇنچە چوڭقۇر تەھلىل قىلالىغىنى بىلەن، كىشىلەرگە توغرا باھا بېرەلمەيتتى.
دوكتور ليۇگېر، بۇ جەھەتتە شۆنېرېردىن تۈپتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بىرى ئىدى.
دوكتور ليۇگېرنىڭ ئادەم مىجەزى-خاراكتىرى ھەققىدىكى چوڭقۇر بىلىمى ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك كۈچلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئىدى. ئۇ، بۇ تۈردىكى بىلىملىرىگە ئاساسلىنىپ كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا ئۇنىڭ قانداق بىرسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان بىرسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىدىغان بىرسى ئىدى. ئەمما شۋېنېرېرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتى بەكلا تۆۋەن ئىدى. پان گېرمانست بولغان شۋېنېرېر ھەممە ئىشنى تاشقى كۆرۈنىشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىدىغان بىرسى ئىدى. شۇنىڭدەك كۆزقاراش ۋە پىلانلىرىنى خەلق ئاممىسىغا ئۇقتۇرغىدەك قابىلىيەتكىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، چۈشىنىش قابىلىيىتى تۆۋەن بولغان خەلق ئاممىسىغا چۈشىنەرلىك قىلىپ خىتاپ قىلىشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ پەيغەمبەردەك بىلىمى ۋە ئېنىق چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا زادىلا كۈچى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ كىشىلەرنى ياخشى تونىيالمايدىغان ئاجىزلىقى ئۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاممىۋى ھەرىكەت كۈچى بىلەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى قېتىپ كەتكەن مەمورى ئورگانلارنىڭ قىممىتىگە خاتا ھۆكۈم قىلىشلارغا سەۋەپچى بولغان ئىدى.
شۋېنېرېر، شۆبىھسىزكى، ئاخىرىدا ئومۇمى پىكىرلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يىتەلىگەن ئىدى. ئەمما بۇ تۈردىكى دىنى ئېتىقاتلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن قاراشلارنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇ، بۇرجۇئا سىنىپىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش نوقتىسىدا كۈچسىز بولىدىغانلىقىنى، بۇ سىنىپنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قالالىشى ئۈچۈن بەكلا ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى قوبۇل قىلالمايتتى. ئەسلىدە ئادەتتە بىرەر كۆزقاراشنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى پەقەت بۇ تۈر كۆزقاراشنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ بۇنداق بىر مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىقلا مۇمكىنچىلىكى بولىدىغان بىر ئىش ئىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتىكى تەركىۋىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەسلىكى ئىجتىمائى مەسىلىلەردە تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشەلمەسلىككە سەۋەپ بولۇپ قالاتتى. دوكتور لۋېگېر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرىكەت قىلىدىغان بىرسى ئىدى. دوكتور لۋېگېرنىڭ كىشىلەر ھەققىدىكى چوڭقۇر پەرەزلىرى ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك كۈچلەر توغرىلىق توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇنى مەۋجۇت ئورگانلارنىڭ قىممىتىگە سەل قاراشتىن ساقلاپ قالالىغان ئىدى. شۆبىھسىزكى، دوكتور لۋېگېر بۇ تۈردىكى مەۋجۇت ئورگانلاردىن ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تولۇق پايدىلىنىشنى بىلەلىگەن ئىدى.
دوكتور ليۇگېر، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ بۇرجۇئازىيىنىڭ سىياسىي كۈرەش كۈچىنىڭ ئۇنچە بەك قىممىتى يوقلىقىنى، بۇ كۈچنىڭ داغ-دۇغىلىق بىرەر ھەرىكەتنى نەتىجىلىك قانات يايدۇرالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن ئالغاندا ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالغان سىنىپلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق يول تۇتىشى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ئورنىغا تېخىمۇ كۈچەيتىپ بەرگەن ئىدى. مەۋجۇت كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە بار بولغان چوڭ-چوڭ مۇئەسسەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەتىراپىغا مەركەزلەشتۈرۈشكىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ ئارقىلىق كونا كۈچ مەنبەلىرىدىنمۇ باشلاتقان ھەرىكىتىدە ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشقان ئىدى. قۇرغان پارتىيىسىگە ئاساسى كۈچ قىلىش ئۈچۈن ھاياتى خەتەر ئاستىدا قالغان ئورتا سىنىپنى تاللاپ ئېلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان، كۈرەش ئۈچۈن جەڭگىۋار، ساپ تەرەپتار قولغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ پوپلىرىنىمۇ ئۆز يېنىغا ئېلىۋالىدۇ. بۇ جەھەتتە شۇنچىلىك ئۇتۇق قازاندىكى، دىنىي ساھەدىكىلەر بۇرۇنقى پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ بۇ پارتىيە بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەن ئىدى.
بۇ دېگەنلىرىمگە قاراپ دوكتور ليۇگېرنىڭ قابىلىيىتىنى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى ئارىسىدا يەنە كامىل تاكتىكچى ۋە جاسارەتلىك ئىسلاھاتچى قابىلىيىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. تەبىئىكى، بۇ جەھەتلەردە ئۇنىڭ بەزى يىتەرسىز تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىغىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
دوكتور لۋېگېر دېگەن بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك كىشىنىڭ غايىلىرىمۇ ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىدى. ئۇ، ۋيېننانى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان ئىدى. چۇنكى، ۋيېننا شەھىرى خاندانلىقنىڭ قەلبى ئىدى. ھارغىن ئىمپىرىيىنىڭ كېسەل كۆرپىسىگە ئايلانغان كىلەڭسىز ۋۇجۇدىدىكى زەئىپلىشىپ كەتكەن يۈرىكىنىڭ تىترەپ سوقىشىنى ۋيېننادا غۇۋا ھېس قىلىشقا بولاتتى. ئەگەر بۇ قەلپنىڭ سوقۇشى كۈچەيتىلسە، ھارغىن ئىمپىرىيىنىڭ گەۋدىسىنىمۇ قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىمكانى بولىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق قاراش پىرىنسىپ جەھەتتى خاتا قاراش ھېساپلانمىسىمۇ، بۇنداق تىرىك تۇتۇپ تۇرۇش ئۇزۇن داۋام قىلالىشى ناتايىن ئىدى.
دوكتور ليۇگېرنىڭ ئاجىزلىقى مانا بۇ نوقتىدا كۆرۈلمەكتە ئىدى.
شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ۋيېننا شەھەر باشلىقى بولغان ۋاقىتلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مەڭگۈ ئۆلمەس ئەسەر دەپ قاراش مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بەكلا كېچىكىپ باشلانغان تىرىشچانلىق بولغاچقا، خاندانلىقنى قۇتقۇزۇشقا يەتمەي قالىدۇ.
ليۇگېرنىڭ رەقىبى بولغان شۆنېرېر بولسا، خاندانلىقنى ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشقا بولمايدىغان بۇنداق بىر ئاقىۋەتنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلىگەن بىرسى ئىدى.
دوكتور ليۇگېر بولسا ئۆز پىلانىنى شۇنچىلىك ئۇتۇغلۇق ئىجرا قىلالىغىنى بىلەن، ئىمپىرىيىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ.
شۆنېرېرمۇ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەي، مولچەرلىگەن پالاكەت بەكلا قورقۇنۇشلۇق شەكىلدە يۈز بېرىدۇ. يەنى، دوكتور ليۇگېر ئاۋسترىيەنى قۇتۇلدۇرالمىدى. شۆنېرېرمۇ نېمىس خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.
بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنى تەتقىق قىلىش ئىشى بۈگۈن ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ دەۋىردىكى ۋەزىيەت بىلەن بۈگۈنكى ۋەزىيەت نۇرغۇن تەرەپلەردىن بىر-بىرسىگە ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسىنى مەغلوبىيەتكە سۆرەپ ماڭغان، يەنە بىرسىنى نەتىجىسىز قالدۇرغان سەۋەپلەرنى تەكىتلەپ كۆرسىتىش، ئۇنداق خاتالىقنى بۇندىن كېيىن يەنە قايتا تەكرارلىماسلىقىمىز ئۈچۈن سەبداشلىرىمغا چوقۇم ياردىمى تىگىدۇ.
ئاۋسترىيەدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەبنى مۇنداق ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىرىنچىسى، يېڭى قۇرۇلغان ئىنقىلاۋى پارتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تاللىۋالغان ئىدىيىسى بىلەن تۇتقان يولى خاتا ئىدى. شۆنېرېر بىلەن ئۇنىڭ سەبداشلىرى يىگانە نېمىس بۇرجۇئازىيە سىنىپىغىلا خىتاپ قىلىش يولىنى تاللىۋالغان. بۇنداق ئاقنانچىلارغا تايانغاندا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نەتىجىمۇ ئارانلا شۇنچىلىك ئىدى.
نېمىس بۇرجۇئازىيىسى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يوقۇرى تەبىقىسىدىكىلەر دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ئۆز نەپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ جىم بولىۋېلىپ بەكلا تېنچلىقپەرۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشىدۇ. ۋەزىيەت ياخشى ۋاقىتلاردا، يەنى بۈگۈنكىدەك ۋاقىتلاردا مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان دۆلەتمۇ ئۇلارنى تولا ئەتىۋارلاپ بەكلا مەنمەنچى ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىپ كەتكىدەك بولسا ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىجەزى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنى ئوتۇغلۇق قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق پائالىيەتلەردە بۇرجۇئازىيىگىلا تايىنىۋالماي، ئاساسلىغى كەڭ خەلق ئاممىسىنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن كۆپىرەك كۈچ سەرىپ قىلىشىغا توغرا كېلەتتى. ئۇلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، يەنى خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۇنجى زەربىدىلا مەغلوپ بولدى.
بۇ يېڭى پارتىيە، يوقۇرىقىدەك تۈپكى پىرىنسىپقا ھەرىكەتنىڭ بېشىدىن تارتىپلا سەل قاراپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر خاتاغا يول قويغان ئىدى. پارتىيىگە قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇنلىغا مۆتىدىل يول تۇتقان ھاللىق بۇرجۇئا ئۇنسۇرلىرى تەدرىجى شەكىلدە پارتىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان مەۋقەسىگە كېلىۋېلىپ، بۇ پارتىيىنى خەلق ئاممىسىغا تايىنىش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پان گېرمانىزم ھەرىكىتى بىرقىسىم قۇرۇق داۋراڭلار، قىزغانچۇقلۇقلار، قىلچە رولى يوق تەنقىتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ كەسكىن ھەرىكەت كۈچىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ھەرىكەت باشلىغان كۈندىن تارتىپلا چالا ئېتىقات كۈچى بىلەن پىداكارلىق روھىدىن تەدرىجى ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇددى بۈگۈنمۇ كۆرۈلىۋاتقىنىدەك سۇلھىچىلىق، كىلىشتۈرمىچىلىك، قارشى تەرىپىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىق يولىنى تۇتۇشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئاقىۋەت ئۆلۈك تۇغۇلغان بۇۋاقتەك جىمىپ كېتىدۇ.
خەلق ئاممىسىغا تايىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىغان پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئەنە شۇنداق مەغلوبىيەتلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا بۇرجۇئازىيىمۇ غادىيىۋېلىپ يۇۋاش مۇتەئەسسىپ قىياپىتىنى ئاشكارىلىشىدۇ.
مانا بۇ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ مەغلوپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى سەۋەپ.
ئاۋسترىيە نېمىسلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى پان گېرمانىزم ھەركىتى باشلانغان كۈنلەردىلا ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، دۆلەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەكتە ئىدى. ئۇ كۈنلەردىكى پارلامېنتمۇ نېمىس تەسىرىنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋاستىسى ھالىغا كېلىپ بولغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئاۋسترىيە نېمىسلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىدىن بىر يولى پارلامېنت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئۈچۈن پارلامېنتقا تاقابىل تۇرۇشتا قايسى يولنى تاللاش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرسى بولۇپ قالغان ئىدى:
پارلامېنتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن پارلامېنتقا كىرىپ تۇرۇپ بەلگىلىك قائىدىلەر بويىچە پائالىيەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى سىرتىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى يېڭىپ چىقىش يولىنى تاللىۋېلىش كېرەك؟
ئەمما ئۇلار پارلامېنتنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى يېڭىلىپ قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ پارلامېنتقا كىرىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان بىر ئەھۋالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇنداق بىر كۈچكە قارشى سىرتتا تۇرۇپ كۈرەش قىلالىشى ئۈچۈن ھارماس كۈچ-قۇۋۋەتكە، چەكسىز پىداكارلىق روھىغا ئىگە بولىشى شەرت ئىدى. يەنى، خۇددى بۇقا سوقاشتۇرۇش ئويۇنىدىكىگە ئوخشاش سىرتتا تۇرۇپ پارلامېنت بىلەن تۇتۇشقاندا مۆڭگۈزىنى تۇتقۇزۇپ قويۇش، ئۈستى-ئۈستىلەپ تاياق يېيىش، كەينى-كەينىدىن يېقىلىپ چۈشۈشلەردىن ساقلىنىش تەس. ھەتتا يېقىلغان يېرىدىن قايتا تۇرغىچە قول-پۇتلىرى سۇنۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما باتۇر بىرسى ئەڭ مۈشكۈل چېلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى ئىسپاتلىيالىشى مۇمكىن. شۇنچە جاپالىق بىر كۈرەشتىن غالىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە، زور پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىشى تەبىئىي بىر ئەھۋال.
ئەمما بۇنداق مۇشەققەتلىك بىر كۈرەش ئۈچۈن خەلقىنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ پىداكار ئوغلانلىرىنى يېنىغا ئالغان بولىشى لازىم. پەقەت ئەنە شۇ قەھرىمانلارلا بۇنداق قانلىق جەڭلەردە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت كۆرسىتىپ ئاخىرقى غەلىبىگىچە جەڭ قىلىش جاسارىتىگە ئىگە بولالايدۇ. پان گېرمانىزم ھەرىكىتى سېپىدە دەل شۇنداق قەھرىمان پىداكارلار يوق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار پارلامېنت ئىچىدە پائالىيەت قىلىش يولىنى تاللىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدى.
پان گېرمانىزمچىلار بۇنداق بىر قارارنى ئېلىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپ باققان بولىشى ناتايىن. ياق، ئۇلار بۇنداق قارار ئېلىش جەريانىدا قىلچە ئەنسىرەپ باقمىدى، بۇنىڭدىن باشقا يول ئاختۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىدى. بۇنىڭدىن باشقا يولنىڭ بار-يوقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپمۇ كۆرمىدى. ئۇلارنىڭ قىلچە قىممىتى يوق پارلامېنتقا كىرىپ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاللىمۇ قاچان ۋەيران بولغان بۇ ئورگاننىڭ كۈچىگە، ئۇنىڭ خەلققە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ پارلامېنتقا كىرىش قارارىنى ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان تۈپكى خاتالىقى ئىدى.
ئۇلار پارلامېنت سەھنىسىدىن پۈتۈن خەلققە خىتاپ قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلالايمىز دەپ قارىغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى سىرتتىن قارشى چىققانغا قارىغاندا پارلامېنت ئىچىدە تۇرۇپ تېخىمۇ ئاسان تۈزىتىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پارلامېنت ئەزالىرىغا قەتئى چېقىلىشقا بولمايدۇ دېگەن قالقانغا تايىنىپ ھەر بىر يىتەكچىنى تېخىمۇ بىخەتەر كۈچكە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىغا، پائالىيەتلىرىنىمۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.
ئەمما ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ كۈتكىنىگە تۈپتىن ئوخشىماي قالغان ئىدى.
پان گېرمانست خەلق ۋەكىللىرىنىڭ پارلامېتتا سۆزلەش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش دەيدىغان ئارزۇسى ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلالايدىغان سورۇن بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتى بۇرۇنقىدىنمۇ كامىيىپ، تەسىرى بۇرۇنقىدىنمۇ ئازىيىپ كەتكەن ئىدى. چۇنكى ئۇلار نۇتقىنى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاش ئىمكانى بار ياكى ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى گېزىت خەۋەرلىرىدىن بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرگىلا ئۇقتۇرالايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەسلىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغۇچىسى بار سورۇن قۇرۇلتاي زالى ئەمەس، بەلكى كاتتا مىتىنگ مەيدانلىرىدىكى خەلق ئاممىسى بولىشى كېرەك. ناتىقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغان مىڭلىغان خەلق ئاممىسى پەقەت ئەنە شۇنداق كاتتا مىتنگ مەيدانلىرىدىلا ناتىق بىلەن ئۇچۇرىشالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنچە قۇرۇلتاي زالىدا ئاران نەچچە يۈز ئادەم بار بولۇپ، بۇ نەچچە يۈز ئادەم پارلامېنت زالىدا خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ياكى قانداقتۇ ئۆتكۈر بىلىملىك كىشىلەردىن ئەقىل ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزىۋېلىش نىيىتىدە ئولتۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زالغا يىغىلىۋالغان كىشىلەر ھەر دائىم ئوخشاش كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇ سورۇندا ھېچقانداق يېڭى نەرسىنىمۇ ئۆگۈنەلمەيدۇ. چۇنكى، ئۇنداق يېڭىلىقلارنى ئۆگەنمەكچى بولغان كىشىدە ئەقىلنى ئىشلىتەلىگىدەك مېڭىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇ كىشىدە ئەڭ بولمىغاندا يېڭىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئىچىدىن ئارزۇسى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەيرىتى بولىشى كېرەك.
بۇ ۋەكىللەرنىڭ ھېچقايسىسى، كېيىن ئۆزلىرىگە ئىش چىقىرىپ بېرىدىغان بىرەر يېڭى پىلاننىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ياق، ياق، ئۇلار بۇنداق بىر باش ئاغرىقىغا ھەرگىز يېقىن يولايدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. بۇنداق يېڭى باش ئاغرىقىدىن قورقمايدىغانلار، بەلكى يەنە بىر قېتىملىق سايلامدا قايتا سايلىنىش تاماسىدا بولىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلىشى ئېھتىمال. بۇنداق كىشىلەر يەنە بىر سايلامدا ئۆزلىرى ئەزا بولغان پارتىيىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى سەۋىبىدىن چوقۇم چەتتە قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېڭى نەتىجىلەر قازىنىپ كۆزگە كۆرىنىۋېلىش ئارقىلىق كېيىنكى قۇرۇلتايدا يېڭىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان باشقا بىر پارتىيىگە يۆتكۈلۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر ئارىسىدىنلا چىقىشى مۇمكىن. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بۇنداق پارتىيە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىنىشى كېرەك. ئەمما بۇنداق پارتىيە ئالماشتۇرۇشنى ئۆزلىرىچە ئىنتايىن يوللۇق باھانىلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاخلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى قېتىمقىسىدا قەتئىي مەغلوپ بولىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان پارتىيىدىن كېيىنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى ئېھتىمال بولغان پارتىيىگە سەلدەك ئالمىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى پارتىيىسىدىن يۈز ئۆرۈش دولقۇنى بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق پارلامېنت تەييارتاپلىرىدىن تەشكىل قىلغان بىر قۇرۇلتاي زالىدا نۇتۇق سۆزلەيمەن دېيىش، خۇددى ھايۋانلارغا ئۈنچە-مارجان چاچقۇ قىلغاندەكلا بىر ئىش. يەنى، بۇنداق تەييارتاپلارغا بىر نېمە ئۇقتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش، ھەقىقەتەنمۇ قىلچە پايدىسى يوق قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ئىدى.
نەتىجىدە، پان گېرمانىزمچىلار بۇ پارلامېنت زالدا تۇلا سۆزلەپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىدى. بۇ جەرياندا ھەرقايسى گېزىتلار پان گېرمانىزمچىلارنىڭ بۇ تۈردىكى نوتۇقلىرىنى بىر بولسا ئۆلۈكتەك جىم بولىۋېلىپ ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشتى، ياكى بولمىسا پارچە-پارچە ئۈزۈندىلەرگە پارچىلاپ ھېچنىمىنى ئۇققىلى بولمايدىغان قىلىپ ئېلان قىلىشىتى. ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نۇتۇقلارنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتى ياكى بولمىسا مەنىسىز گەپكە ئايلاندۇرىۋېتىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر ئاممىسى پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ غايىلىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىدىن بەكلا ئاز خەۋەردار بولىدىغان ياكى خاتا چۈشىنىۋالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەسلىدە بۇ يېڭى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قايسى بىرسىنىڭ نۇتۇق سۆزلىگىنىنىڭ بەك ئەھمىيىتى يوق. ئەھمىيەتلىك بولغىنى سۆزلەنگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىشلىك يەتكۈزىلىشى ئىدى. ئەمما بۇ نۇتۇقلارنىڭ پارچىلىرىنىمۇ بىر نېمە ئۇققىلى بولمايدىغان قىلىپ ئېلان قىلىشىدۇ-دە، شۇ ئارقىلىق گېزىتلارمۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتىۋالىدۇ. قىسقىسى، پارلامېنتتا سۆزلىنىدىغان بۇ نۇتۇقلارنىڭ ئوبىكتىپلىرى ئارانلا شۇ پارلامېنتتىكى بەش يۈز ۋەكىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئۇقتۇرۇش ئىمكانى يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۆزىلا ھەممىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈشكە يېتەرلىك ئىدى.
ئۇلارنىڭ تۈپكى خاتالىقى بۇلا ئەمەس ئىدى. پان گېرمانزم ھەرىكىتى ئاۋال يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇپ چىقىشنى پىلان قىلماي، بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا يېڭى بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا، بۇ يېڭى ئىدىيىگە قەتئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلغىنىدىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىشى لازىم ئىدى. چۇنكى بۇنداق زور بىر ھەرىكەتنى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتە ئەنە شۇنداق بىر غايىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىدى. بۇنداق بىر ھەرىكەتكە ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ غەيرەتلىك كىشىلەرنى مەسئۇل قىلىش ئىشىمۇ شۇ چاغدىلا ئىشقا ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولاتتى. ئەگەر بىرەر ئىدىيىۋىي غايە ئۈچۈن قانات يايدۇرىلىدىغان كۈرەشنى قەھرىمانلار تېزگىنلەپ يىتەكلىمىگىنىدە ئۇزۇنغا قالماي جېنىنى تىكىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان جەڭچىلىرىمۇ قالمايدۇ. شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلار ئارىسىدىن ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغانلار بەكلا ئاز چىقىدۇ. بۇنداق زۆرۈرىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە كىشى شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى، يېڭى بىر ھەرىكەت ھازىر ئۈچۈن ئەمەس پەقەت كەلگۈسى ئۈچۈن شۆھرەت يارىتالايدۇ. شۇنىڭدەك ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئەگەر ئىنتايىن ئاسان ئەمەل ۋە ئىستىقبال يارىتالايدۇ دەپ ۋەدە بەرسە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەتىراپى شۇنچە كۆپ ئاچ كۆز ئادەملەر تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ. ئاخىرى شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، بۇ تۈردىكى پۇرسەتپەرەس سىياسەتچىلەر ھەرىكەتنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپ بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ھەرىكەتنىڭ قوزغۇلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان جەڭچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ بۈگۈنكى قىياپىتىنى كۆرۈپ بۇ پارتىيە بىز ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇپ چىققان پارتىيە شۇمۇ-ئەمەس، دەپ گۇمان قىلغىدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. يەنى بۇ پارتىيىنى قۇرغۇچىلار يېڭى مەنپەتپەرەس سىياسەتچىلەرنى پەقەتلا خالىمايدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن ۋاقتى، بۇ پارتىيىنىڭمۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ۋاقتى كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پان گېرمانىزىم ھەرىكىتى ئۆز پائالىيىتىنى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنلا چەكلەپ قويغىنىدا، بۇ پارتىيىنىڭ بۇرۇنقى يىتەكچىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى پارلامېنت دىپۇتاتلىرى تارتىپ ئالغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى پارتىيىمۇ قالغان پارتىيىلەردىن قىلچە پەرقى يوق پۇرسەتچى سىياسىي پارتىيىگە ئايلىنىپ قېلىپ، قارشى تۇرىۋاتقان دۈشمىنىگە قارشى چىققىدەك خەلق كۈچىنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بۇ يېڭى پارتىيىمۇ پارلامېنت ئىچىدە نۇتۇق سۆزلەشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، پۇرسەت تاپالىسا كېلىشتۈرمىچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىر پارتىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ۋەكىللىرىمۇ باش ئاغرىغى تېپىپ بەرمەيدىغان ئۇسۇللارغا قىزىقىشقا باشلاپ، يېڭى كۆزقاراشلىرىنى قۇرۇلتايدىكىلەرگە قايىل قىلدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇش ئورنىغا نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تېخىمۇ توغرا يول تۇتقانلىق دەپ قارايدىغان بولىۋالىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ دېپۇتات كەلگۈسى نامەلۇم بولغان، ھەر نېمە دېگەن بىلەن بىرەر پايدىسى بولمايدىغان بىر ئەقىدە ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگەندىن كېلىشتۈرمىچىلىك يولىنى تۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بىر دېپۇتاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
بۇ پارتىيە پارلامېنتقا كىرىپ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىۋالغىنىدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئەگەشكۈچىلەر نەتىجىسى يوق، ھەتتا ھېچقاچان نەتىجىسى كۆرۈلمەيدىغان بىرەر مۇجىزە ئوتتۇرغا چىقىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمىت بىلەن بىھۇدە كۈتۈشكە باشلايدۇ. ئاقىۋەت داۋاملىق كۈتكىدەك سەۋرىمۇ قالمايدۇ. چۇنكى مىنىستىرلارنىڭ دېگەنلىرى بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇ قىلغانلىرى پەقەتلا بىر يەردىن چىقماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ سەۋىبى بەكلا ئاددى ئىدى: گېزىتلار تەرەپپازلىق قىلىشقا باشلاپ پان گېرمانىزمچى مىنىستىرلارنىڭ ئىشلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەكتە ئىدى. بۇ جەرياندا يېڭى مىنىستىرلار پارلامېنتتا ھەمدە ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلاردا “ئىنقىلاۋىي كۈرەشلەرنىڭ” سىلىقلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلىرىغا بارغانسىرى كۆنۈپ قېلىپ، كۈندىن كۈنگە ھۇرۇنلىشىپ بۇرۇنقىدەك خەلق خىزمىتىگە تېخىمۇ يېقىن تۇرالايدىغان ئامما ئىچىگە كىرىپ بىۋاستە تەشۋىق قىلىشتەك ئۇنداق ئاۋارىچىلىق ئىشلاردىن بارغانسىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاممىدىن تەدرىجى ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى بولغان خەلق ئاممىسىغا بىۋاستە خىتاپ قىلىش ئۇسۇلىمۇ پان گېرمانىزمچىلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى.
خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ يېڭىچە سورۇنىغا ئايلانغان پىۋىخانىلارمۇ ئورنىنى پارلامېنت زالىغا بوشىتىپ بەرگىنىدىن كېيىن، پان گېرمانىزمچىلارنىڭ نۇتۇقلىرى خەلققە ئەمەس بەلكى ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىلسىز مىڭىلىرىگە خىتاپ قىلىشقا ئۆزگىرەيدۇ. شۇنداق قىلىپ پان گېرمانىزم ھەرىكىتى ئاممىۋىي ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ، پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسىمۇ خۇددى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىغا ئوخشاش نەزەرىيىۋىي تەتقىقات سورۇنلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭغا يەنە گېزىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ بۇرمىلاپ مازاق قىلىپ تەشۋىق قىلىشلىرىمۇ قوشۇلۇپ، پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويى بارغانسىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىمۇ سىرتقا چىقىپ گېزىتلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بېرىش پائالىيەتلىرىگىمۇ قەتئىي ئەھمىيەت بېرىشمىدى. ئاخىرىدا، بۇ ئېقىم خەلق ئارىسىدا ئىناۋىتىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىدۇ. ئەمما مىڭىسى سىيا بىلەن بويىلىپ كەتكەن بۈگۈنكى پۇرسەتپەرەس يازغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق چوڭ ئىنقىلاپ-ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسى قەلەم كۈچىگە تايىنىپلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ياق، ئۇنداق ئىش يوق! يازغۇچىلارغا پەقەت بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ نەزەرىيىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىلا يۈكلىنەتتى.
سىياسىي ياكى دىنىي ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن بارلىق زور تارىخىي دولقۇنلارنى پەيدا قىلغان كۈچ، ھەتتا بىزگە بىلىنمىگەن دەۋرلەردىن تارتىپلا ھەر دائىم كۈچلۈك ناتىقلارنىڭ سىھىرلىك كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ كەلمەكتە. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ خەلق ئاممىسى ھەر دائىم ناتىقلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان خىتاپلىرىغا بويۇن ئېگىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك، كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىمۇ بىر ئەمەلىيەت. ئەمما بۇ خەلق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ روھى ھېسسىياتلىرى، غەزەپ-نەپرىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ناتىقنىڭ ئېغىزچە خىتابى تەسىرىدە يانارتاغدەك پارتىلاپ چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق بىر داغ-دۇغىنى سارايلاردىكى قەلەم كۈچىگە تايىنىپ جان بېقىپ يۈرگەنلەرنىڭ قۇمۇش قەلەملىرىنى شېكەر شىرنىسىگە مىلاپ يازغان نەرسىلىرى ھەرگىزمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنىڭ تەغدىرىنى قىزغىن ھاياجان بورىنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەمما بۇنداق بىر ھاياجان دولقۇنىنى ئەنە شۇنداق ھاياجانغا ئىگە بولغان كىشىلا قوزغىيالىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بۇنداق بىر ھاياجانغا ئىگە بىرسى ئۆز تۇيغۇلىرىنى خۇددى بىر بازغاندەك كۈچلۈك خىتاپلىرىغا تايىنىپلا خەلقنىڭ ھاياجىنىنى قوزغىتالىشى مۇمكىن. بۇنداق ھاياجان، جۇشقۇغا ئىگە بولمىغان، بۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بىرسىنىمۇ تەڭرى بۇنداق بىر ئورۇنغا ھەرگىز يېقىن يولاتمايدۇ.
شۇنداق ئىكەن، بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن لايىھەسى، بىلىمى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بار بىرەر يازغۇچى ئوتتۇرغا چىققىدەك قىلسا، بۇنداق بىرسى داھىلىق تاماسىنى قىلماي روشكىسىنى سىيا قۇتىسىغا تەككۈزۈپ بۇ ئىشنىڭ نەزىرىيىسىنى يېزىش بىلەنلا بەنت بولسۇن. چۇنكى ئۇنداق كىشىلەر داھىلىق ئورنىغا كېلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار بۇنداق شەرەپلىك ئورۇنغا تاللىنىش ھەققىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
شۇنداق بولغاچقا، بۈيۈك غايىلار بىلەن يولغا چىققان بىر ھەرىكەت خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەرگىزمۇ ئۈزۈپ قويماسلىقى، بۇ ھەرىكەتكە يىتەكچىلىلك قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە قۇرۇق گەپلەر بىلەن خەلقنى بۇ ھەرىكەتتىن سوۋۇتىدىغان ھەر قانداق سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، مەيلى ئۇ ھەرقانچە ئۇلۇغ، ھەر قانچە ئەھمىيەتلىك بىر ھەرىكەت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، خەلق كۈچىدىن ئايرىلىپلا قالىدىكەن، ھەرگىزمۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.
غايىگە بارىدىغان يولنى پەقەت ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەگەر مېڭىشقا تىگىشلىك يول ھەرقانچە ئەگرى-توقاي بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ يولدىن ئۆزىنى قانچىكى يىراق تۇتىمەن دەيدىكەن پان گېرمانىزىم غايىسىدىنمۇ شۇنچە يىراقلىشىشقا مەجبور بولىدۇ.
پان گېرمانىزم ھەرىكەت پارتىيىسى ئۆز پائالىيىتىنى خەلقنىڭ كۈچى ئورنىغا پارلامېنت كۈچىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا بەزى ئۇششاق-چۈششەك نەتىجىلەرنى كۆزلەپ ئۆز ئىستىقبالىنى قۇربان قىلىۋېتىشتى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شىددەتلىك كۈرەش يولى ئورنىغا ئاسان يوللاردا مېڭىشنى تاللىۋالغانلىقى ئۈچۈن زەپەر قازىنىش لاياقىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.
ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىمدا نېمىس مىللەتچىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن تىنماي ئويلىناتتىم. ئاخىرىدا شۇنداق خۇلاسىغا كەلدىمكى، پان گېرمانىزمچىلىقنىڭ تەغدىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ پارتىيىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىكى تۈپكى سەۋەپلەردىن بىرسى، ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ئىدى.
ئەسلىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنى مەغلوبىيەتكە يىتەكلەپ ماڭغان ئىككى تۈرلۈك خاتالىق بىر-بىرسىدىن كۆپ پەرق قىلىپمۇ كەتمەيتتى. چوڭ-چوڭ ھەرىكەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچنى تونىيالمىغانلىقى ئۇلارنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىگە ئىزچىل سەل قارىشىنى، بۇ كۈچكە يېقىن يولىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. نەتىجىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۈش ئىستىگىنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۈۋەن تەبىقىلىرىنى ئۆزلىرىگە مايىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى يىتەرلىك بولمىدى ياكى بۇنداق ئويغا زادىلا كېلىپ باقمىدى. ئاقىۋەتتە پارلامېنتقا بەكىرەك كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى.
ئەگەر ئۇلار ھەر بىر دەۋردىكى ئىنقىلاۋى ھەرىكەتلەردە خەلق كۈچىدىن ئىبارەت سەل قاراپ كېلىنگەن بۇ كۈچنى تونۇپ يىتەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئىجتىمائىي جەھەتلەردە بولغىنىدەك تەشۋىقات جەھەتلەردىمۇ باشقىچە تۈس ئالغان بولاتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتنى ئەمەس بەلكى زاۋۇت- فابرىكا ۋە كوچىلارنى ھەرىكەت سورۇنى قىلىپ تاللىۋالغان بولار ئىدى.
كېيىنچە كۈزىتىشلىرىم ئارقىلىق مىللەتچىلەرنىڭ ئۈچىنچى بىر خاتالىقنىمۇ سادىر قىلغانلىقىنى سەزدىم. بۇ خاتالىقمۇ ئوخشاشلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەقىللىق كىشىلەر بۇ ئىشقا قول سالغان ئىكەن، كۈچلۈك زەربە بېرەلەيدىغان كۈچ بىلەن تارىخ چاقىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان كۈچلەرنى بەلگىلىك بىر يۈلىنىشكە قاراپ يىتەكلەپ مېڭىشى شەرت ئىدى. يەنى، بۇ پارتىيىنىڭ رىملىقلارغا (ۋاتىكانغا) قەتئىي قارشى چىقىشىغا مۇنۇلار سەۋەپ بولغان ئىدى:
ھابسبۇرگ ئوردىسى ئاۋسترىيەنى سلاۋيان دۆلىتى ھالىغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلا-قىلماي بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىنى تولۇق ئىشقا سالغان ئىدى. يەنى بۇ ئەقىلسىز خاندانلىق قىلچە ئەنسىرىمەي بارلىق دىنىي مۇئەسسەلەرنى سلاۋىيان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشقا سالغان ئىدى. خان ئوردىسىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئورگانلار بىلەن روھانىلاردىن پايدىلانغان بۇ ئىشى، ئۇلارنىڭ ئاۋسترىيەنى سلاۋىيانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نۇرغۇنلىغان قىلمىشلىرىدىن پەقەت بىرلا مىسال ئىدى. ئادەتتە ئۇلار چېخ روھانىلىرىنى ئاھالىسى پۈتۈنلەي نېمىس بولغان يەرلەرگە تەيىنلىشەتتى. بۇ روھانى پوپلار ئىشەنچىلىك قەدەملەر بىلەن چېخ خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم چىركاۋلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە دەسسىتىشكە تىرىشپ “نېمىسلىكنى تازىلاش” ھەرىكىتىنى كۈشكۈرتىدىغان كىشىلەرگە ئايلانماقتا ئىدى.
نېمىس روھانى تەبىقىسىدىكىلەر بۇنداق ئىشلارغا ئاساسەن قارشى چىقالمايتتى. ئۇلاردا نېمىسلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قارشى نېمىسلار تەرىپىدە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلالىغىدەك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئىقتىدار ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا بۇ تۈردىكى ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇپ ئۆز مىللىتىنى ھىمايە قىلىش دەيدىغان بىر ئاڭمۇ يوق ئىدى. شۇڭا دىننىڭ ئاستىرىتىن سۈيىئىستىمال قىلىنىشىغا قارىتا قىلچە تەييارلىقى بولمىغان پان گېرمانىزمچىلار بۇ ئىشتىن تىنماي كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا ئەھۋال بۇنداق بولغىنى بىلەن، چوڭ-چوڭ ئىشلاردا تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنداق ئەمەس ئىدى.
ھابسبۇرگ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ نېمىسلارغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان پوزىتسىيىلىرىگە قارىتا نېمىس روھانىلار ھەيئىتىدىكىلەردىمۇ بىرەر نارازىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ نېمىس مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىشلىرى پۈتۈنلەي تاشلاپ قويۇلدى. ئادەتتىكى پائالىيەتلەرمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرق قىلمايتتى. كاتولىك روھانىي ھەيئىتى ئىگەللىۋالغان ئورۇنلاردىن پايدىلىنىپ نېمىسلارنى دەسسەپ ئېزىپ، ئۇلارغا ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا ئىدى. چىركاۋلارمۇ چىن كۆڭلىدىن نېمىس مىللىتى تەرىپىدە تۇرمايلا قالماي، ئېغىر ناھەقچىلىكلەرنى پەيدا قىلىپ نېمىس دۈشمەنلىرىگە ياردەملىشىپ يۈرمەكتە ئىدى. شوۋنېرېر، بۇ تۈردىكى دۈشمەنلىكلەرنىڭ سەۋەبى قىلىپ كاتولىك چىركاۋلىرىنىڭ باش ئورگىنى گېرمانىيىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن چىركاۋلار مىللىتىمىز مەنپەئەتلىرىگە قارىتا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتماقتا دەپ ھېساپلايتتى.
بۇرۇندىن بولۇپ كېلىۋاتقىنىدەك، ئۇ كۈنلەردىمۇ ئاۋسترىيەدە مەدەنىي ئىشلار ھەر دائىم سەل قارىلىپ كېلىنگەن ئىدى. پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ كاتولىك چىركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىشلار چىركاۋلارنىڭ بىلىم بىلەن سەنئەتكە قارشى پوزىتسىيىدە بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى نېمىس ھوقۇقىنى ھىمايە قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك يەنە سلاۋيانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىدى.
ئەسلىدە گيورگ فون شوۋنېرېر چالا ئىش قىلىدىغان بىرسىمۇ ئەمەس ئىدى. چىركاۋلارغا قارشى پائالىيەتلەرگە كىرىشكەنلىكىدىكى سەۋەپ، بۇ كۈرەش ئاخىرى مىللىتىنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرۈش يولىغا يىتەكلەپ بارالايدىغان بىردىن بىر ھەرىكەت دەپ قارىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ رىمدىن ئايرىلايلى دېگەن شۇئار ئاستىدا قانات يايدۇرغان ھەرىكىتىمۇ دۈشمەننى ئىچىدىن يېڭىپ چىقىشتا ئەڭ كۈچلۈك تاكتىكا دەپ ھېساپلىغىنىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى. شوۋنېرېر، بۇ كۈرەشتە يېڭىپ چىقالىساق، گېرمانىيىدىكى دىنىي مەزھەپلەرگە پارچىلىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالالىغان، نېمىس مىللىتى بىلەن رېيچنى زور دەرىجىدە كۈچەيتەلىگەن بولىمىز دەپ قارىشاتتى. ئەمما بۇنداق بىر ھەرىكەتنى باشلاش ئويى بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانلىرىنىڭ ھېچ بىرى توغرا ئەمەس ئىدى.
شۆبھىسىزكى، نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ نېمىسلىككە قارشى تۇرغانلارغا قارىتا تىركىشىش كۈچى، نېمىس بولمىغان كەسىپداشلىرى، بولۇپمۇ چېخ روھانىلىرىنىڭ نېمىسلىككە قارشى كۆرسەتكەن كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاجىز قالغان ئىدى. نېمىس مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كۆزقاراشلىرى ھېچقاچان نېمىس روھانى ھەيئىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ھەتتا ساۋاتسىز بىرسىمۇ ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايتتى. چېخ پوپلىرى ئۆز خەلقىگە قارىتا چىن قەلبىدىن سادىق مۇئامىلىدە بولسا، چىركاۋلىرىغا قارىتا ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەمما نېمىس پوپلىرى چىركاۋلىرىغا نىسبەتەن سوبىكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن ئوبىكتىپ پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىشىدۇ. نېمىسلارغا زىيان كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ تۈردىكى پوزىتسىيىلەر ھەممە ساھەلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ھال ئالغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئەسلىدە بۇنداق ئەھۋاللار كاتولىكلارغىلا خاس بىر ئەھۋال ئەمەسلىكى ئېنىق ئىدى. ئەمما بۇ ھالەت، بىز نېمىسلار ئارىسىدا ھەر قانداق بىر مىللىي مۇئەسسەيىمىز بىلەن غايىلىرىمىزنى تېزلىكتە ۋەيران قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كېسەللىك ئىدى.
مەسىلەن، مەمورى كادىرلىرىمىزنىڭ مىللىي ئورنىمىزنى ياخشىلاشتا تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى باشقا بىر ئىرقتىكى مەمورى كادىرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدىكى تۇتقان پوزىتسىيىسىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. ھەر قانداق بىر ئەلنىڭ ئوپىتسېرلىرى بىزدە نورىمال ئەھۋال دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، بەش يىلدىن بېرى ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقىنىدەك دۆلەت نوپۇزى دېگەننى باھانە قىلىپ خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدەك بىر غەلىتىلىكنى قىياس قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئىككى تۈرلۈك ئەھۋالدىلا بۈگۈنكى يەھۇدىي مەسىلىسى دىننىڭ ئەسلى ئېھتىياجى بىلەن مىللىي مەنپەئەتلەرگە ماس كەلمەيدىغان بىر قاراش دەپ قوبۇل قىلىنمىدىمۇ؟ بىز يەنە يەھۇدىي ئىرقىغا چېتىلىدىغان ھەر قانداق ئۇششاق ئىشلارغا قارىتا بىر خاخام (يەھۇدىي پوپى) نىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن بىزنىڭ روھانىيلىرىمىزنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
ھەرقانداق بىر چۈشەنچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۈچ كېلىپ تۇرىمىز.
دۆلەت نوپۇزى، دېموكراتىيە، سۇلھىچىلىق، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق … دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئۇقۇملار بىز نېمىسلاردا ھەر دائىم مۇقىم ۋە ئۆزگەرمەس كۆزقاراش، نەزەرىيە دەپ تەرغىپ قىلىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك بۇ تۈردىكى دوگمىلاشتۇرۇلغان قاراشلارنى ئۆلچەم قىلىپ كەلدۇق.
بۇنداق مۇھىم بىر مەسىلىنى بۇنداق قېتىپ قالغان قاراشلارغا تايىنىپ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئوبىكتىپ بىر مەسىلىنى، بۇنداق دوگما نەزەرىيىگە پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر مەسىلىنى ئوبىكتىپ ھەل قىلىش ئادىتىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋاستە بىلەن غايىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ ۋاستىلارنى غايە دەپ قارىۋالىدىغان ئەھۋال ئوتتۇرغا چېقىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا خەلق مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتمايدىغان قابىلىيەتسىز، ھەتتا خەلقىگە زىيان سالىدىغان بىر ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىش ئارزۇلىرىمۇ دۆلەت نوپۇزىنى ئىناۋەتكە ئالمىغانلىق، دۆلەتكە سۇيىقەست قىلغانلىق دەپ قارىلىپ پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۆلەت نوپۇزىنى ئوبىكتىپ مەۋجۇدىيەت دەپ قارايدىغان مۇتەئەسسىپلەر دۆلەت نوپۇزىنى بىر ۋاستە دەپ قاراش ئورنىغا ئۇنى مەقسەت دەپ قارىشىپ، بۇ نوپۇز سايىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى قامداشتا بىخەتەر ئىقتىسادىي مەنبە قىلىۋېلىشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر سىياسەتچىلەر ئەنە شۇنداق ئەقىلسىز كىشىلەردىن تەشكىل تاپقىنىدا، ئۇلۇغ فرېدېرىخقا ئوخشايدىغان بىرسى چىقىپ ئۆزىنىڭ دىكتاتۇرلۇق ھاكىمىيىتىنى تىكلىمەكچى بولسا، ھېلىقى ئەقلى كام سىياسەتچىلەر ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى چىقىشىدۇ. چۇنكى، بۇنداق دوگما نەزەرىيىلەرگە چوقۇنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېموكراتىيە قانۇنلىرى مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى، مىللىتىنىڭ بەخىت-سائادىتىدىنمۇ قىممەتلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى خىزمەت بېرىۋاتقان بۇ دۆلەت ئورگىنى خەلقىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بۇنداق پەسكەش بىر ھاكىمىيەت ئورگىنىنى ھىمايە قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە خەلق مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان باشقا بىر ھۆكۈمەتنىڭ تىكلىنىشىگىمۇ دېموكراتىيىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قەتئى ئۇنىمايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ تېنچلىقپەرەس نېمىسىمىزمۇ ئەسلىدە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى قارشىلىق كۆرسىتىش، قىلچە ئىككىلەنمەي ئاغدۇرىۋېتىشقا تىگىشلىك بولغان ئەڭ قابىلىيەتسىز ۋە قانخور ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈستىدە يۈرگىزىۋاتقان قانلىق بېسىقتۇرۇش ۋە ئېكسپالاتاتسىيىسىگىمۇ سۈكۈت قىلىدۇ. چۇنكى بۇنداق بىر ھۆكۈمەتتىن قۇتۇلۇش ھەركىتىگە ئاتلىنىش ئىشى سۇلھىچىلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە زىت كېلەتتى. ئىنتېرناتسيۇنالىزىمچى نېمىس سوتسيالىستلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا بېسىۋېلىنىشلارغا قېرىنداشلارچە دوسلۇق مۇئامىلىسى بىلەن جاۋاپ بېرىپ، ھۇجۇم قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر زەربىدىن مۇداپىيىلىنىشنىمۇ ئەقلىگە كەلتۈرۈشمەيدۇ. مانا بۇ، بىزنىڭ نېمىس ئەمەلدارىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتى.
بۇنداق بىر ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. ئەمما ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەنمىز، ئاۋال بۇ ھالەت بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
بىر قىسىم نېمىس ئىلاھىيەتچىلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداشتا تۇلا بەك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى.
ئۇلارنىڭ بۇنداق پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىشى ھەرگىزمۇ يامان نىيەتلىك بولغانلىقى ياكى ئىلاھىي قانۇنلارنىڭ نەتىجىسى سەۋەپ بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ مىللىي مەسىلىلەردە بۇنداق پاسسىپ مۇئامىلىدە بولىشى مىللىي ھېسىياتلىرىنىڭ ئاجىز قالغانلىقىدىن، ياشلارنى نېمىسلىك بىلەن تەربىيىلىمىگەنلىكىدىن، بىر چۈشەنچىنى قەتئىي ئۆزگەرمەس دوگما دەپ چوقۇنۇش ئادەتلىرىنىڭ يىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان.
دېموكراتىيە، خەلقارا سوتسيالىزم، تېنچلىق دېگەندەك ئۇقۇملار ياشلىرىمىزغا شۇنداق چوڭقۇر ۋە شۇنچە ئىشەندۈرەرلىك قىلىپ سىڭدۈرىۋېتىلگەنكى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلار بۇ تۈر پىكىرلەرنى تارقاتقۇچىلار تەرىپىدىن شۇنداق ئوبىكتىپلىق بىلەن تەرغىپ قىلىنغانكى، ياشلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇلغان. ئەسلىدە نېمىس ھېسياتى ۋەتەنداشلارنىڭ ياش ۋاقىتىدىن باشلاپ ئەمەلىي قاراشقا ئىگە قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
كۆز قاراش جەھەتتە ماددىي ۋە مەنىۋى مەۋجۇتلۇقىنى سوبىكتىپلىق بىلەن پىكىر قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىغان بىر تېنچلىقپەرۋەر نېمىس، ئۆز مىللىتى بىرەر تەھدىتكە دۈچ كەلگىدەك قىلغىنىدا، بۇنداق خەۋپ ھەر قانچە ناھەق ئوتتۇرغا چىققان، ھەر قانچە خەۋپلىك تەھدىت بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئوبىكتىپ جەھەتتىكى ھەققانىيەتنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بىرسى، ئىچكى تۇيغىسى، ئىچكى قوغداش ھېسسىياتى بىلەن ئۆز توپلىمىنىڭ سېپىگە قېتىلىپ جەڭ قىلىشنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەرقايسى دىنى مەزھەپلىرىمىزدىكى ئەھۋاللارمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرىق قىلىپ كەتمەيتتى. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىمنى تۈۋەندىكىچە بايان قىلىمەن:
پروتېستيانلار ئۆز مەنبەلىرى ۋە ئادەتلىرىگە مۇۋاپىق كېلىشىچە نېمىس مەنپەئەتلىرىنى ئىستىخىيىلىك تۈردە تېخىمۇ ياخشىراق ھىمايە قىلىشىدۇ. چۇنكى، ئۇلار نېمىسلىك تارىخى ۋە كىلەچىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ قارايدۇ، بىر-بىرسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھالدا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىش ئىشى ئۇلارنىڭ ئاساسى كۆزقاراشلىرىغا يات بىر ساھە بولۇپ، ئۆز مەنىۋىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدا ياكى ھەرقانداق بىر ئەقىدىسىگە زىت كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش ئىرادىسىمۇ سۇسلىشىشقا باشلاپ، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قىلماي تۇرىۋالىدۇ. پروتېستيانلىق، مىللىي چۈشەنچىلەرنىڭ يېتىلىشى، ئەخلاقى مەسىلىلەردە نېمىسلىك روھىنىڭ، نېمىس تىلىنىڭ ۋە نېمىس ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى تەلەپ قىلىنغىنىدا ھەر دائىم نېمىس مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چۇنكى بۇ مەسىلىلەر پروتېستيانلىق ئېتىقات قىلىپ كېلىۋاتقان پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كېلەتتى. ئەمما مىللىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ئەڭ ۋەھشى، ئەڭ خەۋىپلىك دۈشمەننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش تەشەببۇسلىرىغىمۇ قەتئىي قارشى چىقىشىدۇ. چۇنكى، بۇنداق ۋەھشى دۈشمەن قاراشلىرى يەھۇدىلار ھەققىدىكى كۆزقاراشلارنى ساپ قىلىۋالغان دەيدىغان دوگما قاراشلارنى مىزان قىلىشىدۇ. مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى، ئەڭ ئاۋال ھەل قىلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىدى. بۇ مەسىلە توغرا ھەل قىلىنمىغىنىدا، نېمىسلارنىڭ ئەخلاقىنى، مەنىۋىي ۋە ماددىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىشنىڭ بارلىق پىلانلىرى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.
ۋيېننادا تۇرغان ۋاقىتىمدا بۇ مەسىلىنى ئالدىراپلا ھۆكۈم قىلىۋەتمەي، ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يوقۇرقىدەك كۆزقاراشلارغا ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ ھەقتە ئۆزەمنى ئالاھىدە ئەقىللىق ھېساپلىيالايمەن.
نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئارلىشىپ ياشايدىغان بۇ شەھەردە يالغۇز نېمىسلارلا ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئوبىكتىۋ شەكىلدە تەھلىل قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى ئوپ ئۇچۇق ئوتتۇرغا چىقاتتى. ئەمما، ھەرقانداق بىر يەھۇدى ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىمەن دەپ ئويلاپ ئولتۇرمايتتى. يالغۇز نېمىسلارلا ئىتېرناتسيۇنالىزمچى سوتسيالىست بولىۋېلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىشاتتى. ياكى بولمىسا ئۇلار بۇنداق ھەقلىرىنى ئىنتېرناتسيۇنالىزمچى يولداشلىرىدىن يېشىنى ئاققۇزغان ھالدا يىغلاپ يالۋۇرۇپ تەلەپ قىلىشاتتى. ھالبۇكى، بىرەر چېخ ياكى بىرەر لېخ (پولەك) ھەرگىزمۇ بۇنداق ھەرىكەت قىلىشمايتتى، ئۇلار مىللىي مەنپەئەتلىرى ئالدىدا ئىنتېرناتسيۇنالىزمنى بىر چەتكە چۆرىۋىتەتتى. قىسقىسى، ئۇ كۈنلەردە شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىمكى، بۇ تۈردىكى پىكىر زەئىپلىكلىرىنىڭ مەنبەسى، بۇ تۈردىكى كەمتۈك نەزەرىيىلەر ئەمەس بەلكى ئۆز مىللىتىمىز ئۈستىدە بەكلا يىتەرسىز تەربىيە قىلىپ كەلگەنلىكتىن كەلمەكتە ئىدى. بۇنداق چالا تەربىيە نەتىجىسىدە، ھەممە كىشى ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە ئويلىمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ كاتولىكلىقنى گۇناكار ھېساپلاپ ئۇلارغا ئاۋال زەربە بېرىش كېرەك دەپ تۈزگەن پىلانلىرىنىڭ خاتالىقى ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئېغىر مەغلوبىيەتكە يىتەكلەپ كەتكەن ئىدى.
نېمىس خەلقى، ياشلىق دەۋرىلىرىدىن تارتىپلا ئۆز ئىرقىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇيدىغان، بۇ ھەقلىرىنى تەلەپ قىلالايدىغان شەكىلدە تەربىيىلىنىشى كېرەك ئىدى. نېمىس ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبى، مىللىتىمىزنىڭ قوغدىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەردە ئۇنداق ئوبىكتىۋ قاراش دەيدىغا خاتا قاراشلار بىلەن بۇلغانماسلىقى لازىم ئىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا، ئۈستىمىزدە بىرەر رادىكال ھۆكۈمەت ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولغىنىدىمۇ ئىرلاندىيىدە ئېرلاندىيىلىك كاتولىك بولغىنىدەك، لېخىستان (پولشا) دا پولەك كاتولىكى بولغىنىدەك ۋە فرانسىيىدە فرانسۇز كاتولىكى بولغىنىدەك گېرمانىيىدىكى بىر كاتولىكمۇ مەڭگۈ بىر نېمىس كاتولىكى بولۇپ ياشايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن بولاتتى.
بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتىنى ئۆلۈم-كۆرۈم جېڭىگە كىرگەن مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تارىخ سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىپ سوتلانغىنىدا ئېنىق كۆردۈم. خەلقىم يوقۇرى ئورگانلارنىڭ چاقىرىقى كەلگەن ھامان ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىغان ئىدى. شۇ چاغدا بىزنىڭ پروتېستيان پوپلىرىمىز، كاتولىك راھىپلىرىمىز بۇ ھۇجۇملاردا خەلقىمىزنى مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇلار ئالدىنقى سەپتىلا ئەمەس، بەلكى ئارقا سەپلەردىمۇ بۇنداق ياردەم ئۈچۈن خىزمىتىنى ئايىمىغان ئىدى. ئۇ يىللاردا، بولۇپمۇ دەسلەپكى سەپەرۋەرلىك يۈرگۈزۈلگەن ھاياجانلىق يىللاردا خەلقىمىز ھەر ئىككىلا سەپ بويىچە قۇتلۇق نېمىس ئىمپىرىيىسىدىن باشقا بىرەر نەرسىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشمىگەن، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا بىر يەرگە كەلگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھەممە كىشى نېمىس ئىمپىرىيىسىنىڭ يېڭىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەڭرىگە دۇئالار ئوقۇشقان ئىدى.
ئەسلىدە پان گېرمانىزمچىلار پارتىيىسى ئۆزىگە مۇنداق بىر سۇئالنى قويۇپ بېقىشى لازىم ئىدى: ئاۋسترىيەدە نېمىس نوپۇسىدىكىلەر كاتولىك مەزھىپى بىلەن بىر نىيەتتە مىدى؟ ئەگەر بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ “بىر نىيەتتە ئىدى” بولغىنىدا، بۇ سىياسىي پارتىيە ھەرگىزمۇ دىنىي مەسىلىلەرگە چېتىلىۋالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ “بىر نىيەتتە ئەمەس” بولغىنىدا، قىلىدىغان ئىش سىياسىي پارتىيە ھەرىكىتى ئەمەس بەلكى دىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بولىشى كېرەك ئىدى.
دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتىنى بىرەر سىياسىي پارتىيە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ دەپ قارايدىغان بىرسىنىڭ دىنى قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى قاتارلىقلاردىن ۋە بۇ ئىشنى چىركاۋلار قىلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىدىن پەقەتلا خەۋىرى بولمىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بىز بۇ يەردە بىر مالاينىڭ ئىككى بايغا خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز كېرەك. ئەسلىدىنلا بىر دىننىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ يوقۇلىشى بىرەر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى ياكى ئۇنىڭ يىمىرلىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مەن بۇ يەردە سىياسىي پارتىيىنى ئەمەس بەلكى بىرەر دۆلەتنى كۆزدە تۇتقانلىقىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچىمەن.
مېنىڭ بۇ رەددىيەلىرىمگە قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بۇ دېگەنلىرىمگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلار ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن.
ھەر دائىم ئۆزلىرىنىڭ يۇشۇرۇن غەرەزلىرى ئۈچۈن دىننى سىياسەت ئۈچۈن ۋاستە قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان قارا نىيەت ۋىجدانسىزلار چوقۇم تېپىلىدۇ (بۇنداق قارا نىيەتلىكلەرنىڭ قولىدىن بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشمۇ كەلمەيدۇ). ئەمما دىننى ئۆز غەرەزلىرى ئۈچۈن سۈيى ئىستىمال قىلىۋېلىشنى پىلانلاپ يۈرىدىغان بىر قانچە كىشىگە قاراپلا دىن ياكى مەزھەپنى گۇناھكار دەپ قاراشقىمۇ ھەققىمىز يوق. بۇنداق قارا نىيەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ رەزىل غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئورۇننى سۈيى ئىستىمال قىلىپ پايدىلىنىشتىن يانمايدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇنداق پەسكەش پارلامېنت ۋەكىلىگە سىياسىي مەبلەغ سۈپىتىدە دىندىن ئىبارەت بۇنداق بىر پۇرسەت يارىتىلسا، ئۇ بۇنى ئالاھىدە چوڭ ئولجا دەپ چىڭ ئىسىلىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداق پۇرسەتپەرەسنىڭ قارا نىيىتى سەۋەبىدىنلا دىن ياكى بىرەر مەزھەپكە قارا چاپلايمەن دەپ دىن ياكى مەزھەپكە قارشى داۋراڭ قىلىنغاندا ھېلىقىدەك پەسكەش يالغانچىلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن شاھىت قىلىپ تەكلىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ دىن ياكى مەزھەپنى بۇ بالادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ مۇتىھەملەرگە رەھمەت ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بۇ داۋراڭلار ئىچىگە كىرىپ قالغان ئادەتتىكى كىشىلەر ھېلىقىدەك پەسكەشلەرنى دىنىمىزنى قۇتقازغۇچى دەپ تونىۋېلىپ، بۇ داۋراڭلارنىڭ ئەسلىدە نەدىن ۋە كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنىمۇ بىلەلمەس ھالغا كەلتۈرىۋېتىپ، ئەسلى مەقسەتلەر يەتتى قات ئاسمانغا چۆرىۋېتىلىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت ئەسلىدە ھېلىقىدەك پەسكەشلەر يەتمەكچى بولغان غەرىزىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
بۇ ھىلىگەر تۈلكە، پەيدا قىلىنغان بۇ جىدەللەر بىلەن دىننىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى شۇنداق ياخشى بىلىدۇ. بۇ تۈلكە بۇنى ياخشى بىلگەچكە بۇنداق بىر جىدەلنى پەيدا قىلالىغانلىقىدىن ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇپ يايراپ كېتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ساددا، ئىقتىدارسىز كىشىلەر بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ ھەممىدىن مەھرۇم بولىدۇ-دە، ئاق نىيەتلىك بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ سىياسىي سەپتىن مەڭگۈلۈك چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ توغرا قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىنلا گۇناھنى دىن بىلەن چىركاۋلارغا ئارتىپ قويۇش، باشقا بىر نوقتىدىن ئالغاندىمۇ توغرا بولمىغان بىر ئىش ھېساپلىنىدۇ. ئۇچۇق ئاشكارە تۇرىدىغان دىنىي تەشكىللەرنىڭ ئابرويىنى ئادەملەرنىڭ بەزى يىتەرسىزلىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ياخشىلار بىلەن ئەسكىلەر ئوتتۇرسىدىكى نىسبەت بەرىبىر دىنىي ساھەدىكىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ روي بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. تەبىئىكى، روھىنىلار ئارىسىدىمۇ دىننى سىياسىي غەرەزلەر ئۈچۈن سۈيى ئىستىمال قىلىدىغانلار تېپىلىپ قالىدۇ. ئەپسۇس بىلەن شۇنى دېيىش كېرەككى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، قىلىۋاتقان ئۇلۇغ ئىشىنىڭ پىتنىخور يالغانچىلارغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىكنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتقانلاردۇر. ئەمما بۇنداق ئازغانلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دىنى ساھەلىرىمىزدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ساداقەتلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان لاياقەتلىك مىڭلىغان روھانىلىرىمىز بار بولۇپ، ئۇلار يالغانچىلىق بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن قىممەتسىز دەۋرىمىزنىڭ سازلىقىدا كۆرۈلگەن ئۇششاق ئاراللاردەك تەڭرىنىڭ شەپقىتى چوقۇم بىزگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئارىمىزدا مەڭڭگۈ بار بولىدۇ. ئەخلاقسىز بىرسى راھىپلارنىڭ چاپىنىنى كىيىۋېلىپ ئەخلاق ۋە ئۆرپە ئەدەتلەرگە قارشى بىرەر گۇناھ ئىشلىگىنىدە، بۇنداق بىرسى تۈپەيلىدىن چىركاۋنى يامان كۆرۈش ھەققىگە قانچىكى ئاز ئىگە بولالىسام، بۇ كۈنلەردە ھەر كۈنى كۆرۈلۈپ تۇرغىنىدەك بىرەرسىنىڭ مىللىتىمىزنى بۇلغاپ ۋە خىيانەت قىلغانلىقىنى كۆرسەم بۇ سەۋەپتىن چىركاۋلارنى تەنقىتلەش ھەققىگىمۇ شۇنچە ئاز ئىگە ھېساپلىنىمەن. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە يەنە شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۇنداق نىيىتى يامان ئادەملەردىن بىرەرسىگە قارىتا، مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەتلەرگە قاراپ يۈرىگى ئېچىشىدىغان، مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنداق ئاپەتلەر تېزىرەك كۆتۈرۈلۈپ كەتسىكەن دەپ تىلەپ تىنماي دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ئاق كۆڭۈل يۇرتداشلىرىمىزغا ئوخشايدىغان مىڭلىغان راھىپلىرىمىزمۇ بار.
بۇ يەردە يەنە بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك كۈندىلىك مەسىلىلەرلا ئەمەس بەلكى پىرىنسىپال ۋە دوگمىلاشتۇرۇلغان كۆز قاراشلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلارغىمۇ تۈۋەندىكىدەك كېرەكلىك جاۋابنى بېرەلەيمىز:
“ئۆزەڭنى ھەققانىيەتنى تارقىتىش ئۈچۈن تاللانغان بىرسى، بۇنداق ئىشلارغا مەنلا لايىق دەپ قارىساڭ، يولىڭدىن قالما. ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، بۇ ئىشىڭنى قايسى بىر سىياسىي پارتىيە ۋاستىسى بىلەن قىلماي، يامان نىيىتىڭنى تاشلاپ ئەڭ پاكىز قەلبىڭ بىلەن قىلىشقا جۈرئەت قىل. ئەگەر بۇنىڭغا جاسارىتىڭ بولمىسا، ياكى سېنىڭدە بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئىستىقبال ۋەدە قىلىدىغانغا ئىشەنچىڭ بولمىسا، ئۇ ھالدا دەرھال بۇ ئىشتىن قولۇڭنى تارت! قولۇڭنى ئېچىپ تىلەپ قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارىتىڭ بولمىغان بىر ئىشنى ھەرگىزمۇ سىياسىي پارتىيىنى ۋاستە قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنما!”
دىنى مەسىلىلەر ھېچقاچان مىللىي مەنپەئەتلەرگە زىت كەلمەيدۇ ۋە ھېچقاچان ئىرق ئەخلاقىنى بۇزمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، دىننى سىياسىي پارتىيىلەر زىدىيىتى ئارىسىغا ئارىلاشتۇرىۋالماسلىقى لازىم.
ئەگەر چىركاۋ تەۋەسىدىكى روھانىلار دىنى تەشكىلاتلاردىن، ھەتتا دىنى نەزىرىيىلەردىن ئىرقىمىزغا زىيان كەلتۈرگىدەك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولىدىغان شەكىلدە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغىنىدا، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ماقۇل دەپ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرمەسلىكىمىز، ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئۇلار ئىشلەتكەن ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. ئەسلىدە بىرەر سىياسىي رەھبەر خەلقنىڭ دىنى ئېتىقاتلىرى بىلەن دىنى ئورگانلىرىنى ھەر دائىم ئەتىۋارلىشى، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ چېقىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا كۆنمەيدىغان سىياسەتچى سىياسىي پائالىيەتلەردىن قول ئۈزىشى، ئەگەر قولىدىن كەلسە سىياسىي پائالىيەت ئورنىغا بىرەر دىنى ئىسلاھاتچى بولغىنى تۈزۈك. ئۇنداق بولماي بىرەر سىياسىي ھەرىكەتنى دىنى ئىشلارغىمۇ چېتىلىۋالغىدەك بولسا، ئۇنداق بىرسى گېرمانىيىنى ئېغىر بالايى-ئاپەتلەر ئىچىگە سۆرەپ كىرىشكە سەۋەپچى بولۇپ بېرىدۇ.
پان گېرمانىزم ھەرىكىتى بىلەن ئۇنىڭ رىمغا قارشى قانات يايدۇرغان كۈرەشلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ يىللاردا، يەنى بۇ ھەرىكەتنى بىۋاستە كۈزىتىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا مۇنداق بىر خۇلاسىغا كەلگەن ئىدىم: بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىدىكى يىتەرسىزلىكى بۇ پارتىيە بەكلا ئېھتىياجلىق بىردىن-بىر كۈچ مەنبەسى بولغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچىنى خورىتىشقا سەۋەپچى بولۇپلا قالماي، پارلامېنتنىڭ بارلىق نوخسانلىرىمۇ بۇ پارتىيىگە سىڭىشقا باشلىغان ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ كاتولىك چىركاۋلىرى بىلەن زىتلىشىپ يۈرىشى پۈتۈن ساھەلەرنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاقىۋەتتە خەلق ئارىسىدىكى ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىر مۇنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. شۇنداق قىلىپ، ئاۋسترىيەدىكى ھەرقايسى مەدەنىي گۇروھلار ئارىسىدا ئۇلارنىڭ قىلچە ئابرويى قالمىغان.
بۇنداق ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن ئۇلار نېمىگە ئېرىشتى؟ ئۇلار چىركاۋلاردىن ئاران بىرەر يۈز مىڭدەك ئادەمنى ئۆز تەرىپىگە جەلىپ قىلالىدى دېيىشكىلا بولار. ھالبۇكى چىركاۋلار يولدىن ئازغان بۇ بىرەر يۈز مىڭ ئەقىلسىز پادىلاردىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئاجىزلاپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچە بەك ئاغرىنىپمۇ كەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
ئەسلىدە چىركاۋلار ئۆز ئادىمى ھېساپلانمايغان دىنى ساداقىتى ئاجىز ئەنە شۇنداق كىشىلەردىنلا ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆز ئادەملىرىدىن بىرسىنىمۇ يوقاتمىغان دېيىشكە بولىدۇ. يەنى بۇ يېڭىلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە چىركاۋلارنىڭ تارتقان زىيىنى ئاران شۇنچىلىكلا ئىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى دىنى ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىدە بولسا دىنغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى چىركاۋلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتىكەن. ئۇ دەۋرلەردە بۇنداق ئايرىلغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەندۇق. ئەمما بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا پەقەت دىنى ئېتىقادى سۇس بولغان كىشىلەرلا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىركاۋلاردىن ئايرىلىشىغىمۇ ئاساسى جەھەتتىن شۇلارنىڭ سىياسىي غەرىرى سەۋەپ بولغان دېيىش مۇمكىن. مانا بۇ، پان گېرمانىزىمچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن بىرى.
پان گېرمانىزم ھەرىكىتى زۆرۈر بولغان قاتتىق تەشكىلى تۈزۈمگە تايىنىپ يىتەكلەنمەي، ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا چېپىلىپ ئاخىرى ئۆز غايىسىنىمۇ يوقۇتۇپ قويغاچقا، نېمىس مىللىتىنى ئازات قىلىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇغلۇق زور ئۈمىد بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت، بۇرۇنقى ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ. پان گېرمانچىلىق ھەرىكىتى ئەگەر خەلق ئاممىسىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى توغرا تونىيالىغان بولسا ئىدى، ھېچقاچان بۇنداق ئېغىرخاتالىقنى سادىر قىلمىغان بولاتتى. بۇ ھەرىكەتنىڭ يىتەكچىلىرى پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىغا رەنجىپ يۈرمىگەن بولسا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى بىر نوقتىغا مەركەزلەشكەن، كۈچىمۇ چېچىلىپ كەتمىگەن بولار ئىدى. بىر سىياسىي پارتىيىگە نىسبەتەن قارار چىقىرىش ئورنىنى ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالىدىغان، ئەمما ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان تەدبىرسىز، قۇرۇق پو ئېتىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشتىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك. ھەرقانداق بىر دىن ياكى مەزھەپ، ھەرقانچە تەنقىتلىنىشكە لايىق بولغان تەغدىردىمۇ بىر سىياسىي پارتىيە شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقى كېرەككى، بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا تارىختا بىرەر سىياسىي پارتىيە دىنى ئىسلاھات قىلىپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلىگىنىگە دائىر بىرمۇ مىسال تاپالمايمىز. تارىخ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەمىلى پائالىيەتلەر جەريانىدا ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆگىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ياكى بولمىسا تارىختىكى بولغان ئىشلارنى بۈگۈنكى ھالەت ئۈچۈن ئەمىلىلەشتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تارىخ تەتقىق قىلىنمايدۇ. تارىخ، بۇرۇن سادىر قىلىنغان خاتالارنى تەكرارلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش، كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان بىلىملەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىنىلىدۇ. بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىرسى ئۆزىنى بىرەر سىياسى يىتەكچى دەپ ئەقلىگىمۇ كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بىرسى ئۆزىنى ھەر قانچە چوڭ تۇتسىمۇ، ئۇنداق بىرسى بەك بولۇپ كەتسە قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان گەپتاندىن باشقا بىرسى بولالمايدۇ. ئاق نىيەتلىك بولغانلىقى، ئۇنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىرسى ئىكەنلىكىنى ئاقلاشقا باھانە بولالمايدۇ.
ھەرقانداق بىر دەۋىردە، بارلىق سىياسى يىتەكچىلەرنىڭ بىردىن بىر ھۆنىرى خەلقنىڭ دىققىتىنى پەقەت بىرلا دۈشمەن ئۈستىگە توپلاش، بۇ دىققەتنىڭ باشقا تەرەپلەرگە بۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشلا بولغان. بىرەر خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش ئارزۇسى بىلەن بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن ئىرادە باغلىشى قانچىكى بىر نوقتىغا توپلانغان بولسا، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك، زەربە بېرىش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. خەلققە ھەر خىل دۈشمەنلەرنىڭ بىرلا تەبىقىگە مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەلىشى، كۈچلۈك ۋە ھەقىقى يىتەكچىلەردە بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىكتۇر. دۈشمەننى كۆپ ۋە ھەرخىل قىلىپ تەسۋىرلەش، قورقۇنچاق ۋە مەيدانى يوق كىشىلەر ئۈچۈن گۇمان پەيدا قىلىپ قويۇپ، قاتنىشىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
خەلق ئاممىسى ھەر تۈرلۈك دۈشمەنگە قارشى بىرلا ۋاقىتتا كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان باشقىلارنىڭ دېگىنى ھەقسىز بولۇپ، پەقەت بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزلا ھەقلىق ھەرىكەت بولىشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سۇئالنى خىيالىغا كەلتۈرمەي قالمايدۇ. ئەنە شۇنداق بىر سۇئال ئوتتۇرغا چىققان ھامان خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچى پالەچ ھالغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئەنە شۇ سەۋەپتىن ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچى قاراشتىكىلەرنى بىرلا ھۆكۈمەت مەھكىمىسى ئىچىدە دەپ كۆرسىتىش بىلەن ئۆز تەرىپىگە تەۋە بولغان خەلق ئاممىسىغا كۈرەشنىڭ بىرلا دۈشمەنگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم. شۇنداق بولغاندا ھەققانىيەتنىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، بۇنداق ھالەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە قارىتا خەلق ئاممىسىنى قوزغىتىشمۇ ئاسانلىشىدۇ.
ئاۋسترىيەدىكى پان گېرمانچىلار ھەرىكىتى دەل بۇ ئالاھىدىلىكنى چۈشىنەلمىگەن بولغاچقا مەغلوپ بولىدۇ.
ئۇلار نېمە قىلىش كېرەكلىگىنى بىلەلىگەن، مەقسىدى توغرا، نىيىتىمۇ ياخشى ئىدى. ئەمما ئۇسۇلدا خاتالاشقان ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋەيران بولىشىنى تاغقا چىقىشنى نىيەت قىلىپ بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئىشەنچ ۋە غەيرەتلىك بىلەن يولغا چىققان، ئەمما تاغقا چىقىشنىڭ توغرا يولىنى تاللىيالمىغان بىر تاغقا يامىشىش تەنھەركەتچىسىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ تەنھەركەتچى چىقماقچى بولىۋاتقان چوققىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇغلۇق تاغقا چىقىشنىڭ يوللىرىنى توغرا تاللاشنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى، ئەڭ مۇۋاپىق يولنى كۆرەلمىدى، نەتىجىدە ياماشماقچى بولغان ئۇ تاغ چوققىسىغا زادىلا يېتىپ بارالمىدى.
پان گېرمانچىلىق ھەرىكىتىگە رەقىب بولغان خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىسى بۇنىڭ دەل ئەكسىنچە يول تۇتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيىسى ماڭىدىغان يولىنى توغرا تاللىيالىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ نىشانى ئېنىق ئەمەس ئىدى. پان گېرمانىزمچىلار ھەرىكىتى خاتا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى مەنتىققا ئۇيغۇن ۋە خەلق ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرەلىگەن ئىدى. بۇ پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتەلىگەن ئىدى. ئىشىنى باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردىن تارتىپلا خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى تونۇپ يىتەلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇششاق ۋە ئوتتۇر دەرىجىلىك غوجايىن-ھۈنەرۋەنلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى، شۇنداق قىلىپ ساداقەتلىك، دىيانەتلىك ۋە پىداكارلىققا تەييار تەرەپتارلىرىنى ئەتىراپىغا يىغالىدى. دىنى ئورگانلارغا قارشى تۇرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈچلۈك تەشكىلات بولغان چىركاۋلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ كەلدى. ئەندىكى ئىش خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىگە ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشىلا قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىقاتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كۈچ بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەچكە، خەلق ئاممىسىنى قانداق قىلىپ ئۆز ئەتراپىغا توپلاش ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىپ خەلقنى ئۆزلىرىگە باغلىۋالدى.
ئۇلارنىڭ ئاۋسترىيەنى قۇتقۇزۇپ قالالماسلىقىغا غايىسى ئېنىق بولماسلىقىلا سەۋەپ بولدى دېيىش مۇمكىن. بۇ يېڭى ھەرىكەتلەر ئىرقچى پىرىنسىپلارنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ئاساسىغا تىكلىگەن بولماي بەلكى دىنى ئېتىقاتلارغا ئاساسلانغان ئىدى. بۇ خاتالىق يەنە بىر خاتالىققا سەۋەپ بولدى. خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئاۋسترىيەنى قۇتقۇزۇش ئارزۇسى ئۈچۈن پارتىيە ئىرقچى پىرىنسىپلارغا تايىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھېساپلاشقان ئىدى. ئۇلار ئېرقچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بىر ھەرىكەت، ئۇزۇنغا قالماي ھەر قايسى ئىرقلاردىن تەشكىل تاپقان ئاۋۇستىرىيىنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايتتى. پارتىيە يىتەكچىلىرى ھەتتا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ھەرىكەت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويماقتا ئىدى. يەنى، بۈگۈنكى ۋيېننانىڭ ۋەزىيىتى ھەر قايسى مىللەت تەرەپلەر ئۆزئارا زىدىيەتلىشىشتىن ۋاز كېچىپ ئىتتىپاقلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك دەپ قارىشاتتى.
ئۇ كۈنلەرنىڭ ۋيېنناسىدا ھەر تۈرلۈك ئىرقلار ئۆز ئالدىغا گۇروھ ئۇيۇشتۇرىۋالغان ئىدى، بولۇپمۇ چېخلار پۈتۈنلەي ئايرىم بولىۋېلىشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ نېمىسلارغا قارشى ئاشكارە سەپ تۇتىدىغان پارتىيە قۇرىۋېلىشىنى ئىرق مەسىلىسىدە ھەددىدىن زىيادە يول قۇيۇش ئارقىلىقلا توساپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىشاتتى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئۇلار بەكلا كۆپ چېخ كاسىپلىرىنى ئۆزلىرىگە قارىتىش ئۈچۈن مانچىستېر لىبىرالىزىمىغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىنى تۇتۇپ تىرىشىپ باققان ئىدى. شۇ ئارقىلىق كونا ئاۋسترىيەدىكى بارلىق مىللەتلەرنى ئۆزئارا ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، يەھۇدىيلارغا قارشى دىنىي پىرىنسىپلارغا ئاساسلانغان ھەرىكەت ئۈچۈن بىر پارول ئىجات قىلغان بولدۇق دەپ خوشال بولۇشقان ئىدى. شۇنى ئوچۇق كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى، يەھۇدىيلار بۇنىڭدىن ئۇنچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىدى. ئەمما شۇنىسىمۇ باركى، بىر قېتىملىق ئىلاھى سۈننەت مۇنچىسىلا بىرەر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تىجارەت ئىشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا تولۇق يىتەتتى. بۇنداق تېيىز تەھلىللەرگە تايىنىپ ھەممە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىش نوقتىسىغا زادىلا ئېرىشكىلى بولمايتتى. بۇ خىل قاراشلار يەنە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشتەك بۇنداق تەكلىپلەرگە زادىلا ئەقلى يەتمەيدىغانلارنىڭ خىرىستىيان سوتسيال پارتىيىدىن يۈز ئۆرۈشىگىمۇ سەۋەپچى بولۇپ قالاتتى. بۇ قاراشنىڭ جەلىپ قىلارلىق كۈچى ئەقلى ئىشلىمەيدىغانلارنىڭ تار دائىرىسى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالدى. چۇنكى، بۇ كىشىلەر ھىسسىياتىغا بەكلا بېرىلىپ كېتىپ رىياللىقنى ئېنىق كۆرەلمىگىدەك ھالغا كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىمىز دەپ بۇنداق ئەمىلى ھەرىكەتلەرگە ئاتلىنىشتىن مەھرۇم بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئەسلى غەرىزىنىڭ يەھۇدىلارنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش، ياكى بولمىسا بۇ تۈردىكى خىيالىنى ئىپادىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكى بارغانسىرى ئېنىق بىلىنىشكە باشلىدى. شۇنداقتىمۇ بۇنداق بىر كۈرەشنىڭ بىرەر پەلسەپەلىك ئاساسى، بۇنداق قاراشقا يىتەكچىلىك قىلىدىغان بىرەر داھىسىمۇ يوق ئىدى. خېلى كۆپ كىشىلەر بۇنداق بىر ھەرىكەتنى ئەخلاقى پىرىنسىپلىرىمىزغا خىلاپ، ناھەقچىلىكنى تەشەببۇس قىلغانلىق دەپ قاراشماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىنىڭ بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، يەھۇدىيلاردىن باشقا بارلىق مىللەتلەرنىڭ تەغدىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلمىغان ئىدى. ئىشنى بۇ شەكىلدە يېرىم يولدا تاشلاپ مېڭىش، خرىستيان سوتسيال پارتىيىنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنىڭ قىممىتىنى نۆلگە تەڭ قىلىپ قويغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەھۇدىلارغا قارشى ئېغىزدىكىلا ھەرىكەت ياكى يالغان قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆكتىچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتقان يولىدىنمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۇنكى ئۇلار دۈشمەننى نەق قۇلىقىدىن تۇتىۋالدۇق دېيىشىپ بىخارامان مۈگىدەشكە باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يىتىلەپ يۈرگەنلەر دەل يەھۇدىيلار ئىدى. ئۇزۇنغا قالماي يەھۇدىيلار بۇ تۈردىكى يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتىكى، ئەگەر بۇ تۈردىكى يەھۇدىي دۈشمەنلىكى ئەمەلدىن قالغىدەك لا بولىدىكەن، ئۇلار بۇنىڭدىن خاتىرجەمسىزلىنىدىغان ھالغا كېلىشكەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ دۆلەتمۇ مىللىي مەنپەئەتلەر ئاساسىغا قۇرۇلغان كۆزقاراشلىرىدىن ۋاز كېچىش جەھەتتە ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ جەرياندا پان گېرمانىزم ئۈچۈن قىلىنغان پىداكارلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئىدى. ئاقىۋەتتە مىللەتچىلەر ھەتتا ۋيېننادىمۇ قورقۇپ مىللەتچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىغىدەك ھالەت شەكىللەنمەكتە ئىدى. ھەتتا بۇ ئىشىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ھابوسبۇرگلار دۆلىتىنى قۇتقۇزۇپ قالالايمىز دەپ ئۈمىدلىنىشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە دۆلەت يوقۇلۇش گىرداۋىغا قىستىلىپ، بۇ ھەرىكەت ئۆز ھىمايىچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكىنى دەل ئەنە شۇ يوقاتقان كۈچلىرى ئاساسىدا ئۇزۇنغىچە كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىن ئىدى. ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئاقىۋەت بۇ خرىستيان سوتسيالىستلار پارتىيىسى باشقا سىياسىي پارتىيىلەردىن قىلچە پەرقى يوق ئادەتتىكى بىر پارتىيىگە ئايلىنىپ قالدى.
دەسلىۋىدە بۇ ئىككى تۈردىكى ھەرىكەتنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسىنى چىن قەلبىمدىن قايىل بولۇپ تۇرۇپ كۈزەتكەن بولسام، يەنە بىرسىنى ئۆزەمچە ئاۋسترىيىدىكى نېمىسلارنىڭ ئاچچىغى يامان سىموۋۇلى دەپ تونىغان ئۇ كام تېپىلىدىغان ئادەمنى، يەنى پارتىيە داھىسى دوكتور لۋېگېرنى ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە ھەيران بولغان ھالدا تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەنىدىم. دوكتور لۋېگېر ۋاپات بولغىنىدا، بۇ داڭلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىغىنىڭ ماتەم كۈنىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىن رېنگستراسقا قاراپ ئېقىن قىلغان ھەشەمەتلىك ماتەم مۇراسىم قوشۇنىدا، يۈزمىڭلىغان كىشىلەر قاتناشقان ئۇ مەيۈسلۈك مۇراسىم قوشۇنى ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم. مەن شۇ كۈنى بۇ ئۇلۇغ ئادەمنىڭ قىلغان ئىشلىرى بۇندىن كېيىن بىكار بولۇپ كىتەرمۇ دەيدىغان ھېسسىياتلىرىم بىلەن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا كىشىلەر توپى بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم. چۇنكى تەغدىر بۇ دۆلەتنى قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئاقىۋەتكە، يەنى يىمىرىلىش يولىغا قاراپ يىتەكلىمىكتە ئىدى. ئەگەر دوكتور كارل ليۇگېر ئاۋسترىيەدە ئەمەس بەلكى گېرمانىيىدە ياشىغان بولسا ئىدى، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان بىرسى بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى بەرمىگەن بۇ دۆلەتنىڭ پۇخراسى بولۇپ ياشىغانلىقى ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر بەخىتسىزلىك ئىدى. دوكتور ليۇگېر ۋاپات بولغان ۋاقتلاردا بالقان تەرەپلەردە بەزى توپىلاڭ ئۇچقۇنلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. دېمەككى، تەغدىر ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق، يۈز بېرىدىغان بەزى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان بولىشى مۇمكىن.
مەن بۇ ئىككى تۈرلۈك ھەرىكەتنىڭ بىرىنچىسىدىكى ئاجىزلىقنىڭ، يەنە بىرسىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدىم. كونا ئاۋسترىيەدە دۆلەتنى كۈچەيتىشكە ئىمكان يوق ئىدى. ئەمما تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى ھەرىكەت مۇنداق خاتالىق ئىچىگە پېتىپ قالغان:
پان گېرمانىزم ھەرىكىتى يېڭى بىر نېمىس نەسىلىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم دەيدىغان پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويىشى جەھەتتە خاتالاشمىدى دېيىشكە بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ ھەرىكەت خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قالىغىدەك ئىجتىمائىيلاشقان بىر ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى دىنى كۆزقاراشلارنى ئاساس قىلغان بولماي ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئىرق مەسىلىلىرى ئاساسىغا تىكلەنگەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ بىر دىن مەزھىبىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشىمۇ ئېغىر پىرىنسىپال ۋە تاكتىك خاتالىقى ئىدى.
خرىستىيان سوتسيال دېموكراتلار ھەرىكىتى گېرمانىيىنىڭ باش كۆتۈرىشى مەسىلىسىدە كەسكىن بىرەر كۆز قارىشى، ئېنىق بىرەر غايىسى بولمىغىنى بىلەن، بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەقىلغا ئۇيغۇن يول تاللىيالىغان ئىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى بىلەلىگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مىللەتچىلىكنىڭ مۇھىملىقىنى پەقەتلا بىلەلمىگەن ئىدى.
ئەگەر خرىستيان سوتسيال پارتىيىسى ئىرق مەسىلىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى پان گېرمانىزىمچىلاردەك ئېنىق تونىيالىغان، يەنى ئۆز ۋاقتىدا يەنە مىللەتچىلىك ئاڭغىمۇ ئىگە بولغان بولسا ئىدى، ياكى بولمىسا، يەنە بىر تەرەپتە ئەگەر پان گېرمانىزمچىلار ھەرىكىتى يەھۇدىي ۋە مىللەتچىلىك مەسىلىسىدىكى توغرا پىكىرلىرى بىلەن بىر قاتاردا خرىستيان سوتسيال پارتىيىدىكىلەرچىلىك بولسىمۇ دىنغا ئەھمىيەت بەرگەن، سوتسىيالىزم قاراشلىرى جەھەتتىمۇ شۇلارچىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولسا ئىدى، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، نېمىس ئىرقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتەلىگەن بولار ئىدى. ئۇلار بۇنى قىلالمىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرىغانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبىنى يەنىلا ئاۋسترىيەنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈش كېرەك.
ھېچ بىر پارتىيىنىڭ چۈشەنچىلىرى تولۇق ۋايىغا يېتىپ قېلىپلاشقان ھالغا كەلمىگەنلىكى ۋە مېنىڭ كۆزقاراشلىرىممۇ ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا تولۇق ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سېپىغا قوشۇلۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىش نىيىتىگە كەلمىدىم. مەن تا شۇ كۈنلەردىن تارتىپلا بۇ ئىككى سىياسىي پارتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ئاخىرقى مەقسىدىگە يىتەلمەيدىغانلىقىنى، نېمىس خەلقىنى سىرتتىن تېڭىلمىغان، مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغان ئۆزگىرىشكە يىتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدىم.
ئۇ ۋاقىتلاردا ھابوسبۇرگ دۆلىتىگە قارىتا غەزىۋىم، ئۆچمەنلىكىم كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا ئىدى.
مەن ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىگە قانچىكى چوڭقۇرلاپ كىرسەم بۇ دۆلەت ئالۋاستىسىنىڭ نېمىسلار ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىغا بولغان قارىشىممۇ شۇنچە كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. نېمىس مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئاۋسترىيەدە ئەمەس بەلكى رېيچ ئىچىدىلا قوللاپ قۇۋەتلىنىدىغانلىقىنى كۈنسايىن ئېنىق كۆرمەكتە ئىدىم. بۇنداق بولىشى بۇ ئىشنىڭ بىر سىياسىي مەسىلىلا ئەمەس بەلكى مەدەنىي مەسىلە بولغانلىقىدىن تۇغۇلماقتا ئىدى.
ئاۋسترىيە دۆلىتى مەدەنىيەت ۋە گۈزەل سەنئەتلەر ساھەسىدىمۇ يىمىرىلىش ئىشارەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
ھېچ بولمىغاندا نېمىس خەلقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بەرمەكتە دېيىش مۇمكىن ئىدى. بولۇپمۇ بىناكارلىق ساھەلىرىدە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنمەكتە ئىدى. يەنى سەنئەت ئېقىملىرى بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۇنكى رىنگستراس سارىيى پۈتكەندىن كېيىن گېرمانىيىدە سېلىنغان قۇرۇلۇشلارغا سېلىشتۇرغاندا ۋيېننادا قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ئۇششاق قۇرۇلۇشلاردىن باشقا تۈزۈك بىرەر يېڭىلىق ئوتتۇرغا چىقىش ئىمكانىيىتىمۇ قالمىغان ئىدى.
شۇ سەۋەپتىن ئۆزەمنى بىرلا ۋاقىتتا خۇددى ئىككى خىل تۇرمۇش ئىچىدە ياشىغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم: تۇيغىلىرىم بىلەن رىياللىق مېنى ئاۋسترىيەدىكى جاپالىق بولسىمۇ پۈتۈن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ ئالالىشىمغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان مەدىكارلىق ئىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا ئىدى. ئەمما كۆڭلۈم پۈتۈنلەي باشقا ئىشلارنى ئويلاش بىلەن بەنت بولغان ئىدى.
بۇ دۆلەتنىڭ ئىچ-ئىچىدىن چىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىنىمدىن كېيىن، قەلبىمنى ئېغىر ئۈمىدسىزلىك قاپلاشقا باشلىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆز ۋاقتىدا يەنە بۇ دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرى نېمىس مىللىتىنى ۋەيرانچىلىققا باشلاپ بارىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىر شەكىلدە ئالدىن پەرەز قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.
ئەسلىدە بۇ دۆلەت ئۇلۇغ ئىش دەپ قارالغان ھەممە ئىشنى قولغا ئېلىشى، نېمىسلىققا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشنى قولىدا چىڭ تۇتقان بولىشى شەرت ئىدى. ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەن، نېمىسلىكنى چۆكۈرۈپ باشقا ئىرقتىكىلەرنىڭلا مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان يولغا كىرىپ قېلىشى مۇقەررەر ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق يول تۇتقانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى.
خاندانلىق پايىتەختى بولغان ۋيېننادىكى جەمىيەتنىڭ كۆرۈنىشى داشقايناق ئىرقلار بىرلەشمىسىدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى، يەنى چېخلاردىن، لېخلاردىن، ۋىنگىرلاردىن، رۇتېنلاردىن، سىرپلاردىن ۋە ھېرۋاتلاردىن ۋيېننا جەمىيىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى مېنى قاتتىق يىرگىندۈرمەكتە ئىدى. بۇ جەمىيەتتە ئىنسانىيەتنى ۋەيرانلىققا باشلاپ ماڭىدىغان مىكروپ مەنبەسى بولۇش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلارنىمۇ، … توغرا، شۇ يەھۇدىي دېگەنلەرنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق لازىم، ئەلىۋەتتە.
بۇ كاتتا شەھەر، مېنىڭ كۆزۈمدە خۇددى نىكا سىڭمەيدىغان يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆزئارا پاھىشە قىلىشىدىغان يەردەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
بۇ يەردىكى ياشلار بالىلىق ۋاقتىمدا تۈۋەنكى باۋارىيىدە سۆزلىشىدىغان نېمىس شىۋىسىدە سۆزلىشەتتى. شۇڭا مەن بىر تەرەپتىن بالىلىق ۋاقتىمدا ئۆگەنگەن بۇ شىۋەمنى ئۇنتۇپ كتەلمىگەن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ۋيېننادا سۆزلىشىدىغان بۇزۇلغان نېمىسچە شىۋىسىنىمۇ ئۆگىنەلمىگەن ئىدىم. مەن بۇ شەھەردە قانچىكى ئۇزۇن تۇرۇپ قالسام، بۇ كونا نېمىس مەدەنىيەت مەركىزىنى خاراپ قىلىشقا كىرىشكەن بۇ يات قەۋىملەر توپلىمىغا قارىتا ئۆچمەنلىكىم شۇنچە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى.
بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ بىر قانچە كۈنلۈكلا قالغان ئۆمۈرىنى ئۇزارتىمەن دېگۈچىلەرگە ئىچىمدىن كۈلگۈم كىلەتتى.
ئۇ ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيە چېچىلىپ كەتكەن رەڭگارەڭ كونا چىنە نەقىش چاخچۇقلىرى خارابىسىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، بۇ چىنە پارچىلىرىنى يېپىشتۇرۇپ بىر يەرگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر سېمونتمۇ كارغا كەلمەس ھالغا كەلگەن ئىدى. گەرچە بۇ تەڭداشسىز ئەسەرگە چېقىلمىسىڭىزلا سىزنى يەنە بىر مەزگىل ئۆزىگە جەلىپ قىلالىشى، ھەتتا قىلچە ۋەيران بولماي ئۆز پىتىچە تۇرغاندەك كۆرىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭغا شۇنداقلا بىر تىگىپ قويسىڭىز ھەممە تەرەپتىن تۆكۈلۈپ غۇلاپ چۈشىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇ خارابىلىق گويا بىرەر كۈچنىڭ تىگىپ كېتىشىنى كۈتىۋاتقاندەك ھالدا تۇرماقتا ئىدى.
مېنىڭ قەلبىم ئاۋسترىيە خاندانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نېمىس ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن سوقماقتا ئىدى. زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئاۋسترىيەنىڭ يىمىرىلىش كۈنى مېنىڭ ئۈچۈن نېمىس مىللىتىنىڭ ئازاتلىق كۈنى ئۈچۈن تۇغۇلىدىغان بىر شەپەق بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. مانا بۇلار، تا ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا مېنى ئەنە شۇ غايىگە قىزىقتۇرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ يەردە مېنى يوشۇرۇن بىر غايە، يوشۇرۇن بىر ئاشق كۈتمەكتە ئىدى.
ئەنە شۇنداق بىر كەلگۈسىدە بىرەر بىناكارلىق ئېنجىنېرى بولۇپ تەغدىرنىڭ يول قويغان ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ مىللىتىم ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. قىسقىسى، مىللىتى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىش بەختىيارلىقىغا ئېرىشكەن كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. مېنىڭ غايەم بولسا، سۈيۈملۈك ۋەتىنىم بولغان ئاۋسترىيەنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز رېيچ گېرمانىيىسىگە قوشۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ غايىمىزنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ سانى يەنىلا خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلماقتا. مەن بۇ يەردە تا بۈگۈنگىچە ئەنە شۇنداق بىر غايىنى تىكلەش لەززىتىدىن بەھرى ئالالماي يۈرگەن، شۇنىڭدەك بۇ ئېچىنىشلىق بۆلۈنۈشكە ئۆزىنى كۆندۈرىۋالغان كىشىلىرىمىزگە خىتاپ قىلىمەن. ئانا ۋەتىنىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان، قۇتلۇق ئانا تىلى غەزىنىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان، ۋەتىنىگە تەلپۈنگەنلىكى سەۋەبىدىن زۇلۇم ئاستىدا، نازارەت ئاستىدا قېلىۋاتقان، قەدىرلىك ئانا ۋەتەن ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان، ئەنە شۇ ئانا ۋەتىنىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىش كۈنلىرىنى مەيۈس ھالدا سەۋرىسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتقان كىشىلىرىمىزگىمۇ خىتاپ قىلىمەن. مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاپ قىلىمەن، مېنىڭ بۇ جاراڭلىق خىتاپلىرىمنى ئۇلار بىر كۈنى چوقۇم ئاڭلايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئانا ۋەتەن ئوتىدا يېنىپ پۇچۇلىنىپ يۈرگەن غايىنى پەقەت ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ پۈتۈن قان-تومۇرلىرىدا نېمىس قېنىنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنىڭ غورۇرىنى ھېس قىلالايدىغان، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلەيدىغان نېمىسلارلا چۈشىنەلەيدۇ. ئانا ۋەتەن ھەسىرىتى ئۇنىڭغا ئۆزىنى، بارلىقىنى بېغىشلىغان ھەرقانداق بىرسىنى ۋەتەن ئىشقىدا كۆيدۈرمەكتە، ئۇلار ۋەتەن دەرۋازىسىنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ ئېچىلىش پۇرسىتى يېتىپ كەلگەن كۈنلەرگىچە، ئوخشاش قاندىكى، ئوخشاش ئىرقتىكى بىرلا ئىمپىرىيە تەۋەسىدە بىرلىشىپ كۆڭلى ئارام تاپقان كۈنلەر كەلمىگىچە ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھەرگىزمۇ بەخىت، خاتىرجەملىك دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھەرگىز خاتىرجەم بولالمايدۇ.
ۋيېننا مەن ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق ئەمما ئۆز ۋاقتىدا يەنە ھەممە نەرسىنى تولۇق ئۆگىنىشكە بولىدىغان، ئەڭ بەرىكەتلىك مەكتەپ بولۇپ قالغان ئىدى. مەن بۇ شەھەرگە بالا ۋاقىتلىرىمدا كىرىپ كەلگەن بولسام، ئۇ يەردىن ئايرىلغان ۋاقتىمدا بولسا ئۆزەمنى تۇتىۋالغان تولۇق يېتىشكەن بىر يىگىتكە ئايلانغان بىرسى ئىدىم. مەن ياشاشنىڭ بارلىق دەرسلىرىنى ئەنە شۇ يەردە ئۆگەنگەن ئىدىم. بولۇپمۇ سىياسىي مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئەنە شۇ شەھەردە ئۆگەنگەن ئىدىم. مەن شۇندىن كېيىن بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى تولۇقلاش بىلەنلا ئۆتتۈمكى، ئۇ يەردە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمدىن بىرەرسىنىمۇ تاشلىۋەتمىدىم. مەن ئۇ يىللىرى ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ قىممىتىنى مانا ئەندىلا تولۇق ھېس قىلماقتىمەن.
مەن ئۇ دەۋرلەرگە مۇناسىۋەتلىك جاپا-مۇشەققەتلىك سەرگۈزەشتىلىرىمنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىشىمدىكى سەۋەپ، بەش يىل ئىچىدە كاتتا ھەرىكەت ھالىغا كەلگەن پارتىيىمىزنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى تۇنجى بىلىملەرنىمۇ ئەنە شۇ دەۋردە ئۆگەنگەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئۇ دەۋىرلەردىكى بىر قىسىم شەخسى تەتقىقاتلىرىم، تەغدىرنىڭ ماڭا زورلاپ كۆرسەتكەنلىرى ئارقىلىق ياش ۋاقىتلىرىمدا ئاساسلىق بىلىملەرگە ئېرىشىۋالمىغان بولسام، كىم بىلىدۇ بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلارغا، سوتسيال دېموكراتىيىگە ھەتتا ماركىسىزمغا، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق چۈشەنچىلەرگە كېلىپ قالار ئىدىم؟ ۋەتىنىمنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەر بىلەن ئۇنىڭ ۋەيران بولىشىغا يىتەكلىگەن ئىچكى سەۋەپلەرنى مىڭلارچە ئادەم ئويلانغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، شۇ جەرياندا ئۆز تەغدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتالىغان كىشىلەرلا بۇ سەۋەپلەرنى ئەڭ توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ.

تۆتىنچى باپ

ميونخېندا

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 11:24:35 | ئايرىم كۆرۈش

تۆتىنچى باپ

ميونخېندا
1912-يىلى باھاردا ميونخېنغا قاراپ يولغا چىقتىم. مىيونخېنغا بارغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، گويا بۇ شەھەرنىڭ كۇچا-دوخمۇشلىرىدا، شەھەر بىنالىرى ئارىسىدىكى تار كوچىلاردا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئايلىنىپ ياشاپ كەلگىنىمدەك بەكلا تونۇش بىر شەھەر بولۇپ بىلىندى. دېمىسىمۇ كۈزىتىش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىم مېنى بۇ نېمىس سەنئەت مەركىزىگە باشلاپ كېلىپ نۇرغۇن قېتىم ساياھەت قىلدۇرغاندەك بىر تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى. ئەگەر بىرسى ميونخېننى كۆرمىگەن بولسا، ئۇ كىشى گېرمانىيىنىلا كۆرمىگەن ھېساپلىنىپ قالماي بەلكى پۈتكۈل نېمىس سەنئىتىدىنمۇ قىلچە خەۋەرسىز، ئۇ ھەقتە ھېچنىمە بىلمەيدىغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ.
ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئۇ يىللار، ھەرقانچە جاپالىق ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا ھاياتىمنىڭ ئەڭ بەخىتلىك يىللىرى ھېساپلىناتتى. ھەر كۈنى ئىشلەپ يۈرگەن بولساممۇ كۈنلۈك كىرىمىم يەنىلا تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق دېگىدەك ئاز ئىدى. مىيۇنخېندا مەن رەسىم سىزىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنى قامداش، ئېنىقىراقى ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالىشىم ئۈچۈنلا رەسىم سىزىپ يۈرەتتىم. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇ كۈنلەردە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز غايەمگە چوقۇم يېتىمەن دەيدىغان ئىشەنچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدىم. مەندىكى بۇ ئىشەنچ، قىيىنچىلىقلارغا بەردەشلىق بېرىشىم ئۈچۈن كۈچ قوشماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا تۇرمۇشۇمدىكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا زارلانماي بەرداشلىق بېرىپ كېتىۋەردىم.
تۇرمۇشۇمنىڭ بەكلا ئاددى-ساددە ۋە جاپالىق ئۆتىشى، بۇ جاپالارغا قىلچە زارلانماي بەرداشلىق بىرەلىشىم ئۈچۈن بۇ سەۋەپلەر ماڭا يىتەرلىك ئىدى. بۇلارغا يەنە بۇ شەھەرگە تۇنجى كىرىپ كەلگەن ۋاقتىمدىكى بۇ شەھەردىن ھەيران قالغان ھاياجانلىق ھېسسياتىمنىڭمۇ ھەسسىسى قوشۇلغانىدى. مەن بۇرۇن ھېچقانداق بىر شەھەرگە مىيونخېنغا باغلانغاندەك بۇنچىلىك كۈچلۈك باغلىنىپ باقمىغان ئىدىم. مەن بۈگۈن، ھەقىقىي نېمىس شەھىرىدىن بىرسىدە ياشىماقتا ئىدىم! ۋيېننا بىلەن بۇ شەھەر ئوتتۇرسىدىكى پەرق نېمە دېگەن چوڭ-ھە! ۋيېننانىڭ بىر ئىرقلار داشقاينىقى بولۇپ كۆرۈنىشىنى ئويلىساملا ئىچ-ئىچىمدىن سەسكىنىپ كىتەتتىم. بۇ يەردە سۆزلىشىدىغان نېمىسچە مېنىڭ شىۋەمگە بەكلا ئوخشاپ كىتەتتى. بۇ يەرنىڭ شىۋىسى ماڭا تۆۋەنكى باۋارىيە خەلقى بىلەن مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمنى ئەسلىتەتتى. شۇنداق بولغاچقا بۇ شەھەردىكى ھەممىلا نەرسە دېگىدەك ماڭا تونۇشلۇق، قىممەتلىك بولۇپ بىلىنمەكتە ئىدى. مىيونخېندا مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەكلا كۆپ نەرسىلەر بار ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە خوفبراخاۋۇستىن تارتىپ ئودېيونغىچە، ئوكتوبېرفېستتىن تارتىپ تا پىناكودېكيۇغىچە سوزۇلغان كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەنگەن تەڭداشسىز سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە مەنزىرىلەر مېنى ئۆزىگە ھەممىدىن بەك جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ بۇ شەھەرگە باشقا ھەرقانداق بىر شەھەرگە قارىغاندا ھەممىدىن بەك باغلىنىپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ مېنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىم جەريانىدا قىلچە ياتسىرىماسلىقىم ۋە ئۇنىڭدىن بىر مىنوتمۇ ئايرىلىپ قالماسلىق تۇيغۇلۇرۇم ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغانلىقى ئىدى. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ شەھەردە ئۆزەمنى شۇنچە بەخىتلىك ھېس قىلىشىمنى ۋىتتېلسباچلارنىڭ بۇ شەھەردىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەسىرىنى سوغوققانلىق بىلەن سىرتتىن كۈزىتىپ يۈرگەنلەرگە ئەمەس بەلكى سەمىمىي سۆيگۈ روھىغا ئىگە كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش كېرەك.
مەن ميۇنخېنغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ كەسىپى قىزىقىشىمدىن قالسا، جەمىيەتنىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيتى بىلەن تاشقىردىكى ھادىسىلەرنى ئىزچىل تۈردە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا ھەممىدىن بەك قىزىققان ئىدىم. مەن بۇ شەھەردە گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق كىلىشىمى تۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم. مەن ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىمدىلا بۇ خىل كىلىشىم تۈزۈش سىياسەتلىرىنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ قارىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىمدا گېرمانىيە رېيچىنىڭ نىمە خىياللاردا بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئېنىق پەرق قىلىپ كىتەلمىگەن ئىكەنمەن. مەن ئۇ چاغلاردا − بۇ تۈردىكى قاراشلىرىمغا بىرەر باھانە قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە بولسا كېرەك − بۇ ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بىر ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى بېرلىندىكىلەر چوقۇم بىلىدۇ، ئەمما پەيت كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ ياتقان دۈشمەنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق مەقسىتىدە مەخپىيەتلىكنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنى ئاشكارىلىماي كېلىۋاتىدۇ، مۆرتى كەلگىنىدە بىسمارك تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن تاشقى سىياسەت جەھەتتىكى ئىتتىپاقداشلىق سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەندەك خاتا چۈشىنىپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ھېچ بولمىغاندا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئۆزەمنى پەپىلەپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمما بۇ يەرگە كېلىپ كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، بۇنداق قاراشلىرىمنىڭ نەقەدەر خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن ئىدىم. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ساھەلەر بويىچە، ھەتتا زىيالىلار تەبىقىسىدىكىلەرنىڭمۇ ھابسبوۋرگلار خاندانلىقىنىڭ قانداق بىر نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە قىلچىمۇ ساۋادى يوقلىقىنى پەرق قىلىپ ھەيران قالغان ئىدىم. ھەتتا خەلق ئاممىسىمۇ بۇ ئىتتىپاقدىشىنى مۇكەممەل ئىتتىپاقدىشىمىز دەپ تونۇپ يۈرىدىغانلىقىنى، خەتەرلىك ۋەزىيەت يېتىپ كېلىشى ھامان بۇ ئىتتىپاقدىشى دەرھال ھەربى كۈچ بىلەن ياردەمگە تەييار تۇرىدۇ دەپ قارىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خاندانلىقنى ئىزچىل تۈردە بىر نېمىس دۆلىتى دەپ ھېساپلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ دۆلەتكە قەتئى ئىشەنچ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم.
ئۇلار بۇ يەردىمۇ كۈچنى سانلىق رەقەملەر بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنماقتا ئىدى. بۇ يەردە نېمىشقىدۇ ئاۋسترىيەنىڭ ئاللىبۇرۇن نېمىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتىنى يوقۇتۇپ بولغانلىقى، ئىچكى ۋەزىيىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە يىمىرىلىشكە قاراپ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم پەرق قىلالمىغانلىقىنى كۆردۈم.
مەن ئاۋسترىيەنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى بۇ يەردىكى دېپلوماتىك خادىملاردىنمۇ ياخشى بىلەتتىم. بۇ دېپلوماتلار، كەلگۈسى ھەققىدە بۇرۇنقى دېپلوماتلارغا ئوخشاشلا ھېچنېمىنى پەرق قىلماي قارغۇلارچە ئىشىنىپ ماڭىدىغان كىشىلەر ئىدى. خەلقنىڭ ئىچكى ھېسياتلىرى يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بايان قىلىشقان پىكىرلىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. يوقۇرى ئورۇندىكىلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىققا بولغان ساداقىتى خۇددى پۇل بېرىپ ئىبادەت قىلدۇرلغاندەكلا بىر ئىش ئىدى. ئۇلار كام-كۈستىلىرىنى تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ دەپ نازاكەت كۆرسىتىشىپ، قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
ۋيېننادا، بىر قىسىم دۆلەت مەسئوللىرىنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى بىلەن ۋيېننا گېزىتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلار ئوتتۇرسىدا قىلچە ئوخشاشلىق يوقلىقىنى پەرق قىلغان ۋاقتىمدا ئىچ-ئىچىمدىن غەزەپلىنىپ كىتەتتىم. ھەر نىمە دېگەن بىلەن، ۋيېننا شەھىرى سىرتقى كۆرۈنىشىدىن بولسىمۇ بىر نېمىس شەھىرى ھېساپلىناتتى. ئەمما ۋيېننادىن، ياكى ئېنىغىراق ئېيتقاندا نېمىس ئاۋسترىيەسىدىن سىرتقا چىقىپ ئىمپىرىيىنىڭ ئىسلاۋيان ئاپتونوم شەھەرلىرىگە بېرىپ كۈزىتىدىغانلا بولسا، ئۇ يەرلەردە نېمىسلىكتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوقلىقىنى، ھەتتا نېمىس يۇرتلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى دەرھال سېزىۋېلىشقا بولاتتى. پىراگا تەرەپلەردە بۇ ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتىپاق كومىدىيەسى ئۈستىدە نىمە گەپلەر بولۇنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پراگا گېزىتلىرىگە شۇنداقلا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى. ئۇ جايلاردا ئالاھىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرىلىۋاتقان دېپلوماتىيىنىڭ ئەسىرى ھېساپلىنىدىغان بۇنداق ئاپتونومىيە ئۇيۇنلىرىنى مازاق قىلىشتىن باشقا بىرەر گەپنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. ئۇ يەرلەردىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى تېنچ ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرىۋاتقان، خام خىيال بىلەن تولغان كۈنلەردە ئىككى ئىمپراتور بىر-بىرسىگە تەبرىكنامىلار ئىۋەرتىشىپ يېقىنچىلىق قىلىشقانلىرى بىلەن، نۆۋەت قۇرۇق گەپلەردىن كېيىن ئەمىلىي ئىجرا قىلىشقا كەلگىنىدە، نىيېبېلۇنگېنلەر ئېيتقاندەك ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى قىلچە تەپ تارتماستىن ئاپ-ئاشكارە مۇھاكىمە قىلىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ ئىتىپاقداشلىق كىلىشىملىرى ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىغا كەلگىنىدە، ئىتالىيە بۇ ئۈچ بولۇڭلۇق شەرتنامىنى قوپاللىق بىلەن يىرتىپ تاشلاپ قالغان ئىككى ئىتتىپاقدىشىنى ئوڭدا قويغانلىقى، ھەتتا دۈشمەن تەرەپ بىلەن كىلىشىم تۈزگەنلىكىگە ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەسلىدە ئىتالىيىنى ئاۋسترىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ دېگەن بۇ مۇجىزىگە بىر سېكونتلۇق بولسىمۇ ئىشىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئادەم دېپلوماتىيە قارغۇسى دەيدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىرسى بولىشى كېرەك. ئەسلىدە پەقەت خابسبوۋرگلار بىلەن نېمىسلارلا ئىتالىيە بىلەن تۈزۈشكەن بۇ كىلىشىمنى ھىمايە قىلىشاتتى. بۇلاردىن خابسبوۋرۇكلار بىر تەرەپتىن مەجبۇر قالغانلىقى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئېھتىياجىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىلىشىمنىڭ تەرىپىنى ئالغان بولسا، ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار ئاق نىيەتلىك ئىنسانلار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىق كىلىشىمگە ئىشەنچ قىلىشقان ئىدى. ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار بۇنداق ئۈچ تەرەپلىك كىلىشىم ئارقىلىقلا نېمىس ئىمپىرىيىسىگە چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ۋە نېمىس ئىمپىرىيىسىنى كۈچلەندۈررۈشنىڭ بىر قوشۇمچە كۈچىگە ئايلىنالىشىغا ئىشىنەتتى. بۇ ئىشتا سىياسىي جەھەتتىكى قايمۇقۇشنىڭمۇ تەسىرى يوق ئەمەس، ئەلىۋەتتە.
بۇنداق بىر ئۈمىدنىڭ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىر قۇرۇق خىيال ئىكەنلىكىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرغاندىمۇ، بۇنداق بىر ھەرىكەت ۋەيران بولىۋاتقان ھابسبوۋرگلۇقلار بىلەن بىر قاتاردا گېرمانىيە رېيچىنىمۇ بىرگە يارغا ئىتتىرىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر تارمار بولۇشقا ئۆلۈپ بولغان ئاۋسترىيە دېگەن بۇ ئەرۋاھ دۆلەت جەسىدىنىڭ سەۋەپچى بولىۋاتقانلىقىنى پەرق قىلالماسلىق، مېنىڭچە بولغاندا بەكلا چوڭ ئاخماقلىق ھېساپلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ كېلىشىم سەۋەبىدىن ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار نېمىسلىكتىن چىقىرىلىشقا مەھكۈم قىلىنغان ئىدى. دېمىسىمۇ، ھابسبوۋرۇكلار رېيچ بىلەن تۈزۈشكەن كىلىشىمنامىگە ئاساسەن بۇ جەھەتتىن كېلىدىغان بىرەر ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىۋالغانلىقىغا، ئۇلارنى ئىچكى سىياسەت جەھەتتە نېمىسلىكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىش يولىدا تېخىمۇ ئەركىن ھەركەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا ئىشىنەتتى. يەنى، بۇ ئۆلىۋاتقان دۆلەت ئاۋسترىيەلىك نېمىسلار ئارىسىدا بەكلا پەسكەشلىك بىلەن يولغا قويۇلىۋاتقان ئىسلاۋيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى يۈز بېرىدىغان نارازىلىقلارنى بۇ شەرتنامىلارنى باھانە قىلىپ باستۇرۇش پۇرسىتگە ئېرىشكەن ئىدى.
ئۇنداقتا رېيچ گېرمانىيىسىمۇ ھابسبوۋرگلار ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ئاۋسترىيەدىكى نېمىسلار نىمە كۈنلەرگە قالغانلىقىنى كىم ئويلاپ باقتى؟ ياكى بولمىسا بارلىق نېمىسلارغا ۋەتەن خائىنى دېگەن قالپاقنى كەيگۈزۈش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەكمىدى؟ ھالبۇكى، بۇ نېمىسلار ئىزچىل تۈردە گېرمانىيە ئۈچۈن دەپ ھەرخىل پىداكارلىقلارغا چىداپ كەلمەكتە ئىدى.
ئەگەر ھابسبوۋرگ خاندانلىقى نېمىسلىكنى سۈپۈرۈپ تاشلىغىنىدا بۇ شەرتنامىنىڭ نىمە قىممىتى قالىدۇ؟ بۇ ئۈچ تەرەپلىك شەرتنامىنىڭ قىممىتى گېرمانىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاۋسترىيىدىكى نېمىس نوپۇزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا باغلىق ئەمەسمىدى؟ ياكى بولمىسا نېمىسلار ھابسبوۋرگلار قۇرىدىغان بىرەر ئىسلاۋيان ئىمپىرىيىسىگە تايىنىپ سەلتەنەتىنى داۋاملاشتۇرالىشىغا ئىشىنەمدىغاندۇ؟
ئاۋسترىيەدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدە گېرمانىيە دېپلوماتىيىسى بىلەن گېرمانىيە ئومۇمىي تەشۋىقات ئەپكارلىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ئاخماقانىلىق بولۇپلا قالماي، قىلچە مەنىسى يوق بىر ئىشلار ئىدى. 70 مىليونلۇق بىر ئىرقنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئەنە شۇنداق تۇترۇقسىز كىلىشىملەر ئاساسىغا قۇرۇلماقتا ئىدى. ئەمما بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىن-بىر ئامىل، يىلدىن يىلغا سىستېمىلىق شەكىلدە قاتتىق-يۇمشاق چارىلار ئىشقا سېلىنىپ ۋەيران قىلىنماقتا، بۇنداق يوقۇتۇلۇشقا ھەممە تاماشا قىلىپ قاراپ تۇرماقتا ئىدى. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئوتتۇرلۇقتا ۋيېننا سىياسىيونلىرى بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىنىڭ قۇرۇق قەغىزىدىن باشقا ھېچنىمە قالمايدۇ، ئۇلاردىن قىلچە ياردەم ئېلىش ئىمكانىيىتى قالمايدىغان ھالەت يۈز بېرىدۇ.
ئىتالىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.
ئەگەر گېرمانىيىنىڭ ئىرقلار تارىخى بىلەن ئىرقلار پسىخولوگىيىسى سەل دىققەت قىلىپ تەھلىل قىلىنىدىغان، خۇلاسىلىنىدىغانلا بولسا، كيورىنال بىلەن ۋيېننا ئىمپىرىيە ئوردىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئېھتىمالىنى ھەرگىز پەرەز قىلىشقا بولمايتتى. ھەرقانداق بىر ئىتالىيە ھۆكۈمىتى، قاتتىق يامان كۆرىدىغان ھابسبوۋرگلار ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئۇرۇشقا دۈشمەن سۈپىتى بىلەن ئەمەس بەلكى ھەمكارلاشقۇچى سۈپىتىدە بىرەر ئەسكىرىنى ئىۋەرتمەي تۇرۇپلا پۈتكۈل ئىتالىيە خۇددى ۋولقان پارتىلىغاندەك ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتكەن بولار ئىدى. ئىتالىيانلارنىڭ ئاۋسترىيە دۆلىتى بىلەن ئاتالمىش ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ سۆزلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ۋيېننادا نۇرغۇن قېتىم ئۇچراتقان ئىدىم. ھابسبوۋرگلار ئوردىسى ئىتالىيانلارنى ئەسىرلەر بويى مۇستەملىكە قىلىپ تۇتۇپ تۇرىشى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقانكى، بۇ خاتالىقنى مەيلى ئىتالىيە خەلقى بولسۇن ياكى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن ھەرگىز ئۇنۇتمىغان، ئۇنتۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئىتالىيە، ئاۋسترىيە بىلەن پەقەت مۇنداق ئىككى ئىشنىلا ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئىدى: كېلىشىم ياكى ئۇرۇش.
ئىتالىيانلار كېلىشىم يولىنى تاللاپ خاتىرجەم ھالدا ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلالىشى مۇمكىن ئىدى.
ئاۋسترىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى قۇراللىق توقۇنۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلغانسىرى، گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇپ، ۋەزىيەت خەتەرلىك تۈس ئېلىشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى.
مانا بۇ، يىراقنى كۆزلەيدىغان توغرا بىر دېپلوماتىك سىياسىتىنىڭ يوقلىغىنى كۆرسىتىدىغان تىپىك مىسالدۇر.
ئۇنداقتا ئۇلار يەنە نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزۈش يولىنى تاللىۋېلىشىدۇ؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزۈش يولىغا مۇراجەت قىلماقچى بولۇپ قالدى؟
ئەسلىدە رېيچ ئۆز كەلگۈسى تەغدىرى بىلەن بىخەتەرلىكىنى يالغۇز ئۆز ئالدىغا، ئۆز كۈچىگىلا تايىنىپ كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىتتىپاق تۈزەش يولىغا مۇراجەت قىلىشقان. ئەسلىدە رېيچنىڭ كەلگۈسى تەغدىرى نېمىس مىللىتىنىڭ ھاياتلىق ساھەسىنى ئىزچىل تۈردە كىڭەيتىپ بارالىشىغا باغلىق ئىدى.
ئۇنداقتا، مۇنداق بىر مەسلە ئوتتۇرغا چىقىدۇ: كەلگۈسىنى ئاساسى جەھەتتىن مۆلچەر قىلىشقا بولىدىغان بىر كىلەچەكتە نېمىس مىللىتىنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى قانداق بولىشى كېرەك؟ بۇنداق بىر مۇھىتنى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئاساسلار بىلەن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان نورىمال مۇناسىۋەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىدە قانداق ئىشقا ئاشۇرىلىشى كېرەك؟
كەلگۈسىدىكى نېمىس تاشقى سىياسىتىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرگىمۇ ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ:
گېرمانىيە نوپۇسى ھەر يىلى 900 مىڭدىن ئارتىپ بارماقتا ئىدى. يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ يۇرتداشلىرىمىزنى تويغۇزۇپ بېقىپ كىتەلىشىمىز يىلدىن-يىلغا تەسلىشىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان قەھەتچىلىك خەۋىپىنى ۋەزىيەت ياخشى ۋاقىتىدىكى پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىنئالا تەدبىر ئالمىغىنىمىزدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق قەھەتچىلىك خەۋىپى بېشىمىزغا بالا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنالمايمىز.
بۇنداق بىر خەۋىپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل تەدبىردىن بىرىنى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. خۇددى فرانسىيىدە يولغا قويۇلغىنىدەك، تۇغۇت چەكلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ نوپۇس كۆپىيىشىنى سۇنئىي ئۇسۇلدا چەكلەش.
تەبىئىكى، تەبىئەتنىڭ ئۆزىلا ھەرىكەتكە كىلىپ قەھەتچىلىك پەيدا قىلىش ياكى ھاۋا كېلىماتىنى ناچارلاشتۇرۇش، تۇپراق مۇنبەتلىكىنى ناچارلاشتۇرۇپ ھوسۇلنى تۈۋەنلىتىش قاتارىدىكى تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ بىر قىسىم ئەللەردە بەزى ئىرقلارنىڭ ئارتۇق نوپۇسىنى تەبىئىي ئۇسۇل بىلەن ئازايتىشقا باشلىدى. ئەمما تەبىئەت ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن نوپۇس سانىغا تەھدىت سالالىغىنى بىلەن، كىشىلەرنىڭ نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا قەتئىي ئارىلاشمايدۇ. تەبىئەت كۈچى، تۇغۇلغانلارنى ئىنتايىن ئېغىر يوقسۇزلۇق تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە قاتتىق جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبورلاپ، زەئىپ كۈچسىزلەرنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق، ئۇنداق ئاجىزلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىشىغا توسالغۇلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ھەر خىل تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ يېڭىپ چىقالايدىغانلار كۈچلۈك، چىداملىق ۋە قابىلىيەتلىك ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار نەسىل قالدۇرۇش سالاھىتىگە ئېرىشەلىگەن، ئىرقىنى داۋام قىلدۇرالايدىغان كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى كىشىلەرگە ئەنە شۇنداق قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇش ئارقىلىق، قىيىن شارائىتلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئاجىزلارنى دەرھال تەبىئەتكە قايتىپ كېتىشكە چاقىرىپ، ساغلام ئەۋلات يېتىشتۈرەلەيدىغان كۈچلۈك ئادەملەرنى قوغداپ، ئىرقلارنىڭ ساغلاملىقى بىلەن تۈرلەرنىڭ داۋامىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مانا بۇ، تەبىئەتنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەنە شۇ شەكىلدىكى سان ئازايتىش ھادىسىسى شەخسىلەرنى، بۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان ئىرقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ئادەم بالىسى دۆللىنىشتىن ئىبارەت ئۆز ئېھتىياجلىرىغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنىدىغان چارىنى ئىشقا سېلىشقا ئۇرۇنغىدەك بولسا، بۇنىڭ نەتىجىسى پۈتۈنلەي تەتۈرسىچە بولىدۇ. ئادەم بالىسى تەبىئەت بىلەن ئوخشاش ماتېرىيالدىن تەييارلانغان ئەمەس. ئادەم بالىسى “ئىنسانى” مەخلۇقتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى تەبىئەتتىن، ھەر تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى ئۆزىدە كامالەتكە يەتكۈزگەن تەبىئەت دېگەن بۇ كامالەت ئىگىسىدىنمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. ئادەم بالىسى تۇغۇلغان بىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇشىغا ھەرگىز توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ تۇغۇت چەكلەش ئارقىلىق كۆپىيىشكە توسقۇنلۇق قىلالىشى مۇمكىن. پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاپ ئىرقى، مىللىتى بىلەن چاتىقى بولمايدىغان بىرسى ئۈچۈن بۇنداق بىر چارە باشقا يوللاردىن تېخىمۇ مىھرىبان، تېخىمۇ ئادىمىي بولۇپ كۆرۈنىشى مۇمكىندەك قىلسىمۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق.
تەبىئەت، ئادەملەرنى نەسىل قالدۇرۇش ئىشىدا ئەركىن قويىۋېتىش بىلەن بىرگە، ئادەم بالىسىنى ئىنتايىن جاپالىق ئىمتىھان مەيدانىغا تاشلايدۇ. تەبىئەت، كۆپىيىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدىن ياشاشقا لايىق بولغانلارنى تاللاپ ئۇلارنى ئاسىرايدۇ. ئىرقىنى، مىللىتىنى قوغداش ۋە نەسىلىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىنى ئەنە شۇلارغا تاپشۇرۇش ئارقىلىق نەسىلىنىڭ كۆپىيىشىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەمما ئادەم بالىسى تەبىئەت كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، تۇغۇلغان بالىلىرىنى ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ ياشىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىلاھىي تەغدىرگە قارشى چىققان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى بەلكىم ئاقىلانە ۋە ئادىمىيلىكىنى كۆرسەتكىنىدەك بىلىنىشى، بۇ ئىشىدا ئۆزىنىڭ تەبىئەتنىڭ ئاجىزلىقىنى تولۇقلاپ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدىم دەپ تەنتەنە قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ ئىنسان نوپۇس سانىنى چەكلىيەلىگىنى بىلەن، ئادەمنىڭ سۈپىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشتۇرىۋېتىپ تەڭرىنىڭمۇ غەزىۋىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن. چۇنكى تۇغۇت ئىقتىدارىغا تەھدىت سېلىنغىنىدا تۇغۇت ئازايغانسىرى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان كۈچلۈكلەرنىڭ كۆپىيىشى ئورنىغا كېسەلمەن، ئاجىز ئادەملەر ھەرقانداق چىقىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر قۇتقۇزۇلۇش نىشانىسى بولۇپ قالىدۇ. تەبىئەت ئىرادىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى كۈندىن-كۈنگە بۇزۇلغان، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقىدەك ئاجىز، مېيىپ نەسىللەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاخىرى بىر كۈنى يەر يۈزىنى ئەنە شۇنداق كېسەلمەن ئاجىزلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. گەرچە ئىلاھى قانۇنلارغا قارشى ھەرىكەتلەر بىر مەزگىل داۋاملىشالىغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئادەم جىنىسىنىڭ داۋامىنى ساقلاش جەھەتتە ئىلاھىي قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ جازاسى چوقۇم بىر كۈنى ئوتتۇرغا چىقىپ، كۈچلۈك بىر ئىرق ئاجىز ئىرقنى يوقۇتۇپ، ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئۇنداق ئاتالمىش ئادىمىيلىك دەيدىغان ئاخماقانە قاراشلارنىڭ توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ ۋە ئاخىرىسىدا قايتىدىن ئۇنداق ئاجىزلارنىڭ ئورنىنى كۈچلۈك نەسىللەر ئىگەللەشكە باشلايدۇ.
نېمىس مىللىتىنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ مەڭگۈ داۋامىنى نوپۇس كۆپىيىشىنى چەكلەش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن دەيدىغان بىرسى، ئەسلىدە نېمىس ئىرقىنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ.
2. نوپۇس كۆپىيىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر چارىسى − “ئىچكى كېڭەيمىچىلىك” قىلىشقا تايىنىش. بۇنداق تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويىۋاتقان كىشىلەر بۇ ئۇسۇلنىڭ نىمىلىكىنىمۇ دېگەندەك ئېنىق بىلمەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئەنە شۇنداق ھېچنىمە بىلمەيدىغانلار تەرىپىدىن ماختاپ كۆككە كۆتىرىۋېتىلگىنى قىزىق. ئەمما بۇ يول گېرمانىيىگە ئەڭ ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چارە ئىكەنلىكىمۇ ئېپ-ئېنىق كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى مەلۇم بىر چەككىچىلا ئاشۇرۇش ئىمكانى بار بولۇپ، يەرنىڭ مول-ھوسوللۇق كۈچىنى چەكسىز ئاشۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ئۇ مەلۇم بىر نوقتىغا كەلگەندە توختايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، يەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىپ نېمىس مىللىتىنىڭ ئارتقان نوپۇسىنى يەنە بىر مەزگىل بېقىپ كىتەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنىڭ ئارتىپ بېرىشى نوپۇس كۆپىيىشىدىنمۇ تېز بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. بۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كېيىم-كىچەك قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا. يەنى بۇندىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان كىشىلەر ئازغىنا نەرسىلەرگىلا قانائەت قىلىپ ياشاپ كىتەلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى بۈگۈنكىلەر بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، يەر مەھسۇلاتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئېشىشى بىر قېتىملىق نوپۇس ئارتىش پۇرسىتىنى يارىتالايدۇ دەپ قاراش ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. شۇ سەۋەپتىن، يەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق نوپۇس ئارتىشىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ چەكسىز كۆپىيىۋاتقان ئېھتىياجىنى قامداپ كېتىشكە بولىدۇ دەيدىغان قاراشلارغا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايمەن. يەنە كېلىپ ئىستىمالنى كۆپەيتمەي ساقلاش جەھەتتە ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىلەنمۇ ھەر مىللەتكە تەۋە يەرلەر كۆپەيمەيدىغان بولغاچقا، يەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئىشىمۇ مەلۇم بىر نوقتىغا بارغاندىن كېيىن چوقۇم ئاخىرقى چېكىگە بېرىپ تاقىلىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەر قانچە چارە قىلسىمۇ يەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇ ۋاقىت كەلگەندە، قەھەتچىلىك باش كۈتۈرۈشكە باشلايدىغانلىقى بىر مۇقەررەرلىك. شۇ كۈنگە كەلگىنىدە نوپۇس ئارتىشى قەھەتچىلىك خەۋىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مول-ھوسوللۇق يىللاردا ئامبارغا يىغىۋالغان ئاشلىق بىلەن بىر مەزگىل قەھەتچىلىك خەۋىپىدىن ساقلانغىلى بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئاخىرى شۇنداق بىر كۈنلەر يېتىپ كېلىدۇكى، نامراتلىقتىن زادىلا قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىت كەلگىنىدە، تەبىئەت ھەرىكەتكە كېلىشكە باشلاپ ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن شاللىنىش دەۋرى باشلىنىدۇ. ياكى بولمىسا ئادەملەر نەسىلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن “تۇغۇت چەكلەش” چارىسىغا مەجبورلىنىپ، ئىرق بىلەن تۈرلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن يوقۇرىدا بايان قىلىنغىنىدەك بارلىق يامان ئاقىۋەتلەر بېشىمىزغا كېلىشىنى ئۆز قولىمىز بىلەن تەييارلىغان بولۇپ قالىمىز.
بۇ تۈر بىر ئىھتىماللىق، كەلگۈسىدە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھەرقانداق بىر شەكىلدە بولسىمۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە، بۇنداق بىر تەغدىردىن ھەرقانداق بىر مىللەت قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا دائىر كۆزقاراشلار ئوتتۇرغا چىقىشىمۇ مۇمكىن. بىر قاراشتا بۇ تۈردىكى قاراشلار توغرىدەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇكى، ئىنسانلار كۆپەيگەن نوپۇسىنىڭ ئېھتىياجىنى يەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەمىنلەپ بولالمايدىغان ۋاقىت كەلگىنىدە كىشىلەر نوپۇس سانىنى چەكلەشكە مەجبور بولىدۇ. ۋەزىيەت ئەنە شۇ ھالغا كەلگىنىدە ئىشنى يا تەبىئەتنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىمىز، ياكى بولمىسا بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار بىرەر تەڭپوڭلۇق چارىسىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. بىز بۈگۈن شۇنداق ئۈمىد قىلىشقا مەجبورمىزكى، بۇ ئۇسۇل تېخىمۇ مۇۋاپىق تەدبىرلەرگە تايىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان بولسۇن. ئەمما ۋەزىيەت شۇ ھالغا كەلگىنىدە بىزلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەر بىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن بولىدۇ. شۇنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىزكى، ھازىردىن تارتىپلا يىتەرلىك دەرىجىدە توپراققا ئېرىشەلمىگەن بىر قىسىم مىللەت خەلقلىرى بۇنداق بىر خەۋپ ئاستىدا بۇ تەڭسىزلىك ھالەتتىن نارازى بولۇپ ياشىماقتا. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، بۈگۈنكى دۇنيادا تېخىچە ئىشلەنمەي تۇرىۋاتقان پايانسىز بوزيەرلەر بەزىلەرنىڭ قولىدا تاشلىنىپ بىكار ياتماقتا. بۇ خام يەرلەر تەبىئەت تەرىپىدىن كەلگۈسىدە بەلگىلىك بىر مىللەت ياكى بىرەر ئىرق ئۈچۈن ئايرىلغان يەرلەردەك ساقلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەتتۇر. بۇ ئاق يەرلەر ئۆزىنى ئىشلىتەلەيدىغان بىرەر خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇرغانلىقى شۆبھىسىز. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ تۇپراقلار كەلگۈسىدە بۇ يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان، ئۇ يەرلەرنى ئىشلىتەلەيدىغان مىللەتكە نىسىپ بولىدىغانلىقى ئېنىق. تەبىئەت قانۇنلىرى سىياسىي چېگرالارنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. تەبىئەت، بۇ مەخلۇقاتلارنى يەر يۈزىگە تاشلاپ ئۇلارنى بىتەرەپ ھالدا كۈزىتىپ، كۈچلۈك بولغانلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت قىلىشلىرىنى تاماشا قىلىدۇ. تەبىئەتنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى غەيرەت ۋە شىجائەت جەھەتلەردە ئەڭ كۈچلۈك بولغانلار بولۇپ، تەبىئەتمۇ ياشاش ھەققىنى ئەنە شۇ كۈچلۈكلەرگە ئاتا قىلىدۇ.
بىر قىسىم مىللەتلەر ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بىپايان يەرلەرنى قولغا كىرگۈزىۋالغانلىقى ئۈچۈن، “ئىچكى كېڭەيمىچىلىك” يولىغا مۇراجەت قىلىشتىن باشقا يولى قالمىغان مىللەتلەر نوپۇس كۆپىيىشىنى چەكلەپ ھاياتلىق ساھەسىنىڭ يىتەرسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەجبور بولماقتا. ئەمما بىپايان يەرلەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئىرقلار بولسا چەكلىمىسىز كۆپىيىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ زېمىنى قانچىكى تار بولسا، تۇغۇت چەكلەشكە شۇنچە تېز مەجبورلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل ئىرقلار − ئۇچۇق ئېيتقاندا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى يىتەكلەپ ماڭالايدىغان ئىسىل ئىرقتىكىلەر − تېنچلىقپەرۋەرلىك دەيدىغان ئاخماقانە چۈشەنچە ئىچىگە پېتىپ قېلىپ، يېڭى زېمىنلارنى قولغا كەلتۈرۈش خىيالىدا بولماي “ئىچكى كېڭەيمىچىلىك” چارىسى بىلەنلا قانائەتلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلاردىن سۈپىتى تۆۋەن ياكى سۈپەتسىز ئىرقلار يېڭى زېمىنلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كېتىۋاتماقتا. بۇنىڭ ئاقىۋىتى تەبىئى ھالدا مۇنداق نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ:
ئەڭ يوقۇرى مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان ئىرقلار زېمىن يىتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن نوپۇس كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويۇشقا مەجبورلىنىۋاتقان بولسا، مەدەنىيىتى ئۇلاردىن تۈۋەن، ئەمما ئۇلاردىن قوپال بولغان قارام مىللەتلەر يەر زېمىنىنىڭ كەڭىرىلىكىدىن نوپۇس كۆپىيىش تەھدىتىگە دۈچ كەلمەي خالىغانچە نەسىل قالدۇرۇپ كەلمەكتە. باشقىچە ئىيتقاندا، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، بۇ دۇنيا مەدەنىيەت سەۋىيىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان، ئەمما ئاكتىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ قالىدۇ. دېمەك، كەلگۈسىدە مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىق يۈز بېرىشى مۇمكىن: بىر بولسا بۇ دۇنيا زامانىۋىي دېموكراتىيە كۆزقارىشى بويىچە باشقۇرىلىدىغان بولىدۇ ياكى بولمىسا تەبىئەت قانۇنلىرىغا ئاساسەن باشقۇرىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بىرىنچى خىل ئېھتىمالدا سانى كۆپ مىللەتلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرغان بولىدۇ. ئىككىنچى ئېھتىماللىق يۈز بەرگىنىدە، يەر يۈزىدە نوپۇس كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويۇپ يۇرگەن مىللەتلەر بىر چەتتە قېلىپ، قوپال ۋە كۈچلۈك مىللەتلەر دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ.
شۇنىڭدىن قىلچە گۇمان قىلماسلىق كېرەككى، ئىنسانىيەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق ھاياتلىق كۈرەش قاينىمى ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. يەنى ئىنسانلار ئاخىرى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئىچكى ئىقتىدار تۈرتكىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشاشقا باشلايدۇ. شۇ كۈنلەرگە كەلگىنىدە، ئاخماقلىق بىلەن قورقۇنچاقلىق، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن كېلىپ چىققان ئاتالمىش “ئادەمگەرچىلىك” خۇددى باھاردىكى قاردەك ئىرىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تەغدىرى تىنماي كۈرەش قىلىشقا باغلىق بولۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ تەتۈرسى بولغان “تېنچلىق” دېگىنى ئىنسانىيەتنىڭ گۆركاسى بولۇپ كەلگەن.
“ئىچكى كېڭەيمىچىلىك” دېگەن سۆزلەر بىز نېمىسلار ئۈچۈن شۇملۇقنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. چۇنكى بۇ سۆز، تۇرمۇشىمىزنى مەستخوشلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيمىز دەيدىغان قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، بىزنى بىخوتلاشتۇرىدىغان بىر سۆزدۇر. بۇنداق بىر قاراش كاللىمىزنى ئىگەللىۋالغانلا بولىدىكەن، يەر يۈزىدە نېمىسلارغا لايىق ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز ئاخىرلاشقان ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئادەتتىكى بىر نېمىس، ئەگەر بۇنداق بىر چارە بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپلا قالغان بولىدىكەن، بارلىق ئاكتىپ مۇداپىيىگە ئۈتۈش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلار، نېمىسلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا لازىملىق ئېھتىياجلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقلار ئاخىرلاشقان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پايدىلىق دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان تاشقى سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە نېمىس خەلقىنىڭ ئىستىقبالىمۇ مازارغا كۆمۈلگەن ھېساپلىنىدۇ. نېمىس خەلقىنىڭ مىڭىسىگە بۇنداق زىيانلىق كۆزقاراشنى بىۋاستە سىڭدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھەر دائىم يەھۇدىيلار بولۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىر تەسەددىپىلىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ. يەھۇدىيلار، ئىنسانىيەتنىڭ ھەر تۈردىكى قۇرۇق خىياللارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار، ئىنسان خاراكتىرىنى ئىنتايىن ياخشى تونۇيدىغان كىشىلەر بولغاچقا، بەزى خىيالپەرەست ئىنسانلارنى قۇرۇق خىياللار ئارقىلىق ئادەملەرنى تۇرمۇش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىشىنىڭ قىلچە مەنىسى يوق دەيدىغان قاراشقا كەلتۈرۈپ، تەبىئەتكە زەربە بېرەلەيدىغانلىقىغا، ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، ھۇرۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ياكى بولمىسا باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن يەرشارىمىزغا غوجايىن بولالايمىز دەيدىغان قۇرۇق خىيالغا كەلتۈرۈپ قويالايدۇ.
بىر نېمىس ئىچكى كىڭەيمىچىلىك دېگەننى ئىجتىمائىي تەرتىپسىزلىكتىن ساقلىنىش بىلەن تۇپراق ھەققىدىكى قۇرۇق گەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويالىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ يەنىلا يېڭى تۇپراقلارنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ خەلقنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى ھەرگىزمۇ كاپالەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن باشقىچە ھەرىكەتكە تۇتۇش قىلىدىغانلا بولىدىكەنمىز، ئۇزۇنغا قالماي تۇپرىغىمىزمۇ، كۈچىمىزمۇ يەتمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئاخىرى ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىمىز. شۇنداق ئىكەن، مۇنۇ نوقتىلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ:
چەكلىك بولغان تار يەردىكى “ئىچكى كىڭىيىش” تىن كېلىدىغان چەكلىمىلەر، خۇددى تۇغۇت ئىقتىدارىنى چەكلەشكە ئوخشاش خەلقنى ئەسكىرى ۋە سىياسىي جەھەتلەردە بەكلا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلىشى مۇمكىن.
بىرەر دۆلەتنىڭ بىپايان زېمىنلارغا ئىگە بولىشى سىرتقا قارىتا مۇستەھكەم مۇداپىيە كۆرۈشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەل ئامىلى بولۇپ نامايەن بولىشى مۇمكىن. بىرەر مىللەت قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان زېمىن قانچىكى كەڭىرى بولىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش تەبىئىي ئىمكانىيەتلىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارغا يېرى ئاز بولغان ئەللەرگە قارشى ھەر دائىم تېز، ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك قارارلار ئېلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىپ، تېخىمۇ زور ھەربى غالىبىيەتلەرگە كاپالەتلىك قىلالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېرى تېخىمۇ كەڭ دۆلەتكە قارشى تۇرغاندىمۇ ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك يەنە، يېرى كەڭ مىللەتلەر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تېزلىكتە نەتىجىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمىغان ھۇجۇملارغا قارشى ئالاھىدە تەمكىنلىك بىلەن مۇداپىيە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتالايدۇ. چۇنكى يېرى كەڭ دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىقلا قولغا كېلىدىغان بىر ئىش. شۇنداق بولغاچقا، يېرى كەڭ خەلقلەر ئالاھىدە بىر ۋەزىپىنى كۆزلىمىگەندىمۇ دۈشمەنگە توختىماي زەربە بېرىپ تۇرۇش پۇرسىتىنى ھەر دائىم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
بىرەر دۆلەت يەر زېمىنىنىڭ كەڭلىكى، ئۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مەخسۇس ئامىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنچە، تۇپرىقى كىچىك بولغان بىر دۆلەت باشقىلارنى ھەر دائىم تاجاۋۇز قىلىش ھەۋىسىنى قوزغاپ ئىشغال قىلىنىش تەھدىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر.
گېرمانىيە رېيچنىڭ ‘مىللىى’ كادىرلىرى ئارىسىدا كۆپىيىپ كېتىۋاتقان نوپۇس بىلەن يېتىشمەيۋاتقان تۇپراق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇتۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى چارىنىڭ بىرسىدىن پايدىلىنىش خىيالىغا كېلىپ باقمىغاندەك كۆرۈنمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ قارشى چىقىشىغا يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان نوقتىلار سەۋەپچى بولغان ئەمەس، بەلكى تۇغۇت چەكلىمىسىگە ئەخلاقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قارشى چىققان ئىدى. “ئىچكى كىڭىيىش” پىكىرىمۇ كۈچلۈك رەت قىلىندى. چۇنكى بۇنداق قىلىش چوڭ مۈلۈك ئىگىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىنغانلىق، شەخسى مۆلۈككە قارشى چىقىشنىڭ بىر تەييارلىقى، ئۇنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراشقان ئىدى. بۇنداق بىر “ھەل قىلىش تەلىماتى” نى ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ ماختاپ ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن شەخسى مۈلككە تاجاۋۇز قىلىندى دەيدىغان نەزەرىيىنى تەكىتلەش مەقسىدىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كەڭ خەلق ئاممىسى ئوتتۇرسىدا بۇنداق تىركىشىشلەر ئۇنچە بەك ھىمايە قىلىنىپ كېتىلمىگەن بولۇپ، ئەسلىدە خەلقنىڭ قىيىنچىلىقى نەق ئوتتۇرغا قۇيۇلمىغان دېيىشكە بولاتتى.
بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، كۆپەيگەن نوپۇس ئۈچۈن ئىش پۇرسىتى يارىتىش بىلەن ئۇلارنى تويغۇزۇش ئۈچۈن قالغان ئىككى چارىگە مۇراجەت قىلىش يولىلا قالغان ئىدى.
3. يېڭى تۇپراقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يېڭى يەرلەرگە يىلمۇ يىل كۆپىيىپ بېرىۋاتقان ئاھالىنى، يەنى مىليونلىغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئىرقنىڭ ئۆزى ئۆزىنى تويغۇزۇش ھالىتىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
4. ياكى بولمىسا سانائىتىمىز بىلەن تىجارىتىمىز ئۈچۈن دۇنيا بازىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئاساستا مەۋجۇتلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپەيگەن نوپۇسنىڭ قارنىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن بىر بولسا يېڭىدىن زېمىن قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇ يەرلەرگە يېڭىدىن ئارتقان نوپۇسنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقنى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈش؛ ياكى بولمىسا سانائىتىمىز ۋە سودا-تىجارىتىمىز ئۈچۈن چەتئەل بازارلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا يول يوق ئىدى. بۇ ئىككى تۈرلۈك تەدبىر ھەر خىل تەرەپتىن تەتقىق قىلىنىپ، ئالاھىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلدى، بۇ ھەقتە تىنماي مۇنازىرىلەر قىلىندى. ئاخىرى بۇ ئىككى يولنىڭ كېيىنكىسى تاللاپ ئېلىندى. ئەسلىدە بۇ ئىككى يولنىڭ بىرىنچىسى بولغان كۆپەيگەن نوپۇسىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېڭى تۇپراقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كەلگۈسىنى ئويلىغىنىمىزدا ئەڭ پايدىلىق يول ھېساپلىناتتى. يەنى، كۆپەيگەن نوپۇسىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى تارتىپ ئېلىش چارىسى، ئىستىقبالىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا، ساناپ تۈگەتكۈسىز ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە تەدبىر ھېساپلىناتتى.
ئالدى بىلەن پۈتكۈل نېمىس خەلقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان كەم-كۈتسىز ساغلام دېھقانلار سىنىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. چۇنكى بۈگۈنكى دەرت-ئەلەملىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىغا شەھەر-يېزا نوپۇسى ئوتتۇرسىدىكى مۇۋاپىق بولمىغان نىسبەت سەۋەپچى بولماقتا. كىچىك ۋە ئوتتۇراھال يېزىلىقلاردىن بارلىققا كەلگەن ساغلام بىر تەبىقە، بۈگۈنمۇ بىزدە كۆرۈلىۋاتقاندەك ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرىمىزغا نىسبەتەن ئەزەلدىن ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەتچىلىك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. بىرەر مىللەتكە نىسبەتەن سىرتقا ئېچىلمىغان ئىقتىسادىي ساھەدە كۈندىلىك يەيدىغىنىنى ئۆزلىرى يېتىشتۈرەلەيدىغان بىردىن بىر چارە يېزىلاردىكى پائالىيەتلەردۇر. سانائەت بىلەن سودا ئىشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ تەھدىتكە يولۇقۇپ قالغان مەزگىللەردە مىللىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى بولۇشتىن قېلىپ، قوشۇمچە ئورۇنغا ئۆتىدۇ. ئەگەر شۇ ۋاقىتتىكى سانائەت بىلەن يېزائىگىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىيەلىگىنىمىزدە بارلىق ساھەلەردە ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىز بىلەن ئۆز ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدىيالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ياتلارغا باغلىنىپ قالماستىن خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېقىپ كېتىدىغان شارائىتنى يارىتالىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ بېشىمىزغا بىرەر ئاپەت كېلىپ قالغان ۋاقىتلاردىمۇ دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكى، خەلقنىڭ مۇستەقىللىقى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلەتمۇ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ كىتەلەيدىغان بولىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدەك تۇپراق قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتىنى ئويلاشقىنىمىزدا، بۇ ئىشنى كامىروندەك بىر يەرلەردە ئەمەس بەلكى يېقىنىمىزدىكى ياۋرۇپادا ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلىنىشىمىز كېرەك. شۇنىسىمۇ باركى، بىرەر خەلقنىڭ باشقا بىر خەلققە قارىغاندا ئەللىك ھەسسە ئارتۇق زېمىننى قولغا كەلتۈرىۋالغانلىقى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، يېڭى زېمىن قولغا كەلتۈرۈش كۆزقارىشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتكە قارىتا سىياسىي چېگرالارنى دەپ تەڭرىنىڭ قويغان ئادىل چېگرالىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش توغرا ئەمەس. ئەگەر تەڭرى بۇ دۇنيادا ھەممە كىشىگە يىتەرلىك دەرىجىدە تۇپراق بەرگەنلا بولىدىكەن، بىزگىمۇ ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرالىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەر بېرىلىشى شەرت. دەرۋەقە، ئىشلىتىپ بولالمايدىغان ئارتۇق يېرىنى ھېچكىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېرىشنى خالىمايدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەبىئەتتە كۈرەش قىلىشقا قالغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەققى بولغاچقا، ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ھەققىنى ياخشىلىقچە بەرمىسە مۇش بىلەن تارتىپ ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا بۈگۈنكىدەك مەنىسىز تېنچلىقپەرۋەر كۆزقارشىغا بوي سۇنۇپ ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنگىچە قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان مىللىي زېمىنىمىزنىڭ ئۈچتەن بىرسىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدۇق. شۇنداق قىلىپ نېمىس خەلقىمۇ ياۋرۇپادا كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز قانداق بولار دەيدىغان غەمگىمۇ پېتىپ قالمىغان بولار ئىدى! ياق، رېيچنىڭ شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىش سىياسىتى بىلەن شەرقىي ئۆلكىلىرىمىزنىڭ قولىمىزدا بولىشى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كەسكىن تەدبىرلىك بولىشى، ئىرقىنى داۋاملاشتۇرىشى ئۈچۈن قىلغان كەسكىن كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. دۆلىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان بۇ ئىچكى تۇغما كۈچ، بىزنى بۈگۈنگىچە ياشىتىپ كېلىۋاتقان، بىزگە شۇنچە كەڭ زېمىننى مىراس قالدۇرالىغان بىردىن بىر كۈچتۇر. يەنى بىزنىڭ مەۋجۇت بولىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئالدىنقى شەرت ئەنە شۇ بىپايان مىللىي تۇپراقلىرىمىزنىڭ بارلىقىدۇر.
زېمىنى كەڭ بولۇشنىڭ پايدىلىرىنى كۆرسىتىدىغان يەنە مۇنداق بىر سەۋەپنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك:
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ياۋرۇپا ئەللىرى خۇددى دۈم كۆمتۈرۈلگەن پىرامىداغا ئوخشاش يىڭنە ئۈستىدە تۇرماقتا. ياۋرۇپالىقلارنىڭ تۇرىۋاتقان زېمىنىنىڭ يەر مەيدانى پايانسىز كەتكەن مۇستەملىكىلىرى ۋە قىلىۋاتقان تاشقى سودىسىنىڭ دائىرىسى ئالدىدا ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستىغىدەك دەرىجىدە كىچىك ھالەتتە تۇرماقتا. يەنى بۇنى مۇنداق دېيىش مۇمكىن: پىرامىدانىڭ ئۇچىنى ياۋرۇپا دېسەك، ئۇنىڭ ئاساسىنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى ھېساپقا ئالمىساق، پۈتۈن دۇنياغا يېيىلغان دەپ ئېلىشىمىز مۇمكىن. ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى پرامىداسىنىڭ ئاساسى پۈتۈنلەي شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ قالغان قىسمى بىلەن پەقەت پرامىدانىڭ ئۇچى ئارقىلىقلا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلمەكتە. بۇ دۆلەتنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ھاياتى كۈچى مۇستەملىكىچى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا تېپىلمايدۇ. مانا بۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئەڭ زەيىپ نوقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.
مېنىڭ بۇ دېگەنلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيىنى مىسالغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇش توغرا ئەمەس. چۇنكى برىتانىيە ئىمپىرىيىسى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا بىر ئانگلو-ساكسون دۇنياسىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئەستىن چىقىرىلماسلىقى كېرەك. ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن يالغۇز مەدەنىيەت ۋە تىل ئورتاقلىقىغا ئىگە بولغانلىقىنىلا ئالساق ئۇنى باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن پەرقلىق ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىمۇ يىڭنىنىڭ ئۇچىغا ئولتۇرىۋالغان بىر دۆلەت دەپ ھېساپلاشقا توغرا كېلەتتى.
گېرمانىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ يېڭى ماكانلارنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىكى ئەڭ مۇۋاپىق سىياسىتى − يېڭى تۇپراقنى ياۋرۇپا تەرەپلەردىن ئىزدەش بولىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر يېڭى قولغا كەلتۈرۈلگەن تۇپراقلار ياۋرۇپالىقلارنى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بەرمىسە، بۇنداق مۇستەملىكە تۇپراقلىرى ياۋرۇپالىقلارنى يېڭى ھاياتلىق ماكانىغا ئېرىشتۈرۈش غايىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما ئون توققۇزىنچى ئەسىرلەردە تېنچ يوللاردىن پايدىلىنىپ ھاياتلىق ماكانى ئۈچۈن يېڭى زېمىن قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. بۇنداق مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ مەخسەتكە يەتكىلى بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ بۇنداق بىر ئۇرۇش ياۋرۇپا قىتئەسى ئىچىدە ياۋرۇپا تېشىدا مۇستەملىكىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە قارىغاندا ئاسانىراق بولاتتى. ئەگەر بۇنداق بىر قارار ئېلىنغانلا بولىدىكەن، قالغان بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ پۈتۈن كۈچنى بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىش لازىم ئىدى. ھەممە بىردەك كۈچ-قۇدرىتىنى، پۈتۈن شىجائىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بۇنداق بىر ئىش، ئۇنداق يېرىم-ياتا چارىلار، ئىككىلىنىشلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. رېيچنىڭ بارلىق سىياسىتىنىمۇ بۇ غايىگە مەركەزلەشتۈرۈش، بۇ غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش لازىم ئىدى. بۇ ۋەزىپىنى بىر-بىرلەپ پىلانلاش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىشتىن باشقا ھەرقانداق تالاش-تارتىش ياكى مەرتلىك، سېخىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلارغا ھەرگىزمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك لازىم ئىدى.
ئېتراپ قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى − ئۇرۇش ئىدى. بۇ ئىش ئۈچۈن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن باشقىلاردىن قالماي ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشىش لازىم ئىدى. بۇنداق بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن، باشقا ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ پۈتۈن زېھنىمىزنى بۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھەممىمىزنىڭ غەيرەت-جاسارەتكە، ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بۇنى تەمىنلىيەلەيدىغان بۇنداق بىر ھەرىكەت يېرىم-ياتا تەدبىرلەر بىلەن، ئىككىلىنىشلەر بىلەن ھەرگىز ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن رېيچنىڭ بارلىق سىياسەتلىرىنى پەقەت مانا شۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بىر ھەرىكەت پىلانلانغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئەقىدىگە تەۋە كىچىككىنە بىرەر ھەرىكەتكىمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق بىر مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دەيمىز. تۈزۈلگەن بارلىق ئىتتىپاقداشلىقلارمۇ پەقەت ئەنە شۇ مەقسەتنى كۆزدە تۇتقان بولىشى، شۇ ئاساستا ھەرىكەت قىلىشنى تۈپكى مەقسەت قىلغان بولىشى لازىم ئىدى.
خوش، شۇنداق قىلىپ ياۋرۇپادىن زېمىنگە ئېرىشىش قارارىغا كەلدۇقمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ غايە پەقەت رۇسىيىنىڭ زىيىنىغىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىش ئىدى. ئۇنداقتا يېڭى رېيچنىڭ قېلىچىغا تايىنىپ نېمىس ساپانلىرى ئاغدۇرىدىغان يەرگە ئېرىشىش ۋە خەلقىنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قايتىدىن بۇرۇنقى تۆتەن كاۋاللىرلىرىنىڭ تۇتقان يولدىن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ياۋرۇپادا ئىتتىپاقداشلىققا ئەڭ مۇناسىپ دۆلەتلەر قاتارىدا يالغۇز ئەنگىلىيىنىلا تاللىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ئىشتا ئەنگىلىيە بىلەن كىلىشىمگە كېلىپ ئارقا سېپىمىزنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرىۋالغىنىمىزدىن كېيىن، نېمىسلار بۇ يېڭىچە كىرىست سەپىرىگە ئەنگىلىيە بىلەنلا بىرگە ئاتلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. بۇنداق سەپەر قىلىشقا ئەجداتلىرىمىزدەك بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار ئىدى. بىزنىڭ تېنچلىقپەرۋەرلىرىمىزنىڭ ھېچ بىرسى شەرقنىڭ نېنىنى يىيىشنى رەت قىلمىغىنى بىلەن، ئەسلىدە ساپانغا يول ئاچالايدىغان بىردىن بىر چارە قېلىچقا تايىنىش بولىدىغانلىقىنى ئۇلار ئەقلىگىمۇ كەلتۈرۈشمىدى! بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئەنگىلىيىنى قىزىقتۇرغىلىلا بولىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق پىداكارلىق قىلىنسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتتى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن مۇستەملىكىلەردىن، دېڭىز ئۈستۈنلۈكلىرىمىزدىن، بولۇپمۇ ئەنگىلىيە سانائىتىگە رەقىپ بولۇشتىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالساقلا ئەنگىلىيىنى پۈتۈنلەي خاتىرجەم قىلالىشىمىزمۇمكىن ئىدى. بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۈۋەندىكىچە ئوچۇق-ئاشكارە ۋە كەسكىن مۇئامىلە قىلىش لازىم ئىدى: يا مۇستەملىكىلەردىن، دۇنياۋىي سودىدىن ۋاز كېچىش؛ ياكى بولمىسا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىن ۋاز كېچىپ دۆلەتنىڭ بارلىق كۈچىنى قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى ئۈستىگىلا مەركەزلەشتۈرۈش.
بۇنداق قىلغىنىمىزدا ۋاقىتلىق بىر چەكلىمە ئىچىگە كىرىپ قالىدىغاندەك كۆرۈنسەكمۇ، ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدىغىنى پارلاق بىر كىلەچەك بولۇپ، كەلگۈسىدە قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىيالىغان بولار ئىدۇق.
ئەسلىدە ئەنگىلىيە بىر زامانلاردا ئۆز ئىچىدە ئەنە شۇ مەقسەت ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىشقانلىقى، بىز بىلەن بۇ جەھەتتە مۇزاكىرە قىلىش نىيىتىدە بولغانلىقىمۇ راس ئىدى. چۇنكى ئەنگىلىيە دائىرىلىرى گېرمانىيىنىڭ كۈنسايىن ئارتىپ كېتىۋاتقان نوپۇسى سەۋىبىدىن قانداقلا بولمىسۇن ياۋرۇپادا ئەنگىلىيە بىلەن كىلىشىپ بىرەر چىقىش يولى تېپىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر گېرمانىيە بۇ ئىشنى ئەنگىلىيە بىلەن كىلىشىپ ھەل قىلمىغىنىدا، ئۆز بېشىغا، ئەنگىلىيىنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ باشقا قىتئەلەردىن ھەل قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى ئەنگىلىيە دائىرىلىرى ياخشى بىلەتتى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، لوندون دائىرىلىرى گېرمانىيە بىلەن يېقىنلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىلا، بۇ مەقسەتنى ئۇلارنىڭ باش مىنىستىرگە يەتكۈزۈپ، بۇ ھەقتە ساپ نىيەتلىك ئىكەنلىكىمىزدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ قويۇشىمىز لازىم ئىدى. ئەسلىدە كېيىكى يىللاردا شاھىت بولغىنىمىزدەك بۇ ئارزۇلىرىمىز تۇنجى قېتىم ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان دېيىش مۇمكىن ئىدى. تەبىئىيكى، ئېنگىلىزلار ئۈچۈن قولىمىزنى ئوتقا تىقىشمىزمۇ نېمىسلار ئارىسىدا ئۇنچە بەك ماقۇل ئىش ھېساپلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇ ۋاقىتلاردا خۇددى ئىتتىپاقداشلىقلار ھەمىشە ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدا كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن بارلىققا كېلىشى كېرەك دەپ چۈشىنىۋالغان ئىدۇق. ئەسلىدە ئازىراقلا يول قويغان بولساق، بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىق ئەنگىلىيە تەرەپ بىلەن بەكلا ئاسان ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان بىر ئىش ئىدى. چۇنكى، پەقەت ئەنگىلىيە دېپلوماتىيىسىلا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ چوقۇم بىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغان قاقۋاش كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى.
ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا ئۇستىلىق بىلەن تاشقى سىياسەت يۈرگۈزەلىگەن بولساق، گېرمانىيە 1904-يىلى ياپونىيىنىڭ تاللىۋالغان يولىدا مېڭىشنىمۇ ئويلىنىپ كۆرۈشكە بولار ئىدى. شۇنداق بولغىنىدا گېرمانىيىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زور بولىدىغانلىقىنى كۆرەلىگەن بولار ئىدۇق. بەلكىم دۇنيا ئۇرۇشىمۇ پارتىلىمىغان بولار ئىدى. 1904-يىلقى ئاققۇزىدىغان قانلار نەتىجىسىدە 1914~1918 يىللار ئارىسىدا ئون ھەسسىدىن ئارتۇق قان ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغان بولار ئىدۇق. ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولساق، گېرمانىيىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى بۈگۈنكىسىدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىق بولىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى.
شۇ سەۋەپتىن، ئەنە شۇ يىللاردىن تارتىپلا ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئاخماقلىق ھېساپلىنىدىغانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاۋسترىيە دېگەن بۇ مۇميا دۆلەت، گېرمانىيە بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىمەن دەپ ئىتتىپاق تۈزگەن بولماستىن بەلكى مەڭگۈلۈك بىر تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ تېنچلىقنى خاندانلىق تەۋەسىدىكى گېرمانىزمنى تەدرىجى ھالدا تولۇق يوقۇتۇش مەقسىدى ئۈچۈن پايدىلىنىشنى كۆزلەپ ئىتتىپاق تۈزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئويىمۇ ئەسلىدە ئىتتىپاق تۈزۈشكىنىدەكلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىيال ئىدى.
نېمىسلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى پائال تۈردە ھىمايە قىلىشقا يول قويمىغان، ئۆز چېگراسى ئىچىدە نېمىسىزلاشتۇرۇشنى توختىتىشقا يېقىن يولىماي كېلىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن بۇنداق بىر ئىتتىپاق تۈزۈپ نېمىس مەنپەتىنى قوغداشقا بولىدۇ دەپ قاراش ھەقىقەتەنمۇ ئاخماقانىلىق بىر ئىش ئىدى. گېرمانىيە، نېمىس ئىرقىدىن تەشكىل تاپقان ئون مىليون خەلقنىڭ تەغدىرىنى ئادەم چىداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان ھابسبوۋرگلار دۆلىتىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يىتەرلىك مىللىي ھېسسىياتى ۋە مىجەز-خاراكتىرىگە ئىگە بولسا ئىدى، ھابسبوۋرگلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن بۇ پىلاننى ئىشقا سېلىشقا جۈرئەت قىلالىشىنى ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىشقا بولمايتتى. كونا رېيچنىڭ ئاۋسترىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدىن بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسكىن كۈرەشلەردىكى مۇئامىلىسىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلالىشىمىز مۇمكىن. يىلدىن يىلغا كۈچىيىۋاتقان نېمىسلىكنىڭ ئېزىلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك ئىدى. چۇنكى ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئىشى پەقەتلا نېمىس ئامىللىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەش ئارقىلىقلا ئۆز ئەھمىيىتىنى ساقلىيالىشى مۇمكىن بولاتتى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىمكانىيەت بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ.
نېمىسلىكنى باسىدىغان بۇ كۈرەش داۋاملاشقانسىرى ئۇلار (ھابسبوۋرگلار) ھېچنەرسىدىن ئەنسىرىمەس ھالغا كەلمەكتە ھەمدە نەتىجىسى كۈتكەندەك بولمىغان ھامان بۇ ئىتتىپاقتىنمۇ يېنىۋېلىشى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.
گېرمانىيە بۇنداق بىر ئېھتىماللىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ مۇمكىن بولمىدى. دۇنيا تېنچلىقىنى داۋاملاشتۇرالايمىز دەپ چۈش كۆرگەن بولسىمۇ ئۇيقىدىن ئويغانغانلىرىدا ئۆزلىرىنى دۇنيا ئۇرۇشى ئىچىدە كۆردى.
ئۇلارنىڭ نېمىس مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى خىل چارىنى ئىشقا سېلىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى، يوقۇرقىدەك تېنچلىق چۈشى ئىچىگە پېتىپ قالغانلىقىدىن بارلىققا كەلمەكتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ شەرق تەرەپتىن زېمىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئىدى. شۇنىڭغا قارىماستىن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر تېنچلىقنى بىردىن بىر مەقسەت قىلىۋېلىشقان ئىدى. چۇنكى ئۇ ۋاقىتلار بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ شۇئارى پۈتۈن چارىلاردىن پايدىلىنىپ نېمىس خەلقىنى قوغداش، ئۇنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاش بولماستىن، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بارلىق چارىلاردىن پايدىلىنىپ دۇنيا تېنچلىقىنى قوغداشنى شۇئار قىلىۋېلىشقانتى. رۇشەنكى، بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى ھەممە كىشى كۆردى!
بۇ مەسىلىنى كېيىن يەنە بىر قېتىم مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمەن.
شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى چارە ئورنىدا تۆتىنىچى يوللا قالىدۇ: سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، خەلقارالىق سودا بىلەن دېڭىزلارغا ھۆكمۈران بولىدىغان ئارمىيىگە ئىگە بولۇش ۋە يىراق مۇستەملىكىچىلىك يولىنى ئېچىش.
بۇ يول ھەقىقەتەنمۇ تېخىمۇ تېز ۋە ئاسان ئىشقا ئاشىدىغان يول دەپ قارالغان ئىدى. ئەمما بىر يەرنى مۇستەملىكە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئىشى بەكلا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇشكۈل ئىش. ھەتتا بەزىدە بۇ ئىش ئۈچۈن نەچچە ئەسىر ۋاقىت سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چارىنىڭ قىيىن تەرىپىمۇ دەل مۇشۇ يەردە ئىدى. بۇ ئىش تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرغا چىقىدىغان چاقماق چاققاندەك بىر ئىش بولماستىن، بەلكى ئىنتايىن چوڭقۇر خىزمەتلەر ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت پائالىيەت قىلىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان، شۇنىڭدەك تىنماي كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بىر ئىش ئىدى. بۇ ئىش ھەرگىزمۇ سانەئەتلىشىشتەك ئۇنداق بىر نەچچە يىلدىلا ئىشقا ئاشۇرغۇلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش گېرمانىيە ئۈچۈن ئۇنچە بەك تەس بولمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا دېڭىز ھالقىپ زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ بىرەر دېھقانچىلىق مەيدانىنى تارتىپ ئېلىپ ئۇ يەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، بۇ يەرگە دېھقانلىرىمىزنى يۆتكەپ بېرىشىمىز بەكلا قىيىن بىر ئىش ئىدى. ئەمما بۇ يەردە بۇنىڭ كاپالىتى بولغان دېڭىز ئارمىيىمىزنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا ۋەيران قىلىنىشىنىمۇ كۆزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
گېرمانىيە بۇ سىياسەتنى يولغا قويغىنىدىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇرۇش قاينىمى ئىچىگە پېتىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى. ماختاپ ئۇچىرىۋېتىش، كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇش يولى بىلەن قۇرال كۈچىگە تايانماستىن “خەلقنى تېنچ يولدا ئىگەللەش” دەيدىغان ھەرىكەت بويىچە يىراق جايلارغا بېرىپ بانان ئۈزۈش ئىشى ئۈچۈن سۈيۈملۈك، ياخشى نىيەتلىك، تېنچلىقپەرۋەرلىك نىيىتى يېتىدۇ دەيدىغان قۇرۇق گەپلەر بىلەن پەقەت ئۇششاق بالىلارنىلا ئالدىغىلى بولاتتى.
ياق، ئەگەر بىز زورلۇق كۈچىدىن پايدىلانماي بۇنداق بىر يولغا كىرىپ قالغىنىمىزدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنگىلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە تىگىشلىك بولغان يولدىن ۋاز كەچكىنىمىزدە، ئۇلار چوقۇم بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە ئايلىنىپ بىزنىڭ تېنچلىق ھەرىكەتلىرىمىزگە كۈچلۈك مەنمەنچىلىك، قوپال، زورلۇق مۇئامىلىدە بولۇپ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى چوقۇم ئىدى.
ئەپسۇس! بىز نېمىشكە ئۇنچىلىك ئاقكۆڭۈللۈك قىلىپ كېتىمىز؟ دەرۋەقە بىز ئەنگىلىيىنىڭ ئورنىدا بولساق ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىماس بولار ئىدۇق. ياۋرۇپادىن تۇپراق قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتى ئۈچۈن رۇسىيىگە قارشى ئەنگىلىيە بىلەن بىرلىشەلمەي قالدۇق. خۇددى شۇنىڭدەك مۇستەملىكىچىلىك بىلەن خەلقارالىق سودا سىياسىتىدىمۇ ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بىرلەشكىنىمىزدىلا ئىشلىرىمىز نەتىجىلىك بولار ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا بۇ تۈردىكى سىياسىتىمىزدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە ماقۇل بولىشىمىز ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاۋسترىيەدىن تېز ئايرىلىشىمىزغا توغرا كىلەتتى. قايسىلا تەرەپتىن تەھلىل قىلىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، 1900-يىللارغا كەلگىچە ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزىلا ئۇچىغا چىققان ئاخماقلىق ئىدى. ھېچ بولمىغاندا ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى، ياكى رۇسىيىگە قارشى تۇرۇشتا ئەنگىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ھېچكىم ئەقلىگىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمىدى. چۇنكى ھەر ئىككىلا ئەھۋالدا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەپ قاراشقان ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇنداق بىر ئۇرۇشتىن ساقلىنىمىز دەپ خەلقارالىق سودا بىلەن سانائەتلىشىش سىياسىتىنى تۈزۈشكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. دۇنيانى “ئىقتىسادىي تېنچلىقپەرۋەرلىك” بويىچە بوي سۇندۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويىشى، ھەرقانداق بىر زورلۇق ئىشلىتىشكە تايىنىدىغان ئۇسۇللارنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەمما بۇنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلار بۇ يولدىنمۇ تۇلا بەك خاتىرجەم بولۇپ كىتەلمىگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئارىلاپ ئەنگىلىيىدىن كېلىۋاتقان كۈتۈلمىگەن تەھدىتلەرگە قاراپ بۇ قارارىدىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزىلىنىپ ئەندىكىپ كېتىشكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن دەرھال بىر دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇپ چىقىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش قارارى ھەرگىزمۇ ئەنگىلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ياكى ئەنگىلىيىنى مەغلوپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قارار ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، بۇ ئارمىيىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت “دۇنيا تېنچلىقى” نى قوغداش، دۇنيانى “تېنچلىقپەرۋەرلىك سىياسىتى” بويىچە قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىش ئىدى. قۇرۇلغان بۇ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كىمە سانى بىلەن ئومۇمىي تونناجىلا ئەمەس بەلكى قۇرال كۈچى جەھەتتىمۇ بەكلا غۇرۈگۈل ئىكەنلىكى بۇنى ئوچۇق كۆرسەتمەكتە ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر تېنچلىق سۈيەر كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرماقچى بولۇشقان ئىدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ دەپ يۈرگەن بۇ تۈردىكى “تېنچلىق” دېگەنلىرىمۇ شۇنچىلىكلا بىر ئىش ئىدى.
دۇنيانى ئىقتىسادىي ۋە تېنچلىقپەرۋەرلىك كۈرەشلىرى ئارقىلىق بوي سۇندۇرۇش ھەققىدە ئېيتىلغان قۇرۇق تالاش-تارتىشلار ھېچقاچان بىرەر دۆلەت سىياسىتىگە ئاساس بولالمايدىغان مەنتىقىسىز كاپشىشلار ئىدى. دۇنيانى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بۇنداق بىر يولىنى توغرا يول دەپ تاللىۋالغان، بۇنداق بىر يولنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەنگىلىيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ئۇلارنىڭ نەقەدەر مەتىقىسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشىكارىلاپ بەرگەن ئىدى. نەزەرىيىلەر بىلەن تارىخى تەجرىبىلىرىمىز بىزگە تېنچلىق بىلەن ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ دەيدىغان بۇنداق بىر ئاخماقلىقنى ھېچقاچان ئۆگەتمىگەن. شۇڭا بۇ خاتانى تۈزىتىشىمىز ئۈچۈن يەنىلا كېچىككەن بولمايمىز. دېمەك، بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تارىخنى قىلچىمۇ چۈشەنمەي ئوقۇپ يۈرگەنلىكى ئېنىق. مەن بۇ يەردە بۇنىڭ ئەكسىچە بىر كۆزقاراشنى ئوتتۇرغا قويۇشۇم ئۈچۈن يەنە شۇ ئەنگىلىيىنى مىسالغا ئېلىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇرمەن. چۇنكى ھېچقانداق بىر خەلق، ئىقتىسادىي كۈرەشلەرنى ئەنگىلىيىلىكلەردەك قەتئىي ئىرادە بىلەن، يەنى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا، ئۇنىڭدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەنلىرىنى يەنە ئۇلاردەك زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ قوغداشقا تىرىشىپ باققان ئەمەس. ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ سىياسىي كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىسادى كۈرەشنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرەلىگەنلىكى، ئۇندىن كېيىن يەنە بۇ ئىقتىسادىي كۈچىنى سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇرالىغانلىقى ئەنگىلىيىنىڭ تىپىك سىياسىي ھۈنەرلىرىدىن بىرى ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتلىرى ئۈچۈن ئەنگىلىزلارنىڭ بىۋاستە قان تۆكۈپ قۇربان بەرگەنلىكىنى بىزنىڭكىلەر پەسكەشلىك دەپ قارىشىمۇ قاتتىق خاتالاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە ئەنگىلىيىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئارمىيە كۈچىگە ئىگە ئەمەس دەپ بىلجىرلاشلىرىمۇ ھېچنېمىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ. مۇھىم بولغىنى قوشۇنىنىڭ شۇ ۋاقتىكى تەركىۋى، تەشكىلات شەكلى ئەمەس، بەلكى قولىدىكى بۇ قوشۇندىن پايدىلىنىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش قارارىغا كېلىش ئىرادىسىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە ئىدى. ئەنگىلىيە ئۇرۇش جەريانىدا ئۇرۇشقا لازىملىق بارلىق لازىمەتلىكلىرىنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان، ھەردائىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىر ئارمىيە قۇرالىغان دۆلەت. ئەنگىلىيە، مائاشلىق ئەسكەرلىرى يىتەرلىك بولسىلا ئۇلارنى ئۇرۇشقا سېلىپ تۇرغان، ئۆز خەلقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بولغان قېنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچىسىنىمۇ بىكارغا سەرپ قىلىۋەتمەيدىغان، ئەمما غەلىبە قىلىشقا كۆزى يېتىدىغانلا ئىش بولىدىكەن ئۇنىمۇ پىدا قىلىشتىن قەتئىي چېكىنمەيدىغان بىر مىللەت ئىدى. ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى، غەيرەت-جاسارىتى ۋە قۇراللىق كۈچىگە تايىنىپ ھەرىكەتكە ئاتلىنىش ئالاھىدىلىكى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئەمما بىزنىڭ گېرمانىيىدىكى مەكتەپلەر، مەتبۇئاتلار، ئوبزورچىلار، ھەجۋى گېزىتلار ئەنگىلىيە بىلەن ئېنگىلىز ئىمپرىيىسىنى تونۇشتۇرغاندا ئادەمنى تەدرىجى شەكىلدە شۇنداق غەلىتى تونۇشلارغا كەلتۈرۈپ قوياتتىكى، ئاخىرى بېرىپ بىزنى بىر تۈرلۈك ئۈمىتسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرىۋېتىشەتتى. ئەنگىلىيىلىكلەرنى قۇۋ، جاسارىتى يوق دېگەندەك بۇ خىل خاتا قاراشلار خۇددى بىر تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئوخشاش ئاستا-ئاستا پۈتۈن ئەتىراپىمىزغا تارقىلىپ، بىزنى ئېغىر مەغلوبىيەتلەرگە باشلاپ بارىدىغان خاتا پەرەزلەرگە يىتەكلەپ كەتكەن ئىدى.
بۇ تۈردىكى خاتا قاراشلار بىزگە شۇنچىلىك چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدىكى، ئاخىرى بېرىپ “ئېنگلىز” لارنى ئىنتايىن پەسكەش ئەمما ئەقىللىق ئەخلاقسىز تىجارەتچىلەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىۋېتىشكەن ئىدى. بىزنىڭ داڭلىق پروفىسسورلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسىدەك بۇنداق دۇنياغا يېيىلغان بىر ئىمپىرىيىنى بىر قىسىم ساختىپەز ھىلىگەرلىكلەر بىلەن قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقىغا زادىلا ئەقلى يەتمەيتتى. شۇنداق قىلىپ راست گەپ قىلىدىغان ئاددى كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ھېچكىم قۇلاق سېلىشمىدى، قۇلاق سېلىشمىدىلا ئەمەس ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۈنىنىمۇ چىقارتقۇزمىدى. فلاندرېدە تومميېلەرنىڭ بىزگە قارشى بىۋاستە سەپ تۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان سەبداشلىرىمنىڭ چىرايىنى ھەرگىز ئۇنۇتالمايمەن. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا بۇ ئىسكاندىناۋىيىلىكلەرنىڭ بىزگە گېزىتلارنىڭ ھەجىۋى بەتلىرىدە تۇنۇشتۇرغان قۇۋ ئەمما جەڭگىۋارلىقى يوق دەپ تونۇتۇلغان ئادەملەرگە پەقەتلا ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىپ كەتكەن ئىدى.
مەنمۇ شۇ باھانىدا بەزى تەشۋىقات تۈرلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ رولى چوڭلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم.
بۇ تۈردىكى ئالدامچىلىقلارنى تارقىتىۋاتقانلارغا بۇ قىزىلكۆزلەر چوقۇم بەزى مەنپەتلەرنى بەرگەن بولىشى مۇمكىن. بۇنداق مىساللارنى ئىقتىسادى ئىستىلالارنىڭ بىر مىسالى ئورنىدا تونۇشتۇرغان بولسىمىغۇ مەيلىتتى؛ ئېنگىلىزلار مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىغان ئۇسۇلدىن بىزمۇ پايدىلىنالىشىمىز مۇمكىنلىكىنى دېسىمۇ بولاتتى؛ ھەتتا ئۇچۇق ئاشكارە ھالدا راستچىل، ئەخلاقلىق بولغانلىقىمىز، ئېنگىلىزلەردەك ئۇنداق نامەرت بولمىغانلىقىمىز بىزگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەتلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ مەيلىتتى؛ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى، چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاسان قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىنلىكىنى تەرغىپ قىلغان بولسىمۇ بولاتتى.
بىزنىڭ ئاقكۆڭۈل، ساپدىل بولغانلىقىمىز باشقىلار يامان كۆرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىمىز بولۇپ، بىز بۇنداق يامان كۆرۈشنى ھېچقاچان چۈشىنەلمىدۇق. چۇنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىمىزگە چىن قەلبىمىزدىن قەتئىي ئىشەنچ قىلاتتۇق. ئەمما باشقىلار بىزنىڭ بۇنداق مىجەزلىرىمىزگە قاراپ بىزنى چوقۇم ھىلىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. تا ئىنقىلاپ پارتىلىغىچىلا شۇنداق قاراپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئىنقىلاپ يىللىرىدا ئۇلار بىزنىڭ شۇنچىلىك دۆت، ساددا ئىكەنلىكىمىزدىن خەۋەر تېپىپ بۇ خىل پسىخولوگىيىلىك ھالىتىمىزگە قاراپ ھەيرانۇ-ھەس قېلىشقان ئىدى.
بىزدىكى بۇ “تېنچ ئىقتىسادىي ئىستىلا” چىلىقىمىزدىن ئىبارەت ئاخماقلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا باشقا جەھەتلەردىكى دۆتلىكىمىز بولغان ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاق تۈزۈش ئىشىمىزنى تولۇق چۈشىنىشكە يىتەرلىك پاكىت بولغان ئىدى.
گېرمانىيە قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزەلىشى مۇمكىن ئىدى؟ ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىكتە ھەتتا ياۋرۇپادىمۇ بىرەر ئىقتىسادى كۈرەشكە كىرىشىش ئىمكانىيىتىمىز يوق ئىدى. مانا بۇ، بۇ تۈردىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسى ئىدى. بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىققا يالغۇز بىسماركلا بىلىپ تۇرۇپ ماقۇل كېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى.
چۇنكى ئۇ، ئەھۋالغا قاراپ پىلان بىلەن ئىشقا كىرىشىدىغان ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھېچقايسىدا بۇنداق بىر ئىقتىدار بولۇپ باقمىدى. ئاخىرى شۇنداق بىر دەۋرگە كەلدۇقكى، بىسمارك قۇرۇپ چىققان ئىتتىپاقنىڭ ھېچبىر ئاساسى قالمىغان ئىدى. چۇنكى بىسمارك ئۆز ۋاقتىدا ياۋرۇپانى خۇددى بىر نېمىس دۆلىتىگە ئوخشاش ئالقىنىدا ئوينىتىشنى بىلىدىغان بىرسى ئىدى. ئەمما ئومۇمخەلق سايلىمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمى بۇ دۆلەتنى نېمىسلىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى قالمىغان زىدىيەتلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئەسلىدە ئاۋسترىيە بىلەن تۈزۈشىدىغان ئىتتىپاقداشلىق ئېتنىك جەھەتتىمۇ پايدىسىز ئىدى. رېيچ ھۆكۈمىتى، يېڭىدىن كەڭ كۆلەملىك سلاۋيانلاشتۇرۇلغان دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويۇپ بەرگەن ئىدى. ئەمما بۇ دۆلەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىتتىپاق تۈزگەن گېرمانىيىگە قارشى ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى چوقۇم ئىدى. دوناي خاندانلىقىدىكى بارلىق پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان پان گېرمانىزم ھەرىكىتىنىڭ نوپۇزى ئازايغانسىرى ئىتتىپاقمۇ يىلدىن يىلغا يىمىرىلىپ ئاجىزلاپ بېرىشىقا مەھكۈم بولغان ئىدى. گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى تا 1900-يىللاردىلا ئاۋسترىيە-ئىتالىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك پەقەت ئىككى تۈرلۈكلا ئىش قالغان ئىدى: بۇنىڭ بىرسى ھابسبوۋرگلار خاندانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش يا بولمىسا ئاۋسترىيەدىكى گېرمانىزم ھەرىكىتىگە قارىتىلغان زۇلۇم ۋە بېسىملارغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش. ئەمما بۇنداق بىر يولغا قەدەم قويۇلغىنىدا، مۇتلەق تۈردە ئۇچۇق-ئاشكارە كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
بۇ ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاق پىسىخولوگىيىلىك جەھەتتىمۇ بەكلا ئاجىز بىر ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى. چۈنكى بىرەر ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچى ئەگەر ئەمەلى ۋەزىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىلا مەقسەت قىلغان بولىدىكەن، بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىقنىڭ كۈچىمۇ كۈنسايىن ئاجىزلىشىپ بارىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. ئەسلىدە، بىرەر ئىتتىپاقداشلىق، بۇ ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرگەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىتتىپاقداشلىقتىن پايدىلىنىپ كۈچلىنىۋېلىش مەقسىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىۋېلىشى لازىم ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىرلىشىشتىن كەلگەن بۇ كۈچىنى تىركىشىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرەلىگەن بولىشى كېرەك. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى ئۇ ۋاقىتلاردا بەلگىلىك ساھەدىكى كىشىلەر چۈشىنىپ يىتەلىگەن بولسىمۇ، ئىشنىڭ مەسئولى بولغان كىشىلەر بۇنىڭ قىممىتىنى زادىلا بىلەلمىدى.
بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ھەممە ئاجىزلىقلىرىنى لۇدېندورف 1912-يىلى يېزىپ چىققان ئەسلىمىسىدە ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا لۇدېندورف باشقۇماندانلىققا مەنسۈپ بىر پولكوۋنىك ئىدى. ئەپسۇسكى، دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمەي، ئۇنىڭ بۇ دوكلادىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇشقان ئىدى. ئەسلىدە ئەقىل بىلەن مەنتىق ئادەتتە ئاددى كىشىلەر ئارىسىدا تېخىمۇ مۇھىم تەسىرلەرنى پەيدا قىلىغىنى بىلەن، بۇنداق ئىشلارغا سىياسىيونلار ئارىلىشىپلا قالغان بولىدىكەن، بۇنداق پىرىنسىپلار دەرھال ئەمەلدىن قالىدۇ.
1914-يىلقى ئۇرۇشقا ئاۋسترىيە ۋاستىلىق بىر شەكىلدە سەۋەپچى بولغانلىقى ھەمدە ھابسبوۋرگلار بۇ ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالالماي قېلىشى ئەسلىدە گېرمانىيە ئۈچۈن بىر ئامەت ھېساپلىناتتى. ئەگەر بۇ ئۇرۇش ئاۋسترىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا بىر باھانە بىلەن پارتىلىغان بولسا ئىدى، بۇ ئۇرۇشتا گېرمانىيە چوقۇم يالغۇز قالغان بولاتتى. چۇنكى، ئاۋسترىيەلىكلەر گېرمانىيە سەۋەپچى بولۇپ پارتىلاپ چىقىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇرۇشقا گېرمانىيە تەرىپىدە تۇرۇپ قاتناشمايدۇلا ئەمەس، بۇنداق بىر ئارزۇدا بولىشىنىمۇ ھەرگىز قىياس قىلغىلى بولمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، خۇددى كېيىنكى ۋاقتىدا تەنقىت قىلىنغاندەك ئىتالىيە بىلەن بۇزۇلۇشقا ئوخشايدىغان ئەھۋال چوقۇم ئاۋسترىيىدىمۇ روي بەرگەن بولار ئىدى. يەنى، ئاۋسترىيە ئۇرۇش باشلىنا-باشلانمايلا چوقۇم بىتەرەپ بولىۋالىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرغانلا بىر ئىش.
ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا ئاۋسترىيە بىتەرەپ بولالىغانلا بولسا، ئاۋسترىيە سلاۋيانلىرى 1914-يىلىدا گېرمانىيىگە يارەم قىلىشنى توساش ئۈچۈن چوقۇم خاندانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، دوناي خاندانلىقى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشىنىدىغان نېمىس ئۇ ۋاقىتلاردا يوق دىيەرلىك ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئاۋسترىيەنىڭ دۈشمەنلىرى بەكلا كۆپ بولۇپ، بۇ يامان نىيەتتىكىلەر يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ مىراسىنى بۆلۈشۈش تاماسىدا يۈرگەن ئىدى. ئۇلار يەنە بۇ خاندانلىقنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ دەپ قارىغان گېرمانىيىگىمۇ كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرىشەتتى. ئۇلار ۋيېننانى پەقەت بېرلىندىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئارقىلىقلا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، گېرمانىيە ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە تېخىمۇ كۆپ پايدىسى تېگىدىغان باشقا ئىتتىپاقداشلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغان، نەتىجىدە رۇسىيە بىلەن، ھەتتا ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرىۋالغان ئىدى. گەرچە رىمدا گېرمانىيەگە قارىتا بىرەر سوغۇق مۇئامىلە ياكى بىرەر دۈشمەنلىك كۆرۈلمىگەندەك قىلسىمۇ، ئاۋسترىيەگە قارىتا ئىتالىيە پۇخرالىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئۆچمەنلىك، غەزەپ-نەپرەت تولۇپ تاشقان ئىدى. ئوتتۇرلۇقتا دېھقانچىلىق بىلەن سانائەت سىياسىتى يۈرگۈزىلىشكە باشلىشى بىلەن رۇسىيىگە ئۇرۇش ئېچىش سەۋەبىمۇ ئەمەلدىن قالغان ھېساپلاندى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا پەقەت ئىككىلا دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى مەنپەت كۈتۈش خىيالىدا بولالىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى دۆلەتنى پۈتۈن چارىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەنلەر بىرىنچى بولۇپ يەھۇدىيلار بىلەن ماركىسىزمچىلار بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۈچىنچىسى بولسا، بۇ ئىتتىپاقداشلىق گېرمانىيە ئۈچۈن ھەر دائىم خەۋىپ پەيدا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. چۇنكى بىسماركنىڭ رېيچ ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان بىر دۆلەت، رېيچنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋسترىيەنىڭ بايلىقلىرىنى ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى كۈشكۈرتۈش بەكلا ئاسانغا توختايىتتى.
دوناي خاندانلىقىغا قارشى پۈتكۈل شەرقى ياۋرۇپانى، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن ئىتالىيىنى كۈشكۈرتۈشكە بولاتتى. ئەگەر گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاۋسترىيە  ھەممە كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان مىراس بولۇپ كۆرۈنمىگەن بولسا ئىدى، پادىشاھ ئېدۋاردنىڭ نوپۇزى بىلەن ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن خەلقارالىق شەرتنامە ئوتتۇرغا چىقمىغان بولار ئىدى. پەقەت شۇ سەۋەپتىنلا بىرلا ئۇرۇش سېپىگە ھەرخىل مەقسەتلەرنى كۆزلەيدىغان دۆلەتلەرنى يىغىش ئىمكانىيىتى ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك گېرمانىيىگە قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ھۇجۇمدىن كېيىن ئاۋسترىيەدىن زېمىن ۋە ئۇرۇش چىقىمى يۇلىۋېلىش ئۈمىدىگە كېلىشكەن ئىدى. بۇنداق بىر كالاڭپاي ئىتتىپاقداشلىققا ئوسمانىلار تۈركىيىسىنىڭ ئاشكارە بولمىسىمۇ بەزى ۋاستىلىق يوللار بىلەن قاتنىشىپ قالغانلىقى، ئولجا بۆلۈشۈش نىيىتىدە يۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىشەيلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بېرىدۇ.
خەلقارالىق كاپىتالنى تېزگىنلەپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلارغىمۇ شۇ چاققىچە تېزگىنلىيەلمەي كېلىۋاتقان گېرمانىيە ئىقتىسادىنى گۈمران قىلىشتا ئەنە شۇنداق بىر قاماق جىددى لازىم بولىۋاتقان ئىدى. يەنى، گېرمانىيە ئۇ چاغدا بۇ ‘دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت’ نىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي تېزگىنى ئاستىغا تېخى تولۇق كىرمىگەن ئىدى. دۇنيا ھەمكارلىق ئىتتىپاقىمۇ ئەنە شۇنداق مەقسەتتە قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھەمكارلىق ئىتتىپاقىدا جەڭچىلىرىمىزگە سېيگفرېيد (نېمىس ئىرقىنىڭ ئەپسانە قەھرىمانلىرىدىن بىرسىنىڭ ئىسمى) نىڭ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قېلىچۋازلىق قىلىش جاسارىتىگە ئوخشاش تىغمۇ-تىغ جەڭ قىلىش جاسارىتىنى بەرگەن بىرلا نەرسە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ كۆپلىكى، يەنى مىليونلىغان ئەسكىرىمىزنىڭ بارلىقى ئىدى.
دەسلىۋىدە، يەنى 1917-يىلىدا ھىندېنبۇرگنىڭ ئۇرۇش سەپلىرىدىن بىرىگە، ئۇندىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ غەربىدە قۇرۇلغان ئاتاغلىق مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ئەنە شۇ ئىسىم بېرىلگەن ئىدى.
مەن ئاۋسترىيەدىكى ۋاقتلىرىمدىلا گېرمانىيىنىڭ ھابسبوۋرگ دۆلىتى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكىنىگە بەكلا غەزەپلەنگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مەن بىۋاستە كۆرگەن نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەر بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بەردى.
مەن ئارلىشالايدىغان تار مۇھىتلاردا يىمىرىلىشكە مەھكۇم بولغان بۇ دۆۋلەت بىلەن تۈزۈشكەن كىلىشىملەردىن ئەگەر ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىپ قۇتۇلمايدىكەن، گېرمانىيىمۇ ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىكتە پاجىئەلىك گۇمران بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇقەررەر دېگەن ئاساسى قارىشىمنى ئوچۇق-ئاشكارە سۆزلەپ يۈرگەن ئىدىم. دېگەندەك دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بورىنى ھەممە يەرنى قاپلىغان، داغدۇغىلىق ھەرىكەتلەر ئەڭ رىيالىست دەپ تونۇلغان ساھەلەرنىمۇ ھاياجانلاندۈرىۋەتكەن، ئالدىرىماي تۇرايلى دېيىشلەرگىمۇ ئورۇن قالدۇرمىغان بىر ۋاقىتلاردىمۇ بۇ كەسكىن پىكىرىمدىن يانمىغان ئىدىم. ھەتتا ئالدىنقى سەپكە بارغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلىدىغانغا بىرەر پۇرسەت تاپالىساملا نېمىس خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ ئىتتىپاقداشلىقتىن بالدۇر ئايرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىمنى قەتئى چىڭ تۇرۇپ سۆزلەپ كەلگەن ئىدىم. ئەگەر گېرمانىيە دۈشمەن سانىنى ئازايتىش نىيىتىدە بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىققا كىرگەن تەغدىردىمۇ، ھابسبوۋرگ خاندانلىقىدىن ئايرىلىش ھېچقاچان بىر پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىك ھېساپلانمايتتى. ئەكسىنچە دۈشمىنىنى كۆپەيتىۋالغان ھېساپلانمايتتى (بەزى تەرجىمىلەردە ھېساپلىناتتى دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). چۇنكى مىليونلىغان ئادەم، قېنى بۇزۇلغان بىر خاندانلىقنى يۈلەپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى نېمىس مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مىس قالپاق، ھەربىي ئۆتۈكلىرىنى كىيىپ جەڭگە كىرىمىز دەپ ئەسكەرلىككە ئاتلانماقتا دەپ تىنماي چۈشەندۈرۈپ يۈردۈم.
ئۇرۇش پارتىلاشتىن بۇرۇن ھېچ بولمىغاندا لاگىرلارنىڭ بىرەرسىدە بولسىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىنىڭ خاتا سىياسەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى. ئەمما كونسىرۋاتىپ نېمىس تەبىقىسىدىكىلەر بۇ تۈر تالاش-تارتىش ھالىدا تۇرغان بىر ۋەدىگە تېخىمۇ ئېغىربېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىشكەن بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى توغرا مەسلىھەتلەرگە بۇرۇنلاردا كۆرۈلگىنىگە ئوخشاشلا شامالغا سۆزلەنگەندەك ھېچكىم قۇلاق سېلىشمىدى. چۇنكى ھۆكۈمەت دۇنيانى بوي سۇندۇرۇشقا قاراپ ئاتلانغانلىقىغا، بۇ ئىشتا چوقۇم تەڭداشسىز نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا، قۇربان بېرىشلەرمۇ ئەندى ئاساسەن يوق دېگىدەك دەرىجىگە چۈشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. پروفانلار، يەنى “ھەممىنى بىلىدىغانلار”، ھامېلننىڭ چاشقان تۇتىدىغان مۈشۈكتەك ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇدۇل ۋەيرانچىلىققا قاراپ يىتىلەپ يۈرگىنىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرىشاتتى.

“ئىقتىساد ھەل قىلغۇچ ئامىل” دېگەن سەپسەتە
ئىقتىسادى ئىشغالىيەت دېگەندەك جۆيلۈشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر سىياسىي يول قىلىپ كۆرسىتىش، دۇنيا تېنچلىقىنى قوغداشنى سىياسىي غايىمىز دەپ خەلققە سۇنۇشتەك ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىزدىكى سىياسىي كۆزقاراشلارنىڭ ئادەتتە نەقەدەر تايىنى يوق، كېسەلمەن قاراشلار ئىكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
نېمىس پەن-تېخنىكىسى بىلەن گېرمانىيە سانائىتىنىڭ ئۇتۇقلىرى، نېمىس سودىسىنىڭ ئۇتۇقلىرى كۈچلۈك دۆلەتكە تايىنىش ئارقىلىقلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان نەتىجىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقۇزماقتا. ھەتتا ئۇلار نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە دۆلەتنىڭ بىۋاستە مەۋجۇت بولالىشىنىمۇ يوقۇرقىدەك ئىقتىسادى ئىشلارنىڭ نەتىجىسى دەيدىغان قاراشلارغا بىزنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشىدۇ. ئۇلار دۆلەتنى ئىقتىسادى ئورگان، ئۇ پۈتۈن ئورگانلىرى بىلەن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگىلا باغلانغان، ئۇنىڭ بۇنداق بولىشى ئەڭ نورىمال، ئەڭ بىخەتەر شەكلىدۇر دېيىشىپ ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقىنى كۆككە كۆتۈرۈشمەكتە.
ئەسلىدە دۆلەت بىرەر ئىقتىسادى ئۇقۇم ياكى بىرەر ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئورگاندۇر. دۆلەت، چېگراسى ئېنىق بەلگىلىك بىر دائىرە ئىچىدە ئىقتىسادىي پائالىيەت قىلىشنى ئۆزلىرىگە غايە قىلىشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىلىشىپ بىر يەرگە توپلىنىشىدىن بارلىققا كېلىدىغان ئورگان ئەمەس. دۆلەت، جىسمانىي ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردە بىر-بىرسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر توپلىمىنىڭ قۇرغان تەشكىلاتى. بۇ ئىنسانلارغا ئۆز نەسىللىرىنى تېخىمۇ ياخشى پەرۋىش قىلىپ يىتىشتۈرۈش، تەڭرىنىڭ ياراتقان ئىرقلىرىنى تەڭرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىر ئورگان. دۆلەت، ئۇنىڭ غايىسى ئەنە شۇنىڭدىنلا ئىبارەت. ئىقتىساد، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش جەريانىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ پەقەت بىرلا ۋاستىسى. شۇنداق ئىكەن، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ھېچقاچان دۆلەت پەيدا بولۇشنىڭ سەۋىبى ياكى غايىسى بولالمايدۇ. بۇ يەردە دۆلەتنى تەبىئەتكە خىلاپ خاتا ئاساسلار بىلەن قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشلار ئەلىۋەتتە بۇ ئېنىقلىمىنىڭ سىرتىدا قالغان خاتا ھەرىكەت ھېساپلىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، دۆلەتنى ئېنىق بىر تېرىتورىيە بىلەن چەكلىۋېتىش زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقىنىمۇ بۇ سەۋەپلەردىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنداق بىر شەرت، ئىرقداشلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز قولىدا بار بولغان ئىمكانىيەتلەرگە باغلىنىپ قامداشقا مەجبۇر بولىدىغان خەلقلەرگىلا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر شەرتتۇر.
باشقىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەتچى قىلىپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئىنسانىيەت ئارىسىغا تەييارتاپ پارازىتلاردەك كىرەلەيدىغان خەلقلەر چېگراسى بەلگىلەنگەن ئەڭ كىچىك بىر يەرگىمۇ ئىگە بولماي تۇرۇپلا دۆلەت قۇرۇپ ئالالايدۇ. مەسىلەن ئالايلى، پۈتۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بويىچە ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولۇپلا كېلىۋاتقان يەھۇدىلار ئەنە شۇنداق يېرى يوق تەييارتاپلار ھېساپلىنىدۇ. يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ دۆلەت چېگراسى ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان. ئۇلار دۇنياغا قىلچە چەكلىمىسىز يېيىلىش بىلەن بىرگە، بۇ مەۋھۇم دۆلەت ئىچىدە ئوخشاش ئىرقتىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان. شۇ سەۋەپتىن، بۇ مىللەت ھەممە يەردە دۆلەت ئىچىدە دۆلەت قۇرۇپ ئادەتلىنىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ دۆلىتىنى دىن چۈمپەردىسىگە ئورۇنۇپ ھەممە يەرگە قاتىراپ يۈرەلەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىۋېلىشى ئۇلاردىكى ئۇچىغا چىققان ساختىپەز ھىلىگەر ئالاھىدىلىكنى كۆرسەتمەكتە.
ئەسلىدە ھەزرىتى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دىنى يەھۇدىي ئىرقىنى قوغداش نەزەرىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس (بۇ جۈملىنىڭ تەرجىمىسىنى ئەسلى ئارگىنالغا قايتا سېلىشتۇرۇپ بېقىش كېرەك − ئۇ.ت). شۇ سەۋەپتىن بۇ دىن، ئۆز مەقسىتىگە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە توپلىغان.
ئۆز تۈرىنى ساقلاپ قېلىش ئىنىستىنكىت كۈچى (تۇغما كۈچ) ئىنسانىيەت گۇروھلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، دۆلەت − ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەمەس بەلكى بىر ئىرق ئورگىنىدۇر. مانا بۇ كۆزقاراش پەرقى، بۈگۈنكى ئاتالمىش دۆلەت رەھبەرلىرىمىزنىڭ چۈشىنەلمەي كەلگەن ئەڭ مۇھىم نوقتىلاردىن بىرى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئاتالمىش دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەتنى ئىقتىسادىي ۋاستىلارغا تايىنىپ قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن دەپ قاراشماقتا. ئەسلىدە بولسا، دۆلەت دېگىنىمىز بىر ئىرىقنىڭ، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاشتا ئىنىستىنكىت كۈچىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ سەۋەپ، ئۆزىنىلا كۆزدە تۇتىدىغان مەنمەنلىك خاراكتىرىنى نامايەن قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم ئەڭ يۈكسەك پەزىلەتنىڭ نامايەندىسى بولۇپ كەلمەكتە.
بىرەر تۈرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرالىشى شەخسىلەرنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىپ تۇرۇشقا ھەر دائىم تەييار تۇرۇشىغا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ. شائىرىمىز يازغان مۇنۇ مىسرالار ئىپادىلىگەن مەنىمۇ شۇنى كۆرسەتمەكتە: «جان تىكمىگىچە ھەرگىز جېنىڭنى ساقلىيالمايسەن» (شىللېر: «ۋاللېنستيىن لاگىرى»، “دۇبۇلغىلىق كاۋاللېرلار مارشى” دىن. − مەلۇم بىر تۈركچە تەرجىمىدە ھاشىيىدە بېرىلگەن ئىزاھات − ئۇ.ت)
شەخسىلەرنىڭ جان پىدا قىلىپ تۇرىشى، ئىرقىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىي شەرتى. بىرەر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى − ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئىرق ئىتتىپاقى ئاساسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق ھېسىياتى ئۈستۈنلىكى بولۇش، شۇنىڭدەك بۇنى پۈتۈن ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ قەتئى قوغداشقا ھەردائىم تەييار تۇرۇشقا باغلىق. بۇ يەنە كېلىپ ئۆزىگە مەنسۈپ يەر-زېمىنى بار خەلقلەردە قەھرىمانلىققا دائىر پەزىلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولسا، تەييارتاپ پارازىت خەلقلەردە يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، كاززاپلىق ۋە ياكى قۇۋلۇق بىلەن زوراۋانلىق قىلىشلار نەتىجىسىدە ئۆزىنى ۋەيران قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمما بۇ ئالاھىدىلىكلەر تۇغما ئالاھىدىلىك بولىشى، سىياسىي كۆزقاراشلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرمۇ بۇ تۇغما ئالاھىدىلىكنى مەنبە قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئىسپاتلىغان بولىشى كېرەك. دېمەك، بىرەر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى، ھېچ بولمىغاندا يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا بۇ خىل ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان بولىشى لازىم.
ھاياتلىق كۈرىشىدە يېڭىلىپ قالغان، ئاقىۋەتتە باشقا دۆلەتلەرگە بېقىندى بولۇپ قالغان ئىرقلار، يوقۇلۇشقا مەھكۈم بولغان مىللەتلەر ئۆزىنى قوغداش كۈرىشىدە يىتەرلىك دەرىجىدە قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى كۆرسىتەلمىگەن ياكى بولمىسا تەييارتاپلارنىڭ خائىنلىق قىلىشىغا، ھىلىگەرلىكلىرىگە يەم بولۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان مىللەتلەر ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق تەغدىرگە مۇپتالا بولىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەقىلى كام بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپلا قاراش توغرا ئەمەس. بۇ يەردە كاملىق قىلىۋاتقىنى قەھرىمانلىق، غەيرەت-شىجائەت بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك كۆپۈنچە ھاللاردا ئىنسانىي ھېسياتلىرى ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ ئىپادىلىنىشكە تىرىشىدىغان تۇغما ئالاھىدىلىكتۇر.
ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىقتىسادى تەرەققىيات دېگەنلەر بىلەن دېگەندەك ماس كەلمەسلىكى، دۆلەتنىڭ ئىجابى ۋە ھىمايىچى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئىقتىسات بىلەن ئۈنچە بەك مۇناسىۋېتى يوقلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەتتا نۇرغۇنلىغان مىساللار بىزگە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار كۆپۈنچە ھاللاردا دۆلەتنىڭ يىمىرىلىش ھارپىسىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە. ئەگەر ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئالدى بىلەن ئىقتىسادى كۈچلەر بىلەن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە باغلىق بولسا ئىدى، دۆلەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنىڭ دەبدەبىسىنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلەشكە توغرا كىلەتتى. شۇڭا دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئۇنى مۇداپىيە قېلىشلاردا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئىشەنچ قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى رەت قىلىدىغان مىساللارغا تارىخنىڭ ھەر بېتىدە دۈچ كېلىپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ھەرگىزمۇ ماددىي ئاساسلارغا تايانغان بولماستىن، بەلكى ئەخلاقىي پەزىلەتلەرگە تايىنىپ قۇرۇلغانلىقىنى پرۇسىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن تولۇق ئىسپاتلارغا ئىرىشەلەيمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارمۇ پەقەت ئەنە شۇ ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ئاستىدىلا روياپقا چىقىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئەگەر دۆلەتنىڭ بۇ تۈردىكى ئىجابىي ئىقتىدارى ۋەيران بولۇشقا باشلىشى بىلەن تەڭ دۆلەتمۇ يىمىرىلىپ يوقۇلىدۇ.
ئەنە شۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان بىر ۋەزىيەتنى مانا بىز ئىنتايىن پەرىشانلىق ئىچىدە تاماشا قىلىپ ئولتۇرماقتىمىز. خەلقنىڭ ماددىي مەنپەئەتلىرىنى كۆپەيتىش، ئۇلارنىڭ راھەت-پاراغىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كۆپۈنچە ھاللاردا كۈچلۇك ئەخلاقىي پەزىلەتلەرگە زىت بولغىنىدىلا ئاندىن ئەمەلگە ئېشىپ كەلمەكتە. ماددىي مەنپەئەت قارىشى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتىۋالغان، ھەممە ئىشتا بىرىنچى ئورۇندىكى غايە ھالىغا كېلىۋالىدىغانلا بولىدىكەن، ماددىي مەنپەئەتلەر بىلەن راھەت-پاراغەتنى ساقلاپ قېلىش شەرتلىرىنىڭمۇ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
نېمىسلارنىڭ سىياسىي كۈچ-قۇدرىتى كۈچەيگەن دەۋرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىقتىسادىي سەۋىيىمۇ يوقۇرى بولغان ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش پائالىيەتلىرى پەقەتلا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان، نەتىجىدە غايىلىك يىگىتلىرىمىز يولدىن چىقىپ ئازىيىپ كەتكەن دەۋرلەردە دۆلەتمۇ يىمىرىلىپ، ئىگىلىكىمۇ قەھەتچىلىك دەۋرىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز.
شۇنداق بولغاچقا، قانداق بىر كۈچ دۆلەتنى پەيدا قىلىدىغان، ئۇنى قوغدىيالايدىغان كۈچ بولالايدۇ دېگەن سۇئالغا، شەخسىلەرنىڭ جەمىيەتكە قارىتا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ پىداكارلىق ئۈچۈن جاسارەتلىك بولالىشى دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇنداق روھ بىلەن بۇ خىل جاسارەت پەزىلىتىگە ئىگە بولۇش ئىقتىسادقا قىلچە بېقىنمايدۇ ياكى بۇلار ئوتتۇرسىدا بىرەر ئورتاقلىقمۇ مەۋجۇت ئەمەس. چۇنكى، ئادەم ھېچقاچان يالغۇز ئىقتىساد ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلمايدۇ. ئادەم بالىسى بىرەر ئىشنى دەپ ئەمەس بەلكى بىرەر غايىنى دەپ ئۆزىنى قۇربان قىلالايدۇ.
خەلقنىڭ پسىخولوگىيىسىنى ئېنگىلىزلار ھەقىقەتەنمۇ باشقا ئەللەرگە قارىغاندا تولۇق ئىگەللەپ چىققان. ئۇلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن باھانىسىدا ئىنتايىن ئۇچۇق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بىز نېمىسلار تۇرمۇش غېمى ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقان بولساق، ئەنگىلىيىلىكلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن، ھەتتا ئۆز ئەركىنلىكىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ باشقا ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپ ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى. بىزنىڭكىلەر بولسا بۇنداق ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارنى مازاق قىلىپ كۈلۈشكەن ياكى بولمىسا ئۇلاردىن رەنجىپ يۈرۈشكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ نېمىس دېپلوماتىيىسى ئۇرۇش باشلانماي تۇرۇپلا نەقەدەر غايىسىز، ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ئاشىكارىلاپ قويغان ئىدى. ئۇلاردا پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بولمىغان، جاسارەتلىك ئادەملەرنى ھەر دائىم ئۈلۈمگە قاراپ چاپتۇرىدىغان كۈچ توغرىلىق ئازىراقمۇ ساۋاد يوق ئىدى.
1914-يىلىدا نېمىس خەلقى بىر غايە ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇرۇشقا ئۆزىنى ئاتىغان، ئۇرۇشنىڭ جاپالىرىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇ ئۇرۇش بىر غايە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى نېمىس خەلقىنى كۈندىلىك يەيدىغان نېنى ئۈچۈنلا جەڭگە ھەيدىگەنلىكىنى پەرق قىلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يېنىۋېلىشقان ئىدى. ئەمما بىزنىڭ ئەقىللىق دۆلەت رەھبەرلىرىمىز كىشىلەردىكى بۇ تۈر روھى ئۆزگىرىشتىن ھەيران بولۇپ گاڭگىراپ قېلىشقان ئىدى. چۇنكى ئۇلار، ئادەم ئىقتىسادىي مەنپەت ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغىنىدا ئامال بار ئۆلمەي ساق قېلىشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە غالىبىيەتتىن كېيىن قولغا كېلىدىغان ئۇرۇش غەنىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن ئىدى. خۇددى بالىسىنىڭ كىلەچىكىنى ئويلاش، بالىسىغا بىرەر بالا كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەرقانچە ئاجىز دەپ قارالغان بىر ئانىمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىدىغان ھالغا كېلەلەيدىغانلىقىغا ئوخشاش، تارىختىن بۇيان ئىنسانلار پەقەت ئىرقىنى قوغداش، ئىرقىنى قوغداۋاتقان دۆلىتى ئۈچۈن، يۇرتى ۋە ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئۆلۈمدىن قورقماي ئۆزىنى دۈشمەن نەيزىسى ئۈستىگەن ئاتالىغان ئىدى.
بىز مۇنداق بىر فورمىلانى قەتئىي ئۆزگەرمەس فورمىلا دەپ قارىشىمىز مۇمكىن:
بۈگۈنگە كەلگىچە ھېچقانداق بىر دۆلەت تېنچلىقچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تايىنىپ قۇرۇلۇپ باقمىدى.
دۆلەت، ئىرقىنى قوغداش ئىنىستىنكىت كۈچىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدىلا قۇرۇلىدۇ. ئۆزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بۇ تۇغما كۈچ قەھرىمانلىق كۆرسىتىدىغان ساھەلەردە ياكى بولمىسا قۇۋلۇق-شۇملۇق قىلىپ ھىلى ئىشلىتىدىغان ئىشلاردىمۇ ئۆزىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش مەنبەدىن كۈچ ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما قەھرىمانلىق كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللاردىلا تىرىشچان، مەدەنىيەت يارىتالايدىغان ئۈستۈن ئىرقلىق دۆلەتلەر بەرپا قىلىنغان بولسا، ھېلە ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللاردا تەييارتاپ يەھۇدىلاردەك جەمىيەت ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتتە ئىقتىساد بۇ تۈردىكى ئىچكى تۇغما قابىلىيەتلەرنى بوغۇشقا باشلىغان ھامان ئىزىش ۋە زۇلۇم قىلىشنى خۇمار ھالغا كەلتۈرىدىغان سەۋەپكە ئايلىنىشقا باشلايدۇ.
دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاشتىن ئاۋال نېمىس خەلقى تېنچلىق يولى بىلەن سودا ئىشلىرى ۋە مۇستەملىكىچى سىياسەتكە تايىنىش ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىنى ياكى بولمىسا دۇنيانى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن دېيىشكە ئىشىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، بىرەر دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان ياكى ئۇنى مۇداپىيە قىلاليدىغان پۈتۈن ئەخلاقى پەزىلەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، كۈزىتىش ئىقتىدارىنىڭ، ئىرادە كۈچىنىڭ، ئەمىلىلەشتۈرۈش غەيرىتىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كلاسسىك كېسەللىك ئىشارەتلەر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، دۇنيا ئۇرۇشى ئەنە شۇنداق پەزىلەتلەرنىڭ يوقۇلۇشلىرىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي قانۇنىيەتلەر نەتىجىسىدە پارتىلىغان ۋە بۈگۈنكى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەگەر نېمىس خەلقىنىڭ تۇتقان يولى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ باقمىغانلار، − ئەسلىدە ھەممىلا كىشى دېگىدەك ئۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىشمىغان ئىدى، − بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەسلىدە باشقىچە مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى بولمىسا كېرەك دېگەن تۇنۇشقا كېلىپ قالىدۇ. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغىنىمىزدا، كۈچكە تايىنىش سىياسىي ئاساسلىرىغا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن، بۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى ياراتقان ئىمپىرىيە گېرمانىيە ئىمپىرىيىسى ئىدى. پرۇسىيە، رېيچنى ياراتقان ھۈجەيرە رولىنى ئوينىغان، بۇ ھۈجەيرىدىن قەھرىمانلىقلار بارلىققا كەلگەن ئىدى. ئىمپىرىيە ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بۇ قەھرىمانلىقلار ھەرگىزمۇ سودا ئىشلىرى ياكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. شۇنداق قىلىپ رېيچنىڭ ئۆزىمۇ كۈچكە تايانغان سىياسەتنىڭ، ئەسكەرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن جاسارەتنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمىس خەلقى قانداق قىلىپ بۇ سىياسىي ئىچكى تۇغما كۈچىدىن شۇنچە مەھرۇم ھالغا چۈشۈپ قالدى؟
بۇ يەردە يالغۇز بىرلا مەسىلە بۇ ۋەقەنى ئۆز ئالدىغا پەيدا قىلغان ئەمەس. ئەكسىچە بىز بۇ يەردە پۈتكۈل ئىشلاردا ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئۈركۈتكىدەك بەكلا كۆپ يىمىرىلىش ئىشارەتلىرىگە دۈچ كەلمەكتە ئىدۇق. بۇ ئىشارەتلەر بەزى ۋاقىتلاردا خەلقنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوت يالقۇنىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن بولسا، يەنە بەزىدە بەدەننى قاپلىغان چىيقانلاردەك خەلقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى يىمىرمەكتە ئىدى. گويا توختىماي ئېقىپ تۇرغان بىر زەھەرنى نامەلۇم بىر كۈچ بۇ كونا قەھرىمان خەلقنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تۇمۇرلىرىغىچە يەتكۈزۈپ ئوكۇل قىلىپ قويىۋاتقاندەك، بۇ مىللەتنىڭ ساغلام پىكىر قىلىش كۈچى بىلەن  تەبىئىي تۇغما كۈچىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىدى.
مەن گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتى بىلەن رېيچنىڭ 1912-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلى كۈزەتكىنىمدىن كېيىن، ھەممە ۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەپ بولىۋاتقان بۇ نامەلۇم كۈچنىڭ مەن ۋيېننادىكى ۋاقىتلىرىمدىلا باشقا بىر نوقتىدا تۇرۇپ كۈزىتىش ئارقىلىق تونىغان كۈچنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ نامەلۇم كۈچ ئوينىغان ئۇيۇنلارنى مەن ۋيېننادا باشقا بىر يول ئاختۇرۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا سەزگەن كۈچتىن باشقىسى بۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئوينىيالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم. بۇ سىھىرلىك كۈچ − ماركىسىزم نەزىرىيىسىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ كۈچ، ئەنە شۇ چىرىپ پۇراپ كەتكەن نەزىرىيىنىڭ ھاياتلىق كۆز قارىشىنىڭ، تەشكىللىك، مەقسەتلىك ھەرىكىتىنىڭ نەق ئۆزى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ مەن ۋەيران قىلغۇچى، ھەممىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ماركىسىزم نەزىرىيىسىنى ئىككىنچى قېتىم تېخىمۇ تەپسىلى تەھلىل قىلىشقا كىرىشتىم. مېنىڭ بۇ قېتىملىق تەھلىلىمگە بۇرۇنقىدەك ئۇنداق تۇرمۇش ئەمىلىيىتىمدە دۈچ كەلگەن مۇھىت سەۋەپچى بولماستىن، سىياسى پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي جەريانلىرىنى كۈزىتىشلىرىم بۇنداق بىر تەتقىقات پائالىيىتىگە يىتەكلىگەن ئىدى. مەن بۇ يېڭى پاسون ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە دۇنياسى ئىچىگە چۆكۈپ، بۇ نەزەرىيىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى ئېنىق پەرق قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدىم. بۇ جەرياندا بۇ نەزىرىيىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىكى كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىنىمۇ تېپىپ سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلماقتا ئىدىم.
بۇ قېتىم مەن، دۇنيانى بۇلغاپ كېلىۋاتقان بۇ ۋابا مىكروبىنى يېڭىپ چىقىش يوللىرىنى تەتقىق قىلىشقا نوقتىلىق كىرىشكەن ئىدىم.
بىسماركنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنلىرىنى ئېتىقاتلار، كۈرەش يىللىرى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقان ئاساستا تەتقىق قىلىپ چىقتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىمنى گرانىتتەك مۇستەھكەم كۆزقاراشلىرىم ئۈستىگە دەسسەتكەن ئىدىم. ھەتتا شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن شۇ كۈنلەردىن باشلاپ تىكلىگەن بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىمغا قايتىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش زۆرۈرىيىتىنىمۇ ھەرگىز ھېس قىلماي تا بۈگۈنگىچە ئۆز پىتى ئەمەل قىلىپ كەلمەكتىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ماركىسىزم بىلەن يەھۇدىيچىلىق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىمۇ يېڭىدىن تەپسىلى تەھلىل قىلىپ چىقتىم.
دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ۋيېننادىن يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا قەتئىي يىمىرىلمەس گىگانت بولۇپ كۆرۈنگەن گېرمانىيىدىنمۇ بۇ تەھلىللەردىن كېيىن ئاستا-ئاستا گۇمانلىنىشقا باشلاپ، گېرمانىيىدىنمۇ ئەنسىرەشكە باشلىغان ئىدىم. ئۆز كاللامدا، مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەتىراپىمدىكى چەكلىك مۇھىتتا گېرمانىيە تاشقى سىياسەتلىرىنى، ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇ دەۋرلەردىكى گېرمانىيىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولغان ماركىسىزم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارغا ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە سەل قارىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىتلەپ كۆرسىتىشكە كىرىشكەن ئىدىم. راس دېمىسىمۇ بۇ خەلق ئاقىۋىتىنى ماركىسىزم ئۆزى بىۋاستە ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكىنىدەك ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئىشقا قارغۇلارچە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بەكلا ھەيران ئىدىم. شۇڭا ئۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئەتىراپىمدىكىلەرگە قارىتىپ بۇ ۋەھىمە ھەققىدە خىتاپ قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇنچە قاخشاپ زارلىنىشلارغا پىسەنت قىلماي “بىزگە ھېچنەرسە بولمايدۇ!” دېيىشىپ خىيالىغا كەلتۈرمەي قۇرۇق گەپ قىلىپ يۈرۈشلەرگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك خىتاپ قىلاتتىم. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋابا مىكروبىدەك قاراشلار بىر زامانلاردا بىر ئىمپىرىيىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى. پۈتكۈل جەمىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قانۇنغا يالغۇز گېرمانىيىلا بىزگە زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ دەپ پىسەنت قىلماي بىخۇدۈك يۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟
1913~1914-يىللاردا، ھەر قايسى ساھەلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ كەلگۈسىدە گېرمانىيە مەسىلىسى ماركىسىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەسىلىسى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم. ئەنە شۇ ساھەدىكى مۇتلەق كۆپ قىسم كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە ناتسيۇنالست سوتسيالىست ھەرىكىتىنىڭ (مىللىي سوتسيالىزمچىلار ھەرىكىتىنىڭ − ئۇ.ت) سادىق ئەگەشكۈچىلىرىگە ئايلاندى.
بىزنىڭ بەخىتسىزلىكىمىزگە سەۋەپچى بولغان بۇنداق بىر ئاخماقانە ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىمىزنىمۇ بۇ نەزەرىيىنىڭ ۋەيران قىلغۇچى ھەرىكىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرىدىن بىرسى ئىكەن دەپ قارىدىم. بۇ نەزىرىيىنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق، ئەڭ رەھىمسىز تەرىپى − بۇ زەھەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى بىلەن پۈتكۈل ئاساسلىرىنى قىلچە تۇيدۇرماستىن زەھەرلەپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، بۇ زەھەردىن زەھەرلەنگەنلەرمۇ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ، بارلىق ئىرادىلىرىنىڭ، يېقىن يولىماي قەتئىي رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت قارىشىنىڭ بىر پەلسەپەسى، تەنتەنىسى ئىكەنلىكىدىن قىلچىمۇ گۇمان قىلىشماي پەرۋايى پەلەك يۈرىشى ئىدى.
نېمىسلارنىڭ يىمىرىلىشى ئاللىمۇ قاچان باشلىنىپ بولغان ئىدى. ئەمما خەلقىمىز ئۆزلىرىنى يوقىتىۋاتقان كۈچلەردىن تېخىچىلا بىخەۋەر ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا بۇ كېسەللىككە قارشى بەزى دورىلارنى بېرىپ باققان بولسىمۇ، كېسەللىكنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى بىلەن ئۇنى پەيدا قىلغان ئەسلى سەۋەپلەر كۆپۈنچە ھاللاردا پەرق قىلغىلى بولمىغىدەك ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن ئىدى. كېسەللىكنىڭ سەۋەبى مەلۇم بولمىغاچقا، ياكى بولمىسا سەۋەبىنى بىلىشنى ھېچكىم خالىمىغاچقا، ماركىسىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ تەسىرى خۇددى بىر يالغان تىۋىپنىڭ قارغۇلارچە كېسەل داۋالىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولۇپ قالغان ئىدى.

بەشىنچى باب

دۇنيا ئۇرۇشىدا

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 11:26:04 | ئايرىم كۆرۈش

بەشىنچى باب

دۇنيا ئۇرۇشىدا
بالىلىق دەۋرىمدە ماڭا ئەڭ بەك ئېغىر تۇيۇلغان ئىش − شۆھرەت ۋە ئۇتۇق قازانغانلارغا بېرىلىدىغان مېداللار پەقەت باققاللار بىلەن مەمورى كادىرلارغىلا تاقىلىدىغان دەۋرلەردە تۇغۇلۇپ قالغانلىقىم ئىدى. گويا ئۇ دەۋرلەردە تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ داۋالغۇشلىرى توختىغان، ئىستىقبالىمىزمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تېنچ رىقابەتلىشىشلىرىگە باغلىق بولۇپ قالغان، ھەممە ئىش شۇلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈش ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. يەنى، ئۇ ۋاقىتلار كۇچتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش جەھەتتىكى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان، ھىلىگەرلەر، ئالدامچىلار ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بىر دەۋر ئىدى. بارلىق دۆلەتلەر بىر-بىرسىنىڭ پېيىغا چۈشۈپلا يۈرىدىغان، بىر-بىرىنىڭ مۇشتىرىلىرى بىلەن مال بويرۇتمىلىرىنى ئوغۇرلاشنىڭلا كويىدا قالغان، بىر-بىرسىگە مىڭ بىر ھىلە ئىشلىتىپ زىيان سېلىشنىلا ئويلايدىغان، بۇ ئىشلارنى گويا ھېچكىمكە زىيان كەلتۈرمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئېلىپ ساتارلار ياكى بولمىسا بىدىكلەردەك كۆرۈنۈپ ۋارقىراپ جارقىرىشىپ يۈرىدىغان ۋەزىيەت ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەت ئىزچىل داۋاملىشىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيانى چوڭ بىر بازارغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ بازارنىڭ قوراسىدا ئۆز كەسىپىگە ماھىر تىجارەتچىلەر بىلەن ئالدامچىلىققا ئۇستا بىدىكچىلەر ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ نەپ يەيدىغان مەڭگۈلۈك مەمورى كادىرلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىغىلىپ كۆپەيمەكتە ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا تىجارەتچىلەرگە ئېنگىلىزلەر، مەمورى كادىرلارغا نېمىسلار ۋەكىللىك قىلماقتا ئىدى. يەھۇدىيلەر بولسا مال-مۆلۈك خوجايىنلىرى، بۇرجۇئازلار سۈپىتىدە ماللىرىدىن سېخىلىق قىلىدىغان كىشىلەر قىياپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىشقان ئىدى. چۇنكى ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىشكە توغرا كەلسە، ئۇلار سودىسىدا ساپلا زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان، دائىم تارتقان زىيىنىنى تۆلەش بىلەنلا كۈنى ئۆتىۋاتقان كىشىلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىيلار بارلىق تىللارنىڭ بۇرجۇئازىيىچىسىنى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئىدى.
نېمىشكىمۇ بىر ئەسىر ئاۋال دۇنياغا كەلمىگەن بولغىيتىم؟ مەسىلەن ھەممە كىشى ئۆزىنى جەڭگە ئېتىپ تۇرىدىغان ئازاتلىق ئۇرۇشى يىللىرىدا، تىجارەت بىلەن شوغۇللانمايمۇ ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن قىممىتى بولىدىغان دەۋرلەردە تۇغۇلغان بولساممىغۇ كاشكى! بۇ دۇنياغا تۈرىلىشىمدە بەكلا كېچىكىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئەنە شۇنداق كۆڭۈلسىز خىياللار ئىچىگە پېتىپ قالاتتىم. تەغدىرىم ئاتا قىلغان كىلەچەك ماڭا ئاتاقتا بىر “سۈكۈت قىلىش، قائىدىگە ئەمەل قىلىش” دەپ سۇنغانلىرىنى ناھەقلىق دەپ ھېس قىلاتتىم. مەن تا كىچىكلىكىمدىن تارتىپ ئەستايىدىل، تىرىشچان مىجەزلىك بولۇپ يېتىلگىنىم ئۈچۈن، ھېچقاچان تېنچلىقپەرۋەر بىرسى بولالمىغان ئىدىم. مۇھىت مېنى تېنچلىقپەرۋەرلىك يولىغا شۇنچە كۈچەپ تارتىپ باققان بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىدى. ئۇ كۈنلەردە بوئېرلار ئۇرۇشى ماڭا بەكلا يىراقلاردا چاقنىغان چاخماقتەك بىلىنەتتى. ئۇ كۈنلەردە مەن كۈندىلىك گېزىتلارنى، ئۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى ئالا قويماي ئوقۇپ تۇراتتىم. ئۇ گېزىت خەۋەرلىرىنى بىر ھېساپتا قاينىتىپ ئىچىۋالاتتىم. شۇنداق قىلىپ يىراقتا تۇرۇپ بولسىمۇ بۇ قەھرىمانلارنىڭ ئۇرۇشىغا ھەمنەپەس بولالىدىم دەپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. رۇسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى دەۋرىلىرىدە خېلى چوڭ بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا، تېخىمۇ ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزگىدەك ھالدا ئىدىم. تا شۇ كۈنلەردىن باشلاپلا مىللەتچىلىك ھېسياتلىرىم سەۋەبىدىن ياپونىيە تەرىپىدە تۇرغان ئىدىم. ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا مەغلوپ قىلىنسا ئاۋسترىيە ئىسلاۋىيانىزمىنىڭمۇ مەغلوبىيىتى تەييار بولىدۇ دەپ ئۈمىدلىنىپ يۈرەتتىم.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. مانا ئەندى چۈشەندىمكى، بۇرۇن ماڭا ھۇرۇنلۇقىمىز سەۋەبىدىن جىم-جىت كۆرۈنگەن ئەھۋال ئەسلىدە بوراندىن ئاۋالقى جىمجىتلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەندۇق. ۋيېننادا تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا كەلگۈسىدە بالقان تەرەپتىن كېلىدىغان قۇيۇندىن بىشارەت بېرىدىغان ئۇ بۇرۇختۇرما ھاۋا ھەممە يەرنى قاپلاشقا باشلىغان ئىدى. تا شۇ يىللاردىلا ئۇ يەرلەردە ئوت ئۇچقۇنلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، بەزىدە يەنە قورقۇنۇشلۇق قاراڭغۇلۇقتا بۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى غايىپ بولۇپ تۇراتتىكەن. بالقان ئۇرۇشى دەل شۇ پەيتلەردە پارتىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى بورىنى كېسەل ياتقان ياۋرۇپانى سىرىپ سۈپۈرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇ كۈنلەردىكى دىمىق مۇھىت ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغان يالقۇنلۇق تروپىك ھاۋاسىدەك بېسىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەممە كىشى پات يېقىندا بىرەر پاجىئە يۈز بېرىدىغانلىقىنى غەم-ئەندىشە ئىچىدە تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتقاندەك بىلىنگەن ئىدى: ئىنسانلار تەڭرىدىن كېلىدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ توسىۋالالمايدىغان قاتتىق جۈدۈن كېلىشىنى ئارمان قىلماقتا ئىدى. ئاخىرى بىر كۈنى بۇ ئارمان ئەمەلگە ئېشىپ كۆكتىن غايەت كۈچلۈك چاقماق چۈشتى. پۈتۈن ئەتىراپنى قارا بوران قاپلاپ، گۈكىرىگەن گۈلدۈرماما ئاۋازىغا يەر يۈزىدىكى توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ پارتىلاش ئاۋازلىرىمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئارشىدۈك فرانچويز فېردىناندنىڭ قەتلى قىلىنغانلىق خەۋىرى ميۇنخېنغا يېتىپ كەلگەن ۋاقتتا (ئۇ كۈنلەردە مەن ئاساسەن سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇراتتىم. شۇڭا يۈز بەرگەن ۋەقەدىنمۇ تولۇق خەۋەر تاپالمىغان ئىدىم) مەن ئېغىر غەمگە پېتىپ قالغان ئىدىم: ئەجىبا بۇ شاھزادىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئوقلار بۇ شاھزادە تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋەتلەپ كېلىنگەن ئىسلاۋيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىۋاتقان، نېمىس خەلقىنى بۇ ئىچكى دۈشمەندىن قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن نېمىس ستۇدېنتلىرىنىڭ قورالىدىن ئېتىلغان بولۇپ قالمىغاي! ئەگەر شۇنداق بولغىنىدا بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇپ كىتەر؟ دەرھال پەرەز قىلىشقا باشلىدىم: يېڭىدىن بىر بېسىم ۋە قىيىن-قىستاق ھەرىكىتى ئوتتۇرغا چىقىشى مۇقەررەر. شۇنداق قىلىپ بۇ ھەرىكەتنى نېمىسلارنى بېسىقتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك بىر باھانىسى قىلىپ دۇنياغا كۆرسىتىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي بۇ سۈيىقەستنى سىرپلارنىڭ پەيدا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقىنىمدىن كېيىن، ھېكمىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان تەغدىرنىڭ بۇ ئىنتىقامى ئالدىدا قاتتىق ھەيران بولغان ھالدا تىتىرەپ كەتتىم: ئىسلاۋيانلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، ئەڭ چوڭ ھىمايىچىسى بولغان كىشى يەنە شۇ مۇتەئەسسىپ ئىسلاۋيانلارنىڭ ئۆزى ياردەملىشىپ قۇيۇپ بەرگەن ئوقىدا ئۆلگەن ئىدى. ئاۋسترىيەنىڭ سىربىيىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۇزۇندىن بېرى كۈزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر، قىيا تاشلارنىڭ چوققىدىن دومىلاپ چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئەندى بۇ تاشلارنىڭ پەسكە قاراپ دومىلىشىنى توختىتالايدىغان ھېچقانداق كۈچنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە سىربىيىگە تاپشۇرغان ئۇلتىماتومىنىڭ شەكلىگە، ئۇنىڭ مۇندەرىجىلىرىگە قاراپلا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنى خاتا قىلغان ئىدى دەپ ئەيىپلەشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىدا باشقا ھەرقاندان بىر دۆلەت بولغىنىدىمۇ بۇنىڭدىن باشقىچە مۇئامىلە قىلالمىغان بولار ئىدى. ئاۋسترىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېگرالىرىدا ئاۋسترىيەنىڭ تىنماي بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بىر دۈشمىنى بار ئىدى. بۇ دۈشمەن خاندانلىققا قارشى كۈندىن كۈنگە ئېغىر تەھدىتلەرنى سېلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار بۇ ئىمپىرىيە يىمىرىلىپ يوقىلىدىغان كۈنلەر كەلمىگىچە بۇنداق زىيان سېلىشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كېچىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنى خالىمايتتى. ئاۋسترىيەلىكلەر بۇ بالا-قازادىن قۇتۇلۇش چارىسى قالمىغانلىقىنى، ئەگەر ئىمپراتور ۋاپات بولۇپ كەتكىدەك قىلسا بۇنداق ئاپەتنىڭ پەيدا بولىشى بىر مۇقەررەرلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىدەك كۈچ ئاۋسترىيەدە تېپىلمايدىغانلىقىنى بەكلا ياخشى بىلەتتى. چۇنكى، شۇنچە يىلدىن بېرى بۇ ياشىنىپ قالغان ئىمپراتور بۇ دۆلەتنىڭ بىر سىموۋۇلى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئەلنىڭ ھەممە كىشىسى ساكارات ئىچىدە ياتقان بۇ رەھبەر ئۆلگىنىدىن كېيىن ئىمپىرىيىنىڭمۇ ئۆلۈم گىرداۋىغا كېلىپ يىمىرىلىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دېمىسىمۇ بۇنداق بىر ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. دەرۋەقە، قۇۋلۇق قىلىشتا تەڭدىشى يوق ئىسلاۋيان سىياسەتچىلىرى ئاۋسترىيە دۆلىتىنىڭ تەغدىرىنى بۇ ياشانغان ئىمپراتورنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىلىق باشقۇرۇش كۈچىگە باغلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن قول قويۇشقا تېگىشلىك ھىلىگەرلىك ئىدى. ئىسلاۋيانلارنىڭ بۇنداق يالاقچىلىق قىلىشلىرىدىن ئوردىدىكىلەرمۇ رازى ئىدى. چۇنكى بۇ ئىسلاۋىيانلار ھەقىقەتەنمۇ پادىشانى ماختاپ ئۇچۇرىۋەتكىدەك قىلىقلارنى قىلىشاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنچە يالاقچىلىق قىلىشلىرىنىڭ تىگىدە نەشتىرىنى سانچىپ زەھەرلەشكە ھەردائىم تەييار تۇرىدىغان يامان غەرەزنىڭ ياتقانلىقىنى ئوردىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى سەزمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇ ھۆكۈمدارنىڭ تەڭداشسىز باشقۇرۇش قابىلىيىتى بىلەن بۇ خاندانلىق ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەجەل بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئىشىگىنى ئۇرۇشقا كەلگىنىدە ۋەزىيەت مۆلچەرلىگۈسىز يامانلاپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمما بۇنى ئوردىدىكىلەر زادىلا خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويۇشمىدى ياكى ئۇلار بۇنداق بولىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلاشنى خالىمايتتى. ھەتتا ئۇلار ئاۋسترىيەنى بۇ قېرى ئىمپراتور بولماي تۇرۇپ كۆز ئالدىغىمۇ كەلتۈرەلمىسە كېرەك؟
بىر زامانلاردا مارىيە تېرېسەنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە قايتا تەكرارلانماسمىدى؟
نېمە بولسا بولسۇن، ۋيېننا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى بۇ ئۇرۇشنى باشلاتتى، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىدى دەپ تەنقىتلەش ئاقىلانىلىق ئەمەس. ئۇ كۈنلەردە بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئىدى. بەلكىم بۇ ئۇرۇشنىڭ پارتىلىشىنى بىر-ئىككى يىل كەينىگە سوزالىشى مۇمكىن بولغىيتى، ئەمما ئاۋسترىيە دېپلوماتىيىسىدە كۆرۈلگىنىدەك گېرمانىيىنىمۇ بۇ ئىشتا قارىلاشقا تىگىشلىك دەپ قارالغىدەك بولسا، ئۇلارنىڭ گۇناھىمۇ بۇ ئىشنى كەينىگە سوزۇشقا تىرىشقانلىقىدا كۆرۈلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئوخشاشلا پۈتۈنلەي تەييارلىقسىز بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ ئۇرۇش پارتىلايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. يەنى بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقىتنى كەينىگە سوزغانسىرى ۋەيرانچىلىقمۇ شۇنچە كۈچىيىپ كېتىشى مۇقەررەر ئىدى. تېنچلىقنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش ئۇرۇشنى بۇنىڭدىنمۇ بەتەر بىر ۋەزىيەتتە پارتىلايدىغان قىلىپ كېچىكتۈرۈشتىن باشقا رول ئوينىيالمايتتى.
مېنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۇرۇشنى خالىمايدىغان بىرسى ھېچ بولمىغاندا ئۇرۇشتىن ساقلانغاندىن كېيىنكى ئاقىۋەتلەرنىمۇ تەڭ ئويلىنىشقا جاسارەت قىلالىغان بولىشى كېرەك ئىدى. يەنى بۇنداق قىلغىنىدا ئاۋسترىيەنى پىدا قىلىۋېتىشقا توغرا كېلەتتى. ئەگەر ئاۋسترىيە بۇ ئۇرۇشنى باشلىمىغان بولسىمۇ بۇ ئۇرۇشتىن بەرىبىر ساقلانغىلى بولمايتتى. ئەمما ئۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئۇرۇش پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى بولماستىن، ھابسبوۋرگلار خاندانلىقىنى بۆلىشىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىشى مۇقەررەر ئىدى. ئۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا گېرمانىيىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى بىر بولسا ئاۋسترىيەنى پارچىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىشقا ياردەم قىلىش بولىشى كېرەكتى ياكى بولمىسا ئىككى قولىمىزنى قولتۇقىمىزغا قىستۇرۇپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال بولمىغان بولار ئىدى.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئۇرۇش پارتلىغان كۈنلەرنى قارىلاپ ئەقىل كۆرسىتىپ يۈرگەنلەر، ئەسلىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىقات قىلىپ بۇ ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولغان كىشىلەرنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
گېرمانىيە سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسى يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن بېرى رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق تۇرۇغلۇق ئەڭ كۈچلۈك پارتىيە ھېساپلىنىدىغان مىللەتچى پارتىيە دىنى كۆزقاراشلىرى سەۋەبىدىن ئاۋسترىيە دۆلىتىنى گېرمانىيىنىڭ بىردىن بىر سىياسىي ئۇلىغا ئايلاندۇرىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەندى، ئۇلار بۇ خاتالىقلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرىگىمۇ چىدىشى لازىم ئىدى. شۇ سەۋەپتىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھەرقانچە تىرىشسىمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان، چوقۇم پارتىلاپ چىقىدىغان ھادىسىگە ئايلانغان ئىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان بۇ خاتالىق تېنچلىقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىپ ھۇجۇم قىلىشقا مۇۋاپىق پەيتنىڭ قولدىن كېتىشىگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىشنى، دۇنيا تېنچلىقىنى دەپ ئىتتىپاقداشلىققا قوشۇلۇشىنى، ئاخىرى بېرىپ دۇنياۋىي ئىتتىپاقداشلارغا قۇربانلىق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلساق، دۇنياۋىي ئىتتىپاقداشلىق دۇنيا تېنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قارشى شەرتامىلارنى ئاساس قىلغان بىر ئىتتىپاقداشلىق بولۇپ، بۇ ئورگان، بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىتىشنى ئاللىمۇقاچان پىلانلاپ بولغان ئىدى.
ئەگەر ۋيېننا ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقتىدا بەرگەن ئۇلتىماتومىنى تېخىمۇ سىلىق، تېخىمۇ دوستانە بىر ئۇسلۇپتا يازغان تەغدىردىمۇ ئاقىۋىتى بەرىبىر ئۆزگەرمىگەن، ھەتتا جامائەتچىلىكمۇ ئۇنداق بىر ئۇلتىماتومغا بەرىبىر قۇلاق سالمىغان، ئۇنداق ھۆكۈمەتنى ئاخىرى بىر كۈن چوقۇم ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولاتتى. چۇنكى ئەينى ۋاقتىدىكى ئۇلتىماتومنىمۇ خەلق ئاممىسى بەكلا سېلىق بولۇپ قالدى، ئۇ ئۇلتىماتومدا بىزنىڭ قاتتىق غەزىۋىمىز، كۈچلۈك نارازىلىقىمىز قىلچىمۇ ئىپادىلەنمىگەن دەپ قاراشماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئەينى ۋاقتىدىكى ھادىسىلارنى ئىنكار قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنى قىلچىمۇ ئەقلى يوق ياكى پۈتۈنلەي يالغانچى بىرسى دېيىشلا كېرەك.
تەڭرى گۇۋاچىمىز بولسۇنكى، 1914-يىلقى ئۇرۇش ھەرگىزمۇ خەلققە مەجبورى تېڭىلغان بىر ئۇرۇش بولغان ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىنچە پۈتۈن خەلق بۇ ئۇرۇشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، خەلق ئاممىسى ئومۇمىي يۈزلۈك ھۆكۈم سۈرىۋاتقان خاتىرجەمسىزلىكنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئىككى مىليوندىن ئارتۇق نېمىس ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغىچە ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر بولۇشقا ئالدىراپ كېتىشىنىڭ، بايرىغى ئەتىراپىغا جەم بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى.
ئۇ كۈنلەر، مېنىڭ ئۈچۈنمۇ ياشلىق دەۋرىمدىكى ئۇ جاپالىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇشۇم ئۈچۈن كەلگەن بىر پۈرسەت بولۇپ قالغان ئىدى. مېنى ئەنە شۇنداق داغ-دوغىلىق كۈنلەردە، ئەنە شۇنداق ھاياجانغا تولغان بىر دەۋردە ياشاش بەختىيارلىقىغا ئېرىشتۈرگىنى ئۈچۈن تەڭرىگە تىز چۆكۈپ رەخمەت ئېيتىمەن دېيىشتىن بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىلچە خىجىللىق ھېس قىلمايمەن.
ئۇ ۋاقىتلاردا ئەركىنلىك ئۈچۈن شۇنداق بىر كۈرەش باشلانغان ئىدىكى، ئادىمىزات تۆرەلگەندىن بېرى ئۇنىڭدەك شىددەتلىك بىر كۈرەشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان دېيىش مۇمكىن. چۇنكى، بۇ ئىشنىڭ بېشىدىن تارتىپلا كەڭ خەلق ئاممىسى سىربىيىنىڭ، ھەتتا ئاۋۇستىرىيىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇپ كىتەر دېگەن غەمدە ئەمەس، بەلكى نېمىس مىللىتىنىڭ تەغدىرى قانداق بولۇپ كىتەر دىگەن ئويدا ئىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان ھېچ نېمە قىلماي جىم يېتىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ كۆزى ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆز ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىنى ئېنىق پەرق قىلالايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ چاغدىكى تەڭداشسىز كۈرەشتە باشتىن تارتىپلا قىزغىنلىق بىلەن ھاياجان بىر-بىرسىگە ئارلىشىپ كەتكەن دېيىش مۇمكىن. ئۇ چاغدىكى خەلقنىڭ تۇيغۇسى، گۈر قىلىپ كۆيۈپ يوقاپ كېتىدىغان بىر دۆۋە ساماننىڭ يانغىنىدەك قىسقا مۇددەتلىك ھاياجان ئەمەس ئىدى. خەلق يانغىن بولۇپ رەسمى گۈرۈلدەپ يانماقتا ئىدى. ئەندى بۇ ئىشقا رەسمى تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دەپ ھېساپلاشماقتا ئىدى. بۇ قېتىم باشلىغان كۈرەش يەنە قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ باقمىغان ئىدى.
كىشىلەر قىشقىچە ئۇرۇشنى تۈگىتىپ ھەممە ئۆيلىرىگە قايتىپ يېڭى پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئۈن-تۈنسىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن شوغۇللىنىش يولىغا كىرەلەيمىز دەپلا ئويلىشاتتى.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئادەم بالىسى نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئاخىرقى ھېساپتا شۇنىڭلا غېمىدا قېلىپ كۆزىگە باشقا ھېچ نېمە كۆرۈنمەيدۇ. خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇزۇندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالماي زېرىككەن، تولا ئەنسىرەپ چارچىغان ئىدى. ئاۋسترىيە-سىربىيە ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ تېنچ يوللاردا ھەل قىلىنىش ئېھتىمالىغا ھېچكىم ئىشەنمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئىدى. خەلق بۇ جەھەتتە ھەممە كىشىنى رازى قىلىدىغان ئېنىق بىر ئىزاھات بېرىلىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مەنمۇ ئەنە شۇنداق ئويلايدىغان مىليونلىغان خەلق ئارىسىدىكى بىرسى ئىدىم.
پادىشاھ ئىزباسارىغا قىلىنغان سۈيىقەست خەۋىرى ميۇنخېنغا يېتىپ كىلەر-كەلمەي، كاللامغا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك خىيال كەلگەن ئىدى: بىرىنچىسى، ئەندى بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى پۈتۈنلەي تۈگىدى دەپ ئويلىغان بولسام، ئىككىنچى ئويۇم، ھابسبوۋرگ ئىمپىرىيىسى بۇندىن كېيىن بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئىدى. مەن بۇرۇن كۈنلەرنىڭ بىرىدە گېرمانىيە بۇ ئىتتىپاقداشلىق سەۋىبىدىن ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن ساقلىنالماي قالىدىغانلىقىدىن، ئاۋسترىيەمۇ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان بىرەر ئۇرۇشقا گېرمانىيە تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش قارارىنى ئېلىش جەھەتتە ئىچكى سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇن كەلمەي، ئۇرۇشتا گېرمانىيىنى يالغۇز تاشلاپ چەتكە چىقىۋېلىش ئېھتىمالىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم. ئۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئاۋسترىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش قارارىغا ئىمپىرىيىنىڭ ئىسلاۋيان كۆپ سانلىقى بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىنلىكى، ئىتتىپاقدېشىغا ياردەم قىلغاندىن كۆرە بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. مانا ئەمدى، بۇنداق بىر خەۋىپتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشكە ئورۇن قالمىغان بولۇپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بۇ قېرى ئىمپىرىيە مەيلى خالىسۇن-خالىمىسۇن، بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا مەجبۇر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.
مېنىڭ بۇ ئۇرۇش ھەققىدىكى قاراشلىرىم بەكلا ئاددى، مەيدانىممۇ ئېنىق ئىدى. مېنىڭچە بولغاندا، ئاۋسترىيە بىلەن ۋىنگىرىيە ھەرگىزمۇ سىربىيىلىكلەرنى كەچۈرۈم سوراتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ يۈرمەيتتى. بۇ ئۇرۇش، نېمىس خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش، ئەركىنلىكى بىلەن ئىستىقبالىنى، كەلگۈسى ئەۋلادىنىڭ مەنپەتىنى مەقسەت قىلىدىغان، گېرمانىيە ئۆزى قوزغايدىغان بىر ئۇرۇش بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بېسمارك گېرمانىيىسى بۈ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا مەجبۇر ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ۋىسسېمبوۋرگدىن سېدانغىچە، ئۇ يەردىن پارىژغىچە بولغان ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ قان تۆكۈپ قولغا كەلتۈرگەن يەرلەرنى بۈگۈن نېمىس ياشلىرى قايتىدىن تارتىپ ئېلىشى لازىم بولماقتا ئىدى. ئەگەر بۇ ئۇرۇش ئاخىرغىچە غەلىبىلىك يىتەكلەنگىنىدە، ئەنە شۇ ۋاقىتتا، نېمىس خەلقى دۇنيادا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ سەلتەنەتلىك كۈچلۈك مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغان بولاتتى، ئەنە شۇ چاغدا نېمىس ئىمپىرىيىسى قايتىدىن تېنچلىقنىڭ كۈچلۈك ھىمايىچىسىغا ئايلانغان، تېنچلىقنى باھانە قىلىپ ئۆز ئەۋلاتلىرىنى كۈندىلىك نېنىدىن ئايرىپ قويىدىغان بۇنداق بىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ كەتكەن بولار ئىدى.
ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمدا، مىللىي ھاياجىنىمغا تايىنىپ قۇرۇق شۇئار توۋلاش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزمەي، بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ مىللەتچىلىك ھېسياتىمنى ئىسپاتلاشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. ئىچىمدىن بىر يەرلەردىن ھېچقانداق بىر ئىش قىلماي تۇرۇپلا قۇرۇقتىن قۇرۇق “ھۇررا!” دەپ شۇئار توۋلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گۇناھ ئىش بولىدىغاندەك بىر سادا كېلىپ تۇراتتى. چۇنكى، بۇ شۇئارنى ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولماي تۇرۇپ، پاك نىيەتلىك بولماي تۇرۇپ توۋلاشقا كىمنىڭمۇ ھەققى بار؟ تەغدىر ئىلاھىنىڭ ئىگىلمەس قولى ئادەملەرنى، مىللەتلەرنى ھېسسىياتلىرىنىڭ راستچىللىقى بويىچە رەتكە تىزىپ ئايرىپ چىقماي تۇرۇپ كىممۇ بۇنداق شۇئار توۋلاشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟ مىليونلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ھېسسىياتتىن ساقلىنىپ قالالىغىنىم ئۈچۈن قەلبىم سائادەت ۋە غۇرۇردىن تېخىمۇ كۈچلىنىپ بارماقتا ئىدى. “دوۋتچلاند ئۈبېر ئاللېس” نى شۇنچە كۆپ ئېيتىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن “خايل!” دەپ شۇنچە كۆپ توۋلىغان ئىدىمكى، تەڭرىنىڭ چەكسىز ئىلتىپاتى بىلەن بۇ ھېسسىياتلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاخىرى تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىش ھەققىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمەن دەپ ئىشىنەتتىم. شۇنداق پەرەز قىلاتتىمكى، ئەگەر بىرەر ئۇرۇش پارتىلاپ قالغىدەك بولسا − بۇنداق بىر ئۇرۇش چوقۇم پارتىلايدۇ دەپ ئىشىنەتتىم − بارلىق كىتاپلىرىمنى تاشلاپ يولغا چىقىشقا ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدىم. مېنىڭ ئورنۇم، ئەسلىدە ئىچىمدىن بىر يەرلەردە مېنى بۇرۇنلا ئۆزىگە چاقىرىپ تۇرىۋاتقان ئەسكەرلىك بولىدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنەتتىم.
دەسلىۋىدە، سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاۋسترىيەدىن ئايرىلدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇرۇش پارتىلىغان بۇ كۈنلەردە، بۇ ئارزۇلىرىمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتىم. شۇنداقتىمۇ ھابسبۇۋرگلار دۆلىتى ئۈچۈن جەڭگە كىرىشنى ھەرگىز خالىمايتتىم. ئەمما مىللىتىم ئۈچۈن، مىللىتىمنىڭ ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلىشقا ھەر دائىم تەييار ئىدىم. شۇڭا 3-ئاۋغۇست (چايان) كۈنى “بىرەر باۋارىيە پولكىغا قاتنىشىشىم ئۈچۈن ئىلتىپاتىڭىزنى ئايىمىغايسىز” دەپ بىۋاستە پادىشاھ 3-لويىزغا قارىتىپ بىر پارچە ئىلتىماس سۇنغان ئىدىم. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ چاغلاردا ھۆكۈمەتنىڭ كاتىۋات ئىشخانىلىرىنىڭ ئىشى بېشىدىكى چېچىدىنمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، مېنىڭ ئىشىمنى ئۇنچە تېز ھەل قىلىپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتىم. شۇنىڭغا قارىماي ئىلتىماسىمنى سۇنۇپ ئەتىسىلا تەستىقلىغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ چەكسىز خوشاللىق ئىچىگە چۆمگەن ئىدىم. قاتتىق ھاياجان ئىچىدە قوللىرىم تىتىرەپ تۇرۇپ كونۋىرتنى ئاچتىم. كەلگەن خەتتە تەلىۋىم تەستىقلانغانلىقى، باۋارىيە پولكىدىن بىرسىگە بېرىپ ئەسكەرلىككە مۇراجەت قىلىشىمغا بولىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنچىلىك خوشال بولدۇمكى، ئۆزەمنى چەكسىز بەخىتلىك بىرسى دەپ ھېساپلىغان ئىدىم. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا ئالتە يىلغىچە ئۇچامدىن سالمايدىغان ھەربى فورمىنى كىيىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق نېمىسلار ئۈچۈنمۇ ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىش پۈرسىتى بولغان قىممەتلىك ئەسكەرلىك ھاياتىمىز باشلانغان ئىدى.
بۇنداق ئۇلۇغ كۈرەش ئالدىدا باشقا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەمىيىتى يوق ئىدى. ئەمما بۇ كۈرەش ھېچنىمىگە ئەرزىمەس ھالغا كېلىپ تارىخقا كۆمۈلۈپ كەتمەكتە. مانا بۈگۈن، شۇ كۈنلەرنى ئىپتىخارلىق بىلەن، ئەمما كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا قايتا ئەسلەيمەن. ئەنە شۇ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان ۋەقەنىڭ خاتىرە كۈنىنى مانا بۈگۈن ئونىنچى قېتىم قايتا ئەسلىمەكتىمەن. بۈگۈن تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئەنە شۇ قەھرىمانلار ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى كۈنلەردىكى ۋەقەلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرماقتىمەن. گۇيا ئۇ ۋەقەلەر تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك كۆز ئالدىمدا قايتا نامايەن بولۇپ، ئۆزەمنى ھەربىي كىيىمىم بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى سۈيۈملۈك سەبداشلىرىم ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېسسىياتلاردا بولۇپ كىتىمەن. كېيىن ئۇ سەبداشلىرىم بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتىدۇ: تۇنجى قېتىملىق ھەربى مەشىققە چىققان ۋاقتىمىزدىن تارتىپ تا ئالدىنقى سەپكە قاراپ ئاتلانغان كۈنلىرىمىزگىچە كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ كۆزئالدىمدا قايتا نامايەن بولاتتى. …
ئۇ كۈنلەردە مەن سەبداشلىرىم بىلەن پەقەت بىرلا نەرسىدىن ئەنسىرىشەتتۇق: ئالدىنقى سەپكە بېرىشقا بەك كېچىكىپ كەتمىسەك بولاتتى دەپلا غەم قىلاتتۇق. شۇڭا مەن ئۇرۇش مەيدانىغا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بارالارمەنمۇ دەپ بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم. غالىبىيەت خەۋەرلىرى، بىزنىڭكىلەرنىڭ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر كەلگەنسىرى خوشال بولۇپ تىرەمگە پاتماي كېتەتتىم. شۇنداقتىمۇ ھەر بىر غالىبىيەت خەۋىرى كەلسە بىر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. چۇنكى بۇ غالىبىيەت خەۋەرلىرى ئۇرۇشنىڭ تۈگىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىنقى سەپكە بېرىشىمنى شۇنچە كېچىكتۈرۈشكە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئاخىرى ئۇ بەخىتلىك كۈنلىرىمىزمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. ۋەزىپە ئۈچۈن مىيونخېندىن ئايرىلدۇق. شۇ كۈنى مەن تۇنجى قېتىم رېيىن دەرياسىنى كۆردۈم. بۇ نېمىس دەرياسىنى بىر ئەسىرلىك دۈشمىنىمىزنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن رېيىننىڭ تېنچ ئېقىنىنى بويلاپ غەرپكە قاراپ ئاتلانغان ئىدۇق. قۇياشنىڭ ئەتىگەنلىك نۇرى سەھەر تۇمانلىرىنى يېرىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغاندا نىدېرۋالد خاتىرە مۇنارىسى ئالدىمىزغا چىقتى (35 مېتر ئىگىزلىكتىكى نېمىس ھەيكىلى ئىدى. بۇ ئابىدە گېرمانىيىنىڭ رېنونيانى بېسىۋالغانلىقىنى خاتىرلاش يۈزىسىدىن تىكلەنگەن بىر مۇنار ئىدى). كونا ۋاتچ ئام رېينغا قاراپ ئۈزۈلمەي ھەربىي قوشۇن كېلىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. كۈچلۈك ھاياجاندىن قەلبىم يېرىلىپ كېتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ سوقماقتا ئىدى. ئاندىن فلاندرېدە سوغۇق ۋە زەي بىر يەردە بىر كېچە قونۇپ ئۆتتۈق. ئۇ يەردىن كېچىچە تىۋىش چىقارماي ئالغا ئىلگىرلىدۇق. كۈن نۇرى بۇلۇتلارنى يېرىپ جاھاننى يۇرۇتۇشقا باشلىغان سەھەر ۋاقتىدا ئۈستىمىزدىن ۋىڭىلداپ ئوق ئۆتۈشكە باشلىدى. مىلتىق ئوقلىرى يەرگە تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئەمما بىز كۆكنى جاراڭلىتىپ ئىككى يۈز كىشى بىرلىكتە بۇ ئۆلۈم مەيدانىغا قاراپ تۇنجى قېتىم “ھۇررا!” دەپ ئاتاكىغا ئۆتتۇق. تاراسلاپ ئېتىلىۋاتقان مىلتىق، توپ-زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ غۇيۇلداپ ئۆتكەن ئاۋازىغا كىشىلەرنىڭ ئېيتقان ناخشا ئاۋازلىرى بىلەن نالە-پەرياتلىرى بىر-بىرىگە ئارلىشىپ قورقۇنۇشلۇق تۈسكە كىرگەن ئىدى. ھەممە كىشى ئۇرۇش قاينىمى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن، قېنى قىزىپ ھاياجانغا تولغان جەڭچىلەر “ئالغا، ئالغا!” دەپ جەڭ مەيدانىغا ئۆزىنى ئاتماقتا ئىدى. بۇ شۇنداق دەھشەتلىك بىر جەڭ بولغان ئىدىكى، ئەتراپى قورشالغان قىزىلچا ئېتىزلىقلىرىدىن ئۆتۈپ يۈزمۇ-يۈز نەيزىۋازلىققا كىرىشىپ كەتتۇق. يىراق بىر يەرلەردە ئاڭلىنىۋاتقان مارش ئاۋازى بىزنىمۇ ئاستا-ئاستا ھاياجانلاندۇرۇشقا باشلىدى. ناخشا ئاۋازى سەپ بويىچە ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇرماقتا، بىزمۇ ئۆلۈم ۋەھىمىسى يېتىپ كەلگىچە ناخشىغا قوشۇلۇپ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلماقتا ئىدۇق. بىزنىڭ جاراڭلىق ناخشا ئاۋازىمىز يىراقلارغا تارقىلىپ ياڭرىماقتا ئىدى:
“دوتچلاند، دوتچلاند ئۈبېر ئاللېس، ئۈبېر ئاللېس ئىن دېر ۋېلت!”
ئەنە شۇنداق تۆت كۈن جەڭ قىلغاندىن كېيىن ئارقا سەپكە قايتىپ كەلدۇق. بىز ئەندى ئۆزىمىزنى 17 ياشلىق بالا ئەمەس بەلكى چوڭ ئادەملەردەك ھېس قىلماقتا ئىدۇق. لىست پولكىنىڭ پىدائىيلىرى ئۇرۇش قىلىش ماھارىتىنى تېخى قائىدە بۇيىچە ئۆگىنىپ كىتەلمىگەن بولسىمۇ، ھەممە جەڭچى خۇددى تەجرىبىلىك پىشقەدەم ئەسكەرلەرگە ئوخشاش جان تىكىپ پىداكارلىق كۆرسىتىشنى، قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇشنى بىلەتتى. بۇ تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئەنە شۇ شەكىلدە يىللار يورغىلىشىپ ئۆتمەكتە، ئەمما ئۇرۇش مەيدانى قىزىقارلىق بولۇشتىن قېلىپ ئىنتايىن دەھشەتلىك تۈسكە كىرىپ بولغان ئىدى. قىزغىنلىق، ھاياجانمۇ تەدرىجى سوۋۇشقا باشلىدى. ئاخىرى بىر كۈنلىرىگە كېلىپ ھەممە ئەسكەر ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۇغما ھېسياتى بويىچە ئېھتىيات قىلىپ ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان كونا جەڭچىلەردىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ جەرياندا مەنمۇ پىشىپ يىتىلگەن ئىدىم.
ئۆلۈم پۇرىقى يېقىنلاشقانسىرى تەسۋىرلىگۈسىز بىر قورقۇش تۇيغۇسى ھەممە يەردە ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ تۇيغۇ، ئامالسىز قالغان ۋۇجۇتتا گۇيا قورقۇش بىر مەنتىقىلىق، ھەقلىق ئەھۋالدەك بولۇپ كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىسىمدا ئۇيۇشقاقلىق يوقۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك تەسىرات بېرىشكە باشلايدۇ. ئەسلىدە ھەممىمىزنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بۇ تۇيغۇ قورقۇنچاقلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمما بۇ ئاۋاز ئەسكەرلەرنى ئېھتىياتچان ھەرىكەت قىلىشقا قىستاپ، ھارغىنلىق يەتكىنىچە پەم بىلەن جەڭ قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرمەكتە ئىدى. ئاخىرىدا ئۇزۇن داۋاملاشقان روھى داۋالغۇچلارنى باشتىن كەچۈرگىنىمىزدىن كېيىن تەبىئى ھالدا ۋەزىپە ئورۇنداش قىزغىنلىقى ھاكىم ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا باشلىدۇق. مەنمۇ 1915~1916-يىلار ئارىسىدىكى قىش مەۋسۈمىدە بۇ تۈردىكى روھى ئۆزگىرىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك بولۇپ جەڭ مەيدانىدا ئېغىربېسىق ۋە تەمكىن ھەرىكەت قىلالايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. يېڭى جەڭگە كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا توختىماي ياشىسۇن دەپ ۋارقىراپ يۈرۈپ خوشال-خورام، ئوينىغاندەك جەڭگە كىرگەن بولسام، ئەندىلىكتە تەمكىن ۋە پەم بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئەسكەرگە ئايلانغان ئىدىم. مەندىكى بۇ ھېسسىيات ئەسكەرلىك دەۋرىدە ئىزچىل كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر تۇيغۇ ئىدى. شۇندىن كېيىن نېرۋىلىرىم جىددىلەشمەيدىغان، ئەقلىم قېيىپ كەتمەيدىغان ھالغا كېلىپ، ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان پىشقان ئەسكەرلەردىن بولۇش ئۈچۈن تەغدىرنىڭ پۈتكىنى بويىچە ئىش قىلالايدىغان، ئەھۋالغا قاراپ مۇئامىلە قىلالايدىغان ھالغا كېلىشكە باشلىدىم.
ئەسكەرگە يېڭى ئېلىنغان ۋاقتىمدا ياش بىر پىدائىي بولغان بولسام، ئەندىلىكتە تەجرىبىلىك پىشقەدەم جەڭچىگە ئايلانغان ئىدىم. بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىش يالغۇز مەندىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن پۈتۈن قىسىمدىكى جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئەنە شۇنداق بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى چىقماي داۋاملىشىۋەرگەن بۇ ئۇرۇشتا قىسىمىمىز كۈندىن كۈنگە پىشىپ يىتىلىپ پىشقەدەم قوشۇنغا ئايلاندى. بۇ جەرياندا زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمىگەنلەرنى جەڭ ئېلىپ كەتتى.
بۇنداق بىر ئارمىيىگە توغرا باھا بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دەپ قارايمەن: قوشونىمىز ئىككى-ئۈچ يىل جەريانىدا بىر ئۇرۇش سېپىدىن يەنە بىر ئۇرۇش سېپىغا چېپىپ، سان ۋە قۇرال كۈچى جەھەتتىن بىزدىن ئۈستۈن تۇرىۋاتقان دۈشمەن بىلەن تىنماي ئۇرۇشۇش جەريانىدا بەزىدە ئاچ قالغان، بەزىدە ھەر تۈرلۈك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۈچ كەلگەن ئىدى. بۇ تەڭدىشى يوق ئارمىيە رەسمى سىناق بېرىدىغان بىر نوقتىغا كەلگەن ئىدى. ھەر قانچە ئۇزۇن يىل ئۆتۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدە گەپ بولغاندا نېمىس ئارمىيىسىنىڭ قەھرىمانلىقىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ قەھرىمانلىق ھەققىدە سۆزلەشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ. ئۇ كۈنلەردىكى جەڭ مەيدانلىرىدا قاراڭغۇلۇقلار ئارىسىدىن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىۋاتقان نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس ساغلام پىشانىسى، تىز چۆكمەس، ئالغا ئىنتىلىپ تۇرغان قاپ-قارا مىس قالپاقلىرى قايتىدىن نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ دۇنيادا نېمىس مىللىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئاكىلىرىنىڭ، ئاتىلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن جەڭۇگىۋارلىقلىرى مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماي ساقلىنىپ قالىدۇ.
مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئاددى بىر جەڭچى ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا سىياسىي ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇرۇش دەۋرى سىياسەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان پەيىتمۇ ئەمەس ئىدى. مەن تا ھازىرغىچە شۇنداق دەپ قارايمەنكى، ئەڭ ئاددىي بىر ھارۇۋىكەشمۇ، ئەڭ تۈۋەن دەرىجىدىكى بىر مالايمۇ ۋەتەن ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرىۋاتقان، بىرىنچى نومۇرلۇق سىياسى ئەرباپتىنمۇ كۆپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىرسى ھېساپلىنىدۇ. دېمەكچى بولغىنىنى دۈشمىنىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ ۋارقىراپ سۆزلىيەلەيدىغان، ياكى بولمىسا قۇرۇق گەپ قىلىپ ئاۋارە بولۇش ئورنىغا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بۇ تۈردىكى ئادەملەردىن ھېچقاچان يىرگىنىپ باققان ئەمەسمەن. ئەمما بارلىق سىياسەتچىلەرگە ئۆچ ئىدىم. ئەگەر ماڭا قويۇپ بەرسە بۇنداق پارلامېنت سىياسەتچىلىرىدىن ئەخلەت سۈپۈرىدىغان بىر باتالىيون تەشكىللەپ چىقار ئىدىم. شۇنداق بولغىنىدا بۇ ئادەملەرمۇ پارلامېنت دېگەن بۇ ئورگاندىكى ئىشلارغا قىزىقىدىغان ئاق نىيەتلىك كىشىلەرنى رەنجىتمەي، ئۇلارغا بىرەر زىيانمۇ سالماي خالىغىنىچە مەدداھلىق قىلىۋالغان بولاتتى.
شۇنداق بولغاچقا، ئۇ يىللاردا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەيتتىم. ئەمما بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە مەيدانىمنى ئېنىق بەلگىللىۋېلىشقىمۇ مەجبور ئىدىم. چۇنكى ئۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن خەلققە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر بولغاچقا، ئۇ ئىشلار بىز ئەسكەرلەرنىمۇ قىزىقتۇراتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا مېنى غەزەپلەندۈرگەن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەسىلە بار بولۇپ، بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەقىقەتەنمۇ بىزگە زىيانلىق دەپ ھېساپلايتتىم:
ئارمىيىمىز ئۇرۇشتا تۇنجى غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرەر-كەلتۈرمەيلا، بىر قىسىم گېزىتلار كۆپلىگەن كىشىلەر دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان ئۇسلۇپتا كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئومۇمىي يۈزلۈك غەلىيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتىدىغان پىتنە-پاساتلارنى بىر-بىرلەپ تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇلار بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلارنى كۆرۈنۈشتە ياخشى نىيەت، ھەتتا ئەنسىرىگەن قىياپەتلەرگە پۈركىنىۋېلىپ تەشۋىق قىلماقتا ئىدى. ئۇلار، خەلقنى غالىبىيەتلەرنىڭ داغ-دۇغىلىق بىلەن تەبرىكلىنىشىگە قارىتا سەل ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيتتى. ئۇلار قولغا كەلگەن بۇ تۈر غالىبىيەتلەرنى بۇنچە داۋراڭ قىلىپ تەبرىكلەش ئۇلۇغ بىر مىللەتكە ياراشمايدىغانلىقىنى، بۇنداق تەبرىكلەشلەر غالىبىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇش خەۋىپىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلايدۇ. ئۇلارچە بولغاندا جاسارەت كۆرسىتىش بىلەن قەھرىمانلىق كۆرسىتىشلەر نورىمال بىر ھادىسە ئىكەنلىكى، شۇنداق بولغاچقا بۇ تۈردىكى غالىبىيەتلەرنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قۇرۇق ھاياجان پەيدا قىلىپ تەبىرىكلەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى، يات دۆلەتلەرگە قارىتا چېكىدىن ئاشقان داغدۇغا قىلىپ يۈرگەندىن ئۆزىمىزنى تۇتىۋالغان، تەمكىن قىياپەتتە مۇئامىلە قىلىشىمىز تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنمەسمۇ؟ دېيىشەتتى. ئۇلار بۇ تۈردىكى گەپلەرنى ياغدۇرىۋېتىشكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار، بىز نېمىسلار بۇنداق بىر ئۇرۇشنى ئارزۇ قىلمىغانلىقىمىزنى ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەكلىكى، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ تېنچ بىرگە ئۆتىشى، ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ھەردائىم تەييار تۇرىشىمىز لازىملىقى، سۇلھى قىلىشقا ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشتىنمۇ قىلچە خىجىل بولماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى تەرغىپ قىلىشقا كىرىشتى. شۇنداق بولغاچقا ئارمىيىمىز ئۆزىنىڭ ئاق نىيەتلىك بىر ئارمىيە ئىكەنلىكى، ئىستىقباللىق بىر قوشۇن ئىكەنلىكىمىزگە داغ چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن غالىبىيەتلىرىمىزنى ئۇنچە بەك داۋراڭ قىلىپ تەبرىكلەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىشەتتى. ئۇنداق بولمىغاندا باشقىلار بىزنىڭ بۇ تۈردىكى تەنتەنە قىلىشلىرىمىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن دېيىشەتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي قەھرىمانلار تۇلا بەك داۋراڭ قىلمايدىغان، بۇنداق ئۇتۇقلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولىشى كېرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ تەرغىباتلىرىنى يىغىنچاقلىغىنىمىزدا، تۇلا بەك ماختىنىپ يۈرمەيلى دېمەكچى بولىشاتتى.
ئەسلىدە، پارلامېنتتىكى بۇ كوت-كوتلارنىڭ ئۈنىنى چىقارتقۇزماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى دەرھال دارغا ئېسىپ ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كېرەك ئىدى. ئەمما قەلەمگە تايىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرىدىغان بۇ تۈر كىتاپبازلارنى غالىبىيەتنى مەدھىلىشىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقان مىللىتىنىڭ كۆڭلىگە زەربە بېرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆرىگەنچە دەرھال دارغا ئېسىپ ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ئورنىغا، بۇ غالىبىيەتنى قۇرۇقتىن قۇرۇق تەبرىكلىدىڭلار دەپ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشىگە يول قويۇلدى.
خەلقنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن ئارزۇسى بىر قېتىم سوۋۇتۇلىشى ۋە يوق قىلىنىشى بىلەن تەڭ، بۇنداق قىزغىنلىق لازىم بولغىنىدا ئۇنى قايتا قوزغىتىش ئىمكانىيىتى قالمايدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيتتى. خەلقنىڭ بۇ تۈردىكى قىزغىنلىقى خۇددى مەس ئادەمدەك ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالمايدىغان بىر ھاياجانلىق ھالەت بولۇپ، بۇنداق بىر قىزغىنلىقنى داۋاملىق ساقلاشقا تىرىشىش لازىم ئىدى. ئەگەر خەلقتە بۇنداق بىر ھاياجان ۋە ئارزۇ بولماي تۇرۇپ خەلقنى كەسكىن روھىي ئىمتىھان مەيدانىغا مەجبورلايدىغان بىر كۈرەشنى قانداق قىلىپ داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن؟
خەلق ئاممىسىنىڭ پسىخولوگىيىسىدىن بەكلا ياخشى خەۋەردار بولغىنىم ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللاردا ئىستىتىك نوقتىسىدىكى ئەڭ ياخشى روھىي قۇراللارغا تايىنىپمۇ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇشقا بولىدىغان قىزغىنلىقنى ھەرگىزمۇ ساقلاپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتىم. مېنىڭچە بولغاندا، بۇنداق ئەھۋاللاردا قايناپ تۇرغان ھاياجانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەردىن تولۇق پايدىلانماسلىق بەكلا ئېغىر خاتالىق ھېساپلىنىشى كېرەك. ئەمما مەن ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنچە خوشاللىق ئىچىدە كۆتۈرۈلگەن بۇ تەڭرى سوۋغىسى بولغان بۇ تۈردىكى ئارزۇ ۋە ھاياجاننى مەتبۇئاتنىڭ نېمىشكە سوۋۇتۇپ يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيتتى.
ئۇ ۋاقتلاردا مېنى ئىككىنچى دەرىجىلىك غەزەپلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش، ئۇلارنىڭ ماركىسىزمغا قارىتا قانداق قىلساق سىلىق مۇئامىلە قىلالايمىز دەپ غەمدە قېلىشى ئىدى. مېنىڭچە بولغاندا ئۇلار ئەنە شۇ تەرىقىدە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋابا مىكروپى ئۈستىدە قىلچىلىكمۇ ساۋادى يوقلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. پارتىيەلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى بەرپا قىلىش ئىشىنى ئويلىنىش ئارقىلىق ماركىسىزمنى ئەقلى، مەنتىق ۋە ئېھتىيات ساھەلىرى بويىچە يىتەكلىيەلەيدىغانلىقىنى، يەنى تېزگىنلەپ تۇرالايدىغانلىقىنى خامخىيال قىلىشقانىدى.
ئەسلىدە، بۇ يەردىكى مەسىلە بىر پارتىيە مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ئادىمىزاتنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ يوق قىلىۋېتىش پىلانلانغان بىر نەزەرىيە مەسىلىسى ئىدى. يەھۇدىيلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇنداق بىر ئېھتىياجنى ھېس قىلىپ كىتەلمىگەن ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك مەمورى كادىرلىرىمىز مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلغاندىن باشقا بىر نەرسە ئۆگىنەلمىگەن، يىتەرلىك دەرىجىدە كۆزلىرى كۆرلىشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغانلىقلىرى ئۈچۈن ماركىسىزمنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلەلمىگەن، ئۇنى ئۆگىنەلمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مىڭىلىرىنى بۇ ھەقتىكى ئەڭ قىزغىن تالاش-تارتىشلار، ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەر قىلچىمۇ ئىز قالدۇرماي دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، دۆلەت پىلانلىرى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بەكلا ئاستا ئىجرا قىلىنىدىغان سۆرەلمە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغان ئىدى. “سەھرالىق، بىلمەيدىغان نەرسىنى ھەرگىز يىمەيدۇ” دېگەن تەمسىل ئۇلارغا بەكلا ماس كېلەتتى. ئۇلار بۇ قائىدىگە ئاسانلىقچە خىلاپلىق قىلىشمايتتى.
1914-يىلىنىڭ ئاۋغۇستىدا (چايانىدا) يۈز بەرگەن نېمىس ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ماركىسىزم بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ باھالاشتىنمۇ ئارتۇق بىمەنىلىك بولمىسا كېرەك. ئۇ يىللاردا نېمىس ئىشچىلىرى ماركىسىزم دېگەن بۇ زەھەر بىلەن بۇلغىلىنىپ كېتىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش يولىنى تاپالىغان ئىدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ھەرقانچە كۈشكۈرتكەن بىلەنمۇ ئىشچىلار ئۇ چاغدىكى ئۇرۇشقا ھەرگىز قاتناشمىغان بولار ئىدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىلا ماركىسىزمنى “ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مېلى” دەپ تونۇيدىغان ئاخماقلارغا ئايلىنىپ قالماقتا دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى، شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بېرى ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مەمورى خادىملاردىن ھېچ بىرى، ماركىسىزم دېگەن بۇ نەزەرىيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىشقا تىرىشىپ كۆرمىگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى دەپ ھېساپلاشقىلا بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ جاپاغا بەرداشلىق بېرىپ ماركىسىزمنىڭ قانداق بىر مال ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ باققان بولسا ئىدى، بۇنىڭدەك ئاخماقانە بىر سەپسەتە جەمىيىتىمىزدە قىلچىمۇ ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى.
يەھۇدىي دۆلىتى ھېساپلانمايدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئۆزلىرىگە تۈپكى مەقسەت قىلىش ۋە بۇ يولدا ئۆزلۈكسىز پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىشنى ئۆزلىرىگە غايە قىلىشقان ماركىسىزم، قاپقانغا چۈشۈرۈپ بولدۇق دەپ ھېساپلىغان نېمىس ئىشچىلىرىنىڭ 1914-يىلى ئىيول كۈنىسى ئۇيغىنىپ ۋەتىنى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلانغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كېتىشكەن ئىدى. بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا خەلقنى رەزىللەرچە ئاخماق قىلىشنىڭ پۈتۈن ھىلىگەرلىكلىرى پۈتۈن سەپلەر بويىچە چۇۋۇلۇپ ئوتتۇرلۇقتا سۆرۈلۈشكە ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىر قىسىم يەھۇدىيلاردىن تەشكىل تاپقان ئەمەلدارلار پادىسى، ئىگى-چاقىسىز يىتىم ھالغا چۈشۈپ قېلىشقان ئىدى. ئاتمىش يىلدىن بېرى خەلق ئاممىسىغا مەجبورى تېڭىپ كېلىۋاتقان بۇ چۈپىرەندە ماللاردىن قىلچىمۇ ئىز قالماي يۇيۇلۇپ كەتكەندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ ھالەت، نېمىس ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان پادىچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر ئاپەت ئىدى. ئەمما ئالدامچىلىق تونىغا پۈركىنىپ يۈرگەن بۇ تۈردىكى يەھۇدىي كاتىۋاشلىرى ئۆزلىرىگە تەھدىت بولۇپ كېلىۋاتقان خەۋىپنى ھېس قىلار-قىلماي دەرھال كۆزدىن غايىپ بولۇپ، كېيىن يەنە قىلچە تەپ تارتىنماستىن مىللەتچى تونىغا ئۇرۇنۇپ قايتا ئوتتۇرغا چىقىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا كىرىشتى.
ئەسلىدە بۇ ۋاقىت، خەلق ئاممىسىنى زەھەرلەپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ھىلىگەرلىك بىلەن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق گۇروھلىرىنى تازىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. دەل شۇ پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھەرقانچە يىغلاپ-يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي كەسكىن ھېساپ ئالىدىغان بىر پەيت ئىدى. 1914-يىلىنىڭ ئاۋغۇست (چايان) ئايلىرىدا يەھۇدىيلارنىڭ خەلقارالىق ھەمكارلىق دېگەن سەپسەتىلىرى نېمىس ئىشچىلىرىنىڭ مىڭىسىدىن تۇيۇقسىز سۈپۈرۈپ تاشلانغان بولۇپ، ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتمەيلا بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلاردىن ئىزمۇ قالمىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا تۆت يىل داۋام قىلىدىغان ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان قىسىملارنىڭ مىس قالپاقلىرىغا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن توپ-زەمبىرەك ئوقلىرى قېرىنداشلىقنىڭ ئىلاھى كۈچلىرىدەك يېغىشقا باشلىغان ئىدى (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى 1918-يىلىنىڭ ئىيۇل يەنى ئەرەن ئايلىرىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ). نېمىس ئىشچىلىرى مىللىي كىملىكىگە قايتا ئېرىشكەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى مىللىي دۈشمەنلىرىنى قىلچە رەھىم قىلماستىن تازىلىۋېتىش، ئۇلارنىڭ بىر مىللى ۋەزىپىسى ھېساپلىنىشى لازىم ئىدى. ئەڭ ئىسىل ئادەملىرىمىز ئالدىنقى سەپلەردە قۇربان بولىۋاتقان بىر پەيتتە، ھېچ بولمىغاندا ئارقا سەپتە بولسىمۇ مىكروپلارنى تازىلاشقا كىرىشىش لازىم ئىدى.
ئەمما، بۇنداق بىر مىللى ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ ئورنىغا، ئىمپىراتور ھەزىرىتى كونا قاتىللارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتىپ، خەلقنىڭ ئەڭ ۋەھشى قاتىللىرىغا رەھىمدىللىق قىلىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ قاتىللارمۇ پۈرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قايتا ئوڭشىلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇ زەھەرلىك يىلان ئۆز تەبىئىتىگە ماس ھالدا بۇرۇنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ، تېخىمۇ قۇۋلۇق-شۇملۇقلار بىلەن كونا ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كىرىشىدۇ. ۋىژدانلىق ئەسكەرلىرىمىز ئادەتتىكى پۇخراچە كىيىملىرىنى قايتا كىيىش پۇرسىتى پات يېقىندا يېتىپ كېلىدۇ دەپ تاما قىلىپ يۈرگەن پەيتلەردە، قىلغان قەسەملىرىدىن يېنىۋالغان قاتىللار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن ئىدى.
مەن ئۇ چاغدا پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قارىتا توغرا بولمىغان بۇ تۈردىكى كەچۈرۈم قىلىش، يول قويۇشلىرىغا قارىتا ھەر دائىم قاتتىق غەزەپلىنىپ يۈرگەن بولساممۇ، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇنچىۋالا ۋەھىمىلىك، ئەپسۇسلىنارلىق بولىدىغانلىقىنى زادىلا پەرەز قىلمىغان ئىكەنمەن.
ئەسلىدە قانداق قىلىش كېرەك ئىدى؟
ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى دەرھال قولغا ئېلىپ قاماش؛ سوتقا بېرىش ئارقىلىق خەلقىمىزنى بۇ قاتىللار قولىدىن قوتقۇزۇش؛ پارتىيىلەرنى پىچەتلەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ پارلامېنتنى لازىم بولغىنىدا ھەتتا قۇرال كۈچىگە تايىنىپ بولسىمۇ ھۇشىنى تاپقۇزغۇزۇش، ياكى ئەڭ ياخشىسى، پارلامېنتنى پۈتۈنلەي پىچەتلەپ تارقىۋېتىش كېرەك ئىدى. خۇددى بۈگۈنكى كۈندە جۇمھۇرىيەتنىڭ پارتىيىلەرنى تارقىتىۋەتكىنىگە ئوخشاش، ئۇ كۈنلەردىمۇ قەتئى تارقىتىۋېتىش لازىم ئىدى. چۇنكى، بۇ مەسىلە پۈتۈن بىر ئىرقنىڭ تەغدىرىگە، ئۇنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ قېلىش-قالالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە ئىدى.
ئەمما ئوتتۇردا مۇنداق بىر ئىشمۇ بار ئىدى: تەپەككۈرنىڭ، ئەقىلنىڭ مەھسۇلى بولغان كۆزقاراشنى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ يوقۇتۇشقا مۇمكىن بولارمىدى؟ “پەلسەپەلىك ئىدىيىلەر” گە قارشى تۇرۇشتا زورلۇق كۈچكە تايىنىپ كۈرەش قىلىش مۇمكىن بولارمىدى؟
ئۇ چاغلاردا مەنمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە بەكلا كۆپ باش قاتۇرغان ئىدىم.
تارىختىكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ دىنغا بېرىپ تاقىلىدىغان مىساللارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مۇنداق بىر كۆزقاراشقا كەلگەن ئىدىم: پەلسەپىلىك كۆزقاراشلار بىلەن ئىدىيىلەر، مۇئەييەن بىر مەنىۋىي ئاساسلاردىن شەكىللەنگەن پائالىيەتلەر، مەيلى توغرا بولسۇن-بولمىسۇن، ھەتتا خاتا بولىشىدىن قەتئى نەزەر، مەلۇم ۋاقىتقا كەلگىنىدە پەقەت بىرلا شەرت ئاستىدا ماددىي كۈچلەر تەرىپىدىن يوقۇتۇلىشى مۇمكىن. بۇ شەرت شۇكى، بۇ ماددىي كۈچ يېڭىچە پەلسەپەلىك كۆزقاراش ياكى ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر مەشئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان ئاۋانگارت كۈچكە ئايلىنالىغان بولىشى لازىم ئىدى.
مەنىۋىي چۈشەنچىگە ئاساسلانغان ئەخلاقى بىر كۈچ بولماي تۇرۇپ، يالغۇز ماددىي كۈچكىلا تايانغاندا بىرەر كۆزقاراشنى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىن تازىلاپ چىقىش ياكى ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ماددى كۈچكە تايىنىپ بىرەر چۈشەنچىنى يوقىتىمەن دېگەندە، بۇنداق بىر چۈشەنچىنىڭ بارلىق تەرغىباتچىلىرىنى ئۇرۇغ-ئەۋلادىنى قويماي پۈتكۈل مەنبەلىرىنى قوشۇپ پاك-پاكىزە تازىلىۋېتىش ئىمكانى بولغىنىدىلا، ئاندىن بۇ چۈشەنچىنى يوقۇتۇش مەقسىدىگە يېتەلىشىمىز مۇمكىن. ئەنە شۇ چاغدىلا بۇنداق بىر ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئەمما بۇنداق بىر ھەرىكەت، كۆپۈنچە ھاللاردا دۆلەتنى مەلۇم بىر ۋاقىت ئۈچۈن بولسىمۇ سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈن تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر سېپىدە تۇرۇشتىن مەھرۇم بولىشىغىمۇ سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمىلىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇنداق ھەرىكەتلەر خەلقنىڭ ئەڭ ئىسىل تەركىپلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ھەقىقەتەنمۇ مەنىۋىي ئاساسقا تايانمىغان ھەرقانداق بىر زۇلۇم، بېسىم پەيدا قىلىدىغان تەدبىرلەر ئەخلاقى جەھەتتىنمۇ ھەرگىز توغرا كۆرۈلمەيدىغان ئىشلاردۇر. بۇنداق بىر تەدبىر، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ياخشى تەركىپلىرى ئۈستىدە ئوينايدىغان بىر قامچىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىگە باشلاپ كېتىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بىر نارازىلىق، يەنە كېلىپ خەلقنىڭ بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مەنىۋىي سەۋەپلەردىن بىرى شەكلىدە روي بېرىشىمۇ مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەردىكى بۇ ھالەت، بىرەر چۈشەنچىنىڭ زوراۋانلىق كۈچى بىلەن باستۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشتا ئۆكتىچىلىك قىلىش ھېسياتىدىن بارلىققا كەلمەكتە. ئاقىۋەتتە، زۇلۇم كۈچەيگەنسىرى بۇنداق قارشى پىكىرلەرگە قايىل بولىدىغان ئەگەشكۈچىلەرنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، بىرەر پەلسەپەلىك دۇنيا قاراشنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بۇ خىل دۇنيا قاراشقا ئىشىنىدىغانلارنى تەدرىجى شەكىلدە، قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا تايىنىپ تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ئەڭ مۇۋاپىق تەدبىر ھېساپلىنىدۇ. ئەمما بۇنداق بىر ئىچكى تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا خەلق ئاممىسىنىڭ دۈچ كېلىدىغان ئادەتتىكى زەئىپلىكى ۋە ئاجىزلىقى كەينىگە ئۆرۈلۈپ باستۇرىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۆزىگە قارشى بولغانلارنى تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغان بىرەر چۈشەنچە ئەگەر بەلگىلىك بىر تار مۇھىت دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقالمىغىنىدا، بۇنداق بىر تازىلاش ھەرىكىتى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكىرەك نەتىجىسىز قېلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق بىر ھەرىكەت، بارلىق ھادىسىلەردە كۆرۈلگىنىدەك ئىشنىڭ بېشىدىلا تېزلىكتە مەغلوپ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ۋاقىت ئۇزىغانسىرى بۇنىڭغا قارشى تىركىشىش كۈچىمۇ كۈچلىنىپ، بۇ ھەرىكەت كونىرىغانسىرى ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلارنى باشقا شەكىللەرگە پۈركەپ ئورنىنى يېڭى بىر ھەرىكەت شەكلىگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قايتىدىن ياشلىق باھىرىدىكى ھالىتىنى ساقلاش يولىغا كىرىشى مۇقەررەر.
ئەمەلىيەتتىمۇ مەنىۋىي ئاساسىي بولمىغان بىرەر نەزەرىيە، ئۇ تۈدىكى نەزەرىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتنى يوقۇتۇش پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەي نەتىجىسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىپ كەلمەكتە ئىدى.
پەقەت زورلۇق كۈچكىلا تايىنىپ قانات يايدۇرۇلىدىغان بىر كۈرەش يولى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىرىنچى ئورۇندىكى شەرت − چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىش ۋە قەتئىي كەينىگە يانمايدىغان سەبىرچانلىققا ئىگە بولۇشتۇر. يەنى، بۇنداق بىر ھەرىكەتتە نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى، بىرەر نەزىرىيىنى بۇغۇپ يوق قىلىشتا يولغا قويۇلىدىغان ئۇسۇلنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئىزچىللىققا قەتئى كاپالەتلىك قىلىشقا باغلىق. ئەگەر زورلۇق كۈچنىڭ ئورنىنى سۇلھى-سالالار ئالغانلا بولىدىكەن، بۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان نەزەرىيە قايتىدىن كۈچلىنىپلا قالماستىن، ھەر قېتىملىق بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىنىشلار ئۆتۈپ كەتكىنىدىن كېيىن يېڭىدىن ئەۋىج ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى بۇ تۈردىكى دولقۇنسىمان بېسىملاردا زۇلۇمغا يولۇققانلار غەزەپ-نەپرىتىنى كۈچەيتىپ يېڭىدىن ئەگەشكۈچىلەرنى توپلاش بىلەن بىرگە، كونىلىرى تېخىمۇ قاتتىق جاھىللىق بىلەن تىركىشىش جاسارىتىگە ئېرىشىپ، خەۋىپلىك ئەھۋال ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سەپ ئۆزگەرتىۋالغانلارنىمۇ قايتىدىن ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالالىشى مۇمكىن. بىرەر ھەرىكەتتە ئۇتۇققا ئېرىشىشنىڭ تۇنجى شەرتى، زوراۋانلىق چارىلىرىغا ئىزچىل تۈردە تەۋرەنمەي چىڭ تايىنالىشىغا باغلىق. ئەمما بۇ تۈردىكى سەبىر-تاقەت بىلەن قەتئى بوشاشماسلىق ئېنىق بىر مەنىۋىي ئېتىقاتنىڭ نەتىجىسىدىنلا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. مۇكەممەل بىرەر مەنىۋىي ئاساسقا تايانمايدىغان بارلىق بېسىم ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ھەر دائىم ئىككىلىنىشنى ياكى ئىشەنچىسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كەسكىن نەتىجە بەرمەي قېلىشى مۇمكىن. چۇنكى، بېسىم ۋە زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىلىدىغان بۇنداق بىر ھەرىكەتتە رەھىمدىللىك ئارىلاشقان پەلسەپەلىك كۆزقاراشلارغا تايىنىپ مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئازىراقلا رەھىمدىللىك ئارىلىشىپ قالىدىغان بۇنداق بىر ھەرىكەت، پۈتۈنلەي ئەكسىچە بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى زورلۇق كۈچ ھەرىكىتى يالغۇز بىر كىشىنىڭ قەتئىي قارارى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان جاسارىتىگە باغلىق. شۇنىڭدەك يەنە، كىشىلەرنىڭ پسىخىك مىجەزلىرى ۋە كۈچىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىق بولىشى مۇمكىن.
بۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ يەنە مۇنداق بىر ئىشنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن:
ھەر بىر پەلسەپە چۈشەنچىسى، ئۇ مەيلى دىنىي چۈشەنچە ياكى سىياسىي چۈشەنچە بولسۇن − كۆپۈنچە ھاللاردا بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈش بەكلا تەسكە توختايدۇ − ئۆزىگە زىت قاراشلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن كۆرە، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بەكىرەك كۈچ سەرىپ قىلىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، بۇ تۈردىكى كۈرەشلەر ئۆزىنى قوغداش ئورنىغا ھۇجۇمغا ئۆتۈش تۈسىنى ئالغان بولىشى لازىم. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئوبېكتىپ ئېنىق ئوتتۇردا كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى نۇرغۇنلىغان ئۈستۈنلۈكلەرگە ئىگە قىلىپ تۇرىشى مۇمكىن. بۇ يەردە، ئۇنىڭ ئوبېكتىۋى غالىبىيەتنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىنچە يول تۇتقاندا،دۈشمىنىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە قاچان يوقۇتۇلىدىغانلىقىنى، يوقۇلىشىنىڭ ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىش ۋاقتىنى ئېنىق بەلگىلەش بەكلا تەس. شۇنداق بولغاچقا، پەلسەپەلىك بىرەر ئىدىيىگە قارشى تۇرىمەن دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى قوغداش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانغا قارىغاندا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتۈش تېخىمۇ ئۈستۈنلۈكنى ساقلىيالايدىغان توغرا تاللاش ھېساپلىنىدۇ. چۇنكى بۇ يەردىكى ئۈستۈنلۈك، مۇداپىيىلىنىش بىلەن ئەمەس بەلكى ھۇجۇمغا ئۆتۈش بىلەن قولغا كېلىدۇ. مەنىۋىي كۈچكە قارشى زوراۋانلىق كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۈچ كۆرسەتكۈچى تەرەپ يېڭى بىر ئىدىيىنىڭ ئىگىسى، ئۇلۇغ خەۋەرچىسى ۋە تارقاتقۇچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقمىغىنىدا، ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى ھەر دائىم مۇداپىيىدىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان بىرسى ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ، خالاس.
بۇنى تۈۋەندىكىچە خۇلاسىلاپ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن: ئەخلاقى بىر تۈزمنى ماددىي كۈچكە تايىنىپ يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئاتلانغان ھەر قانداق بىر قەدەم، كۈرەش تۈسىنى ئالمىغانلا بولىدىكەن، يېڭى بىر ئىدىيىۋى سەپكە قارشى زەربە تۈسىنى ئالمايدىكەن، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ. ئەمما ئىككى تۈرلۈك پەلسەپىلىك چۈشەنچە ئوتتۇرسىدىكى قەتئى ئىرادە بىلەن رەھىمسىزلەرچە زوراۋانلىق قۇرالىدىن پايدىلانغان تەرەپ قارشى تەرەپنى چوقۇم يېڭىپ چىقالايدۇ.
مانا شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ماركىسىزمغا قارشى كۈرەشلەر بۈگۈنگىچە ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشسىزلىق بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلمەكتە.
بىسماركنىڭ قانۇنىدا سوتسيالىستلارغا قارىتا ئېلىنغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىمۇ ئەنە شۇ سەۋەپتىن نەتىجىسىز قالدى ۋە نەتىجىسىز قېلىشتىنمۇ قۇتۇلالمايتتى. چۇنكى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان يېڭى بىر پەلسەپىلىك چۈشەنچە مۇھىتى يوق ئىدى. “دۆلەت تەسىرى” ياكى “راھەت-پاراغەتلىك بىلەن خاتىرجەملىك” ھەققىدە دېيىلگەن گەپلەر ئۆلۈم ياكى كۆرۈم دېگەن كۈرەشتە كۆڭۈللەرگە لازىم بولىۋاتقان ھەيدەكچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ تۇرالىغىدەك بىرەر ئاساس سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن مىنىستىرلىكلەردىكى يوقۇرى دەرىجىلىك مەمورى كادىرلارنىڭ كاللىسىدا ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى ئىشەنچە بولىشى لازىم ئىدى.
ئەمما بۇ كۈرەشتە تايىنىدىغان ئېنىق بىرەر ئىدىيە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىسمارك سوتسيالىستلارغا قارشى ئۆز قانۇنلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى مۇئەسسەنىڭ ۋىژدانىغا تاشلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. يەنى پولاتتەك ئىرادىلىك بۇ ھۆكۈمەت باشلىقى ماركىسىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ تەغدىرىنى بۇرجۇئا دېموكراتىيىسىگە تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق، قوزىنى بۆرىگە ئامانەتكە بەرگەندەك بىر ئىش قىلغان ئىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ماركىسىزم ئۈستىدىن غالىپ كېلىشتە كەسكىن ئىرادىلىك بىر نەزەرىيىنىڭ بولماسلىقى سەۋەپ بولماقتا ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىسماركنىڭ قانات يايدۇرغان ئىدىيىۋى كۈرىشى مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.
ئۇنداقتا، دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ياكى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىش ۋاقىتلىرىدا ۋەزىيەت بىسمارك ۋاقتىدىكىدىن پەرق قىلامتى؟ ئەپسۇس بىلەن شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىككى دەۋردىكى ۋەزىيەت بىر-بىرسىگە تۈپتىن ئوخشايدۇ!
ھۆكۈمەت تەرەپتە، ماركىسىزمنىڭ ئوچۇق ئۈلگىسى بولغان سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قارىتا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولغانسىرى، بۇ پەلسەپەلىك قاراشنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان جەلىپ قىلارلىق ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە باشقا بىر نەزەرىيىسىنىڭ يوقلىقىنى پەرق قىلغان ئىدىم. ئەگەر بىز، ماركىسىزمنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ تۇرايلى، ئۇنداقتا خەلق ئاممىسىغا ئۇنىڭ ئورنىغا قايسى ئىدىيىنى روھى ئۇزۇق ئورنىدا سۇنالىشىمىز مۇمكىن؟ ئۆزلىرىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار تەبىقىسىنى ئۆز ئەتراپىغا جەلىپ قىلالىغىدەك ھېچقانداق بىر يېڭى ئىدىيىۋىي ھەرىكەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئىنتېرناتسيۇنالىزمچى بىر ئەسەبى مۇتەئەسسىپنىڭ سىنىپى كۈرەشتىن ۋاز كېچىپ بىرەر بۇرجۇئا پارتىيىسىگە، ياكى بولمىسا يېڭىدىن قۇرۇلغان قايسى بىر سىنىپقا تەۋە تەشكىلاتقا كىرىشىنى پەرەز قىلىش پۈتۈنلەي مەنتىقىسىز، ھەتتا ئاخماقانە بىر قاراش ھېساپلىنىشى كېرەك. چۇنكى نامەلۇم بىر تەشكىلاتتا، بۇرجۇئازىيە سىياسەتچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا سىنىپى پەرقلەر تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا چىققان بولاتتى. بۇنداق بىر قاراش بويىچە بۇ پەرق سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىگە قارشى تەرەپكە ئۆزگەرگىچە داۋام قىلاتتى. بۇنداق بىر پاكىتنىڭ تەتۈرسى ئوتتۇرغا چىقىشىمۇ مۇمكىن دەپ قاراش ئالدامچىلىقتىن باشقا بىر ئىش ئەمەس، ھەتتا ئۆز ۋاقتىدا يەنە بۇنداق قاراش ئەڭ ئاخماقانە ئالدامچىلىقتىن باشقا بىر ئىش بولالمايتتى.
كەڭ خەلق ئاممىسىنى مۆلچەرلىگەندىنمۇ ئۇلارنى تېخىمۇ بەك ئاخماق دەپ قاراشتىن قەتئى ساقلىنىشىمىز لازىم. سىياسىي مەسىلىلەردە تۇيغۇلارنىڭ ئەقىلگە ئوخشاش توغرا يولغا باشلاپ ماڭالايدىغانلىقى ھەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئەھۋال. خەلق ئاممىسىنىڭ ئاخماقانە ئىنتېرناتسيۇنالىزمچى ئەقىدە ئىچىگە پېتىپ قېلىشىنى ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىدىكى خاتالىشىشقا باغلاپ قويۇشنى دەرھال رەت قىلىۋېتەلىشىمىز مۇمكىن؛ رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك بۇرجۇئازىيە لاگىرىدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىگە قارىماي، تېنچلىقچى دېموكراتىيىمۇ ئىنتېرناتسيۇنالىزمچىلىقتىنمۇ مەنتىقىسىز، ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر قالاقلاردىن ئەمەس. مىليونلىغان بۇرجۇئازلار ھەر كۈنى ئەتىگەن يەھۇدىيلەشكەن دېموكراتىك گېزىتلارنى ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ تۇرغانلا بولىدىكەن، بۇ ئەپەندى “يولداش” لىرىنىڭ ئاخماقلىقىنى مازاق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى بەكلا ئەخلاقسىزلىق تۇيغۇسىنى بېرىپ قالىدۇ. چۇنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش يۇندىنى ئىچىپ يۈرگەن كىشىلەردۇر. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار بۇنداق تەنقىتلەش ھەرىكەتلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشلىرى لازىم ئىدى. سىنىپلار مەسىلىسىدە مۇنداق بىر پاكىتنى ئىنكار قىلالمايمىز: بولۇپمۇ سايلامدىن بۇرۇن سىنىپلار مەسىلىسىدە ماددى ئىشلاردىن باشقا جەھەتلەر تىلغا ئېلىنماي كېلىنمەكتە. مىللىتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەرىپىدىن ھېس قىلىنغان غۇرۇر، بىر قىسىم قول ئەمگىكى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئىشچىلارغا بەكلا كام ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاخماقلارنىڭ كۆڭلىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر ھادىسىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، بىزنىڭ “زىيالىي” دېگەن كىشىلىرىمىزنىڭ تەنقىت جەھەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى، بولۇپمۇ بۇ ساھەدە ماركىسىزمغا ئوخشايدىغان بىر مەرەز يىتىلىشىدىن ساقلىنىشقا كۈچى يەتمىگەن دۆلەت قولدىن بېرىپ قويغان بىر ساھەنى قايتا ھەرگىز قولغا كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن مەلۇم بولماقتا ۋە ئىسپاتلانماقتا ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ دەپ يۈرگىنىدەك، “بۇرجۇئازىيە” پارتىيىلىرى ئۆزىگە ئۆزى بەرگەن ناملارغا تايىنىپ ھېچقاچان “پرولىتارىيات” ئاممىسىغا نوختا سالالىغىدەك بىر قابىلىيىتى بولۇپ باققان ئەمەس. چۇنكى، بۇ يەردە بىر-بىرسىدىن قىسمەنلىكتە تەبىئىي، يەنە بىر جەھەتتە سۇنئىي پارچىلانغان ئىككى دۇنيا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرسىگە تۇتقان مۇئامىلىلىرىمۇ ئۆزئارا كۈرەش قىلىشتىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا بۇ تۈردىكى كۈرەشتە تەبىئى ھالدا ياشىراق بولغىنى غەلىبە قازىنالايدۇ. يەنى بۇ جەرياندا يېڭى بولغان ماركىسىزم غالىپ كېلىشى مۇمكىن دېگەنلىكتۇر.
ئەسلىدە، 1914-يىلى ماركىسىزمغا قارشى بىر مەيدان كۈرەش قىلىشنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە بولاتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا ھېچقانداق بىر يېڭى ئەقىدە بولمىغاچقا، بۇنداق بىر كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇ يەردە بەكلا چوڭ بىر بوشلۇق ساقلانماقتا ئىدى. دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن مېنىڭ كۆزقارىشىم ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرلۇقتا بار بولغان بىرەر پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرىش قارارىغا كېلەلمىگەن ئىدىم. سوتسيال دېموكراتچىلارغا قارشى تىنىمسىز كۈرەش قىلىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى يوقتەك بىلىنەتتى. چۇنكى، پارلامېنت ئىچىدىكى پارتىيىلەردىن باشقا، ئوتتۇردا ھېچقانداق بىر پارتىيە يوق ئىدى. بۇمۇ يوقۇرقى قاراشلىرىمنى كۈچەيتىپ بەرمەكتە ئىدى. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە يېقىن دوستلىرىمنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا دەردىمنى تۆكۈپ گەپ قىلىپ باققان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، كەلگۈسىدە سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىم لازىم ئىكەن دەيدىغان قاراشقا ئەنە شۇ چاغلاردىلا كەلگەن ئىدىم.
شۇنداق بولغاچقا، ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كەسىپىمگە قوشۇمچە قىلىپ سىياسىي ناتىق بولۇپ پائالىيەت قىلىمەن دەپ يېقىن دوستلىرىمغا نۇرغۇن قېتىم ئېيتقان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە ھەقىقەتەنمۇ ئېنىق بىر پىكىرگە كېلىپ بولغان ئىدىم.

ئالتىنچى باب

ئۇرۇش تەشۋىقاتى
يوقۇرىدا بايان قىلىنغاندەك سىياسىي ۋەقەلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق كۈزىتىپ كېلىۋاتقان كۈنلىرىمدە، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. سوتسيالىزمچى-ماركىسىزمچى تەشكىلاتلار تەشۋىقات ۋاستىسىنى ئەڭ مۇھىم قۇرالىمىز دەپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدىغانلىقىنى پەرق قىلغىنىمدىن كېيىن، مەنمۇ تەشۋىقاتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر قۇرال ئىكەنلىكىنى تونۇشقا باشلىغان ئىدىم. بۇ جەرياندا تەشۋىقاتتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم بىر ھۈنەر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر ھۈنەرنى بۇرجۇئا پارتىيىلىرى ئاساسەن ھېس قىلالماي كېلىۋاتقانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا پەرق قىلغان ئىدىم. بۇ قۇرالدىن ئەڭ مۇكەممەل شەكلىلدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان پارتىيىلەردىن يالغۇز خىرستىيان سوتسيالىستلار پارتىيىسىلا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ماھارىتىمۇ يەنە شۇ ليۇگېرنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى دەۋرلەردە ئالاھىدە ئۇتۇقلۇق قانات يايدۇرۇلغان ئىدى. بىر ھېساپتا، بۇ پارتىيە قولغا كەلتۈرگەن نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى تەشۋىقات قۇرالىدىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرگەن دېيىشكىمۇ بولاتتى.
ئەمما مەن ئەقىل ئىشلىتىپ قانات يايدۇرۇلغان بىر تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىم. شۇنداقتىمۇ، تەشۋىقاتنىڭ قىممىتىنى دۈشمەن تەرەپ قانات يايدۇرغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ تولۇق بىلگىلى بولاتتى. چۇنكى، بىز تەرەپنىڭ ئادەملىرى تەشۋىقات كۈچىدىن پايدىلىنىشتا بەكلا كەينىدە قالغان ئىدى. ئەسلىدە بىز نېمىسلاردا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل سەل قارايدىغان ئادىتىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقاتلارنىڭ ھېچبىرىدىن جەڭچىلەر رازى ئەمەس ئىدى. مانا بۇلار، مېنى تەشۋىقات مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ئاساسى سەۋەپ دېيىش مۇمكىن. يەنە كېلىپ، ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغانغا يىتەرلىك ۋاقتىممۇ بار ئىدى. تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش جەھەتتە دۈشمەنلىرىمىزمۇ بىزنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئەمىلىي مىساللار بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى.
بىزدە يىتەرسىز بولىۋاتقان بۇ ئىشنى بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن، كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق، دەل ۋاقتىدا، نەتىجىلىك قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. “دۈشمەن ئۇرۇش تەشۋىقاتى” دىن مەن بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم. ئەمما شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىز تەرەپتىكىلەرنىڭ كاللىسىغا دۈشمەننىڭ بۇ پائالىيەتلىرىدىن بىرەر تەجرىبە ساۋاق يوقمىغان ئىدى. بىزنىڭكىلەرنىڭ بىر قىسمى تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىشتا باشقىلاردىن تەجرىبە ساۋاق ئالغىدەك بىر ئىش يوق دەپ ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېساپلاشقان بولسا، يەنە بىر قىسىملار تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىش جەھەتتە نىيىتى ساپ ئەمەس ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى.
قىسقىسى، ئەسلىدە بىز تەرەپتە تەشۋىقات پائالىيىتى دەيدىغان بىرەر پائالىيەت يوق دېيىشكە بولىدۇ. ئەپسۇسكى، مەن بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمىگەن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا مەجبۇرمەن. بۇ جەھەتتە بىرەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى دېيىلگەندىمۇ ئىشلەنگەنلەر پۈتۈنلەي خاتا ۋە يىتەرسىز بولۇپ كەلدى. يەنى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەر شۇنچىلىك چولتا، خاتا پىكىرلەر ئىدىكى، بۇ جەھەتتە كىشىلەرنى جەلىپ قىلالىغىدەك بىرەر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغىلى بولمايتتى. ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بۇ ھەقتە ئوتتۇرغا قويۇلغان تەكلىپلەر تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈن قىلچە پايدىسى بولمىدى، ھەتتا زىيانلىق تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەگەر بىز دىققەت بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، نېمىسلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى شەكىل جەھەتتە بەكلا چولتا، پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىن ئالغاندا پۈتۈنلەي خاتا ئۇسلوپتا ئىدى.
ئەسلىدە، بىز تەرەپتىكىلەردە تەشۋىقاتنىڭ تۈپكى مۇدداسى ھەققىدىكى تونۇش توغرا ئەمەس ئىدى: تەشۋىقات بىر ۋاستىمۇ ياكى بىر مەقسەتمۇ؟ بۇ ھەقتە ھېچكىم ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، تەشۋىقات − بىر ۋاستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئۇنى مەقسەتنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇھاكىمە قىلىش، شۇ ئاساستا ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرىش لازىم ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان غايىمىزگە ياردىمى بولۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدىكەنمىز، تەشۋىقاتتىن چوقۇم مەقسەتكە ئۇيغۇن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز شەرت ئىدى. شۇنىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇش لازىمكى، ئومۇمىي مەنپەئەت نوقتىسىدىن ئالغىنىمىزدا، ھەر خىل قىممەتلەردە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە مەقسەتلەرنىڭ بولىشى مۇقەررەر. شۇنداق ئىكەن، تەشۋىقاتنىمۇ مەقسەتلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىۋېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئۇرۇش جەريانىدا جان پىدا قىلىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەقسەت ئادەمنىڭ ئەقلىگە كېلىدىغان ئەڭ ئالى مەقسەتلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋە قىلچە نوقسان تاپقىلى بولمايدىغان مەقسەتتۇر. بۇ مەقسەت، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، ئىستىقبالى، مۇستەقىللىقى، بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسى ھاياتىمىزنىڭ كاپالىتى ئىدى؛ بۇ مەقسەت بۈگۈنكى كۈندە قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا قارىماي يەنىلا بىزنىڭ شەرەپلىك غايىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ئابرويى ھېساپلىنىشى كېرەك. چۇنكى ئابرويى قالمىغان، نۇمۇسنى يوقۇتۇپ ھۆرمىتى قالمىغان پەسكەش مىللەتلەر ئاساسەن ئالغاندا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئابرويىنى يوقاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھەر قانداق بىر ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش لاياقىتىگە ئىگە ئەمەس. چۇنكى، بۇنداق بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىمەن دېيىشىنىڭ ئۆزىلا تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا خىلاپ كېلىدۇ. يەنى، قورقۇنچاق، پەسكەش قۇل بولۇشنى خالايدىغان بىرسى ھەرگىزمۇ ئابرۇيغا، ئەخلاقى پەزىلەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۇنكى بۇنداق بىر مىللەت ئەخلاقى پەزىلەتكە ئېرىشىشنى ئويلىغىنىدا، بۇنداق پەزىلەت، ئۇلاردا ئۇزۇنغا قالماي سۈپىتىنى ئۆزگەرتىپ پەسكەشلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
نېمىس خەلقى دۇنيادا داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش، ئىنسانى تەلەپلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى. شۇنداق ئىكەن، ئۇرۇش تەشۋىقاتنىڭ مەقسىدىمۇ جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىگە قەھرىمانلىقلارغا ياردەمدە بولىشى، بۇنداق بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئەسلىدە نېمىس مىللىتىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈنمۇ يار-يۈلەكتە بولىشى لازىم ئىدى.
ئەگەر مىللەتلەر بۇ دۇنيادا ئىزچىل مەۋج بولۇپ تۇرالىشى ۋە ھايات-ماماتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقتىدا، ئۇلار ئۈچۈن بارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىستېتىك تالاش-تارتىشلارغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەر قىممىتىنى يوقۇتۇپ ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. چۇنكى بۇ تۈردىكى ئىنسانى ئۇقۇملار ماددى ئاساسى يوق مەۋھۇم دۇنيادا لەيلەپ يۈرەلەيدىغان قۇرۇق ئۇقۇملار ئەمەس، ئۇلار تەبىئەتتىكى ئادەملەر بىلەن بىر گەۋدە ھالىغا كىلەلىگىنىدە، ئادەملەر بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا ئۆزىگە چۈشلۇق بىر ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا ئىرىشىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان بولغىنىدىلا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇقۇملىرى، گۈزەللىك ئۇقۇملىرى بىرەر مەنىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەگەر ئادەم بۇ دۇنيادىن ئايرىلغىنىدا يوقۇرقىدەك ئۇقۇملارمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتۈنلەي ئۆز مەنىسىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۇنكى تەبىئەت ئۇنداق ئىدىيىۋىي كۆزقاراشلارنى، ئىستىتىك ئۇقۇملارنى تونىمايدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، شۇنىڭغا قارىماي بۇ تۈردىكى ئۇقۇملار بەكلا ئاز مىللەتتە ياكى ئىرقتا ساقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىي ئورگانلىرىدا تەبىئىي مەۋجۇت بولۇش مىقتارىغا ئاساسەن بۇ تۈردىكى تۇيغۇلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇ تۈردىكى ئۇقۇملارنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى بىلەن ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى مىللەتلەر بۇ دۇنيادا يوقالغانسىرى، ئىنسانىيەتچىلىك بىلەن ئىستىتىك ئۇقۇملارمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ۋەيران بولۇپ يوقۇلۇشقا يۈز تۇتىدۇ. مانا شۇ سەۋەپتىن، بۇ تۈردىكى ئۇقۇملار بۇ دۇنيادا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان بىر مىللەتكە نىسبەتەن، ئىككىنچى ئورۇندىكى كۈرەش قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بۇ تۈردىكى ئۇقۇملار ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىرەر قەۋىمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچى پالەچ ھالغا چۈشۈرىلىشى بىلەن تەڭ، ئۇ قەۋىمنىڭ كۈرەش قىلىش شەكلىمۇ ئۆزگىرەپ ئىنسانىيەت ئېھتىياجىغا قاراپ قايتا ھەل قىلغۇچ ئورۇندىكى قەۋم ئورنىغا ئۆتىدۇ. جاھان ئەنە شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ بارىدۇ.
ئىنسانىيەتچىلىك مەسىلىسى ئۈستىدە گەپ بولغانىكەن، بۇ ھەقتە مۇلتكەنىڭ: ئۇرۇش جەريانىدىكى ئىنسانىيەتچىلىك، ئۇرۇشنى ئىمكان بار تېز باشلاپ تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئۇرۇشلاردا ھەل قىلغۇچ كۈرەش ئۇسۇللىرى، يەنى ئەڭ قاتتىق، ئەڭ قوپال ئۇسۇللار ئىنسانىيەتكە ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلالايدىغان ئەڭ ئىنسانى ئۇسۇللار بولۇپ قالىدۇ، دېگەن سۆزلىرىنى مىسالغا ئېلىپ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق بىر كۈرەش قارىشىغا ئىستىتىك ۋە باشقا قۇرۇق گەپلەرنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشقا ئۇرۇنغۇچىلار بولىدىكەن، ئۇلارغا مۇنداق بىرلا ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاب بېرىمىز: ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك كەسكىن بىر كۈرەش، بارلىق ئىستىتىك چۈشەنچىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ. ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدا قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئېغىر پاجىئە يوق. ئەجىبا، شۋابىڭغا ئوخشىغان سىموۋۇلچىلار ۋەيران بولۇش بوسۇغۇسىدا تۇرىۋاتقان نېمىس مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى، بۈگۈنكى تەغدىرىنى بىرەر ئىستېتىك مەسىلە دەپ تۇنۇپ يۈرگەن بولمىسۇن يەنە؟ بۇ ھەقتە، بۇ تۈردىكى مەدەنىي رەزىللىكلىرىنىڭ زامانىۋىي كەشپىياتچىلىرى بولغان يەھۇدىيلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يەھۇدىيلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن پۈتۈن ئىشلىرى، ئىسا كۆرۈنىشىدە پەرەز قىلىنغان سىموۋۇلنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشكارە رەت قىلىپ ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كۈرەش ئۈستىدە گەپ بولىۋاتقىنىدا، گۈزەللىك بىلەن ئىنسانچىلىق كۆزقاراشلىرىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇش لازىم بولغانىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئىشلارنى ئۇرۇش تەشۋىقاتىدا تىلغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭمۇ ئورنى يوق.
ئۇرۇش جەريانىدا، تەشۋىقات پائالىيىتى مەقسەتگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىلغان بىر ۋاستىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ غايىسى نېمىس مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىنلا ئىبارەت بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، تەشۋىقات پائالىيىتىمۇ بۇ غايىگە پايدىلىق بولىدىغان پىرىنسىپلارغا تايىنىپ پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن قىممەتكە ئىگە بولغان نەرسىلەر ئۈستىدىلا مۇھاكىمە يۈرگىزەلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ تۈر ئىشلار تېخىمۇ كۆپ غالىبىيەتلەرگە يىتەكلەپ ماڭالايدىغان شەرتلەرنى ئاساس قىلغان بولغىنىدا، مىللىتىمىزنىڭ ئابرويى بىلەن شان-شەرىپىنىڭ قوغداپ قېلىنىشى ئۈچۈن يار-يۈلەك بولىدىغان تەشۋىقات بولىشى كېرەك ئىدى. ئۇرۇشتا ئەڭ ۋەھىمىلىك قۇراللار ئەڭ ئىنسانچىل قۇراللار ھېساپلانماقتا. تەشۋىقات، ئۇرۇشتا تېخىمۇ تېز غەلىبە قىلىشنىڭ بىر شەرتى بولۇپ، ئۇ خەلقنى ئەركىنلىك، غۇرۇر ۋە ئابروي بىلەن تەمىنلەشكە ياردەمچى بولىدىغان بىر ۋاستە. ھايات-ماماتلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇنداق بىر كۈرەش جەريانىدا “ئۇرۇش تەشۋىقاتى” غا مۇناسىۋەتلىك تىكلىگەن قاراشلىرىم ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئەگەر ئۇرۇش جەريانىدىكى تەشۋىقات دېگەن بۇ ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى ھۆكۈمەت تەرەپتىكىلەر يوقۇرىدا بايان قىلغىنىمدەك ئېنىق بىلەلىگەن بولسا ئىدى، بۇنداق بىر قۇرالدىن پايدىلىنىش شەكلى ئۈستىدە ھېچقاچان ئىككىلىنىپ يۈرمىگەن بولاتتى. چۇنكى بۇنداق بىر قۇرال، ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەھىمە پەيدا قىلالايدىغان بىر قۇرالغا ئايلانغان بولار ئىدى.
ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندىكى يەنە بىر ئىش، تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئوبىكتىۋى كىمگە قارىتىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلە. بۇنداق بىر تەشۋىقات بىلىم ئەھلىلىرى ۋە زىيالىلار قاتلىمىغا قارىتىلىشى كېرەكمۇ ياكى ئۇلاردىن بىلىمى تۈۋەن بولغان ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىغا قارىتىلىشى كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى: تەشۋىقاتنىڭ ئوبىكتىۋى ھەر دائىم مۇتلەق تۈردە خەلق ئاممىسىغا قارىتىلغان بولىشى شەرت.
كۆزقاراش ۋە ئىدىيىلەر ئۈستىدە پائالىيەت قىلىدىغان زىيالىلارغا، ياكى ھېچ بولمىغاندا زىيالىي دەپ ئاتىلىۋاتقان تەبىقىدىكىلەرگە قارىتا تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىشتا، تەشۋىقات ئاساس قىلماي بەلكى ئىلمىي چۈشەنچە بېرىش ئاساس قىلىنىشى كېرەك. تەشۋىقات دېگىنىمىزدە، تەشۋىق قىلىنىش شەكلىدىن ئېلىپ قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىمىيلىكنىڭ مىقتارى شۇئار پىلاكاتلىرىدا كۆرۈلگەن سەنئەتچىلىكلا بولالىشى مۇمكىن. تام رەسىم ئېلانلىرىدا ئىپادىلەنگەنلەرنىڭ قىلچە سەنئەت قىممىتى يوق بولۇپ، بۇنداق پىلاكات رەسىملىرىدە كۆرۈلگەن سەنئەتنىڭ رولى، رەسسامنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىل ۋە رەڭلەر ۋاستىسى بىلەن كىشىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچىدىنلا ئىبارەتتۇر. مەسىلەن بىرەر گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۈچۈن چاپلانغان ئېلانلار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان سەنئەت ئەسەرلىرىگە كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشنىلا ئۆزىگە مەقسەت قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان سەنئەت لايىھىلەنسە ئېلاننىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ تۈردىكى ئېلانلار ئاممىغا بۇ كۆرگەزمىنىڭ نىمە مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا كۆرگەزمىدىكى پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان چوڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئېلان ئارقىلىق كىشىلەرگە كۆرسىتىشنى ھەرگىزمۇ ئۆزىگە مەقسەت قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن، سەنئەت ئەسەرلىرىنى بىۋاستە تەتقىق قىلماقچى بولغان بىرسى بۇنداق ئېلانلارغا قاراپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ كىشى مۇتلەق تۈردە كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنى كۆرىشى شەرت. شۇنىڭدەك يەنە بۇنداق كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغىنىدا شۇنداقلا بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىتەرلىك بولمايدۇ. ئۇ كىشى كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ چىقىشى كېرەككى، شۇندىلا ئۇ كىشى بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە بىرەر ئۇقۇمغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن. بىز تەشۋىقات دەپ ئىيتقىنىمىزدىكى ئەھۋالمۇ يوقۇرقى ئېلان سەنئىتىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
تەشۋىقاتنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنى بىرمۇ-بىر ئىلمىي ئاساسى بولغان بىرەر بىلىمگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى مۇئەييەن بىر ھادىسىگە، شەرت-شارائىتلارغا، زۆرۈر بولغان ئىشلار ئۈستىگە جەلىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولىشى كېرەك. بۇ ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى خەلق ئاممىسىغا ئەنە شۇ تۈردىكى تەشۋىقات ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە سەنئەت دېگىنىمىز بىرەر ئەمەلىيەتنى، بىرەر ھادىسىنىڭ زۆرۈر بولغان ئەسلى ماھىيىتىنى ئەڭ چۈشىنىشلىك شەكلىلدە تونۇشتۇرۇشنى، بۇ ھەقتە ئاساسلىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. تەشۋىقات دېگىنىمىز ئۆزئالدىغا بىرەر ئۇسلۇپ، بىرەر مۇھىم چۈشەنچە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، تەشۋىقات دېگىنىمىزمۇ خۇددى تەشۋىقات ئېلانلىرىغا ئوخشاش خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى ئاساسەن ئۆزىگە جەلىپ قىلالىسىلا كۇپايە. شۇڭا ئىلمىي ساۋادى بولغان كىشىلەرگە ياكى بۇنداق بىر بىلىم ئېلىش ئارزۇسىدا يۈرگەن كىشىلەرگە بۇنداق تەشۋىقات ئۇسلۇبى بىلەن دەرس سۆزلىگەندەك خىتاپ قىلىنىشى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇنداق تەشۋىقاتلاردا ھەردائىم ھېسسىياتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلىش، ئاز بولسىمۇ ئەقىللىرىنى ئىشقا سېلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇش كېرەك. ھەر قېتىملىق تەشۋىقات نۇتۇقلىرى ھەممە كىشى چۈشىنەلەيدىغان ۋە ھەممە كىشىنى قىزىقتۇرالايدىغان مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان بولىشى، خىتاپ قىلىنىۋاتقان جامائەت ئىچىدىكى ئەڭ دۆت بولغان كىشىلەرمۇ قىينالمايلا چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيە بويىچە نۇتۇق سۆزلىنىشى كېرەك. بۇنداق شەرتلەر قويۇلغاندىن كېيىن بىرەر تەشۋىقات پائالىيىتىدە خىتاپ قىلىنىۋاتقان كىشىلەر توپى قانچىكى كۆپ بولسا، نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنچە ئاددىي بولىشىغا دىققەت قىلىنىشى لازىم. خۇددى ئۇرۇشنى تا ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ سۆزلىنىدىغان نۇتۇقلاردا بولغىنىدەك، پۈتۈن خەلق ئاممىسىنى ئۆز ھەرىكەت ساھەسىگە جەلىپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولسا، بۇنداق سورۇنلاردا يوقۇرى سەۋىيىلىك زىيالىيلارنىڭ نوتۇق سۆزلىشىگە يول قۇيۇش ھەرگىزمۇ ئاقىلانە ئىش ھېساپلانمايدۇ. تەشۋىقات نۇتقىنىڭ مەزمۇنى ئىلمىي نوقتىدىن قانچىكى ئاددىي بولىدىكەن، كۆپچىلىكنى قانچىكى ئاسان ھاياجانلاندۇرالايدىغان بولىدىكەن، بۇنداق بىر تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈمىمۇ شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. تەشۋىقاتنىڭ قىممىتىنى بىر نەچچە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ياكى ياش سەنئەتكارلارنىڭ باھالىشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلالمايمىز. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بەرگەن باھاسىنىڭ قىلچە قىممىتى يوق. تەشۋىقات، خەلق ئاممىسىغا بىۋاستە سۆزلەنگىنىدە ئۇنىڭ ئۆنۈمى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ يوقۇرى بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان بىر ئىش. تەشۋىق قىلىش بىر ھۆنەر بولۇپ، ھېسسىياتىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىگە، پسىخولوگىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەر شەكىل، قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان بىر ئۇسۇل تېپىش سەنئىتى ھېساپلىنىدۇ. ئارىمىزدىكى بىلىملىك دەپ تونۇلغان بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنى بىلەلمىگەنلىكى ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشتە بەكلا ھۇرۇن ئىكەنلىكىنى ياكى بولمىسا مەنمەنچىلىكىنىلا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، خالاس. ئەمما بىز تەشۋىقاتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىشەندۈرەلىگىدەك تەسىر پەيدا قىلىشنى، ئۇلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر نەرسىلەردىن خەۋەردار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، ئۇ ھالدا تۈۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ:
تەشۋىقاتقا ئىلمىيلىك تۈسى بېرىش ھاجەتسىز؛
ئادەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا قىزىقىدىغان ئىشلىرى چەكلىك، چۈشەنچىسى تۈۋەن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، تەسىر كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر تەشۋىقاتىمىز ئىنتايىن ئاز مەزمونلاردىن تەشكىل تاپقان بولىشى، چۈشىنىش ئىقتىدارى ئەڭ ناچار بولغان كىشىلەرمۇ چۈشىنەلىگىدەك ۋە بۇ ھەقتە ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالىغىدەك مەزمونلارنى سۆزلەش ئۈچۈن قەلپلەردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ قالالايدىغان قېلىپلاشقان، ئۆزگەرمەس نەرسىلەر ئۈستىدە توختىلىش لازىم. ئەگەر نۇتۇق ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بارغاندا بۇ نوقتىلارغا ئېتىۋار بەرمەي ھەممە تەشۋىقاتقا كەڭ مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۈس بېرىمەن دەپ تۇرىۋالغاندا، خەلق ئاممىسى بۇ دېيىلگەنلەرنى زادىلا چۈشىنەلمەيدۇ ياكى ھېچنىمىنى ئەستە ساقلىيالماي قالىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نوتۇقنىڭ ئۇتۇغلۇق بولىشى شۇنچە ئازىيىپ، ئاخىرى ھېچقانداق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولماي قالىدۇ. سۆزلىمەكچى بولغان مەزمونلار قانچىكى كۆپ نەرسىلەرگە چېتىلىدىغان بولىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن پسىخولوگىيە جەھەتتىمۇ نىشانغا شۇنچە دەل تېگىدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
مەسىلەن ئالايلۇق، گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە ھەجۋى گېزىتلىرىنىڭ قىلغىنىدەك دۈشمەننى كۈلكىلىك قىلىپ تەسۋىرلەش پۈتۈنلەي ئاخماقانىلىق ئىدى. چۇنكى بۇنداق تەسۋىرلىگەندە، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ جەڭ قىلىدىغان بىرسىگە دۈشمەن تەرەپنى ئەمەلىيەتكە قەتئىي ماس كەلمەيدىغان ئاجىز بىر كۈچ دەيدىغان خاتا تەسىراتقا كەلتۈرۈپ  قويىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، نېمىس ئەسكىرى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەن تەرەپنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن تاقابىل تۇرىۋاتقانلىق غەيرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارغا دۈشمەن ھەققىدە تەلىم بېرىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇچىغا چىققان يالغانچى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ئالدىنقى سەپكە كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىش، ئۇلارغا زەربە بېرىش غەيرىتىنى كۈچەيتىش ئورنىغا ھەممىدىن ۋاز كېچىدىغان ئۈمىدسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئەمما ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قانات يايدۇرغان ئۇرۇش تەشۋىقاتى پسىخولوگىيە جەھەتتە بەكلا مۇۋاپىق كېلىدىغان تەشۋىقاتلار ئىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆز خەلقىگە نېمىسلارنى ياۋايى، قانخور، ھۇنلاردەك ۋەھشى قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى قورقۇنۇشلۇق ئۇرۇش مۇھىتىغا كۆندۈرۈشنى مەقسەت قىلىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكەرلىرىنى ئۈمىتسىزلىككە پېتىپ قېلىشتىنمۇ ساقلانغان. ئۇ ئەللەردە دۈشمىنىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز ئەسكەرلىرى دۈچ كېلىدىغان قورقۇنۇشلۇق قۇراللاردىن ئالدىن-ئالا خەۋەردار بولىشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق ئەسكەرلەر ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۈشمەنگە بەرگەن باھالىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، دۈشمىنىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىمۇ ئارتىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ جەڭ مەيدانىدا دۈچ كەلگەن دۈشمىنىنىڭ ھۇنلاردەك قۇرقۇنۇچلۇق ۋەھشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قۇراللىرىنىمۇ بۇرۇندىن بىلىدىغان قورقۇنۇشلۇق، دۈشمىنىنىڭمۇ ياۋايى نەرسىلەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرگەن ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان قۇراللىرىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق قۇراللار ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئىسىگە كەلتۈرەلمەس ھالغا كەلگەن. نەتىجىدە، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەن ھەققىدە ئۆزلىرىگە ئىزچىل تۈردە توغرا مەلۇمات بېرىپ گەلگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، نېمىس ئەسكەرلىرىدىكى ئەھۋال دەل بۇنىڭ تەتۈرسىچە بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ، شۇنىڭدىن كېيىن بېرىلىدىغان ھەرقانداق بىر تەلىماتنى يالغانچىلىق، قايمۇقتۇرۇلۇش دەپ چۈشىنىدىغان ھالغا كېلىشتى. بۇنىڭ بىر سەۋەبى شۇكى، ئادەم مىجەزىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان كىشىلەرنىڭلا تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنالايدىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بولماي، ھەرقانداق بىر ئىشەكمۇ تەشۋىقات بىلەن شوغۇللىنالايدۇ دەپ، تەشۋىقاتنى بەكلا ئاددى چاغلىغانلىقىمىزدۇر.
نېمىس تەشۋىقاتى، يوقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغان تەبىقىدىكىلەرنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاجىئەلىك مىسال بولۇپ قالماقتا. بۇ ئوقۇغانلار تەبىقىسى پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش قابىلىيىتى قەتئى يوق كىشىلەردىن بولغاچقا، بۇنداقلارنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كۈتكەننىڭ دەل ئەكسىچە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. كۆزىنى يۇمىۋالماي ئەستايىدىللىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلەرگە نىسبەتەن، بۇ تۆت يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە دولقۇنسىمان داۋام قىلىپ كەلگەن دۈشمەن تەشۋىقاتىدىن ئېلىنىدىغان تەجرىبە ساۋاقلار بەكلا كۆپ بولدى.
بۇ جەھەتتە بەكلا خاتا چۈشىنىۋېلىنغان ئىشتىن بىرسى شۇكى، شوغۇللىنىۋاتقان ھەرقانداق بىر پائالىيەت ۋە نىشانلانغان بىر ئىشتا سىستېمىلىق شەكىلدە بىرلا ئىش ئۈستىگە مەركەزلىشىش شەرت. بۇ شەرت، تەشۋىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتىدۇر. ئەڭ مۇھىم شەرت ھېساپلانغان، زۆرۈرى بولغان ئالدىنقى شەرتلەردىن بىرسى بولغان بۇشەرتنى ھېچكىم چۈشەنمەي چەتكە قايرىپ قويغان. بۇ جەھەتتە ئۇرۇش باشلانغان كۈنلەردىن تارتىپلا شۇنداق كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزۈلدىكى، بۇنداق ئاخماقانىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقى سەۋەپ بولغان دېيىشتىن گۇمانلىنىشقىمۇ ھەققىمىز بار. مەسىلەن، بىرەر سوپۇننى ماختاش ئۈچۈن بېرىلگەن بىر ئېلان سەنئىتىنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، بۇ رېكلامدا بۇ سوپۇندا بار بولغان ئەۋزەللىكلەر باشقا ھەرقانداق بىر سوپۇندىمۇ بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنغان بولسا، بۇ ئېلان سەنئىتىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى قالىدۇ؟ بۇنداق بىر ئېلان سەنئىتىنى كۆرگەنلەر باش چايقاپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىتىمىزدىكى ئەھۋالمۇ دەل بۇنىڭغا ئوخشايتتى.
تەشۋىقاتنىڭ غايىسى، ھەر تۈرلۈك پارتىيىلەرنىڭ ياخشى ياكى ناچار تەرەپلىرىنى تەڭ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بەلكى ئۆزىمىز تەرىپىدىكى پارتىيىنىڭ ئەڭ ياخشى پارتىيە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارە تەشۋىق قىلىشنىلا مەقسەت قىلغان بولىشى كېرەك. بۇ يەردىكى مەقسەت، پۈتۈن ئەھۋالنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى، پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغان ئەھۋاللارنىلا ئوتتۇرغا چىقىرىپ تونۇتۇش بولىشى كېرەك. يەنى، مەقسەتنى بۇ شەكىلدە بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋېلىش بەلكىم بەزى بىر كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە يېقىشى، ھىمايە قىلىۋاتقان نەرسىسىنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئاق نىيەتلىك بىرەر پىكىر دەپ سۇنۇلىشىنى ئارزۇ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما تەشۋىقات، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بولىشىنى، ئۇنىڭدىن قايىل بولىشىنىلا قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئۇرۇش جىنايەتچىسى مەسىلىسىدە بالا-قازانى يالغۇز گېرمانىيىنىڭ ئۈستىگىلا ئارتىپ قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى پەش قىلىپ تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ خاتالىقلاردىن بىرى ئىدى. ئەسلىدە قىلىدىغان ئىش، بۇ جىنايەتنى قىلچە زىرىكمەي دۈشمەن تەرەپكە ئارتىپ قويۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم ئىدى.
بۇنداق چالا تەدبىرلەر قانداق نەتىجە بەردى؟
بىر مىللەتنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى ھەرگىزمۇ سىياسىيونلاردىن، قانۇن پروفىسسورلىرىدىن ۋە ياكى ھۆكۈم چىقىرىش سالاھىتىگە ئىگە كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئەمەس. خەلق ئاممىسى، ئادەتتە گۇمانخور، دەرھال بىر قارارغا كىلەلمەيدىغان، ئىككىلىنىپلا يۈرىدىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. بىز قانات يايدۇرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىمىزدا دۈشمەن تەرەپنى راستقا چىقىرىدىغان كىچىككىنە بىر پۇرسەت بېرىدىغانلا بولىدىكەنمىز، خەلق ئاممىسى بۇنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ دەرھال بىزدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خەلق ئاممىسى دۈشمەن تەرەپنىڭ ھەقسىزلىكى قەيەردە ئاخىرلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىز نەدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماس ھالغا كېلىپ ئۈمىتسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. قىسقىسى، خەلق ئاممىسى ھەق-ناھەقنى كەسكىن پەرقلەندۈرەلىگىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس. ئەگەر دۈشمەنلەر بىزنىڭكىلەردەك بۇ تۈردىكى خاتالىشىشقا يول قويماي بارلىق گۇناھنى بىز تەرەپكە ئارتىپ قويغىدەك بولغىنىدا، ئەھۋالىمىز تېخىمۇ بەتەرلىشىپ خەلقنىڭ گۇمانلىنىشى ھەسسىلەپ ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، خەلقىمىز بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىزغا ئىشەنمەيدىغان، دۈشمەن تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرغان تەشۋىقاتلىرىغىلا ئىشىنىدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال پۈتۈن نەرسىلەرگە ئوبىكتىپلىق كۆزى بىلەن قاراشقا ئادەتلەندۈرۈلگەن بىر خەلقتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋالدۇر. چۇنكى، خەلق ئاممىسى نېمىس مىللىتى بىلەن گېرمان دۆلىتىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ دۈشمەنلىرىگە بىرەر ناھەق مۇئامىلە قىلماسلىققا تىرىشىدىغان مىجەزلەرنى شەكىللەندۈرىۋېلىشى مۇمكىن.
خەلق ئاممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى روھىي ئالاھىدىلىك ۋە مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ئاياللارغا خاس مىجەزدە بولغاچقا، ئادەتتە ئەقلىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا ھېسسىياتىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشقا مايىل كېلىدۇ.
ھېسسىياتىغا تايىنىپ مۇئامىلە قىلىش ئىشى ئۇنچە بەك مۇرەككەپ ئىشمۇ ئەمەس؛ بۇنداق ھەرىكەتلەر بەكلا ئاددى، بەكلا چەكلىك بولۇپ، ئۇنداق ئىشلاردا نازۇك پەرقلەر بولمايدۇ. ئۇلار ياخشى كۆرۈش ياكى ئۆچمەنلىك قىلىش، ھەقلىق ياكى ھەقسىز، راست ياكى يالغان، ياخشى ياكى يامان دەپلا كېسىپ مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بۇ جەھەتتە يېرىم-ياتا ماقۇل بولۇش دېگەن گەپ بولمايدۇ. ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل كىشىلىرى ئىشنىڭ بۇ تەرىپىنى ئىنتايىن ياخشى بىلەتتىكەن. ئۇلار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولماي قالغىنىدىمۇ ئۇنىڭ ئورنىغا ئازىراق بولسىمۇ گۇمان پەيدا قىلىپ قويىدىغان بىرەر تەشۋىقات تەدبىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى ھەرگىز ئۇچرىتالمايمىز. دۈشمىنىنىڭ كوللىكتىپ پسىخولوگىيىسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر پاكىت شۇكى، ئۇلار تەشۋىقاتنى ئىنتايىن رەھىمسىزلىك بىلەن قانات يايدۇرىدۇ. ئۇلار بۇنداق ۋەھشىيانە تەشۋىقاتقا تايىنىپ ئالدىنقى سەپتە ئېغىر مەغلوبىيەتكە دۈچ كەلگىنىدىمۇ، ئەسكەرلىرىنىڭ روھى ھالىتىنى قەتئىي ساغلام تۇتۇشقا لازىملىق ھەممە نەرسىنى ئوتتۇرغا قويىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىدا، نېمىس مىللىتىنى بۇ ئۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر جىنايەتچىسى دەپ ئېلان قىلىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى بۇنىڭغا تىپىك بىر مىسال بولالايدۇ. ئۇلار بۇ تۈردىكى ئەڭ ۋەھشى يالغانچىلىقلارغا تايىنىپ ئەخلاقسىزلارچە، بىر تەرەپلىمە ھالدا تىنماي ۋارقىرىشىپ، ھېسسىياتىغىلا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەددىدىن ئارتۇق ھېسسىياتچان ۋە ئىشنىڭ ئاسىنىنى تاللاشقا ئادەتلەنگەن جامائەتىمىز چۈشىنەلەيدىغان نەرسىلەرنى ھە دەپ تەشۋىق قىلىشاتتى. نەتىجىدە، بىزنىڭكىلەرمۇ بۇ تۈردىكى چوڭ يالغانلارغا ئىشىنىپ كېتىۋىرىدۇ. تۆت يىلدىن كېيىنمۇ دۈشمەن تەرەپ روھى جەھەتتىن قىلچە بۇزۇلماي ساق قېلىپ، بىزنىڭكىلەرنىڭ ئېغىر تارمار كەلتۈرۈلگەنلىك ئەمىلىيىتىلا دۈشمەننىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بىزنىڭكىلەر قانات يايدۇرغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ دۈشمەننىڭكىدەك ئۇنداق نەتىجە بەرمىگەنلىكىگە ھەيران قېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىزدىكى تەشۋىقاتلار ئىچكى قالايماقانچىلىقلار سەۋەبىدىن تەسىر كۆرسىتەلمەس ھالغا كەلگەن ئىدى. مەزمون جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، بىز تەرەپنىڭ تەشۋىقاتلىرى خەلق ئاممىسىغا كۈتكەن تەسىر پەيدا قىلىشتىن بەكلا يىراق ئىدى. بىزنىڭ تايىنى يوق دۆلەت رەھبەرلىرىمىز ئۆلۈمگە يوللايدىغان ئادەملىرىنى ئاغزىغا رەم بولۇپ كەتكەن تېنچلىقپەرۋەرلىك سۆزلىرىگە تايىنىپ مەست قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ يۈرىشەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ تۈردىكى قىلچە قىممىتى يوق تەشۋىقاتلارنىڭ قىلچە پايدىسى بولمايلا قالماستىن ھەتتا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ئەگەر بىرەر تەشۋىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئورگان ھەر دائىم ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ئاساسلىق پىرىنسىپلارغا بوي سۇنمايدىغانلا بولىدىكەن، قالغان ھەر قانچە داھىيانە تەدبىرلەرنى قوللانسىمۇ بۇ تەشۋىقاتنى نەتىجىلىك قانات يايدۇرۇشقا قىلچە پايدىسى بولماي نەتىجىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق. ئەسلىدە، تەشۋىقاتتا گەپنى بەك ئاۋۇتۇپ يۈرمەسلىك، ئەمما تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە چەكلىك دائىرىدىكى مەزمونلارنىلا تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دىمەكچى بولغان گەپنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ كىشىلەرنىڭ مىڭىسىگە قۇيىۋېتىش كېرەك ئىدى. باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا كۆرۈلگىنىدەك بۇ ئىشتىمۇ سەبىرچانلىق بىلەن زىرىكمەي تەكرارلاش، تەشۋىقاتتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم شەرتىدۇر. تەشۋىقاتقا مەسئۇل بولىدىغان ئورگانلارنى ئىستېتىكچىلارنىڭ ياكى بولمىسا ئىش خوشاقمايدىغان قىتماللىشىپ كەتكەن، ھەممە ئىشنى سەل چاغلايدىغانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك. ئېستىتىك كۆزقارىشىدىكىلەر، يەنى ھەرقانداق بىر ئىشقا گۈزەل سەنئەت نوقتىسىدىن قارايدىغانلار كەڭ كۆلەملىك خەلق ئاممىسىغا تەسىر كۆرسىتەلىشىگە قارىغاندا ئەدىبىياتچىلار سالونىدىكى مودا قوغلىشىدىغانلارنى بەكرەك جەلىپ قىلالىشى، شۇلارغا بەكىرەك تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىنكى، ھەرگىزمۇ خەلق ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. بۇ تۈر تەشۋىقات ھەۋەسكارلىرىدىن ۋابادىن قاچقاندەك يىراق تۇرىشىمىز لازىم. چۇنكى ھېس-تۇيغىلىرى بولمىغان بۇ تۈردىكى كىشىلەر خەلق ئاممىسىنى ھاياجانلاندۇرۇش قولىدىن كەلمىگەچكە، كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرالىغىدەك يېڭى نەرسىلەرنى ئاختۇرۇشنىڭلا پېيىدا يۈرگەن بولىدۇ. ئاخىرى ھېچنىمىنى قولغا كەلتۈرەلمەي دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن زېرىكىپ، ھەممە نەرسىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، باشقىچە يېڭىلىق چىقىرىشنىڭ پىشىدىلا يۈرىدىغان بۇنداق كىشىلەر، تېخى بۇلغانمىغان زامانداشلىرى ئېھتىياجلىق بولغان تەلەپلەرگە يېتىشىپ بولالماي، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەڭگۈ بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنداقلار، تەشۋىقات مەزمونلىرىنى ياراتماي ئۇنى ۋاقتى ئۆتكەن ئادەتتىكى نەرسىلەر دەپ تەنقىتلەشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر تەشۋىقات ئۈچۈن ھەر دائىم يېڭى نەرسە ئاختۇرش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، خەلق ئاممىسى ئۆزلىرى ياراتقان سىياسىي ئۇتۇقلارنى چەكلەشكە ئۇرۇنىدىغان ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۇنكى بۇنداقلارنىڭ تەشۋىقات گۇرۇپپىسى بىلەن تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنىڭ دېگىنىچە ھەرىكەت قىلىنىدىغانلا بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئورنىغا ھەممىنى پارچىلاپ توزىتىۋېتىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
تەشۋىقات خىزمىتى ھەممە ئىشنى سەل چاغلايدىغان بىر ئۇچۇم ئۇششاق بايۋەتچىلەرنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىرەر ھادىسىنى بىلدۈرۈش، كىشىلەرنى بىرەر ئىشقا قايىل قىلىش ۋە خەلق ئاممىسىنى قولغا كالتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان بولىشى كېرەك. ئەمما خەلق ئاممىسىنى بىرەر نەرسىگە قايىل قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. خەلق ئاممىسىنىڭ چۈشىنىش جەريانى بەكلا ئاستا روي بېرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرەر مەسىلىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىتقا ئېھتىياجى بار. يەنى، خەلق ئاممىسى ئادەتتە ئەڭ ئاددى چۈشەنچىلەرنىمۇ نۇرغۇن قېتىم تەكرارلاپ ئۇقتۇرغاندىلا ئاران قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن.
تەشۋىقاتنىڭ مەزمونىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ھەرگىز ئۇرۇنماسلىق، ئوخشاش بىر مەزمۇننى قىلچە زېرىكمەي توختىماي تەكرارلاپ چۈشەندۈرۈش لازىم. بىرەر پارولنى ھەرخىل سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولسىمۇ غايە بىلەن ئەندىزە داۋاملىق بىر خىل بولىشى لازىم. تەشۋىقات ۋەزىپىسى ئەنە شۇ چاغدىلا خەلق ئاممىسىنى قايىل قىلىپ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، شۇ ئارقىلىق ھەممىنى بىر يەرگە يىغىشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. ھەر دائىم بەلگىلىك مىقتاردا سادىق ھىمايىچىلار توپىنى تەييار تۇتۇش لازىم. بۇنداق زور بىر ھەرىكەتتە ئىزچىللىق بىلەن ھىمايىچى كۈچلەردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، شۇ چاغدىلا قولغا كېلىدىغان نەتىجىلەرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەندىلا ئىنتايىن زورئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ھەتتا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. مەيلى سودا ئىشلىرىدا بولسۇن ياكى سىياسىي ئىشلاردا بولسۇن، ھەر بىر ئېلان سەنئەت ئۇزۇن ۋاقىت ئىزچىل تەكرارلىنىپ تەشۋىق قىلىنغىنىدىلا نەتىجە كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
بۇ جەھەتتىمۇ دۈشمەن تەرەپنىڭ تەشۋىقات ئۇسۇلىنى ئۈلگە سۈپىتىدە پايدىلىنىشىمىزغا بولىدۇ. دۈشمەن تەرەپنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئىنتايىن ئاز مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار تەشۋىقاتىنى پۈتۈنلەي خەلق ئاممىسىغا قارىتىشقان. ئۇلار بۇ جەھەتتە زىرىكمەي-تېرىكمەي ئىزچىل تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئاساسلىق كۆز قاراشلار بىرلا قېتىم سىڭدۈرىۋېتىلگىنىدىن كېيىن، بۇ تۈر چۈشەنچە تا ئۇرۇش تۈگىگىچە قىلچىلىك ئۆزگەرتىلمەستىن ئۆز پىتى داۋاملاشتۇرىلاتتى. دەسلىۋىدە بىر قارىماققا ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان جەسسۇر پىكىرلەرنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق نەرسىلەردەك كۆرۈنىدىغان، كېيىن كىشىلەر قىزىقماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىدىغان نەرسىلەردەك قىلغىنى بىلەن، بۇ نەرسىلەر كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئىشەندۈرەرلىك ھالغا كىلەلەيدۇ. توت يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيىدە پارتىلاپ چىققان ئىنقىلاپقا قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە بۇ ئىنقىلاپ شۇئارىنى دۈشمەن تەشۋىقاتىدىن قوبۇل قىلىۋالغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەمما ئەنگىلىيىلىكلەر بۇرۇندىن تارتىپلا بۇ تۈردە بىر ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى مۆلچەرلىشىپ ئۇنىڭغا دەسمايە سېلىشقان ئىكەن: بۇ تۈردىكى مەنىۋىي قۇرال بىلەن ئۇتۇققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى پەقەتلا ئىزچىل تەشۋىقات ئۇسۇلىغا تايىنىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدىغان بىر ئىش بولۇپ، تەشۋىقاتنىڭ بۇ ئۇتۇغى ئۇنىڭغا سەرپ قىلىنغان بارلىق چىقىملارنى تولۇق تۆلەپ بېرەلەيتتى. يەنى، ئەنگىلىيىلىكلەر تەشۋىقات پائالىيىتىنى بىرىنچى ئورۇندىكى قۇرال دەپ تونىغان بولسا، بىزنىڭكىلەردە ئابرويىنى يوقۇتۇپ ئورنىدىن ئايرىلىش خەۋىپىگە دۈچ كەلگەن سىياسەتچىلەرنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئولجا دەپ قارالماقتا؛ ياكى بولمىسا ئاددى ۋە ساددا قەھرىمانلارغا يېزىق شەكلىدە سۇنۇلىدىغان جەڭ مەيدانى سۈپىتىدە كۆرمەكتە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، تەشۋىقاتتا ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلدۇق.

يەتتىنچى باب

سىياسىي ئىسىيان
گېرمانىيىدە بىزگە دۈشمەن دۆلەتلەر 1915-يىلىنىڭ كىرىشىدىن تارتىپلا تەشۋىقات پائالىيىتىگە كىرىشكەن ئىدى. 1916-يىلىدىن باشلاپ دۈشمەن تەشۋىقاتىنىڭ تەسىر-دائىرىسى بارغانسىرى كېڭىيىپ، 1918-يىلىغا كەلگىنىدە رەسمى بىر دولقۇن ھالىنى ئېلىپ پۈتكۈل گېرمانىيىگە يېيىلغان ئىدى. ئۇ يىللاردا بۇ تۈردىكى ئەقىدە ئوۋچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى كۆرسەتكەن تەسىرلەرنى قەدەممۇ-قەدەم كۈزىتىش ئىمكانىيىتىمىز يوق ئىدى (بەزى تەرجىمىلەردە بار ئىدى دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). گېرمانىيە قۇراللىق قىسىملىرى شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئاستا-ئاستا دۈشمەن تەرەپنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە پىكىر قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھالەتكە قارشى ھېچ بىر نېمىس ئوتتۇرغا چىقىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش خىيالىدا بولمىدى. گەرچە، ئارمىيىمىز ئەقىللىق ۋە قەيسەر قۇماندانلىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ ساھەدە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدا بۇنداق بىر كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا يارايدىغان ھېچقانداق بىر ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىيالىلارنىڭ قىلىشىغا تىگىشلىك بولغان بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ھەربىي قىسىملار بىۋاستە ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى پسىخولوگىيىلىك نوقتىدىن ئالغاندىمۇ مۇۋاپىق ھېساپلانمايتتى. بۇنداق بىر ھەرىكەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان كىشىلەر ئارمىيە ئىچىدىن چىققان بولماي ۋەتەن ئىچىدىكى پۇخرالار ئارىسىدىن چىققان بولىشى لازىم ئىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا تۆت يىلدىن بېرى ئۇنتۇلماس قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەن كىشىلەر ئارىسىدا بۇ خىل كۈرەشنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىش ئىمكانلىرى يەنىلا كۆپ ئىدى.
ئەمما ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە، ۋەتەننىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەت يېغىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنداق ئىقتىدارسىزلىققا، بۇ ۋەيرانچىلىقلارغا بىرەر دۆتلۈك سەۋەپ بولغانمىدى ياكى بىرەر جىنايەت سەۋەپچى بولغان؟
1918-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى مارن دەرياسىنىڭ جەنوبىي قىرغىقىدىن چېكىنىپ چىققان ۋاقتىمىزدا نېمىس تەشۋىقات ئورگانلىرى شۇنداق رەزىل، كارغا كەلمەس دۆتلۈكنى ئىپادىلەشتىكى، ئىچىمدىن كۈنسايىن كۈچىيىپ قايناپ چىقىۋاتقان غەزەپ-نەپرىتىم بىلەن مۇنداق بىر سۇئال قويۇشتىن ئۆزەمنى تۇتىۋالالمىغان ئىدىم: ئارمىيىمىزنىڭ شۇنچە قەھرىمانلىقلىرىنى روھى جەھەتتىن شۇنچە سۇندۇرۇلۇشىنى توسايدىغانغا بىرەرسى چىقماسمىدۇ؟
1914-يىلى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ھۇجۇم بىلەن غەلىبىلىك ھالدا فرانسىيە تۇپراقلىرىغىچە باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقتىمىزدا فرانسىيە نېمە قىلالىغان ئىدى؟ ئىتالىيە، ئىسونزو ئۇرۇش سېپىدا مەغلۇپ قىلىنغان ۋاقتىدا نىمە قىلالىغان ئىدى؟ يەنە شۇفرانسىيە، 1918-يىلى باش باھاردا گېرمانىيە قوشۇنلىرى فرانسىيە سەپلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كۈچلۈك قۇۋۋىتىمىز بولغان يىراققا ئاتار ئېغىر زەمبرەكچىلىرىمىزنىڭ توپ ئوقلىرى پارىژ دەرۋازىسىغىچە يېقىنلاپ چۈشكىنىدە نېمە قىلالىغان ئىدى؟ ئۇلار پولكلىرىمىزنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئالدىراپ- سالدىراپ چېكىنىپ قېچىۋاتقان پولكلىرىنى ھاقارەتلىشىپ يەردىن يەرگە ئۇرغان، دۈشمەنگە غەزەپ-نەپرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ مىللىي ھېسياتلىرى نەقەدەر ئەۋجىگە چىققان-ھە! فرانسىيىلىكلەر خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر قەلبىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغان تەشۋىقات دېگەن بۇ قۇرالنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەسكەرلىرىگە بىز چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز ۋە چوقۇم غەلبە قىلىشىمىز كېرەك دەيدىغان ئىشەنچىنى قايتا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلمىگەنمىدى؟ ئەگەر تەڭرى مېنى تەشۋىقات ئورگانلىمىزدىكى ئۇنداق جاسارىتى يوق ئاجىز ۋە دۆت كىشىلەرنىڭ ئورنىغا قويغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلالىغان بولاتتىم!
ئۇ يىللاردا، تەغدىرىم مەندىن يۈز ئۆرىگەن بولسا كېرەك دېگەن خىيالنى تۇنجى قېتىم كاللامغا كەلتۈرگەن ئىدىم. مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ھەرقانداق بىر نېگىرنىڭ ماڭا مەرھەمەت كۆرسىتىپ ئاتقان ئوقىدا تۈزۈك بىر خىزمەت كۆرسىتەلمەي تۇرۇپلا ئۈلۈپ كېتىشىم مۇمكىن بولغان بىر مۇھىتتا تۇراتتىم. ئەمما باشقا بىر ساھەدە، ۋەتىنىم ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى كۆرسىتەلىشىم مۇمكىن ئىدى. چۇنكى مەن شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئۇرۇش تەشۋىقاتى دېگەن بۇ ۋەزىپىنى نەتىجىلىك ئورۇندىيالىشىمغا تولۇق ئىشىنىدىغان غورۇرلۇق بىرسى ئىدىم. ئەپسۇس ئىچىدە شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەنكى، مەن ئۇ يىللىرى ھېچكىم كۆزگە ئېلمايدىغان ۋە ھېچكىم تونىمايدىغان ئاددى بىر سولدات، سەككىز مىليون ئەسكەرنىڭ يوقلىما جەدۋىلىدە ئارانلا بىر قۇر ئەسكەرلىك نومۇرۇم يېزىلىپ قالغان كۆزگە چېلىقمايدىغان ئاددىي نېمىس ئەسكىرى ئىدىم! شۇنداق بولغاچقا، ئۇ چاغلاردا ئۈنۈمنى چىقارماي تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى قولۇمدىن كېلىشىچە تولۇق ئورۇنداشقا تىرىششتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى.
1915-يىلى ياز ئايلىرىدا دۈشمەننىڭ تارقاتقان تۇنجى تەتۈر تەشۋىقات كىتاپچىلىرى قولىمىزغا چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى. كىتاپچىلاردا يېزىلغان مەزمۇنلار ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان گەپلەردىن كۆپ پەرق قىلىپ كەتمەيتتى. پەقەت يېزىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ئىزاھاتلىرىدىلا بەزى يېڭىلىقلار كۆزگە چېلىقاتتى: بۇ كىتاپچىلاردا گېرمانىيىدە ئاچارچىلىق يامىراپ كىتىۋاتقانلىقى، بۇ ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بىر ئۇرۇش بولىدىغانلىقى، بۇ ئۇرۇشنى يېڭىپ چىقىش ئىھتىمالىمىزنىڭ بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇنداق بولغاچقا ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىنىڭ تېنچلىق تەلىۋى شىددەت بىلەن ئارتىپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇنىڭغا قارىماي كايزەر (پادىشاھ) بىلەن مىللىتارىستلارنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايۋاتقانلىقى، بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولغان پۈتۈن دۇنيا خەلقى نېمىس خەلقىگە قارشى تۇرىۋاتقان بولماستىن − ئەلىۋەتتە بۇ تەرىپىنى ئۇلار بەكلا ياخشى بىلەتتى − بەلكى بىردىن-بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى بولغان كايزەرگىلا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى، تېنچلق سۈيەر ئىنسانىيەت ئالىمى بۇ ئىنسانىيەت دۈشمىنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمىغىچە بۇ ئۇرۇشنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقى، ئۇرۇش ئاخىرلاشقىنىدا لىبىرالىزىمچى، دېموكراتىيىچى خەلقلەر نېمىس مىللىتىنى دۇنيا تېنچلىقپەرۋەرلەر قاتارىغا قوشىۋالىدىغانلىقى، “پرۇسىيە مىللىتارىزىمى” ئاغدۇرۇلمىغىچە دۇنيا تېنچلىقىغا ھەرگىزمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، … دېگەندەك نەرسىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
ئۇلار بۇ دېگەنلىرىنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش، ئۇنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك، تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ بروشورلاردا خۇددى ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئۇيدۇرما شەخسى خەت-چەك نۇسخىلىرىنىمۇ مىسالغا ئېلىپ كۆرسىتىشكەن ئىدى. گويا بۇ خەتلەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەندەك تۇيغۇنى پەيدا قىلىشقا تىرىشىلغان ئىدى. ئەمما ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىلەر بۇ بروشورلاردا دېيىلگەنلەرنى مازاق قىلىپ كۈلىشەتتى. بۇ كىتاپچىلار ئوقۇلغاندىن كېيىن باش قۇماندانلىق شىتابىغا ئىۋەرتىپ بېرىلەتتى. شۇنداق قىلىپ بىر قېتىملىق شامال بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بروشورلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇچۇرۇپ كەلگەن كۈنلەرگىچە بۇ ۋاراقلاردا يېزىلغانلار ھەممىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرىلىپ بولاتتى. دۈشمەن تەرەپ بۇ تۈردىكى بروشورلارنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئايروپلاندىن چېچىپ تارقىتىشاتتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۈردىكى بروشورلاردا دېيىلگەن بىر نوقتا پۈتۈن ئۇرۇش سەپلىرىدە كىشىنى چۈچۈتكىدەك يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئالدىنقى سەپلەردە، باۋارىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان بارلىق قىسىملاردا بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلار پرۇسىيىلىكلەرگە قارشى ھاقارەت قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەسلى جىنايەتچىلىر پرۇسىيىلىكلەر دەيدىغان گەپلەرنىڭ ئېقىپ يۈرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ بروشورلاردا باۋارىيىلىكلەرگە ھېچقانداق بىر دۈشمەنلىكى يوقلىقىنى، ئەمما باۋارىيىلىكلەر پروسىيىلىكلەر ئۈچۈن ئۆزىنى بىھۇدە ئوتقا ئاتماقچى بولسا ئۇلارغا قىلچە ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدى.
بۇ تۈردىكى غەلىتى گەپ-سۆزلەر 1915-يىلىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. قىسىملار ئوتتۇرسىدا پرۇسىيىگە قارشى بۇزغۇنچىلىقلار، دۈشمەنلىكلەر، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئارتىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەيلى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا بولسۇن ياكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا بولسۇن ھېچقانداق بىر تەدبىر ئېلىنمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئادەتتىكى بىر خاتالىق ياكى سەل قارىلىشتىن كېلىۋاتقان بىر ھادىسىگە زادىلا ئوخشىمايۋاتاتتى. شۇ سەۋەپتىن، مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن يالغۇز پرۇسىيىلىكلارلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل نېمىس مىللىتى چوقۇم بۇ سەل قاراشنىڭ جازاسىنى تارتىشقا مەجبۇر بولاتتى. بۇنىڭ زىيىنى يالغۇز پرۇسىيىلىكلەرگىلا كېلىپ قالماي، پۈتكۈل نېمىس مىللىتىنى زىيانغا ئۇچۇرىتىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۇنكى بااۋارىيىلىكلەرمۇ پرۇسىيىلىكلەرگە ئوخشاش نېمىس مىللىتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى ئىدى. يوقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، دۈشمەن تەشۋىقاتى 1916-يىلىدىن باشلاپ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپ، ھەقىقەتەنمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئەندىلىكتە، ۋەتەن ئىچىدىن بىۋاستە كېلىۋاتقان يىغىزار بىلەن يېزىلغان مەكتۈپلەرمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ تۈردىكى خەت-چەكلەرنى دۈشمەن تەرەپ بىۋاستە ئالدىنقى سەپلەرگە كۆپەيتىپ تارقىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. قىزىق يېرى، ھۆكۈمىتىمىز بۇ تۈردىكى ھادىسىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق بىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرنى ئويلاشمىدى. بۇنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىر قىسىم ئاخماقانە ئاگاھلاندۇرۇشلارلا ئېلان قىلىندى. ئەمما ئالدىنقى سەپتىكىلەر خۇددى دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاش بۇ تۈردىكى زەھەرلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچىراشقا باشلايدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا بەزى ئاخماق خوتۇنلار ئەنە شۇنداق خەتلەرنى ئىۋەرتىشنى زادىلا توختاتمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازغان بۇ تۈردىكى زارلىنىش خەت-چەكلىرى دۈشمەن تەرەپنىڭ مەنپەتىگە پايدا كەلتۈرىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىلچىمۇ ئويلاشمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ۋەتەن ئىچىدە تارتىۋاتقان ئازاپلىق كۈنلىرىنىڭ دەردىنى ئالدىنقى سەپلەرگىمۇ يېيىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەنگە ۋاستىلىق خىزمەت قىلىپ بەرمەكتە ئىدى. نېمىس ئاياللىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئويلىماي يازغان ئاخماقانە خەتلىرى ئالدىنقى سەپلەردە يۈزمىڭلىغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولدى. ئاخىرىدا، 1916-يىلى مېنى ئەنسىرەتكەن ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەر ئەنە شۇ تېرىقىدە يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. ئالدىنقى سەپلەردە ئەسكەرلەر ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك غۇدۇراشلار كۆرۈلىشكە باشلايدۇ. ھەر تۈردىكى سەۋەپلەردىن ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ قورقۇنۇشلۇق بىر ۋەزىيەتنى شەكلىللەندۈرمەكتە، ھەتتا بەزىدە ئۇششاق-چۈششەك توپىلاڭلارغىمۇ سەۋەپ بولماقتا ئىدى: ئەسكەرلەر ئالدىنقى سەپلەردە ئاچارچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىشكە چىداپ تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان بالا-چاقىلىرىمۇ ئۆيىدە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە ئىدى. ئەسلىدە ۋەتەننىڭ بەزى بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ھەشەمەتلىك ئۇيۇن-تاماشىلار، بۇزۇپ چېچىشلارمۇ كۆپ ئىدى. ھەتتا بۇ جەتتىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىككە دائىر ئىشلار ئالدىنقى سەپلەردىمۇ دېگەندەك ياخشى باشقۇرۇلماي كېلىنمەكتە ئىدى. شۇڭا، ئەسكەرلىرىمىز بۇ تۈردىكى ھادىسىلارنى تىلغا ئېلىپ غۇدۇراشقا، ھەتتا ئۇششاق-چۈششەك ئىسيانلارغىمۇ سەۋەپ بولۇپ بەرمەكتە ئىدى.
قىسقىسى، دۆلەت ئەربابلىرىچە ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قاراپ كېلىنگەن بۇ تۈردىكى ئىچكى مەسىلىلەرنىڭ كۆرىلىشىگە ئەگىشىپ بوھرانمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىلەر شۇنچە غۇدۇراشقانلىرىغا، ئاچچىغىنى بېسىۋالالماي سەكرەپ كېتىشلىرىگە قارىماي، بۇ ئاچچىقلىرىنى بىردەمدىلا ئۇنۇتۇپ خۇددى ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئۈنىنى چىقارماري ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كىرىشىپ كېتەتتى. دەسلىۋىدە بۇ تۈر ھادىسىلاردىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈرگەن قىسىمىمىز، بىر پاتقاقلىق پوزىتسىيىسىنى مۇداپىيە قىلىش ۋەزىپىسىگە تەقسىم قىلىنىدۇ. قىسىمدىكىلەر خۇددى گېرمانىيىنىڭ تەغدىرى مۇشۇ بىر قانچە يۈز مېترلىق پاتقاقلىققا باغلىنىپ قالغىنىدەك يەرگە چىڭ مىخلىنىپ ئۇ يەرنى جان تىكىپ قوغداشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقى پېتى قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ بۇ يەرنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشماقتا ئىدى.
ئەنە شۇ چاغدا، تەغدىرىمدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بىر ئىستىھكام بىلەن يەنە بىر ئىستىھكام ئوتتۇرسىدا چېپىپ يۈرۈگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالدىنقى سەپ بىلەن ۋەتەن ئوتتۇرسىدىكى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان چوڭ پەرقنى تونۇشۇم ئۈچۈن بىر پۇرسەت كەلگەن ئىدى. 1916-يىلىنىڭ سىنتەبىر (ياچاق) ئاخىرلىرىدا قىسىمىمىز سوممې جېڭىگە كىرىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. بۇ ئۇرۇش، قىسىمىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا زامانىۋىلاشقان شىددەتلىك جەڭلىرىمىزنىڭ بىرىنچىسى ھېساپلىناتتى. ئۇ چاغدا كۆرگەنلىرىمنى بۇ يەردە تەپسىلى تونۇشتۇرىشىم شۇنداق تەسكە توختايدۇكى، شۇ قېتىملىق جەڭنى بىر ئۇرۇش دېگەندىن كۆرە، ئۇنى بىر دوزاق ئازاۋى دېگەن تۈزۈك. توختىماي توپقا تۇتىلىۋاتقان نېمىس ئۇرۇش سېپى نەچچە ھەپتىگىچە پوزىتسىيىسىنى قولدىن بەرمەي ساقلاپ تۇرالىدى. توغرا، بەزىدە قىسمەن چېكىنىشكە مەجبۇر قالغان ۋاقىتلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەمما كېيىن يەنە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ قىلچە بوشاشمىدى. دۈشمەن، سېپىمىزنى زادىلا بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. مەن 7-سىنتەبىر (ياچاق) كۈنى ئۇرۇشتا ياردار بولدۇم. تەڭرىگە شۈكرى، پويىزلىق ئۇرۇش سېپىدىن ئايرىلىپ ئارقا سەپكە − گېرمانىيىگە قاراپ ياردارلار ۋاگونىدا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتىم.
ئۇ كۈنلەر مېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغىنىمغا ئىككى يىل بولغان كۈنلەر ئىدى. ئەمما ماڭا بۇ ۋاقىت بەكلا ئۇزۇن، ئاخىرى يوقتەك بىلىنگەن ئىدى. گۇيا ھەممە كىشى ھەربى فورمىدىلا يۈرىدىغاندەك ھەممە كىشى ئەسكەر دەپلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يۈرگەن ئىكەنمەن. پۇخراچە كىيىنىپ يۈرگەن نېمىسلارنىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەنمەن. دالا دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلغان ۋاقتىمدا، يېنىمدا ياتقان بىر ياردار بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئايال سېسترانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىقىمدىن قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن ئىدىم − مەن ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر نېمىس ئايالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتاتتىم! كېيىن بىزنى ۋەتەنگە ئېلىپ ماڭغان پويىزغا ياتقۇزدى. ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرىسىغا يېقىنلاشقانچە قەلبىمىزنى بىر تۈرلۈك غەم-ئەندىشە قاپلاشقا باشلىدى. ئىككى يىل بۇرۇن ياش ئەسكەر سۈپىتىدە بېسىپ ئۆتكەن يەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى − برۇكسەل، لوۋايى، لىيېگە قاتارلىق جايلار گويا بىزنىڭ ئالدىمىزدىن پاراتتىن ئۆتكەندەك قاتار تىزىلىپ كەينى-كەينىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. ئاخىرى گېرمانىيە تەۋەسىگە يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى تۇنجى كۆرۈنگەن نېمىس ئۆيلىرىنىڭ ئىگىز تاملىرى بىلەن چىرايلىق ئىشلەنگەن پەنجىر تاقاق قاناتلىرىدىن تونىدۇق.
ئاھ ۋەتەن! ۋەتەنگە كىرىپ كەلگەن ئىدۇق!
بۇندىن ئىككى يىل ئاۋال، يەنى 1914-يىلىنىڭ نويابىرىدا (ئوغلاق ئېيىدا) چېگرادىن ئۆتۈپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغىنىمىزدا ئىچىمىزگە پاتمايدىغان بىر تۈرلۈك ھاياجان ۋە غۇرۇر بىلەن يولغا چىققان ئىدۇق. ئەندىلىكتە بولسا، پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ھېسىيات ئىچىدە، ۋەتەنگە ئۈن-تۈنسىز باقماقتا ئىدۇق. ھەممىمىز شۇنچە زور جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتىپ جان تىكىپ قوغدىماقچى بولغان ۋەتەننى قايتا كۆرەلىگەنلىكىمىزدىن خوشال بولۇپ ھاياجانلانماقتا ئىدۇق. ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆزىمىزگە تىكىلىپ قاراشلىرىدىنمۇ خىجىل بولۇپ كېتەتتۇق.
ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان كۈنۈمنىڭ ئىككى يىللىقى تولغان خاتىرە كۈنىسى، بېرلىن سىرتىدىكى بەلىتز ھەربى گوسپىتالىغا ياتقۇزۇلدۇم. بۇ نەقەدەر زور ئۆزگىرىش ھە؟ سوممې ئۇرۇش سېپىنىڭ جەھەننەم پاتقاقلىق ئاكوپلىرىدىن بۇ چىرايلىق بىنانىڭ ئاپپاق كىرلىكلەر بىلەن قاپلانغان كارىۋاتلىق بالىنىس ياتاقلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشماقتا ئىدۇق. دەسلەپكى كۈنلەردە بۇ كارىۋاتلاردا ئادەتتىكىدەك يېتىپ-قوپۇشقىمۇ جۇرئەت قىلالمىدۇق. بۇ يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىغا ئاستا-ئاستا كۆنۈشكە مەجبۇر بولدۇق.
ئەپسۇسكى، بۇ ماكان باشقا تەرەپلىرىدىمۇ يېپ-يېڭى بىر دۇنيا ئىكەندۇق: ئالدىنقى سەپتىكى ئارمىيەدە بار روھ بۇ يەردىكى نېمىس پۇخرالىرىدا يوق بولۇپ، ئارمىيىنىڭ روھى ھالىتى بۇ يەرگە كەلگىچە ئۆزگىرەپ باشقا بىر تۈسكە كىرىپ بولىدىكەن. مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئالدىنقى سەپتە ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئەھۋالنى بىلىپ قالدىم: بۇ يەردىكىلەر ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن، پەسكەشلىكلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ يۈرىشىدىكەن! ئالدىنقى سەپتە بىر مۇنچە غۇدۇراشلار بولۇپ تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ خىل مىجەزلەر ۋەزىپە ئادا قىلىشقا ھەرگىزمۇ توسالغۇ بولالمايتتى. بولۇپمۇ ئەسكەرلەرنىڭ بۇ تۈردىكى غۇدۇراش مىجەزى ھېچقاچان ئەسكەرلەرنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايتتى. ياق، ھەرگىز ئۇنىڭغا سەۋەپچى بولالمايتتى. ئالدىنقى سەپتە قورقۇنچاقلىق، پەسكەشلىك ھەر دائىم ھەممىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان قىلچە قىممىتى يوق نەرسىلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ يەردە بىرەر قورقۇنچاققا نەپرەتلىنىش ئىپادىسى بىلەن بىرەر قەھرىمانلىققا كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت كەسكىن ئايرىلىپ تۇراتتى. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان پەرقنى ھەممە ئېنىق بىلىپ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىدە بولىشاتتى. ئەمما بۇ دوختۇرخانىدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك دەل بۇنىڭ زىتى ئىكەن: قىلچىمۇ ھېسياتى بولمىغان، قۇتراتقۇلۇق بىلەنلا كۈنى ئۆتىدىغانلار ھەممىدىن بەكرەك يايراپ يۈرىشىدىكەن. ئۇنداقلار ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەڭ ئىسىل ئەسكەرنىڭ تۇتقان يولىنى، قەھرىمانلىق كۆرسىتىشلىرىنى كۈلكىلىك قىلىپ تەسۋىرلەشكە، شاڭخو قىلىشقا تىرىشىپ، قورقۇنچاق پەسكەشلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى ھەممىگە ئۈلگە بولۇشقا تىگىشلىك مىجەز دەپ ماختاپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدىكەن. ھەتتا بىر قىسىم شەرمەندىلەر قەھرىمانلىرىمىزغا ئەخلاقىي پەزىلەتتىن تەربىيە بېرىشكە ئۇرۇندى! ئەنە شۇنداقلاردىن بىرسى دوختۇرغانىدا يېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ قولىنى چېگرا سىمىغا سۈركەپ يارا قىلىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل قىلىپ كۆرسىتەلىگەنلىكىنى، ئەنە شۇ كىچىككىنە يارىسىنى باھانە قىلىپ پويىزغا چىقىۋېلىپ، تا بۈگۈنگىچە بالنىستىن چىقماي يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ماختىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ شەرمەندە ئالدىنقى سەپتىن ئەنە شۇنداق بىر ساختىپەزلىككە تايىنىپ قايتىپ كېلىۋالغان بىرنىمە ئىكەن. ئەمما بۇ ساختىپەز، ئۆزىنى يارىلاندۇرۇشقا قانداق جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى ماختاپ كۆپتۈرۈپ، خۇددى بىر ئەسكەرنىڭ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ قۇربان بولغانلىقىدىنمۇ ئاشۇرىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كاپشىشلىرىنى بەزىلەر ئۈن چىقارماي ئاڭلاپ ئولتۇرغان بولسا، بەزىلەر ئاڭلىماي كېتىپ قالاتتى. يەنە بىر قىسىملار ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ باش لىڭشىتىشىپ مەدھىلىگەنمۇ بولدى!
مەن بۇنداق مەخلۇقلاردىن قاتتىق يىرگىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئۇلارنى كۆرسەم غەزەپتىن مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كېتەتتى. قولۇمدىن نېمە ئىش كېلەتتى؟ بۇ يەردە بۇنداق ئوتقويرۇقچىلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا يول قۇيۇلىدىكەن. ئامال يوق. بۇ ھادىسىلەردىن مەسئۇل كىشىلەر چوقۇم خەۋىرى بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇنداقلارنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق بىر تەدبىر يوق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ داۋالىنىپ ئاران ماڭالىغىدەك بولىۋالغىنىمدىن كېيىن بېرلىنغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئالدىم. راس دېگەندەك قورقۇنۇشلۇق ئاچارچىلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. شۇنچە چوڭ ھەشەمەتلىك بىر شەھەر ئاچارچىلىق دەستىدىن تولغانماقتا ئىكەن. ھەممە يەردە نارازىلىقلار يامىراپ كەتكەن بولۇپ، ھەر تۈرلۈك ھەربىلىك ساھەلىرىدىكى پاراڭلارمۇ بايىقى دوختۇرخانىدا بولۇنغان گەپ-سۆزلەردىن ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. بۇلارغا قاراپ، بۇ تۈردىكى شەرمەندىلەر ئۆز كۆزقاراشلىرىنى تارقىتىشنىلا مەقسەت قىلىپ بۇ يەرلەردە ئايلىنىپ يۈرگەن بىرنىمىلەرمۇ قانداق دېگەن گۇمانغىمۇ كېلىپ قالاتتىم.
ميۇنخېندا ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ بەتەر، تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
داۋالىنىپ ساقايغىنىمدىن كېيىن بالنىستىن چىقىرىلىپ ئارقا سەپ تەمىنات باتالىيونىغا تەقسىم قىلىندىم. ئۇ چاغلاردا شەھەر تونۇلغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغان بولۇپ، ھەممە يەر رەنجىشلەر، كۆكەمىلىكلەر، تىل-ھاقارەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. ئارقا سەپ تەمىنات ئىسكىلاتىغا قارايدىغان باتالىيونىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ دېگىدەك ئىدى. بۇنىڭغا سەۋەپچى بولغانلار ئالدىنقى سەپتە بىرەر سائەتمۇ تۇرۇپ باقمىغان ئەسكەر چېنىقتۇرغۇچى ئوفىتسېرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سەپتە پىشىپ قىتماللىشىپ كەتكەن پىشقەدەم ئەسكەرلەرگە تۇتقان كۆرەڭلىكى قوشۇلۇپ كىشىنى بەكلا بىزار قىلىۋىتەتتى. ئۇلار ھېچ بىر ئىشنى پىشقەدەم ئەسكەرلەردەك مۇكەممەل بىجىرەلمەيتتى. شۇنىڭغا قارىماي كونا ئەسكەرلەرنى زادىلا ياراتمايتتى. دەرۋەقە، پىشقەدەم ئەسكەرلەرمۇ ئالدىنقى سەپلەردە كۆنۈپ كەتكەن بىر قىسىم ئىشنى ئاسىنىغا تارتىدىغان غەلىتە مىجەزلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى مىجەزلىرىنى بۇ يەردىكى باشلىقلار پەقەتلا بىلمەيتتى. بولمىسا، جەڭ كۆرگەن بۇنداق پىشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ مىجەزىنى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ باققان ئوفىتسېرلار بەكلا ياخشى چۈشەنگەچكە ئۇلار بىلەن پاتلا چىقىشىپ كىتەلەيتتى. ئەمما بۇ يەردىكىلەر ھەممە ئىشنى قىيىنلاشتۇرىۋەتىدىغانلاردىن ئىدى. بۇلاردىن باشقا، بۇ يەردىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت بەكلا خاراپ ھالەتتە ئىدى. ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى، بىر-بىرىنى قويۇش، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق ھۆنەرلەر بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار بۇ يەردە ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر دەپ قارىلاتتى. راستچىللىق بىلەن ساداقەتلىك بۇ يەردە ئاجىزلىق، ئاخماقلىق دەپ قارىلىدىكەن. بۇ يەردىكى بارلىق ئىشخانىلار يەھۇدىيلار بىلەن لىق تولدۇرۇلغان بولۇپ، كاتىپلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەكلا يەھۇدىي، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەكلا كاتىپ بولىۋالغاندەك مەنزىرە كۆرۈنەتتى. ئالدىنقى سەپتە بەكلا كام يولۇقىدىغان بۇ ‘تاللانغان ئېرق’ كىشىلىرىنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىدا شۇنچە كۆپ ئورۇنغا ئىرىشىۋالغانلىقىغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدە ئالدىنقى سەپتىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپ ئىكەنلىكىگە قاراپ ھەيران بولۇشتىن باشقا قولۇمدىن بىرەر ئىشمۇ كەلمەيتتى.
بۇ تۈردىكى ئەھۋالىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەپلەردە تېخىمۇ ۋەيرانە ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ يەرلەردە يەھۇدىي جامائىتى ھەقىقتەنمۇ “جىددىي ئېھتىياجلىق ئامىللار” قاتارىغا ئۆتىۋالغان ئىكەن. بۇ تۈردىكى ئۆمچۈكلەر گېرمانىيىنىڭ ھەممە يېرىنى تورلاپ، نېمىسلارنىڭ قېنىنى ئاستا-ئاستا ئىمىشكە كىرىشكەن ئىكەن. ئۇرۇش ماتېرىياللىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان شىركەتلەر ۋاستىلىق يوللار بىلەن ئەركىن قويىۋىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار مىللىي ئىگىلىككە ئەڭ ئاخىرقى زەرببە بېرىشنىڭ يوللىرىنى تېپىۋالغان ئىكەن. چەكسىز مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەممە كىشى قوبۇل قىلىپ بولغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، 1916~1917-يىلىنىڭ قىش پەسىلىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يەھۇدىي كاپىتالىنىڭ تېزگىنىگە كىرىپ بولغان ئىكەن.
ئۇنداقتا خەلق كىمدىن نەپرەتلىنىۋاتىدۇ؟
مەن شۇ چاغدا، ئەگەر دەرھال بىرەر چارە قىلىنمىغىنىدا پات ئارىدا ئېغىر بالا-قازا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن ئىدىم. يەھۇدىيلار نېمىس مىللىتىنىڭ تېرىسىنى شۆلۈپ قېنىنى ئىچىۋاتقان، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھۆكمۈرانلىقنى قولغا ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقىمىز پرۇسىيىلىكلەرگە قارشى كۈشكۈرتىلمەكتە ئىدى. ئالدىنقى سەپتە بەكلا ئاشكارە ئوتتۇرغا چىققان بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلار ئارقا سەپلىرىمىزدىمۇ ھېچ بىر قارشىلىققا ئۇچۇرىماي يېيىلماقتا ئىكەن. پرۇسىيىنىڭ يىمىرىلىشى، باۋارىيىنىڭ يۈكسىلىشىدىن كۆرە پرۇسىيىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدىن كېيىن باۋارىيىنىڭمۇ بىرلىكتە ھالاك بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىقىنى ھېچ بىر نېمىس خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي يۈرمەكتە ئىدى. بۇ تۈردىكى ھادىسىلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولاتتى. بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىلا يەھۇدىيلارنىڭ ئويناۋاتقان ئۇچىغا چىققان ھىلىگەرلەرچە ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى − پرۇسىيە دۈشمەنلىكىنى پەيدا قىلىشى − دىققىتىمىزنى يەھۇدىلاردىن باشقا تەرەپلەرگە بۇرىۋېتىش ئۈچۈن ئويناۋاتقان رەزىل شەيتانى ئۇيۇنى ئىدى. باۋارىيە بىلەن پرۇسىيە بىر-بىرسى بىلەن تۇتۇشىۋاتقاندا يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ بار-يوقىنى كۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ سىرىپ-سۈپۈرۈپ يالماپ يۇتماقتا ئىدى. يەنى، باۋارىيىلىكلەر پرۇسىيىلىكلەرگە قارشى كۈشكۈرتىلىۋاتقان بۇ پەيتلەردە يەھۇدىيلار ئىنقىلاپ پارتىلىتىش تەييارلىقىغا كىرىشىپ، باۋارىيە بىلەن پرۇسىيىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش پىلانىنى تۈزۈپ ھەرىكەت باشلىۋەتكەن ئىدى. مەن نېمىس ئىرقى ئىچىدىكى بۇ تۈر مەلئۇنلارچە ئوينالغان ئىتتىپاقسىزلاشتۇرۇش ئويۇنلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، مىيونخېنغا كىلىپلا ئالدىنقى سەپكە قايتىپ كېتىمەن دەپ ئىلتىماس سۇندۇم. ئەسلىدىنلا ميۇنخېنغا كىلەر-كەلمەي ئالدىنقى سەپكە قايتۇرۇلۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدىم. تەڭرىگە شۈكرى، ئاخىرى ئالدىنقى سەپكە قايتۇرۇلدۇم.
1917-يىلىنىڭ مارت (قوزا) ئېيىنىڭ باشلىرىدا قايتا بۇرۇنقى پولكىمغا قوشۇلىۋالدىم.

چوڭ ساتقۇنلۇق
1917-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگىنىدە قىسىملىرىمىز جەڭگېۋارلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەلەرگە چۈشۈپ قالغان ھالەتتىن قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان ئىدى. بارلىق جەڭچىلەر رۇسىيىنىڭ يىمىرلىشىدىن كېيىن قايتىدىن يېڭى ئۈمىدكە، جاسارەتكە ئېرىشمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئارمىيە ئىچىدە گېرمانىيە بۇ ئۇرۇشتا ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دەپ ئاخىرقى غەلىبىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدىغانىلىقىغا بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغان ئىدى. بۇ ئىشەنچ پۈتۈن قوشۇنلارغا كېڭىيىشكە باشلىدى. شۇنداق بولغاچقا قايتىدىن جەڭگىۋار مارشلار ئوقۇلۇشقا باشلىنىپ، يامان خەۋەر تارقاتقۇچى قاغىلارنىڭ سايىسىمۇ ئوتتۇرلۇقتا كۆرۈنمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن، ھەممە كىشى ۋەتەن ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تىكلىگەن ئىدى.
بولۇپمۇ 1917-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا ئىتالىيىنىڭ تارمار كەلتۈرۈلىشى بىلەن، بارلىق جەڭچىلەر زور دەرىجىدە ئۈمىدلەنگەن ئىدى. بۇ غالىبىيەت، رۇسىيە ئۇرۇش سېپىدىن باشقا يەرلەردىمۇ چوقۇم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەر چىن قەلبىدىن غالىبىيەت ئىشەنچكە تولغان بولۇپ، 1918-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىنى خاتىرجەم بولۇپ ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن دۈشمەن تەرەپنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئۇ يىلقى قىش ئايلىرى نېمىس قوشۇنلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا باشقا يىللاردىكىدىن خېلىلا خاتىرجەم ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمما بۇ خاتىرجەملىك، بوران-چاپقۇننىڭ ئالدىدىكى جىمجىتلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەندۇق.
ئالدىنقى سەپتىكىلەر ئاخىرى چىقمىغان بۇ ئۇرۇشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غالىبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. كەينى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئارقا سەپ تەمىنات بۇيۇملىرى بىلەن ئەسكەرلەر غەربىي فرونتقا يۆتكەلمەكتە، قىسىملار ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن بويرۇق تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باشلىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاخبارات توپلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. دەل شۇ پەيتتە، گېرمانىيىدە ئەڭ پەسكەش ئويۇن ئوينىلىدۇ.
ئۇلار گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتا غالىپ چىقىشىنى ھەرگىز خالىمايتتى! ئۇرۇشتا نېمىسلارنىڭ غالىپ كېلىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ ئەسكەرلەر تۇغ كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان، ھەممە كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 1918-يىلى كىرىۋاتقان بىر پەيتتە، نېمىس دۈشمەنلىرى نېمىسلارنىڭ ئەتىيازلىق ئومۇمىي يۈزلۈك قايتارما ھۇجۇمىنى تېخى باشلاتماي تۇرۇپلا زاكىسىدا بۇغۇپ تاشلاش، شۇ ئارقىلىق غالىبىيەتكە ئېرىشەلمەس قىلىۋېتىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە باشلايدۇ: ئوق-دورا ۋە ئارقا سەپ تەمىنات سېپىدىكىلەرنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىش تاشلاپ نامايىش قىلىشقا قوزغايدۇ!
ئەگەر بۇ قېتىمقى نامايىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بولسا ئىدى، نېمىس ئۇرۇش سەپلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنغان، نېمىسلار تۇغ كۆتۈرۈپ زەپەر تەنتەنىسى قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ۋورۋارتسنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھېساپلىناتتى. قۇرال-ياراق، ئوق-دورا يىتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن نېمىس ئۇرۇش سەپلىرى بىر نەچچە ھەپتىگە قالماي دۈشمەن تەرىپىدىن بۆسۈلۈپ تىرە-پىرەڭ قىلىنىشىغا ئىشەنگەن ئىدى! بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئومۇمىي ھۇجۇم يوق بولۇپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىنتېرناتسيۇنالچى كاپىتال كۈچلىرى گېرمانىيىنى تېزگىنى ئاستىغا ئېلىۋالالىغان، ماركىسىزمچىلارنىڭ ھىلىسىگە تايىنىپ مىللىتىمىزنى قايمۇقتۇرۇش غەرىزى ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولاتتى.
ئىنتېرناتسيۇنال كاپىتالىنىڭ ھۆكمۈرانلىقىنى تىكلىۋېلىش ئۈچۈن مىللىي ئىگىلىك ۋەيران قىلىنغان بولىشى لازىم ئىدى. مىللى ئىگىلىكنىڭ ۋەيران بولىشى بولسا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاخماقلىقى ۋە نادانلىقى سەۋەبىدىن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن خائىنلىق قىلىشى سەۋەبىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىشى كېرەك ئىدى.
ئەمما ئۇلار ئىشەنچ قىلىپ كېلىۋاتقان ئوق-دورا تەمىنات سېپىدىكى نامايىش ئۇلارغا بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىنى بەرمىدى. ئالدىنقى سەپتىكىلەرمۇ ئارقا سەپ ياردىمىدىن مەھرۇم بولمىدى. چۇنكى بۇ قېتىمقى نامايىش ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئوق-دورىلىرى تۈگەپ ئۇرۇش سەپلىرىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇدەك ئۇزۇن داۋاملىشالمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەت جەڭگىۋارلىققا ئىنتايىن ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئالدىنقى سەپتىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەسكەرلەر ئارىسىدا مۇنداق سۇئاللار تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ: ۋەتەندىكىلەر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى خالىمىغان بولسا، ئارمىيىمىز يەنە نىمىگە ئۇرۇشنى توختاتمايدۇ؟ شۇنچە زور يوقۇتۇلۇش بىلەن شۇنچە ئېغىر پىداكارلىق كۆرسىتىشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار ۋە كىم ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قازانماقچىمىز؟ غەلىتە ئەھۋال، جەڭچىلەر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىمىز دەپ جەڭ قىلىۋاتسا، ۋەتەندىكىلەر نامايىش قىلماقتا ئىدى! يەنە بىر سۇئال: بۇنچە غەلىتى ئۇرۇنۇشلار دۈشمەنگە قانداق تەسىر پەيدا قىلار؟
1917~1918-يىل ئارىسىدىكى قىش ئېيىدا دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش سەپ ئاسمىنىنى قارا بۇلۇتلار قاپلاشقا باشلايدۇ. دۈشمەن كۈچلىرى تۆت يىلدىن بېرى دىۋىدەك كۆرۈنگەن بۈيۈك گېرمانىيە كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ دىۋىنى يېقىتالمىغان ئىدى. ئەمما بۇ بۈيۈك كۈچنىڭ پەقەت بىرلا قولى كارغا كەلمەكتە بولۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلا قولى بىلەن ھەم قالقان تۇتۇشقا، ھەم قېلىچىنى قېنىدىن چىقىرىپ ھېلى غەرپكە، ھېلى شەرققە ھېلى جەنۇبقا شىلتىشقا مەجبۇر قالغان ئىدى. مانا ئەندى بۇ بۈيۈك كۈچ كەينى تەرىپى بىلەن يېقىنىدىكىلەردىن بىخەتەر ھالغا كېلىپ قول-پۇتلىرى كىشەندىن قۇتۇلغان بىر ۋەزىيەتكە ئېرىشكەن ئىدى. نېمىسلار دۈشمەنلىرىدىن بىرسىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن دەريا-دەريا قان تۆكۈشكە مەجبۇر بولغان بولسا، مانا ئەمدى قالقان بىلەن قىلىچىنى بىرلەشتۈرۈپ غەرپ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ كەمگىچە دۈشمەنلىرى ئۇنى يېڭەلمەي دائىم زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، قايتارما ھۇجۇم باشلىنىپ قېلىشتىن بەكلا قورقاتتى. چۇنكى، ئەمدى ھۇجۇم قىلىش نۆۋىتى تەبىئىي ھالدا نېمىسلاردا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا نېمىسلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىشنىڭ كويىدا ئىدى. دۈشمەنلەر ئەندى گېرمانىيە غالىپ كېلىدىغان بولدى دېيىشىپ قورقۇپ غالىلداپ تىترەشمەكتە ئىدى.
لوندون بىلەن پارىژدا كەينى-كەينىدىن مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆز خەلقىنى گېرمانىيە ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلوپ بولىدۇ دەيدىغان گەپلەرگىمۇ ئىشەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، بۇ كۈنلەردە ئۇلار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنالىشىمۇ بەكلا تەسكە توختايتتى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئالدىنقى سەپتىمۇ دۆلىتىدىكىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى غەرب ئىتتىپاقداش ئەسكەرلەرنىڭمۇ ھاياجىنى پەسىيىپ، پۈتۈن ئۇرۇش سەپلىرىدە ئېھتىيات، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ كىبىرلىك قىياپىتى بىلەن ھەددىنى بىلمەس مىجەزلىرى ئۇشتۇمتۇتلا يوقۇلۇپ يۇۋاشلىشىپ، ئەسكەرلىرىنىڭ كۆزلىرىدە بىر تۈرلۈك غەم-ئەندىشە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەندى ئۇلارنىڭ نېمىس ئەسكەرلىرىگە بەرگەن باھالىرى ئۆزگەرگەن ئىدى. بۇ كۈنگە كەلگىچە، ئۇلار نېمىس ئەسكەرلىرىنى چوقۇم مەغلوپ بولىدىغان بىر توپ تەلۋىلەر دەپ قاراپ كەلگەن بولسا، ئەندىلىكتە ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇسىيە قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرگەن بىر كۈچ تۇرماقتا ئىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانىسىنى ئىزچىل تۈردە شەرققە قاراتقانلىقى ھەقىقەتەنمۇ داھىيانە بىر قارار ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. مۇنداق قارىماققا، نېمىسلا ئۈچ يىلغىچە توختىماي رۇسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۈزۈك بىر نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىگەندەك كۆرۈنۈشنى بەرگەن ئىدى. شۇڭا دۈشمەنلەر گېرمانىيە رۇسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ دېيىشىپ قاتتىق مازاق قىلىشقان ئىدى. ئۇلار، رۇسىيە سان جەھەتتىكى ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ گېرمانىيىنى چوقۇم بىر كۈنى مەغلۇپ قىلىدۇ دەپ ئىشەنگەن ئىدى. بۇ جەرياندا گېرمانىيە ئېغىر زىيانغا ئۇچىراپ بەكلا كۆپ قۇربان بېرىپ، ئاخىرىدا ئاجىزلاپ مەغلوپ بولىدىغانلىقى ئېنىق دەپ قاراشقان ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتى بۇ دېيىلگەنلەرنى تەستىقلاپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
1914-يىلى سىنتەبىردىن (ياچاقتىن) باشلاپ تاننېنبېرگ ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن ئۇرۇس ئەسىرلىرى كەينى ئۈزۈلمەي ئىزچىل تۈردە گېرمانىيىگە توشۇلۇشقا باشلىغان كۈندىن بۇيان، بۇ روس ئەسىر يۆتكەش ئىشى بىر كۈنمۇ توختىماي داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، بۈيۈك چارۇسىيە ئىمپىرىيىسى تارمار كەلتۈرۈلگەن ھەر بىر ئۇرۇس قىسىملىرىنىڭ ئورنىنى يېڭى قۇربانلىق قوشۇنلىرى بىلەن تولۇقلاپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. گېرمانىيە بۇنداق بىر بەسلىشىشتە يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلىشى مۇمكىن؟ گەرچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە گېرمانىيە ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقالىسىمۇ، رۇسلار تېخى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرمىغان تۈگىمەس زاپاس قوشۇنلىرىنى ئالدىنقى سەپكە توشۇپ كەلسە ھالسىرىغان گېرمانىيە يەنە قايسى ئەسكىرى بىلەن تاقابىل تۇرالايتتى؟ بۇنداق بىر ۋەقە قاچان يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ بۇ تۈردىكى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، روسلارنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقىشى ئۈچۈن بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىۋاتىدۇ دەپ قارالماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئاخىرقى غەلىبە چوقۇم روسلارغا مەنسۈپ بولىشى مۇقەررەر دېيىشەتتى.
مانا ئەندى ئانتانتا تەرەپتىكىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىرىمۇ توزۇپ كەتكەن، ئورتاق مەنپەتلەر ئۈچۈن قۇربان بەرگەن، ئەڭ چوڭ پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەن بىر ئىتتىپاقدىشى بارلىق كۈچىدىن ئايرىلىپ يېڭىلمەس رەھىمسىز بىر كۈچنىڭ ئالدىدا تەڭ كېلەلمەي تارمار بولۇپ توزۇپ كەتكەن ئىدى. ئەندى ئۇلار كېلىدىغان باھار يەنە نىمە پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرار دەپ قورقۇپ ئەنسىرەشمەكتە ئىدى. مانا ئەندى ئۇلار بۈگۈنگىچە نېمىسلارنى يېڭەلمىگەن ئىكەن، غەرپ ئۇرۇش سېپىغا جايلىشىۋالغان بۇ قەھرىمان دۆلەت بارلىق كۈچى بىلەن غەرپكە قاراپ ئاتاكىغا ئۆتۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنى يېڭىشكە قانداقمۇ كۆزى يەتسۇن!
جەنۇبى تىيرول تاغلىرىنىڭ سايىسى دۈشمەن كۆزىگە قوش كۆرىنىپ تەھدىت سالىدىغان بىر دىۋىدەك خىرىس قىلىپ تۇرماقتا ئىدى. فلاندرېسنىڭ تۇمانلىرى ئاستىدا كادورنانىڭ ئېغىر مەغلوبىيەتكە ئۇچۇرىغان قوشۇنلىرىنى ئېغىر غەم باسقان بولۇپ، ئۇلار ئەندى ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقىمىز دەيدىغان خىيالنىڭ ئورنىغا قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنگەن تارمار كەلتۈرۈلۈش قورقۇنچى ئاستىدا ئىڭىرىماقتا ئىدى.
سوغۇق شامال ھوۋۇلدىغان ئۇ قىش كىچىلىرىدە نېمىس ئالدىنقى يۈرۈش قىسىملىرى دۈشمەن مۇداپىيە سېپىنى بۈسۈپ ئۆتۈش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىۋاتقان، بۇ ھۇجۇم پىلانىدىن خەۋەردار بولغان دۈشمەن قوشۇنلىرى قاتتىق غەمدە قالغان بىر پەيتتە، گېرمانىيە تەۋەسىدىن قىزىل بىر يالقۇن كۆتۈرىلىشكە باشلاپ، ئومۇمى يۈزلۈك ئىش تاشلاش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ ئوت يالقۇنى نېمىس قوشۇنلىرى تۇرىۋاتقان ئەڭ يىراقتىكى توپ ئوقلىرى ئۇيىۋەتكەن ئازگاللارنى ئاكوپ قىلىپ ياتقان نېمىس ئەسكەرلىرىگىمۇ چېچىراشقا باشلايدۇ. يەنى، نېمىس قىسىملىرىغا ئومۇمىي يۈزلۈك قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بويرۇقلار بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيىدە ئومۇمىي يۈزلۈك نامايىش ھەرىكىتى قوزغىلىدۇ!
بۇ ۋەقە كۆرۈلگەن دەسلەپكى پەيتلەردە ھەممە كىشى ھەيران بولۇپ جىمىپ كەتتى. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي دۈشمەن تەشۋىقاتچىلىرى چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ، سائەتلەر 12 گە داڭ ئۇرىشى بىلەن تەڭ گېرمانىيىدىن كەلگەن بۇ ياردەمگە پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ ئېسىلىدۇ. ئۇلار دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ يوقۇلۇش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان جەڭگىۋارلىق ئىرادىسىنى باشقىلاتىن جانلاندۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇلار بۇ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ھادىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇشتا چوقۇم نېمىس ئارمىيىسى ئۈستىدىن غالىپ چىقىدىغان بولدۇق دەپ ئىشىنىپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ پەيتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشلاردىن بىرسى بولىدىغان نېمىس ئارمىيىسىنىڭ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان پولكلارغا بۇ ئۇرۇشنىڭ تەغدىرى نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ قايتارما ھۇجۇمىغا باغلىق بولماستىن، بەلكى بۇ قايتارما ھۇجۇمغا ئەستايىدىللىق بىلەن تاقابىل تۇرالىشىمىزغا باغلىق دەيدىغان بىر تۇيغۇنى بېرىشكە باشلىغان ئىدى. نېمىس قوشۇنلىرى ھەرقانچە غالىپ كەلگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىپ بارغىنىدا ساناقسىز ئۇرۇشلاردا يېڭىپ چىقىپ غالىبىيەتتىن ھۇشىنى يوقاتقان بۇ نېمىس ئارمىيىسىنى تەنتەنە بىلەن كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھېچ كىم چىقمايدۇ، ئۇلارنى كۈتىۋاتقىنى ۋەتىنىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بىر ئىنقىلاپ بورىنى دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشمەكتە ئىدى.
ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى بۇ قاراشنى ئۆز مۇشتىرىلىرىنىڭ مىڭىسىگە قۇيۇشقا كىرىشىدۇ، ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلغان يەنە بىر تەشۋىقات، ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. “گېرمانىيە ئىنقىلاپ ھارپىسىنى ياشىماقتا!” “شۇنى كېسىپ ھۆكۈم قىلىمىزكى، پات يېقىندا ئانتانتا كۈچلىرى نېمىسلار ئۈستىدىن چوقۇم غالىپ كېلىدۇ!” ھارغىن غەرپ توممىيلىرى − ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ قىمىر قىلدۇرالماي قالغان پۇت-قوللىرىغا جان كىرگۈزۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلار ئىدى. ئەندى ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرى مىلتىق-پىلىموتلىرىغا، توپ-زەمبىرەكلىرىگە قايتىدىن چىڭ ئېسىلىپ نېمىسلارنى ئوققا تۇتۇشقا كىرىشەلىشى، قورقۇپ ئۆز سايىسىدىنمۇ ئۈركىگىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ ئۇرۇش سەپلىرىدىن كەينىگىمۇ قارىماي قاچقان بۇ مىتىلەر مانا ئەندى قايتىدىن ئۈمىدلىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئاتلىنىشى مۇمكىن ئىدى. گېرمانىيىدىكى ئوق-دورا، قۇرال-ياراغ ئارقا سەپ تەمىنات ساھەسى بويىچە پارتىلىغان بۇ نامايىش دۈشمەن سېپىدا ئەنە شۇنداق تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. گېرمانىيىدە يۈز بەرگەن بۇ پاجىئە ئانتانتا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر خەلقىنىڭ غالىبىيەتكە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى سەپلەردە ئۈمىتسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالغان ھارغىن ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن ئۈمىدلەندۈرمەكتە ئىدى. نەتىجىدە، نېمىس جەڭچىلىرى بۇ ئىش تاشلاشنىڭ بەدىلىنى مىڭلىغان جەڭچىلىرىنىڭ جېنىنى سېلىپ تولەشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما خەلقنى بۇ نامايىشقا كۈشكۈرتكەن ئۇ پەسكەش كىشىلەر ئەسلىدە گېرمانىيىدە قۇرۇلىدىغان ئىنقىلاۋىي ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى ئورۇنلىرىدىن مەۋقەگە ئېرىشىشكە نامزات كىشىلەر ئىدى.
گېرمانىيىدە بولسا نېمىس خەلقى بۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە بەرداشلىق بىرەلىگەندەك يەڭگىل كۆرۈنسىمۇ، دۈشمەن دۆلەتلەر بۇ ئىشتىن نۇرغۇن جەھەتلەردە پايدىلىنىپ كېتىدۇ. ئەندى ئۇلار ھەممىدىن مەھرۇم قالغان قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىركىشىش بىلەنلا رازى بولۇپ قالماستىن، يەنە نېمىس سەپلىرىنى شىددەت بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈش خىيالىنى قىلىشماقتا ئىدى. راس دېگەندەك، بارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك مۆلچەرلىرىگە ئاساسلانغاندا ئەگەر غەرپ ئۇرۇش سېپىدىكىلەر نېمىس قايتارما ھۇجۇملىرىغا يەنە بىر قانچە ئاي بەرداشلىق بىرەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇرۇشتا غەرپ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غالىپ كېلىشى مۇمكىن بولار ئىدى. دۈشمەن تەرەپنىڭ بارلىق پارلامېنتلىرى تېخىمۇ ياخشى ئىستىقبالنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن دەپ قارىشىپ، گېرمانىيىنى يىمىرىپ تاشلاش مەقسىتىدە قانات يايدۇرىلىدىغان تەشۋىقاتقا بۈگۈنگىچە ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ئىنتايىن زور مەبلەغلەر سېلىشقا باشلايدۇ.

ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر
مەنمۇ دەسلەپكى ئىككى قېتىلىق ھۇجۇم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمغا قاتنىشىش بەختىيارلىقىغا ئېرىشەلىگەن بىرسى ئىدىم. مەن قاتناشقان بۇ قايتارما ھۇجۇملار ئۆمۈرۈمدە كۆرگەن مىسلىسىز داغدۇغا پەيدا قىلىدىغان ۋە مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان ئەسلىمىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان جەڭ بولغان ئىدى. بۇ ھۇجۇمنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەپ ئاتىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش خۇددى 1914-يىلىدىكى ھۇجۇمغا ئوخشاش، مۇداپىيىلىنىش تۈسىدە ئەمەس بەلكى ھۇجۇم قىلىش خاراكتىرىدىكى بىر ئاتاكا ئۇرۇشى ئىدى.
دوزاقتەك بىر ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈچ يىل ئۆتكەندە بۇ جەرياننىڭ ھېساپ كىتاۋىنى قىلىش مۆرىتى بىزگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئاكوپلاردا، مىنا كۆمۈلگەن تار ئەگرى-توقاي يوللاردا نېمىس قىسىملىرى ئەركىن بىر نەپەس ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. غالىپ قوشۇنلىرىمىز يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ كۈتىرەڭگۈ روھ بىلەن ھۇجۇمغا ئاتلانغان، مەڭگۈلۈك پۇراق چىقىرىپ تۇرىدىغان ئارچا شاخلىرىدىن ياسالغان ئاخىرقى قېتىملىق تاجلار غالىبىيەت بىلەن بىزەلگەن بايراقلارغا تاقالغان ئىدى. يەنە بىر قېتىملىق يولغا چىققان قوشۇنىمىزنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغان پولكلىرىمىزدىن ياڭرىغان ۋەتەن مارشلىرى كۆك يۈزىگە تارقىلىپ ئەكىسسادا پەيدا قىلماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ تەڭرى بەلكىم بۇ قۇللىرىغا يەنە بىر قېتىم مەرھەمەت ياغدۇرغان ئىدى.
1918-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇرۇش سېپىدە كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدىغان بىر گەپ يامىراشقا باشلايدۇ. ۋەتەن ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىش ھەرىكەتلىرى پارتىلىغان ئىدى. بۇ نېمە گەپ ئەندى؟ قوشۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا بەكلا كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈرمەكتە ئىدى. يەنى بۇ ئۇرۇشنىڭ ھېچقانداق بىر غايىسى يوق، ئۇرۇشۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشقا پەقەت كالۋالارلا ئىشىنىدۇ دەيدىغان گەپلەر ئېقىپ يۈرمەكتە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەندە خەلققە قىلچە پايدىسى بولمايدىغانلىقى، بۇ ئۇرۇشتىن پەقەت كاپىتالىستلار بىلەن خاندانلىقلا مەنپەتتار بولىدۇ دېگەن گەپلەر تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئارقا سەپتىن كېلىۋاتقان بۇ تۈر شاۋقۇنلار قىسىملاردىمۇ مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولماقتا ئىدى.
بۇ تۈردىكى گەپ-سۆزلەر دەسلىۋىدە ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەر ئارىسىدا تۇلا بەك غۇل-غۇلا پەيدا قىلىپ كېتەلمىگەن ئىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ سايلامدا ئاۋاز بېرىشى بىزگە شۇنچە مۇھىم بولۇپ قالغانمىدى؟ ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش شۇنچىلىك مۇھىم بىر ئىشمىدى؟ بىز تۆت يېرىم يىلدىن بېرى ئەنە شۇنداق بىر سايلامنى دەپ ئۇرۇش قىلغانمىدۇق؟ بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. ئۇرۇشنىڭ مۇدداسىنى ئۆزگەرتىش دېگەنلىك، بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ قەۋرىدە ياتقانلارنىڭ ھەققىنى بىلىپ تۇرۇپ تارتىۋېلىش، ئۇپ-ئۇچۇق بۇلاڭچىلىق قىلىش دېگەنلىك بولاتتى. ياش ئەسكەرلەردىن يېڭى قۇرۇلغان پولكلار فلاندرې ئۇرۇشىدا جان تىكىپ ئاتاكىغا ئۆتكىنىدە “ياشىسۇن مەخپى ئاۋاز، ياشىسۇن سايلام!” دەپ شۇئار توۋلاپ چىققىنى يوق. ئۇلار “ھەممە گېرمانىيە ئۈچۈن!” دەپ جان پىدا قىلىشقان ئىدى. بۇ شۇئار ئۈچۈن جان پىدا قىلىش ھەرىكىتى كىشىنى ھەممىدىن بەك جەلىپ قىلىدىغان، مەڭگۈ ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدىغان بىر پىداكارلىق ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بۇ سايلامدا سايلىنىش ۋە سايلاش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرغا چىققانلار، سايلامدا يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەنلەر بىرەر قېتىم بولسىمۇ جەڭگە قاتناشقان كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئالدىنقى فرونتتىكى جەڭچىلەر − بۇ بەدبەخلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى. يارا ئىزلىرى بىلەن، چولاق ئاقساقلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىۋاتقان شەرەپلىك نېمىس ئەسكەرلىرى بۇ پارلامېنت دېپوتاتى دېيىلىدىغان ئەپەندىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ياخشى بىلەتتى (بەزى تەرجىمىلەردە پەقەتلا بىلمەيتتى دەپ ئېلىنغان − ئۇ.ت). بۇ تۈر پارلامېنت ئەزالىرى ئاق كۆڭۈل نېمىس خەلقىنىڭ ئارىسىغا بەكلا كام ئارىلىشىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. ئېبېرتنىڭ، شېيدماننىڭ، باردنىڭ، ليېبكنېختنىڭ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ يېڭىچە ئۇرۇش غايىلىرىنى ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان پىشقەدەم ئەسكەرلەر بەك ھىمايە قىلىپ كەتمەيتتى. مەنمۇ ئاكوپتىن ئېتىلىپ ئاتاكىغا ئۈتۈپ باقمىغانلارنىڭ ئارمىيىدىكىلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي، ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇنۇپ يۈرۈشلىرىگە زادىلا ئەقلىم يەتمىگەن ئىدى.
ئەمما مېنىڭ كۆزقارىشىم باشتىن تارتىپلا قىلچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى. بۇرۇندىن تارتىپلا بىر تىيىنغا ئەرزىمەس بۇ ھىلىگەر، ئالدامچى دىۋانە سىياسەتچىلەر گۇروھىدىن قاتتىق يىرگىنىپ كەلگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ مىللەت مەنپەتىنى غايە قىلغان بولماي، قۇرۇق يانچۇقلىرىنى پۇل بىلەن تولدۇرۇش مەقسىتىدىلا ھەرىكەت قىلىشىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بەكلا ئېنىق بىلەتتىم؛ ئۇلار يالغۇز ئۆز مەنپەئەتىنىڭلا كويىدا يۈرىشىدىغان، خەلقنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان تەييارتاپلار بولۇپ، مانا بۈگۈن، ئۇلارنىڭ يېنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن مىللەتنى پىدا قىلىۋېتىشكە، لازىم تېپىلسا ھەتتا گېرمانىيىنىڭ ۋەيران بولىشىغىمۇ ماقۇل ھالغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ تۈردىكى تەييارتاپلارنى قاتار تىزىپ دارغا ئاسىدىغان ۋاقت ئاللىمۇقاچان كېلىپ بولدى دەپمۇ ئويلاپ كىتەتتىم. ئۇلارنىڭ دېگىنىگە بوي سۇنۇش دېگەنلىك، بىر قانچە ئوغرىنىڭ مەنپەتىنى دەپ پۈتكۈل خەلقنىڭ، بارلىق ئىشچىلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىۋېتىش دېگەنلىك بولاتتى. بۇ يەنە ئاخىرقى ھېساپتا گېرمانىيىنى قۇربان قىلىش دېگەنلىك ئىدى.
ئۇرۇشقا قاتناشقان قىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ ئەنە شۇنداق ئويلايتتى. شۇنداقتىمۇ ۋەتەندىن كېلىدىغان زاپاس كۈچ بارغانسىرى كۆپىيىپ بارماقتا، ئەمما بۇ ياردەم كۈچلىرىنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى قوشۇنىمىزنىڭ كۈچىنى ئارتتۇرۇش ئورنىغا تېخىمۇ بەتەر ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا ئىدى. بولۇپمۇ مىيونخېندىن كېلىۋاتقانلارنىڭ قىلچىمۇ پايدىسى بولمايۋاتاتتى. بۇ ياشلارنى يپرېس ئەتىراپىدا بولغان ئۇرۇشقا ئىۋەرتىلگەندىن كېيىنكى پاجىئەگە قاراپ، بۇ ئەسكەرلەرنى بۇ ۋەتەننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكمۇ تەس ئىدى.
ئاۋغۇست (چايان) ئايلىرى بىلەن سىنتەبىر (ياچاق) ئايلىرىدا ئۇرۇش سەپلىرىدىكى يىمىرىلىش شەپىلىرى بارغانسىرى كۈچىيىپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بولمىسا دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان تىركىشىش بۇرۇنقى مۇداپىيىلىنىش ئۇرۇشلىرىغا قارىغاندا بەكلا ئاجىز ئىدى. بۇ ھۇجۇملارغا قارىغاندا سوممې ئۇرۇشى بىلەن فلاندرې ئۇرۇشلىرى بەكلا شىددەتلىك بولغان ئىدى. سىنتەبىرنىڭ (ياچاقنىڭ) ئاخىرلىرىدا بىزنىڭ قىسىم ياش پىدائىلار بىلەن قوشۇلۇپ چېكىنىپ چىققان يەرلەرنى ئۈچىنچى قېتىم قايتا ئىشغال قىلغان ئىدى.
ئۇ كۈنلەر ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل كۈنلەر ئىدى!
1914-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر (ئوغۇز) ۋە نويابىر (ئوغلاق) ئايلىرىدا، پولكىمىز تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇش تەجرىبىسىنى ئەنە شۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا بىزنىڭ پولك خۇددى تانسىغا چۈشكەندەك جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەلگەن ئىدى. پۈتۈن ئەسكەرلەر ۋەتەن ئىشقىدا، ۋەتەن مارشلىرىنى ياڭرىتىپ شۇ قېتىمقى جەڭ مەيدانىغا ئاتلانغان ئىدى. ئۇ چاغدا ئەڭ قىممەتلىك يىگىتلىرىمىز خوشاللىق ئىچىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دەپ ئۆزىنى پىدا قىلىشقان، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قانلىرى ئۇلۇق-ئۇلۇق ئاققان ئىدى. 1917-يىلىنىڭ ئىيول ئايلىرىدا، بىز ئۈچۈن قۇتلۇق بىلىنگەن بۇ تۇپراقلارغا قايتىدىن ئاياق باسماقتا ئىدۇق. بۇ تۇپراقلاردا تېخى بالا ياشتىكى ئەڭ ئېسىل سەبداشلىرىمىز ياتماقتا ئىدى. بۇ ياشلىرىمىز قەدىرلىك ۋەتىنىمىزنى دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ، ھاياجان ئىچىدە ئۆزىنى قۇربان قىلىشقان ئىدى!
پولكىمىزدىكى ئۇلار بىلەن بىرگە ئاتاكىغا چىققان بىزلەر، تا ئۆلگىچە ساداقەتلىك بىلەن، ئىتائەتمەنلىك بىلەن جەڭ قىلىمىز دەپ قەسەم بەرگەن بۇ مەيدانلاردا قۇربانلار ئۈچۈن ئىلاھى تۇيغۇ ئىچىدە سۈكۈتتە تۇرۇپ ماتەم تۇتۇپ ئۆتتۈق. ئۈچ يىل بۇرۇن پولكىمىز تەرىپىدىن ھۇجۇم بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بۇ يەرلەرنى مانا ئەمدى قاتتىق چىڭ تۇرۇپ ئۇرۇشۇپ مۇداپىيە قىلىشىمىزغا توغرا كەلمەكتە ئىدى.
ئۈچ كۈنگىچە داۋاملاشقان شىددەتلىك ئوققا تۇتۇلۇشىمىزدىن كېيىن، ئەنگىلىيىلىكلەر فلاندرېگە ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇم باشلاشقا تەييارلانماقتا ئىدى. شۇ پەيتتە ھەتتا ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىمۇ قايتىدىن تىرىلىپ گۆرىدىن چىقىپ كېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئىدى. پولكىمىز پاتقاقلىق يەرگە چىڭ چاپلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇلار ئاكوپلاردىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئازگاللاردا كۆمۈلۈپ قالغان بولسىمۇ بۇ پاتقاقلىقنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرمىگەن ئىدى. ئەمما بۇرۇنقىغا ئوخشاش، قوشۇنىمىزنىڭ ئادەم سانى بۇ قېتىممۇ بەكلا ئاز، سەپلىرىمىزمۇ شالاڭ ئىدى. ئاخىرى، 1917-يىلىنىڭ 31-ئىيول كۈنىسى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئاۋغۇست (چايان) ئېيى كىرىشى بىلەن قىسىملىرىمىز قايتا رەتلەندى. ئەسكىرى كۈچىمىز ئازىيىپ بىر نەچچە روتىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ روتىلار ھارغىن بىر ھالەتتە كەينىگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى. ھەممە پاتقاققا مىلەنگەن، خۇددى ئەرۋاھلارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىز كەتكەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى بىز تۇرغان يەردىكى يۈزلىگەن زەمبىرەك ئوقى ئۇيىۋەتكەن توپ ئوقى ئازگاللىرىدىكى جەسەتلەرنىلا كۆرەلىدى.
مانا بۈگۈن، 1918-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگىنىدە، 1914-يىلى ئۇمۇمىي ھۇجۇمغا ئاتلانغان يەرلىرىمىزگە ئۈچىنچى قېتىم قايتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇرۇن ئارىلىقتا دەم ئېلىپ ئۆتىدىغان كومىنېس كەنتى ھازىر رەسمىي بىر ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. ئەسلىدە ئۇرۇش مەيدانى ئۆزگەرمىگىنى بىلەن، جەڭچىلەر ئۆزگەرگەن، بۇرۇنقى ئەسكەرلەر ئەمەس ئىدى. ئەندىلىكتىكى باتالىيونلار سىياسىي ئىشلارغىمۇ ئارىلىشىدىغان بىر قوشۇنغا ئايلانغان ئىدى. ۋەتەندىن تارقىلىپ كەلگەن بۇ ۋابا ھەممە يەردە كۆرسەتكىنىدەك ئۆز تەسىرىنى بۇ يەردىمۇ كۆرسەتمەكتە ئىدى. بۇرۇنقى كۈنلەردىكى ۋەزىيەت بۈگۈن يوق ئىدى.
13-ئۆكتەبىردىن (ئوغۇزدىن) 14-ئۆكتەبىرگە (ئوغۇزغا) ئۆتىدىغان كېچىسى ئەنگىلىيە توپچىلىرى يپرېسنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش سەپلىرىدە زەھەرلىك گاز بومبىلىرىنى ياغدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئىشلەتكەن بۇ گاز بىر خىل سېرىق رەڭلىك زەھەرلىك گاز بولۇپ، ۋۇجۇدىمىز بۇ گاز بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قايسى شەكىلدە ۋەيران قىلىش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن پەقەتلا خەۋىرىمىز يوق ئىدى. مەن بۇ گازنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شۇ كىچىسى بىۋاستە بىلدىم. ۋېرۋىكنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئىگىزلىكتە، 13-ئۆكتەبىر (ئوغۇز) ئاخشىمىدىن باشلاپ نەچچە سائەتلەپ بۇ تۈر گاز بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق. بۇ ئاپەتلىك بومباردىمان ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ داۋاملىشىپ نەق بىر كىچە داۋام قىلدى. يېرىم كىچىدە بىر قىسمىمىزنى ئارقا سەپكە چېكىندۈرۈپ كېتىشتى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى يول ئۈستىدە قۇربان بولدى. مەنمۇ ئەتىگەن سەھەر ۋاقتىدا زەھەرلىك گاز تەسىرىدىن قاتتىق قىينىلىپ كەتتىم، ئەتىگەن سەھەر سائەت يەتتىلەردە ئاغرىقىم شۇنداق كۈچىيىپ كەتتىكى، دەلدەڭشىپ-سىپىلاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە كەينىگە چېكىندىم. كۆزلىرىم ئوت بولۇپ چىڭقىلىپ قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىماقتا ئىدى. ئۇرۇش مەيدانىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چېكىنمەكتە ئىدىم.
ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا كۆزلىرىم قارغۇ بولۇپ قالىدىغاندەك قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىشقا باشلىغان ئىدى. ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيتتىم. پۈتۈن جاھان قاپقاراڭغۇ بولۇپ بىلىنمەكتە ئىدى.
پاسېۋالك دوختۇرخانىسىغا ئەنە شۇ ھالىتىم بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما بۇ دوختۇرخانىدا ۋەتەندە سىياسى ئۆزگىرىش قوزغىتىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تېخىمۇ ئېغىر ئازاپ ئىچىدە قالدىم.

ساتقۇنلۇق ئۈستىگە ساتقۇنلۇق
خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئەتىراپ كىشىنى بۇرۇختۇرما قىلىدىغان چۈشىنىكسىز، يىرگىنىشلىك بىر روھى ھالەت ئىچىگە پۈركەنگەن ئىدى. ھەممە كىشى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بىرەر ئىش چىقىدىغانلىقى ھەققىدە بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ يۈرۈشسىمۇ، زادى نىمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئوتتۇرلۇقتا ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۈزلەردىن ئېنىق بىر نېمە ئۇققىلى بولمايتتى. دەسلىۋىدە، يۈز بېرىدىغان بۇ ئىشتىمۇ خۇددى ئەتىياز پەسلىدە يۈز بەرگەن نامايىشقا ئوخشاش بىرەر ھەرىكەت پارتىلىسا كېرەك دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم. كۆڭۈلسىز كوچا خەۋەرلىرى، بولۇپمۇ بىرەر قالايماقانچىلىق كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ئاساسەن دېڭىز ئارمىيىسى تەرەپتىن كەلمەكتە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، مەن بۇ تۈردىكى سۆز-چۆچەكلەرنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىش يۈز بېرىشىدىن كۆرە بىر قىسىم ياشلارنىڭ خام خىيالىدىن تۇغۇلغان بىرەر ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپلا پەرەز قىلغان ئىدىم. دوختۇرخانىدىكىلەر ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن دەپ ئۈمىدلەنمەكتە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچكىم ئېنىق بىر نېمە بىلمەيتتى. كۆزۈم تېڭىق بولغاچقا گېزىت خەۋەرلىرىنىمۇ ئوقىيالمايتتىم. نويابىرغا (ئوغلاققا) كەلگەندە، ۋەزىيەت بەكلا جىددى تۈس ئېلىشقا باشلاپ، ئاخىرى بىر كۈنى بالا-قازا تۇيۇقسىزلا بېشىمىزغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق! ئاپتوۋۇزلۇق كەلگەن دېڭىز پىلوتچىلىرى ئىنقىلاپ قوزغاشقا كۈشكۈرتىشكە باشلايدۇ. خەلقىمىزنىڭ “تەغدىرىنى، گۈزەللىكىنى، مەنپەتىنى، ئەركىنلىكىنى ۋە غورۇرىنى” (!) كۆزلەپ قوزغىتلماقچى بولغان بۇ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسىم ياش يىتەكچىلىرى ئارىسىدا يەھۇدىيلەرمۇ بار ئىدى. بۇ پەسكەشلەرنىڭ ھېچ بىرسى ئالدىنقى سەپنى كۆرمىگەن نەرسىلەر ئىدى. ئۇلار بىر كۆز دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق ئۇرۇشتىن يىراق تۇرىدىغان جايلارغا يوللانغان بىر نېمىلەر ئىدى. مانا ئەندى، ئۇلار بارغان يەرلىرىدە قىزىل پۇرۇشلارنى ئۆزلىرىگە بايراق قىلىۋېلىشقان ئىكەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزەمنى سەل تۈزەلگەندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. كۆز چانىقىمدىكى قاتتىق ئاغرىشلار بېسىققاندەك ئىدى. ئاستا-ئاستا ئەتىراپىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان ھالغا كېلىشكە باشلىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە بىر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشقا يارىغىدەك كۆرۈش ئىمكانىيىتىمنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدلىنىشكە باشلىدىم. شۇنداقتىمۇ رەسىم سىزالىغىدەك كۆرۈش قابىلىيىتىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن پەقەتلا ئۈمىدىم يوق ئىدى. كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا باشلىغان شۇ كۈنلەردە، بايىقى ۋەھىمىلىك ۋەقە پەيدا بولغان ئىدى.
ۋەتەنگە خىيانەت قىلىنغان بۇ ئىشنىڭ دەسلىۋىدە كىچىك بىر دائىرىدىلا يۈز بەرگەن بىر ئىش بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن. ھەتتا بىر قانچە سەبدىشىمنىمۇ بۇ پەرىزىمگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشپ باققان ئىدىم. بولۇپمۇ بالنىستىكى باۋارىيىلىك سەبداشلىرىم مېنىڭ بۇ قارىشىمغا بەكىرەك مايىللىق كۆرسەتمەكتە ئىدى (بەزى تەرجىمىلەردە قوشۇلمىدى دەپ تەرجىمە قىلىنغان − ئۇ.ت). پۈتۈن ئەتراپنى ئىنقىلاپ پۇراقلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق ساراڭلىقنىڭ ميۇنخېندىمۇ يېيىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئەقلىم ھەيران ئىدى. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ ھادىسە ۋىتتېلسباچ سارىيىدىكى ئىسىللەرگە كۆرسىتىلىۋاتقان ساداقىتىنىڭ، بىر نەچچە يەھۇدىينىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا ئىش يوق، شۇڭا، دېڭىز ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ قوللاپ بېرىشىدىن ئوتتۇرغا چىققان بۇ ئىسىيان پات يېقىندا چوقۇم بېسىقتۇرىلىدۇ دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ يۈرەتتىم.
ئەمما كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەن شۇ ۋاقىتقىچە دۈچ كەلمىگەن ئەڭ قورقۇنۇشلۇق كۈنلەرنى كۆرمەكتە ئىدىم. كوچا خەۋەرلىرى بارغانسىرى قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرمەكتە ئىدى. كوچىلار ۋارقىراپ-جارقىراپ غەلۋە قىلىشقانلار بىلەن تولۇپ بارماقتا، ھەممە تەرەپتە سىياسى ئۆزگىرىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى كۈنسايىن ئېنىق بولۇپ كۆرۈلمەكتە ئىدى. مەن، سارايدىلا يۈز بەرگەن بىرەر ھەرىكەت بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان بۇ ئىشنىڭ ئەسلىدە بىر قېتىملىق چوڭ ئىسيان ئىكەنلىكى ھەممە يەردە داۋراڭ قىلىنماقتا ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە، ئالدىنقى سەپتىن قاتتىق نۇمۇسىنى كەلتۈرىدىغان بىر شۇم خەۋەرلەر كېلىدۇ: گېرمانىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولماقچىمىش. ئاھ تەڭرىم، بۇ مۇمكىن بولىدىغان ئىشمۇ؟! 10-نويابىر (ئوغلاق) كۈنىسى ھەربىي قىسىملارغا مەنسۈپ بىر پوپ بىزگە قىسقا نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كېلىدۇ. بىز شۇ چاغدىلا يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋەر تاپتۇق. مەن ئۇ پوپنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاۋېتىپ غەزىۋىم شۇنچە قاتتىق ئۆرلەپ كەتكەن ئىدىكى، چىدىيالماي ئارانلا ئۆرە تۇراتتىم. ياشىنىپ قالغان بۇ غۇرۇرلۇق دىنىزات، بۇندىن كېيىن خوھېنزوللېر ئەۋلاتلىرىنىڭ بىزگە پادىشاھلىق قىلىش ھەققى قالمىغانلىقىنى، ۋەتىنىمىزدە بۇندىن كېيىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، بۇنداق سىياسىي تۈزۈم ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تەڭرى بىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش تەلىۋىمىزنى رەت قىلماسلىقىنى، كەلگۈسىدە بىزنى يىتىم قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە تەڭرىگە دۇئا قىلىشىمىز لازىملىقىنى سۆزلەۋاتقىنىدا ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپلا قالماي، ھەتتا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىمۇ غالىلداپ تىترەپ تۇراتتى. ئۇ ھۆرمەتلىك پوپ، خان سارىيىدىكىلەر ئۈچۈنمۇ بىر قانچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلماي تۇرالمىدى. بۇ پوپ، خاندانلىقنىڭ پومېرىيانيىدە، پرۇسىيىدە ۋە پۈتكۈل نېمىس يۇرتلىرىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى. بۇ ياشانغان كىشى سۆزلەپ بىر يەرگە كەلگىنىدە ئىچ-ئىچىدىن يىغلاشقا باشلىشى بىلەن تەڭ، بۇ كىچىك دوختۇرخانا زالدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرەكلىرى ھاياجاندىن قاتتىق گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. شۇنداق پەرەز قىلدىمكى، بۇ يەردە بولغانلارنىڭ ھېچ بىرسى چوقۇم يىغلىماي تۇرالمىدى. ئەمما بۇ ياشانغان كىشى قايتىدىن سۆزگە كىرىشىپ بىز ھازىر ئۇرۇشنى توختىتىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلەر قاتارىدا بولغانلىقىمىز سەۋەپلىك بۇندىن كېيىن ۋەتىنىمىز ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالىدىغان كۈنلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى، غالىپلارنىڭ دېگىنىگە ماقۇل دېيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇلارنىڭ ئالىجاناپ پەزىلىتىگە ئىشىنىپ ئۇرۇش توختۇتۇش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى سۆزلەۋاتقىنىدا، ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي ئۇ يەردىن دەرھال ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇشتۇمتۇت كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ بېشىم قىيىشقا باشلىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ يەر-بۇ يەرلەرنى تۇتقىنىمچە سەندۈرلۈپ يۈرۈپ بالىنىستىكى ياتىقىمغا ئارانلا كېلىۋالدىم-دە، دەرھال ئۆزەمنى كارىۋاتقا ئېتىپ ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان باش-كۆزۈمنى يوتقانغا چىڭ پۈركىدىم. ئانام ۋاپات بولغان تەزىيە كۈنىدىن بۇيان زادىلا يىغلاپ باقمىغان ئىدىم. بالا ۋاقتىمدا، تەغدىرىم ماڭا ئىچىنى ئاغرىتماي قاتتىق ئېغىر كۈنلەرنى بېغىشلىغان دەۋرلەردە ئۆزەمنى چېنىقتۇرۇپ كۈچلۈك ئىرادىلىك بىرسىگە ئايلانغان ئىدىم. ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇش يىللىرى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قەدىرلىك سەبداشلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتلاردىمۇ يىغلىمىغان ئىدىم. چۇنكى ئۆلگەن سەبداشلىرىم ئۈچۈن يىغلاش، مېنىڭ ئۈچۈن بىر ۋىجدانسىزلىقتەك، ئېغىر گۇناھتەك بىلىنگەن ئىدى. چۇنكى مېنىڭ ئۇ سەبداشلىرىم گېرمانىيە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقان ئىدى! مەن پەقەت ئەڭ ئاخىرقى قورقۇنۇشلۇق جەڭدە زەھەرلىك گاز بومبىسى ئارىسىدا قىلىپ كۆزلىرىم چانىقىدىن چىقىپ كەتكىدەك پولتىيىپ چىقىپ قالغىنىدىلا، ئەندى مەن كۆزۈم كۆرمەس قارغۇ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن دەپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىم. دەل شۇ پەيتتىمۇ مېنىڭ ۋىجدانىم ماڭا خۇددى چاقماق چۈشكەندەك گۈرۈلدەپ شۇنداق خىتاپ قىلغان ئىدى: “ھەي بىچارە نائەھلى، سېنىڭدىن مىڭ ھەسسە ئېغىر ئەھۋالدا قالغان مىڭلىغان سەبداشلىرىڭ ئالدىدا نالە قىلىشتىن نۇمۇس قىلمىدىڭمۇ!” بۇ خىتاپتىن كېيىن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم: تەغدىرىمگە بوي سۇنۇپ بېشىمغا كەلگەننى كۆرۈىمەن! ئەمما، بۈگۈنكى ئەھۋال ئۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى: بۈگۈن ۋەتىنىمنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەر ئالدىدا مېنىڭ بېشىمغا كەلگەنلەر نېمىگە ئەرزىيىتتى!
شۇنداق قىلىپ كۆرسەتكەن شۇنچە پىداكارلىقلىرىمىز، ھەممىدىن مەھرۇم يوقسۇللۇق ئىچىدە جاپا چېكىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكار كەتكەن ئىدى. شۇنچە ئۇزۇن يىل بىكاردىن-بىكارغا ئاچ-توق، سوسىز قېلىشقا بەرداشلىق بەرگەن ئىكەنمىز. دوزاق ئازابى تارتقىنىمىزغا قارىماي ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداپ كەلگەن ۋاقىتلىرىمىزنىڭ قىلچىمۇ قىممىتى يوق ئىكەندۇق. بۇ ئۇرۇشتا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق قۇربان بېرىشىمىزمۇ ھېچ نېمىگە دال بولالمىغان ئىكەن.
مەڭگۈ كەينىگە قايتمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاكوپلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ جەڭدە قۇربان بولغان يۈزمىڭلىغان جەڭچىلەرنىڭ قەبرىلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېچىلىپ يۆتكەپ كېلىنمەسمىدى؟ بۇ قەۋرىلەر ئېچىلىپ ئۇ يەردە ياتقان قانغا، پاتقاققا مىلەنگەن قىلچە زارلانمايدىغان قەھرىمانلىرىمىز خۇددى قىساسكار ئەرۋاھلاردەك ئادەم بالىسىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن پىدا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ بۇ پىداكارلىقلىرىنى مازاق قىلغان ۋەتىنىگە نارازى بولۇپ گۆرىدىن تۇرۇپ يۇپۇرلۇپ كېلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟ 1914-يىلىنىڭ ئاۋغۇست (چايان) ۋە سىنتەبىر (ياچاق) ئايلىرىدا جەڭچىلىرىمىز شۇنى دەپ ئۆزلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنمىدى؟ شۇ يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا پىدائىي ئەسكەرلەر پولكلىرى كونا جەڭچىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئاتاكىغا ئۆتىشىمۇ مۇشۇنداق بىر ئاقىۋەت ئۈچۈنمىدى؟ ئون يەتتە ياشلىق يىگىتلىرىمىز فلاندرېس توپراقلىرىدا مۇشۇنى دەپ ئۆلۈپ بەرگەنمىدى؟ سۈيۈملۈك ئوغۇللىرىنى قايتا مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئازاپقا چىداپ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە ئۇزۇتۇپ قالغان نېمىس ئانىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن بۇ پىداكارلىقلىرى پەقەت مۇشۇنداق بىر ئاقىۋەت ئۈچۈنمىدى؟ شۇنچە كۆپ كىشىلەربۈگۈنكى بىر ئۇچۇم كىشىلەرنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىۋالسۇن دەپلا شۇنچە زور پىداكارلىق كۆرسىتىشكەنمىدى؟ ئۇيقىسىز ئۆتكەن كېچىلەردە، مېڭىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھەربىي يۈرۈشلەردە ھالىدىن كەتكەن نېمىس ئەسكەرلىرى تۇمۇز ئىسسىقلاردا، قار-شىۋرىغانلىق زىمىستان سوغوقلاردا مۇشۇنى دەپ ئۇرۇش مۈشكۈلاتلىرىغا بەرداشلىق بەرگەنمىدى؟ ۋەتىنىنى دۈشمەندىن ساقلاشتىن باشقا ھېچنىمىنى خىيالىغا كەلتۈرمەي يالقۇن پۈركىگۈچ قۇراللاردا كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان، زەھەرلىك گاز ئازابىدا قىلچە زارلانمىغان جەڭچىلىرىمىز مۇشۇنى دەپ شۇنچە ئازاپ چەككەن بولغىيمىدى؟
ئەسلىدە بۇ قەھرىمانلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ بىرەردىن قەھرىمانلار خاتىرە ھەيكىلىگە لايىق جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ قەۋرە تېشىغا: “ھەي نېمىس يۇرتىغا سەپەرگە چىققان يولوۋچى، ۋەزىپىسىنى ساداقەتلىك بىلەن ئورۇندىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى پىدا قىلىپ بۇ تۇپراقلاردا ياتقان بىزدەك جەڭچىلەرنىڭ سالىمىنى ۋەتەنگە يەتكۈز!” دەپ يېزىلىشى شەرت ئىدى.
ئۇنداقتا، ۋەتەن ئۇلارغا نىمە قىلىپ بەردى؟ شۇنچە كۆپ قۇربانلىرىمىز ئۈچۈن ۋەتەننىڭ قىلىپ بەرگىنى شۇمىدى؟ گېرمانىيە ھۆرمەتكە لايىق بىر ئەل ئەمەسمىدى؟ ئۆز تارىخىمىز ئالدىدا بولسىمۇ بىرەر بۇرچىمىز يوقمىدى؟ ۋەتەننىڭ بۇ قىلغانلىرى شۇنچە پارلاق تارىخىمىزغا لايىق كېلەرمۇ؟ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا بۇ قىلغانلىرىمىزنى قانداق ئاقلاپ كۆرسىتەلەرمىز؟ ھەي پەسكەشلەر! نومۇسسىزلار! ھايۋانلار!
بۇ پاجىئەلەرنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن قانچىكى كۆپ ئويلانسام، بۇ نۇمۇسسىزلارنىڭ قىلغان پەسكەشلىكلىرىدىن نومۇس قىلىپ يۈزلىرىم شۇنچە بەك قىزىرىپ ئوت بولۇپ يېنىپ كېتەتتى. شۇنچە ئېغىر خائىنلىقنىڭ ئازاۋىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆزلىرىمنىڭ ئاغرىقى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس ئاغرىق ئىكەندۇق.
شۇنچە پاجىئەلىك كۈنلەرنى ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق كېچىلەر قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. ھەممىدىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزنى كۆرمەكتە ئىدىم. ئارىمىزدىكى ئاخماقلار بىلەن يالغانچىلار، ياكى رەھىمسىز مەخلۇقلارلا دۈشمەنلىرىدىن رەھىم-شەپقەت كۆتىشى مۇمكىن. ئۇ كېچىلەردە بۇ ۋەقەنى پىلانلاشقانلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ھېس قىلغان ئىدىم. بۇنداق پاجىئەگە سەۋەپ بولغۇچىلارغا ئۆچمەنلىك قىلمايدىغان كىم بار؟ شۇ كۈنلەردە، ئۆزەمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستىقبالىم ھەققىدىمۇ بىر پىلان تۈزۈشۈم لازىملىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ كۈنلەردە ئۆزەمنىڭ ئىستىقبالىمدىن غەم يەپ كېتىشىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ. بۇنداق بىر ۋەتەنگە بىنالارنى سېلىپ گۈللەندۈرىمەن دېيىش كۈلكىلىك بىر ئىش بولماسمىدى؟ مېنى بەكلا ئەنسىرەتكەن، ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ ئويلىغىنىمدا ئۇنداق بولىشىغا ھەرگىز ئىشەنگىم كەلمەيدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەرگەن ئىدى!
يارىشىپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ ماركىسىزمچىلارنىڭ مەسئوللىرىغا تۇنجى قېتىم قول بەرگەن گېرمانىيە ھۆكۈمدارى − ئىمپىراتور ئىككىنچى ۋىلخېلم دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئىمپىراتور، ئۇلارنىڭ ھىلىگەرلىكىدىن قىلچىلىكمۇ گۇمانلانمىغان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئىمپىراتورغا بىر قولىنى قول ئېلىشىشقا سۇنغان بولسا، يەنە بىر قولىدا پادىشاغا تىقىدىغان خەنجەرنى تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۇدىيلەر بىلەن ھەرگىزمۇ كېلىشىم تۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن دېمەي، بىر بولسا ھەممىگە ماقۇللا دېيىش يا بولمىسا ھەممىنى رەت قىلىشتىن بىرسىنى تاللىۋېلىشلا مۇمكىن ئىدى.
ئۇ مەلئۇنلار يەھۇدىلار بىلەن كىلىشەلەيمىز دەپ ھەپىلىشىپ تۇرسۇن. مەنمۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.

سەككىزىنچى باب

دەسلەپكى سىياسىي پائالىيەتلىرىم

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 11:29:55 | ئايرىم كۆرۈش

سەككىزىنچى باب

دەسلەپكى سىياسىي پائالىيەتلىرىم
1918-يىلىنىڭ بېشىدا قايتىدىن مىيۇنخېنغا كەلدىم. ئۇ يەردە “ھەربىي كومۇتىتى” نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن پولكىمنىڭ ئىسكىلات خىزمىتىگە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. بۇ ئورۇننىڭ ئىشلىرىدىن شۇنداق يىرگىنەتتىمكى، بىرەر پۇرسەت تاپساملا بۇ يەردىن ئالمىشىپ كېتىمەن دەپ تەييارلىق قىلىپ يۈردۈم. ئالدىنقى سەپتە بىرلىكتە جەڭ قىلغان شمىدت ئېرنست ئىسىملىك يېقىن بىر سەبدىشىم بىلەن بىرگە تراۋۇنستېينگە بېرىپ ھەربىي لاگىر تارقىلىپ كەتكەن كۈنلەرگىچە ئۇ يەردە ئىشلىدىم.
1919-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا مىيۇنخېنغا يېنىپ كەلدۇق.
بۇ يەردىكى ئەھۋاللار بەكلا قالايماقانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خەلق ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىملىق ئىنقىلاپقا كۈشكۈرتۈلمەكتە ئىكەن. ئەيسنېرنىڭ ۋاپاتى بۇ ئىنقىلاپنىڭ پارتىلىشىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئاخىرى، دۆلەت سوۋېت دىكتارتۇرلىقى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكەن، يەنى ئېنىقىراق ئېيتقاندا ھۆكۈمەت ۋاقىتلىق بولسىمۇ يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. ئەسلىدە، بۇ ئىنقىلاپقا تەييارلىق قىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ غەرىزىمۇ شۇنداق بىر ھاكىمىيەت بەرپا قىلىشنىلا غايە قىلىشقان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۆزەمچە نۇرغۇنلىغان پىلانلارنى تۈزۈپ بۇندىن كېيىن مەن نىمە قىلالىشىم مۇمكىن دەيدىغان خىيال بىلەنلا بەنت بولۇپ يۈرگەن بولساممۇ، ئويلىغانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىم ئۈچۈن تونۇلغان داڭلىق بىرسى بولمىغىنىم ئۈچۈن، ئومۇمغا پايدىلىق بىرەر ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىم پەقەتلا يوق ئىدى. گەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن، بۇگۈنگىچە نېمە ئۈچۈن پائالىيەت كۆرسىتىپ يۈرگەن تەييار بىرەر پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرمىگەنلىكىمنى ئىزاھلاپ ئۆتەي.
بۇ قېتىمقى يېڭىچە سوۋېت ئىنقىلاۋى پارتىلىشى بىلەن تەڭ، تۇنجى قېتىم ئۆزەمنى ئاشىكارىلاپ ئۇپ-ئۇچۇق ئوتتۇرغا چىققان ئىدىمكى، سوۋېت مەركىزى ئورگىنى دەرھال ماڭا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. 1919-يىلى 27-ئاپرېل (ئۇمۇت) كۈنى مېنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ نەپەر بەستلىك ئادەمنى ئىۋەرتىشكەن بولسىمۇ، سەبداشلىرىم ئۇلارنىڭ ئالدىغا قۇرال تەڭلەپ دىۋەيلەپ كېلىشى بىلەن كەلگەنلەر مېنى تۇتقۇن قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي قويرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىشتى.
مىيۇنخىن ئازات قىلىنىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى پىيادىلار پولكىدا سىياسى ئۆزگىرىش ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تاللاندىم. مانا بۇ، مېنىڭ سىياسىي خىزمەت ئۈچۈن تۇنجى قېتىم كادىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشىم ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربىي قىسىمغا تەۋە كىشىلەر ئۈچۈن ئېچىلغان بىر كۇرۇسقا قاتنىشىش بويرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ كۇرۇستا ھەربىيلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، ھەربىلىك جەھەتتە ساۋات بېرىشنى مەقسەت قىلىپ دەرس ئۆتۈلەتتى. بۇ كۇرۇس ماڭا كۆزقاراشلىرىم ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر قانچە كىشى بىلەن تونۇشىۋېلىش، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بەزى مەسىلىلەرنى ئۇلار بىلەن كەڭ دائىرىدە تالاش-تارتىش قىلىش پۇرسىتىنى بەگەن ئىدى. بىز بۇ كورۇستا گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىش كۈنلىرىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاز-تۇلا مۆلچەرلىشىپ، نويابىر (ئوغلاق) جىنايىتىنى ئىشلىگەن پارتىيىلەرگە تايىنىپ بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى بولمايدىغانلىقى، يەنە بىر جەھەتتىن يېڭى قۇرۇلغان “بۇرجۇئازىيە مىللەتچى پارتىيىسى” مۇ ھەرقانچە كۈچلۈك غەيرەت كۆرسەتكىنى بىلەن يۈز بەرگەن بۇ ۋەيرانچىلىقلارنى ئوڭشاشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىدا ئورتاق پىكىر بىرلىكىگە كېلىشكەن ئىدۇق. دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە شارائىتلارنىڭ يارىتىلغان بولىشى شەرت ئىكەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىر شارائىت يوقلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى. بىز شۇ ۋاقىتتا پەرەز قىلىشقان ئېھتىماللىقلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىرمۇ-بىر ئىسپاتلانغان ئىدى.
ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارىمىزدا يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىشىپ كۆرگەن ئىدۇق. شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان پىرىنسىپلار، كېيىنكى ۋاقىتلاردا “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” قوبۇل قىلغان پىرىنسىپلارنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بىز، بۇنداق بىر پىرىنسىپ بويىچە قانات يايدۇرىلىدىغان بىر ھەرىكەت چوقۇم كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان تەشكىلات ھەرىكىتى بولىشى لازىم دەپ قارىغان ئىدۇق. ئەگەر كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان بىر تەشكىلات قۇرۇلمىغىنىدا، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزدىن ھېچقانداق بىر نەتىجە ئالالماسلىقىمىز ئېنىق ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ھەرىكىتىمىزگە “سوتسيال ئىنقىلاۋىي پارتىيە” دەپ ئات قويۇشنى بېكىتتۇق. بۇنداق نام بېرىشىمىزدىكى سەۋەپ، بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىز ئىجتىمائىي كۆزقاراش جەھەتتە ئىنقىلاۋىي خاراكتىرلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئىدى. ئەمما بۇنداق بىر ئىسىمنى تاللىۋېلىشىمىزغا قىزىقتۇرغان ئەسلى سەۋەپ بۇ ئەمەس:
شۇ كۈنلەرگىچە بولغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە بولغان قىزىقىشىم، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنچە گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا بۇ ھەقتىكى نەزەر دائىرەم كېڭىيىشكە باشلىدى. ئەسلىدە بۇ تۈردىكى ئىقتىسادى سىياسەتلەردە گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى خاتا تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، نېمىس مىللىتىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشقا ئوخشاش مىللى مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قىلچە ئويلىشىلمىغان ئىدى. ئەسلىدە بۇ تۈردىكى قاراشلار، سەرمايە يالغۇز ئىش ساھەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بولۇش، شۇ ئاساستا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ كۆپىيىشى ياكى ئازىيىشى قاتارىدىكى ئامىللار بويىچە ئۆزگىرىپ تۇرۇش دەيدىغان قاراشقا ئاساسلانغان بىر پىرىنسىپ ئاساسىغا تىكلەنگەن ئىكەندۇق. دېمەك، سەرمايىنىڭ مىللىي ئەھمىيىتى دۆلەتنىڭ، يەنى مىللەتنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە باغلىق بولاتتىكەن. بۇنداق بىر مۇناسىۋەت سەرمايىنى، دۆلەتنى ۋە مىللەتنى يالغۇز ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئىنىستىنكىت كۈچى ياكى تەرەققىيات ئارزۇسى ئاساسىدا كۈچەيتىلىشىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياردەمچى بولىشىنى شەرت قىلىشى لازىم ئىدى. سەرمايىنى دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، بۇ سەرمايىنى مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى، بۈيۈكلىكى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا بولاتتى. بۇنداق شەرتلەر ئاستىدا دۆلەتنىڭ سەرمايىگە قارىتا ۋەزىپىسى نىسبەتەن ئاددى ۋە ئېنىق بولىشى كېرەك ئىدى. يەنى، دۆلەت سەرمايىنى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، سەرمايىنىڭ خەلققە ھۈكمىرانلىق قىلىۋالىدىغان ئورۇنغا كېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نازارەتچىلىك قىلىشلا كېرەك ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، بۇ ئىش مۇنداق ئىككى تۈرلۈك پائالىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى: بىر تەرەپتىن تۇرمۇش شارائىتلىرىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھەمدە ئۆزىگە ئۆزى خوجا ئىقتىسادىي سىياسەتكە يار-يۈلەك بولالايدىغان بولىشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولىشى لازىم ئىدى.
مەن بۇرۇنلاردا ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ھېساپلىنىدىغان ئەمەلى سەرمايە بىلەن، قۇرۇق گەپلەرگىلا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاكىسىيە (پاي چېكى بازىرى) سەرمايىسى ئوتتۇرسىدا زادى قانداق پەرق بولىدىغانلىقىنى تازا ئېنىق بىلىپ كېتەلمىگەن ئىكەنمەن. يوقۇرىدا دېيىلگەن كۇرۇستا دەرس بەرگەن پروفىسسورلاردىن بىرى بولغان گوتفريېد فېدېرنىڭ دەرسلىرىدىن بۇ ئىككى خىل سەرمايە ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى ئېنىق چۈشىنىپ ئالغان ئىدىم. ئۆمرىمدە تۇنجى قېتىم خەلقارالىق پاي چېكى سەرمايىسى بىلەن كىرېدىت سەرمەيىسى ئوتتۇرسىدا زادى قانداق پەرق بولىدىغانلىقىنىمۇ بۇ كۇرۇستا چۈشىنىۋالغان ئىدىم. فېدېرنىڭ تۇنجى قېتىملىق لىكسىيىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈمدە يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن قايسى تۈردىكى ئاساسىي شەرتلەر بولىشى كېرەكلىكىنى پەرەز قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.
مېنىڭچە بولغاندا، پروفىسسور فەدەرنىڭ قىممىتى شۇكى، بۇ كىشى ئاكىسىيە سەرمايىسى بىلەن خەلق ئىگىلىكىگە باغلىق بولغان رېئال سەرمايىنىڭ پەرقىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلىگەنلىكىدە ئىدى. يەنى بۇ كىشى قۇرۇق گەپتىكى مەۋھۇم سەرمايە بىلەن خەلق ئىگىلىكىگە باغلىق بولغان ھەقىقى سەرمايىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بىرسى ئىدى. بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرىدىغان كەسكىن بەلگە − ئۆسۈم بولىدىغانلىقىنى ئېپ-ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاساس ھېساپلىنىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشى شۇنچىلىك مۇكەممەل ئىدىكى، ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرىنى بىرەر پاكىتقا ئاساسلانماي تۇرۇپ تەنقىتلەشكە ئۇرۇنىدىغان بىرسى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە توغرا-خاتا ئىكەنلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىش ئورنىغا، ئۇنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىرىنىڭ راستىنلا ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمايدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىگىمۇ قىلچە گۇمان كەلتۈرەلمەيتتى (تەرجىمىسى بەكلا چۈشىنىكسىز بولۇپ قالدى. − ئۇ.ت). باشقىلار تەرىپىدىن قىلچە دىققەت قىلمىغان بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، فېدېرنىڭ ھەقىقى ئۇلۇغ ئىنسان ئىكانلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى ئىدى.
بىرەر ھەرىكەت پروگراممىسى تەييارلىماقچى بولغان بىرسىنىڭ ۋەزىپىسى، بىرەر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا لازىملىق ھەرتۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولماستىن، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولىشى كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋاستىلارغا چىڭ ئېسىلىۋالماي مەقسەتنى ئاساس قىلغان بولىشى لازىم. بۇنداق بىر شەرتكە ئاساسەن، بىرەر كۆزقاراشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىنىڭ ئاسان ياكى تەس بولىشى مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئەمەس، بەلكى پىرىنسىپلارغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكى مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ھېساپلىنىشى كېرەك. بۇ يەردە، ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىقى مۇھىم ئەمەس.
پروگرامما تۈزۈشكە كىرىشكەن بىرسى، ئەگەر مۇتلەق ھەقىقەتكە تايىنىش ئورنىغا “ئەمەلى رول” دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، پروگراممىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالغىنىدا، ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پروگراممىسى توغرا يول تاپالماي ھەر تەرەپكە ئۇرۇنۇپ يۈرگەن ئىنسانىيەتكە يول كۆرسەتكۈچ قۇتۇپ يۇلتۇزى بولۇش رولىنى يوقۇتۇپ، ئوتتۇرلۇقتا سۆرۈلۈپ يۈرگەن باشقا پروگراممىلارغا ئوخشاش ئادەتتىكىچە بىر رېتسىپ تۈسىگە كىرىپ قالىدۇ. بىرەر ھەرىكەت پروگرامىسىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان كىشى، بۇ ھەرىكەتنىڭ غايىسىنى ئوتتۇرغا قويغان بولىشى، بۇ پروگراممىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغا سىياسىيون بولسا بۇ غايىنىڭ بىردىن-بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. دېمەككى، پروگرامما نەزەرىيىچىسى نەزەرىيە جەھەتتە مۇتلەق ھەقىقەتكە بارىدىغان توغرا يولنى بايان قىلىپ بەرسە، سىياسىيون بۇ پروگراممىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قىلىشقا تىگىشلىك ئەينى ۋاقتىدىكى ئەمەلى ئەھۋاللارغا ئەھمىيەت بەرگەن بولىشى لازىم. ئالدىنقىسىنىڭ ئۇلۇغلىقى كۆزقاراشلىرىنىڭ ئابىستراكىت جەھەتتە قەتئىي توغرا ئىكەنلىكىدە ئىپادىلەنسە، كېيىنكىسىنىڭ قىممىتى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا ئالدىنقىسى تاللىۋالغان نىشان كېيىنكىسى ئۈچۈن بىر قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشاش قاراڭغۇلۇقتا يول كۆرسەتكۈچلۈك رولىنى ئوينايدۇ. بىرەر سىياسى رەھبەرنىڭ قىممىتى، پىلانلىرىنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق پائالىيەتلىرى بىلەن، يەنى ئىجرائەت جەريانىدا ئۇ كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن ئەمىلىلەشتۈرگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ يەردە، سىياسىيون ماھىر بىر ئۇستا رولىنى ئوينىغان بولىدۇ. ئەمما بۇ نىشاننى ئوتتۇرغا قويغۇچى كىشىنى ھەرگىزمۇ ئۇنداق تېخنىك بىرسىگە ئوخشىتىۋالالمايمىز. چۇنكى، نەزەرىيىچىنىڭ كۆزقاراشلىرى غايىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، نىشاننى سۈزۈك ئەينەكتە كۆرۈلگەندەك ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ غايە ھەر قانچە ماھىر ئۇستىنىڭ قولىغا ئۆتكەندەك قىلسىمۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بىر غايە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئابىستراكىت جەھەتتىن بىرەر چۈشەنچە قانچىكى توغرا بىر غايىنى ئوتتۇرغا قويغان، شۇ سەۋەپتىن بۇ پىكىر قانچىكى ئۇلۇغ بىر غايە ھېساپلىنىدىكەن، بۇنداق بىر غايىنىڭ كەمكۈتسىز تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىمۇ ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەرگە باغلىق ئىش بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەمەلىلەشتۈرۈلىشىمۇ شۇنچە قىيىن بولىدۇ. ھەتتا زادىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بىر غايە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن، پروگرامما تۈزگۈچىنىڭ قىممىتى غايىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆلچەنمەيدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قىممىتى بۇ تۈر غايىلىرىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى، شۇنىڭدەك بۇ غايىلىرىنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابى تەسىرىگە ئاساسەن باھالىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، دىن قۇرغۇچىلىرى دۇنيادا ئىنسانىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەرىپىدىن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دەپ تونۇلمىغان بولار ئىدى. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىنى ھېچقاچان تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىدى. ھەتتا دىنىي سۆيگۈلىرىمۇ ئەڭ سادىق مورتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى جەريانىدىمۇ دىن ياراتقۇچىسىنىڭ نىيىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ كىتەلىگىنى يوق. شۇنىڭغا قارىماي، دىننىڭ قىممىتى ئىنسانىيەت ئەخلاقىنى، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى، ئۆرپە-ئادەتلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشلەردە ۋە ئەنە شۇ تەرەپلەر بويىچە يول كۆرسىتەلىگەنلىكىدە ئىپادىلەنمەكتە.
پروگرامما تەييارلىغۇچى (نەزەرىيە ئىجادىيەتچىسى) سالاھىيەت بىلەن پروگراممىنى يولغا قويغۇچى سىياسىيون سالاھىيەت ئوتتۇرسىدىكى بۇ تۈپكى پەرق، نەزەرىيىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئىقتىدارى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ نەزەرىيەنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بىرلا ئادەمدە كۆرۈلىشىنى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويماقتا. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق ئىككىلا قابىلىيەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويۇش ئىشى بىلەن ھەرىكەتكە يىتەكچىلىك قىلىش ئىشى تەبىئىي ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك قابىلىيەت مەسىلىسىدۇر. ئۆز كەسىپلىرىدە نەتىجە قازاندىم دەپ يۈرگەن بەزى قىممىتى يوق سىياسەتچىلەر مەن بۇ ئىككى ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلالايمەن دەپ پو ئېتىپ يۈرۈشمەكتە. شۇڭا مەن بۇ يەردە بۇنى شۇلارغا قارىتىپ ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتتىم. بىسماركمۇ سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ تۈر ئىشلارنى ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق تەرىپلىگەن ئىدى: بۇ ئىككى ئىشنى يالغۇز ئۆزەم باشقا ئېلىپ چىقالايمەن دەيدىغان بىر سىياسەتچى ھەرقانچە ئۇلۇغ كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرغا قويدۇم دەپ يۈرگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشلىرى چوقۇم شۇنچە ئاددى، شۇنچە ئادەتتىكىچە ۋە شۇنچە ۋاقىتلىق ئىشلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر، بىر سىياسىيون ئۇلۇغ چۈشەنچىلەردىن قانچىكى يىراق تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلىرىمۇ شۇنچە ئادەتتىكىچە بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر يولدا يولۇققان ئادەتتىكى ئىشلار بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ ئىزلىرىمۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تېزلا ئۇنتۇلۇپ كۆمۈلۈپ يوق بولۇپ كېتىدۇ. بۇ تۈردىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئومۇمەن ئالغاندا كىلەچەك ئەۋلادلار ئۈچۈن قىلچە قىممىتى بولمايدۇ. چۇنكى بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن قىممەتلىك چۈشەنچە ۋە مەسىلىلەرنى باستۇرۇپ تۇنجۇقتۇرۇش ھېساۋىغا قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق بولغان غايىلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بىرەر پايدا كەلتۈرەلمەيلا قالماي، يەنە كەڭ خەلق ئاممىسىمۇ ئۇلارنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. خەلق ئاممىسى، پەقەت كىلەچەكتىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىستىقباللىق تېخىمۇ يۈكسەك غايىلارغا قارىغاندا قولىغا نەق تېگىدىغان سۈت ياكى پىۋە چەكلىرىگە بەكىرەك قىزىقىپ، كىلەچەكتە ئىشقا ئاشىدىغان غايىلارغا تۇلا بەك ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، دۆتلۈكنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان ئابرويپەرسلىك ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن پۇرسەتپەرەس سىياسەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى نۆۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولغان بارلىق غايىلارنىڭ لايىھەلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىدا ئىناۋىتىنى تۆكىۋالماسلىق ئۈچۈن بۇنداق قىيىن غايىلار بىلەن شوغۇللىنىش ئورنىغا خەلقنىڭ كۈندىلىك غېمىنى ھەل قىلىش يولىغا كىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا بۇنداق ئۇلۇغ غايىلارغا يېقىن كەلمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى، بىر ئۇتۇق دەپ ئاخماقلارچە كۆرەڭلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىسى پۈتۈنلەي شۇ كۈنكى ۋەزىيەتكىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىلەچەك ئۈچۈن ھېچ بىر قىممىتى يوق. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھالىتىدىن ئەقلى ئىشلىمەيدىغان ئاخماق كىشىلەر قىلچىمۇ غەم قىلىشمايدۇ. ھەتتا بۇنداق سىياسەتچىلەرنى ئۇلار بەكلا ياخشى كۆرىشىدۇ.
ئەمما نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويغۇچىنىڭ ئەھۋالى سىياسەتچىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۇنكى نەزەرىيىچى ئۈچۈن كىلەچەك ھەممىدىن قىممەتلىك ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ كىشىلەر دەۋرنىڭ خەلقى ئىچىدە داڭق چىقىرىش تاماسىدا بولۇشتىن ئۈمىدلەنمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇنداق بىرسىنى كىشىلەر بىرەر خىيالپەرەست دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ كىشىلەر ياراتقان نەزەرىيىلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان قاراشلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ شۆھرىتى كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئارىسىدا تىكلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئەگەر سىياسەتچىلەرنىڭ ھۆنىرىنى ئەمەلى پۇرسەتلەردىن پايدىلانغۇچى ئۇستىلار دەپ باھالانسا، پروگرامما تۈزگۈچىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانسىز دەپ قارالغان ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچىلار دەپ تونىتىش مۇمكىن.
بەزىدە ئۆمۈرىنى سىياسەتكە ئاتىغان بىر كىشى ئەينى ۋاقتىدا شۇ ئىشنىڭ پروگراممىسىنى تۈزگۈچى كىشى بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بىر كىشى ئۈستىدە قانچىكى مۇجەسسەم ئىپادىلەنگەن بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنىدىغان رىقابەتچى كۈچلەرمۇ شۇنچە كۈچلۈك ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. چۇنكى، بۇنداق بىرسى كۈندىلىك پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ يۈرگەن بىرسى بولۇشتىن چىقىپ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەقىللىق تەبىقىلەرلا چۈشىنەلەيدىغان غايىلار بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشىگە ئايلانغان بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى سۆيگۈ بىلەن ئۆچمەنلىك ئوتتۇرسىدا تاسقىلىپلا يۈرگەن بولىدۇ. زامانداشلىرىنىڭ نارازىلىق سادالىرى، بۇنداق بىرسىنىڭ كەلگۈسى بەخىتلىك ھاياتىنىڭ، پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ تەييارلاۋاتقان كەلگۈسى بەخىتلىك كۈنلىرىنىڭ كاپالىتى بولۇپ، بۇنداق قارشى چىقىشلار، ئۈنىڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇش غەيرىتىنى بېغىشلايدۇ.
ئەگەر بىر كىشى ئوتتۇرغا قويغان ئەسەر كىلەچەك ئۈچۈن قانچىكى قىممەتلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرىنى زامانداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىمۇ شۇنچە تەس بولۇپ، بۇ غايىسىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنچە جاپالىق كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ غايىگە ئېرىشىشىمۇ شۇنچە تەسكە توختايدۇ. بۇنداق داڭلىق كىشىلەر نەچچە ئەسىردە بىرسى چىقىپ قالىدىغاندەك قىلسىمۇ، بەزىلەر بۇ غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۆرەلەيدىغان ۋە ئۆلمەي تۇرۇپ داڭلىق بىر شەخسىگە ئايلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەرلا تارىخنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت يىتەكچىلىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئۇنىڭغا غالىبىيەت تاجىنى ئۇ سەكىراتتا ياتقىنىدىلا ئاندىن كەيگۈزىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈرەشچىلەر ئەنە شۇ كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ. دەۋرنىڭ كىشىلىرى تەرىپىدىن بەك قوبۇل قىلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ تۈردىكى ئۇلۇغ كۈرەشچىلەر ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ كىشىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ.
شۇ كۈنلەر كەلگىنىدە زامانداشلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرگە قىلغان ناھەقچىلىكلىرى، ئورۇنسىز سالغان زۇلۇملىرىنى تۈزىتىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تەرجىمەھالىنى، پائالىيەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىشىپ ھەممە ئۇنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇ كۈنلەردە بۇنداق بىرسى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەقىقى دۆلەت ئەرباپلىرى ئۈچۈنلا ئورتاق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى ئۈچۈنمۇ ئورتاق بىر ئەھۋالدۇر. مەسىلەن ئالايلۇق، ئۇلۇغ فرېدېرىخ بىلەن بىرگە مارتىن لۇتېر ۋە رىچارد ۋاگنېر قاتارلىق زاتلار ئەنە شۇنداق مۇئامىلىگە مۇيەسسەر بولغان كىشىلەر ئىدى.
گۇدفريېد ئۇستازىمىزنىڭ “كاپىتال ئۆسۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان رەزىللىكلەرگە بويۇن ئېگىشكە خاتىمە بېرەيلى” ماۋزۇلۇق تۇنجى لىكسىيىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن بۇ قانۇنىيەت نېمىس مىللىتىنىڭ تەغدىرىگە ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بىر قانۇن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. ئاكىسسىيە كاپىتالى بىلەن مىللىي ئىگىلىكنىڭ رىيال مەبلىغىنى بىر بىرسىدىن قەتئى تۈردە ئايرىۋېتىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بىر ئىگىلىكنىڭ ھۇلىنى تەشكىل قىلىدىغان كاپىتالنى بەرپە قىلماي، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلماي تۇرۇپ نېمىس ئىقتىسادىنىڭ خەلقارالاشتۇتۇلۇشىغا قارشى كۈرەش قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، كاپىتال ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەش ئارقىلىق كىلەچەكتىكى مىللى ئىگىلىك ئاساسلىرىنى تەۋرىتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. گېرمانىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ كەسكىن كۈرىشى ئۈچۈن قانات يايدۇرىلىدىغان كۈرەشنى ئېنىق تونۇپ يەتكىنىم ئۈچۈن، ئەڭ جاپالىق كۈرەش دۈشمەن مىللەتلەرگە قارشى كۈرەش بولماستىن، بەلكى خەلقارا كاپىتالغا قارشى كۈرەشتە بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈپ يەتكەنىدىم. بۇ ئۇستازىمىزنىڭ لىكسىيىسىدىن كەلگۈسىدە بۇنداق بىر كۈرەشكە ئاتلىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىشارەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان ئىدىم.
ۋەزىيەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمۇ بۇ ئىشارەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مانا بۈگۈن بۇرجۇئازىيىنىڭ قۇۋ سىياسەتچىلىرى بىزنى مازاق قىلالمايدىغان بولدى. قاراپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنمايدىغانلا بولىدىكەن، بۇ كۈنلەردە خەلقارالىق كاپىتالنىڭ ئۇرۇشنى ئەڭ كۈچلۈك كۈشكۈرتكەن كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشتىن كېيىن، بۈگۈنمۇ تېنچلىقنى دوزاخقا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئۇلارمۇ ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر. خەلقئارالىق ئىگىلىك بىلەن قەرز كاپىتالىغا قارشى كۈرەش − نېمىس خەلقىنىڭ ئازاتلىقى، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانات يايدۇرىلىدىغان كۈرەشتە ئەڭ مۇھىم نوقتا ھېساپلىناتتى.
ئەگەر بۇ كۇرۇسنىڭ پروفىسسورى فېدېرنىڭ كۆزقاراشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلار بولىدىكەن، ئۇلارغا مۇنۇ جاۋاپ ئەڭ لايىق كېلىدۇ: “سەرمايە ئۆسۈمى كەلتۈرۈپ چىقارىدىغان كۈلپەتلەرنى رەت قىلىشتىن غەم-ئەندىشە قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. چۇنكى، بۈگۈنگىچە ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتقان ئىقتىسادى تەدبىرلەر نېمىس خەلقىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس. مىللىي بانكا مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان مۇئامىلىلەر بىلەن باۋارىيىلىك دوختۇرلارنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان ئەنسىرەشلىرىنى ئەسكە ئالساق، ئۇلارنىڭ بۇ داڭلىق كوپراتسىيىلەردىن ئەنسىرىگەن ئىشلىرىنىڭ ھېچقايسى يۈز بەرمىگەن ئىدى. يەنى، بۇ يېپ-يېڭى “ئايغىر” بىلەن ساياھەت قىلغاندا بىرمۇ يولوۋچى بېشىم قايدى دەپ دەرت تۆكۈپ باقمىدى. ئۇلارنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ بىرەر كېسەللىككە گىرىپتار بولمىدى. شۇنداق قىلىپ تۈمۈريولنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەتىراپىغا پەردە توساپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. ئەمما بۇنداق بىمەنە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان مۇتەخەسسىسلەر بولسا، ھازىرمۇ يەنىلا شۇ يالغۇز كۆزلۈك كۆزەينەكلىرىنى تاقاپ بىر خىيالىدا يوق يۈرۈشمەكتە. بۇ يەردە يەنە مۇنۇ مەسىلىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتىشكە توغرا كېلىدۇ: ئەگەر ئەڭ ئىسىل كۆزقاراش دەپ قارالغان بىرەر پىكىرنى ئۆزلىرىچە تەبىئەتتىن ھالقىغان مەڭگۈلۈك پىرىنسىپ دەپ تونىۋالغىنىدا، ئۇنداق بىر قاراشمۇ ئەڭ خەتەرلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. چۇنكى ئۇنداق قاراشلار ئەسلىدە غايىگە يېتىشنىڭ بىر ۋاستىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مېنىڭ ئۈچۈن، شۇنىڭدەك بارلىق ھەقىقىي مىللىي سوتسيالىزمچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا پەقەت بىرلا نەزەرىيە مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ − مىللەت بىلەن ۋەتەن.
بىز ئوتتۇرغا قويغان كۈرەشنىڭ غايىسى ئىرقىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ ۋەزىپىمىز بولسا بۇ مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرىنى بېقىش، قېنىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇ يەنە كېلىپ مىللىتىمىزنى تەڭرىنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن ئاتا قىلغان ئىلاھى ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەزىپە. ھەرقانداق بىر كۆزقاراش، ھەرقانداق بىر تەربىيە ۋە ھەرقانداق بىر ئىلىم بۇ غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم. ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەنە شۇ نوقتىدا تۇرۇپ كۈزىتىشىمىز، پەيتى كەلگىنىدە بۇنى يولغا قويىشىمىز، ئەگەر پەيتى كەلمىسە بۇنىڭ ئۈچۈن توسالغۇ بولىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق ئىكەن، ھېچبىر قانۇنىيەت قېتىپ قالغان بىر نەزىرىيىگە ئايلىنالمايدۇ. چۇنكى ھەرقانداق بىر ئىش ھاياتلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىشى شەرت. گۇتفريېت فېدېرنىڭ قاراشلىرى ئانچە بەك خەۋىرىم بولمىغان بۇ تۈردىكى تېمىلارغا ئالاھىدە قىزىقىشىم لازىملىقى، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشىم كېرەكلىكى ھەققىدىكى يولغا يىتەكلىگەن ئىدى.
شۇندىن كېيىن بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى يېڭىدىن تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتتىم. بىر يەھۇدى بولغان كارل ماركسنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرىنى سەرىپ قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان كۆزقاراشلىرىدىكى ئەسلى نىيىتى بىلەن ئۇنىڭ مەزمونىنى بىر باشتىن تەپسىلى ئۆگۈنۈپ ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن ئىدىم. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ يازغان «كاپىتال» لىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنمەكتە ئىدىم. سوتسيال دېموكراتىيىنىڭ مىللىي ئىگىلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ ئەسلى مەقسىدىنى، پۈتۈنلەي يەھۇدىغىلا تەۋە مەبلەغ بىلەن ئاكىتسىيىگە تايىنىپ ئېنتىرناتسيونال سەرمايىغا ھۈكمۈرانلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇھىت يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ قانات يايدۇرىۋاتقان بۇ كۈرەشلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق تونىماقتا ئىدىم. بۇ دەرسلەر ماڭا باشقا بىر جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
بىر كۈنىسى، دەرستە بىر مۇنازىرىگە قېتىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. مۇنازىرە قىلىۋاتقانلاردىن بىرسى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنى قوبۇل قىلالماي ئۇلارنى ئاقلاپ، ئايىغى چىقماس پەرەزلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تەرىپىنى قىلىپ سۆزلەپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ مۇنازىرىگە قاتناشتىم. دەرسكە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەن دېگەن قاراشلارغا قوشۇلدى. بۇ تالاش-تارتىش مۇنداق بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان بولدى: ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە، ئۇ ۋاقىتلاردا ميونخېندىكى گارنىزوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پولكلاردىن بىرسىگە “تەلىم-تەربىيە ئوفىتسېرى” بولۇپ تاللاندىم.
ئۇ كۈنلەردە قىسىمنىڭ ئىنتىزامى بەكلا ناچار ئىدى. جەڭچىلەر مۇھاكىمە گۇرۇپپىسى شۇ دەۋرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئىدى. جەڭچىلەرنى ئىنتىزامغا كەلتۈرۈپ قايتا ئىتائەتچان قىلىپ تەرتىپكە سېلىشقا كىرىشىلگەن ئىدى. كۇرت ئەينېرنىڭ چوشقىلار قوتىنى دەپ ئاتىغان ئۇ يەردە، ھەربىي ئىنتىزام بىلەن ئىتائەتچانلىقىنى پەم بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئاستا-ئاستا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان بەكلا مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى.
قىسىمنى مىللەتچى، ۋەتەنپەرۋەر روھقا ئىگە قىلىش، ھەممە ئىشنى ئەنە شۇ روھ بويىچە چۈشىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىناتتى. مېنىڭ بۇ يېڭى ئىشىم ئەنە شۇنداق ئىككى تۈردىكى ئىشقا كىرىشىشتىن باشلانغان ئىدى. مەن بۇ خىزمەتكە ئىنتايىن خوشال ۋە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كەتتىم.
مەن ئەندى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە خىتاپ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ جەرياندا مەن بۇرۇندىن بار بولغان بىر ئالاھىدىلىكىمنى ئىسپاتلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم: سۆز قىلىشنى، نوتۇق سۆزلەشنى ھەقىقەتەنمۇ بىلەتتىمكەن. ئاۋازىممۇ زالنىڭ ھەربىر بولۇڭ-پۇچقىقىغا بىمالال يېتىدىكەن. باشقا ھېچقانداق بىر ۋەزىپە مېنى بۇ ئىشىمدەك خوشال قىلالمىغان بولار ئىدى. چۇنكى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن دەپ تونىغان بۇ ئورۇنغا، يەنى ھەربى قىسىمغا پايدىلىق بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چارە تاپالماي پۇچۇلۇپلا يۈرگەن ئىدىم.
بۇ ئىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم ئۈستىدىمۇ ئازىراق توختىلىپ ئۆتەي: مەن شۇ قېتىمقى تەربىيىچى بولۇش جەريانىدا يۈزلىگەن سەبدىشىمنى مىللىتىمىز بىلەن ۋەتىنىمىز سېپىگە قايتۇرۇپ كېلەلىگەن ئىدىم. مەن بۇ يەردە بۇ ھەربى قىسىمنى مىللەتچىلەردىن قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدىم. شۇ ئارقىلىق ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتىمۇ ئۆز ھەسسەمنى قوشقان ھېساپلىناتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ جەرياندا كۆزقاراشلىرىمغا قوشۇلغان نۇرغۇنلىغان دوستقىمۇ ئېرىشكەنىدىم. بۇ دوستلىرىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا مېنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ مەركىزى كۈچىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە مۇھىم روللارنى ئوينىدى.

توققۇزىنچى باب

نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى
بىر كۈنىسى كوماندېرلىرىمدىن بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدىم: قارىغاندا بىر سىياسىي تەشكىلات “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” دىگەن نام بىلەن بىر يىغىلىش تەشكىللىمەكچى بولغان ئىكەن. بۇ يىغىلىشتا گوتفريېد فېدېرمۇ سۆزگە چىقىدىغان بولغانىكەن. مەن بۇ يىغىلىشقا قاتناشقىلى باردىم. ماڭا بۇ بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ قانداق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە بىر دوكلاد يېزىپ چىقىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئۇ ۋاقتلاردا ئارمىيىمىزنىڭ سىياسىي ھەرىكەت ۋە پارتىيىلەرگە قىزىقىشى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ قارىلىدىغان ۋاقىتلار ئىدى. چۇنكى، سىياسى ئۆزگىرىش ھەرىكىتى ھەربىلەرگىمۇ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى بەرگەن ئىدى. ھەربىي تەرەپمۇ ئۇ چاغلاردا سىياسىي پائالىيەتلەر ھەققىدە تېخى تەجرىبىسى بولمىغاچقا، بۇ ھوقۇقىدىن بەكلا كېڭەيتىپ پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما كېيىن مەركەزى ھۆكۈمەت بىلەن سوتسيال دېموكراتلار ھەربىلەرنىڭ ئىنقىلاۋىي پارتىيىلەرگە يېقىنلىشىشتىن قېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مىللەتچىلىك ھەرىكەتلەر تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈشكە قاراپ ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدىن كېيىن، ھەربىلەرنىڭ سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىۋىتىدۇ.
ئەگەر ماركىسىزمچى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغىغانلار شۇ چاغدا ھەربىلەرگە بەرگەن “ھەربىلەرمۇ ھوقۇقتا باراۋەر” دىگەن بۇ تۈر گراژدانلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى كېيىنكىلەر چەكلىمىگەن، بۇ تۈر پۇخرالىق ھوقۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىر قانچە يىلغا قالماي نويابىر (ئوغلاق) ھۆكۈمىتى دەيدىغان بىر ھۆكۈمەتمۇ مەۋجۇت بولمىغان، مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدىغان بۇ پەسكەشلىكلەرگىمۇ ئورۇن قالمىغان بولاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارمىيىمىز مىللىتىمىزنى قان شورىغۇچى پارازىتلاردىن، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ يالاقچىلىرىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولىغا كىرەلىگەن بولار ئىدى. ئەمما ئۆزىنى “مىللەتچى” دەپ ئاتىۋالغان پارتىيىلەرمۇ نويابىر (ئوغلاق) قاتىللىرىغا ئوخشاش ھاياجانلانغان ھالدا سايلامدا ھەربىلەرگە بېرىلگەن بۇ ھوقۇقنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدىغانلار قاتارىغا قېتىلىپ ئاۋاز بېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مىللىي ئۇيغىنىش ۋاستىسى بولغان بۇ كۈچىنى يوقۇتىشىغا ياردەملىشىپ، ماركىسىزم نەزىرىيىسىگە تايانغان ئىدىيىگە مەنسۈپ كىشىلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنى چوڭقۇر ھاڭ لىۋىگە يىتىلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بىزگە تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن ھېساپلاندى. دېمىسىمۇ پىكىرى كەمتۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك دەپ ئاتىشىۋالغان بۇرجۇئازىيە، ئارمىيىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نېمىس قەھرىمانلىقىغا باشلامچىلىق قىلىشىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا، مەركەزدىكىلەر بىلەن ماركىسىزمچىلار ئۆزلىرىگە ئەڭ چوڭ خەۋپ دەپ تونىغان “مىللەتچىلىك” دىگەن بۇ ئەڭ كۈچلۈك زەھەرلىك كۈچنىڭ چىشنى قۇمۇرۇپ تاشلىماقچى بولۇشتى. ئەگەر بۇ چىش تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلانغىنىدا، بۇ ئارمىيە ئامانلىقنى ساقلىغۇچى ئەترەت سەۋىيىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتى. ئۇلاردا بۇنداق بىر مەقسەتنىڭ بارلىقى كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەرىپىدىن تولۇق ئىسپاتلىنىدۇ.
نامدا  “مىللەتچى” دەپ ئاتالغان دۆلەت رەھبەرلىرى ھەربىلەردىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى مىللەتچى بولمىغان كۈچ ھالىغا ئايلاندۇرۇش غېمىدا ئىدى. ئارمىيىنى بۇنداق ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالىنى يوق دېيىشكىمۇ بولمايتتى. چۇنكى بۇ سىياسىيونلار ئۇرۇش پەيتىدە ھەربى فورما كىيىپ بىر ئەسكەر بولۇش ئورنىغا مەدداھلىق قىلىش ئۈچۈن پارلامېتقا كىرىۋېلىشقان كىشىلەر ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، بۇ سىياسىيون دىپۇتاتلار بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ قۇدرەتلىك ئەسكەر بولۇپ تونۇلغان كىشىلەر قەلبىدە نېمە ئويلارنى ئويلاپ يۈرىدىغانلىقىدىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەردىن بولغاچقا، بۇ ئارمىيىنىڭ قايتا كۈچىيەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق بىر مۇھىتتا، پەقەتلا تونۇشمايدىغان بۇ سىياسى پارتىيىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتىم.
شۇ كۈنى ئاخشىمى، مىيونخىندىكى ستېرنېكېر پىۋىخانىسىنىڭ لېيبېرزممېرىگە كىرىپ كەلدىم. ئاساسى قىسمىنى خەلقىمىزنىڭ تۆۋەن قاتلىمىغا مەنسۈپ كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان يىگىرمە-يىگىرمە بەشتەك كىشى «نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» نىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلغان ئىكەن. دوكلات بېرىدىغان فېدېرنى كۇرۇسقا قاتنىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ياخشى تونۇيدىغان بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ يەردە دىققىتىمنى دوكلاتقا بەرمەي يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى نوقتىلىق كۈزىتىش نىيىتى بىلەن قاتارغا قوشۇلۇپ ئولتاردىم. يىغىندىكىلەر، ماڭا بەك ئالاھىدە كىشىلەر بولۇپ كۆرۈنمىدى. يىغىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك باشقا سىياسى پارتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ يۈ رىدىغان كىشىلەردىن ھېچ بىر پەرقى يوقتەك بىلىندى. ئۇ كۈنلەردە، ئىنقىلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەردىن رازى بىرمۇ كىشى يوق دېيىش مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مەۋجۇت پارتىيىلەرگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنچى يوق، ھەممىلا ئادەم پارتىيىدىن بىرنى قۇرسام دەپلا يۈرىدىغان بىر دەۋر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بىر مۇنچە يېڭى تەشكىلاتلار يامغۇردىن كېيىنكى قۇمۇشتەك ھەممىلا يەردە قۇرۇلۇپ يىغىن ئېچىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ قۇرۇلغان تەشكىلاتلار ئۈن-تۈنسىز يوقاپ كېتىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ۋاقىتلار ئىدى. بۇ تۈردىكى تەشكىلات قۇرغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، بىرەر تەشكىلات ياكى پارتىيىگە تايىنىپ ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىغىدەك كىچىككىنە بولسىمۇ يېڭى پىكىرگە ئىگە بولمىغان كىشىلەر ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، خۇددى بىرسىنىڭ دۇكان ئېچىپ ئىشىنى ئەپلەشتۈرەلمەي دۇكان تاقىغىنىدەك، بۇنداق قۇرۇلغان تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ ئەتىسىلا تارقىلىپ كېتىدىغان كۈلكىلىك ئىشلار ھەممىلا يەرنى قاپلىغان ئىدى.
ئۇ كۈنىسى «نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» نىڭ يىغىنىدا ئىككى سائەتقىچە ئولتۇرۇپ، شۇنچە دىققەت قىلىپ كۈزەتكەن بولساممۇ، دىققەتكە ئەرزىگىدەك ھېچ نەرسىنى پەرق قىلالمىدىم. ھۆرمەتلىك فېدېر نۇتقىنى ئاخىرى تۈگەتتى. بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ قايتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم. بۇرۇن فېدېرنىڭ نۇتۇقلىرىنى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىغان بولغىنىم ئۈچۈن بۇ قېتىمقى دوكلاتى ماڭا بەك يېڭىلىق ھېساپلانمايتتى. شۇڭا قايتماقچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭغىلىۋاتقىنىمدا، يىغىن باشقۇرغۇچى ئەركىن مۇنازىرە باشلىنىدۇ دەپ ئېلان قىلدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىشىشىگە قىزىقىپ قايتا جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ مۇنازىرىدىمۇ قائىدە-يۇسۇن بويىچە ئادەتتىكىدەكلا گەپلەر بولۇپ ئۆتكىنى ئۈچۈن مېنى قىزىقتۇرغىدەك ھېچنىمە چىقمىدى. بۇ ئارىدا سۆزنى يەنە بىر پروفىسسورغا بېرىشتى. بۇ كىشى فېدېر بايان قىلغان پىرىنسىپلارنى پۈتۈنلەي ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆزلەشكە باشلىدى. فېدېر ئۇ كىشىنىڭ گېپىنى بۆلۈپ تۈزىتىش بېرىشى بىلەن تەڭ، مۇنازىرە قىزىشىپ كەتتى. ھېلىقى كىشى، باۋارىيە پروسىيىدىن ئايرىلىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنى پارتىيە پروگراممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىسى قىلىپ بەلگىلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ كىشى يەنە، شۇنداق بولغىنىدىلا نېمىس ئاۋسترىيەسى بىلەن باۋارىيەنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقى، شۇندىلا تېنچلىققا ئەڭ تولۇق كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدىغانلىقى دېگەندەك بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ كەتتى. شۇ چاغدا مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتۇپ ئالالماي سۆز ھەققى تەلەپ قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرىمنى بايان قىلماقچى بولدۇم. مەن سۆزگە چىقىپ بۇ ئالىم ئەپەندىگە ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى بىر قۇر سۆزلەشكە كىرىشتىم. ئاخىرىدا بۇ پروفىسسور ناتىق، گېپىمنىڭ ئاخىرىنى كۈتۈشكە تاقەت قىلالماي خۇددى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك قۇيرۇقىنى قىسىپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى. يىغىندىكىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھاياجان ئىچدە ئاڭلىدى. مەنمۇ سۆزۈمنى تۈگىتىپ ھەممىڭلارغا خەيرىلىك كېچىلەر دەپ قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋىدىم، بىر كىشى يېنىمغا كەلدى. ئۇ كىشى ماڭا ئۆزىنى تونۇشتۇردى (ئۇنىڭ دېگەنلەردىن ئىسمىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدىم). ئاندىن ئۇ كىشى قولۇمغا كىچىك بىر دەپتەرنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇ كىشى بىرەر سىياسى بروشورغا ئوخشىغان بۇ رىسالىسىنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىڭ دەپ ئالاھىدە ئىلتىماس قىلدى. ئۇنىڭ ماڭا بۇ بروشورنى بەرگەنلىكىدىن بەكلا خوشال بولغان ئىدىم. سەۋەبى، بۇ تۈردىكى زىرىكىشلىك يىغىنلارغا قاتناشماي تۇرۇپمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ قانداق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاسانلا بىلىۋالالىشىم مۇمكىن ئىدى. شۇنىمۇ ئېيتىم ئۆتىشىم كېرەككى، شۇ چاغدا، ئىشچى ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرغان بۇ كىشى كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپمۇ قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا چوقۇم ئوقۇيمەن دەپ ۋەدە بېرىپ ئۇ يەردىن چىقىپ ياتىقىمغا قايتىپ كەتتىم.
ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئىككىنچى پىيادىلار پولكى گارنىزونىنىڭ شۇ كۈنلەرگىچىلا ئىنقىلاپنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن كىچىك بىر ئۆيىدە تۇرىۋاتقان ئىدىم. كۈندۇزلىرى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا قىرىق بىرىنچى ھۇجۇم پولكىدا، ياكى بولمىسا باشقا قىسىملاردا يىغىن ياكى دوكلاتدلارغا قاتنىشىپ تۇراتتىم. ئاخشىمى ياتىقىمغا قايتىپ كېلىپ يالغۇز قالاتتىم. ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشتىن بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاختايلىق پولغا بولكا ئۇۋۇندىلىرى، گۆش پارچىلىرىنى چاشقان يىسۇن دەپ تاشلاپ كۈزىتىپ ياتاتتىم. بۇ ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ كىچىككىنە ياتىغىمنى بېشىغا كېيىشىپ يەمچۈكلەرنى تالىشىپ ئۇرۇشقانلىقىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇش ماڭا بىر تۈرلۈك ھۇزۇر بېرەتتى. شۇ قىسقىغىنە ئۆمرۈمدە شۇنچە كۆپ يوقسۇللۇقلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن، ئاچلىقنىڭ قانداق بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتىم، شۇڭا بۇ ھايۋانلارنىڭ يەم ئۈچۈن شۇنچە يايراپ كېتىشىنى بەك ياخشى چۈشىنەتتىم.
يىغىنغا قاتنىشىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك ئەتىگەن سەھەر سائەت بەشتىلا ئويغىنىپ كەتتىم. كارىۋىتىمدا يانپاشلىغىنىمچە چاشقانلارنىڭ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرەشلىرىنى كۈزىتىپ بىردەم ياتتىم. قايتا كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاخشامقى بروشور ئېسىمگە كېلىپ ئۇنى ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم. بۇ كىتاپتا، بىر ئىشچىنىڭ ماركىسىزمچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت گەپ سېتىشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان پاتقاقلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ قانداق قىلىپ مىللەتچىلىك كۆزقاراشىغا ئېرىشكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ بروشۇرغا «سىياسىي ئويغۇنۇشۇم» دېگەن ئىسىم قويۇلغان ئىدى. بۇ كىتاپتا، ئون ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭدىمۇ كۆرۈلگەن ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرمەكتە ئىدىم. بۇنى ئوقۇۋېتىپ، خۇددى قايتا شۇ كۈنلىرىمنى ياشاۋاتقاندەك ھېسياتلارغا كېلىپ قالغان ئىدىم. شۇڭا بۇ بروشۇرنى باشتىن ئاخىرى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. كۈندۈزى بۇ كىتاپتىكى ئىشلار نەچچە قېتىم ئېسىمگە كېلىۋېلىپ ئويغا پېتىپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ بۇ پەۋقۇلئاددە ئوخشىشىپ كېتىشكە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىش نىيىتىدىمۇ ئەمەس ئىدىم. ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتۈپ بۇ «نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» گە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنغانلىقىم ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بىر ئاتكىرتكا تاپشۇرىۋالغىنىمدا، بۇ ئىشقا بەكلا ھەيران قالدىم. قولۇمدىكى بروشۇرنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ئاتكىرتكىغا قارىدىم. ئاتكىرتكىنىڭ ئارقىسىدا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مېنى پارتىيىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىغا تەكلىپ قىلىشقانلىقى ھەققىدە بىر ئىزاھات بېرىلگەن ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر ئۇسۇلغا تايىنىپ ئەزا توپلىشىغا ھەيران قېلىپ يا رەنجىشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. ھەر قانداق بىر تەييار پارتىيىگە ئەزا بولۇش نىيىتىم زادىلا يوقتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆزەم رەئىس بولۇپ ئۆزەم باشقۇرىدىغان بىر پارتىيە قۇرۇشنى، شۇنداق بىر پارتىيىگە يىتەكچىلىك قىلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا، بۇنداق بىر تەكلىپكە ئانچە بەك ئەھمىيەت بېرىپمۇ كەتمىگەن ئىدىم. بۇ ئەپەندىلەرگە سىلىق رەت قىلىش جاۋابى يېزىش ئۈچۈن قولۇمغا قەغەز-قەلەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: ئۇلارنىڭ يىغىنىغا بېرىپ قاتنىشىپ باقسام قانداق بولار؟ مەيلى، بىر بېرىپ كەلمەيمۇ، ھېچبولمىغاندا بۇ پارتىيىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئۆزەمنىڭكى بىلەن بىر سېلىشتۇرۇپ باقمامدىم دېدىم-دە، تەكلىپ قىلىنغان كۈنى بېرىپ ئۇلارنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش قارارىغا كەلدىم.
ئۇلار مېنى تەكلىپ قىلغان چارشەمبە كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. يىغىن زالىنىڭ ئادرىسى ھورنىستراس مېھمانخانىسىنىڭ “ۋيوۋكس رېزېنباد” دېگەن زالى ئىدى. بۇ يەر بەكلا ئاددى بىر يەر بولۇپ، چوڭىراق مۇراسىملار بولمىسا بۇ يەر تۇلا بەك ئادەم كېلىدىغان يەرمۇ ھېساپلانمايتتى. 1919-يىللىرى بۇنداق ئىشلارغا ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىدى. ئۇ يىللاردا تاماق تىزىملىكلىرى خېلى چوڭ مىھمانخانىلاردىمۇ بەكلا ئاددى بولغاچقا، مىھمانخانىلار خېرىدار جەلىپ قىلىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇڭا، بۇنداق بىر مىھمانخانىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇن ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
گۇڭگا يۇرىتىلغان بىر زالغا كىردىم. زالدا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ پارتىيە ئەزالىرى يىغىلىپ ئولتۇرغان ياندىكى بىر ھۇجرىغا كىردىم. بۇ يەردە قىرىق بىرىنچى كىرسىن چىراقنىڭ غۇۋا يۇرىقىدا ماڭا كىتاپ بەرگەن كىشىدىن باشقا يەنە تۆت نەپەر ياش ئولتۇرغان ئىكەن. ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن يازغۇچى يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا سالام بەردى. كەلگىنىم ئۈچۈن بەكلا خوشال كۆرۈنەتتى. “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى ئەزاسىنى تەبرىكلەيمىز” دەپ مېنى ئېھترام بىلەن كۈتىۋالدى. مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىگە سەل ھەيران بولدۇم. پارتىيە سېكرىتارى تېخى كەلمىگەچكە، كۆزقاراشلىرىمنى سەل تۇرۇپ سۆزلىشىم كېرەكلىكنى ئېيتىشتى. بىر ئازدىن كېيىن پارتىيە سېكرىتارمۇ كەلدى. بۇ كىشى، ستېرنېكەر پىۋىخانىسىدا فېدېرنىڭ دوكلاتىدا يىغىن باشقۇرغۇچى بولغان كىشى شۇ ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى نەدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تاقەتسىزلىنىپ كۆتمەكتە ئىدىم. بۇ جەرياندا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ بىلىۋالغان بولدۇم. پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئىسمى م. ھاررېر، مىيونخىن تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئانتون درېكسلېر دېگەندەك كىشىلەر ئىكەن.
ئۆتكەن قېتىمقى يىغىن خاتىرلىرى بىر قۇر ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاندىن كېيىن ھېساۋات دوكلاتى ئوقۇلدى. − بۇ تەشكىلاتنىڭ جەمئىي يەتتە مارك ئەللىك فېنىگى بارلىقىنى بىلدىم. − ئاندىن كاسسىغا مەسئۇل كىشىنىڭ دوكلاتى بىر ئېغىزدىن ماقۇللىنىپ ئەنگە ئېلىندى. ئاندىن كېيىن رەئىس بولغان كىشى كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇشقا كىرىشتى. بۇ خەتلەرنىڭ بىر پارچىسى بېرلىندىن، يەنە بىرسى كيېلدىن، ئاخىردىكىسى بولسا دۇسسېلدورفتىن كەلگەن خەتلەر ئىكەن. بۇ خەتلەردىن ھەممە خوشال ئىدى. كەلگەن خەتلەر گېرمانىيە ئىشلار پارتىيىسىنىڭ زورىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ باھالاندى. ئاندىن يەنە ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم جاۋاپ قايتۇرۇش ھەققىدىمۇ ئازىراق پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
بۇ كۆرگەنلىرىم ھەيران قالغىدەكلا ئىشلار ئىدى. بۇ تەشكىلات بەكلا ناچار بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. ھېچ بىر ئىشى يولغا سېلىنمىغان، ھەممە ئىشى چۇۋالچاق بىر ئەھۋالدا. ئىچىمدە ئويلاپ قالدىم: مەن مۇشۇنداق بىر ۋەيرانە تەشكىلاتقا ئەزا بولىشىم كېرەكمىدى؟
يىغىن تەرتىۋى كۈندىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشقا كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە يېڭى ئەزانى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشى بار ئىدى. يەنى مېنىڭ ئەھۋالىمنى مۇزاكىرە قىلىشماقچى بولۇشتى. مەن ئۇلارغا سۇئال قويۇشقا باشلىدىم. ئەمما ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن بۇ تەشكىلنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك رەسمىيەت قائىدىلىرىدىن باشقا بىرەر پارتىيە پروگراممىسى، بىرەر قوللانمىسى، يېڭى ئەزالىق جەدۋىلىنىڭمۇ يوقلىقىنى، يەنى يېزىق شەكلىدە ھېچقانداق نەرسىسىنىڭ يوقلىقىنى سەزدىم. ھەتتا بىرەر تامغىسىمۇ يوق ئىكەن. شۇنىڭغا قارىماي ئۇلاردا ساپ نىيەت، ياخشى ئارزۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن غەيرەتمۇ بارلىقى ئېنىق ئىدى.
ئۇلارنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچىمدە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان كۈلكىلىك بىر نالىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ نالە، بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر پارتىيە نۆۋەتتىكى نېمىس مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى، ۋەيرانە ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا قۇرۇبى يەتمەيدۇ دەيدىغان بىر زارلىنىش ئىدى. ئۇلاردىكى بۇ ئەھۋاللار شۇ چاغدىكى بارلىق پارتىيىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ پروگراممىلىرى، غەرەزلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۈمىتسىزلىكنىڭ ئورتاق ئەۋزەللىكى ھېساپلانماسمۇ؟ پارتىيىنىڭ خەت بېسىش ماشىنكىسىدا يېزىپ چىقىرىلغان ھۈججەتلىرىگە ئىتىك بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم. بۇ يازغانلىرىدىن ئۇلاردىكى ساپ نىيەت بىلەن بىر قاتاردا چارىسىزلىقلىرىنىمۇ كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ نەرسىلىرىدە مۇجىمەللىكلەر، چارىسىزلىق تەرەپلەر بەكلا كۆپ ئىدى. بەكلا كۆپ يىتەرسىزلىكلىرى بار ئىدى. بولۇپمۇ جەڭگىۋارلىق روھ يوق دېيەرلىك ئىدى.
بۇ كىشىلەر ھېس قىلغان نەرسىلەرنى مەنمۇ تولۇق ھېس قىلغان ئىدىم: ئۇلار شۇ كۈنلەرگىچە پارتىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىپادىلەيدىغان مەنىدىن كۆپ نەرسىنى كۈتمەكتە ۋە بۇ جەھەتتە بىرەر ھەرىكەتكە ئاتلىنىشنى بەكلا ئارزۇ قىلىشماقتا ئىدى.
ئاخشىمى ھەربى گارنىزونغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا، ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئەڭ قىيىن بىر مەسىلىگە دۈچ كەلمەكتە ئىدىم: بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى قوبۇل قىلايمۇ ياكى رەت قىلاي؟
ئەقلىم رەت قىل دەپ چىڭ تۇرىۋالاتتى. ئەمما ھېس-تۇيغۇلىرىم مېنى ئارامىدا قويمايۋاتاتتى. مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدىكى مەنتىقىسىزلىقلىرىنى قانچىكى كۆپ خىيالىمغا كەلتۈرسەم، ھېسسىياتلىرىممۇ ئۇلارنى ھىمايە قىلىپ شۇنچە چىڭ تۇرىۋالاتتى. ھېس-تۇيغىلىرىم مېنى بۇ يېڭى پارتىيىگە تارىپ ئۇنىمايۋاتاتتى. ئەتىسىدىن باشلاپ تېخىمۇ چېچىلىپ زادىلا خاتىرجەم بولالماي قالدىم. ئۇلارنىڭ توغرا تەرەپلىرى بىلەن خاتا تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل تارازامغا قويۇپ ئۆلچەيتتىم، كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تىنماي ئويلىناتتىم. خېلىدىن بېرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا بەل باغلاپ كەلمەكتە ئىدىم. مېنىڭ پىلانلىرىم يېڭى بىر پارتىيە ئىچىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان پىلانلار ئىدى. بۇ تەرىپى ماڭا بەكلا ئايدىڭ ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي تا بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە بىرەر قەدەم باسالماي كەلگەن ئىدىم. مەن، بۈگۈن بىر ئىشنى باشلاپ قويۇپ ئەتىسى تاشلىۋېتىپ باشقا بىر ئىشقا تۇتۇشۇپ كېتىدىغان ئۇنداق كىشىلەردىن ئەمەس ئىدىم. شۇڭا مەن، بۇنداق بىر تەشكىل قۇرۇش ئىشىدا بەكلا ئارىسالدا بولۇپ قىينىلىپ يۈرگەن ئىدىم. چۇنكى مېنىڭ پىلانىمدىكى بۇ ئىش، بىر بولسا ئالاھىدە زور ئىشلارغا يول ئاچىدىغان بىر تەشكىلات بولىشى، ياكى بولمىسا بۇنداق خىيالنى مەڭگۈ خىيالىمغا كەلتۈرمەسلىكىم لازىم ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ بۇنداق بىر تەشكىلگە كىرىش ئىشىم چېكىنىش يولى بولمىغان، قەتئى ئىرادىگە كېلىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئىش ھېساپلىناتتى. بۇ ئىش، مېنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتلىق كۆڭۈل خوش قىلىدىغان بىر ئىش بولماي، مەڭگۈلۈك بىر ئىشىمغا ئايلىنىدىغان مۇھىم بىر ئىش بولىشى شەرت ئىدى. مەندە شۇ ۋاقىتلاردىلا ھەممىگە قىزىقىدىغان، ئەمما ھېچ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان كىشىلەرنى ياراتمايدىغان بىر مىجەز بار ئىدى. ھەممىلا يەردە پۇتلىشىپ يۈرىدىغان بۇنداق لۈكچەكلەرگە بەكلا ئۆچلىكىم كېلەتتى. مەن ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلغىنىدىن كۆرە ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي جىم يۈرگىنى ياخشى دەپ قارايتتىم.
مانا ئەندى، تەغدىر ماڭا قانداقتۇ بىر ئىشلار توغرىلىق ئىشارەت بېرىۋاتقاندەك سىزىم بەرمەكتە ئىدى. ھازىرقى مەۋجۇت پارتىيىلەرنىڭ ھېچقايسىغا يېقىن يولاش نىيىتىم يوق ئىدى. بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىم ھەققىدە كېيىن يەنە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمەن. تېخى ئەندىلا بىر نەچچە ئەزا توپلىيالىغان بۇ كۈلكىلىك كىچىك گۇرۇپ، تېخى بىرەر تەشكىلات دەپ قاراشقىمۇ بولمايدىغان بۇ كىچىك قوشۇن، ماڭا بەكلا ماس كېلىدىغان بىر تەشكىلاتتەكلا بىلىنمەكتە ئىدى. چۇنكى، بۇنداق بىر تەشكىلات، ئىدىيىسى ئۇيۇپ قالغان، ئەزالىرى گرانىتلىشىپ كەتكەن ئۇنداق ئۆزگەرمەس بىر تەشكىلات ھېساپلانمايتتى. بۇنداق بىر تەشكىلاتتا ئىقتىدارلىق بىرسى ئەزالىرىنى قايىل قىلىش، پارتىيىنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشكە تەسىر كۆرسىتىش پۇرسىتىنى يارىتالايدۇ دەپ ھېساپلاشقا بولاتتى. بىرەر تەشكىلات قانچىكى كىچىك بولىدىكەن، ئۇنى خالىغانچە شەكىلگە كەلتۈرۈش ۋە خالىغان بىر ھەرىكەتكە يىتەكلەشمۇ شۇنچە ئاسان بولاتتى. شۇڭا، مېنىڭ بۇنداق بىر تەشكىلاتقا قاتنىشىشىم تېخىمۇ مۇۋاپىقتەك بىلىنمەكتە ئىدى. بۇنداق كىچىك بىر تەشكىلاتتا ئادەم كۈرەش مەقسىدىنى، غايىسىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تاللىۋالىدىغان يولنى شۇنچە ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇلارنى كونىراپ قېتىپ كەتكەن چوڭ پارتىيىلەردە ئىشقا ئاشۇرىمەن دېيىش ئۇنچە ئاسانغا توختايدىغان ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى.
بۇ مەسىلە ھەققىدە قانچىكى كۆپ ئويلانسام، مىللىتىمىزنىڭ ئۇيغۇنىشىنى پەقەت مۇشۇ خىلدىكى كىچىك ھەرىكەتتىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىنچە پارلامېنىت جىنايەتچىلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلىپ يۈرىدىغان پارتىيىلەر بىلەن بۇ ئىشقا زادىلا ئاتلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بارغانسىرى كۈچلۈك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چۇنكى بۇ يەردىكى مەسىلە، قانداقتۇ بىر سايلام ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويۇش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بىر دۇنيا قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇش مەسىلىسى ئىدى. شۇنىسى باركى، نىمىلا قىلسام قىلاي، بۇ ئىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇم ئۇنداق ئاسانغا توختايدىغان ئىشلاردىن ھېساپلانمايدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا قانچىلىك قابىلىيىتىم بار، مەن بۇ ھەقتە نىمىلەرنى قىلالىشىم مۇمكىن؟
بىر تىيىن پۇلۇم يوق نامىرات بىرسى بولغىنىمغا چىدىيالايتتىم. ئەمما مېنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئاجىزلىق بولغان ھېچكىم تونىمايدىغان بىرسى بولىشىم، مىليونلىغان يۇرتدىشىمدىن قىلچە پەرقى يوق ئادەتتىكى بىرسى بولىشىم، پەۋقۇلئاددە پۇرسەتكىلا قاراشلىق ياكى بولمىسا ئۇجۇقتۇرىۋىتىلگىنىمدە ھېچكىم دىققەتمۇ قىلمايدىغان بىرسى بولغانلىقىمغا بەرداشلىق بەرمەك ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىش ئىدى. بۇلارغا يەنە يىتەرلىك بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمنىمۇ قوشۇپ قويۇشۇم مۇمكىن. “بىلىملىك، زىيالى” دەپ تونۇلغان كىشىلەر يىتەرلىك بىلىم ئالالمىغان، شۇنىڭدەك لازىملىق بىلىم بىلەن شوغۇللىنىپ باقمىغان كىشىلەرگە ئالاھىدە مەغرۇر قىياپەتتە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى. ئۇنداق كىشىلەر “بۇ ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كېلىدۇ؟” دەپ ھېچقاچان سوراپ قويۇشمايتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، “بۇ كىشى نەدە، نېمە ئوقىغان ئىكەن؟” دەپ سوراشنىلا بىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئوقىغان كىشىلەر ئەتراپىنى بىر مۇنچە دېپلوماتلار قورشاپ ئالغان چىقىشقاق ئەمما ئەڭ ئاخماق كىشىلەرنى دېپلوم دېيىلىدىغان شۇ قىممەتلىك قەغەزى قولىدا يوق ئەڭ ئەقىللىق بىر ياشتىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن كۆرىشىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، “ئوقۇغان” لارنىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشۈم تەس ئەمەس. بەزىدە مەن، بۇ ئادەم خېلى بولىدىغان ئادەم دەپ بىلىدىغان بەزى ئادەملىرىممۇ يوقۇرقىدەك قاراشتىكى ئادەتتىكى بىرسى بولۇپ چىقاتتى. نىمىلا بولسا بولسۇن، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئويلىمىغان يەردىن بىر قىسىم ئادەم تونۇيدىغان ئىستىقباللىق كىشىلەرنىڭ چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەن، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇ ئوقۇغۇچىلىق ھالىتىدە مەڭگۈ قالىدىغانلار بىلەن ئەمەلىيەتتە چېنىقىپ مۇھىم بىرسى بولۇپ چىقىدىغانلارنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈشنى ياخشى بىلەتتىم.
ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ زىرىكەرلىك ئويلىنىشتىن كېيىن، بۇ ئىشقا قەتئى كىرىشىشىم لازىملىقىنى ھېس قىلدىم.
بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ نىيەتكە كەلگەن ئىكەنمەن، ئەندى بۇ نىيىتىمدىن يانالمايتتىم ۋە ھەرگىزمۇ يانماسلىقىم لازىم.
شۇنداق قىلىپ، «نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى» گە ئەزا بولۇش جەدۋىلىنى يەتتىنچى ئەزاسى سۈپىتىدە تولدۇرپ، بۇ پارتىيىگە شەرەپ بىلەن كاندىدات ئەزا بولۇپ كىردىم.

ئونىنچى باب

تارمار قىلىنىشىمىزنىڭ سەۋەپلىرى
ھەرقانداق بىر جىسىمنىڭ يوقۇردىن پەسكە چۈشۈش دەرىجىسى، ھەر دائىم شۇ جىسىم پەسكە چۈشۈشتىن بۇرۇنقى تۇرغان نوقتىسى بىلەن چۈشۈپ ئەڭ ئاخىرى توختىغان نوقتىسى ئارىسىدىكى ئۆلچەنگەن پەرققە باغلىق. بىرەر مىللەت ياكى بىرەر دۆلەتنىڭ يىمىرلىشىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەممۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق ئۆلچەملەردە بۇرۇنقى ۋەزىيەت − يەنى ئېنىغىراق ئېيتقاندا دەسلەپكى سەۋىيە − ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر بىرەر شەيئى چۈشۈش ياكى يىمىرىلىشتىن كېيىن ئوتتۇرچە ئىگىزلىكنىڭ ئۈستىدە بىر يەرلەردە توختاپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ پەسكە چۈشۈش دەرىجىسىنى ئېنىق بەلگىلىمەك بەكلا تەس. ئەمما ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشى، باھالاش، ئويلاش ياكى ھېس قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ھەر قانداق بىرسىگە نىسبەتەن بەكلا قاتتىق چۈشكەنلىك، بەكلا ئېغىر پاجىئە بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقى ئېنىق: ئەسلىدە بىزنىڭ ئىمپىرىيىمىز شۇنداق يوقۇرى بىر ئىگىزلىكتىن پەسكە چۈشتىكى، بىز بۇ توختىماي تۆۋەنگە چۈشۈشنى، بۇ يىمىرىلىشتىن كېلىپ چىققان پاجىئەنى ھېس قىلىشقىمۇ ئۈلگىرەلمەي قالدۇق.
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، ئىمپىرىيىنىڭ ھۇلى پۈتۈن بىر مىللەتنى يۈكسەك پەللىلەرگە كۆتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەقەلەر بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. زەپەردىن زەپەرگە قوشۇشتەك تەڭداشسىز كۈرەش شۆھرىتى نەتىجىسىدە، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۆلمەس قەھرىمانلىقلارنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە بىر ئىمپىرىيە يېتىلگەن ئىدى. بۇ ئىمپىرىيىنىڭ يېتىلىشى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولىشى ئەھمىيەتلىك ئەمەس. مۇھىم بولغىنى، بۇ ئىمپىرىيە بۈگۈنكى پارلامېنت گۇرۇپپىلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان ساختىپەزلەرنىڭ قۇرۇق داۋراڭلىرى نەتىجىسىدە قۇرۇلمىغانلىقى، ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن دەبدەبىسى ۋە سەلتەنەتى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھېس قىلىنغانلىقى مۇھىم ئىدى.
ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىشلار پارلامېنتتىكىلەرگە ئوخشايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇرۇق گەپكە تايىنىپ كۈرەش قىلىشىدىن قولغا كەلگەن نەتىجە ئەمەس ئىدى. نېمىسلار ھۆكۈمدارى بىلەن خەلقىگە تايىنىپ ئۆز ئىستاقبالى ئۈچۈن بىر ئىمپىرىيە قۇرۇپ چىققان، خان تاجىنى بىر سىموۋۇل سۈپىتىدە ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قەتئى ئىرادىگە كېلىپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئالدىنقى سەپلەردە ۋە پارىژ مۇھاسىرلىرىدە بۈگۈنكى كىشىلەردەك ئۇنداق ۋار-ۋار ۋاقىراپ جاقىرىشىپ ئەمەس بەلكى كۆكنى يارغان چاقماقتەك گۆكىرەپ قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىرسىگە كەيگۈزۈشكەن ئىدى. بىسمارك دۆلىتى ھەرگىزمۇ ئەسكەر قاچقۇنلىرى، قاتىللارغا تايىنىپ قۇرۇلغان بولماي، ئالدىنقى سەپتە كۆكرەك كىرىپ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىشنى بىلگەن پولكلارنىڭ كۈچى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.
بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇتۇق، بۇنداق بىر كۈرەش تەجرىبىسى ئىمپىرىيىنى شانلىق بىر تارىخقا ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدەك زور ئۇتۇقنى بەكلا ئاز دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ كونا دۆلەتلەردىلا كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
بۇنداق بىر ئىمپىرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن گېرمانىيە ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغىدەك يۈكسىلىش يولىغا قەدەم باسقان ئىدى. سىرتقا نىسبەتەن قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇستەقىللىقىمىز ۋەتەن ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ يەيدىغان نېنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا خەلقىمىز نوپۇسى جەھەتتىن ئارتقان، يەر يۈزىنىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتىن ئەڭ باياشات ھالغا كەلگەن ئىدى. دۆلەتنىڭ، شۇنىڭغا قوشۇلۇپ مىللىتىمىزنىڭ ئابرويى، ئۇ دەۋرنىڭ نېمىس مىللىتى ئارىسىدىن بەكلا ئاسان تەشكىللەشكە بولىدىغان ئارمىيىسى تەرىپىدىن قوغدالماقتا ئىدى. ئەمما بۈگۈن، ئىمپىرىيىمىز بىلەن نېمىس خەلقى شۇنداق يۈكسەك بىر پەللىدىن پەسكە غۇلاپ چۈشتىكى، ھەممە كىشى بۇ چۈشۈشتىن باشلىرى قېيىپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، پۈتۈن خەلق ئەقىلىدىن، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەندى، ئۆتمۈشتىكى ئۇلۇغلىقىمىزنى ئەسلىيەلىگىدەك ئىمكانىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم بولغان ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ نامراتلىق ئىچىگە پېتىپ قالغىنىمىزدا، ئۆتمۈشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ھالىتىمىز بىلەن دەبدەبىلىك ھالىتىمىز خۇددى چۈشۈمىزدىكىدەك، ئىشەنگۈسىز بىر خىيالدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. دېمەككى، بىزگە بۇ قورقۇنۇشلۇق يىمىرىلىشكە نىمىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى تەھلىل قىلىش ئىستىگىمىزنى ئۇنۇتقۇزغان نەرسىمۇ دەل شۇ كۆز قاماشتۇرىدىغان ئۆتمۈشىمىز بولۇپ قالغانلىقىنى يوقۇرقىلاردىن كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭغا قارىماي يىمىرىلىشىمىزگە سەۋەپ بولغان بۇ ئالامەتلەر ئاز-تۇلا بولسىمۇ يەنىلا كۆزىمىزگە چېلىقىپ قالىدۇ.
قىلچە گۇمان يوقكى، بۇ ئالامەتلەرگە قاراپ بەزىلەر گېرمانىيىنى بۇرۇنلاردا باي بولۇپ ئەيشى-ئىشرەت قىلىدىغان بىر ئەل دەپ تۇنىغان بولسا، ئەندىلىكتە بۇ يەرنى بىر بالا-قازا يېرى دەپ قاراشماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك يىمىرلىپ كېتىشىدىن خوشال بولىدىغانلار بولسا، بۇنىڭ ئەكسىنچە بۈگۈنكىدەك بىر كۈننى قاچان كېلەر دەپ ساقلاپ يۈرگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئارزۇ قىلغان كۈن مانا بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنداقلار بۈگۈنكى گېرمانىيىنىڭ بۇ ھالىدىن بەكلا خوشال.
ئەسلىدە ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرلىش ئالامەتلىرى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئالامەتلەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى ئويلايدىغان ئادەملەر يوق دىيەرلىك ئىدى. ئەمما بىز بۈگۈن، يىمىرىلىشىمىزگە سەۋەپ بولغان بۇ ئەھۋاللار ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش، ئۇنىڭدىن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ چىقىشقا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكىرەك ئېھتىياجلىق ھالدا تۇرماقتىمىز. بىرەر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى مەلۇم بولدى دېمەك، ئۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۇسۇلىمۇ تېپىلدى دېگەنلىكتۇر. سىياسى خاتالىقلارنى تۈزىتىش جەھەتتىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ خاتالىقلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۆبىھسىزكى، بىرەر كېسەللىكنىڭ كۆزگە چېلىققان تاشقى كۆرۈنىشىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ داۋالاپ ساقايتماق، بۇ كېسەللىكنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى تولۇق ساقايتماقتىن تەس. نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقى كۆرۈنۈشنى ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن پەرقلەندۈرەلمەي، تاشقى تەسىرلەر بىلەن ئىچكى سەۋەپلەرنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر سەۋەبنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ تۇرىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەپتىن بۈگۈنكى گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاددىلا قاراپ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەپ بولغان، بۇ ھالەت ئەنە شۇ تۈردىكى قىيىنچىلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتتۇر دەپ قارىشىدۇ. گەرچە بۇ تۈر قىيىنچىلىقلارغا ھەممە كىشى دېگىدەك چىداشقا مەجبۇر، شۇڭا بۇ پاجىئەلىك ھالىتىمىزنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى دېگىدەك چۈشىنىشى زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرسىمۇ شۇ ئىدى. كەڭ خەلق ئاممىسى بۇنداق بىر يىمىرىلىشكە سىياسىي، مەدەنىي، ئەنئەنە، ئىرق ۋە ئەخلاقى نوقتىلاردىن قاراپ كەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەر سىزىم ۋە ئوي-پىكىرلەردىن مەھرۇم بولۇپ كەتكەن. بىز كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ تۈردىكى ئويلىرىنى خاتا ئەمەس دەپمۇ تۇرايلى، ئەمما بىلىملىك دەپ قارىلىدىغان كىشىلەرمۇ گېرمانىيىنىڭ تارمار كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى قىلىپ ئىقتىسادىي يىمىرىلىشنى كۆرسىتىشمەكتە. شۇڭا ئۇنداقلار گېرمانىيىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ يولى ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقىنى ئوڭشاشتا دەپ قاراشماقتا. مېنىڭچە بولغاندا، بۇنداق بىر قاراش ھۆكمۈران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەچكە، گېرمانىيىنى تا بۈگۈنگىچە بۇ يىمىرىلىشتىن قۇتقۇزالماي كەلمەكتىمىز. ئەگەر گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەپ بولدى دەپ قارالغان ئىقتىسادىي سەۋەپلەرنى ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى سەۋەپلەردىنلا بولالىشى مۇمكىن، ئەسلى سەۋەپ سىياسەتتە، ئەخلاقى مەسىلىلەردە ۋە “قان” ئامىللىرىدا ساقلانماقتا دەپ قارىيالىساق، نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىمىزنىڭ ھەقىقى سەۋەبى ئوتتۇرغا چىققان، نەتىجىدە بۇنى ئوڭشاشنىڭ چارىسىمۇ تېپىلغان ھېساپلىناتتى.
گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشى، ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش. بۇنداق بىر تەتقىقات، سىياسىي ھەرىكەت تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان بولىشى كېرەك. چۇنكى، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ غايىسى بولسا تارمار قىلىنىشتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى، تارمار قىلىنىشنىڭ سەۋەپلىرىنى تېپىپ چىقىش بولىشى كېرەك. شۇنداقتىمۇ ئۆتكەن ئىشلار تەتقىقاتى جەريانىدا، ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان سەۋەپلەر بىلەن كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان سەۋەبلەرنى بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتنىڭ دەرھال كۆزگە كۆرۈنىدىغان سەۋەپلىرى بىلەن بۇ سەۋەپلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ئىزاھات مۇنداق ئورتىغا قويۇلماقتا: بىز مەغلوپ بولغان بۇ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرىگە چىدىشىمىز كېرەك. يەنى، بېشىمىزغا كەلگەن بۇ پاجىئەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغانلىقىمىزدۇر دېيىش بىلەن چەكلەنمەكتە.
ئارىمىزدا ئاخماقلارچە چىقىرىلغان بۇ تۈردىكى خۇلاسىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر خېلى كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلماقتا. ئەمما بۇنداق بىر خۇلاسىنى يالغان گەپلىرى بىلەن ئىككى يۈزلىمىچىلىكلىرىگە باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ يۈرگەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئەسلىدە ھۆكۈمەتنىڭ دەستىرخىنىغا ئولىشىۋېلىپ نەپ ئېلىپ يۈرگەن كىشىلەر ئىدى. ئىنقىلاپقا باشلامچىلىق قىلىپ يۈرگەنلەر خەلقىنى بۇ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرىگە سۈكۈت قىلدى دەپ تەنقىتلەشكەن ئەمەسمىدى؟ ئۇلار ھەتتا، ئەگەر بۇ چوڭ ئۇرۇش غەلىبىلىك ئاخىرلاشقىدەك بولسا، بۇ غالىبىيەتتىن مەنپەتدار بولىدىغان كىشىلەر نېمىس خەلقى ياكى نېمىس ئىشچىلىرى بولماستىن بەلكى چوڭ كاپىتالىستلارلا بۇ غالىبىيەتتىن مەنپەتدار بولالايدۇ دېيىشمىگەنمىدى؟ شۇنداق، بۇ تۈردىكى دۇنياۋى تېنچلىق ھىمايىچىلىرى، بۇ ئۇرۇشتا پەقەتلا مىللىتارىزم يوقۇتۇلدى، شۇڭا نېمىس خەلقى بۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈننى تەنتەنە قىلىپ خاتىرلەيدىغان بايرام كۈنى دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك دېيىشمىگەنمىدى؟ بۇ تۈردىكى كلىشىلەر دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قىلغان بۇ ئاتالمىش ياخشىلىقلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشۈپ، قانلىق كۈرەشلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈنلەي گېرمانىيىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇشمىغانمىدى؟ ئۇلار بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنى ئارمىيىنىڭ تارمار قىلىنىشى خەلققە ھېچقانداق بىر پايدا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماي تۇرۇپ بۇنداق تەنتەنە كۈنىنى ئېلان قىلىشقا قانداقمۇ جۇرئەت قىلىدۇ؟ بۇ ئىنقىلاپ پۈتۈنلەي دېگىدەك ئەنە شۇنداق بىر پىلانغا تايىنىپ قانات يايدۇرۇلغان ئەمەسمىدى؟ بۇ ئىنقىلاپ، غالىبىيىتىمىزنى، قولىمىزدىكى غالىپ بايرىقىمىزنى بىزنىڭ قولىمىزدىن ئوغۇرلاپ ئېلىشتى. بولمىسا نېمىس خەلقى تاشقىرىدا ۋە ئىچكى قىسىمدا پەقەت شۇنىڭغا تايىنىپ مەۋجۇت بولالايتتى ۋە غەلىبە قىلالايتتى. ئى ئالدانغان بىچارە سەبداشلىرىم، سىلەر ئەنە شۇنداق ئالدانمىدىڭلارمۇ؟
بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەبىنى ئارمىيىنىڭ تارمار قىلىنغانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئىشىدا يەھۇدىيلارنىڭمۇ يۈزسىزلىكلىرى ئارىلاشقان ئىدى. بۇ جەرياندا بارلىق ۋەتەن ساتقۇچلارنىڭ مەركىزى تەشۋىقات ئورگىنى بولغان بېرلىندىكى «ۋارۋارتىس» مۇ بۇ قېتىم نېمىسلارنىڭ غالىبىيەت تۇغلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قايتىشقا ھەققى يوق دەپ يېزىشقان ئىدى. ئەندىلىكتە، بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى، بۈگۈنكى ۋەيرانە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئارمىيىمىزنىڭ مەغلوبىيىتىدىن كۆرىشىمىز لازىم بولۇپ قالدىمۇ؟
بۇنداق يالغانچىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىمەن دېيىشنىڭ قىلچە قىممىتى يوق. شۇڭا مەن ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىمەن دەپ بىكاردىن ۋاقت ئىسىراپ قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتىم. قانداق قىلغۇلۇق، بۇ تۈردىكى مەنتىقىسىز قاراشلار قىلچە يامان نىيىتى بولمىغان، ئەمما ئەقلىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان بىر دۆۋە كىشىلەرنىمۇ بىرگە بۇلغىماقتا.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تۈردىكى تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق پارتىيىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى غايىسى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان كىشىلىرىمىزگىمۇ بەزى پاكىتلارنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز. بۇرۇن دېيىشكەن بەزى گەپلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىۋېلىشقان بۇ كۈنلەردە، بۇنداق مۇنازىرىلەردىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان پاكىتلار بىزنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپمۇ قالار.
گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىشىگە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغانلىقىمىز سەۋەپ بولدى دەپ يۈرگەنلەرگە ئەنە شۇنداق جاۋاب بېرىمىز.
قىلچە شۆبھە يوقكى، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغانلىقىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن بەكلا ئېغىر ئاپەت ھېساپلىنىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇ يېڭىلىش ئاساسلىق سەۋەپ بولغان بولماستىن بەلكى باشقا سەۋەپلەر بۇ يېڭىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ ئاتلانغان بۇنداق بىر جەڭدە مەغلوپ بولۇش ئىنتايىن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى يامان غەرەزلىك بولمىغان ھەرقانداق بىرسى ھەرگىز رەت قىلالمايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنداق بىر پاكىتنى چۈشىنەلمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقماقتا. ۋەزىيەت ياخشى ۋاقىتلاردا جەڭگە قاتناشقان بولسىمۇ، كېيىن بۇ پاكىتنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىماي ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋېلىشقان ئىدى. ئەندىلىكتە، بۇ كىشىلەر يوشۇرۇن غەرەزلەر ئىشقا ئاشقىنىدىن كېيىن ياردەم قىلىشىپ بەرگەن بۇ پاجىئەنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۇشتۇمتۇت بىلىپ قالدى. ئەمما بۇنى سەزگەنلىرىدە بەكلا كېچىكىپ قالغان ئىدى.
مەغلوبىيىتىمىزگە سەۋەبچى بولغانلار ئەسلىدە ئارمىيىمىز ئەمەس بەلكى ئەنە شۇلار ئىدى. چۇنكى، ئارمىيىنىڭ مەغلوپ بولىشى بۈگۈن ئۇلارنىڭ دەپ يۈرگىنىدەك ئۇنداق ئارقا سەپ تەمىناتىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكنىڭ، ئىقتىدارسىز قۇمانداننىڭ ناچار قۇماندانلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى. مەغلوبىيەتنىڭ ئەسلى سەۋەبى يوقۇرىدا دېيىلگەندەك ئۇلارنىڭ ھەممىنى چېلىۋەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. شۇنىڭدەك دۈشمەن ئارمىيىسىمۇ قورقۇنچاق ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن بىر قوشۇن ئەمەس ئىدى. ئۇلارمۇ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جەڭ قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۇرۇش باشلانغان كۈنىدىن تارتىپلا نېمىس ئارمىيىسىنىڭكىدىن سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇرۇش قۇراللىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتلار بىلەن بارلىق كېمىسازلىق ئورۇنلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئىنتايىن مۇنتىزىم، قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىدىغان دۇنيا كۈچلىرىگە قارشى جەڭلەردە نەق تۆت يىل غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ كېلەلىگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزىلا نېمىسلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە قۇماندانلىق قىلىشتىكى ئۈستۈن قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ تەمىنات ئىشلىرى بىلەن قۇماندانلىق ئىشلىرى، مۇنتىزىملىقى شۇ ۋاقىتقىچە دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مۇكەممەللىك ھېساپلىناتتى. دەرۋەقە بەزى يېتەرسىز تەرەپلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەمما بۇ تۈردىكى يىتەرسىزلىكلەر ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ساقلىنىشقا بولىدىغان نوقسانلاردىن ھېساپلانمايتتى.
ئارمىيىمىزنىڭ تارمار قىلىنىشى، ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالغا قېلىشىمىزنىڭ سەۋەپچىسى ئەمەس. بۇ مەغلوبىيەت، باشقا تۈردىكى جىنايەتلەرنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، شۇنىڭدەك، بۇ ئاقىۋەت يەنە كېلىپ تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا چىققان باشقا بىر ئاقىۋەتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئالدىن ئىشلەنگەن تەييارلىق ئىدى.
بۇ دېگەنلەردىن تۆۋەندىكىدەك سۇئاللار تۇغۇلىدۇ:
ھەربىي مەغلوبىيەت بىرەر خەلقنىڭ ياكى بىرەر دۆلەتنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىشى مۇمكىنمۇ؟ قاچانلاردىن بېرى ئۇرۇش بۇنداق بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ باققان؟ بىرەر مىللەت ئۇرۇشتا بىرەر قېتىم مەغلوپ بولغانلىقى سەۋەپلىك پۈتۈنلەي يوقاپ كىتىدىغان ئىش بولۇپ باققانمىدى؟
بۇ تۈردىكى سۇئاللارغا قىسقىلا قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بېرىشكە بولىدۇ:
بىرەر ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغاندىن كېيىن، بىر مىللەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ئۈچۈن بۇ مىللەت شۇ بىر قېتىملىق مەغلوبىيەت سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ ئىچ-ئىچىدىن چىرىپ پەسكەشلىشىپ كەتكەن، ئۆز كۈچىگە بولغان ئىشەنچىنى تولۇق يوقاتقان ھالغا كەلگەن بولىشى، قىسقىسى مىللىي لاياقىتىنى، مىللىي غۇرۇرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەغدىردە، بىرەر ھەربىي مەغلوبىيەتكە دۈچ كېلىشى ئەكسىنچە بۇ مىللەتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ يۈكسەك ھالغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ رول ئوينايدىغان بىر قامچا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، بىرەر قېتىملىق ئۇرۇش مەغلوبىيىتى ھەرگىزمۇ بىرەر مىللەتنىڭ قەۋرە تېشىنىڭ تىكلىنىشىگە سەۋەپ بولالمايدۇ. تارىخ بۇنى سانسىزلىغان ئەمىلىيەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.
ئەمما نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلوب بولغانلىقى ئىچكى چۈشكۈنلۈك پاجىئەسىدىن كېلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى مەڭگۈلۈك ئادالەت بەرگەن جازا ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بىز بۇ مەغلوبىيەتكە ھەقىقەتەنمۇ لايىق ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدۇق. بۇ مەغلوبىيەت نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋەقەلەر ئارىسىدىكى ئۈمىتسىزلىنىپ بۇزۇلۇش يولىغا كىرىپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇ تۈردىكى ئىچكى ۋەقەلەر كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ، تۆگە قۇشىنىڭ بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپ خىيىم-خەتەردىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنغىنىدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ۋەقەلەرنى پەرق قىلالمىدى. نېمىس خەلقىنىڭ بۇ مەغلوبىيەتكە باش ئەگكەنلىك قىياپىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم خۇسۇسلارنى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ.
بىر قىسىم ساھەلەردە نېمىس ۋەتىنىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بالا-قازا ئالاھىدە مەدھىلەر بىلەن قارشى ئېلىنمىغانمىدى؟ بۇنداق بىر پازىتسىيىدە بولغان قايسى مىللەت بۇنداق بىر جازغا لايىق كەلمەيدۇ؟ ھەتتا بۇنداق پوزىتسىيىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ ئالدىنقى سەپنىڭ يىمىرلىشىنىمۇ تېزلىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ يىمىرلىشنىڭ دۈشمەن سېپىنىڭ ھۇجۇمىدىن كەلگەن بولماي ئۆزلىرى پەيدا قىلىشقانلىقىنى مەغرۇرلىنىپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلىشمىغانمىدى؟ ياق، ياق! بۇنداق نومۇس قىلىنارلىق ئەھۋالنىڭ مەسئولىيىتى دۈشمەنلەردە ئەمەس بەلكى نېمىسلارنىڭ دەل ئۆزىدە ئىدى. نېمە بولسا بولسۇن، بۇنداق بىر بالا-قازانى بىزگە لايىق ئەمەس دەپ باشقىلارغا ئارتىپ قويالىشىمىز مۇمكىنمىدى؟ ھەممە ئىش ئوتتۇرلۇقتا ئاپ-ئاشكارە تۇرۇغلۇق بىر مىللەتنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋېلىشى نەدە ۋە قاچان كۆرۈلۈپ بېقىپتىكەن؟
ياق، ياق! بۇنداق ئىش ھېچ يەردە ۋە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس!
نېمىس خەلقىنىڭ ئۇرۇشتا يىمىرىلگەنلىكىنىڭ ئەسلى سەۋەپلىرىنى يالغۇز ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغانلىقىمىزدىن، بىر قانچە سەپنى تارتقۇزۇپ قويغانلىقىمىزدىن ئاختۇرۇپ يۈرىشىمىز، ياكى بولمىسا بىرەر قېتىملىق قايتارما ھۇجۇمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقى ئىچىدىن ئاختۇرۇپ يۈرىشىمىز پۈتۈنلەي خاتا ئۇرۇنۇشتۇر. چۇنكى بىر ئۇرۇش سېپى ئالدىنقى سەپ سۈپىتىدە قولدىن چىقىپ كەتكەن، بۇ قولدىن بېرىپ قويۇش يەنە كېلىپ ۋەتەننىڭ بېشىغا بالا-قازا تېرىشقا سەۋەپ بولۇپ بەرگەن بولسا ئىدى، نېمىس خەلقى بۇ مەغلوبىيەتكە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر شەكىلدە بەرداشلىق بەرگەن بولار ئىدى. ئۇ چاغدا بۇنداق بىر تارمار قىلىنىشتىن كېلىپ چىققان بالا-قازاغا چىشىنى چىشلەپ چىدىغان بولار ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا قىينالغانلىقتىن ئوتتۇرغا چىققان نارازىلىقلارنى ئاڭلار ئىدۇق. تەلەينىڭ بىزگە قۇچىقىنى ئاچمىغانلىقىدىن، تەغدىرنىڭ بويرۇقى بىلەن غەلىبە قىلغان دۈشمەنگە نىسبەتەن نېمىس خەلقىنىڭ يۈرىكى غەزەپتىن شىددەتلىك دۆپۈلدەپ سوققان بولىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا، مىللىتىمىز خۇددى رىم دېپوتاتلىرىغا ئوخشاش مەغلوپ بولغان قوشۇنلىرىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان، كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئۈچۈن ۋەتىنىگە ۋاكالىتەن ئەسكەرلىرىگە رەخمەت ئېيتىشقان، ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ رېيچ (گېرمانىيە ھۆكۈمىتى − ئۇ.ت) تىن ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىكى ئۈچۈن تەسەللى بېرىشكەن بولار ئىدى. تەسلىم بولۇش شەرتنامىسىغىمۇ سۈكۈت ئىچىدە قولىنى قويۇپ بەرگەن بولار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبى يەنىلا كەلگۈسىدىكى ئازاتلىق غايىسى ئۈچۈن، قايتا باش كۆتۈرىشى ئۈچۈن دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان بولار ئىدى.
ئەگەر مەغلوپ بولۇش تەغدىرنىڭ يۈزىمىزگە ئۇرغان بىر كاچىتىلا بولسا ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كۈلۈپ-ئويناپ يۈرەلمىگەن بولاتتۇق. ۋەتەن ساتقۇچلۇق ئۈچۈن ھېچكىم پەخرىلىنەلمەس، مەغلوبىيىتىنى تەبرىكلىيەلمەس ئىدى، ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كەلگەن ئەسكەرلىرىنى ھېچكىم ھاقارەت قىلالماس، بايراق تۇغلىرى يەرلەردە پاتقاققا مىلىنىپ سۆرۈلۈپ يۈرمەس ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە شۇ ئېنگىلىز پولكوۋنىكى رېپىنگتونغا “ھەر ئۈچ نېمىستىن بىرسى ۋەتەن خائىنى” دېگەندەك پاسكىنا ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىشىغا غەزەپ بىلەن ھۆمۈيۈپ ھەرگىز يول قويمىغان بولار ئىدى. ياق، بۇ ۋابا، ھەممىنى بوغۇپ تۇنجۇقتۇرىۋەتكىدەك دولقۇن بولۇپ ئۆرلىيەلمەس، بەش يىلدىن بۇيان، باشقا ئەللەرنىڭ بىزگە بەرگەن ئاخىرقى ياخشى باھالىرىنىمۇ سىرىپ سۈپۈرىۋىتەلمەس ئىدى.
گېرمانىيىنىڭ يىمىرىلىشىغا سەۋەپ قىلىپ ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان يالغان-ياۋداق سۆزلىرىنى مانا بۇ جەھەتتە تولۇق چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن.
ياق، بۇنداق بىر يىمىرىلىشنى ئارمىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بۇ تۈردىكى ئېغىر خانىۋەيرانچىلىقنى، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنى ئۇرۇش باشلانماي تۇرۇپلا نېمىس خەلقىنى ۋەيران قىلىشقا كىرىشكەن بۇزغۇنچىلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەخلاقى پەزىلەتلەر، تۇغما ئىستەكلەر ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇيغۇلارنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى، ھەممىگە مەلۇم بولغان بۇ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر. مىللىتىمىزنىڭ، ئىمپىرىيىمىزنىڭ ئۇلىنى مانا بۇ كېسەللىك ئۇزۇندىن بېرى چىرىتىشكە، زەھەرلەشكە باشلىغان ئىدى.
ئەسلىدە، ئەڭ چوڭ يالغانلارنى توقۇپ چىقىرىشنىڭ پىرى بولغان يەھۇدىيلار، ماركىسىزمچى تەشكىلاتلار بۇ يىمىرىلىشنىڭ ئەڭ باشتىكى جىنايەتچىلىرى ئىدى. چۇنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى غەيرىتىنى سەرپ قىلىپ مىللىتىنى بۇ نومۇسلۇق يىمىرىلىشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغان كىشىلىرىمىزنى تۆھمەت ۋە يالغانچىلىقلار بىلەن قاپ-قارا قىلىپ بۇلغىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىش تۇيغۇلىرىمۇ يوقالغان ئىدى. ئۇلار لۇدېندورفنى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ قالدى دەپ قارىلاپ، خائىنلارغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر ئادەمنىڭ قولىدىكى قۇرالىنىمۇ تارتىپ ئېلىشقان ئىدى. بۇ جەھەتتە، كىشىلەر نۇرغۇن ئۇششاق يالغانلار ئارىسىدا پەقەت ئەڭ چوڭ يالغانغىلا ئىشىنىدۇ دەيدىغان پىرىنسىپنى ئىشقا سېلىشقان ئىدى: ئەمەلىيەتتە كۆپ سانلىق خەلق ئاممىسى خالاپ تۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ روھى جەھەتتىن خاراپ بولمايدۇ. ئەمما قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئالدىنىشقا مايىل كېلىدىغان يەرلىرىمۇ بولىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تۇيغىلىرى ئاددى ۋە ئىپتىدائى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇششاق-چۈششەك يالغانلارغا قارىغاندا ئەڭ چوڭ بىرلا يالغانغا بەكلا ئاسان ئىشىنىپ قالىدۇ. ئەسلىدىنلا بۇنداق كىشىلەر ئومۇمىيلىق جەھەتتىن ئالغاندا ئۇششاق-چۈششەك يالغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن، چوڭ يالغان گەپ قىلىشتىن نۇمۇس قىلىشىدىغان كىشىلەردۇر.
شۇنداق بولغاچقا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئالدانغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ قىلچە تەپ تارتماستىن ئۇنچىلىك چوڭ يالغانچىلىق قىلىشىغا، يالغان خەۋەر تارقىتىدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشىنەلمەيتتى. بۇ جەھەتتە ئۇلارنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەڭمۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا بەرىبىر بەك ئىشەنمەيتتى. دېگىنىڭگە ئىشىنەلمەي ئۇزۇنغىچە ئارىسالدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇشتۇمتۇت دېيىلگەن چوڭ بىر يالغانغا دەرھال ئىشىنىدۇ.
ئەڭ پەسكەش يالغانلارمۇ مۇتلەق تۈردە ئازىراق بولسىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتىسلىرى بىلەن ئالدامچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئورگانلار بۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى ياخشى بىلگەچكە، ئۇلار ھەر دائىم بۇ ھۆنەرلىرىنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشىدۇ.
يالغان سۆزلەشكە ئەڭ ماھىر، يالغانچىلىقنىڭ يولىنى بىلىدىغانلار ھەر قانداق بىر دەۋر ۋە ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ يەھۇدىيلار بولۇپ چىقىدۇ. ئەسلىدىنلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا بىر يالغاننىڭ مەھسۇلى ئەمەسمىدى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىرققا مەنسۈپ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بىز بىر دىنى گۇرۇھقا مەنسۈپ كىشىلەرمىز دەپ تونۇشتۇرۇپ يۈردى. ئەسلىدە بولسا ئۇلار بىر ئىرققا مەنسۈپ كىشىلەرلا ئىدى. ئاھ، بۇلار يەنە كېلىپ قانداق بىر ئىرققا مەنسۈپ ئادەملەر دەڭ!
ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىدىن بىرى بولغان شوپېنخاۋئېر، مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى ئىپادىلەيدىغان مۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۇلارغا باھا بەرگەن: “يەھۇدىيلار، ئەڭ ئۇستا يالغانچىلاردۇر.” بۇ جۈملە ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولۇپ، ئۇنىڭ توغرىلىقى ئىزچىل ئىسپاتلىنىپ كېلىنمەكتە.
بۇنداق بىر پاكىتتىن خەۋىرى بولمىغان كىشىلەر، ياكى بۇنداق گەپكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتنىڭ غالىپ كېلىشى ئۈچۈن ھېچقاچان ياردەم قىلالمايدۇ.
نېمىس مىللىتىنى ئۇزۇندىن بويان يوشۇرۇن شەكىلدە ئىچىدىن يىمىرىپ كېلىۋاتقان كېسەللىكنىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋەھىمىلىك بىر پاجىئەگە ئايلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىشىنى، بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بەخىت قۇشى دەپ قارىساقمۇ يامىنى يوق. ئەگەر ئۇنداق تۇيۇقسىز ئاشكارىلىنىپ ئوتتۇرغا چىقمىغان بولسا ئىدى، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ خاراپ بولىشى ئاستا-ئاستا يۈشۈرۇنچە داۋاملىشىپ كېتىۋەرگەن بولار ئىدى. ئەمما ئاخىرىدا مۇتلەق تۈردە ۋەيران بولۇپ يوقۇلۇپ كەتكەن، ئاخىرى بېرىپ بۇ كېسەللىك چوقۇم داۋاملىق بىر كېسەللىك ھالىغا ئايلانغان بولار ئىدى. ئەمما بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا قىلىدىغان ۋەيرانچىلىقى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكىنىدە ئىنتايىن نۇرغۇن ئادەم بۇ كېسەللىك ئاپىتىنى ئېپ-ئېنىق كۆرەلەيدىغان بىر ۋەزىيەت چوقۇم بىر كۈنى ئوتتۇرغا چىقاتتى. كىشىلەر ۋابانى توبىركولىيۇزدىنمۇ تېز ۋە ئاسان تېزگىنلەپ كىتەلىگەنلىكى، ئۇنى يېڭىپ چىقالىغانلىقى ھەرگىزمۇ بىر تەساددىپلىق ئەمەس. ۋابالار ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق شەكىلدە ئۆلۈم پۇرىقىنى چېچىپ كېلىدۇ. ئەمما توبىركولىيۇز بولسا ئادەمنى ئۆپكىسىدىن ئاستا-ئاستا يىمىرىپ ئىلگىرلەيدۇ. بۇلارنىڭ بىرسى شىددەتلىك ۋەھىمە پەيدا قىلسا، يەنە بىرسى ئاستا-ئاستا كۈچەيگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنى بەك ھۇلۇقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلىپ ھەرقانداق بىر توسالغۇلارغا پەرۋا قىلماستىن ۋاباغا قارشى ھەرىكەتكە ئاتلانغان ئىنسانلار، توبىركولىيوزغا قارشى توساق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۈنچە بەك ئالدىرىشىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئىنسانلار ۋابانىڭ ئالدىنى ئالالىغىنى بىلەن، توبىركوليۇزنى تا بۈگۈنگىچە تېزگىنلەپ كېتەلىگىنى يوق.
مىللەتنىمۇ بىر ۋۇجۇتقا ئوخشىتىش مۇمكىن. بىرەر مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچىيىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىرەر كېسەللىك ھە دېگەندىلا قورقۇنۇشلۇق ئۆلۈملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈس ئالمايدىغانلا بولىدىكەن، كىشىلەر بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرگە ئاستا-ئاستا كۆنۈشكە باشلايدۇ-دە، ئاقىۋەت خېلى ئۇزۇن ۋاقىت قىينالغاندىن كېيىن بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئۆلىدۇ. بۇ جەرياندا تەغدىر بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىغا قولىنى ئۇزارتىپ ئۇنىڭغا بۇ مىكروبنى كۆرسەتكىدەك بولغىنىدا بۇنداق ئەھۋال ھەرقانچە جان ئالىدىغان ئاغرىقلارغا سەۋەپ بولغىنى بىلەن، بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىنى يەنىلا بەخىتلىك دەپ قاراش مۇمكىن. چۇنكى، بۇنىڭدەك پاجىئە ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان بىر پاجىئەدۇر. شۇنداق بولغاچقا، بۇ كىشى پۈتۈن كۈچى بىلەن قەتئى ئىرادىگە كېلىپ بۇ كېسەللىكنى ساقايتىش ئۇسۇلىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئەمما ئەنە شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ، بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلغان ئەسلى سەۋەپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشىش، قىلىشقا تىگىشلىك تۇنجى ۋەزىپە بولىشى كېرەك. بۇ يەردىمۇ بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك بولغان مۇھىم نوقتا شۇكى، كىشىنى ۋەيران قىلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر بىلەن بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەسلى سەۋەپلەرنى بىر-بىرسىگە ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك. قابىلىيىتى يوق ئىقتىدارسىز خادىملار مىللىي ئورگانلىرىمىزدا قانچىكى ئۇزۇن ۋاقىت ئورۇن ئىگەللەپ تۇرالىغان، ھەمدە بۇ ئورۇننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ كىلەلىگەن بولسا، − بۇنداق بولىشىمۇ بىر نورىمال ئەھۋال، − سەۋەپ بىلەن نەتىجىنى بىر-بىرسىدىن ئايرىشمۇ شۇنچە قىيىنلىشىدۇ. بەلگىلىك بىر مۇددەتتىن كېيىن، ھەقىقەتەنمۇ زىيان كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان زەھەرلەر مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللاردىن بىرسى دەپ قارىلىدىغان ئەھۋال مۇتلەق تۈردە ئاشىكارىلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا مىللەت ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغۇچى يات ئۇنسۇرلارنى تەھلىل قىلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلماي، ئۇنى بولۇشقا تىگىشلىك نورىمال بىر قىيىنچىلىق دەپ قاراپ بۇ قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇرۇش پارتىلاشتىن بۇرۇنقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تېنچلىق يىللىرىدا بۈگۈن بىزگە مەلۇم بولىۋاتقان كېسەللىكلەر ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ئىدى. بەكلا ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى ھېساپقا ئالمىغىنىمىزدا، بۇ تۈر كېسەللىكنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى تەتقىق قىلىدىغانغا بىرمۇ ئادەم چىقمىدى، بۇنىڭدىن ھېچكىم غەم قىلىپ باقمىدى دېيەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنى قىسمەنلەر دىققىتىنى بەرگەن ئىدى دېيىشكە كەلسەك، ئۇلارمۇ ئاساسلىقى ئاۋال ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىكى ھادىسىلەر ساھەسىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، قالغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشمىگەن ئىدى. باشقا تەرەپلەردىمۇ قالغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەي پەقەتلا ئىقتىسادى پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىلا مۇھىم ئىشلار قاتارىدا قويۇپ كېلىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.
ئەسلىدە، ئەڭ ئېغىر ئىدىيىۋى مەسىلىلەرگە سەۋەب بولىدىغان چىرىك ئالامەتلەر ئاز ئەمەس ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا ئىقتىسادى جەھەتتە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان نوقتىلار تۈۋەندىكىچە ئىدى:
ئۇرۇشتىن بۇرۇن گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئارتىپ كەتكەنلىكى يىمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى بارلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت كۈنسايىن يامانلىشىپ تەرەققى قىلماقتا ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئىشنى ھەل قىلىشتىمۇ ھېچكىم بىرەر ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ باقمىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ ئاسان يوللار بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشقان ئىدى. ياۋرۇپا تەۋەسىدە يېڭى زېمىن قولغا كەلتۈرۈش ئىشىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانى ئىقتىسادى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈش خامخىيالى ئىچىگە پېتىپ قېلىشقان ئىدى. ئاقىۋەتتە، دۆلەتنى پىلانسىز ۋە زىيانلىق سانائەتلىشىش يولىغا باشلاپ كېتىشتى.
بۇ خىل قاراشلارنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى، ھەتتا ئەڭ مۇھىم ئاقىۋىتى دېھقانلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، يېزىلاردىن شەھەرگە قاراپ ئىشچى ئېقىنى پەيدا بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردىكى پرولىتارىيات قوشۇنى كۈندىن-كۈنگە ئارتىپ كېتىپ، ئاخىرى يېزا بىلەن شەھەر تەڭپوڭلۇقى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇش بىلەن نوقتىلاندى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادى تەڭسىزلىك ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا يوقسۇللۇق بىلەن مولچىلىق يېقىن تام قوشنا ھالىغا كەلدى؛ ئىككى قۇتۇپلىشىش شىددەت بىلەن كۈچىيىپ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا ئايلاندى. ئۇ ۋاقىتلاردا ۋەزىيەتنىڭ بۇ ھالغا كېلىپ قېلىشى بىر مۇقەررەرلىك ئىدى. كىشىلەرنى ئىشسىزلىق بىلەن ئۈمىتسىزلىك ئۆز ئىلكىگە ئېلىشقا باشلاپ، سىنىپلار ئوتتۇرسىدىكى سىياسى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.
ئىقتىسادى ئىگىلىك تەرەققىي قىلغىنىغا قارىماي ئۈمىدسىزلىك، نارازىلىق كەيپىياتلىرى تېخىمۇ ئارتىپ شۇنداق بىر نوقتىغا بېرىپ يەتتىكى، ئاقىۋەتتە ھەممە كىشىنى بۇنداق ۋەزىيەت ھەرگىزمۇ ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ دەيدىغان قاراشقا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر بۇندىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نىمە قىلىشىنىمۇ بىلەلمەي قالغان ئىدى. بۇ ھادىسىلەر يوشۇرۇن كۈچلۈك نارازىلىقنىڭ ئېنىق بەلگىلىرى ئىدى. نەتىجىدە، ئىشنىڭ بېشىدىلا تېخىمۇ بەتەر ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلايدۇ. ئىقتىساد ھەممىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنغا، دۆلەتنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بىر ئورۇنغا ئېرىشىۋالىدۇ. پۇل، ھەممە كىشى چوقۇنىدىغان بىر ئىلاھقا، باش ئەگدۈرىدىغان بىر غوجايىنغا ئايلىنىشقا باشلىدى. كۈن ئۆتكەنسىرى ساماۋى تەڭرىلەر كونىرىغان، ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەردەك بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلۇپ، گۇيا ئۇلارنىڭ ئورنىنى مەممۇن بۇتلىرى ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ ئىسرىقدانلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكە باشلانغان ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەنمۇ ۋەيران قىلارلىق بىر ئىچكى زىدىيەت كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال خەلقىمىز قەھرىمانلىققا، بۈيۈك ئەقىلگە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بىر دەۋردە ئوتتۇرغا چىقتى. گېرمانىيە كۈندىلىك يەيدىغىنىنى تېنچلىق يولى ۋە ئىقتىسادى يوللارغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنى بىلەن، بۈگۈن بولمىسا ئەتە قۇرال ئىشلىتىشكىمۇ تەييار تۇرىشى لازىم بولماقتا ئىدى. ئەپسۇسكى، پۇلنىڭ ھۆكمۈرانلىقى ئۇنىڭغا ئەڭ كۈچلۈك قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان تەبىقىلەر تەرىپىدىنمۇ ئېتراپ قىلىنغان ئىدى. ئىمپىراتور ھەزىرەتلىرى ئاقسۈڭەكلەر سىنىپىنى مالىيە مەنبەلىرى ئەتىراپىغا يىغىش بىلەن ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر ھەرىكەتكە ئاتلانغان ئىدى. بۇنىڭ خەۋىپىنى ھەتتا بىسماركمۇ ھېس قىلالمايدۇ. شۆبھىسىزكى بۇنىمۇ ئىمپىراتورنىڭ ھېساۋىغا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇنداق بىر يولغا كىرىش نەتىجىسىدە، ھەقىقەتەنمۇ ئالىي پەزىلەتلىك بولغان كىشىلەر پۇلنىڭ قىممىتىگە باش ئېگىشكە باشلىدى. بۇ يولغا بىر قېتىم قەدەم تاشلاندىمۇ بولدى، ئىرق سۈپىتىنىڭ ئورنىنى بايلىق ھەۋىسى ئىگەللەپ كېتىدىغانلىقى ئىنىق ئىدى. مالىيە كۈرىشى ئۇرۇشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئۇتۇپ چىقالايتتى.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھەقىقى بىر قەھرىمان ياكى بولمىسا بىرەر دۆلەت رەھبىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بانكىلارنىڭ ئادىمى ھېساپلىنىدىغان يەھۇدىيلار بىلەن ئىختىيارىچە مۇناسىۋەت تىكلەش ئۇنچە بەك مۇۋاپىق ئىش ھېساپلانمايتتى. ھەقىقەتەنمۇ مەدەنىيەتلىك بولغان بىرسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا تاقالغان ئوردىنلارغا ھەرگىزمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكى، بۇنداق بىر مۇكاپاتقا رەخمەت ئېيتىپ رەت قىلىشتىن باشقا مۇئامىلىدە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلمىغىنىدا، ئۇنداق ئاقسۈڭەك بىرسى پۇلنىڭ ئالدىدا رەخمەت ئېيتىپ تازىم قىلىدىغان، باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ ئىنقىلاپ ئىرق نوقتىسىدىن ئالغاندا بەكلا ناچار بىر ھەرىكەت ھېساپلىناتتى. بۇ ئىنقىلاپ، ئاقسۈڭەكلەرگە ئۆزلىرىگە كۈچ بېرىۋاتقان ئىرقچى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇنۇتقۇزدى، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاقسۈڭەك ئەمەس كىشىلەرگە كۆڭۈل قويۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بۇزۇلۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھادىسىسى خۇسۇسى مۈلك ھوقۇقىنىڭ ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قېلىشىغا، قولدىن چىقىپ كەتكەن بۇ ھەقلىرى بىر قىسىم ئاكىسسىيە ھالىتىدە شىركەتلەرنىڭ مۈلكى ھالىغا كېلىش يولىغا قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلايدۇ. مۈلك سېتىش ۋە باھالارنىڭ كۈندىلىك كىرىم ئوتتۇرسىدىكى تەڭسىزلىكى، ئۆلچىگىلى بولماسلىقى مۆلچەرلەش ئىمكانىيىتى يوق دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئاكىسسىيە شىركەتلىرى ئۇتۇق قازاندى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار تەدرىجى ئەمما مۇقىم قەدەملەر بىلەن مىللەتنىڭ ھاياتىنى بارغانسىرى كۈچلۈك تېزگىنلەيدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
گېرمانىيە بايلىقىنىڭ خەلقئارالىق سەرمايە ھالىغا كەلتۈرۈلىشى ئاكىسسيە ۋاستىسىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ جەرياندا، نېمىس سانائىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنداق ئاقىۋەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، كاپىتالىزم سىستېمىسى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ سادىق ئورتىغى ماركىسىزم بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلغان ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي مەغلوپ بولىدۇ. “ئېغىر سانائەت” كە قارشى قوزغىتىلغان كۈرەش نېمىس ئىگىلىكىنىڭ ماركىسىزم تەرىپىدىن خەلقئارالاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئېنىق باشلىنىشى ئىدى. ئەسلىدە، نېمىس ئىگىلىكى ماركىسىزمنىڭ ئىنقىلاپتا قولغا كەلتۈرىدىغان ئۇتۇغىغا تايىنىپلا تولۇق گۇمران قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
مەن بۇ كىتابنى يېزىۋاتقان دەۋرلەردە، گېرمانىيىنىڭ تۆمۈريول تورلىرىغا قىلىنغان ئومۇمى ھۇجۇملار ئاخىرقى ھېساپتا غالىپ كېلىۋاتقان بىر دەۋر ئىدى. بۇ تۆمۈريول ئۇچاستىكىلىرى خەلقارا مەۋھۇم سەرمايىچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، “مەۋھۇم سەرمايە ھىمايىچىسى” (ئاكىسسىيە تەرەپتارى − ئۇ.ت) بولغان سوتسيال دېموكراتىيە ئەڭ مۇھىم غايىلىرىدىن بىرسىنى ئىشقا ئاشۇرىۋالغان ھېساپلاندى.
نېمىس خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي نوقتىدىن ئالغاندا كىچىكلەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتى سۈپىتىدە، ئۇرۇشتىن كېيىن نېمىس سانائېتى بىلەن نېمىس تىجارىتىنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋاتقان يىتەكچىلەردىن بىرسى ئوتتۇرغا چىقىپ، گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن دۇنياغا كېلىشىنى پەقەت ئىقتىسادىي كۈچلەرلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ دەيدىغان قاراشنى ئوتتۇرغا قويىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۇ جەرياندا فرانسىيە بۇ تۈردىكى بىر خاتالىق سادىر قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت ئاساسلىرىغا تايانغان مائارىپ مۇئەسسەلىرىنىڭ پروگىراممىلىرىنى قايتىدىن تۈزۈپ ئىجرا قىلىشقا غەيرەت كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭكىلەر سەرمايىنى چەتكە سېتىۋاتقان بۇ تۈردىكى مەنتىقسىزلىققا نىسبەتەن مىللەت بىلەن دۆلەت ئىزچىللىقى، بىر غايىنىڭ مەڭگۈلۈك قىممىتىنى مەقسەت قىلىش ئورنىغا ئىقتىسادىي سەۋەپلەرگە باغلىق بولىدىغانلىقىغا دائىر ئاخماقانە گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشماقتا ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ستىننېس دۇنياغا تارقاتقان بۇ كۆزقاراشلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىر ئۈرپىيىش بىلەن كۈتىۋېلىنغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ تۈردىكى قاراشنى ھەيران قالارلىق بىر سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە تېز سۈرئەتتە بارلىق ئاخماقلارنىڭ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئۇدۇم ھالىغا كەلتۈرۈشتى. ئىنقىلاپتىن كېيىن تەغدىر “دۆلەت رەھبەرلىرى” نامىدا بۇ كىشىلەرنى نېمىس خەلقىنىڭ ئۈستىگە ئاپەت قىلىپ تىكلەپ قويدى.
ئۇرۇشتىن بۇرۇن، گېرمانىيىدە كۆرۈلگەن ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ھادىسە، ھەممە كىشى ۋە ھەممە نەرسىدە پۈتۈن سەپلەر بويىچە كۆرۈلگەن ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق، ئالغا ئىنتىلىش كۈچىنىڭ يىتەرسىز قېلىش ھادىسىسى ئىدى. ھەممە ئادەم ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىققان مەسئولىيەتسىزلىك، بوشاڭلىق، قورقۇنچاقلىق ھەممە كىشىنى ئىنتىلىش كۈچىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا ئىدى. بۇ كېسەللىك مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق ھالغا كەلتۈرۈلمەكتە ئىدى. ئۇرۇشتىن بۇرۇن گېرمانىيىدىكى مائارىپ سىستېمىسى ئىنتايىن ئېغىر نوقسانلار ئىچىگە پېتىپ قالغان بولۇپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا پەقەت بىلىم بېرىشنىلا تەكىتلەپ، غەيرەت ۋە مەسئولىيەت روھىنىڭ يىتىلىشىگە بەك ئەھمىيەت بېرىشمىگەن ئىدى. ئىرادىلىك بولۇش، قەتئى بولۇش جەھەتلەردە قىلچە تەربىيە بېرىلمەيتتى.
بۇ خىلدىكى ئوقۇتۇش مىتودلىرىغا قۇربان قىلىنغان بىز نېمىسلار ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى يوقۇرى بىلىملىك بىرسى، بىرەر تەتقىقاتچى دەپ ھېساپلاشقا باشلىدۇق. دېمىسىمۇ ئۇرۇشتىن بۇرۇن بىزنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇرۇشاتتى. باشقىلار نېمىسلارنى ياخشى كۆرەتتى. چۇنكى ئۇلار نېمىسلاردىن بەك كۆپ جەھەتلەردە پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما نېمىسلارنى ھەرگىز ھۆرمەت قىلىشمايتتى. چۇنكى مىجەزىمىز بەكلا ئاجىز كىشىلەر ھېساپلىناتتۇق. نېمىسلارنىڭ ۋەتەن تۇپرىقى بىلەن خەلقىنى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بەكلا كۆپ قولدىن چىقىرىپ قويغانلىقىغا شۇنچە چىداپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى يەنە قانداق چۈشەندۈرىشىمىز مۇمكىن؟
مۇنۇ ماقال، بىزنىڭ بۇ ھالىتىمىزگە بەكلا ماس كېلىدىكەن: “شىلەپەڭنى قولۇڭغا ئېلىپلا يۈرسەڭ، پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقالايسەن.” (كۆرگەنلا ئادەمگە ئىگىلىپ تازىم قىلىپ تۇرساڭ، دۇنيادا ئاچ قالمايسەن، يەنى قېلىنلىق يېرىم دۇنيا دېمەكچى بولسا كېرەك. − ئۇ.ت)
بۇنداق يۇمشاقباشلىق، سىلىق-سىپايە مىجەزلەر رەھبەرلىك بىلەن، ھۆكۈمدار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىمۇ قائىدىگە ئايلاندۇرۇلغىنىدا، بۇنىڭ ئاقىۋېتى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىدۇ. چۇنكى بۇنداق مىجەز، كىشىنى بىرەر رەھبەر ئالدىدا ھەرگىزمۇ قارشى پىكىر قىلمايدىغان، ئۇنىڭ كىچىك پىيىللىك بىلەن دەپ قويغان ھەرقانداق بىر گېپىنى قالتىس توغرا گەپ قىلىۋەتتىڭىز دەپ قۇللۇق كۆرسىتىشتىن باشقىنى بىلەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەسلىدە، مۇنارخىيىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىغا ئەنە شۇنداق يالاقچىلىق مۇناسىۋەتلەر سەۋەپچى بولغان ئەمەسمىدى؟ بۇنداق بىر مىجەز ھۆكۈم سۈرىۋاتقىنىدا، پۈتكۈل دەۋرنىڭ ئەڭ ئادالەتلىك تەختلىرى ئالدىدا مەرت، ئابرويلۇق ۋە ھۆرمەتكە لايىق ئاق نىيەتلىك بىلەن قورقماي پىكىر قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا پاسكىنا يالاقچىلار بىلەن بىر مۇنچە نائەھلىلەر قىلچە تارتىنماستىن ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ئۆز گېپىنى تېخىمۇ ئەركىن سۆزلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالىدۇ. بۇ تۈردىكى پەسكەشلەر بىلگەن پۈتۈن يالغان-ياۋداق گەپلىرىنى ئوتتۇرغا تۆكۈپ، باشقىلارنىڭ دېگىنىگە ھەرگىز ماقۇل دېمەسلىك كېرەك دەپ تەخسىكەشلىك قىلىشقا كىرىشىدۇ. گويا سېتىۋېلىنغان قۇل، بېقىندى قىلىنغان ئەلدىكى قورچاق مەخلۇقلار ھەرقانداق بىر ھادىسە ئوتتۇرغا چىققىنىدا بىر تەرەپتىن غوجايىنى بىلەن ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا پۈتۈنلەي باش ئېگىپ قۇللۇق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە قارىتا ھەر دائىم يۈزسىز مۇئامىلە قىلىشتىن نومۇس قىلمىغىنىدەك ئىككى يۈزلىمىچى قىياپەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىراپىدىكى ئاجىز بىچارىلارغا قارىتا ئۆزلىرىنى خاننىڭ بىردىن-بىر ئىشەنچىلىك ئادىمى قىلىپ كۆرسىتىشىدىغان نومۇسسىزلىقىنى ئىپادىلەشتىنمۇ يانمايدۇ. ئىسىل تەبىقىلىق بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئى نەزەر، بۇنداق بىر نومۇسسىزلىق، چۈپرەندە داشقاللارغىلا مەنسۈپ بىر خاراكتىردۇر. چۇنكى، ئەسلىدە خاننىڭ ئۇلىنى كولايدىغان، بولۇپمۇ مۇنارخىيە تۈزۈمىنىڭ گۆرىنى كولايدىغان كىشىلەرمۇ يەنە شۇ كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىدۇ. ئۇنداق مەخلۇقلاردىن باشقا يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟
ھالبۇكى، بىرەر غايە ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىرسى ھەرگىزمۇ ئۇنداق يالاقچىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ. بىرەر ئورگاننى قۇتقۇزۇش، ئۇنى راۋاجلاندۇرماقچى بولغان بىرسى بۇنداق بىر غايىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن باغلانغان بولىشى، تەشكىلاتىدا بىرەر خاتالىقنى سەزگەندەك قىلغىنىدىمۇ ئۇنداق بىر تەشلات ياكى ئورۇندىن يۈز ئۆرىمەسلىكى كېرەك ئىدى. بۇنداق سادىق كىشىلەر ھەر نىمە دېگەن بىلەن، خاندانلىقنىڭ دېموكراتچى “دوستلىرى” دەك ئۆيمۇ-ئۆي قاتىراپ يۈرۈپ خاندانلىقنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي يالغان ياۋداق گەپلەرنى توقۇشۇپ پادىشاسىغا ئاپ-ئاشكارە دۈشمەنلىك قىلىدىغان قىلىقلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ياق، بۇنداق كىشىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىمپىراتورنى بۇنداق نوقسانلاردىن ئالاھىدە جىكىلەيدۇ ياكى ئۇنى بۇنداق خاتالاردىن يىراق تۇرىشى ئۈچۈن قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمران بولغۇچى كىشى خەلقىنى بىرەر ئاپاتكە يىتەكلەپ ماڭىدىغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان بىرەر قارارغا كەلگىنىدىمۇ، خاننىڭ ئۆز خالىغىنى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشمايدۇ ياكى خاننىڭ ئۆزىدە بۇنداق خاتا يول تاللىۋالغانلىقىغا سۈكۈت قىلىش ھەققى يوقلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. بۇنداق ئەسكەرتىش ئۇنىڭغا ئېغىر خەۋپ كەلتۈرگىدەك قىلغىنىدىمۇ قىلچە قورقماستىن پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ھۆكۈمداردىن قوغداشتىنمۇ تەپ تارتمايدۇ. ئەگەر ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ قىممىتى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئورگاننىڭ ئۈستىدە تۇرىۋاتقان ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىيىتىگە باغلىق ھالغا كەلتۈرۈلگەن بولسا، بۇنداق بىر ھاكىمىيەت ئورگىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغان ئەڭ ناچار، ئەڭ ئەسكى ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ ھېساپلىنىشى كېرەك. چۇنكى، بىرەر ھۆكۈمدار ئۇنچىۋالا يوقۇرى بىلىم ۋە كۈچلۈك ئەقىلگە ئىگە كىشىلەردىن بولۇپ كىتەلىشى ناتايىن، ھەتتا ئىمپراتوردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللى مىجەز-خاراكتېرلارغا ئىگە بىرسى بولىشىمۇ كامدىن-كام كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بىرەر ھۆكمۈراننى ھۆكۈمداردا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئالاھىدىلىك ۋە پەزىلەتلەر جەم بولغان كىشى دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ مەدھىلەش، يالاقچىلىقنى كەسىپ قىلغان كىشىلەرگىلا خاس بىر مىجەزدۇر. ئەمما تېگىدىن ساپ نىيەتلىك بولغان توغرا سۆزلۈك كىشىلەر − بىر دۆلەت تەۋەلىكىدە ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق قىممەتلىك ئىنسانلار تېپىلىپ تۇرىدۇ − بۇ تۈردىكى ئاخماقانە قاراشلاردىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنداق خىيالغا كېلىپ قېلىشتىنمۇ قاتتىق يىرگىنىدۇ. بىرەر دۆلەت ئۈچۈن دەل شۇنداق ئادەملەر ئەڭ قىممەتلىك كىشىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر، گەپ ھۆكۈمدار ئۈستىدە كېتىۋاتقىنىدىمۇ، تارىخ بەرىبىر تارىخ، ئەمەلىيەت بەرىبىر ئەمىلىيەت بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ چىڭ تۇرالايدۇ. ياق! ئۇلۇغ بىر ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىيىتىدە ئۇلۇغ بىر ئىنسانى خىسلەتنىڭ بولۇپ كىتەلىشى ناتايىن. بۇنداق ئۇلۇغ ئادەمگە ئىگە بولۇش ئىشى ھەرقانداق بىر مىللەتكە بەكلا ئاز نېسىپ بولىدىغان تەلەيگە باغلىق بىر ئىش. ئەگەر تەغدىر بۇنداق بىر مۇكەممەل بىرسىنى بىزگە ھۆكمۈران قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇ ھۆكمۈران ھەممە تەرەپتە خاندانلىقنى قوغدىيالىغىدەك يۈكسەك ئىقتىدارغا ئىگە بىرسى بولغىنىدا، بىز ئۆزىمىزنى ئەڭ بەخىتلىك ئىنسان ھېساپلىساق بولىدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، خاندانلىق ئىدىيىسىنىڭ قىممىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىمپىراتورنىڭ شەخسى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن باھالاش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت تەڭرىلا ئۇلۇغ  فرېدېرخقا ئوخشاش داھى بىر قۇمانداننى، ياكى بولمىسا بىرىنچى ۋىلخېلىمغا ئوخشاش ئەقىللىق بىرسىنى بىر مىللەتكە خان قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەنىكەن. بۇنداق ئەھۋاللار بىرەر ئەسىردىمۇ ئاران بىرەر قېتىم روي بېرىپ قېلىشى، بەك بولۇپ كەتسە بىر ئەسىردە ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان، پۈتۈنلەي تەڭرىنىڭ مەرھەمىتىگە باغلىق بولغان كام كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەردۇر. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بۇ يەردە يەنىلا ئىدىيە كىشىلەرگە ھۆكمۈرانلىق قىلىدۇ؛ بۇ ئورگاننىڭ روھى، بىر پۈتۈن پىكىر قىلىدىغان شۇ ئورگانغىلا خاس.
بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پادىشاھنىمۇ خەلقنىڭ خىزمەتچىسى ئورنىدىكى بىرسى دەپ قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ دېگەنلىك، پادىشامۇ ماشىنىنىڭ بىرەر چاقىدىن ئارتۇق بىر رولغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، پادىشا بولغان كىشىمۇ بۇ ماشىنىدا ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھۈكۈمدار بولغىچىمۇ ئالى دەرىجىلىك ئېھتىياجلارغا بويۇن ئېگىشى، ھۆكۈمدارنى، يەنى پادىشا بولغۇچى ئۆزىنىمۇ خاندانلىققا قارشى جىنايەت ئىشلەش خاتالىقىدىن ساقلاشقا مەجبۇر. يەنى پادىشاھ بولغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز تەختىگە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش ھەققىگە ئىگە ئەمەس. ھەقىقى بىر ھۈكۈمدار، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر جىنايەت ئىشلىشىگە ھەرگىز يول قويالمايدۇ ۋە يول قويماسلىقى شەرت.
ئەگەر بۇنداق بىر ئورگاننىڭ قىممىتى ئىدىيىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق بىر كىشى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تەختتە ئولتۇرغانلا بىرسىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولۇپ قالسا ئىدى، روھى كېسەل بىر پادىشاغا دۈچ كەلگەندە ئۇنداق بىرسىنىڭ ساراڭلىقى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى بولمىغان بولاتتى. بۇ نوقتىنى ھازىردىن تارتىپلا ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن بىز، بۇرۇن سادىر بولغان بەزى ھادىسىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ قايتىدىن سەھنىگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇ تۈردىكى ھادىسىلەر خاندانلىقنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلگەن ئىنتايىن مۇھىم ھادىسىلاردىن ھېساپلىناتتى. مانا بۈگۈن بۇ تۈردىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈشكەنلەر قىلچە تەپ تارتماستىن يېڭىدىن ھۆكۈمدار ھەققىدە گەپ ئېچىشقا كىرىشمەكتە. ئۇلار ئەسلىدە تېخى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىسىدىلا ئەڭ مۇشەققەتلىك پەيتلەردە ھۆكۈمدارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشتىن قىلچە نومۇس قىلىشمىغان كىشىلەر ئىدى. مانا بۈگۈن، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ياتلارنىڭ يالغان گەپلىرىنى قوبۇل قىلىشمىغان نېمىسلارنى يامان نىيەتلىك ئادەملەر دەپ تونۇشتۇرۇش بىلەن شوغۇللانماقتا. ئەسلىدە، يەنە شۇ تۈردىكى قورقۇنچاقلار 1918-يىلى قىزىل بايراقنى كۆرەر-كۆرمەيلا خاننى يالغۇز قويۇپ تالانغان بۆرى تاشلىۋەتكەن بىچارە كۈچۈكلەردەك ھەر تەرەپكە قاراپ قېچىپ جان ساقلاشنىڭ يولىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈشكەن بىرنىمىلەر ئىدى. ئۇلار ھۆكۈمدارلىرىنى تاشلىۋېتىش بىلەنلا قالماي، قولىدىكى قۇرالىنىمۇ بىر چەتكە تاشلىۋېتىپ قوللىرىغا بىرەردىن ھاسسا تاياق تۇتۇشۇپ بىتەرەپ گالۇستۇكلۇقلاردىن قورقۇشۇپ تىنچلىقپەرۋەر بۇرجۇئازلارغا ئوخشاش ئىزىنى يوقۇتۇپ غايىپ بولۇشقان كىشىلەر ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ تۈردىكى ھۆكمۈرانلارنىڭ ئايغاقچىلىرى، يالاقچىلار تۇيۇقسىزلا غايىپ بولۇشقان ئىدى. ئۆزلىرىنى خاننىڭ ياردەمچىلىرى دەپ ئاتىشىۋالغان بۇ مەخلۇقلار ئىنقىلاپ باشقىلار تەرىپىدىن باستۇرىۋېتىلگىنىدىن كېيىن قايتا ئوتتۇرغا چىقىشىپ ھەممە يەردە “ياشىسۇن ئىمپىراتور!” دەپ توۋلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىرىدە، ئۆزلىرىنى يېڭى باشتىن بۇ خاندانلىقنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى، مەسلىھەتچىلىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە كىرىشتى. ئەندى بۇ تۈر مەلئۇنلار قايتىدىن يۇپۇرلۇپ ئوتتۇرلۇقتا پەيدا بولۇشۇپ، تاماخور كۆزلىرىگە مىسىرنىڭ ئاچچىق پىيازلىرىنى سۈرتىشىپ يالغاندىن پۇشمان بولۇپ ياش تۆككەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشماقتا. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا پادىشاغا قارشى ئۇرۇنۇشلىرىنى يوشۇرۇشتا قىينالماقتا. ئۇلار قايتىدىن قىزىل يەڭ بەلگە تاقىغانلار ئوتتۇرغا چىقىپ كونا مونارخىيە تۈزۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئاغدۇرىۋەتكەن كۈنلەرگىچە ئەنە شۇنداق ھىلىگەرلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خاندانلىق قايتا ئاغدۇرۇلغان كۈنلەردە بولسا، مۈشۈكتىن قاچقان چاشقانلاردەك كىرىدىغان تۈشۈك ئاختۇرۇپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كېتىشىدۇ.
ئەگەر بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا ھۆكۈمدارلار بىۋاستە سەۋەپچى بولۇپ بەرمىگەن بولسا ئىدى، بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئۇ يالاقچىلارغا يەنىلا ئىچ ئاغرىتىشنىڭ يامىنى بولمايتتى. ئەمما ھۆكۈمدارلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ تۈر كاۋاللىرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ھەرقانداق بىر تەختمۇ ئاغدۇرۇلۇپ توزۇپ كېتىدۇ. خان بولغۇچى كىشى ئۇنداقلارغا تايىنىدىغانلا بولىدىكەن، توزىغان تەختلىرىنىڭ ئورنىغا ھەرگىزمۇ يېڭىسىنى تىكلىيەلمەيدۇ. بۇ تۈردىكى ساختا ساداقەت كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار ھازىرقى مائارىپ سىستېمىمىزنىڭ خاتالىقلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. مائارىپتىن كەلگەن بۇ تۈردىكى ساداقەتلىك پۇخرا يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان بۇزۇلۇشلار بارلىق ئوردىلاردا كۆرۈلۈپ، مۇنارخىيىنىڭ ئاساسلىرىنى تەۋرىتىپ بىر-بىرلەپ ئۆرۈپ ماڭماقتا. بىنا تەۋرىنىپ ئۆرۈلۈشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان كىشىلىرىمۇ ئوتتۇردىن غايىپ بولىشىدۇ. شۈبھە يوقكى، قورقۇنچاق يالاقچىلار، ئىككى يۈزلىمىچىلەر غوجايىنلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ جېنىنى پىدا قىلمايدۇ. بۇ ئىمپىراتورلار بۇ ئەمەلىيەتنى ھېچقاچان بىلەلمەي ئۆتۈپ كەتتى. پادىشاھلاردىكى بۇ يىتەرسىزلىك، ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇنداق مەنىسىز بىر مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇش خاراكتىرى، ئادەتتىكى كۈندىلىك مەسىلىلەردىمۇ نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا سەۋەپ بولماقتا.
قىلچە شۈبھە يوقكى، بۇ تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى دەل پارلامېنت تۈزۈمىدۇر.
چۇنكى، پارلامېنتتىكى مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قېچىش مىكروبى لابوراتورىيىدە مىكروپ يىتىشۈرگەندەك تېزلىك بىلەن كۆپىيىپ بارلىق پائالىيەت ساھەلىرىگىچە تەدرىجى كېڭىيىپ پۈتۈن ئەتراپقا تارقىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنى ئاساس قىلغان جامائەت ئورۇنلىرىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىماقتا ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، ھەممىلا يەردە مەسئولىيەتتىن قېچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەقەتلا يىتەرلىك تەدبىر ئېلىنماي كېلىندى. شۇنداق قىلىپ ھەرقانداق بىر كىشى بىرەر مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالماقچى بولغىنىدا، بۇ تۈر ئىشنىڭ مەسئولىيىتىنى ئىمكان بار ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە تۇتۇشقا تىرىشىدىغان ئومۇمى يۈزلۈك بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.
جامائەت ئارىسىدا ھەقىقەتەنمۇ زىيانلىق بولغان بىر قىسىم ھادىسىلار بىلەن بۇ ھادىسىلارنىڭ ئىزچىل كۆرۈلۈل تۇرىشىغا قارىتا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىنى، بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى بىر باشتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا، بۇ تۈردىكى ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋاللار بىلەن قورقۇنچاقلىقنىڭ كىشىنى چۈچىتكىدەك دەرىجىدە مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بەكلا ئاسان كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. بىز بۇ يەردە بۇ تۈردىكى يىتەرسىزلىكلەرنىڭ نەقەدەر مۇھىم مەسىلە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇنىڭدەك چەكسىز مىساللار ئارىسىدىن پەقەت بىر قانچە خىلىنىلا مىسالغا ئېلىپ تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز.
تەشۋىقات ساھەلىرىدە گېزىتلارنى دۆلەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم كۈچلىرىدىن بىرى قىلىپ كۆرسىتىش ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئادەت بولۇپ كەلمەكتە. ھەقىقەتەنمۇ مۇخپىرلىقنىڭ ئەھمىيىتى بەكلا مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچىنى راستىنلا تۈۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. دېمىسىمۇ يۇرتنىڭ كاتتىلىرى ئالىدىغان بىلىملەر گېزىت-ژورناللاردىن كەلمەكتە. بۇ جەھەتتە مۇشتېرىلارنى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك گۇرۇپپىغا ئايرىش مۇمكىن:
ئا. نېمىنى ئوقىسا شۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار؛
ب. ھېچنىمىگە ئىشەنمەيدىغانلار؛
س. ئوقۇغانلىرىنى تەنقىدى يۇسۇندا تەھلىل قىلىپ ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلار.
سان جەھەتتىن ئالغاندا، بىرىنچى گۇرۇپتىكىلەرنىڭ نىسبىتى ھەممىدىن يوقۇرى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا دېيىش مۇمكىن. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ تەبىقە مىللىتىمىز ئىچىدە ئەڭ ئاددى پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ گۇرۇپتىكى كىشىلەرنى ھەر قانداق بىر مەسلەك ئىگىسى بولغان كىشىلەر دەپ ئايرىغىلى بولمايدۇ. بەك بولۇپ كەتسە ئۇلارنى ئەقىل دەرىجىسى بويىچە تەخمىنى تۈرلەرگىلا ئايرىشقا بولار. ئۇلار، تۇغما قابىلىيەت ياكى ئۆگۈنۈش جەھەتلەردە، ۋە ياكى تاتقىقات بىلەن شوغۇللىنىش جەھەتلەردە بىرەر قابىلىيىتى بولمىغان، مەتبۇئات يولى بىلەن ئۇلارغا بېرىلگەن ھەممە نەرسىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ گۇرۇپتىكىلەرگە يەنە ئۆزلىكىدىن باش قاتۇرۇپ ئويلىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولالىسىمۇ، باش قاتۇرۇشنىڭ جاپاسىغا چىدىماي باشقا بىرسىنىڭ بۇرۇن ئويلىغان پىكىرلىرىنى ياكى توغرا ئويلىغىنىنى رازىمەنلىك بىلەن تولۇق كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ساددا كىشىلەر گۇروھىنىمۇ بىر قاتاردا قوشۇپ قارشقا بولىدۇ. كۆپ سانلىق خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ تۈر كىشىلەرگە تەشۋىقاتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش كۈچى بەكلا كۈچلۈك بولىدىغانلىقى نورىمال بىر ئەھۋال. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئالدىغا قويۇلغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىش ئارزۇسى بولمىغاچقا، بۇنداق بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس. بۇ تۈر كىشىلەر كۈندىلىك مەسىلىلەردىن قۇتۇلۇشى ئاساسەن ئالغاندا دۈچ كەلگەن تاشقى تەسىرلەرگىلا باغلىق بولۇپ قالغان. مەسئولىيەتچان ۋە ئەمەلىيەتنى سۆيىدىغان يازغۇچىلار تەرىپىدىن كۆزلىرى ئېچىلغىنىدا بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ يىتەكلىنىشىدىن بەلكىم بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولار. ئەمما ئۇلارغا مەلۇمات بېرىش ئىشىنى رەزىل، يالغانچى مەخلۇقلار ئۈستىگە ئېلىۋالغىدەكلا بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇلارغا زىيان كەلتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق بىر رولى بولمايدۇ.
بۇلارغا قارىغاندا ئىككىنچى گۇرۇپتىكىلەرنىڭ سانى بەكلا ئاز بولۇپ، بۇ گۇرۇپقا مەنسۈپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى دەسلىۋىدە بىرىنچى گۇرۇپقا مەنسۈپ كىشىلەردىن بولۇپ، كېيىنچە ئۇزۇن مۇددەت ئالدىنىپ ئاچچىق ئۈمىدسىزلىكلەرگە پېتىپ قالغىنىدىن كېيىن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆزقاراش ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىشىنىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ تۈر كىشىلەرگە يېزىق شەكلىدە ھەر قانداق بىر چاقىرىق قىلىنغىنىدا ئۇنداق قەغەزدىكىلەرگە قەتئى ئىشەنمەس بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. بۇ تۈر كىشىلەر ھەر قانداق بىر گېزىت قولىغا چۈشسە، ئۇنى دەرھال چۆرۈپ تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار بارلىق گېزىتلارغا ئۆچ. ھېچقانداق بىر گېزىتنى ئوقۇپ باقمىغانلىقى سەۋەبلىك، گېزىتتا يېزىلغانلار ھەققىدىمۇ ھېچقاچان ياخشى گەپ قىلىشمايدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ قارىشىدا گېزىتلاردا يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان، خاتا گەپلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى يېتەكلىمەك بەكلا مۇشكۈل. چۇنكى، ئۇلار ھەقىقى پاكىتلار ئالدىغا قويۇلغىنىدىمۇ ئىشەنمەي ھەر دائىم ۋەسۋەسە ئىچىدە قالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ھەرقانداق بىر ئىش ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى قولدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ سانى بەكلا ئاز بولۇپ، بۇ گۇرۇپتىكىلەرنىڭ سانى ئىككىنچى گۇرۇپتىكىلەردىنمۇ ئاز. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق ئادەملەر دېيىش مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر تۇغما ئەقىللىق، ئالغان بىلىملىرى نەتىجىسىدە ئۆز ئالدىغا پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەن زىرەك كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلار، ئوقىغان ھەممە نەرسىنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىشقا، قايتىدىن باھالاشقا تىرىشىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەر بىرەر گېزىتنى ئوقىغاندىن كېيىن ئوقىغان نەرسىسىنىڭ ئاپتورى بىلەن كۆڭلىدە ئۇزۇنغىچە مۇنازىرىلەشمەي تۇرۇپ ئوقۇغىنىغا باھا بەرمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق كىتاپخانلار ئالدىدا ئاپتورلارنىڭ ئىشى ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل. شۇ سەۋەپتىن، مۇخپىرلار بۇ تۈردىكى كىتاپخانلارنى قورقۇپ تۇرسىمۇ كەينىنى ئويلاپ ئۇلارنى يەنىلا ياخشى كۆرىدۇ. بۇ تۈردىكى كىتاپخانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىرەر گېزىتتىكى ماقالىلاردا ئىپادىلەنگەن ئاخماقانىلىقلار ئاساسەن ئالغاندا ئۇلارغا ھېچقانداق بىر خەۋپ كەلتۈرەلمەيدۇ دېيىش مۇمكىن. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئادەتتە ھەر بىر مۇخبىرنى ھەقىقەتنى ئارىلاپ يېزىپ قويىدىغان مازاق قىلغۇچى بىرسىگە ئوخشايدىغان كىشىلەر دەپ تونۇيدۇ. بۇ تۈردىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ سانىغا باغلىق بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئەقىل كۈچىگە باغلىق بولىدۇ. ئەقىل بىلەن ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، كۆپ سانلىقنىڭ ماقۇللىشى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئاپەتنىڭ نەق ئۆزى دەپ تونۇپ كېلىنمەكتە. بۈگۈن، ھەممە نەرسىگە خەلق ئاممىسىنىڭ ئاۋاز بېرىش چېكى ھۈكمۈرانلىق قىلىپ كەلمەكتە. مەتبۇئات ساھەسىدىمۇ سان جەھەتتە ھەممىدىن كۆپ تارقىتىلىدىغان گېزىتلار ھەممىدىن كۈچلۈك ھېساپلانماقتا. بۇلار، ئەسلىدە ئىنتايىن ساددا ۋە ئاددى كىشىلەر دۆۋىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
بۇ تۈردىكى ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ يامان غەرەزلىك تەرسا كىشىلەر قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشى دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى، ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مەسئولىيەت ھېساپلىنىشى كېرەك. بۇ تۈردىكى ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بۇ تۈردىكى يىرگىنىشلىك ماقالىلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن دۆلەت بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشىنى نازارەت قىلىشى، يىرىگىنىشلىك ماقالىلاردىن ئۇلارنى قوغداشنى ئۆز ئۈستىلىرىگە ئېلىشى لازىم. شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، دۆلەت دائىرىلىرى تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر. تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ تۈر كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تەشۋىقات ساھەلىرى بۇنداق تەسىرنى بىرەر قېتىملىق تەشۋىقات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بولماستىن بەلكى ئىزچىل تەشۋىقات قىلىش، داۋاملىق تۈردە قايتا-قايتا تەشۋىق قىلىش بىلەن بۇنداق مەقسەتكە ئېرىشىدۇ. باشقا جەھەتلەردە كۆرۈلگىنىدەك، دۆلەت بۇ جەھەتتىمۇ بارلىق ۋاستىلارنىڭ بىرلا مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتماسلىقى، ھۆكۈمەتمۇ “مەتبۇئات ئەركىنلىكى” دېيىلىدىغان ئاخماقانە سۆزگە بويۇن ئېگىپ ئۆزىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقى كېرەك. بۇنداق ئەھۋال، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىيالىشىغا توسالغۇ بولۇپ، مىللىتىمىزنىمۇ كېرەكلىك بولغان بىر مەنىۋى ئۇزۇقتىن مەھرۇم قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت، ھېچقانداق بىر كۈچ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغان ئىرادە بىلەن بۇ تەشۋىقات ۋاستىسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ خىزمىتىگە سېلىشى لازىم.
ئۇنداقتا، نېمىس تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۇرۇشتىن بۇرۇن خەلقىگە قايسى جەھەتلەردە كۈچ-قۇۋۋەت بېرەلىدى؟ بۇ تۈر تەشۋىقات ئوگانلىرى ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگىدەك بارلىق يىرگىنىشلىك زەھەرلەرنى تارقىتىپ كەلگەن بىر تەشۋىقات ئورگىنى بولۇپ خىزمەت قىلمىغانمىدى؟ بارلىق دۆلەتلەر گېرمانىيىنى تەدرىجى يۇسۇندا قەتئى يوقىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ پائالىيەت قىلىشقا كىرىشكەن بىر پەيتتە، بىزدىكى تەشۋىقات ساھەلەر نېمىس خەلقىگە تېنچلىقپەرۋەرلىك دەيدىغان نەرسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تېنچلىق تەشۋىقات بىلەن ھەدەپ شوغۇللانمىغانمىدى؟ بۇ تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئۇرۇش پارتىلىماي تۇرۇپلا، يەنى تېنچلىق دەۋرىلىرىدىلا خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى قالاقلىق، زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىق دەپ قارىلاپ كەلمىگەنمىدى؟ بۇ تۈردىكى مەتبۇئاتلار ئىزچىل ھۇجۇم قىلىشقا تايىنىپ دۆلەت ئابرويىنى تۆكۈشكە، يىمىرىلىشىنىڭ تېزلىنىشىغا ياردەمچى بولۇشقا تىرىشمىغانمىدى؟ تۈگىمەس تەنقىتلەشلەر بىلەن ئارمىيىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشكە، تارمار قىلىنىشىغا ياردەمچى بولۇشقا تىرىشمىغانمىدى؟ ئەسكەر بولۇش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەربى چىقىملارنىڭ تەستىقىنى رەت قىلىش تەلىۋىدە بولمىغانمىدى؟ مىللىتىمىزگە “غەرپ دېموكراتىيىسى” دەيدىغان ئەخلاقسىز ئەسەبىلىكنى ئەنە شۇ مەتبۇئاتلار ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشمىغانمىدى؟ بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقىمىز ئاتالمىش مۇدا قوغلىشىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلمىگەنمىدى؟
لېبېرالىست دېيىلگەن شۇ مەتبۇئاتلار، نېمىس خەلقى بىلەن گېرمانىيە ئىپىرىيىسىنىڭ گۆركالىقىدىن باشقا نىمە قىلىپ بەرگەنىدى؟ بۇ جەھەتتە ماركىسىزمچە يالغانچىلىق قىلىشلىرى ھەققىدە ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى مۈشۈكنىڭ چاشقان تۇتۇشى تەبىئى بىر ۋەزىپىسى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ مەقسىدى نېمىس خەلقىنىڭ خەلقئارالىق سەرمايىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بېلىنى سۇندۇرۇشنى ئۆزلىرىگە بىردىن بىر ۋەزىپە قىلىشتىن باشقا يەنە نېمىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن؟ ئۇلارغا نىسبەتەن يالغانچىلىق، ئۇلارنىڭ نورىمال ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇشىدىكى زۆرۈرى ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى نېمىس خەلقىنى خەلقارالىق سەرمايىنىڭ، بۇ كاپىتالنىڭ غوجايىنلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ بېلىنى پۈكۈشتىن باشقىچە بولمىدى.
خەلقىنى بۇ تۈردىكى زەھەرلەش ھەرىكەتلىرىگە قارشى دۆلەت نىمە قىلىپ بەردى؟ كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ھېچ نەرسە قىلىپ بەرمىدى! بىر نەچچە كۈلكىلىك قارارلار، بىر قانچە جازالاش قارارلىرى، قىلغىنى ئاران شۇنچىلىك. بۇنىڭغا قارىتا يەھۇدىيلار مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ ھىلىگەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، يۇشۇرۇن بىر رەخمەت ئېيتىش بىلەن قەرزىنى تۆلەپ قۇتۇلدى. ئەمما دۆلەتنىڭ بۇ مىسكىنلەرچە ھالغا چۈشۈپ قېلىشى بۇ خەۋپنى ھېس قىلالماسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۈنىنى چىقىرىشتىن قورققانلىقى، بۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىتەرسىزلىكى، ئالغان بارلىق قارارلىرىدىكى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان تەدبىرلىرىدىكى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان قورقۇنچاقلىق قىلىشىدىن كېلىپ چىقماقتا ئىدى. كەسكىن ھەل قىلىش چارىسىدىن پايدىلىنىشقا ھېچكىم جاسارەت كۆرسىتەلمەي، ھەممە ئىشنى يېرىم-ياتا قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، ئىلاننىڭ بېشىنى ئىزىۋېتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى كۈشكۈرتۈشى نەتىجىسىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولماي ئۆزپىتىچە قالغىنىغا ئوخشاش، ئۇلۇغلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك بولغان تەشكىلاتلار كۈنسايىن كۈچەيتىلدى. ئۇ ۋاقىتلاردىكى گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقنى ئاستا-ئاستا زەھەرلەپ كەلگەن، مەنبەسى بولۇپمۇ يەھۇدىي بولغان مەتبۇئاتقا قارىتا ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىشتىكى ئىككىلىنىپ تۇرۇشى ئېنىق بىر نىشاندىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك مەيلى بۇ كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتى جەھەتتە بولسۇن ياكى ۋاستىلار بىلەن مۇكەممەل بىرەر پىلان تەييارلاش جەھەتىدىكى ئىشەنچە ۋە ئەقلى ھېسياتلار جەھەتىدە بولسۇن، ھېچ بىر ئالدىنى ئېلىش ئىشى يىتەرلىك بولۇپ باقمىدى. ھەممە كىشى ئۆز ئالدىغا بىر قاتار قېلىپلىشىپ كەتكەن تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى. بەزىدە ئۆزلىرىنى بەكلا كۆپ چىشلەپ تارتىلغانلىقىنى ھېس قىلىشقانلىرىدا، قايسى بىر ئەخلاقسىز مۇخبىر قولغا ئېلىنىپ قاماققا ئېلىناتتى. ئەپسۇسكى، بۇ تۈردىكى تەدبىرلەرمۇ بىر قانچە ھەپتە ياكى نەچچە ئايغا قالمايلا ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى. ئەمما ئىلاننىڭ ئىنى بۇزۇلماي ئۆزپىتى ساقلىنىپ، ئۇنىڭغا قىلچە چېقىلماي ئۆتكۈزىۋىتىشەتتى.
ئەگەر بىرەر ئىش قىلدۇق دېگەنلىرىدىمۇ، قىلدۇق دېگەن ئىشى ئەسلىدە بىر تەرەپتىن يەھۇدىيچىلىقنىڭ ئىنتايىن ھىلىگەرلىك بىلەن ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىۋېلىشى بىلەن جىم يېتىۋېلىشقانلىقىدىن كۆرۈلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن چېكىدىن ئاشقان بىرەر ئاخماقلىقنىڭ سەۋەبىدىن جىمجىتلىق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ كۆرۈلىشىلا ئىدى.
ئەمما قۇۋ يەھۇدىيلار بارلىق مەتبۇئات ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغۇدەك ئۇنچە ئاخماقلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇلاردا قالغان مەتبۇئات ئورۇنلىرىنى قوغداپ قالالىغىدەك بىر كۈچى بۇرۇنلا زاپاستا تەييار تۇراتتى. ماركىسىزمچى گېزىتلار خەلق تەرىپىدىن ئەڭ قىممەتلىك ھېساپلىنىدىغان ھەممە نەرسىگە ئەڭ قوپاللىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشلاردا، ئەڭ نەپرەتلىنىشكە تېگىشلىك شەكىلدە دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىشىپ خەلقنىڭ ھەر تۈرلۈك تەركىپلىرىنى بىر-بىرسىگە قارشى كۈشكۈرتىشكە تىرىشاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا بۇرجۇئا دېموكراتىك يەھۇدىي گېزىتلىرىمۇ كۆرۈنۈشتە خەلقنىڭ كۆزىنى بوياشقا تايىنىپ زوراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشقا تىرىشقان قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىشەتتى. ئەسلىدە، بۇ يەھۇدىي گېزىتلىرىغا ئېنىق مەلۇمكى، قاپاقباشلار پەقەتلا كۆرۈنۈشتىكى ئەھۋاللارغا تايىنىپلا ھۆكۈم قىلىشىپ، چوڭقۇر ئىسپاتلاشقا تىرىشىش ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەر ھېساپلىناتتى. قىلچە شۆبىھە يوقكى، بۇ تۈردىكى قاپاقباشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «فرانكفۇرت گېزىتى» مۇھىم گېزىتلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گېزىت ھېساپلىناتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ گېزىت ھېچقاچان ئادەتتىكىدەك گەپلەرنى يېزىپ باقمايدىغان، ماددى ۋە مەنىۋى زوراۋانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان، ھەر دائىم ئىدىيىۋى كۈرەشلەرنىلا ئاساسى تېما قىلىپ كەلگەن بىر گېزىت ھېساپلىنارمىش. يەھۇدىي گېزىتلار خەلقىمىزنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى ئەتىۋارلىق، ھۆرمەت قىلىنىشقا لايىق ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈپ كەلمەكتە.
ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغىنىمىزدا، ئىشنىڭ غەلىتە تەرىپى شۇكى، ئاڭ پىكىردىن ئەڭ بەك مەھرۇم قالغان كىشىلەرنىڭ تاللىۋالىدىغان قۇرالىمۇ دەل شۇنداق نەرسىلەر ھېساپلىناتتى. بۇلار خەلقىمىزنى تۇغما ھېسىياتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۇلارنى شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يۈكسەلتىپ ئانالىز قىلماستىن شۇنداقلا بىر بىلىمدىن خەۋەردار قىلىنغان چالا ساۋات يېتىشتۈرىدىغان مائارىپىمىزنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شەيئىلەرنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنىنى چۈشىنەلىشى ئۈچۈن يالغۇز غەيرەت كۆرسىتىش، ئاق نىيەتلىك بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەقىل ئىشلىتىش. بۇنىڭ مەنىسىنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن:
ئادەم بالىسى، تەبىئەتنىڭ بويسۇندۇرغۇچىسى ۋە غوجايىنى بولدۇم دەيدىغان بىر خاتا ئېتىقات يولغا ھەرگىز كىرىپ قالماسلىقى كېرەك. ئادەتتە يېرىم-ياتا بىلىم ئالغان چالاساۋات بىرسىلا بۇنداق بىر خاتا قاراشقا بەكلا ئاسان گىرىپتار بولىشى مۇمكىن. ئادەم بالىسى، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بوي سۇنۇشقا تېگىشلىك تۈپكى مەجبورىيەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولالىشى چەكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىكىلا باغلىق ئىكەنلىكىنى، تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى شەرت. ئەنە شۇ چاغدىلا، ئىنسان بالىسى بۇ ئالەمدە پىلانتلارنىڭ، يۇلتۇزلارنىڭ كائىنات قانۇنىيەتلىرى دەپ ئاتالغان ئوربىتالار بويىچە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئاينىڭ پىلانتلار ئەتىراپىدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەممە يەردە قۇۋۋەت ئۆز ئالدىغا ھەممىگە ھۆكمۈران بولىدىغانلىقىنى، ئاجىز قۇۋۋەتلەرنى قىلچە قىينالماي بوي سۇندۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ياكى پارچىلاپ يوق قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر دۇنيادا ئادەم بالىسىدا ئۆزىگە خاس بىرەر قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئىنسان بالىسىمۇ بۇ تۈردىكى مۇتلەق ئەقىل ۋە مۇتلەق قۇدرەتتىن ئىبارەت كائىناتنىڭ چەكسىز پىرىنسىپلىرىغا بوي سۇنغان ئاساستىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئادەم بالىسى، بۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇ تۈر تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىدىن ھېچقاچان قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
يەھۇدىيلار، ئىلمى مەتبۇئاتچىلىق دەپ ئاتىشىۋالغان گېزىتلاردىن پايدىلىنىپ ئارىمىزدىكى يېرىم-ياتا بىلىم كۆرگەن چالا زىيالىلارغا مەخسۇس خىتاپ قىلىپ كەلمەكتە. «فرانكفۇرتېر زېيتۇڭ» بىلەن «بېرلىنېر تاگېبلات» دەيدىغان گېزىتلار ئەنە شۇ تۈردىكى چالا ساۋات زىيالىلار ئۈچۈن چىقىرىلغان گېزىتلار ھېساپلىنىدۇ. بۇ گېزىتلار تونلىرىنى ئەنە شۇ تۈردىكى چالا زىيالىلارنىڭ قۇلاق پەردىلىرىگە قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ تۈر گېزىتلار ئەنە شۇ تۈردىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئۆزلىرىگە مەقسەت قىلىشقان. بۇ تۈردىكى گېزىتلار ئەخلاقى كۆرۈنۈشتە بەك ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەخلاققا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق بىر ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇشتىرىلىرىنىڭ قەلبىنى ناتۇنۇش باشقا بىر شىشىدىن ئالغان زەھەرلەر بىلەن زەھەرلەشكە تىرىشىدۇ. مىلودىيىلىك تونلاردا نۇتۇق سۆزلىشىپ مۇشتىرىلىرىنى ھەركەتنى ئالغا سىلجىتىدىغان كۈچ پەقەتلا ئىلمىي كۈچ ۋە جاسارەت كۈچىدىن كېلىدۇ دېگەندەك گەپلەرگە ئىشەندۈرۈش ۋاستىسىغا تايىنىپ مەست قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى ئەسلىدە شۇنچە كۈچلۈك ھىلىگەرلىك بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە بۇ ئارقىلىق دۈشمىنىنىڭ قولىدىن قۇرالىنى ئۇستىلىق بىلەن تارتىپ ئېلىش ھۆنىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگىنى شۇكى، بۇ گېزىتلارنىڭ بەزىلىرى مەجبورىلاش شەكلىدە دىققەتنى تارتىش قىياپىتىنى ئىپادىلەشكىنىدە ئاخماق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىشىدۇ. سەۋبى، قالغان گېزىتلار بۇنداق مەجبۇرلاشلارنى مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە دەخلى كەلتۈرگەن ئۇششاق-چۈششەك چېكىدىن ئاشقان ئالامەتلەر دەپلا باھالىشىدۇ. مەتبۇئات ئەركىنلىكى دېگەنلىك، خەلق ئاممىسىغا يالغان ئېيتىش، خەلق ئاممىسىنى زەھەرلەش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان، جازاغا تارتىلمايدىغان رەزىللەرچە بىر ئۇسلۇپنىڭ ئەدەبىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. قالغان گېزىتلار بۇ تۈردىكى لۈكچەكلەرگە زەربە بېرىشتە كەسكىن جاسارەت كۆرسىتىشەلمەيدۇ. چۇنكى ئۇلار بۇ تۈردىكى “داڭلىق” گېزىتلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى قورقۇنچاقلىقى ھەقىقەتەنمۇ يوللۇق بىر قورقۇش ئىدى. چۇنكى بۇنداق رەزىل گېزىتلارنىڭ بىرەرسىگە شۇنداقلا رەددىيە بېرىپ قويدىمۇ بولدى، قالغان گېزىتلارنىڭ ھەممىسى يۇپۇرلۇپ كىلىپ ئۇ گېزىتلارنى ھىمايە قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئەسەبىلەرچە ھۇجۇم قىلىش ئۇسلۇبلىرىنى ئىشقا سېلىشتىنمۇ ھەرگىز يانمايدۇ. خۇدا ساقلىسۇن بۇنداق گېزىتلاردىن! ئۇلار دەيدىغاننى دەپ بولۇپ، بىز پەقەت مەتبۇئات ئەركىنلىكى پىرىنسىپلىرى بىلەن كۆز قاراشلارنى ئەركىن ئىپادىلەش پىرىنسىپلىرىنىلا قوغداشقا تىرىشتۇق دەپ تۇرىۋېلىشىدۇ.
بۇ تۈردىكى ئورتاق رەددىيە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاۋازلىرى دەسلىۋىدە بايىقى “داڭلىق” گېزىتلاردىن يۈكسەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى ۋارقىراپ-جارقىراشلىرىدىن ئەڭ باتۇر دەپ قارالغان كىشىلەرمۇ قورقۇپ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشىدۇ.
بۇنداق شارائىت ئاستىدا تەييارلانغان بۇ تۈردىكى زەھەرلەر ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماستىن مىللىتىمىزنىڭ قېنىغا سىڭىپ كىرمەكتە، دۆلەتمۇ بۇ تۈردىكى كېسەللىككە قارشى تۇرغىدەك كۈچكە ئېرىشەلمىدى. ئىشنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئۆزىنى ھېس قىلدۇرغان ئىمپىرىيىنى ئاغدۇرۇش تەھدىتى بىلەن ئۇنى بۇ تەھدىتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قورقۇپ تىترەپ ئالغان كۈلكىلىك، قىلچە رولى يوق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇراتتى. تەبىئىكى، ئالدىغا كەلگەن ھەر چارىگە باش ئۇرۇپ ئۆزىنى قوغداش ۋە مۇداپىيە قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىشقان بىر ئورگان، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بىر ئورگان ھېساپلىنىدۇ. كۆرۈنگەن ھەر بىر ئاجىزلىقنى، بىرەر ئىچكى يىمىرىلىشنىڭ، ئىچكى چىرىكلىكنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. تەبىئى ھالدا بۇنداق بىر ئىچكى يىمىرىلىشنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن يىمىرىپ تاشلاش ھەرىكىتى ئوتتۇرغا چىقىپ، بۇنداق بىر يىمىرىلىشنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقى ئېنىق. مەن شۇنداق پەرەز قىلىمەنكى، ئەگەر بۈگۈنكى ئەۋلات، ياخشى يىتەكلىنىپ باشقۇرۇلغىنىدا بۇنداق بىر تەھدىتكە تېخىمۇ ئاسان تاقابىل تۇرالىغان، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالىغان بولاتتى. بۈگۈنكى ئەۋلاتلار شۇنداق ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر ئەۋلاتكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇپ قويمىغانلارنىڭ نېرۋىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ياردەمچىلىك رولىنى ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ. يەھۇدىي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى مەتبۇئات شەرمەندىچىلىكلىرىگە ئەندى بەس دېيىلگىنىدە، بۇ تۈر ئۇششاق تەربىيەلەش قۇراللىرى دۆلەتنىڭ خىزمىتىگە قايتىپ كەلگىنىدە، مىللىتىمىزگە دۈشمەن بولىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەسىرى يوقۇتۇلغىنىدىن كېيىن، بۇ تۈردىكى گېزىتلاردىن ئوتتۇرلۇقنى قايتىدىن ۋەھىمىگە سالىدىغان نالە-پەريات چوقانلىرىنىڭ قايتا كۆتۈرىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ نالە-پەرياتلار بىز ياشلارغا ئۆز ۋاقتىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارتقان ئازاپلىق كۈنلىرىدىكىدەك ئېغىر تەسىر پەيدا قىلالمايدىغانلىقىمۇ ئېنىق. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ئوتتۇز سانتىمېترلىق بىر زىنىت توپى بىر يەھۇدىي يىلان چىقارغان كۇسۇلداشتىنمۇ كۈچلۈك گۈلدۈرلەشنى پەيدا قىلىۋىتەلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇلار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن، خالىغىنىچە كۇسۇلدىشىپ يۈرىۋەرسۇن.
تۈۋەندە كەلتۈرمەكچى بولغان مىسالىم ئۇرۇشتىن ئېلىندى. بۇ مىسالدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم جانىجان مەسىلىلىرىدە كۆرسەتكەن يىتەرسىزلىكلىرى بىلەن بىچارە قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.
سىياسەت، ئۆرپ ئادەت ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردە خەلقىمىزنى بۇلغاپ كېلىشى بىلەن بىرلىكتە، شۇنىڭغا تەڭ دەرىجىدىكى يەنە بىر زەھەرلەش پائالىيەتلىرىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەزالىرىنى ئۇزۇندىن بېرى زەھەرلەپ كەلمەكتە ئىدى. چوڭ شەھەرلەردە سىبلىس كېسىلى بىلەن توبىركولىيوز بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ دېگىدەك بارغانسىرى كۈچىيىپ يېيىلماقتا ئىدى. يۇقۇملۇق سىبلىس كېسەللىكى ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا دېگىدەك يامىراپ، يۇقۇملانغانلىكى كىشىنى يېقىتىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا ئىدى. بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا خەلققە ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقىنىغا قارىماي، بۇ ئاپەتكە قارشى كەسكىن تەدبىر ئېلىش جەھەتلەردىمۇ تېخىچە تۈزۈك بىرەر قارار ئېلىنمىدى. بولۇپمۇ سىبلىسقا نىسبەتەن خەلقمۇ خۇددى دۆلەتكە ئوخشاش ئامالسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئەسلىدە ئەستايىدىل ئويلانغان ئاساستا ھازىرقىدىنمۇ كەڭ دائىرىلىك تەدبىر ئېلىنىشى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر دورا تېپىش، ئەمىلى داۋالاش ئىشىغا كىرىشىش ئىشلىرى بۇ تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاساسەن تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جەھەتتىمۇ كېسەللىك يامىراپ كېتىشىنىڭ ئەسلى سەۋەپلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئاتلىنىشقا توغرا كەلمەكتە. ئەسلىدە بۇنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سەۋەپلىرىدىن بىرسى بىزدىكى مۇھەببەتلىشىش بىلەن پاھىشىلىك ۋەقەلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ماقۇل بولماسلىقىمىز. پاھىشىلىك ئۇ تۈردىكى قورقۇنۇشلۇق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇقتۇرۇلىشىغا سەۋەب بولمىغان تەغدىردىمۇ، بۇ ۋەقەلەر يەنىلا خەلقىمىزگە تەدرىجى شەكىلدە ئېغىر زىيانلارنى سالىدىغانلىقى مۇقەررەر. چۇنكى، ئەخلاقى جەھەتتىكى زەئىپلىكنىڭ ئەخلاق ساھەلىرىدە پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتلىرى تارىختىكى نۇرغۇن قەۋىملەردە كۆرۈلگىنىدەك، قەۋىملەرنى تەدرىجى يۇسۇندا پۈتۈنلەي يوق قىلىۋىتىدىغانلىقى ئېنىق.
بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ يەھۇدىيلەشتۈرىۋىتىلگەنلىكى، ئۆيلىنىشنى پۇلغا باغلاپ قويىدىغان ھالغا ئۆزگىرىشى بىر كۈنى بولمىسۇن بىر كۈنى بىزنىڭ كىلەچىكىمىزدىكى نەسىللىرىمىزگە بەكلا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنىسى مۇقەررەركى، تەبىئى ھېسسىياتلارغا تايىنىپ تۇغۇلىدىغان بەستلىك بالىلارنىڭ ئورنىغا ئەمەلىيەتتە پۇل غېمى تۈپەيلىدىن كۈتۈلمىگەندە تۇغۇلۇپ قالىدىغان مېيىپ بالىلار بىلەن تولۇپ تاشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ تۈردىكى ئىقتىسادقا باغلاپ قويىدىغان ئەھۋال، بىز نېمىسلارنى ئۆي تۇتۇپ تۇرمۇش قۇرۇشىمىزدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتىدىن، تۇرمۇش ئاساسىدىن بارغانسىرى ياتلاشتۇرىۋېتىدۇ. مۇھەببەتلىشىشنىڭ كۈچىنى ھەرقانچە كۈچلۈك دەپ قارىساقمۇ، جىنىسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشقا يوللىرىمۇ داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئادەتتە بۇ جەھەتلەردىمۇ بىر مەزگىل تەبىئەت بىلەن چاخچاق قىلالىغاندەك قىلساقمۇ، تەبىئەتنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كۈنى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىنتىقامى ئىش پۈتكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بولىدۇ. بىز بۇ ئىنتىقام كۈچىنى ئەنە شۇ چاغدىلا پەرق قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئۆي تۇتۇشنىڭ دەسلەپكى نورىمال شەرتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ نەقەدەر ۋەيران قىلارلىق ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىزدىكى ئۆيلىنىش ئەھۋاللىرىغا قاراپ بەكلا ئاسان كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە مەلۇم جەھەتتە باياشات بىر تۇرمۇش كەچۈرۈش غېمىنىڭ زورلىشى، يەنە مەلۇم جەھەتتە ئىقتىسادى سەۋەپلەرگە ئاساسلىنىپ ئەۋلات قالدۇرۇش ئىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۆرۈلمەكتە. بۇنداق بىر ئەۋلات قالدۇرۇش ئىشى بىر جەھەتتە قاننىڭ ئاجىزلىشىشى، يەنە بىر جەھەتتە قاننىڭ زەھەرلىنىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. چۇنكى، تېنىنى ساتىدىغان بارلىق يەھۇدىي پاھىشىلىرى پاھىشىخانىلاردا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تىرىشماقتا. شۇ ئارقىلىق بۇ پاھىشىلەر ھەممىگە ئىگە بولىدىغانلىقى مەلۇم. ھەر ئىككىلا ئەھۋال ئىرقنىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ بۇرجۇئازلىرىمىز ئېرىشمەكچى بولىۋاتقىنى دەل ئەنە شۇنداق بىر ئاقىۋەت بولۇپ، بۇنداق داۋام قىلىۋەرگىنىدە، ئۇلار بۇ مەقسىدىگە چوقۇم ئېرىشەلىگەن ھېساپلىنىدۇ.
قىلچە توغرا ھېساپلانمايدىغان بۇ تۈر ئەمەلىيەتلەرگە قاراپ تۇرۇپ كۆرمىگەنگە سېلىپ بۇ ئىشلارنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كېيىنگە سوزماقتىمىز. بۇنداق ئىشلارغا يول قويۇلغىنىدا، بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كۆزئالدىدىكى باشقا مەسىلىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ بىر يانغا قويۇپ تۇرۇش مۇمكىن بولىدىغاندەك، چوڭ شەھەرلەردىكى خەلقىمىزنىڭ سۆيگۈ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسىرى پاھىشىۋازلىق تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇنلىغان ئەۋلاتلىرىمىز سىبلىس ئىللىتىنى يۇقتۇرۇپ ئېلىپ، قۇربانلىققا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ تۈردىكى كېسەللىكنىڭ كۆز يۇمۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئاقىۋەتلىرى بىر تەرەپتە روھى كېسەللەر دوختۇرخانىلىرىدا كۆرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىمىزدە كۆرۈلمەكتە. بولۇپمۇ پەرزەنتلەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ جىنىسى تۇرمۇشتىكى يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ داۋاملىىشىپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك مىسالى.
بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاماللارنىڭ بارلىقى مەلۇم. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ. ئېنىقىراق ئېيتقاندا، ئۇلار ھېچنىمىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. شۆبھىسىزكى، بۇ تۈر مۇئامىلىدە بولۇش، ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ ئاددى تەدبىر ھېساپلىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كۈلكىلىك بولۇپلا قالماي يەنە يالغانچى ۋە سۇپىلارچە روھانى پەرىجە ئىچىگە پۈركىنىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ھادىسىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھ ئىشىدەك ئېغىز ئېچىشقا باشلاپ، تۇتۇلۇپ قالغان گۇناھكار ئۈستىدە ھەممىدىن بۇرۇن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا تۆكۈشكە كىرىشىدۇ. كەينىدىن يەنە سۇپىلارچە نەپرەتلىنىش ئىچىدە بۇ تۈر ئېتىقاتسىز كېسەللىكلەرگە كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ، ئىمكان بولغىنىدا ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن − بۇ تۈر نومۇس قىلىنارلىق ئىشلارغا قارىتا سودم ۋە گومورە ئۈستىگە گۈڭگۈرت بىلەن قارامۇم ياغدۇرۇپ بۇ گۇناھكار كىشىلەرگە ساۋاق بولسۇن دەپ تەڭرىگە دۇئا قىلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر بۇ تۈر يۇقۇملۇق ۋابانىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېنىق ھېس قىلىشقانلىقىغا قارىماي ئۇنىڭغا مۆرىسىنى قىسىپ پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر بۇنداق بىر خەۋىپكە قارىتا قولۇمدىن نېمە كېلەتتى دەپ تۇرىۋېلىشىدۇ. بىر ھېساپتا بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇش لازىملىقىنى ئىپادىلىشىدۇ.
راستىنى دېگەندە، بۇ تۈر مۇئامىلىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋە ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، مىللىتىمىز بۇ تۈردىكى راھەتلىنىش بىلەن ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن قۇربانلىق قىلىنماقتا. باشقا مىللەتلەردىكى بۇ تۈر ھادىسىلەر بىزنىڭكىدىن ياخشىراق ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىشمۇ بىز دۈچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلىك ئەمىلىيىتىمىزنى قىلچە تۈزىتەلمەيدۇ. بۇ جەھەتتە باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدەك بىر ئاپەتكە دۈچ كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش، نىمىشقىدۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۆز دەردىنى يەڭگىللىتىشنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ بىلىنمەكتە. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئۆزلىكىدىن تۇنجى قېتىم ۋە يالغۇز ھالدا بۇ ۋابانى تېزگىنلىيەلەيدىغان كۈچنىڭ كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، يەنە كىملەرنىڭ بۇ سەۋەپتىن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ ئىرقنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق بىر سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ئىرق يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ جەسۇر ياكى تېخىمۇ چىداملىق باشقا بىر ئىرق ئالىدۇ. چۇنكى، بۇ مەسىلە ئەڭ ئاۋال ياشلارنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەجداتلىرىنىڭ سادىر قىلغان بۇ تۈردىكى گۇناھلىرى ئۇلاردىن ئونىنچى نەسىلگە بارغىچە ئىنتىقامىنى ئېلىپ تۇرىۋېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قان بىلەن ئىرققا قارشى سۈيىقەست قىلىنغانلىق بولىدۇ، خالاس. قان بىلەن ئىرققا قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ بۇ دۇنيانىڭ تۇنجى گۇناھى بولۇپ، بۇنداق بىر گۇناھ ئىشلىگەنلىك، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بىر ئىنسانلىقتىن بىشارەت بەرگەنلىك ھېساپلىنىدۇ. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى گېرمانىيىنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا تۇراتتى. بۇ تۈر بىر ۋابانىڭ چوڭ شەھەرلەرگە يامىراپ كېتىشىنى توساش؛ خەلق ئاممىسىنىڭ سىبلىس يۇقتۇرىشىنى توساش، مۇھەببەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى پۇلغا باغلاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە گېرمانىيىدە نىمە ئىشلار قىلىندى، بۇ ئىشلاردىن قانچىلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلىدى؟ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلار بىر-بىرلەپ قاتارغا تىزىپ كۆرسىتىلگىنىدە، بۇ تۈر سۇئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋابلارمۇ ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
ئالدى بىلەن، بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ ئاددى چاغلىماسلىق كېرەك. نۇرغۇنلىغان ئەۋلاتلارنىڭ بەختكە ئېرىشىشى ياكى ۋەيران بولىشى بۇ جەھەتتە ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلە خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ئەنە شۇنداق ئويلىغىنىمىزدىلا بۇ جەھەتتە كەسكىن ئالدىنى ئېلىش، كەسكىن تۈردە توساش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ئىشى مەجبورى ۋەزىپە ھالغا كەلگەن بولىدۇ. ھەممىدىن بۇرۇن مىللىتىمىزنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ دىققەت نەزىرى بۇ تۈر ۋەھىمىلىك خەۋىپ بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈستىگە توپلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىشى لازىم. شۆبھىسىزكى، كۆپۈنچە ھاللاردا مەجبۇرلاش خاراكتىرىدىكى كەسكىن تەدبىر قوللىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بېرىش ھەرقانچە مۈشكۈل بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، بۇ تۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئېنىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بۇ تۈردىكى مەجبۇرلاشلار زۆرۈر بولغان قولايلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىنى كەسكىن قىلىپ ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇش، بۇ ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرىلىدىغان دىققەتنى باشقا تەرەپلەرگە بۇرايدىغان كۈندىلىك مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش ئۈچۈن ھەممە بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خەلق ئاممىسىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى بىرلا ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردىن ئىكەنلىكىگە ھەممىنى ئىشەندۈرۈش لازىم. ئەنە شۇنداق بىر لايىھىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىقلا بىر مىللەتنى بەرداشلىق بېرىش تەس بولغان زور ھەرىكەتلەر ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەلەپ قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.
بۇ پىرىنسىپ، يوقۇرى دەرىجىلىك مەقسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە غايە قىلغان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ماس كېلىدىغان ئورتاق بىر پىرىنسىپتۇر. بۇنداق بىرسى، ئۆز ئىشىنى چوڭ تارماقلارغا ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم ئىشلەشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلغىنىدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بارلىق غەيرىتىنى بىرلا ئىشقا يىغىش مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ. بۇنداق بۆلۈملەر بويىچە ئىشلەش پىلانىنى ھەر بىر بۆلۈمىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ يەنە بىرسىگە ئۆتۈش شەكلىدە بارلىق ۋەزىپە ئۇتۇغلۇق تاماملانغانغىچە ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بىرەر سىياسى پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشى يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نىشانىنى ئەنە شۇنداق پارچىلار بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىمىغىنىدا، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ھەر بىر مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بىرلا مەسىلە ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلانمىغىنىدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم نىشانىدىن ئېزىپ كېتىشى مۇمكىن. نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بەكلا زور ئېنېرگىيىدىن ئىزچىل تۈردە پايدىلىنىشقا مەجبۇر. شۈبھە يوقكى، بۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىشى ئالاھىدە بىر ھۈنەر ھېساپلىنىدۇ. نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەش جەريانىدا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى بىر-بىرلەپ بۆسۈپ ئۆتۈش، بۇ قىيىنچىلىقلار ئۈستىگە قىلچە تەمتىرىمەي ئاتلاش ئۈچۈن تىنماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.
رەھبەرلىك مەۋقەسىدە تۇرىۋاتقان كىشى خەلق ئاممىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئاساسى نىشاننىڭ بىر قىسمىنى بىردىن-بىر مەقسەت قىلىپ كۆرسىتىشكە، بۇ نىشاننىڭ كىشىلەر قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئەرزىيدىغان بىر نىشان ئىكەنلىكىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا، بۇ نوقتىغا يىتەر-يەتمەي كېيىنكى بۆلۈملەرنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىش لازىم. مانا بۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كەسىپى ئىشلىرىنىڭ بۇنچە مۈشكۈل قىسىملىرىغا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرى ئىككى شەرتىدۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاسانلا ھېرىپ قېلىپ ۋەزىپىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ-دە، بۇلارنى ھېچقاچان ئاقىۋىتىنى كۆرەلىگىدەك بىر نوقتىغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. خەلق ئاممىسى نىشاننى بەلگىلىك بىر يەرگىچىلا كۆرەلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇنداق بىر نىشانغا يېتىش باسقۇچلىرىنى پارچە-پارچە كۆرەلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى ساياھەت يولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسىنى بىلىدىغان، ئەمما يولنىڭ يىراقلىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۈچۈن بۇ ئارىلىقنى بىر قانچە بۆلۈملەرگە بۆلۈپ يولغا چىقىدىغان يولوۋچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، بۇنداق بىر يولدا كېتىۋاتقانلار ئەنە شۇ شەكىلدىلا ئاخىرقى نىشانغا يەتكىچە سوۋىماي غەيرەت قىلىپ يولىنى داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ شەكىلدە، بارلىق تەشۋىقات قۇراللىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سىبلىسكە قارشى ھەرىكەت دولقۇنى ئۇدۇل كەلگەن ئادەتتىكىچە بىر ۋەزىپە بولۇپ بىلىنمەي، خەلقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەجبورى ۋەزىپىسى قىلىپ كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ مەقسەتتە ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ سىبلىسنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئاپەت ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشىگە ئېنىق بىلدۈرۈش لازىم ئىدى. مىللەتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەغدىرى، يەنى مەۋجۇت بولۇش-بولالماسلىقىمىز بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىگە پۈتۈن خەلقىمىزنى قايىل قىلغانغىچە تەشۋىق قىلىش لازىم ئىدى. بۇ تۈردىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر تەييارلىقتىن كېيىن، ئەگەر زۆرۈر تېپىلغىنىدا نەچچە يىل بۇ ئىش ئۈستىدە ھارماي-تالماي پائالىيەت قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن پۈتكۈل خەلقنىڭ دىققەت نەزىرىنى، كۈرەشكە بولغان ئەقەللى جاسارىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلىپ قىلىشقا بولاتتى. ھەقەتەنمۇ، بۇنداق بىر ۋابانى يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن كۆرۈلۈپ باقمىغان پەۋقۇلئاددە پىداكارلىقلارغا، ئىنتايىن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇندىن كېيىنلا بۇ جەھەتتە بۈتۈن غەيرەت بىلەن كۆزلىگەن قاتتىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلگەن بولاتتى. بۇ ئىشلار ئىشقا ئاشۇرۇلغىنىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئاق نىيىتى تۇيۇقسىزلا غايىپ بولىشى ياكى ئېلىنغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولۇشتەك ئەھۋاللاردىنمۇ ساقلانغىلى بولاتتى. سىبلىسكە قارشى كۈرەش، پاشىۋازلىققا، خۇراپى قاراشلارغا، كونا ئادەتلەرگە، ۋابا ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن بىرگە ئوتتۇرغا قويۇلغان پەۋقۇلئاددە قاراش دەپ ھېساپلانغان كۆزقاراشلارغا، بۇ پاجىئەنىڭ ھەممە خەۋىپىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بەزى ساھەدىكىلەرنىڭ بىر قىسىم سوغوق مۇئامىلىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىمۇ مەجبورى ۋەزىپە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
سىبلىسقا قارشى قانات يايدۇرۇلىدىغان بۇنداق بىر كۈرەشنى مەيلى قانۇنى مەيلى ئەخلاقى بىر ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا توي قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشتۇر. قايسى تۈردە باھالىنىشىدىن قەتئى نەزەر، پاھىشىۋازلىق، ئىنسانىيەتكە قىلىنغان بىر ھاقارەت ھېساپلىنىدۇ. فاھىشىلىك، ئەخلاق مەسىلىلىرى ئىلمى دوكلادلىرى ياكى ھوقۇقى پائالىيەتلەر كۆرسەتكەن ئاق نىيەتلىك تەدبىرلەر بىلەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىر ھادىسە ئەمەس. فاھىشىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن بۇرۇندىن بار بولغان بەزى شارائىتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا بەزى يېڭى شارائىتلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر ئىش. بۇ شارائىتلارنىڭ بىرىنچىسى، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئەر تەرەپنىڭ ئېھتىياجى بولغان ئۆيلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش بولىشى كېرەك. بۇ نوقتىدا ئايال تەرەپ مۇھىم ئورۇندا بولۇپ كەتمەيدۇ.
كىشىلەرنىڭ نەقەدەر ئاخماقانە سۆزلەرنى قىلىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەردىن بىر مۇنچىسىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق مىسال، يوقۇرى “تەبىقە” گە مەنسۈپ ئانىلارنىڭ دائىم دېگىدەك قىزلىرىغا “ھەممە ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن” بىرەر كۈيئوغۇل تاپالىسا بەكلا رازى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىدىن ئوچۇق كۆرىۋېلىش مۇمكىن. بۇ تۈردىكى “بېشىدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتكەن” يىگىتلەر كام تېپىلىدىغان تىپلەردىنمۇ ئەمەس (ئادەتتە بۇنىڭ ئەكسىچە بېشىدىن ئىش ئۆتمىگەنلەر تېخى كام ئۇچىرايدۇ. − بەزى تۈركچە تەرجىمىلەردە بۇ ئىزاھات يوق. − ئۇ.ت). بىچارە قىز بىر مۆڭگۈزى كېسىۋېتىلگەن “سيېگفريېد-ئېكورم” (بۇ ئاتالغۇ سۆز ئويۇنىدا مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: مۆڭگۈزى كېسىۋېتىلگەن دېگىنىدە بىر تەرەپتىن كۈچىدىن قالغان، قۇرالىدىن ئايرىلغان، نەيچىسى يوق نېيىدىن ئاۋاز چىقماس بولۇپ قالغان بىر سيېگفريېد كۆزدە تۇتۇلغان. − بۇ چۈشىنىكسىز ئىزاھات بەزى تۈركچە تەرجىمىلەردە ھاشىيىدە بېرىلگەن. − ئۇ. ت) تېپىۋالغانلىقىدىن سۈيۈنۈپ كېتىدۇ. بۇنداق جۈپتىدىن تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ شۇنچىلىك ئەقىلگە، بۇ تۈر مەنتىقكە ماس كېلىدىغان بىر مەخلۇق بولۇشتىن نېرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە، تۇغۇلىدىغان بالىلىرىمۇ كېسەل بولۇپ تۇغۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن تۇغۇت ئىشلىرىدىمۇ چەكلىمىلەرنى پەيدا قىلىپ، قاتتىق تۇغۇت چەكلىمىسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئۇلاردىن تۇغۇلغان بارلىق بالىلارنى بارلىق ئىنسانلىقنى قوغداش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئەڭ ئاۋارە بولغانلىرىنىمۇ بۇ دائىرىگە ئېلىپ قوغداش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەبىئەتنىڭ ھەر تۈرلۈك تاللاش پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىنغانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇنداق تۇغۇت چەكلەش ئورگىنىنىڭ نىمە ئۈچۈن ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۇئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قوغداش توغرى كەلگەن يەردە پاھىشىۋازلىقنىمۇ ئوخشاشلا قوغداشقا توغرا كەلمەسمۇ؟ كەلگۈسى نەسىللەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى نارازىلىقىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ياكى بولمىسا بۇ تۈردىكى ۋەھشىلەرچە، ئويلانماستىن ئەڭ ئاخىرقى تەبىئى ھوقۇقنى، ئەڭ ئاخىرقى تەبىئى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەۋلاتلىرىمىز بىزگە قانچىلىك لەنەتلەر ياغدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىمەسمۇ؟ دېمەككى، مەدەنىيەتلىك ئىرقلار ئەنە شۇ شەكىلدە سۈپىتىنى يوقۇتۇپ، تەدرىجى تۈردە غايىپ بولۇپ يوقۇلۇپ كەتكەن.
ئەسلىدە ئۆيلىنىشنىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر غايە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۆي تۇتۇش، كىشىلەرنى تېخىمۇ يۈكسەك بىر غايىگە، تۈرلىرىنىڭ، ئىرقىنىڭ كۆپىيىشى، ئىرقىنىڭ  داۋاملىشىشى ۋە ئەقلىنىڭ داۋامىغا ئوخشاش مەقسەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بىر نىشانغا يىتەكلەپ ماڭغان بولىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ − توي قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ۋەزىپىسى.
ئىشنىڭ بۇ تەرىپى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بالدۇر توي قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىقىنى بۇ غايىۋى ۋەزىپىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئورۇندىيالىشىغا قاراپ باھالاشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى ئائىلىنى ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان دائىرە ئىچىدە پەرزەنت يېتىشتۈرۈش كۈچىگە ئېرىشتۈرۈش جەھەتتىن ئالغاندا بالدۇر توي قىلىشنى توغرا تاللاش دەپ قاراش مۇمكىن. ئەمما شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، بالدۇر توي قىلىشنى ئالدىن ئالا بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەدبىرلىرى ئېلىنماي تۇرۇپ يولغا قويماسلىق، بۇ ھەقتە ئويلانماسلىق كېرەك. ئۇششاق ئىش دەپ قارىلىدىغان بۇ مەسىلە، ئىجتىمائى جەھەتتە كەسكىن تەدبىرلەر ئېلىنماي تۇرۇپ ھەل قىلىشقا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.
سوتسىيال جەمىيەت دەپ قارالغان گېرمان جۇمھۇرىيىتى، تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچى يەتمەسلىك ئىشى، پەقەتلا بۇ سەۋەپتىن توي قىلىشنى چەكلەشكە توغرا كەلگىنىدە، پاھىشىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىزدە ئائىلىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مەنبە مەسىلىسىگە يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكل، ئىش ھەققى تەقسىمات تۈزۈملىرىدىكى ناھەقلىكلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا توي قىلىشنى چەكلەپ تۇرغان يەنە بىر سەۋەپ.
پاھىشىۋازلىققا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرالىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال يولغا قويۇلىۋاتقان توي قىلىش ياش چەكلىمىسىنى بۈگۈنكىدىن كىچىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەنە ئىجتىمائى ئىمكانىيەتلەردە كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىشتۇر.
مانا بۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋال ھەل قىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ئىش.
ئىككىنچى بىر نوقتا، مائارىپ بىلەن تەربىيىلەش ئىشلىرىدا بۈگۈنگىچە ئاساسى جەھەتتىن قىلچە ئەھمىيەت بېرىلمەي كېلىنگەن بىر قاتار خاتا بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدۇر. ئالدى بىلەن بۈگۈنگىچە يولغا قويۇلغان ئوقۇتۇشتىكى بىلىم بېرىش بىلەن بەدەن چېنىقتۈرۈش ئىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان مەكتەپلەردىكى ۋەزىيەت كونا ئۇسلۇبقا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشنى تەقەززار قىلىدىغان ھالىدا تۇرماقتا. بىزنىڭ مائارىپ سىستېمىمىزدا ساغلام ئەقل ساغلام بەدەندە يېتىلىدۇ دەيدىغان قاراشلار ئۇزۇندىن بېرى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغان. بىر قىسىم ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ ئەھۋالنى كەڭ خەلق ئاممىسىنى كۈزەتكىنىمىزدە بۇ پىرىنسىپنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توغرا بىر پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن.
ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى گېرمانىيىدە بۇنداق بىر پاكىتقا پەقەتلا ئەھمىيەت بېرىلمەي كېلىنگەن ئىدى. پۈتۈن گۇناھنى ئۇنىڭ ئۈستىگىلا ئارتىپ قوتۇلماقچى بولۇشقان ئىدى. بارلىق چۈشەنچىلەرنى بىرلا نوقتىدىن تەكىتلەپ كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق دەپ ھېساپلاشقان ئىدى. بۇنداق بىر خاتالىقنىڭ بەدىلى پەرەز قىلىنغاندىنمۇ بالدۇر تۆلەندى. كومۇنىزم دولقۇنىنىڭ ھەر تەرەپتە ئاچارچىلىقتىن ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئوزۇقلۇق يىتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن يىمىرىلىپ كەتكەن ئامما ئارىسىدا پائالىيەت ساھەسىگە ئېرىشەلىگەنلىكى ھېچقاچان بىر تەساددىپى ئەھۋال ھېساپلانمايتتى. مەسىلەن ئالايلۇق، كوممۇنىزمچىلار ئۈچۈن بۇنداق ئۇيغۇن مۇھىت گېرمانىيىنىڭ مەركىزىدە، ساكسونىيىدە ۋە رۇر ۋادىسىدا كۆرۈلمەكتە ئىدى. بۇ جايلاردا يەھۇدىلار تەرىپىدىن كېڭەيتىلىۋاتقان بۇ تۈر كېسەللىككە قارىشى ئەقىل دەپ ئاتالغان نەرسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بىر ئالامەتنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئەقىل دېگەن بۇ نەرسىنىڭمۇ ماددى مەنپەئەت دەپ ئاتالغان يالغانچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ بۇلغىشىغا دۈچ كەلگەنلىكىدىن كۆرۈش مۇمكىن. بۇلارمۇ نامىراتلىققا قارىغاندا مائارىپ سىستېمىمىزدىكى خاتا ئوقۇتۇشلار سەۋەبىدىن بارلىققا كەلمەكتە ئىدى. كۆزقاراشلارغا قارىغاندا مۇش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە ئىدىيىۋى جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە جىسمانى جەھەتتە يىتىشتۈرۈشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى يۇقۇرى يىللىق سىنىپلىرىمىزدا ئوقۇيدىغانلارنى ھۈكمىران بولۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىشتىن مەھرۇم قالدۇرغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ قورقۇنچاقلىقىنىڭ تۇنجى سەۋەبچىسى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بەدەن ئاجىزلىقىدۇر. ئەمما روھى تەربىيىگە بەكلا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ جىسمانى تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ياش ئۆسمۈرلەردە جىنىسى ئىستەكنىڭ ئورتىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
تەنتەربىيە بىلەن گىمناستىكا ھەرىكەتلىرىدە پولاتتەك چېنىقىپ چىققان بىر يىگىت، ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئىدىيىۋى ئۇزۇقلۇقتىنلا بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان بىرسىگە قارىغاندا جىنىسى مۇناسىۋەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئاز ھېس قىلىدۇ. ئۆلچەملىك تەربىيە ئارقىلىق يېتىشىپ چىققان ساغلام بىر يىگىتنىڭ بىرەر ئايالدىن ئالىدىغان زوۋقى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەخلاقى جەھەتتە بۇزۇلغان بىر كىشىنىڭ ئالىدىغان ھۇزۇرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ياشلار بوش ۋاقتىنى بەدىنىگە پايدىلىق بولىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن چېنىقتۇرۇشقا سەرىپ قىلىشى كېرەك. ياش ئۆسمۈرلەر ياش ۋاقىتلىرىنى بىكار لاغايلاپ ئۆتكۈزۈشكە، كوچا دەسسەپ، كىنوخانىلارغا يوغلاپ يۈرۈشكە قەتئى ھەققى يوق. ئۆگۈنۈشتىن چۈشكەندە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋۇجۇدىنىڭ يۇمشاپ مىلىقلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن موسكوللىرىنى چېنىقتۇرۇپ تاشتەك چىڭ تۇتىشى لازىم. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شوغۇللىنىش ئىشى ھەر بىر ئۆسمۈرنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش دەيدىغان گەپلەرگە ھەرگىز قۇلاق سالماسلىقى، تەنتەربىيە ئىشىنى ئۇلۇغ بىر ۋەزىپە دەپ تونىشى، ياش-ئۆسمۈرلەرنى پۇلاتتەك ساغلام تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى كەلگۈسىگە تەييارلىشى، ئۇلارنى بۇ جەھەتتە يىتەكلىشى لازىم. ھېچكىمنىڭ نەسىلىگە، بولۇپمۇ ئىرقىغا زىيان كەلتۈرىدىغان گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھەققى يوق!
تەنتەربىيە بىلەن بىر قاتاردا روھى جەھەتتىن زەھەرلىنىشىگىمۇ قارشى كۈرەش قىلىنىشى لازىم. بىزنىڭ تاشقى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر قىزلار باغچىسى ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك بىلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق يەرلەردە جىنىسى كۈشكۈرتىشلەر بىلەن ۋۇجۇدىنى خاراپ قىلىشلار پۈرەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ. بىزدىكى كىنوخانىلار بىلەن تىياتىرخانىلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇنداق يەرلەردە بولۇپمۇ ياشلىق دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بولغان مەسىلىلەرگە ھېچقاچان ئورۇن بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلمىسا كېرەك؟ كۆرگەزمە ۋە ئېلان سەنئەت تاختىلىرىدا ئەڭ پەسكەش ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىدىغان ئېلانلار، ئەقلى جەھەتتە تېخى يېتىلمىگەن ياشلار ئۈچۈن ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ئەركىن ۋە شەھۋەتلىك مۇھىتنى تېخى پەرق قىلالىغىدەك ھالغا كەلمىگەن ياشلىرىمىزنى بىر قىسىم ناچار يوللارغا يىتەكلەپ كىتىشى مۇمكىن. بۇنداق يەرلەر تېخى يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ياشلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. بۈگۈنكى ئوقۇتۇش تۈزۈمى ھەقىقەتەنمۇ ياشلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا، بىزدىكى ياشلار بالدۇرلا قۇرامىغا يېتىپ، يەنە يەنە بالدۇر قېرىماقتا.
سوت مەھكىمىسىنىڭ كورىدورلىرىدىن خەلقنىڭ قۇلىقىغا بىر قىسىم قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەر ھەر دائىم ئاڭلىنىپ تۇرماقتا؛ ئۇ يەرلەردە ئون تۆت-ئون بەش ياشلىق بالىلىرىمىزنىڭ روھى تۇرمۇشى ھەققىدە دەھشەتلىك ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنماقتا. ئەگەر سىبلىس كېسىلى ئۇ ياشتىكىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بولسا، ئۇنىڭغا كىممۇ ھەيران قالماسلىقى مۇمكىن؟ جىسمانى جەھەتتىن ئاجىز، ئىدىيىۋى جەھەتتە چىرىگەن بىر ياشنى شەھەردىكى بىر پاھىشە بىلەن ئۆيلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش بىر پاجىئە ھېساپلانماي نېمە؟ ياق، ياق! پاھىشىلىكنى يوقاتماقچى بولغان بىرسى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىدىن بىرى بولغان ئەخلاقى جەھەتتىكى چىرىكلىشىش مۇھىتىنى يوقىتىشى شەرت.
ئەگەر، چوڭ شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ ئەخلاقى ۋاباسى ھېساپلىنىدىغان پاسكىنىچىلىقلار ئۇۋىسىنى يوقاتماقچى بولىدىكەنمىز، دۈچ كېلىدىغان ھەرقانداق بېسىملارغا، دات-پەرياتلىرىغا، نارازىلىقلارغا قىلچە پەرۋا قالماي قەتئى تۈردە تاقىۋېتىشىمىز كېرەك. ئەگەر ياشلىرىمىزنى بۇنداق پاتقاقلىقلاردىن تارتىپ چىقارمىغىنىمىزدا ئۇلار بۇ پاسكىنىچىلىقلار ئىچىدە بوغۇلۇپ تۈگەپ كېتىدۇ. بۇنداق پاسكىنىچىلىقلارغا كۆز يۇمۇپ ئۆتكىزىۋېتىش تەرىپىدە تۇرىدىغان بىرسى كەلگۈسى نەسىلىمىزگە مۇناسىۋەتلىك كىلەچىكىمىزنى پاھىشىۋازلىق ئىچىگە چوڭقۇر پاتۇرىۋېتىشتا ھەمكارلىشىپ بېرىۋاتقان بىرسى ھېساپلىنىشى شەرت. مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى پاسكىنىچىلىقلاردىن تازىلىنىش ھەرىكىتى بارلىق ساھەلەرنى دېگىدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى كېرەك. تىياتىر، گۈزەل سەنئەتلەرنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ئەدەبىيات، سىنارىيە، گېزىت-ژورناللار، ئېلان سەنئەت، ماگىزىنلاردا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان دۇنيانىڭ بۇ پەسكەشلىكلىرىدىن تازىلىنىپ، مەدەنىيەت ۋە دۆلەتنىڭ پىرىنسىپى بولغان ئەخلاقى پىرىنسىپلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىشى لازىم.
تاشقى پائالىيىتىمىزدە چەتتىن كىرگۈزۈلگەن زامانىۋىيلىقنىڭ روھىمىزنى بۇغىدىغان، مەستخوش قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر قاتاردا ھەر تۈرلۈك دوگمىلارنى، مەرتلىككە خىلاپ ئىككى يۈزلىمىلىكلەرنى پاك-پاكىزە تازىلىۋېتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈر ئىشلاردا غايە ۋە تۇتقان يولىمىز مىللىتىمىزنىڭ جىسمانى ۋە ئەخلاقى ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭلا غېمىدا يۈرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەخسىلەرگە بېرىلىدىغان ئەركىنلىك ھوقۇقلىرى، ئىرقىنى قوغداش ۋەزىپىسى ئالدىدا ئىككىنچى پىلاندىكى ئىشلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەمما بۇ تۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدىن ئۈمىد كۈتەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ يولدا يېرىم-ياتا تەدبىرلەر بىلەنلا كۇپايە قىلىنماستىن، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش لازىم بولىدۇ. ساقىيىشىدىن ئۈمىد قالمىغان كېسەللەرنىڭ بۇنداق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانمىغان ساغلام يۇرتدېشىغا مىكروپ يۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالماسلىق بەكلا ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ ئىش، بىر ئادەمگە يامانلىق قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈز كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە رازى بولىدىغان تۈردىكى بىر مۇئامىلە ھېساپلىنىدۇ. سىبلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىرسىگە سىبلىس مىكروبى بىلەن بۇلغانغان پەرزەنت تېپىشىغا يول قويمىغانلىق ئەڭ ئاقىلانە ھەرىكەت قىلغانلىق ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق ئىشلار بەلگىلىك بىر ئاساسقا تايانغان ۋە تەلەپ بويىچە ئىشلەنگىنىدە، ئىنسانىيەتكە قارىتا ئىشلەنگەن ئەڭ پايدىلىق ياخشىلىق ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى مەرتلىك، مىليونلىغان بىتەلەينى ئازاپتىن قۇتقۇزغاندىكىدەك، بىزنى بۇ تۈر كېسەلگە شىپالىق تېپىش يولىغا باشلاپ ماڭالايدىغان بولىدۇ. بۇ يولدا قەتئى مېڭىش غەيرىتىمىز، كۆرۈنگەن كېسەللىكلەرنىڭ قەدەممۇ-قەدەم يېيىلىپ كېتىشىنى توساپ قالالايدىغان بىر توسالغۇنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۇنكى، بۇ جەرياندا ساقىيىشىدىن ئۈمىد قالمىغان كېسەللەردىن يىراقلىشىش مەقسىتىدە ئۇلارنى ئايرىپ تۇتۇش ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئېلىشقىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
بۇنداق تەدبىر، بەلكىم سىبلىس يۇقتۇرىۋالغانلار ئۈچۈن بەكلا ياۋايىلارچە تەدبىر بولۇپ كۆرۈنگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئېلىنىدىغان بۇنداق تەدبىرلەر، زامانىمىزنىڭ بۇ ئازابىنى كىلەچەك ئەسىر نەسىللىرىگىمۇ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىغان بىر تەدبىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر ھېساپتا كىچىككىنە قۇربان بېرىش بىلەن مىڭلىغان كەلگۈسى ئەۋلادىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولىمىز. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئازاپلىرى كىلەچەك ئەسىرنىمۇ ئازاپلاشتىن ساقلاپ قالىدىغان رولى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى بىر غەنىمەت دەپ قاراپ، بۇ ئىشنى قەتئى ئىككىلەنمەي ئىجرا قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاچقا، سىبلىس بىلەن بۇ كېسەلنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولغان پاھىشىۋازلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىشى، ئىنسانلار ئالىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە بىردىن-بىر چوڭ مەسىلە، تار دائىرىلىك بىر مەسىلە ھەل قىلىنىۋاتقىنى يوق. بۇ يەردە ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق بىر ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى بۇ ۋابانىڭ ئىزچىل داۋاملىشالايدىغانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنى بارلىققا كەلتۈرگەن بارلىق ناچار ئىللەتلەر بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاش كۆزدە تۇتۇلماقتا. چۇنكى، بەدەندىكى بۇ يارىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئەسلى سەۋەپ، ئىجتىمائى ئەخلاق ۋە ئىرقنى ساقلاپ قېلىش ئامىللىرىدا كېسەللىك كۆرۈلگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىلىشى كېرەك. ئەگەر، بۇ كۈرەش قانۇن ۋە بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق قاتارىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قانات يايدۇرۇلمايدىغان بولغىنىدا، بەش ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مىللىتىمىزنىڭ قايسى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماق ئۇنچە تەس بولمىسا كېرەك. تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن ئويناشماي تۇرۇپ، ھېچبىر كىشىنى تەڭرىنى خىيالى ئۇيدۇرما دېيىشىدىن ياندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا گېرمانىيىدە بۇنداق بىر كېسەللىك ۋاباسىغا قارىتا قانداق قىلغان بولغىيتى؟ سەگەك ئولتۇرۇپ بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاقىۋەت ئوتتۇرغا چىقىدۇ. گەرچە ئۇ ۋاقىتلاردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ قورقۇنۇشلۇق ۋەيرانچىلىقى بىلەن بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى ئېنىق پەرەز قىلالمىغاندەك قىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇ كېسەللىكنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋىپىنى ئېنىق كۆرەلىگەن ئىكەن. ئەمما ئۇلار بۇنداق بىر ۋاباغا قارشى تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. چۇنكى ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق بىر كېسەللىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈپ يىلتىزىدىن تەدبىر ئېلىش ئورنىغا بەكلا ئاددى ئالدىنى ئېلىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم قېلىپلىشىپ قالغان بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇنداق بىر كېسەللىكتىن ساقلىنىشقا ئامال قىلالمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەر بىر پاھىشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشقان، كېسەللىك سېزىلگەن ھامان بالىنىسقا ياتقۇزۇشقان، كېسەلنى ئادەتتىكىچە بىر قۇر داۋالاپ قويۇپلا بالنىستىن چىقىرىۋىتىشكەن. شۇنداق قىلىپ، پاھىشىلەر قايتىدىن ساغلام كىشىلەرئارىسىغا قويۇپ بېرىلەتتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يەنە مەخسۇس بىر مۇداپىيە كۆرۈش ئەترىتىمۇ تەشكىل قىلىنغانتى. ئۇلار، تولۇق ساقايمىغان بىرسىنىڭ ھەر قانداق بىر جىنىسى مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى. بەلگىلىمىگە بوي سۇنمىغانلارنى جازالىشاتتى. بۇ ئۇسۇل ئەڭ ئۇيغۇن تەدبىرلەردىن بىرى بولىشىغا قارىماي، ئىجرا قىلىشتا تۈزۈك نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى.
ئەگەر بۇنداق بالا-قازا بېشىغا كەلگەن كىشى ئايال كىشى بولۇپ قالغىنىدا، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىر قىسىم قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئۆز سالامەتلىكىنى بۇزغان ئەر كىشىگە قارشى شاھىت بولۇش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىگە بېرىشقا ئۇنىمايدىكەن. ئەسلىدە بۇنداق بىر شاھىتلىقتىن ئۇ ئايالغا ھېچقانداق بىر پايدىمۇ تەگمەيتتى. ھەتتا ئەكسىچە بۇنداق شاھىتلىققا چىقىپ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا شۇ ئايال كىشى بولۇپ قالاتتى. چۇنكى، بۇ سوتتىن كېيىن تونۇش-بىلىشلىرىدىن ئايرىلىپ، ھەممىنىڭ كۆزىگە يامان كۆرۈنىدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى. بۇ جەھەتتە، ئايال كىشى، ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۈچ كېلىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ بەتەر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن سىبلىس يۇقتۇرۇپ يۈرىدىغان ئادەم ئېرى بولغىنىدا، ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا بىچارە ئايال، ئېرىنى سوتقا ئەرز قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر ئايال كىشى ئېرىنى سوتقا ئەرز قىلمىسا ئۇنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.
ئەر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ بۇ كېسەللىكنى ئۆزى بىر يەرلەردىن يۇقتۇرۇپ كەلگەن بولاتتى. ئادەتتە بۇ بالانى ھاراق ئىچىۋېلىپ مەستچىلىكتە يۇقتۇرۇپ ئالغان بولاتتى. بۇ ئەر، سىبلىسنى قايسى ئايالدىن يۇقتۇرۇپ ئالغانلىقىنىمۇ پەرق قىلالمىغىدەك ئېغىر مەس بولغاچقا، كېيىن بۇ كېسەلنى كىمدىن يۇقتۇرىۋالغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكىنى كېسەل تارقىتىپ يۈرىدىغان ئاياللار ياخشى بىلگەچكە، مەست بولغان ئەرلەر ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن ئوۋلىنىش ئولجىسى ھېساپلىناتتى. نەتىجىدە، مەستچىلىكتە خۇدىنى بىلمەيغان ئەر كىشى ھەرقانچە ئەسلەپمۇ بۇ كېسەلنى قايسى ئايالدىن يۇقتۇرىۋالغانلىقىنى زادىلا ئېسىگە ئالالمايدۇ. مىيونخېن، بېرلىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا چوڭ شەھەرلەردە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىگە تۇلا بەك ھەيران قالماسلىق كېرەك. بۇنداق كېسەلنى يۇقتۇرىۋالىدىغان ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ تۈردىكى چوڭ شەھەرلەرگە سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار بۇنداق چوڭ شەھەرلەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئالدىدا قىلچە تەجرىبىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتىن ئېقىپ كەلگەن بىرسى بۇنداق بىر كېسەللىكنى يۇقتۇرىۋالىدىغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟ كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ساقتەك كۆرۈنگەن بىر ئەر كىشى كېسەللىك بىلىنىپ بېشىغا ئېغىر دەرت كەلمىگىچە، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي يۈرىۋېرىدۇ. بۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق قىلىپ، بۇ تۈر يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى ئېلىنغان بۇنداق قانۇنى تەدبىرلەرنىڭ ئاساسەن ئۈنۈمى يوق دېيەرلىك بولۇپ، پاھىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشلىرىمۇ ئوخشاشلا نەتىجىسىز قېلىۋېرەتتى. ئۇ چاغلاردا ئەسلىدىنلا بۇ تۈردىكى تەدبىرلەرگە تايىنىپ كېسەلنى ساقايتىشقا بولىدىغانلىقىغىمۇ ھېچ كىمنىڭ ئىشەنچى يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، سىبلىس كېسەللىكى ئېلىنغان بۇ تۈردىكى تەدبىرلەرگە قارىماي بەرىبىر تېزلىكتە يېيىلىپ تارقالماقتا ئىدى. بۇ ئاقىۋەتلەردىن شۇنى ئوچۇق كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ تەسىرى ھېچقانچە رول ئوينىيالماي كەلمەكتە. چۇنكى ئالدىنى ئالىمىز دەپ يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يىتەرسىز، ھەتتا بەكلا كۈلكىلىك تەدبىرلەر ئىدى. ئەسلىدە خەلقنىڭ پاھىشىلىككە بولغان ئەخلاقى قاراشلىرى ئۈستىدە ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قىلىنماي كېلىنمەكتە. بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ ھەر قاندىقى قىلچە رولى يوق چارىلار دەپ قارايدىغان بىرسى، بۇنداق بىر ئاپەتنىڭ يېيىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرى ئوتتۇرغا چىقارغان ئەمەلى پاكىتلارنى ئاق نىيەتلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ باقمىغان، كېيىنكى بىر ئەسىر جەريانىدا بۇ كېسەللىكنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپمۇ چۈچۈپ مۇزدەك تەر باسمايدىغان بىرسىنى بىر ئىشەكچىلىكمۇ ئەقلى يوق بىرسى ئىكەن دېيىشكىلا توغرا كېلىدۇ.
ئۆتمۈشتىكى گېرمانىيىدە، بۇنچە يىرگىنىشلىك بىر ۋەقەگە قارىتا شۇنچە ئاجىز، شۇنچە تەدبىرسىز قېلىشىنىڭ ئۆزىلا مىللەتنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر قاتارىدىكى بىر ئىشارەت ئىدى. ھەرقانداق بىر ئىشنى كۈرەش قىلماي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بۇ دۇنيادا، بىزگە سوۋغا سۈپىتىدە بېرىلگەن ئەستايىدىللىقىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق بىر كۈرەش جەريانىدا، ئەگەر زورلۇق كۈچىدىن پايدىلانمىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك بىر كۈرەشتە يېڭىلىپ يۈرگەن بولساق، دېمەك ئۆزىمىزنىڭ ياشاش ھوقۇقىمىزنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغان ھېساپلىنىمىز. چۇنكى، بۇ دۇنيا يېرىم-ياتا تەدبىرلەر بىلەن ماقۇل دەيدىغان ئاجىزلارغا مەنسۈپ بولماستىن، ھەممە ئىشتا ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەسكىن تەدبىر ئېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنالايدىغان كۈچلۈكلەرنىڭ مۈلكى بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ بەكلا تۈۋەنلەپ كېتىشى، كونا ئىمپىرىيىنىڭ چىرىكلىشىشكە يۈز تۇتقان ئەڭ روشەن تەرەپلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ يەردە مەدەنىيەت دېگىنىمدە، بۈگۈنكى كۈندىكى مەدەنىيەتلىك دەيدىغان سۆز بىلەن ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇقۇمنى كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىمنى تەكىتلەيمەن.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا سەنئىتىمىز ھەرگىز خەقنىڭ نەرسىسى دەپ بىر چەتكە تاشلاشقا بولمايدۇ دەپ قارىلىۋاتقان، شۇ ۋاقىتقىچە بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن، ئەمما بىزگە يات گۇمانلىق ئۇنسۇرلار بىلەن بۇلغۇنۇشقا باشلىغان ئىكەن. توغرا، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردە ھەقىقەتەنمۇ زوق ۋە ئىستىتىكىلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار سادىر قىلىنغان ئىكەندۇق. شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئەدىپ ۋە سەنئەتكارلىرىمىز ئوتتۇرغا چىقىپ تۇرۇپتىكەن. شۇڭا ئۇندىن كېيىنكى ئەۋلاتلارمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ تارىخىي قىممەتلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئەسەرلەر قىلچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بولمىغان پۈتۈنلەي تەپەككۈر يىتەرسىزلىكىنى ئاساس قىلىدىغان، چۈشەنچە سەۋىيىسىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىققان دەۋر ئۆزگىرىشنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەسەرلەردىن يەنىلا پەرقلىق بولىشى ئىدى. مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىنى مەدھىلەيدىغان ھەرىكەتلەر كېيىنكى دەۋرلەردە سىياسىي بوھرانلارنىڭ كۆرۈلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ. راس دېمىسىمۇ، كومۇنىزم دېگەن بۇ نەرسە كومۇنىستلىققا خاس مەدەنىيەت شەكلىنىڭ نامايەندىسى، ئىدىيە ساھەسىدىكى بىردىن-بىر شەكل ھېساپلىناتتى.
بۇنداق بىر دىئاگنوزنى غەلىتىلىك دەپ قارايدىغانلار كومۇنىستلىشىش بەختىيارلىقىغا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائى ساھەلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسىلا كۇپايە. بۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغانلار، ئۇ ئەللەردە دۆلەت تەرىپىدىن ماقۇل كۆرۈلگەن، ساراڭلار بىلەن سىموۋۇلچىلارنىڭ ئاخماقانە ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان نەرسىلەرنى سەنئەت دەپ ئاتايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايدۇ. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ چۈچۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىز ئۇلارنى، كوبىزم بىلەن دادائىزم دەيدىغان غەلىتە ئۇقۇملىرى ۋاستىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تونۇشقا باشلىغان ئىدۇق. بۇ تۈر ئېقىملار باۋارىيىدە قىسقا مۇددەتلىك پەيدا بولغان سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى دەۋرىدىمۇ ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردىلا بارلىق رەسىملەردە، تام گېزىتى ئېلانلىرىدا يالغۇز سىياسى جەھەتتىكى يىمىرىلىشنىڭلا بەلگىسىنى ئەمەس، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشنىڭ ئىزلىرىنىمۇ كۆرىۋېلىشقا بولاتتى. 1911-يىلىدىن بۇيان كىلەچەكچىلەر ۋە كۇبىزمچىلارنىڭ ئاخماقانە گەپلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بىر تۈرلۈك مەدەنىي بۇزۇلۇش ئەگەر بۇندىن ئاتمىش يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ بەلكىم بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان سىياسى بۇزۇلۇشىمىزنىڭ ۋەھىمىلىرى ئۇنچە بەك قورقۇنۇشلۇق بولۇپ كەتمەس بولغىيدى. چۇنكى، ئاتمىش يىل بۇرۇن دادائىزمچىلىق نامى بىلەن بىرەر رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچىمەن دېيىش قەتئى مۇمكىن ئەمەس بولۇپلا قالماي، ھەتتا بۇنداق بىر كۆرگەزمە ئاچماقچى بولغان بىرسىنى دەرھال روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ سولاپ قويىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ يىللاردا بۇنىڭدەك بىر ۋابا كېسىلىگە ھەرگىزمۇ ياشاش پۇرسىتى بەرمەيتتى. ئۇ چاغدىكى جامائەتچىلىك ئۇنداق نەرسىلەرنى قەتئى قوبۇل قىلمىغان، دۆلەتمۇ بۇنى توسىماي قاراپ تۇرالمىغان بولاتتى. چۇنكى، ئۇ دەۋرلەردە خەلق ئاممىسىنى ئىدىيە جەھەتتە ئەسەبىلىشىش يولىغا قاراپ يىتەكلىنىشىنى توسۇش ئىشى بىر ھۆكۈمەت ۋەزىپىسى ھېساپلىناتتى. شۇڭا بۇنداق بىر سەنئەت شەكلى چوقۇم بىر كۈنى يوقۇلىشى شەرت ئىدى. چۇنكى، بۇنداق بىر سەنئەت ئۇسلۇبى ئەمەلىيەتتە ئومۇمىي چۈشەنچىلەر ھالىغا كېلىشى بىلەن تەڭ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەكلا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر يەر تەۋرەشتەك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر ھالەتنىڭ قايسى تۈردىكى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى پەرەز قىلىشنىڭ ئۆزىلا كىشىنى ئۈركىتىپ ساراسىمىگە سېلىشقا يىتىپ ئاشاتتى.
كېيىنكى يىگىرمە يىل جەريانىدىكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، قالاق ھەرىكەتلەر ئىچىگە نەقەدەر قورقۇنۇشلۇق چوڭقۇرلاپ پېتىپ كىتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز، مەدىنىيىتىمىزنى ئاخىرى بىر كۈنى يوق قىلىۋېتىدىغان بىر قاتار كېسەللىك مەرەزلىرىنى يىتىشتۈرىدىغان ئۇرۇقلارنىڭ ھەر تەرەپكە يامىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردىمۇ ئاستا-ئاستا داۋام قىلىۋاتقان پارچىلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بىر دۇنيا يىمىرىلىشىنى سېزەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ كېسەللىكتىن ساقلىنىشنى بىلمەيدىغان مىللەتلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
بۇ تۈر كېسەللىك ۋەقەلىرىنى گېرمانىيىنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۇچۇرتۇش مۇمكىن. ھەممە نەرسە ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن، يار لىۋىگە قاراپ تېز سۈرئەتتە ئىتتىرىلىۋاتقان ھالەت كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، تىياتىرلارنىڭ سەۋىيىسى كۈندىن-كۈنگە تۈۋەنلەپ كېتىۋاتماقتا. ناۋادا ئوردا تىياتىر سەنئىتىنىڭ پاھىشىلىشىشىگە قارشى تىركىشىش ھەرىكەتلىرى باشلىتىلمىغان بولسا ئىدى، مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن بىرى بولغان تىياتىر سەنئىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئى يوقاتقان بولاتتى. سەھنە سەنئەتلىرىمۇ بىر نەچچىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا شۇنداق بىر يەرگە كەلتۈرۈلگەنكى، بۇنداق سەنئەتنى كۆرگىلى بېرىشتىن ۋاز كېچىش ھەرىكىتى، مىللىتىمىزگە بەكلا چوڭ پايدىلىق ھەرىكەت ھېساپلانغان بولاتتى. ياشلارنى ئۇنداق بىر سەنئەت مەركەزلىرىگە ئىۋەرتمەسلىك ئىچكى بۇزۇلۇشىمىزدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ جەھەتتە بىرەر مۇزىينىڭ دەرۋازىسىغا “ياشلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق” دېگەن ئېلانلار قىلچە تەمتىرىمەي، قىلچە نومۇس قىلىنماي ئېسىلماقتا. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ياشلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا خىزمەت قىلىشى كېرەك بولغان بۇ تۈردىكى يەرلەردە بۇ تۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە مۇراجەت قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەكسى تەسىرىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۆتمۈش زامانلاردىكى درامما يازغۇچىلىرى بۈگۈنمۇ ياشىغان بولسا ئىدى، بۇنداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەن بولاتتى. كىم بىلىدۇ دەيسىز، ئۇلارنىڭ بۇنى كۆرۈپ نىمىلەر دەيدىغانلىقىنى. بەلكىم شىللېر بۇلارنى كۆرۈپ رەنجىگەنلىكىدىن سەكرەپ كەتكەن، گيوتى بۇنى كۆرۈپ غەزەپتىن بېشىنى تولغاپ كېتىپ قالغان بولاتتى ھەقىچان؟ ئەمما بۈگۈن، يېڭىچە نېمىس شىېرلىرى ئالدىدا شىللېر، گيوتى ۋە شېكىسپيېرلار نېمىگە ئەرزىيتتى، ئۇلار دېگەن كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن، ۋاقتى ئۆتكەن بىر دەۋرگە مەنسۈپ تۇيغۇلار دېيىلىشى تۇرغانلا گەپ! مانا بۇ، دەۋرىمىزدە كۆزگە چېلىقىدىغان ئەڭ تىپىك رەزىللىك! بۇ دەۋردە يالغۇز پاسكىنا نەرسىلەرلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالماي، يەنە ئۆتمۈشنىڭ گىگانتلىرىغىمۇ لەنەتلەر ياغدۇرۇلماقتا. بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى ھەر دائىم ئۇچرىتىپ تۇرالىشىمىز مۇمكىن. بىر دەۋرنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى قانچىكى ئاددى ۋە قانچىكى ۋەيرانە بولىدىكەن، ئۆتمۈشتىكى ئۇلۇغلۇق بىلەن داڭقىنىڭ ئىزلىرىمۇ شۇنچە ئۆچمەنلىك بىلەن ئەسكە ئېلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ دەۋردە قوبۇل قىلىنغان نەرسە، ھەر تۈرلۈك سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئۆزىنىڭ ئەرزان ماللىرىنى شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇش مەقسىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەر ئۈچۈرۈپ تاشلانماقتا. شۇنداق بولغاچقا، ئوتتۇرغا چىققان ھەر بىر يېڭى ئورۇن قانچىكى ناچار، قانچىكى كۆڭۈل رەنجىتىدىغان بولسا، ئۆتمۈش زامانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇرۇنىدىغان ئورۇنغا ئايلانماقتا. ئەسلىدە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى مەنىدە يېڭىلىققا كۆچۈشى، كونا ئەجداتلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسەرلىرىگە ئۆزىنى مەپتۇن قىلىش، ھەتتا ئۇلارنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئالدىغا قويۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقلا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۆتمۈشكە قارىتا سۇلغۇن بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقماستىن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شۇنداق بېرىلىش كېرەك ئىدىكى، كونا ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا تېگىشلىك ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشكە ھەر دائىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم ئىدى. شۇنداق بولغاندىلا، يېڭى سەنئەت ئەسەرلىرىنى دەۋرنىڭ مەدھىيەسىگە مۇيەسسەر قىلالىشىمىز مۇمكىن.
بۇ دۇنيادا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىممەتكە لايىق بىرەر نەرسە چىقىرالمىغان، بۇنداق بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىگەن بىرسى، بارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداق بىرسى بولۇپمۇ ھەقىقى سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدىغان بىرسى بولىدۇ. ھەتتا بۇنداق ئەسەرلەرنى ۋەيران قىلىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتىكى مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەردىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، يەنە سىياسىي ھادىسىلەردىمۇ بۇنىڭدەك ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. بىرەر ئىنقىلاپ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە قانچىكى ئەھمىيەتسىز بىر ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان بولىدىكەن، بۇ ھەرىكەت مەۋجۇت تۈزۈمدىنمۇ شۇنچە كۈچلۈك نەپىرەتلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتى يوق ئەسىرىنى ھەممە قوبۇل قىلىدىغان قىممىتى بار نەرسە قىلىپ كۆرسىتىش ئارزۇسىدا ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەن ياخشى ئەسىرلەر بىلەن ھەقىقەتەنمۇ يوقۇرى قىممەتكە ئىگە بولغان ھەرقانداق نەرسىگە قارىتا قارغۇلارچە ئۆچمەنلىك قىلىپ ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مەسىلەن ئالايلى، ئۇلۇغ فرېدېرىخنىڭ تارىخى خاتىرىسىنى يوق قىلىپ تاشلىمىغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەسىرىنى كەلگۈسى ئۈچۈن تىكلەنگەن بىر مۇنارىدەك ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ تىك تۇرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىشىدۇ. بۇ خۇددى سانس-سوۋچى قەھرىمانىنى بۇرۇنقى برېمېن سېمېركسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، ئاي بىلەن كۈننى سېلىشتۇرغاندەك بىر ئەھۋال ئوتتۇرغا چىققىنىدەكلا بىر ئىش. يەنى بۇ ئەھۋال خۇددى كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاينىڭ جىلۋىسى ئوتتۇرغا چىقالىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگىنىدەك بىر ئەھۋال. شۇ سەۋەپتىن، يېڭى تۇغۇلغان ئاي يۇلتۇزلاردىن ھەسەت قىلىدۇ دېگەن تەمسىل ئوتتۇرغا چىققان.
ئەگەر تەلەي قۇشى بىر مەزگىل ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قىلچە لاياقىتى بولمىغان بىرسىنىڭ ئۈستىگە قونغىدەك بولسا، بۇنداق بىرسى ئۆتمۈش دەۋرنى قاپقارا قارىلاپ كۆرسىتىش، ھاقارەتلەش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. ئۇنداق بىرسى ئۆزىنى ھەر تۈرلۈك تەنقىتلەشلەردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك سۇنئى ئۇيدۇرمىچىلىق ۋاستىلاردىنمۇ پايدىلىنىشتىن يانمايدۇ. بۇ جەھەتتە بىزگە ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن يېڭى گېرمانىيە پارلامېنتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنىپ چىقىرىلغان قانۇنلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىمىزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.
ئەگەر بىرەر يېڭى چۈشەنچە، بىرەر يېڭى كۆزقاراش، بىرەر يېڭى دۇنيا قاراش، بىرەر يېڭى سىياسى ياكى ئىقتىسادى ھەرىكەت ئۆتمۈشنىڭ ھەممە نىمىسىنى رەت قىلىشقا، ئۇنى ناچار، قىممىتى يوق قىلىپ تەسۋىرلەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلا بولىدىكەن، بۇنداق بىر مۇئامىلە ئۇ كىشىنىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچان، گۇمانخور بولۇپ قېلىشىغا يىتەرلىك سەۋەپ بولىدۇ. بۇنداق بىر ئۆچمەنلىكنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى كۆپۈنچە ھاللاردا بىر بولسا بۇنداق بىرسى ئىناۋىتى يوق بىرسى بولىشى كېرەك ياكى بولمىسا يامان نىيەتلىك بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەقىقى تۈردە پايدىلىق بىرسى بولۇپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ھەممە جەھەتتە ئەڭ تولۇق، ئەڭ مۇكەممەل ئۇل سېلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىشى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇنداق بىرسى بۈگۈنكى كۈندە تەييار ئەسلىھەلەردىن، بار بولغان ئەمەلى تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىشتا قىلچە نومۇس، تارتىنىش ھېس قىلمايدۇ. چۇنكى، مەدەنىيەت، ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك يىتىلىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ يېتىلىش جەريانىدا ھەر بىر ئەۋلات بىنانى ئىنشا قىلىش ئىشىدا ئۆزىنىڭ خىش-كېسىكىنى ئۆزى قۇيۇپ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ كەلگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ روھى بىلەن ئۇنىڭ غايىسى بۇ بىنانى ئۆرۈپ تاشلاش بولماستىن، بەلكى ناچار بولغانلىرىنى، ناچار سېلىنغان بىنالارنى چېقىپ تاشلىۋېتىش، بار بىنانىڭ يېنىدىكى ناچىرىنى ئۆرۈپ تاشلاش، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن مەزمۇت تۇرىدىغان، ئۇزۇنغىچە ئالاھىدىلىكىنى يوقاتمايدىغان بىر بىنا سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا، ئىنسانىيەتنىڭ يېتىلىشىدىن سۆز قىلالىشى، بۇ ھەقتە سۆزلەش ھەققىگىمۇ ئىگە بولالىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ دۇنيا ھېچقاچان قالايماقانچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. يەنى بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئەر بىر ئەۋلات ئۆزىنىڭ ئەجداتىنى ئىنكار قىلىش ھەققىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشقا كىرىشىدىغان، ھەر بىر ئەۋلات، بىرەر ئىشقا كىرىشىشتىن ئاۋال ئۆتمۈش دەۋرلەردە ئىشلەنگەن ئىشلارنى رەت قىلىش (بەزى تەرجىمىلەردە ئەتىۋارلاش ھەققىگە ئېرىشىش دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) ھەققىگە ئىگىمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ.
ئۇرۇشتىن بۇرۇن مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىكى كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدىغان تەرىپى، يالغۇز ئېستېتىك ۋە ئومۇمى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئۆز ساھەسىدە يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا كۈچى يەتمەسلىكتىلا كۆرۈنگەن ئەمەس. كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدىغان تەرىپى ئۆزىدىن ھەر زامان ئۇلۇغ بولغان بۇرۇنقى دەۋرنىڭ مەدەنىيەتلىرىگە داغ چۈشۈرۈش، ئۇنى ئوتتۇرلۇقتىن يوق قىلىۋېتىش جەھەتتە ئىپادىلەيدىغان ئۆچمەنلىك ۋە نەپىرەتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدا كۆرۈلمەكتە. سەنئەتنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا، بولۇپمۇ تىياتىر ۋە ئەدەبىياتتا 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپلا تېخىمۇ سۈپەتسىز، تېخىمۇ ئاز ئەسەر ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. مودا ئېقىملىرى ئەڭ سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى كۆزگە ئىلماي خارلىشاتتى. كونا ئەسەرلەر، سەۋىيىسىز، ۋاقتى ئۆتكەن كونا نەرسىلەر دەپ كۆرسىتىلمەكتە ئىدى. گويا بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزىنىڭ نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قابىلىيەتسىزلىكلىرىگە تايىنىپ يوقۇرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى يارىتالىغىنىدەك قىياپەتنى ئىپادىلەشمەكتە ئىدى. مانا بۇلار، ئۆتمۈشنىڭ ئۇتۇقلىرىنى زامانىمىزنىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇشقا ئۇرۇنغانلار ئىكەنلىكىنى، بىزگە كەلگۈسىدىكى خاۋارىلىرىنىڭ قانداق بىر نەرسىلەر بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ تۈردىكى ئۇرۇنۇشلارغا دىققەت قىلغىنىمىزدا، يېڭى ئەمما ساختا مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۇرۇنۇشلىرى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى مەخسۇس ۋەيران قىلىشنىلا مەقسەت قىلىش بولۇپ ئىپادىلەنمەكتە. شۇ ئارقىلىق بۈگۈنگە كەلگىچە بولغان پۈتۈن گۈزەل سەنئەتلەر، ئىدىيىلەر ۋە تۇيغۇلارنى ساراڭلىقىنىڭ پاتقىقىغا ئىمكان بار چوڭقۇر كۆمىۋېتىش، مەنىۋى جەھەتتە سىياسى كومۇنىزمغا يول ئېچىشنى مەقسەت قىلىشتى. پېرىكلېس دەۋرى پاردېنوندىن ماتېرىيال ئېلىپ كەلگەن بولسا، بۈگۈنكى كومۇنىست كۈكۈنلىرىمۇ بىر قانچە پەيلاسوپ ساراڭلىقى بولغان كوبىزمچىلىقتىن كۈچ ئېلىپ جان ساقلىماقتا.
بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، خەلقىمىزنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلىۋاتقان كۆرىنەرلىك دەرىجىدىكى قورقۇنچاقلىقىنىمۇ كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك. بۇ تۈردىكى قورقانچاق كىشىلەر بىلىم سەۋىيىسى ۋە جامائەت ئىچىدىكى ئابرويىغا ئاساسلىنىپ مەدەنىيەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئاتلانغان بۇ تۈر تاجاۋۇزچىلارغا قارشى بىر سەپ تەشكىل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى (بەزى تەرجىمىلەردە قىلىغان بولسىمۇ دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). ئەمما ئۇلار كومىنىست خاۋارىشلىرىنىڭ ۋارقىراپ-جاقىراشلىرىدىن قورقۇپ ھەر تۈردىكى كەسكىن قارشى تىركىشىشلەردىن باش تارتىپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ساقلىنىش ئىمكانى يوق دەپ قارالغان ئېقىمنىڭ قۇچىقىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشقانىدى. چۇنكى بۇ تۈردىكى كومۇنىست سەنئەتچى خاۋارىشلىرى ئۆزلىرىنى جەمىيەتتىكى ئاۋانگارت كۈچ دەپ تونىمايدىغانلارغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشقانلىرىدەك، ئۇ تۈر زىيالىلارغىمۇ قالاقلار دەيدىغان قالپاقنى كەيگۈزىشەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ تۈردىكى چالا ساۋات سەنئەت ئالدامچىلىرىنىڭ تەنقىتلىشىدىن قورقىدۇ. ئۇلار كۆرۈنۈشتە بۇنداق ئىدىيە جەھەتتە ئازغان، خەلقنى قايمۇقۇتۇرۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى پاش قىلىشنى بىر تۈرلۈك ئاجىزلىق، نومۇس ئىش دەپ قارىشىدۇ.
بۇ تۈردىكى مەدەنىيەت مەدىكارلىرى قىلغان ساراڭلىقلىرىنى كۈچلۈك بىر ئەسەر قىلىپ كۆرسىتىشتە بەكلا ئاددى بىر قۇرالدىن پايدىلانغان ئىدى. ئۇلار، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەر بىر پارچە ئەسەرنى بۇنىڭدىن چۆچىگەن ئىنسانلارغا ئۇلار باشتىن كەچۈرىۋاتقان ۋەقە قىلىپ كۆرسىتىشەتتى. شۇ ئارقىلىق بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى باشتىن تارتىپلا تۇۋاقلىماقچى بولاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىپ يۈرگەنلىرى راستىنلا رىياللىق، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بىر رىياللىقنى ئىپادىلەشكە تىرىشقان، بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە چۈشەنگىلى بولمىغان بىر نوقتا، ساغلام ئىنسانىيەتكە قالايمان قاراشلار بىلەن بۇلغانغان ئازغان كىشىلەرنىڭ ياكى قاتىللارنىڭ ھېسسى ئاخماقلىقلىرىنى تەسۋىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇشتا چوقۇم باشقا غەرىزى بولىشى كېرەك دەپ گۇمان قىلىشىمىز كېرەك.
ماۋريېس فون شۋىندنىڭ ياكى بولمىسا بۆلىننىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ بىۋاستە باشتىن ئۆتكەن بىر تەجرىبە دەپ قاراش مۇمكىن. ئەمما بۇ تۈر ئەمەلىيەتلەر بەزى بىر پەسكەشلەر باشتىن كەچۈرگەن ئەمەلى تەجرىبىلەر بولماستىن، بەلكى تەڭرىنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشكەن ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرىنىڭ ئىنكاسى ھېساپلىناتتى. ئەممە بۇ مەسىلىدە بىلىملىك دەپ قارالغان ساھەدىكىلەردىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان قورقۇنچاقلىقىنى كۆرۈشكە ۋە ئاڭلاشقا باشلىدۇق. بۇ ساھەدىكىلەر خەلقىمىزنىڭ ساغلام ئىچكى تۇيغۇلىرىنىڭ زەھەرلىنىشىگە قارىتا ھېچقانداق كەسكىن قارشىلىق كۆرسەتمەستىن ھۇدۇقۇم تۇرۇپ قېلىشىپ، بۇ تۈر پەسكەش ساراڭلىقلار ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن تەنقىت قىلىش ۋەزىپىسىنى خەلقتىن كۈتمەكتە. بۇلار سەنئەتتىن خەۋىرى يوق كىشىلەردەك كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن (بەزى تەرجىمىلەردە كۆرۈنۈش ئۈچۈن دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت)، سەنئەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تۈردىكى يۈزسىزلىك ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنى سېتىۋېلىشاتتى. نەتىجىدە، سەنئەت ئەسەرلىرىدىن قايسىنىڭ ياخشى قايسىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنىمۇ پەرق قىلغىلى بولمىغىدەك ھالەت شەكىللەندى.
19-ئەسىردە، گېرمانىيىدىكى نېمىس شەھەرلىرى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ جايلىشىدىغان ماكانى ھالىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. چوڭ شەھەرلىرىمىزدىكى زامانىۋىي بايىۋەتچىلەر تۇرىدىغان يەرلەرگە قارىتا ھەيرانلىقلارنىڭ بەكلا كامىيىپ كېتىشى، ئۇنداق جايلار ئەندىلىكتە ھەممە كىشىنىڭ تەلىيى كەلسىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر ئورۇن دەپلا قارايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالغا يەنە مەلۇم جەھەتتە ئۇياقتىن بۇياققا تۇلا كۆچۈپ يۈرىدىغان پرولىتارىيات ئېقىمىمۇ سەۋەپچى بولغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئىجتىمائى شارائىتلارمۇ كىشىلەرگە جايىغا مەھكەم باغلىنىپ ياشاش ئىمكانىنى بەرمەيدىغان سەۋەپلەردىن بىرىگە ئايلانماقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەپلىرى سۈپىتىدە، ئومۇمى يۈزلۈك مەدەنىي ساھەلەرنىڭ كامىيىپ كېتىۋاتقان يىتەرسىزلىكلەرنىڭمۇ مۇھىم رولى بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك.
ئازاتلىق ئۇرۇش دەۋرلىرىدە نېمىس شەھەرلىرى سان جەھەتتە بەكلا ئاز بولۇپ قالماي، شەھەر كۆلىمىمۇ بەكلا كېچىك ئىكەندۇق. ھەقىقەتەنمۇ ھۆكۈمەت مەركىزى جايلاشقان شەھەردىن باشقا چوڭ شەھەرلەرمۇ يوق ئىدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت مەركىزى بولالىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت جەھەتتىن ئالغاندا بىر نەچچە رىقابەتچىسىمۇ بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى مەركىزى شەھەر بولالىشى مۇمكىن بولىدىغان شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا نوپۇسى ئەللىك مىڭدىن ئارتۇق بولغان بىر قانچە شەھەر ئىلىم ۋە گۈزەل سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدە كۆركەملىك ھېساپلىناتتى. مىيۇنخىن شەھىرىنىڭ نوپۇسى ئاتمىش مىڭغا يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا نېمىس سەنئەت مەركەزلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەرلەردىن بىرى ھېساپلىناتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا سانائەت مەركەزلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك بۇ نوپۇسقا ئىگە، ھەتتا نوپۇسى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھالغا كەلدى. ئەمما بۇ ئادىمى كۆپ شەھەرلەرنىڭ ھېچ بىرسى مەدەنىيەت مەركەزى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلالىغىدەك بىرەر قىممەتلىك ئەسەرگە ئىگە ئەمەس. بۇنداق چوڭ شەھەرلەر بەك بولۇپ كەتسە بىر مۇنچە ئاھالە توپلىنىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەلىلەر يىغىندىسىدىن باشقا بىرەر ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغان، كىچىككىنە بولسىمۇ بىرەر سەنئەت ئەسىرىگە ئورۇن قالدۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بۇ تۈردىكى شەھەرلەرگە ھېچكىم قىزىقمايدۇ، ئۇنداق يەرلەرگە ھېچكىم مەڭگۈ باغلىنىپ يۇرت قىلىشنى ئويلىمايدۇ. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى نوپۇس سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەقىقى سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ بارغانسىرى نامراتلىشىپ بارماقتا ئىدى. بۇنداق ئاھالىسى زىچ شەھەرلەر كۈندىن-كۈنگە ياتلىشىپ تېخىمۇ سۈپەتسىز ھالغا كەلمەكتە. بۇنداق شەھەرلەرنىڭ سانائەتلىشىشى كىچىك شەھەردىن ئۈستۈن بولغىنى بىلەن، بۇ شەھەرلەرنىڭ مەنزىرىسى ھەممىلا يەردە ئوخشاش ئىدى. زامانىۋىي دەۋرنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە مەدەنىيەتكە ئاجرىتىدىغان ئۈلۈش يوق دىيەرلىك.
بارلىق شەھەرلىرىمىز ئۆتمۈشتە ئېرىشكەن داڭقىغا، ئابرويىغا ۋە مىراسىغا تايىنىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندىكى مىيونخىننى ئالىدىغان بولساق، ئەگەر لويىس-1 دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرنىمۇ قويماي ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىنىمىزدا، شۇ دەۋردىن باشلاپ بۈگۈنگىچە مىيونخېندا تارىخى گۈزەل ئەسەر دەپ تىلغا ئالغىدەك تۈزۈكىرەك بىرەر بىنامۇ قالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال بېرلىنغا ئوخشايدىغان باشقا شەھەرلەردىمۇ ئورتاق بىر ئەھۋال. يەنى بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئورتاق نوقتا شۇكى، بۈگۈنكى چوڭ شەھەرلىرىمىزدە، شەھەرنىڭ ئومۇمى كۆرۈنىشى ئىچىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان، لويىس دەۋرىدىن كېيىنكى مەلۇم بىر دەۋرنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بىرمۇ ئابىدىنىڭ يوقلىقىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئورتا ئەسىر دەۋرلىرىدىكى شەھەرلەردە بولسا، ئۆزىگە خاس بەزى ئابىدىلەر بولاتتى. كونا دەۋردىن قالغان شەھەرلەردىكى بىنالار ئارىسىدا شۇ شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان، شۇ دەۋرنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئابىدىسى ھەر دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇنداق ئالاھىدە ئەسەرلەر ۋاقىتلىق، قايسى بىرىلىرىگە ئەجدادىدىن مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان شەخسى مۆلۈكلەر ئارىسىدىكى بىرەر ئەسەر ئەمەس بەلكى مەڭگۈ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان جامائەت مۆلكلىرى ھېساپلىناتتى. چۇنكى بۇ ئەسەرلەر شۇ دەۋر ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماستىن، ئومۇمغا بېغىشلانغان، ئۇ يەردە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان جامائەتكە مەنسۈپ ئابىدىلەر ھېساپلىناتتى. بۇ ئابىدىلەر خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇلۇغ شان-شۆھرىتىنى نامايەندە قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر ئىدى. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە مىڭلىغان كىشىلەرنى شەھەرلەرگە باغلاپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئابىدىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ شەھەر خەلقىگە مەنسۈپ شەخسى بىنالار يۇرتداشلارنىڭ سۈپەتسىز ۋە ئاددى كۆرۈنۈشلۈك ئۆيلىرى ئىدى. ھەشەمەتلىك ۋە چوڭ-چوڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلار پۈتۈنلەي جامائەت مۈلكىدىكى بىنالار ھېساپلىناتتى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ئابىدىنىڭ ئەتراپىدىكى تۇرالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان شەخسى بىنالار بەك بولۇپ كەتسە بۇ ئابىدىنىڭ قوشۇمچە نەقىشى بولۇپلا رول ئوينىيالىشى مۇمكىن ئىدى.
بۇرۇنقى دۆلەتلەردە بىنا قىلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق، دۆلەتكە ئائىت بىنالارنى ئادەتتىكى ئۆيلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە ھەشەمەتلىك، سۈپىتىنىمۇ ئەڭ ياخشى پىلانلاپ سالغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. بەكلا كونا دەۋرلەردىن قالغان خارابىلار ئارىسىدا يۈكسەلگەن بەزى تۈۋرۈكلەر، ھەرگىزمۇ ئۇ دەۋرلەرنىڭ تىجارەتخانا ئىشخانىلىرىغا ئائىت تۈرۈكلەر بولماستىن، ئىبادەتخانىلارنىڭ ياكى دۆلەت بىنالىرىنىڭ قالدۇقلىرىدۇر. يەنى پۈتۈنلەي جامائەتچىلىككە مەنسۈپ ئەسەرلەردۇر. يىمىرىلىش پەيتىنى ياشاۋاتقان رىمنىڭ دەبدەبىسى بىلەن ھەشەمىتى ئارىسىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان قۇرۇلۇشلار ھەرگىزمۇ بىر نەچچە رىملىقنىڭ ھەشەمەتلىك شەخسى ساراي-داچىسى بولغان ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك دۆلەتكە ياكى جامائەتكە مەنسۈپ ئىبادەتخانىلار، مونچىلار، بىنالار، بۇلاق سۇ ياكى سۇ ئىسكىلاتلىرى، سىرىك تىياتىرى ۋە ستاديوملار ئىدى. ئورتا ئەسىر دەۋرلىرىدە گېرمانىيىدىمۇ گۈزەل سەنئەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلاردا بەزى پەرقلەر بولىشىغا قارىماستىن، يەنىلا يوقۇرىقىدەك پىرىنسىپ ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇرۇنقى دەۋرلەردە شەھەر ساراي-قەلئەلىرى ياكى مەركەزى ئىبادەتخانىلاردا ئىپادىلەنگەن سەنئەت تۇيغۇلىرى، بۇ كۈنلەردە بىزگە تەۋە بولمىغان گوتىك سەنئىتى تۈسىگە ئۆزگەرتىلمەكتە. بۇ تۈر ھەشەمەتلىك بىنالار، ئۇ تاختاي ۋە خىشتىن ياسالغان ئورتا دەۋر شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىققا ئايلانغان دۆۋىلىرى ئۈستىدە گىگانىتتەك كۆككە ئۆرلەپ تىكلىنىپ تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئائىلىلىك بىناسى دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن شېغىل دۆۋىلىرى بىلەن ئەتراپى قورشالغان بولىشىغا قارىماي، بۇ تۈردىكى خاتىرە مۇنارىلىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ خاتىرە مۇنارىلىرى ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىپ، شەھەرنىڭ ئايرىلماس كۆرۈنۈشلىرىدىن بىر پارچىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. مەركىزى چىركاۋلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەت سارايلىرى، ئۈستى يېپىق بازارلار، كۈزەتچىلىك تۇر-مۇنارىلىرى ھەقىقەتەنمۇ كونا دەۋرلەرنىڭ روھىنى تەشكىل قىلغان يېڭى بىر ئەقىدىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەسەرلىرى ھېساپلىنىدۇ. دۆلەت بىنالىرى بىلەن شەخسىلەرگە تەۋە بىنالار ئوتتۇرسىدا كىشىنى مەيۈسلەندۈرگىدەك زور پەرقلەر كۆرۈلەتتى. ئەمما بۈگۈن، ئەگەر بېرلىنمۇ رىمنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش خارابىلىشىش ئاپىتىگە دۈچ كەلگىدەك بولۇپ قالسا، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ھەيرانلىق بىلەن زىيارەت قىلىشقا بېرلىندا ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ مۇھىم ئەسەر سۈپىتىدە نەگە بېرىشى مۇمكىن؟ بىر قانچە يەھۇدىي دۇكىنى بىلەن بىر قانچە شىركەت بىناسىنىڭ قالدۇقلىرىغا! بۈگۈنكى بىچارە مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئەنە شۇ نەرسىلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان بولىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيە ھۆكۈمەت بىناسى بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ ۋە چوڭ سودىگەرلەرنىڭ بىنالىرى ئوتتۇرسىدا شۇنچە زور پەرقلەر باركى، بۇنى ئۆتمۈشتىكى بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرالمايمىز.
بۈگۈنكى كۈندە جامائەت بىنالىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئاز پۇل ئايرىلغانكى، بۇنچە ئاز پۇل بىلەن ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، شەھەرلىرىمىزدە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىنالارنى سېلىشنىڭ قەتئى ئىمكانى بولماي كەلدى. ئەگەر بۇنداق بىرەر بىنا سېلىندى دېيىلگەندىمۇ جىددى ئېھتىياجىدىن چىقىشنىلا مەقسەت قىلىپ بەكلا ئاددى بىنالار سېلىنىۋاتىدۇ دېيىش مۇمكىن. بۇ جەھەتتە بىرەر ئۇلۇغۋار ئەقىدە تېخى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ باقمىدى. بېرلىن شاتوسى سېلىنغان مەزگىللەردە، بۈگۈنكى كۈندىكى كۈتۈپخانىغا ئېرىشكەنلىكىمىزدىنمۇ ئۇلۇغۋار غايىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ بىنا سېلىناتتىكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە قىلچە تەمتىرىمەيلا بىرەر ئۇرۇش پاراخودى ياساشقا 60 مىليون خەجلەشتىن قورقمايمىزو، رېيچ ئۈچۈن مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىرەر ئابىدە سىلىش ئۈچۈن بۇ پۇلنىڭ يېرىمىنى خەجلەشكىمۇ چىدىمايمىز. پارلامېنت، قۇرۇلتاي بىناسىنىڭ ئىچىنى بىزەش ئۈچۈن گرانت تاش ئىشلىتىلىشىگە قەتئى قارشى چىقىشىپ، تاملارنى گەج بىلەنلا سۇۋاش قارارىنى ئالىدۇ. بىر ھېساپتا، پارلامېنت سىياسىيونلىرى بۇ ئىشتا ھەقىقەتەنمۇ توغرا قارار قىلىشقان ئىكەن. چۇنكى، گرانت بىلەن بىزەلگەن يىغىن زالى گەجدىن قۇيۇلغان ئۇنداق ئەقىلسىز كاللىلارنى تىزىپ قويۇشقا راستىنلا ماس كەلمەيتتى.
قىسقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈنكى شەھەرلىرىمىزدە خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر ئەۋزەللىكى بولمىغاچقا، بۇنداق بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگىدەك بىرەر ئابىدە تىكلەيمەن دېيىشمۇ ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا شەھەرلىرىمىزدە بۇ مىللەتكە خاس بىرەر ئابىدىنى ئۇچرىتالماسلىقىمىزدىن تولا بەك ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. نەتىجىدە، چوڭ شەھەر خەلقلىرىدە ئۆز شەھىرىگە قىلچە قىزىقمايدىغان، شەھەر مەنزىرىسىگىمۇ پۈتۈنلەي پەرۋاسىز قارايدىغان كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالماقتا. بۇ تۈردىكى ئەھۋاللارمۇ مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىمىرىلىشى، مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك خاراپ بولۇش يولىغا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى ئىدى. بۈگۈنكى دەۋرىمىز، غايىلىرىنىڭ ئاددىلىقى، ئېنىقىراق ئېيتقاندا پۇلنىڭ ھۆكمۈرانلىقى ئاستىدا بۇغۇلۇپ قالماقتا. بۇنداق بىر بۇتقا چوقۇنۇش ھاكىم ئورۇنغا ئۆتىۋالغان بىر ۋەزىيەتتە، قەھرىمانلىق روھىنىڭ غايىپ بولىشىغىمۇ ھەيران قالمىساق بولىدۇ. بۇنداق ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى يېقىنقى دەۋرلەردە نېمىنى تېرىغان بولساق شۇنىڭ ھوسۇلىنى ئالغانلىقىمىزنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى.

دىنىي ھايات
بۇنداق بۇزۇقلۇقلار، ھەل قىلغۇچ نوقتىلاردا ئاساسلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئورتاق ئېلىنغان تەدبىرلەردىكى يىتەرسىزلىكلەرنىڭ، بۇنداق بىر قارار ئېلىشتىن ئومۇمىي يۈزلۈك قورقۇشنىڭ ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىشلەرنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەنە ئېلىنغان قارارلاردىكى قورقۇنچاقلىق، دەۋرنىڭ ھەر تۈرلۈك چوڭ مەسىلىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بەلگىلىگەنلىكىنىڭمۇ بىر نەتىجىسى ئىدى. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن تارتىپ قالغان بارلىق ئىشلار بەكلا ئاددى، تىنماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھالغا كېلىپ قالماقتا؛ ھەممە كىشى مەسئولىيەتتىن قاچىدىغان، سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنىمۇ قورققىنىدىن كۆرمەسكە سېلىۋالىدىغان ھالەت يامىراپ كېتىۋاتماقتا؛ ئىنسانپەرۋەرلىك (ھۇمانىستىك) خىياللىرى مودىغا ئايلانماقتا؛ نەپىسىمىزنى مەستخوشلۇق ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇپ، كىشىلەرگە نۇمۇسسىزلىق قىلىنىشلار ئەۋج ئالماقتا؛ بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئىستىقبالى ۋەيران قىلىنماقتا. ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى دىنى ھايات پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدىمۇ بۇ تۈردىكى ئومۇمىي يۈزلۈك قالايماقانچىلىق، بۇزۇقلۇقلارنىڭ نەقەدەر كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كائىنات ھەققىدىكى ئېتىقادىدىن، ئەقىدىلىرىدىكى تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان قاراشلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىلەردە ھەر خىل چىركاۋلارنىڭ ھەر خىل تەرىقەتلىرى بۇ تۈر ئىشلارغار پەرۋاسىز قارايدىغانلارغا ئوخشاش دېگىدەك مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئاسىيا بىلەن ئافرىقىدىكى “كونسېسىيون” دېيىلگەن ئىككى ئورگان ئۆز تەلىماتلىرىغا يېڭى مۆرت تارتىش ئۈچۈن دىن تارقاتقۇچىلاردىن پايدىلىنىش ئىشلىرىدا، ئىسلامىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىيات دەبدەبىسىگە سېلىشتۇرغاندا تىلغا ئالغىدەك بىرەر نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئەمما ياۋرۇپادا بولسا مىليونلىغان دىنغا ئىشىنىدىغان ئادەملەر دىندىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ياۋرۇپادا بۇ تۈردىكى مىليونلىغان كىشىلەرگە دىنى تەلىمات بېرىدىغان ئادەم چىقمىغاچقا، دىنى تۇرمۇشتىن خەۋەرسىز قېلىپ ئۆزى بىلگەن يوللاردا ئېزىپ يۈرمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە بارلىق دىنلارنىڭ ئېتىقاد ئاساسلىرىغا قارشى نەقەدەر زور كۈرەش كېتىۋاتقانلىقىغا ھەرگىز كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. گەرچە بۇ دۇنيادا دىننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا نەرسىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، كەڭ خەلق ئاممىسىنىمۇ ساپلا پەيلوسوپلاردىن تەشكىل تاپقان دەپ ئېيتالمايمىز. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلساق، خەلق توپلىمى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىمان دېگىنىمىز دۇنيادىكى ئەخلاقى قاراشلارنىڭ يىگانە ئاساسى ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسە قويۇلغىنىدا كىشىنى قايىل قىلارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۈگۈنگىچە كېلىۋاتقان دىنلارنىڭ ئورنىغا باشقا ھېچقانداق نەرسىنى قويالمايمىز. دىنى ئىمان ۋە ئاخىرەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈستىدە تەسىر پەيدا قىلالىغىنىدىلا بۇ ئىماننىڭ ئىتىراز قوبۇل قىلىنمايدىغان مەزمۇنلىرى ھەر تۈردىكى ئىجتىمائىي تەسىرلەرنىڭ، ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىلەشتۈرۈلۈش ئاساسىنى، ئۇلىنى شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن.
ئاساسى قانۇنلار بىر دۆلەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولالىغىنىدەك، ئەقىدىلەرمۇ دىنلار ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مۇھىم ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئېتىقات بولمىغان بولسا، ئەقلىگە تايىنىپ يوقۇرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن بىر قانچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئارام-خۇدا پاراۋان ياشىشى بىلەن بىر قاتاردا، مىليونلارچە ئىنسان بۇنداق پاراۋانلىقتىن مەڭگۈ مەھرۇم بولىشى داۋاملىشىپ كېتىۋېرىدۇ.
مەڭگۈلۈك كېڭىيىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىر ئەقىدە، پەقەت تارىخى خاتىرىلەر، تەۋرەنمەس ئابىدىلەر ۋاستىچىلىقىغا تايىنىپلا ھەممىگە تونۇلالىشى، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈلۈپ تۇرالىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇ ئەقىدە بىرەر ئىمان ھالىغا ئايلىنالماس، ھەر قانداق بىر چۈشەنچىمۇ ھېچقاچان بىرەر مىتافىزىك قاراش ھالىغا كىلەلمەس ئىدى، يەنى بىرەر پەلسەپەلىك چۈشەنچە ھالىغا ئايلىنالماس ئىدى. شۇڭا، ئەقىدىلەر ئۈستىدىكى كۈرەشلەر بۇ تۈر شارائىت ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان قانۇنلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنداق بىر كۈرەش قانداق قىلىپ بىر ئانارخىيىنى پەيدا قىلالايدىغان بولسا، دىنگە قارشى كۈرەشلەرمۇ قىممىتىنى يوقاتقان نىھلىزم ئىچىدە ئەنە شۇنداق يوقۇلۇپ كېتىدۇ. سىياسىي بىر كىشىگە نىسبەتەن دىننىڭ قىممىتىغا بېرىدىغان باھاسى ھەرگىز ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكى بىر قاتار تەسەۋۋۇرلارغا ئاساسەن بېرىلمەسلىكى، بەلكى ئۇنىڭ پەيدا قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قاراپ باھا بېرىلىشى لازىم. ئەگەر يېڭىسىنىڭ بىرەر پايدىلىق تەرىپى بىلىنمىگىنىدە، بارنى يوقۇتىمەن دېيىش ئاخماقلىق، تەلۋىلىكتۇر.
قىلچە شۆبھە يوقكى، كىشىلەرنى بەكلا ئاز قايىل قىلىدىغان دىنى ئەھۋاللار سەۋەبىدىن، دىننىڭ سىرتىدا تۇتۇپ كېلىنگەن خۇسۇسلارغا تايىنىپلا دىنى قاراشلارنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدىغان، تەبىئى پەن بىلىملىرى بىلەن دىننى ھاجىتى يوق تالاش-تارتىشلار ئىچىگە سۆرەپ كىرىدىغان كىشىلەرگە دىندا ئازىراقمۇ مەسئولىيەت يۈكلەنمەيدۇ. بۇ جەھەتتە باشلىتىلىدىغان ئۇششاق-چۈششەك تالاش-تارتىشلاردا ئەڭ ئاخىرقى غالىبىيەت ھەر دائىم ئىلىم تەرەپتە بولىدىغانلىقى ئېتراپ قىلىنىشى كېرەك. يۇقۇرى دەرىجىلىك بىلىم سەۋىيىسىگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇنداق مۇنازىرىدە دىن ئېغىر زەربە يىگەندەك ئۇقۇمنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن.
دىن سىياسى مەنپەئەتلەر ئۈچۈن يامان غەرەزلىك بىلەن پايدىلىنىپ كېتىلىشى نەتىجىسىدە دىننىڭ زىيانغا ئۇچىرىتىلىشى ھەممىدىن يامان. سىياسى مەنپەت ئۈچۈن، ئۆز غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋېلىش ئۈچۈن دىننى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىممەتلىك قۇرال دەپ كۆرىدىغانلارغا قارشى ھەرقانچە كۈچلۈك زەربە بېرىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى نومۇسسىز كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىتىقادلىق ۋە ئىمانلىق بولغانلىقىنى خەلق ئاممىسى ئىچىدە بوغۇزلىرى يىرتىلغىچە ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ سۆزلەپ تونۇشتۇرۇپ كېتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى بۇ ھەقتە ئۆزىنى پىدا قىلىش بولماستىن، بەلكى بۇنىڭ سايىسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىشنىلا ئويلايدۇ. بۇنداق كىشىلەر سىياسى مەنپەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئىمانلىرىنى سېتىپ خەجلىشىدۇ. ئۇلار يەنە پارلامېنتقا بىر قانچە خەلق ۋەكىلىنى ئارتۇق كىرگۈزىۋېلىش ئۈچۈنلا جان دۈشمىنى بولغان ماركىسىزمچىلار بىلەنمۇ ئۆزئارا كىلىشم تۈزىشەلەيدۇ. ئەگەر نومۇس دېگەننىڭ نېمىلىكىنى زادىلا بىلمەيدىغان شەيتان ماقۇللا دەيدىكەن، ئۇلار قىلچە نۇمۇس قىلماي بىرەر مىنىستىرلىك ئورنى ئۈچۈن شەيتان بىلەن توي قىلىشقىمۇ رازى بولىشىدۇ. …
ئەگەر ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى گېرمانىيىدە دىنى ھايات ناچار ئەھۋالدا قالغان ئىدى دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇنىڭغا ئۆزلىرىنى خرىستيان دەپ ئاتىشىۋالغان پارتىيىنىڭ خرىستيانلىقنى سۈيىئىستىمال قىلىۋېلىشى ھەمدە كاتولىك ئېتىقادى بىلەن سىياسى پارتىيىنى تەڭ ئورۇنغا قويىۋالغانلىقى سەۋەپچى بولغان. كاتولىك ئىمانىنىڭ ئورنىغا سىياسى پارتىيىنىڭ ئۆتىۋېلىشى نەتىجىسىدە، قىلچە قىممىتى يوق بىر قوتان كىشى قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا، چىركاۋلارمۇ بۇنىڭدىن يەتكىچە زىيان كۆرگەن ئىدى.
بۇ تۈردىكى ئەھۋاللاردىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر ئوخشاشلا مىللىتىمىزگە زىيان كەلتۈرۈش بىلەن نەتىجىلەندى. چۇنكى دىنى تۇرمۇشتىكى بوشىشىپ كېتىشلەرگە سەۋەپ بولغان ئېتىقات زەئىپلىكى شۇنداق بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان ئىدىكى، ئۇ ۋاقىتلار ئەسلىدىلا ھەممە ئىش سەل قارىلىدىغان، يىمىرىلىشكە يۈز تۇتقان دەۋر ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئەنئەنە ۋە ئەخلاقنىڭ ئاساسلىرىمۇ ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. ئەمما جامائەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى چايقىلىش ۋە يارىلىنىشى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بىرەر ۋەقە ئارىلىشىپ قالمىغانلا بولىدىكەن، بەرىبىر بەك چوڭ زىيانغا ئۇچراپ كەتمىگەن بولاتتى. ئەمما ئىنتايىن مۇھىم بولغان يېڭى ھادىسىلەر خەلقنىڭ روھى سالامەتلىكى مەسىلىسىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىشى بىلەن تەڭ، بۇلار ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھالغا كىرىپ قالدى. دىققەت بىلەن كۈزەتكۈچىلەر سىياسىي ساھەلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قاتار بۇزۇلۇشلارنى تەڭ كۆرەلىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى بۇزۇلۇشلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىمپىرىيىنىڭ پات يېقىندا يوقىلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. گېرمانىيىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىدە بىرەر غايىسىنىڭ يوقلىقىنى كۆزى كۆرىدىغان ھەممە كىشى ئېنىق بىلەلەيتتى. بۇلار بىسماركنىڭ “سىياسەت، قىلىشقا بولىدىغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىش سەنئىتىدۇر” دەيدىغان كۆزقارىشىغا مۇۋاپىق كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئەمما بىسمارك بىلەن ئۇنىڭ رەقىبى بولغان باش مىنىستىر ئوتتۇرسىدا كىچىك بىر ئوخشىمايدىغان نوقتا بار ئىدى. بىسماركنىڭ بۇ پىرىنسىپى ئۇنىڭ ئىجرا قىلماقچى بولغان سىياسىتىنىڭ نەق ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئەمما باشقىلارنىڭ قارىشىدا بۇ سۆز ئۇنداق مەنىنى ئىپادىلىمەيتتى. ئەسلىدە، بىسمارك بۇ دېيىشى ئارقىلىق مەلۇم بىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش لازىملىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ھەر قانداق چارىنى ئىشقا سېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىدى. ئەمما بىسماركنىڭ ئورنىغا ئولتۇرماقچى بولغان كىشىلەر بۇ گەپلەردە سىياسى چۈشەنچىلەرگە، ھەتتا سىياسى مەقسەتلەرگە ئىگە بولۇش مەجبورىيىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ھەققىنىڭ بارلىقى دەپ چۈشىنىشەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ ۋاقىتىن كېيىن سىياسى مەقسەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. چۇنكى ئۇلاردا سىياسى مەقسەتلەر ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بىرەر دۇنيا قاراش، سىياسەتنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات قانۇنلىرى ھەققىدە ئېنىق بىرەر قارىشىمۇ يوق ئىدى.
بەكلا كۆپ كىشى ھەممە ئىشنى قاپقاراڭغۇ قىلىپ تەسۋىرلىشىپ، ئىمپىراتورنى سىياسى جەھەتتە ئىشەنچىلىك نەزەرىيىۋى پىلانىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشىپ تەنقىتلەشكەنىدى. دېمەككى، ئۇلارمۇ بۇ سىياسەتنىڭ نەقەدەر مەنىسىز قۇرۇق سىياسەت ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالىغان ئىكەن. ئەپسۇسكى، بۇ تۈردىكى كىشىلەر سىياسىي تۇرمۇشتا ئىككىنچى پىلاندا قالىدۇرۇلغان كىشىلەردىن ئىدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى كىشىلەر بولسا خوۋستون-ستېۋارت چىمبىېرلىن كابىنىتىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېتىشمەيتتى. ئېنگىلىزلارغا قارىتا بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈلگىنىدەك بۇرۇندىن تارتىپ بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىپ كەلگەن ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر ئۆز ئالدىغا بىرەر نەرسىنى ئويلىيالىغىدەك ئەقىللىق كىشىلەردىن بولمىغاچقا، مۇھتاج بولغان ئىشلارنى باشقىلاردىنمۇ ئۆگۈنەلمىگىدەك دەرىجىدە بىلىمسىز كىشىلەر ھېساپلىناتتى. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايتتى. شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى ئوكسېنستيېرن (شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى ئوكسېنتيېرن، گۇستاۋ ئادولفيېنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى 1664~1683 مەزگىلىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنى قولغا ئالغان كىشى) بۇ پاكىتقا ئاساسلىنىپ “بۇ دۇنيا پەقەت ئەقىل ۋە ھېكىمەتنىڭ بىر پارچىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ” دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر مىنىستىرلىك بۇ پارچىنىڭ بىرەر ئاتومىدىنلا ئىبارەت دەپ ئېيتالىشىمىز مۇمكىن. بولمىسا، گېرمانىيە جۇمھۇرىيەتكە ئايلانغاندىن بۇيان بۇمۇ ئەمەلدىن قالغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇنداق بىر ئىشنى خىيال قىلىش ياكى بۇ ھەقتە گەپ قىلىش جۇمھۇرىيەتنى قوغداش قانۇنلىرى ئارقىلىق چەكلەنگەن ئىدى. شۇڭىلاشقا، ئوسېنستيېرن ئۈچۈن ئالغاندا بۈگۈنكى جۇمھۇرىيىتىمىزدە ئەمەس بەلكى ئۇ دەۋردە ياشىغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بەخت ھېساپلىنىدۇ. بەكلا كۆپ كىشىلەر ئۇرۇشتىن بۇرۇنلا ھېچ بولمىغاندا ئىمپىرىيىنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگان ھېساپلىنىدىغان رېيچستاگنى (پارلامېنتنى) ئېتراپ قىلىشاتتى. بۇ ئورگاندا مەسئولىيەتچانلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇش، پەسكەش ئىنتايىن كەڭ سورۇنغا ئىگە ئىدى.
بۈگۈن تارقىلىپ يۈرگەن قۇرۇق گەپلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، پارلامېنتتارىزم ئىنقىلاپتىن كېيىن ئەمەلدىن قالغان ھېساپلىنىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىنقىلاپتىن بۇرۇنقى پارلامىنتچىلىق بۈگۈنكىسىدىن پەرقلىق (بەزى تەرجىمىلەردە پەرقى يوق ئىدى دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) دەيدىغان ئۇقۇمنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولۇشقان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئورگان ۋەيران قىلىش ئۈچۈنلا پائالىيەت قىلىدىغان بىر ئورگان ھېساپلىناتتى. ئەمما كۆزلىرىنى تور باغلاپ كەتكەن كىشىلەر پارلامېنت دېگەن بۇ ئورگاننىڭ بۇرۇنمۇ خۇددى بۈگۈنكىدەك پائالىيەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. راس دېگەندەك گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قىلىشىدا بۇ ئورگاننىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەسسىسى بولمىغانلىقى ئېنىق. ئەمما يامان ئاقىۋەت ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئوتتۇرغا چىقمىغانلىقىدا رېيچستاگنىڭ ھېچقانداق ھەسسىسى بولمىغانلىقىمۇ راس. ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى بۇ كېچىكىش، نېمىس خەلقى بىلەن گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بۇ گۆركالارغا قارشى تىنچ دەۋرلەردە كۆرسەتكەن تىركىشىشىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى.
مەن بۇ يەردە پارلامېنت دېگەن بۇ ئورگان بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق يوللار بىلەن ۋەيران قىلارلىق دەرىجىدە زىيان كەلتۈرگەن مىڭلارچە مىساللار ئارىسىدىن پەقەت بىرسىنىلا تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بارلىق ئورگانلار ئىچىدىكى ئەڭ مەسئولىيەتسىز بولغان بۇ ئورگاننىڭ ئەسلى قىياپىتىنى مۇنۇ ئىش تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ: ئىمپىرىيىنىڭ مەيلى ئىچكى ئىشلاردا بولسۇن ياكى تاشقى سىياسەتلىرىدە بولسۇن يىتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە ئىپادىلىگەن ئۇ قورقۇنۇچلۇق يىتەرسىزلىك بىلەن ئاجىزلىقى ئۇنىڭ مەسئولىيەتسىزلىكىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رېيچستاگقا بىۋاستە چېتىشلىق بولغان بۇ بىرىنچى دەرىجىلىك يىتەرسىزلىك، ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپكى سەۋەپلەردىن بىرسى ئىدى.
قايسى شەكىلدە، قايسى جەھەتتىن قارىساق قارايلى، پارلامېنتنىڭ پائالىيەت ساھەسى تەۋەسىدە بولغان بارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي ناچار ئىشلەنگەن ئىدى. لېخىستان (پولشا− ئۇ.ت) سىياسىتى پۈتۈنلەي خاتا ئىدى. بۇ ئىشتا مەسىلىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىنماي تۇرۇپ مەسىلىنىڭ ئولغىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يا گېرمانىيىگە بىرەر غالىبىيەت كەلتۈرۈپ بېرەلمىدى ياكى بولمىسا لېخىستان بىلەن تېنچلىق كاپالەتكە ئىگە بولمىدى. ئەڭ مۇھىمى روسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغان بولدۇق. ئالساس لوررايىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىمۇ يىتەرسىز قالغان ئىدى. ئەسلىدە فرانسۇز يالماۋۇزىنى كۈچلۈك زەربە بىلەن بىرلا قېتىمدا يىمىرىپ تاشلاپ، ئالساسقا رېيچنىڭ (گېرمانىيە ھۆكۈمەت كابىنتىنىڭ − ئۇ.ت) قالغان دۆلەتلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ھوقۇققا ئېرىشتۈرۈلگىنىدەك تەڭ ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى لازىم ئىدى. ئەمما بۇنچىلىك بىر ئىشنىمۇ باشقا ئېلىپ چىقالمىدى. ئەسلىدىنلا بۇنداق بىر مەقسەتنى ھەرگىز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايتتى. چۇنكى، ئەڭ چوڭ پارتىيىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ۋەتەن خائىنلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ مەركەزدىمۇ م. ۋېتتېرلغا ئوخشايدىغانلار بار ئىدى. بۇ تۈردىكى يىتەرسىزلىكلەر ئىمپىرىيىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرى ھېساپلىناتتى. يەنى ئارمىيىنى تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتمىگەن بولسا ئىدى، بۇ تۈردىكى خاتالىقلارغا يەنىلا بەرداشلىق بەرگىلى بولاتتى. گېرمانىيە پارلامېنتى دەپ ئاتالغان ئورگان سادىر قىلغان بۇ قورقۇنۇچلۇق خاتالىق نېمىس خەلقىنىڭ تارتقان ئېغىر جاپالىرىنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇشقا يىتەرلىك بىر سەۋەپ بولالايدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ پارتىيە دەپ ئاتالغان پارچىلىرى ئىنتايىن ئاددى سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ خەلقنىڭ قولىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتى بولغان قۇرالىنى، ئەركىنلىكى بىلەن مۇستەقىللىقىنى قوغداپ تۇرالايدىغان بىردىن بىر قوغدىغۇچىسىنى تارتىپ ئېلىشتى. بۈگۈن فلاندرېس ۋادىسىدىكى قەۋرىلەر ئېچىلغىدەك بولسا، ئالدىمىزغا بىزنى جىنايەت بىلەن قارىلايدىغان قانغا بويالغان جەسەتلەر يۇپۇرۇلۇپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ تۇپراق ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغانلار پارلامېنتنىڭ قاتىل ۋەكىللىرىنىڭ ۋىژدانسىزلىقلىرى سەۋەبىدىن يىتەرلىك تەلىم-تەربىيە كۆرەلمەي، ياكى چالا-بۇلا ھەربى تەلىم كۆرۈپلا ئۆلۈمگە يوللانغان ئىدى. بۇ قەھرىمانلار بىلەن بىرلىكتە يەنە ئونمىڭلىغان قۇربان، يارىدارنى بىرەر يۈزدەك سىياسى ھىلىمىكىرچىلەرنىڭ ئوغۇرلۇق قىلالىشى ئۈچۈن، ياكى بولمىسا ئىدىيىلىرىنى نومۇسسىزلارچە تەشۋىق قىلىش ئىمكانىيىتىنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىقلىرى ئۈچۈنلا بىھۇدە پىدا قىلغان بولدۇق.
يەھۇدىيلار، ماركىسىزمچى ۋە دېموكراتچى گېزىتلار ۋاستىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا نېمىس مىللىتارىزمى دەيدىغان تۆھمەتنى تارقىتىپ كېلىشكەن ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشىغان تۆھمەتلەردىن پايدىلىنىپ گېرمانىيىنى يىمىرىشگە ئۇرۇنىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ماركىسىزمچى ۋە دېموكراتچى پارتىيىلەرمۇ نېمىس خەلقىنىڭ قۇراللىق كۈچلىرىنى تەلىم-تەربىيە پۇرسىتىدىن تولۇق مەھرۇم قالدۇرۇشماقتا ئىدى. ئەندى بۇ ھارامدىن بولغان پارلامېنت پېچكىلىرىنىڭ ۋەھشى، پەسكەش ۋىجدانلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى:
يىتەرلىك دەرىجىدە ھەربى تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ئەسكەر سانىنىڭ ئازلىقى ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدىكى ھەرىكەت جەريانىدىلا مەغلوبىيەتنى تېزلىتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ بېرىۋاتقان پەيىتلەردىلا تارمار قىلىنىش ۋەزىيىتى قورقۇنۇچلۇق تۈردە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. نېمىس خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشتا بارلىققا كېلىۋاتقان بۇ يىمىرىلىش، ۋەتەن قوغداش ئۈچۈن خەلقنىڭ بارلىق كۈچلىرىنى بىر يەرگە يىغىشقا توسقۇنلۇق قىلش مەقسىتىدە تېنچلىق دەۋرىدە ئوتتۇرغا چىققان بۇ ئاجىزلىقلار بىلەن يېرىم-ياتا ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇ ۋاقىتتىكى قۇرۇغلۇق ئارمىيىمىزنىڭ يېڭى ئەسكەرلىرى بەكلا ئاز ھەربى تەلىم-تەربىيە كۆرەلىگەن ھالەتتە جەڭگە سېلىنغان ئىدى. دېڭىز ئارمىيىسىدىمۇ يوقۇرقىغا ئوخشاش يىتەرسىزلىكلەر مىللى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتى بولغان قۇراللىق كۈچلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى چۈشىرىۋەتكەن ئىدى. ئەپسۇس بىلەن يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىمۇ بۇ تۈردىكى پەسكەش ئىدىيىلەرنىڭ بومباردىمانى ئاستىدا قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا كېمەسازلىق زاۋۇدلىرىمىزدا ئەنگىلىيە پاراخوتلىرىدىنمۇ كىچىك پاراخوتلارنى ياساشقا كىرىشكەنلىك، ھەرھالدا ئۇنچە بەك ئاقىلانە، ئۇنچە بەك داھىيانە بىر ئۇرۇنۇش ھېساپلانمىسا كېرەك. ئەسلىدە پاراخوتلارنى سان جەھەتتە دۈشمەن پاراخوت سانىغا تەڭلەشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمىگەن بىر دېڭىز ئارمىيە پىلوتىنىڭ بۇ پاجىئەلىك يىتەرسىزلىكىنى ھەربى پاراخوتلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈش، جەڭگىۋارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تولۇقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇرۇش قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلىكى مەسىلىسى ئىدى. بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا شۇنداق يوقۇرى بىر پەللىگە يەتكەنكى، باشقا ئەللەرنىڭ ئوخشاش تونناژدىكى ھەربى پاراخوتلىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىمەن دېيىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، رىۋايەتلەردىكىدەك ئۇنداق ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىمەن دېيىش، ئەندىلىكتە تارىخقا ئايلانغان بىر چۈش ئىدى. بولۇپمۇ تۆۋەن تونناژلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى چوڭ پاراخوتلار ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشنى ھەرگىزمۇ خىيال قىلماسلىق كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمىس زەمبىرەكلىرى زاپچاس جەھەتتە ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئەمما 28 سانتىمېتىرلىق (بەزى تەرجىمىلەردە بۇ بىرلىك ھەممە يەردە مىللىمېتىر دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) نېمىس زەمبىرەكلىرى توپقا تۇتۇش كۈچى جەھەتتە 30.5 سانتىمېتىرلىق ئەنگىلىيە زەمبىرەكلىرىنىڭكىدىن تۈۋەن تۇرىدىغانلىقى (بەزى تەرجىمىلەردە تۈۋەن تۇرمايدىغانلىقى دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) تىلغا ئېلىنماقتا ئىدى. ئەسلىدە بىزمۇ 30.5 سانتىمېترلىق زەمبىرەك ئىشلەپچىقىرىشىغا كىرىشىشىمىز لازىم ئىدى. چۇنكى، ئۇرۇشتا كۈچ تەڭپوڭلىقىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنماستىن، دۈشمەندىن ئۈستۈن كۈچكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان بولىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىز ئۈچۈن 42 سانتىمېتىرلىق قىسقا ستوللۇق ئېغىر بومباردىمان زەمبىرىكىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭمۇ كېرىكى يوق ئىدى. چۇنكى 21 سانتىمېتىرلىق نېمىس قىسقا ستوللۇق ئېغىر بومباردىمان زەمبىرەكلىرى ئۇ ۋاقىتلاردا فرانسىيىنىڭ قولىدا بار پارابولالىق (ئارتىلدۇرۇپ − ئۇ.ت) توپ ئاتىدىغان بارلىق زەمبىرەكلىرىدىن كۈچلۈك ھېساپلىناتتى. ئىستىھكام ۋە ئاكوپلارنى 30.5 سانتىمېتىرلىق قىسقا ستوللۇق بومباردىمان زەمبىرەك توپلىرىنىڭ زەربىسى بىلەنمۇ كومپەيكوم قىلىۋېتىش مۇمكىن ئىدى. مانا بۇ نوقتىدا قۇرۇغلۇق ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەرنىڭكىدەك يىراقنى كۆرەرلىك دېڭىز ئارمىيىسىدە يوق ئىدى. ئۇلار ئۈستۈن توپ كۈچى ۋە يوقۇرى سۈرئەتتىن ۋاز كېچىشكەن ئىدى. بۇنداق خەۋىپلىك قاراش ئۇلاردىكى مۇداپىيىلىنىشنى ئاساس قىلىش دەيدىغان پىرىنسىپال خاتا قاراشنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. يەنى دېڭىز ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەر ھەربى پاراخوتلارنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئاساس قىلىدىغان ھەرىكەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى قوغداش مەجبورىيىتىنى ئاساس قىلغان مۇداپىيىلىنىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە چەكلەپ تۇتقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەقەت ھۇجۇمغا تايانغاندىلا كەسكىن غەلىبە قىلىشقا بولىدىغان يولدىن ۋاز كېچىشكەن دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئەسلىدە شۇنىسى ئېنىقكى، باشقىلارنىڭكىدىن سۈرئىتى ئاستا، قۇراللىرى كۈچسىز بولغان بىر ئۇرۇش پاراخوتى تېخىمۇ تېز ھەرىكەت قىلالايدىغان ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك قۇراللار بىلەن قۇراللانغان دۈشمەن پاراخوتىنىڭ توپقا تۇتىشى بىلەن چۆكتۈرىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ھۇجۇم ئىشى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا كۈچلۈك بىر پاراخوت بىلەن مۇۋاپىق بىر مەنزىلدە تۇرۇش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان بىر ئىش ئىدى. مانا بۇ قانۇننى قوغلىغۇچى پاراخوتلىرىمىزنىڭ كۆپۈنچىسى ئېغىر زەربە يىگەندىن كېيىنكى ئاچچىق ئەمەلىيەت ئارقىلىقلا ئاندىن ئۆگۈنەلىگەن ئىدى. دېڭىز ئارمىيە قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بۇ ئۇرۇش ئەمەلىيىتى ئىسباتلاپ بەردى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، ئۇرۇش پەيىتىدە ئۆزگەرتىشكە ئىمكانى بار كونا پاراخوتلارنىڭ قۇراللىرىنى ئالماشتۇرۇشقا، يېڭى پاراخوتلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدۇق.
ئەگەر سكاگېر-راك دېڭىز ئۇرۇشىدا نېمىس ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئەنگىلىيە پاراخوتلىرى بىلەن ئوخشاش تونناژدا، ئوخشاش قۇراللارغا ۋە ئوخشاش سۈرئەتكە ئىگە بولالىغان بولسا ئىدى، ئەنگىلىيە دېڭىز پىلوتلىرى تېخىمۇ نىشانلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك 38 سانتىمېتىرلىق نېمىس توپلىرىنىڭ شىددەتلىك توپقا تۇتۇشلىرى ئالدىدا مۇتلەق تۈردە دېڭىزغا پاتۇرۇلغان بولاتتى.
بۇرۇن ياپونىيە بىزدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر دېڭىز ئارمىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە كىرىشكەن ئىدى. ياپونلار يېڭى ھەربى پاراخوتلىرىنى دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن ھۇجۇم كۈچىگە ئىگە قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ تەدبىرلەر سايىسىدە كۈچ ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ دېڭىز ئارمىيىسىنى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ھالىتىگە تەييار قىلىۋېلىشقان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ قۇرۇغلۇق ئارمىيىمىزنىڭ قۇماندانلىق شىتابىدىكىلەر مۇداپىيىنى ئاساس قىلىدىغان بۇنداق بىر خاتالىقنى سادىر قىلمىغان بولىشىغا قارىماي، پارلامېنتنىڭ چۈشەنچىلىرى تەسىرىدە ئىزچىل زىيان تارتىپ كەلگەن ئىدى. دېڭىز ئارمىيە پىلوتلىرى بولسا، كونا قاراشلار ئاساسىدا قۇراللاندۇرۇلۇپ، كېيىن بۇ قاراشلار بويىچە ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇلغان ئىدى.
شۇنداق بولغاچقا، ئارمىيىمىز قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غالىبىيەتلەرنى گېنېراللارنىڭ نەتىجىلىك ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ، شۇنىڭدەك بارلىق ئوفىسسېرلار بىلەن جەڭچىلەرنىڭ تەڭدىشى يوق قەھرىمانلىق كۆرسىتىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئەگەر ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى دېڭىز ئارمىيىمىزمۇ بۇنىڭدەك بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولالىغان بولسا ئىدى، ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلار ھاياتلىرىنى بىكارغا پىدا قىلغان ھېساپلانمايتتى. مانا بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئاجايىپ ئۇتۇقلارنى قازاندى دەپ تەرىپلىشىپ كەلگەن “پارلامېنت سۈيىقەستچىلىرى” تېنچلىق دەۋرلىرىدە دېڭىز پىلوتلىرىغا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. پاراخوت ياساش مەسىلىسىدە پارلامېنت ھەربى تەرەپنىڭ قاراشلىرى ئالدىدا كەينىدە تۇرۇپ يول قويۇش ئورنىغا دەل ئەكسىچە ئۇلارغا بېسىم قىلىش رولىنى ئوينايدىغان مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. قابىلىيەتسىزلىك، پارلامېنتنىڭ كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان تەپەككۈر قابىلىيىتىنىڭ بولماسلىقى، مەنتىقىسىزلىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان ئىدى.
يوقۇرىدا توختىلىپ ئۆتكىنىمدەك، قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىز بۇنداق بىر خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ ۋاقىتتىكى باشقۇماندانلىقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پولكوۋنىك لۇدېندورف، خەلقىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردە رېيچىستاگنىڭ (گېرمانىيە پارلامېنتنىڭ − ئۇ.ت) ئالغان يېرىم-ياتا چالا قارارلىرىغا، باش قۇماندانلىقنىڭ تەدبىرلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىغا ھەر دائىم كەسكىن قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا، بۇ ئوفىسسېرنىڭ ئېلىپ بارغان بۇ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىز قالىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ يېرىمى پارلامېنتقا، قالغان يېرىمى بولسا پارلامېنتتىنمۇ بەتەر ھالدىكى ئۈركىگەك بېتھام ھولۋېگكە مەنسۈپ دېيىش كېرەك. بۇ ئەھۋاللارغا قارىماي مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بۈگۈنكى كىشىلەر بۇ تۈر قورقۇنۇچلۇق جىنايەتنى مىللى مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداشتا قىلچە قابىلىيىتى بولمىغان كىشىلەرگە قارشى چىققان كىشىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇشماقتا. بۇ تۈر تۇغما دىۋانە ئاتامانلىرى ئۈچۈن ئالغاندا بىرەر يالغاننى كام سۆزلەش ياكى ئارتۇق سۆزلەشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىدى. خەلقنىڭ كىلەچىكىگە مەسئول بولىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسەبىلەرچە يەڭگىلتەكلىك قىلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ۋە پەيدا بولىدىغان مەسئولىيەتسىزلىكلەرنى ئويلايدىغان، بىھۇدە پىدا قىلىنغان قۇربانلارنى ۋە ئۇرۇشتا ياردارلىنىپ مېيىپ بولغانلار، چىداشقا مەجبۇر بولىۋاتقان نومۇس قىلارلىق بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىزنى ۋە پەس كۆرۈلىشىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن بۇ يوقسۇللۇقنى ئويلايدىغان، ۋە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زامانىسىنىڭ پەقەتلا بىر قانچە ئادىمىگە ۋە ئەمەل ئوۋچىلىرىغا مىنىستىرلىك تەختىنى بوشىتىشنىلا مەقسەت قىلىپ بولىۋاتقان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بىرسى، شۆبھىسىزكى بۇ تۈر مەخلۇقلارغا پەسكەش، رەزىل، نومۇسسىز، ئابرويسىز ۋە قاتىل دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىشلىتىلگەن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى، غايىسى ھەقىقەتەنمۇ قىلچە مەنىگە ئىگە بولالماي قالغان بولاتتى. شۇڭا، بۇ كىشىلەر سەۋەبچى بولۇپ كونا گېرمانىيىنىڭ ئىچكى سىياسەتلىرى ۋەيران قىلىنغىنىدىن كېيىن، ئىشلەنگەن بارلىق جىنايەتلەر ئاجايىپ ئېنىق شەكىلدە مانا مەن دەپ ئاشىكارىلىنشا باشلايدۇ. قىزىق يېرى بۇ تۈردىكى ئەھۋاللاردا كۆرۈلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبى بەزى يەرلەردە كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرىنى پەيدا قىلىپ سۆزلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، باشقا بىر يەرلەردە يەنە بۇ تۈردىكى نومۇس قىلىنغىدەك نۇرغۇنلىغان ھادىسىلار يوشۇرۇلۇپ تىلغا ئېلىنماي كېلىنىۋاتاتتى. ھەتتا بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە ئىدى. ئەگەر بۇ تۈر مەسىلىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق بىرەر ياخشىلىنىش ئېھتىمالى ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلىقىنىمۇ مۆلچەرلەشكە بولاتتى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلار تەشۋىقاتنىڭ قىممىتىدىن، ئۇنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىدىن ئازىراقمۇ بىر نىمە بىلمەي يۈرىشەتتى. تەشۋىقاتتىن ئىزچىل تۈردە ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەلققە جەننەتنى جەھەننەم قىلىپ كۆرسىتىش، يا بولمىسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىپ كۆرسىتىش كىمنىڭ قولىدىن كىلىشى مۇمكىن؟ بۇنى قىلىش پەقەت يەھۇدىيلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىش بولۇپ، ئۇلار ئەنە شۇ پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىشماقتا ئىدى. نېمىسلار، ياكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەشۋىقات دەيدىغان بۇ مەسىلىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ساۋادى يوق ئىدى. ئۇرۇش جەريانىدا بۇنداق ساۋاتسىزلىقنىڭ بەدىلى بىزگە بەكلا قىممەتكە توختىغان ئىدى.
شۇنىڭغا قارىماي، بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى نېمىس خەلقىنىڭ قارىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان شۇنچە نۇرغۇن ناچار ئىشلار ئارىسىدا بەزىدە بىزنىڭمۇ ئۈستۈنلۈك تەرەپلىرىمىز بولغانىدى. ئەگەر بۇ جەھەتتە بىتەرەپ بىر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگىدەك بولغىنىدا، باشقا مىللەتلەر ۋە ئەللەرنىڭمۇ بىزدە بولغان يىتەرسىزلىكلەرگە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ ساھەدە بىزدىنمۇ ئاشۇرىۋىتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە بىزدە بار بىر قىسىم ئۈستۈنلۈكلەرنىڭ ئۇلاردا كۆرۈنمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ تۈردىكى ئۈستۈنلۈكلىرىمىز ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغانلىرىدىن بىرسى، نېمىس خەلقىنىڭ ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى سىستېمىسىنىڭ مىللى خاراكتېرىنى قوغدىغان ئاساستا پائالىيەت قىلىدىغانلىقى، ناچار يىتەكچىلىك قىلىنغان شارائىتلارغا قارىماي خەلقارالىق مالىيە بازارلىرىنىڭ بۇ تۈر تېزگىنلەشلىرىگە باشقا ئەللەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاز باغلانغانلىقىمىزنىمۇ كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق قارايمەنكى، بۇ ئۈستۈنلۈكلىرىمىز يۈز بەرگەن دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
شۆبىھسىزكى، خاندانلىقنى نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ زور خەلق ئاممىسى ئۇمۇمەن ياخشى بىلمەيتتى. بۇنداق بولىشى ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەر دائىم ئەڭ ساپ كاللىغا، بولۇپمۇ ئەڭ ساپ قەلبكە ئىگە كىشىلەردىن بولالمىغانلىقى (بەزى تەرجىمىلەردە بولغانلىقى دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى ھۆكۈمدارلار يالاقچىلارنى بەكىرەك ياخشى كۆرۈشەتتى ۋە ئۇلارنى ئىقتىدارلىق ساپ كىشىلەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشاتتى. ئوردا سارىيى ئەتىراپىدا يۈرىدىغان بىلىملىك بولغان كىشىلەرمۇ يالاقچىلىق قىلىشنى، يالغان ھىجىيىپ يۈرىشنى تاللىۋالغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى.
دۇنيا ھەر جەھەتتىن زور ئۆزگىرىش ياساۋاتقان بۇنداق بىر دەۋردە، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولىشى ۋەتىنىمىزگە ئېغىر زەربە بولۇپ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىشلەر ئىمپىرىيە ئوردىلىرىنىڭ ئۆرپە-ئادەتلىرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئەسىرنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىغا كەلگىنىدە ھەربى كىيىم كىيىپ ئاتلىق كوچىدىن ئۆتىۋاتقان بىرەر شاھزادىغا ھەرقانداق بىرسى ھەيران قالماس بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنداق بىر قىياپەت بىلەن پاراتتىن ئۆتۈش كۆرۈنۈشى خەلق ئاممىسىغا قانداق بىر تەسىرات پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق پەرەز قىلىشالمىغان ئىدى. ئەگەر بۇنى پەرەز قىلالىغان بولسا ئىدى، شۇنچە نۇرغۇن نامۇۋاپىق، ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولار ئىدى. يەنە شۇنىڭدەك يوقۇرى تەبىقىدىكى ئىسىلزادىلەرنىڭ سەمىمى بولمىغان ئادەمگەرچىلىكىمۇ كۆپۈنچە ھاللاردا ناچار تەسىرات بېرىپ تۇراتتى. مەسىلەن ئالايلى، بىرەر شاھزادە، خەلقنىڭ ئاشخانىسىدا پىشقان تاماقتىن تېتىپ باقماقچى بولغىنىدا بۇنداق مۇئامىلە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا كىشىلەرنى بەكلا خوش قىلىۋىتەلەيتتى. ئەمما بۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەكىللەنگەن قىممەت قاراشلىرى نەتىجىسىدە پۈتۈنلەي ئەكسىنچە تەسىر بېرىدىغان ئەھۋاللار ئوتتۇرغا چىقىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى. چۇنكى، شاھزادە تاماق تېتىشقا كېلىدىغان كۈنكى تاماقنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر كۈندىكىدىن پەرقلىق شەكىلدە تەييارلانمايدىغانلىقىنى پەقەتلا سېزەلمايدىغانلىقىغا ھەممە كىشى قەتئى ئىشىنەتتى. جاھاننىڭ بۇنچىلىك ئۆزگىرىشىمۇ ئۇلارغا يىتەرلىك ئىدى. چۇنكى بۇنداق ئۆزگىرىشتىن ھەممىنىڭ خەۋىرى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ياخشى نىيەت، ئەڭ ياخشى مۇئامىلىلەرمۇ ئاشكارە تۈردە بىرەر خاپىلىقنى پەيدا قىلمىغان تەغدىردىمۇ كۈلكىلىك بىر كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلىشقا يىتەتتى. ھۆكۈمدارنىڭ سەبىرچانلىقىغا دائىر ھەر يەردە سۆزلىنىدىغان ھىكايىلار، نامۇۋاپىق سۆزلەر كىشىلەرنى كۈشكۈرتۈشكە سەۋەپ بولۇپ قالاتتى. مەسىلەن، سەھەردە ئەتىگەن تۇرۇپ كېتىدىغان ئادىتى، ئاخشىمى يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تاماقنى ئاز يىيىشىنىڭ ئۇنىڭغا زىيان كەلتۈرىدىغانلىقى دېگەندەك گەپلەر ئوتتۇرغا چىقاتتى. بولمىسا ھۆكۈمدارنىڭ قانچىلىك ئۇخلايدىغانلىقى، قانچىلىك تاماق يەيدىغانلىقى قاتارلىقلاردىن خەۋەردار بولۇش، ئۇنى بىلىشكە ئۇرۇنۇشنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرگە قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق ئىشلار ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭغا يەتكىدەك تاماق بېرىلەتتى ۋە قانچىلىك ئۇخلايمەن دېسە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان بىرسىمۇ يوق ئىدى. ئەگەر، ئىمپىراتور بولغان كىشى قايىدىلەرگە ئەمەل قىلىدىغان كىشىلىككە ئىگە سۈپىتى بىلەن ئىرقىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ ئابرويىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىدىغان، ھۆكۈمدارلىق ۋەزىپىسىنى جايىغا كەلتۈرۈپ كەلگەن بولسىلا ھەممە ئۇنىڭدىن رازى بولىشاتتى. يامان يېرى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتلىك ئىشلار قاتارىدىكى مەسىلىلەر ھېساپلانمايدىغانلىقىغا قارىماي، خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يوقۇرىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇلاردا ھەرقانداق بىر ئىش بىلەن شوغۇللانمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش ئومۇملىشىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن بىجا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان مۇددەت ئىچىدە ياكى ئىشلىرىنى ساپ نىيەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇددەت ئىچىدە بۇنداق گەپلەرنىڭ بىرەر زىيىنىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭدەك ساپ نىيەتلىك، ئۇتۇغلۇق ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىدا تەلەپ قىلىنغانغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا بىرەر ھۆكۈمەت بولۇپ قالغىنىدا بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك خەۋەرلەرنىڭ ئەھۋالىمىزنى خاراپ قىلىدىغان تەسىر پەيدا قىلىۋېتىشى ئېنىق. ئەنە شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە، ئىتائەت قىلىش، جاسارەت، بالىلارچە خاتىرجەملىك ئىستىكى ئەڭ يامان ئاپەتلەرنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالىدۇ.
ئەمما بۇ تۈردىكى قارشى پىكىرلەر نارازىلىقنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر قاتار كۈچلەرگە دۈچ كېلەتتى. بۇ تۈر كۈچلەر قاتارىدا بىرىنچى بولۇپ بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇقىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز كېرەك. خانىدانلىق تۈزۈمى بۇ تۈردىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلماقتا ئىدى. كېيىن بۇنىڭغا جاھىل سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىت ماجىرالىرىدىن دۆلەت ئورگانلىرىنى ئاسىراش ئۇچۇن ئۇلارنى يىراق تۇتۇشلىرىمۇ ياردەمچى بولغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپلا ئېرىشكەن ئابروي ۋە پەزىلىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن ئابرويلۇق ئورنى، مەمورى كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئارمىيىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كېتىشىمۇ بۇ ئىشقا ياردەمچى بولۇپ بەرمەكتە ئىدى. بۇنداق بىر ئۈستۈنلۈككە دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئادىمىنىڭ، يەنى ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ئۈستۈنلۈكمۇ قوشۇلۇپ بېرەتتى. شۇڭا، ھۈكۈمدار بىر مەسئولىيەت سىموۋۇلى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ھۆكۈمدارنىڭ مەۋجۇتلىقى پارلامېنت كۆپسانلىقى دېيىلىدىغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە ئوتتۇرغا چىققىنىدەك پەيدا بولغان بولماستىن، بەلكى ئاساسلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىدى. نېمىس يىتەكچىلىرىنىڭ ئەپسانىۋى ساپلىقى ئاساسلىقى بۇ تۈردىكى ئەھۋاللاردىن مەيدانغا كەلگەن ئىدى. گەپنىڭ قىسقىسى، نېمىس خەلقى ئۈچۈن خانلىق تۈزۈمنىڭ مەدەنىي قىممىتى بەكلا يوقۇرى بولۇپ، بۇ ئامىل باشقا يىتەرسىز تەرەپلىرىنى ئوڭۇشلۇق تۈردە يېپىپ كىتەلەيتتى. نېمىس ھۆكۈمدارى تۇرىۋاتقان سارايلار تا بۈگۈنگىچە ئېستېتىك روھنىڭ چوقۇنۇش يەرلىرى بولۇش رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىكى ماتېرىيالىزمچى ھالىغا كەلگەن روھى مۇھىت ئاستىدا بۇنداق بىر ئەۋزەللىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خەتەرلىك بولىشى مۇمكىن. نېمىس كىنەزلىكلىرىنىڭ 19-ئەسىرلەردە سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلالمايمىز. چۇنكى زامانىۋىي دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن بۇرۇنقى ئۇ ۋاقىتلاردا كۆرۈلگىنىدەك ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ئوتتۇرغا چىقىپ باقمىدى. ئىجتىمائى مۇھىتىمىز تەدرىجىي بۇزۇلىۋاتقغان شۇ دەۋردىمۇ كۈچ ئامىلى قاتارىدا يەنىلا ئارمىيىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.
ئارمىيە، نېمىس خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەكتىۋى ھېساپلىناتتى. دېمىسىمۇ بارلىق دۈشمەنلىرىمىز ئۆچمەنلىكىنى مىللىتىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان بۇ ئورگانغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى ھەرگىزمۇ سەۋەپسىز ئەمەس. ئارمىيىمىز تۆھمەت ئاستىدا قېلىپ، ئۆچمەنلىكلەرگە، دۈشمەنلىكلەرگە ۋە ھۇجۇملارغا دۈچ كەلمەكتە ئىدى. پەسكەش كىشىلەرنىڭ قورقىدىغان يېرى دەل شۇ ئارمىيە ئىدى. رىياللىقنى ئىپەدىلەپ بېرىش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق بىرەر خاتىرە مۇنارىسى ئوتتۇرغا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. ۋېرسالدا خەلقئارالىق ئوغرىلارنىڭ پەسكەش تەلەپلىرى بىلەن نەپرەتلىرىنى ئەڭ ئالدى بىلەن نېمىس ئارمىيىسىنىڭ ئۈستىگە قارىتىشى، نېمىس ئارمىيىسىنىڭ پۇل كۈچىگە قارشى مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشتا مۇستەھكەم ئىستىھكاملىق رولىنى ئويناپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەگەر خەلقىمىزنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ كۈچ بولمىسا ئىدى، ۋېرسال كىلىشىمىنىڭ روھى ۋە بارلىق ماددىلىرى گېرمانىيىگە ئاللىمۇ قاچان ئىمزالاتقۇزۇلۇپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولاتتى. نېمىس مىللىتىنىڭ ئارمىيىگە بولغان قەرزىنى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، نېمىس خەلقى ھەممە ئىشتا ئارمىيىسىگە قەرزدار.
ئارمىيە، مەسئولىيەت ئېڭىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈرىلىشىنى، مەسئولىيەت قارىشىنىڭ بارغانسىرى كۈندىلىك مەسىلىلەر ھالىغا كېلىشىنى تۇرغازماقتا، بولۇپمۇ ھەرتۈرلۈك مەسئولىيەت تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلغانلىقنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولغان پارلامېنت تەرىپىدىن بۇنداق بىر قاراش كېڭەيتىلىۋاتقان بىر پەيتتە كۆڭۈللەرگە مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى يەنە شۇ ئارمىيە سىڭدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئارمىيە، قورقۇنچاقلىقنى ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋابا ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتقان، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشنى ئاخماقلىق دەيدىغان قاراشلارنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان، بۇنداق پاسكىنىچىلىقلارنىڭ كىڭەيتىلىشىنى ئاقىلانىلىق دەپ قارايدىغان بىر دەۋردە، كىشىلەرگە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن جاسارەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئارمىيە، ھەربىر نېمىسقا مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى زەنگىلەر، 1ىنلار، نېمىسلار، فرانسۇزلار، ئېنگىلىزلار ۋە قالغان مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا ئاختۇرۇپ، خەلقارالىق بىر قېرىنداشلىقنى تەرغىپ قىلىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرىۋاتقان ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ياساپ چىققان گەپلىرىگە قۇلاق سالماي، بىۋاستە مىللەتنىڭ كۈچىدىن، قەتئى ئىرادىسىدىن ئازاتلىق ئاختۇرۇش لازىملىقىنى ئوقۇتىدىغان بىر مەكتەپ رولىنى ئوينىماقتا ئىدى. ئارمىيە، غەيرەت-شىجائەت روھىنى تەشۋىق قىلىپ شۇ ئاساستا غەيرەتلىك ئادەم يىتىشتۈرمەكتە ئىدى. بولمىسا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق روھ يىتەرسىزلىكى، ئۇنىڭ ئورنىغا گۇمانخورلۇق ۋە ئىشەنمەسلىك ھالىتى كىشىلەرنىڭ روھى ھەرىكىتىنى چۇلغىۋالغان ئەھۋال يامىراشقا باشلىغان ئىدى.
ھىلىگەر كىشىلەر ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان بىر دەۋردە، ئۈلگە بولارلىق بىرەر ئىشنىڭ قالايمان بىر ۋەزىيەتكە قارىغاندا ھەردائىم ياخشى بولىدىغانلىق پىرىنسىپىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىش ھەقىقەتەنمۇ ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش ھېساپلىناتتى. بۇ ئەلدە پەقەت بۇزۇلمىغان، ساغلام قالغان بىر ئورۇننىڭ بولىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئارمىيەنىڭ بەرگەن تەربىيىلىرى بۇنداق بىر ئاساسلىق كۈچنىڭ يىتىلىپ يېڭىلىنىپ تۇرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغان (بەزى تەرجىمىلەردە قىلغان بولسا ئىدى دەپ ئېلىنغان − ئۇ.ت) بولسا ئىدى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق ئىسىل پەزىلەتلىك ئىشلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن بولار ئىدى.
بېسىم ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرلاش بىلەن يېڭى بىر ئالدامچىلىقنى ياكى قىلچە قارشىلىق كۆرسىتىلمەستىن ئەمەل قىلىش لازىم بولغان بىرەر سودا كىلىشىمنامىسىنى ئىمزالاشتىن باشقا ھەرقانداق بىر پائالىيەتتە، پۈتۈن كۈچىنى ۋە ھوقۇقىنى پەقەتلا بىر يەرگە يىغالمىغان بۈگۈنكى گېرمانىيە رېيچ ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئى ئىرادىگە كېلىشتە قانچىلىك ئېغىر يىتەرسىز قالغانلىقىنى كۆرىشىمىزنىڭ ئۆزىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن يىتەرلىك ئىدى. ئەمما ئالدىغا قويۇلغان بىر شەرتنامىنى خۇددى ئۆز دىكتاتورىنىڭ بويرىقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلانغىنىدەك شۇ ھامان ئىمزالاش، ھەر تۈرلۈك مەسئولىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، شەرتنامىدا يېزىلغان نەرسىنىڭ نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى قۇرۇلتايدىكى خاتىرە قالدۇرغۇچى كاتىپلارغا ئوخشاش دەرھال تەستىقلاشتا بۇ ھۆكۈمەت قىلچە تەمتىرەشمەيدىكەن. ھەقىقەتەنمۇ بۇ تۈر ئەھۋاللاردا بۇ ھۆكۈمەت ئۈچۈن قارار ئېلىش بەكلا ئاسان ئىكەن. چۇنكى، قوبۇل قىلىنىدىغان قارارنى ئۇنىڭغا باشقىلار يېزىپ بەرگەندە.
ئارمىيە، غايىسىگە، ۋەتىنىگە ۋە دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ساداقەت كۆرسىتىش تەربىيىسىنى بېرىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما جەمىيەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا رەنجىش، ئاچكۆزلۈك ۋە ماتېرىيالىزم ھەممە يەرنى قاپلاشقا باشلىغان ئىدى. ئارمىيە، سىنىپلار بويىچە بۆلۈنۈشكە قارشى بىرلەشكەن، ئىتتىپاقلاشقان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. بۇ مەسىلىدە ئارمىيىنىڭ بىرلا خاتالىقى بار ئىدى: ئۇ خاتالىق، ئەسكەرگە ئېلىش تۈزۈمىدە بىر يىللىق پىدائىلاردىن پايدىلىنىشنى يولغا قويغانلىقى ئىدى. بۇ بىر خاتا ھەرىكەت ئىدى. چۇنكى، بۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن تەڭ-باراۋەرلىك پىرىنسىپى دەپسەندە قىلىنماقتا ئىدى. بولۇپمۇ مەلۇماتلىق ساھىدىكىلەرگە ئېتىۋار بېرىش دەيدىغان ئىش ئوتتۇرغا چىقىپ تەڭسىزلىك قىلىنماقتا ئىدى. ئەسلىدە بۇنىڭ تەتۈرسىچە قىلچە پەرقلەندۈرمەي ئومۇمىي يۈزلۈك ئەسكەرلىك پىرىنسىپى بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى چارە ئىدى.
ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيە كۆرگەن تەركىپلەرنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئاخماقلىقلىرى ۋە خەلقىدىن كۆرىنەرلىك شەكىلدە ئايرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن، ئارمىيە ھېچ بولمىغاندا ئۆز سېپى ئىچىدە بولسىمۇ ئەقىللىقلار-بىلىمسىزلار دەپ ئايرىپ يۈرۈشكە يېقىن كەلمىگەن بولسىدى، بەلكى تېخىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرالىغان بولار ئىدى. بۇنداق پازىتسىيىدە بولغىنى بىر خاتالىق ئىدى. ئەمما بۇ دۇنيادا خاتالىق سادىر قىلمايدىغان كىم بار؟ ئارمىيە ئىشلىگەن پايدىلىق ئىشلار سادىر قىلغان ئۇششاق-چۈششەك خاتالىرىغا قارىغاندا شۇنچە كۆپ ئىدىكى، بەزى ئۇششاق خاتالىقلىرى بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇسۇرلىرىغا سېلىشتۇرغىنىمىزدا ئارمىيىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىرى قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ۋە بەكلا ئادەتتىكى بىر خاتالىق ھېساپلىناتتى.
كونا ئىمپىرىيە دەۋرىدىكى ئارمىيىدە، ھەر ئىش كۆپ سانلىق ئاۋازغا باغلىق دەپ ھېساپلاش ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك دەپ قارىلىۋاتقان، ھەمدە يەھۇدىيلاردەك سانغا قارىتا قارغۇلارچە چوقۇنۇشى ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ تەتۈرسىچە شەخسىگە ئىشىنىش پىرىنسىپىنى قوغداپ قېلىش ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك بولۇپ قالغان ئىدى. راس دېمىسىمۇ ئەينى ۋاقتىدا ئارمىيە زامانىۋى دەۋر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرىۋاتقان شەيئى − ئىنسان يېتىشتۈرمەكتە ئىدى. ئارمىيە سەپلىرىدە ھەر يىلى مەستخوشلۇق، بارغانسىرى يېيىلىپ كېتىۋاتقان ئاياللارغا خاس مىجەز پاتقاقلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئۈچ يۈز ئەللىك مىڭ ياش يېتىشتۈرۈلمەكتە ئىدىكى، بۇ ياشلاردىن يىگىتلىك كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. بۇ ياشلار ئىككى يىل داۋام قىلغان ھەربى تەلىم-تەربىيىدىن كېيىن ئاجىزلىقلاردىن قۇتۇلۇپ پولاتتەك ۋۇجۇتقا ئېرىشمەكتە ئىدى. بۇ تەلىم-تەربىيە جەرياندا بويرۇققا بوي سۇنۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن ياشلار، كېيىنكى ھاياتىدا قۇماندانلىق قىلىش سەنئىتىنىمۇ ئاسانلا ئۆگۈنىۋالاتتى. ئادەتتە يولدا كېتىۋاتقان بۇنداق بىرسىنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىغا قاراپلا ئۇنىڭ تەربىيە كۆرگەن بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىگە ھۈكۈم قىلىش مۇمكىن ئىدى.
شۇنداق، ئارمىيە، نېمىس خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەكتىۋى ھېساپلىناتتى. ئەنە شۇ سەۋەپتىن كۆرەلمەسلىك، ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئاچكۆزلۈك مىجەزىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ۋەتىنىنىڭ زەيىپلىشىپ كېتىشىنى، مىللىتىنىڭ مۇداپىيىدىن يوقسۇن قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان، بۇ چوڭ دۆلەتنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىش نىيىتىدە يۈرىدىغانلار نەپرەتلىرىنى ئارمىيە ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى. بەكلا كۆپ نېمىس پەرق قىلالماي كېلىۋاتقان، يامان غەرەزلىك كىشىلەر بولسا كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىغان تەرەپلەرنى چەتئەللىكلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بەرمەكتە ئىدى. نېمىس ئارمىيىسى، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ئەۋلاتلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن ھېساپلىناتتى.
ئۇ كۈنلەردە دۆلەت تەركىۋىگە، ئارمىيىگە ئۈچىنچى بىر ئۇنسۇرمۇ كېلىپ قوشۇلماقتا ئىدى. بۇ ئۇنسۇر، كونا ئىمپىرىيىنىڭ تەڭداشسىز مەمورى كادىرلار تەبىقىسى ئىدى.
گېرمانىيە، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى باشقۇرۇلۇپ كېلىنگەن، ئەڭ مۇكەممەل تەشكىللەنگەن بىر دۆلەت ھېساپلىناتتى. نېمىس مەمورى كادىرلىرىنىڭ تەرتىپلىك مەمورى خىزمەت ئىشلەش ئەخلاقىغا سادىق ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. باشقا ئەللەردە مەمورى ئىشلار بىزدىنمۇ ياخشى يۈرۈشتۈرۈلگەن دەپ ئېيتىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنى بىزنىڭكىلەردىن بەكلا كۆپ ناچار دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما گېرمانىيىدە باشقا ئەللەردە يوق ھېساپلىنىدىغان نەرسە، ئۇنىڭ مەمورى ئورگانلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە دۇرۇسلىقى ۋە بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىغانلارنىڭ ئەخلاقى قائىدىلەرگە بولغان ساداقىتى ئىدى. مەرتلىك بىلەن ساداقەت بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرۈلگەن بۇنداق ئادەت، بۈگۈنكى كۈندە دائىم ئۇچرۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدىغان پىرىنسىپ يىتەرسىزلىكىدىن، ئالاھىدىلىكى بولمىغان، زامانىۋىلىقنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى پەزىلەت دېيىش مۇمكىن. ئۇرۇشتىن بۇرۇن بەلكىم كۆپىرەك مەمورى قائىدىچىلىككە بېرىلگەن نېمىس باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ سودا ئىشلىرى جەھەتتىن ئالغاندا يىتەرلىك بولالمىغانلىقىنى بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئېغىزدىن چۈشەرمەي تەنقىتلىشىدىغان بىر مودىغا ئايلاندۇرىۋېلىشتى. بۇنىڭغا مۇنداق بىر سۇئال ئارقىلىق رەددىيە بېرىمەن: دۇنيادىكى قايسى دۆلەتتە گېرمانىيىنىڭ تۆمۈر يوللىرىدەك ياخشى باشقۇرۇلۇپ كېلىنگەن، تىجارەت ئىشلىرى جەھەتتە بۇنچە مۇكەممەل بىرەر ئورگان بار؟ ۋاھالەنكى، بۇنداق ئۈلگە بولالىغىدەك بىر ئىش ساھەسىنى يوق قىلىۋېتىش بۇ ئىنقىلاپقا قىسمەت بولغانىكەن. ئاقىۋەتتە بۇ ئىش ساھەسى مىللەتنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنىپ، جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىلىرى بويىچە ئومۇمى مۆلۈك ھالىغا كەلتۈرۈلۈشكە، يەنى نېمىس ئىنقىلاۋىنىڭ بىرەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە خەلقئارالىق پاي چېكى سەرمايىسىنىڭ خىزمىتىگە بېرىلىشى لازىمىش.
مەمورى كادىرلار تەبىقىسى بىلەن مەمورى ئورگانلارنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرىنى باشقا ئورۇنلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە قىلغان تەرەپ، ھەر تۈرلۈك ھۆكۈمەتلەرگە قارىتا بىتەرەپ پائالىيەت قىلالىشى ئىدى. بۇ تۈردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسى قاراشلىرى نېمىس مەمورى كادىرلىرىنىڭ ئەقلىگە ۋە ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى. ئەمما بۇنداق ھالەت ئىنقىلاپتىن بۇيان ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىجادى قابىلىيەت، كەسىپى مەۋقەسى ۋە شەخسى قابىلىيەت ئورنىغا خالىغان بىر سىياسىي ھۈججەتتە كۆرسىتىلگەن ئەمەل ھەممىدىن ئۈستۈن دەيدىغان ھالەت ئۆتكەن ئىدى. قېلىپلاشقان، بىتەرەپ خاراكتىر، مەمورى كادىرلارغا پايدىلىق بولۇش ئورنىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
كونا ئىمپىرىيىنىڭ كۈچ ۋە سەلتەنەتىنى دۆلەت ئورگىنى بولغان ئارمىيە بىلەن مەمورى تەبىقە نامايەن قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈن بۇلار دۆلەتتە پۈتۈنلەي يىتەرسىز بولىۋاتقان بىر ئالاھىدىلىكنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى سەۋەپلىرىدۇر. يەنى دۆلەتنىڭ ئابرويلۇق ئورنى قالمىغان ئىدى. چۇنكى، دۆلەت ئورنى پارلامېنتتا ياكى بۇ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى قۇرۇق گەپچىلەرگە، دۆلەتنى قوغداش قانۇنلىرىغا ياكى بولمىسا بۇ قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغانلارنى دەھشەتلىك قورقۇنۇچ ئىچىدە قالدۇرۇشنىلا مەقسەت قىلىدىغان سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە خەلق ئاممىسىنى يىتەكلەيدىغان، باشقۇرىدىغانلارغا كۆرسىتىلىشى لازىم بولغان، كۆرسىتەلەيدىغان ئومۇمى ئىشەنچكە تاياندۇرىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى. دۆلەت ئابرويى بىر جامائەتنى باشقۇرىدىغانلارغا كۆرسىتىشى لازىم بولغان ۋە كۆرسىتىدىغان ئومۇمى يۈزلۈك ئىشەنچكە تايىنىشى كېرەك. ئەمما شۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ئىشەنچ، ھۆكۈمەت بىلەن مەمورى ئورگانلارنىڭ نۇمۇسچان، شەخسى مەنپەئەت قوغلىشىشقا يېقىن يولىمايدىغان بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك سەمىمى ۋە تەۋرەنمەس بىر ئىشەنچنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ يەنە قانۇنلارنىڭ مەنىسى ئۈستىدە تولۇق بىر پىكىرگە كېلىشى، قانۇننىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پىرىنسىپلار توغرىسىدىكى ئورتاق كىلىشىم تۇيغۇلىرىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ھۆكۈمەت سىستېمىلىرى بېسىم قىلىش ۋە زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە تايىنىپ قۇرۇلالمايدۇ. ھۆكۈمەت، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشتىكى سەمىمىيىتىگە، ئۇنىڭ مۇكەممەللىشىپ بېرىشى ئۈچۈن قىلىنغان ياردەملەرگە، ئۆز قابىلىيىتىگە ئاساسەن قىممەتكە، ئىناۋەت ۋە ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
ئۇرۇشتىن بۇرۇن قىلىنغان ئەسكىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى، خەلقنىڭ ئىچكى كۈچلىرىنى ۋەيران قىلىدىغان تەھدىت بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇنداق ئەھۋال باشقا ئەللەردىمۇ ئوتتۇرغا چىقىپ تۇراتتى. ھەتتا بۇ ئەللەردە بۇ تۈر ئەسكىلىكلەردىن گېرمانىيىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ زىيانلارغا ئۇچراپ تۇراتتى. ئەمما شۇنىڭغا قارىماي ئۇ ئەللەرنىڭ خەلقلىرى بۇ تۈردىكى ئېغىر قىيىنچىلىقلار ئالدىدا كۈرەشتىن ۋاز كەچمىگەن، نەتىجىدە يىمىرىلمەي ساق قالالىغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئاجىزلىقلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا گېرمانىيىنىڭ بۇنداق مۇشەققەتلەرگە قارشى تاقابىل تۇرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇنداقتا، بۇ يىمىرىلىشنىڭ سەۋەبىنى باشقا يەرلەردىن ئاختۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق، ئەسلىدىكى مەسلە باشقا ئىدى. كونىرىغان ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئاخىرقى سەۋەپ ئەسلى مەسىلىنىڭ تولۇق پەرق قىلىنمىغانلىقى، مىللەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ئىرقنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىغانلىقىدا ئىدى. چۇنكى، مىللەتنىڭ ھاياتىدا بارلىق ھادىسىلار تەسەددۇپلار يىغىندىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئىرقنىڭ كۆپىيىشى، قوغدىلىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تەبىئى نەتىجىلىرىدۇر. بۇ شۇنداق بىر ئىشكى، ئادەملەر ئۆز پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭقۇر سەۋەپلىرىنى تونۇپ يىتەلمىگەن، كۆرسىتىلگەن بۇنداق بىر سەۋەپنى قوبۇل قىلالمىغىنىدىمۇ ئىش ئىرق مەسىلىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ تۇرىۋېرىدۇ.

ئون بىرىنچى باب

ئىرق ۋە مىللەت

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 11:31:03 | ئايرىم كۆرۈش

ئون بىرىنچى باب

ئىرق ۋە مىللەت
خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مۇنداق بىر ئەھۋال شۇنداق كۆپ كۆرۈلىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بەزى ئەمىلى ھادىسىلەر شۇنچىلىك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇغلۇقمۇ نادان خەلق ئۇلارنى خۇددى كور بولۇپ قالغاندەك كۆرەلمەيدۇ ياكى كۆرسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەي كىتىۋېرىدۇ. ئەگەر بىرسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە كىشىگە بۇرۇندىن مەلۇم بولىشى كېرەك بولغان بۇنداق ئىشلاردىن بىرەرسىنى پەرق قىلىپ كىشىلەرگە چۈشەندۈرگىدەك بولسا، بۇنداقمۇ ئىشلار بارمىتى دەپ چۈچۈپ ھەيران بولۇپ ئاغزى ئېچىلىپلا قېلىشىدۇ. ئەتراپىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تونۇشىمىزنى كۈتۈپ ياتقان يۈز مىڭلىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خۇددى كرىستوپ كولومبنىڭ تۇخۇمنى تىك تۇرغۇزۇشتا ئىشلەتكەن ھۆنىرىگە ئوخشاش بەكلا ئاسان بىلگىلى، قىلغىلى بولىدىغان ئىشلاردىن بولىشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، خەلق ئارىسىدا كولومبىغا ئوخشاش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەر بەكلا ئاز ئۇچرىماقتا.
مەسىلەن ئالايلى، ھەممىلا كىشى دېگىدەك بۇ دۇنيادا تىنماي ئايلىنىپ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ بىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي يەر يۈزىدىكى ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقلارنىڭ بىر-بىرسىدىن پەرقلىق ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ھېچكىم كۆرەلمەي، ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپالماي ئۆمۈر بويى قارغۇدەك ئايلىنىپ يۈرىۋېرىدۇ. ئەگەر سەللا دىققەت قىلىپ كۈزىتىلسە، ئەڭ ئاددى جانلىقلاردىمۇ تەبىئەتتە ياشىشى ئۈچۈن تەڭرى تەرىپىدىن پۈتىۋېتىلگەن سانسىزلىغان قانۇنلارغا باغلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇ قانۇنلارغا قەتئى چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ھەرگىز ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ قانۇنلارنىڭ بەزىلىرى ئەۋلات قالدۇرۇش ۋە كۆپىيىش ئىشلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن ھەر بىر ھايۋان ئۆز تۈرىدىكى بىرەر ھايۋان بىلانلا جۈپلىشەلەيدۇ: بۇلبۇل بۇلبۇل بىلەن، توغاي توغاي بىلەن، تۇرنا تۇرنا بىلەن، كۈسۆتكە كۈسۆتكە بىلەن، بۆرە بۆرە بىلەنلا جۈپلىشەلەيدۇ. …
ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ ئۆزئارا جۈپلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپ بەزى پەۋقۇلئاددە ھاللاردىلا بوزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. مەسىلەن قۇللۇق ياكى زۆرۈرىيەتنىڭ مەجبورلىشى، ياكى بولمىسا جانلىقلار ئۆز تۈرىدىكىلەر بىلەن جۈپلىشىشىگە توسالغۇ بولىدىغان باشقا چەكلىمىلەر كۆرۈلگەن ھاللاردىلا بۇ پىرىنسىپقا زىت ھادىسىلەر كۆرۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ھادىسە كۆرۈلىشى ھامان تەبىئەت ئانا بۇ تۈردىكى بۇزۇلۇشلارغا قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سالىدۇ: يەنى بىر بولسا بۇنداق بۇزۇلغان شالغۇت جىنىسلارنىڭ كۆپۈيۈش ئەزالىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياج قاندۇرۇش پەيتلىرىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. يەنى بۇ تۈردىكى چەكلىمىلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنى كېسەللىك ياكى دۈشمەن ھۇجۇملىرىدىن قوغدىنىش كۈچىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش شەكلىدە روي بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋاللار نورىمال تەبىئى ھادىسە ھېساپلىنىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتە، ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزئارا تەڭ كۈچتە بولمىغان ئىككى جانلىق بىر-بىرسى بىلەن جۈپلەشكىنىدە ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر يەردىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر ئارىلاشما ئەۋلاتنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. يەنى بۇ تۈر جۈپلىشىشتىن بارلىققا كېلىدىغان جانلىق، بىر نەچچە بالداق تۈۋەن تۇرىدىغان پەس ئىرققا مەنسۇپ ئانا ياكى ئاتىدىن ھەر دائىم بىر نەچچە بالداق يوقۇرى تۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بالىنى بارلىققا كەلتۈرسە، بىر نەچچە بالداق ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالىي ئىرققا مەنسۈپ ئانا ياكى ئاتىدىن بىر نەچچە بالداق تۈۋەن تۈرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بالىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ بالا كېيىنكى دەۋرلەردە ئۈستۈن ئىرقتىكىلەر بىلەن كۈرەش قىلغىنىدا مۇتلەق تۈردە يېڭىلىپ قالىدىغان بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن، بۇنداق بىر جۈپلىشىش جانلىقلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆزىگە غايە قىلغان تەبىئەت ئارزۇسىغىمۇ زىت كېلىدۇ. تەبىئەت ئانا جانلىقلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە جانلىقلارنى جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق سۈپەت ئۆستۈرۈش يولىنى تۇتقان بولماستىن بەلكى يوقۇرى سۈپەتلىك جانلىقلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرۈش ۋاستىسىغا تايىنىپ تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يولىنى تاللىۋالغان. كۈچلۈك بولغانلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاجىزلارغا ھۆكمۈرانلىق قىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئاجىزلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئىرىپ تۈگەپ كېتىش، ئۆزىنىڭ تەبىئى ئىقتىدارىنى پىدا قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلالمايدۇ. بۇ تەبىئى قانۇنىيەتنى تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز بولغانلارلا ئىنتايىن ۋەھشى بىر قانۇن دەپ ھېساپلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق بىر قانۇننىڭ تىكلىنىشى ئەنە شۇنداق ئاجىزلارنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ساقلىنىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق بىر قانۇن بىلەن ئاجىزلارنى جىسمانى جەھەتتىن تازىلاپ تۇرمىغىنىدا، جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىمكانى بولماي، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ئىستىقبالى بەكلا قاراڭغۇ ھالغا كېلىپ قالغان بولاتتى.
ئىرق ساپلىقىنى قوغداشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان تەبىئەتنىڭ ئارزۇسى نەتىجىسىدە ھەر قايسى ئىرقلار ئارىسىدا پەقەت تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتلەردىلا ئوخشىماسلىقلار پەيدا بولۇش بىلەنلا قالمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا يەنە بۇ ئىرقلارنىڭ ھەر بىرسى ئىگە بولغان ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتىرلىرىدىمۇ پەرقلىنىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن تۈلكە ھەر دائىم بىر تۈلكە بويىچە، غازمۇ ھەر دائىم غازلىقىدا قالىدۇ. يولۋاسمۇ ھەر دائىم يولۋاسلىقىدا قالىدۇ. … بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مىساللاردىن يەنە نۇرغۇن كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، ئوخشىمىغان جىنىسقا مەنسۈپ جانلىقلار ئوتتۇرسىدىكى رۇشەن پەرقلەر، بولۇپمۇ ئۇلاردا بار بولغان كۈچ، ھەرىكەتچانلىق، ئەقىل ۋە ھۇجۇمغا ئۆتۈش ماھارىتى قاتارلىق تەبىئى ئىقتىدارلىرىنىڭ كۆپچىلىك ئىچىدىكى ئوتتۇرچە يىغىندىسىدا كۆرۈلىدىغان تەڭسىزلىكلەردىن بارلىققا كېلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تەبىئىي ئىنىستىنكىت تۈرتكىسىدىن غازغا تەبىئى تۈردە رەھىمدىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەر تۈلكىنى، چاشقانلارغا سەمىمى بىر دوستلۇق رىشتىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەر مۈشۈكنى ھەرگىزمۇ ئۇچرىتالمايمىز.
شۇ سەۋەپتىن، ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشلەرنىڭ سەۋەبلىرى بىر-بىرسىگە چوڭقۇر دۈشمەنلىك ھېسسىياتىدا بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن بەلكى ئاچلىق ۋە بۇنى قاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تۈرتكىسىدىن كېلىدىغان تۇغما ھەۋەس سەۋەپ بولغان. ئۇلاردىكى بۇنداق ئىستەكنىڭ ھەر ئىككىلىسىگىلا تەبىئەت دۇنياسى پەرۋايى پەلەك، ھەتتا تاماشىبىن قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، قىلچە چات كىرمەيدۇ. كۈندىلىك يەيدىغىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئاجىز، كېسەلمەن بولغانلار، جاسارىتى يوق، ئىرادىسىز بولغانلار چوقۇم مەغلوپ بولىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتە، يەنى ئەركەكلەرنىڭ چىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش كۈرىشىدىمۇ ئەڭ تەمبەل، ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئەركەك ھەر دائىم باشقا ئەكەكلەرنى يېڭىپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئارقىلىق نەسىل قالدۇرۇش ھەققىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئىمكانىيىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغان بولىدۇ. ئۆزئارا ئۇرۇش-جىدەللەر تۈرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش قابىلىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بىر ۋاستە بولۇپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق جىدەللەر ئۇلارنىڭ سەغلام، كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۇ جەريان باشقىچە بىر شەكىلدە، يەنى ئەكسىچە سىلىق-سىپايىلىق بىلەن، مۇلايىملىق بىلەن يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، ئاخىرى ئۇنىڭ يېتىلىشى توختىغان، كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىپ كەتكەن بولار ئىدى.
شۇڭا، تەبەتمۇ بۇنداق قوپال كۈرەشتىن ئەنسىرەش ئورنىغا بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تۇغما ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىۋەتكەن. شۇنداق بولغاچقا ئادەتتە بۇ تۈردىكى كۈچلۈك تەبىقىدىكىلەر سان جەھەتتە ئاجىز تەتبىقىدىكىلەرگە قارىغاندا بەكلا ئاز نىسبەتنى تەشكىل قىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر ھەر بىر جانلىقنىڭ ھاياتلىق كۈچى بىلەن كۆپىيىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولۇپ قالغىنىدا ناچارىراق بولغانلار تېز سۈرئەتتە ئارتىپ كېتىپ، ياخشىراقلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە كامىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە، ياخشىراق بولغانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر تۈزەتكۈچى ئامىل لازىم بولىدۇ. تەبىئەت بۇنى ئاجىز بولغانلارنىڭ ياشاشلىرىنى مۈشكۈللەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپىيىشلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە يول قويۇپ، ساغلام، كۈچلۈك نەسىللەرنىڭ كۆپىيىشىگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.
تەبىئەت، ئاجىز بىر مەخلۇقنىڭ كۈچلۈك بىرسى بىلەن جۈپلىشىشىنى خالىمىغىنىغا ئوخشاش، ئالى ئېرقتىكى بىرسىنىڭمۇ پەس ئىرقتىكى بىرسى بىلەن بىرلىشىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، تەبىئەتنىڭ مىڭلىغان ئەسىر مابەينىدە ئىنسانىيەتنىڭ يېتىلىپ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۈتۈن تىرىشچانلىقى يوققا چىقىپ، ھەممە قىلغان ئىشى بىكار بولغان بولاتتى.
بۇ قانۇننىڭ بىردىن بىر توغرا قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى تارىخ نۇرغۇنلىغان مىساللار ئارقىلىق بىزگە ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى. تارىخ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق شەكىلدە مۇنداق بىر ئىشنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويىدۇ: ئالى ئىرق قېنىنى پەس ئىرق قېنى بىلەن ئارىلاشتۇرغاندا، بۇ ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بىر كۈنى بۇ مەدەنىيەت پەيدا قىلغۇچى خەلق ۋەيران بولۇپ يوقۇلۇپ كېتىدۇ. باشقا رەڭلىك ئىرقلار بىلەن بەكلا ئاز ئارىلاشقان نېمىسلاردىن بارلىققا كەلگەن شىمالى ئامېرىكا خەلقى ئۇ يەردە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئىنسان توپىنى، پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مەدەنىيەتنى پەيدا قىلالىدى. ئوتتۇرا ئامېرىكا بىلەن جەنوبىي ئامېرىكادىكى خەلق ئاساسەن ئالغاندا لاتىن ئىرقىدىن كەلگەن خەلق بولىشىغا قارىماي، ئۇلار يەرلىكلەر بىلەن بەكلا كۆپ ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى (بەزى تۈركچە تەرجىمىلەردە تېخىمۇ ئاز ئارلاشقانلىقى ئۈچۈن دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). بۇ مىسالنىڭ ئۆزىلا ئىرقلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ. باشقا ئىرقتىكىلەر بىلەن ئارىلاشماي ساپ بويىچە قالغان نېمىس ئىرقى شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدىلا ئەمەس ھەتتا مەرەزلىشىپ كەتكەن جەنوبى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭمۇ ھاكىم مىللىتىگە ئايلىنالىدى. ئۇلار باشقا ئىرقتىكىلەر بىلەن ئارىلاشماي قېنىنى ساپ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرالىغىنىدا،  كېيىنمۇ ئۇ يەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى مەڭگۈ قولدىن بەرمەي ياشىيالىشى مۇمكىن.
بۇلارنى يىغىنچاقلىغىنىمىزدا، تۈۋەندىكىچە خۇلاسىغا كېلەلەيمىز:
ئالى سەۋىيىلىك ئىرقلارنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈش جىسمانى ۋە ئەقلى جەھەتلەردە چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، بىزنى ياراتقان تەڭرى ئالدىدا گۇناھ قىلغانلىقىمىز ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ئىشلەنگەن بۇ گۇناھ سەۋەبىدىن چوقۇم تىگىشلىك جازاسىنى كۆرىمىز.
تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرىغا قارشى چىققان ئىنسانلار، ئادەمنى ئىنسان سۈپىتىدە ياشىتىپ كەلگەن، قەتئى بوي سۇنۇشقا تىگىشلىك بولغان پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغان ھېساپلىنىدۇ. ئاقىۋەتتە تەبىئەتنىڭ ئىرادىسىگە، ئارزۇسىغا قارشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ يوقۇلۇش يولىنى تەييارلىغان بولىدۇ. بۇ يەردە، زامانىۋى تېنچلىق سۈيەرلەرنىڭ كۈلكىلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاخماقانىلىق، پۈتۈنلەي يەھۇدىيلارچە تىركىشىش، نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز: “ئىنسانىيەت تەبىئەتنى چوقۇم يېڭەلەيدۇ!”
مىليونلىغان كىشىلەر بۇ تۈر يەھۇدىي بىلجىرلاشلىرىنى قىلچە ئويلانماي ئىدىيىۋىي قۇرال قىلىشىپ تەبىئەتكە قارشى كۈرەشتە غالىپ كېلەلەيمىز دەپ خام خىيال قىلىشماقتا. ئەمما ئۇلار تەبىئەتنى يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىدەك قۇرۇق نەزەرىيىدىن باشقا ھېچقانداق بىر پاكىتنى ئوتتۇرغا قويالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئويلاش شۇنچە ئاخماقلىق ھېساپلىنىدۇكى، بۇنىڭدەك خىياللاردىن بىرەر دۇنيا قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمەن دېيىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
ئەسلىدە ئىنسانلار ھەر قانداق بىر مەسىلىدە تەبىئەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ باققانمۇ ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ قىلالىغىنى پەقەتلا سىرلىق تەبىئەتنى توساپ تۇرغان پايانسىز كەتكەن پەردىنىڭ كىچىككىنە بىر بۇرجىكىنى قايرىپ كۈزىتەلىگەنلىكى، بۇ يۇچۇقتىن بىر نەرسىلەر ئاختۇرغانچىلىك، بىرەر نەرسە ئاختۇرۇشنىڭ ئىمكانلىرى بار-يوقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىنلا ئىبارەت ئىدى. نەتىجىدە ئۇلار پەقەت بار نەرسىلەردىن بەكلا ئاز بىر قىسمىنى كەشىپ قىلىشتىن نېرىغا ئۆتەلمىدى. ئۇلار ھەرگىزمۇ تەبىئەتنى تېزگىنلىيەلىگەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى چەكسىز تەبىئەت سىرلىرى ئارىسىدىكى بەزى تەبىئەت قانۇنلىرىنى ئۆگۈنىۋالغىنى ئۈچۈن، بۇ تۈردىكى سىرلارنى، بۇ تۈردىكى قانۇنلارنى بىلەلمىگەن باشقا جانلىقلارغا غوجايىنلىق قىلالىشىلا مۇمكىن. بۇ ھادىسىلەرگە ئاساسەن ئىنسانىيەتنىڭ كىلەچىكى بىلەن ئۇنىڭ ئەقىل كۈچى ھەققىدە بەزى كۆزقاراشلارنىلا ئوتتۇرغا قويالىدى دېيىشىمىزگە بولىدۇ. بۇنى چۈشەنگىنىمىزدىن كېيىنلا ئاندىن ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسى، ئىدىيىسى ھەققىدە ئېنىق بىر باھا بېرەلىشىمىز مۇمكىن. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەر قانداق بىر قاراش ئادەملەر ئارىسىدىكى بىرەر داھىنىڭ پىكىرىدۇر. ئەگەر ئىنسانىيەت بولمىسا ئىدى، بۇ دۇنيادا ئىنسانى قاراشلارنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىرەر قاراشنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئادىمىزاتنىڭ بولىشى شەرت. شۇنداق بولغاچقا، ئىنسان دېگەن بۇ مەۋجۇدىيەت چوقۇم تەبىئى قانۇنىيەتلەرگە بوي سۇنىشى شەرت.
يەنە بۇلاردىن باشقا شەرتلەرمۇ بار: بەزى كۆزقاراشلار پەقەت بەزى كىشىلەرگىلا باغلىق بولۇپ مەۋجۇت بولالايدۇ. بۇ تۈر چۈشەنچىلەر، ئەسلىنى ئىلمى كۈزىتىش ئەمەلىيىتىدىن ئالغان بولماستىن، بۇ كۈنلەردە بەكلا مۇۋاپىق، بەكلا ئېنىق تەرىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان “چوڭقۇر تەجرىبىلىك” لىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر روھى دۇنياسىدىن كەلتۈرۈپ چىققان چۈشەنچىلەر دەپ ئېيتىش ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەنتىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ تۈردىكى چۈشەنچىلەر ھېسسىياتنىڭ، ئەخلاقى قاراشلارنىڭ ئىپادىسى، ئىنسانىيەت مەۋجۇدىيىتىگە باغلىق چۈشەنچىلەردۇر. بۇلاردىن ياراتقۇچى ئىلھام، ئىجابى خىياللار تۇغۇلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق چۈشەنچىلەرنىڭ داۋاملىشىپ تۇرالىشى ئۈچۈن ئىرقلارنىڭ، شۇنىڭدەك ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شەرت. مەسىلەن، دۇنيادا تېنچلىقپەرۋەر قاراشلارنىڭ ئۈستۈلۈككە ئېرىشىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئارزۇ قىلىدىغان بىرسى، پۈتۈن دۇنيانىڭ نېمىسلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلمىغىنىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر نېمىسنىڭ يوقۇلىشى بىلەن تەڭ ئەڭ ئاخىرقى تېنچلىق پەرۋەرمۇ تۈگەپ كېتىشى مۇقەررەر. “تېنچلىقپەرۋەرلىك” بىلجىرلاشلىرىغا، تەبىئەتكە ۋە ئەقىلغا زىت كېلىدىغان بۇ تۈر چۈشەنچىگە، بۇنداق بىر قاپقانغا نېمىسلارغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرمۇ پېتىپ كەتمەكتە (بەزى تەرجىمىلەردە بۇ قاپقانغا ئەڭ چوڭقۇر پاتقان مىللەت نېمىسلار دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). شۇنداق بولغاچقا، تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرىمەن دېيىش ئۈچۈن مەيلى خالىسۇن، مەيلى خالىمىسۇن، تەبىئى ھالدا ئۇرۇش قوزغاشقا ماقۇل بولۇش مەجبۇرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ۋىلسوننىڭ، ئامېرىكىدىن كەلگەن بۇ قۇتقازغۇچىنىڭ ئەسلى پىلانىمۇ شۇ ئىدى. ھېچ بولمىغاندا نېمىس خىيالپەرەسلىرى ئەنە شۇنداق قارىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنى ئارزۇسىغا ئېرىشكەن دېيىش كېرەك.
ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ئىنسانى تېنچلىقپەرۋەرلىكى كۈچلۈك بولغان بىرسى يەر شارىغا غوجايىن بولالىغىدەك غەيرەت بىلەن دۇنيانى بىپايان زېمىنلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ ئالالىغىدەك بولغىنىدىمۇ ئاجايىپ ئېسىل بىر ئىش قىلغان ھېساپلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەكلا مۈشكۈل، ھەتتا بىر ھېساپتا قەتئى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش بولۇش بىلەن بىر قاتاردا يەنە بەكلا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. دېمەك، ئاۋال ئۇرۇش، ئاندىن تىنچلىق ئىشقا ئىشىشى مۇمكىن.
ئەمما ئىنسانىيەت تەرەققىيات جەريانىدا ئاخىرقى پەللىسىدىن ئۆتۈپ بولدى. بۇ مېڭىشىدا ئەندى ئۇنىڭ بارىدىغان ئاخىرقى نوقتىسى ھەرقانداق بىر ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ، ئەقىدىنىڭ ھۆكمۈرۈنلىق قىلىدىغان بىر يەر بولماستىن بەلكى ياۋايىلىقنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان قالايماقانچىلىقنىڭ ھاكىمىيىتى ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر نوقتا بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن يەر شارى يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ. بۇ دېگەنلىرىم بەلكى بەزى كىتاپخانلارغا قىزىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ بۇ پىلانىتىمىز، ئۈستىدە ئادەم بولماي تۇرۇپمۇ ئاسماندا مىليونلىغان يىل ئايلىنىپ ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرىۋەرگەن ئىدى. ئەگەر ئىنسانىيەت ئەقلىدىن ئازغان بىر نەچچە ئىدىيولوگنىڭ ئاغزىغا قاراپ قېلىپ، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ئۆگۈنۈش ئارقىلىق تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۇنۇتقىنىدا، يەر شارى كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتىدىن ئادىمىزاتسىز قۇرۇق بىر پىلانىتقا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىشى مۇقەررەر.
بۈگۈن بىز ھەيران بولۇپ كېلىۋاتقان يەر يۈزىدە ئىلىم-پەن بىلەن سەنئەت، تېخنىكا بىلەن ئىجادىيەتنىڭ مەھسۇلى دەپ قوبۇل قىلغان ھەممە نەرسە ئىنتايىن ئاز ساندىكى، بەلكىم ئەڭ باشتا بىرلا ئىرقتىن كەلگەن ياراتقۇچى مىللەتلەرنىڭ ئەسىرى بولىشى، ئەنە شۇلارنىڭلا پائالىيەت كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن. بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىپ تۇرالىشى ئەنە شۇ مىللەتكە باغلىق. ئەگەر ئۇنداق بىر مىللەت مەغلوپ بولۇپ يوقالغىدەك بولسا، ئۇلار بىلەن بىرگە بۇ دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈپ تۇرىۋاتقان نەرسىلەرمۇ تەڭ يوقۇلۇپ كۆمۈلۈپ كېتىدۇ.
مەسىلەن ئالايلى، تۇپراق ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولىشىدىن قەتئى نەزەر، بۇنداق تەسىرلەر، ھەرخىل ئىرقلارغا ھەر تۈرلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تۇپراقنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى مەلۇم بىر ئىرققا تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشى، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارتقۇزۇشى ئۈچۈن ھەيدەكچى كۈچ بولالىسا، يەنە بەزى ئىرقلارغا يوقسۇزلۇقنى، ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مىللەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تاشقى تەسىرلەر ئۇ مىللەتنىڭ تۇغما قابىلىيىتىگە قاراپ ھەر تۈرلۈك نامايەن بولىشى مۇمكىن. تەبىئى مۇھىت بەزى ئىرقلارنى ئاچارچىلىققا باشلىسا، يەنە بەزىلەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىشى، بۇنداق مۇھىتنى يېڭىپ چىقىشى ئۈچۈن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان بىر تۈرتكە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
بۇرۇنقى دەۋرلەردە، يوقۇرى سەۋىيىلىك ئۇلۇغ مەدەنىيەتلەرنىڭ يىمىرىلىپ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ھەممىسىگە ئۇ مەدەنىيەتنى دەسلەپ بەرپا قىلغۇچى ئىرقنىڭ قېنى زەھەرلىنىپ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەپ بولغان. بۇ تۈر بىر يىمىرىلىش ھادىسىسى ئەسلىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتكە باغلىق بولماي بەلكى مەدەنىيەتلەر ئادەمگە باغلىق دېگەن پىرىنسىپنى ئۇنۇتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەلۇم بىر مەدەنىيەتنى ئاسىراپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ مەدەنىيەتنى ياراتقان ئىنسانلارنى ئاسىراش شەرت ئىدى. ئەمما بۇنداق بىر پىرىنسىپقا ھېچكىم دىققەت قىلمىدى.
ئەمما بۇنداق قوغداش ئىشى زۆرۈرىيەت قانۇنىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولغان ئىنسانلارنىڭ غالىب كېلەلىشىگە باغلىق بىر مەسىلىدۇر.
دېمەك، ياشايمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم كۈرەش قىلىشىمىز شەرت! تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ھەممە ئىش بىر كۈرەش ھېساپلىنىدىغان بۇ دۇنيادا، كۈرەش قىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشقا ھەققى يوق. بۇ پىرىنسىپنى قوبۇل قىلماق ھەقىقەتەنمۇ تەس. ئەمما بۇ بىر ئەمەلىيەت! شۇنىڭدەك، تەبىئەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلايدىغان، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ تۈر بىر قاراشقا ئاساسلىنىپ تەبىئەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلارنىڭ ھالى تېخىمۇ پاجىئەلىك بولىدۇ.
ئىرق قانۇنىيەتلىرىنى ئۇنۇتقان، بۇ تۈر قانۇنىيەتلەردىن نەپرەتلىنىدىغان بىرسى، ئارزۇ قىلغان بەخىتلىك ھاياتتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بىرسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنداقلار ئالى ئىرقنىڭ غالىپ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىگە توسالغۇلۇق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بۇنداق توسقۇنلۇق قىلىشلار ئىنسانىلىق تەرەققىياتىغا تۇنجى ھەيدەكچى بولغان كۈچلەرگە زىيان كەلتۈرۈپ، ئىنسانى ھېسسىياتلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا مىجىلىپ، جانلىقلار تىزىملىكىدە يوقۇرى ئورۇنغا ئېرىشەلمەي ئامالسىز ھايۋانى سەۋىيىدە ياشاشقا مەھكۈم بولىدۇ.

ئالىي ئىرق
ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنى دەسلەپ تىكلىگەنلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەت دېيىلگەن بۇ شەيئىنى ئەمەلىيەتتە بارلىققا كەلتۈرەلىگەن دەسلەپكى ئىرق ياكى ئىرقلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ قىلچە كېرىكى يوق ھەمدە بۇنىڭ ئەھمىيىتىمۇ يوق. ئەگەر بۈگۈنكى ئەھۋاللارنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئاختۇرماقچى بولساق، بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى بەكلا ئاددى بىر شەكىلدە ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دېگىنىمىزدە سەنئەت ئەسەرلىرى، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا سۈپىتىدە نىمىنىلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك پەقەت ئىجادى قابىلىيەتكە ئىگە ئالى ئىرققا مەنسۈپ پائالىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك ئىنسان تىپىنى قۇرغۇچىلار، “ئادەم” دەپ تونىغان شەيئىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تىپىنى شۇلار تەشكىل قىلغان دېگەن خۇلاسىنى چىقىرالايمىز. ئالىي ئىرق دېگەنلىك، ئىنسانىيەتنىڭ پرومېتېسىدۇر (پرومېتې − ئىنسانىيەتكە ئوتنى، يەنى مەدەنىيەتنى بېغىشلىغان دەپ قارالغان بىر ئەپسانىۋى قەھرىمان. − ئۇ.ت). تالانتنىڭ ئىلاھى ئۇچقۇنى ھەر دائىم، قېدىمدىن تارتىپ ئەنە شۇ ئالىي ئىرقتىكىلەرنىڭ نۇرلۇق پىشانىسىدىن پارلاپ چىققان.
سىھىرلىك پەردە بىلەن قاپلانغان قاراڭغۇ كېچىلەرنى ئىزچىل تۈردە يۇرۇتۇپ كېلىۋاتقان، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارغا يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان جانلىقلارغا ھۆكمۈرانلىق قىلىش يولىنى يورۇتۇپ بەرگەن مەشئەلنى ھەر دائىم بىلىم بىلەن قايتا-قايتا تۇتاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلار دەل شۇلاردۇر. ئەگەر ئۇلار ياققان ئۇ مەشئەل بولمىسا ياكى ئۆچۈپ قالسا ئىدى، يەر يۈزىنى چوڭقۇر جاھالەت قاراڭغۇلۇقى قاپلىۋالغان، بىر قانچە ئەسىر ئۆتمەيلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تۇنجۇقۇپ يوقالغان، دۇنيامۇ ئادىمىزاتسىز بىر چۆل ھالىغا كەلگەن بولار ئىدى.
ئەگەر ئىنسانىيەتنى مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلار، ئۇنى خۇددى بىر ئامانەتچىگە ئوخشاش ئاسىراشنى بىلىدىغانلار ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىپ يوق قىلىۋېتىدىغانلار دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغىدەك بولساق، ئىجادى ئىقتىدارلىقلار قاتارىدا پەقەت ئالىي ئىرق ئادەملىرىنىلا كۆرسىتەلىشىمىز مۇمكىن. ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئۇلىنى سالغان، ھەيران قالارلىق ئاجايىپ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلار دەل شۇ ئالىي ئىرققا مەنسۈپ كىشىلەردۇر. ئەمما بۇ ئەسەرلەر بىلەن بۇ كەشپىياتلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئالى ئىرق ئىنسانلىرى ھەر خىل رەڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەسىرىنى يۇقتۇرۇپ ئېلىشلاردىنمۇ قۇتۇلالماي كەلدى.
ئالىي ئىرق ئادەملىرى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مول مىقداردا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلۇغ پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرغان. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بولسا ھەر بىر ئىرقتىكىلەر ئۆز خاھىشىغا ئاساسەن ئەركىن تاللاپ ئىجرا قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئاسىيانىڭ شەرقىدىكىلەر يونانلىقلار، ئۇرۇسلار ۋە نېمىسلارنىڭ بۇ تۈر روھى ۋە تېخنىكىسى بىلەن قۇرۇلغان مەدەنىيەتنى نەچچە ئون يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ مەدەنىيىتى دەپ تونۇيدىغان ھالغا كېلەلىشى مۇمكىن. ئەسلىدە، بۇ مەدەنىيەتنىڭ پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىلا ئاسىيالىقلارغا خاس مەدەنىيەت ئىلھامىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلغان، خالاس. نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغىنىدەك ياپونلار ئۆز مەدەنىيىتىنى ياۋرۇپانىڭ تېخنىكىسىنى قوشىۋېلىپ بەرپا قىلغان بولماستىن، ئەكسىنچە ياپونلارغا خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تاشقى كۆرۈنۈشلەردىلا نامايەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىنى بەرىبىر ياۋرۇپانىڭ بىلىم ۋە تېخنىكىلىرى تەشكىل قىلغان. يەنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان ئالاھىدىلىكلەر ئەسلىدە ياپون مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ياپونلار بۇنداق بىر تۇرمۇشقا ئۆزىنىڭ رەڭگىنىلا بېرەلىگەن، خالاس. بۇ تۈردىكى تاشقى كۆرۈنۈشلەر ياۋرۇپالىقلارنىڭ كۆزىگە بەكلا مۇھىم پەرق بولۇپ كۆرۈنۈپ قالغان. بولمىسا ئەسلى ماھىيەت ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ، يەنى ئالىي ئىرقلارنىڭ كۈچلۈك بىلىمى، تېخنىكىسى ۋە ئىلمى ئەمگىگىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شەرقلىقلەر مانا بۇ ئەمگەكلەرنىڭ نەتىجىسىگە تايىنىپلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ كېلەلىدى. چۇنكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پائالىيىتى بۇ تۈردىكى ئەمگەكلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان، لازىم بولغان قۇرال ۋە سايمانلارنىڭ ياسىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ئىدى. ياپون ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى بولسا پەقەت تاشقى كۆرۈنىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
ئەگەر بۈگۈندىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا يىمىرىلىپ يوقالدى دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا ئالىي ئىرقلارنىڭ ياپونىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ توختاپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ياپونلارنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىلگىرلەشلىرى بۇرۇنقى تەسىرلەر سەۋەبىدىن يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي مەنبە قۇرۇپ يوقالغانلىقى سەۋەپلىك ياپونلارغا خاس ئالاھىدىلىك قايتىدىن بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىدۇ، يەتمىش يىل ئاۋال ئۈستۈن ئىرق دولقۇنى كەلتۈرگەن بۈگۈنكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى توختاپ، ياپونلار قاتتىق ئۇيقۇ ئىچىگە پېتىپ قالغان بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كېتىدۇ.
بۇ پاكىتلارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، ئۈستۈن ئىرقلار بۈگۈنكى ياپونىيىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا قانچىلىك مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭغا ئاساسلانغىنىمىزدا، قېدىمقى دەۋرلەردىمۇ بەلگىلىك بىر ئىنسانلىق سەۋىيىسىدە ياشىيالىشى ئۈچۈن بىر يات روھ بىلەن چەتئەل تەسىرى ياپون مەدەنىيىتىنى ئويغاتقان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىمىزغا بولىدۇ. بۇ ئېھتىماللىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق پاكىت، بۇ كونا مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى ئۇيغۇتۇش دەۋرلەرگە كەلگىچە پۈتۈنلەي قېتىپ قالغان، ئېغىر ئۇيقىغا پېتىپ قالغانلىقىدۇر. بۇنداق ئەھۋال، بىرەر مىللەتتە ئەسلى ئىجادىي ھۈجەيرىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن پەيدا بولىشى، ياكى بولمىسا مەدەنىيەتنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كېرەك بولغان ماتېرىيالنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان تاشقى تەسىر ئۈزۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن.
بىرەر مىللەتنىڭ چەتئەل ئىرقلىرىدىن مەدەنىيەت ئۈندۈرمىلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت بەرپا قىلىشى، ئەمما چەتئەل ئىرقلىرىنىڭ تەسىرى ئۈزۈلۈپ قالغىنىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتى قايتىدىن ئاستىلاپ توختاش، بۇرۇنقى ھالىغا قايتىش نوقتىسىغا كېلىپ قېلىشى ئىسپاتلاپ چىقىرىلغىنىدا، بۇنداق بىر ئىرقنى مەدەنىيەتنىڭ ئامانەتچىلىرى دېيىشىمىزلا مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنى مەدەنىيەت ياراتقۇچىلار دەپ ئېيتالمايمىز.
بۇ ئالاھىدىلىكنى باشقا مىللەتلەر ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ كۆرىدىغان بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئۇيقا دەۋرىگە كىرىپ بۇرۇنقى تەرەققىيات ئىزنالىرىدىن ئايرىلىپ ياشاپ كەلگەنلىكى مەدەنىيەت كەشپىياتچىلىرىدىن ئەمەس بەلكى ھەر دائىم باشقىلاردىن مەدەنىيەت قوبۇل قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت ئامانەتچىلىرىدىن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسىدە مۇنداق بىر تەھلىل يۈرگۈزەلىشىمىز مۇمكىن:
ئالىي ئىرقتىن بولغان ئىنسانلار − بۇنداقلارنىڭ سان جەھەتتە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاز بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالالايمىز − يات ئىنسانلارغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ھالغا كېلىپ، قولغا كەلتۈرگەن بۇ يېڭى ئەل تەمىنلىگەن ھاياتلىق شارائىتلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە تايىنىپ (ئىقلىمى، يېرىنىڭ مۇنبەتلىكى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلماقتا)، ياكى بولمىسا ئۇ يەرلەردىكى پەس ئىرقلارغا مەنسۈپ ئىنتايىن كۆپ ئەرزان ئىشچى كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى يولغا سېلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەرلەردە ئۇيقىغا پېتىپ قالغان تەشكىلاتچى ۋە بىلىملىك روھلارنى ئۇيغۇتۇش رولىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. نەچچە مىڭ يىل، ۋە بەلكىم نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇ يەرلەردە شۇنداق بىر مەدەنىيەتلەر بەرپا قىلىشىدۇكى، بۇ قۇرۇلغان مەدەنىيەت يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ يېڭى ئەلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىگە، ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىنغان خەلقىنىڭ روھىغا ئۇيغۇنلىشىپ شۇ يەرگە سىڭىشىپ كېتىدۇ. يەنى ئۇ پەس ئىرىقلارمۇ يىتەكلىنىپ بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېرىشىپ غوجايىنلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ بارىدۇ. ئەمما بۇ يېڭى ئەلنىڭ ئىشغالىيەتچىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆز پىرىنسىپلىرىغا سادىق بولالماي قېنىنىڭ ساپلىقىنى ساقلىيالماي قالغىدەك بولسا، شۇ سەۋەپتىن بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە كەلتۈرۈشكەن يەرلىكلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇپ قويىشىدۇ. چۇنكى ئەڭ بۇرۇن جەننەتتە ئىشلەنگەن گۇناھ، شۇ ۋاقىتتىن بۇيان سۆرۈلۈپ كېلىپ گۇناھكارلارغا يول ئېچىپ كەلمەكتە ۋە بۇنىڭ جازاسىنى ئىنسانلار تارتىپ كەلمەكتە.
شۇ سەۋەپتىن ئارىدىن بىرەر مىڭ يىل، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇ يەرلەردە ھاكىم بولغان ئىرقنىڭ كۆرۈنگەن قالدۇق ئىزلىرىنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىرقتا ئۇنىڭ قېنىدىن بولغان، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا يەرلىكلەر ئارىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەسلى رەڭگىگە قارىغاندا ئۇچۇق تەنلىك ئىنسانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرالىشىمىز، ئالى ئىرقتىكىلەر ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇپ چىققان، ئەمما كېيىن قېتىپ قالغان مەدەنىيەت ئىچىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ئارىسىدا ساقلانغان سىرتتىن كەلگەن ئىلغارلىق ئىزلىرىنىمۇ ئۇچرىتالىشىمىز مۇمكىن.
چۇنكى، ھاكىم ئىرق باشقۇرۇش ئاستىغا ئۆتكەن ئىرق ئىچىدە قېنىنى بۇلغاپ يوقۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققىيات يولىغا باشلاپ ماڭغان، بۇ يولنى يۇرتۇپ بېرىۋاتقان مەشئەلنى تۇتاشتۇرۇپ بېرىدىغان يانۇچى ماددىمۇ بىرگە يوقىلىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما، ئالى ئىرىقتىكىلەرنىڭ قېنى ئايالى تەرىپىدىن تۇغۇلغان بالىلاردا ئاتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاز-تۇلا نامايەن قىلالىغىنىغا ئوخشاش، مەدەنىيى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچىمۇ قېدىمقى ئىشغالىيەتلەردىكى مۇرەككەپ ئارىلاشمىسىدىن بولغان ئىنسانلارنىڭ تەن رەڭگىدىمۇ ئاز بولسىمۇ يۇقۇندىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ يۇقۇندا ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى خاتىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك مەدەنى ھاياتنى بۇغىدىغان قاراڭغۇ تۈنلەرمۇ بۇرۇنقى يورۇقلۇق ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ قىلغانلىرىدىن قالغان ئىش ئىزلىرى ئاساسىدا ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە مىراس قالغان بۇ تۈر ئوت ئۇچقۇنلىرى قاراڭغۇ تۈنلەرنى ئۇنچە بەك ئېغىر قاراڭغۇلۇق ئاستىدا قالدۇرماي ئاز بولسىمۇ يورۇتۇپ تۇرىدىغان بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئوت ئۇچقۇنلىرى كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن ياۋايىلىقلار ئارىسىدىمۇ كۆرۈلۈپ، يۈزەكى كۈزىتىش ئېلىپ بارغانلارغا ئۇ ياراتقۇچى مىللەتنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك تەسىر بېرەلىشى مۇمكىن. ئەسلىدە بۇ كۈزەتكۈچىلەر ئۇ قالدۇق نۇرلارنىڭ ئەينەكتىكى ئەكىس ئېتىشىنىلا كۆرەلىگەن.
بۇنداق بىر جامائەت، تارىخ ئېقىنى ئىچىدە ئۆزلىرىگە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىرقتىكىلەر بىلەن ئىككىنچى قېتىم، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەت تىكلەپ يېڭىدىن ئۇچراشقانلىرىدا، بۇرۇنقى بىر ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق نەرسىنى ئەسلىيەلمەي پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن بولىدىغان بىر ھالدۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىرقنىڭ قېنىدا ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى ئىرق قالدۇرۇپ كەتكەن تۈرتكە بولغۇچى ئامىللار ياراتقۇچى ئىرقتىكىلەر بىلەن قايتا ئۇچراشقانلىرىدا يېڭى مەدەنى يۈكسىلىشلەرگە يىتەكلىنەلىشى، ئۆز ۋاقتىدا مەجبۇرى قىلىشقا توغرا كەلگەن ئىشلارنى بۇ قېتىم خالاپ تۇرۇپ قىلىدىغان ھالەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن مەدەنىيەت دەۋرى باشلىنىشى، بۇ مەدەنىيەت يىتەكچىلىكىنى ئالى ئىرقنىڭ ساپ قاندىكىلىرى يات قانغا ئارىلىشىپ قايتا بۇزۇلۇپ كىتىشىگىچە داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن.
بۈگۈنكى تەتقىقاتچىلار خۇددى بىزنىڭ ھازىرقى تارىخ بىلىملىرىمىزدە كۆرۈلىۋاتقىنىدەك تاشقى ھادىسىلەر ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدە بوغۇلۇپ يۈرمەكتە. بۇنداق بۇغۇلۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەتقىقاتنى بۇ تەرەپلەرگە بۇراش كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالىدى.
مەدەنىيەتنىڭ ئامانەتچىلىرى بولغان مىللەتلەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئىنقىلاپنىڭ بۇ تۇنجى لايىھە ئىزلىرىنى، يەر يۈزىدە مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئالىي ئىرقلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، كۆمۈلۈپ يوقاپ كەتكەن ئىزنالىرىنى ۋە تەرەققىيات جەريانىنىڭ تارىخى سىخېمىسىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۇقەررەر.
كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا داھى دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقالىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر پۇرسەت پەيدا بولۇشى، ھەتتا ئالاھىدە تۈرتكە بولالايدىغان مۇھىتقا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك، يېڭىلىق يارىتىش تالانتىغا ئىگە بىرەر ئىرق ئۈچۈنمۇ يېڭى تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرەلىشىگە ئۇيغۇن بىر مۇھىت يارىتىلغان بولىشى شەرت. قېلىپلىشىپ كەتكەن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر خىللىقى ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئادەملەرمۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئۇنچە بەك چېلىقىپ كېتەلمەسلىكى، بۇنداق بىرسى شارائىت كەلمىگىچە ئۆز ئەتىراپىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ ئەڭ ئالدىىنقى قاتاردىكى كىشىلەر ھالىغا كېلەلىشىمۇ بەكلا كام كۆرىلىدۇ.
ئەمما، ئۇ كىشىلەر باشقىلارنى ھەيران قالدۇرالىغىدەك بىرەر مۇھىت پەيدا بولىشى ھامان، ئادەتتىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوق بىرسى دەپ قاراپ كېلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەردە تۇيۇقسىز ئىپادىلەنگەن تالانت ئۇچقۇنلىرى كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرۇپ، بۇرۇنقى نورىمال ھايات كۆچۈرىۋاتقان ۋاقتىدىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان جىمغۇرلۇق ھالىتىدىن تۇيۇقسىز سەكرەپ چىقىپ ھەممە كىشىنى ھەيرانۇ-سەس قالدۇرىۋېتەلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىرەر پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنى بۇرۇندىن تونۇيدىغان ۋەتىنىدە ئىزچىل ئابرۇيلۇق بولۇپ كېلىدىغان ئەھۋاللار بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، تالانتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر ھادىسىنى ئەڭ ئاسان كۈزىتىش مۇھىتى ئۇرۇش مەيدانلىرى بولۇپ كەلمەكتە. جەڭ مەيدانلىرىدا ھەممە كىشى نىمە قىلارىنى بىلەلمەي، بىرەر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي يۈرگەن ھالقىلىق پەيتلەردە ئادەتتە ئۇنچە بەك ئەقىللىق دەپمۇ تۇنۇلمايدىغان بەكلا جىمغۇر، بەكلا يۇۋاش كۆرۈنىدىغان بەزى ياشلار تۇيۇقسىز ئوتتۇرغا چىقىپ ئاجايىپ چوڭ قەھرىمانلىق كۆرسىتىۋېتىغان ئەھۋاللار پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى ياشلار پەۋقۇلئاددە قىيىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ قالغان ئەھۋاللار ئاستىدا ئىنتايىن سوغۇققانلىق بىلەن پىلان تۈزۈشنى، تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى، ئاجايىپ كۈچلۈك بىر كۈچ-قۇدرەت بىلەن جان تىكىپ كۈرەشكە ئاتلىنىشنى ياخشى بىلىدۇ. ئەگەر ئەنە شۇنداق ھالقىلىق بىر پەيت پەيدا بولمىغىنىدا ھېچكىم كۆزگىمۇ ئىلماي كالۋا قىياپىتىدە يۈرگەن بۇنداق جىمغۇر ئەسكەرنىڭ ئىچىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتەلەيدىغان بىر روھنىڭ ساقلانغانلىقىنى، قەھرىمانلىق كۆرسىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى ئىكەنلىكىنى ھېچ كىم بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بىرەر داھىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇتلەق تۈردە ئەنە شۇنداق پەۋقۇلئاددە مۇھىت بارلىققا كەلگەن بولىشى شەرت. تەغدىرنىڭ رەھىمسىز زەربىسى كىشىلەرنى ئۇرۇپ دەسسەپ يۈرگەن بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۇشۇرۇن تالانت ئىگىلىرى تۇيۇقسىزلا سەكرەپ چىقىپ خۇددى سۇغۇرۇلغان پولاتتەك كۈچلۈك ئىرادىلىك ھالغا كېلەلىشى مۇمكىن. ئەنە شۇنداق بىرسى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، ھەممىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز ئوتتۇرغا چىقىپ ئىشىنى قولغا ئېلىپ دەرھال نەتىجىنى ئوتتۇرغا چىقىرالايدۇ. ئۇنداق بىر پەيت ئوتتۇرغا چىققىنىدا كۆپچىلىك شۇ كۈنگىچە ئۆزلىرىدىن قىلچە پەرقى يوق بىرسى دەپ تونۇپ كېلىۋاتقان بۇنداق بىرسىنى تۇيۇقسىزلا ئالاھىدە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلغىسى كەلمەي قالىدۇ. بۇنداق ھادىسىلەر ھەر قېتىملىق مۇھىم بىرسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدا كۆرۈلىدىغان ئورتاق بىر ئالاھىلىكتۇر.
مەسىلەن ئالايلى، بىرەر كەشپىياتچى ئۆزىنىڭ كەشپىياتىنى ئوتتۇرغا قويغىنىدىن كېيىنلا ئاندىن داڭلىق بىرسىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنداق بىرسىنىڭ تالانتى شۇ كەشپىيات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كۈنلىرىدىلا تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنداق بىرسىدىكى تالانت ئۇچقۇنلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىلەن بىرلىكتە تۇغۇلۇشىدىن تارتىپلا ئۇنىڭ پىشانىسىغا يېزىلغان بولىدۇ. ھەقىقى تالانت تۇغما بولۇپ، ھەرگىزمۇ تەربىيىلىنىشنىڭ ياكى بىرەر كەسىپ ئۆگۈنۈشىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.
بۇ مىسال شەخسىلەرگە مۇۋاپىق كەلگەن ئىكەن، ئۇ ھالدا ئىرقلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئىرقلار، ئادەتتىكى كۈزەتكۈچىلەر پەرق قىلىپ كېتەلمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇلاردىكى يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ئۇلار پەيدا بولغان، دۇنياغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئۇلاردا بار بولىدىغان تۇغما ئالاھىدىلىكتۇر. بۇ يەردىمۇ تالانتقا ئىگە ئىرقنىڭ داڭ چىقىرىشىمۇ ئۇنىڭ نەتىجە يارىتىشىدىن كېيىنلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ. چۇنكى ئادەتتىكى ئىنسانلار بۇنداق داھىلارنى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى قىياپىتىگە قاراپ پەرق قىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق بىر داھىنى كىشىلەر ئۇنىڭ ياراتقان يېڭىلىقلىرى بىلەن، كەشپىياتلىرى، تىكلىگەن ئەسەرلىرى بىلەن، ياراتقان سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تونىيالىشى، يەنى قولغا چىققىدەك نەتىجىسىنى كۆرگىنىدىن كېيىنلا ئاندىن بۇ تالانتلىق ئىرقلارنى تونىيالىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇنداق بىر داھىنى تونىيالىشى ئۈچۈن بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
بىرەر ئادەمدە ياكى بىرەر داھىدا بولىدىغان تالانت ئالاھىدە شارائىتلاردىلا ھەرىكەتكە كىلەلەيدىغانلىقىغا ئوخشاش، بىرەر ئىرقنىڭ تالانتىنى ئىپادىيەلىشى ئۈچۈنمۇ مۇتلەق تۈردە بەلگىلىك بىر شارائىت ئوتتۇرغا چىققان بولىشى، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈندەيدىغان بىر مۇھىت يارىتىلغان بولىشى شەرت.
بۇ ھادىسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق بىر مىسال كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن: ئۈستۈن ئىرق مەدەنىيىتىنىڭ ئامانەتچىسى بولغان مىللەتلەر بۇ ئامانەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشى جەريانىدىلا مەلۇم بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئامانەتچى مىللەتلەر ئۈستۈن ئىرقلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش شارائىتى تۇغۇلغىنىدا ئاجايىپ ئاكتىپ بىر روھ بىلەن ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېلىپلارغا سېلىپ كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدىغان شەكىللەردە قۇيۇپ كۆپەيتىشكە كىرىشىدۇ. بۇنداق شارائىتتا كۆچۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەتلەر يەر شارائىتىغا، ئىقلىم ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئىنسانلارغا قاراپ ھەرخىل بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلىيەلەيدىغىنى ئەڭ كەسكىن ئىرادىلىك بىلەن ئەڭ مۇكەممەل كۆچۈرەلىگىنى بولىدۇ. مەدەنىيەت يارىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق شارائىت قانچىكى ئىپتىدائى تۈس ئالغان بولىدىكەن، بۇنداق مەدەنىيەتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىدىمۇ شۇنچە كۆپ قول ئەمگىكىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا پايدىلىنىلغان ئىشچى كۈچى ماشىنىلارنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر ئۈستۈن ئىرقتىكىلەر پەس ئىرقلارنىڭ ئادەملىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى كەشىپ قىلالمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى مەدەنىيەت يولىغا باشلاپ ماڭىدىغان تۇنجى قەدەمنىمۇ ئاتالمىغان بولاتتى. خۇددى شۇنىڭدەك قولغا كۆندۈرۈلگەن بەزى ھايۋانلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسىمۇ بۇ تۈر ھايۋانلارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان تېخنىكىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەس ئىدى. ئات، ئىنسانىيەتكە مىڭلارچە يىل خىزمەت قىلىپ، ئادەمگە يان تاياق بولۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ تەرەققىياتنىڭ ئۇلى سېلىندى. بۇ تەرەققىيات ئاپتوموبىلنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، ئاتنىڭ ئورنىنى ئالدى. پات يېقىندا ئات ھېچقانداق بىر ئىشقا ئىشلىتىلمەيدىغان ھالغا كېلىدىغانلىقى ئېنىق. “ئەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى پۈتتۈردى، ئەندى ئۇلار كەتسە بولىدۇ” (چاكارنىڭ ۋەزىپىسى تۈگىدى، ئەندى ئۇنىڭغا ھاجەت يوق دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك؟ − ئۇ.ت) دېگەن ئەقىلىيە سۆزى، ئەنە شۇنداق چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئەقىلىيە سۆزى ئىكەنلىكى ئېنىق. ئەمما ئەنە شۇ ياردەمچى ئات كۈچى بولمىغان بولسا ئىدى، ئىنسانلار بۈگۈنكى تەرەققىيات سەۋىيىسىگە بەكلا تەستە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئەنە شۇ تەرىقىدە پەس ئىرقتىن بولغان ئادەملەرنىڭ بارلىقى، ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئىشى ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ جەرياندا مۇھىم بىر ۋەزىپىنى بەجا كەلتۈرۈپ بېرىشكەن ئىدى. پەس ئىرقتىن بولغان بۇ كىشىلەر تەرەققىيات ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددى ۋە جىسمانى كۈچ يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن ھېساپلىنىدۇ. بۇ ماددى مەنبە بولمىسا ئىدى، بۇنچە تەرەققىياتنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىسى ئېنىقكى، دەسلەپكى مەدەنىيەتلەر قولغا كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلار كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەمەس، بەلكى پەس ئىرق ئادەملىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ھېساۋىغا مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن. ئەمما مەغلوب بولغان ئاجىز ئىرقلارنىڭ قۇللار ھالىغا كەلتۈرۈلىشىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر كېيىنچە ھايۋانلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ. بۇ يەردە بەزىلەر ئاۋال ھايۋانلار ئىشلىتىلىپ ئاندىن قۇللار ئىشلىتىلگەن دەپ خاتا قارىۋېلىشقان. چۇنكى ساپاننى ئەڭ بۇرۇن مەغلوپ بولغان، قۇل قىلىنغان پەس ئىرقلارغا سۆرەتكەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئات ئۆتكەن. بۇ ئەمەلىيەتنى ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىدا يوشۇرۇپ سۈكۈت قىلىپ ئۆتكىزىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش، ئەقلىدىن ئازغان بىر تېنچلىقپەرۋەرنىڭلا ئىشى دېيىشكە بولار. بۇ تۈردىكى خاۋارىشلار، ئۇ ئاخماق تېنچلىقسۈيەرلەر ساختىپەزلىكلىرىنى قىلالىشىغا يەتكىدەك گەپ ئۆگۈنىۋېلىشتا بۈگۈنكى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە كېلىش ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ شەرت بولىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ.
ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئادەتتە چەكسىز پەلەمپەيلىك بىر يۇقۇرى ئۆرلەش جەريانىدۇر. بۇ جەرياندا تۈۋەنكى پەلەمپەيلەرنى بېسىپ ئۆتمەي تۇرۇپ يوقۇرى ئۆرلەش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئۈستۈن ئىرقلارمۇ زامانىۋى باراۋەرلىكچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشقىنىدەك ئۇنداق خىيالى يولدا ھەممە بىرلىكتە يول يۈرگەن بولماستىن، بەلكى ئەمەلىيەت ئالىي ئىرقتىكى كىشىلەر كۆرسەتكەن يولنىڭ ئەڭ تۈۋەن باسقۇچلىرىدىن باشلاپ بالداقمۇ-بالداق ئۆرلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ھەقىقەتنىڭ يولى ھەقىقەتەنمۇ جاپا مۈشەققەتلىك بىر يول ئىدى. ئەمما شۇ تېنچلىقچىلارنىڭ ئىنسانىيەت يېتىپ بېرىشىنى مۆلچەرلەشكەن نوقتىغا ئەنە شۇ يول ئارقىلىقلا يېتىش مۇمكىن. تېنچلىقچىلارنىڭ كۆرسەتكەن يولى بۇ نوقتىغا يىتەكلەش تۇرماق بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىۋېتىدىغان بىر يولدۇر.
دەسلەپكى مەدەنىيەتلەر ئۈستۈن ئىرقلار بىلەن ئۇچراشقان پەس ئېرقلار بار يەرلەردە، ئۇلار بوي سۇندۇرۇلغان يەرلەردە پەيدا بولغانلىقى ھەرگىزمۇ بىر پەۋقۇلئاددە توغرا كېلىپ قالغانلىق ئەمەس. بۇ پەس ئىرقلار دۇنياغا كېلىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ دەسلەپكى تېخنىكىلىق قۇرالى بولۇش رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقان ئىدى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈستۈن ئىرقلار كۆرسەتكەن توغرا يولغا چۈشكەن ئىدى. بۇ يولدا ئۈستۈن ئىرق ئادەملىرى ئىشغالىيەتچى سۈپىتىدە پەس ئىرقلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆز غايىسى ۋە ئارزۇلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يولغا سېلىپ تەرتىپكە سالىدۇ ۋە ئەمەلى پائالىيەتلەرگە يىتەكلەيدۇ. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ شۇنچىلىك مۇشەققەتلىك بىر ئىش بولىشىغا قارىماي، ئۇلارنى پايدىلىق يولغا يىتەكلەپ ئۆز ئىرادىسى ئاساسىدا بەلگىلەنگەن يولىدا تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەنلا قالماي، بۇ پەس ئىرقتىكىلەرنىمۇ ئۇندىن بۇرۇنقى “ئەركىنلىك” دەۋرىلىرىدە كۆرگەن كۈنلىرىدىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن سەۋىيىدىكى بىر ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشتۈردى. ئۈستۈن ئىرق ھەممىگە ھاكىم بولۇش مەۋقەسىنى تەۋرەنمەي ساقلاپ كىلەلىگەن ۋاقىتلاردا ھۈكمۈرانلىق ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان بولماستىن، بەلكى تەرەققى قىلىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭمۇ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. چۇنكى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن تەرەققى قىلالىشى پۈتۈنلەي ئۈستۈن ئىرقنىڭ غايىسى، قابىلىيىتى ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى ساقلىشى ئاساسىغا تىكلەنگەن ئىدى. پەس ئىرقتىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغانسىرى ھاكىم سىنىپلار تەركىۋىگە كەسىپى جەھەتتىن يېقىنلىشىشقا باشلاپ، غوجايىن بىلەن خىزمەتچى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقلەرمۇ ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرمۇ قان ساپلىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەس بولۇپ ئۆزگىرىشكە، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۆزى ياراتقان جەننەتتە ياشاش ھەققىدىنمۇ ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ قېلىشقا باشلايدۇ. ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى قان بۇلغۇنىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ئابرويىمۇ تەدرىجى ئازىيىشقا باشلاپ، مەدەنىيەت ياراتقۇچى ئىقتىدارلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولۇشقا باشلايدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۈستۈن ئىرقتىكىلەر ئەقلى جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى جىسمانى جەھەتلەردىمۇ يەرلىكلەرگە، ئۆز سېپىگە قوشىۋالغانلارغا ئوخشاپ قېلىشقا باشلايدۇ؛ ئالى ئىرقتىكىلەرنىڭ يەرلىكلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەجداتلىرىغا خاس ئىرىسىي ئۈستۈنلۈكلىرىمۇ يوقۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار يەنە بىر مەزگىل بۇرۇن قۇرغان مەدەنىيەت قالدۇقلىرىغا تايىنىپ ياشاپ باققان بولسىمۇ، تەرەققىياتى تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە كىرىپ قېلىپ ئاخىرى بەرىبىر يىمىرىلىشتىن خالى بولالمىدى: ئۇلار قۇرغان مەدەنىيەت ئاخىرىدا غايىپ دۇنيا ئاستىغا كۆمۈلۈپ پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى.
مەدەنىيەتلەر، ئىپىرىيىلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە يىمىرىلىپ ئورنىنى يېڭىلىرىغا بوشىتىپ كەلمەكتە. دېمەككى، قېدىمقى مەدەنىيەتلەرنىڭ يىمىرىلىشىغا قان بۇزۇلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىرق سۈپىتىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشى بىردىن-بىر سەۋەپچى بولغان. شۇنداق بولغاچقا، مىللەتلەرنىڭ يوقۇلىشىغا ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغانلىقى سەۋەپ بولغان بولماستىن، ئۈستۈن بىر قاننىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكلىرىدىن بىرى بولغان بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ يوقۇلىشى سەۋەپ بولغان دېيىش كېرەك. ئەنە شۇ سەۋەپتىن، بۇ دۇنيادا ئۈستۈن ئىرقتىن ئايرىلغان ھەر قانداق جانلىق شامال ئۇچۇرتۇپ توزۇپ كېتىدىغان بىر قامقاقتەك تارىخنىڭ ئەخلىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇنىڭغا قارىماي، ھەر قانداق بىر تارىخى ھادىسە ياخشى ياكى يامان تەرەپلىرى بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئىرقلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئىنىستىنكىت كۈچىنىڭ (ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش تۇغما ئىستىگىنىڭ، ھايات ئۈچۈن ئىنتىلىشىنىڭ − ئۇ.ت) ئۆزىنى ئىپادىلىشىدىن باشقا ئىش ئەمەس. ئۈستۈن ئىرقلارنىڭ يىتەكچىلىك رولى، پەس ئىرقلاردىن ئۈستۈنلىكى، ئەسلىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش تۇغما ئارزۇسى ئىگە بولۇپ تۇرىۋاتقان كۈچ-قۇدرىتىدىن بارلىققا كەلگەن دېيىش مۇمكىن. ئادەتتە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تۇغما ئىستىگى بىلەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان ئىرادە كۈچى سوبېكتىپ جەھەتتە بارلىق ئىنسانلاردا تەڭ دەرىجىدە مەۋجۇت بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
شۇڭا، ئەڭ ئىپتىدائى جانلىق تۈرلىرىدىمۇ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىچكى تۈرتكىسى شۇ شەخسنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىزىقىش ۋە ئەنسىرەشتىدىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ. بۇ تۈر نورىمال بولمىغان ھالىتىنىڭ ئىپادىسى “شەخسىيەتچىل” بولىدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىنى داۋاملىق ئىپادىلەش جەريانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇ مەنچىلىك ھەممە نەرسىنى شۇ پەيت ئۈچۈن، ئۆزى ئۈچۈنلا تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىۋېلىپ، كىلەچەك ئۈچۈن بىرەر نەرسە مىراس قالدۇرۇشقا ئىنتىلمەيدىغان مىجەزنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ خۇددى پەقەت ئۆزىنىلا كۆزلەپ ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ مىجەزىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق بىر ھايۋان يەيدىغىنىنى پەقەت قۇرسىقى ئاچقان ۋاقتىدىلا ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ؛ پەقەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىلا مەقسەت قىلىپ ئۇرۇشىدۇ. ئۆزىنى قوغداش تۇغما كۈچى بۇ شەكىلدە ئىپادىلەنگىنىدە، بۇنداق بىر ئىچكى تۈرتكە ھەرگىزمۇ بىرەر جامائەت شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ھەتتا ئەڭ ئىپتىدائى ئائىلە شەكلىنىمۇ ئوتتۇرغا چىقىرالمايدۇ. چىشى بىلەن ئەكەكنىڭ بىرلىشىپ تۇرمۇش قۇرىشى ئەسلىدە جۈپلىشىش ئېھتىياجىدىن ھالقىغان بىر جەريان بولۇپ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش تۇغما قابىلىيىتىنى كېڭەيتىشكە مۇھتاج بولىدىغان بىر جەريان بولىشى كېرەك. چۇنكى، شەخسلەرنىڭ ئۆز مەنلىكى ئۈچۈن خاتىرجەملىك ھېس قىلىشى، ئۆزىنىڭ قوغدىنىشى ئۈچۈن ئۇرۇشۇشقا مەجبورلىنىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەرمۇ بۇ جۈپلىشىش مۇھتاج بولغان باشقا ئامىللارنى ئۇنۇتماسلىقنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. يەنى ئەركەك تەرەپ بەزىدە چىشى ئۈچۈنمۇ يەيدىغان نەرسە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر. يەنە بەزىدە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ بالىلىرىغا يەيدىغان نەرسە تېپىپ كېلىش ئۈچۈن تەڭ ھەرىكەت قىلىشقا، بىرسى يەنە بىرسىنى ھەر دائىم قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئىچكى تۈرتكىلەر ئىنتايىن ئىپتىدائى ۋە بەكلا يىتەرسىز بولۇپ كۆرۈنگەندەك قىلغىنىدىمۇ بۇ تۈر تۇغما تۈرتكىلەر پىداكارلىق روھىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى بولۇپ روي بېرىدۇ. مانا بۇ روھ، ئائىلىنىڭ تار چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىقلارغا ئىمكانىيەت بېرىدىغان كىشىلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ھەقىقى دۆلەتلەرنىمۇ پەيدا قىلىدىغان دەسلەپكى شارائىتلارنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بۇنداق مۇھىت ئەڭ پەس ئىرقتىن كەلگەن ئادەملەردە بەكلا ئاز يېتىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن شەكىللەنگەن مىللەتلەردىكى پىداكارلىقلار پەقەتلا ئۆز ئائىلىسى دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.
كىشىلەر شەخسى مەنپەئەتىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشقا قانچىكى مايىل بولالىسا، بۇنداق كىشىلەردىن كەڭ خەلق جامائىتىنى شەكىللەندۈرۈش قابىلىيەتلىرىمۇ شۇنچە كۈچلۈك ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
ئىنسانلاردىكى شەخسى تىرىشچانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا يىتەكلەيدىغان، ھەتتا لازىم بولغىنىدا ھەمجىنىسلىرى ئۈچۈن ھاياتىنىمۇ پىدا قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان بۇ پىداكارلىق روھىي تۇيغۇلار ئالى ئىرقلاردا ئالاھىدە كۈچلۈك يېتىلگەن بولىدۇ. ئالى ئىرقلارنىڭ ئۈستۈنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئالاھىدىلىك ھەرگىزمۇ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يوقۇرى بولغانلىقىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بارلىق قابىلىيىتىنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا مايىل بولىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك، ئالى ئىرقتىكىلەرنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىدۇ. ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش تۇغما قابىلىيىتى ئۈستۈن ئىرقتىكىلەردە ئەڭ ئىسىل سۈپەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ: ئۈستۈن ئىرقتىكىلەر شەخسى مەنپەئەتىنى كۆپچىلىكنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىختىيارى شەكىلدە ئاتىيالايدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆز مەنپەئەتىنى كۆپچىلىك ئۈچۈن پىدا قىلىشقا تەييار تۇرالايدۇ.
ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت ياراتقۇچى، ئىجادىيەت قابىلىيەتلىرىنىڭ مەنبەسى ئۇلارنىڭ ئەقىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىدىن كەلگەن ئەمەس. ئەگەر ئۇلار پەقەت يېڭى پىكىر ئوتتۇرغا قويۇش قابىلىيىتىگىلا ئىگە ئادەملەر بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا يالغۇز ۋەيران قىلىشنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ، ھەرگىزمۇ تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولالمىغان بولار ئىدى. چۇنكى، ھەر قانداق بىر تەشكىللەشچانلىقنىڭ تۈپكى شەرتى شەخسنىڭ ئۆز پىكىرىنى، ئۆز مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش دەيدىغان ئۇقۇمدىن ۋاز كېچىپ، كۆپچىلىك مەنپەتى ئۈچۈن پىدا قىلىش بولۇشى كېرەك. ئۇلار كۆپچىلىك مەنپەتى ئۈچۈن، كۆپچىلىككە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق، ئۆز نىسىۋىسىنىمۇ ۋاستىلىق بىر شەكىلدە قولغا كەلتۈرگەن ھېساپلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇنداق بىرسى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى كۆزلەپ ئىش قىلمايدۇ. ئومۇمنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانلار ئارىسىدا ئۆزىنى كۆزلىمەي كۆپچىلىك مەنپەتىنى كۆزلىگەن ھالدا پائالىيەت قىلىدۇ، ئەنە شۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا “ئىشلەش” ئۇنىڭ بۇ ئۆزگەرمەس رۇھىنى ئىنتايىن مۇكەممەل ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇ “ئىش” دېگەن سۆزگە ئۆز ھاياتىنى قوغداشقىلا پايدىلىق بولغان بىرەر ھەرىكەت دەپلا چۈشەنمەستىن، بەلكى بۇ جامائەتنىڭ ئۇمۇمىي مەنپەتىگە پايدىلىق بولىدىغان بىر ھەرىكەت دەپ چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئىنسانلار پائالىيىتىدە شەخسىيەتچىل بولۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان، باشقىلارنى قەتئى كۆزدە تۇتماي ئۆزىنىڭلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش تۇغما قابىلىيىتىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، دۇنيادىكى باشقا ئىشلارغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، “ئىش” دېگەن بۇ سۆزنىمۇ ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، جازانىخورلۇق دەپلا چۈشىنىۋالغان بولاتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىشنى دەپ شەخسى مەنپەتنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بۇنداق رۇھى قابىلىيەت ھەقىقى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئەسەر ئىگىسىگە كامدىن-كام مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان، كېيىنكىلەر كەڭ كۆلەمدە مەنپەتدار بولىشى ئۈچۈن مەنبە بولالايدىغان ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق شەرتلەر ئاستىدىلا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىك مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلىپ نامراتلىق ئىچىگە چۈشۈپ يوقسۇزلۇق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قالغىنىدىمۇ بۇنداق جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنى پەقەت شۇ شەكىلدىلا چۈشەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن. ئۆزى راھەت-پاراغەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ يۈرىدىغان ھەر بىر ئىشچى، ھەر بىر دېھقان، ھەر بىر كەشپىياتچى، ھەر بىر مەمورى كادىر، … بۇنداق ئىشلەشنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەندەك قىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئەنە شۇنداق ئىسىل ئەقىدىنىڭ ۋەكىللىرى ھېساپلىنىدۇ. ئىشلەش، ئادەمنىڭ ھاياتى، تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى قائىدىسى دەپ چۈشىنىش قانچىلىك توغرا بىر قاراش بولالىسا، ئىنسانىيەت بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاسىراش ساھەلىرى ئۈچۈن ئىشلەش ئەڭ ئاساسلىق ئىنسانىيەتچىلىك دەپ قاراشمۇ شۇنچە توغرا بىر قاراش ھېساپلىنىشى كېرەك. كوللىكتىپنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى پىدا قىلىش روھى، پىداكارلىق رۇھىنىڭ يوقۇرى تاجىدۇر. ئەنە شۇنداق بىر پىداكارلىقلا، ئىنسان كۈچىدە ئىشلەنگەن نەرسىنىڭ يەنە ئىنسان كۈچى بىلەن ۋەيران قىلىنىشىنىڭ ياكى تەبىئەت كۈچى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر رۇھنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىشلارنى ئىپادىلەشتە نېمىس تىلىدا بۇنىڭغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر گەپ بار: ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش. بۇ دېگەنلىك، ئۆز ئېھتىياجىنى رازى قىلىش بىلەنلا بولدى قىلىپ قالماي، كۆپچىلىك ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىش كېرەك دېگەنلىكتۇر. بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ مەنبەسى بولغان رۇھى قابىلىيەتنى “شەخسىيەتچىلىك” تىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن “غايە” دەپ ئاتايمىز. بۇ ئاتالغۇنى شەخسىلەرنىڭ كۆپچىلىك مەنپەتى ئۈچۈن، ھەمجىنىسلىرى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە رۇھ دەپ چۈشىنىمىز. غايە، ھەرگىزمۇ ھېسسىياتقا سەل قارىلىدىغان بىر ئىپادە ئەمەس. غايە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دېيىلگەن نەرسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى، مەڭگۈ شەرت بويىچە قالىدىغان نەرسە، ھەتتا ئىنسان دېگەننى ياراتقا نەرسىمۇ غايە دېيىش مۇمكىن. ئۈستۈن ئىرقلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى رۇھنىڭ دەل شۇ قابىلىيىتى بارلىققا كەلتۈرگەن، دۇنيامۇ ئەنە شۇ قابىلىيەت ئارقىلىقلا ئىنسانلارغا ئېرىشەلىگەن دېيىش مۇمكىن. غايە بولماي تۇرۇپ رۇھنىڭ بارلىق تۈرتكىلىرى، ئەڭ جەلىپ قىلارلىق بولغانلىرىمۇ پەقەتلا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولمىغان سىرتقى كۆرۈنۈشى بويىچە قېلىپ، ھەرگىزمۇ ئىجابى بىر قۇۋۋەتكە ئايلىنالمايدۇ.
ئەمما، غايە دېگىنىمىز كىشىلىك مەنپەئەتلەرنىڭ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئومۇم مەنپەئەتىگە، ئومۇمنىڭ ھاياتىغا باغلىق بولغانلىقىدىن باشقىچە بىر نەرسە ئەمەس. بۇ يەنە كېلىپ تەشكىللىنىش شەكىللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەرتىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، غايە دېگىنىمىز ئاخىرقى ھېساپتا تەبىئەت تەلەپ قىلغان غايىلارغىمۇ تەڭ كېلىدۇ. ئىنسانلىققا كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئىمتىيازىنى پەقەت غايىلا تونۇتقۇزالايدۇ، ئادەمنى كائىنات سىستېمىسى ئىچىدىكى ئىنتايىن كىچىك ئۇنسۇرلاردىن بىرى ھالىغا كەلتۈرگەنمۇ يەنە شۇ غايىدۇر.
ھەقىقىي غايىنى يولدىن ئازغان قىممىتى يوق، كېرەكسىز پائالىيەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر غايە دېگىنىمىز ئەقىلنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېتەلمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇنى بەرىبىر ھېس قىلىپ تۇرالايمىز، ئۇ بىزنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك تەپەككۈر كۈچى بۇزۇلمىغان، يەنى ئەقلى بۇزۇلۇشقا ئۇچرىمىغان ساغلام بىر ياشقا ئەركىن مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگىنىمىزدە، ئۇ ساغلام ياشتا غايىنىڭ تەسىرلىرىنى بىر قاراشتىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن. غايىلىك كۆرۈنىۋالغان تېنچلىقپەرۋەر بىرسىنىڭ تۈگىمەس ھىكايىلىرىغا قىزىقمايدىغان، ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان بىر ياش، ئەسلىدە ئۆز مىللىتىنىڭ غايىسى ئۈچۈن ياش ھاياتىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ.
بۇ يەردە ئىچكى تۇيغۇلار شەخسنى پىدا قىلىش ھېساۋىغا بولسىمۇ ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت بىلەن مىللىتىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇدىغان چوڭقۇر مەجبورىيەت ئېڭىغا بوي سۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر قانچە شەكىل ئۆزگەرتىپ تۇرىشىدىن قەتئى نەزەر، ئەسلىدە يىتىلىش قانۇنلىرىغا قارشى چىقىشتىن باشقا بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان قورقۇنچاق، پەسكەش شەخسىيەتچىلەرنىڭ، كوت-كوت تېنچلىقپەرۋەرلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن نىقاپلانغان خام خىياللىرىنى قەتئى رەت قىلىشىدۇ. چۇنكى مۇكەممەللىك شەخسنىڭ كۆپچىلىك پايدىسىغا پىداكارلىق كۆرسىتىش رۇھىغا باغلىق ئىش بولۇپ، تەبىئەتنى ھەممىدىن تولۇق تونۇپ يەتتىم دەپ تۇرىۋالىدىغان پەسكەشلەرنىڭ، قورقۇنچاقلارنىڭ ئوتتۇرغا قويۇشقان بىر قىسىم نەزەرىيىلىرىگە باغلىق ئەمەس.
مەدەنىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېساپلىنىدىغان، ئىنسان توپلۇملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان غايىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىش خەۋىپى كۆرۈلگەن دەۋرگە دۈچ كېلىۋاتقان مەزگىللەردە ئىنسانىيەت توپلىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان، مەدەنىيەتنىڭ دەسلەپكى شەرتى بولغان قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. بىرەر جامائەت توپىغا شەخسىيەتچىلىك ھۈكمۈران بولىۋالغان ھامان جەمىيەت مۇناسىۋەتلىرى ئاجىزلاشقا باشلاپ، كىشىلەرمۇ بۇ تۈر ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن ھەممە ئۆز مەنپەئەتىنىڭ كويىغا چۈشۈپ قېلىپ، جەننەت يولىنى تاشلاپ جەھەننەم يولىغا قاراپ ئېقىن قىلىشقا باشلايدۇ.
كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۆزىنىڭلا غېمىنى قىلىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، كۆپچىلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز بەختىنى پىدا قىلىدىغان قەھرىمانلارنى ھەر دائىم ئەسلەپ مەدھىلىشىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ مىجەز خاراكتېرى ئۈستۈن ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بەلكىم يەر يۈزىدە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش تۇغما قابىلىيىتى يەھۇدىي ئىرقىنىڭكىدەك يېتىلگەن باشقا بىر ئىرق بولمىسا كېرەك؟ ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن زامانغىچە ئۆزىنى ساقلاپ كېلەلىگەنلىكى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك دەلىلى بولالايدۇ. كېيىنكى ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە خاراكتىر جەھەتتە، قابىلىيەت جەھەتتە قايسى مىللەت يەھۇدىلارچىلىك ئاساسەن ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ كېلەلىدى؟ شۇنىڭدەك يەنە قايسى مىللەت چوڭ-چوڭ ئىنقىلاپلارغا يەھۇدىيلارچىلىك كۆپ ئارىلىشالىدى؟ شۇنىڭغا قارىماي يەھۇدىيلار ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاجايىپ ئېغىر پاجىئەلىك مۇھىتلاردا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەي ئۆز پېتى ساقلاپ، قىلچە زىيانغا ئۇچىرىماي قۇتۇلۇپ كەلمەكتە. يەھۇدىي دېگەن بۇ  مىللەت، قاتتىق جاھىللىق بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىگە ئىگە، ھەم جىنىسلىرىنىڭ داۋاملىقلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق جاھىللىق بىلەن تىركىشەلەيدىغان بىر مىللەت!
مىڭلىغان يىللار مابەينىدە يەھۇدىيلاردىمۇ تەپەككۈر قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ يېتىلگەن. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار “قۇۋ ئادەملەر” دېيىلمەكتە. دېمىسىمۇ ئۇلار بىر مەنىدە ھەر زامان قۇۋلۇق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلاردىكى ئەقىل ھېچقاچان بۇ تۈر ئىچكى تەكەممۇللۇقنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن ئەمەس. ئۇلار پەقەت باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىقلا بۇنداق بىر ئەقىلگە ئېرىشەلىگەن. ئادەمنىڭ تەپەككۈر كۈچى دۈچ كەلگەن پەلەمپەيلەرنى بىر-بىرلەپ بېسىپ ئۆتمەي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ تولۇق قۇرامىغا يىتەلمەيدۇ. شۇڭا، يوقۇرى ئۆرلەش ئۈچۈن تاشلانغان ھەر بىر قەدەم، ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلىشقا مەجبۇر. يەنى بۇرۇن تىكلەنگەن مەدەنىيەت ئاساسلارغا تايىنىشقا مەجبۇر. بۇ تۈردە مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ھەر بىر پىكىر، شەخسى تەجرىبىنىڭ بەكلا ئاز بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى چۈشەنچىلەر ئۆتمۈشتىن كەلگەن تەجرىبە جوغلانمىلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
مەدەنىيەتنىڭ ئادەتتىكى سەۋىيىسى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۈن-تۈنسىز ھالدا شەخسىلەرگە نۇرغۇنلىغان ئومۇمىي ساۋاتلارنى يۇقتۇرۇپ كىشىلەرنى سەزدۈرمەستىن يىتىشتۈرىدۇ، ئۇلارنى قۇراللاندۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسىلەن بۈگۈنكى ياشلار كېيىنكى بىر ئەسىردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شۇنچە كۆپ تېخنىك كەشپىياتلار ئىچىدە يېتىشمەكتىكى، بۇندىن نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى ئىنتايىن ئەقىللىق دەپ قارالغان كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان نەرسىلەر بۈگۈنكى ياشلار ئۈچۈن ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان، ھەممە بىلىدىغان، بەكلا نورىمال بىلىم بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بۇ بىلىملەر بۈگۈنكى نۇرغۇن ياشلار ئۈچۈن بىلىم ئېلىش يولىدا بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە نەرسىلەر بولىشىغا قارىماي، بۇ بىلىملەرنى ھەممە بىلىدىغان ئاددى ساۋاتلار دەپ ھەرگىزمۇ ۋاي دەپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئەنە شۇ ئاددى ساۋات بىلىملىرى بۇ ياشلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئاساس بولۇپ بەرمەكتە. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىگىرمە يىلىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بىر ئۇلۇغ كەشپىياتچى ئۇشتۇمتۇت تىرىلىپ گۆرىدىن قوپۇپ چىقىپ كەلگىدەك بولسا، بۈگۈنكى بۇ تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ بۇ ئەھۋالغا ماسلىشالىشى ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ئون بەش ياشلىق ئادەتتىكى ئەقلى سەۋىيىگە ئىگە بالىچىلىك بولسىمۇ قىينىلىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئادەملىرىدىن ھەرقاندىقى بۈگۈنكى مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىشى جەريانىدا قىلچە سەزمەستىن بۈگۈن ئۈچۈن تەييارلىق باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ھېلىقى گۆردىن چىققان ئالىم ئۈچۈن بۇنداق تەبىئىي يىتىلىش پۇرسىتى بولمىغاچقا ئۇنىڭدا ئىنتايىن زور بىر بوشلۇق پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئاددى ساۋات بىلىملىرىنى چۈشىنەلىشى ھەقىقەتەنمۇ چەكسىز غەيرەت كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى ئېنىق.
بۇ ئىزاھاتلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، يەھۇدىيلار ھېچ قاچان ئۆزىگە خاس بىرەر مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چۈشەنچە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىنى ھەر دائىم باشقىلار تەمىنلەپ كەلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ چۈشەنچە شەكلى ھەر دائىم ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان مەدەنىي دۇنيانىڭ ئىچىدە، بۇ مەكتەپتە ئۈزلۈكسىز يىتىشىش ئارقىلىق بۇگۈنكى ھالغا كىلەلىگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىيلار ئۆز بىلىمىگىلا تايىنىپ يېتىشەلىگەن خەلق ئەمەس. بۇنداق بىر ئىش ھېچ قاچان كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس.
يەھۇدىلاردا غايە دەيدىغان نەرسە ھېچ قاچان بولغان ئەمەس. يەنى، يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش تۇغما قابىلىيىتى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىشىغا، چۈشىنىش تۇيغۇسى باشقا ئىرقلارنىڭ رۇھى قابىلىيەتلىرى ئالدىدا بويۇن ئەگمەيدۇ دەيدىغان قاراشنى ئىپادىلەپ تۇرغىنىغا قارىماي، ئۇلاردا مەدەنى مىللەت بولىشى ئۈچۈن ئاساسى شەرتلەر ھېچقاچان تەييارلانغان ئەمەس. قىسقىسى، يەھۇدىلاردىكى پىداكارلىق ئۇلاردا بار بولغان شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى ساقلاش تۇغما قابىلىيىتىنى ئاساس قىلىپلا بارلىققا كەلگەن. ئۇلاردىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ كۆرۈلگەن مىللىي ھەمكارلىق ھېسسىياتى بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان جانلىقلاردا كۆرۈلگەن بەكلا ئىپتىدائى بىر قاتار تۇغما قابىلىيەتلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇنداق پادىلارنىڭ ياشاش تۇغما قابىلىيىتى پادىدىكى ھەر بىر جانلىقنىڭ ئورتاق بىر خەۋپكە دۈچ كېلىشى نەتىجىسىدە مەجبۇرى ئوتتۇرغا چىققان قابىلىيەتتەكلا بىر قابىلىيەتتۇر. دۈچ كەلگەن بۇ تۈر خەۋىپ، يەھۇدىيلارغا ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشنىڭ پايدىسى بولىدىغانلىقىنى، زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. يەنى بىر بۆرە پادىسىدا ئوۋلاش ئۈچۈن كىرىشكەن بىر ھۇجۇمدا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، قۇرسىقى تويغان ھامان بۇنداق ھەمكارلىق يوقالغىنىغا، بىرەر تەھدىتكە دۈچ كەلگەن ئاتلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىشىۋالغىنىغا ئوخشاش، يەھۇدىيلارمۇ بۇنداق بىر تەھدىت يوقىلىشى ھامان ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقمۇ تەڭ يوقىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا يەھۇدىيلاردىكى پىداكارلىق تۇيغۇلىرى پەقەتلا سىرتقى كۆرۈنۈشتىكىلا بىر ئەھۋال بولۇپ، ھەرگىزمۇ تۇغما قابىلىيەت مەسىلىسى ئەمەس. يەھۇدىيلارنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق روھى كىشىنى قايىل قىلدۇرغاندەك سەمىمى ھەمكارلىق بولۇپ كۆرۈنگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلاردىكى بۇنداق رۇھ، پادىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن مۇتلەق زۆرۈرىيەت ھالىغا كېلىشى ئارقىلىقلا ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر ئەھۋال. شۇڭا، ھايۋانلارغا ئورتاق تەھدىت بولىۋاتقان خەۋپ يوقۇلىشى، ئورتاق دۈشمىنى مەغلوپ بولىشى ياكى ئوۋ كاپالەتكە ئىگە بولۇپ قۇرسىقىنى تويغۇزىۋېلىشى ھامان بۇ تۈردىكى يالغان ئىتتىپاقلىق دەرھال بۇزۇلىدۇ-دە، ئۇنىڭ ئورنىنى يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك بىر-بىرسىگە دۈشمەن ھالەت ئالىدۇ. يەھۇدىيلار ئەنە شۇنداق ئورتاق خەۋىپ ياكى ئورتاق ئوۋلىنىش ھالىتىدىلا بىرلىشەلەيدۇ. بۇ ئىككى ئامىل يوقىلىشى ھامان شەخسىيەتچىلىك ئەڭ قوپال شەكىلدە قايتا ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ بايام بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغان بۇ كۆپچىلىك خۇددى يەمچۈك تالىشىپ بىر-بىرسىگە ئېتىلغان كۈسۆتكىلەردەك بىر-بىرسى بىلەن جان تىكىپ جەڭگە-جىدەل قىلىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.
ئەگەر بۇ دۇنيادا يەھۇدىيلارلا مەۋجۇت بولسا ئىدى، ئۇلار پاسكىنىچىلىقلار ئىچىدە بوغۇلۇپ بىر-بىرسى بىلەن بۇغۇشۇپ كەتكەن، ياكى بولمىسا بىر-بىرىنىڭ پېيىنى قىرقىيدىغان تىنىمسىز ئۇرۇش-ماجىرالار ئىچىدە بىر-بىرسىنى يەپ تۈگىتىشكە تىرىشقان بولار ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈردىكى جىدەل-ماجىرالىرى قورقۇنچاقلىقى، پەسكەشلىكى، يەنى ئۇلاردا پىداكارلىق رۇھىنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن، خۇددى بىر مەيدان ئۇيۇن كۆرسىتىشكەندەك تارقىلىپ تىنجىپمۇ قېلىشىدۇ. ئەمما بۇ تىنجىش ۋاقىتلىق بىر تىنجىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بىر-بىرىنىڭ پېيىدا يۈرۈش كېسىلى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ جىم قويمايدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇرۇشۇش ئۈچۈن، توغرىسى بۇلاڭچىلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن بىرلەشكەنلىكىگە قاراپلا، ئۇلاردا پىداكارلىق رۇھ، غايە دېگەن نەرسىلەر بار ئىكەن دېگەن خاتا خۇلاسىنى چىقىرىۋالماسلىقىمىز لازىم. بۇ يەردىمۇ يەھۇدىيلار پەقەت شەخسىيەتچىلىككىلا بوي سۇنغان ھېساپلىنىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىرق ئۈچۈن كۆپىيىش، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ جانلىق ئورگىنى ھېساپلىنىدىغان يەھۇدىي دۆلىتى، تېرىتورىيە نوقتىسىدىن ئالغاندا ھېچ قاچان بىر رېئال چېگراغا ئىگە بولۇپ باققان ئەمەس. چۇنكى بىرەر دۆلەت زېمىنىنىڭ چېگرالار بىلەن چەكلىنىپ تۇرىشى بۇ دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئىرقنىڭ غايىنى ئوتتۇرغا قويالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىشىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچكە، ئىشلەش دەيدىغان توغرا ئۇقۇمغا ئىگە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق بىر ئۇقۇم بولمايدىكەن، چېگراسى بولغان بىرەر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىش، ياكى ئۇنداق بىر دۆلەتنى ياشىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ قىلچە رولى بولماي قالىدۇ. شۇڭا، چېگراسى يوق دۆلەتتە مەدەنىيەت تىكلەشنىڭ ھېچقانداق بىر ماددى ئاساسى يوق دېگەن گەپ.
ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بارلىق تەپەككۈر قابىلىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇغلۇق يەھۇدىي مىللىتىدە ئەمەلى بىر مەدەنىيەت بولغان ئەمەس، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزىگە خاس بىرەر مەدەنىيەت بولغان ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدى مەدەنىيىتى بولۇپ كۆرۈنگەن مېيىپ مەدەنىيەت، باشقا مىللەتتىن كۆچۈرۈلگەن مەدەنىيەتنىڭ ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ نۇرغۇن جەھەتلەردە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن مەدەنىيەت قالدۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەدەنىيەت جەھەتتە يەھۇدىلارنىڭ قانداق بىر مەۋقەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن مۇنۇ ئەمەلىي پاكىتنى ھەرگىزمۇ كۆزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك: يەھۇدى سەنئىتى دەيدىغان بىرەر سەنئەت ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ۋە ھازىرمۇ ئۇنداق بىر مەدەنىيەت يوق. بولۇپمۇ گۈزەل سەنئەتلەرنىڭ ئىككى خان تاجى بولۇپ كېلىۋاتقان بىناكارلىق بىلەن ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە يەھۇدىيلار ئازىراقمۇ تۆھپە قوشۇپ باققان ئەمەس. يەھۇدىينىڭ سەنئەت ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن نەرسىلىرى نەزەرىيە ئوغرىلاش ۋە ياكى كۆچەمىكەشلىك قىلىپ قېلىپقا قۇيۇپ چىقىشتىن باشقىچە بولغان ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، يەھۇدىيلار ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ھەققى بىلەن قۇراللانغان ئىرقلارنىڭ مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە كىشىلەردىن ھېساپلانمايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ باشقا مىللەت مەدەنىيەتلىرىنى كۆچۈرمىكەشلىك بىلەن ئەسلى شەكلىنى بۇزۇپ كۆچۈرىۋالالىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاسان بولغان ساھە، ئەڭ ئاز ئىجادىيەت تەلەپ قىلىدىغان سەنئەت ساھەسى، يەنى درامما سەنئىتى بىلەن شوغۇللىنىشىدا كۆرۈلمەكتە. بۇ جەھەتتىمۇ يەھۇدىيلار بىر سىھىرۋازدىن، بىر دورامچى مايمۇندىن باشقا بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. ئۇلاردا بۇ جەھەتتىمۇ ھەقىقى ئۇلۇغلۇققا يىتەكلەپ بارىدىغان ئالغا ئىنتىلىش كۈچى يوق. بۇ تۈر سەنئەتلەردىمۇ ئۇلۇغ بىر ئىجادىيەتچى بولۇپ كۆرۈنۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەڭ پەسكەش دورامچى، ھەر تۈرلۈك ھىلىمىكىر ۋە سۇنئىيلىكلەرنى ئىپادىلەيدىغان، قىلچىمۇ ئىجادىيەت قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى يۇشۇرالمىغان. ئەمما بۇنداق بىر ئەھۋالغا دۈچ كەلگىنىدە يەھۇدى تەشۋىقات ساھەسىدىكىلەر ئەڭ پەسكەش سىھىرۋازنى ماختاپ ئۇچۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ئوتتۇردا پەيدا بولىشىدۇ. بۇ تەشۋىقاتچىلار بۇنداق بىر سىھىرۋازنىڭ بىر يەھۇدى ئىكەنلىكىنى بىلىپلا قالىدىكەن، بۇنداق ماختاپ تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىگە قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئاتلىنىۋېرىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشتا شۇنداق ماھارەت كۆرسىتىۋېتىدۇكى، كىشىلەر گويا يېڭى بىر سەنئەت ئالىمى بىلەن تونۇشتۇق دەپ ھېساپلاپ قېلىشىدۇ. ئەسلىدە ماختىلىۋاتقان كىشى ئەڭ پەسكەش، ئەڭ ۋەيرانە بىر سىھىرگەردىن باشقا بىرسى ئەمەس ئىدى.
ياق، ياق! يەھۇدىيلار ئارىسىدىن كىچىككىنە بولسىمۇ مەدەنىيەت يارىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەر چىقىپ باققان ئەمەس. چۇنكى، يەھۇدىيلاردا ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن شەرت بولغان غايە دېگەن نەرسە ھېچقاچان بولۇپ باققان ئەمەس ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولىشى مۇمكىن ئەمەس. غايە، يەھۇدىيلار ئۈچۈن مەڭگۈ بىر سىرلىق سەھە بولۇپ قالىۋىرىدۇ. ئۇلاردىكى ئەقلى كۈچ ھېچ قاچان بۇنداق يېڭىلىق يارىتىشقا، مەھسۇلات چىقىرىشقا يارىغان ئەمەس. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ئۇلاردىكى ئەقلى كۈچى ھەر دائىم ۋەيران قىلىشقىلا ياراپ كەلمەكتە.
ئىنتايىن كام ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردا يەھۇدىلاردىن بىرەر ئۇستا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما شۇنىڭدىمۇ “ھەر دائىم يامانلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەمما ياخشىلىق پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدىغان كۈچ” شەكلىدە بىر رولچى رولىنىلا ئويناپ كەلمەكتە. شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئىنسانىيەت ھەرگىزمۇ يەھۇدىيغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان ئەمەس. دەل ئەكسىنچە ئىنسانىيەت يەھۇدىيسىز تەرەققى قىلىپ كەلمەكتە.
يەھۇدىيلار ھېچ قاچان ئېنىق بىرەر چېگراسى بولغان بىرەر خانلىق، بىرەر دۆلەت قۇرۇپ باقمىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن ھېچقاچان ئۆزىگە خاس بىرەر مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەر ئۇلارنى كۆچمەن قەۋىملار بىلەن بىر قاتاردىكى كىشىلەر دەپ ھېساپلىماقچى بولۇشقان ئىدى. ئەمما بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي خاتا، ھەتتا بەكلا خەۋىپلىك بىر قاراش ئىدى. چۇنكى، كۆچمەن خەلقلەر ئېنىق بىر چېگراسى بار تۇپراققا ئىگە، ئۇلار ئەنە شۇ چېگراسى ئېنىق سىزىلغان زېمىن ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇلار مۇقىم بىر يەردە ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللانمايدىغان، ئەمما مال پادىلىرىدىن كىرىم قىلغان مەھسۇللىرىغا تايىنىپ كۈنىنى ئالىدىغان، بۇ ماللىرىنى يايلىتىش ئۈچۈن ئۆز تۇپراقلىرى تەۋەسىدە كۆچۈپ يۈرىدىغان كىشىلەردۇر. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار مەخسۇس بىر يەردە ئۇزۇن مۇددەت قېلىشقا ئىمكان بەرمەيدىغان ناچار يەرلەردە تۇرىدىغانلىقىدىن كەلمەكتە. ئەمما بۇ يەردىكى تۈپكى مەسىلە، بىر دەۋرنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىگە بولغان تېخنىك مەدەنىيىتى بىلەن شۇ يەرنىڭ تەبىئى نامىراتلىقى ئوتتۇرسىدىكى تەڭپوڭسىزلىقتۇر. شۇنىڭغا قارىماي ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرنىڭ بۇ تۈر بەرىكەتسىز تۇپراقلارغا كېلىپ ئۇ يەردىكى قالاق كىشىلەرنى مىڭلارچە يىل ۋاقىت تېخنىكىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز بىلىمى ھالىغا كەلتۈرۋەتكەن، يەرلىكلەرمۇ بۇ خۇددى ئۆزىنىڭ بولۇپ كەتكەندەك بىلىنگەن تېخنىكىلارغا تايىنىپ مۇقىم دۆلەت ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، بىپايان تۇپراقلارغا ئىگە بولۇش، ھاياتلىق ئۈچۈن لازىم بولغان ھەممە نەرسىسىنى بۇ ئىرىشكەن كەڭىرى يەرلەردە قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ھالغا كېلەلىگەن ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارمۇ بۇ تۇپراقلىرىنى تاشلاپ كېتەردى ياكى بولمىسا تىنماي كۆچۈپ يۈرىدىغان كۆچمەن ھايات ئىچىدە ياشاۋەرگەن بولار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرگە تايىنىپ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن تۇرمۇش شەكلى بىر يەردە مۇقىم ئورۇنلىشىش ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ تىنماي كۆچۈپ يۈرۈشكە بەرداشلىق بىرەلمىگىدەك ھالغا كېلىپ بولغان. شۇنىسىمۇ باركى، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ دەرۋازىسى دېھقانچىلىق قىلىدىغانلارغا ئېچىلغان دەسلەپكى دەۋرلەردە، ئۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇپ قالغان ئۈستۈن ئىرقتىن بولغان بىر مۇنچە كىشى قاپقان قۇرۇش، ئوۋچىلىق قىلىش قاتارىدىكى مۇشەققەتلىك يوللار بىلەن تۇرمۇشنى قامداشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، ئۇلارمۇ خۇددى كۆچمەنلەرگە ئوخشاش بالا-چاقىسى بىلەن بىرگە ئۇياقتىن بۇياققا تىنماي كۆچۈپ ۋەيرانە تۇرمۇشتا ياشاشقا مەجبۇر قالغان ئىدى. ئەمما ئۇ يەرگە بارغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا، مۇنبەت يەرلەرنى ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىش پۇرسىتىنى يارىتىشقا ھەمدە يەرلىكلەرگە تاقابىل تۇرالىغىدەك كۈچكە ئېرىشكىنىگە ئەگىشىپ بۇ ئەلدە ئولتۇراقلىق تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئىمكانىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بەزى پەرەزلەردىن قارىغاندا دەسلەپكى دەۋرلەردە ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرمۇ كۆچمەن بولۇپ ياشىغانلىقى راستەك قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار بىر مەزگىلدىن كېيىن مۇقىم يەرلەشكەن توپلىنىپ ياشايدىغان تۇرمۇشقا ئۆتكەن. ئۇلار يەھۇدىي بولمىغاچقا، ھامان بىر كۈنى بۇنداق ئولتۇراق تۇرمۇش يولىنى تاللىۋالالىغان ئىدى.
ياق، ياق. يەھۇدىيلار ھەرگىزمۇ كۆچمەن خەلق ئەمەس ئىدى. چۇنكى كۆچمەنلەردە ئىش دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. ئەگەر شارائىتلىرى مۇۋاپىق بولغىنىدا ئۇلارمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلالىشى مۇمكىن. كۆچمەنلەردە ھەر قانچە تۇتۇق بولسىمۇ غايە دەيدىغان بىر ئۇقۇملىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق يارىتىلىپ قالغانلىقىدىن ئۈستۈن ئىرقتىكىلەر غەلىتىلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما يەنىلا ئۇلارغا يامان كۆزدە قاراشمايدۇ. ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ بۇنداق بىر ھالىتى بولۇپ باققان ئەمەس، ئۇلاردىنمۇ ئۇنداق بىر تەسىراتقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، يەھۇدىيلار ھېچقاچان كۆچمەن بولۇپ باققان ئەمەس. ئۇلار ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئۈستىگە چاپلىشىۋېلىپ تەييارتاپلىق تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارمۇ بەزىدە شۇ كۈنلەرگىچە تۇرىۋاتقان يېرىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار بۇ يەرنى خالاپ تۇرۇپ تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئەمەس (بەزى تەرجىمىلەردە خالاپ تۇرۇپ ئايرىلغان دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشىگە شۇ يەردىكىلەرنىڭ مېھماندوستلۇقىغا نانكۆرلۈك قىلغانلىقىغا رەنجىپ ئۇلارنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان. يەھۇدىلارنىڭ ھەر دائىم تېخىمۇ كەڭرى زېمىنلەرگە يېيىلىش ئادەتلىرى پارازىتلارغا خاس بىر ئالاھىدىلىكنىڭ ئىزنالىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار ئىرقى ئۈچۈن ھەر دائىم يېڭى-يېڭى پارازىتلىق قىلىش مەنبەلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرگەنلىكىدىن ئەنە شۇنداق كەڭ تارقىلىپ يۈرىشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق كۆچۈپ يۈرىشى ھەقىقى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ كۆچۈپ يۈرىشىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان بىر ئەھۋال. چۇنكى يەھۇدىلار ئېرىشكەن يېرىنى ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىمايدۇ. ئۇلار شۇنداق مەھكەم ئورۇنلىشىۋالىدۇكى، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي بولمايدۇ. يەھۇدىيلار ئىرقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىنماي كۆچۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەچكە، يېڭى يەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ پارازىتلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسىدۇر. ئۇلار پارازىتلىققا تايىنىپلا ئىرقىنى ساقلاپ يۈرىشىدۇ. ئۇلار خۇددى تاياقچە باكتېرىسىغا ئوخشاش قايەردە بۇ كېسەللىكنى يايغىلى بولىدىغان بەدەن باركىن دەپ ئايلىنىپلا يۈرىشىدۇ. ئۇلار بارغان يەرلەردە ئەينى پارازىتلاردەك تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۈنۈپ چىققان يەردە، بۇرۇنقى ھاياتلىق ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشقا؛ يەھۇدىيلارنى ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرمۇ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەدرىجى ئۆلۈپ يوقاپ كېتىدۇ.
يەھۇدىلار باشقا خەلقنىڭ تۇپراقلىرىدا ئەنە شۇنداق پارازىت شەكىلدە ياشاپ كەلمەكتە. يەنى ئۇلار “بىز بىر دىنى جامائەت” دېگەن نىقاپقا ئورىنىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مەۋھۇم دۆلىتىنى قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. شارائىت ئۇلارنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشىكارلىمىغىچە بۇ چۈمپەردىسىنى ھەرگىز سېلىۋەتمەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆز قىياپىتىنى ئاشىكارىلىيالىغىدەك كۈچ-قۇدرەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلغان كۈنلەردە بولسا، بۇ چۈمپەردىسىنى چۆرۈپ تاشلىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن كۆرمىگەن، بۇنداق قىياپەتتىكى مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئەسلى قىياپىتىنى ئاشىكارىلىشىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇ قىياپەت − يەھۇدىي قىياپىتى ئىدى!
يەھۇدىلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇچىسىغا چاپلىشىۋېلىپ پارازىت بولۇپ ئۇلارنىڭ قېنىنى شوراپ قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ يۈرىدىغانلىقى يەھۇدىيغىلا خاس بىر ئالاھىدىلىك بولغاچقا، يوقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، شوپېنخاۋيېر (بەزى تەرجىمىلەردە شېكېسپىيېر دەپ ئېلىنغان − ئۇ.ت) نىمۇ ئۇلارغا مۇنۇ باھانى  بېرىشكە مەجبۇر قىلغان: “يەھۇدىي − يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.” شىمالدىكى سوغۇق ئىقلىمدا ياشايدىغان ئىنسانلار ھەر دائىم قېلىن تېرە كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنىدەك، يەھۇدىيلارمۇ ھەر دائىم يالغان گەپ قىلماي ياشىيالمايدىغان بىر خەلق.
يەھۇدىيلارنىڭ باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا پارازىتلىق قىلىپ ياشىشى، كىشىلەر ئۇلارنى ئايرىم بىر ئىرققا مەنسۈپ ئادەملەر ئەمەس بەلكى “دىنىي جامائەت” دەپ ئىشىنىپ تۇرغىنىچە داۋام قىلىدۇ. مانا بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ يالغانچىلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرىپى. باشقا مىللەتلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تەييارتاپ بولۇپ ياشىيالىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئادەم تۈرىگە مەنسۈپ بولمىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر. ئەگەر بىر يەھۇدىينىڭ ئەقلى قانچىكى يوقۇرى بولىدىكەن، ساختىپەزلىك جەھەتتىمۇ شۇنچە ئۇستىلىق قىلالايدىغان بولىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق ھىلىگەرلىك شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن ئوينىلىدىكى، ئۇلارنى ئارىسىغا ئېلىپ مېھماندوستلۇق كۆرسىتىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ زور بىر تۈركۈمى ئۇلارنى باشقا بىر دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر دەپلا تۇنۇپ قالماي ھەتتا ئۇلارنى راستىنلا بىر فرانسۇز، ئېنگىلىز، نېمىس ياكى ئىتالىيان دەپ رەسمى ئىشىنىپ يۈرىدۇ. ئەسلىدە تارىخ بىلىمىنىڭ يۇقۇندىلىرىغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەكتە دەپ قارالغان ھۆكمۈران سىنىپلار بۇ تۈر ئەخلاقسىز ئالدامچىلىقلارنىڭ ئەسلى قۇربانلىرى بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئىختىيارى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى ئىلاھى ئېتىقاتقا قارشى ئىشلەنگەن بىر گۇناھ دەپ قارايدىغان ھالغا كېلىشكەن. ئەنە شۇ سەۋەپتىن ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ باۋارىيە شىتاتىدىكى بىر مىنىستىرنىڭ يەھۇدىيلار بىر دىنى جامائەت ئەمەس بەلكى باشقا بىر مىللەتكە تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ پەرق قىلالمىغانلىقىغا ئۇنچە بەك ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار قولغا كىرگۈزىۋالغان مەتبۇئات دۇنياسىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقساقلا، ئەڭ دۆت كىشىلەرنىڭ مىڭىسىگە يەھۇدىيلارنى بۇ خىل خاتا تونۇشنى سىڭدۇرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. «ئېكو يويف − يەھۇدىي ئاۋازى» دېگەن گېزىت تېخى رەسمى بىر گېزىتخانا شەكلىنى ئالالمىغان بولغاچقا، يوقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت مەسئوللىرى بۇنداق قاراشلارنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتى يوق دەپ سەل قاراشماقتا.
يەھۇدىيلار ھەر دائىم ئۆز ئىرق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر مىللەت بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇلار ھېچ قاچان مەخسۇس بىرەر دىنغا ئېتىقاد قىلىپ باققان ئەمەس. يەھۇدىيلار كۈچىيىش جەريانىدا ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىدەك دەرىجىدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىۋالماسلىق ئۈچۈن چوقۇم بىرەر ئامال تېپىشقا مەجبۇر ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئاسان چارە باشقىلاردىن ئۆگۈنىۋالغان “بىز بىر دىنى جامائەت” دېگەن گەپنى ئوتتۇرغا قويۇپ كەلدى. بۇ ئىشتىمۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنى پۈتۈنلەي كۆچۈرمىكەشلىك، توغرىسى ئوغرىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. يارىلىش خاراكتىرى بويىچە ئالغىنىمىزدا، يەھۇدىيلاردا غايە دېگەن نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرەر دىنى تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، تۇرمۇشىنى قامداشتىن كېيىن دىنى ئېتىقات دېگەن نەرسە يەھۇدىيلارغا بەكلا يات بىلىنىدۇ. يەنى، ئۇ دۇنياغا ئىمان كەلتۈرۈش دەيدىغان ئۇقۇم ئۇلار ئۈچۈن بەكلا يات بىر ئۇقۇم ھېساپلىنىدۇ. ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرنىڭ دىنى قارىشى بويىچە ئالغاندا، بىرەر ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرىلىدىغانلىقىغا دائىر ئېتىقادىغا ئورۇن بەرمەيدىغان بىرەر دىننى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەسلىدە تالمۇد، ئىنسانلارنى ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن يېتىشتۈرىدىغان بىر كىتاپ ئەمەس. ئۇ كىتاپ، پەقەت بۇ دۇنيادا قىلىشقا بولىدىغان، بەرداشلىق بەرگىلى بولىدىغان بىر ھاياتلىق بەرپا قىلىشنىلا كۆرسىتىدىغان، بۇنداق بىر ھاياتلىق جەريانىنى ئۆگۈتىدىغانلا بىر كىتاپ.
يەھۇدىي دىنىنىڭ نەزەرىيىسى ئالدى بىلەن يەھۇدىي ئىرقىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىلا مەقسەت قىلىدىغان بىر تەلىمات بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۆز ئىچىدە ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشى جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان ئەخلاقى پەزىلەتلەر ھەققىدە قىلچىمۇ ئېغىز ئاچمايدۇ (بەزى تەرجىمىلەردە بۇ ھەقتە توختالغان بىر كىتاپ دەپ ئېلىنغان. − ئۇ.ت). ئەمما بۇ قانۇندا يەھۇدىلاردىن باشقا كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەھەتتە ئىنتايىن پەسكەش ئىقتىسادى مۇئامىلىلەر مەسىلىسىلا ئوتتۇرغا قويۇلغان. يەھۇدىي دىنىي تەربىيىسىدىكى ئەخلاقى قىممەتلەر ئۈستىدە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك بۈگۈنكى كۈندىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىقاتلار قانات يايدۇرۇلماقتا (مەن بۇ يەردە بۇ تۈر تەتقىقاتلارنىڭ يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىرى ھەققىدە توختالمىدىم. چۇنكى بۇ تەتقىقاتنى ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلىگىنىدە، بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار يازغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئى ھالدا ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يېزىۋېلىنغان بولىدۇ). ئۇلارنىڭ ئۆز دىنلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدا، ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىلىرىگە ئاساسەن چىقارغان خۇلاسىلارغا پەقەتلا توغرا كەلمەيدىغان گۇمانلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بۇ دىننى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەتقىق قىلىشىنىڭمۇ پايدىلىق بىر تەرىپى بار بولۇپ، بۇنىڭغا قاراپ يەھۇدىي ئېتقادىنىڭ قانداق بىر مال ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك دەرىجىدە يىپ ئۇچى بىلەنمۇ تەمىنلەپ تۇرالايدۇ.
بۇ تۈر تەتقىقاتلاردىن مەلۇمكى، يەھۇدىلارنىڭ ھاياتى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ياشاشقا ماسلاشتۇرۇلغان ھاياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ رۇھى ھەقىقى خىرىستىيانلىققا ياد بولغىنىدەك، بۇ دىننىڭ ئىككى مىڭ يىل ئاۋالقى يېڭى دىنى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئەڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىسىنىڭ خاراكتىرىگىمۇ ماس كەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. يەنى، بۇ نەزەرىيىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ھەزىرىتى ئەيسا، يەھۇدىي مىللىتى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ھېچ قاچان يۇشۇرۇپ باققان ئەمەس. ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ بۇ دۈشمەنلىرىنى تەڭرىنىڭ ياراتقان ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قامچىلاپ ھەيدىگەن. چۇنكى يەھۇدىيلار شۇ چاغلاردىمۇ دىننى بىرەر ئىشتا مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشقان. ھەزىرىتى ئەيسامۇ ئەنە شۇ سەۋەپتىن كىرس ياغىچىغا مىخلانغان.
ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە خرىستىيان پارتىيىسىدىكىلەر سايلامدا يەھۇدىيلاردىن ئاۋاز تىلىگىدەك نۇمۇسسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا. ئۇلار ئەسلىدە تەڭرىنى ئىنكار قىلىدىغان، نېمىس دۈشمىنى بولغان يەھۇدىي پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆز مىللىتىدىن كەلگەنلەرگە قارشى ھىلىمىكىر ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.
يەھۇدىلارنى مەلۇم بىر ئىرققا مەنسۈپ كىشىلەر ئەمەس بەلكى بىر دىنى جامائەت ئادەملىرى دەيدىغان دەسلەپكى يالغان گەپلەر تەبىئى ھالدا باشقا يالغان گەپلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەنمۇ كۈچەيتىلدى. مەسىلەن، يەھۇدىي تىلى ئۈستىدە توقۇلغان يالغانلار ئەنە شۇنداق كېيىن قوشۇلغان يالغانچىلىقلاردۇر. ئەسلىدە يەھۇدىي تىلى يەھۇدىيلىقنى يوشۇرۇشتىكى بىر ۋاستە بولۇش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، بۇ تىل ھېچقاچان ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلگەن ئەمەس. ئۇلار فرانسۇزچە سۆزلىشىپ تۇرۇپ يەھۇدىيچە پىكىر يۈرگۈزىشەتتى؛ نېمىسچە مىسرالارنى تۈزگىنى بىلەن ئۆز ئىرقىنىڭلا خاراكتىرىنى ئىپادىلىشەتتى.
يەھۇدىيلار، قېنىنى شوراپ كېلىۋاتقان باشقا مىللەتلەرگە تولۇق ھۆكمۈران بولمىغىچە ئۇ مىللەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئۇ مىللەتلەر يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا چۈشەر-چۈشمەس بىرەر دۇنيا تىلىنى ئۆگۈنۈشكە مەجبۇر بولىدۇ (مەسىلەن ئېسپرانتوغا ئوخشاش)، شۇ ئارقىلىق يەھۇدىيلار ئۇلارغا تېخىمۇ ئاسان ھۆكمۈرانلىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.
يەھۇدىيلار تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە قەتئىي رەت قىلىپ كېلىۋاتقان “سيونىست ئىلغار زىيالىلار نىزامنامىسى”، بۇ قەۋىمنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرى بويىچە پۈتۈنلەي يالغانچىلىققا تايىنىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئۈلگىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەرگەن. «گازېتتې دې فرانكفورد» گېزىتى سىيونىست نىزامنامىسىنىڭ بۇ تۈردە باھالىنىشىغا قەتئى قارشى چىقىپ، “بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي خاتا” دەپ جار سېلىشىپ، پۈتۈن دۇنيانى بۇ نىزامنامىغا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئەسلىدە دەل شۇ گېزىتلاردا يېزىلغان ماقالىلارلا بۇنىڭغا ئەڭ كۈچلۈك پاكىت بولالايدۇ. سىيونىستلار چىقارغان بۇ نىزامنامە ھەر بىر يەھۇدىينىڭ ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىلىرى، ئىشلىرى، ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك غايىلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن، بۇ ۋەزىپىلەرنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بىر نىزامنامە ئىدى. ئەسلىدە ئىشنىڭ مۇھىم تەرىپىمۇ شۇ ئىدى. بۇنداق ئاشكارىلىنىشقا قايسى يەھۇدىينىڭ ئەقلى يېتىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى يوق. يەھۇدىي مىللىتىنىڭ خاراكتىرى، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈن جاھانغا يامىراپ تارقىلىپ كەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا كۆز تىككەن ئاخىرقى نىشانىنى كىشىنى چۈچۈتكىدەك ئېنىق ئوتتۇرغا قويغانلىقى، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تەرىپىدۇر. بۇنداق ئاشىكارە ئىپادىلىشىگە باھا بېرىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى، ئۇنى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا باھالاشتۇر. ئەگەر ئۆتكەن ئەسىردىكى تارىخى ھادىسىلەرنى بۇ كىتاپنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تايىنىپ بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرىدىغانلا بولساق، يەھۇدىي مەتبۇئاتلىرىنىڭ نېمىشكە شۇنچىۋالا داتلىنىپ يۈرگەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. ئەگەر بۇ كىتاپ بىرەر مىللەتنىڭ ھەر بىر ئادىمى ھەر كۈنى ئوقۇپ تۇرىدىغان دەستۈرى ھالىغا كەلگىنىدە، ئۇ مىللەت يەھۇدىي خەۋىپىنىڭ ئالدىنى ئالالىغان ھېساپلىنىدۇ.

يەھۇدىيلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
يەھۇدىيلارنى يېقىندىن تونۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى − ئۇلارنىڭ ئەسىرلەر بويىچە باشقا مىللەتلەر ئىچىدە قانداق ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىرلا مىسالنى كەلتۈرسەك كۇپايە: يەھۇدىيلارنىڭ تەرەققى قىلىشى ھەر قانداق بىر دەۋردە ئوخشاش بولىدىغانلىقى، ئۈستىگە چاپلىشىۋېلىپ پارازىتلىق قىلىشتا پايدىلىنىپ كەلگەن مىللەتلەرمۇ ھەر دائىم بىرلا مىللەت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئايرىم-ئايرىم نوقتىلار بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تۆۋەندە چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەن بۇ نوقتىلارنى ھەرپلەر بىلەن نومۇر قويۇپ بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.
يەھۇدىيلار گېرمانىيىگە ئەڭ دەسلىۋىدە بۇ ئەلنى رىملىقلار ئىستىلا قىلىغان ۋاقىتلاردا ھەر زامان كۆرۈلگىنىدەك سېتىقچى قىياپىتىدە كىرىپ كەلگەن ئىدى. كەڭ كۆلەملىك كۆچ-كۆچ پەيدا قىلغان قالايماقانچىلىق پەيتلىرىدە يەھۇدىيلار خۇددى ئوتتۇرلۇقتىن يوقۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۇلار يوقۇلۇپ كەتكەن بولماستىن ئوتتۇردا كۆرۈنمەسلىككە تىرىشىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكەنىدى. تۇنجى نېمىس دۆلەتلىرى قۇرۇلىۋاتقان دەۋرلەر، ئورتا ۋە شىمالى ياۋرۇپانىڭ يېڭىلاتىن ئەمما ئېنىق بىر شەكىلدە يەھۇدىيلىشىشىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرى ھېساپلىناتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يەھۇدىيلار ئۈستۈن ئىرقتىكىلەر بىلەن ھەر قېتىم ئۇچراشقانلىرىدا بىر يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئىزچىل تۈردە يەھۇدىيلىقىنى ئۆز پېتى ساقلاپ كەلدى ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قىياپەتكە ئىگە بولۇپ كەلدى.
ئا) بىرەر جايدا مۇقىم بىر ئورگان قۇرۇلۇشقا باشلىشى ھامان يەھۇدىيلارمۇ دەرھال ئۇ يەردە ئۈنۈپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇلار بۇنداق يەرلەرگە سودىگەر قىياپىتىدە كېلىشكە باشلايدۇ. يەھۇدىيلار يېڭى كەلگەنلىرىدە ئۆزىنىڭ مىللىتىنى يوشۇرۇپ يۈرۈش زۆرۈرىيىتىنىمۇ ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار يەھۇدىيلىقىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا قىسمەنلىكتە بولسىمۇ يەھۇدىيلىقى بويىچە قالىدۇ. چۇنكى ئۇ مىللەتنىڭ، شۇنىڭدەك ئۇلارنى مېھمان قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ ئىرقى پەرقىنى ئاشكارە ئىپادىلەپ تۇرىدىغان تاشقى كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكلىرى بەكلا ئېنىق ئىدى. يەھۇدىيلار بۇ ئەلنىڭ تىلىنىمۇ دېگەندەك تولۇق ئۆگۈنۈپ كىتەلكمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى شۇنچىلىك روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتىكى، يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر يات سودىگەر بولۇپ تونۇلۇشتىن باشقا قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا تېخى جاسارەت قىلىپ كېتەلمەيتتى. بۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيلار بەكلا سىلىق، بەكلا يوۋاش كۆرۈنگەنلىكى، بۇ يەرنىڭ خەلقلىرى تېخى يەھۇدىيلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەجرىبىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلىك سالاھىيىتىنى ساقلاپ يۈرگىنىدە ئۇلارغا بىرەر زىيانمۇ كەلمەيتتى. ھەتتا بىر ھېساپتا يەھۇدىي بولۇپ تونۇلىشى ئۇلارغا پايدىلىقمۇ بولۇپ بېرەتتى. بۇنداق بولغاندا يەرلىك خەلق ئۇلارغا چەتئەللىك مېھمان دەپ قارىشىپ ئېتىۋار قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
ب) يەھۇدىيلار ئاستا-ئاستا ئىقتىسادى پائالىيەتلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىشقا باشلايدۇ. ئەمما ئۇلار ئىشلەپ چىقارغۇچى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ۋاستىچى سۈپىتىدە بۇ ساھەلەرگە كىرىپ پائالىيەت قىلىشقا باشلايدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق تەجرىبىلەر بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن تىجارەت ساھەسىدىكى ماھرەتلىرى تېخى كۆزى ئېچىلمىغان، ئىنتايىن نۇمۇسچان ئۈستۈن ئىرقتىكىلەرگە نىسبەتەن يەھۇدىيلارغا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈك يارىتىپ بېرىدۇ. ئاخىرى شۇنداق نوقتىلارغا بېرىپ يېتىدۇكى، ئۇزۇنغا قالماي تىجارەت ساھەسى پۈتۈنلەي يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشكە باشلايدۇ. دەسلىۋىدە يەھۇدىيلار ئاۋال ئۆسۈم بىلەن قەرز پۇل بېرىشكە كىرىشىپ ئۈسۈم ئېلىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ نېمىس يۇرتىغا قەرز-ئۆسۈم بېرىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كىرىشىدۇ. بۇنداق بىر يېڭىلىقنىڭ قانداق خەۋىپلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى دەسلىۋىدە ئۈستۈن ئىرق كىشىلىرى ھېس قىلمايدۇ. ھەتتا ئەينى ۋاقتىدا بۇنداق قەرز بېرىش ئۇسۇلىنى بىزگە پايدىلىق ئىكەن دېيىشىپ ئۇلاردىن رازى بولۇپمۇ يۈردى.
س) شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىلار بۇ ئەلنىڭ رەسمى ئولتۇراغلىق ئاھالىسى ھالىغا كېلىشكە باشلايدۇ. يەنى شەھەر-بازارلاردا يەھۇدىيلارغا خاس مەھەلىلەر پەيدا بولۇشقا باشلاپ، تەدرىجى شەكىلدە كۈچىيىپ دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇلار بۇ كىچىك دۇنياسىدا سودا ئىشلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى يەھۇدىيلارغا تەۋە بىر ئىمتىياز دەپ ھېساپلاشقا، بۇ ئىمتىيازلىرىدىن ئىنساپسىزلارچە پايدىلىنىشقا كىرىشىدۇ.
د) ئاخىرى بېرىپ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن تىجارەت ساھەلىرى پۈتۈنلەي يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ مونوپولىيىسىگە ئۆتۈپ بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بەكلا يوقۇرى ئۆسۈم تەلەپ قىلىپ جازانىخورلۇق قىلىشى يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇلاردىكى تۇغما نومۇسسىزلىقى بارغانسىرى كۈچۈيۈپ يەرلىكلەرنىڭ غەزىۋىنى قوزغاشقا، ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن ھەسەت قىلىدىغانلارنى پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ. يەھۇدىيلار تىجارەت ئىشلىرىغا يەرنىمۇ ئېلىپ سېتىشقا بولىدىغان، ھايانكەشلىك قىلىدىغان ئادەتتىكى تاۋار قاتارىغا ئايلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە، كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا سەۋرى قىلىشىمۇ چېكىگە يېتىدۇ. ئۇلار يەرنى ھېچقاچان ئۆزلىرى ئىشلەپ تېرىقچىلىق ئىشى بىلەن شوغۇللانمايدىغانلىقى، يەرنى ھوسۇل كەلتۈرىدىغان بىر مۈلۈك قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەرلەدە دېھقان قىلىپ يەرلىكلەرنى ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ-دە، دېھقانلار يەرنىڭ يېڭى غوجايىنى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر باج تۆلەشكە، تېخىمۇ كۆپ غەللە تۆلەشكە مەجبۇرلىنىدۇ. يەھۇدىيلار ۋەيران قىلىۋەتكەن مېھمان دوستلۇقنىڭ ئورنىنى ئاشكارە نەپرەتلىنىش، ئۆچمەنلىك ئېلىشقا باشلايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ بېسىمى، ئاچكۆزلۈكى نەتىجىسىدە ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىنغان خەلق بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەس ھالغا كېلىدۇ-دە، ئۇلارغا قارشى زورلۇق كۈچتىن پايدىلىنىپ قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ، يەرلىكلەر يەھۇدىيلارنى يېقىندىن تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك خاراكتىرلىرىنى پەرق قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى بېرىپ ساھىپخان بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرسىدا بىر ھاڭ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
ئېغىر نامراتلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە يەھۇدىيلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىغا ئۇچرىغانلارنىڭ نەپرىتى ئىسيانغا ئايلىنىدۇ. ئىكىسپالاتاتسىيە قىلىنغان، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن خەلق، تەڭرى بالاسىنى بەرگەن بۇ مەلئۇنلاردىن مۇداپىيىلىنىش ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى ئىجرا قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە ئەسىر ۋاقىت ئۆتىشى نەتىجىسىدە، كىشىلەر يەھۇدىيلارنىڭ قانداق نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن، ئۇلارنى بىرەر ۋاباغا ئوخشاش خەتەرلىك مەخلۇقلار دەپ قارايدىغان بولىشىدۇ.
ئې) ئەنە شۇ ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ. ھۆكۈمەتلەرنى بوھران يارىتىش ۋاستىلىرىغا تايىنىپ كۈشكۈرتۈشكە كىرىشىدۇ. پۇللىرىنى دەسمايە قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلايدۇ، شۇ ئارقىلىق بەزى ئېتىۋارلىنىش قەغەزلىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزىۋېلىپ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قۇربانلىقلىرىنىڭ قېنىنى تېخىمۇ بەك شوراشقا كىرىشىدۇ.
بەزىدە بۇ تۈردىكى “مەڭگۈلۈك قان شورىغۇچىلار” غا قارىتا خەلقنىڭ غەزىۋى كۆتۈرۈلگەندەك قىلسىمۇ، يەھۇدىيلار ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە باشقىلاتىن ئىش باشلاپ بۇرۇنقى ھۆنىرىنى ئويناشقا كىرىشىشىنىمۇ توساپ قالالمايدۇ. ئۇلارنى باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئادىتىدىن ياندۇرالايدىغان ئۆنۈملۈك بىرەر بېسىم بۇ دۇنيادا يوق. ھېچقانداق بىر زۇلۇم ئۇلارنىڭ بۇ خۇيىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇلار بېشىغا كەلگەن زۇلۇملار ئۆتۈپ كەتكىنىدىن كېيىن، تېزلىكتە يەنە قايتا ئەسلى ھالىغا كېلىۋېلىپ، بۇ خۇيىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتمەيداۋاملاشتۇرىدۇ. ساھىپخان بولغان مىللەت بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، يەرلىرىنى بۇ تۈر قەللاپلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىشىدۇ.
ف) ھۆكۈمدارنىڭ قۇدرىتى قانچىكى ئارتىپ بارسا، يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ قولتىقىغا شۇنچە ئىچكىرلەپ كىرىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ھۆكۈمرانلاردىن يېڭى-يېڭى “ئېتىۋارلىنىش قەغىزى” بىلەن “ئالاھىدە سالاھىيەت” قەغەزلىرىنى تىلەپ يۈرىشىدۇ. پۇل قىيىنچىلىقى تارتقان ھۆكمۈرانلارمۇ بۇ تۈردىكى ئىمتىيازلار بىلەن ئېتىۋارغا ئېرىشتۈرۈش قەغىزىنى ھەر دائىم ئۇلارغا سېتىپ بېرىدۇ. بۇ تۈر قەغەزلەر يەھۇدىيغا ھەر قانچە قىممەتكە توختىسىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلنى ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈمى ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ نەچھە ھەسسە ئارتۇق تۆلىتىپ ئالىدۇ. بىچارە خەلق ۋۇجۇدىغا چاپلىشىۋالغان بۇ قان شورىغۇچى قۇرتلارنى ھەرگىزمۇ يۇلۇپ ئاتالمايدۇ. يەھۇدىيلار ھەقىقەتەنمۇ قۇتۇلغۇلى بولمايدىغان كۈچلۈك قان شورىغۇچى يەييارتاپ قۇرتلاردۇر. ھۆكۈمرانلارمۇ پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغانسىرى ئۆزىنىڭ قولىدىكى كۈچتىن پايدىلىنىپ بۇ قان شورىغۇچى قۇرتلارنى سىقىپ يۈرۈپ خەلقتىن شورىۋالغان قانلارنىڭ بىر قىسمىنى قۇستۇرۇپ ئېلىۋالىدۇ. بۇ ئىشلار ئەنە شۇنداق تەكرارلىنىپ داۋاملىشىپ كېتىۋېرىدۇ. بۇ جەرياندا “نېمىس شاھزادىلىرى” دەپ ئاتىلىدىغان تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى يەھۇدىلارنىڭ ئوينىغان رولىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە يىرگىنىشلىك ئىدى. بۇ تۈردىكى كاتتا شاھزادىلار راستىنلا تەڭرىنىڭ خەلق ئۈستىگە ئىۋەرتكەن بىر بالاسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تۈر شاھزادىلارنىڭ ئورنىنى ھەر قايسى مىنىستىرلىكتىكى مىنىستىرلار ئالماقتا.
نېمىس خەلقى يەھۇدىي خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ كىتەلمىگەن بولسا، بۇنىڭ گۇناھى پۈتۈنلەي نېمىس ھۆكمۈرانلىرىغا مەنسۈپ بولىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، بۇ تۈر ئەھۋاللار كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزگەرمەي ئۆز پىتى داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇ شاھزادىلار ئۆز خەلقى ئۈستىدە ئىشلىگەن جىنايىتىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە يەھۇدىيلاردىن مىڭلارچە قېتىم ھەق ئالغان، پارا ئېلىپ خەجلىگەن بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار خەلقىگە ئىشلىگەن گۇناھىنى مىڭ مەرتىۋە ئاشۇرىۋېتىشتى. بۇ تۈر ھۆكمۈرانلار شەيتان بىلەن ھەمكارلاشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىمۇ دوزاختىن باشقا يەر بولمىدى.
گ) شاھزادىلار يەھۇدىلارنىڭ يايغان تورىغا بىلىپ تۇرۇپ چۈشكىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ گۆرىنى ئۆزلىرى كولاشقان ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئورنى خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش ئورنىغا خەلقىگە بالا بولغان ئەزگۈچى سىنىپقا تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن، تەدرىجى شەكىلدە، تەبىئى ھالدا ۋەيران بولۇپ ئاخىرى ئاغدۇرۇلۇش بىلەن نەتىجىلەندى. يەھۇدىيلار بۇ ئاقسۈڭەكلەر سەلتەنەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى بەكلا ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ سەلتەنەتنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنى مەستخوش قىلىپ ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇلدۇرغان، ئەڭ پەسكەش يالاقچىلىق ئۇسۇللىرىغا تايىنىپ ئۇلارنى ئەيشى ئىشرەتلىك تۇرمۇش ئىچىگە پاتۇرۇشقان، نەتىجىدە چەكسىز پۇل غېمىدا قالدۇرغان، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگە مۇھتاج قىلدۇرىۋالغانلار دەل يەھۇدىيلار ئىدى. يەھۇدىيلار ھىلىگەرلىكىگە تايىنىپ يەرلىكلەرنى مەجبۇرلاپ، ھەتتا ياققىسىغا ئېسىلىۋېلىپ بولسىمۇ يېڭى-يېڭى مەنبەلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تاپالايتتى. بۇنداق شاھزادىلارنىڭ ئۆمرىمۇ تەبىئىكى ئۇزۇن بولمايتتى. ھەر قانداق بىر خان سارىيىدا بىرەر “ساراي يەھۇدىيسى” تېپىلىپ تۇراتتى. ئادەتتە ھۆكمۈرانلارغا يېڭى-يېڭى بايلىق يىغىپ بېرىدىغان، ئەمما خەلق ئۈستىدە زومىلىق قىلىدىغان، خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان مەلئۇنلارغا ئەنەشۇنداق نام بېرىلگەن.
بۇنداق ئەھۋالدا يەھۇدىيلار تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەش نىيىتىدە ھەممە پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا يەھۇدىيلار بۇ ۋەتەننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشنى كۆزلەپ يۈرىشىدۇ. دېگەندەك ئۇلار بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە راستىنلا بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلايدۇ؛ چىركاۋلاردا ئۆزلىرىگە ئىلاھى سۇ سۈننىتى (خىرىستىيان دىنىغا كىرىش مۇراسىمى ياكى بىر تۈرلۈك سۈننەت قىلدۇرۇش مۇراسىمى. − ئۇ.ت) قىلدۇرىدۇ؛ بۇنىڭدىن چىركاۋلارمۇ يېڭى مۆرت قولغا كەلتۈردۇق دەپ ماختىنىپ يۈرىشىدۇ. ئىسرائىللارمۇ بۇ تۈر زور ئۇتۇق قازانغان ساختىپەزلىكلىرىدىن خوشال يۈرىۋېرىدۇ.
خ) ئەنە شۇ پەيتتىن باشلاپ يەھۇدىيلاردا ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. يەھۇدىيلار شۇ ۋاقىتلارغىچە يەنىلا يەھۇدىي پېتى ياشاپ كەلمەكتە ئىدى. يەنى شۇ كۈنلەرگىچە ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلىكىنى يوشۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمىگەن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىر-بىرسىگە دۈشمەن بۇ ئىككى ئىرق كىشىلىرى بىر-بىرسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن باشقا بىر قىياپەتكە كىرىۋېلىش زۆرۈرىيىتىنىمۇ ھېس قىلىشمايتتى. ئۇلۇغ فرېدېرىخ دەۋرىدە يەھۇدىيلارنى ياد بىر مىللەت دەپ قاراشتىن باشقا بىر ئىش ھېچ كىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا گيوتى، كەلگۈسىدە يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشىنى قانۇن يولىغا تايىنىپ توساش مۇمكىن بولماي قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ غەزەپ بىلەن نالە قىلغانىدى. گيوتىنى بۇ جەھەتتە مۇتەئەسسىپ بىرسى دەپ ئېيتىشقا ھېچ كىمنىڭ ھەققى يوق. گيوتى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئادەم ئىكەندۇق. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان نارازىلىق ئاۋازى قانۇن بىلەن ئەقىلنىڭ ئاۋازىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمما خەلق، ئوردا سارايلىرىدا ئىشلەنگەن بۇ تۈر پاسكىنا سودىلىشىشلارغا قارىماي يەھۇدىيلارنى ئۆز بەدىنىگە يېپىشقان يات بىر ئۇنسۇر دەپ قارىشىپ، يەھۇدىيلارغا شۇنىڭغا ماس مۇئامىلە قىلىپ كېلىشكەن ئىدى.
ئەمما خەلق ئارىسىدىكى بۇ تۈر قاراشلارمۇ تەدرىجى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە يەھۇدىلار ئۆزلىرىنى مېھماندوستلۇق بىلەن كۈتىۋالغان مىللەتنىڭ تىلىنى شۇنچىلىك پۇختا ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كېلىۋېلىشقانكى، ئەندىلىكتە ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي مەنبەلىرىگە ئۇنچە چىڭ چاپلىشىۋالمايدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئەندى ئۇلار “نېمىس ئالاھىدىلىكى” نى تەلەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالىغىدەك ھالغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. مۇنداق قارىغاندا بۇنداق قاراش ھەر قانچە كۈلكىلىك تۇيۇلىشىدىن، ھەر قانچە ئەھمىيەتسىز بىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلار ئەينى ۋاقىتلاردا “گېرمان” بولۇپ كۆرۈنۈشكە، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بۈگۈن “نېمىس” بولۇپ كۆرۈنۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ھالغا كېلىشتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن، ئادەمنىڭ ئەقلىغىمۇ كەلمىگىدەك ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىقلاردىن بىرسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. يەھۇدىيلار، ھەر قانچە بۇزۇپ ئىشلىتىدىغان بولسىمۇ نېمىسلارغا خاس ئالاھىدىلىكلرىدىن بىرسى بولغان نېمىس تىلىغا ئېرىشكىنى ئۈچۈن، ئۇلار نېمىسلىكتىن ئۆگۈنەلىگىنى نېمىسچە سۆزلىشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدۇ. ھالبۇكى، ئىرقلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئامىل ھەرگىزمۇ تىل ئەمەس، بەلكى قاندۇر. يەھۇدىيلار بۇ ئالاھىدىلىكنى ھەرقانداق بىر مىللەت كىشىلىرىدىنمۇ ياخشى بىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي، قان ئارىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. كىشىلەر تىلىنى بەكلا ئاسان ئۆزگەرتىۋالالىشى مۇمكىن. بۇنداق ئۆزگەرتىۋېلىش، ئۇ كىشىگە باشقا بىر تىلغا تايىنىپ ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ كىشى ئۆز پىكىرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋالىدۇ دېگەن مەنىنى ھەرگىز بەرمەيدۇ. يەنى ئۇ كىشى تىلىنى ئۆزگەرتكىنى بىلەن نىيىتى ئۆز پىتى ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، يەھۇدىيلار ھەر تۈردىكى تىللار بىلەن سۆزلىشىپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن ئىچىدىكى يەھۇدىي چۈشەنچىسىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ. مىڭ يىل بۇرۇن، ئوستيېدە ئېلىپ-ساتارلىق بىلەن شوغۇللانغانلىرىدا لاتىنچە سۆزلىشىپ يۈرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇغداي ئاكىسىيە بازىرىنى قالايماقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمىسچە سۆزلىشىشنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، بەرىبىر يەھۇدىيلىقىنى قىلچە ئۆزگەرمەي ئۆز پىتىچە قېلىۋىرىدۇ. يەنى تىلىنى ئۆزگەرتىۋالغىنى بىلەن، ئۇنىڭ يەھۇدىيلىقى قىلچە ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ، بۇ ۋەكىللەرنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ، ئامانلىق ساقلايدىغان يوقۇرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بۇ پاكىتنى قاراپ تۇرۇپ كۆرمەسلىكىنى تەبىئى ئەھۋال دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۇنكى، دۆلەتنى باشقۇرىۋاتقانلار ئىچىدە ئەقلىنى ئىشلىتىش، توغرا ئويلىنىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم بولمىغان بىرمۇ كىشىنى دېگىدەك ئۇچرىتالمايمىز.
يەھۇدىيلارنى تۇيۇقسىزلا نېمىس بولىۋېلىشقا مەجبۇرلىغان سەۋەپ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. يەھۇدىيلار ھېلىقى شاھزادىلارنىڭ كۈچىدىن قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنسىرى، پۇت قويغىدەك يېڭى بىر يەر ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلەرگە سېلىۋاتقان ماددى بېسىمى شۇنچىلىك كۈچىيىپ كەتكەنكى، ئەندىلىكتە بۇنچە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىغان، بارلىق مىللى ھوقۇقلارغا ئېرىشەلمىگىنىدە تەسىرىنى، كۈچىنى كېڭەيتەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشقان. ئەمما يەھۇدىيلار دەل بۇ ئىككى نەرسىنى ھەر دائىم تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. چۇنكى قانچىكى يوقۇرى ياماشقانسىرى، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان، بۈگۈن ئۆتمۈشنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدىن سۈزۈلۈپ كۆرۈنگەن، ئۇلارنى ھېچقاچان رازى قىلالماي كەلگەن ئارزۇسى ئۇلارنى ھەر زامان ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۈگۈن، ئەڭ ساغلام يەھۇدى كاللىلىرى دۇنيا غوجايىنلىقى خامخىيالىنىڭ ئالقىنىغا كىرگەنلىكىنى چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا ھېس قىلىشماقتا. ئەنە شۇ سەۋەپتىن يەھۇدىيلار بارلىق غەيرىتىنى مىللى مەنپەئەتلىرىنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتى ئۈچۈن سەرىپ قىلىشماقتا.
ئى) ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئوردا يەھۇدىلىرى ئاستا-ئاستا خەلق يەھۇدىسى تۈسىگە كىرىشكە باشلايدۇ. يەھۇدىيلار بۇ تۈردىكى شەكىل ئۆزگەرتىش جەريانىدىمۇ بەرىبىر خەلق ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغانلار ئىچىدە ئورۇن ئېلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلىۋېلىشقا كىرىشمەكتە. شۇنىڭدەك يەنە ئىرقىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ خەلق ئاممىسىغا ۋەز بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
خەلق ئاممىسى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەسىرلەر بويى ئۆزلىرىگە قارشى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ جىنايەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى، خەلق ئاممىسىنى رەھىمسىزلەرچە ئىزىپ سۈيىنى ئىچكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىشىدۇ؛ شۇنىڭدەك يەنە خەلق ئۆزىگە قىلىنغان بۇ تۈر زۇلۇملارنى تونۇپ يەتكىنىدىن كېيىن يەھۇدىيلارغا قارىتا تەدرىجى ئۆچ بولۇشقا باشلاپ، ئاخىرىدا يەھۇدىيلارنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن باشقا مىللەتلەر ئۈستىگە ئىۋەرتىلگەن بالا-قازا  دەپ تونۇشقا باشلىغىنىنى ئويلىغىنىمىزدا، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تۈردىكى سەپ ئۆزگەرتىۋېلىشىنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. دەرۋەقە تېرىلىرىنى شىلىپ، قانلىرىنى ئىچىشكەن قۇربانلىرىغا قارىتا “ئىنسانىيەت دوستى” بولۇپ كۆرۈنۈش يەھۇدىيلار ئۈچۈنمۇ ئاسان بولمىسا كېرەك.
يەھۇدىيلار دەسلىۋىدە خەلققا قىلغان قورقۇنۇچلۇق ناھەقچىلىكلىرىنى يەڭگىللىتىش، يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەتكە كەلگەن بىر “ئامەت” قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يېڭىچە قىياپەتكە كىرىۋېلىشى مەنپەتپەرەسلىكىنى ھەر قانچە يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغىنىغا قارىماي، تەۋراتنىڭ ئوڭ قولدا بەرگەننى سول قول تۇيمىسۇن دېگەن بويرۇقىغا توغرا كەلمەيدۇ. شۇڭا، خەلق كۆرگەن ئازاپلىرىغا قارىتا ھەقىقەتەنمۇ سەزگۈر بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئازاپلىنىشلارنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق پىداكارلىقلىرى ئېنىق ئوتتۇردا تۇرماقتا. يەھۇدىيلار تۇغما كىچىك پىيىللىك بىلەن ئۈستۈنلۈك ئەتىراپىدا ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنيا ئاڭلىغىدەك ئاۋازدا ناغرا سۇناي چېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشنى شۇنداق ئىشەنچ ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن قىلىشىدۇكى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇلارغا راستىنلا ئىشىنىپ قالىدۇ. ئاخىرى بېرىپ بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەرمۇ يەھۇدىيلارنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ۋەزىيەتنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراپ، ئەتراپتا ئۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ ناھەقچىلىك بولۇپتۇ دەيدىغان تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئەسلىدە ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىدى. بولۇپمۇ ئاخماق كىشىلەر يەھۇدىيلارغا ئىشەنچ قىلىشىپ، بۇ بىچارىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ كېتىشىدۇ.
يەھۇدىيلار رازىمەنلىك بىلەن ئۆزىنى پىدا قىلغانلىرىدىمۇ بۇنداق پىداكارلىقتىن قىلچە زىيان كۆرمەيدۇ. ئۇلار ئۆز پايلىرىنى ئايرىۋېلىشنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى بىرەر ئېتىزلىقنى خالىماي تۇرۇپ ئوغۇتلىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ بىرەر پايدا ئۈندۈرىۋېلىش كويىدا يۈرىشىدۇ. ئەمما قىزىق يېرى، پۈتۈن دۇنيا بىر مەزگىلدىن كېيىن يەھۇدىيلارنى “بىر ئامەت، ھۆرمەتكە لايىق” دەپ تونۇشقا باشلايدۇ(!).
بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكىچە بولۇپ كۆرۈنگەن بەزى نەرسىلەر يەنە بەزى كىشىلەرنى قاتتىق چۈچىتىۋېتىشى، قاتتىق ھەيران قالدۇرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بىر ئەھۋال يەھۇدىلاردا پەقەتلا كۆرۈلمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ھەممە كىشى يەھۇدىيلارنىڭمۇ ياخشىلىق قىلالايدىغانلىقىغا ھەيران بولۇشۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغان كىچىككىنە بىر ياخشىلىقىنىمۇ ئالاھىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرىۋېتىشىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىشلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا قالمايدۇ. يەھۇدىيلار تۇيۇقسىزلا لېبېرالىستلاردىن بولىۋېلىشىدۇ. باشقىلار ئىپادىلىگەن يېڭىلىقلارغا قارىتا ھەيران قالغانلىقلىرىنى، ھاياجانلانغانلىقىنى ئىپادىلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا ماختاشقا تايىنىپ يېڭىلىقنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ چىمپىيونىغا ئايلىنىۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتكە پايدىلىق مىللى ئىگىلىك ئاساسلىرىنى قاتتىق ۋەيران قىلىپمۇ تۇرىدۇ. مەسىلەن پاي چېكى سېتىۋېلىش يولى بىلەن ۋاستىلىق تۈردە مىللى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشنىمۇ تۆمۈر-تەسەك ساتقاندەك ئۇششاق-چۈششەك ئېلىپ-ساتارلىق ئىشىغا ئايلاندۇرىۋېلىشىدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر سودا ئىشىنى پەيدا قىلىشىدۇكى، ھەممە نەرسىنى پۇلغا سېتىۋېلىشقا بولىدىغان ۋە ساتقىلى بولىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ سانائەتنى شەخسى مۆلۈك ئاساسلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە ئىشچىلار بىلەن غوجايىن بىر-بىرسىگە دۈشمەن ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاخىرى بېرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ سىنىپلارغا بۆلۈنۈش ھالەتنى پەيدا قىلىشىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاكىسسىيە بازىرىغا كۆرسەتكەن تەسىر، ئۇ يەردە تىكلىگەن نوپۇزى كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلايدۇ. خەلقنىڭ بارلىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىگە بولىۋالىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىشىدۇ.
يەھۇدىيلار دۆلەت ئىچىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەدىمىنى ئاستىلىتىشنى مەقسەت قىلىپ پۇتىنى كىشەنلەيدىغان ئىرق توسىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا كىرىشىدۇ. دىنگە قارىتا ياخشىچاق بولىۋېلىپ ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھەرىكەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزىۋالغان فارماسون تەشكىلاتىنى ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە سۈيىئىستىمال قىلىشىدۇ. رەھبەرلىك سىنىپىنى، بۇرجۇئازلارنىڭ مۇھىم ئورۇندىكى ئادەملىرىنى فارماسون تەشكىلاتىغا كىرگۈزىشىپ ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپلەرگە يىتەكلىشىدۇ. بۇ كىشىلەرمۇ فارماسون تەشكىلاتىغا قاتنىشىش بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بىر ئويۇنچۇقى ھالىغا كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيماي يۈرىۋېرىدۇ.
ئەمما ئويغانغان ھەقىقىي خەلق ئاممىسى ئويۇن قىلىۋېلىشقان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قوغداش ئارقىلىق سىنىپنىڭ كەڭ تەركىپلىرىنى بۇنداق تەسىرلەردىن ساقلاشقا كىرىشىدۇ. ئەسلىدە، باشقىلارغا قارىغاندا بۇ تۈر كىشىلەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۇلارغا تېخىمۇ پايدىلىق بولاتتى. چۇنكى، يەھۇدىيلار ئالدىغا سېلىپ ماڭدىغان پادىسى بولغىنىدىلا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. يەھۇدىيلار، بۇنداق پادىنى بۇرجۇئازىيە سىنىپىنىڭ ئەڭ كەڭ قاتلاملىرى ئارىسىدىن تاپماقچى بولىشىدۇ. ئەمما پەلەي-پايپاق ئۇستىخانا غوجايىنلىرى بىلەن توقۇمچىلار فارماسونلۇقنىڭ بۇنداق ئاجىز تورلىرى بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلار بۇنداق يەرلەردە تېخىمۇ قوپال ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئىشقا كىرىشىدۇ. بۇ چاغدا، فارماسونلۇققا يەھۇدىيلار خىزمىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر قۇرالى − تەشۋىقات ئورۇنلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. يەھۇدىيلار بۇ كۈچنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئى ئىرادە بىلەن پۈتۈن ھۆنەرلىرىنى ئىشقا سېلىشىدۇ. يەھۇدىيلار تەشۋىقات كۈچىنى يىتەكلەپ، ئۇلارنى ئالدىغا سېلىپ مېڭىشىدۇ. چۇنكى ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئون بەش يىل بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تونۇلغان جامائەت نامىدىكى كۈچلەرنى يىتەكلەپ، باشقۇرۇپ ماڭالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇ جەرياندا، يەھۇدىيلار بىلىمگە تەشنا بولىۋاتقان قىياپەتتە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار پۈتۈن تەرەققىياتلارنى، بولۇپمۇ باشقىلارنى ۋەيران قىلالىغىدەك تەرەققىياتلارنى مەدھىلەشكە كىرىشىدۇ. ئۆز مىللىتىگە پايدىلىق بولغان  تەرەققىياتلاردىن باشقا ھەر قانداق بىر يېڭىلىقلارنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك دۈشمەنلىرى دەل شۇ يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتكە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشىدۇ. باشقىلاردىن ئۆگۈنىۋالغان كىچىككىنە بىلىمنىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قوللىنىشقا تىرىشىدۇ.
يەھۇدىيلار ئۆز مىللىتىنى ئاسىراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاياللىرىنىڭ خرىستىيانلار بىلەن توي قىلىشىغا ھەرگىزمۇ توسالغۇلۇق قىلىشمايدۇ. ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىنى رىغبەتلەندۈرىشىدۇ. ئەمما ئەرلىرىنىڭ ئۇرۇغىنىڭ ھەر دائىم ساپ تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. يەھۇدىيلار باشقا مىللەتلەرنىڭ قېنىنى رەھىمسىزلەرچە زەھەرلەپ تۇرسىمۇ، ئۆز قېنىنى ھەر تۈرلۈك زەھەرلىنىشلاردىن ئاسىرايدۇ. بىر ئەر يەھۇدىي، خىرىستىيان ئايال بىلەن توي قىلمايدۇ. خرىستىيان ئەر يەھۇدىي ئايال بىلەن توي قىلغىنىدا، تۇغۇلىدىغان بۇ شالغۇت ئۇرۇقتا بەرىبىر يەھۇدىي قېنى ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ. بولۇپمۇ يوقۇرى تەبىقىلىك سىنىپتىكىلەرنىڭ باياشاتلىق ئىچىدە ياشايدىغان تەبىقىلىرى ئەنە شۇنداق بۇزۇلۇپ بولدى. يەھۇدىيلار بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلگىنى ئۈچۈن، ئىرقىنىڭ دۈشمىنى بولغان بۇ سىنىپنى بۇ قۇرالىدىن مەھرۇم قېلىشىنى سىستېمىلىق شەكىلدە تەشۋىقىق قىلىپ تۇرىدۇ.
قىلىۋاتقان ئىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قۇربانلىقلىرىنى مەست قىلىش ئۈچۈن ئىرق، تەن رەڭگى پەرقىگە قارىماي بارلىق ئىنسانلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن قىلچە چېكىنمەيدۇ. ئاخماق كىشىلەر بۇ يالغان گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرىۋېرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، ئۇنىڭ يات بىرسى بولغانلىقىنى ئىپادىلەشنى ھەرگىز يوشۇرالمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خەلق ئاممىسى يەھۇدىيلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئۆزىنى ئاسانلا ئاسىراپ تۇرالايدۇ. ئەمما خەلق ئاممىسى تەشۋىقات يولى ئارقىلىق كۈزىتىپ كېلىۋاتقان رىياللىققا بوي سۇنمايدۇ. بولۇپمۇ ھەجىۋى تەشۋىقات ئەپكارلىرىدا يەھۇدىيلارنى زىيىنى يوق بىر مىللەت دەپ تونۇشتۇرىشىدۇ. بۇ تۈر تەشۋىقاتلاردا، بۇ مىللەت خۇددى باشقا بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بىر مىللەت؛ ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاز-تۇلا غەلىتى كۆرۈنەەندەك قىلسىمۇ، ئەخلاق ۋە ئەنئەنىلىرى جەھەتلەردە بەلكى كىشىنى تەبەسسۇمغا كەلتۈرىدىغان بىرەر ھالەت ئىپادىلىشىمۇ مۇمكىن؛ ئەمما بۇنداق ھالەت ئەسلى مەنىسى بويىچە نۇمۇسچان ۋە ياخشىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بىر ھالەت، دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيلار خەتەرلىك ئادەملەر ھېساپلىنىشتىن كۆرە قورققىدەك بىر يېرى يوق ئادەتتىكى كىشىلەر قىلىپ كۆرسىتىلىشكە تىرىشىلىدۇ.
يەھۇدىيلار تەرەققىياتىنىڭ بۇ باسقۇچىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى بولغان دېموكراتىيەنىڭ ياكى بۇ ئاتالغۇ بويىچە چۈشىنىلگەن نەرسىنىڭ غالىپ كېلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇ ئاتالغۇنىڭ غالىبىيىتىدىن پارلامېنت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەن مەنىنى چىقىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى پەقەت بۇ تۈر شارائىتلا تولۇق قاندۇرالايدۇ. چۇنكى، پارلامېنتارىزم دېگەن بۇ تۈزۈم، شەخسىلەرنىڭ رولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاخماقلارنىڭ، قابىلىيەتسىزلەرنىڭ، قورقۇنچاق ۋە مەسئولىيەتتىن قاچىدىغان پەسكەشلەرنىڭ كۆپسانلىقىنى ھۆكمۈران ئورۇنغا ئېرىشتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋېتى، خاندانلىق تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھاكىم بولغىنىدا، بۇنداق بىر ۋەزىيەت چوقۇم بىر كۈنى ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
ج) ئىقتىسادى جەھەتتە كۆرۈلگەن زور تەرەققىياتلار مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي تەبىقىلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ.
ئۇششاق ھۈنەرۋەنلەر تەدرىجى يۇسۇندا يوقۇلۇپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۆزىگە خاس تۇرمۇشىنى قامداش يولىنى تېپىش پۇرسەتلىرىنى، ئىمكانلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، ئىشچىلار ھېچنەرسىسى يوقلارغا (پرولېتارلارغا − ئۇ.ت) ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ زاۋۇت ئىشچىلىرى ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۆزىگە مەخسۇس بىرەر ئىمكانىيەت پەيدا قىلىش پۇرسىتىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قېلىشى ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق بىر ئىشچى، ھەقىقى مەنىدە مال-مۆلۈكسىز بىرسى ھېساپلىنىدۇ. قېرىلىق، بۇ ئىشچىلار ئۈچۈن ئۆلۈمدىن بەتەر بىر ئەھۋال ھېساپلىنىدۇ. قېرىلىق يەتكەن بىر ئىشچىنى تىرىك دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
ئىجتىمائىي تەرەققىياتلار بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر ئەھۋالنىمۇ پەيدا قىلدى. ئىشچىلار سىنىپىغا ئوخشاش مال-مۈلكتىن مەھرۇم مەمورى كادىرلار تەبىقىسى بىلەن خىزمەتچىلەر تەبىقىسىنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى. دۆلەت، قېرىلىق كۈنلىرى ئۈچۈن بىر تەرەپكە پۇل قويالمىغان مەمورى كادىرلار بىلەن خىزمەتچىلەرنى بېقىش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. يەنى پىنسىيە مائاشى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. شۇنداق قىلىپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قىلغان ئىشىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ياشانغان كۈنلىرىدە رېتىملىق تۈردە پىنسىيە مائاشى ئېلىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەمورى كادىرلار خاتىرجەم ھالغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنى ئۆستۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇشتىن بۇرۇن گېرمانىيە مەمورى كادىرلار تەبىقىسىدە ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك بولغان كەسىپى ئېڭى ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىدى. شەخسى مال-مۈلكى بولمىغان بۇ تەبىقە كىشىلىرى يوقسۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ مىللى جامائەتچىلىك تەركىۋىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ھېساپلاندى.
ئەمما بۇنداق دەرتلەر قايتىدىن كۈچىيىپ دۆلەتنىڭ ئۈستىگە تىكىلىپ ۋەھىمە سېلىشقا باشلايدۇ. خەلق ئاممىسى تۇرمۇشىنى قامداش مەقسىتىدە يېزىلاردىن ئايرىلىپ يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان سانائەت ساھەسىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇپ ئىشلەش ئۈچۈن ئاستا-ئاستا چوڭ سانائەت شەھەرلىرىگە ئېقىن قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ يېڭى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىلەن ئىش مۇھىتى يوقسۇللۇقتىنمۇ كۆپ ناچار ھالدا ئىدى. بۇرۇنلاردا كاسىپ-ھۆنەرۋەنلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى سانائەتلىشىش كەلتۈرگەن ئىش سۈرئىتىگە پەقەتلا ماسلىشالماي قالىدۇ. بۇرۇنلاردا ھۈنەرۋەنلەر قىلغان ئىشلىرىدا ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتى يوق دىيەرلىك ئىدى. ئەمما زاۋۇتلاردا ۋاقىت بەكلا مۇھىم رول ئوينايتتى. ھەتتا بۈگۈنكى ئىشلەش تۈزۈمى بويىچە ئالغاندا ۋاقىت بىرىنچى ئورۇندىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. كونا ئىشلەش شەكلىنىڭ ئەمەلى مەھسۇلات قىممىتى بەكلا ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق بىر كونا قول ھۆنەر ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى بۈگۈنكى سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشىغا قوللىنىشقا ئۇرۇنسا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى بەكلا چۈشىرىۋىتەتتى.
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، بىر كىشى كۈندىلىك 14 ياكى 15 سائەتلىك ئىشقا بەرداشلىق بېرەلەيتتى. ئەمما بۈگۈن ئىش ۋاقتىنىڭ ھەر بىر مىنوتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كونا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بۇ تۈر يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە پەقەتلا ماسلىشالماي قالىدۇ. كونا ئىش ۋاقتىنى يېڭى سانائەت ئىش تۈزۈمىگە ئاقىۋىتىنى ئويلانماستىن ئىجرا قىلغىنىدا مۇنداق ئىككى جەھەتتە بەكلا يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلايدۇ: ئالدى بىلەن ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكى بۇزۇلۇشقا باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشچىلارنىڭ قانۇنلارغا بولغان ئىشەنچىلىرى يوقۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئىجتىمائىي ناھەقچىلىكلەرگە كارخانا غوجايىنلىرى پايدا ئېلىپ بېيىپ كېتىشى بىلەن، ئىشچىلارنىڭ بەكلا ئاز ئىش ھەققى ئېلىشىدىن ئىبارەت تەڭسىزلىكلەر قوشۇلۇشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە، كارخانا غوجايىنلىرىنىڭ باياشات تۇرمۇشى ھەممىنىڭ كۆزىگە پاتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدۇ.
بۇرۇن يېزىلاردا، غوجايىنلار بىلەن ئورتاقچىلار پۈتۈن ئىشلارغا بېلى بىلەن تەڭ كىرىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئوخشاش قاچىدا ئوخشاش تاماقنى يەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يېزىدا بۇنداق ئىجتىمائىي ناھەقچىلىك كۆرۈلمەيتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇ يەرلەردىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، غوجايىن بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئايرىمچىلىقلار پۈتۈن ساھەلەردە كۆرۈلمەكتە. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يەھۇدىيلىشىشپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، قول ئەمگىكىگە قارىتا يامان قارايدىغان ئەھۋاللارنى يوق دەپ قارىغىنىمىزدىمۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئاز ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇردا. بۇنداق ئەھۋال نېمىسلارغا ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدىغان بىر ئادەت ھېساپلىنىدۇ. ئەسلىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ فرانسۇزلىشىپ كېتىشى پەقەت يەھۇدىيلىشىش نەتىجىسىدىلا مەيدانغا كەلمەكتە.
بۇرۇنلاردا قول ئەمگىكى بىزلەرگە ئىسىل بىر پەزىلەت بولۇپ كۆرىنەتتى. مانا بۈگۈن پۈتۈن جىسمانى ئەمگەكچىلەرنىڭ قول ئىشلىرى كۆزگە پاتىدىغان بولۇپ ئۆزگەردى.
ئەنە شۇ تەرىقىدە بەكلا ئاز ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بىر تەبىقە مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىللىتىمىز بۇ تەبىقىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ بىر ئەزاسىنى ئوتتۇرغا چىقىرالىشى ئۈچۈن لازىملىق كۈچىنى ئۆزىدە تېپىش-تاپالماسلىقى، ياكى بولمىسا ئوتتۇردىكى بۇنداق پەرقلەر بۇ تەبىقە بىلەن باشقا تەبىقىلەر ئوتتۇرسىدا چوڭقۇر ھاڭ پەيدا قىلىۋەتكىدەك مۇھىم ئامىللارغا ئايلىنىش ئېھتىمالى چوقۇم ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
بۇ جەرياندا ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بىرەر ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى، يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن بۇ تەبىقە كىشىلىرى ئارىسىدا رەزىل ئۇنسۇرلار تېخى ئوتتۇرلۇقتا بىر يەرگە يىغىلىپ بولالمىغانلىقىنىلا كۆرسىتىدۇ. ھەتتا بۇ يېڭى تەبىقە ئادەملىرى ئىچىدە ھەرىكەتچان كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۈچرىتىش مۇمكىن ئىدى. ئىلمىيلىك دېگەن بۇ نەرسىنىڭ نەتىجىسى ھېساپلىنىدىغان چېكىدىن ئاشقان زىغىرلاپ كېتىشلىرى بۇ يەردە بۆلگۈچى ۋە ۋەيران قىلغۇچى تەسىرىنى تېخى ئوتتۇرغا چىقارمىغان ئىدى. بۇ يېڭى سىنىپ تېنچلىقپەرۋەرلىك دېگەن پەسكەشلىكنىڭ زەھەرلىنىشىگە تېخى ئۇچرىمىغان ھالدا ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇلار تېخى ساق قالالىغان، لازىم تېپىلغىنىدا غەزەپلىنەلەيتتى.
شۇنچە مۇھىم بولغان بۇ تۈر ئىجتىمائى نارازىلىق مەسىلىسىگە بۇرجۇئازىيە ئۈن چىقارماي جىم بولىۋالغان بىر ۋاقتتا، يەھۇدىيلار كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىدىغان سەپلەرنى ھازىردىن تارتىپلا ئېنىق كۆرمەكتە ئىدى. يەھۇدىيلار كاپىتالىستلار مەنپەئەتىگە دائىر شارائىتلارنى شەكىللەندۈرۈشكە كىرىشكىنىدە، قۇربانلىقلىرىغىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈبرەشلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋالنى “ئۆز ئۆزىگە قارشى تۇرۇش” دېگەننىڭ ۋاستىلىق ئىپادىلىنىشى دەپ چۈشىنىش كېرەك. چۇنكى، يالغانچىلىقنىڭ پىرى بولغان يەھۇدىيلار ھەر دائىم ئۆزىنى ساپ، توغرا سۆزلۈك ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشىپ، گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئىنتايىن ئۇستا ئىدى. ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىشىدۇ، خەلقمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق يالغانچىلارنىڭ قۇربانلىق قويىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيدۇ. ئەسلىدە ئۇلار دەل شۇ تۈردىكى يالغانچىلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلانماقتا ئىدى.
بۇ يېڭى تەبىقە ئومۇمىي ئىقتىسادى ئۆزگىرىشتىن چىقار-چىقماي يەھۇدىيلار ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن قايسى تۈردىكى يېڭى بىر مەشقاۋۇلنى قولغا كەلتۈرىۋالغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلىشىدۇ. يەھۇدىيلار بۇرۇن فيودال پومىشچىكلار دۇنياسىغا قارشى قالقان سۈپىتىدە بۇرجۇئازىيىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، ئەندىلىكتە بۇرجۇئازىيىگە قارشى ئىشچىلار سىنىپىدىن پايدىلانماقتا. يەھۇدىيلار بىر ۋاقىتلاردا بۇرجۇئازىيىنىڭ سايىسىگە كىرىۋېلىپ پۇخرالىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالغىنىدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن باشلىغان كۈرەشلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنى دۇنياغا ھاكىم قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە ئىدى.
شۇڭا، بۇندىن كېيىن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ۋەزىپىسى يەھۇدىي مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۆزگەرگەن ئىدى. ئىشچىلار بىلمەستىنلا ئاغدۇرماقچى بولىۋاتقان كۈچلەرگە خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. يەھۇدىيلار ئىشچىلارنى كۆرۈنۈشتە كاپىتالغا قارشى ھۇجۇم قىلىۋاتقان قىياپەتنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىشچىلارنى بىر تەرەپتىن ئەمەلىي كاپىتال ئۈچۈن ئۇرۇشقا سېلىپ قويىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقارا كاپىتالغا قارشى شۇئارلار توۋلاتقۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلى غەرىزى مىللىي ئىگىلىكنى ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلىش ئىدى. يەنى مىللىي ئىگىلىكنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ خارابىسى ئۈستىدە خەلقارالىق پاي چەك بازىرىنىڭ غالىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. يەھۇدىيلار بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال ئىشچىلارنىڭ قوينىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشىدۇ. ھەتتا نامراتلىق ئۈستىدىن قوزغىلاڭ قىلىۋاتقان بىرسىدەك مەيدانغا چۈشىۋالىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىشچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپ، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىشىدۇ. ئالىي ئىرققا تەۋە بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىزچىل تۈردە مۈگىدەپ ياتقان ئىجتىمائى ھەققانىيەت تەلىۋىنى ئۇستىلىق بىلەن كۈشكۈرتۈپ ئۇيغۇتۇشقا ئۇرۇنىشىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا كۈشكۈرتۈپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن ئىشچىلارنى تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن باشقا بىر تەبىقە كىشىلىرىگە قارىتا ئۆچمەنلىكىنى قوزغاشقا ئۇرۇنىشىدۇ. يەھۇدىيلار بۇ ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىش ۋاقتىدا ئىجتىمائى ناھەقچىلىكلەرگە قارشى قوزغىتىلغان دەھشەتلىك كۈرەشكە پەلسەپەلىك تۈس بېرىشكە، پەلسەپەلىك ئىزاھاتلار بېرىشكە كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيلار ماركسىزمنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا باشلايدۇ.
يەھۇدىيلار، ماركسىزمنى ھەققانى ئىجتىمائىي تەلەپلەر بىلەن زىچ باغلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ پەلسەپەنىڭ تېزلىكتە تارقىلىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا، يەھۇدىيلار بۇ پەلسەپە ئاساسىدا ئۆزلىرىگە نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردە ناھەقچىلىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇتۇش بىلەن بىر قاتاردا، بۇنداق بىر ئوتوپىيىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن كىشىلەرنىڭ بۇ تەلىماتقا ئۆكتىچىلىك قىلىشىغىمۇ پۇرسەت بېرىپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتۈشكە تىرىشىدۇ. ئىجتىمائىي كۆزقاراشلار نىقاۋى ئاستىدا ھەقىقەتەنمۇ شەيتانلارچە، قورقۇنۇشلۇق نىيەت يوشۇرۇنغان. بۇ پەلسەپە، ئەقلىلىق بىلەن ئاخماقلىق شۇنداق يۇغۇرۇلغان بىر پەلسەپە ئىدىكى، ئۇلارنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ پەلسەپەدە ئەقلىلىق بىلەن ئاخماقلىق شۇنداق مۇكەممەل تەڭشىلىپ ئوتتۇرغا قويۇلغانكى، ئۇنىڭدىن پەقەت تەلۋىلىك دەپلا قاراشقىلا بولىدىغان نەرسىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەقىلگە ئۇيغۇن ھېچ قانداق بىر ئىش ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ماركسىزم، شەخسلەرگە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتكە ھەر تۈرلۈك ياشاش ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاساسلارنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەسلىدە مەدەنىيەت ئەنە شۇ تۈردىكى شەرتلەرگە باغلىق نەرسە ئىدى. ئەگەر ئەنە شۇنداق ئاخماقانە زىھىننىڭ بۇ كەشپىياتىغا پەلسەپە دېگەن نامنى بېرىشكە توغرا كەلسە، ماركسىزم پەلسەپەسىنىڭ ماھىيىتى ئەنە شۇنداق بىر ئاخماقانىلىق ھېساپلىنىدۇ. شەخسىلەرنىڭ، ئىرقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئارقىلىق، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن پەسكەش بىر ئىرقنىڭ، يەنى يەھۇدىي ئىرقىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولىشىدۇ.
بۇ تۈر بىر پەلسەپەگە كۈچ بەرگەن، ئۇنى يىتەكلەپ ماڭغان نەرسە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشتىكى غەلىتە تەلىماتلىرى ئىدى. ماركسىزمغا جان كىرگۈزگەن بۇ رۇھ، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بۇ پەلسەپەگە ئىشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەقلىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار، ئىقتىسادىي بىلىملەردىن خەۋىرى بولمىغان كىشىلەر دەرھال ماركسىزمچى بولىۋېلىشىدۇ. بۇ ھەرىكەتكە يول كۆرسىتىش، ئۇنى باشقۇرۇش ئۈچۈن”بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۆزىمۇ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئەقىل تەرىپىدىن يول كۆرسىتىلىشكە، باشقۇرۇلۇشقا ئېھتىياجلىق” دېيىشىپ، يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرسىنىڭ مېڭىسىدىن لازىملىق ئەقىلنى چىقىرىشقا ئۇرۇنىشىدۇ.
ئەندى بىز، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقان جىسمانى ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارنىڭ بىرەر ھەرىكەتنى قانداق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى: سىرتقى كۆرۈنۈشىدە بۇ ھەرىكەتنىڭ غايىسى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، يەھۇدىي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرنى زۇلۇم ئاستىغا قويۇپ ئۇلارنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىشقان. تېنچلىقپەرۋەرلىك ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرىگە تايىنىپ مىللىي مەۋجۇتلۇق ئېڭىنى پالەش ھالغا كەلتۈرىۋېتىش ئۈچۈن زىيالىي دەپ قارالغان ساھەدىكىلەردە ئىزچىل تۈردە يەھۇدىيلار قولىدا تۇتۇپ كەلگەن كۈچلۈك تەشۋىقات ئورگانلىرى فارماسونلۇقنىڭ قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈرىشىنى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا، بولۇپمۇ بۇرجۇئازىيە ئۈستىدە قانات يايدۇرىشىدۇ. ۋەيران قىلارلىق بۇ ئىككى كۈچكە يەنە بىر كۈچمۇ كېلىپ قوشۇلىدۇ. بۇ ئۈچىنچى كۈچ، تاقابىل تۇرماق بەكلا تەس، ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بولغان زوراۋانلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت. ماركسىزم، زوراۋان كۈچ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ دەسلەپكى ئىككى خىل قۇرال كۈچىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ يوق قىلىۋېتىشكە مەجبۇر. بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر، ئاجايىپ ھىلىگەرلەرچە پىلانلانغان ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى بۇرۇلۇش ھېساپلىنىدۇ. بۇ شۇنداق ھىلىگەرلەرچە بىر ھەرىكەت ئىدىكى، بۇ ھەرىكەتكە ئۆزلىرىنى دۆلەتنىڭ ئاز-تۇلا مەنىۋىي ئورنىنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى دەپ تونۇتۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئورگانلارنىڭمۇ قوشۇلۇپ بېرىشى كۆرۈلگىدەك بولسا، بۇنىڭغىمۇ ھەيران قالغۇچىلىقى يوق. يەھۇدىيلار، قىسمەنلىكتى بەزى ئەھۋاللارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھەر دائىم ئۆزىنىڭ خاراپ قىلغۇچى ۋەزىپىسى ئۈچۈن يوقۇرى دەرىجىلىك مەمورى كادىرلىرىمىز ئارىسىدىن، ھەتتا ئەڭ يۇقۇرى سالاھىيەتلىك كىشىلەر ئارىسىدىن ئىنتايىن سادىق ياردەمچىلەرنى تېپىۋېلىشقان. بۇ دۆلەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ كۆزگە چېلىققىدەك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆزىدىن يوقۇرى دەرىجىلىك بىرەرسىنى كۆرسە ئىگىلىپ تازىم قىلىپ ئۆمىلەپ يۈرىشىدىغان، ئۆزىدىن تۈۋەن دەرىجىلىكلەرنى كۆرسە غادىيىپ كېتىشىدىغانلىقى بولۇپ، بۇ مىجەزلەر ئەسلىدە ھەيران قالغىدەك ئاخماقلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئەمما دۆلەت ئورگانلىرىمىزدىكىلەردە كۆرۈلىدىغان بۇ تۈردىكى ئالاھىدىلىكلەر يەھۇدىيلارنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلارغا يېقىنلىشىش، ئۇلاردىن پايدىلىنىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان پايدىلىق ئەھۋاللار بولۇپ، بۇ تۈر ئالاھىدىلىكلەر يەھۇدىيلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئالاھىدىلىكلەردۇر. بۇلارنى بىلگىنىمىزدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان غەرەزلىرىنى تەسۋىرلەشكە تىرىشساق، مۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئوتتۇرغا چىقىدۇ:
يەھۇدىيلار، دۇنيانى ئېقتىسادىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىشقىنىدەك، سىياسىي جەھەتلەردىمۇ ھۆكمۈرانلىق ئورۇنغا ئېرىشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بۇ مەقسەتتە يەھۇدىيلار كۈرەشنىڭ بۇ ئىككى غايىسى ئۈچۈن ماركسىزمنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئوتتۇرغا قويۇشىدۇ. كۆرۈنۈشتە بۇ ئىككى قىسىم بىر-بىرسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىككى قىسىم بىر-بىرسىدىن ئايرىلماس بىر پۈتۈنلۈكنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى قىسىم، سىياسىي پائالىيەتلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى دەپ ئىككى مەزمۇندىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشما ھەرىكىتى ئەتراپىغا تەرەپتار توپلاشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان بىر ھەرىكەت بولۇپ، ئۇلار ئىشچىلارغا غوجايىنلىرىنىڭ پۇلپەرەسلىكى ۋە ئاچكۆزلىكىگە قارشى كۈرىشىدە ئىشچىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشىدۇ. ئەگەر ئىشچىلار دۆلەت تەرىپىدىن بىرەر ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىدە ياكى ھىمايە قىلىنمىغىنىدا ئىشچىلار ئۆز مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىش ئىشىنى مەسئولىيىتى يوق بىرەرسىنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئۇلار، بۇنداق ھەققانىي مۇداپىيە ئىشىنى ئۆزلىرى بىۋاستە ئۈسىتىگە ئېلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. پۇل تېپىش ھەۋىسى بىلەن كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەي قالغان بۇرجۇئازىيە ئىشچىلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تۈر كۈرەشلىرىگە قانچىكى كۈچلۈك توسالغۇلىق قىلالايدىكەن، مەسىلەن بەك ئۇزۇن ئىش سائەتلىرىنى ئازايتمىغىنىدا، بالا ئىشچىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدە ئىنساپسىزلىق قىلىپ ئەمگەك شارائىتلىرىنى ياخشىلىمىغىنىدا، ئايال ئىشچىلارنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويمىغىنىدا، ئىش ئورنى بىلەن تۇرالغۇ ئۆي-مەھەلىسىدە سالامەتلىك، تازىلىق شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىنغىنىدا، ئۇلاردىنمۇ ھىلىگەر بولغان يەھۇدىيلار بۇ سىنىپنىڭ، يەنى ئىزىلگەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كۈرىشىگە ئىگە بولىۋېلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيلار ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىسى بولىۋېلىشىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى يەھۇدىيلار خوشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي يارىلارغا بىرەر چارە قىلىش ئەمەس. يەھۇدىيلارنىڭ ئىشچىلارنى ھىمايە قىلىدىغان قىياپىتىگە كىرىۋېلىشىدىكى ئەسلى سەۋەپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ ئىستىقبالىنى يوق قىلىۋېتىدىغان بىر ئىجتىمائىي كۈچنى ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىش ئىدى. چۇنكى، مۇكەممەل بىرەر سىياسەت بىر جەھەتتىن خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشنى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەقىل بىر مىللىي ئىگىلىكنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما يەھۇدىيلار بۇ ئىككى تۈرلۈك مەقسەت ئالدىدا پۈتۈنلەي پەرۋاسىز تۇرىۋېلىپ، ئۆز غايىسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىش يولىدىكى بۇ تۈر توساقلارنى تازىلاشنىڭ غېمىدىلا يۈرىشىدۇ. يەھۇدىيلار ھەقىقەتەنمۇ مىللىي ئىگىلىكنىڭ مۇستەقىللىقىنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇس − مىللىي ئىگىلىكنى ۋەيران قىلىش. شۇ سەۋەپتىن ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئۇنىڭ يېتەكچىسى ئورنىغا ئېرىشىۋالغان يەھۇدىيلار ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ياكى ئىجرا قىلىنغىنىدا مىللىي ئىگىلىكنىڭ گۇمران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىيالدىلا بولۇپ، بۇ جەھەتتە ۋىجدانى قىلچىمۇ ئازاپ ھېس قىلمايدۇ. يەھۇدىيلار ساغلام بىر ئىرق كۆرۈشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى سۈپىتى چۈشكەن، قۇللۇققا رازى بولىدىغان بىر قوتان ئادەملەرنى كۆرۈشتۇر. ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك غەزەپ پەيدا قىلىدىغان، قىلچە مەنىسى يوق تەلەپلەردە بولۇشنى ئەنە شۇ مەقسەتتە ئوتتۇرغا چىقىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلى غەرىزى ئەتراپنى قالايماقانلاشتۇرىۋېتىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىشچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئەھۋالىنى ھەقىقى جەھەتتىن ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياخشىلاش دەيدىغان مەقسەتلىرى بولغان ئەمەس.
دېمەككى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىزچىل تۈردە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئويغاتماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر نامراتلىقنىڭ ئەسلى سەۋەپلىرى ھەققىدە توغرا مەلۇماتلار بېرىلمەي، بۇ جەھەتتە كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت بىلەن شوغۇللانماي تۇرۇپ يەھۇدىيلارنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ھەممە قوبۇل قىلىشقان بىردىن-بىر رەھبەر بولىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۈگۈن كۆرۈلىۋاتقىنىدەك خەلق ئاممىسى ئېنىق بىر غايىگە يىتەكلەنمىگىنىدە، دۆلەتمۇ بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماي پەرۋاسىز بولىۋالغىنىدا، خەلق ئاممىسىمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ يۈزسىز ۋەدىلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق يالغان ۋەدە قىلىش ئىشلىرىغا يەھۇدىيلار ئىنتايىن ئۇستا. چۇنكى، يەھۇدىيلاردا ئەخلاقلىق بولۇش دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۇلاردا ئەخلاقنىڭ كۈكۈنىمۇ يوق. شۇڭا، يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرىنى تېزگىنلەش مۇمكىن ئەمەس.
شۇ سەۋەپتىن، ئۇلار خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە بەكلا ئاسان جەلىپ قىلىۋالالايدۇ. ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئاممىنى رىقابەتچىلىرىگە قارشى ھۇجۇمغا سالىدۇ. يەھۇدىيلار ئەزەلدىن روھىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قوپاللىق، بۇلاڭچىلىق خاراكتىرىگە ماس ھالدا ئىشچىلار ھەرىكىتىگىمۇ ئەڭ قوپال زوراۋانلىق خاراكتىرىنى سىڭدۇرىۋېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئىشچىلار ئارىسىدىكى ئەقىللىق، قاماققا چۈشمەيدىغانلارنىڭ قارشى چىقىشلىرىنى قورقۇتۇش، ۋەھىمە سېلىش يولىغا تايىنىپ زەربە بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق.
نەتىجىدە، يەھۇدىيلار مىللىي ئىگىلىككە، خەلق پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسلارنى ئىشچىلار سىنىپى ۋاستىسىغا تايىنىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تۈر پائالىيەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا سىياسى تەشكىلات پائالىيەتلىرىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ. يەنى بۇ تۈر سىياسىي كۈچىيىشلەردە ئىشچىلار ھەرىكىتى خەلق ئاممىسىنى سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشقا تەييار قىلىشىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى قامچىلاپ قوغلىغاندەك بۇ تەشكىلاتلارغا مەجبورى تۈردە ھايداپ كىرىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئىشچىلار ھەرىكىتىمۇ ئارزۇلايدىغان بىر ئەھۋال. سىياسىي تەشكىلاتلاردا تەشكىلى ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كىرىم دەل شۇ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىن كەلمەكتە. ئىشچىلار ھەرىكىتىدە كىشىلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى تېزگىنلەپ تۇرىدىغان ئورگانلار يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بارلىق سىياسىي نامايىش ھەرىكەتلىرىگە ئادەم يىغىش ئىشلىرى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا تۇتۇلۇپ، ئۇلارنى سىياسىي ئەقىدىسىنىڭ بويرۇقىغا بوي سۇنىدىغان قىلىۋېلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن سىياسىي تەشكىلاتلار مەزمۇن جەھەتتىن مەدەنىيەت سەۋىيىسى بەكلا تۈۋەن بولغان كىتاپخانلىرىنىڭ سىياسىي كۆزقاراشلىرى بىلەن ئىدىيىلىرىگە ماس كېلىدىغان بىر تەشۋىقات ۋاستىسىنى قۇرۇپ چىقىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا، سىياسى تۈزۈمگە قارشى ئىسيانكارلىقنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇنداق ئىسيانكارلىق روھ، بىر خەلقنىڭ ئەڭ تۈۋەن تەبىقىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاممىنى جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئاتلىنىشقا تەييار ھالغا كەلتۈرىۋېلىشىدۇ. بۇنداق بىر تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسى ھەرگىزمۇ سەۋىيىسى تۆۋەن خەلق ئاممىسىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئىشلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاشنىلا مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ تۈر تەشۋىقات مەتبۇئاتلىرى مىللىي غۇرۇرىمىز، يۈكسەك مەدەنىيىتىمىز، ئەنئەنىلىرىمىز ۋە مۇستەقىل ئىگىلىكىمىزنىڭ ئۇلى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارغا تۆمەت چاپلايدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا چۈشىرىۋېلىشىغا توسالغۇلۇق قىلماقچى بولغانلارغا، ياكى بولمىسا ھاكىمىيەتنىڭ يېڭى غوجايىنى، ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرىۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىللىق كىشىلىرىدىن يەھۇدىيلار ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇپ كۆرۈنگەن دۆلەتنىڭ تاللانغان، ئالاھىدە خاراكتېردىكى ئادەملىرىگە قارشى “يەھۇدىي مەتبۇئاتى” ھۇجۇم قىلىشىپ، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈشكە تىرىشىدۇ. چۇنكى، يەھۇدىينىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراشتا ئۇلارغا قارشى ئىش قىلىشلا شەرت ھېساپلانمايدۇ. يەھۇدىينىڭ، ھەر قانداق بىر كۈندە ئۇلارغا قارشى بىر دۈشمەنلىك قارىشىغا كېلىشىڭىز ياكى ئۇلارنى دۈشمەن مىللەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قابىلىيىتىڭىزنى ئىشقا كىرىشتۈرىشىڭىزدىن گۇمان قىلىشى، سىزگە ئۆچمەنلىك ساقلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ خاتا قىلمايدىغان تۇغما قابىلىيىتىگە ئىگە يەھۇدىيلار ھەر قانداق بىرسىنىڭ تۇغما قارشى چىقىش قابىلىيەتلىرىنىڭ ھىدىنى دەرھال ئالالايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالالمىغان بىرسى يەھۇدىينىڭ ئۆزىگە دۈشمەن بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن ھەرگىز گۇمانلانماسلىق كېرەك. يەھۇدىيلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىرسى ئەمەس، بەلكى ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ھۇجۇم قىلىدىغان بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان بىرسىنىلا ئەمەس، ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى چىققان بىرسىنىمۇ ئۆزىگە دۈشمەن دەپ ھېساپلىشىدۇ. يەھۇدىيلاردىكى ھەققانىيەت بىلەن تولۇپ تاشقان جاسارەتلىك روھلارنى ئىزىپ تاشلاش ئۈچۈن جەڭدە پايدىلىنىدىغان قۇراللىرى مەرتلىككە ھەرگىزمۇ توغرا كەلمەيدىغان نەرسىلەردۇر. ئۇلار بۇ پەسكەش ئىشلىرى ئۈچۈن يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قۇرالىدىن پايدىلىنىدۇ.
ئۇلار ھېچقانداق نەرسىدىن چېكىنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكلىرى شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى، خەلقىمىزنىڭ كۆزىگە شەيتاننىڭ نەق رەسىمى ياكى بارلىق ئەسكىلىكلەرنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ يەھۇدىيلار كۆزىگە كۆرۈنگەن بولسا بۇنىڭغا ھەيران قېلىشىمىز ھاجەتسىز. خەلق ئاممىسى ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنىڭ ئاشىكارە بىلىنمەي قالغانلىقى، يوقۇرى تەبىقىلەردە تۇغما قابىلىيىتىنىڭ بولماسلىقى، ئەقلىنىڭ كاملىقى، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقان بۇ يالغان كۈرەشكە خەلق بەكلا ئاسان قۇربان بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. يوقۇرى تەبىقە كىشىلىرى تۇغما قورقۇنچاقلىقى سەۋەبىدىن يەھۇدىيلارنىڭ يالغانچىلىق، تۆھمەت بىلەن ھۇجۇم قىلغان كىشىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسا، خەلق ئاممىسىمۇ ئاخماقلىقى ياكى ساددىلىقى سەۋەبىدىن بۇ تۈر ئىسيانكار خاراكتېرلىك ئادەم ئۈستىدە توقۇم چىقىرىلغان يالغان گەپلەرگە ئىشىنىپ قېلىشىدۇ. ھۆكۈمەت ئىچىدە سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەر بولسا، بىر بولسا ئۈنىنى چىقارماي جىم تۇرىۋېلىشىدۇ ياكى بولمىسا ناھەق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئادەمنى سولتقا تارتىشىدۇ. گويا، بۇ تۈر ئىشەك مىجەزلىك مەمورى كادىرلارنىڭ بۇ تۈردە ھەرىكەت قىلىشى دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قوغدىغانلىق، ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلغانلىق ھېساپلىنارمىش.
ئاقىۋەتتە، يەھۇدىيلار تەرىپىدىن پايدىلىنىغان ماركسىزم قۇرالىنىڭ ۋەھىمىسى بۇ تۈر ئەقىللىك كىشىلەرنىڭ مىڭىلىرىگە، روھىغا قورقۇنۇشلۇق چۈشكە ئايلىنىپ زەربە بېرىشكە، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مەمورى كادىرلار بۇنداق ۋەھىمىلىك بىر دۈشمەن ئالدىدا دىرىلدەپ تىترەشكە باشلاپ، ئاخىرى بىر كۈنى ئۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ك) يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۈستۈنلىكى بۈگۈن شۇنچىلىك مۇستەھكەم ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلگەنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە يەھۇدىي دەپ ئېلان قىلىش جاسارىتىنى كۆرسىتىدىغان ھالغا كېلىۋېلىشتى. ھەتتا بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىرقى بىلەن سىياسىي قاراشلىرىنى زىر-زەۋىرىگىچە تولۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشتىنمۇ قىلچە تەپ تارتماس ھالغا كېلىۋېلىشتى. بۇ ئىرقتىكىلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا نېمىسلارغا يات بىر مىللەت دەپ كۆرسىتىشمەكتە. ئەسلىدە بۇمۇ ئۇلارنىڭ بىر يالغانچىلىقلىرىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. چۇنكى، سيونىزم پۈتۈن دۇنياغا يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندە بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىقلا خاتىرجەم بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، ئاخماق كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق-ئاشكارە ئالدم خالتىسىغا چۈشەرگەن ھېساپلىنىدۇ. يەھۇدىيلاردا ھېچقاچان پەلەستىندە بىر دۆلەت قۇرۇپ ئۇ يەرگە بېرىپ ئورۇنلىشىش خىيالى يوق. ئەسلىدە ئۇلار پەلەستىندە پەقەتلا كىشىلەرنى ئالدايدىغان خەلقئارالىق سىيونىزم ھەرىكەتلەرنىڭ بىر مەركىزى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىشتىن باشقا ھېچ نېمىنى ئويلىمايدۇ. قۇرۇلىدىغان بۇنداق بىر تەشكىلات ھاكىمىيەت تىكلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوغدىلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلمايدىغان بولىدۇ. بۇ تەشكىلات، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۈزدىكى نىقاۋى ئېچىپ تاشلانغان ياكى بولمىسا ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغان بارلىق ۋەيرانە يەھۇدىيلارنىڭ پانالىنىدىغان، كەلگۈسىدىكى ۋە ھازىرقى رەزىل، ئالدامچى يەھۇدىيلارنى يېتىشتۈرىدىغان يوقۇرى دەرىجىلىك مەكتىۋىگە ئايلىنىدۇ.
ئەنە شۇنداق ئىككى يۈزلىمىچى بەزى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى مەن نېمىس، مەن فرانسۇز ياكى مەن بىر ئېنگىلىز دەپ يۈرگىنىدە، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي ئىرقىغا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارە ئىپادىلەپ تۈرەلىشى، ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈنسايىن ئارتىۋاتقانلىقىنى، ئەندى ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھالغا كەلدۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا قالغان مىللەتلەرنىڭ قىلچە پەرۋا قىلماي يۈرگەنلىكى، يەھۇدىيلارنىڭ غالىبىيەت كۈنلىرى ھەقىقەتەنمۇ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
قارا چاچلىق يىرگىنىشلىك بىر يەھۇدىي، بېشىغا كېلىدىغان خەۋىپتىن بىخەۋەر بىر قىزنى نەچچە سائەتلەپ كەينىدىن كۈزىتىپ يۈرىدۇ. ئاخىرى بۇ ياش قىزنى ئۆزىنىڭ پەسكەش قېنى بىلەن بۇلغاش مەقسىدىگە يېتىۋالىدۇ. ئۇ قىزنى تەۋە بولغان ئىرقىدىن يۇلۇپ ئالىدۇ. … يەھۇدىيلار، ئۆز ھۈكمۈرانلىقى ئاستىدا تۇتماقچى بولىۋاتقان بىر ئىرق ئىگە بولغان پۈتۈن ئاساسلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىماقچى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ، ياش قىزلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزغىنىغا ئوخشاش، ئۆز ئىرقى بىلەن يەنە بىر ئىرق ئوتتۇرسىدىكى “قان” توسىقىنى ئۆرۈپ تاشلاش، ئۇ توساقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرنى ئىشقا سالىدۇ. نېگىرلارنى گېرمانىيىگە ئېلىپ كەلگەنلەرمۇ ئەنە شۇ يەھۇدىيلار ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇ يوشۇرۇن غەرەزلىرى، ئاشكارە غايىسى ئۈچۈن نېگىرلارنى ھازىرمۇ بۇ يەرگە توشىماقتا. ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقان ئاق تەنلىك ئىرقلارنى شالغۇتلاشتۇرۇپ پەيدا قىلغان بۇزۇلۇشتىن پايدىلىنىپ يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي سەۋىيىسىنى پەسەيتىش، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولىشىدۇ. چۇنكى، ئىرقى ساپ بولغان، قېنىنىڭ كۈچىنى بىلىدىغان مىللەت ھەرقانداق قىلسىمۇ ھەرگىز يەھۇدىيلارغا باش ئەگمەيدۇ. ئەمما، يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادا ئىزچىل تۈردە، پەقەت شالغۇتلارغىلا غوجا بولىشى مۇمكىن.
شۇنداق بولغاچقا، يەھۇدىيلار كىشىلەرنى ئىزچىل تۈردە زەھەرلەپ تۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىرقلارنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىشىدۇ. يەھۇدىيلار بۇ جەرياندا يەنە سىياسىي جەھەتتىن دېموكراتىيىنىڭ ئورنىغا پرولىتارىيات دىكتاتۇرىسى ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇشقا كىرىشىدۇ.
ماركسىزم، يەھۇدىيلارنىڭ دېموكراتىيىدىن ۋاز كېچىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، يەھۇدىيلارنى دىكتاتۇرلۇقتىن ئىبارەت زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ باشقا مىللەتلەرنى باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر ۋاستە بولۇپ بەرمەكتە. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيلار قوش يېڭىلىق كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق تۈردە ھەرىكەت قىلىشىدۇ. بۇ تۈر قوش يېڭىلىق ھەرىكىتى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە بارلىققا كېلىدۇ.
ئىچكى تەرەپتىن پەيدا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمغا قارىتا ئاكتىپ تۈردە قارشىلىق كۆرسەتكەن مىللەتلەرنى يەھۇدىيلار قوزغىغان خەلقارالىق نوپوز ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە تايىنىپ دۈشمەن كۈچلىرى بىلەن قورشاۋغا ئېلىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاقىۋەتتە پىلان قىلغان ۋاقىتتا ئۇرۇش مەيدانىغا ئىنقىلاپ بايرىقىنى تىكىدۇ.
دۆلەتلەرنى ئىقتىسادى جەھەتلەردە ۋەيران قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆنۈمسىز ھالغا كەلتۈرۈلگەن قاننىڭ كۈچىنى دۆلەتنىڭ ئىلىكىدىن تارتىپ ئېلىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي تېزگىن ئاستىغا ئېلىۋېلىشىدۇ.
يەھۇدىيلار دۆلەتنى سىياسىي ھاياتىنى ساقلاش ۋاستىلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىدۇ. ھەر تۈرلۈك تىركىشىشلەرنىڭ، مىللىي مۇداپىيىنىڭ ئاساسلىرىنى چىرىتىشكە كىرىشىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۆتمۈش تارىخىنى قارىلاپ كۆرسىتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ. مۇقەددەس بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاتقاققا مىلەپ قاپقارا قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.
مەدەنىيەت ساھەلىرىگىمۇ قولىنى ئۇزارتىشىپ سەنئەتنى، ئەدەبىياتنى قارىلاشقا كىرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەبىئى ھېسسىياتلارنى قالايماقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. بارلىق گۈزەللىك، يۈكسەك مەسئۇلىيەت، ئابروي ۋە مىھرىبانلىق ئۇقۇملىرىنى بىراقلا ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىدۇ. كىشىلەرنى پەسكەشلىك، رەزىل مىجەزلىك تەرىپىگە قاراپ يىتىلەپ ماڭىدۇ.
ئاخىرىدا، يەھۇدىيلار دىن بىلەن ئەخلاقنى كۈلكىلىك، بەكلا نادان قىياپەتكە كەلتۈرىشىدۇ. مۇقەددەس ئەنئەنىلەرنى، ئۆرپە-ئادەتلەرنى ئۆلگەن، مودىدىن قالغان ۋە كونىرىغان نەرسىلەر قاتارىدا كۆرسىتىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر مىللەتنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئاساسلىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىشىدۇ.
ل) شۇ چاغقا كەلگىنىدە ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ زور ئىنقىلاپ ھەرىكىتىنى قوزغىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيلار سىياسىي كۈچنىمۇ قولغا كىرگۈزىۋالغىنىدىن كېيىن، نىقاۋىنى چۆرۈپ تاشلاپ، دېموكراتىيىنىڭ، خەلقنىڭ دوستى ھېساپلانغان يەھۇدىيلار، شۇندىن باشلاپ رەسمى بىر قاتىل، ئىرق دۈشمىنى بولغان يەھۇدىي قىياپىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشىدۇ. بىر قانچە يىل ئىچىدە ئەقىل بۇلاقلىرىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشقا كىرىشىدۇ. مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىي يىتەكچىلىرى بولغان كىشىلەرنى تازىلىۋېتىپ ئۇلارنى تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىشكە باشلايدۇ.
بىزگە بۇ تۈر زۇلمەتلىك دۇنيانىڭ ئەڭ جانلىق ئۈلگىسىنى رۇسىيىدە تولۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. رۇسىيىدە، يەھۇدىيلار شۇنچە چوڭ بىر مىللەت ئىچىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ۋەھشى، ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىلىمسىزلىككە تايىنىپ 30 مىليونغا يېقىن ئادەمنى ئۆزىنىڭ يازغۇچى ۋە باندىتلىرى قولى بىلەن ئاكىتسىيە بازىرى بۇلاڭچىلىرىغا ئۆلتەرگۈزگەن ياكى ئاچارچىلىق ئىچىدە ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلغان ئىدى. بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىشلار يەھۇدىيلارنىڭ مىللەتلەر ئەركىنلىكىنى يوق قىلىۋېتىشى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بۇ يوقۇتۇلۇشقا مەھكۈم قىلىنغان مىللەتنىڭ تەييارتاپلىرىمۇ ئاخىرى تازىلىنىدۇ. يەھۇدىيغا قۇربانلىق قىلىنغانلارنىڭ ئۆلۈمى، ئاخىرقى ھېساپتا بۇ قانخورنىڭمۇ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گېرمانىيىنىڭ تارمار قىلىنىش سەۋەپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، بۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋە ئەڭ ئېنىق سەۋەپچىسى قاتارىدا ئىرق مەسىلىسىنى يەھۇدىي خەۋىپىنى ھېس قىلالمىغانلىق، بۇ خەۋىپنى ئالدىن كۆرەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.
1918-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇرۇش مەيدانىدا دۈچ كەلگەن مەغلوبىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ھېساپلانماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ مەغلوبىيەتلەر مىللىتىمىزنىڭ بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن غالىبىيەتلىرى ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيتتى. بىزنىڭ تارمار قىلىنىشىمىزغا بۇ مەغلوبىيەتلەر سەۋەپ بولغان ئەمەس. بىز، مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا يىتەكلەيدىغان، شۇ ئارقىلىق ھاياتىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان سىياسى كۈچ ۋە ئىنىستىنكىتىنى ئون يىلدىن بېرى سىستېمىلىق تۈردە خەلقىمىزنىڭ ئىلكىدىن ئېلىپ بۇ مەغلوبىيەتلەرنى كۆرسەتكەن قۇدرەت تەرىپىدىن يەرگە يېقىتىلدۇق. كونا رېيچ، خەلقىمىز تەۋە بولىۋاتقان ئىرق ئاساسلىرىنىڭ قوغدىلىشى جەھەتتە ئوتتۇرغا چىققان مەسىلىلەرگە سەل قاراش نەتىجىسىدە، بىر مىللەتنىڭ بۇ ئالەمدە ياشاش ئۈچۈن قولىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ھەققىنى قارىلاپ كۆرسەتكەن ئىدى. شالغۇتلاشقان، يا بولمىسا شالغۇتلىشىشقا پۈرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن مىللەتلەر تەڭرىنىڭ قۇدرىتىگە قارىتا گۇناھ سادىر قىلىشقانلار ھېساپلىنىدۇ. بىر مىللەت، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەبىئەت ئاتا قىلغان، تېگى-تەكتى قېنىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قالالمىغىنىدا، بۇ ئالەمدىكى مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىلىشىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ دەرت تۆكۈشىگىمۇ ھەققى يوق.
بۇ ئۆتكۈنچى ئالەمدە بارلىق ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. ھەر بىر مەغلوبىيەت كەلگۈسى غالىبىيەتنىڭ ئانىسى بولالىشى مۇمكىن ئىدى. ھەر بىر مەغلوبىيەتلىك ئۇرۇش كەلگۈسىدە بىر يۈكسىلىشكە سەۋەپ بولالىشى مۇمكىن ئىدى. ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىقنىمۇ ئادەمنىڭ غەيرىتى ئارقىلىق يېڭىپ چىقىش مۇمكىن ئىدى. ھەر قانداق بىر زۇلۇم، ھەر قانداق بىر بېسىم قاننىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلا بولىدىكەن ئەخلاقى جەھەتتە قايتا تىرىلىشنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان قۇۋۋەتنى پەيدا قىلالىشى، ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما قاننىڭ ساپلىقىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىدا سائادەتمۇ قولدىن كېتىپ، ئادەمىنى مەڭگۈ خورلۇققا قالدۇرىدىغان سەۋەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بىر يىمىرىلىشنىڭ مەنىۋىي، ئەخلاقىي ئاقىۋەتلىرى ھەرگىز يوقالمايدۇ. ھاياتلىقنىڭ قالغان مەسىلىلىرىنى بۇ بىرلا مەسىلە بىلەن سېلىشتۇرۇلغىنىدا قالغان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئەھمىيىتى بۇ مەسىلە ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەرزىمەي قالىدۇ. ھاياتلىقنىڭ بارلىق مەسىلىلىرى ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يوقۇلۇپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما قاننىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش ياكى قاننىڭ بۇزۇلىشى مەسىلىسى، يەر يۈزىدە ھاياتلىق داۋاملىشىدىغانلا بولىدىكەن مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
ئۇرۇشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بەزى مۇھىم ھادىسىلەر تەتقىق قىلىنغىنىدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىرق مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. مەيلى ھوقۇقى مەسىلىلەر بولسۇن، مەيلى ئىقتىسادىي ھاياتتا ئوينالغان چوڭ ئۇيۇنلار بولسۇن، ياكى بولمىسا سىياسىي ساھەدە كۆرۈلگەن ۋەيرانچىلىقلار، مائارىپتىكى مەغلوبىيەتلەر بولسۇن، ھەتتا مەتبۇئاتلارنىڭ داڭلىق كىشىلىرى ھەققىدە پەيدا قىلغان يامان تەسىرلەر توغرىسىدىكى ئىشلار بولسۇن، بۇ تۈردىكى ناچار ئىشلارنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىدىغانلا بولساق، ئىرق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىنى، ياكى بولمىسا يات بىر مىللەتنىڭ ئىرقىمىزغا خەۋىپ كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى سېزىۋېلىنمىغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ جەھەتتە بارلىق يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ، بارلىق ئىجتىمائىي ياردەم ئەسەرلىرىنىڭ، ھەر تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ، بارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنىڭ ۋە پىكىر قىلىش كۈچىدىكى ھەر بىر بىلىم جوغلانمىلىرىنىڭ ھېچ قاچان مۇھىم رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
مىللەت بىلەن ئۇنى يەر يۈزىدە ساقلاپ قالالايدىغان قۇدرەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئورگان، يەنى دۆلەت، ساغلام ۋۇجۇتقا ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەتتا مىللەت بىلەن دۆلەتنىڭ ھەر ئىككىسىلا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ساغرىپ سولىشىپ كېتىۋاتقان ئىدى. رېيچنىڭ سىرتتىن كۆرۈنىشىدىكى ساغلاملىقى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئاجىزلىق قىلىلىۋاتقان ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەنگەن ھەر قانداق ئىش ھەر دائىم نەتىجىسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىپ كەلمەكتە ئىدى. چۇنكى، ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە ئۇنتۇلۇپ بىر چەتكە تاشلىۋېتىلگەن ئىدى. نېمىس خەلقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىلىملىك كىشىلەرگە لايىق مۇنازىرە قىلالايدغان بىر مۇنچە سىياسى قاراش تەرەپتارلىرىنى، ھەتتا يىتەكچىلىرىنىمۇ راستىنلا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن ئىكەندۇق دەپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ئۈنۈمسىز قېلىشقا مەھكۇم ئىدى. چۇنكى، ئۇلار بىزدىكى ئاساسلىق باش ئاغرىقىمىزنىڭ قايسى شارائىتلار ئاستىدا مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغىنى بىلەن، ھەرقانچە مۇۋاپىق شارائىتلاردىمۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىرالماي يۈرۈشكەن ئىدى. بۇرۇنقى رېيچنىڭ سىياسىي تەرەققىياتنىڭ ماڭغان يولىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە، ئىتتىپاقلىق شەكىللەنگىنىدىن كېيىن، ھەتتا بۇنىڭ نەتىجى بولغان نېمىس خەلقى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان تەرەققىياتلار جەريانىدا، ئىچ-ئىچىدىن يىمىرىلىش جەريانىنى تېپىپ چىقىرالىغان، بارلىق سىياسىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى بىلەن ئىقتىسادىي بايلىقلارنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا قارىماي، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يىلدىن يىلغا يامانلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. رېيچستاگ سايلىمىدا، ماركسىزمچىلار ئاۋازىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، تاشقى تەرەپتىن يىمىرىلىشكە سۆرەپ ماڭىدىغان ئىچكى يىمىرىلىشنىڭ توختىماستىن يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇرجۇئازىيە پارتىيىسىنىڭ بارلىق ئۇتۇقلىرىنىڭ قىلچە قىممىتى يوق ئىدى. بۇمۇ، بارلىق سايلام نەتىجىلىرىگە قارىماي ماركسىزم دولقۇنىنىڭ  كۈچىيىشىگە توسالغۇلۇق قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، ئۆز ئىچىدە بۇزۇلغان ئۇرۇغلارنى ساقلاپ يۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلمەكتە ئىدى. بۇرجۇئازلار بۇنى سېزەلمەي ماركسىزم ئىدىيىسى بىلەن بۇلغىۋېتىلگەنىدى. ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇشلىرى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان رەقىپلىرىنىڭ پىرىنسىپال ئۆكتىچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى دېگەندىن كۆرە، ئاچ كۆز يىتەكچىلىرىنىڭ بىر-بىرسىگە قارشى رىقابەتلىشىشىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئىدى. بۇ ئۇزۇن مەزگىل جەريانىدا پەقەت بىرلا مىللەت قەتئى سۇنماي كۈرەشنى داۋام قىلىپ كېلەلىگەن ئىدى. بۇ مىللەت، يەھۇدىي مىللىتى ئىدى. مىللىتىمىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىچكى ھەيدەكچى كۈچىنىڭ كامىيىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئالتىشىۋارلىق يۇلتۇزى كۆكتە چاقناشقا باشلىغان ئىدى.
1914-يىلى ئۇرۇش مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى چىقارغان بىر مىللەت جەڭگە ئاتلانمىغان. بۇ تۈر ماركسىزمچى تېنچلىقپەرۋەرلەرنىڭ مىللىتىمىزگە تەھدىت سېلىشلىرىغا قارىتا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش تۇغما كۈچى بىلەن مەيدانغا چۈشىشى ئىدى. كەلگۈسى تەغدىرىمىز مۇنازىرە قىلىنغان ئۇ كۈنلەر ئىچكى دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىدى. تەڭرى، يېڭىپ چىققان قېلىچقا تىگىشلىك ھەققىنى بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ ھەر قانداق بىر گۇناھنىڭ جازاسىنى تېتىشنى تەلەپ قىلغان مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتكە باش ئېگىلگەنلا ئىدى.
مانا بۇ مەسىلىلەر يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مەنبە بولغان ئىدى. بىز بۇ قاراشلىرىمىزنىڭ يالغۇز نېمىس مىللىتىنىڭ يىمىرىلىشىنى توساپ قالالايدىغانلىقىغىلا ئىشىنىپ قالماي، بىر دۆلەت، كۈنلەرنىڭ بىرى ئاساس بولىدىغان، ئۇنىڭدىن كۈچ ئالىدىغان گرانىتتەك ئۇل سېلىشىقىمۇ كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز ئۇ كۈنلەردە شۇنداق ئۇلۇغ بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىزكى، ئۇ دۆلەت خەلقىمىزگە ھېچ قاچان يات بىلىنمەيدىغان بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەلەپ ۋە مەنپەئەتلەرگە خىزمەت قىلمايدىغان، مىللەتىمىزنىڭ ئۆزىدىن، تارىخىمىزدىن تۇغۇلغان ئۇلۇغ بىر نېمىس مىللىتى دۆلىتىنى چوقۇم قۇرۇپ چىقىرىمىز.

ئون ئىككىنچى باب

مىللەتچى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانى
ھەرىكىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى بۇ قىسىمنىڭ ئاخىرسىدا تەھلىل قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى ئۇدۇل كەلگىنىدە مۇھاكىمە قىلىشىمدا، بۇ مۇھاكىمىلەرنى تەلىماتىمىزنىڭ ئاساسى روھىغا مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇشنى مەقسەت قىلىپ بايان قىلغان ئەمەسمەن. ئەسلىدە بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ پروگراممىلىرى شۇنچە كەڭ مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلى يېزىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم بىر توم كىتاپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، پروگراممىلىرىمىزنى بۇ كىتاۋىمنىڭ ئىككىنچى تومىدا تەپسىلى مۇھاكىمە قىلىشقا قالدۇردۇم. شۇ چاغدا ئويلىغانلىرىم ئاساسىدا بىر دۆلەت ئۈلگىسى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا تىرىشىمەن.
بۇ يەردە “بىز” دېگىنىمدە، يۈزمىڭلىغان ئادىمىمىزنى كۆزدە تۇتماقتىمەن. ئەنە شۇ يۈز مىڭلىغان كىشىلەر ئاساسى جەھەتتىن بىزنىڭ غايىلىرىمىزنى تاللاپ ئالغان كىشىلەر ھېساپلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشىلەر كۆز ئالدىدا لەپىلدەپ تۇرىغان تۇغىمىزنى بىرمۇ-بىر تەرىپلەپ بېرەلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزلەردىن ئېنىق خەۋەردار بولۇپ كېتەلمەي يۈرمەكتە.
ئەسلىدە ھەرقانداق ئۇلۇغ يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بولىدۇ. بۇ تۈردىكى يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىدە دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا پەقەت بىرلا چىمپىيون ئوتتۇرغا چىققان بولىدۇ. كېيىن بۇ ھەرىكەت مىليونلىغان ھىمايىچىلارنى ئۆز ئەتراپىغا جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. چۇنكى، بۇنداق ئىسلاھات ھەرىكىتى مىڭلىغان تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. ئەنە شۇ مىڭلىغان ئادەملەر ئارىسىدىن بىرسى ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئۈمىد ۋە ئورتاق غايىلىرىنى ئېلان قىلىپ، كونا ئۈمىدلەرنى جانلاندۇرۇش، ئۇ غايىلەرنى يېڭىدىن يۈرەكلەردە غالىپ ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋانگارتلىق قىلىشقا ئۆزىنى ئاتايدۇ. مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇ دەۋرنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ دەيدىغان ئۇلۇغ غايىلار ساقلانغان بولىدۇ. بۇ ھالەت، كىشىلەرنىڭ ئېغىر ئازاپ ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  بۇ تۈر ئەھۋاللار كىشىلەر ئارىسىدا مىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۈمىدسىزلىك بىلەن جاسارەت بەكىرەك ئەپادىلىنىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلىرىدە، نەپرەت، ئۆچمەنلىك ۋە نارازىلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسمى بىر چەتكە چىقىۋېلىپ ئارىلاشماي تۇرىۋېلىشسا، يەنە بەزىلىرى بۇ ئەھۋاللارنى توساش مەقسىدىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئارزۇ ئىچىدە يۈرىشىدۇ. بۇ تۈردىكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈرىدىغانلارنىڭ بىر قىسمى سايلامدا ئاۋاز بەرمەي نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىۋالسا، سان جەھەتتىن بەكلا كۆپ بىر قىسمى بولسا چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق تەرىپىدە تۇرۇپ ئاۋاز بېرىشىدۇ.
بىزنىڭ بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىز دەل ئەنە شۇ نارازى بولۇپ يۈرگەن تەبىقىدىكىلەرگە مۇراجەت قىلىدۇ. چۇنكى ۋەزىيەتتىن رازى، تىقىلىپ تۇيىۋالغانلارنىڭ بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قاتنىشىپ بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلالمايمىز. بۇ ھەرىكىتىمىز قىيىن ئەھۋالدا قالغان، قىيىنچىلىق ئاستىدا تولغۇنىۋاتقان، ئازاپلىنىۋاتقان تەلەيسىز، بەخىتسىز كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلايدىغان بىر ھەرىكەتتۇر. شۇنداق، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز يۈزەكى سىياسىي ئىشلار سەۋىيىسىدىلا قالىدىغان بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالماي، ئالدى بىلەن ئىجتىمائى ئورۇنغا ئېرىشەلمەي سىرتتا قېلىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تاتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر ھەرىكەت بولىشى كېرەك.
1918-يىلىسى، خەلقىمىز سىياسىي جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ئەھۋالدا ئىدى. بىرىنچى قىسىمدىكىلەر سان جەھەتتە كۆپسانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جىسمانى ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىدىغانلاردىن باشقا بەكلا ئاز بىر قىسمىنى، يەنى خەلقنىڭ بىلىملىك تەبىقە كىشىلىرىدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر كۆرۈنۈشتە مىللەتچى كىشىلەر ھېساپلىناتتى. يەنى بۇ تۈردىكى كىشىلەر دۆلەت مەنپەئەتى دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە ئاساسەن خاندانلىق مەنپەئەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن مەنپەئەتكە ۋەكىللىك قىلىشاتتى ۋە بۇ ھەقتە باش قاتۇرىشاتتى. بۇ قىسىمغا تەۋە كىشىلەر رەقىپلەرنىڭ بېسىمى، زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن تەسىرى يۈزەكى، تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن مەنىۋىي قۇراللارغا تايىنىپ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، مەقسەتكە يېتىشكە غەيرەت كۆرسىتىدىغان كىشىلەر ئىدى. تېخى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە ۋاكالەتەن مەمورى ئورۇنلاردا مەسئۇل بولۇپ يۈرگەن بۇ تۈردىكى كىشىلەر بىرلا زەربە بىلەن پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار كەلتۈرىۋېتىلدى. ئۇلار قورقۇپ غالىلداپ تىتىرەشكىنىچە ۋەھشى غالىپلارنىڭ بارلىق زومۇلۇقلىرىغا باش ئېگىشتى.
بۇ تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئىشچىلار سىنىپى سەپ تۇتقان ئىدى. بۇ سىنىپتىكىلەر ئاز-تۇلا چېكىدىن ئاشقان ماركسىزمچىلىققا مايىللىق كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەر ئاساسىدا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر ئىدىيىۋى جەھەتتىكى بارلىق قارشىلىقلارغا زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ زەربە بېرىش ئىرادىسىگە ئىگە كىشىلەر ئىدى. ماركىستىك ئىدىيىلەر بىلەن قۇراللانغان بۇ سىنىپ ئادەملىرى “مىللەتچى” ئاڭنى ئارزۇ قىلىشمايتتى. ئەكسىنچە، بۇ تۈر كىشىلەر چەتئەل ھاكىمىيەتلىرىنىڭ بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكەتلىرىگە ياردەملىشەتتى. بۇ تۈردىكى كىشىلەر سان جەھەتتە خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى.
ئەمما بۇ تەبىقە كىشىلەر مىللەتچىلىكنىڭ بەزى ئامىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مىللىتىمىزنى بۇ سىنىپنى قاتناشتۇرماي تۇرۇپ كۈچەيتىشنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس.
1918-يىلىدىن ئىتىۋارەن شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈركى، نېمىس خەلقىنىڭ ھەر بىر كۈچىيىش ئارزۇسى ئوتتۇرغا قويۇلىشى ھامان، گېرمانىيىگە بولغان چەتئەل بېسىمىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئارتۇرۇلدى. بۇ تۈر بېسىملار بىزدىكى بۇرجۇئازىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر دائىم تىلغا كەلتۈرگىنىدەك  ماددىي قۇراللىرىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدىن ئوتتۇرغا چىققان بېسىملار ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ بېسىملار خەلقىمىزنىڭ غەيرىتىنىڭ كامىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بولمىسا نېمىسلار ئېھتىياجلىق بولغىنىدىنمۇ ئارتۇق قۇرال كۈچىگە ئىگە ئىدى. ئەگەر نېمىس خەلقى يەنىلا ئەركىنلىكىنى قوغداش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسا، بۇنىڭغا ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاش ئىنىستىنكىت كۈچىدىن، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش غەيرىتىدىن مەھرۇم بولغانلىقى سەۋەپ بولغان دېيىش كېرەك. ھەر قانچە كۈچلۈك قۇرالمۇ ئۇ قۇرالنى ئىشلىتىدىغان ئىرادە، جاسارەتلىك روھ بولمىسا، جېنى يوق، قىممىتى يوق مېتال دۆۋىسىدىن باشقا نەرسە بولالمايدۇ. ئەگەر گېرمانىيە مۇداپىيە كۈچىدىن مەھرۇم قالغان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى قولىدا قۇرالىنىڭ بولماسلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. مۇداپىيىسىز قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى خەلق قولىدىكى بۇ قۇرالىنى تارتقۇزۇپ قويماي چىڭ تۇتۇش روھىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن كۆرۈشىمىز كېرەك.
ئەگەر، بۈگۈنكى كۈندە سولچىل سىياسەتچىلەر خائىنلىقتىن بارلىققا كەلگەن ئاڭسىز سادىر قىلغان خاتا سىياسەتلىرىنىڭ مەغلوبىيەتكە سەۋەب بولىشىنى قۇرال يېتىشمەسلىكىگە ئارتىپ قويىۋاتقان بولسا، ئۇلار قېپ قىزىل يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلارغا مۇنداق جاۋاپ بېرىلىشى كېرەك:
“يالغان گەپ قىلماڭلار! مىللىي مەنپەئەتلەرنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇش جەھەتتىكى پەسكەش سىياسىتىڭلار نەتىجىسىدە قۇرالىڭلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن دۈشمەنگە تاپشۇرۇپ بەردىڭلار. ئەندى كېلىپ قۇرال يوقلىقىنى ۋەيران بولۇشىمىزنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتىسىلەر. بۇ ئىشىڭلارمۇ خۇددى بۇرۇنقىدەك يالغانچىلىققىڭلارنى، ساختىپەزلىكىڭلارنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.”
بۇ جەرياندا ئوڭچىل سىياسەت ساھەسىدىكىلەرمۇ ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقان ئىدى. 1918-يىلىسى ئوڭچىل سىياسەتچىلەرنىڭ قورقانچالىقى سايىسىدە يەھۇدىي مەرەزلىرى ھاكىمىيەت ئورنىغا ئېرىشەلىگەن ھەمدە نېمىس خەلقىنىڭ قولىدىكى قۇراللارنى ئوغرىلاشقان ئىدى. بىزنىڭ مۇداپىيىسىز مىللەت ھالىغا كېلىپ قېلىشىمىز ئەنە شۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئوينىغان پەسكەشلىكلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى. نېمىسلارنىڭ قايتىدىن ئۇلۇغ بىر مىللەت ھالىغا كېلىشى ۋە جاسارەتكە ئېرىشىش مەسىلىسى ئۆزىمىزگە “قۇراللىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئىشلەپ چىقىرالىشىمىز مۇمكىن؟” دەپ سۇئال قويۇش بىلەن ھەل قىلىنمايدۇ. “بىرەر مىللەتنى قۇرال كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان روھنى قانداق پەيدا قىلىشقا بولىدۇ؟” دەپ ئويلىشىمىز لازىم. ئەگەر مىللىتىمىز ئەنە شۇنداق ئويلىيالايدىغان ھالغا كېلەلىگىنىدە ئۇنىڭ ئەقلى ھەر بىر نېمىسقا بىردىن قۇرال تۇتقۇزۇشنىڭ مىڭلارچە يولنى ئويلاپ چىقىرالايدۇ. بىر قورقۇنچاققا ئون تال تاپانچا بېرىلگەن تەغدىردىمۇ ئۇنداق بىرسى ھۇجۇم ۋاقتىدا بىر تالمۇ ئوق ئاتالمايدۇ. بۇنداق قورقۇنچاق بىرسىنىڭ قولىدىكى تاپانچىلار بىرەر جەسۇر كىشىنىڭ قولىدىكى ھاسا تايىقىچىلىكمۇ قىممىتى بولمايدۇ.
خەلقىمىزنىڭ سىياسىي كۈچىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى بىزنىڭ تۇغما مەۋجۇت بولۇش ئىقتىدارىمىزنىڭ ساغلام ھالغا كەلتۈرۈلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە. ھەقىقەتەنمۇ، بۇنداق بىر روھ بويىچە يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق بارلىق تاشقى سىياسەتلەردە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىش، دۆلىتىمىزنى قايتىدىن كۈچەيتىش ئىشلىرىدا خەلقىمىزنى قۇرالغا ئىگە قىلىشىمىزغا قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ ھەممىگە مەلۇم ياكى مۆلچەر قىلىنغان تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىگە باغلىق بىر ئىش. بىرەر مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىق كۈچى جېنى يوق بىر دۆۋە قۇراللارغا ئىگە بولىشىغا قارىغاندا مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش تۇغما روھىنىڭ يالقۇنلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇمايدىغان قەھرىمانلىق كۆرسىتەلەيدىغان جاسارىتىگە ئىگە بولىشىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىتتىپاقلىق كۈچى، قۇرال كۈچىگە تايىنىپ شەكىللەنمەيدۇ.  بۇ كۈچ بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان كىشىلەر ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىقىدۇ. مانا بۇ، ئېنگىلىز مىللىتىنىڭ ئۇزۇن دەۋردىن بېرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم رەقىبى دەپ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبى. چۇنكى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگىچە جەڭ قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرالىشى، مىللىتىنىڭ كۈچلۈك جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرالىشىغا ئىشەنگەنلىكى نەتىجىدە بارلىققا كەلگەن. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئېنگىلىزلار ھېچ قاچان پەيت كۈتۈشتىن ياكى پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن قاچقان ئەمەس. ئېنگىلىزلار ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىشىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاچقا، ئەنگىلىيە تا بۈگۈنگىچە ھەربى قۇراللىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قۇرال كۈچى بىلەن تەڭ تۇتۇش ئېھتىياجىنى ھېس قىلغان ئەمەس.
نېمىس خەلقىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىش غەيرىتىمىزنىڭ قايتىدىن كۈچەيتىلىشى دېگەن مەنىگە ئىگە بولىشىدىن قارىغاندا، بۇ روھنى مۇستەھكەم ئاساسلار ئۈستىگە تىكلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بار بولغان مىللەتچىلىك ئۇنسۇرلىرىغا تايىنىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، مىللىي ھېسسىياتلارغا قارشى تۇرىۋاتقان سىنىپلارنى مىللەتچى ھالغا كەلتۈرۈش بولىشى كېرەك.
ئۇنداقتا، نېمىس دۆلىتىنى ئۆز ھاكىمىيىتى تەۋەسىدە قايتا كۈچەيتىشنى، بۇرۇنقى كۈچىگە قايتا ئېرىشتۈرۈشنى غايە قىلغان يېڭى ھەرىكىتىمىز، كەڭ خەلق ئاممىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر.
ئەمما بىزدىكى “مىللەتچى” دېيىلىۋاتقان بۇرجۇئازىيە سىنىپىدىكىلەر شۇنچىلىك بىچارە، مىللەتچىلىك ئېڭى شۇنچىلىك تۈۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتىكى، ئۇلاردىن قارشى ئاتاكىغا ئۆتۈش ھەرىكىتىنى قوزغىيالىغىدەك ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىدىن ھەرگىزمۇ ئۈمىد كۈتەلمەيمىز. بىزدىكى مىللى بۇرجۇئازىيە دېگەنلىرىمىز ئاساسەن ئالغاندا قىلچە قىممىتى يوق، مىللى ئېڭى يېتەرسىز قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن. ھەتتا ھەممىگە ئېنىق مەلۇم بولىۋاتقان يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى سەۋەبىدىن نېمىس بۇرجۇئازىيىسى بىسمارك دەۋرىدە بولغىنىدەك يېقىن بىر مەزگىلدە پاسسىپ قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىيالىدى دېگەندىمۇ، يەنىلا ھەممىگە مەلۇم بولغان، ئادەت ھالىغا كېلىپ بولغان قورقۇنچاقلىقى سەۋەبىدىن ھېچقاچان ئاكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن تۇلا بەك ئەنسىرەش كېرەك ئەمەس.
ئۆزىنى ئىنتېرناتسيونال ئىچىگە پاتۇرۇپ قويغان نېمىس گراجدانلىرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن پەرق قىلىدۇ. ئۇلاردىكى قوپال، ئىپتىدائىي مىجەزلىرى زورلۇق قىلىش تەرەپكە سۈرەپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنى باشقۇرۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلارمۇ بەكلا قوپال ھەم رەھىمسىز كىشىلەردۇر. ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار نېمىس ئارمىيىسىنىڭ بېلىنى سۇندۇرىۋىتەلىگىنىدەك، بۈگۈنمۇ گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن تەرەققى قىلىش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارغىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىشىدۇ. بولۇپمۇ پارلامېنت دەۋرىدە سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن، پارلامېنتتىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق بىر مىللىي تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش ئىشىغا توسالغۇلۇق قىلىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ تۈر كىشىلەر نېمىس مىللىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى، بۇ كۈچنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇغىلى، پەرق قىلغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى، بىزنىڭ ئاجىز ھالقىمىز بولۇپ تۇرىۋاتقان ئون بەش مىليونلۇق ماركسىزمچى، دېموكراتچى، تېچلىقپەرۋەر ۋە مەركەزىيەتچىلىرىمىز، چەت دۆلەتلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ دۆلەتلەر ئىتتىپاق تۈزۈشكە يار بېرىدىغان ياكى يار بەرمەيدىغان بىرەر شەرتنامىنى ئىمزالاش قارارىنى چىقىرىش ۋاقتىدا، بۇ تۈردىكى بىر توپ پادىلارنىمۇ ھېساپقا ئېلىپ ئىش تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. چۇنكى ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ قىسمى بېكىتىپ چىققان ھەرقانداق بىر تاشقى سىياسەتكە، ھېچ بولمىغاندا پاسسىپ شەكىلدە قارشى تۇرىدىغان بىر دۆلەت بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى تۈزۈشمەيدۇ.
بۇ يەدە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشىمىز كېرەككى، “مىللىي خائىن پارتىيىلەر” نىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى، ئۆزىنىڭلا ئىستىقبالىنى ئويلايدىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ كۈچىيىشىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىگە مەنپەئەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنداق غايىلارغا ھەردائىم قارشى .
دۆلىتىمىزنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر يىمىرىلىشىگە سەۋەپچى بولغانلاردىن ھېساپ ئالماي تۇرۇپ، نېمىس خەلقىنىڭ بۇرۇنقى قۇدرەتلىك ھالىغا قايتا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس. تارىخىي تەجرىبىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىشىمىزگە يول قويمايدۇ. چۇنكى تارىخنىڭ سوت مەھكىمىسى، 1918-يىلىنىڭ نويابىرىنى ئادەتتىكىچە بىر غەپلەتتە قېلىش دەپ قارىماي، ۋەتەنگە خائىنلىق قىلغانلىق دەپ قارايدۇ.
بۇنداق شارائىت ئاستىدا، گېرمانىيىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچ، جاسارەت روھىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلىشىگە باغلىق بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپىسى بولۇپ قالماقتا. ئەمما كۆپ ساندىكى نېمىسلارنىڭ ئەركىنلىك ئېڭى تەييارلانمىغىچە، خەلقىمىزنىڭ يالغۇز شەكىل جەھەتتىكى سىرتقا قارىتا مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بىلەن ئازاتلىققا ئېرىشىش ئويىنىڭ قىلچە مەنىسى يوق.
ئەگەر بۇ مەسىلىگە پۈتۈنلەي ھەربىي نوقتىدىنلا قارايدىغان بولساق، ھەر بىر ئوفىسسېرىمىزغا ئېنىق مەلۇمكى، يالغۇز ئوقۇغۇچىلاردىنلا تەشكىل قىلىنغان قىسىملارغا تايىنىپ ئۇرۇش قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇرۇشتا مىللەتنىڭ ئەقلى كۈچى بىلەن مۇشتۇمىغىمۇ ئېھتىياجلىق بولىمىز.
بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىشكە توغرا كېلىدۇكى، ئەگەر دۆلەت مۇداپىيىسىنىڭ يۈكىنى زىيالىلار تەبىقىسىگە يۈكلەپ قويۇلغىنىدا، خەلق ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر بايلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ھېساپلىنىدۇ. 1914-يىلىسى ياش زىيالىلار بىلەن تولۇقلانغان پىدائىي باتالىيونلاردا فلاندېرستە قۇربان بولغان ياش نېمىس زىيالىلىرىنىڭ ئورنىنىڭ تولدۇرغىلى بولمىغانلىقى كېيىنچە قاتتىق ھېس قىلىنغان ئىدى. ئۇلار خەلقىمىزنىڭ تاللانغان مۇنەۋۋەر تەبىقىسىنى تەشكىل قىلاتتى، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىز، ئۇرۇش پەيتىدە ھەرگىزمۇ تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر زىيان ئىدى. كۈرەشلەردە ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان باتالىيونلارنى ئىشچىلار كۈچى بىلەن تولۇقلاپ كۈچەيتىش شەرتى بىلەن قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ. ئەمما پۈتكۈل ئىجتىمائىي گەۋدىمىزدە ساغلام بىر غايە تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغان كۈچلۈك بىرلىك مەۋجۇت بولمىغىنىچە كۈرەشنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن تەييارلاشنىڭمۇ ئىمكانى بولمايدۇ. بولمىسا تىركىشىپ تىرمىنىشقا مەجبۇر قىلىنغان، ۋېرسالېس شەرتنامىسىغا قول قويغانلارنىڭ كۆزىنى يۇغان ئېچىپ قارىشى، نازارىتى ئاستىدا قۇرالسىزلاندۇرۇلغان خەلقىمىز ئىچىدىكى دۈشمەن ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاپ يوقاتمىغىچە، نىيىتى تۇغما بۇزۇق، ئوتتۇز ئالتۇنغا ھەممە نەرسىنى، ھەممە ئادەمنى سېتىۋېتىدىغان يەھۇدىيلار تازىلىنىپ يوقۇتۇلمىغىچە، تېخنىكا تەييارلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر تەدبىر ئالالمايتتى. مانا بۈگۈن، بۇ مەسىلە ئېنىق ئايدىڭلاشتى! سىياسىي قاراشلىرىغا تايىنىپ مىللىي يۈكسىلىش ھەرىكىتىمىزگە قارشى تۇرىۋاتقان مىليونلىغان ئادەم بىر-بىرسى بىلەن تۇتۇشۇپ، قەلبىدىكى، مىڭىسىدىكى دۈشمەنلىك ئېڭىغا سەۋەپچى بولغان دۇنياۋى ئىنتېرناتسيونال ماركسىزمچى ئىدىيىسىنى كاللىسىدىن تازىلاپ چىقارمىغىچە، بىزگە يېڭىلمەس كۈچ بولۇپ كۆرىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. دۆلەت ۋە خەلق سۈپىتىدە ئەركىنلىكىمىزگە قايتىدىن ئېرىشەلىشىمىزنىڭ مۇمكىنچىلىكى، تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ تەييارلىنىشى، قۇراللىق كۈچلىرىمىزنى بىرەر ئىشقا ئەسقاتقىدەك ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز ياكى بولمىسا بىۋاستە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئۆتۈش جەھەتلەرنى قايسى تەرەپتىن تەھلىل قىلساق قىلايلى، ئەسلى شەرتنىڭ ھەردائىم، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مۇتلەك كۆپ قىسمىنى مىللىي مۇستەقىللىق كۆزقارىشى تەرەپكە جەلىپ قىلىش بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
تاشقى جەھەتتىكى ئەركىنلىكىمىزنى قايتا قولغا كەلتۈرەلمىگىنىمىزدە، ۋەتىنىمىز ئىچىدە ھەر قانچە ئۇتۇغلۇق بولالىغىنىمىزدىمۇ، باشقا مىللەتلەرگە بىر تۈرلۈك مۇستەملىكە بولۇش قابىلىيىتىمىزنى يېتىلدۈرگەندەك كۆرۈنۈشىمىزدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشقا ئەسقاتمايدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتە يۈكسىلىشىمىزدىن قولغا كەلتۈرىلىدىغان كىرىملىرىمىزمۇ ئىنتېرناتسيونالنى تېزگىنلەپ كېلىۋاتقان غوجايىنلارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك ۋەتىنىمىزدىكى ئىجتىمائى نوقتىدىكى ھەر بىر ئىلگىرلىشىمىز، ئىشلەپچىقىرىشىمىزنىڭ ئۆنۈملۈك بولىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ غوجايىنلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىگەن بولۇپ قالىمىز. بۇلار يەنە كېلىپ نېمىس خەلقىنى پارچىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۇنكى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىلگىرلەش، سىياسىي مۇستەقىللىقىغا، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چەمبەر-چەس باغلانغان.
ئەگەر گېرمانىيىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مىللەتچى چۈشەنچىلىرىگە قايتىپ كېلىشىگىلا باغلىق بولغانىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشى ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ ھېساپلىنىشى كېرەك. شۇنىڭدەك يەنە بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى پەقەتلا كۆز ئالدىمىزدىكى كۈندىلىك ئېھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ كىلەچىكىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، كەلگۈسىدە قولغا كەلتۈرۈلىشى كېرەك بولغان نەتىجىلەرنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا قانات يايدۇرۇش لازىم. شۇنداق بولغاچقا، بىز، 1919-يىلىدىن بېرى يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ ئالدى بىلەن ئاممىنى مىللەتچىلەشتۈرۈش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدۇق. شۇ ئاساستا، ماڭماقچى بولغان يولىمىزغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەر ئوتتۇرغا چىقتى:
1. خەلق ئاممىسىنى مىللىي يۈكسىلىش ھەرىكىتىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ھەر قانچە پىداكارلىق كۆرسىتىلسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
ئىشچىلارغا ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە يول قويۇشلار، نىمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق يول قويۇشلار كەڭ خەلق ئاممىسىنى خەلقنىڭ تەركىۋى قىسمى بولغان ئىجتىمائى ساھە ئىچىگە قوشۇلۇشىغا ياردەم قىلىنغىنىدا، بۇنىڭدىن پۈتۈن خەلق مۆلچەرلىگۈسىز پايدىغا ئېرىشكەن ھېساپلىنىدۇ.
ئەپسۇسكى، بىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى تەۋەسىدە نۇرغۇن ساندا كۆزى قارغۇ، قالاق كىشىلەرلا خەلق بىلەن مىللەت ئوتتۇرسىدا مۇستەھكەم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تىكلەنمەي تۇرۇپ ھېچقانداق بىر ئىقتىسادى پائالىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ھېچقانداق بىر پائالىيەت مەنپەت كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتنى چۈشىنەلمەيدۇ.
ئەگەر ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىشچىلار مەنپەئەتىنى كۈچلۈك تۈردە ھىمايە قىلىپ چىققان، ئۇرۇش مەزگىللىرىدىمۇ ئىش تاشلاش ئارقىلىق كۆزلىرى پايدىدىن باشقا ھېچ نىمىنى كۆرمەيدىغان، ئاچكۆز، ئىشچىلارغا زۇلۇم قىلىدىغان غوجايىنلاردىن ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى يۇلۇپ ئالالىغان، دۆلەت مۇداپىيىسى ئۈچۈن نېمىس ئەقىدىسىنى قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ھىمايە قىلالىغان بولسا ئىدى، يەنە شۇنداق ئىرادە بىلەن ۋەتەنگە كېرەكلىك ھەممە نەرسىنى تەلەپ قىلالىغان، بېرىدىغاننى بېرەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالمىغان بولاتتۇق. بۇ تۈردىكى ئىشچىلارغا يول قويۇشلار قولغا كەلتۈرۈلىدىغان غالىبىيەت ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار قاتارىدا ھېساپلانغان بولاتتى. شۇنداق، نېمىس ئىشچىلىرىنى مىللىتى تەرەپكە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلىغان بىر ھەرىكەت، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پىداكارلىقلار مىللىي ئىگىلىكىمىزنى تەۋرىتەلمەيدىغانلا بولىدىكەن، سەل قارالماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك.
2. خەلق ئاممىسىغا مىللەتچىلىك تەربىيىسى بېرىش ئىشى ئىجتىمائىي يۈكسىلىش ۋاستىسى ئارقىلىقلا مەيدانغا كېلىدىغان بىر ئىش. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەممە كىشىگە مەدەنىيەت نېمەتلىرىدىن نىسىۋىسىنى ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدىغان ئەقەللىي ئىقتىسادىي شارائىت، ئىجتىمائىي يۈكسىلىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىشلاردۇر.
3. خەلق ئاممىسىنى مىللىلەشتۈرۈش ئىشى ھېچقاچان چالا-بۇلا تەدبىرلەرگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق پائالىيەتلەرنى بىرلا نوقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، بۇ يولدا غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانغىچە قەتئى چىڭ تۇرۇپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرەر جەمىيەتنى مىللەتچىلەشتۈرۈش ئىشى، بۈگۈنكى بۇرجۇئازىيە تەبىقىسىنىڭ چۈشەنگىنىدەك سەل قاراش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. ئىنتايىن مۇھىم ھەل قىلىش يوللىرىغا پۈتۈن خەلق كۈچلۈك كۆڭۈل قويۇش ئارقىلىق كىرىشىش كېرەك. زەھەرنى زەھەرگە قارشى دورا بىلەنلا يوق قىلىش مۇمكىن. ئەمما ئۇششاق-چۈششەك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئامانلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىنى قىلىشقا، ئۆزلىرىنى بەختىيار قىلىدۇ دېيىشكە پەقەت بۇرجۇئازىيىلا ئىشىنىشى مۇمكىن.
بىرەر مىللەتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى ھېچ قاچان يالغۇز پروفىسسور ياكى دېپلوماتلاردىنلا شەكىللەنگەن ئەمەس. خەلق ئاممىسى ئابىستراكىت چۈشەنچىلەرنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما خەلق ئاممىسىنى ھېسسىيات تەرەپتىن تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ، مەيلى ئىجابىي بولسۇن ياكى سەلىبىي بولسۇن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغايدىغان ئاچقۇچ ھېساپلىنىدۇ. خەلق ئاممىسى ئوڭغا سۆرەيدىغان ياكى سولغا سۆرەيدىغان كۈچكە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. خەلق ئاممىسى ھېچ قاچان بۇنداق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن يېرىم-ياتا تەدبىرلەر تەرىپىدە تۇرمايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چۈشەنچىلەر ھەر دائىم ئېنىق، مۇقىم بولىشى شەرت. ئىنسانلارنى ئېتىقادىدىن تەۋرىتىش ئىلمىلىكنى تەۋرىتىشتىنمۇ تەس بىر ئىش. سۆيگۈ، ھۆرمەت قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ. نەپرەت، ياخشى كۆرمەسلىككە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغ ئىنقىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان كۈچ، خەلقنى قايىل قىلىدىغان ئىلمىي قاراشلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلق ئاممىسىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالالايدىغان، جانلاندۇرالايدىغان ئېتىقاتلارد ۋە ئەمەلى تەلەپلەردە ساقلانغان.
خەلق ئاممىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغان بىرسى، شۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىنى ئاچالايدىغان ئاچقۇچنى قولغا كەلتۈرگەن بولىشى كېرەك. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئوبىكتىۋ پوزىتسىيىدە بولىمەن دېيىش ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرغا چىقارغانلىق ھېساپلىنىدۇ. ئىرادە دېگەنلىك، كۈچ-قۇۋۋەت دېگەنلىكتۇر.
4. خەلقنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشتە ئۇ خەلقنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، شۇنىڭدەك يەنە بۇ غايىگە يېتىش يولىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچلەرنىمۇ يوقۇتۇش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. خەلقنىڭ نەزىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ئىزچىل قارشى چىقىپ تۇرىشى، ئۆز تەلىۋىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق بىر دۈشمەننى يوقۇتۇشتىن ۋاز كېچىش ئىشى خەلقنىڭ بۇ تۈر ھەققىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىش دېگەنلىك ھېساپلىنىدۇ. ھەتتا خەلقنىڭ بۇ ھەققىنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.
خەلق ئاممىسى، تەبىئەتنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىدۇر. شۇنداق ئىكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتلىرى خەلقنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ زىتىنى تەلەپ قىلىدىغان، بۇنداق زىت تەلەپنى ئاشكارە تىلغا كەلتۈرۈشتىن قورقمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە چىقىشىپ ئۆتۈشكە يول قويمايدۇ. خەلق ئاممىسى پەقەت كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئۈستۈلۈككە ئېرىشىشىنى، ئاجىزلارنىڭ يوقۇتۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا بۇنداق ئاجىزلارنىڭ شەرتسىز بويۇن ئەگدۈرۈلىشىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ خەلق ئاممىسىنى مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇش ئىشى، خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان كۈرەش بىلەن شوغۇللىنىشتىن باشقا، خەلقىمىزنى زەھەرلەپ كېلىۋاتقان ئىنتېرناتسيونال زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ يوقۇتۇش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن.
5. نۆۋەتتىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مەسىلە ھېساپلىنىدۇ. بۇ مەسىلىلەر بىر تۈركۈم بەلگىلىك سەۋەپلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەردىن باشقا نەرسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەمما بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە بىرسى باشقىلىرىغا قارىغاندا بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ نامايەن بولىدۇ. بۇ مەسىلە، ئىجتىمائىي ۋۇجۇت ئىچىدە ئىرقنى قوغداش مەسىلىدۇر. ئادەملەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىشى ئۇنىڭ قېنىغىلا باغلىق بىر ئىشتۇر. ئىرق ئاساسلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيدىغان، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان مىللەتلەر ئۆگۈتۈشكە بولىدىغان ئۇزۇن يۇڭلۇق فىنو ئىتلىرى بىلەن ئوۋ ئىتلىرىنى ئوخشاش دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. يەنى فىنو ئىتلىرىنىڭ يۇۋاشلىقى بىلەن ئوۋ ئىتلىرىنىڭ يۈگىرەكلىكىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە بولىدىغان ئالاھىدىلىك دەپ قارىشىپ، بۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىرقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئىرقىنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتىن ۋاز كەچكەن مىللەتلەر، قەلبىدىكى ھەممە ئىشتا ئىتتىپاق بولۇش ئالاھىدىلىكىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان بىر مىللەت ھېساپلىنىدۇ.
ئۇلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقانلىقى، ئۇلاردىكى مىللىي قېنىنىڭ بۇلغۇنۇپ كەتكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتىدۇر. مەنىۋىي، ئىجادىي قۇدرىتىنىڭ توزۇپ كېتىشى، مىللەتنىڭ ئىرقچىلىق ئاساسلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن باشقا ئەھۋال ئەمەس.
نېمىس مىللىتىنى ئۆز قېنىدىن كەلمىگەن بۇزۇلغان پىكىرلەردىن تازىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرسى، ئالدى بىلەن نېمىس مىللىتىنى بۇنداق خاتا يولغا يېتەكلەپ كېتىۋاتقانلاردىن قۇتقۇزۇش كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك. نېمىس مىللىتى، ئەگەر ئىرق مەسىلىسىنى، بۇنىڭغا سەۋەپچى بولىۋاتقان يەھۇدىي مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ قايتىدىن روناق تاپالمايدۇ. ئىرق مەسىلىسى دۇنيا تارىخنىڭ ئاچقۇچىلا بولۇپ قالماستىن، ئۆز ۋاقتىدا يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئاچقۇچى ھېساپلىنىدۇ.
6. بۈگۈنكى كۈندە “ئىنتېرناتسيولىزم” لاگىرى تەرىپىدە تۇرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چوڭ “مىللەت” ئىچىگە تەۋە قىلىنىشى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتلىرىنى، تۇرمۇش شارائىتى ياكى كەسىپلىرىنى قوغداش چۈشەنچىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ. ھەرخىل شارائىت ياكى مەسىلىلىرىگە خاس بارلىق مەنپەئەتلىرى ھېچ قاچان سىنىپلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماسلىقى كېرەك. بۇ تۈر ئىشلار بىزنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىمىزنىڭ نورىمال ئېھتىياجلىرىدىن ئوتتۇرغا چىققان تەبىئىي ھادىسىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۇنكى، خەلق ئاممىسىنىڭ باراۋەرلىكى  ئىجتىمائىي ۋۇجۇتقا، بۇ ئىجتىمائىي ۋۇجۇتقا مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان پۈتۈن مەسىلىلەردە ئىتتىپاق بولۇشقا تايىنىدىغان مەسىلىدۇر. سىنىپ ھالىغا كەلگەن ناچار تۇرمۇش شارائىتى ئاستىدىكى خەلق ئاممىسىغا ياكى دۆلەت تەۋەسىگە كىرگۈزۈلىشى ئۈستۈن سەۋىيىدىكى سىنىپلارنىڭ تۈۋەن سەۋىيىدىكى سىنىپلارغا ئايلاندۇرۇلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈۋەن سەۋىيىدىكى سىنىپلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۈكسەلتىش ھېساۋىغا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۈگۈنكى بۇرجۇئازىيە، ئاق سۈڭەكلەرنىڭ قوبۇل قىلىشقان تەدبىرلىرىگە تايىنىپ دۆلەت تەركىۋىگە كىرگۈزۈلگەن ئەمەس. بۇرجۇئازىيە سىنىپى ئۆز پائالىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنى يېتەكلەش، بۇ يولدا مېڭىش ئارزۇسىغا تايىنىپ ھۆكۈمەت تەركىۋىگە كىرەلىدى.
خۇددى شۇنىڭدەك، نېمىس ئىشچىلىرىمۇ نېمىس خەلقى دېگەن بۇ جامائەت ئىچىگە يىغلاپ قاخشاشقىلا تايىنىپ كىرگەن بولماي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ۋەزىپىلىرىنى ئاڭلىق تۈردە ئورۇنداپ كەلگەنلىكى، باشقا سىنىپلار بىلەن تەڭ تۇرغىدەك ئورۇنغا كېلەلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ جامائەت ئىچىدە ئورۇنغا ئېرىشەلىگەن.
بۇنداق بىر غايىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ ئالغان بىر ھەرىكەت، ئۆزىنىڭ ھىمايىچىلىرىنى ئالدى بىلەن ئىشچىلار ئارىسىدىن ئاختۇرۇپ تېپىشى كېرەك. بىلىملىك دەپ قارالغان ساھەدىكىلەرگە ئەنە شۇ ئىشچىلار سىنىپى دېيىلگەن تەبىقىنىڭ يەتمەكچى بولغان غايىسىگە مۇۋاپىق ئۆزىنى ئاتىيالىشىغا قاراپ مۇراجەت قىلىشقا بولىدۇ. سىنىپلارنىڭ ئۆزگىرىش ياسىشى، بىر-بىرسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلالايدىغان ۋەزىيەت ئون-يىگىرمە يىلدىلا پۈتۈپ كېتىدىغان ئاسان ئىشلاردىنمۇ ئەمەس. تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، بىر قانچە نەسىل بويىچە كۈرەش قىلىش ئارقىلىقلا ئاندىن بۇنداق بىر ۋەزىيەت شەكىللىنەلەيدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئىشچىلار سىنىپى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ بىر-بىرسى بىلەن يېقىنلىشالماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن كەلگە ئەمەس. بۇنداق توسالغۇ، خەلقىمىز بىلەن ۋەتىنىمىزگە دۈشمەن بولىۋاتقان ئىنتېرناتسيونالىزمچى كاتتىۋاشلارنىڭ نېمىس ئىشچىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ يۈرگەنلىكىدىن كەلمەكتە. ئەسلىدە ئىشچىلارنى سىياسىي جەھەتتىن ھەقىقىي تۈردە مىللەتچى، خەلقچىل تەرەپكە يىتەكلەيدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى مىليونلىغان ئىشچىلار قوشونىنى مىللەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرالىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، بۇ ۋەزىپىنى ئىقتىسادىي ساھەلەرگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەي تۇرۇپ ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ.
نېمىس ئىشچىلار سىنىپىنى شەرەپ بىلەن مىللىتى تەرەپكە قايتۇرۇپ كېلىش، ئىشچىلارنى ئىنتېرناتسيونالىزم خام خىيالىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشنى ئويلايدىغان بىر ھەرىكەت، ئالدى بىلەن غوجايىنلار تەۋەسىدە ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان بەزى ناچار مۇئامىلىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قەتئىي قارشى تۇرىشى كېرەك. يەنى، ئىشچىلار سىنىپى خەلق ئاممىسى تەرىپىدە تۇرغىنىدا، ماددىي جەھەتتە ئىشچىلار سىنىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىلەردىن ئۆزىنى قوغداش ۋاستىلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قالارمىزمۇ دەپ ئەنسىرەشلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئەقەللىي ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلغانلىق ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق بىر قاراش بويىچە كۈرەش، ماھىيەتتە ھەممىگە مەلۇم بىر يالغانچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغانلىق ھېساپلىنىدۇ. خەلق ئاممىسى ۋەزىپىسىنى بىرلا سىنىپنى كۆزلەپلا ئەمەس، بەلكى ئومۇمىلىقنى كۆزلەپ ئورۇندايدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر ھەر قانداق بىر ئىشچى ئاممىۋىي مەنپەئەتلەرگە، مىللىي ئىگىلىكىمىزنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەي، ئۆزىنىڭلا كويىدا بولۇپ يامان پىكىرلەر كەينىدىن كېتىپ قالغىنىدا، ئۆزى تەۋە بولىۋاتقان خەلق ئاممىسىنىڭ روھىغا قارشى جىنايەت سادىر قىلغان ھېساپلىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەگەر غوجايىنلارمۇ ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بېسىم ۋە ناھەقچىلىك يولى بىلەن خەلقنىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغىنىدا، ئىشچىلارنىڭ قان-تەرىدىن ئۆزىگە مىليونلاپ پايدا ئۈندۈرۈش بىلەن شوغۇللانغىنىدا، بۇنداق بىرسى بۇ خەلققە ئېغىر تاجاۋۇز قىلغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇنداق بىرسى ئۆزىنى “مىللەتچىمەن” دېيىشكە ھەققى يوق ۋە بۇ خەلق ئاممىسى ھەققىدە سۆزلەش ھەققىگىمۇ ئىگە ئەمەس. چۇنكى، ئۇنداق پەسكەش بىرسى ئەتراپقا قالايماقانچىلىق تېرىپ يۈرگەن، ۋەتەنگە قارشى بىر قاتار كۈرەشلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان پەسكەش بىرسى ھېساپلىنىدۇ.
ئىشچىلار ئاممىسى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈچ مەنبەسى ھېساپلىنىدۇ. بۇ سىنىپقا مەنسۈپ كىشىلەرنى خىيالپەرەس ئىنتېرناتسيونالىزم قاراشلىرىدىن، ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش، ئىشچىلارنى مەدەنىي پۇقرالىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىقاتلىق، مىللەتچى ھېسسىياتلارغا ۋە غايىگە ئىگە بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش، بىزنىڭ بىردىن بىر مەقسىدىمىز ھېساپلىنىدۇ.
بىلىملىك مىللەتچىلەر ساھەسىدە مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغان، بۇ ھەقتىكى كۈرەشنىڭ مەنىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر بولغىنىدا، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى ھەرىكىتىمىزگە قىزغىلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىدىيىۋىي ئۇلىنى ئەنە شۇنداق كىشىلەر شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز كېرەككى، بىز ھېچ بىر ۋاقىتتا بۇرجۇئازلارنىڭ سايلامدا ئاۋاز بېرىدىغان پادىلىرىنى جەلىپ قىلىشقا ھەرگىزمۇ كۈچىمىزنى سەرىپ قىلمايمىز. ئۇنداق بولمىغاندا ھەرىكىتىمىز بۇنداق بىر جامائەت ئەقىدىسى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كەڭ ساھەدىكى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنىڭ ھەرىكىتىمىزدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن.
بىز ھەرىكىتىمىز تەركىۋىگە تۈۋەن تەبىقىدىكىلەرنى جەلىپ قىلغىنىمىزغا ئوخشاش يوقۇرى تەبىقىدىكىلەردىن كەلگەن ئاممىنىمۇ جەلىپ قىلىشىمىز نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيىتكە ئىگە. ئەمما بۇرجۇئازىيە سىنىپىغا قارىتا ھەرىكىتىمىز توغرىلىق چۈشەنچىلەرنى تولۇق سىڭدۈرۈش، يېڭىچە كۆزقاراشلار ئارقىلىق پسىخولوگىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىشنىڭ بەلكىم مۇمكىنچىلىكى باردۇر. بىز، مەنبەسى، شەكىللىنىش جەريانى نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان بەزى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى، ياكى بەزى خاتالىقلارنى تۈزىتىشنى خىيال قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ مەقسىدىمىز، مىللەتچىلىككە ئاساسلىنىدىغان كۆزقاراشلارنىڭ كۈچىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋالالمايدۇ. بىزنىڭ مەقسىدىمىز، مىللەتچى بولمىغانلارنى ئەتراپىمىزغا توپلاش، ئۇلارنى مىللەتچىلەرگە ئايلاندۇرۇش بولىشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ بارلىق تاكتىكىلىرى ئەنە شۇنداق كۆزقاراش ئاساسىغا تۈزۈلىشى كېرەك.
7. بىزنىڭ بۇ خىل بىرلا كۆز قاراشنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز ھەرىكەت تەشۋىقاتىمىزنىڭ مۇھىم مەزمونى قىلىنىشى، تەشۋىقاتلىرىمىزدىمۇ بۇ خىل كۆزقاراشلارنى چۈشىنەرلىك ھالغا كەلتۈرۈپ تەشۋىق قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىشى لازىم. چۇنكى، ھەرىكىتىمىزنىڭ تەشۋىقات كۈچىنى تەسىر قوزغىيالايدىغان ھالغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىرلا يۆلۈنۈشتە پائالىيەت قىلىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىشلاردۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىر-بىرسىگە زىت ئىككى خىل قاراش پەيدا قىلىدىغان گۇروھۋازلىق تۈپەيلىدىن، ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىمىزنى مەلۇم بىر تەرەپ چۈشىنەلمەيدىغان ئەھۋال ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ياكى بولمىسا يەنە بىر تەرەپتىكىلەر بىزنى قىزىقتۇرمايدىغان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك نوتۇق ياكى ماقالە ئىكەن دەپ قارىشى مۇمكىن. ھەتتا، بۇنداق بىر تەشۋىقات ئىپادىلەش قابىلىيىتى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ بىر-بىرسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىشى ئىككى ئىجتىمائى گۇرۇپ كىشىلىرىگە تەڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ئەھۋالنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بىرەر تەشۋىقات، ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىدىكى سەمىمىيلىكتىن، ئاممىبابلىقتىن ۋاز كېچىلگىنىدە ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىغا، ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇلارغا تەسىر كۆرسىتىمەن دەپ گەپ سۆزلىرىنى، مەرتلىكىنى ئۇلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرىمەن دېگىنىدە، زىيالى دەپ ئاتالغان تەبىقىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەي قالىدۇ. ئۆزىنى ناتىق دەپ تونۇيدىغان ھەر يۈز ئادەم ئارىسىدىن بۈگۈن تازىلىق ئىشچىلىرىدىن، ئىشچىلاردىن تەشكىل تاپقانلارغا، ئەتىسى پروفېسسور ۋە ستۇدېنتلاردىن تەشكىل تاپىدىغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئوخشاش بىر مەزمۇندا دوكلات بېرىپ ئوخشاش تەسىر قوزغىيالايدىغان ئادەمدىن ئونىمۇ چىقمايدۇ. ئۇلارغا ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ۋەكىللىك قىلىش پۇرسىتىنى تەمىنلىيەلەيدىغان ئۇسۇلدا نۇتۇق سۆزلەشنى، شۇنىڭدەك ئاممىغا ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلالايدىغان، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ گۈلدىراس ئالقىشىنى پەيدا قىلالايدىغان تۈردە خىتاپ قىلىشىنى بىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ يۈز ناتىقتىن ئونىلا چىقىشى مۇمكىن. يوقۇرى دەرىجىلىك بىر قاراشنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەنچىسى، كۆپۈنچە ھاللاردا ئىنتايىن كىچىك بولغان، ھەتتا بەكلا كىچىك چۈشەنچىلەر ۋاستىسى ئارقىلىقلا كېڭىيەلىشى مۇمكىنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. بەكلا ئومۇملاشقان بىرەر قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان بىرسىنىڭ نېمىلەرنى سۆزلەيدىغانلىقى مۇھىم ئەمەس. بۇنداق ئىشلار داھىي مىجەزلىك ئىجادىي بىرسىنىڭ ئۇقتۇرالايدىغان ئىشلار ئەمەس. بۇنداق پىكىرلەرنى تارقىتالايدىغان كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى بۇ تۈر پىكىرلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن قايسى شەكىلدە چىقىشىغا باغلىق.
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، سوتسىيال دېموكراتىيىنىڭ، ھەتتا ماركىسىزم ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىش كۈچى بولۇپمۇ خىتاپ قىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆزگەرمەس پوزىتسىيىدە بولىشىغا باغلىق. ئوتتۇرغا قويۇلغان قاراشلار قانچىكى تار مەزمونلۇق، ئىخچام بولسا، بۇ تۈر قاراشلار شۇنچە ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بۇنداق پىكىرلەر ئاڭلىغۇچى تەرىپىدىنمۇ شۇنچە ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان قاراشلاردىن بولغاچقا، ئۇنداق پىكىرلەر خەلق ئاممىسى تەرىپىدىنمۇ شۇنچە ئاسان ئىشقا ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرغا قويۇلغان يېڭى ھەرىكەت شۇنچە ئاددى، شۇنچە ئېنىق تۈزۈلگەن بولىشى كېرەك.
تەشۋىقات، مەزمۇن جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى شەكىل جەھەتتىنمۇ خىتاپ قىلىنغان ئاممىسىنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپ بەلگىلىنىشى لازىم. تەشۋىقاتنىڭ ئوينىغان رولى يەنە كېلىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاساسىدا باھالىنىشى مۇمكىن. بىرەر خەلق ئارىسىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان ماھارەتلىك ناتىق، مەيدانغا يىغىلغانلار ئارىسىدىكى زىھنى ئۆتكۈر بولغان كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولماستىن، بەلكى كۆپ سانلىقنى، كۆپ سانلىقنىڭ قايىل بولىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولغىنىدىلا قابىلىيەتلىك ناتىق ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە خەلق ئاممىسىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەسىرلەندۈرگەن بىرەر نۇتۇقنىڭ چۈشەنچە جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى تەنقىت قىلىدىغان، ئۇنىڭ نۇخسانلىرىنى چۇخچىلاپ يۈرگىنىدە، ئۆزىنىڭمۇ قابىلىيەتسىزلىكىنى، ھېچ نېمىگە ئەرزىمەس بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا چىقارغان بولۇپ قېلىپ، ئۇنداق بىرسى قانات يايدۇرىلىۋاتقان يېڭى ئەقىدىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىرسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن بىرسى ھېساپلىنىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزگە ۋەزىپىمىزنى، مەقسىدىمىزنى تولۇق چۈشىنىدىغان، تەشۋىقاتلىرىمىزنى خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىلا كۆزلەپ قالماي، بەلكى قولغا كېلىدىغان نەتىجىسىگە قاراپ مۇئامىلە قىلالايدىغان زىيالىلار كېرەك. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، تەشۋىقاتىمىز مىللەتچى قاراشقا ئىگە كىشىلەرنى ھىمايە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولماي، بەلكى نېمىس مىللىتىدىن بولۇپ تۇرۇغلۇق بىزنىڭ مىللەتچىلىكىمىزگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسى مەقسەت قىلىنىشى كېرەك.
ئۇرۇش پەيتىدىكى تەشۋىقاتلار ئۈستىدە توختالغىنىمدا ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇرۇش پەيتىدىكى تەشۋىقات ئۇسلوپلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش، ئۇلارنى چۈشەندۈرۈش ئالاھىدىلىكلىرىگە بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇللارنىڭ توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇقى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى.
8. بىرەر سىياسىي يېڭىلىق ھەرىكىتىنى نەتىجىلىك تۈردە قانات يايدۇرۇشنىڭ يولى، ھېچ قاچان ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ كاللىسىنى ئايدىڭلىتىش ياكى ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلمايدۇ. قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولىشى كېرەك. دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بىرەر ئىدىيە ئۆز ئىدىيىسىنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىگە ئېگە، شۇنىڭدەك بۇ ۋاستىلارنى قولغا كەلتۈرۈشئۇنىڭ بىردىن-بىر ۋەزىپىسى بولىشى كېرەك. بۇنداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدا ھەق-ناھەقنى، قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولۇشنى بەلگىلەيدىغان بىردىن-بىر ئامىل − قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىگىلا باغلىق. بۇنداق “نەتىجە”، ھەرگىزمۇ 1918-يىلى كۆرۈلگىنىدەك ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل خەلققە پايدىسى بولىدىغان ھەرىكەتنىڭلا ئۇتۇققا ئېرىشىشىنى كۆزلىگەن بولىشى كېرەك.
دېمەككى، بۈگۈنكىدەك ئەقلى يوق كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك گېرمانىيىدە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقى، بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھۆكۈمەتنى قولغا ئېلىشىنى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىك ھېساپلاشقا بولمايدۇ. بۇنداق ھوقۇق تارتىۋېلىشنى بىر ئۇتۇغ دېيەلىشىمىز ئۈچۈن مىللىتىمىز خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تايىنىپ كونا تۈزۈمگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بەختىيارلىق ھېس قىلالىشى، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولالىشى شەرت. ئەمما 1918-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا بىر قىسىم خۇلىگەرلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرىۋەتكەنلىكىنى ئوڭۇشلۇق نېمىس ئىنقىلاۋى دەپ قارىيالمايمىز.
يېڭىلىق ھەرىكىتىنىڭ لايىھىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بىرىنچى ئورۇندىكى شەرت ھېساپلانغىنىدا، بۇنداق لايىھىسى بولغان بىر ھەرىكەت، مەيدانغا كەلگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا خەلق ھەرىكىتى دېگەن قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن بولىشى، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ چايخورلار قۇرۇپ چىققان ئەدەبىيات كۇرژۇكلىرى ياكى بۇرجۇئازلار قۇرىۋالغان گاگۇر ئويۇنى كلۇبلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن بولىشى شەرت.
9. يېڭى ھەرىكىتىمىز، تەشكىلاتىمىز بىلەن بىر قاتاردا پارلامېنت تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۆز تەشكىلات تۈزۈلىشىدە بولغىنىدەك ھۆكۈمەت رەئىسىنى باشقىلارنىڭ تەلىۋىنى بىجا كەلتۈرىدىغان ئادەتتىكى بىر مەمورى كادىر تەبىقىسى سەۋىيىسىگە تەڭ قىلىپ قويىدىغان پارلامېنىت كۆپ سانلىقىغا بوي سۇنۇش تۈزۈمىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز، پىرىنسىپ چوڭ-كىچىك بارلىق مەسىلىلەردە رەئىسكە تولۇق ھوقۇق، تولۇق مەسئولىيەت بېرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ پىرىنسىپلار ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشتا تۈۋەندىكىچە نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
بىر گۇرپنىڭ رەئىسى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يوقۇرى بولغان گۇرۇپنىڭ رەئىسى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ. تەيىنلەنگەن بۇ رەئىس ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدىكى بارلىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بۇ رەئىسنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنىدۇ. بۇ رەئىس قول ئاستىدىكى ھېچقانداق بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا جاۋاپ بەرمەيدۇ. ھېچقانداق بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاساسى گۇرۇپپا قول ئاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلىدۇ. ئەمما پۈتۈن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا رەئىسلا ۋەزىپە تاپشۇرۇشقا مەسئول بولىدۇ. بۇ پىرىنسىپ بويىچە ناھىيە، بازار ۋە مەھەلە تەشكىلاتلىرى تەشكىل قىلىنىدۇ. بۇ يەرلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يوقۇرى ئورگاننىڭ رەئىسى تەيىنلەيدۇ. تەيىنلەنگەن بۇ باشلىققا ئۆز تەۋەسى بويىچە تولۇق ھوقۇق بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا چەكسىز مەسئولىيەت ھوقۇقى بېرىلىدۇ. پەقەت، پارتىيە باش سېكىرتارىلا پارتىيە نىزامنامىسىغا ئاساسەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىدا تەشكىل قىلىنغان قۇرۇلتايدا بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق تاللىنىدۇ. بۇ شەكىلدە سايلانغان باش سېكرىتار بارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە بىرسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. بارلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرى گۇرۇپپىلار قۇرۇلتايدا سايلانغان بۇ باش سېكرىتارغا بوي سۇنىدۇ. باش سېكرىتار ھېچقانداق بىرسىنىڭ تېزگىنىدە بولمايدۇ. بارلىق مەسئولىيەت ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئەگەر پارتىيە رەھبىرى ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىنى ئىجرا قىلمىغىنىدا ياكى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمىغىدەك قىلسا، پارتىيە ئەزالىرى قايتا قۇرۇلتايغا يىغىلىپ مۇھاكىمە قىلىشىپ، بۇ باش سېكرىتارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سايلانغان باش سېكىرتار يەنە يوقۇرقىدەك تولۇق ھوقۇقلۇق، پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
بۇنداق مەسئولىيەت تۈزۈمى پارتىيە سەپلىرىدىلا ئىجرا قىلىنىپلا قالماستىن، ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققىنىدا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىدىمۇ مەسئۇل كىشى مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىشنى ئاساس قىلغان ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى پارتىيىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم، قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان ۋەزىپىسى قىلىنىدۇ.
دۆلەت باشلىقى بولۇشنى ئويلىغان بىرسى تولۇق، چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، بارلىق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.
ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولالمايدىغان، بۇنداق مەسئولىيەتكە جاسارەت قىلالمايدىغان بىرسى رەھبەر بولۇش سالاھىتى يوق بىرسى ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق ۋەزىپىنى پەقەت قەھرىمان بىرسىلا ئۈستىگە ئالالىشى مۇمكىن.
تەرەققىيات بىلەن مەدەنىيەت ھېچ قاچان كۆپ سانلىق قولغا كەلتۈرگەن بىر ئۇتۇق ئەمەس. بۇنداق بىر ئۇتۇق، ئەقىل ئىگىسىنىڭ، ئىقتىدار ئىگىسىنىڭ شەخسى پائالىيىتىگىلا تايىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.
خەلقىمىزگە كۈچ-قۇدرەت، ئۇلۇغ شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئويلايدىكەنمىز، ئالدى بىلەن رەئىسىنىڭ كىشىلىك سالاھىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئۇنى بارلىق ھوقۇقلار بىلەن تەمىنلىشىمىز شەرت.
شۇنداق بولغاچقا، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز پارلامېنت تۈزۈمىگە قارشى بىر ھەرىكەت ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر پارلامېنت ئورگىنى بىلەن ھەپىلەشمەكچى بولىدىكەنمىز، ئۇ ھالدا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتقانلىقى ئېنىق ئوتتۇرغا چىققان بۇنداق بىر ئورگاننى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۆزىمىزگە ۋەزىپە قىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
10. ھەرىكىتىمىز سىياسىي پائالىيەت ساھەسىنىڭ سىرتىدا قالغان ياكى قىممىتى يوق مەسىلىلەر بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيدۇ.
ھەرىكىتىمىزنىڭ غايىسى دىنىي ئىسلاھات يۈرگۈزۈش بولماستىن، بەلكى مىللىتىمىزنى سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەشكىللەپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر ئىككىلا دىنىي مەزھەپ مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا تەڭ دەرىجىلىك قىممەتكە ئىگە دەپ قارايمىز. شۇنداق بولغاچقا، دىنىمىزنىڭ ئەخلاقنى ئاساسى غايە قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئۇنتۇپ، دىننى ئۆزلىرى ئۈچۈن سۈيىئىستىمال قىلىدىغان بىر قۇرال سۈپىتىدە پايدىلانماقچى بولۇپ يۈرگەن پارتىيىلەرگە قارشى قىلىمىز. ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى قانداقتۇ بىر دۆلەت شەكلىنى قۇرۇپ چىقىش ياكى باشقا بىر دۆلەت شەكلىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئەمەس. ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى، ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى تىكلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پىرىنسىپلار بولماي تۇرۇپ يا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ياكى بولمىسا خانلىق تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدەك، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەرگىزمۇ خاندانلىق قۇرۇپ چىقىش ياكى جۇمھۇرىيەتنى كۈچەيتىش ئەمەس. بىز پەقەت بىر نېمىس دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنىلا مەقسەت قىلىمىز.
دۆلەتنى ھەشەمەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ بۇ دۆلەتنى بىزەپ كۆرسىتىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بۇنداق بىزەپ كۆرسىتىش ئىشىنى كېيىن شارائىت يار بەرگىنىدە قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. چوڭ ئىشلارنى، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قاتتىق غەيرەت كۆرسىتىشنى تونۇپ يەتكەن بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم قالايماقانچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى تەشكىللىنىش مەسىلىسى چۈشەنچە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يەتمەكچى بولغان غايىگە ماسلىشىش مەسىلىسىدۇر.
بىرەر تەشكىلات ھەرىكەتنىڭ يىتەكچىسى بىلەن ھىمايىچىلىرى ئوتتۇرسىدا ئوتتۇرا ھال ۋاستىچىلىق قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقالىغىنىدا ياخشى تەشكىلات قۇرالىغان ھېساپلانمايدۇ. ئەڭ ياخشى ھېساپلىنىدىغان بىر تەشكىلاتتا، ھەرىكەتنىڭ يىتەكچىسى بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ھىمايىچىلىرى ئوتتۇرسىدا ۋاستىچىلار ئورنىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىۋاستە مۇناسىۋەت تىكلەنگەن بولىدۇ. تەشكىللەش دېگەنلىك، بەلگىلىك بىر كۆزقاراشنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا قوبۇل قىلغۇزۇش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بىر تەشكىلاتتا خەلققە سىڭدۈرۈلىدىغان ئىدىيە، ھەر دائىم بىرلا ئادەمنىڭ كاللىسىدا شەكىللەنگەن بولىدۇ. تەشكىلات، بۇ ئىدىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر ۋاستىدۇر. شۇنداق بولغاچقا، بىرەر تەشكىلات (ياكى ھاكىمىيەت ئورگىنى) دېگەنلىك، بۇ تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ ھەممە ئىشقا ۋە ھەممە نەرسىگە چىدىشى شەرت دېگەنلىكتۇر. تەشكىلات، بەلگىلىك بىر مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاستىسىلا بولالايدۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر غايە بولالمايدۇ.
بۇ دۇنيا ئەقلىنى ئىشقا سالالايدىغان ئادەملەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش ئورنىغا ماشىنىدەك ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۈچۈن بىرەر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇشقا قارىغاندا بىرەر تەشكىلات قۇرۇش تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىرەر ئىدىيە، بولۇپمۇ يېڭىلىقچى مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىدىيىنىڭ ئاساسى مەزمونى تۈۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى كېرەك:
ھەر قانداق بىر داھىيانە كۆزقاراش، ھەر دائىم بىرلا ئادەمنىڭ كاللىسىدى چىقىدۇ. بۇ ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى كىشىدە بۇ يېڭى ئويلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئىستىگىمۇ تەڭ ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ.
نەتىجىدە، بۇ ئىدىيە، ئىشەنگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ تەدرىجى شەكىلدە ئەتراپىغا ھىمايىچىلارنى يىغىشقا باشلايدۇ.
بىر كىشىنىڭ ئۆز چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە ئوخشاش چۈشىنىدىغان كىشىلەرگە بىۋاستە تۈردە يەتكۈزۈشى ئەڭ توغرا ھەرىكەت ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرى كۆپەيگەنسىرى بۇ ئىدىيىنى تارقاتقۇچى كىشىگە نىسبەتەن بۇ ئۇسۇلدا تارقىتىش، سان-ساناقسىز ھىمايىچىلىرىغا بىۋاستە، ئۇدۇل ئۇقتۇرۇش، ئۇلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىللەپ بىر يەرگە يىغىش ئىشلىرىمۇ شۇنچە قىيىنلىشىپ بارىدۇ. بىر جامائەتنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، بىر جامائەت يىغىنىدىن يەنە بىر جامائەت يىغىنى بار يەرگە يېتىپ بارالىشى ئۈچۈن بىر قىسىم قائىدە-تۈزۈملەر بارلىققا كېلىدىغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئىشلاردىمۇ بىر قىسىم باش ئاغرىتىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش لازىم بولىدۇ. بۇنداق ئورگان، غايىۋىي بىر دۆلەت شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، دۆلەت دېگىنىمىزنىڭ ئۆزىمۇ تەشكىللىنىشتىن ئىبارەت كېسىلىمىزنىڭ بىر زۆرۈرى شەكلىدۇر. بۇنداق بىر ئورگان تەۋەسىدە ئۇششاق قوشۇمچە ئورگانلارنى تەشكىل قىلىش ئىشىنىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈشى مۇمكىن. مەسىلەن ئالايلى، بىرەر سىياسىي ھەرىكەتتە تېخىمۇ چوڭ ئورگانلارنىڭ يادرولۇق ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان يەرلىك گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇنداق ئىككىلەمچى ئورگانلارنى تەشكىللەپ چىقىش ئىشى نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويغۇچى كىشى تولۇق ئېتراپ قىلىنغان سالاھىيەتكە ئېرىشمەستىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئاۋال ئوتتۇرغا چىققان بولغىنىدا، بۇ نەزەرىيە بويىچە تەربىيىلەش ئورتاقلىقى بوزۇلىدىغان، ئورتاق پىكىردىن چەتنەيدىغان خەۋىپلەر ئوتتۇرغا چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھەرىكەتنىڭ مىڭىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان سىياسىي ۋە جوغراپىيىلىك بىر مەركەز تەشكىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم بولىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا يوقۇرقىدەك خەۋىپتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز بولىدۇ. يەنى مەككىنىڭ قارا يۇپۇقلۇق كەپىسى ياكى رىمنىڭ تىلسىماتلىق جەلىپ قىلىشچانلىقىغا ئوخشاش، قۇرۇلغان بۇنداق بىر مەركەز ھەرىكەت ئۈچۈن ئىچىكى بىرلىكنىڭ سىموۋۇلى ھالىغا كېلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان كىشىگىمۇ شەرتسىز بوي سۇنۇش، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇيۇشۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئىدىيىنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن ئۇششاق گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقىشقا توغرا كەلگىنىدە، نەزەرىيە بارلىققا كەلگەن يەر بىلەن ئۇ نەزەرىيە ئىگىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئىشىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويۇلغان، ھەرىكەتنى باشقۇرىدىغان يەر تۇغۇندا ئورگانلارنىڭ چەكسىز كۆپۈيىشى، تەشكىلاتتا زۆرۈرى بولغان يېڭى ئورگانلارنى قۇرۇشقا نىسبەتلەشتۈرۈپ بۇنداق ئىناۋەت بارغانسىرى ئۆستۈرۈلىشى كېرەك بولىدۇ.
چۇنكى، ھىمايىچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشى، ئۇلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت تىكلەش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بولماسلىقى، يېڭى ئورەانلارنى قۇرۇپ چىقىش، بۇنداق ئورگانلارنى چەكسىز كۆپەيتىش ئىشلىرى ئۇلارنى بىر بالداق يوقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا گۇرۇپپىلار ھالىدە باغلىنىشى زۆرۈرىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ يېڭى قۇرۇلغان گۇرۇپپىلارغا سىياسىي جەھەتتىن ۋىلايەتلىك ياكى ناھىيىلىك شۆبىلەر دەپ نام بېرىلىشى مۇمكىن.
ئەڭ كىچىك يەرلىك تەشكىلاتلارنى (ياچىكىلارنى) ھەرىكەت مەركىزىنىڭ تېزگىنى ئاستىدا تۇتۇش، ئۇنىڭ مۇقەددەس ئورنغا باغلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئىشى ئانچە تەس ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنى مەركەزنىڭ سالاھىيىتىنى قۇبۇل قىلغۇزۇش ئىشى بەكلا تەس. شۇنىڭدەك يەنە ھەرىكەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى، نەزەرىيىسىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىدا بۇ تۈر ئورگانلار بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر مەھەللىۋى تەشكىلاتلاردىن يوقۇرى، ئەمما مەركەزگە نىسبەتەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆز ئارا گۇرۇپپىلىشىۋالغىدەك بولغىنىدا، مەركەزدىن كېلىدىغان بويرۇققا ھەممە يەردە مۇتلەق بوي سۇنىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ تەس. شۇنداق بولغاچقا، مەركىزى ئورگاننىڭ ئابرويى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكەتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدىيىسى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ، تەشكىلاتنىڭ بارلىق شۆبىلىرىنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرىۋالماسلىق كېرەك. سىياسىي تۈزۈملەردە بۇنداق بىر كاپالەت پەقەت ھۆكۈمەتنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈلگىنىدىلا تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان بىر ئىش.
بۇلاردىن كېلىپ چىققان نەتىجىگە ئاساسەن، ھەرىكەتنىڭ ئىچكى رەھبەرلىكى ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك بويرۇقلار بېرىلىشى مۇمكىن:
1. بارلىق پائالىيەتلەر ئالدى بىلەن پەقەت بىرلا شەھەرگە مەركەزلەشتۈرۈلىشى كېرەك. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق بىر شەھەر ئۈچۈن مىيونخېن ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ مەركەزگە ئەڭ ئىشەنچلىك ھىمايىچىلىرىمىزنى يىغىشىمىز، ئىدىيىمىزنى كېڭەيتىشىمىز ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىشىمىز كېرەك. يەنە شۇ يەردە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ كۆرىنەرلىك نەتىجىلىك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىناۋىتىمىزنى تىكلىشىمىز كېرەك. ھەرىكىتىمىز بىلەن رەھبەرلىرىمىزنى تونۇتۇش ئۈچۈن شۇ يەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان، ماركسىزمچى نەزەرىيىلىرى يېڭىلمەستۇر دەيدىغان ئېتىقاتلارنى كۆرۈنەرلىك تۈردە تەۋرىتىۋېتىش بىلەنلا قالماستىن، بۇنداق بىر ئىدىيىگە قارشى تۇرالايمىز دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى باشلىيالايمىز دەيدىغان قاراشنى ئىسپاتلاپ چىقىشىمىزمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەزىپىمىز بولىشى كېرەك.
2. مىيونخېندا باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئابرويلۇق ئورنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغىنىدىن كېيىن، قالغان جايلاردا ئۇنىڭ تارماقلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشىشىمىز كېرەك.
3. شۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ھەرقايسى شەھەرلەردە تەشكىلاتلار قۇرۇلىشى كېرەك. ھەر قايسى جايلاردا مەركەزگە بوي سۇنىدىغانلىقى كاپالەتلەندۈرۈلگىنىدىن كېيىن ئۇ يەرلەردە تەشكىلات قۇرۇش ئىشىغا كىرىشىش كېرەك. شۇنىڭدەك قۇرۇلىدىغان ياچىكىلار ئۇ يەرلەرگە ئىۋەرتىلىدىغان مەسئۇل كىشىلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك، ئالاھىدە ئەۋزەللىكلىرى بارلىقىغا ئىشەنچ قىلىشقا بولىدىغان كىشىلەر سانىغا قاراپ بەلگىلىنىشى كېرەك.
بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ:
1) ھەرىكىتىمىز، كىلەچەكتە يىتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنى قېزىپ چىقىرىش، ئۇلارنى ھەرىكىتىمىزگە جەلىپ قىلىش، ئۇلارنى تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مەبلەغ ئايرىلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا، بۇ تۈردە يېتىشتۈرۈلگە كىشىلەر كۈرىشىمىز ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ھەرىكىتىمىز ئۇلارنى غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قەتئى چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. مانا بۇ ئۇسۇل بۇنداق ۋەزىيەتكە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ مۇۋاپىق يولى ھېساپلىنىدۇ.
ئەمما بۇ ئۇسۇل بويىچە ھەرىكەت قىلىش بەكلا كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان بىر ئۇسۇلدۇر. چۇنكى مەسئۇل كىشىلەرنى ھەرىكەت ئۈچۈن پائالىيەت قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مائاشلىق ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
2) ئەگەر ئىقتىسادىي مەنبە بولماي قالسا ھەرىكىتىمىز مائاشلىق رەھبىرى كادىردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇ ھالدا پىداكار خالىس ئىشلەيدىغانلارنى تېپىشىمىز كېرەك. ئەمما بۇ ئۇسۇل، بەكلا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇشەققەتلىك بىر ئۇسۇل. ئەگەر بىر قىسىم يەرلەردە ھەرىكىتىمىزنى ھىمايە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ھەرىكەت تەشكىللىيەلەيدىغان، باشقۇرالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئادەم تېپىلماي قالغىنىدا، ئۇنداق يەرلەرنى تەشكىللەش پائالىيىتىنى باشلىماي بوش قالدۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى جايلاردا يىتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتى بار كىشىلەرنى تاپقىلى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك يەنە بەزى يەرلەردە بۇنداق كىشىلەردىن بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچىسى ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، ئوتتۇرغا چىقىدىغان قىيىنچىلىقلار بەكلا كۆپ بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىشقىمۇ مەجبۇر بولىشىمىز مۇمكىن.
ئەمما شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىرەر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئالدىنقى شەرت، ئۇ تەشكىلات ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرسىنى تېپىش ھېساپلىنىدۇ. بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بىر قائىدە.
ئوفىسېرى يوق بىر توپ ئەسكەرنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەيدىغىنىغا ئوخشاش، بىر سىياسىي تەشكىلاتمۇ لاياقەتلىك يىتەكچىسى بولماي تۇرۇپ ھېچ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىرالمايدۇ.
ئەگەر مەھەللىۋى بىر گۇرۇپقا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىنىدىغان بىرەر ئادەم تېپىلماي قالغىدەك بولسا، بۇنداق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىپ يۈرگەندىن، بۇنداق باشلىقى يوق تەشكىلاتنى قۇرمىغان ياخشى.
باشلىق بولۇش ئۈچۈن جاسارەتلىك بولىشىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولالمايدۇ. ئۇنداق بىرسى باشقۇرۇش جەھەتتە قابىلىيەتكىمۇ ئىگە بولىشى كېرەك. شۇنىسىمۇ بىر ھەقىقەتكى، جاسارەت بىلەن ھەرىكەتچانلىق ھەر دائىم قابىلىيەتتىن مۇھىم. ئەڭ ياخشى يىتەكچى قابىلىيەتلىك، ھۆكۈم چىقىرىش روھى بار، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەھەتتە كەسكىن ۋە قەتئىي چىڭ تۇرالايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىرسىدۇر.
بىرەر ھەرىكەتنىڭ تەغدىرى ھىمايىچىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى بىردىن-بىر توغرا ھەرىكەت دەپ تونۇيدىغان، شۇنىڭدەك يەنە باشقا بارلىق ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن بۇ ھەرىكەتنى ئۈستۈن بىلىدىغان ئاڭغا ئىگە بولىشىغا باغلىق. شۇنىڭدەك، بىرەر ھەرىكەتنىڭ كۈچى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىر ھەرىكەت بىلەن بىرلەشكىنىدە ھەرىكەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دەپ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. بەلكىم بۇنداق بىرلىشىشتە سىرتتىن كۆرۈنىشتە ھەرىكىتىمىزش ئاز-تۇلا ئالغا سىلجىغاندەك تەسىرات بېرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنداق بىر ھەرىكەت ئىچىدىن ئاجىزلاشتۇرۇش ئامىللىرىنى ئۆزىگە يىغىۋالغان بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ پارتىلاپ چىقىشىمۇ ئۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلماسلىقى مۇمكىن. چۇنكى، ئىككى ھەرىكەت بىر-بىرسىگە ھەرقانچە ئوخشاپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنداق ئوخشاشلىق ھېچ قاچان پۈتۈنلەي ئوخشاش بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار ئىككىسى ھېچ قاچان ئىككى خىل ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان بولماي بىرلا خىل ھەرىكەت بولۇپ مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئىككى خىل ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ، ئۇ ھەرىكەتلەرنى باشلاتقان داھىلارنىڭ بىر-بىرسىدىن پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە كىشىلەردىن بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا، بۇنداق ھەرىكەتلەر مۇتلەق تۈردە بىر يەرلىرىدە تۈپلىك پەرق كۆرسىتىشى مۇمكىن. ھەرقانداق بىر تەرەققىياتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى بىر-بىرسىدىن پەرقلىق ئىككى ئورگاننىڭ بىرلىشىپ كېتىشىنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى، ئارىدىكى كۈچلۈك بولغان تەرەپ مۇۋاپىق تۈردە ئاجىز تەرەپتىن پايدىلىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق پايدىلىنىشمۇ مەقسەتكە يېتىش لازىم بولغانچىلىكلا كۆرۈلىدىغان بىر ئىش. بىرەر ھەرىكەت ئەمەلىي كۈچىنى چەكسىز تۈردە كۈچەيتەلىسە، بارلىق رەقىپلىرىگە قارشى كەسكىن غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ كېڭىيەلىگىنىدىلا ئاندىن قۇدرەتلىك بىر ھەرىكەت ھالىغا كېلەلەيدۇ.
شۇنىڭدىن قىلچە گۇمانلانماسلىقىمىز كېرەككى، ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، ئۆزىنىڭ ئىچكى كۈچىنى چەكسىز تۈردە كۈچەيتەلىگىنىدە، بارلىق رەقىپلىرىگە قارشى قەتئى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىزچىل كۈچىيىپ بارالىغىنىدىلا ئاندىن ئۇلۇغ بىر ھەرىكەتكە ئايلىنالايدۇ.
شۆبھىسىزكى، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئارتىپ بېرىشى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ياشاش ھەققىنىڭ كۈچىيىشى، كۈرەش قىلىش ئىدىيىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىرەر ھەرىكەت، ئەگەر ئەڭ كۈچلۈك ھالغا كېلەلىگىنىدە، تولۇق غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ۋاقتىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، بىر ھەرىكەت ئىجرا قىلغان تاكتىكىسىگە تايىنىپ ۋاقىتلىق نەتىجىگە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچىيىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش ئارقىلىق باشقا ھەرىكەتلەرگە قىلچىمۇ يول قويماي قەتئى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولىشى كېرەك. ئەمما بۇنداق كۈچىيىشنى قانداقتۇ ئۆزىگە ئوخشايدۇ دېيىلگەن باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق، يەنى بىر قىسىم كېلىشىملەرگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغان ھەرىكەت، ۋاقتىدىن بۇرۇن ئېچىلغان گۈللەرگە ئوخشايدۇ. بۇنداق بالدۇر ئېچىلغان گۈللەر چوڭىيىپ رەڭگارەڭ گۈل-چىچەكلەرنى ئاچالىغان تەغدىردىمۇ ئەسىرلەر بويىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس. بىرەر ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كېرەكسىز يول قويۇشلارغا يېقىن يولىماي، ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ھەققىنى تەلەپ قىلىشتا مەغرۇرلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلالايدىغان، باشقا ھەرىكەتلەرگە قەتئىي يول قويماي ئۇلارغا قارشى كۈرەشتە قەتئى غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىشىگە باغلىق. ئەگەر بىرەر ئەقىدە ھەقىقەتەنمۇ توغرا بىر ئەقىدە بولغىنىدا، بۇنداق بىر ئەقىدە بىلەن يېتىلگەن ھىمايىچىلار بۇنداق بىر كۈرەشتە دۈچ كېلىدىغان خەۋپتىن قورقمايدىغان بولىدۇ ۋە چوقۇم غەلىبە قازىنالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇلىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
مەسىلەن ئالايلى، خىرىستىيانلىقنىڭ بۇنچە كۈچەيگەن ئەھۋالغا كېلىش جەريانى ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئۆز ئەقىدىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەقىدىلەرنىڭ پەلسەپەلىك چۈشەنچىلىرىگە يول قويۇش ئارقىلىق بولغان ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆز ئەقىدىسىنى قەتئى تەۋرەنمەي ئوچۇق ئېلان قىلىشقا، بۇ ئەقىدىلىرىنى يەنە شۇنداق قەتئى ئىرادە بىلەن قوغداش يولىغا تايىنىپ كۈچىيىپ بارالىغان. دېمەك، سىياسىي ھەرىكەتلەردىمۇ باشقا ئەقىدىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن كېلىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان ۋاقىتلىق كۈچىيىشى، ۋاقىتلىق ئىلگىرلەشلىرى تولۇق مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىپ تەشكىلات قۇرۇپ چىققان، كۈرەشكە ئاتلانغان ھەقىقىي ئىدىيىۋىي ھەرىكەتلەردىن يېڭىلىپ بەرىبىر كەينىدە قالىدۇ.
ھەرقانداق بىر ئىدىيىۋىي دولقۇن غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن، ئەزالىرىغا قىلىۋاتقان كۈرىشىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەھمىيەتسىز بىر ھەرىكەت ئوخشايدۇ دەيدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويماي، بۇ ئەقىدىسىنىڭ بىردىن-بىر غايىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا رەقىپلىرىنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشىدىن، ھۇجۇم قىلىشلىرىدىن قورقمايدىغان ھالغا كېلەلەيدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر ھەرىكەت، بۇ تۈردىكى بۇزغۇنچىلىقلار بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچراشلارنى ئۆزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى دەپ بىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، خەلقىمىز، بىزنىڭ دۇنيا قاراشلىرىمىزغا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلاردىن، ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلاردىن ھەرگىزمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. ھەتتا بۇنداق دۈشمەن ھۇجۇملىرىنىڭ بولۇپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ھالغا كېلەلەيدۇ. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، دۈشمەننىڭ بۇ تۈردىكى ئۆچمەنلىكى، ھۇجۇملىرى، دۈشمەنلىكلىرى يەنە خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان يالغان تۆھمەتلەر بىلەنمۇ تولغان بولىدۇ.
يەھۇدىي گېزىتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان، ئۇلارنىڭ قارىلاشلىرىغا دۈچ كەلمىگەن، رەسۋا قىلىنمىغانلارنى ياخشى بىر نېمىس دەپ قاراشقا ياكى بولمىسا ئۇنداقلارنى ھەقىقىي مىللىي سوتسىيالىستلار دېيىشكە بولمايدۇ. ھەقىقى مىللىي سوتسىيالىست بولغان نېمىسنىڭ ئاڭ-پىكىر، ئەقىدىسىنىڭ قەتئىيلىكى، ئىرادىسىنىڭ تولۇق بولىشىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ توغرا تارازا − خەلقىمىزنىڭ جانىجان دۈشمىنى بولغان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانچىلىك دۈشمەن دەپ قارىشىغا باغلىق. ھەرىكىتىمىزنىڭ بارلىق تەرەپتارلىرىغا، تېخىمۇ كەڭ مەنىدە پۈتكۈل خەلقىمىزگە يەھۇدىي گېزىتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان-ياۋداق تۆھمەتلەردىن توقۇپ چىقىرىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، بۇنى ھەر دائىم كەڭ تەشۋىق قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. بىر يەھۇدىي، ھەرقانچە راس گەپ قىلغاندەك قىلسىمۇ، يالغانچىلىقىنى يوشۇرۇش، بۇ ھەرىكىتىمىزنى كۈچەپ قارىلاپ كۆرسىتىش، ھەرىكىتىمىزنى خەلقىمىزدىن يوشۇرۇشنىلا مەقسەت قىلىپ راس گەپ قىلغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق بىر ئەھۋاللاردىمۇ يەھۇدىيلار قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. يەھۇدىيلار ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئۇستا يالغانچىلاردۇر. يەھۇدىيلار ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل قۇرالدىن پايدىلىنىپ پائالىيەت قىلىشىدۇ: ئۇنىڭ بىرسى يالغانچىلىق قىلىش، يەنە بىرسى ئالدامچىلىق. شۇنداق ئىكەن، ھەر بىر تۆھمەت، يەھۇدىيلارنى مەنبە قىلغان ھەر بىر تۆھمەت، بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىزگە شەرەپلىك يارا ئىزى قالدۇرىدۇ. يەھۇدىيلار ئەڭ قاتتىق قارىلاپ كەلگەن بىرسى چوقۇم بىزنىڭ تەرەپتىكى بىرسى ھېساپلىنىدۇ. يەھۇدىيلار ئۆلگىدەك يامان كۆرگەن بىرسى بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز ھېساپلىنىدۇ. ئەتىگەندە بىر پارچە يەھۇدىيلار گېزىتىنى ئوقىغان بىرسى ئەگەر ئۆزىنىڭ بىرەر تۆھمەتكە قالمىغانلىقىنى كۆرسە، ئالدىنقى كۈنىنىڭ يىگىرمە تۆت سائىتىنى ھېچ ئىش قىلماي بىكار ئۆتكۈزۈپتىمەن دەپ ھېساپلىسا بولىدۇ. چۇنكى، ئۇ كىشى ئەگەر ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنالىغان بولسا ئىدى، يەھۇدىيلار ئۇنى بوش قويىۋەتمىگەن، ئۇنى يامانلاپ قارىلاشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭغا تۆھمەتلەرنى ياغدۇرىۋەتكەن بولاتتى. مىللىتىمىزنىڭ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئالىي ئىرقتىكىلەرنىڭ بۇ ئەجەللىك دۈشمىنىگە قارشى تۇرىدىغان بىرسى يەھۇدىيلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە، دۈشمەنلىكلىرىگە دۈچ كېلىش ھەققىگە ئىگە. بۇ پىرىنسىپ، بىزنى ھىمايە قىلىۋاتقان تەرەپتارلىرىمىزنىڭ تومۇرلىرىغىچە، ئىلىكلىرىگىچە سىڭگەن ۋاقتىدىلا بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز تەۋرەنمەس بىر كۈچ، ئالغا ئىلگىرلىشىنى توساش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئېقىم ھالىغا كېلەلەيدۇ.
بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ھەر قانداق بىر ۋاستىدىن تولۇق پايدىلىنىپ شەخسىلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر. ئىنسانپەرۋەرلىك تۈسىنى ئالىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ قىممىتى شەخسىلەرنىڭ قىممىتىدە، ھەر قانداق بىر كۆزقاراش ۋە ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر شەخسىنىڭ ئىجادىي كۈچىنىڭ مەھسۇلى بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. يەنە شۇنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇلۇغ بىرسىگە قايىل بولۇش، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئېتراپ قىلىش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن، ئۆز ۋاقتىدا يەنە بۇنداق ئېتراپ قىلىدىغانلارنى بىر نوقتىغا يىغىش، بىرلەشتۈرۈش رولىنىمۇ ئوينىيالايدۇ. بىرەر كىشىلىك ئورنىنى باشقا بىرسىنىڭ كىشىلىكى بىلەن ئالماشتۇرالمايمىز. بۇ سۆزىمىز، ھەر بىر شەخسىنىڭ مېخانىك كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، مەدەنىيەت بىلەن ئىجادىي ئامىللارغا ئىگە بولىدىغان ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئېنىق ئىسپاتلىنىدۇ. يەنى داڭلىق بىر ئۇستازنىڭ ئورنىنى باشقا ھېچكىم تولدۇرالمايدۇ. ئۇنداق بىرسى ۋاپات بولغىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قالغان ئەسىرىنى ھېچكىم تولۇقلاپ پۈتتۈرەلمەيدۇ. داڭلىق بىر شائىر، ئۇلۇغ بىر ئىدىيولوگ، ئۇلۇغ بىر دۆلەت رەھبىرى ۋە داڭلىق بىر گېنېراللارنىڭ ئەھۋالىمۇ يوقۇرقىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ھېچ كىم تولدۇرالمايدۇ. چۇنكى، ئۇلار ياراتقان ئەسەرلەر سەنئەت ئېتىزىدا بىخلىنىپ يېتىلگەن بولۇپ، ئىلاھىي كۈچنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىراسخورى ھېساپلىنىدۇ.
بۇ دۇنيادا يارىتىلغان ئەڭ چوڭ يېڭىلىقلار، غالىبىيەتلەر، ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت رەئىسلىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆلمەس ئەسەرلىرى مەڭگۈ شۇ ئالىمنىڭ، شۇ ئۇلۇغ كىشىنىڭ نامىدا ساقلىنىدۇ. بۇنداق ئۇلۇغ بىر روھنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئىنتايىن قۇدرەتلىك بىر كۈچتىن مەھرۇم بولۇش دېمەكتۇر. بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيەت، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغلارغىلا مەنسۈپ بىر نامنى قالدۇرىدۇ.
يەھۇدىيلار بۇ پاكىتنى بەكلا ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى قوزغىغان ۋەيران قىلغۇچى كۈرەشلىرى جەريانىدا ئىنسانىيەتكە قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ مىيۋىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۇلۇغ كىشىلەرنى بۇنداق لاياقەتكە ئىگە ئەمەس دەپ تونۇشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. كىمدە-كىم بۇنداق ئۇلۇغ بىرسىگە ھەيران بولسا، ئۇنداق بىرسىنى شەخسىگە چوقۇنۇش كېرسىلى دەپ قارىلىشىدۇ. ئەگەر بىرەر مىللەت، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تۈر يۈزسىزلىكىگە قايىل بولغىدەك پەسكەش ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن، ئۇنداق بىر مىللەت قولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇرالىدىن ئايرىلىپ قالغان ھېساپلىنىدۇ. چۇنكى، ئەقىللىق بىر يولباشچىغا، ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىغا، ئەسەرلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنىڭ ئۆزى بىر كۈچ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق بىر ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئىشى خەلق ئاممىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. ئەگەر كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالغان ۋاقىتلاردا، ئۆتمۈشتىكى قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدىن ۋاقتى كەلگىنىدە كىشىلەرنىڭ ئازاپلىرىنى، غەم-ئەندىشىلىرىنى، نامراتلىقىنى، ئىدىيىۋىي قۇللۇقى ۋە بېسىملىرىدىن قۇتقۇزۇپ ئۇپۇققا يىتەكلىيەلەيدىغانلار ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەردۇر. ئۇنداق بىرسى ئۈمىدىنى يوقاتقانلارغا قول ئۇزارتىپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ.
ئەپسۇسكى، ئۇزارتىلغان بۇ قولنى تۇتۇشنى بىلمىگەنلەرنىڭ ھالى ھەقىقەتەنمۇ خاراپ.

ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈچىيىشى
ھەرىكىتىمىزنى يېڭى ئېلان قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئىسمىمىزگە ھېچ كىم دىققەت قىلماي كېلىۋاتقانلىقى ياكى ئېنىق بىرەر تەسىرات يارىتالماي قېلىۋاتقانلىقىدىن بەكلا قىينالغان ئىدۇق. خەلقىمىزنىڭ بىزدىن بۇنداق ئىككىلىنىشى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىھتىمالىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا ئىدى.
ئىككىلىش جەھەتىدە بەلكىم خەلقىمىزنىڭ تۇتقان يولى توغرا بولىشىمۇ مۇمكىن. راس دېمىسىمۇ ھېچ كىم تونىمايدىغان ئالتە-يەتتە كىشى ئوتتۇرغا چىقىپ، بۈگۈنگىچە كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۆز يېنىغا ئالغان چوڭ-چوڭ پارتىيىلەرنىڭ قولىدىن ھېچ قانداق بىر ئىش كەلمەي تۇرىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر ھەرىكەتنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇشۇپ بىر يەرگە يىغىلغان ئىدى. بۇ بىر قانچە كىشىنىڭ مەقسىدى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەڭ ھاكىمىيەت كۈچىگە ئىگە بىر نېمىس دۆلىتى قۇرۇپ چىقماقچى بولۇشقان. ئەگەر بىزنى مەسخىرە قىلىشقان ياكى بىزگە قارشى تاش-توخماقلار بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسا ئىدى، كىشىلەر بىزگە دىققەت قىلىپتۇ دەپ بۇنىڭدىن بەكلا خوشال بولۇپ كېتەر ئىدۇق. ئەمما ھېچ كىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالماسلىقىمىز بىزگە بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. مەن بۇ بىر قانچە كىشى بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان ۋاقىتلىرىمدا، بىرەر پارتىيە ياكى بىرەر ھەرىكەت ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا ئىدى.
بۇ بىر قانچە كىشىلىك تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ھەققىدە ئالدىنقى باپلاردا بىر قۇر توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. شۇندىن باشلاپ ۋاقتىم بولغاندا بۇ كىچىككىنە پارتىيىنىڭ قانداق قىلغاندا ئۆزىنى تونۇتالىشى مۇمكىن دەپ نەچچە ھەپتە باش قاتۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدىم. قارىغاندا پات يېقىنلاردا ئۆزىنى تونىتالىشىدىن زادىلا ئۈمىد يوقتەك كۆرۈنەتتى. شۇ كۈنلەردە بۇ پارتىيە ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق، ئۈمىدسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئاھ تەڭرىم! بۇ پارتىيىنىڭ ھېچ بىر نەرسىسى يوق ئىدى. بۇ پارتىيىنىڭ بار نەرسىسى − ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەسلىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزاسى بىز ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىشقان نەرسىنى، يەنى كىچىك بىر پارلامېنىت نۇسخىسىدىن بىرنى، ئۇنىڭ كىچىك مودىلىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىۋېلىشقان ئىدى! بۇ تەشكىلدىمۇ خۇددى پارلامېنتتا بولغاندەك ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىكى پارلامېنتلاردا ۋەتەن مەسىلىلىرى ئۈچۈن نەچچە ئايلاپ ۋاقىت سەرىپ قىلىشىپ تالاش-تارتىش قىلىشقان بولسا، بىزنىڭ بۇ مودىل پارلامېنتىمىزدىمۇ پارتىيىگە ئىۋەرتىلگەن بىرەر خەتكە قانداق جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز كېرەك دېيىشىپ تۈگىمەس نۇتۇقلار سۆزلىنەتتى!
تەبىئىكى، ئۇ كۈنلەردە ميۇنخېندىكى بىر نەچچە تەرەپتارىمىزنى، بۇلار بىلەن ئاندا-ساندا ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتقانلارنى ھېساپقا ئالمىغىنىمىزدا، بۇ پارتىيىنىڭ بۇ تۈر پائالىيەتلىرىدىن ھېچ كىمنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. ھەتتا پارتىيە ئىسمىنى بىلىدىغانلارمۇ يوق ئىدى. ھەر چارشەمبە كۈنىسى ميونخېننىڭ بىرەر چايخانىسىدا ھەيئەتلەر يىغىنى دەپ نام بېرىلگەن يىغىنلار ئېچىلىپ تۇرىلاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ھەپتىدە بىر قېتىم يەنە شۇ ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشىدا نۇتۇق سۆزلەش كەچلىك يىغىنى ئۆتكۈزىلەتتى. بۇ پارتىيىنىڭ مەركىزى كومۇتىتىدىكى ئەزالارمۇ پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپاتتى. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بۇ كىچىك پارتىيىنى بۇنداق تار مۇھىتتىن قۇتقۇزۇپ چىقىش، يېڭى ھىمايىچىلارنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى بۇ پارتىيىنىڭ قانات يايدۇرماقچى بولىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ نامىنى پۈتۈن چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ بولسىمۇ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشىمىز شەرت ئىدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى نەدىن باشلىدۇق؟
دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئايدا بىر قېتىم، كېيىنچە يېرىم ئايدا بىرەر قېتىم يىغىلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق. يىغىننىڭ تەكلىپ قەغەزلىرىنى خەت بېسىش ماشىنكىسىدا ياكى بولمىسا قولدا يېزىپ تارقىتاتتۇق. دەسلىۋىدە تەكلىپ قەغىزىنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرگە ئۆزىمىز ئاپىرىپ بەردۇق. ھەممەيلەن تونۇيدىغان ئادەملىرىنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىشاتتى. بۇنىڭدىن تۈزۈك بىر نەتىجە چىقمىدى. ئەھۋالىمىز بەكلا ئېچىنىشلىق ئىدى. مەن شۇ كۈنكى كەچلىك يىغىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قەغىزىدىن سەكسەن تال تارقاتقانلىقىم؛ يىغىنغا خېلى جىق ئادەم كېلىشى مۇمكىن دەپ تاما قىلغان بولساقمۇ، زال ھېلىغىچە بوش بولغاچقا يىغىننى كېچىكتۈرۈپ كەچكىچە ساخلىغانلىقىمىز ئېسىمدە.
مەجلىس رەئىسى بىرەر سائەت كېچىكتۈرۈشتىن كېيىن يىغىننى باشلىغان ۋاقتىدا، زالدا يەنىلا شۇ يەتتىمىز بار ئىدۇق. يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئادەملىرىمىز!
كېيىنكى قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن تەكلىپ قەغىزىنى مىيونخېندىكى يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى ساتىدىغان بىر دۇكاندا باسما ماشىنىسىدا كۆپەيتىپ بېسىپ تارقىتىۋىيدۇق، ئەھۋالىمىز سەل ياخشىلانغاندەك قىلدى. تەكلىپ قەغەزلىرىنى تارقىتىپ بولۇپ، ئەتىسى زالدا كۈتۈپ تۇردۇق، يىغىنىمىزغا ئەسلى ئەزالىرىمىزدىن باشقا يەنە بىر نەچچە كىشى قوشۇلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ يىغىنىمىزغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا 11 گە، 13 كىشىگە، 17 دىن 24 كىشىگە ئارتىپ، ئاخىرى بىر كۈنلىرى 34 كىشىلىك بىر يىغىن ئاچقىدەك ھالغىمۇ كېلىۋالغان ئىدۇق. بىر قېتىمىدا ئۆز ئىچىمىزدە يىغىش قىلغان پۇلغا شۇ كۈنلەردە بىتەرەپ گېزىتلاردىن بىرى بولغان «مۈنچېنېر بېئوباختېر» گېزىتىدا يىغىنغا تەكلىپ قىلىش ئېلانى بېرىۋالدۇق. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ھەقىقەتەنمۇ ئارتىپ، بىزنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. شۇ قېتىمدا يىغىنىمىزنى 130 نەپەر كىشى سىغىدىغان مىيونخېندىكى “خوفبراخاۋۇز كېللېر” دېگەن پىۋىخانا سالونىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق (بۇ يەرنى مىيونخېندىكى مۇراسىم زالى بولغان خوفبراخاۋۇس بىلەن ئارلاشتۇرىۋالماڭ!). يىغىن باشلىنىش ۋاقتى كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ زالنى توشقۇزالماي قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيتتىم. زال ھەقىقەتەنمۇ كۆزۈمگە بەكلا چوڭ كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. يىغىن سائەت 7 دە باشلانماقچى ئىدى. دەل شۇ پەيتتە زالدا 117 كىشى بار ئىدى!
مىيونخېنلىق پروفېسسورلاردىن بىرسى دوكلاتىمىزنى ئوقۇپ ئۆتتى. مەنمۇ ئورۇن باسار سېكرىتار سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم بۇنچە كۆپ كىشى ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن سۆزگە چىقماقتا ئىدىم.
ئۇ ۋاقىتلاردا پارتىيىنىڭ دەسلەپكى رەھبىرى بولغان م. ھاررېر مېنىڭ نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغانلىقىمنى بەكلا چوڭ تەۋەككۈلچىلىك دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما بۇ بەكلا ئاق كۆڭۈل كىشى، مېنىڭ باشقا تەرەپلەردە قابىلىيىتىم بولسىمۇ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتىمنىڭ يوقلىقىدىن قورققان ئىدى. ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۇنى بۇ قارىشىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدىم. ئەمما ھاررېر مېنىڭ توغرىلىق يېڭىلغان ئىدى. بۇ قېتىملىق سۆزگە چىقىشىم ئۈچۈن ماڭا ئارانلا 20 مىنوت ۋاقىت ئايرىغان ئىدى. ئەمما مەن سەھنىگە چىقىپ نەق يېرىم سائەت نوتۇق سۆزلىدىم. مەن ئۆزەممۇ تولۇق ھېس قىلىپ كېتەلمىگەن، ئەمما ئىچىمدە بار بولغان بىر ئالاھىدىلىكىم بۇ قېتىمقى نۇتۇق ئارقىلىق ئاشىكارىلانغان ئىدى. مەن ئەسلىدە نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بىرسى ئىدىم. بۇ 30 مىنوت ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن زالدىكىلەر گويا ماگىنىتلانغاندەك قېتىپلا قالغان ئىدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قىزغىن ھاياجان ئىچىدە ئالقىش-سادالار ياڭراتقان بولۇپ، يېىغىندىكىلەردىن ماددىي ياردەم ئۈچۈن ئىنئانە توپلاش تەلەپ قىلىنغاندا، مېنىڭ نۇتقىم سەۋەپلىك “300 مارك” پۇل يىغىلغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئېغىر بىر غەمدىن قۇتۇلغانىدىم. چۇنكى، ئۇ پەيتلەردە بەكلا ئېغىر پۇل قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقان ئىدۇق. پۇل بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان پارتىيە ماتېرىياللارنى بېسىپ تارقىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قولدا يېزىپ تارقىتىش ئۈچۈنمۇ قەغەز تاپالمىغىدەك مۇشكۈل ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغان ئىدۇق. مانا ئەندى، ئاز بولسىمۇ بىر مەبلىغىمىز بار بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ھېچ بولمىغاندا ئەڭ ئېھتىياجلىق دەپ قارالغان نەرسىلەرنى بولسىمۇ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن تۇتۇش قىلغىدەك ھالغا كېلىۋالغان ئىدۇق. بەك مۇھىم دەپ قارىيالمىساقمۇ، شۇ قېتىمقى مىتىنگ ئۇتۇغى كېيىنكى ئىشىمىزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ياردەمچى بولغان ئىدى.
مەن كومىتىتقا بىر قىسىم ياش كۈچلەرنى ئېلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربى سەپ خىزمىتى جەريانىدا بىر مۇنچە يېقىن دوست تېپىۋالغان ئىدىم. بۇ دوسلىرىم، مېنىڭ تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلىشىپ بىر-بىرلەپ ھەرىكىتىمىزگە قوشۇلۇشقا باشلىدى. بۇ دوسلىرىمنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ياش كىشىلەر بولغاچقا، ئىنتىزاملىق، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ھەربى ۋەزىپە ئۈتەش جەريانىدا قىلغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوقلىقىنى، كۆڭۈل قويىدىغانلا بولسا تەلەپ قىلىنغان ئىشنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئورۇنداشقا بولىدۇ دەيدىغان قاراشتىكى كىشىلەر ئىدى. ئارىمىزغا بۇنداق يېڭى قانلارنىڭ قوشۇلىشىنىڭ ئەھمىيىتى بىر قانچە ھەپتىلىك ئورتاق پائالىيەتلەر جەريانىدا دەرھال سېزىلىشكە باشلىدى.
پارتىيىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان م. خاررېر ئەسلىدە بىر مۇخپىر ئىدى. شۇڭا ئۇ كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بىرسى ئىدى. شۇغىنىسى، ئۇ پارتىيە يىتەكچىسى سۈپىتىدە ئاممىغا خىتاپ قىلىشنى بەك قاملاشتۇرالمايتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۈرتكە بولغۇچى كۈچى يوق ئىدى. ئۇنىڭدا ناتىقلىق قابىلىيەت دەيدىغان نەرسە پەقەتلا يوق ھېساپتا ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم ئىدى. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى، ئۇنىڭدا ئالغا ئىنتىلىش كۈچىنىڭ بولماسلىقى ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا مىيونخېن يەرلىك تەشكىلاتىمىزنىڭ مەسئولى بولغان م. درېكسلېر ئاددى بىر ئىشچى ئىدى. ئۇنىڭدىمۇ ناتىقلىق قابىلىيەت يوق ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ مەيلى تېنچلىق دەۋرلىرىدە ياكى ئۇرۇش دەۋرلىرىدە بولسۇن زادىلا ئەسكەر بولۇپ باقمىغان بىرسى ئىدى. ئۇ ئەسلىدىلا ئاجىز، تارتىنچاق بىرسى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە مىشچان مىجەزلىك، ئۆزىگە ئىشەنچىمۇ يوق بىرسى ئىدى. چۇنكى ئۇ ئۆزىگە ئىشەنچى بولمىغان مىشچانلارنى تەربىيىلەپ جەسۇر ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغان ئەسكەرلىكتە بولمىغان بىرسى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا بىر دەرەخنىڭ ئىككى شېخىدىن ئۇيۇپ چىقىرىلغان، ئوخشاش ماتېرىيالدىن ياسالغان كىشىلەر دېيىشكە بولاتتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەرىكىتىمىزنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قەتئى ئىشەنچىلىرى بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئۇلاردا بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىزگە قارشى توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان كۈچلەرنى يوق قىلىش جاسارىتىمۇ بولمىغان كىشىلەردىن ئىدى. بۇنداق بىر ئىش ھەربىي تەلىم كۆرگەن، جىسمانى ۋە روھى جەھەتلەردىمۇ ئەسكەردەك يېتىشكەن كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىش ئىدى. يەنى پولاتتەك مۇستەھكەم، قىيىندەك چىداملىق، گرانىتتەك قاتتىق كىشىلەرلا بۇ ھەرىكەتتە باشلامچىلىق رول ئالالىشى مۇمكىن ئىدى.
مەن ئۇلاردىن تۈپتىن پەرقلىق بىرسى ئىدىم. يەنى مەن شۇ كۈنلەرگىچىلا بىر ئەسكەر ھېساپلىناتتىم. مېنى ئالتە يىل مابەينىدە (بەزى تەرجىمىلەردە نەق ئون يىل دەپ ئېلىنغان − ئۇ.ت) ئەسكەرلىك روھى يېتىشتۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. دەسلىۋىدە، يېڭى بىر مۇھىت ماڭىمۇ ھەر دائىم ياد بىلىنەتتى. “بۇنداق قىلساق بولمايدۇ، بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ” ياكى بولمىسا “بۇنداق خەۋپكە سەل قارىغىلى بولمايدۇ” دېگەندەك سۆزلەرنى بۇرۇن مەنمۇ بىلەتتىم.
ئەسكەر بولغىنىمدىن كېيىن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگەنگەن ئىدىم.
دېمىسىمۇ بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك بىر ئىش ئىدى. 1920-يىللاردا، گېرمانىيىنىڭ بىر مۇنچە يەرلىرىدە مىڭلىغان خەلق ئاممىسىغا خىتاپ قىلىشقا ئۇرۇنۇش، بۇنداق بىرەر چوڭ يىغىن تەشكىللەش، خەلق ئاممىسىنى بۇنداق يىغىلىشلارغا ئاشكارە چاقىرىق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ھېساپتا ئىدى. بۇنداق يىغىلىشلار دۈشمەنلىرىمىز تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلەتتى، ئۇرۇپ ھەيدىلەتتى، يۈز-كۆزىنى قانغا بويىۋېتىشەتتى. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالغا قېلىشقا قورقماي ماقۇل دەيدىغانغا ھېچ كىم چىقمايتتى. بۇرجۇئازىيە تەشكىللىگەن يىغىلىشلارغا قاتنىشىدىغان كىشىلەر بىر قانچە كومۇنىست ئوتتۇرلۇقتا پەيدا بولغان ھامان ئىت قوغلىغان توشقاندەك پاتپاراق بولۇپ قېچىپ تارقىلىپ كېتىشەتتى. ئەمما قىزىللار بۇرجۇئازىيىنىڭ بۇنداق نادانلىقىنى، بۇنداق نادانلىقى تۈپەيلىدىن قىلچە زىيان كەلتۈرۈلمەس كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كوت-كوت بۇرجۇئازىيىنىڭ بۇ تۈردىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى يىغىلىشلىرىدىن بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزلىرىگە زىيانلىق دەپ قارىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى بارلىق چارىلارنى ئىشقا سېلىپ بولسىمۇ باستۇرۇشقا ھەر دائىم تەييار ئىدى. ئۇلارنىڭ كەسكىن تەسىر كۆرسىتىدىغانغا قانداق چارىلىرى باردۇ دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر چارىسى ۋەھىمە پەيدا قىلىش، ۋەھشىلىك قىلىش چارىسىنىڭلا بارلىقىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. …
ماركسىزمچى ساختىپەزلەر شۇ كۈنلەرگىچە يەھۇدىي پارتىيىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ماركسىزمچى جامائەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئاشكارە ھەرىكىتى بىلەن ماركسىزمچى غوجايىنلارنىڭ ھەرىكەتىگە قاتتىق نەپرەتلىنىپ، ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ يۈرۈشكەن ئىدى. شۇڭا، “نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى” دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزىلا ماركسىزىمچىلارنى ھېلىتىدىن قورقۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. تا بۈگۈنگىچە غالىبىيەت مەستخوشلىقى ئىچىگە پېتىپ قالغان ماركسىزمچى كاتىۋاشلار دەسلەپكى پۇرسەت كېلىشى ھامان بىر-بىرسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. ئۇ كۈنلەردە، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز تار مۇھىت ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق جىدەللەرگە قەتئىي يېقىن يولىماي يۈرگەن ئىدى. خەلق ئاممىسىغا مەغلوبىيەت بىلەن تونۇلۇش خەۋىپىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا تىرىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا، بىزدىكىلەردە تۇنجى قېتىملىق چوڭ يىغىلىشتىلا تىرە-پىرەڭ قىلىنىۋېتىلىشى ئېھتىمالىدىن، ھەرىكىتىمىز بۇ سەۋەپ بىلەن توختاپ قېلىشىدىن قورقۇش بەكلا ئېغىر ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ئىشتا بەكلا قىيىن ئەھۋالدا ئىدىم. مەن ئوتتۇرغا قويغان بۇ نەزەرىيە جىدەلدىن قېچىش تۇرماق، بەلكى جىدەل ئىچىگە شوڭغۇپ كىرىشنى تەلەپ قىلاتتى. شۇڭا بۇنداق جىدەللەردىن ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھۇجۇمچى ئەترەتلەر تەشكىل قىلىش شەرت ئىدى. ئادەتتە تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئەمەس، بەلكى تېررورچىلارغا تېررورلۇق بىلەنلا تاقابىل تۇرغىلى بولاتتى. بىزنىڭ تۇنجى چوڭ يىغىنىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولىشىنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ بۇ ئويلىغانلىرىمنى تەستىقلاپ بەرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن غەيرەتلىنىپ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ يىغىنىمىزنى ئېچىش قارارىنى ئالدىم.
ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ يىغىلىشىمىز، 1919-يىلىنىڭ ئۆكتەبىرىدە (ئوغۇزىدا) “ئېبېرلبراۋكېللېر” غا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇ مىتىنگنىڭ ئاساسلىق تېمىسى “برېست-لىستوۋك ۋە ۋېرسايللېس كىلىشىمى” ھەققىدە ئىدى. بۇ يىغىلىشتا تۆت نەپەر ناتىق سۆزگە چىققان ئىدى. مەن بىرەر سائەتتەك نوتۇق سۆزلىدىم. بۇ قېتىمقى نۇتقۇمنىڭ نەتىجىسى بىرىنچى قېتىملىق يىغىلىشىمىزدا سۆزلىگەن نۇتقۇمدىنمۇ زور بولدى. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سانى 130 نەپەردىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىملىق مىتىنگمىزنى قالايماقانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قىزىللار جىدەل چىقارماقچى بولىۋىدى، سەبداشلىرىم ئۇلارنى دەرھال بېسىقتۇردى. قالايماقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغانلار ئۇر-توخماق قىلىنىپ يۈز-كۆزى يېرىۋىتىلدى. سەبداشلىرىم ئۇلارنى پەلەمپەيلەردىن سېرتقا چۆرۈپ تاشلىدى. ئۇلارمۇ قويرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىشتى.
ئارىدىن 15 كۈن ئۆتكەندە يەنە شۇ زالدا 170 نەپەردىن ئارتۇق يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالدىغا چىقىپ سۆزلىگەن نۇتقۇممۇ ئاجايىپ ئۇتۇغلۇق بولدى. يىغىن زالى لىق تولدۇرۇلغان ئىدى. شۇندىن كېيىن، بۇنىڭدىنمۇ چوڭ مەجلىس زالى ئاختۇرۇشقا كىرىشتىم. ئاخىرىدا شەھەرنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى داچاۋ كوچىسىدا “رېيچ ئاللېماند” دىن بىر زال تېپىلدى. بۇ يېڭى زالدىكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئادەم سانى ئالدىنقى يىغىلىشقا قاتناشقان ئادەم سانىغا يەتمەي قالدى. يەنى زالدا 140 نەپەردەك ئادەم يىغىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كومىتىتتىكىلەر قايتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلايدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەن سەبداشلىرىم يىغىن قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىش سەۋەبىنى يىغىلىشلىرىمىزنىڭ بەكلا كۆپ تەكرارلانغانلىقىدىن بولدى دەپ قاراشماقتا ئىدى. بۇ ھەقتە خېلى قاتتىق مۇنازىرە قىلىشتۇق. مەن 700 مىڭ نوپوسلۇق بىر شەھەردە 15 كۈندە بىر يىغىلىش قىلىش ئەمەس ھەتتا ھەپتىدە 10 قېتىم يىغىلىش قىلىشنىڭمۇ ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدىم. ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەبىدىن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلماسلىقىمىز لازىملىقىنى تەكىتلىدىم. چۇنكى بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز توغرا ئىدى. بۇ يولدا مېڭىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولساق چوقۇم غالىبىيەت بىزنىڭ بولىشى مۇمكىن ئىدى. 1919~1920-يىلىنىڭ قىش ئايلىرى ئاساسەن يېڭى ھەرىكىتىمىز بىرلا قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، قالغانلىرىدا زورلۇق كۈچىدىن پايدىلىنىشنىڭ غالىبىيەتكە يىتەكلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئۆستەردى. بۇ تۈر زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىمىزنى قوغدىيالايدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىز نەتىجىسىدە، ھەرىكىتىمىز چوقۇم تەۋرەنمەس ئېتىقاتقا ئوخشاش تاغنى تالقان قىلالايدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىشى، بىر ئېتىقات ھالىنى شەكىللەندۈرۈشى، مايسىدەك ھەممە يەرنى قاپلىغان بولىشى كېرەكلىكىگە بولغان ئىشەنچىمىز ئارتتى. يەنە شۇ زالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق يىغىلىشىمىزدا مېنىڭ بۇ ئىشەنچىمنى ئىسپاتلىدى. بۇ قېتىم يىغىن قاتناشقۇچىلار سانى 200 دىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭدەك يەنە بۇ يىغىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي نەتىجىمىزمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە زور بولدى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال يەنە بىر قېتىملىق يىغىلىش ئۈچۈن تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتىم. ئارىدىن 15 كۈن ئۆتكەندە ئاچقان يىغىنىمىزغا 270 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئىدى. يەنە ئون بەش كۈن ۋاقىت ئۆتكەندە ھىمايىچىلىرىمىزنى، يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ دوستلىرىنى يەتتىنچى قېتىملىق يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىۋىدۇق، يەنە شۇ بىنادا 400 دىن ئارتۇق كىشى زالغا پېتىشماي قىسىلىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەنە شۇ پەيتلەردە تەشكىلاتىمىزنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ جەھەتتە يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئىدىيىۋى مەسىلىلەردە قاتتىق مۇنازىرىلەر يۈز بەردى. ئۇ كۈنلەردە باشلىنىپ كېيىنمۇ داۋام قىلغان بۇ ھەرىكىتىمىزنى “پارتىيە ھەرىكىتى” دەپ ئاتاش تەنقىت قىلىنماقتا ئىدى. مەن بۇنداق تەنقىتلەرنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنى قابىلىيەتسىز، تار پىكىرلىك كىشىلەر دەپ قارىغان ئىدىم. بۇنداق ئويلايدىغانلار ئاساس بىلەن كۆرۈنۈشنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلەلمەيتتى. ئۇلار بىر ھەرىكەتكە داغ-دۇغىلىق بىر نام بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدىغان كىشىلەر ئىدى. ئەپسۇسكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان تىل غەزىنىلىرىمىزمۇ بۇ تۈردىكى ھەشەمەتلىككە قىزىقىشلار ئۈچۈن ئالاھىدە ياردەمچىلىك رولىنىمۇ ئويناپ بەرمەكتە ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا كۆزقاراشلىرىنى تېخى قوبۇل قىلدۇرالماي يۈرگەن ھەر بىر ھەرىكەت ھەر قانچە ئىسم ئۆزگەرتسىمۇ، ئۆزىنى پارتىيە ھەرىكىتى دەپ چۈشەندۈرەلىشى بەكلا قىيىن ئىش ئىدى.
ھەر قانداق بىرسى، ئەگەر زامانداشلىرىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايدىغان جاسارەتلىك بىر چۈشەنچىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغىنىدا، ئۇ كىشى ئالدى بىلەن ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ ئۆز كۆزقارىشىنى ھىمايە قىلىدىغان ياردەمچى كۈچلەرنى تېپىشقا مەجبۇر. ئەگەر غايىمىز ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، كۈچلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى توساشنىلا مەقسەت قىلغان بولسا ئىدى، بۇنداق كۆزقاراشقا قوشۇلىدىغان، ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك مەقسەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، بۇ غايىسىگە يەتمىگىچە بىرلا پارتىيە تەركىۋىدە چىڭ تۇرىشى كېرەك ئىدى. ھەر قانداق يېڭى بىر ھەرىكەت باشلىماقچى بولغان پارتىيە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى خۇددى ئىسىم ئۆزگەرتكەندەك ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ دەپ ئويلايدىغانلار بەزى ئاتالغۇلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرىدىغان كەيمە چاچ كېيىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئىشنى قوچۇپ يۈرگىنىگە ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا قولغا كەلتۈرىلىدىغان نەتىجىلەر ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە يول تۇتۇش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ. قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ دەل ئەكسىدۇر. ھالبۇكى، خەلققە زىيان سالىدىغان بىرەر ئىش بار دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ ئىش ھازىرقى زامان بىلەن چەكلەنمەيدىغان، ئېنىق بىرەر مەنا بىلدۈرمەيدىغان، ئەمما ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم بىلەن ئەھمىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان نەرسىنى كونا نېمىس تەمسىللىرىگە تايىنىپلا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ دەيدىغان قاراشلارنىلا دېيىش كېرەك. چۇنكى، ئۇلار يېڭى زامانغا بوي سۇنمايدۇ، بىرەر نەرسىگە ئېنىق ۋەكىللىكمۇ قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئادەمنى ئىسمىگە قاراپلا ھۆكۈم چىقىرىشقا باشلاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئىشلارنى ئېغىر رەزىللىك دېيىشكىلا بولىدۇ. ئەمما بۇ كۈنلەردە بۇنداق رەزىللىكلەر بەكلا كۆپ كۆرۈلمەكتە.
مەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكىدەك شۇ ۋاقىتلاردىمۇ پايدىلىق ئەسەرلەرنى ھەر دائىم قىممىتى يوق “ئەركىن نېمىس خەلقچىل سوتسىيالىستلار” دىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان ئىدىم. بىزنىڭ بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىز ھەر قاچانقىدەك بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش بىر كۆزقاراش ئۈچۈن  30~40 يىل كۈرەش قىلىپ كەلدۇق دەيدىغان كىشىلەرگە ھەرگىز يېقىن يولىماسلىقى كېرەك.
ئەگەر ھەر قانداق بىرسى، ئىدىيە دەپ قارىغان نەرسە ئۈچۈن ئۆزىنى 30~40 يىل بېغىشلىغان تۇرۇغلۇق ھېچقانداق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسا، شۇنىڭدەك يەنە دۈشمىنىنىڭ غالىپ كېلىشىگىمۇ توسالغۇلۇق قىلالمىغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ 30~40 يىللىق نەتىجىسىز ئۇرۇنۇشىنى قابىلىيەتسىز ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئىسپاتى دەپ قاراش كېرەك. ئىشنىڭ ئەڭ خەۋىپلىك تەرىپى شۇكى، بۇ تۈردىكى كىشىلەر پارتىيىمىزگە ئادەتتىكى بىر ئەزا سۈپىتىدىلا قاتنىشىش ئارزۇسىدا بولماي، بەلكى يىتەكچىلەر ئارىسىدا ئورۇن ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىشىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە، بۇ ئورۇن، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇن ھېساپلىنارمىش. بۇ تۈردىكى مەخلۇقلار بۇ يەردىمۇ ئۆزىلىرىنىڭ بۇرۇن قىلىپ كەلگەن ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خىيال قىلىشىدۇ. يېڭى بىر ھەرىكەت، بۇنداقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا ئاپەتكە ئۆزىنى ئاتقان ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر دۇكان غوجايىنلىرىغىلا ئوخشايدۇ. قىرىق يىل بويىچە بىرەر كارخانىنى ئۇتۇغلۇق بىر نوقتىغا كەلتۈرەلمەي خانىۋەيران قىلىۋەتكەن بىرسى، ھەرگىزمۇ يېڭىدىن بىرەر ئىشقا كىرىشىش لاياقىتىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلۇغ بىر ئىدىيىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىدىيىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىرقچى بىرسىنىڭ ئەھۋالىمۇ خۇددى يوقۇرقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنداق بىرسىدە يېڭى ھەم ياش بىر ھەرىكەتكە يىتەكچىلىك قىلىش سالاھىتى بولمايدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئاساسەن ئالغاندا يېڭى ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمىنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇ ھەرىكەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، يېڭى چۈشەنچىلەرنىڭ پىرىنسىپلىرى ئىچىدە پائالىيەت قىلىشى ئۈچۈن كەلمەيدۇ. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئۆز پىكىرلىرىنى يېڭى ھەرىكەت تەمىنلىگەن ئىمكانىيەتلەر سايىسىدە ئىجرا قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم بالا بولۇپ بېرىش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. بۇ تۈردىكىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ مەخلۇقلارنىڭ كۆزگە چېلىققان تەرەپلىرى كونا گېرمان قەھرىمانلىرىنىڭ، تارىختىن بۇرۇنقى دەۋردىكى قاراڭغۇلۇقلىرىنى، گېرلارنىڭ تاش قۇراللىرىنى، قالقانلىرىنى خىيال قىلىشلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر. ھالبۇكى، بۇ نەرسىلەر ئەسلىدە ئەڭ قورقۇنچاق كىشىلەردۇر. چۇنكى، كونا نېمىس قۇراللىرىغا ئوخشىتىپ ياسىۋالغان ياغاچ قېلىچلارنى تۆت تەرەپكە شىلتىپ يۈرىدىغانلار، قۇرۇق مىڭىلىرىنى بىر پارچە ئېيىق تېرىسىگە ئوراپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇقا مۇڭگۈزلىرىنى قادىۋالغان بۇ تۈردىكى مەخلۇقلار، بۈگۈنكى كۈندە ئېغىزىدىلا شەھەر سورايدىغانلار بولۇپ، كومۇنىستلار تايىقىنىڭ ئۇچىنى كۆرەر-كۆرمەس قويرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىشىدۇ. شۆبھىسىزكى، كىلەچەكتىكى ئەۋلادلار بۇ تۈردىكى مەخلۇقلاردىن ئىلھاملىنىپ قەھرىمانلىق (!) داستانى يېزىپ يۈرمەيدۇ، ئەلىۋەتتە. مەن بۇ تۈردىكى مەخلۇقلارنى يىرگەنگىچە ياخشى تونۇپ يەتكەنلىكىم ئۈچۈن بۇ تۈردىكى پەسكەش ھەزىلچىلەر مېنىڭدە چوڭقۇر نەپرەت قوزغىغان ئىدى. ئۇنداقلار ھەقىقەتەنمۇ خەلققە بەكلا يامان تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. يەھۇدىيلار بۇ تۈردىكى ئىرقچى كومىدىيىچىلارنى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىپ يۈرۈشمەكتە، ھەتتا ئۇنداقلارنى كەلگۈسىدىكى نېمىس دۆلىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرى دەپ تاللىۋېلىشىنى ھەرگىزمۇ خاتالاشقانلىقىدىن بولغان دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر شۇنچە قابىلىيەتسىزلىكلىرىگە قارىماي، ماختانچاقلىق قىلىپ بىز بۇ ئىشلارنى ھەممىدىن بەك بىلىمىز دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشىدۇ. ئاق نىيەتلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان، بۇرۇنقى قەھرىمانلىقلىرىنىلا مەدھىلەشلەر ئۇلارغا پايدا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا غۇرۇرلانغىدەك خاتىرە بولۇپ قالالايدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۈردىكى مەنمەنچىلەر جەمىيەتنىڭ بىر يارىسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ ئاخماقلىقى، قابىلىيەتسىزلىكىنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتتىكى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن توسالغۇ ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بۇنداق مەخلۇقلارنى سادىق كىشىلىرىمىز ئارىسىدا پەرق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس.
مەن شەخسەن كونا نېمىس ئادىتىگە ئاساسەن ئاتالمىش دىنى ئىسلاھاتچىلارنىڭ خەلقىمىزنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرمەكچى بولغان كۈچلەرنى، بۇ كۈچكە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىرەر مەقسەتنى ھېس قىلالمىدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى خەلقىنى يەھۇدىي دۈشمىنىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ياندۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى. ئۇلار خەلقىنى بۇ ئورتاق دۈشمىنىگە قارشى كۈرەشكە يىتەكلەش ئورنىغا بىر قىسىم دىنى ماجىرالار ئىچىگە سۆرەپ كېتىشكەن ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەپتىن ھەرىكىتىمىزنىڭ بويرۇق چۈشۈرىدىغان، يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئورگىنى مۇتلەق ھاكىم ئورنىدا تۇرىدىغان مەركىزى كۈچنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىشى شەرت بولماقتا. پەقەت شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا بۇ تۈتۈردىكى زىيان كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توساش مۇمكىن بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بۇنداق كىشىلەر بىزنىڭ يىتەكچىلىكىمىزدىكى ھەرىكەتنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىىشىپ، ئىنتىزامغا قەتئىي بوي سۇنۇش شەكلىگە بەكلا ئېغىر دۈشمەنلىك قىلىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا ئېنىق بىر پروگراممىغا تايىنىپ “ئىرقچى” دېگەن سۆزدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان بىر ئىش ئەمەس ئىدى. گەرچە، “ئىرقچى” دېگەن بۇ كەلىمە ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمنىڭ مۇجىمەللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئۆزى ئايرىم بىر ھەرىكەت پروگىراممىسىغا ئايلىنالماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق بىر پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىشتىمۇ ئىشەنچىلىك بىر ئۆلچەممۇ بولمىغان بولاتتى. بۇ ئۇقۇمنى ئەمەلىيەتكە تەدبىق قىلىش جەريانىدا ئېنىق بەلگىلەش، ئېنىق ئىزاھلاپ چىقىش بەكلا تەس ئىش. بۇ ئۇقۇمنى ۋەزىيەتكە قاراپ مۇۋاپىق ئىزاھلاشقىلا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇقۇم ھەققىدىكى باھالار قانچىكى كەڭ ۋە قانچىكى پەرقلىق بولۇپ بەرسە، بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قايىل بولۇپ قوشۇلۇش ئىمكانىيىتىنىمۇ شۇنچە ئازايتىۋېتىدۇ. تەرىپ بېرىلىشى شۇنچە تەس بولغان، سىياسىي ساھەلەردە ئۆتىچىلىك تەرەپكە ئۈندەپ تۇرىدىغان بىر ئۇقۇمنى بىزنىڭ پارتىيە پروگراممىمىزغا كىرگۈزگەنلىكىمىز، كۈرەش قىلىشتا زۆرۈر بولغان زىچ ھەمكارلىقنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىش خەۋىپىنى تۇغدۇرىشى مۇمكىن ئىدى. چۇنكى، ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئىشىنىدىغان، قايىل بولىدىغان چۈشەنچىلىرى بويىچە يول تاللاشنى بىلەلمىگىنىدە، ئوتتۇرلۇقتا بىرلىك-ئىتتىپاقلىق دېگەندىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر “ئىرقچى” سۆزىنى يېزىۋالغان شەپكىلەرنى كىيىپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن، بەكلا كۆپ كىشى بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ ياكى خاتا چۈشىنىۋالغان. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلىنارلىق بىر ئەھۋال. باۋارىيىدىكى داڭلىق بىر پروفىسسور، ، كۆزقاراشلىرى كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر سىياسەتچى، بېرلىنغا قارشى ئىدىيىۋىي كۈرەشكە ئاتلانغان، ئىرقچىلىق ئۇقۇمىنى مۇنارخىيە ئۇقۇمى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىۋالغان. دېمەك بۇ يەردە بۇ بىلەرمەنلەرنىڭ ئەقلى مۇنداق بىر نەرسىگە ئەقىل يەتكۈزەلمىگەن: بۇرۇنقى نېمىس مۇنارخيىلىرىنىڭ يېڭىچە ئىرقچى چۈشەنچىلەر بىلەن قايسى جەھەتلەردە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان. بۇ ئەپەندىم بۇنى ئىزاھلاشقا كۈچى يېتىدىغان بىرسى ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. چۇنكى، مۇنارخىيە ئورگانلىرىنىڭ نۇرغۇن قىسمى بەكلا ئاز ئىرقچى كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، مۇنارخىيىلەر ھېچ قاچان يوقالمىغان بولار ئىدى. ياكى بولمىسا مۇنارخىيىلەرنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى ئىرقچىلىق قاراشلىرىنىڭ خاتا قاراش بولىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولار ئىدى.
نېمىشقىدۇ ھەممىلا كىشى ئىرقچىلىق توغرىلىق ئەقلىگە كەلگىنىچە بىر نېمىلەر دەپ بىلجىرلىشىپ يۈرىشىدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر ئىرقچىلىق ئۇقۇمى بۇنچە كۆپ تەرىپكە ئىگە بىر ئۇقۇم بولسا ئىقدى، بۇنداق بىر ئۇقۇمنى جەڭگىۋار سىياسىي ھەرىكەتنىڭ غايىسى قىلىش ھەرگىز مۇمكىن بولمايتتى.
يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ خوشخەۋەرچىلىرىدىن بولغان جېن باپتىسلەرنىڭ بىلىمسىزلىكى ئۈستىدە باھالاپ ئاۋارە بولمايمەن. بۇنداق كىشىلەر ئىرىقچىلىق ياكى خەلقىمىزنىڭ ھېسسىياتلىرىدىنمۇ خەۋىرى بولمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكى شۇنىڭدىنمۇ مەلۇم بولماقتىكى، كومۇنىستلار بۇ تۈر كىشىلەرگە مازاق قىلغان ھالدا زەربە بېرىپ كېلىدۇ. ئۇلارنى گەپكە سېلىپ قويۇشىدۇ، كەينىدىنلار ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى مازاق قىلىپ كۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ دۇنيادا دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆچمەنلىك قىلىشىنى قوزغىيالمايدىغان بىرسىنى دوست بولۇشقا لايىق بىرسى دەپ تونىمايمەن. شۇڭا، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ دوسلۇقىنى قىلچە قىممىتى يوق دەپلا قارىماي، ھەتتا زىيانلىق دەپ قارايمەن. ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە ھەرىكىتى دەپ قارىشىمىزدىكى سەۋەپلەردىن بىرىسىمۇ شۇ ئىدى. ئۇنداق قورقۇنچاق مەخلۇقلار پارتىيە دېگەن سۆزنى ئاڭلىسىلا قورقۇپ بىزگە يېقىن يولاشمايدۇ. بۇنىڭغا تولۇق ئىشىنەتتۇق. يەنە شۇ سەۋەپتىن پارتىيىمىزنىڭ ئىسمىنى مىللىي سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى (مىللەتچى سوتسيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى − ئۇ.ت) دەپ ئاتاشنى تاللىۋالغان ئىدۇق.
پارتىيە ئىسمىدىكى بىرىنچى سۆز ئۆتمۈشتىكى خىيالپەرەسلەرنى، ئىرقچى كۆزقاراشلارنى دەستۈر قىلىۋېلىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرىدىغانلارنى سېپىمىزدىن دەرھال يىراقلاشتۇردى. ئىككىنچى سۆز بولسا، بىزنى غايىۋىي قېلىچلىق كاۋاللىرلار گۇروھىدىن، ئاۋانگارتلىقلىرىنى قېرىپ ھالسىراپ كەتكەن ۋۇجۇدى ئۈچۈن قالقان قىلىۋېلىشقان كىشىلەردىن بىزنى قۇتۇلدۇردى. تەبىئىيكى، بۇ تۈر كىشىلەر بىزگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىشتى. ئەمما بۇ تۈردىكى توخويۈرەكلەرنىڭ ھۇجۇملىرى قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى. ئوچۇق ئېيتقاندا، ئۇلار بىزنىڭ پىرىنسىپلىرىمىزنى خالىمىغان ئىدى. بىزنىڭ تۇتقان پىرىنسىپىمىز، بىزگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلارغا بىزمۇ قاتتىق ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىش ئىدى. ئۇلار بىزنى زوراۋانلىق كۈچىگە چوقۇنىدىغانلار دەپ قارىلاش بىلەنلا قالماي، بىزنى يەنە مەنىۋىي تۇيغۇلىرىدىن مەھرۇم كىشىلەر دەپ ھاقارەت قىلىشاتتى. بىر قېتىملىق ئاممىۋىي يىغىلىشتا مۇشتۇملىرىنى ئىشقا سېلىپ يۈرۈپ نوتۇق سۆزلەشكە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان بۇ ئەللىككە يېقىن جىدەلخورنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ ۋارقىراپ-جارقىرىشىنى جىمىقتۇرۇش ئىشىنى بۇ تۈر ئاخماقلار ئۇخمىغان بولىۋېلىپ، جىدەلخورلارنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمايتتى. تۇغما قورقۇنچاق بۇ تۈر كىشىلەر بۇنداق خەتەرگە قېلىشتىن بەكلا قورقاتتى. چۇنكى، ئۇنداقلار ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىۋاتقان، غەلۋە-جىدەل بولىۋاتقان يەرلەردە پائالىيەت قىلىدىغان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى تىپ-تىنچ پارلامېنت زاللىرىدا ئىشلەشنى خالايدىغان كىشىلەر ئىدى. مەن ئۆزەمنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ياش ھەرىكىتىمىزنى جىمجىتچىلىق ئىچىدە ئىشلەشنى خالايدىغانلار دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ قۇرغان قاپقانلىرىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يىتەرلىك ھەرىكەت قىلالىدىم دەپ ھېس قىلمايمەن. چۇنكى بۇ تۈر مەخلۇقلار يالغۇز قورقۇنچاق، زەئىپ، كارغا كەلمەس نەرسىلەر بولۇش بىلەنلا قالماستىن يەنە بىر جەھەتتە بەكلا نىيىتى يامان كىشىلەردۇر. بىرەر نەرسە بىلىدىغان، ياردەم قىلىش ئىمكانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىدىغان بىرسى بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ھەرگىزمۇ ئۈن-تۈنسىز قالماسلىقى، يامانلىقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاشكارە كۈرەش قىلىشى لازىم. بۇنى قىلالمىسا، ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، بەكلا بوزەك بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بىرسى قورقۇنچاق، ھۇرۇن، ئاجىز بىرسى ئىكەنلىكىگە بويۇن ئەگكەن بىرسى ھېساپلىنىدۇ. “ئۈن-تىۋىشسىز ئىشلەيدىغانلار” نىڭ كۆپ قىسمى بىر نېمە بىلمەيدىغاندەك ئىش قىلىشىدۇ. ئەسلىدىمۇ ئۇنداقلارنىڭ نىمىنى بىلىدىغانلىقىنى تەڭرى ئۆزى بىلىدۇ! ئۇنداقلار بەكلا كۈچسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيانى سۈپۈرگە قورغانلىرىغا تايىنىپ قورقۇتماقچى بولىشىدۇ.
ئۇنداقلار ھۇرۇن كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، جىمجىت پائالىيەت قىلىشلىرى ئارقىلىق جاھاننى تەۋرىتىپ يۈرگەن كىشىلەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىشىدۇ. قىسقىسى، ئۇنداق كىشىلەر ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ۋىجدانى بىلەن پائالىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان ھىلىگەر سىياسىي كاتىۋاشلاردۇر. بۇ تۈردىكى ئاتاقتىكى ئىرقچى بولىۋالغان قان شورىغۇچ تەييارتاپلار ئۈن چىقارماي ئىشلەۋاتقان ئىشچىنى ماختاپ كۆرسەتسە، كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇنداق بىرسى ئىشچىغا ھېچقانداق بىر ئىش قىلىپ بەرگەن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغرىلايدىغان بىرسى ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنداق تەييارتاپلارنىڭ غادىيىۋېلىشىنى، سۈر كۆرسىتىشلىرىنى بىر دېمەڭ. بۇلارغا يەنە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مېنىڭ قىلىۋېلىشى، بىلىملىك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى تەنقىتلەپ يۈرۈشلىرىمۇ قوشۇلۇپ كىشىنىڭ جېنىنى چىقىرىدۇ. بۇ تۈر مەخلۇقلار ھەقىقەتەنمۇ مىللىتىمىزنىڭ جان دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىيلار بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردۇر. بىرەر مەيخانىنىڭ جوزىسىغا چىقىۋېلىپ، ئەتراپىنى دۈشمەن قاپلاپ كەتكەنلىكىگە پىسەنت قىلماي ئۆز پىكىرىنى ئاشكارە ئوتتۇرغا قويالايدىغان بىرسى بۇزغۇنچى، يالغانچى، يالاقچى مەخلۇقلاردىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى. چۇنكى، ئۇنداق قورماس، جەسۇرلۇق بىلەن ئوچۇق گەپ قىلالايدىغان بىرى بىر-ئىككى كىشىنى بولسىمۇ قايىل قىلىپ يېڭى ھەرىكىتىمىز تەرەپكە تارتىپ كېلەلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىشى ياراتقان تۆھپىسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەمما بايىقىدەك ئاخماقلار، قورقاقلار، ئۈن چىقارماي ئىشلىگىنىدىن ماختىنىپ، ئاخىرى نام-نىشانسىز غايىپ بو قالىدۇ. بۇ تۈر مەخلۇقلار مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلچە پايدىسى يوق. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ خەلقىمىز ئىچىگە كىرىۋالغان كۆكۈيۇنلاردۇر.

چوڭ يىغىلىش
1920-يىلىنىڭ كىرىشىدە، تۇنجى قېتىملىق چوڭ مىتىگ ئۇيۇشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدۇم. مېنىڭ بۇ تەكلىۋىم قاتتىق مۇنازىرە قوزغىۋېتىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىر قىسمى بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن تېخى شارائىت پىشىپ يېتىلمىدى دەپ قارىشىپ، بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنمەي تۇرىۋېلىشتى. بۇ ۋاقىتلاردا قىزىللار تەرەپ مەتبۇئاتلىرى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تەنقىتلەش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان ۋاقىتلار ئىدى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىك قىلىشىنى تارمار كەلتۈرەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بەكلا خوشال ئىدۇق. بۇندىن باشقا يىغىلىشلاردىمۇ ئۇلارغا قارشى سەپ تەشكىللىگەنلەر قاتارىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا كىرىشكەن ئىدۇق. تەبىئىكى، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلار بىزنى دەرھال تىنجىتىشاتتى. شۇنىڭغا قارىماستىن بىزنىڭ بۇ قىلغانلىرىمىز يەنىلا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىمىز ھېساپلىناتتى. ئۇلار شۇ ئارقىلىق بىزنى تونىيالىغان، بىزدىن غەزەپلىنىدىغان، بىزگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان بولغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، تەشكىللىمەكچى بولغان تۇنجى قېتىملىق چوڭ مىتىنگىمىزگە قىزىللار نىڭمۇ قاتنىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق.
مەنمۇ بۇ يىغىلىشتا زەربە يەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتىم. ئەمما بۇنداق بىر ئىش بۈگۈن بولمىسا بىر قانچە ئايدىن كېيىن چوقۇم يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى. ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىزچىللىقىنى دەسلەپكى كۈنىدىن تارتىپلا كاپالەتكە ئىگە قىلىش، بۇنداق بىر يىغىلىش يېرىنى تەۋەككۈل قىلىپ بولسىمۇ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالىشىمىزغا باغلىق بىر ئىش ئىدى. مەن قىزىللار پارتىيىسىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بەكلا ياخشى بىلگىنىم ئۈچۈن، بۇنداق بىر مەيدان قاتتىق تۇتۇشۇشنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلالايدىغان رولى بولۇش بىلەنلا قالماي، ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ھىمايىچىلارنى جەلىپ قىلىشقا پايدىلىق بولىشىغىمۇ تولۇق ئىشىنەتتىم. مېنىڭ ئەسلى مەقسىدىممۇ شۇ ئىدى. شۇڭا، بىزگە قارشى تۇرىدىغانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشىغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىشقا توغرا كەلگەن ئىدى.
شۇ كۈنلەردە پارتىيىمىزنىڭ باش سېكىرتارى بولغان ماررېر ئەپەندى، بۇ چوڭ يىغىلىش كۈنىنى بەلگىلەش جەھەتتە پىكىرىمنى قوبۇل قىلماي تۇرىۋالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ مەرت ۋە ئاق نىيەتلىك خاراكتىرلىق ئىنسان بۇ ئىشقا يول قويالمايمەن دەيدىغان پىكىرىدە چىڭ تۇردى. كۆپچىلىك مېنىڭ تەكلىۋىمنى قوللاپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن مەرتلىك بىلەن ئىستىپا بەردى. م. مارېرنىڭ ئورنىغا ئانتويىن درېكسلېر تەيىنلەندى. مەن تەشۋىقات باشقارما مەسئوللىقى ۋەزىپىسىدە تۇرىۋەردىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ چوڭ يىغىلىش ئىشى بىلەن مەخسۇس شوغۇللىنىشقا كىرىشىپ كەتكەنىدىم.
جامائەتچىلىك تەرىپىدىن تېخىچە تونۇلمىغان ھەرىكىتىمىزنىڭ خەلققە ئوچۇق تۇنجى چوڭ يىغىلىش كۈنى ئۈچۈن 1920-يىلىنىڭ 24-غېنىۋار كۈنىنى بېكىتتۇق.
بۇ ئىشنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا مەن ئۆزەم مەسئۇل بولغان ئىدىم. تەييارلىق ئىشلىرىمىز ئۇزۇنغا قالماي تاماملاندى. بارلىق ئىشلار چاخماق تېزلىكىدە قوبۇل قىلىنغان قارارلار بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە شۇ ھامات ئىجرا قىلىنىپ تۇرغان ئىدى. تالاش-تارتىشلار بىلەن مىڭ تەستە قارار قىلىنغان بۇ كاتتا يىغىلىش كۈنىنىڭ ئورنىنى 24 سائەت ئىچىدە بېكىتىشىمىز كېرەك ئىدى. يىغىلىش ئېلانىنى تام ئېلانلىرى بىلەن، يوقۇرىدا تەشۋىقات ھەققىدە توختالغىنىمدا كەڭ دائىرىلىك بايان قىلىنغىنىدەك تەييارلانغان كىتاپچىلار بىلەن تارقىتىش كېرەك ئىدى. بۇ تەشۋىقات شەكلىنىڭ ئەڭ مۇھىم نوقتىلىرى، كەڭ ئاممىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەشۋىقاتنى بەلگىلىك بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاپ، بۇ نوقتىلارنى قايتا-قايتا تەكرارلاش، چۈشىنەرلىك بىر مەزمۇن تەييارلاپ چىقىش، كۆزقاراشلىرىمىزنى تارقىتىش ئۈچۈن زور غەيرەت كۆرسەتىپ، نەتىجىسىنى كۈتۈشتە سەبىرچانلىق كۆرسىتىش ئىدى.
رەڭ تاللاش مەسىلىسىدە قىزىل رەڭنى تاللىۋالدۇق. بۇ رەڭ، رەقىپلىرىمىزنى كۈشكۈرتۈپ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ چىدىيالماس ھالغا كەلتۈرىۋەتكىلى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتقىلى بولىدىغان بىر رەڭ ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇلار بىزنى ھەرگىز  ئېسىدىن چىقىرالمايدىغان قىلىۋېتىشكە بولاتتى. باۋارىيىدىمۇ ماركسىزمچىلار بىلەن ئاساسلىق پارتىيىلەر ئىتتىپاق تۈزۈشكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. چۇنكى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرىۋاتقان بۇ پارتىيە، يەنى باۋارىيە خەلق پارتىيىسى تام ئېلانلىرىمىزنىڭ قىزىللارغا مايىل ئىشچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش، ئاخىرى پۈتۈنلەي تەسىر قىلالمايدىغان پالەچ ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى. ساقچىلار بىزنىڭ تەشۋىقاتلىرىمىزغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرەر باھانە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن تام گېزىت ئېلانلىرىمىزنى سۆكۈشكە، يىرتىپ تاشلاشقا كىرىشتى. ئۇلار بىر چەتتە قارىشىپ تۇرغان قىزىل دوستلىرىنىڭ كۆڭلىگە يېقىش، ئاتاقتا نېمىس خەلقىنىڭ پارتىيىسى ھېساپلىنىدىغان خەلق پارتىيىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا تايىنىپ ئېلان چاپلىشىمىزنى چەكلىدى. ھالبۇكى، بۇ ئېلانلار ئىنتېرناتسيونالىزم يولىدا يولدىن ئېزىپ كەتكەن يۈز مىڭلىغان ئىشچىلارنى قايتىدىن نېمىس مىللىتىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيتتى. بۇ كىتاۋىمنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرىگە قوشۇمچە قىلىنغان بۇ ئېلانلار يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ شۇ كۈنلەردە قىلغان قاتتىق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ئوچۇق پاكىتلىرى ھېساپلىناتتى. بۇ شۇئارلىرىمىز ئىرادىمىزنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى، غايىمىزنىڭ ھەققانى ئىكەنلىكىنى، نىيىتىمىزنىڭ ساپلىقىنى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا كۆرسىتەلەيتتى. ئۆزىنى مىللەتچى دەۋالغان بولسىمۇ ئۇنداقلارنى ئەنسىرىتىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكىتىمىزنى بۇغۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان، نەتىجىدە مىللىتىمىزنىڭ كەڭ ئاممىسىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش تەشەببۇسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ ئەسلىدە قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەتتى.
بۇ ئېلانلىرىمىز يەنە باۋارىيىدە مىللەتچى بىر ھۆكۈمەت بار دەيدىغان قاراشلار بىلەن ئېتىقاتلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقىمۇ ياردەمچى بولالايتتى. شۇنداق قىلىپ، 1919~1923-يىللىرىدىكى مىللەتچى باۋارىيىنىڭ ھېچ قاچان مىللەتچى ھۆكۈمەتى بولۇپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە خەلقىمىز كۈنسايىن مىللەتچىلىش يولىغا قايتۇرۇلۇشىنى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ ھەرىكەتكە ئەگىشىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنداق بىر ھەرىكەتكە توسالغۇلۇق قىلىش، ئۇنى قولىدىن ئىش كەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئورنىدىكىلەر قولىدىن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنى قىلىپ باقتى.
بۇنداق پەسكەشلەرچە ھەرىكىتىگە پەقەت ئىككىلا كىشى قاتناشمىدى − شۇ ۋاقىتلاردا ساقچى باشلىقى بولغان ئېرنست پوكنېر بىلەن ئۇنىڭ سادىق ئورۇنباسارى ئوبېرامتمان فرىك ئىككىسى قاتناشمىدى. بۇ ئىككى دۆلەت كادىرى ئۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت كادىرى بولۇشتىن ئاۋال بىر نېمىس بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشكە جاسارەت قىلالىغان كىشىلەر ھېساپلىناتتى. ئېرنست پوكنېر، شەھرەتخۇمار ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۆز مىللىتىگە بولغان مەسئولىيەتچانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلىدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللتىنىڭ قايتىدىن كۈچلىنىشى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ھەر دائىم تەييار بىرسى ئىدى. ئېرنست پوكنېر، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان دۆلەت مۈلكىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان، مىللىي مەنپەئەتلەرنى ئويلىمايدىغان، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدىغان، ئۇلارنى بېقىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە بوي سۇنۇش ئارقىلىق مائاش ئېلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت مەمورى كادىرلىرى كۆزىدە دۈشمەن بىرسى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىرسى ھېساپلىناتتى. ئۇ، ھەممىدىن ئاۋال دۆلەت ئورگىنى دەپ ئاتالغان ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىدىغان دۈشمەنلىكلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن قورقمايتتى. يەھۇدىيلارنىڭ، ماركسىزمچىلارنىڭ ئۆچمەنلىك قىلىشى، تۆھمەت قىلىشى ۋە ئۇيدۇرۇلغان تۆھمەتلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشلىرىدىن قەتئى ئەنسىرىمەيتتى، مىللىتىمىزنى نامراتلىق ئىچىدە قالدۇرغان ئۇنداق دۈشمەنلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچراشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ قاتتىق سادىق، كونا نېمىس ساداقەت ئۇقۇمىنى ئۆزلەشتۈرگەن ساپ نېمىس ھېساپلىناتتى. “قۇل بولغاندىن ئۆلگەن ياخشى” دېگەن سۆزنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغان ئىدى. بۇ سۆز، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قۇرۇق گەپ بولماستىن، بۇ پىرىنسىپقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئۇ كۈنلەردە بۇنداق روھ، كۆپ سانلىق نېمىس كادىرلىرىدا يوق ئىدى.
ئېرنست پوكنېر بىلەن ئۇنىڭ ئورۇنباسارى دوكتور فرىك، مېنىڭ نەزىرىمدە دۆلەت كادىرى سۈپىتىدە باۋارىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بارماق بىلەن سانىۋالغىدەك ئاز ئۇچرايدىغان كىشىلەردىن ئىدى.
تۇنجى قېتىملىق چوڭ مىتىنگىمىزنى ئېچىشتىن بۇرۇن يالغۇز تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىلا تەييارلاش لازىم بولۇپلا قالماستىن، ھەرىكىتىمىزنىڭ پروگراممىسىنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ كىتاۋىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا پروگىراممىنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆزدىن كەچۈرگەن ھۈججەتلەرنى تېخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەن بۇ يەردە، پەقەت پروگراممىمىزنىڭ بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ دائىرىسىنى، مېغىزىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەنلا قالماي، ئۆز ۋاقتىدا يەنە جامائەتچىلىككە، غايىمىزنىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالماقچىمەن.
ئۆزلىرىنى بىلىملىك دەپ ئاتىۋېلىشقان تەبىقىدىكىلەر دەسلىۋىدە چاخچاق قىلىپ بىزنى مەسخىرە قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى تەنقىت قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ تۈردىكى مۇئامىلىلىرىدىن ھەرىكىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ توغرا يولدا كېتىۋاتقان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالىغان ئىدۇق.
بىر قانچە يىل مابەينىدە، بىر مۇنچە يېڭى ئىدىيە ھەرىكەتلىرىنى كۆردۈم. بۇ تۈر ئىدىيىۋىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى مامكاپتەك شامالدا توزۇپ ئىزىمۇ قالماي يوقالدى. ئەمما بۇ ھەرىكەتلەر ئارىسىدا پەقەت بىرسىلا ساقلىنىپ قالدى − مىللىي سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسىلا بۇ بوراندىن ساق چىقالىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنىڭغا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكىرەك ئىشەندىمكى، بۇ پارتىيىگە قارشى ھەرىكەت قىلىنىشى مۇمكىن؛ پارتىيىمىز پالەچ ھالغا كەلتۈرۋىتەلىشىمۇ مۇمكىن؛ ھەتتا پارتىيىلەرنىڭ ئۇششاق-چۈششەك مىنىستىرلىرى بىزنى ئېغىز ئىچىشىمىزدىن چەكلىيەلىشى مۇمكىن. ئەمما ئىدىيىمىزنىڭ غالىپ كېلىشىگە ھېچ قاچان توسالغۇ بولالمىدى ۋە مەڭگۈ توسالغۇ بولالمايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرىۋاتقان پارتىيىلەرنىڭ، ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلارنىڭ نامىنىمۇ ھېچ كىم ئەسكە ئالماس بولغىنىدىمۇ، ئەنە شۇنداق ۋاقىتتىمۇ ناتسيونال سوتسيالىست پروگراممىسىنىڭ ئاساسلىرى، يېڭىدىن تۇغۇلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئۇلىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساس بولۇپ مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ!
1920-يىلىنىڭ يانۋارغىچە (ئوچاققىچە) بولغان تۆت ئاي ئىچىدە پارتىيىمىز تەشكىللىگەن يىغىلىشلار تۇنجى بروشۇرلىرىمىز، تۇنجى تام گېزىت ئېلانلىرىمىز ۋە پروگراممىلىرىمىزنى بېسىپ چىقىرالىشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق پۇلنى تېپىپ بەرگەن ئىدى.
بۇ كىتاۋىمنىڭ بىرىنچى قىسمىنى تۇنجى قېتىملىق چوڭ مىتىنگىمىزنى بايان قىلىش بىلەن تاماملىشىمنىڭ سەۋەبى، بۇ يىغىلىشىمىزنىڭ، تۇنجى قېتىملىق كاتتا مىتىنگىمىزنىڭ تار دائىرىلىك ھىمايىچىلار سېپىنى بۆسۈپ چىقىپ تېخىمۇ كەڭ ساھەلەرگە كېڭەيگەنلىكىدىن، تۇنجى قېتىم دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەنىۋى كۈچى سۈپىتىدە جامائەتچىلىكىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكىگە سەۋەپ بولغانلىقىدىن بولغان دېيىشىم مۇمكىن. ئۇ كۈنىسى مەن پەقەت بىرلا ئىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدىم: بۇ يىغىن زالىنى تولدۇرالارمىزمۇ؟ ياكى بولمىسا بىزگە قۇرۇق ئورۇندۇقلارغا قاراپ نۇتۇق سۆزلەش قالارمۇ؟ شۇنداقتىمۇ، مەن يەنىلا زالنىڭ لىق توشىدىغانلىقىدىن، زور نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىم كامىل ئىدى. يىغىن باشلىنىش ۋاقتى كەلگىچە مېنىڭ روھىي ھالىتىم ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن تولغان ئىدى.
مىتىنگنى سائەت يەتتە يېرىمدا ئېچىش بەلگىلەنگەن ئىدى. سائەت 7 دىن 15 مىنوت ئۆتۈپ مىيونخېننىڭ پلاتزل يولىدىكى خوفبراۋخاۋۇز پىۋىخانىسىنىڭ توي مۇراسىم سالونىغا قەدەم باسقان ۋاقتىمدا، يۈرىكىم خوشاللىقتىن يېرىلىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ كەتتى. ماڭا شۇنچە چوڭ كۆرۈنگەن بۇ زال ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. زالدا كىشىلەر شۇنچە كۆپ ئىدىكى، مىغىلداپ تۇرغان بۇ ئادەم دېڭىزىدا كىشىلەرنىڭ مۆرىلىرى بىر-بىرسىگە چاپلىشىپ كەتكەن، ھەتتا باشلىرىمۇ بىر-بىرسىگە تەگكىدەك قىسىلىپ ئولتۇرىشاتتى. بۇ زالدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. مېنى تېخىمۇ بەك خوشال قىلغىنى، زال، بىز خىتاپ قىلىشنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر تەرىپىدىن تولدۇرۇلغانلىقى ئىدى.
زالنىڭ يېرىمىدەك قىسمى كومۇنىستلار بىلەن بىتەرەپ كىشىلەر تەرىپىدىن تولدۇرۇلغان ئىدى. بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ مىتىنگىمىز، كومۇنىستلارنىڭ قارىشى بويىچە ئۇلار ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ تېزگىنلىشىدە پۈتۈنلەي ئوڭۇشسىز ئاقىۋەتكە دۇچار بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىشلار تېزلىكتە ئۇلار ئويلىغاندىن باشقا بىر تۈسكە كىرىشكە باشلىدى. تۇنجى ناتىق سۆزىنى تاماملىغىنىدىن كېيىن، سەھنىگە مەن چىقتىم.
مەن سۆزگە كىرىشىپ بىر قانچە مىنوت ئۆتمەيلا زالنىڭ ھەر تەرىپىدىن سۆزۈمنى كېسىدىغان ۋارقىراشلار مۆلدۈردەك يېغىشقا باشلىدى. سالۇن ئىچىدە قاتتىق ئۇرۇش-تالاشلار پارتىلاشقا باشلىدى. ماڭا ئەڭ سادىق، ئەڭ يېقىن ھەربى سەپتىكى سەبداشلىرىم بىلەن ھىمايىچىلىرىمىزدىن تەشكىل تاپقان كىچىك بىر ئەترات زالدا قالايماقانچىلىق تېرىۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ئېتىلدى. شۇنداق قىلىپ، قايتىدىن جىمجىتلىق بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. ئاندىن مەنمۇ نۇتقىمنىڭ قالغان قىسمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كىرىشتىم. يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سالوندىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى،غۇدۇراش ۋە تىل-ھاقارەتلەرنى بېسىپ چۈشۈشكە باشلىدى.
ئەنە شۇ چاغدا، پروگراممىمىزنى ئوقۇشقا كىرىشتىم. پروگراممىمىز تۇنجى قېتىم كەڭ جامائەتچىلىك ئوتتۇرسىدا ئېلان قىلىنماقتا ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سۆزۈمنى كېسىشكە ئۇرۇنغان ۋارقىراپ جارقىراش ئاۋازلىرى پروگراممىمىزنى ئالقىشلاپ ماقۇللاشقان ئاۋازلار ئارىسىدا ئۆچۈپلا قالغان ئىدى. يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئالدىدا يىگىرمە بەش ماددىلىق پروگراممىمىزنى ماددىمۇ-ماددا ئېلان قىلدىم. ئاڭلىغۇچىلاردىن بۇ ماددىلار ھەققىدە ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان ۋاقتىمدا، بارغانسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئالقىش سادالار ئىچىدە بارلىق ماددىلارنى بىردىن-بىردىن بىر ئېغىزدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
ئەڭ ئاخىرقى ماددىمۇ بىر ئېغىزدىن ماقۇللىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا يېڭى بىر ئىدىيە، يېڭى بىر ئىشەنچ، يېڭى بىر ئىرادە بىلەن بىر پۈتۈن ھالغا كەلگەن كىشىلەر بىلەن تولغان بىر سالون كۆرۈنمەكتە ئىدى.
تەخمىنەن تۆت سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن زال ئىچى بوشاشقا باشلىدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى خۇددى سەلدەك ئۆركەشلەپ ئېقىپ، ئاستا-ئاستا ئىشىككە ئېقىن قىلماقتا ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، بىر-بىرسىنى نوقۇشۇپ كۈلۈشكىنىچە ئىشىككە قاراپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا، مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس بىر ئىدىيە ئىشىكتىن چىقىپ كەڭ خەلق ئارىسىغا، يىراقلارغا، تېخىمۇ يىراقلاردىكى نېمىس خەلقىنىڭ ئارىسىغا تارقىلىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بىر مەشئەل لاۋىلداپ يالقۇنجاشقا باشلىغان ئىدى. بۇ مەشئەل ياندۇرۇلغاان ئۇچاقتىكى ئوت يالقۇنىدا نېمىس مىللىتىنىڭ ئەركىنلىك ھاياتىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئىشلىتىلىدىغان قېلىچ سوقۇلاتتى.
مىللىتىمىزنىڭ قايتا جانلىنىش مەنزىرىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، ئاخىرى ئۇ تىنىم تاپماس قىساس ئىلاھىنىڭ 1918-يىلى 9-نويابىر خائىنلىقىغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرغنلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
زال ئاستا-ئاستا بوشىماقتا ۋە يېڭى ھەرىكىتىمىزمۇ نىشانغا قاراپ داغدام قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.

(بىرىنچى قىسىم تۈگىدى)

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-11 11:36:12 | ئايرىم كۆرۈش

ئادولف ھىتلېر

كۈرەش يولۇم
Mein Kampf
ئا. ئابدۇلھەق بوران يىرىك تەرجىمىسى

ئىككىنچى قىسىم

مىللەتچى سوتسىيالىزم ھەرىكىتى

بىرىنچى باب
ئىدىيىۋى ئاساسلار ۋە پارتىيىمىز

يېڭى ھەرىكىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق كاتتا سالون مىتىنگى 1920-يىلىنىڭ 24-غېنىۋار كۈنى ئۆتكىزىلدى. مىيۇنخېندىكى خوفبراخاۋۇس دېگەن پىۋىخانىنىڭ مۇراسىم زالىدا پارتىيىمىزنىڭ يىگىرمە بەش ماددىلىق پروگراممىسى ئىككى مىڭدەك يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالدىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇ پروگراممىمىز يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق جەلىپ قىلغان بولۇپ، ئوقۇلغان ھەر بىر ماددا كۆپچىلىك تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىش-سادالار بىلەن ماقۇللاندى. شۇنداق قىلىپ، بىزنى ئىدىيە چۈپىرەندىلىرىدىن، ئىستىقبالى يوق، ھەتتا ۋاقتى ئۆتكەن زىيانلىق قاراش ۋە مەپكورىلاردىن ساقلايدىغان كۈرەش يولىمىزنىڭ پرىنسىپ، ۋەزىپىلىرى خەلقىمىزگە تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئېلان قىلىندى. گېرمانىيىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئاپەت دېڭىزىغا سۆرەپ كېتىۋاتقان شىددەتلىك بالا-قازا دولقۇنىنى توساش، ماركسىزمچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قورقۇپ پاراكەندە بولۇپ يۈرگەن بۇرژۇئازىيە سىنىپىغا تايىنىشتىن باشقا يېڭىچە بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بەكلا زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدى. بۇ داغدۇغىلىق كۈرەشتە يېڭى ھەرىكىتىمىز لازىملىق كۈچ-قۇدرەتكە، مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن باشتىن تارتىپلا ھىمايىچىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق سىياسى ھاياتقا يېڭىچە بىر سايلام ئۇسۇلىنىلا سۇنۇپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئەڭ مۇھىمى، ئىنتايىن پۇختا ئاساسلارغا تايانغان يەپ-يېڭى بىر ئىدىيىۋى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىش، خەلقنى بۇ يېڭى پىكىرگە ئىشەندۈرۈش زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا ئىدى.
ئادەتتە بىرەر پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىشتا كىشىلەر كېرەكسىز، ۋاقتى ئۆتكەن مەزمۇنلىرىنى پات-پات ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا، يېڭى مەزمۇنلارنىمۇ پات-پات تولۇقلاپ تۇرۇشقا بولىدىغان بىر پروگرامما تۈزىلىشى كېرەك دەپ قارىشى مۇمكىن. ئۇنداق كىشىلەردە مەيلى يېڭى پروگرامما ئىجرا قىلىش ياكى كونا پروگراممىنى ئۆزگەرتىشتە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا سايلام نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشى ھەققىدىكى غەم-ئەندىشە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇنداق پروگراممىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى كۆرسەتكەن باھانىلىرىنىڭ قىممىتىگە توغرا باھا بېرىشىمىز ئۈچۈن بۇرژۇئازىيە پروگرامما تۈزۈش ھەيئەتلىرىنىڭ كۈشكۈرتكۈچى كۈچلىرىنى لوپا ئەينەك بىلەن تەپسىلى كۆزىتىپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى، پارلامېنت سىياسى ئارتىسلىرى خەلق قوزغىلىپ پارتىيىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا ھارۋىلىرىنىڭ شوتىسىغا قېتىلىپ ھارۋا سۆرىمەسلىك ئۈچۈن بۇغا-جاۋەنلىرىنى چۆرۈپ تاشلاش خەۋپىنى ھېس قىلىشى ھامان، پارلامېنتنىڭ بۇ تۈر سىياسى ئارتىسلىرى دەرھال ھارۋىلىرىنىڭ شوتا-چاقلىرىنى قايتىدىن جەلىپ قىلارلىق رەڭلەردە بوياپ پەردازلاپ كۆرسىتىشكە، يەنى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق پەيتلەردە پارلامېنت ئىچىدىن خەلقنىڭ سەبىر-تاقىتى قالمىغانلىقىغا دائىر بۇرۇنقى ۋەقەلەرنى ئەسلىيەلىگىدەك قابىلىيەتكە ئىگە تەجرىبىلىك، پېشقەدەم سىياسىيونلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. بۇنداق سىياسىيونلار ھەقىقەتەنمۇ “تەجرىبىلىك”، “مۇتەخەسسىسلەشكەن” كىشىلەردۇر. بۇ تۈردىكى مۇنەججىملەر كۆپۈنچە ھاللاردا بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەر خەۋپنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنى خەلق ئاممىسىنىڭ سەۋرى تۈگەپ يولدىن چىقىشقا باشلايدىغان بۇرۇنقى ۋەقەلەرنى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېلىنغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تېخى ئۇنتۇمىغان پېشقەدەم پارلامېنت ۋەكىللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا بۇ تۈر پېشقەدەملەرنىڭ قىلىدىغىنى، خۇددى بۇرۇن قىلغانلىرىدەك، خەلق ئاممىسىنىڭ ھارىۋىغا قېتىلىشتىن قېچىپ بويۇنتۇرۇقلىرىنى چۆرۈپ تاشلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر توسالغۇ، يېڭىچە بىرەر تەھدىت پەيدا قىلىشنىڭ زۆرۈر ھالغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. يەنى ئۇلار دەرھال بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ چىقىشىدۇ؛ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نېمىلەردىن رازى بولۇپ، يەنە نېمىلەرگە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشىدىغان بۇ ئۆمەك ھەيئەتلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ نېمە تەلەپلەردە بولۇۋاتقانلىقىغا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن دوقمۇش-دوقمۇش يورغىلاپ يۈرۈشىدۇ؛، گېزىت بەتلىرىدىن خەلق رايىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نېمە سىزىش ئۈچۈن ئالا قويماي ئوقۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار بۇ جەرياندا بارلىق كەسىپى تەشكىلاتلارنى، ئىشچىلار تەبىقىلىرىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى تەلەپلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئىشلاردا ئېنىق تەتقىق قىلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن خەتەرلىك ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەييارلاشقان ھەل قىلىش چارىلىرىدىنمۇ تۇمار قاتارىدا پايدىلىنىدۇ. بۇنداق كونا پارتىيىلەرنىڭ بىلىم غەزىنىلىرىدىكى بۇ تۈر تەجرىبە-ساۋاقلار بۇ تەكشۈرۈش ئۈمىكىدىكىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرۇپ تەمتىرىتىۋېتىدۇ.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقنىڭ رايىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى بىر يەرگە كېلىپ، پروگراممىلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان يەرلىرىنى پۇتاپ يونۇپ تۈزىتىشكە، ئۆزگەرتىشكە كىرىشىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر خۇددى ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر ئۇزۇندىن بېرى يۇيۇلماي كىرلىشىپ، تىتىلىپ كەتكەن كۆڭلەكلىرىنى يېڭى كىيىم تارقىتىلىشى ھامان دەرھال چۆرۈپ تاشلىغىنىدەك كۆزقاراشلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، يېڭى قاراشلار بويىچە قايتىدىن بىر پروگرامما تۈزۈشۈپ ھەر قايسى ئۆزىگە مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى ئېلىش تەرىپىدە بولىۋالىدۇ. يەنى دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا، سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىدا، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالغان ماللىرىدا قوغداش ۋەدىلىرىنى تۈزىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلگەن، مەمۇرىي كادىرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولىدۇ. تۇل ۋە يېتىملارغا ئايلىق قۇتقۇزۇش مائاشى بەلگىلىشىدۇ، ئەگەر مائاش بېكىتىلگەن بولسا مائاشىنى يېڭىدىن ئۆستۈرۈپ بېرىشىدۇ. قاتناش قالايمىقانچىلىقى ئوڭشىلىدۇ، مال باھالىرى چۈشۈرۈلىدۇ، باج-سېلىقلار ئازايتىلىدۇ ياكى خېلى كۆپ قىسمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدىمۇ يەنە بىر قىسىم كەسىپى ئورۇنلار ئۇنتۇلۇپ قالغان بولىدۇ ياكى خەلقنىڭ مۇھىم بىرەر تەلىپى تاشلىنىپ قالغان بولىدۇ. بۇنداق ئىشلار ئۈستىدە ئەرز-شىكايەتلەر كېلىشكە باشلىشى ھامان قايتىدىن پاي-پېتەك بولۇپ ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن كىرىشىپ، يېڭى ماددىلار تۈزۈلۈپ قوشۇمچە قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە تەبىقىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى تولۇق رازى قىلىشقانلىقىنى، مۇقىملىق ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىشىپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىشىدۇ. بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرىنى ئىسلاھات قىلىش كۈرىشىنى تەڭرىنىڭ مەرھەمىتى بىلەن سايلامغا قاتنىشىدىغان ئاقماق پۇقرالىرىنىڭ ئۆزگەرمەي كەلگەن دۆتلۈكىگە تاپشۇرۇپ كۈتۈپ ئولتۇرۇشىدۇ.
يېڭىدىن قۇرۇلتايغا سايلانغان بۇ دېپوتاتلار سايلام ۋاقتى تاماملىنىپ، ئاخىرقى دەبدەبىلىك يىغىنلىرىنى ئېچىپ بەش يىلغىچە ئازادە تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشىۋالغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلىشقاندىن كېيىن، خەلقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ مۇھىم ھېسابلاشقان ئۆز غېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشىدۇ. تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش، پروگرامما تۈزۈش ھەيئەتلىرى تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ سايلامدىن بۇرۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىنى قويۇشىدۇ. قىسقىسى، خەلق ۋەكىللىرىگە، مىنىستىرلارغا بېرىلىدىغان پۇللارنىڭ، ئالاھىدە چىقىملارنىڭ قانچىلىك بولۇش مەسىلىسىنى تالاش-تارتىش قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ خەلق ۋەكىللىرى ئۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلتاي بىناسىغا يوقلىمىدىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر باش تىقىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇلار قۇرۇلتاي بىناسىنىڭ ئالدىنقى كۈتىۋېلىش زالىغىچىلا كىرىپ چىقىدىغان بولسىمۇ، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يوقلىما بۆلۈمىدە بىر مەزگىل كىرىلىپ يۈرىۋېلىشىدۇ. بۇ دېپوتاتلار خەلق ئۈچۈن تارتقان بۇ “جاپالىرى” نىڭ ھەققى بولغان پارلامېنت ئەزالىق مائاشىنى ئېلىپ تۇرىشىدۇ.
ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىملىق سايلام يېقىنلاشقىنىدا ياكى ئارىلىقتا سايلام يېڭىلاش ئىشى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىلاھى ئورنىغا خەۋپ كېلىپ تارقىتىلىش ھارپىسىغا يېقىنلاشقانلىرىدا، خۇددى باھار قۇرتلىرى بىر قېتىملىق قۇرتلۇق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يازلىق كېپىنەكلەرگە ئۆزگىرىدىغىنىغا ئوخشاش، بۇ پارلامېنت ھاشارەتلىرىمۇ دەرھال كېپىنەككە ئايلىنىپ بۇ ھەشەمەتلىك پارلامېنت بىناسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ قايتىدىن خەلق ئارىسىدا قانات قېقىپ پەيدا بولىشىدۇ.
بۇ ھاشارەتلەر قايتىدىن پارلامېنتتىكى قۇرتلۇق دەۋرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا دەب-دەبىلىك نۇتۇقلىرىنى باشلىۋېتىشىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا دېپوتاتلىق ۋاقتىدا قىلغان ئىشلىرىنى راسا كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ كېتىدۇ، رېقابەتچىلىرىنىڭ، ئۆكتىچىلىرىنىڭ يامان غەرەزلىرىنى، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان جاھىللىقلىرىنى، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى، چوڭ ئىشلارنىڭ پىلانلىرىغا قىلغان توسالغۇلۇقلىرىنى خەلققە ھاياجان ئىچىدە تونۇتۇشقا كىرىشىدۇ. ئەمما كۆپۈنچە ھاللاردا بۇ سۆزلەرگە نىسبەتەن ئەقلى كام بىچارە پۇخرالارمۇ دېپوتاتلىرىغا رەخمەت ئېيتىش ئورنىغا ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىتىپ تۇرۇپ ۋارقىراپ-جارقىرىشىپ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەشكە باشلايدۇ. ئۇلار خەلقىنىڭ بۇ تۈر ئىنساپسىزلارچە تەنقىدلىرى بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغىنىدا، قولىدىن كېلىدىغان بىردىن-بىر ئامال — يەنە شۇ كونا چارىنى ئىشقا سېلىشقا كىرىشىدۇ: پارلامېنتتىكى سىياسىي سىھرىۋازلار دەرھال پارتىيىلىرىگە قايتىدىن گىرىم قىلىشىپ، پروگراممىلىرىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولىشىدۇ؛ يېڭى پروگرامما تۈزۈش ياكى ئىسلاھى ئۈچۈن خەلقنىڭ رايىنى كۈزىتىش كومىسسىيىلىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ھۈنەرلەرنى قايتىدىن ئىشقا سېلىشقا باشلايدۇ. ئادەملىرىمىزنىڭ قايتا-قايتا ئالدىنىپ تۇرسىمۇ يەنە شۇلارنى قايتا سايلاشلىرىغا قاراپ، خەلقىمىزنىڭ گرانت تاشتەك قېتىپ كەتكەن ئاخماقلىقىغا ھەيران قالماي نېمە چارە؟ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى بولغان بۇرژۇئازىيە بىلەن ئىشچىلار تەبىقىسى ئوقۇغان گېزىتلارنىڭمۇ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە باشقىلاتىن ئۆزلىرىنى ئىشەك باغلىغاندەك باغلايدىغان سايلام ئېغىللىرىغا سولىۋېلىشىپ ئۆزلىرىنى ئالدىغان بۇ كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېپوتاتلىققا سايلىشىدۇ. ئەنە شۇ شەكىلدە خەلقنىڭ ۋە ئەمگەكچى سىنىپلارنىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلانغان بۇ مەخلۇقلار قايتىدىن “پارلامېنت قۇرتلىرى” ھالىغا كېلىشىپ، ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلارنى يېيىشكە، سەمىرىپ ياغلىنىشقا باشلايدۇ. شۇندىن باشلاپ قايتىدىن تۆت يىل ۋاقىت ئۆتكىنىدە قايتىدىن چىرايلىق بىر كېپىنەككە ئايلىنىپ يەنە بىر قېتىم خەلقنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن خەلق ئارىسىغا ئۇچىشىدۇ.
بۇ تۈر تىنماي تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ساختىپەزلىكلەرگە شاھىت بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ھېس قىلىش، بۇنداق ئالدىنىشلارغا بىلىپ تۇرۇپ قايتا-قايتا دۈچ كېلىشتىنمۇ ئارتۇق كىشىنى ئازابلايدىغان، غەزەپلەندۈرىدىغان ئىش دۇنيادا بولمىسا كېرەك؟ بۇنداق چىرىكلەر مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، بىلىملىكلەر چۈپرەندىلىرى بىلەن بۇرژۇئازىيە ئارىسىدا تەشكىللىك ماركسىزم كۈچلىرىگە قارشى تۇرالىغۇدەك بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ھەرگىز ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەسلىدىلا بۇ تۈردىكى ئەپەندىلەر بۇنداق بىر كۈرەشنى چىڭ ئولتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ باققانمۇ ئەمەس. سايلىغۇچىلىرىمىز شۇنداق ئەقىلسىز كىشىلەر ئىكەنكى، بۇ تۈردىكى ئۆز مېلىنى ماختاپ بازارغا سالىدىغان ساختىپەز پارلامېنت مىتىلىرىنىڭ ھەقىقى غەرب دېموكراتىيىسىگە تايىنىپ ماركسىزم نەزەرىيىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن خىيال قىلىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەسلىدىلا پۈتكۈل دېموكراتىك تۈزۈملەر ماركسىزم نەزەرىيىسىنى مەقسىتىگە يەتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ماركسىزمچىلار دۈشمىنىنى پالەچ قىلىۋېتىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە يول ئېچىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت تەييارلاشقىلا ئۇرۇنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ماركسىزمچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلار بىلەن زىچ باغلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ماھارەت كۆرسىتىپ يۈرۈشىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بۇ بەدبەخلەر دۆلەت بوھران ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدىمۇ دېموكراتىيىنىڭ غەرب ئۇسلۇبى كۆپسانلىق پرىنسىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن قىلچىلىكمۇ ئەنسىرەپ قويمايدۇ.
بۇرژۇئازىيە سىنىپىغا تەۋە پارلامېنت ئەزالىرى مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئاخماق كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازىغا تايىنىپ ئىنتايىن مۇكەممەل بىر شەكىلدە ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن كۈنلەردە، ماركسىزمچىلار چەت ئارقا كوچىلاردىن يىغىپ كەلگەن لۈكچەكلەر گۇروھىغا، ئىشسىزلار قوشۇنىغا، پارتىيە ئەسەبىي مۇرىتلىرىغا، خائىنلىق قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەرگە ۋە يەھۇدىي ساختىپەزلىرىگە تايىنىپ بۇ دېموكراتىيىگە كۈچلۈك زەربە بېرىپ ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈش يولىغا كىرگەن ئىدى. بۇ تۈردىكى دۇنياغا ۋابا بولىۋاتقان ماركسىزمنى غەرب دېموكراتىيىسىنىڭ پۈۋلەپ ئاسمانغا ئۇچرۇشىغا تايىنىپ يوقۇتالىشىغا، بۇ پۇرسەتپەرەسلەرنى توسىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن بىزدىكى بۇرژۇئازىيە دېموكراتىيىسىنىڭ ئاقكۆڭۈل دېپوتاتلىرىدىن بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ماركسىزم، ۋاستىلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ ۋەيرانچىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مىللەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزگەنگىچە دېموكراتىيە بىلەن بىرلىكتە يولىنى داۋام قىلدۇرىدۇ. ئەگەر بۈگۈن بىزنىڭ پارلامېنت دېموكراتىيىسى سىھىرۋازلىرىنىڭ داشقاينىقىدا كۆپ سانلىق دېگەنلەرنىمۇ پىشىرىشكە بولىدۇ دېيىشكە بولغىنىدا، بۇنداق پارلامېنت سىھرىۋازلىقلىرىغا ھەرگىز سورۇن قالمىغان بولاتتى. چۈنكى، بۇنداق بىر ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە ئېنتېرناتسيونالچى قىزىللارنىڭ ئاۋانگارتلىرى دېموكراتىك قاراشلارغا خىتاب قىلىش ئورنىغا پرولېتارىيات سىنىپىغا قارىتىپ يالقۇنلۇق چاقىرىقلارنى قىلىشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە قۇرۇلتاي زالىنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسى ئىچىدە روي بېرىدىغان جېدەل-ماجىرالار دەرھال زاۋۇتلارغا، كوچىلارغا كۆچۈرۈلۈپ ئۇرۇش-جېدەللەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، دېموكراتىيىمۇ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. خەلق ۋەكىلى دېيىلگەن بۇ خاۋارىچلارنىڭ قۇرۇلتايلاردا چۈشەنچە سۈپكۆچلىكى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نەرسىسىنى ھەددىدىن تاشقىرى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ ھالىغا كەلتۈرۈلگەن پرولېتارىيات ئاممىسى بازغان ۋە كۇلۇشلار بىلەن چاقماق تېزلىكىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ. خۇددى 1918-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا كۆرۈلگىنىدەك، پرولېتارىيات سىنىپى غەرب دېموكراتىيىسى سۇنغان ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ يەھۇدىيلارنىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقىنى توساش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنىمۇ ئەسەبىي بۇرژۇئازىيە دۇنياسىغا داغ-دۇغىلىق تۈردە كۆرسىتىپ قويالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق بىر ۋەھشى يىرتقۇچ ئالدىدا قۇرۇق تېرە تاراخشىتىشقىلا تايىنىپ ياكى ماركسىزمچىلارغىلا پايدىلىق، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تۈردىكى ئەبلەخلەرگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ئۇسۇللاردىن ئۈمىدلىنىش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بەكلا نادان بىرسى بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدىلا بۇ تۈردىكى ھەيۋە قىلىشلارمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا ئۆزگىرىشى ھامان، ئۇلار پرولېتارىياتنىمۇ بىر چەتكە چۆرىۋېتىشىدۇ.
ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، بارلىق بۇرژۇئازىيە پارتىيىلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ بىردىن بىر غەرىزى پارلامېنتتا بىر قانچە ئورۇنغا ئېرىشىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق جېدەللەردە لازىم بولغىنىدا بارلىق پرىنسىپلار خۇددى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئارتۇق يۈكىنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خۇددى پروگراممىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش ئۇلار ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرىتىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇلاردا ئاممىنى جەلىپ قىلىدىغان، غالىبىيەتكە ئېرىشىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ماگنىتتەك تارتىش كۈچىگە ئىگە ئۇلۇغ ئەقىدە، قەتئىي ئىرادە، قايىل قىلىش كۈچى كام. ئەسلىدە بۇ تۈردىكى ئىدىيىۋى كۈچلەر پرىنسىپلارغا بىر ئېتىقات پەيدا قىلىپ بېرەلەيدۇ، بۇ پرىنسىپلارنى غالىبىيەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن قىزغىن ئىرادە بەخش ئېتەلەيدۇ. ئەگەر پارتىيىلەردىن ھەر قانداق بىرسى ئىدىيىۋى قاراشلارنىڭ بارلىق ئامىللىرى بىلەن قوراللىنىپ ئوتتۇرىغا چىققىنىدا، ئۇ پارتىيە ھەر قانچە ۋەھشى بىر پارتىيە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر ئەنە شۇنداق بىرەر ئىدىيىۋى چۈشەنچە كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈمگە قارشى رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئەگەر قالغان پارتىيىلەر قورقۇنچاقلىق، ئاجىزلىق كۆرسىتىپ مۇداپىئىگە ئۆتىۋالماي كۈچلۈك ئۇرۇش نارىسى تارتىپ يەپ-يېڭى بىر غايە، يېڭىچە سىياسى ئەقىدە بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتمەيدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق پارتىيە بەرىبىر ئاجىز ھالىتىدىن، مۇداپىئىدە تۇرۇش ھالىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ.
ئەگەر بۇرژۇئا يازغۇچىلار ياكى ئاتالمىش ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى ۋەياكى باۋارىيىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بىزنىڭ بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىزنى ئىسيان كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىماقچى بولغىنىدا، بۇنداق بىر تىيىنگە ئەرزىمەس سىياسى قاراشلارغا قارىتا قىسقىلا قىلىپ “راس دەيسىلەر، بىز سىلەرنىڭ رەزىل ئەخمەقلىق قىلىشىڭلار تۈپەيلىدىن قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلەرنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنى تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىماقتىمىز؛ سىلەر پارلامېنت سىھىرگەرلىكىگە تايىنىپ خەلقىمىزنى يار لېۋىگە قىستاش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ كەلدىڭلار، ھەمنەپەس بولدۇڭلار. ئەمما بىز يەپ-يېڭى بىر ئىدىيىۋى ئەقىدە بىلەن، تەۋرەنمەس، كۈچلۈك قوغدىنىش پرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقىمىزنى باشقىلاتىن ئەركىنلىك چوققىسىغا كۆتۈرىدىغان پەلەمپەيلەرنى قايتىدىن بىنا قىلىمىز“ دەپلا جاۋاب بېرىمىز.
بىز ھەرىكىتىمىزگە ئاساس سېلىش جەريانىدا پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قىلىدىغان تۇنجى ئىشىمىز، پارلامېنت مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر شىركەت ھالىغا ئۆزگىرىپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئېتىقاتلىق ھەربىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئەترەت قۇرۇپ چىقىش بولىشى كېرەك.
بۇ جەرياندا قوغدىنىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان بىرىنچى تەدبىرىمىز بۇنداق بىر ئەترەت ئۈچۈن بىر ھەرىكەت پروگراممىسى تۈزۈپ چىقىش بولىشى كېرەك. بۇنداق بىر پروگرامما بۇ ئەترەتنىڭ ماھىيىتى، بۇ تەشكىلاتنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولىشىنى تەلەپ قىلىش سەۋەبىدىن زۆرۈر بولماقتا. بۇنداق بىر ھەرىكەت پروگراممىسىغا ئىگە ئەترەت پارتىيىمىزنى نازۇك، يۇۋاش-يۇمشاق مىجەزلەرگە يېقىن يولاتمايدىغان بولىدۇ. بۇ يېڭىلىقلار بۈگۈنكى سىياسىي پارتىيىلەردە كۆرۈلۈۋاتقان ئاجىزلىقلارنىڭ، ئۇلاردا كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بىزدە كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ توغرا يول تۇتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇنداق بىر تەشكىلات قۇرۇش گېرمانىيىنى تارمار بولۇشقا يېتەكلەپ كەتكەن يېتەرسىزلىكلەرنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايمىز. بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنى يېڭى بىر دۆلەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلىگەن ئىدى. شۇڭا، بۇنداق بىر دۆلەت قارىشىمىز، بىزنىڭ يېڭىچە دۇنيا قارىشىمىزنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى.

بۇ كىتابىمنىڭ بىرىنچى قىسىمدا “ئىرقچىلىق” دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە توختالغىنىمدا، بۇ ئاتالغۇنىڭ بىر ۋەقەلىك، بىر كۈرەش بىرلىكى تەشكىل قىلىش جەھەتتىن ئالغاندا ئېنىق بىر رولى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بىر-بىرسىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئىرقچىلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاستىغا توپلانماقتا. شۇ سەۋەپتىن نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىست ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋەزىپىلىرى بىلەن غايىسى ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋال ئىرقچىلىق كەلىمىسىنىڭ ئېنىق تەرىپىنى بېرىپ ئۆتۈش، بۇ ئاتالغۇنىڭ ھەرىكىتىمىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئادەتتە ۋولكىش دېگەن بۇ تېرمىنغا، يەنى ئىرقچىلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇغا ئېنىق تەرىپ بېرىلمەي كېلىنمەكتە. شۇ سەۋەپتىن بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل شەكىلدە تەرىپلىنىپ كېلىنمەكتە. ئەمەلىي ئىستېمالدا بۇ ئاتالغۇ “دىن” ئاتالغۇسىغا ئوخشاش كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ ئاتالغۇغا مەيلى نەزەرىيە جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىستىمال مەنىسى جەھەتتە بولسۇن ھەقىقەتەنمۇ ئېنىق بىر تەرىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يوق دېيىشكە بولىدۇ. “دىن” ئاتالغۇسى بولسا، ئېنىق شەكلى، ئۆزىگە خاس ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ساھەسى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەنىسىنى دەرھال كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. ئالايلۇق، مەلۇم بىرسىنى دىندار ئادەم دەپ سۈپەتلەنگىنىدە، بۇ ئادەمنىڭ ئىنتايىن پەزىلەتلىك بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنداق ئومۇملاشقان بىر سۈپەتلىنىش ئورنىغا باشقا تۈرلۈك سۈپەتلىنىشنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىمىز ئېنىق. ھەتتا كۆپۈنچە ھاللاردا بۇنداق باھا، ئۇ كىشىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىك مىجەزىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى بۇنداق باھالاشلاردىن بەكلا خوشال بولۇپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى دىندارلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان. ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسى ھېچقاچان ساپلا پەيلاسوپ ياكى يوقىرى دەرىجىلىك پوپلاردىنلا تەشكىل تاپمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق ئورتاق دىندارلىق بار يەرلەرنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ۋىجدانى ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلىگەن يەرلەر دەپ قاراش مۇمكىن. بۇنداق دىنى قاراشلار مېتافىزىكىلىق سىرلىقلاشتۇرۇلغان بىر دۇنيا تەسۋىرىنى بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۈچلۈك دىنى ھېسسىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرەلىشىگە قارىماي، بىرەر ھەرىكەتكە، بىرەر دولقۇنغا ئايلىنالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنداق بىر ئېتىقادنى ئەمەلىيەتتە بىرەر غايە ئەمەس، بىر ۋاسىتە دېيىشلا مۇمكىن. شۇنىڭغا قارىماي بۇ ۋاسىتە غايىگە يېتىشتە بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭدەك يەنە بۇ يەردىكى غايىنىڭ ئۆزىمۇ خىيالى بولماستىن پۈتۈنلەي ئەمەلىي بىر غايە ھېسابلىنىدۇ. رېئاللىقتا ئەڭ ئۇلۇغ غايىلار تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.
ئىمان، ئادەمنى بىر تەرەپتىن راھەتلىككە ئېرىشتۈرۈپ، ھايۋان سەۋىيىسىدىن ھالقىغان بىر تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياردەمچىلىك رول ئوينىيالىغىنىدەك، ئادەمنى رېئاللىقتىكى مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ئاستىغا ئېلىنىشىغىمۇ ياردەمچى بولالايدۇ. ئەگەر بۈگۈنكى ئىنسانىيەتتىن گۈزەللىك ۋە دىنى ئەخلاق پرىنسىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئىسپاتلانغان دىنى پرىنسىپلار تەربىيىلىرىنى توختىتىۋەتكەندە، شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان باشقا نەرسە قويماي تۇرۇپ دىنى تەربىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەندە، ئىنسانىيەت مەۋجۇدىيىتىنىڭ بەكلا كۆپ ئاساسلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن تەۋرەپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسىگە كېلەلىشىمىز مۇمكىن: ئادەم، ئۇلۇغ غايىلار ئۈچۈنلا ياشايدىغان بولماستىن، بۇ ئۇلۇغ غايىلار يەنە كېلىپ ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ، ئۇنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ بىر شەرتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ چاغدىلا ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ شەرتلىرى تولۇقلانغان بولىدۇ.
“دىندارلىق” كەلىمىسىنىڭ تەرىپى بىر مۇنچە ئورتاق ئۇقۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئالايلۇق، روھنىڭ ئۆلمەسلىكى، مەڭگۈلۈك ھايات، تەڭداشسىز بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ تۈردىكى قاراشلار كىشىلەردىن ھەرقانداق بىر ئېتىقادنى تەلەپ قىلىغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىمان، ھېسسىيات ۋە ئەقىلگە تۇراقلىق بىر قانۇنى كۈچ بولۇپ تەسىر كۆرسەتكىنىگە قەدەر كىشىلەر بۇ ئۇقۇملارنى ھەر ۋاقىت تەنقىدىي بىر شەكىلدە تەتقىق قىلىشىدۇ؛ ئۇلارنى رەت قىلىش ياكى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان باشقا چۈشەنچىلەرنى ئاختۇرۇپ تۇرۇشتىن توختىمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىمان، يەنى ئىشىنىش، ئاساسلىق دىنى ئۇقۇملارنى ئۆگىنىشنىڭ، بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن چۈشىنىشسىزلىكلەرنى تۈگىتىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ رول ئوينايدۇ.
ئىرقچىلىق دېگەن بۇ سۆز ئۈچۈنمۇ يۇقىرىقىدەك مۇھاكىمە يۈرگۈزەلىشىمىز مۇمكىن. ئىرقچىلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇمۇ خۇددى دىندارلىق دېگەن ئاتالغۇغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئاتالغۇغا تەرىپ بەرگەندە بۇ تۈر ئۇقۇملارنىڭ ئەھمىيىتى شۇنچە مۇھىم بولىشىغا قارىماي، بۇ جەھەتتە بەكلا ناچار تەرىپلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شۇنداق بولغاچقا، بۇ قاراش بىر سىياسى پارتىيە تەرىپىدىن ئاساسلىق پرىنسىپلار قاتارىدا قولغا ئېلىنمىغىچە، بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئادەتتىكىچە قاراش دەرىجىسىدىن مۇھىم پرىنسىپ سەۋىيىسىگە يۈكسەلتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق بولىشى، بىرەر نەزەرىيىۋىي غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ مەنتىقىيلىق نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكىچە ھېسسىياتى ياكى ئىچكى ئىستەكلىرىنىڭلا نەتىجىسى ئەمەس. ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشى بۇنىڭغا ئىنتىلىشنىڭ ئورتاق ئىلھامىغىلا تايىنىپ قولغا كەلمەيدۇ. ئەمما مۇستەقىللىق يولىدىكى ئىدىئال تۈرتكىسى بىرەر ئۇرۇش تەشكىلاتى بىلەن بىرەر قۇراللىق كۈچكە ئىگە ھالغا كەلگىنىدىلا، خەلقنىڭ قىزغىن ئارزۇسى پەۋقۇلئاددە رېئاللىققا ئايلىنالىشى مۇمكىن.
بىرەر ئىدىيىۋى قاراش ھەر قانچە توغرا، ئىنسانىيەتكە ھەرقانچە كۆپ ياخشىلىقلارنى ۋەدە قىلغان نەزەرىيە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر بۇ قاراشنىڭ پرىنسىپلىرى بىرەر ھەرىكەت يېتەكچىسى ھالىغا كەلتۈرۈلمىگىنىدە، بۇنداق بىر نەزىرىيىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق بىر ھەرىكەت ئۆز پائالىيىتىنى ئىدىيىسىنىڭ غالىبىيىتى بىلەن نەتىجىلەندۈرەلمىگىنىدە، پارتىيە ئەقىدىلىرى بىرەر مىللەت ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسلىق قانۇنلىرى ھالىغا كەلتۈرۈلمىگىچە، بۇنداق بىر ھەرىكەت، بۇنداق بىر پارتىيە ئادەتتىكى بىر “جەمئىيەت تەشكىلاتى” بولۇشتىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ.
ئادەتتە ئومۇمى خاراكتېردىكى نېگىزلىك بىر نەزەرىيە كەلگۈسىدىكى بىرەر ۋەزىيەت ئۈچۈن ئاساسلىق ۋەزىپە بولۇش رولىنى ئوينايدىغان بولىشىنىڭ بىرىنچى شەرتى، بۇنداق بىر نەزىرىيىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا بۇنداق بىر نەزىرىيىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى ئېچىلغان بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىرەر پارتىيە ئۆزىنىڭ پروگراممىسىنى ئەنە شۇ شەكىلدە تۈپكى نەزىرىيىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساسىدا تەييارلىغان بولىشى لازىم. مەلۇم بىر سىياسى چۈشەنچە، قەتئىي تۈردە بىرەر پەلسەپىلىك سىستېما ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىشى كېرەك. بۇنداق بىر سىياسىي چۈشەنچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىرەر غايىنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىۋالماسلىقى، ئادەتتە كۆزقاراشلارغىلا باغلىنىپ قالماسلىقى، بار بولغان كۈرەش قىلىش ۋاستىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى، غالىبىيەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتە پروگرامما تەييارلايدىغان كىشى ئالغا سۈرگەن نەزەرىيىۋى قاراشلىرىغا ئەمەلىي سىياسەتچى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىلىملەرنىمۇ قوشۇپ يېزىش كېرەك.
شۇ ئارقىلىق بىر نەزەرىيە مەڭگۈلۈك بىر غايە، ئىنسانىيەتكە يول كۆرسىتىدىغان بىر قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشاش چاقناپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇنداق نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى، بۇ تۈر ئاجىزلىقلىرى سەۋەبىدىن ھە دېگەندىلا خاتا يولغا كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بۇ تۈردىكى خاتالىشىش ئېھتىماللىقلىرىنىمۇ ھېسابقا ئالغان بولىشى كېرەك. ئىلھام ئىگىسىنىڭ يېنىغا خەلقنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىرسىنى قوشۇپ قويۇش لازىم. قوشۇمچە بولغۇچى كىشى مەڭگۈلۈك ئەمەلىيەت بىلەن غايە ساھەسىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان بىر يولنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.
غايە جەھەتتىن توغرا بولغان بىر پەلسەپىلىك سىستېما، بىر سىياسى ئەقىدىگە باغلىق خەلق ئاممىسى، مۇكەممەل تۈردە تەشكىللەنگەن، بىرلا ئەقىدە، بىرلا كۈچ بىلەن ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەن كۈرەش ئەقىدىسى ھالىغا كەلتۈرۈلۈشى مەسىلىنىڭ تۈپكى ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر چۈشەنچىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولالىشى بۇ مەسىلىنىڭ مۇكەممەل تۈردە ھەل قىلىنىشىغا باغلىق. ئەنە شۇ چاغدىلا بىر قىسم كىشىلەر بۇ ئەقىدىگە چىڭ باغلانغان، يەنە بىر قىسىملار بۇ ئەقىدىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە كېلەلىشى مۇمكىن. مىليونلىغان كىشىلەردىن بارلىققا كەلگەن بىر قوشۇننىڭ ئادەملىرى مەلۇم دەرىجىدە بۇ تۈر ئەمەلىيەتكە ماسلىشىپ كېتەلىشى مۇمكىن. بۇ كىشىلەر ئارىسىدىن بەزىلىرى بۇ قاراشلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلىشى، ئۇلاردىن يەنە بۇ ئەقىدىگە كۈچلۈك باغلانغان سادىق ئادەمدىن بىرەرسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق بىرسى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇجىمەل كۆزقاراشلىرى ئارىسىدىن گرانىتتەك مۇستەھكەم پرىنسىپلارنى تېپىپ چىقىرالايدۇ ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان بىردىن-بىر توغرا ھەرىكىتىگە يېتەكچى بولالايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئەركىن پىكىر دۇنياسىنىڭ دولقۇنلىرىدا بىرلا ئېتىقات، بىرلا ئىرادە بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ ئىتتىپاقلىق مۇستەھكەم بىر شەكىلدە كۈچىيىپ بارغىچە داۋاملىشالايدۇ.
ئورتاق بىر كۆزقاراش ئۈچۈن ئەنە شۇ تۈردە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىمۇ زۆرۈرىيەت ھالىغا ئايلىنالايدۇ ۋە بۇنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىشىنىڭ ھەققىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلگەن بولىدۇ.

خاتا ئەقىدىلەر
ئىرقچىلىق ئاتالغۇسىغا ئەڭ توغرا تەرىپ بەرمەكچى بولغىنىمىزدا، تۈۋەندىكىلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن:
بۈگۈنكى كۈندە ئومۇملاشقان پەلسەپىلىك ئۇقۇملار سىياسى نۇقتىدىن ئالغاندا، يەنى ئادەتتە دۆلەتكە ئوخشاش سىياسىي ئورگانلارغا مەدەنىيەت بەرگۈچى ئىجادىيەت كۈچى بېرىدىغان ئورگان دەپ قارالماقتا. ئەمما بۇ يەردە ئىرق شەرتى ئىناۋەتكە ئېلىنماي كېلىنمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا، دۆلەتنىڭ ئاساسەن ئىقتىسادىي ئېھتىياجلار پائالىيەت سورۇنى بولۇپ ياكى ئەڭ ياخشى دېيىلگەندىمۇ سىياسىي كۈچلەر ئويۇنىنىڭ بىر سەھنىسى بولۇپلا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. دۆلەتنى مەدەنىيەت ياراتقۇچى دەيدىغان بۇنداق قاراش، ئىرققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئاساسلىق كۈچلەرنى تونۇماسلىق، شەخسىنىڭ رولىغا سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق. ئىرقلارنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش قابىلىيەتلىرىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغان بىرسى، شەخسىلەرنىڭ رولى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشلاردىمۇ چوقۇم خاتالىشىدۇ. ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى كۆرەلمەي، ئۇلارنى تەڭ-باراۋەر دەپ قوبۇل قىلىش، مىللەتلەر بىلەن ھەر بىر ئادەم ئوخشاش قابىلىيەتكە ئىگە دەيدىغان قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنتېرناتسىئونالىزمچى ماركسىزممۇ ئەسلىدە بار بولغان ئورتاق پەلسەپىلىك چۈشەنچىلەرنى تېگى يەھۇدىي بولغان كارل ماركس تەرىپىدىن بەلگىلىك بىر سىياسىي نەزەرىيە ھالىغا كەلتۈرۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇنداق بىر زەھەرلەشنى كۆزدە تۇتمىغان بولسا ئىدى، بۇ نەزەرىيە شۇنچە زور سىياسىي ئۇتۇققا ئېرىشەلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كارل ماركس، چىرىگەن بىر دۇنيانىڭ سېسىق پاتقاقلىقىدا پەيغەمبەردەك ئەقلى بىلەن ئەڭ زەھەرلىك ماددىلارنى تونۇپ يېتەلىگەن بىردىن-بىر ئادەم ئىدى. كارل ماركس، بۇ تۈردىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تېپىۋالغان سىھىرۋاز نېگىر مورتىغا ئوخشاش، بۇ دۇنيادىكى ئازات مىللەتلەرنى مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ زەھەردىن كۈچەپ پايدىلىنىدۇ. تەبىئىيكى، ماركس بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرقىنىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا قىلغان ئىدى.
مانا بۇ، بۈگۈنكى كۈندە ماركسىزم دەپ قوبۇل قىلىنغان پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى.
بۇرژۇئازىيە سىنىپى، بۇ تۈردىكى زەھەرلەر بىلەن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ماركسىزم قاراشلىرىدىن خۇسۇسي مۈلۈك ياكى بولمىسا كىشىلىك قاراش جەھەتلەر بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئىدىيىۋى قاراشقا ئىگە ھالەتتە تۇرماقتا. شۇنداق بولغاچقا، بۇرژۇئازىيە دۇنياسى ماركسىزمغا قارشى ھەرگىز ئۇرۇش ئاچالمايدۇ. ھەتتا بۇرژۇئازىيىنىڭ ماركسىزمغا قارشى ھەرىكەت قىلىمەن دېيىشى بەكلا كۈلكىلىك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. مۇنداق ئېيتقاندا، بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىمۇ ئەسلىدە بىر تۈرلۈك ماركسىزمچىلار دەپ قاراش مۇمكىن. ئەمما بۇنى ئۇلاردىن سورىغۇدەك قىلسىڭىز، ئۇلار ئۆزىنى “ماركسىزمدىن تۈپتىن پەرق قىلىمىز، بۇرژۇئازىيە چوقۇم دۇنياغا ھۈكمىران بولالايدۇ” دەپ ئىشىنىدۇ. ئەمما ماركسىزمچىلار بۇ سىنىپنى ئاللىبۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بولغان.
ئىرقچىلىق (بۇ ئاتالغۇ نېمىسچە Volkish شەكلىدە بولۇپ، بەزى تۈركچە تەرجىمانلار تۈركچىگە “ئىرقچى” دەپ تەرجىمە قىلىشنى توغرا تاپقان − ئۇ.ت) بولسا، ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئىرقلىرىغا قاراپ ئايرىم-ئايرىم باھا بېرىدۇ؛ ئىرقچىلىق قارىشى بويىچە ئالغاندا دۆلەتنىڭ پەقەت بىرلا غايىسى بولىدۇ، بۇ غايە −  ئىرقلارنىڭ مەۋجۇدلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىرقچىلىق، مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئەكسىنچە، ئىرقچىلىق، ئىنسانلار بىر-بىرسىدىن پەرقلىق ھەر خىل قابىلىيەتلەرگە ئىگە دەپ تونۇيدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەڭگۈلۈك كۈچكە بوي سۇنغان ھالدا ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ، ئەڭ كۈچلۈك بولغانلارنىڭ غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى، پەس، سۈپەتسىز ئىرقلارنىڭ ئەسلى ھالىتىدە قېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئالى ئىرقلارغا بوي سۇنىدىغان ھالەتتە تۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرمىز. شۇ ئارقىلىق، تەبىئەتنىڭ ئىلمىي پرىنسىپلىرىغا بوي سۇنۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھېسابلىنىمىز. جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق سخىمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا بارغىچە بۇ قانۇنىيەتنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز؛ ئىرقچىلىق، ئىرقلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنىلا تونۇپ قالماستىن، يەنە شەخسىلەرنىڭ قابىلىيەت جەھەتتە پەرقلىق بولىدىغانلىقىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. ئىرقچىلىق، خەلق ئاممىسى ئارىسىدىن شەخسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچى ماركسىزمغا قارشى ئىجابىي، تەرتىپكە سالغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئىرقچىلىق، ئىنسانلىققا غايە بېرىلىشىنىمۇ بىر زۆرۈرىيەت دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئىرقچىلىق قارىشىدا بۇنداق بىر ئېتىقات ئىنسانلىقنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن ئەڭ ئالدىنقى شەرت ھېسابلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىرقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك تېخىمۇ يوقىرى ئەخلاقى قاراش ئالدىدا ھەرقانداق بىر ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ بولىشىغا يول قويالمايدۇ. چۈنكى شالغۇتلىشىش يولى بىلەن، نېگىرلار ئېقىنى سەۋەبى بىلەن ئىنسانىيەت ئىستىلاغا دۈچ كېلىۋاتقان بىر دۇنيادا، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەللىك ۋە پەزىلەتلىرى ھەققىدىكى بارلىق ئېتىقاتلار، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى بارلىق ئۈمىدلەر پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كېتىۋاتماقتا.
بۇ قىتئەدە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك ۋە مەدەنىيىتى، ئالى ئىرقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چەمبەرچەس باغلانغان. بۇنداق بىر ئالى ئىرقنىڭ يوقالغان ياكى ئاجىزلاپ كەتكەن كۈنى، دۇنيا قايتىدىن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىگە پېتىپ قالغان كۈن بولۇپ قالىدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ مەدەنىيەتنى ساقلاپ تۇرىۋاتقانلارنىڭ ئۇلىنى كولاش، ئەڭ ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىنىڭ ئەڭ يوقىرى سىمۋولى بولغان بۇنداق بىر ئۇلۇغ ئەسەرگە ھۇجۇم قىلىشقا جاسارەت قىلىدىغان بىرسى، تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرۈپ جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاشقا ياردەمچىلىك قىلىدىغان بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىرقچى قاراش، ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىنىپ ئايرىپ چىقىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا يول قويغان، ئۇلارنىڭ بۇ تۈر پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە باشلىغان ۋاقتى، تەبىئەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇنداق بىر كۈن كەلگىنىدە، تېخىمۇ ياخشى ئىنسانلىققا دۇنيارىمىزنى ئۇلۇغلاپ سۇنۇپ، بارلىق پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئۇلار ئۈچۈن ئەركىن ئېچىپ بېرىدىغان كۈن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قىسقىسى، بىز شۇنى ھېس قىلماقتىمىزكى: ئۇزاق بىر كەلگۈسىدە بولسىمۇ ئىنسانىيەت شۇنداق قىيىن مەسىلىلەرگە دۈچ كېلىشى مۇمكىنكى، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، دۇنيانىڭ بارلىق ئىمكانلىرىغا، تەبىئىي مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان ئالىي ئىرققا مەنسۈپ بىر مىللەتنىڭلا قولىغا قاراشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئىرقچىلىق ئۇقۇمى
تەبىئىيكى، ئىرقچىلىق ئىدىيىۋى قارىشىنىڭ ئابىستراكىتلاشتۇرۇلغان مەنىسىنى بۇ تۈردە ئومۇمىيلىق ھالىتىدە تەھلىل قىلغاندا بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك تۈمەن تەرىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نورمال ئەھۋال. ئەسلىدە بارلىق يېڭى سىياسىي ئورگانلىرىمىز ھەرخىل شەكىللەر بويىچە ئىرق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە دېيەلىشىمىز مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلار ھەر قايسى ئايرىم-ئايرىم تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىرق مەسىلىسىدىكى قاراشلىرىدىمۇ بەزى پەرقلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقى ئېنىق. مەسىلەن ئالايلى، بىرلا مەركىزى ئورگان تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىنگەن ماركسىزملىق ئىدىيىگە قارشى تۇرۇشتا دۈشمەن تەرەپ ئىزچىل ۋە كۈچلۈك سەپ تارتىپ تۇرىۋاتقان بىر ئەھۋالدا، قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان قاراشلارغا تايىنىپ ئۇلارغا قارشى چىقىش مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق ئاجىز قورالغا تايىنىپ ھەرگىزمۇ دۈشمەن تەرەپنى يېڭىپ چىققىلى بولمايدۇ. سىياسىي جەھەتتىن مۇستەھكەم تەشكىلاتلانغان ماركسىزمچىلار باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىنتېرناتسىئوناللىق ئىدىيىۋى قاراشلارغا قارشى تۇرۇشتا ئىرقچىلىق ئىدىيىۋى قاراشقا ئىگە چۈشەنچىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىغا تايىنىپ سەپ تەشكىل قىلىپ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇلغىنىدىلا ئاندىن غالىبىيەت مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ غالىبىيىتى بىلەن نەتىجىلىنىشى مۇمكىن.
بىرەر ئىدىيىۋى كۆزقاراشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەشكىللەشتە، ئالدى بىلەن بۇ ئىدىيىۋى قاراشلارغا ئېنىق بىر تەبىر بېرىلىشى زۆرۈر. دىنى جەھەتتە مەزھەپلەر ئېتىقات ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش، بىر جەمئىيەتنىڭ پرىنسىپلىرىمۇ قۇرۇلۇۋاتقان بىر سىياسىي پارتىيە ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ماركسىزملىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىنتېرناتسىئونالىزم ئۈچۈن ھەرىكەت مەيدانىنى ئەركىن قويىۋەتكىنىگە ئوخشاش، ئىرقچىلىق قاراشلىرىدىمۇ ئېنىق بىر كۈرەش قىلىش قورالى بولىشى كېرەك. مىللەتچى سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئەنە شۇنداق بىر غايىنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پارتىيىمىز ئۈچۈن ھەرىكەتچان مۇداپىئە قوشۇنى ۋاسىتىسىدە ئىرقچىلىق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىرقچى قاراشلارنىڭ غالىبىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى شەرتى بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭ ئېنىق ئىسپاتىنى، رەقىپ پارتىيىلەر بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇلار، ئىرقچى قاراشلار پەقەت بىرلا كىشى ياكى بىرلا پارتىيىگە مەنسۈپ ئۇقۇم ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇيقا ھالىتىدە ساقلىنىۋاتقان ياكى ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى قىلچە زېرىكمەي سۆزلەپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىز، بىزدىكى بۇ تۈر كونىراپ كەتكەن نەزەرىيىۋى ئاساسى تىكلەنمىگەن، قۇرۇق گەپكە تايىنىپ ھۇجۇم قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ دۈشمەنلىرىمىزگە ھەرگىزمۇ تاقابىل كەلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇل بىلەن بىرەر نەتىجە ئالغىلى بولسا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە نېمىس خەلقى يار لېۋىگە كېلىپ قالمىغان، ئەكسىچە ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولاتتى. ئىنتېرناتسيونالىزىم تەشەببۇسلىرىنىڭ غالىبىيىتىگە كاپالەتلىك قىلغان نەرسە، بۇ تۈر چۈشەنچىدىكىلەرنىڭ زەربە بېرىش ئەترەتلىرى (Sturm-abteilung: S.A.، يەنى ئېس-ئاچىلار) شەكلىدە تەشكىلاتلىرىغا تايىنىپ پارتىيە ھەرىكەتلىرى قوغدىلىپ كېلىنگەنلىكىدىن بولغان. ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغان كۆزقاراشلار مەغلۇپ بولغان بولسا، بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبىنى مەيداندا مۇداپىئەلىنىش سېپىنى قۇرۇپ چىقالمىغانلىقىدىن كۆرۈش كېرەك. ئادەتتىكى بىر تەلىمات نەزەرىيە جەھەتتىكى مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تايىنىپلا كۈچلىنەلمەيدۇ. بۇنىڭ دەل ئەكسىنچە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ تەھدىت قىلىش كۈچىگە ئىگە بولالىشى، بۇ كۈچنى دائىمىي قوشۇن شەكلىدە ساقلاپ تۇتالىشى ئارقىلىقلا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرالىشى، غالىبىيەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.
مەن بۇ جەھەتتە، ئىدىيىۋى قاراشلىرىمىزنى كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئەمما بۇ تەلىماتنىڭ ئابستراكىت جەۋھەرلىرى ئىچىدىن ئاساسلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، بۇ قاراشلارنى ئۆزگەرمەس نەزەرىيە سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇ ئارقىلىق بۇ قاراشلار ئىلغىنىپ ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدا، بۇ قاراشلارنى چۈشىنەلەيدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ، ئۇلارنى بىر نۇقتىدا توپلاش مۇمكىن بولاتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، نېمىس ئىشچىلىرىنىڭ مىللەتچى سوتسىيالىزم پارتىيىسى كائىناتنىڭ ئىرقچىلىق ئۇقۇملىرى ئىچىدىن ئاساسلىق شەكلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دەۋرنىڭ ئەمەلىيىتىنى، لازىملىق ئادەملىرىنى، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۇلارنى سىياسىي تەلىماتنىڭ ئاساسلىق ماددىلىرى قىلىپ بېكىتىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئىشلار ئۆزلۈكىدىنلا يۈرۈشۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى مۇستەھكەم تەشكىلات شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇ ئىدىيىۋى قاراشنى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇل سېلىشقا باشلايدىغان ھالغا كېلەلەيدۇ.

ئىككىنچى باب
ئىرق ۋە دۆلەت
بۈگۈنكى كۈندە ھاكىمىيەتتىن چۈشۈپ كەتكەن بۇرژۇئازىيە ساھەسىدىكىلەر، 1920- ۋە 1921-يىللىرىدىن باشلاپ يېڭى ھەرىكىتىمىزنى دۆلەتنىڭ ھازىرقى شەكلىگە قارشى ھەرىكەت دەپ قاراپ، بىزنى ئىزچىل تۈردە قارىلاپ كەلمەكتە ئىدى. بىر تۈركۈم سىياسى پارتىيە لۈكچەكلىرىمۇ بىزگە چاپلانغان بۇ تۈردىكى بوھتانلارنى باھانە قىلىشىپ، ئۇلارغا ئارام بەرگۈزمەي كېلىۋاتقان “يېڭىچە دۇنيا قاراش” نىڭ ۋەكىللىرى بولغان ياشلىرىمىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن يۈرگۈزمەكچى بولىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدە ھەر قانداق بىر ۋاستىدىن پايدىلىنىشقا ھەقلىقمىز دەيدىغان خۇلاسىگە كېلىشكەن ئىدى. توغرىسى، بۈگۈنكى بۇرژۇئازىيە سىنىپى “دۆلەت” تېرمىنىغا ئېنىق ۋە مۇۋاپىق بىرەر تەرىپ بېرەلىگۈدەك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەس. بۇرژۇئازىيىنىڭ لۇغىتىدە دۆلەت دېگەن بۇ ئاتالغۇغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر سۆز يوق، بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئالايلۇق، ئالىي مەكتەبلىرىمىزدە دوسكىلارنى ئىگىلەپ يۈرگەنلەر بىلەن “جەمئىيەت ھوقۇق پروفېسسورى” سۈپىتى بىلەن لېكسىيە سۆزلەيدىغانلار ئۆزلىرىگە نان بەرگەن، مائاشىنى بېرىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ھەققانى قىلىپ كۆرسىتىدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلەش، بۇنى ماقۇللايدىغان مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر ھالەتتە. بىرەر دۆلەت قانچىكى ئەقىل ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە تەشكىللەنگەن بولىدىكەن، ئۇنداق بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەش، ئۇنى ھەققانى قىلىپ كۆرسىتىشكە بېرىلگەن تەرىپلەرمۇ شۇنچە مۇجمەل، تۇتۇق، سۇنئىي ۋە چۈشىنىكسىز بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلى، ئىمپېرىيىنىڭ، خاندانلىقنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ھەر قانداق بىر پروفېسسور ئاساسىي قانۇنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەنىسىز بىر سەپسەتە ھېسابلىنىۋاتقان، ئىنتايىن غەلىتە، كىشىنى بەكلا بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر سىياسى گەۋدە ئىچىدە، بۇنداق بىر مەملىكەتتە دۆلەت دېگەن بۇ سىياسى ئورگاننىڭ مەنىسى ھەققىدە، ئۇنىڭ غايىسى ھەققىدە نېمە دېيەلىشى مۇمكىن؟ بۇنداق بىر ئورگانغا قايسى تۈردە بىر تەرىپ بېرەلىشى مۇمكىن؟ بۈگۈنكى كۈندە بىر جەمئىيەت قانۇنى بىلىمىنىڭ پروفېسسورى بولغان بىرسى رېئاللىقنى تىلغا ئېلىش ئورنىغا مەلۇم بىر غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بىر مەسىلە. بۇنداق بىر غايە، بۈگۈنكى كۈندە، شۇنچە دەبدەبىلىك ئاجايىپ غەلىتە ئىنسان ماشىنىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەرقانچە بەدەل تۆلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر دۆلەت دەپ ئاتىۋالغان، بۈگۈنمۇ دۆلەت دەپ ئاتاپ كېلىنگەن مەۋجۇتلۇقىنى ھىمايە قىلىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىپە ئۈستىدە تالاش-تارتىش يۈرگۈزۈلگىنىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەقەلەرنى بىر قىسىم “ئەخلاقى”، “مەنىۋى” پرىنسىپلار ئاساسىدا مەسىلىلەر دۆۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش، دۆلەتنىڭ غايىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ دەپلا خىيال قىلىپ كەلگەن بولساق، بۇنىڭغا تۇلا بەك ھەيران بولۇپ كېتىش ھاجەتسىز.
دۆلەت، ئادەتتىكى كۆرۈنىشى بويىچە ئالغاندا، مۇنداق ئۈچ خىل سىستېما شەكلىدە تونۇلماقتا:
ئا) دۆلەتنى بىرەر جامائەتچىلىك بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز رازىلىقى بىلەن بىرەر ھۆكۈمەت تەۋەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆزىنى تاپشۇرغان شەكلى دەپلا قاراش.
دۆلەت ھەققىدە بۇنداق قاراشقا ئىگە كىشىلەر مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلماقتا. بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرى ئالدىدا كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىڭ قىلچە رولى يوق بولۇپ، بۇ تۈر كىشىلەر زامانىمىزدىكى قانۇنى پرىنسىپلارغا بەكلا چوقۇنىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى، ئۇنىڭ دەخلى-تەئەررۇزغا ئۇچرىماسلىقى، چېقىلىشقا بولمايدىغان ئىلاھى كۈچ بولىشىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ھېسابلىنىدىكەن. بۇ نەزەرىيە بويىچە كاللىسى ئېلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنى قالايماقانلاشتۇرىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ دۆلەت سالاھىيىتىگە قۇللۇق كۆرسىتىش مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر پەزىلەت ھېسابلىنىپ، بۇ قاراشنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر بۇنداق بىر ئورگانغا بىر ھېسابتا ئىلاھى كۈچ قاتارىدا چوقۇنىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ۋاسىتە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان نەرسە بىراقلا بىر غايە بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، دۆلەت ئادەمگە خىزمەت قىلىدىغان بىر ئورگان سۈپىتىدە قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بۇنداق بىر تەشكىلات ئىچىدىكى ئىنسانلار، ئۇلار مەيلى يوقىرى دەرىجىلىك دۆلەت كادىرى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ دۆلەتكە چوقۇنۇشقا مەجبۇر ئىكەن. بۇ خىل ئۈن چىقارماي بوي سۇنىدىغان كېسەللىك ھالىتى بىلەن ھاياجانلىق بىلەن چوقۇنۇش ھالىتىدىكى مۇھىتتىن بىرەر قالايمىقانچلىق پەيدا بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئورگىنى مۇقىملىقنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈنلا ئىشقا سېلىنىدىكەن ياكى دۆلەت ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈنلا قۇرۇلىدىكەن. دېمەككى، دۆلەت دېگەن بۇ تەشكىلات يا بىر غايە ياكى بىر ۋاسىتە ھېسابلانمايدىكەن. دۆلەت، ئامانلىق بىلەن تەرتىپ ئىنتىزامنى ساقلاشقا مەجبۇر، مۇقىملىق بىلەن جەمئىيەت تەرتىپى يەنە كېلىپ دۆلەتنى تەقەززار قىلىدىغان سەۋەپ ھېسابلىنىدىكەن. جەمئىيەتتىكى خەلق ئاممىسى ئەنە شۇ ئىككى خىل زىت قۇتۇپ ئارىسىدا چايقىلىپ يۈرمەكتە.
باۋارىيىدە بۇنداق قاراشقا باۋارىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پارتىيىسى بولغان خەلق پارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئارتىسلىرى ۋەكىللىك قىلغان بولسا. ئاۋۇسترىيىدە سېرىق-قىزىل “سەلتەنەتچىلەر” بۇ قاراشقا ۋەكىللىك قىلماقتا ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، گېرمانىيە رېچىدا كونسېرۋاتىپلار دەپ ئاتالغان ئۇنسۇرلار بۇ تۈردىكى دۆلەت قارىشىنى ھىمايە قىلىپ، شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.
ب) سان جەھەتتە يۇقۇرقىلاردىن ئاز بولغان يەنە بىرقىسىم نەزەرىيىچى كىشىلەر بولسا، دۆلەتنىڭ مەۋجۇد بولىشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەرنىڭ بولىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ. بۇ تۈرگە تەۋە كىشىلەر دۆلەت تەۋەسىدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈزىلىشى مەسىلىسىدە “بىرلا باشقۇرۇش ئورگىنى” نىڭلا بولىشىنى تەلەپ قىلىپ قالماي يەنە دۆلەت ئىچىدە “بىرلا خىل تىل ئىشلىتىلىش” نىمۇ شەرت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە دۆلەت سالاھىيىتى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىردىن-بىر ۋە ئاساسلىق شەرتى ھېسابلاشمايتتى. دۆلەت، ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرالىرىنىڭ باياشات ياشىيالىشى ئۈچۈنمۇ تىرىشىشى كېرەك. بۇنداق تەلىمات بويىچە ئالغاندا، “ئەركىنلىك”  قاراشلىرىمۇ لازىم ئىدى. ئەمما “ئەركىنلىك” دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا خاتا چۈشىنىلىپ كېلىنمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ شەكلىمۇ چېقىلىشقا بولمايدىغان ئورۇن دېيىشكە بولماي قالىدۇ. ئۇنىڭ قىلىدىغان ياخشى ئىش دېگەنلىرىنىمۇ ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە. يەنى دۆلەتنىڭ بۇرۇنقى ھۆرمىتى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تەنقىت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولالمايدۇ. قىسقىچە ئېيتقاندا بۇ خىل نەزەرىيە دۆلەت ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شەخسىيلەرگە پايدىلىق شارائىتلارنى تەييارلىيالايدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. دۆلەت ئەمەلىي جەھەتتە ھەمدە سىياسى ئىقتىسادنىڭ ئاساسى قانۇنىيەتلىرىدىكى مەنپەت يەتكۈزۈش ئاساسلىرىغا قاراپ باھالىنىشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق قاراشنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بىزدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاساسلىقى لىبېرال دېموكراتىيە تەۋەسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ.
س) ئۈچىنچى تۈرلۈك قاراشتىكىلەرنىڭ سانى ھەممىدىن ئاز.
بۇ تۈركۈمدىكىلەر دۆلەتنى ئىمپېرىئالىست ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك ۋاستىسى دەپ قارىسىمۇ، بۇنداق قاراشنى ئاساسەن ئالغاندا ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ تۈر كىشىلەر بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك ئومۇمخەلق دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بۇ دۆلەتنى قانۇنلۇق بىرلا خىل تىلغا ئىگە قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ كىمنىڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. دۆلەت ئىچىدە يالغۇز بىرلا تىلدىن پايدىلىنىش تەلىپى دۆلەتنى تاشقى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچىنى ئارتتۇرۇشنىڭ تەۋرەنمەس ئاساسىغا ئىگە قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ قالماي، يەنە تىل ئورتاقلىقى سايىسىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىك بىر نىشانغا قاراپ “مىللىلەشتۈرۈش” نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمما بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي خاتا بىر قاراش ئىدى.
ئاخىرقى ئەسىردە “گېرمانلاشتۇرۇش” دېگەن سۆزگە ئومۇمەن ئالغاندا ئاق نىيەتلىك بىلەن ئىشىنىپ كەلگەن بولساقمۇ، بۇ سۆزنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرمەي، ئۇنىڭدىن ھەرخىل ئىشلاردا پايدىلىنىپ كېتىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال ئىدى. ياش ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئاجايىپ سېھىرلىك ئاتالغۇدىن پايدىلىنىپ ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە غەلىتە خىياللاردا بولۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېسىمدە. ئۇ ۋاقىتلاردا پانگېرمانىزم ساھەلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئاۋسترىيىلىك سلاۋىيانلارنى نېمىسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ دەيدىغان قاراشنى ھىمايە قىلىدىغانلارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. كىشىلەر گېرمانلاشتۇرۇشنى ئادەملەرگە ئەمەس تۇپراققىلا ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى نېمىشقىدۇر پەقەتلا خىيالىغا كەلتۈرۈشمىگەن ئىدى. ئادەتتە نېمىسلاشتۇرۇش سۆزىنى نېمىس تىلىنى مەجبۇرى تۈردە قوبۇل قىلدۇرۇش، نېمىس تىلىنى پۈتۈن خەلق ئىشلىتىدىغان بولۇش دەپلا چۈشىنەتتى. بولمىسا بىرەر نېگىرغا ياكى بىرەر خىتايغا نېمىس تىلىدا سۆزلىشىشنى ئۆگۈتۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئانا تىللىرى ئورنىغا بىزنىڭ تىلىمىزدىن پايدىلىنىشنى تاللىۋېلىشى بىلەن، ھەتتا خالىغان بىر نېمىس سىياسىي پارتىيىسى تەرىپىدە تۇرۇپ ئاۋاز بېرىدىغان قىلىش بىلەنلا ئۇلارنى نېمىسلەشتى دەپ قاراشقا بولىدۇ دەپ ئويلاش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر مەنتىقىيلىق خاتالىق ئىدى. بىزدىكى مىللەتچى بۇرژۇئازلار بۇ تۈردىكى نېمىسلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمىسلىقتىن يىراقلىشىش، “نېمىسسىزلاشتۇرۇش” ھېساپلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن ئىدى. ئەگەر مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى بار بولغان پەرقلەر ئورتاق پايدىلىنىدىغان بىرەر تىلنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا يوقۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، بۇنداق بىر ئەھۋالدا شالغۇتلاشقان بىر ئىرق پەيدا بولمايدۇ دېگەنلىك بولاتتى. بۇ مىسالدىنمۇ گېرمانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا بولمايلا قالماي ھەتتا نېمىس ئامىللىرىنىڭ يوقۇتۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ دېگەنلىك بولاتتى. تارىختا كۆرۈلگىنىدەك، غالىبلار تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان مىللەتلەرگە ئۆز تىلىنى مەجبۇرى تېڭىپ قوبۇل قىلدۇرۇلغانلىقىغا دائىر مىساللار بەكلا كۆپ. ئالايلۇق، ئارىدىن مىڭ يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ تىل يېڭى بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بەكلا كۆپ ئۇچرىتىمىز. ئەمما بۇ جەرياندا بۇ ئىككى خىل مىللەتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ غالىپ مىللەت مەغلۇپ مىللەتكە، مەغلۇپ مىللەت غالىپ مىللەتكە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.
مىللەت، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئىرق، تىلغا باغلىق ئەمەس بەلكى قانغا باغلىق بىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا پەقەت مەغلۇپ قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ قېنىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئۇلارنى گېرمانلاشتۇرۇش مۇمكىن. يەنى بىر ئىرقنىڭ قېنىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىكتۇر. قان ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما ئۇنى ئارىلاشتۇرۇش مۇمكىن. قان ئارىلىشىشىنىڭ ئاقىۋىتىدە بولسا ئالى ئىرقنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئۆز ۋاقتىدا غالىپ كېلىپ باشقىلارنىڭ يېرىنى بوي سۇندۇرالىغان ئىرق ئۆزىنىڭ غالىپ كېلىش ئالاھىدىلىكلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالىي ئىرقتىكىلەر بىلەن ئادەتتىكى ئىرقلارنىڭ چېتىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان شالغۇت ئىرقتىكىلەر ئالى ئىرقتىكىلەرنىڭ تىلىدىن ھەرقانچە ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنالايدىغان ھالەتكە كېلىۋېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنداق بىر شالغۇت ئىرقتىكىلەردە مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى كۈچ-قۇدرەت ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە ھەر تۈردىكى روھى كۈچلەر ئارىسىدا بىر قىسىم رىقابەتلىشىش كۈرىشى يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلالىشى، گۈمران بولۇشقا يۈز تۇتىدىغان مىللەت ئامالسىز قالغان ئاخىرقى كۈنلىرىدە بىر قېتىملىق قاتتىق سىلكىنىش بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق بىر قىسىم مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇنداق مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغانلار ئۇلار ئارىسىدا بىردىن-بىر ساقلىنىپ قالغان ئالى ئىرقتىكىلەرنىڭ تۇنجى شالغۇتلىرىدىن ساقلىنىپ قالغانلارنىڭ ياراتقان ئەسەرلىرى ياكى بولمىسا دەسلەپكى شالغۇتلىشىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن كىشىلەرنىڭ قېنىدا ئالى ئىرق ئالاھىدىلىكلىرى تولۇق يوقالماي ساقلىنىپ كەلگەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مەھسۇلىلا بولىشى مۇمكىن. بۇنداق شالغۇتلاشقان كىشىلەرنىڭ قېنىدىكى ئېسىل قان تەركىۋى، بىرەر ئامال قىلىپ ئۆزىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ تۈردىكى شالغۇتلىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان نەتىجىلىرى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت ئەسىرى سۈپىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. چۈنكى، شالغۇتلىشىش ئىشى ھەر دائىم مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىشىنى بىرلىكتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز بۈگۈن جوزېف-2 نىڭ خىيال قىلغان گېرمانلاشتۇرۇلۇشنىڭ ئاۋۇسترىيىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشەلمىگەنلىكىدىن خوشال بولىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇنداق بىر ھەرىكەت ئۇتۇققا ئېرىشەلىگەن بولسا ئىدى، ئاۋىسترىيە دۆلىتىنىڭ ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئورتاق تىلدىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە نېمىس مىللىتىنىڭ ئىرق سەۋىيىسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا نۇرغۇن ئەسىر ئۆتكەندە بىر قىسىم تۇغما قابىلىيەتلەرمۇ ئۆزىنى كۆرسىتەلىشىمۇ ئېھتىمال. ئەمما بۇ پادا بەرىبىر ئۆز قىممىتىنى يوقۇتۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداق بىر ئەھۋالدا بەلكىم دۆلەت پۈتۈنلۈكىدىن يېڭىچە بىرەر مىللەت بارلىققا كېلىشىنىمۇ پەرەز قىلىشقا بولار. شۇنداقتىمۇ مەدەنىيەت ئورتاقلىقىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت بەرىبىر يوقۇلۇپ كېتەتتى.
نېمىس مىللىتى بۇ تۈردىكى شالغۇتلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى، ھەرگىزمۇ ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۈچىگە تايىنىپ چىقىرىلغان توغرا خۇلاسىلارنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى ھابسبوۋرگلارنىڭ ئەقلى قىسقا ھۆكۈمدارلاردىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ تۈردىكى شالغۇتلاشتۇرۇشنىڭ مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، نېمىس خەلقىغە ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىق بىر ئىش بولدى. ئەگەر بۇ ئىش ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە نېمىس مىللىتىنى مەدەنىيەت ياراتقۇچى سۈپىتى بىلەن تەرىپلەش مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
ئەمما پۈتۈنلەي خاتا بولغان بۇ تۈردىكى ئۇرۇنۇشلار يالغۇز ئاۋۇسترىيىدىلا ئەمەس، ھەتتا گېرمانىيىدىمۇ مىللەتچى دەپ نام بېرىلگەن ساھەدىكىلەر ئارىسىدىمۇ كۆرۈلدى. بىر مۇنچە نېمىس تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋەتلەنگەن لېخىستان (پولشا) سىياسىتى، يەنى شەرقنى گېرمانلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئەپسۇسكى ئەنە شۇنداق بىر سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. لېخلار (پولەكلەر) غا يالغۇز نېمىس تىلىنى قوبۇل قىلدۇرۇش بىلەنلا ئۇلارنى گېرمانلاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلىشقان ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئېغىر پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشتى: يات ئىرققا مەنسۈپ بىر مىللەت ئۆز چۈشەنچىلىرىنى نېمىس تىلى بىلەن ئىپادىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ پەسكەش مىجەزلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئېسىلزادىلىكىگە، ئىناۋىتىگە ۋە ئابرۇيىغا زىيان سېلىشقا كىرىشىدۇ.
ساۋاتسىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ دۆلىتىگە بېرىۋالغان پەسكەش يەھۇدىيلارنى قاتتىق بۇزۇپ سۆزلىشىدىغان نېمىسچىسىغا قاراپلا ئۇلارنى نېمىس ئىرقىغا مەنسۈپ كىشىلەر دەپ قاراپ ئارىسىغا ئېلىشى بىزنىڭ نېمىس ئىرقىمىز ئۈچۈن ئېغىر ناھەقچىلىك قىلغانلىق ھېساپلانماسمىدى؟ غەرب دۇنياسىدىن كەلگەن بۇ پىتلاپ كەتكەن پاسكىنا كۆچمەنلەرنىڭ نېمىسچە سۆزلىشەلىشى بىلەنلا تېگى نېمىس، مىللىتىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە شەرقلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ھېچ كىم خىيالىغا كەلتۈرمىدى.
تارىختا، نېمىسلەشتۈرۈلگەن بىردىن-بىر پايدىلىق نەرسە، ئاتا-بوۋىلىرىمىز قېلىچ كۈچىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن، نېمىس دېھقانلىرىغا تايىنىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن تۇپراق ئىدى. بۇ تۇپراقلاردا يات قان قېنىمىزغا ئارىلىشىشى ئەھۋالىغا قاراپ ئېتنىك مىجەزلىرىمىز زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. بۇ يەنە كېلىپ نېمىسلارغا خاس بولغان كەڭ ئومۇملاشقان كىشىلىك مىجەزلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، بۇنداق بىر ئاجىزلىقىمىزنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغانلارمۇ بولدى.
بۇ ئۈچىنچى قاراش بويىچە ئالغاندا، دۆلەت مەلۇم مەنىدە غايە تۈسىنى ئېلىشقا باشلىدى. دۆلەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى ھالىغا كېلىشكە باشلىدى.
بۇلارنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقىنىمىزدا، يۇقىردا ساناپ ئۆتكەن دۆلەت توغرىسىدىكى بارلىق كۆزقاراشلار مەدەنىيەت پەيدا قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ، ئۇلارنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسنىڭ ئىرق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىرقتىن ئىبارەت ئاساسقا تايىنىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى كۆرەلمىدى، بۇ ئاساسقا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشنىمۇ بىلەلمىدى. دۆلەتنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى مەنتىقى جەھەتتە ھەر تۈرلۈك ئىنسانىي تەرەققىياتلارنىڭ تۈپكى شەرتى بولغان ئىرقنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئىرقنى قوغداش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىدى.
دۆلەت تۈزىلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەققىدىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تۈر خاتا قاراشلار، خاتا چۈشەنچىلەر ئەسلىدە كارل ماركس دېگەن بىر يەھۇدىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار ئىدى. يەنى دۆلەت چۈشەنچىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىرققا قارىتا مەجبۇرىي ۋەزىپىلىرى بىر-بىرسىدىن ئايرىپ تاشلانغان بولۇپ، بۇرژۇئازىيىمۇ شۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان باشقا بىر تەرىپنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۈچۈنمۇ دۆلەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن بۇرژۇئازىيىنىڭ ماركسىزمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى پۈتۈنلەي مەغلوبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلمەكتە. شۇنداق، بۇرژۇئازىيە، بۇرۇندىن تارتىپلا ئۆز سىياسىي سىستېمىسىنى ئەنە شۇ ئاساس ئۈستىگە تىكلەپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا بۇرژۇئازىيە سىستېمىسى بۇنداق قاراشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كېچەلمەي كەلمەكتە. بۇرژۇئازىيىنىڭ قابىلىيەتلىك رەقىبى بولغان ماركسىزمچىلار ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسلىرىدىكى ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ چىقتى ھەمدە بۇرژۇئازىيە سىنىپى خالىماي بولسىمۇ تەمىنلەپ بەرگەن قوراللاردىن پايدىلىنىپ بۇ ئاجىز نۇقتىلارغا قارىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشتى.
دېمەك، ئىرقچى قاراش ساھەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭى پارتىيىنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھەققىدىكى قاراشلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ قاراشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى: دۆلەت، ھەرگىز بىر غايە بولالمايدۇ. دۆلەت بىر ۋاستىدىنلا ئىبارەت. دۆلەت. يوقىرى دەرىجىلىك بىر مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئەمما بۇنداق يوقىرى مەدەنىيەتنىڭ بىۋاستە شەرتى ئەمەس. چۈنكى، مەدەنىيەت بىۋاستە ھالدا مەخسۇس مەدەنىيەت بەرپا قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىر ئىرقنىڭ ۋۇجۇد بولىشىغا باغلىق. دۇنيادا يۈزلىگەن دۆلەت ئۈلگىلىرى بار بولغىنى بىلەن، مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى، ئۇنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئالىي ئىرق يەر يۈزىدىن يوقالغىنىدا، مەنىۋىي جەھەتتە ئالى ئىرق ئېرىشەلەيدىغان سەۋىيىگە تەڭ كېلىدىغان بىر مەدەنىيەتمۇ مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا شۇنىمۇ دېيەلىشىمىز مۇمكىنكى، ئالى ئىرق بولماي تۇرۇپ ئىنسانىيەت قۇرۇپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقى ئادەم ئىرقىنىڭ قەتئىي تۈردە يوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالىنى ھەرگىزمۇ توساپ قالالمايدۇ. مەدەنىيەت يارىتالايدىغان ئىرقلارغا مەنسۈپ ئادەملەرنىڭ يوق بولىشى، ئەقىلنىڭ لازىملىق يوقىرى دەرىجىلىك تاقابىل تۇرۇش، ماسلىشىش قابىلىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىشىگىمۇ سەۋەپ بولىدۇ.
ئەگەر قورقۇنۇچلۇق بىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ يەر يۈزىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكىنىدە، دېڭىز-ئوكيان دولقۇنلىرى ئىچىدىن يېڭى بىر ھىمالايا تاغ تىزمىسى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ يەر يۈزىدە بار نەرسىلەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ يوقالغىدەك بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتمۇ بۇ زور ئاپەت سەۋەبىدىن يوقىلىدۇ. ئۇنداق بىر شارائىتتا ھېچقانداق بىر دۆلەتمۇ ساقلىنىپ قالالمايدۇ. بارلىق تۈزۈملەر يىمىرىلىپ يوقۇلۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت بەرپا قىلغان نەرسىلەر يەر بىلەن يەكسان بولۇپ ھەممە يەر لاتقىلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ يوقىلىدۇ. ئەمما بۇنداق بىر ئاپەتتىن كېيىن مەدەنىيەت پەيدا قىلالايدىغان ئىرققا تەۋە بىر قانچە ئادەم شۇنچە خارابە بولۇپ كەتكەن مۇھىتتا ساقلىنىپ قالالىغىدەك بولغىنىدا، تىنجىغان دۇنيا ئۈستىدە قايتىدىن يۈكسەك مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى پەيدا قىلالايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى مىڭ يىل ۋاقىتتىن كېيىن بولسىمۇ بەرىبىر ئالىي ئىرقنىڭ ئەسەرلىرى يەر يۈزىدە قايتىدىن بەرپا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەمما ئالىي ئىرق ئادەملىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى، دۇنيا پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ، مەدەنىيەت دېگەن نەرسىنىڭ ئىزىمۇ قالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زامانىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان مىساللار بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ئۇلىنى سىياسى قابىلىيەت بىلەن كەسىپى ئىقتىداردىن مەھرۇم بولغان ئىرقلارنىڭ ۋەكىللىرى سالغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شۇنچە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تەدبىر ئېلىشىغا قارىماي ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلالمىغان. قەدىمقى دەۋرلەردە بالادەك چوڭ ھايۋان نەسىللىرى ئورنىنى باشقا سورتلارغا بوشىتىپ يوقالغىنىغا ئوخشاش، ئۇ دۆلەتلەردىمۇ تاقابىل تۇرالىغۇدەك قۇرال-ياراغ لايىھىلىيەلەيدىغان ئەقىللىق ئادەملەردىن مەھرۇم قالغان ئېرىقلارمۇ سەھنىدىن چېكىنىپ ئورنىنى باقىلارغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر.
بەلگىلىك بىر مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن كۈچ، ھەرگىزمۇ دۆلەت ئەمەس. دۆلەت، بۇنداق مەدەنىيەتنى بەرپا قىلالايدىغان، ئۇنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۇنجى ئامىلى بولغان ئىرقنى قوغدىيالىشىلا مۇمكىن. ئۇنداق قىلمىغاندا، دۆلەت قىلچە ئۆزگىرىش قىلماي ئەسىرلەر بويى ئۆز پىتى ساقلىنىپ كېتىۋېرىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئىرقنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىغا توسالغۇ بولمىغىنىدا، ئىرقلار ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇش قابىلىيىتى بىلەن بۇنداق بىر مەدەنىيەتنى ئىپادىلەيدىغان تارىخىمۇ ئاللىبۇرۇن بۇزۇلۇش يولىنى تۇتقان بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلى، بۈگۈنكى بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئەنە شۇنداق بىكارغا ئىشلەۋاتقان بىر ماشىنا ھالىغا كېلىپ قالدى. گەرچە كۆرۈنۈشتە يەنە بىر مەزگىل ياشىيالايدىغاندەك كۆرۈنىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما مىللىتىمىز ۋۇجۇدىغا يۇقىۋاتقان ئىرق زەھەرلىرى، بۇ زەھەرنىڭ ئازابىدا قىينىلىۋاتقان مىللىتىمىز ھازىردىن تارتىپلا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق يىمىرىلىش يولىغا قاراپ كېتىۋاتماقتا. دېمەككى، ئالى سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىرىنچى شەرت ھەرگىزمۇ دۆلەت ئەمەس، بەلكى زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىرق.
شۇنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ۋەتىنىمىزدە بۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە كىشىلىرىمىز پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتكەن بولماستىن، ھازىرمۇ ئارىمىزدا يېتەرلىك دەرىجىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا. بۇنداق قابىلىيەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتەلىشى ئۈچۈن بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ تاشقى شارائىتلىرى، تاشقى مۇھىت تەرىپىدىن ئويغۇتۇلىشى يېتەرلىك. مەدەنىيەت ياراتقۇچى مىللەتلەردە، توغرىسى ئىرقلاردا، بۇ تۈر قابىلىيەتلەرنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تاشقى شارائىتلار، تاشقى مۇھىت مۇۋاپىق كەلمەي قالغىنىدا بۇ تۈردىكى قابىلىيەتلەر شۇ ئىرقتىكىلەردە يوشۇرۇنغان ھالدا ساقلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇرۇنقى زاماننىڭ نېمىس دۆلەتلىرىدىكى نېمىسلارنى “مەدەنىيەتسىز”، “ئىپتىدائى خەلق” دەپ قاراش ناھەقلىق بولىدۇ. ئۇلار ھېچ قاچان ياۋايى بولغان ئەمەس. مەسىلەن ئالايلى، خرىستىيانلىقتىن بۇرۇنقى نېمىسلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار تۇرىۋاتقان شىمالدىكى كىلىمات ناچارلىقى، ئۇلاردىكى ياراتقۇچى، مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى قۇدرىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن ئىدى، خالاس. ئەگەر نېمىسلار جەنۇبقا بىر يەرلەرگە، مۇۋاپىق بىر ئىقلىم شارائىتى بار يەرلەرگە بېرىۋالالىغان، ئۇ يەردىكى سۈپەتسىز ئىرقلاردىن تەشكىل تاپقان تەمىنلەيدىغان ئادەملەرنى ئىشقا سالغۇدەك ئىپتىدائى تېخنىكا قوراللىرىنى كەشىپ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇيقا ھالىتىدە تۇرىۋاتقان مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى قابىلىيەتلىرى ئۇ نېمىسلارغىمۇ ھەلەنلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان پارلاق مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن بولاتتى. ئەمما مەدەنىيەت پەيدا قىلغۇچى تۇنجى كۈچكە ئىگە بۇ ئادەملەرنىڭ بۇنداق كۈچى ھەرگىز شىمالدىكى سوغۇق ئىقلىم شارائىتى ئاستىدا ياشىغانلىقىدىن شەكىللەنگەن ئەمەس. شۇڭا، جەنۇبقا كۆچۈپ بارغان بىر ياپوننىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشالايدىغان تۆھپىسى سىبىرىيە ئېسكىمولىرىنىڭكىچىلىكلا بولىشى مۇمكىن.
ياق، ياق! … ئۇنداق پارلاق مەدەنىيەت يارىتىش تۇغما قابىلىيىتى، ئۇنداق يېڭىلىق يارىتىش تۇغما قابىلىيىتى پەقەت ئالىي ئىرققىلا بېرىلگەن! پەقەت بىرلا پەرقى، بەزىدە بۇ قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق شارائىت ۋە شەرتلەر بېرىلىپ ئويغانغان ھالغا كېلەلىسە، يەنە بەزىدە تەبىئەت دۇنياسى بۇنىڭ ئەكسىچە بۇنداق قابىلىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى چەكلەپ ئۇيقا ھالىتىگە ئۆتىۋېلىشىمۇ مۇمكىن.
دېمەك، بۇلاردىن مۇنداق خۇلاسىگە كېلەلىشىمىز مۇمكىن:
دۆلەت غايىگە يېتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ غايىسى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن بىر تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشتىن ئىبارەت بولىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن ئىرقنىڭ، ئۇنىڭ ئۇيقا ھالىدىكى بارلىق ئىقتىدارلىرىنى يېتىلىش شەرتى بولغان ئەسلى ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر. بۇ تۈر ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىر قىسمى ھەر دائىم جىسمانى جەھەتتىن پەرۋىش قىلىنىشقا، قالغان قىسمى پىكىر قىلىش جەھەتتىكى يېتىلىشنىڭ شارائىتىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدۇ. بۇ يەردە بىرىنچى شەرت بولغان جىسمانى جەھەتتىكى پەرۋىش ئىشى ھەر دائىم ئىككىنچى شەرت بولغان پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ شەرتىدۇر. بۇنداق بىر غايە بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ھەرقانداق بىر دۆلەت بۇزۇلغان ئورگان، يېتىلمىگەن مەخلۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇددى قاراقچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۇتۇققا ئېرىشكەنلەر قاراقچىلىقنى بىر ئەيىب ھېساپلىمىغىنىدەك، بۇنداق قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۇلارنىڭ تەييارتاپلىق ئالاھىدىلىكىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
بۇلاردىن تۈپتىن باشقىچە بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىز مىللەتچى سوتسيالىزمچىلار، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويدۇرۇلغان ۋەقەلەرگە باغلىنىپ قالالمايمىز. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، يەپ-يېڭى ۋە ئۇلۇغ بىر ئىدىيە چىمپىيونلىرىدىن ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان يالغانچىلارنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ قالار ئىدۇق. شۇنداق بولغاچقا، بىز مىللەتچى سوتسيالىزمچىلار ئىسمى جىسمىغا لايىق دۆلەت بىلەن يىلتىزى بىر بۇلغان ئىرق ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن ئېنىق سىزىق سىزىشىمىز شەرت. بىرەر ئىشنى ئوتتۇرىغا قويالىغان بىرسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەرسىنى ھىمايە قىلالايدىغان، ئۇنى قوغدىيالىغىدەك كۈچىگە ئىگە بولالىغىنىدىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇش ھەققىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنداق بىر ئورۇننىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، ئىرقچى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىسى، مەدەنىيەت تارقىتالايدىغان، يوقىرى سۈپەتلىك ئىنسانىيەتنىڭ روھى گۈزەللىكى بىلەن ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان دەسلەپكى ئىرق ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشىغا كۈچ چىقىرىش بولىشى كېرەك. بىز دۆلەتنى ئالى ئىرقتىن بولغان مىللەت قۇرۇپ چىقىدىغان بىر ھەرىكەتچان ئورگان دەپ تونۇيمىز. بۇنداق بىر ئورگان، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەقلى ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ يېتىلدۈرۈپ، ئۇ مىللەتنى ئەڭ يوقىرى ئەركىنلىك سەۋىيىسىگە ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بىزگە دۆلەت دەپ مەجبۇرى تېڭىۋاتقان نەرسە، ئادەملەرنىڭ ئەڭ چوڭ خاتاسى ھېسابلىنىدىغان، كىشىنىڭ چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزىۋېتىدىغان بىر مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق خاتا نەرسە بىر مۇنچە ئازابلىق ئىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
بىز مىللەتچى سوتسىيالىزمچىلارغا شۇ نەرسە ئېنىق مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ بۇ يېڭىچە قارىشىمىزنى ئىسيانكار ئىدىيە دەپ باھالىشىپ، بىزنى توپىلاڭچىلار دەپ ھۆكۈم قىلىشىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئەمما بىزنىڭ ئىدىيىلىرىمىز، ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز، بۇ دەۋرنىڭ قايىل بولىشى ياكى قارىلىنىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك. بىز بۇ يېڭى ھەرىكىتىمىزنى ئېتىقات قىلغان بىردىن-بىر ھەقىقەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا مەغرۇرلۇق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭ قەلبى بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىلەرنىڭ توغرا ئىدىيە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان مەنپەئەتلىرىنىمۇ چوقۇم قوبۇل قىلىشىپ بىزگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىشىدۇ.

مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىچە ئېيتقانلىرىم، بىز مىللەتچى سوتسىيالىزمچىلارغا، دۆلەت دېگەن نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەشتە بىزنى بىر ئۆلچەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلەت ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ قىممەتلەر يەنىلا نىسبى بىر باھالاش بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ قارىغىنىمىزدا، بۇنداق بىر قىممەت مۇتلەق تۈردە بولىشى كېرەك.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرەر دۆلەتنىڭ پايدىلىق بولۇش دەرىجىسىگە باھا بېرىشتە ئۇ دۆلەت ئېرىشكەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ دۆلەتنىڭ قىممىتىنى بۇ دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەن كۈچ-قۇدرىتى ئاساسىدا ئېرىشكەن ئابرويى بىلەنمۇ ئۆلچەشكە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان باھا، بۇ ئورگاننىڭ مىللىتىگە كەلتۈرىدىغان مەنپەئەتى ئاساسىدىلا بېرىلىشى مۇمكىن.
دۆلەت دېگەن بۇ ئورگان، شۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ ھاياتلىق شارائىتلىرىنى تەييارلاش بىلەنلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئىزچىللىقىنىمۇ ئەمەلىي جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلالىغان بولىدىكەن، بۇنداق دۆلەت ھەر قانداق بىر تۈزۈمنى يولغا قويغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنى كۆڭۈلدىكى بىر دۆلەت دەپ قارىشىمىزغا بولىدۇ. چۈنكى، بىر دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى يارىتىش ئەمەس بەلكى ئىچكى كۈچلەرنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىشتىنلا ئىبارەت. بىر دۆلەت مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يوقىرى نۇقتىسىغا ئېرىشەلىگەن بولغاندىمۇ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى بولغان ئىرقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىر دۆلەتنى بەرىبىر ناچار دۆلەت دەپ قارايمىز. چۈنكى، ئۇنداق بىر دۆلەت، بۇ تۈر ۋەيرانچىلىققا يول قويغانلىقى سەۋەبىدىن بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ئالدىنقى شەرتكە ھۆرمەت قىلمىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى مەدەنىيەتنى شۇ دۆلەت ئۆزى ياراتقان بولماستىن، بەلكى شۇ دۆلەتتە ياشايدىغان مەدەنىيەت ياراتقۇچى قابىلىيىتى بولغان مىللەت ياراتقان. دۆلەت بۇ يەردە جانلىق تەشكىللەشلەر ئارقىلىق بۇ مەدەنىيەتنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولۇش رولىنىلا ئوينايدۇ، خالاس. دۆلەت، بىرەر جەۋھەر ئەمەس. دۆلەت، مەلۇم بىر مىللەت ياشايدىغان تۇپراقلاردىكى بىر تەشكىلات شەكلىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىر مىللەتنىڭ ئېرىشكەن مەدەنىيەت سەۋىيىسى شۇ مىللەت ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ياخشى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم بولالمايدۇ. بۇنداق ياخشى دۆلەت بولۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەش ئىمكانىيىتىنى دۆلەت تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئالايلۇق، مەدەنىيەت بەرپا قىلىش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولغان بىر مىللەت بىرەر نېگىر قەبىلىسىدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كۆرۈنىشى مۇمكىن بولغىنى بىلەن، مەدەنىيەت ياراتقۇچى مىللەتنىڭ دۆلەت شەكلى بىلەن قۇرۇپ چىققان ئورگىنى، بۇ ئورگاندا مىللىتىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسىتى، بىرەر نېگىر قەبىلىسى بارلىققا كەلتۈرگەن ئورگاندىنمۇ ناچار بىر ئورگان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەڭ ياخشى بىر دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن ئەڭ ياخشى بىر سىياسى تەشكىلات ھېچقاچان بىرەر مىللەتكە ئىگە بولالمايدىغان، ھازىرغىچە مىللىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە قالىدىغان بىر ئېھتىماللىق بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، ناچار بىر دۆلەت شەكلىمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەدەنىيەت ياراتقۇچى ئىرق ۋەكىللىرىنىڭ، بۇ ئېرىقنىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە ئىگە بولغان قابىلىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، بۇنىڭغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ سادىر قىلىشى مۇمكىن.
شۇنداق بولغاچقا، بىرەر دۆلەتنىڭ قىممىتى ھەققىدە باھا بېرىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇ دۆلەتنىڭ دۇنيا تارىخىدا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا قاراش ئەمەس، بەلكى ئۇ دۆلەتنىڭ ئۆز مىللىتىگە قارىتا قانچىلىك پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلىقىغا قاراپ باھا بېرىش كېرەك.
پۈتۈنلەي نىسپى بولغان بۇ كېيىنكى قاراش بويىچە دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق قىممىتى ھەققىدە بىرەر ھۆكۈم چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بىر دۆلەتنىڭ مۇتلەق قىممىتى ھەققىدە ھۆكۈم قىلىش بەكلا قىيىن. بۇنىڭ سەۋەبى، بۇنداق كەسكىن ھۆكۈم قىلىش ئىشى ئۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىگىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن، ئاساسلىقى مىللەتنىڭ قىممىتى بىلەن سەۋىيىسىگىمۇ باغلىق. دېمەك، دۆلەتنىڭ ئالى ئورنى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا بۇنداق ئابروينىڭ بىۋاستە مىللەتكە مەنسۈپ بولىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىردىن بىر رولى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش كۈچى بىلەن ئەركىن تەرەققىيات شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشتىن باشقا رولى بولمايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
ئەگەر بىز، بۇنداق بىر ئەھۋالدا نېمىسلارغا قانداق بىر دۆلەت قۇرۇش كېرەكلىكىنى سورىماقچى بولساق، ئالدى بىلەن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ئوچۇق بەلگىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ: بۇ دۆلەت قايسى تۈردىكى ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟ قايسى غايىلار بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك؟
ئەپسۇسكى، نېمىس مىللىتى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەشكەن بىرلا ئىرققا ئىگە ئەمەس. ئىپتىدائى ئامىللارنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشى بىلەن يېڭى بىر ئىرق تۇغۇلغان دېيىشكە بولىدىغان بىر تەرەققىياتقا ئېرىشەلىگەن بولىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، “ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش” تىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ قېنى بۇلغىنىپ كەتكەن ھالدا تۇرماقتىمىز. ھەمدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ كەلگەن ئۇچرىشىشلار بۇ مىللەتنى بۇلغىۋېتىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، روھى دۇنيامىزنىمۇ بولغاپ بولدى. ۋەتىنىمىز چېگرالىرىنىڭ ئوچۇق ھالدا بولىشى، چېگرا بويلىرى بويىچە نېمىس بولمىغان سىياسى مەخلۇقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ رېيچنىڭ ئىچىگىچە يات قانلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ئۆز ئىچىدە تولۇق پۈتۈنلىشىش پۇرسىتىنى زادىلا بەرمەي كەلدى. بۇنداق ئارىلىشىشتىن يېڭى بىر ئىرقمۇ دۇنياغا كەلمىدى. ئەكسىچە بارلىق ئېتنىك ئۇنسۇرلار بىرلىكتە ياشاپ، شۇ پېتىچە ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، خېيىم-خەتەرلىك كۈنلەردە بىر مەزگىل نورمال بىرلىشىپ بىر يەرگە يىغىلىشقان ھالىتى بىلەن نېمىس مىللىتى ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. ئەسلى ئىرق ئۇنسۇرلىرى تېررىتورىيە جەھەتتىن ئارىلىشىپ كېتىش بىلەنلا قالماستىن، ھەر قايسى رايونلار ئىچىدىمۇ ئۆزىگە تەۋە بولمىغانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا باشلايدۇ. شىماللىقلارنىڭ يېنىدا شەرقلىقلەرمۇ ياشايدىغان، شەرقلىقلەرنىڭ يېنىدا دالماچىيىلىكلەر ياشايدىغان، ئۇلارنىڭ يېنىدا غەرىپلىكلەرمۇ بىرلىكتە تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنداق ھالەت نۇرغۇن جەھەتلەردە بىر-بىرسى بىلەن كېلىشەلمەسلىكلەرنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. نېمىسلاردا كەم بولۇۋاتقىنى ئۆملىشىپ ياشاش ئىچكى تۇيغۇسى ئىدى. بۇنداق تۇغما ئىستەك كۈچى قان ئورتاقلىقىدىن كېلىدىغان تۇيغۇ بولۇپ، بۇنداق تۇيغۇ خەۋپلىك ۋەزىيەت كۆرۈلگەندە بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇنداق تۇيغۇ مىللەتلەرنىڭ خاراب بولىشىدىن ساقلايدىغان بىر كۈچ ھېسابلىناتتى. بۇ كۈچ ئىككىنچى ئورۇندىكى دۈشمەنلىكلەرنى سىيرىپ سۈپۈرۈپ تاشلاپ، دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى ھەممە بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان ئوملۇق كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر كۈچ ھالىغا كېلىپ ھەممىنى دۈشمەنگە قارشى سەپكە تىزالايتتى. بىزدىكى ھەددىدىن تاشقىرى شەخسىيەتچىلىك ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشتەك خاراكتېرىگە ئىگە ئىرقىمىزنىڭ ئاساسلىق ئۇنسۇرلىرى بىر-بىرسى بىلەن ئارىلاشماي بىرلىكتە ياشاش ئادىتىدىن كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋال تېنچلىق دەۋرلىرىدە كۆپۈنچە ھاللاردا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى نەتىجە بېرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بىر پۈتۈنلۈك بويىچە تەھلىل قىلغىنىمىزدا بۇ مىجەزىمىز دۇنياغا غوجا بولۇشتىن مەھرۇم قېلىش بەدىلىنى تۆلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەگەر نېمىس مىللىتىمۇ ئۆز تارىخى جەريانىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدىغان ئورتاق كۈچىگە ئىگە بولالىسا ئىدى، بۈگۈن نېمىس رېىيچىنى دۇنيانى سورايدىغان ئورۇندا كۆرگەن بولاتتۇق. شۇنداق بولغىنىدا تارىخ باشقىچە يېزىلغان، بۈگۈنكى كۈندىكى بىرمۇنچە قارغۇ تېچلىقچىلىرىمىزنىڭ يىغلاپ يۈرۈپ داۋراڭ قىلىپ قولغا كەلتۈرمەكچى بولىۋاتقان نەتىجىلەرنى ئاللىبۇرۇن قولغا كەلتۈرۈپ بولغان، بۇنداق بىر يولنى ئاختۇرۇپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغان بولار ئىدى. ھەرقانداق بىر تېنچلىقنى يىغلاپ-قاخشاپ زارلىنىپ يۈرۈيدىغانلار پۇلاڭلىتىپ يۈرگەن زەيتۇن تېلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. دەل ئەكسىنچە ھۆكۈمران بىر مىللەتنىڭ غالىپ قىلىچىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ پۈتۈن دۇنيانى مەدەنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىقلا بۇنداق بىر تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.
مىللىتىمىزدە ئورتاق ساپ قان تەمىنلەيدىغان بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان ئۆملۈك كۈچىنىڭ بولماسلىقى بىزگە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بەكلا كۆپ زىيانلارنى سېلىپ كەلدى. بۇنداق ئەھۋال، ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ (كىنەزلىكلەرنىڭ − ئۇ.ت) كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇش نەتىجىسىدە نېمىس مىللىتىنىڭ غوجايىنلىق ھەققىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نېمىس مىللىتى بۇ تۈر ئىستىخىيىلىك ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ يوقلۇقىدىن ئازاب چەكمەكتە. شۇنداقتىمۇ بىزگە مەيلى بۇرۇن، مەيلى بۈگۈن، ۋە بەلكىم كەلگۈسىدە بېشىمىزغا بالا بولىۋاتقان بۇ ئەھۋال بەلكىم مىللىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئىرقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئامىللار ئىچىدە تولۇق يۇغۇرۇلۇشنىڭ بولماسلىقى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە زىچ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرەلمەسلىكى قانچىكى تەتۈر پىشانىلىق، قانچىكى پاجىئەلىك بولىدىكەن، قېنىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسمى بولسىمۇ بۇزۇلماي ساپ ھالىدا ساقلىنىپ قېلىشى، ئىرقىمىزنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك چېكىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنالىشىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ، كىشىنى مەمنۇن قىلارلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىشىمۇ مۇمكىن.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئىرقىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئامىللىرىنىڭ تولۇق ئارىلاشما ھالىغا كېلىشى، بىر مىللەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بىر گەۋدە ھالىغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ، بارلىق شالغۇت ئىرقلاردا كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، بۇنداق شەكىللەنگەن شالغۇت بىر ئىرق بارلىققا كەلتۈرىدىغان مەدەنىيەت، ئېسىل ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياراتقان مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تولۇق ئارىلىشىشنىڭ بولماسلىقى مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىق بىر ئەھۋال. بۈگۈن بىزنىڭ نېمىس مىللىتىمىز ئارىسىدا شىمالى گېرمان ئىرقىغا تەۋە كىشىلەردىن بارلىققا كەلگەن زاپاس مىللى غەزىنە كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلماقتا. بۇلارنىڭ قېنى بۇزۇلماي ساقلىنىپ قالغان. بۇ مىللى تەركىۋىمىزنى كىلەچىكىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر مىللى غەزىنە دەپ قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن. ئىرق قانۇنىيەتلىرى بىلىنمەي كەلگەن، ھەممە ئادەم تەڭ يارىتىلغان دەپ قارىلىۋاتقان كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر دەۋردە، ھەر تۈرلۈك ئىپتىدائىي ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قىممەتلەر ئايرىلماي كېلىنگەن ئىدى. بۈگۈن بىزگە مەلۇم بولماقتىكى، مىللىتىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئۇنسۇرلارنىڭ تولۇق ئارىلاشما ھالغا كېلىشى، بۇلاردىن مەيدانغا كېلىدىغان شالغۇت ئىنسان يىغىندىسى سىرتتىن قارىماققا بەلكىم تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتەلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنداق ئەھۋالدا ئىنسانىيەتنىڭ ئېرىشىشى زۆرۈر بولىۋاتقان غايىلار ئېرىشكىلى بولمايدىغان بەكلا يىراقتىكى غايە ھالىغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. نەتىجىدە، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاخىرغىچە ئورۇندىسۇن دەپ تەقدىر ئىرادىسى (تەڭرى ئىرادىسى) ياراتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بۇ ئىنسان دېگەن مەخلۇق، ئۆز ئارا ئارىلىشىپ ئۇماچ ھالىغا كەلگەن خەلق داشقاينىقى ئىچىدە بۇغۇلۇپ يوقۇلۇپ كەتكەن بولاتتى.
ئەمما بىزنىڭ قىلچىمۇ رولىمىز بولماي تۇرۇپ تەقدىرنىڭ بۇنداق يامان ھالىتىمىزنى تۈزەتسۇن دەپ تەلەپتە بولىشىمىز ئۈچۈن، قولغا كەلتۈرگەن بىلىمنىڭ باشلامچىلىقىدا ئەھۋالىمىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلىپ باھالاپ چىقىشىمىز، بۇلاردىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك.
بۇ دۇنيادا نېمىس مىللىتىگە ئۇلۇغ بىر ۋەزىپە بېرىلگەن دەپ تونۇيدىغان كىشىلەر، بۇ ۋەزىپىنىڭ بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يوقىرى نىشانى مىللىتىمىزنىڭ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بۇزۇلماي ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېسىل ئۇنسۇرلىرىنى ئاسىراش ۋە ئۇلارنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا دۆلەت تۇنجى قېتىم ئۇلۇغ بىر غايىنى ئېتىراپ قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دۆلەت ئۆزىگە پۇقرالىرىنىڭ بىر-بىرسىنى ئىختىيارى تۈردە ئالدىيالىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان، دۆلەت ئىچىدە تەرتىپ ئىنتىزامنى قوغداشتىنلا ئىبارەت ۋەزىپىسى بار دەپ تۇرىۋېلىشتەك كۈلكىلىك دۆلەت تۈزۈمىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەڭرىنىڭ لۇتپى بىلەن بۇ دۇنياغا بېغىشلىغان ئالى ئىنسان ئىرقىنى قوغداش، ئۇنى ھىمايە قىلىشتەك ۋەزىپىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن تارتىپ ئۆزىنى بىردىن-بىر ھەقىقەت دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇ پاسسىپ ئورگاننى، ئۆزىنىڭ ئەسلى غايىسىنىڭ ئۇلۇغ بىر غايىغا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاكتىپ ئورگان ھالىغا ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، مەخسۇس بىر دۆلەت سۈپىتىدە بارلىق نېمىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولىشى، بۇ ئىرقنىڭ ئېسىل ئۇنسۇرلىرىدىن بارلىققا كەلگەن زاپاس كۈچ غەزىنىسىنى قوغداش بىلەنلا قالماستىن، ئۇلارنى مەزمۇت قەدەملەر بىلەن تەدرىجى تۈردە ھۆكۈمران ئورنىغا يۈكسەلتىشىنىمۇ ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولىشى كېرەك.

ئەگەر مەسىلە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنسا، بىر تۇرغۇنلۇق، بىر خامۇشلۇق دەۋرنىڭ كەينىدىن بىر كۈرەش دەۋرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردە “تۆمۈر ئىشلىتىلمىسە داتلىشىدۇ” (“ئىشلىگەن پىچاق داتلاشماس” نىڭ تەتۈرى − ئۇ.ت) دېگەن ئەقلىيە سۆزى بويىچە ئاتاكىغا ئۆتكەن تەرەپلا غالىبىيەت قازىنالايدۇ دەيدىغانلارنىڭلا ھەقلىق بولالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۈرىشىمىزنىڭ غايىسى قانچىكى ئۇلۇغ، بۈگۈنكى خەلق ئاممىسى بۇ غايىنى قانچىكى تەستە چۈشىنىدىكەن، قولغا كېلىدىغان غالىبىيەتمۇ شۇنچە زور، غالىبىيەتنىڭ ئەھمىيىتىمۇ شۇنچە يوقىرى بولىدۇ. بۇنى تارىخ بىزگە ئاللىمۇقاچان ئىسپاتلاپ بەرگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئىشەنگەن غايىمىزنى ئېنىق كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرگەن ئاساستا كۈرىشىمىزنى تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە.
بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت كادىرلىرىنىڭ بەكلا كۆپ قىسمى ئەتە مەيدانغا كېلىدىغان ۋەقەلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىش ئورنىغا، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارىشىدۇ. بۇنداق كىشىلەر دۆلەتنى بىر تۈرلۈك ماشىنا دەپ ھېسابلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر ۋاستىسى دەپ قارىشىنى ئەڭ مۇۋاپىق بىر قاراش دەپ تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزلىرى ئېيتقاندەك دۆلەتكە ئاتالغان. ئۇلار دۆلەت ئورنىنى بىر مىللەتنىڭ قەدىمىي ئورگىنى دەپ ھېسابلىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئادەملەر خۇددى بىرەر غوجايىن ئۈچۈن خىزمەتچى بولالىغىنىدەك، ئادەم ھېسابلانمايدىغان دۆلەت ئۈچۈنمۇ خىزمەتچى بولالايمىز دېگەندەك مەنتىقىسىز قاراشقا ئىگە.
دۆلەت ئورگىنىنى بىر گەۋدىنىڭ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ماشىنىسى دەپ قاراش، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك بىر مىللەتنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى ھۆكۈمران سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر ئورگان دەپ قارىغاندىن ياخشىراق. بىرىنچى خىل قاراش بويىچە ئالغاندا دۆلەت بىلەن دۆلەت ئورنى ئاددى ئىنسانلار ئۈچۈن بىر غايە ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەرگە نىسبەتەن دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى مەۋجۇد بولۇش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان كۈچلۈك ۋە مەڭگۈلۈك كۈرەشنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان قۇدرەتلىك قۇرال بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا دۆلەت قارىغۇلارچە ئىش قىلىدىغان، ئەقلى يوق ماشىنا ھېسابلانمايدۇ. ئۇ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق غايىسىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.
بىز مىللەتچى سوتسيالىزمچىلارنىڭ دۆلەت قارىشىمىزغا پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشتە ماددى نۇقتىدا، ئەقلى ۋە جاسارەت كۆرسىتىش جەھەتلەردە قېرىپ ھالىدىن كەتكەن بىر جەمئىيەت تەركىبىدە بەكلا ئاز ھېمايىچىغا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ تەركىۋى ئىچىدىن روھى ياشىرىپ تۇرىدىغان، ئەقلى ۋە قەلبى تېتىك قالالىغان ياشانغانلارنىلا كۈرىشىمىزنىڭ سېپىگە ئالالىشىمىز مۇمكىن. ئەمما مەۋجۇت تۈزۈمنى ئۆز پىتى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىردىن بىر غايىسى قىلىشقان كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ئارىغا ئالماسلىقىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، خالاپ تۇرۇپ ئىش بۇزارلىق قىلىپ يۈرىدىغانلارغا قارىغاندا بۈگۈنكى دۆلەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەلەك بولۇپ يۈرىدىغان تەپسە تەۋرىمەس بولىۋالغان ئەقلىنى ئىشلىتىشتىنمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان بىر توپ ئادەم ئالدىمىزنى توساپ تۇرماقتا. ئەمما بىز مىللەتچى سوتسيالىزمچىلارنىڭ ۋەزىپىمىزنى قۇتلۇق ھالغا كەلتۈرۈشكە سەۋەبچى بولغان، ئەڭ چوڭ ئۇتۇق قازىنىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن شارائىتىمۇ دەل شۇ كەسكىن كۈرەشتىن ئۈمىدسىزلىنىش ۋەزىيىتىدۇر. بۇنداق ۋەزىيەت، ئۇرۇش نارىلىرى دەسلىپىدىن تارتىپلا ئىرادىسى ئاجىز بولغانلارنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنى جاسارەتسىز ھالغا كەلتۈرۈپ، ھەقىقى جەڭگىۋار ئىنسانلارنىڭ بىر يەرگە كېلىشىنىڭمۇ پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇ تەرىپىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىر مىللەت ئىچىدىكى ئاكتىپ كۈچلەر، يوقىرى ئاكتىپچانلىققا ئىگە بىر قىسىم كىشىلەر بىرلا غايە ئۈچۈن بىرلەشكەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن، شۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى مەستخۇش قىلىپ كېلىۋاتقان ھۇرۇنلۇقلاردىن ئازات قىلىنغان ۋاقتىدا، بۇ جەڭگىۋار كىشىلەر پۈتۈن خەلققە ھۆكۈمران ھالغا كېلەلەيدۇ. يەنى ئاز سانلىق كىشىلەر كۆپ سانلىقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئۇلار ئالغان قارارلارنى ئۆزلىرىگە ئاساسى ۋەزىپە قىلىپ بەلگىلىۋالغان كۈنلەر، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئەنە شۇلار بەلگىلەيدىغان كۈن ھېسابلىنىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرگە بەكلا قىيىن بولۇپ كۆرۈنىۋاتقان بۇ ۋەزىپە، ئەسلىدە بىزنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. “كۈرەش ۋەزىپىسى” ئۇلۇغ ۋە جاپالىق بىر ۋەزىپە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى بىردىن-بىر ئاۋانگارت كۈچ بىز بولىمىز. كۈرىشىمىز جەريانىدا ئەنە شۇ ئاۋانگارت كۈچلەر بىز مىللەتچى سوتسيالىزمچىلارنىڭ غەلىبە قازىنالىشىنىڭ كاپالىتىگە ئايلىنىدۇ.

ئومۇمەن ئالغاندا ئىرقلارنىڭ ساپلىقىنى بۇزىدىغان جۈپلىشىشلەرنى تەبىئەت دۇنياسى مۇۋاپىق شارائىتلارنى تەييارلاپ تۈزىتىپ تۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ئادەتتە شالغۇتلارغا ئۇنچە بەك يول قويۇپمۇ كەتمەيدۇ. شالغۇت ھامىلىلەرنىڭ دەسلەپكى بوي كۆتۈرۈشى، بەزىدە ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى قېتىملىق قۇرساق كۆتۈرۈشلەرگىچە بەكلا ئېغىر قىينىلىدۇ. چۈنكى، ئەسلى ئالى ئىرقنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئۇلارغا مىراس بولۇپ قالالمايدۇ. شۇنىڭدەك قاننىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن تۇغما ئىستەكلەر بىلەن ھاياتلىق ئېنېرگىيىسى ئۇلارغا ماس كەلمەي رېئاكسىيە بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. ساپ ئىرقتىكىلەر خەتەرلىك مومىنتلاردا ئەقىلگە ئۇيغۇن، مۇۋاپىق قارارلارنى ئالالايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادىلىسە، شالغۇت قانلىق بىرسى بارلىق قىيىن شارائىتلاردا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تەمتىرەپلا قالىدۇ ياكى بولمىسا چالا-پۇچۇق قارارلار بىلەن ئىشنى بۇزۇپ يۈرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئارىلاش قاندىن بولغان شالغۇت بىرسى ئۆزىنى ساپ قانلىقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاشلاپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى رولىمۇ تېزلا غايىپ بولىدۇ. ساپ ئىرقتىكىلەرنىڭ مۇۋەپپىقەت بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كېلىشى، غالىبىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقتىدىكى ئەھۋاللاردا شالغۇتلار ھامان مەغلۇپ بولۇپلا يۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى ۋەقەلىكلەر ئۈچۈن بەكلا كۆپ مىسال كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. تەبىئەت دۇنياسىمۇ دەل ئەنە شۇ شەكىلدە تۈزىتىش بىلەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ تۇرىدۇ. تەبىئەت بۇ تۈردىكى تۈزىتىش ئىشلىرىنى ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ نەسىل قالدۇرۇش پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئورۇندىشىمۇ مۇمكىن. يەنى شالغۇت ئىرقتىكىلەرنى قىسىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە پۈتۈنلەي تازىلاشنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈشى مۇمكىن.
ئالى ئىرققا مەنسۈپ بولغان بىرسى پەس ئىرقتىكى بىرسى بىلەن جۈپلەشكەن ۋاقتىدا، بۇنداق جۈپلىشىشتىن ئىرق سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنداق شالغۇتلىشىشتىن مەيدانغا كەلگەن ئەۋلاد ساپ ئىرقتىكىلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇنداق بىر شالغۇت ئەۋلاد، ئالى ئىرققا تەۋە كىشىلەردىن قان قوبۇل قىلىشى، ئۇلار بىلەن جۈپلىشىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغىنىدا، تەبىئەت ئۇلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئازايتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن يوقۇلۇشقا مەھكۇم بولىدۇ. ياكى بولمىسا بىر قانچە ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا شۇنداق يېڭى بىر شالغۇت نەسىل مەيدانغا كېلىدۇكى، ئۇلاردا ئەسلىدىكى ئالى ئىرق ئامىللىرىنىڭ يۇقۇندىسىمۇ قالماي، ئۇلارنى زادىلا تونىغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەلۇم دەرىجىدە تىركىشىش كۈچىگە ئىگە يېڭى بىر خەلق بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما بۇ يېڭى خەلقنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن سەنئەت جەھەتلەردىكى قىممىتى تۇنجى قېتىملىق جۈپلەشكەن ئالى ئىرقتىكىلەرنىڭ قابىلىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن قان سۈپىتىنى ئۆستۈرىۋالغان بۇنداق شالغۇت مەخلۇقلار، ھاياتلىق كۈرىشى جەريانىدا قېنى بۇلغانمىغان ساپ ئىرقتىكىلەرگە بەرىبىر يېڭىلىپ قالىدۇ. مىڭلىغان يىللار مابەينىدە ئالى ئىرقتىكىلەردىن مىراس ئالغانلىرى ئاساسىدا يېتىشتۈرگەن بۇ قەبىلىنىڭ ھەمكارلىق روھى ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئۆملۈكنى ئاتا قىلغان، بۇنداق ئۆملۈك كۈچى ھەر قانچە كۈچلۈك بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىرق سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئىجادىي ئىقتىدارلىرىنىڭ كاملىقى تۈپەيلىدىن، شۇنىڭدەك ئۆملۈك، تەرەققىيات، مەدەنىيەت جەھەتلەردە تېخىمۇ يوقىرى سەۋىيىلەرگە يۈكسەلگەن ساپ ئىرقنىڭ زەربىلىرىگە ھەرگىزمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ.
بۇلاردىن مۇنداق بىر پرىنسىپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىز مۇمكىن: ھەر قانداق بىر ئىرق، شالغۇتلىشىش يولىغا كىرگەنلا بولىدىكەن، قاچانلا بولمىسۇن بىر كۈنلىرى، بۇنداق شالغۇتلىشىشتىن پەيدا بولغان شالغۇت ئەۋلاد، قان ئارىلىشىشقا قاتناشقان ئالى ئىرق ئادەملىرى بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، بۇ شالغۇت كىشىلەر ئاممىسى چوقۇم يوقىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئالى ئىرققا مەنسۈپ بولغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەممۇ شالغۇتلىشىپ كېتىدىغانلا بولىدىكەن، بۇنداق پەس قانلىقلارنىڭمۇ ئۆلۈم سىگنالى چېلىنىدىغان دەۋر يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ.
تەبىئەت دۇنياسى ئەنە شۇ شەكىلدە بولسىمۇ بۇلۇۋاتقان ئىرقلارنى ئاستا-ئاستا تۈزەپ تۇرىدۇ ھەمدە ئىرقلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بارلىققا كەلگەن شالغۇت مەخلۇقلارنى ئاستا-ئاستا تازىلاپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تېخى بۇزۇلمىغان ساپ قانلىق ئالى ئىرقتىكىلەر تولۇق يوقالماسلىقى ھەمدە قايتا بۇزۇلۇش يولىغا كىرىپ قالمىغان بولىشى شەرت.
بۇ ھادىسە، ئىستىخىيىلىك تۈردە، كۈچلۈك بىر ئىرقنىڭ تۇغما ئارزۇسىغا (ئىنىستىنكىتىگە) ئىگە بولغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ياكى بولمىسا بىر قىسىم ئالاھىدە مەجبورلاشلار نەتىجىسىدە تەبىئىي يوللار بىلەن كۆپۈيۈشنى رەت قىلىدىغان، ئىرق ساپلىقىنى قوغداش شەكىللىرى ئارقىلىقمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. مەجبورلاشلار ئاخىرلىشار-ئاخىرلاشماس، ساپ قان ئامىللىرى دەرھال ئۆزى بىلەن تەڭ سەۋىيىدىكىلەر بىلەن جۈپلىشىشكە باشلايدۇ. بۇمۇ ھەر تۈرلۈك شالغۇتلىنىشلارنى چەكلەيدىغان ئامىل بولۇپ قالالايدۇ. شۇ ئارقىلىق، شالغۇتلىشىشلاردىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئېھتىياجلارمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ ئۆزلىكىدىن ئورۇن بوشىتىپ كەينىگە چېكىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن شالغۇتلارنىڭ ئادەم سانى ساپ ئىرقتىكىلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇشقا كۆزى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتمىگەن بولىشى شەرت. تۇغما ئىستەك (ئىنىستىنكىت − ئۇ.ت) تەلەپلىرىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىۋالىدىغان، تەبىئەت دۇنياسى ئۈستىگە يۈكلىگەن مەسئولىيەتلەرنى ئېتراپ قىلمايدىغان بىرسى، يوقالغان ئىچكى تەلەپلىرىنىڭ ئورنىغا ئەقىلنىڭ يول كورسىتىشىنى دەسسەتمەي تۇرۇپ تەبىئەت كۈچىنىڭ تۈزىتىشلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. يەنى دېمەكچىكى، يېڭىلاش ئىشى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ دېگەن گەپ. ئەمما، كۆزى كۆرمەس ھالغا كېلىپ بولغان بىرسىنىڭ ئىرقلارنى بىر-بىرسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان توساقلارنى ئۆرۈپ تاشلاش ئىشىنى ئۆزىدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنىڭ تولۇق يوقالغىنىغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. ئۇنداق بولغاندا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرمۇ ۋەيران بولۇپ چېلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قۇلاقلىرىمىزنى ساغرو قىلىۋەتكىدەك ۋارقىرىشىپ يۈرگەن داڭلىق ئىسلاھاتچىلارنىڭ غايىلىرى ئەنە شۇ چېلىۋېتىلگەن ئۇماچتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ تۈردىكى قوچىۋېتىلگەن نەرسىلەر دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك غايىلارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ھېچ ئىشقا ئەسقاتمايدىغان “چوڭ بىر پادا” ، بىر قوتان ھايۋانى مىجەزلىك مەخلۇقلارلا ئوتتۇرغا چىقىدۇكى، ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتنى قوغدىيالايدىغان، مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرالايدىغان سۈپەتلىك ئادەم ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەنە شۇنداق ۋەزىيەت ئوتتۇرغا چىققان كۈنلەردە، ئىنسانىيەت ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىن ۋاز كېچىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ھېساپلىنىدۇ.
ئەگەر دۇنيانىڭ ئەنە شۇنداق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايدىكەنمىز، گېرمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، ھەممىدىن بۇرۇن يېڭىدىن شالغۇتلىشىش ھەرىكىتىنى قەتئىي تۈردە توساشتىن ئىبارەت بولىشى كېرەك دەيدىغان قاراشقا ھەممە بىردەك ئاۋاز قوشۇشى شەرت. زامانداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان سۈپرەندە مەخلۇق ئەۋلاتلىرى تەبىئىكى بۇ قاراشلارغا دەرھال ۋارقىراپ-جارقىراپ قارشى چىقىشقا، مەن ئوتتۇرغا قويغان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ھوقۇقى دېگىنىمگە قارشى چىقماقتا دېيىشىپ مېنى قارىلاشقا كىرىشىشلىرى تەبىئىي. ئەسلىدە، ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا مۇقەددەس ھوقۇقى بار، شۇنىڭدەك بۇ ھوقۇقى ئۆز ۋاقتىدا يەنە ۋەزىپىلەرنىڭمۇ ئەڭ مۇقەددەسلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ: بۇنداق ھوقۇق، بۇنداق بىر ۋەزىپە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ لاياقەتلىك بولغان كىشىلەرگە تېخىمۇ تولۇق ئىلگىرلەش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق قېنىنىڭ ساپ ھالدا ساقلىنىشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئىرقچى بىر دۆلەت ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆي تۇتۇشنى ئىرقىنى بۇلغايدىغان پاتقاقلىقتىن تارتىپ چىقىرىشى، ئۇنىڭغا ئادەم بىلەن مايمۇن ئوتتۇرسىدا قالغان غەلىتى مەخلۇقلارنى تۇغۇپ بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى تەڭرىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان ئۇنسۇرلارنى يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مۇقەددەس ھۇجرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
ئىنسانى سەۋەپلەر دېيىشىۋالغان نەرسىلەرنى باھانە قىلىشىپ مەن ئوتتۇرغا قويغان ئىلمى قاراشلارغا قارشى يۈكسەلگەن نارازىلىق شاۋقۇنلىرى  بىر تەرەپتىن بارلىق پەس ئىرىقتىكىلەرگە كۆپىيىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەۋلاتلىرى بىلەن زامانداشلىرىغا تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ پەيدا قىلىدىغان دورىلار بارلىق ئاپتىكىلاردا ۋە يايمىچىلاردا سېتىشقا يول قويۇلۇپ، ئەڭ ساغلام ئاتا-ئانىلارغا تۇغۇت چەكلەش پۇرسىتىنى تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ مېنىڭ دېگەنلىرىمگە قارشى جار سېلىشلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قانۇنى ھەققى دەپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش مىللەتچى بۇرژۇئازلارنىڭ مۇقىملىقنى، ئامانلىقنى ساقلاۋاتىدۇ دەپ قارىشىۋاتقان بۇ دۆلەت، سىبلىس، ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياكى بولمىسا تۇغما مېيىپ، تۇغما دۆتلەرنىڭ كۆپىيىش ئورگانلىرىنى ئېلىپ تاشلاش ئىشىنى بىر تۈرلۈك جىنايەت دەپ ھېساپلىماقتا. بۇنىڭ ئەكسىچە ساغلام بولغان مىليونلىغان ئادەمدىن نەسىل قالدۇرۇش ھەققىنى تارتىپ ئېلىشنىڭ قىلچە يامان تەرىپى يوق دەپ قوبۇل قىلىنماقتا. بۇنداق ئىشلار ئىككى يۈزلىمىچى جەمىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە زىت كەلمەيدىكەن، ھەتتا ئۇنداقلارنىڭ ئەقىل ئىشلىتىشتىن قىرىق، كۆرمەسكە سېلىۋېلىشلىرىدىن سۈيىنىپ كېتىشمەكتە. چۇنكى، ئۇنداق بولمىسا ئىرقىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، مىللىتىمىزنى ياشاتقۇزۇشنىڭ يوللىرىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ئارتۇق باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇشىدىن قورقۇشىدۇ.
بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تۈزۈم، ھەقىقەتەنمۇ غايە، ئۈمىدۋارلىق، پەزىلەت دېگەن ئۇقۇملاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالدا تۇرماقتا! كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ھېچ كىم ئەھمىيەت بەرمەي، ھەممە ئىشنى بولىشىغا تاشلاپ قويۇشماقتا. بۈگۈنكى چىركاۋلارنىڭ ئەھۋالىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ چىركاۋلار تەڭرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئەسىرى بولغان، پوپ-كاردىناللارمۇ شۇنداق دەپ تونۇيدىغان ئىنسانغىمۇ لايىق بولغان ھۆرمىتىنى كۆرسەتمەي كېلىشمەكتە. ئۇلار روھ ھەققىدە بىر نېمىلەر دېيىشكىنى بىلەن، روھنىڭ ئورنى ھېساپلىنىدىغان ئادەمنىڭ “پرولېتارىيات” ھالىغا چۈشۈپ قېلىشىغا كۆز يۇمۇپ ئۈن چىقىرىشمايدۇ. ئاندىن خىرىستىيانلىق ئېتىقادىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تەسىرىنى يوقۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقى، جىسمانى جەھەتتە كۆرۈلگىنىدەك ئەخلاقى جەھەتلەردىمۇ بىرگە بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان بۇ ۋەيرانە تەبىقە كىشىلىرىنىڭ كىشىنى چۈچۈتكىدەك “دىنسىزلىشىشى” گە قاراپ ھاڭ-تاڭ قېلىشىدۇ. بۇنىڭ دەردىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئافرىقا قىتئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوتانتولارغا، غافرىسلارغا خىرىستىيانلىقنى تارقىتىش ئارقىلىق ئارام تاپماقچى بولىشىدۇ. ئەسلىدە ياۋرۇپادىكى مىللەتلەرنى، يەنى تەڭرىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئادەملىرىنى ئەخلاقى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىكى كېسەللىك چىرمىۋېلىپ، ئۇلارنى تەدرىجى غاجىلاپ تۈگىتىشكە كىرىشتى. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان قالاق دىن تارقاتقۇچى كىشىلىرىمىز ئافرىقىنىڭ يولىغا چۈشۈپ نېگىرلار ئۈچۈن دىن تارقىتىش نوقتىلىرىنى قۇرۇپ يۈرمەكتە. بىزنىڭ ئۈستۈن مەدەنىيىتىمىزنى بۇ ئىپتىدائى قالاق قەبىلىلەرگە ئۆگۈتۈپ، ئۇلارنى ھۇرۇن شالغۇتلاشقان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھە-دەپ كۈچ چىقىرىشماقتا.
بىزدىكى ھەر ئىككىلا خىرىستىيان مەزھىبى زەنگىلەرنى (نېگىرلارنى دېمەكچى − ئۇ.ت) ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەتتا شۇنچە ئۈگەتسىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان ئوقۇش بىلەن قىيناپ يۈرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋرۇپالىقلارغا قارىتا سەھىيە ئىشلىرى جەھەتتە پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ خىزمەت قىلغان بولسا، بەلكىم ئۇلاردىن تەڭرى تېخىمۇ بەك رازى بولغان بولاتتى.  يەنى كېسەل ئازاۋىدا قىينىلىپ ياتقان مېيىپ بىر بالىنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇ بالا بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ بىر ئۆمۈر جاپا ئىچىگە قويغىنىدىن، ئۇنىڭ ئورنىغا بىجىرىم، بەستلىك بىرەر يېتىم بالىنى بالا قىلىپ بېقىۋالغان بولسا تېخمۇ ساۋاپلىق ئىش قىلغانلىق ھېساپلىنىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلغان بولسا، بۇ پوپلار ئىنسانلىق ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەنلىك ھېساپلىناتتى.
ئىرقچى بىر دۆلەت، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جەھەتتە سەل قاراشلار سەۋىبىدىن پەيدا قىلغان بارلىق زىيانلارنىڭ ئورنىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئىرقچى دۆلەت، ئىرقنى جامائەت پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئىرقنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ؛ شۇنىڭدەك يەنە، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مۈلكى “پەرزەنت” ئىكەنلىكىنى ئاشكارە جاكالايدۇ. شۇ ئارقىلىق ساغلام كىشىلەرنىڭلا پەرزەنتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ھەر قانداق تەلەپتە بولۇشنى نومۇس دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئىرقچى دۆلەت شۇ نەرسىنى ئوچۇق ئاشكارە ئوتتۇرغا قويىدۇ: كېسەلمەن، مېيىپ تۇرۇغلۇق بالا تاپىمەن دېيىش ئەڭ نۇمۇسسىز ھەرىكەتتۇر! شۇنداق ئىكەن، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسى بۇ دۇنياغا ئۆزىگە ئوخشايدىغان مېيىپ پەرزەنت كەلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىش بولىشى كېرەك. ئىرقچى دۆلەت مىللىتىنىڭ بەستلىك پەرزەن تۇغۇپ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ ئەڭ ئېغىر گۇناھ ھېساپلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولىشى كېرەك. ئىرقچى دۆلەت، بۇنداق بىر ئىشقا ئارىلىشىش ھەققىگە ئىگە. چۇنكى، بىر مىللەتنىڭ مىڭلارچە يىللىق كىلەچىكى بۇ دۆلەتكە تاپشۇرۇلغان. بۇنداق بىر ئىستىقبال ئالدىدا شەخسىلەرنىڭ ئارزۇلىرى، شەخسىيەتچىلىكى ھېچ نېمىگە ئەرزىمەيدۇ. شەخسىلەردىمۇ دۆلەتنىڭ بۇنىڭدەك بەلگىلىمىلىرىگە بوي سۇنۇشتىن باشقا تاللاش ھەققى بولماسلىقى شەرت. دۆلەتمۇ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى ئېنىق بايان قىلالىشى ئۈچۈن ئەڭ زامانىۋىي مىدىتسىنا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك. كېسىلى ئېنىق، ئىرىسىي كېسەللىك كۆرۈلگەن بىرسىدىكى بۇنداق كېسەللىك پەرزەنتلىرىگە مىراس بولۇپ ئۆتىدىغانلا ئېھتىماللىق بولىدىكەن، بۇنداق بىرسىنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ھەققىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلىش كېرەك. شۇنىڭدەك بۇنداق مېيىپ ئادەملەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىمكانىيەتلىرىنى ماددى جەھەتتىن چەكلەپ تۇرۇش كېرەك. بۇلاردىن باشقا يەنە، ساغلام بىر ئايالنىڭمۇ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتەك تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن نىممىتى − تۇغۇشچان قابىلىيىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى سىياسەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. ئەگەر دۆلەت ئوتتۇرغا چىقىپ تۇغۇت چەكلىمىسىنى ئوتتۇرغا قويغىدەك بولىدىكەن، بۇنداق ئىش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن، كىلەچەك ئۈچۈن بەكلا ئېغىر بالايى ئاپەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دۆلەت ئۆزىنى بۈگۈنكى كۈندە كورىلىۋاتقىنىدەك پەرزەنت كۆرەلەيدىغان ئائىلىلەردە ئىجتىمائى شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئوتتۇرغا چىققان بالا بېقىشتىن ھۇرۇنلۇق قىلىشقا، پەرزەنتلىك بولۇشقا قىزىقماسلىقلارغا، ھەتتا بۇنىڭدەك بىر جىنايى ئىشلارغا يول قويۇشىدىن دەرھال ۋاز كەچتۈرۈشى، بىر مىللەتنىڭ تەڭداشسىز بايلىقى ھېساپلىنىدىغان ساغلام ئەۋلات يېتىشتۈرۈش ئىشىنىڭ، ئالى ئىرقنىڭ پەرزەنت قالدۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىنتايىن شەرەپلىك بىر ئىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھىمايىچىسى دەپ تونىشى شەرت. قىسقىسى، دۆلەتنىڭ دىققىتى چوڭلارغا قارىغاندا بالىلار ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولىشى كېرەك.
جىسمانى ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردە ساغلام بولمىغان، شۇ سەۋەپتىن ئىجتىمائى نوقتىدىن بىرەر قىممىتى بولمىغان بىرسى ئۆزىنىڭ مېيىپلىكىنى، كېسىلىنى پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرماسلىقى كېرەك. ئىرقچى دۆلەتنىڭ بۇ تۈر تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدىكى ۋەزىپىسى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ قىممىتى كەلگۈسىدە بۇرژۇئازىيە جەمىيىتىنىڭ ئۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن بۈگۈنكى غالىبىيىتىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئىرقچى دۆلەت، خەلقىگە تەلىم-تەربىيە يولى ئارقىلىق كېسەلمەن ۋە ئاجىز بولۇش نومۇس قىلغىدەك بىر ئىش بولمىسىمۇ، ئىچ ئاغرىتقىدەك بىر بالا-قازا ئىكەنلىكىنى، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ بۇنداق بىر پالاكەتچىلىكنى ئۆزىدىن بولغان بىگۇنا بىر بالىغا مىراس قالدۇرىشى، بالىسىنىمۇ بۇنداق جاپاغا تەڭ شىرىك قىلىۋېلىشى نومۇس قىلارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. كىشىلەر ئۆزى تېپىۋالمىغان بولسىمۇ ئۆزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىرىسى كېسەللىكىدىن قىينىلىپ يۈرگىنىنى بىلىپ پەرزەنت كۆرۈش ئىشىدىن ۋاز كېچىشى، ئۆز سۆيگۈسىنى، مىھرىبانلىقىنى ئۆز ئىرقىدىن بولغان، كىلەچەكتە قۇدرەتلىك ۋەتىنىنىڭ بەستلىك پۇخراسىغا ئايلىنالىشى مۇمكىن بولىدىغان ساغلام بىرەر يېتىم بالىغا كۆرسەتكىنىدە بۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئىسىل بىر ئىش قىلغانلىقى، كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ مەدىھە ئوقۇغىدەك ياخشى ئىش قىلغان ھېساپلىنىدۇ. دۆلەت ئەخلاقى جەھەتلەردە بۇ تۈردىكى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى بىجا كەلتۈرگىنىدىن كېيىن، ئەمەلى ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتسە بولىدۇ. بۇ تۈردىكى پىرىنسىپلارغا ئاساساسەن مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلغىنىدا، چۈشىنىشمەسلىكلەر، قوبۇل قىلىنىش ياكى رەت قىلىنىشلاردىن غەم قىلىپ يۈرىشىنىڭمۇ ھاجىتى بولمايدۇ.
ئەگەر جىسمانى جەھەتتە بۇزۇقلۇق كۆرۈلگەن ياكى نېرۋا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئالتە يۈز يىلغىچە پەرزەنت كۆرۈشتىن چەكلەنگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت بىر مۇنچە قورقۇنۇشلۇق دەرتلەردىن قۇتۇلغان، بۈگۈنكى كۈندە ئېرىشىشنىمۇ پەرەز قىلىشقا بولمايدىغان بەستلىك، ساغلام ۋۇجۇتقا ئېرىشىپ ئىنتايىن بەخىتلىك ياشىغان بولاتتى. مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ساغلام، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ بەستلىك ئادەملىرىنىڭ نەسىل قالدۇرۇشىنى ئاڭلىق تۈردە، سىستېمىلىق تۈردە يولغا قويغىنىمىزدا، ھېچ بولمىغاندا ئاۋال جىسمانى جەھەتتە، ئاندىن بۈگۈن بىز دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان روھى بۇلغۇنۇشلارغا سەۋەپچى بولىۋاتقان سەۋەپلەردىن تازىلانغان بىر ئىرىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىز ئېنىق. چۇنكى، بىر مىللەت، بىر دۆلەت بۇنداق بىر توغرا يولنى تاللاپ ئالغىنىدا، ئىرقىنىڭ ئەقەللى قىممىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەۋزەللىكلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، بۇ ئۇلۇغ ساۋاپلىق ئىش ئۈچۈن پۈتۈن خەلقىمىز جەلىپ قىلىنىپ كۆپلەپ تۇغۇشقا كىرىشەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق سائادەتلىك، ئەخلاقلىق بىر تۈزۈم ئىچىدە ئېسىل بىر ئىرقنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ ئىشلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر دۆلەت ھەممىدىن ئاۋال يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن زېمىنلىرىنى بويسۇندۇرۇش ئىشىنى تەلەيگە باغلاپ قويماسلىقى، بۇنداق مۇستەملىكە قىلىش ئىشىنى بەلگىلىك قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرىشى كېرەك. مەخسۇس تەشكىل قىلىنىدىغان “ئىرق ھەيئەتلىرى” ھەر ئادەمگە مۇستەملىكە پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش رۇخسەت قەغىزى بېرىش كېرەك. بۇنداق بىر رۇخسەت قەغىزىنى ئالالىشى ئۈچۈن بەلگىلىك بىر ئىرق ساپلىقى، بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھۈججەتلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى شەرت قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى مۇستەملىكە قىلىنغان يەرلەر ئاستا-ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغان بۇ يەرلەردە ئەڭ ساپ ئىرق ۋاكالەتچىلىرى يەرلەشكەن بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ ئىرقنىڭ ئەڭ ئۈستۈن قابىلىيەتلىرىگە ئىگە كىشىلەر ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىگەن ھېساپلىنىدۇ. بۇ تۈر ئۆزلەشتۈرۈلگەن جايلار پۈتۈن خەلقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بايلىق مەنبەسىگە ئايلىنالايدۇ. ئۇنداق يەرلەرنىڭ تەرەققىياتى خەلقىمىزنىڭ ھەر بىرسىنى غۇرۇرلاندۇرالايدۇ ۋە خاتىرجەملىك بەخىش ئېتەلەيدۇ. چۇنكى، بۇ مۇستەملىكىلەر مىللەتنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن بەخىت يارىتىدىغان ئۇرۇقلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرالايدىغان بولىدۇ.
ئەڭ مۇكەممەل بىر دەۋرنى يارىتىش ئىشى، ئىرقچى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويالايدىغان ئىرقچى دۆلەتكە مەنسۈپ بولىشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق، ئىنسانىيەت ئىشىت، مۈشۈك ۋە ئات دېگەندەك ھايۋان نەسىللىرىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن ھەپىلىشىش ئورنىغا، ئاساسلىقى ئادەم ئىرقىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بولىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخى بۇنداق بىر دەۋرگە كىرگىنىدە، رىياللىقنى كۆرەلەيدىغان، نەسىل قالدۇرۇشلاردىكى زىيانلىق ئىشلارنى بىلەلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر سۈكۈت قىلىپ ئۆز ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىشى، يەنە بەزىلىرى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالىغانلىقىنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلىپ بەخىتلىك ھايات كۆچۈرىدۇ. يۈز مىڭلىغان ئادەمنىڭ دىنى ئادەتلەردىن باشقا ھېچ قانداق بىر چەكلىمە بولماي تۇرۇغلۇق بويتاق ئۆتۈپ كېتىش يولىغا كىرىۋېلىشقا رازى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق خاتا يولدىن ۋاز كېچىپ، قەلبىدىن رازى بولىدىغان بۇنداق بىر دەرگە ھېچكىم ياق دېيەلمەيدۇ.
ئەگەر، چىركاۋلار بويرۇق قىلىش ئورنىغا تەنتەنىلىك بىلەن، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئادەم پەيغەمبەر سادىر قىلغان گۇناھقا خاتىمە بېرىش، ياراتقۇچىغا تەڭرىنىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە ياراتقان ئادەملىرىگە ئوخشايدىغان ئىنسان نەسىلىنى سوۋغا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس چۈشەنچە بېرىلگەن بىرەر چاقىرىقنى ئېلان قىلغىدەك بولسا، بۇنداق توغرا يولغا كىرىشنى نېمە ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلالمادىكەنمىز؟
قىلچە شۈبىھە يوقكى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇ بىچارە بۇرجۇئازلار پادىسى بۇنى قەتئى ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر غايىنى ئاڭلاپ مازاق قىلىپ كۈلگىنىچە كېلەڭسىز مۆرىلىرىنى قىسىشىپ ئوھ تارتقىنىچە، ئادەت قىلىۋېلىشقان باھانىلىرىنى تەكرارلىشىپ مۇنداق دېيىشى مۇقەررەر: “بۇ دېگىنىڭلار پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالغاندا ياخشى گەپ بولغىنى بىلەن، ئۇنداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!” ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق بىر دۇنيا ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس. بۇرجۇئازلارنىڭ بىردىن بىر غېمى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، ئۇلارنىڭ چوقۇنىدىغان بىردىن-بىر نەرسىسى − پۇل! ئەمما بىز ئۇنداق مەخلۇقلارغا چاقىرىق قىلمايمىز. بىز ئۆز جېنىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ زور بەختىيارلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقىمۇ ئەسقاتماي نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان كەمبەغەل كىشىلەرگە، پولنى تۇرمۇشىنى ئوڭشىۋېلىشقا ياردەم قىلىدىغان ئىلاھ دەپ تونىمايدىغان كىشىلەرگە، پۇلدىن باشقا ئىلاھلارنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان ئىنسانىيەت قوشونىغا خىتاپ قىلماقتىمىز. بىز ئالدى بىلەن قۇدرەتلىك نېمىس ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇنغا خىتاپ قىلماقتىمىز. بۇ ياشلىرىمى تارىخنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نوقتىسى ھېساپلىنىدىغان بىر دەۋردە ياشىماقتا. ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ھۇرۇن ۋە پەرۋاسىزلىقى بۇ ياشلار قوشونىنى كۈرەش قىلىشقا مەجبورلىماقتا. نېمىس ياشلىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېڭى بىر ئىرقچى دۆلەتنىڭ ئېنجىنېرلىرىغا ئايلىنىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇلۇپ ۋەيران بولۇشنىڭ، بۇرجۇئازىيە دۇنياسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھىتلىرىغا ئايلىنىدۇ. چۇنكى، بۈگۈنكى كۈندىكى بۇرجۇئازىيە سىنىپىنىڭ سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش، پۈتۈن بىر ئەۋلات سۈكۈت قىلىپ رازى بولغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئازاپلىنىۋاتقىنىدا، بۇنىڭغا ئامال يوق دەپ تەغدىرىگە بوي سۇنۇپ جىم ئولتۇرغىنىدا، بۇنداق بىر دۇنيا يوقۇلۇشقا مەھكۈم بىر دۇنيا ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلالماسلىق، بىزنىڭ بۇرجۇئا جەمىيىتىمىزنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. ئۇلار چىرىپ نىقسىپ كەتكەن بىر مۇنچە نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ تۇرۇغلۇق، بۇ تۈردىكى ناچار ئەھۋاللارغا قارشى بىرەر ھەرىكەت پەيدا قىلىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە بۇرجۇئازىيە سىنىپىدا ئاتمىش-يەتمىش مىليونلۇق بىر خەلقنى خەۋىپكە قارشى كۈرەش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىشقا غەيرەت قىلغىدەك كۈچى يوق. ئەگەر بۇنىڭدەك بىر كۈرەش باشقا بىر يۇرتتا مەيدانغا كەلگىدەك بولسا، بۇ ھەقتە ئاخماقانىلارچە مۇلاھىزىلەرنى قىلىشىپ، نەزەرىيە جەھەتتە  بۇنداق بىر كۈرەشكە ئاتلىنىشتىن قىلچە نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى، ھەرگىز نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ تۈردىكى پاپىلار بىچارە قىياپەتلىرىنى، كۆزقاراش ۋە ئەخلاقى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىۋېلىشى ئۈچۈن نەقەدەر ئاخماقانە ئىسپات ياكى مۇلاھىزىلەرنى تاپالىسا ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشىدۇ. ئالايلۇق، پۈتكۈل قىتئە بويىچە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر بىلەن زەھەرلىنىشىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىنغىنىدا، پۈتۈن خەلق ئاممىسىنى بۇ تۈر ۋەيران قىلارلىق ئادەتتىن قوتقازماقچى بولىۋاتقىنىدا، ياۋرۇپادىكى بۇرجۇئازىيە دۇنياسى بۇ ئىشتىن گۇمان قىلىشىپ كۆزلىرىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە باش چايقاپ تۇرىۋېلىشىدۇ. ھەمدە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان بۇ ئىشلارغا بىر چەتتە تۇرۇپ شاڭخو قىلىپ كۈلىشىدۇ. بۇرجۇئازلارنىڭ بۇ تۈردىكى قىياپىتى بۇنداق كۈلكىلىك بىر جەمىيەتكىلا ماس كېلىشى مۇمكىن: ئەمما بۇرجۇئازلار بۇ تۈردىكى يۈزەكى تەدبىرلەر قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەي بىرەر نەتىجە چىقمىغانلىقىنى كۆرگىنىدە، دېۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە قېلىپلىشىپ كەتكەن چېقىلغىلى بولمايدۇ دەيدىغان ئىسىلزادىلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغالغىدەك بولسا، بۇ ئىشتىن بىرەر نەتىجىگىمۇ ئېرىشكەن بولسا، بىزدىكى لىمجان بۇرجۇئازىيە سىنىپى يوقىرىدا توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قارىلاش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشىدۇ. ھېچ بولمىغاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇتۇقتىن گۇمانلىنىشنى پەيدا قىلىدىغان، قىممىتى يوق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان تەشۋىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇلار بۇرجۇئازىيە ئەخلاق چۈمپەردىسىگە ئورۇنىۋېلىپ دۇنيانى ئەڭ ئېغىر ئەخلاقسىزلاردىن قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنى قارىلاش ھەرىكىتىنى قوزغاشتىنمۇ باش تارتمايدۇ.
ياق، ياق، بۇ جەھەتتە ھېچ كىم خامخىيال قىلىشمىسۇن: بۈگۈنكى بىزنىڭ بۇرجۇئازلىرىمىز ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئالى ۋەزىپىلەرنىڭ ھېچ بىرىنى ئورۇنداش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلار ھېچقانداق بىر ئاساسقىمۇ ئىگە بولمىغىنىدەك، چېكىدىن ئاشقان رەزىل نەرسىلەردۇر. بۇنداق ئەھۋال، مېنىڭچە بولغاندا يامان نىيەتلىك بولغاندىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمىغىدەك دەرىجىدىكى بوشاڭلىقى، بۇنداق بوشاڭلىقتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرنىڭ نەتىجىسى دېيىش كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، “بۇرجۇئازىيە پارتىيىسى” دەپ ئات قويىۋالغان سىياسى جەمىيەتلەر ئۇزۇندىن بېرى بەزى سىنىپلار بىلەن بىر قىسىم كەسىپى ساھەدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان جەمىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇلارنىڭ ئاساسى غايىسىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە. روشەنكى، سىياسەتۋاز بۇرجۇئازلارنىڭ بۇ تۈردىكى ھەمكارلىقى ھەرگىزمۇ بىرەر كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىگە ئېرىشتۈرەلمەي كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلارغا رەقىپ بولىۋاتقان كۈچلەر بايلىق ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغان پۇلدارلاردىن بولماي ئەڭ كۈچلۈك تۈردە توپىلاڭغا كۈشكۈرتىلىۋاتقان، پۈتۈن زوراۋانلىقلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان پرولىتارىيات تەبىقىسىدىكىلەر ئارىسىدىن چىققىدەك بولسا، بۇ رەقىپلىرى ئالدىدا قولىدىن ھېچ نېمە كەلمەي ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

ساغلام ئەۋلات يېتىشتۈرۈش
بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپىسى مۇنداق بولىشى كېرەك دەپ خۇلاسە چىقىرالىشىمىز مۇمكىن: خەلقنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان، خەلق مەنپەئەتىنى ئۆزىگە غايە قىلغان دۆلەتنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى ئەڭ ئېسىل ئىرق ئۇنسۇرلىرىنى قوغداش، ئۇلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ تەرەققى قىلىشلىرى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى مىللىتى بىلەن ئىرقىغا پايدىلىق ئەۋلات يېتىشتۈرۈش بولىدىغانلىقىمۇ مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، دۆلەت بۇ ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى جەمىيەتكە پايدىلىق كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلەشتۈرەلەيدىغان كۈچكە ئىگە ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇر.
ئادەتتە شەخسىلەرنىڭ ئەقىل جەھەتتە ئۆنۈملۈك خىزمەت قىلالايدىغان بولىشى ئىرقلارنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانىكەن، ھەر بىر ئادەمنى تەربىيىلەشىنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىمۇ  جىسمانى جەھەتتە ساغلام چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ساغلام يېتىشتۈرۈش بولىشى كېرەك. چۇنكى، يوقۇرىدا ئېيتىلغاندەك، ئومۇمەن ئالغاندا جانلىق ۋە توغرا پىكىرلىك مىڭە پەقەت ساغلام ۋە كۈچلۈك بەدەندىلا بولىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئاتاغلىق داھى كىشىلەرنىڭ ئاجىز، ھەتتا مېيىپ بەدەنگە ئىگە بولۇشلىرى بۇ پىرىنسىپنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى باشقا ھەر قانداق بىر ئىشتا كۆرۈلۈپ تۇرغىنىدەك ساغلام مىڭە ساغلام بەدەندە دەيدىغان ئومۇمى پىرىنسىپقا دەخلى كەلتۈرەلمەيدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردۇر. ئەگەر بىرەر مىللەت سۈپىتى تۆۋەن ئادەملەردىن تەشكىل تاپقان بولسا، بۇنداق بىر پاتقاقلىق ئىچىدىن ئۇلۇغ بىر ئىقتىدار ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇنداق مېيىپ بىر جامائەت ئارىسىدىن چىقىدىغان داھىنىڭ جەمىيەتتىكى ئابرويى بىلەن ئۇنىڭ جەمىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ يوق دىيەرلىك بولۇپ قالىدۇ. ياكى بولمىسا بۇنداق سۈپەتسىز مىللەت خەلقى ئۆز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇلۇغ كىشىسىنىڭ قىممىتىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ ياكى جاسارىتى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق بىر ئاۋانگارتنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭالمايدۇ.
بۇ تۈر ئەمەلىيەتنى بىلگەن ئىرقچى دۆلەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ بىلىمنى مېڭىلەرگە ھېسىپ قۇيغاندەك سىقىپ قۇيغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق بىر دۆلەتتە ئەقلى قابىلىيەتلەرنى يېتىشتۈرۈش ئىشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋەزىپە دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار مىجەز-خاراكتىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى جاسارەتلىك بولۇش، كەسكىن بولۇش جەھەتتىكى تەربىيىگە ئەڭ بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ. يەنى ياشلارنى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىگە مەسئولىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرپ، بىلىم بېرىش ۋەزىپىسىنى بۇ ئاساس ئۈستىگە تىكلەيدۇ.
ئىرقچى دۆلەتنىڭ ھەرىكەت پىرىنسىپى مۇنداق بولىدۇ: بىلىم سەۋىيىسى بىلەن مەدەنىيەت سەۋىيىسى باشلانغۇچ سەۋىيىدە قالغان بولسىمۇ، بەدىنى ساغلام، ئىرادىسى مۇستەھكەم ۋە كەسكىن ھۆكۈم بېرەلەيدىغان شەكىلدە يېتىشىپ چېنىققان بىرسى، مىللىتى ئۈچۈن ئەقلى كۈچى قايسى دەرىجىدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىرەر سالامەتلىكى ناچار ياكى مەجروھقا قارىغاندا مىڭ ھەسسە پايدىلىق. جىسمانى جەھەتتە سۈپىتى تۆۋەن، ئىرادىسىز، قورقۇنچاق تېنچلىقپەرۋەرلىك بويىچە پىكىر قىلىدىغان زىيالىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر خەلق، ھېچقاچان جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. ھەتتا بۇ دۇنيادىمۇ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. تەغدىرنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بۇ مۇشكۈل كۈرەشتە بىلىم سەۋىيىسى تۈۋەنىرەك بولغانلارنىڭ مەغلوپ بولىدىغانلىقى بەكلا كام كۆرۈلىدۇ. مەغلوبىيەت، ھەر دائىم بىلىم سەۋىيىسى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى قورقۇنچاقلىقى سەۋەبىدىن كەسكىن بولالمايدىغان، ھەرقانداق بىر ئىشتا قورقۇپ تىتىرەپ تۇرىدىغان كىشىلەرگىلا خاس بىر ئەھۋالدۇر. قىسقىسى، بەدەن بىلەن روھى ھالەت چوقۇم ئۆزئارا ماسلىشىپ كەلگەن بولىشى كېرەك. ۋۇجۇدىنى كېسەل قاپلاپ كەتكەن بىر بەدەن، ئەقلى كۈچىنى ھەرقانچە يوقۇرى كۆتەرسىمۇ ھەرگىز ئوڭشىلالمايدۇ. ھەتتا تۇغما مېيىپ، كۈچ-قۇدرىتى يوق، ئىككىلىنىپلا يۈرىدىغان قورقۇنچاق، مەجرۇھ بىرسىنى ئەقلى جەھەتتىن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىمەن دېيىش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ناھەقچىلىك ھېساپلىنىشى كېرەك. قېدىمقى يونانلارنىڭ گۈزەللىك چۈشەنچىلىرىنى مەڭگۈ ياشناتقان نەرسە، ئەڭ بىجىرىم بەدەن گۈزەللىكى، ئەقىللىق بولىشى ۋە ئېسىل روھى پەزىلىتىنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ماسلىشىپ بىر يەرگە كەلگەنلىكىدىن كەلگەن.
مولتكېنىڭ “تەلەي ھەر دائىم قابىلىيەتلىكنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ” دېگەن سۆزىنى ئەگەر توغرا دەپ ھېساپلىساق، ئۇ ھالدا، ئەقىل − ساغلام بەدەندىلا ئورۇن ئالالايدۇ دېيەلىشىمىز مۇمكىن.
ئىرىقچى دۆلەتتە تەن ساغلىقنى ساقلاش ئىشى شەخسىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. شۇنىڭدەك، بۇ ئىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆستىگە يۈكلىنىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. سالامەتلىك مەسىلىسى، شەخسىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئارىسىدا ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ۋەزىپە بولۇپ، بۇ ئىش ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى بولىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى، ئۇنىڭ ئاسىرايدىغىنى ئىرق بولۇپ، دۆلەت مىللىتىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، دۆلەت پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر مەسىلىلەردە شەخسىلەرنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويماي، پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى ئوقۇشقا زورلىيالىغىنىغا ئوخشاش، ئىرقچى دۆلەتتە مىللەتنىڭ مۇداپىيە قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق مەسىلىلەردە شەخسىلەرنىڭ قالاقلىقلىرىغا ياكى خاتا قاراشلىرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ رولىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر. مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ياشلارنىڭ بەدىنىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك غايىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە يېتىلدۈرۈپ ۋە تەشكىللەپ تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ پارنىكتا ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەردەك نازۇك نەسىل يېتىشتۈرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.
بۇ تۈردىكى تەربىيىلەش ۋە سالامەتلىك ئىشلىرىنى ئالدى بىلەن ياش ئانىلاردىن باشلاپ ئەمىلىلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ جەھەتتە بەش-ئون يىل مابەينىدە قىلىنغان سىناقلاردا، ئاياللارنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇشلىرىنى كاپالەتلەندۈرەلىگەنلىكىنى، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مىكروپتىن، قىزىتما كېسەللىكلىرىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. كېسەلگە قارايدىغانلار بىلەن ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى ئومۇمىي يۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، بالىلارغا بۇۋاق ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. ئىرقچى دۆلەت، مەكتەپلەردە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەك. ياش مىڭىلەرنى كېرەكسىز بىلىملەر بىلەن توشقۇزۇش ھەرگىز توغرا ئەمەس. ئەمەلىي تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كاللىسىدا قالىدىغان بىلىملەر پەقەت پارچە-پارچە شەكلىدە ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنىڭ مۇھىم قىسىملىرى بولسا ئەقلىدە قالمايدۇ. ھېچ قاچان ئىشلىتىش پۇرسىتى بولمايدىغان ئادەتتىكى نەرسىلەرلا ئۇلارنىڭ ئېسىدە قالىدۇ. مىڭىسى بۇنداق بىلىملەر بىلەن لىق تولدۇرۇلغان بىر ئۆسمۈر، بۇ ئۆگەنگەنلىرى ئىچىدىن ئەقىلگە مۇۋاپىق، سېلىشتۇرما بىلىملىرىنى تاللاش، رەتكە سېلىش، كېرەكسىزلەرنى چىقىرىپ تاشلاش جەھەتلەردە ئۇنچە بەك قابىلىيەتلىك ئەمەس. بۈگۈنكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئىككى سائەت تەنتەربىيە دەرسى ئورۇنلاش، بۇ دەرسنىمۇ ئىختىيارى دەرسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ مەجبورى دەرس قىلماسلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈنلا پايدىسىز بولۇپ قالماي، ئەقلى يرتىلىشى ئۈچۈنمۇ قىلچە ياردىمى تەگمەيدۇ. بۇ، بەكلا ئېغىر خاتالىقتۇر. بىر ئۆسمۈر، ھەر كۈنىسى ھېچ بولمىغاندا ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بىرەر سائەت ۋاقتىنى ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكۈزىشى لازىم. بولۇپمۇ بوكسور مەشقى بىلەن شوغۇللىنىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك، ئىرقچىمەن دەپ قارايدىغان كىشىلەر بوكۇسنى بەكلا ۋەھشى، ئەرزىمەس تەنتەربىيە تۈرىدىن بىرى دەپ قارىشىدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك دەپ تونۇيدىغان تەبىقە كىشىلىرى بۇ ئىشقا بەكلا خاتا قاراپ كەلمەكتە. ئەمما بىر ياش قىلىچۋازلىقنى ئۆگىنىپ، قىممەتلىك ۋاقتىنى دويىلغا چىقىش بىلەن ئۆتكەزسۇنو، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە ھېرگىزمۇ خاتا ھېساپلانمايدىكەن. ھالبۇكى، جەڭگىۋارلىق روھنى يتىشتۈرىدىغان، چاقماق تېزلىكىدە ھۆكۈم چىقىرالايدىغان، بەدىنىنى پولاتتەك چىڭ چېنىقتۇرالايدىغان بوكسورلىقتىن باشقا ھېچ بىر تەنتەربىيە تۈرى يوق. ياشلار ئۆزئارا زىدىيەتلىشىپ جىدەل قىلىشقىنىدا مەسىلىنى مۇش بىلەن ھەل قىلىشى ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن ھەل قىلغانچىلىك ۋەھشى ھېساپلانماس ھەرھالدا. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىرسىنىڭ قوپاللىق بىلەن مۇش كۆتۈرۈپ ئۆكتەملىك قىلغۇچىنى مۇش بىلەن قاچۇرالىشى ساقچىغا ئەرز قىلىپ يالۋۇرغىنىدىن ياكى قېچىپ قۇتۇلۇشتەك پەسكەشلىك ھېساپلانمىسا كېرەك؟
ئەڭ مۇھىمى، ياش بىرسى، بەدىنى ساغلام بىرسى تاياق زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىشنىمۇ ئۆگۈنىۋېلىشى شەرت. تەبىئىكى، بۇ پىرىنسىپ بىزدىكى پەزىلەت چىمپىيونلىرىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ۋەھشىلىك بولۇپ بىلىنىدۇ. ئەمما ئىرقچى دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى “تېنچلىق قاراشلىرى بىلەن بۇلغانغان، جىسمانى جەھەتلەردىن ۋەيران بولغان كىشىلەردىن مەيدانغا كەلگەن بىر توپ كىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئەمەس. شۇنىڭدەك ئىرقچى دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرگە سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلىدىغان مىشچان بۇرجۇئازلارنى يېتىشتۈرۈش، ئەخلاقلىق ئەمما قېرىغىچە توي قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغان قېرى قىزلارنى يېتىشتۈرۈشمۇ بولماسلىقى كېرەك. ئىرقچى دۆلەت ئۆزىگە كۈچلۈك، مەرت، جاسارەتلىك يىگىتلەر بىلەن ھەقىقى ئادەم تۇغالايدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللارنى يېتىشتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلغان بولىشى كېرەك.
ئەنە شۇ سەۋەپتىن، تەنتەربىيە بىر ئادەمنى كۈچلۈك، ماھارەتلىك ۋە جۇرئەتلىك قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئۇ ئادەمنى يەنە چېنىقتۇرۇپ ھەرخىل جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىدايدىغان مۇستەھكەم ۋۇجۇتلۇق قىلىشقىمۇ ياردەمچى بولالايدۇ؛ ئەگەر زىيالىلىرىمىز ئۆزى توغرا كۆرگەن يوقۇرى سەۋىيىلىك نەرسىلەرنىلا ئگۈنۈشكە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماي ئۇنىڭ ئورنىغا بىرلا بوكسورچىلىقنى ئۆگەنگەن بولسا ئىدى، ئەخلاقسىزلار، ئەسكەر قاچقۇنلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش كوچا لۈكچەكلەر گۇروھى قوللاپ قۇۋەتلەپ چىققان نېمىس ئىنقىلابىمۇ پەيدا بولماس ئىدى. چۇنكى، بۇ ئىنقىلاپنىڭ غەلىبە قازىنالىشىغا ئىنقىلاپ قوزغىغانلارنىڭ جاسارەتلىك ۋە جۇرئەتلىك بولىشى سەۋەپ بولغان ئەمەس، بەلكى دۆلەتنى باشقۇرىۋاتقانلارنىڭ قورقۇنچاقلىقى، بىچارىلارچە ئىككىلىنىشلىرى بۇ پاجىئەلىك ھالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۇنكى، بىزنى ئىدىيىۋىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلار يالغۇز “ئىدىيىۋى دەرسلەر” نىلا كۆرگەن. ئەمما ئۆكتىچىلەر ئىدىيىۋى قۇرالغا تايانغان بولماستىن ھەقىقى قۇراللار بىلەن، تۆمۈر توخماقلار بىلەن، تاياق-توخماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقىنىدا، مىشچانلىرىمىز قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ئولتۇرۇپ قېلىشقان ئىدى. بۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ، ئالىي مەكتەپلىرىمىز ئادەم تەربىيىلەش ئورنىغا مەمورى كادىر، ئېنجىنېر، تېخنىك، خېمىك، قانۇنچى ۋە ئەدەبىياتچى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزلىرىگە پىرىنسىپ قىلىۋالغانلىقى، بۇنداق كۆزقاراشتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن مەخسۇس پروفېسسورلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى سەۋەپ بولغان. بىزنى باشقۇرۇپ يۈرگەنلەر ئىدىيىۋىي جەھەتتە كۆزىمىزنى چاقنىتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولسىمۇ، غەيرەت كۆرسىتىشكە توغرا كەلگىنىدە بولسا بەكلا قابىلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىشتى.
شۇنىسى ئېنىقكى، تەربىيە − ئەسلىدىنلا قورقۇنچاق بولغان بىرسىنى جاسارەتلىك بىرسىگە ئايلاندۇرالمايدۇ. يەنە شۇنىڭدەك، تەبىئەت تەرىپىدىن جاسارەتلىك قىلىپ يارىتىلغان بىرسى ناچار تەربىيە نەتىجىسىدە جىسمانى جەھەتتە ئاجىز بىرسى بولۇپ يېتىشتۈرۈلگەن بولسا، ئۇنداق بىرسى تۇغما قابىلىيەتلىرىنى يېتىلدۈرەلمەيدىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. جىسمانى جەھەتتە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكى بىلىنگەن بىرسى جاسارەتنى، ھەتتا جەڭگىۋارلىق رھىنى پەقەت ئەسكەرلىكتىلا تولۇق ئىپادىلىيەلەيدۇ. ھەربىلىكتە يالغۇز قەھرىمانلارلا ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدۇ. تەبىئىكى ناچار ئادەملەرمۇ كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، تېنچلىق دەۋرىدە نېمىس ئارمىيىسىنىڭ نەتىجىلىك قانات يايدۇرغان تەلىم-تەربىيەلىرى بۇ چوڭ تەشكىلاتتىكى ھەربىلەرگە شۇنداق بىر ئۆزىگە ئىشەنچ بەخىش ئىتەلىگەن ئىدىكى، دۈشمەنلىرىمىز بۇنداق بىر كۈچ-قۇدرىتىمىزدىن قىلچە گۇمانلىنىپ باققان ئەمەس (بەزى تەرجىمىلەردە زادىلا ئويلىمىغان ئىدى، دەپ ئېلىنغان – ئۇ.ت) نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ 1914-يىل ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەمدە كۈز ئايلىرىدا بىر ئۇرۇش سېپىدىن يەنە بىر ئۇرۇش سېپىغا قاراپ ئىلگىرلىگەن ۋاقتىدا، ئالدىغا چىققان ھەرقانداق بىر توسالغۇنى سىرىپ سۈپۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىدا نامايەن قىلغان تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىقى بىلەن تەڭداشسىز غەيرەت-جاسارەت ئۈلگىلىرى، قىلچە زىرىكمەي قانات يايدۇرۇلغان ئەنە شۇ تەلىم-تەربىيىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. شۇ ئۇزۇن يىللىق تېنچلىق دەۋرلىرىدە ھەربى قىسىملار ئاجىز ۋۇجۇتلۇق ئەسكەرلەرنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پەرەز قىلىنمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشقا كۆندۈرۈپ، بارلىق جەڭچىلەرنى ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. نەتىجىدە ئەڭ قورقۇنۇشلۇق جەڭلەرنىڭ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلىرىمۇ بۇ تۈردىكى تەلىم-تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى تەۋرىتەلمىگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تىز پۈكتۈرۈلگەن، ۋەيرانە ھالغا كەلتۈرۈلۈپ پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇپۇرلۇپ كېلىپ تېپىپ دەسسەشلىرىگە قىلچە قارشىلىق كۆرسىتەلمەس ھالغا چۈشۈرۈلگەن نېمىس خەلقى ئۆزىگە ئۆزى سورىشى شەرت بولغان ھەممە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش تۇيغۇسى بېرىدىغان بۇ كۈچكە ئېھتىياجلىق ھالدا تۇرماقتا. بۇ تۈردىكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى خەلقىمىز بالىلىرىغا ئۈسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا تەربىيىلەش يولى بىلەن سىڭدۇرۇشى لازىم بولماقتا. بارلىق تەلىم-تەربىيە ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى ياش-ئۆسمۈرلەرگە باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق تۈردە ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. جىسمانى جەھەتتە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ياشلار، تەۋە بولغان مىللەتنىڭ قەتئى يېڭىلمەس ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچنى سىڭدۇرگەن بولىشى كېرەك. بۇرۇن نېمىس قوشۇنلىرىنى غەلىبىدىن غەلىبىگە يىتەكلەپ ماڭغان نەرسە، ھەر بىر جەڭچىنىڭ ئۆزىگە ۋە كوماندىرىغا بولغان ئىشەنچ نەتىجىسىدىن كەلمەكتە ئىدى. نېمىس خەلقىنى قايتىدىن قەت كۆتەرتكۈزىدىغان نەرسە ئەركىنلىكىنى قايتىدىن قولغا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشىنىشىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئەمما بۇنداق بىر ئىشەنچ، پەقەتلا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھەر قايسىسىدا كۆرۈلىدىغان ئىشەنچ كۈچىنىڭ يىغىندىسىدىنلا ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، يەنىلا خامخىيال ئىچىگە پېتىپ قېلىشقا بولمايدۇ.
مىللىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر يىمىرىلىشكە دۇچار بولدى. بۇ مىللەتنى بۇ دەرت-ئەلەمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق غەيرەتمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا زور بولىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزگە قارىتا يولغا قويۇلىۋاتقان مۇقىملىق ۋە راھەت-پاراغەتنى مەقسەت قىلىدىغان ھازىرقى بۇرجۇئازلارچە تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ يىمىرىلىشىمىزگە سەۋەپ بولىۋاتقان ئەھۋالىمىزغا خاتىمە بېرىش، بىلىكىمىزدىكى ئەسارەت زىنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قارىتىپ ئېتىش كۈچىنى بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىرسىنى بەكلا پاجىئەلىك، بەكلا ئېغىر بىر خاتالىق ئىچىگە پېتىپ قالغان بىرسى دېيىشكىلا بولىدۇ. يوقاتقان پۈتۈن نەرسىلىرىمىزنى مىللى كۈچ-قۇدرىتىمىزنىڭ قايناپ تېشىشى، مۇستەقىللىق ئىشقى بىلەن قەتئى قايتماس غەيرىتىمىزگە تايىنىپلا قايتا قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

ياشلىق دەۋىر ۋە غايە
ياشلىرىمىزنىڭ كىيىم قىياپەتلىرىمۇ غايىمىزگە ماسلاشقان بولىشى كېرەك. ياشلار “پوپنى پوپ قىلغان ئۇنىڭ يەكتىگى” دېگەن تەمسىلىنى يامان مەنىگە تەرجىمە قىلغان ئاخماقانە مودا قوغلىشىشقا بىرىلىپ كېتىشى مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىيىم قىياپىتى مەسىلىسى تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، تەربىيىلىنىشكە ياردەمچى بولىدىغان بىر ۋاستە دەپ قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. ياز كۈنلىرى ئۇزۇن پەلتو بىلەن، بوينىغىچە ئورىۋالىدىغان كىيىم بىلەن يۈرىدىغان بىر ياش، جىسمانى پائالىيەتلەرگە بەك مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، كىيىم كېچەكلەر ھەۋەس ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى غۇرۇرى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدىغان بولىشى كېرەك. بىزنىڭ ياشلىرىمىز ھەممىلا كىشى ئېلىپ كىيەلمەيدىغان بىر كىيىمگە ئېرىشەلىگىنى ئۈچۈن مەغرلىنىدىغان بولماي، ھەممىلا ئادەم ئېرىشەلمەيدىغان كېلىشكەن بىر بەدەنگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن مەغرۇرلىنىدىغان بولىشى، بەدىنىنى قاملاشقان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېيىنچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
ياش قىزلار ئۆز يىگىتلىرىنى ئېنىق بىلىپ ياخشى تونۇيدىغان بولىشى لازىم. ئەگەر بەدەن گۈزەللىكى زامانىمىزنىڭ مودا قوغلىشىدىغان ئاخماقلىقى سەۋەبىدىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالمىغان بولسا ئىدى، يۈز مىڭلىغان نېمىس قىزى غەلىتى كۆرۈنۈشلۈك يىرگىنىشلىك يەھۇدىي ياشلىرىغا بېرىلىپ كەتمىگەن بولاتتى. بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىش زۆرۈر. ئىرقىمىزغا يېڭىدىن بىر گۈزەللىك ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئەڭ كىلىشكەن بەدەنگە ئىگە بولۇش – مىللىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مەسىلە ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي دەرھال قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك زۆرۈرى بىر مەسىلە. چۇنكى بۈگۈنكىدەك تېنچلىق دەۋرىلىرىدە مەكتەپلەردە ھەربى تەلىم-تەربىيە بېرىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.ئەسلىدە ھەربى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مائارىپ مىتودىدىكى بەزى ئەھمىيەتسىز قاراش ھادىسىلىرىنى تۈزىتىپ كەلمەكتە ئىدى.  يەنى مائارىپ ساھەسىنىڭ پايدىسى كىشىلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى چېنىقتۇرۇش ئىمكانىنى بېرىش بىلەنلا قالماستىن، يەنە ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدىمۇ ھۇزۇر ئاتا قىلالايدىغان نەتىجىلەر پەيدا قىلالايتتى. ئەسلىدىمۇ قىزلار ھەربى بولمىغانلارغا قارىغاندا ھەربىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ياشلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ.
ئىرقچى دۆلەت، ياشلارنىڭ پەقەت مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا بەدەن كۈچىنىڭ يېتىلدۈرۈلىشىگە نازارەتچىلىك قىلىش بىلەن كۇپايە قىلىپ قالمايدۇ. مەكتەپتىن قايتقىنىدىمۇ ياشلارنىڭ ۋۇجۇت يېتىلىشى تولۇق ئاخىرلاشقىچە بۇنىڭ ئۈچۈن لازىم بولغان ئەڭ ياخشى شارائىتلارغا ئىگە قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. دۆلەت، ياشلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىشىغا نازارەت قىلىشنى بالىلار مەكتەپ پۈتتۈرىشى بىلەن توختىتىپ، ھەربىلىككە قوبۇل قىلىنىشى بىلەن قايتىدىن قولغا ئېلىشى كېرەك دەپ قارىشى ئۇچىغا چىققان بىمەنە قاراشتۇر. بۇنداق نازارەت قىلىش ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولىدىغان بىر ۋەزىپە ئەمەس. بۈگۈنكى دۆلەت، پۇخرالىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋاللىرى بىلەن مەشغۇل بولماستىن، بۇ ۋەزىپىسىگە پەقەتلا سەل قاراپ كەلمەكتە. بۇنداق سەل قاراش بىر جىنايەت ھېساپلىنىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت، ياش-ئۆسمۈرلەرنى بەستلىك، قاۋۇل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش ئورنىغا، ئۇلارنىڭ كوچىلاردا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىغا كۆز يۇمۇپ كەلمەكتە.
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قايتقىنىدا ئۇلار بىلەن قايسى تۈردە مەشغۇل بولۇش كېرەكلىكىدىن خەۋەردار بولۇش ئىشى بۈگۈنكى دۆلەت ئۈچۈن ئالغاندا ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. مۇھىم بولغىنى، دۆلەت ئۈستىگە چۈشكەن بۇ ۋەزىپىسىنى قەتئى ئىجرا قىلىش ئىرادىسىگە كېلىشتۇر. بۇنداق ئىرادىغا كەلگىنىدە، بۇ ھەقتە چوقۇم ئامال تاپالايدۇ. ئىرقچى دۆلەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىن كېيىنمۇ جىسمانى جەھەتتە يېتىلىشىگە كۆڭۈل بولۈش ئىشىنى خۇددى ئەقلى يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشنى دۆلەت ئورگانلىرى ۋاستىسىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. جىسمانى جەھەتتىكى چېنىقتۇرۇش ئىشى ياشلارنى ھەربىلىككە تەييارلاشنى مەقسەت قىلغان بولىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا، ھەربى قىسىملار بۇرۇنقىدەك ياشلارغا پاراتتىن ئۆتكەندە مەشكە دەسسەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، جەڭ مەيدانىدا قانداق ھەرىكەت قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆگۈتۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيدىغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەربىي سەپكە ئېلىنغان ياشلار پىشمىغان ئەسكەر بولۇشتىنمۇ قۇتۇلغان بولىدۇ. يەنى ھەربى قىسىملار ياشلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ۋاقىت ئىسراپ قىلماستىن، بىۋاستە ئەسكەر يېتىشتۈرۈش باسقۇچىغا ئۆتەلىشى مۇمكىن.
دېمەككى، ئىرقچى بىر دۆلەتتە ھەربى قىسىملاردا ئەسكەرلىككە ئېلىنغان ياشلارغا مېڭىش-تۇرۇشنى، قورال تۇتۇشنى ئۆگۈتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. يەنى ئىرقچى دۆلەتتە ھەربىي قوشونلار “ۋەتەنپەرۋەرلەر ئالى مەكتىبى” ھالىغا كېلىدۇ. ھەربى ۋەزىپىگە ئېلىنغان يېڭى نېمىس ئەسكىرى ھەربى قىسىمدا ھەربىلىككە لازىملىق تەلىم-تەربىيىلەرنى ئېلىش بىلەن بىر قاتاردا، يەنە پۇخرا بولۇپ ياشاش جەريانىدا لازىم بولىدىغان ئىشلارغىمۇ داۋاملىق تەييارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ياشلارنى ھەممە ئىشقا يارايدىغان رەسمى بىر ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغان بولىدۇ. ھەربى قىسىملار ياشلىرىمىزنى ئىتائەت قىلىشقىلا كۆندۈرۈپ قالماستىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قۇماندانلىق قىلىدىغان پەيتى كېلىشى مۇمكىن دەپ قۇماندانلىق قىلىش قابىلىيىتى ھەققىدىمۇ خەۋەردار قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ، ياشلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قوغداشتىلا ئەمەس، بەلكى ناھەقچىلىككە دۈچ كەلگەنلىرىدىمۇ ئېغىر بېسىق مۇئامىلە قىلالايدىغان ھالغا كېلەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمىش ياشلىرى ھەر بىر ياشقا ئوخشاش قولغا كەلتۈرگەن كۈچ-قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچى ئارتىپ، ئەسكەرلىك روھىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مىللىتىنىڭ يېڭىلمەس بىر كۈچ ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىمۇ تۇرغۇزۇلغان بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ھەربى سەپتىن چېكىنگەن ياشنىڭ قولىغا ئىككى تۈرلۈك تونۇشتۇرۇش خېتى بېرىلىدۇ: بۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ بىرسى پۇخرالىق دېپلومى ھېساپلىنىدۇ. يەنى بۇ تونۇشتۇرۇش، دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەتكە كىرەلەيدىغانلىقى، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىغانلىقى ھەققىدە قانۇنلۇق بىر تونۇشتۇرۇش ھېساپلىنىدۇ. يەنە بىر تونۇشتۇرۇش قەزى بولسا ئۇنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمانى جەھەتتە توي قىلىشقا مۇۋاپىق بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىسپات قەغىزى ھېساپلىنىدۇ.
ئىرقچى دۆلەت، ئوغۇل ياشلارغىلا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن قالماي، قىزلارغىمۇ ئوخشاش پىرىنسىپ بويىچە كۆڭۈل بۆلۇنىدۇ. قىزلارنىڭ تەربىيىلىنىشىمۇ يوقۇرقىدەك پىرىنسىپلار ئاساسىدا يولغا قويۇلىدۇ. قىزلارغا نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا ئەرلەردىكىگە ئوخشاش جىسمانى جەھەتتە تەلىم-تەربىيە كۆرۈشى بولىشى كېرەك. ئىككىنچى قەدەمدە قىزلارغا مىجەز-خاراكتېر تەربىيىسى بىلەن ئەقلى تەربىيە بېرىلىدۇ. بۇ يەردە قىزلارنى تەربىيىلەشتىكى بىردىن-بىر غايە، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.
ئىرقچى دۆلەتتە مىجەز-خاراكتىر يېتىشتۈرۈش تەربىيىسى جىسمانى چېنىقىشتىن كېيىن باشلىنىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەربىيە ھېساپلىنىدۇ.
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتېر ئاساسلىرى تۇغما بولىدىغانلىقى ئېنىق. مەسىلەن شەخسىيەتچى بىرسى مەڭگۈ شەخسىيەتچىلىك مىجەزى بويىچە قالىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىرەر غايىلىك ئادەممۇ مەڭگۈ غايىلىك-غۇرۇرلۇق ھالىتىدە قالىدۇ. ئەمما بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا تۇرىدىغان مىجەز تۈرلىرى كۈرمىڭ خىل بولۇپ، بۇ مىجەزلەرنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. ئانىدىن تۇغۇلۇشىدىلا قاتىل مىجەزلىك تۇغۇلغان بىرسى مەڭگۈ قاتىل مىجەزى بىلەن ياشايدۇ. شۇنداقتىمۇ، رەھىمسىزلىك مىجەزلىرى ئاز-تۇلا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان بىرسى، مۇۋاپىق تەربىيىلەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا پايدىلىق بىرسىگە ئايلىنالىشىمۇ مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەگەر تەربىيىلەش ئۇسۇلى توغرا بولماي قالغاندىمۇ مىجەزى تۇراقسىز ناچار خاراكتېرلىق كىشىلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇرۇش مەزگىلىدە مىللىتىمىز ئاغزىنى چىڭ تۇتمىدى دەپ بەكلا كۆپ دەرت تۆكۈلدى. بۇ ئاجىزلىقىمىز سەۋەبىدىن دۈشمەنلىرىمىزگە سىر بېرىپ قويمىسۇن دەپ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ قىينالغان ئىدۇق. ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ ئەسلى يىلتىزىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى: ئۇرۇشتىن بۇرۇن نېمىس مىللىتىگە بېرىلگەن قايسى بىر تەربىيە ئۇلارنى سىر ساقلايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ يېتىشتۈرەلەيتتى؟ بىزدە كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا گەپ توشۇيدىغانلار ئۇششاق گەپ قىلمايدىغان ئاغزى چىڭ بالىلاردىن بەكىرەك ئەتىۋارلاپ كېلىنمىگەنمىدى؟ بىرسىنى پاش قىلىشنى ئوچۇق سۆزلۈك دەپ، ئاغزىنى چىڭ تۇتۇشنى جاھىللىق دەپ تەنقىتلەنمىگەنمىدى؟ بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە سىر ساقلاش مىجەزىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسىل پەزىلەت، مەرتلىك ئىكەنلىكى بىرەر قېتىم بولسىمۇ سۆزلەنگەن ئەمەس. چۇنكى، بىزدىكى زامانىۋى پىداگوكلىرىمىزنىڭ قارىشى بويىچە ئېغىزىنى چىڭ تۇتۇپ-تۇتماسلىق مەسىلىسى ئۇنچىۋالا مۇھىم بىر ئىش ھېساپلانمايتتى. ئەمما، ئۇ ۋاقىتلاردا سەل قارىلىپ كېلىنگەن بۇ تۈردىكى كىچىك ئىشلار بۈگۈن دۆلەتكە سوت چىقىمى بولۇپ مىليونلىغان ماركلىق زىيانلارنى سېلىپ كەلمەكتە. چۇنكى بىر-بىرسىنى زىددىيەتلەشتۈرۈپ قويىۋاتقان بۇ تۈردىكى ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ يۈزدە توقسەن قىسمى دەل شۇ ئاغزىنى چىڭ تۇتالماسلىق ئەيىۋى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈچۈن سوتقا سۇنۇلغان. مەسئولىيىتىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان گەپ-سۆزلەر بەكلا ئاسان ئېغىزدىن چىقىپ تۇرماقتا. ئالايلۇق، مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرى ھەر دائىم زىيانغا ئۇچرىتىلماقتا.بۇنىڭ سەۋەبى مۇھىم بولغان ياسىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئاخماقلارچە ئاشكارىلىنىۋېتىشىدىن بولغان. يەنە مەسىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مۇداپىيىلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن تەييارلىق ئىشلىرىمۇ يەنە شۇ ئاغزىنى چىڭ تۇتالماسلىق سەۋەبىدىن بىكار بولۇپ كېتىۋاتماقتا. خەلقىمىز ئاغزىنى يۇمۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەي، نېمە گەپ ئاڭلىسا شۇنى دەرھال داۋراڭ قىلىپ ئوتتۇردا سۆرەپ يۈرمەكتە. خەلقىمىزدىكى بۇ تۈر ئۇششاق گەپ قىلىدىغان مىجەزلەر بىزگە ئۇرۇش مەغلوبىيىتىگە سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى، ھەتتا كۈرىشىمىزنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۈچ كېلىشىنىڭمۇ ئاساسلىق سەۋەپچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىسى ئېنىقكى، زامانىدا دىققەت قىلىنمىغان مائارىپتىكى بۇ تۈر يىتەرسىزلىكلەر ئۆسمۈرلىرىمىز چوڭ بولغىنىدىن كېيىن قايتا تولۇقلاش ئىمكانى بولمايدىغان يېتەرسىزلىكلەردۇر. ئالايلۇق، بىر ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەسكەش پاش قىلىش ئادەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلاشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋالماسلىقى كېرەك. چۇنكى، ئۇنداق بولغىنىدا ياشلىرىمىز ئۆز خىيالىچە بىر دۆلەت شەكىللەندۈرۈپ، چوڭلارغا قارشى سەپ بولۇپ ئۇيۇشىۋالىدۇ. بۇنىسى ئېنىق. چۇنكى، ئون ياشلىق بىر بالا، ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرىۋالغان ئىتتىپاقلىق چوڭ ياشتىكىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاقلىققا قارىغاندا تېخىمۇ تەبىئى، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. بىرەر دوستىنى پاش قىلغان بىر بالا، كەلگۈسىدە شۇنداق قورقۇنۇشلۇق بىر مىجەزگە كېلىدۇكى، ۋەتەنگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرەر مەخپىيەتلىكنىمۇ پاش قىلىشتىن يانمايدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر بالىنى ھەرگىزمۇ پەزىلەتلىك ۋە ئىرادىلىك بىرسى دەپ قارىيالمايمىز. ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا سىنىپتا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدىغان بىرسى بولالىشى ئۈچۈن بۇنداق چېقىمچى بالىلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشى بەلكىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېررىدىغان بىر تەدبىر ھېساپلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇنداق بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىشى بىلەن ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ يۈرىكىدە كەلگۈسىدە يىلتىز تارتىپ چوڭۇيىدىغان، ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇرۇقلارنى تېرىغان بولۇپ قالىدۇ. بالا ۋاقتىدا بۇنداق چېقىمچىلىققا كۆندۈرۈلگەن بىر بالىنىڭ چوڭ بولغىنىدا ئىنتايىن پەسكەش بىر مەخلۇق بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان. بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەجرىبە ساۋاق بولۇپ قېلىشى كېرەك.
ساداقەتلىك، پىداكارلىق ۋە ئېغىر بېسىقلىق، ئۇلۇغ بىر مىللەت ئۈچۈن قەتئى زۆرۈر بولغان ئېسىل پەزىلەتلەردۇر. بۇ ئۈچ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش، مەكتەپلەردە بېرىلگەن باشقا ھەرقانداق تەلىم-تەربىيىدىن مۇھىم تەربىيە ھېساپلىنىدۇ. بىز بالىلىرىمىزغا يىغلاپ دەردىنى چىقىرىۋالىدىغان ئادەتنى، خاپىلىقتىن ۋارقىراپ جاقىراشلاردىن ۋاز كېچىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىزمۇ بۇ تۈردىكى تەربىيىلەرنىڭ بىر تەركىۋى قىلىنىشى كېرەك. پېداگوكلار ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن تارتىپ ناھەقچىلىكلەرگە، قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگىنىدە ئۈن چىقارماي بەرداشلىق بېرىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرمىگىنىدە، كېيىن بۇ بالىلار چوڭ بولغىنىدا قىيىنچىلىقلارغا، خەتەرلىك ئەھۋاللارغا دۈچ كەلگىنىدە، مەسىلەن ئالدىنقى سەپلەردە ئەتىدىن كەچكىچە ھال ئېيتىپ دەرت تۆكىدىغان، ئاقىۋەتتە ھەممە ئىشنى چېلىۋېتىدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىۋېتىشىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى بىلىم بىلەن تولدۇرۇشقىلا بېرىلىپ كەتمەي، ئۆز نەپسىگە تېخىمۇ كۆپىرەك ئىگە بولۇشنى ئۆگۈتەلىگەن بولسا ئىدى، 1914-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇنىڭ بەكلا كۆپ پايدىسىنى كۆرگەن بولاتتۇق.
دېمەك، ئىرقچى دۆلەت مائارىپنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن بىرگە مىجەز-خاراكتىر تەربىيىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنداق مائارىپ ئۇسۇلى بىلەن خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى يېتەرسىزلىكلىرىنى پۈتۈنلەي تۈزىتىپ كېتەلمىگىنىمىزدىمۇ، ھېچ بولمىغاندا خېلىلا ئازايتالىشىمىز مۇمكىن.

ئىرادىلىك بولۇش، ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بىلەن مەسئولىيەتنى خوشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئالالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇرۇن ھەربى قىسىملاردا پەقەتلا بويرۇق بەرمىگەندىن خالىغانچە بويرۇق قىلىش مىڭ مەرتىۋە ئاقىلانىلىق دەپ قارىلاتتى. شۇڭا، ياشلىرىمىزغا پەقەتلا جاۋاپ بەرمىگەندىن بىرەر ئېغىز بولسىمۇ جاۋاپ بەرگىنى مىڭ مەرتىۋە ياخشى بولىدىغانلىقىنىمۇ سىڭدۇرۇشىمىز كېرەك. خاتا جاۋاپ بېرىپ قويۇشتىن قورقۇش، بەرگەن جاۋابىدىكى خاتالىققا قارىغاندا بەكىرەك نومۇسلۇق بىر ئىشتۇر. ياشلارنى ھەرىكەت قىلغانلىرىدا جاسارەتلىك بولۇشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن بۇ دەستۇردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
1918-يىلىنىڭ نويابىر (ئوغلاق) ۋە دېكابىر (ئاراي) ئايلىرىدا يوقۇرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان بارلىق ئورۇنلار جاسارىتىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقى، دۆلەت باشلىقىدىن تارتىپ ئەڭ تۈۋەن دەرىجىدىكى قوماندانغىچە ھېچ كىم ئۆز ئىرادىسىگە تايىنىپ قارار قىلالىغىدەك جاسارەتكە ئىگە بولالماسلىقى ئۈستىدە بەكلا كۆپ نارازىلىقلار ئوتتۇرغا چىققان ئىدى. بۇ تۈردىكى ۋەھىمىلىك ھالەت يېڭى مائارىپ سىستېمىسى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ھېساپلىنىشى كېرەك ئىدى. چۇنكى بۇ ئېغىر پاجىئەلىك ھالەت تۈۋەن دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ بىرەر قارارغا كېلەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىقماقتا. بۈگۈنكى كۈندە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىمىزنىڭ بولمايۋاتقانلىقى ھەرگىزمۇ قۇرال يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان ئەھۋال بولماستىن، بەلكى جاسارەتلىك بولالماي كېلىۋاتقانلىقىدىن پەيدا بولماقتا. بۇنداق ئىرادىسىزلىك، خەلقىمىز ئارىسىغىمۇ كەڭ تۈردە يامىراپ كەتكەننلىكى ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر تەۋەككۈل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن قورقىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى، بىرەر ھەرىكەتنى ئۇلۇغ بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدىغان نەرسە ئەسلىدە دەل ئۇنىڭ خەۋىپلىك بىر ئىش بولىشى ئىدى. بۇنى بىلمەيدىغان بىر نېمىس گېنېرالى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغىدەك يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق ئەنئەنىۋى بىر يول تېپىۋالغان: “مەن پەقەت يۈزدە ئەللىك بىر پىرسەنت غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى بولىدىغان ئىش بولغىنىدىلا ئاندىن بۇنداق بىر ئىشقا تەۋەككۈل قىلالايمەن.” ئەپسۇسكى، ئەنە شۇ ئەللىك بىر پىرسەنتلىك ئېھتىماللىق ئۈچۈن تەۋەككۈل قېلىش كېسىلى سەۋەبىدىن گېرمانىيىنىڭ پاجىئەلىك مەغلوبىيىتى ئۈچۈن شارائىت تەييارلاپ بەرگەن ئىدى. بۇنداق تەلەيگە قاراپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىرسىنى، بىرەر قەھرىمانلىق كۆرسىتىش پۇرسىتىدىنمۇ ۋاز كېچىدىغان ئادەم دەپ قارىشىمىز مۇمكىن. مەغلوب بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم قەھرىمانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالايلۇق، ئۆلۈم بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان بىر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ئاپاراتسىيە قىلىنىشىغا ماقۇل كېلىشى ئۈچۈن ئاپاراتسىيىنىڭ يۈزدە ئەللىك بىر پىرسەن ئوقۇشلۇق بولۇش ئېھتىمالىغا ئېھتىياجى يوق. ئەگەر بۇنداق بىر كېسەل كىشى ئاپاراتسىيە ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىمالى يۈزدە ئەللىك بىر ئەمەس، ھەتتا يۈزدە بىرگىمۇ يەتمىگىدەك ئاز ئېھتىماللىقىلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى قورقماس بىرسى بولغىنىدا، بۇنداق ئېھتىماللىقتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاپاراتسىيە ئۈستىلىگە ئۆزىلا بېرىپ يېتىپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بىرسىنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە زارلىنىپ يۈرۈش ھەققى يوق!
ئەتراپلىق ئويلىغىنىمىزدا، زامانىمىزنىڭ ۋاباسى ھالىغا كەلگەن ئارزۇ قىلىش بىلەن قارار بېرىش جەھەتتىكى دىلىغۇللۇق كېسىلى بۈگۈنگىچە ياشلىرىمىزغا بېرىلىۋاتقان تەربىيىلەرنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنداق ناچار مىجەزلەرنىڭ زىيانلىق تەسىرلەر چوڭلاردىمۇ كۆرۈلمەكتە بولۇپ، بۇنداق ناچار مىجەزلەر ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ مەدەنى غەيرىتى ئېغىر يىتەرسىز قېلىشى جەھەتتە ئەڭ يوقۇرى پەللىگە يەتتى.
بۇ ئارىدا، بۈگۈنكى كۈندىكى مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇش مىجەزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ يوقۇرقىدەك پىتىنالماسلىق كېسىلىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرماقتا دېيىش مۇمكىن. ياشلارغا سىڭدۈرۈلگەن بۇنداق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇش مىجەزى پۈتكۈل جەمىيىتىمىزنىڭ ئورتاق كېسىلى ھالىغا كېلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئاجىزلىق پارلامېنت تۈزۈمى ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمىغىدەك ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلىش ھالىغا كېلىپ بولغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالايمىز.
بۈگۈنكى مەكتەپلىرىمىزدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورقماستىن، ئەركىن ھالدا ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان خاتالىقىنى ئېترىراپ قىلىش مۇئامىلىسى تۆۋە قىلىپ تۇرۇپ، پۇشمان بولۇپ تۇرۇپ ئېتراپ قىلىشچىلىك مەدىھىلىنىشكە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. ئۆز ئىختىيارى بىلەن خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىش ئىپادىسى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارىشىدا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تۈزەلمەس ئادەت دەپ تونۇلۇپ كېلىنمەكتە. ھەر قانچە ئىشەنمىسەكمۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ بۇنداق سەمىمى ئىپادىدە بولىشى ئېغىر جازاغا تارتىلىش بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق بىر ئەھۋالدا كىممۇ راستچىل بولۇشقا جاسارەت قىلالايدۇ؟
ئىرقچى دۆلەت، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتۈن دىققىتىنى، پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىنى جاسارەتلىك بولىشىغا، كەسكىن قارار قىلىش روھىنى يېتىشتۈرۈشكە تەشنا ھالغا كېلىش بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ قەلبىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا مەسئولىيەتچانلىق روھى بىلەن سىڭدۇرۇش، بىرەر ئىشنى قوقماستىن تەلەپ قىلالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە غەيرەت قىلىدۇ. ئىرقچى دۆلەت بۇ ۋەزىپىنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتەلىگىنىدىلا، بۇ تۈردە تەربىيە بېرىشنى ئەسىرلەر بويىچە داۋاملاشتۇرغىنىدا بۇگۈن مىللىتىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان مىجەزلەردىن تازىلانغان جاسارەتلىك بىر مىللەتنى ئوتتۇرغا چىقىرالايدۇ.
ئىرقچى دۆلەت، بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مىللىتىمىزنى تەربىيىلەش مەقسىتىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇتۇش تۈزۈمى ئۈستىدە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاھات قىلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ يېڭىلىق مۇنداق ئۈچ نوقتا بويىچە ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ:
ئالدى بىلەن نېمىس ياشلىرىنىڭ يۈزدە توقسەن بەش پىرسەنت مېڭىسى قىلچە پايدىسى يوق، ھېچ ئىشقا ئەسقاتمايدىغان، نەتىجىدە ئۇزۇنغا قالماي ئۇنتۇلۇشقا مەھكۈم بولىدىغان بىلىملەر بىلەن توشقۇزۇلۇشقا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، بولۇپمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان دەرس پروگراممىلىرى بەكلا كۆپ مەنىسىز نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇلغان. كۆپۈنچە ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارغا ھاجىتىدىن ئارتۇق نەرسىلەر زورلاپ ئۆگۈتىلمەكتە. بالىلار بۇ نەرسىلەرنىڭ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا ئېسىدە تۇتالايدۇ. ئۆگىتىلگەن بىلىمنىڭ بەكلا ئاز قىسمى كەلگۈسىدە ياشلار ئۈچۈن كارغا كەلمەكتە. شۇنىڭدەك يەنە، بىرەر ئىشقا كىرگەن ۋە تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان ياشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ بىلىملەر بەكلا ئازلىق قىلىپ قالماقتا.
ئوتتۇز-قىرىق ياشتىكى ئوتتۇراھال بىر مەمورى كادىرنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بۇ مەمورى كادىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ مەكتەپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن بىرسى بولسۇن. مەكتەپلەر مىڭ بىر جاپالار بىلەن بۇ مەمورى كادىرنىڭ كاللىسىنى تولدۇرغان بىلىملەردىن قايسىلىرىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ قالالىغانلىقىنى كۈزىتىپ باقايلى. كۈزىتىش نەتىجىسىدە بۇرۇن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ بەكلا ئاز قىسمىنىڭ ئۇنىڭ ئېسىدە قالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بەزىلەر بۇنىڭغا مۇنداق باھانە كۆرسىتىشى مۇمكىن: ئۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق دەرسلەرنىڭ غايىسى ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر سەۋىيىلىك بىلىملەر بىلەن خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ خىل دەرس پروگراممىسىنى تۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا تەپەككۈر قىلىش، بولۇپمۇ تەتقىقات ۋە كۈزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇنداق جاۋاپ بېرىشنى قىسمەنلىكتە خاتا دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ، ئەلىۋەتتە. ئەمما بۇنچە ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشلارنىڭ مىڭىسىنى بىلىم دەرياسى ئىچىدە  تۇنجۇقتۇرپ نقويىشىمىز مۇمكىن. ياش بىر مىڭە، بۇ تۈردىكى بىلىملەرنى ئەھمىيىتىگە قاراپ قاتارغا تىزىشنى، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ۋە لازىم بولىدىغانلارنى تاللاپ چىقىرىشنى ئاسانلىقچە بىجىرەلمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق. ھەتتا كۆپۈنچە ھاللاردا مۇھىم بىلىملەر ئورنىغا ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى ئېسىدە قالدۇرىۋېلىپ، مۇھىم بىلىملەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە بۇ تۈردىكى كەپلەپ بىلىم بېرىش ئىشى كۆزلىگەن مەقسىدىگە يېتەلمەي قالىدۇ. چۇنكى تاغارغا قاچىلىغاندەك زورلاپ بىلىم قاچىلاش ئارقىلىق بىر ياش مىڭىنى ھەرگىزمۇ بۇ بىلىملەرنى چۈشىنەلەيدىغان قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئوقۇغۇچىنى شۇنداق بىر بىلىم بېرىش مىتودى بىلەن يېتىشتۈرۈش لازىمكى، ئۇنىڭ ئالغان بىلىمى كەلگۈسىدە ھەم ئۆزىگە، ھەم جەمىيەتكە ئەسقاتىدىغان بولسۇن. مانا بۇ، مائارىپنىڭ غايىسىدۇر. ئەمما ياشلارنىڭ مىڭىسىگە زورلاپ تىقىشتۇرۇلغان ئۇقۇملارنىڭ كۆپلىكى، ئۇ مىڭە ئىگىسىنى بۇ بىلىملەرنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ھالغا كەلتۈرىۋەتكىنىدە ياكى مۇھىم نوقتىلارنى تاپالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغىدەك بولسا، بۇنداق ئوقۇتۇش تەشەببۇسى قىلچە ئەھمىيەتسىز بىر تشەببۇس بولۇپ قالىدۇ. ئالايلۇق، مىليونلىغان كىشىنىڭ يىللار بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىككى-ئۈچ خىل چەت تىلى ئۆگۈنىشى ئەقلغا سىغمايدۇ. چۇنكى، مىليونلىغان بۇ ئادەملەر ئارىسىدا بەكلا ئاز قىسمى ئۆگەنگەن تىلىدىن پايدىلىنالىشى، مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا شۇنچە جاپا تارتىپ شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆگەنگەن تىللىرىنى كېيىن پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كېتىدۇ ياكى ئۆمۈرىدە بىرەر قېتىممۇ ئىشلىتەلمەيدۇ. مەسىلەن فرانسۇز تىلىنى ئۆگەنگەن ھەر يۈز مىڭ كىشىدىن پەقەت ئىككى مىڭىلا كەلگۈسىدە بۇ تىلدىن پايدىلىنالىشى مۇمكىن. قالغان توققۇز يۈز سەكسەن مىڭ كىشى ياش ۋاقتىدا ئۆگەنگەن بۇ فرانسۇزچىسىنى ئۆمۈرى بويى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىدىغان يەر تاپالماي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ياشلىق دەۋرىدە مىڭلىغان سائەتلىك ۋاقتىنى قىلچە ئەسقاتمايدىغان بىر ئىش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ھېساپلىنىدۇ. تىل ئۆگۈتۈش ئاساسى بىلىم ئۆگۈنۈشكە ياردەمچى بولالايدۇ دېيىشنىڭمۇ تولۇق ئاساسى يوق. ئەگەر كىشىلەر مەكتەپتە ئوقۇغانلىرىدىن، ئۆگەنگەن نەرسىلىرىدىن پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە پايدىلىنالىسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۆگەنگەنلىرىنىڭ بىرەر قىممىتى بولىشى مۇمكىن ئىدى. دېمەكچىمەنكى، ئىككى مىڭ كىشىگىلا پايدىلىق بولىدىغان بىر تىلنى ئۆگىتىمەن دەپ، توققۇز يۈز سەكسەن مىڭ كىشىنىمۇ بىرلىكتە قىيناش شۇنچە زۆرۈرمىدى؟
شۇنىڭدەك يەنە، بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈلىۋاتقىنىدەك چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشىدا ئالايلۇق لاتىنچىنى مۇكەممەل چۈشىنەلىگىدەك ئۆگىتەلەيمەن دېيىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسىنى چىقىرىشىمىز مۇمكىن: ياشلارغا بۇ تىلنىڭ ئاساسى قىسمىنىلا ئۆگىتىىش، توغرىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇ تىلنىڭ تۈزۈلۈش سخىمىسىنى، ئومۇمى پىرىنسىپىنىلا كۆرسىتىپ قويىشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. چەتئەل تىلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنى، گرامماتىكىسىنى تىپىك مىساللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە ئۇ تىلنىڭ جۈملە تۈزۈلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشلا يېتەرلىك بولىدۇ. بۇ مىتوت، ئوقۇغۇچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدىغانلىقى، ئەستە ساقلاش تېخىمۇ ئاسان، يادلاش تېخىمۇ ئوڭايلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنگىچە يولغا قويۇپ كېلىنگەن ئۇسلۇپلاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈشتە ياشلارنىڭ كاللىسىغا بۇ تىللار ئومۇمى يۈزلۈك مەجبورى تولدۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە. ھالبۇكى، ياشلار ھېچقاچان ئۆگۈتۈلگەن ئۇ تىلنى ئۆزلەشتۈرەلمەي كەلمەكتە ياكى ئۆگەنگىنىنىمۇ كېيىنكى يىللاردا پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتمەكتە. بۇ تۈردىكى ھەددىدىن ئارتۇق بىلىم بېسىمى ئەقىلدە ماسلاشمىغان پارچە-پۇرات ئىزلارنى قالدۇرۇش خەۋىپىنىمۇ بىرلىكتە پەيدا قىلماقتا. يەنى، ياشلار ئەڭ كۆپ لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگۈنىشى، ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىكلەر ياشلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئالدىن مۆلچەرلەنگەن بولىشى كېرەك.
بۇنداق ئومومى پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئۆگەنگەن نەرسىلىرى ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا بىر ئۆمۈر يېتىدۇ. ۋاقتى كەلگىنىدە فرانسۇزچىدىن پايدىلانماقچى بولغانلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ۋە تەپسىلى ئوقۇشنىڭ ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا، تەپسىلى ئۆگىنىش يولىنى ئاسانلا تاپالايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئوقۇش جەريانىدا ۋاقىتىنىمۇ تېجەپ قالالىغان، بۇ ۋاقتىنى جىسمانى چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە، مىجەز-خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېرىشەلەيدۇ.
بۈگۈنكى تارىخ ئوقۇتۇش مېتودىكىسى جەھەتىدىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك ئىسلاھات قىلىنىشى زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا. تارىخ دەرسلىرىگە، تارىخي تەجرىبە ساۋاقلارغا نېمىس خەلقىچىلىك مۇھتاج ھالەتتە تۇرىۋاتقان باشقا مىللەت بولمىسا كېرەك. خۇددى شۇنىڭدەك، تارىختىن نېمىس مىللىتىدەك ئاز پايدىلانغان باشقا بىر مىللەتنىمۇ ئۇچۇرتىش قىيىن. ئەگەر ريال سىياسەتلەر كەلگۈسى تارىخنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل بولىدىكەن، ئۇنداقتا بىزگە تارىخ دەرسىدە ئوقۇتۇلغان نەرسىلەر ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىمىزنىڭمۇ تارىخ شەكىللەندۈرۈشىگە ياردىمى بولىشى كېرەك دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ جەھەتتە خەلقىمىزنى ئەنە شۇنداق تارىخ يارىتىش مەقسىتىدە تەربىيىلىيەلمىگىنىمىزدە بۈگۈنكى سىياسەتلىرىرىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدنى بەرمەسلىكىدىن رەنجىپ يۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بىز ئوقۇتۇلىۋاتقان تارىخ دەرسلىرىنىڭ قايسى تۈردە ئوقۇتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ھېساۋىنى قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، بۈگۈنكى تارىخ دەرسلىرىنىڭ يۈزدە توقسەن قىسمى بەكلا كۈلكىلىك نەرسىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنى ئوقۇتۇلغان دەرسلەردىن ئاران مىڭدە بىر قىسمىلا ياشلارنىڭ كاللىسىدا ساقلىنىپ قالالىشى مۇمكىن. ئەستە قالىدىغانلىرىمۇ يەنە كېلىپ قايسى بىر دەۋىرنىڭ يىلى، قايسى بىر كىشىلەرنىڭ ئىسمى ۋەياكى تۇغۇلغان كۈنى، تەختكە چىققان ۋاقتى قاتارلىقتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئەسلى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم ۋە زور ۋەقەلىكلەرنىڭ سەۋەبى، ئانالىزى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەكتە ياكى قەتئى تىلغا ئېلىنماي ئۆتكۈزىۋېتىلمەكتە. ۋەقەلىكلەرنىڭ ئىز بېسىپ ئوتتۇرغا چىقىشىنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرى ئوقۇغۇچىنىڭ تېخى يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان تەپەككۈر قىلىشىغا، باش قاتۇرۇپ تېپىپ چىقىشىغا تاشلاپ قويۇلماقتا. بۇنداق بىر ئەھۋالغا قارىتا ھەر قانچە نارازىلىق بىلدۈرۈلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنىدا ۋەكىللەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت توغرىلىق سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن بىرەرسىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ كۆرگىدەكلا بولساق، ھەممە ئىش مانا مەن دەپلا ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇ سىياسەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن، ھەتتا پاكولتىتلاردا بىر قانچە ئىشتاننى كونىراتقان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىغا قاراپ ئۇلارنىڭ تارىخ ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ نەقەدەر تۈۋەن ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بۇ سىياسەتچىلەر ئۇنداق چولتا تارىخنى ئوقىغىنىدىن پەقەتلا ئوقىمىغان، قابىلىيەتلىكىرەك كىشىلەردىن بولسا ئىدى، بەلكىم مىللىتىمىزگە ئاز-تۇلا پايدىسى تېگىشى مۇمكىن ئىدى.
شۇنداق ئىكەن، تارىخ دەرسلىرىدىكى دوگمىلارنى، كېرەكسىز يۈكلەرنى ئازايتىش شەرت. تارىخ دەرسلىرى ۋەقەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان قانۇنىيەتلەرنى بىلىشنى مەقسەت قىلغان بولىشى كېرەك. ئەگە تارىخ ئوقۇتۇلۇشى مانا شۇ ئىشلارغا بەكىرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ تۈزۈلگىنىدە، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆگەنگەن نەرسىلىرىدىن كەلگۈسىدە پايدىلىنىش يولىنى چىقىرالىشى، نەتىجىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئۇيغۇتۇشقىمۇ تۈرتكە بولالىشى مۇمكىن. چۇنكى، تارىخ دەرسى ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇلمايدۇ. تارىخ دەرسى، ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز مىللىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى، قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇلىدۇ. مانا بۇ، تارىخ ئۆگۈنۈشتىكى تۈپكى مەقسەت. تارىخ، بۇ غايىگە يېتىشتە پايدىلىنىلىدىغان ۋاستىلارنىڭ پەقەت بىرسىدىنلا ئىبارەت. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ۋاستە مەقسەت ئورنىغا قويۇلۇپ، مەقسەت ئونتۇلدۇرۇلماقتا. تارىخنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپىرەك تارىخى ھادىسىلارنى تېپىپ چىقىش زۆرۈر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنى زور تارىخى ۋەقەلىكلەر تىزىملىكى ئاساسىدا تارىخنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش مۇمكىن ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ تارىخى ۋەقەلەرنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالماسلىق لازىم دېيىشكە نارازى بولۇشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. تارىخنى بۇنداق تەپسىلار ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇش ئىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى بولماستىن، بەلكى تارىخچىلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. چۇنكى يولدا كېتىۋاتقان ئادەتتىكى بىرسىنى پروفىسسورغا تەڭ قىلىشقا بولمايدۇ. تارىخ دەرسى پۇخرالارغا تارىخى ھادىسىلەرنىڭ بۈگۈنكى سىياسەت ئىشلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىلا ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولىشى كېرەك. تارىخ پروفىسسورى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشى كېيىن بۇ ئىشقا چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىقات بىلەن شوغۇللانسا بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بىرسىلا تارىخنىڭ بارلىق ئۇجۇر-بۇجۇرىنى، ھەتتا ئەڭ ئەھمىيەتسىز دەپ قارالغان قىسىملىرىدىن تارتىپ ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىش بىلەن شوغۇللىنىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتۇلىۋاتقان تارىخ دەرسلىرى بۇنداق چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پەقەتلا يەتمەيدۇ. بۇنداق چوڭقۇرلاپ ئۆگۈنۈش ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بەكلا ئارتۇقلۇق قىلسا، مۇتەخەسسىلەر ئۈچۈن بەكلا يېتەرسىزلىك قىلىدىغانلىقى ئېنىق.
ئىرقچى دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى، ئىرق مەسىلىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر دۇنيا تارىخىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزۈپ چىقىشقا نازارەت قىلىدۇ.

ئىرقچى دۆلەت پۇخرالىرى ۋە مەدەنىيەت
ئەندى بىز يوقۇرىدا دېگەنلىرىمىزنى قىسقىچە يىغىنچاقلاپ ئۆتەيلى: ئىرقچى دۆلەت، ئۇمۇمى ساۋاد ئوقۇتۇش ئىشىنى ئەڭ مۇھىم نوقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تەييارلايدۇ. بۇنداق ئوقۇتۇش، ئوقۇغۇچىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلگىرلەش، ھەر قانداق بىر ساھە بويىچە ئۆرلەپ بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولىشى كېرەك. شەخسىلەر ئالىدىغان ئومۇمى ساۋادلار بىلەن ئاساسلىق ئۇسۇللاردىن خەۋەردار بولالىغىدەك دەرىجىدە ئۆگىنىشىلا يېتەرلىك. بۇنداق ئوقۇتۇش، كىشىلەرنىڭ كۆز قاراش تىكلىۋېلىشى ئۈچۈن ئاساس بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئومۇمى ساۋات بىلىملىرى بارلىق بىلىم ساھەلىرىدە مەجبۇرى ئوقۇتۇلىشى كېرەك. مەخسۇس بىلىم ئۆگۈنۈش ئىشى ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر قايسى بىر ساھە ئۇكىشىنى  ئەمەلىيەتتە مەجبۇر ھالغا كەلتۈرگىنىدە بۇ كىشى ئۇ ساھەدىكى بىلىملەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ئۆزلىكىدىنلا مەجبۇر ھالغا كېلەلەيدۇ.
شۇ ئارقىلىق، دەرس سېتكىلىرى قىسقارتىلىپ، باشقا پائالىيەتلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئېشىندۇرالايدىغان بولىدۇ. ئارتۇق ۋاقىتنى ياشلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە، مىجەز-خاراكتېر تەربىيىسىگە، ئىرادىسىنى كۈچەيتىش ئىشلىرىغا، ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىشلىرىغا ئايرىپ، بۇ جەھەتتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلىرىمىزدە بېرىلىۋاتقان دەرسلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىزدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ياشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى شوغۇللىنىدىغان كەسىپى ئىشلىرى ئۈچۈن قىلچە ياردىمى تەگمەيدىغان بىلىملەردىن تەشكىل تاپماقتا. بۇنداق پايدىسىز ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىر-بىرسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۈچ خىل مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدىن، يەنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بىرسى، بۈگۈنكى كۈندە بىرلا ئىشتا ۋە بىرلا ئورۇندا ئىشلەپ تۇرۇغلۇقمۇ ئوخشاش نەتىجىنى يارىتالماي كەلمەكتە. دېمەك، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان بىرسى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزگەن دېيىش مۇمكىن. ئادەتتە مۇھىم بولغىنى ئومۇمى ساۋاد بىلىملىرى بولۇپ، بىر ياشنى ئەقىل ئىشلىتىشكە تۈركە بولىدىغىنى مەخسۇس بىلىملەر بولماستىن ئومۇمى ساۋات بىلىملىرىدۇر. خۇددى يوقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەگەر مەخسۇس بىلىمگە ئېھتىياجلىق بولغىنىدا، بۇ ئېھتىياجنى بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىز ھەرگىزمۇ تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ.
ئىرقچى دۆلەت، بۇنداق چالا-بۇلا ئوقۇتۇش تەدبىرلىرىنى دەرھال تۈزىتىشى لازىم بولىدۇ.
ئىرقچى دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش ساھەسىدە يولغا قويىشى كېرەك بولغان يەنە بىر ئىسلاھاتى تۈۋەندىكىلەردۇر:
ماتېرىيالىزىمچى دەۋرىمىزنىڭ كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، مائارىپتا ھەردائىم تەبىئى پەن بىلىملىرىگە بەكىرەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىشىدۇر. مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ۋە باشقا تەبىئى پەنلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن بولغان تېخنىكا بىلەن خىمىيە بىلىملىرى ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان دەۋرىمىزدە بۇ بىلىملەرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىر مىللەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت ساۋات بىلىملىرى بۇ بىلىملەر ئاساسىغىلا تىكلىنىشى بەكلا خەتەرلىك بىر ئەھۋال. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نوقتا، مەدەنىيەت ئاساسى ھەر دائىم بىر غايىنى كۆزلىگەن بولىشى كېرەك. بۇنداق ئاساسى پەنلەر بىلىمىنىڭ ئاساسى  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتىشىنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلىدا “ئىنسانلىق” بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان بولىشى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇكەممەل كەسىپى كۈلتۈر ئۈچۈن لازىملىق ئاساسلارنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن،  مىللەتنىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان تېخنىكىلىق ۋە باشقا بىلىملەردىنمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كۈچى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش تەتقىقاتىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.  رىم تارىخىنى مۇھىم نوقتىلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىشى، بۈگۈنكى دەۋرىمىز بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ماياك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. يونان مەدەنىيىتىنىڭ غايىلىرىنىمۇ بارلىق ياخشى تەرەپلىرى بىلەن قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىماسلىقلار، ئۇلارنى پۈتۈنلەشتۈرگەن، تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولغان ئىرق پۈتۈنلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىشىمىز ئۈچۈن ھەرگىز توسالغۇ پەيدا قىلالمايدۇ. بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كۆرىشىمىز بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئۇلۇغ مەقسەتلەرنى كۆزلەپ قانات يايدۇرۇلماقتا. يەنى بىر مەدەنىيەت ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالىشى ئۈچۈن چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مەدەنىيەت مىڭلىغان يىللاردىن بۇيانقى كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ كۈرەش تا بۈگۈنگىچە نېمىسلىق ئۈچۈن قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كەلمەكتە.
ئومۇمىي مەدەنىيەت بىلەن كەسىپى بىلىملەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. كەسىپى بىلىملەر بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز بىرلا مامموننىڭ خىزمىتىنى قىلىشتەك خەۋىپ ئىچىگە پېتىپ قالماقتا. شۇڭا، بۇ يەردە ئاساسى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغان ھالغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك. بىز بۇ يەردە شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، سانائەت بىلەن تېخنىكا، سودا سانائەت بىلەن ھەر قايسى كەسىپلەر، ئۇلۇغ بىر غايە ئارقىلىق مىللى جەمىيەتنى، ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ھەر تۈرلۈك شارائىتلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان، تەمىنلىيەلىگەن بولغىنىدىلا، ئاندىن بۇ جەمىيەت تەرەققى قىلالايدۇ ۋە ئالغا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيدۇ. يەنى غايىسى بولمىغان جەمىيەت قىلچە تەرەققى قىلالمايدۇ. بۇ شارائىتلار، ماددى ئامىللارغا باغلىق شەخسىيەتچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان شارائىتلار بولماسلىقى كېرەك. بۇ شارائىتلار ئۆز مەنپەتىدىن رازىلىق بىلەن ۋاز كېچىدىغان پىداكارلىق روھىنى ئاساس قىلغان بولىشى كېرەك.

مىللى ئىنتىلىش كۈچى
بۈگۈنكى كۈندە بىر ياشقا بېرىلىۋاتقان تەربىيە، ئاساسى جەھەتتىن ئالغاندا كەلگۈسىدە ئۆز كەسىپى ساھەسىدە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك دەپ قارالغان بىلىملەر ئۇنىڭ كاللىسىغا سۇ پومپىسى بىلەن سۇ باسقاندەك سىغداپ قاچىلىنىش شەكلىدە ئوقۇتۇلماقتا. بۇ نىڭغا مۇنداق باھانە كۆرسىتىشىدۇ: ”بۇ بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەمىيەتكە پايدىلىق بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.“ بۇ دېگىنى، ”بۇ يىگىت كەلگۈسىدە ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ كۈن ئالالايدىغان بولالىشى ئۈچۈن قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى يېتىشتۈرۈلگەن كەلگۈسى سۇنئىي ۋەتەنداشنىڭ پۇتلىرى سېغىز توپا لېيىدىن قۇيۇپ چىقىلغان دېگەنلىك بولىدۇ. دۆلەت دېگەن بۇ نەرسە ئەسلىدە بىر شەكىلدىنلا ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، پايدىلىق كىشىلەرنى بۇ ئۇسلۇپتا تەربىيىلەپ چىقىش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يېتىلىپ چىقىشغا ئاساسەن بىرەر ۋەزىپىگە قويۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنداق بىر ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ شەكلى بەكلا ئاسان بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. يوقۇرىدا ئېيتقىنىمىزدەك بۈگۈنكى “دۆلەت” ئۇقۇمى ئوچۇق شەرھىلەنمەي كېلىنمەكتە. دېمەك، يولغا قويۇلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەزىپىسى بۇ ئەھۋالدا قىلچە مەنىسىز بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇرۇنقى گېرمانىيىدە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىمۇ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئىلاھى ئورۇنغا يۈكسەلتىۋىتەتتى. شۇنداق بولغاچقا، خەلقىمىز ئۇششاق ئەمەلدارلارنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تونۇپ يېتەلمەس ھالدا قالاتتى. ئەمەلدارلارغا چوقۇنۇش ئىشىدىن قارىساقمۇ نېمىس خەلق ئاممىسىنىڭ نېمىس تارىخى ھەققىدە تۈزۈك بىر مەلۇماتى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ يەردە يەنىلا شۇ ئوقۇتۇش پروگراممىسىدىكى ئاساسلىق ئۇقۇم يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئەنە شۇنداق قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئەمەلدارغا چوقۇنۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولغان دېيىشىمىز مۇمكىن.
ھەقىقى مىللى ھاياجان بىلەن مىللى جوشقۇنى بۇ تۈردە مەيدانغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى ئوقۇتۇش سىستېمىمىز خەلقىمىزنىڭ تارىخىدىن تاللانغان كىشىلەرنى كۆزگە چېلىققىدەك ئورۇنغا كۆتۈرۈش، ئۇلارنى بارلىق نېمىسلارنىڭ رەسمى مۈلكى ھالىغا كەلتۈرۈش ھۈنىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئىدى. ئەسلىدە پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن لازىملىق بۇ “رەسمى بىلىم” لەر، ھەۋەس بىلەن جوشقۇ، مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئۈزۈلمەس بىر باغنى بارلىققا كەلتۈرىشى كېرەك ئىدى. بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا ھەقىقى ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنى بىرەر قەھرىمان سۈپىتىدە سۇنۇشنى بىلەلمىدى. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇ ئۇلۇغ قەھرىمانلىرىمىزغا مەركەزلەشتۈرۈشنى بىلەلمىدى؛ شۇ ئارقىلىق ساغلام مىللى روھنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمىدى. مائارىپنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ياشلىرىمىزغا مىللىتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنى تونىتالماي كەلدى. ۋەقەلىكلەرنى تېخىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئىزاھلاش ئارقىلىق بۇ تۈر شانلىق مىساللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ مىللى غۇرۇر يالقۇنىنى پەيدا قىلالمىدى. چۈنكى، بۇ تۈردىكى شانلىق ئۈلگىلەر كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغىنىدا بۇنداق تەشۋىقاتلار شوۋېنىزم تەشۋىقاتى بىلەن شوغۇللانغانلىق دەپ قارىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەس ھالغا كېلىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. خاندانلىققا بوي سۇنۇش، ئۇ ئۇششاق بۇرجۇئازىيە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللى غۇرۇرنىڭ مېيۋىسى بولغان يالقۇنلۇق ئارزۇغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ تۇنۇلۇپ كېلىنگەن ئىدى. خاندانلىققا باغلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەر دائىم بوي سۇنۇشقا تەييار بىر ھالەت ئىدى. ئەمما بۇرژۇئازىيە بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشنى، دۆلەتكە ھۈكۈمرانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. مونارخىيىگە باغلىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، كونا ئەمگەكچىلەر بىلەن ھەربىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان جەمىيەتلەر ۋاستىسىدا يوقىلىشى مۇمكىن ئىدى.  مىللى ھەۋەسلەرنى بۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ قوزغايمەن، ھەرىكەت قىلىمەن دېيىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. مىللى ھەۋەس، خۇددى ساپ نەسىللىك ئاتقا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئات خالىغان بىر ئىگەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق خەۋپتىن قورقۇشىغا ھەيران بولۇش ھاجەتسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇرۇش بولىدىغانلىقىغا، بومباردىمان دولقۇنى بىلەن زەھەرلىك گاز بۇۇلۇتلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرىجىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سىناشقا كىرىشىدىغانلىق ئېھتىمالىغا ھېچ كىم ئىشەنمەيتتى. ئەمما ئۇرۇش پارتىلىشى بىلەن، بۇ تۈردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھاياجانىنىڭ تۇتامسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ، بۇنىڭ دەردىنى يېتىپ ئاشقىچە كۆردۇق. بۇندىن كېيىن كىشىلەر ئىمپراتورلار ئۈچۈن، پادىشاھلار ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشنى خالىمايدىغان ھالغا كەلمەكتە ئىدى. مىللەت دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيتتى.
ئىنقىلاپ بورىنىنىڭ گېرمانىيىگە يېتىپ كېلىشى، خاندانلىققا باغلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئۆزلىكىدىن ئۆچۈشكە باشلىغىنىدىن بۇيان تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ غايىسىمۇ ئادەتتىكى بىلىم بېرىش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلگەن ئىدى. بۇ دۆلەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىق بىلەن ھاياجانىنى نېمە قىلىدۇ؟ قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نەرسىسىنى ھېچ قاچان قولغا كەلتۈرەلمەس ھالغا كېلىپ بولغان ئىدى. چۇنكى، خاندانلىققا باغلىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەت پىرىنسىپلىرى ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئەسكەرلەرگە ئاخىرغىچە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى بېرەلمىگەندە، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مىللى قىزغىنلىقىمۇ ھېچ قانداق بىر رول ئوينىيالماس ھالغا چۈشۈپ قالاتتى. قىلچە شۆبىھە يوقكى، “جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن” دەيدىغان بۇ شۇئار، نېمىس مىللىتىنى تۆت يېرىم يىل ئۇرۇش سەپلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا كۈچى يەتمەي قالاتتى. بۇنداق ئاجايىپ چۆل سەراپىنى كەشىپ قىلغانلار ئۇرۇش ساھەلىرىدە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئەڭ ئاز بولغان كىشىلەر ھېساپلاندى.
ئۇنداقتا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا دۈشمەنلىرىمىز نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى؟ دۈشمەنلىرىمىز بۇ جۇمھۇرىيەتنى، ئۆز ئۈستىگە ئارتىلغان باج-سىلىقلارنى تاپشۇرۇشقا، يەر-زېمىن تەلەپلىرىنى ھەر دائىم تەستىقلاشقا تەييار تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋەتكەن ئىدى. رسىتىپ بېرەتتى. شۇ چاققىچە بۇ نېمىس جۇمھۇرىيىتىنى يامان دېمەي ئۇنىڭغا يول قويۇپ بېرىشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە نېمىس خەلقىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىرەر ھۆكۈمەت بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ھەشەمەتلىك ئورگەان ئەنە شۇ مەقسەتتە چوقۇم ياشىتىلىشى كېرەك ئىدى! بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كېلىپ ھەر قانداق بىر مىللەتچى تەلىم-تەربىيىدىن قول ئۆزىشى لازىم بولاتتى. رېيچ (رايىخ، گېرمانىيە ھۆكۈمەت كابىنتى – ئۇ.ت) تۇغىنىڭ قەھرىمانلىرىغا ياشىسۇن دەپ توۋلاپ بېرىش بىلەنلا چەكلەندى. ئەمما ياشىسۇن دېيىلگەن بۇ قەھرىمانلار بۇ تۇغ ئۈچۈن قان تۆكۈشكە توغرا كەلگىنىدە توشقاندەك پىتىراپ قاچىدىغان كىشىلەردىن ئىدى.
ئىرقچى دۆلەت ئۆزىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن قەتئى تۈردە كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر. مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىنى داۋېس پىلانىغا تايىنىپ كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. دۆلەت، ھاياتىنى داۋام قىلدۇرالىشى ئۈچۈن بۈگۈن كارى بولماي تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرگە ھاجىتى چۈشىدۇ. دەۋلەت قانچىكى مۇكەممەللىشىپ بارىدىكەن، ئۇنىڭ تەرەققى قىلىش روھى كۈچى قانچىكى كۈچىيىدىكەن، شۇنىڭدەك بۇ كۈچىنى قانچىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن بولىدىكەن، ئۇ دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن رىقابەتچىلىرىمۇ ئۇنىڭغا شۇنچە كۈچلۈك قارشى چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەنە شۇ پەيتتە، دۆلەت ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى قۇرالى سۈپىتىدە دۆلەت ۋاستىلىرىدىن ئەمەس بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، دۆلەتنى تاجاۋۇزدىن ساقلىيالايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئامىل سېپىللەر ياكى خەندەكلەر ئەمەس، بەلكى دۆلەتنى ئەڭ قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىككە، مىللى سۆيگۈ كۈچىگە، ئەقىل ۋە جوشقۇنلۇققا ئىگە ئەرلەر ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان ئادەم قورغانلىرى مۇداپىيە قىلالايدۇ.
مائارىپ مەسىلىسىدە پۈتۈن دىققىتىمىزنى بېرىشكە تېگىشلىك بولغان يەنە مۇنداق بىر نوقتىنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك:
ئىرىقچى بىر دۆلەتتە مائارىپ ئىشلىرى مىللى غۇرۇرنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، بارلىق تارىخ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۇ نوقتىغا دىققەت قىلغان ئاساستا، دۇنيا تارىخى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىشى كېرەك. بىرەر ئىجادىيەتچى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ بىر كەشپىياتچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ ھېسابلانماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بىرسىنى مىللەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كۆرۈش، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغ كۆرسىتەلەيدۇ. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەتلەردىن مەغرۇرلىنىش، بۇ ھەرىكەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىرقنىڭ بەختىيار ئەۋلادلىرى ئۈچۈن غۇرۇرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش ھالىغا ئايلىنىشى كېرەك. نېمىس تارىخىدا بەكلا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇلۇغ ئىسىملار ئارىسىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى ئوچۇق تەسۋىرلەپ كۆرسىتىش، ياشلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى بۇ كىشىلەر ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈش، بۇ ئۇلۇغ كىشىلەرنى مىللى غۇرۇرنىڭ تەۋرەنمەس تۈۋرۈكى ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە بۇ ئەڭ ئۇلۇغ مىللەتچى كىشىلەرنى تەشۋىق قىلىش لازىم.
مائارىپ ساھەدىكى ئوقۇتۇش-ئوقۇش ئىشلىرىنى ئەنە شۇ كۆزقاراش ئاساسىدا سىستېمىلىق شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش ئىشلىرىنى ئەنە شۇنداق قاراش بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. بۇ ئىشلارنى شۇنداق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەككى، بىر ياش، مەكتەپ پۈتتۈرگىنىدىن كېيىن يېرىم-ياتا تېنچلىقپەرۋەر ياكى يېرىم-ياتا دېموكراتچى ۋە ياكى بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرسىگە ئوخشاپ قالىدىغان بىرەر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالماستىن، تولۇق بىر نېمىس بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.
بۇنداق مىللى ھېسسىيات، باشتىن تارتىپلا ئەستايىدىللىق بىلەن چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولىشى، يالغان-ياۋداق كۆرۈنۈشتە بىر مىللەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن بۇ تۈر “چۇيۇندەك قاتتىق پىرىنسىپ” لارنى ياشلارنىڭ مىڭىسىگە قۇيىۋېتىشىمىز كېرەك. مىللىتىنى سۆيۈدىغان بىرسى، بۇ سۆيگۈسىنى مىللىتى ئۈچۈن پىدا قىلالايدىغان، شۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان پىداكارلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدىغان بولۇش ئارقىلىقلا ئىسپاتلاپ كۆرسىتەلىشى مۇمكىن. شەخسى مەنپەتىنىلا كۆزدە تۇتىدىغان، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان مىللىي ھېسسىيات دېگەن نەرسە ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. شۇنىڭدەك قايسى بىر ئىجتىمائىي سىنىپلارنىلا خالايدىغان مىللەتچىلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس. يالغۇز “ھۇررا!” دەپ ۋارقىراپ بېرىش ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ. بۇنداق قۇرۇق شۇئار توۋلاش ھېچ كىمگە “مەن بىر ۋەتەنپەرۋەرمەن” دېيىش ھەققىنىمۇ بەرمەيدۇ. ۋەتەنپەرۋەر بولالىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئىرقىنىڭ ساپلىقىنى، مەۋجۇدىيىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتكىمۇ ئىگە بولىشى شەرت. بىر ئادەم ئۆز مىللىتىدىن پەخرىلىنەلىشى ئۈچۈن ئۇ ئادەم مىللىتىنىڭ ھەر قايسى سىنىپلىرىنىڭ ھېچ بىرسىدىن ھەر قانداق شەكىلدە نومۇس قىلمايدىغان بولىشى كېرەك. ئەگەر مىللىتىنىڭ يېرىمى نامرات تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان، بىر قىسىم غەم-ئەندىشىلەر ئىچىدە ياشاۋاتقان، ھەتتا ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلغان بىر تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقام بولسا، بۇ مىللەت كىشىگە شۇنداق قاتتىق نومۇس تۇيغۇسىنى بېرىدۇكى، بۇنداق بىر مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن غۇرۇرلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىر مىللەت پۈتۈن ئەزالىرى بىلەن ساغلام ۋۇجۇت ۋە ساغلام ئەقىدىگە ئىگە بولغىنىدا، ئۇنداق بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى بۇنداق بىر مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن خوشال بولۇپ، ئۇنى بىر غۇرۇر ھالىغا يۈكسەلتەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق يۈكسەك غۇرۇر بىلەن ئىپتىخارلىنىشنى مىللىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلالايدىغان بىرسىلا ھېس قىلالىشى مۇمكىن.
ياشلارنىڭ قەلبىگە مىللەتچىلىك بىلەن ئىجتىمائىي ئادالەت تۇيغۇسىنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن جەۋھەرنى قۇيىۋېتىش كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا، بىرلىككە كەلگەن ئاشق، ئورتاق بىر غۇرۇر، ئورتاق ئىپتىخار ۋە ئىپادىسى بىلەن تولۇپ تاشقان، مەڭگۈ تىك تۇرىدىغان، ھەرگىز تەۋرەنمەيدىغان بىر پۇخرالار جامائىتىنى − مىللەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.
بۈگۈنكى كۈندە شوۋېنىزمنىڭ خەلقنى قورقۇتۇپ يۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ئاجىز بىر چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شوۋېنىزم چۈشەنچىسىدە چېكىدىن ئاشقان ياكى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالالىغىدەك بىرەر كۈچ-قۇدرەت مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا شوۋېنىزم ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق بىر كۈچ-قۇدرەتنىڭ بارلىقى ئۇنى قورقۇتۇپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، تەغدىر شوۋېنىزمچىلارنى ئۇلۇغ ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە ھەرگىز يېقىن يولاتمايدۇ. چۇنكى، دۇنيادا ئوتتۇرغا چىقىپ كەلگەن بارلىق ئۆزگىرىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىتىپ بەرگەن تۇنجى كۈچنى قالاق، خۇراپات بىلەن تولغان، ھەتتا تەرسالىق (ھىستىرىيىلىك، روھى ئاجىزلىق) تىن كەلگەن خامخىيال كۈچلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ دېيىش مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان تەپكە جىمجىتلىققا، مۇقىملىققا باغلانغان بۇرجۇئازىيە غايىلىرى بولسا ئىدى، دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچ قايسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
دۇنيا، بۈگۈنكى كۈندە رادىكال (كەسكىن، قەتئى) ئىنقىلاپ يولىدا كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما مەسىلىنىڭ تۈگۈنى، بۇنداق قەتئى بىر ئىنقىلاپ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ئالى ئىرق گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈن پەيدا بولغانمۇ ياكى “مەڭگۈ يەھۇدى مەنپەئەتى ئۈچۈن” پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىق پەرق قىلالىشىمىزدا تۇرماقتا.
ئىرقچى دۆلەت، ياشلارنى مۇۋاپىق تۈردە تەربىيىلەش ئارقىلىق، ئىرقنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. ئىرق ياشلىرى، بۇ كەسكىن سىناققا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۈچۈن ھەر دائىم يېتىلگەن ۋە ھەممىگە تەييار ھالغا كەلتۈرۈلىشى كېرەك. شۇنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، غالىبىيەت − بۇ يولغا ئەڭ ئاۋال قەدەم تاشلىغان مىللەتكە مەنسۈپ بولىدۇ.
ئىرقچى دۆلەت، تەربىيىلەش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە “ئىرق روھى” بىلەن “ئىرقچىلىق ھېسسىياتى” نى سىڭدۈرەلىگەن كۈنىسى ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش جەھەتىدە، ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش غايىلىرىنىڭ بىرسىگە ئېرىشەلىگەن ھېساپلىنىدۇ. مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن،  ھېچ قانداق بىر ياش قېنىنىڭ ساپلىقىنى، بۇ ساپلىقنىڭ مىللىتىمىز ئىقتىدارى ئۈچۈن لازىم ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ ھەرگىز مەكتەپتىن چىقماسلىقى كېرەك. بۇنى تولۇق بىلگىنىدىلا ياشلار تۇنجى شەرتىنى بىجا كەلتۈرگەن بولىدۇ. ئىرقىمىزنىڭ تۇغما قابىلىيىتى مىللىتىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ئاساس يەنە كېلىپ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدۇ.
ئىرق مەۋجۇتلىقىنى ئەسلى قىياپىتى بىلەن تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان، بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بۇنداق جەۋھىرىدىن ئايرىلغان ھەر قانداق جىسمانى ۋە ئىدىيىۋى تەربىيىنىڭ قىلچە رولى بولمايدۇ. بۇنداق بىر جەۋھەر بولمىغىنىدا، بۇنداق ئومۇمى يۈزلۈك ئاپەتنىڭ بارلىق ئاقىۋەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ھەر دائىم زارلىنىپ قاخشاپلا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىمىز. يەنى، بىز كەلگۈسىدىمۇ “مەدەنىيەتلەر سۈپىرەندىسى” بويىچە قالىۋېرىمىز. مەن بۇ يەردە بۇ سۆزنى بۇرجۇئازىيىنىڭ بەكلا ئاددى ۋە تار مەنىلىك ئىستىمال شەكلىدە ئىشلەتمىدىم. يەنى بۇرجۇئازىيىنىڭ قارىشىدىكى بىر ئىرقدىشىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزنى بىرەر يۇرتدېشىدىن ئايرىلغانلىق دەپلا قارىشىدىغان بۇرجۇئازىيىنىڭ تار دائىرىلىك قارىشىغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك. ئىرقنى قوغداشنى بىلمىسەك بىز بارلىق بىلىملىرىمىزگە، بارلىق تۇغما قابىلىيەتلىرىمىزگە قارىماي، ھەرقانچە ئېچىنىشلىق بولسىمۇ قېنىمىزنىڭ بۇلغۇنىشى، سۈپىتى تۈۋەنلەپ كېتىشىدىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن گەپ. باشقا ئىرقلار بىلەن بىرلىشىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغانلا بولىدىكەنمىز، ئۇ ئىرقلارنى مەدەنىيەت ساھەسىدە يوقۇرى بىر مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزىمىزنى ئېرىشكەن يوقۇرى پەللىدىن پەسەيتكەن بولۇپ قالىمىز.
ئاخىرقى ھېساپتا، ئىرق مەسىلىسىدىكى مۇتلەق مۇكەممەل تەربىيىلىنىشنى پەقەت ھەربىلىك ۋەزىپىلىرىدىلا كاپالەتكە ئىگە قىلالىشىمىز مۇمكىن. ھەربى خىزمەت باسقۇچىنى ئادەتتىكى بىر نېمىس ئۈچۈن بېرىلىدىغان نورىمال تەربىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ قارىشىمىز كېرەك.

ئىرقچى دۆلەتتە جىسمانى ۋە ئىدىيىۋى تەربىيە سىستېمىسى ھەر قانچە مۇھىم دەپ قارىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۈستۈن سەۋىيىلىك تەبىقىنىڭ شەكىللىنىشى بۇ دۆلەت ئىچىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جەھەتتە ئىشنىڭ ئاسىنىنى تاللاپ خىيالىغا نېمە كەلسە شۇ بۇيىچە ئىش قىلىنماقتا. ئادەتتە، ئالى دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسىگە لايىق دەپ قارالغانلار يوقۇرى دەرىجىلىك تەربىيە كۆرگەن ياكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ھال ئوقىتى ياخشى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئىشتا كىشىلەرنىڭ شەخسى قابىلىيەتلىرى كېيىنكى ئورۇنغا تاشلاپ قويۇلماقتا. ئەسلىدە كىچىك بىر كەنت بالىسى يوقۇرى دەرىجىلىك ئىجتىمائى ئورۇنغا ئىگە بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتىگە قارىغاندا ئۈستۈن تۇرىدىغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا بۇ مىسالدا كەلتۈرۈلگەن سەھرا بالىسىنىڭ ئومۇمى ساۋات بىلىملىرى بۇرجۇئازلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بىلىمىگە قارىغاندا بەكلا كۆپ تۈۋەن تۇرىشىمۇ مۇمكىن. بۇرجۇئازىيە ئائىلىسىنىڭ بالىسىدىكى بۇ ئۈستۈنلۈك، ھەرگىزمۇ ئۇ بالىنىڭ تەبىئى قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولالمايدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرى بەكىرەك ياخشى يېتىشكەن ۋە زامانىۋىي بىلىم ئېلىش پۇرسىتى سايىسىدە ئىزچىل تۈردە ئالغان تۈگىمەس بىلىم شارائىتلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن مەيدانغا كەلمەكتە. ئەڭ يوقۇرى قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولغان كىچىك سەھرا بالىسى دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپ يوقۇرقىدەك بىر مۇھىت ئىچىدە يېتىشكەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭ تەپەككۈر قابىلىيەتلىرىمۇ تەبىئى ھالدا پۈتۈنلەي باشقىچە ھالغا كەلگەن بولار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان يوشۇرۇن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كېيىن يېتىشتۈرگەن ئالاھىدىلىكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى سەنئەت ساھەسىدە ئېنىق كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. سەنئەت مەسىلىسىدە ئۆگۈنۈشنىڭ ئۆزىلا ھەرگىز يىتەرلىك بولمايدۇ.  بۇ ئىشلاردا تۇغما قابىلىيىتىنىڭ بولىشى زۆرۈر. بۇنداق قابىلىيەت ئۇنىڭدا يوشۇرۇن ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. كېيىن بۇ تۇغما قابىلىيەت ئەقىل بىلەن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈلۈش نەتىجىسىدە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئېرىشكەن ئورنى بىلەن ئۇلارنىڭ قولىدىكى بايلىقلىرى بۇ جەھەتتە قىلچە رول ئوينىيالمايدۇ. يەنى، بالىنىڭ ئىقتىدارلىق بولۇپ يېتىلىپ چىقىشى ئائىلىسى ئېرىشكەن ئىجتىمائى ئورنى ۋە مال-مۈلكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. دېمەك، قابىلىيەت مەسىلىسى ئىجتىمائى ئورۇن بىلەن ئىقتىسادى ئورنىغا قىلچە باغلىق ئەمەس. ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ داڭلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەرنىڭ نامىرات ئائىلىلەردە يېتىشىپ چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس. كىچىك بىر يېزا بالىلىرى ئارىسىدىن داڭلىق كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنىمۇ كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
بۇ تۈردىكى مىساللار ئىدىيىۋىي تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن تەرەپلىرىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى دەۋرىمىزدە تەپەككۈر كۈچىنىڭ يوقلىقى، ئاجىز قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. سەنئەت ساھەسىدە ئىنكار قىلىنماس بۇ خىل قاراشلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي بىلىملەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، بىر ئادەمنى تەربىيىلەش ئارقىلىق بىر قىسىم تېخنىكىلىق بىلىملەرگە ئىگە قىلالىشىمىز مۇمكىن. خۇددى ھايۋاناتلارنى ئۆگۈتۈش ئىشىدا يۇۋاش بىر ئىتقا ھەيران قالارلىق ئويۇنلارنى ئۆگەتكىلى بولغىنىغا ئوخشاش ماھارەتنىمۇ ئۆگىتىشكە بولىدۇ. ئەمما ھايۋان تەربىيىسىدە ھايۋانلار ئۆگىتىلگەنلەرنى ئەقلىگە تايىنىپ تەكرارلىمايدۇ. ئادەمدىكى ئەھۋالمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىر ئادەمگە ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەيمۇ بەزى ئىلمىي ماھارەتلەرنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مۇمكىن. ئەمما بۇنداق بىر ئادەم، ئۆگىتىلگەن ماھارەتلىرىنى خۇددى بىر ئىتتا كۆرۈلگىنىدەك ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئەمەس بەلكى ماشىنىدەك ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. بەلگىلىك ئەقلىي تەربىيە بېرىش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ كاللىسىغا ئادەتتىكى بىر ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا خېلى يوقۇرى بىلىملەرنى قويغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىكى بۇ بىلىملەر ئۆلۈك، يارىتىشچانلىقى بولمىغان بىر بىلىم ھالىدىلا قېلىشى مۇمكىن. ئادەتتە، خۇددى بىر لۇغەتتەك ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەمما بۇ خىل كىشىلەر بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كەلگەنلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقىدەك بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىر ئادەمنى ھەر تۈرلۈك ئەھۋال ۋە شارائىتلاردا قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. ئۆزىدىن بىر ئۈمىد بولمىغان بىرسىدىن خۇددى ھايۋان تەربىيىسىگە ئوخشاش مېنىكىلق بىر شەكىلدە بىلىم بېرىش، ئۇنداق بىرسىنى بەك بولۇپ كەتسە خۇددى بۈگۈن ئۇچراپ تۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەردەك ئارانلا مەمۇرى خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىن چىقالىغىدەكلا بىرسىگە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن.
بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ئەزالىرى ئارىسىدا كۈندىلىك پائالىيەتلەردە خىيال قىلىشقا بولغىدەك بارلىق ساھەلەر بويىچە لازىملىق قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر شەخسىلەرنىڭ قابىلىيىتى جانسىز بىرەر نەرسىگە قانچىكى جانلىقلىق بېرەلىسە ئۇنىڭدىكى بىلىمنىڭ قىممىتىمۇ شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. ھەقىقىي ئىجادىيەتلەر، قابىلىيەت بىلەن بىلىمنىڭ بىرلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن.
بۇ مەسىلىدە، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خاتا ئويلايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى مىسالدىن ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ: گېزىت خەۋەرلىرىدە بەزىدە بىرەر نېگىرنىڭ سۆرىتىنى بېسىپ بىزدىكى نېمىس بۇرژۇئازلىرىغا كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ گېزىت، بۇ نېگىر پالانى يەردىكى بىر ئادۋۇكات، بىر پروفېسسور ياكى بىر راھىپ دەپ تونۇشتۇرىدۇ. ھەتتا باش رولچى ئاتىست ياكى شۇنىڭدەك بىرسى دەپ قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ كېتىدۇ. بىنىڭ ئاخماق بۇرژۇئازلىرىمىز ئادەم تەربىيىسىدىكى بۇ تۈر مۇجىزىلىرىگە ھەيران بولىنىدىن بۇنداق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشۈرەلەيدىغان زامانىۋىي مائارىپ مىتوتلىرىغا قايىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەشسە، ھېلىگەر يەھۇدىيلار خەلقىمىزنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈمەكچى بولغان «ئىنسانلار تەڭ-بارابەر» دېگەن نەزەرىيىنى يېڭى بىر پاكىت بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولىشىدۇ. يىمىرلىۋاتقان بۇرژۇئازىيە، بۇنداق ئويغا كېلىش نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر گۇناھ ئىشلىگىنىنى پەقەتلا ئەقلىگە كەلتۈرۈشمەيدۇ. ھەتتا بۇنداق بىر گۇناھ ئىشلىگەنلىكىدىن كىچىككىنە بولسىمۇ گۇمان قىلىشمايدۇ. ئەسلىدە مەدەنىي بىر ئىرقنىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدىغان كىشىلىرىمىز يېرىم مايمۇن بىر مەخلۇقنى پەقەتلا تېگىشلىك بولمىغان بىر ئورۇنغا قويۇشقانلىقى، بىر ئادۋۇكات بولغىدەك بىر ھايۋاننى تەربىيىلەشنىڭ ئاخماقانە بىر گۇناھ ئىشلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەڭ قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى، بۇنىڭدە يۈزمىڭلىغان ئادەمنى پرولىتارىيات پەتقاقلىقلىرىدا سۆرۈلۈپ يۈرۈشكە مەجبۇرلاش، خوتانتولارنى، كافرا قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەرنى ئەركىن كەسىپ ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرىمەن دېيىش ئۈچۈن ھايۋانلارنى تەربىيىلەش، ياراتقۇچىسى ئالدىدا گۇناھ ئىشلىگەنلىكىدىن باشقا ئىش ئەمەس. چۇنكى بۇنداق بىر تەربىيە مەدەنىيەت ئۆگۈتۈش مەسلىسى ئەمەس، ئىتلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ھايۋان تەربىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر شۇنىڭغا ئوخشايدىغا تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق يارىتىلىشىدىنلا ئەقىللىق بىر ئىرقتىن بولغان خالىغان بىر ئادەمگە كۆرسىتىلسە ئىدى، ئۇ چاغدا يوقۇرقىغا ئوخشايدىغان نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ئادەم مىڭ ھەسسە قابىلىيەتلىكلىكىنى كۆرسەتكەن بولار ئىدى.
بۇنىڭدىن مۇستەسنا مىساللار سىرتىدا بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا بۈگۈنكى ھالەتكە چىداش مۇمكىن بولمىغىدەك ئەھۋالدا دېيەلمەيمىز. چۇنكى بۈگۈنكى ئالىي بىلىم ئالىدىغانلاردىن بىرەر سۈپەت، ياكى بىرەر تۇغما قابىلىيەت تەلەپ قىلىنمايدۇ؛ بىر تەرەپتە ئالىي بىلىم ئېلىشقا لاياقىتى بولغان يۈز مىڭلىغان كىشى بۇنداق پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇرىلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا يەنە بىر تەرەپتە ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان قابىلىيىتى يوق كىشىلەر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىشىغا لايىق كۆرۈلىشىگە ھەرگىزمۇ چىداش مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن مىللىتىمىز بەكلا كۆپ زىيانغا ئۇچرىتىلماقتا. شۇ پەيتلەردە شىمالى ئامېرىكىنىلا مىسالغا ئالساق، ئۇ يەردە يېڭى-يېڭى ئىجادىيەتلەرنىڭ شۇنچە كۆپ ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئۇ يەردە بەكلا كۆپ قابىلىيەتلىك ئەمما نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قوبۇل قىلىنىشى ياۋروپادىكىدىن كۆپ ئاسان ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسىلا دېيەلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭغا يەنە باشقا نېمە دېيەلىشىمىز مۇمكىن؟
ئىجادىيەت قابىلىيىتى (ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىجادىيەت بىلەن كەشپىيات ئاتالغۇسىدا بەكلا ئېغىر مۇجمەللىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئىجادىيەتنى نوقۇل يارتقۇچىغىلا خاس بىر ئالاھىدىلىك ياكى دۇنيادا قىلچە ئىزى بولمىغان يېڭى شەيئىنى ئوتتۇرغا قويۇش دەپ قارىلىپ، تەبىئىي پەنلەردىكى يېڭىلىق يارىتىشلارنى كەشپىيات بىلەنلا ئاتاش پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرۈمەكتە. ۋاھالەنكى ئىجتىمائىي پەنلەردىكى يېڭىلىقلاردىمۇ مۇتلەق تۈردە ۋاستىلىق رىياللىق ئىزنالىرى يەتكىچە مەۋجۇت. — ئۇ.ت)، ھەرگىزمۇ بىلىم جۇغلانمىسىنىڭلا نەتىجىسى ئەمەس. بۇ تۈردىكى بىلىم جۇغلانمىلىرى مۇتلەق تۈردە جانلىق ئىشلىتىشنى تەقەززار قىلىدۇ. ئەمما بىزدە پەقەت ئىمتىھان نەتىجىلىرىگىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ ئىجادىي قابىلىيەت مەسىلىدە بۈگۈنگىچە قىلچىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلمەكتە.
ئىرقچى بىر دۆلەت، بۇ ئىشقىمۇ ئارلىشىشى شەرت بولماقتا. ئىرقچى دۆلەت، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي سىنىپ كىشىلىرىنى بۈگۈنگىچە پايدىلانغىنىدەك ۋە ئۇنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىرىپ كەلگىنىدەك نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس. ئىرقچى دۆلەت، جەمىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مېڭىلەرنى تېپىپ چىقىش، جەمىيەت ئىشلىرى بىلەن جەمىيەت ئىشلىرى ۋەزىپىلىرىنى ئەنە شۇ كىشىلەرگە تۇتقۇزۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ رولى، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بارلىق بالىلارغا خالىغانچە تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلالمايدۇ. ئۇ، كىشىلەرنى ئۆز قابىلىيىتى تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئوقۇغۇچى قايسى تەبىقىگە، قايسى ئائىلىگە تەۋە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بارلىق قابىلىيەتلىك شەخسىيلەرگە دۆلەتنىڭ تەربىيىلەش مۇئەسسەلىرىنىڭ دەرۋازىسىنى قەتئى تۈردە ئوچۇق تۇتقان بولىشى شەرت. مانا، بۇ ئېرقچى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆلۈك بىلىم ۋەكىللىرى بولغان سىنىپلارنىڭ، مىللەتنىڭ داھىي-يولباشچىلىرىنى كۆپلەپ ئوتتۇغا چىقارغىلى بولىدۇ.
دۆلەت بۇ مەنىدە تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن مۇنداقمۇ بىر سەۋەپ بارلىقىنى تەكىتلەپ كۆرسىتىش زۆرۈر: بىزدىكى بىلىملىك كىشىلەر ساھەسى شۇنچىلىك ئۆزىنى يىتىملەشتۈرۈپ چەتكە ئېلىۋېلىشقان ئىدىكى، ئۇلار پۈتۈنلەي كۆڭۈل بۆلمەس، تۇتۇق بىر ھالغا كېلىپ قالغان ئىدىكى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەر بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى بولمىغان بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ ئەھۋال يەنە كېلىپ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا: ئەڭ ئاۋال بۇ تۈر تەبىقىدىكىلەر خەلق ئاممىسىنى قوزغىتىش تۇيغۇ ۋە پىكىرلەرگە پۈتۈنلەي ياتلاشقان ھالغا كېلىپ قالغان. ئۇلار خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ىجەز-خاراكتېرلىرىنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيدۇ. خەلقىنى چۈشىنىش ئىشى بۇ زىيالىلار قاتلىمى ئۈچۈن پۈتۈنلەي يات بىر ئىش بولۇپ تۇيۇلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. يەنە بىر زىيان، بۇ تۈردىكى بىلىملىكلەر ساھەسىدىكىلەردە بىرەر ئىستەك كۈچى يوق ھالغا كېلىپ قالغان. چۇنكى، بۇ تەبىقە كىشىلىرىگە نىسبەتەن مەدەنىيەت يېپىق نىيەتلىك بىر مىجەزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە ئىستەكلىرى تەربىيە كۆرەلمىگەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستەكلىرىدىنمۇ بەكرەك زەئىپلىشىپ كەتكەن. خۇدا بىلىدۇ، بىز نېمىسلاردا ئىلمىي مەدەنىيەت ھېچقاچان يېتەرسىز بولۇپ ماقمىغان. بىزدە يېتەرلىك بولمىغان نەرسە ئىستەك ۋە قارار قىلىش جاسارىتىلا كامچىل ئىدى. مەسىلەن ئالايلۇق، دۆلەت يېتەكچىلىرىمىز ئوي-پىكىر قابىلىيىتى جەھەتتە ھەر قانچە كۆزگە كۆرۈلگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەمەلىي رولى شۇنچە زەئىپ ھالدا ئىدى. جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تېخنىكا گۇرۇپپىلىرىنى تەييارلاش ئىشلىرىدىكىگە ئوخشاش سىياسىي تەييارلىقلىرىمۇ بەكلا يېتەرسىز قالغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بىزنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز بولغانلىقى سەۋەب ئەمەس بەلكى بىزنى باشقۇرىدىغان كىشىلىرىمىز بەكلا مەدەنىيەتلىك، بەكلا بىلىملىك كىشىلەر بولۇش بىلەن، ئۇلار ساغلام ئىچكى ھەيدەكچىلىك كۈچىدىن، روھى كۈچتىن ۋە جاسارەتتىن يوقسۇن كىشىلەر ئىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى — رېيچنىڭ بېشىدا بىر پەيلاسوپ ئەمما بىر قابىلىيەتسىز بىرسى ئولتۇرىۋالغان بولغاچقا، مىللىتىمىزنىڭ ھاياتىغا باغلىق بىر ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر قالغان بىر ۋاقىتتا، ئۇنداق بىرسىنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزدىكى رەھبەر بولۇپ قالغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر تەلەيسىزلىك بولغان ئىدى. ئەگەر بېتمان-ھولۋېينىڭ ئورنىغا داھى قىلىپ خەلق ئارىسىدىن تېخىمۇ ھەرىكەتچان بىرسى ئوتۇرغان بولسا ئىدى، قەھرىمان جەڭچىلىرىمىزنى قانلىرى بىھۇدە ئاقمىغان بولار ئىدى. يېتەكچىلىرىمىزنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ئەقىلچىلىقلىرىغا سەۋەب بولغان يوقۇرى بىلىملىك بولىشى، نويابىر ئىنقىلابىنى قوزغىغانلار ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئەڭ ئۇيغۇن ئىتتىپاقداشلىرىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ بىلىملىكلەر تەبىقىسى ئۆزىگە ئامانەت بېرىلگەن مىللىي غەزىنىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈش ئورنىغا ئۇنى يوشۇردى، نەتىجىدە ياتلارنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن پۈتۈن شەرتلەرنى تەييارلاپ بەرگەن بولدى.
بۇ جەھەتتە كاتولىك چىركاۋىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتەلىشىمىز مۇمكىن. چىركاۋ راھىپلىرى بويتاق بولغىنى ئۈچۈن راھىپلار سىنىپى ئىزچىل تۈردە ئۆز سېپى ئىچىدىن تولۇقلانماي كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلق ئارىسىن ئادەم يىغىش ۋاستىسىغا تايىنىپ يېڭى راھىپلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىدۇ. بۇ جەھەتتىن بويتاقلىقنىڭ ئۇلارغا قانچىلىك مۇھىم بولىدىغانلىقىنى كىشىلەر پەرق قىلالمايدۇ. بەكلا كونا بۇ ئورگاننىڭ ساپلىقى ئەنە شۇ ئارقىلىق ساقلىنىپ كەلمەكتە. چۇنكى چىركاۋلارنىڭ ئىنتايىن كەڭ جامائەت قىسمىنى خەلقنىڭ ئەڭ تۈۋەن تەبىقىلىرى ئارىسىدىن يىغقان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا چىركاۋلار خەلق مىجەزىنى بەكلا ياخشى بىلىدىغان ئىچكى روھقا ئىگە بولۇش بىلەنلا قالماي ئۆز ۋاقتىدا يەنە خەلق ئىچىدە ھەر دائىم ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ساپلىق جانلىقلىقنىمۇ ئۆز تەۋەسىگە ھازىرلىغان بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىنتايىن كەڭ تارقالغان تەشكىلاتنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدىكى تېتىكلىكى، ياش تۇرالىشى، پىكىرلىرىنىڭ ساغلاملىقى ھەمدە كۈچلۈك ئىرادىسى ئەنە شۇنداق ياشنىتىلغان.
ئىرقچى دۆلەتتىكى مائارىپ سىستېمىسى ئالىي بىلىم ئالغان سىنىپلارنىڭ تۆۋەن تەبىقەلەردىن ئىزچىل تۈردە قوبۇل قىلىدىغان ساپ قان ھەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرۇشقا مۇھتاج. دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى، پۈتۈن خەلق ئىچىدىن  ئەڭ يوقۇرى ئەستايىدىللىق ۋە دىققەت بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى بولغان كىشىلەرنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى بارلىق جەمئىيەتنىڭ خىزمىتىگە سېلىش بولىشى كېرەك. دۆلەت بولۇشنىڭ ھەمدە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ساقلىنىپ تۇرالىشىدىكى بىر سەۋەب، بەزى سىنىپلارغا كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىش بولماسلىقى، ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش بولىشى كېرەك. ئەمما بۇ ۋەزىپىلىرىنى ئورنىغا كەلتۈرۈش ئىشى، پەقەت دۆلەتنىڭ بۇ ئىشلار قولىدىن كېلىدىغان ئاكتىپ كىشىلەرنى سىستېمىلىق تۈردە يېتىشتۈرۈپ چىقىشى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرىلىشى مۇمكىن. بۇ پىرىنسىپ، پەقەت ئاممىۋىي خىزمەتلەرگىلا مۇۋاپىق كېلىپ قالماي بارلىق خەلققە بېرىلىدىغان پۈتۈن خىزمەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. بىرەر خەلقنىڭ ئۇلۇغلىقى مۇنداق بىر پىلاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئارقىلىقلا قولغا كېلىشى مۇمكىن: پۈتۈن ساھەلەر بويىچە ئەڭ قابىلىيەتلىك ئۇنسۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى خەلق ئاممىسىنىڭ خىزمىتىگە سېلىش. ئەگەر تەبىئىي قابىلىيەتلىرى تەڭ بولغان ئىككى مىللەت كىشىلىرى ئۆزئارا رىقابەتكە چۈشۈپ قالغان بولسا، بۇ رىقابەتتە بېشىغا ئەڭ قابىلىيەتلىك ئادىمىدىن بىرسىنى مەسئۇل قىلىپ قويالىغان تەرەپ يېڭىپ چىقالايدۇ. تەبىئىكى، ھۆكۈمىتى بەزى بىر سىنىپلار ئۈچۈنلا بىر يەم بولۇشتىن نېرىغا ئۆتەلمەيدىغان شەخسىلەرنىڭ يارىتىش قابىلىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان مىللەت، ھەرگىز بۇ رىقابەتنىڭ غالىبى بولالمايدۇ.
بۇنداق بىر ئىسلاھات مۇنداق قارىماققا بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئىشقا ئاشۇرۇلىشى مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. شۇڭا بىزنىڭ بۇ پىكىرىمىزگە دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدىغانلىقى مۇقەررەر: يوقۇرى دەرىجىلىك بىر كادىرنىڭ سۆيۈملۈك ئغلىنى جىسمانى ئەمگەك بىلەن شوغۇللاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلىش، ھەرگىز توغرا ئەمەس. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىشچى بولغانلارنىڭ بالىلىرى ئەسلىدىنلا ئىشچى بولۇشقا مائىل كېلىدۇ دېيىشىدۇ.
بۇنداق ھۆكۈم قىلىش ۋە بۇنداق نارازىلىق بىلدۈرۈش، بۈگۈنكى كۈندە جىسمانى ئەمگەكچىلەرگە بېرىلىۋاتقان باھالار ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان بىر قاراشتىن باشقا پىكىر ئەمەس. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ئىرقچى دۆلەت ئەمگەك قارىشىنى باھالاش ۋاقتىدا پۈتۈنلەي باشقىچە بىر قاراش بويىچە باھا بېرىدۇ. ئىرىقچى دۆلەت، مائارىپ ئىشىغا ئەسىرلەپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كەلگىنىدىمۇ جىسمانىي ئەمگەكنى پەس كۆرىدىغان ناھەقچىلىكلەرنى شۇ ھامان قەتئىي تۈردە يوق قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ تۇتقان يولى، شەخسىگە، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ تۈرىگە قاراپ ئەمەس بارلىققا كەلتۈرگەن ئىشىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ باھا بېرىدۇ. ئەڭ ئاخماق بىر يازغۇچى قەلەم تۇتقانلىقى سەۋەبىدىنلا ماھارەتلىك ۋە ئەڭ زىھنى ئۆتكۈر بىر تېخنىك ئىشچىسىغا قارىغاندا بەكىرەك قىممەتلىك دەپ تونۇلۇپ كېلىنگەن بۇ دەۋردە، بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز ھەقىقەتەنمۇ بەكلا غەلىتى، ئىجرا قىلىشقىمۇ ئىمكانى يوق بىر قاراش بولۇپ كۆرۈلىشى تەبىئىي. بۇنداق خاتا ھۆكۈم، يوقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك نەرسىنىڭ ئۆزىدىن بارلىققا كەلگەن بىر قاراش ئەمەس بەلكى بۇرۇندىن بار بولمىغان بىر تۈرلۈك تەربىيەلەش يولىنىڭ سۇنئىي مېيۋىسى. بۈگۈن بىزگە مەلۇم بولغان تەبىئەتكە زىت ئەھۋالىمىز، دەۋرىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىنى ئىپادىلەيدىغان رەزىل كېسەللىك ۋە ناچار ئادەتلەرنىڭ نەتىجىسى دېيىش كېرەك.
ئەسلىدە ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك: بىرسى، پۈتۈنلەي ماددى جەھەتتىكى قىممەت قارىشى بولسا، يەنە بىرسى روھى قىممەتلىك بولىشى. ماددىي قىممىتى بىرەر ئىشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىگە بولىدىغان ئەمەلىي قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. بىرەر ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق بىر شەكىلدە خەلقىمىزگە قانچىكى پايدىلىق بولىدىكەن، ئۇنىڭ ماددىي قىممىتىمۇ شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئىشچىنىڭ ئالىدىغان مائاشىمۇ شۇنچە يوقۇرى بولۇپ نامايەن بولىدۇ. پۈتۈنلەي ماددى بولغان بۇنداق قىممەت بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ مەنىۋىي قىممىتىمۇ بولىدۇ. بۇنداق مەنىۋى قىممەت ئۇ ئىشنىڭ ياراتقان نەرسە سانى بىلەن ئەمگەكنىڭ مىقتارىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىۋىي قىممىيتى شۇ نەرسىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر بولىشى ۋە قىممەتلىك بىر ئېھتىياج بولىشىغا باغلىق. بىرەر يېڭىلىقنىڭ قىممىتى ئاددى بىر ئىشچىنىڭ كۈندىلىك ياراتقان مەھسۇلىدىن كۆپ قىممەتلىك بولىدىغانلىقىمۇ بىر مۇقەررەرلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يەنە بىر مۇقەررەرلىكمۇ بار ئىكى، ئىشچىنىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ئادەتتىكى خىزمەتلىرى ئىجادىيەتنىڭ بەكلا جەلىپ قىلارلىق خىزمىتىگە ئوخشاشلا زۆرۈر ئىش بولىشى. ماددىي جەھەتتە بىر كىشىنىڭ جەمىيەتكە قىلىدىغان خىزمىتى ھەر خىل بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى ھەر خىللىق پەرقى ئىشچىغا ئىش ھەققى شەكلىدە نامايەن بولىشى مۇمكىن. ئەمما مۇۋاپىقلىق جەھەتتىن ئالغاندا، ئەمگەكچىنىڭ كەسىپى نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر ئەمگەكچى قولىدىن كەلگىنىچە ياخشى ئىشلەپ ئوتتۇرغا چىقارغان ئىشىنىمۇ ئوخشاش قىممەت بىلەن باھالاش لازىم. بىر ئادەمنىڭ قىممىتى، ئالغان ئىش ھەققىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى يوقۇرقىدەك پىرىنسىپ ئاساسىدا باھالىنىشى كېرەك.
ھەققانىيەت بىلەن ئەقىل ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان بىر دۆلەتتە، كىشىلەرگە  ئۆز قابىلىيىتىگە قاراپ ئىش بېرىلىشى كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلارغا ئىش بېرىشتە ئۆلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنىغا قاراپ ھۈنەر ئۆگىتىلىشى، قابىلىيەتنىڭ ئۆگىتىشتىن قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بىر نەرسە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا بار بولغان بىر ئىنىستىنكىت ئىكەنلىكى ئۈچۈن، بۇنداق بىر قابىلىيىتى بولغان بىرسى باشقىلاردىن دەرىجىسى يوقۇرى دەپ مۇئامىلە قىلىنىشىمۇ توغرا ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، بۇرژۇئازىنىڭ ئىشنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئوتتۇرغا قويغان ئومىي ھۆكۈمى بويىچە قابىلىيىتىگە ئېتىبار قىلماي پۈتۈنلەي ئوخشاش تەلەپ قويۇشىنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس. چۇنكى بۇ ئىش ئۇنىڭ تۇغما قابىلىيىتى ۋە جەمئىيەتىن ئالغان يېتىشتۈرۈلىشىگىمۇ باغلىق. بىر ئادەمنىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان باھا جەمئىيەتنىڭ بۇ كىشىگە بەرگەن ئىشىغا بەرگەن قىممىتى بويىچە باھالىنىشى كېرەك. چۇنكى، بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشى، ئۇنىڭ غايىسى ئەمەس بەلكى بۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن بىر ۋاستىدىنلا ئىبارەت. شۇنىڭدەك يەنە بۇ كىشىمۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز قىممىتىنى ئارتتۇرۇش ۋە ئۇلۇغلاشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكىمۇ مەجبۇر. ئەمما بۇنى ئۆز مەدەنىي جەمئىيىتىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرالىشى ھەمدە ھەر دائىم دۆلەت ئاساسىغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇر. بۇنداق بىر دۆلەت ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كىشىمۇ تېگىشلىك تۆھپىدە بولىشى زۆرۈر. بۇنداق تۆپىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولىشى تەبىئەتكە باغلىق بىر مەسىلە. كىشىنىڭ ۋەزىپىسى، مىللى جەمئىيەتتىن ئالغىنىنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋىجدانلىق بىر شەكىلدە يەنە بۇ جەمىيەتكە قايتۇرۇشى كېرەك. بۇ شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدىغان بىرسى، ئەڭ يوقۇرى ھۆرمەتكە ۋە تەلەپكە لايىق بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر شەخسىگە بېرىلىدىغان ماددى ھەق، قىلغان ئىشىنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان پايدىسى ئاساسىدا ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ھەقلىق بولغان ئىش ھەققى تەبىئەتنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان قابىلىيىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئۇنى تولۇق يېتىشتۈرگىنىدىن كېيىن ئوتتۇرغا چىقارغان قابىلىيىتى ئارقىلىق مىللىتىگە ئۆزىنى ئاتا قىلغان بىرسى ئېرىشىدىغان ھۆرمىتى بىلەن ئارزۇسى بولۇپ نامايەن بولىشى لازىم. ئەنە شۇنداق بولغاندىلا ياخشى بىر ئىشچى بولۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن نومۇس ھېسابلانمايدىغان بىر كەسىپ بولالايدۇ. شۇنداقتىمۇ تەڭرىنىڭ بەرگەن ۋاقىت بىلەن خەلقىنىڭ نېنىغا چاڭ سالىدىغان ئىقتىدارسىز بىر كادىر بولۇش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر نومۇس ھېسابلىنىشى كېرەك. ئۇنداق ئەھۋالدا كىشىگە قولىدىن كەلمەيدىغان، قىلالمايدىغان ئىشنىمۇ بېرىش توغرا ئەمەس.
يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان پائالىيەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىش، مەلۇم بىر كىشىنىڭ بارلىق يۇرتداشلىرى بىلەن بىر قاتاردا شۇ ئىشنى قىلىپ قىلالماسلىقىغا ھەققى بار بولۇپ بولماسلىقىنى كورسىتىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈنكى دەۋر، ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىش يولىدىكى بىر دەۋردۇر: دۆلەت ئىچىگە ئومۇمىي سايلام دېگەن نەرسىنى كىرگۈزدى، خەلقلەرنىڭ تەڭ بارابەرلىكى دېگەندەك ئاخماقانە سۆزلەر سۆزلەنمەكتە، ئەمما بۇنداق تەڭلىك قانداق ئاساسقا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىلىق ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەي كەلمەكتە. بۇ دەۋر كىشىنىڭ قىممىتىنى ماددى ئىش ھەققى بىلەن ئىپادىلىمەكتە ھەمدە شۇ ئارقىلىق بار بولغان ئەڭ ئاساسلىق تەڭلىكنىڭ ئۇلى قېزىلماقتا. چۇنكى، تەڭ-باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ قىممىتى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىشى تەمىنلەيدىغان قىممىتى ئەمەس ۋە بۇنداق باھالىنىشىمۇ ھەرگىز توغرا ئەمەس. تەڭلىك، ھەر بىر گراژداننىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئەھۋالىغا قاراپ كاپالەتلەندۈرۈلىشى مۇمكىن. بىرەرسىنىڭ قىممىتىنى باھالىماقچى بولغىنىمىزدا، كىشىمۇ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان ۋاقتىدا، تۇغما قابىلىيەتلەر ئىپادىلەيدىغان تەساددىپى ھەسسىسىمۇ بىر چەتكە تاشلىنىپ قالىدۇ.
ئىنسانىيەت گۇرۇپپىلىرى، بىر-بىرىنىڭ قىممىتىنى قايسى بىر سىنىپلارغا تارقىتىلغان ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە باھالاشتىن باشقا باھالاش يولىنى بىلەلمەي كېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، يوقۇرىدا توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ پىرىنسىپ ھەرگىز چۈشەنگىلى بولىدىغان پىرىنسىپ بولماي قالىۋېرىدۇ. ئەمما بۇنداق چۈشەنچىسىزلىك بىزنىڭ ئۆز قاراشلىرىمىزدا چىڭ تۇرىشىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرالمايدۇ دېيىشكە ھېچ بىر سەۋەب كۆرسىتەلمەيمىز. دەل ئەكسىنچە، ئىچ-ئىچىدىن چىرىپ كېسەل ھالغا كېلىپ بولغان بىر دەۋىرنى داۋالاپ ساقايتىمەن دەيدىغان بىرسىدە، ئالدى بىلەن كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئۆتىشكە جاسارىتى بولىشى كېرەك. مىللىي سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ قىلماقچى بولغان تۇنجى ئىشى، بارلىق ئۇششاق بۇرژۇئازلارنىڭ بېشىدىن دەسسەپ ئۆتۈپ، خەلقنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى بىر يەرگە يىغىپ، يېڭىچە بىر دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلدۇرۇش كۈرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى تەشكىللەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شۆبھىسىزكى، بىزگە ماددىي قىممەتلەر بىلەن مەنىۋىي قىممەتلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، ماددىي ئەمگەكلەرنى تۆۋەن باھالاشتىكى سەۋەب ئۇلارغا تۆۋەن ئىش ھەققى بېرىلگەنلىكى سەۋەب بولغان دەپ تۇرىۋېلىشىدۇ. ئىش ھەققىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدە ھەر ئادەمنىڭ مەدەنىيەتتى پايدىلىنىش ئۆلۈشىنى كامايتىۋېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسانى ئەخلاق مەدەنىيىتىگە زىيان كەلتۈرىدۇ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئەسلى پائالىيىتى بىلەن بىرەر مۇناسىۋېتىنىڭ يوقلىقىنى، ماددى ئەمگەكنىڭ پەيدا قىلىدىغان قورقۇشنىڭمۇ بۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئاز ئىش ھەققى ئالغانلىقى ئۈچۈن جىسمانى ئەمگەك ئىشچىسىنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، بۇ يەنە كېلىپ كىشىلەرنىڭ بۇنداق بىرسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنىڭمۇ ئازىيىپ كېتىشىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تەبىئىي ئەھۋال دەيدىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن.
بۇ تۈردىكى نارازىلىقلاردا توغرا گەپلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىدە ئىش ھەققىدىكى بەك چوڭ پەرقلەردىن يىراق تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىش ئۆنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشمۇ ئارتۇقچە ئەندىشە. ئادەملەرنىڭ تەپەككۈر قىلىش ھەۋەسلىرىنى يېتىلدۈرۈشى ئەگەر يوقۇرى ئىش ھەققى بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش بولغىنىدا، بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يىمىرلىشقا قاراپ يۈز تۇتقانلىقنىڭ پاجىئەلىك يۈزلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر بۇنداق ئويلاشلار توغرا بولسا ئىدى، شۇنىڭدەك بۈگۈنگىچە تەرەققىياتلار ئەگەر شۇنداق قاراشلارغا مۇۋاپىق كەلگەن بولسا ئىدى، ئىنسانىيەت ھېچقاچان بىلىم ۋە مەدەنىيەتتىن ئالغان تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە نەرسىلەردىن پايدىلىنالمىغان بولار ئىدى. چۇنكى، ئەڭ چوڭ ئىجادىيەتلەر، ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلار، بىلىمدە ئىنقىلاب پەيدا قىلالىغان تىرىشچانلىقلار، مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك ئابىدىلىرى ھەرگىزمۇ ماددى پايدا پېشىدە يۈرگەنلىكنىڭ دۇنياغا سۇنغان سوۋغىلىرى ئەمەس. دەل ئەكسىچە، بۇ ئەسەرلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ماددىي بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھالاۋىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ، بۇلارغا ۋاي دەپ كەتمىگەنلىكىنىڭلا نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن.
بۈگۈنكى كۈندە ئالتۇننى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-بىر خوجايىنى دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئىنسانلار تېخىمۇ ئەمەلىي قىممەتلەرنى ئىززەتلەيدىغان بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە راستىنلە بەكلا كۆپ ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى بايلىققا ئاچكۆزلۈك قىلىشقا قەرزدار بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇنداق ئوتتۇرغا چىققان نەرسىلەر يەر يۈزىدىن غايىپ بولغىنىدا ئىنسانىيەتنىڭ نامىرات ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىرى بەكلا ئاز ساندىكى نەرسىلەر بولىشى مۇمكىن.بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىزدىن يەنە بىرسى، ھەر بىر كىشى ياشاش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ كېلىشىنى بۈگۈندىن تارتىپلا ئېلان قىلىش بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، يەنە ئىنسانلارنىڭ يالغۇز ماددىي بەختىيارلىق ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ دەيدىغان پىرىنسىپنىمۇ ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پىرىنسىپ ئۆزىنى ئىش ھەققىنىڭ ئادىل بېرىلىشىدا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئىش ھەققىنىڭ بۇ شەكىلدە ئادالەتلىك  بىلەن بېرىلىشى، ئەڭ كەمتەر نۇمۇسچان بىر ئىشچىغا جەمىئەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ۋە ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن نومۇسلۇق ۋە ئەتىۋارلىق ياشاش ئىمكانىيىتىنى بەخش ئېتىدۇ.
بۇ دېگەنلىرىمىزنى بۇ دۇنيا چىداشلىق بېرەلمەيدىغان بىر غايە، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئىش دېيىش، شۇ سەۋەبتىن ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ دەپ يولىمىزنى توساشمىسۇن.
دەرۋەقە بىزمۇ ھەممە نەرسىسى مۇكەممەل بىر دەر يارىتىمىز دەپ ئىشىنىدىغان ساددا كىشىلەردىمۇ ئەمەسمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ ھالىتىمىز مەۋجۇت بولغان خاتالىقلارنى ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ ئۇلارنى يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىزنى، ئاجىزلىقلىرىمىزنى يېڭىپ غايىمىزگە قاراپ ئىلگىرلىشىمىزدىن قايتۇرالمايدۇ. ئاچچىق ئەمەلىيەتلەر بىزنىڭ بويسۇندۇرۇشىمىز ئۈچۈن بەكلا كۆپ توسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ سەۋەتىن ئادەم بەلگىلەنگەن غايىسىغا قاراپ ئىلگىرلەشنى تەلەپ قىلىشى، ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلارنى بۇ تۈر تەلەپلىرىدىن يېنىۋېلىشىنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. ئارىدا بىر خاتالىقلار سادىر بولىشىغىلا قاراپ سوت مەھكىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايمىز. خۇددى شۇنىڭدەك كېسەللىكلەرنى تولۇق يوق قىلىۋىتەلمىدى دەپ دوختۇرلارنى سوتقا بېرەلمەيمىز.
بىرەر غايىنىڭ كۈچ قۇدرىتىغا سەل قاراش توغرا ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە بۇ جەھەتتە ئىرادىسى بوشاڭلارغا ئۆز ۋاقتىدا ھەربىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلارغا ئەڭ چوڭ قەھرىمانلىق كۆرسىتىشتە غايىنىڭ بېرىدىغان كۈچىنىڭ نەقەدەر چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى خالايتتىم. كىشىلەر كۈندىلىك نان غىمىدا ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتمايدۇ. بەلكى ۋەتەن ئىشقى، ۋەتەننىڭ مۇقەددەسلىكىگە بولغان ئىشەنچى، مىللىتىنىڭ ئابرويى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىيالايدۇ. شۇنىڭدەك نېمىس مىللىتى، ئىنقىلابنىڭ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ماددىي بەختىيارلىققا چۈمپۈتۈپ بۇ غايىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى، قولىدىكى قۇرالىنى تاشلاپ خۇرجۇنىنى مۆرىسىگە تاشلاپ كەينىگە يانغان كۈنى، دۇنيانىڭ جەننىتىگە كىرىش ئورنىغا خارلىنىش ئاستىدا قېلىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى.
ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنكى رىئالىست جۇمھۇرىيەت ھېساب-كىتابچىلىرىنىڭ ئالدىغا غايىلىك بىر رېيچ — گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا تولۇق ئىشەنگەن ھالدا ئۈستىگە ئېتىلىشلىرى كېرەك.

ئۈچىنچى باب
دۆلەت پۇخرالىقى ۋە گراژدانلىق
بۈگۈنكى كۈندە خاتا ھالدا دۆلەت دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ سىياسى ئورگان، ئادەتتە ئادەمنى مۇنداق ئىككى تۈرگىلا ئايرىپ تونىيدۇ: ۋەتەنداشلار  ۋە چەتئەللىك. ۋەتەنداش دېگىنى، تۇغۇلۇشىدىن ياكى كېيىن بۇ دۆلەتكە تەۋە بولغان كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تۈر كىشىلەر قانۇنىي پۇخرالىق ھوقۇقىغا ئىگە. چەتئەللىكلەرنىڭ  بۇنداق قانۇنى ھوقۇقى ئۆز دۆلىتىدە بولىدۇ. بۇ ئىككى ئۆزگەرمەس كاتىگورىيىدە يەنە بىر يەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان ھەر يەرگە چېچىلىپ كەتكەن heimatos _ سەرگەردانلارمۇ بار بولۇپ، بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەر قانداق بىر دۆلەت تەۋەلىكىگە مەنسۈپ بولمىغانبولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەردۇر. شۇ ڭا ئۇنداق كىشىلەر ھېچقانداق بىر يەردە پۇخرالىق قانۇنىي ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەي يۈرىدۇ.
پۇخرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەلگىلىك بىر دۆلەت تەۋەسى ئىچىدە تۇغۇلغان بولىشى شەرت. بۇنداق ھوقۇققا ئىگە بولالىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ ئىرقى ياكى قان قېرىنداشلىقىنىڭ قىلچە رولى بولمايدۇ. بۇرۇنلاردا بىر نېمىسprotektorasi  دا ياشىغان، ھازىر گېرگېرمانىيەدە ئولتۇراقلاشقان بىر نېگىر، گېرمانىيەدە بالىلىق بولسا، ئۇنىڭ بۇ بالىسىمۇ  "گېرمانىيە پۇخراسى" ھېسابلىنىۋېرەتتى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر يەھۇدىي،  ھەر پولشالىق، ھەر ئافرىقالىق ياكى ھەر ئاسىيالىق بالا ئەگەر گېرمانىيەدىلا تۇغۇلغان بولىدىكەن، ھېچقانداق بىر رەسمىيەتكە ئېھتىياجى بولماستىنلا بىۋاستە گېرمانىيە پۇخراسى ھېسابلىنىۋېرەتتى.
تۇغۇلغان يېرىگە ئاساسلىنىپ ئېرىشىدىغان تەۋەلىكتىن باشقا يەنە كېيىن ئېرىشىدىغان تەۋەلىك تۈرىمۇ بار. ئەمما بۇنداق كېيىن ئېرىشىدىغان تەۋەلىك ئۈچۈن بەزى شەرتلەر تەلەپ قىلىنماقتا. مەسىلەن، تەۋەلىككە قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى بىر ئالدامچى، بىرەر قىمارخانا ياكى فاھىشىخانا دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ ئىگىسى بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە سىياسىي جەھەتتىمۇ گۇمانلىق بىرسى بولماسلىقى كېرەك (يەنى سىياسىي جەھەتتە ھېچقانداق زىيان كەلتۈرمەيدىغانكەلتۈرەلمەيدىغان ئادەتتىكىچە بىرسى بولىشى كېرەك). بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنىپ يەنە ۋەتەنداشلىققا ئۆتمەكچى بولىۋاتقان دۆلەتكە يۈك بولۇپ قالماسلىقمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. دەرۋەقە، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەمەلىيەتچىل دۆلىتىمىزدە بۇ دېگىنى ۋەتەنگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلمايدىغان بولىشى كېرەك دەپ چۈشىنىلمەكتە. ئەمما ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى ئەگەر ياخشى باج تاپشۇرىدىغانلا بىرسى بولغىنىدا، ئۇنداق بىرسىنىڭ ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.
بۇلارنىڭ ھېچقايسىدا ئىرقىنىڭ قىلچىمۇ رولى يوق.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىنكى، ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنىش رەسمىيەتلىرى ئادەتتىكى بىر كەسىپى جەمئىيەتكە ئەزا بولۇشتىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. يەنى، ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنماقچى بولغان نامزات، ئاۋال بىر ئىلتىماس سۇنىدۇ، بۇ ئىلتىماس تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلىدۇ، يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندە ئۇ كىشىگە ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بىر ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ. بېرىلىدىغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك بىر جۈمەل سۆز يېزىلغان بولىدۇ: شۇ كۈنگىچە بىرەر ئافرىقىلىق دېگەندەك سالاھىيەت بىلەن يۈرگەن بىرسىگە "بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن سىز بۇندىن كېيىن بىر گېرمان ھېسابلاندىڭىز."
بۇ خىل ئۆزگەرتىشنى قولىدىكى سىھىرلىك توخمىقىدىن پايدىلىنىپ يۈرگەن باشمىنىستىرنىڭ ئۆزى پەيدا قىلماقتا ئىدى. يەنى بىر ئىلاھمۇ قىلالمىغان بىر ئۆزگەرتىشنى سىھرىگەرلىك تايىقىنى قولىدا تۇتقان دۆلەت مەمورى كادىرى بولغان بىر پېرخۇن شۇ ھامان پەيدا قىلىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھىرۋاتىيەدىن كەلگەن  بىچارە بىر سلاۋىيان، بىر قەلەم ئوينىتىلىش بىلەنلا رەسمى  بىر نېمىسقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
يېڭىدىن ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنغان بۇ كىشىنىڭ قايسى ئىرقتىكى بىرسى ئىكەنلىكىنى ئويلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ تەن ساقلىقىنىڭ قانداقلىقىمۇ سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. بۇنداق بىرسى مەيلى سىبلىس بىلەن جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان بىرسى بولسىمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە يۈك بولمايدىغان، سىياسىي جەھەتتە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمەيدىغانلا ئىش بولسا ئۇنى خوش كەپسىز دەپ تەبرىكلىشىۋېرىدۇ.
دۆلەت دەپ ئاتالغان بۇ ئورگان، ئۆزىنى ئەنە شۇنداق زەھەرلەپ كەلمەكتە ۋە كېيىن بۇ بالادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ.
ۋەتەنداشنى ياتلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ۋەتەنداش بولغان بىرسى ھەر تۈرلۈك دۆلەت ئورۇنلىرىغا خالىغانچە كىرىپ چىقا-چىقالايدىغانلىقى، لازىم بولغىنىدا ھەربىلىك ۋەزىپىسىنى جايىغا كەلتۈرىشى، بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن مەيلى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ بولسۇن سايلاملارغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. پۇخرالىقتىن ئېرىشەلەيدىغىنى شۇلاردىنلا ئىبارەت. چەتئەللىكلەر بولسا پۇخرالاردا بار بولغان شەخسى ئەركىنلىك دېگەندەك باشقا بارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە. ھەتتا كۆپۈنچە ھاللاردا پۇخراسىدىنمۇ ئارتۇق قوغدىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۈگۈنكى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەنە شۇ ھالغا كېلىپ قالدى.
بۇنداق گەپلەر ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا زادىلا خۇشياقمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمەن. شۇنىڭدەك يەنە دەۋرىمىزنىڭ پۇخرالىق ھوقۇقىنىڭ شۇنچە مەنتىقىسىز، پۈتۈنلەي ئاخماقانە بىلجىرلاشلار بىلەن تولغىنىدەك باشقا بىر ئىش ھەقىقەتەنمۇ كەم ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئەسلىدە دۆلەتنىڭ ئوينايدىغان رولىنى ياخشى تونىغان، ھېچ بولمىغاندا كۈچلۈك پىلانلىرى ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان بىر دۆلەت بار. ئەمما ئۇ دۆلەت بىزدىكى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى ئەمەس بەلكى قىسمەنلىكتە بولسىمۇ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دېگەن دۆلەتتۇر. بۇ دۆلەت، تەن ساغلىقى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنى چېگراسىدىن كىرىشىنى توساپ، يەنە بەزى ئىرقتىكىلەرگە پۇخرالىق بەرمەسلىك قاتارىدىكى تەدبىرلىرىگە تايىنىپ قىسمەنلىكتە بولسىمۇ ئىرقچىلىق كۆزقارىشىغا بوي سۇنۇشقا يېقىنلاشقان.
ئىرقچى دۆلەت، ۋەتىدىكى ئىنسانلارنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ: ۋەتەنداشلار، دۆلەت پۇخرالىرى (ياكى بۇ ھوقۇققا كېيىن ئېرىشكەنلەر) ۋە چەتئەللىكلەر.
قائىدە بويىچە تۇغۇلغان يېرى كىشىگە پەقەت تەۋەلىك سۈپىتىنىلا ئاتا قىلالايدۇ. بۇ سۈپەت، مەمورى خىزمەتلىرىگە قوبۇل قىلىنىش، سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىش، يەنى سايلاملارغا قاتنىشىش دېگەندەك ھەقلەرنى تونىمايدۇ. ھەر قانداق بىر تەۋەلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىرقى ۋە مىللىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولىشى شەرت. تەۋەلىك سۈپىتىنى خالىغان ۋاقتىدا رەت قىلىپ ئۆز ئىرقىدىكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ۋەتەندىشىلىقىغا ئۆتىشى شۇ كىشىنىڭ ئىختىيارىدىكى بىر ئىش. چەتئەللىك بىلەن تەۋەلىك ئوتتۇرسىدىكى بىردىن-بىر پەرق، چەتئەللىك دېگىنىمىزدە ئۇنىڭ باشقا بىر دۆلەت تەۋەلىكىگە مەنسۈپ بىرى ئىكەنلىكىدۇر. مىللىتى نېمىس بولغان ياش بىر گراژدان، ھەر بىر نېمىس تەربىيىلىنىش ۋە ئوقۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىشى شەرت. شۇ ئارقىلىق بۇ كىشى ئىرقنى تونۇيدىغان سەۋىيىگە كېلەلىگەن، مىللىي رۇھقا ئىگە شۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنالىشى مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەم، دۆلەت تەمىن قىلغان جىسمانىي تەربىيىگە ئالاقىدار ئىشلاردىن پايدىلىنالايدۇ ھەمدە ئاخىرى ھەربىيلىككىمۇ قاتنىشالايدۇ. ئەسكەرلىكتە ئالىدىغان تەربىيەلەر ئاساسلىق تەلىم-تەربىيەلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھەر بىر نېمىس ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، ھەر نېمىس ئەسكەرلىكتە جىسمانىي ۋە ئەقلى قابىلىيىتىگە مۇۋاپىق تەقسىملەنگەن ئىشلارنى بېجىرەلەيدىغان تەييارلىق باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكەزگەن بولىشى كېرەك. ساغلام ۋە ئەخلاقلىق بىر ياش، ھەربىي ۋەزىپە مەجبۇرىيىتىنى پۈتتۈرگىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا ۋەتەنداش دېگەن نام ۋە بۇ نام كەلتۈرگەن ھوقۇقلىرى مەخسۇس داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇنىڭغا شاھادەتنامە بېرىلىدۇ. بۇ دېپلوم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمىرى بويىچە پايدىلىنىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بىر تونۇشتۇرۇش ھالىغا كەلتۈرۈلىشى كېرەك. بۇ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ كىشى پۈتۈن ۋەتەنداشلىق ھەقلىرىدىن ۋە بۇ دېپلومىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىمتىيازلار بېرىلىدۇ. چۇنكى، بىر دۆلەت، ئادەتتە ۋەتەنداشلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەسى ئىچىدە قانچىلىك پايدىلىق ئىش قىلىشىنى ئلچەم قىلىپ ۋەتەنداشلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
ۋەتەنداشلىق شاھادەتنامىسى مۇراسىم ئارقىلىق بېرىلىشى، بۇ ياش ۋەتەنداشمۇ جەمئىيەت ۋە دۆلىتىگە سادىقلىق قەسىمى بېرىشى كېرەك. بۇ شاھادەتنامە، جەمئىيەتتىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان بىرلىككە كەلتۈرىدىغان باغ ھالىغا، جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك سىنىپلار ئوتتۇرسىدىكى ھاڭنى تىندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىر كوچا سۈپۈرگۈچى بۇ دۆلەتنىڭ بىر ۋەتەندىشى بولۇشنى، باشقا بىر دۆلەتتە خان بولغاندىن شەرەپلىك ھېس قىلىدىغان بولىشى كېرەك.
ۋەتەنداشلىق ھەققى چەتئەللىكنىڭ ھەققىدىن يوقۇرى بولىشى كېرەك. ۋەتەنداش، نېمىس دۆلىتىنىڭ ھۈكۈمدارى، خوجايىنى. ئەمما بۇنداق يوقۇرى مەرتىۋىگە يۈكسىلەلىگەن بىرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان ۋەزىپىسىمۇ ئېغىر بولىدۇ. نومۇسنى بىلمەيدىغان، تۇتامى يوق، قانۇنى ھوقۇقلارنىڭ قاتىلى، ۋەتەن خائىنى دېگەندەك بىرىلىرىدىن ۋەتەنداشلىق ھەقلىرى دەيدىغان بۇ شەرەپلىك ھوقۇق تارتىپ ئېلىنىشى كېرەك. بۇنداق بىر نېمىلەر ۋەتەنداش ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ئارانلا تەۋەلىككە ئىگە بىرسى ھالىغىلا ئېرىشەلەيدۇ.
ياش نېمىس قىزىمۇ بىر تەۋەلىك ئىگىسى (يەنى بىر گراژدان ھېسابلىنىدۇ _ ئۇ.ت) ھېسابلانسىمۇ، ئۇ قىز نىكاھلانغاندىن كېيىن يەنىلا ۋەتەنداشلىققا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بىرەر قىز ئەگەر نېمىس ئىرقىدىن بولۇپ، تۇرمۇشىنى ئەگەك قىلىپ قامداپ يۈرگەنلا بولغانىكەن، ئۇنداق ئايالغىمۇ توي قىلمىغانلىقىغا قارىماي ۋەتەنداشلىق بېرىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى باب
كىشىلىك ۋە ئىرقچى دۆلەت قارىشىمىز

مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىرقچى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالدىنىقى ئورۇندىكى نىشانى دۆلەتنىڭ تايىنىدىغان كىشىلىرىنى ئاسىراش ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلىش بولغانىكەن، ئۇ ھالدا بۇ تۈر كىشىلەرنى تەربىيىلەپ ۋە ئەمەلىي ئىشلارغا تەييار ھالغا كەلتۈرۈش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. دۆلەت يەنە بۇ كىشىلەرنى ۋەزىپىسىگە ماس ھالدا تەشكىلى ئاپاراتلىرىنىمۇ بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر.
كىشىلەرنىڭ قىممىتىنى ئىرقى بويىچە باھالاپ، كېيىن ماركىسىزمچىلارنىڭ "ئادەملەر ئۆزئارا تەڭ " دېگەن كۆزقارىشىغا قارشى  جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرۇغلۇق كەينىدىن بۇنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرماي يېرىم يولدا توختۇتۇپ قويۇش، ھەقىقەتەنمۇ ئاخماقلىق. ئىرقنىڭ مۇھىملىقىنى قوبۇل قىلىش، بىزنى مەنتىقىلىق بىر شەكىلدە شەخسىلەرنىڭ ئۆز قىممىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ بېرىشى مۇمكىن. ئىنسانىيەتنى تەۋە بولغان ئىرقلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم باھالىغانلىقىمغا ئوخشاش، خەلق ئاممىسىنى تەشكىل قىلغان  كىشىلەرگىمۇ يالغۇز-يالغۇز باھا بېرىشىم كېرەك.
بىر مىللەت، ھەرگىزمۇ يەنە بىر مىللەتكە تۈپتىن ئوخشاش بولالمايدۇ. بىر خەلقنىڭ ئىچىدىكى بىر كاللا يەنە بىر كاللىغا ھەرگىزمۇ تۈپتىن ئوخشاش بولالمايدۇ. ئىجادىي خاراكتېردىكى ئۇنسۇرلار ئوخشاش ئۇرۇقتىن كەلگەن بولىشىغا قارىماي  تەپسىلات جەھەتتە مىڭ ياڭزا ئۇششاق پەرقلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
بۇنداق قاراشنى قوبۇل قىلىش، بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختىلىشتىن ئاۋال، بىزنى يەنە خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئالاھىدە قابىلىيەتلىرى ئېتراپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنداق قابىلىيىتى يوقۇرى بولغان كىشىلەر سانىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىش لازىملىقىنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ئىشنى ھەل قىلىش بەكلا ئوڭاي. چۇنكى بۇ ھەقتە ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرمەي ئۇدۇللا تەرغىپ قىلىش ۋە قايىل قىلىش مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىش. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدىن تەپەككۈر قىلىش جەھەتتە ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك بولغان كىشىلەرنى تاللاپ چىقىش، ئۇلارغا ئالاھىدە كاللىسى ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ھەلەرنى بېرىش، مىللىتىگە بىۋاستە پايدىلىق بولىدىغان كىشىلەرنى تېپىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. قابىلىيەت ۋە قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى بولغان كىشىلەرنى تاللاش ئادەتتىكى ئۇسۇللارغا تايىنىپلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. بۇنداق كۈزىتىش ۋە ئىزدىنىش ئىشىنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرماي تۇرۇپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشكىلىمۇ بولمايدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ دېموكراتىك كۆزقاراشلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بۇ دۇنيانى ئەڭ قابىلىيەتلىك مىللەتكە، يەنى ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەر قولىغا تۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر تەلىمات، مەنتىق جەھەتتە مىللەت ئارىسىدىكى يەنە شۇ تۈردىكى ئاقسۈڭەكلەر پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولىشىنى، نوپۇز ۋە قۇماندانلىقنى ئەڭ ئۆتكۈر كىشىلەرگە تاپشۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ. بۇنداق بىر تەلىمات، كۆپسانلىقنىڭ پىكىرى ئاساسىغا ئەمەس بەلكى شەخسىلەرنىڭ پىكىرى ئاساسىغا تىكلىنىدۇ.
بۈگۈن، مىللەتچى سوتسىيالىست ئىرقچى بىر دۆلەت قالغان باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا مەيلى باياشاتلىق جەھەتتە بولسۇن ياكى نامىراتلىق جەھەتتە بولسۇن، بۇ ئىككى خىل ھالەت ئوتتۇرسىدا تېخمۇ ئادالەتلىك بىر تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈپ، مەيلى ئىقتىسادىي تەشكىللىنىش جەھەتتە تېخىمۇ تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرگە تېخىمۇ كەڭىرى ھەق بېرىش ياكى بولمىسا تېخىمۇ ئادالەتلىك ئىش ھەققى بېرىش ئىشىنى ئەمەلىلەشتۈرۈشكە تايىنىپ تېخىمۇ مۇۋاپىق تەشكىللەش ۋاستىسىغا تايىنىپلا يالغۇز ماددىي جەھەتتە بىرەر ئالاھىدىلىك يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىرسىنى ، ئەڭ قالاق كىشىلەرنىڭمۇ كەينىدە قالغان بىرسى دېيىشكىلا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بىرسى، بىز ئوتتۇرغا قويماقچى بولىۋاتقان تەلىماتتىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق بىرسى دېسەك بولىدۇ. بۇ كۆرسەتكىنىمنىڭ ھې چبىرى بىرەر ئىزچىللىققا ئىگە ئەمەس، بىرەر يوقۇرى قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكىمۇ پەقەتلا كار قىلمايدىغان بەكلا ئاددى تەدبىرلەر . بۇنچە يۈزەكى ئىسلاھاتلارغا رازى بولىدىغان بىر مىللەت،  دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ بىرەر نەتىجىگە، بىر غالىبىيەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر بىرەر ھەرىكەت ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسىدە ھدالەتلىك ھەمدە تەڭ-باراۋەرلىك ئىسلاھاتىدىن باشقا بىرەر يېڭىلىقنى پەرق قىلالمىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىر ھەرىكەت بىرەر مۇھىتنى تۈپكى جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىشقا لازىملىق كۈچ ۋە تەسىر كۆرسىتىشچانلىقىنى ئەسلا نامايەن قىلالماي، بارلىق پائالىيەتلىرى يۈزەكى پائالىيەتلەر دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بىر ھەرىكەت، بۈگۈنكى كۈندە دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزنى يەڭدۈرۈپ بىزنى غەلىبىگە يېتەكلەپ ماڭالىغىدەك مەنىۋىي قۇراللارنى بىزگە ھەرگىزمۇ بېرەلمەيدۇ.
بۇ دېگەنلىرىمنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن، بەلكىم ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشىمىز چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئادەمنىڭ ھايۋاندىن ئايرىلىش تۇنجى قەدىمى، ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولىغا قاراپ قەدەم تاشلىشىدىن باشلانغان. ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى ئىجادىيەت، بەزى ھىلىگەرلىك ياكى قۇۋلۇق قىلىشلار شەكلىدە ئوتتۇرغا چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئادەملەر شۇنىڭغا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىدە ئىشىنى ئاسانلاشتۇرالىغان ياكى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشتۈرگەن.
بەكلا قېدىمقى ئىپتىدائى ئىجادىيەتلەر بەلكىم شەخسىلەرنىڭ ئوينىغان رولىنى بەك ئەكىس ئەتتۈرۈپ كېتەلمەي قېلىشى مۇمكىن. چۇنكى، بۇ ئىجادىيەتلەر ئۇلاردىن كېيىنكى ۋە بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۈچۈن بەلكىم ئورتاق ئەقىلنىڭ نامايەندىسىدەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ھايۋانلاردىمۇ كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم ھىلىگەرلىكلىكلەرقۇۋلۇقلارنى بۇرۇن ئۇلاردىن ئۆگۈنىۋالغاندەك كۆرۈنۈش بېرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ھادىسىلەر ئەقىل ئىشلەتكەنلىكىنىڭ دەسلەپكى سەۋەبى بولۇپ كۆرۈنمەسلىكى، بۇلار پەقەت بىر تۈرلۈك ئىچكى ھەۋەس تۈرتكىدىن بارلىققا كەلگەن ھەرىكەت دەپلا خۇلاسە چىقىرىلىشى مۇمكىن.
بۇ يەردە بىز تىلغا كەلتۈرىۋاتقان ئىچكى تۈرتكە دېگەننىڭ ھېچبىر ئەمەلىي مەنىسى يوق. جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا سەۋەب بولغان ئىنقىلابلارغا ئىشىنىدىغان ھەممە ئادەم، بۇ جانلىقلارنىڭ بارلىق شەكلى ۋە نامايەن بولىشىنىڭ دەسلىۋى بۈگۈنكى شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقمىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ دېگەن گەپ. بۇنىڭدىن دېيىش مۇمكىنكى، بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقىپ ئەڭ دەسلەپكى ھەرىكەتنى باشلاپ بەرگەنلىكىدە شەك يوق. كېيىن بۇ ھەرىكەت بارغانسىرى كۆپ  كىشىلەر تەرىپىدىن قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن. جىنىسىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىئېڭىدا مۇقىملاشقانغا قەدەر بۇنداق تەكرارلىنىش داۋام قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە ئىچكى تۈرتكە دەپ ئاتالغان شەكىلنى ئالغان بولىشى مۇمكىن.
بۇنداق بىر جەرياننى ئىنسانلاردا سېزىپ ئۇنى چۈشەنمەك ۋە شۇنداق بولغان دەپ قوبۇل قىلىش ئىشنى بەكلا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىسى شۆبھىسىزكى، ھايۋانلارغا قارشى باشلانغان تۇنجى ھۇجۇم چوقۇم قىلىش ئۇسلۇبلىرى ئالاھىدە قابىلىيەتلىك بىرسىلىرىنىڭ باشلاتقان ئىشى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. بۇ يەردىمۇ مەلۇم بىرسىنىڭ قارار قىلىشى، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدا قىلچە گۇمان يوق. ئۇنىڭ قىلغىنى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ بەرگەنلىكى ئېنىق. بىر قىسىم ھەربىي پىرىنسىپلار بۈگۈن بىزگە ئىستراتېگىيەلىك ئاساس دەپ قارىلىدۇ. تەبىئىيكى بۇ تۈر ئىستراتېگىيەلەر ئۆز ۋاقتىدا مۇتلەق تۈردە بەلگىلىك بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ كاللىسىدىن چىققان بولىشى ئېنىق. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ۋە بەلكىم مىڭلارچە يىلدىن كېيىن ھەممە تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئەمەلىيەت دەپ قوبۇل قىلىنغان بولىشى مۇمكىن.
ئىنسان، دەسلەپكى ئىجادىيىتىگە ئىككىنچى بىر يېڭى ئىجادىيىتىنى قوشۇپ ئوتتۇرغا قويىدۇ: ئۆز ئىشىغا باشقا نەرسىلەرنى، ھەتتا باشقا جانلىقلارنى قوشۇشنىمۇ ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئىنسانغا خاس ئىجادىي پائالىيەت، بۈگۈن كۆرىۋاتقىنىمىزدەك ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ: يونۇتۇلغان تاشلاردىن پايدىلىنىش، ھايۋانلارنى قولغا كۆندۈرۈلىشى، ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىشى قاتارلىقلاردەك بۈگۈنكى كۈندە بىزنى ھەيران قالدۇرغىدەك ھەر بىر ئىجادىيەت، شەخسىنىڭ ئىجاتچانلىق پائالىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئىجادىيەتلەر قانچىكى يېڭى، قانچىكى چوڭ چۈچىتكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدىكەن، شەخسىنىڭ يارتقۇچى ئەمگىكىگە شۇنچە باغلىق بولىدىغانلىقىمۇ شۇنچىلىك ئېنىق بىلىنىدۇ. بۈگۈن بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، ئەتراپىمىزدىكى ماددىي ئىجادىيەت دەپ كۆرگەن ھەممە ئىش، ئەسلىدە شەخسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياراتقۇچى كۈچىنى ۋە قابىلىيىتىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى. بۇ ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئادەمنىڭ بارغانسىرى ھايۋاندىن پەرقلىنىۋاتقانلىقىنىڭ، ھايۋاندىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى، ئاخىرىغا كېلىپ ئىنسان ھايۋاندىن تولۇق ئايرىلىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ كەشىپلەر ئىنسان تۈرىنىڭ تىنماي تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس بولۇپ بېرىدۇ. يازما تارىخ دەۋرىدىن ئىلگىرى دەۋرلەردە ئورمانلىقتىكى ئوۋچىغا ئۆلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان ئەڭ ئىپتىدائىي قۇۋلۇق،  ئىنسانلارغا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھاياتىغا ئاجايىپ ئىلمىي ئۇتۇق شەكلىدە ياردەم قىلماقتا، شۇنىڭدەك كىلەچە ئۈچۈن كۈرەشلىرىدىمۇ قوراللىنىشقا ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئىنسانلارنىڭ ھەر بىر چۈشەنچىسسى، ھەربىر ئىجادىيىتى ياشاۋاتقان يەر يۈزىدە ئىنسانلارنىڭ كۈرەش قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرمەكتە. گەرچە بىرەر ئىجادىيەتنىڭ، بىرەر كەشپىياتنىڭ ياكى چوڭقۇر ئىلمىي نەزەرىيىنىڭ پايدىسىنى شۇ پەيتتە كۆرەلمىسەكمۇ، ھامىنى بۇ كۈرەشلەردە غالىپ كېلىشىمىز ئۈچۈن ياردەمدە بولماقتا. بۇلار، ئىنسانىيەتنى ئەتىراپىدىكى جانلىقلار ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن ھالغا كەلتۈرمەكتە، ئۇلارغا كۈچ بەرمەكتە، تېخىمۇ ساغلام ھالغا كەلتۈرمەكتە ۋە ئۇنى يەر يۈزىدە ئىجادىيەتنىڭ پادىشاھى ھالىغا كەلتۈرمەكتە.
روشەنكى، بارلىق ئىجادىيەتلەر ئايرىم-ئايرىم شەخسىلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرى بولۇپ، بۇنداق ئىجادىيەتچى كىشىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن تەڭرى ئاتا قىلغان بىر نىمەتتۇر. بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى مىليونلىغان، ھەتتا مىلياردلىغان ئىنسانلارنىڭ قولىغا تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاستىلارنى تۇتقۇزۇپ كەلمەكتە.
بۈگۈنكى تېخنىكا مەدەنىيىتى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۆزئارا بىر-بىرسىنى تولۇقلايدىغان، تۈرلىنىپ كۆپىيىپ بېرىۋاتقان ئىجاتچىلارنىڭ كىشىلىكلىرىنى كۆرمەكتىمىز. چۇنكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەنىلا بىر ئىجادىيەت پائالىيىتىنىڭ ھەمدە ھامىنى بىر شەخسىنىڭ ئىجات قىلىشىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.
نەتىجىدە، پۈتۈنلەي نەزەرىيىۋىي، قىممىتىنى ئۆلچەش مۇمكىن بولمىغان، ئەممە كېيىنكى تېخنىكىلىق ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن شارائىتلارنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان كۆزقاراشلارنىڭ ئورتىغا چىقىشلىرى يەنىلا شۇ شەخسىنىڭ بىر مەھسۇلاتى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقماقتا. يېڭىلىق يارىتالىغان، تەشكىللىيەلىگەن ياكى پىكىر يۈرگۈزىۋاتقىنى ھەرگىز خەلق ئاممىسى ياكى كۆپ سانلىق ئەمەس. بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ھەر دائىم ھەممە يەردە يالغۇز شەخسىنىڭلا ئىشى بولۇپ كەلمەكتە.
بىرەر ئىنسانىيەت جامائىتى ياراتقۇچى قابىلىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئەمگىكىدىن  ئەڭ  يوقۇرى دەرىجىدە ئىشىنى ئاسانلىتىپ بەرگىنىدىلا، بۇ يېڭىلىقلىرىنى كۆپچىلىك پايدىسى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرگىنىدىلا ئەڭ مۇكەممەل تەشكىللەش بولۇپ ئىپادىلەنمەكتە. مەيلى ماددىي جەھەتتە ياكى پىكىر قىلىش جەھەتىدە بولسۇن، ئىجادىيەت ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئالدى بىلەن ئىجادىيەتچى بولغان كىشىنىڭ ئۆزىدۇر. بىرەر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ۋەزىپىسى، بۇ تەشكىلاتنى ھەممىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشقا سېلىشتۇر.
ئەمەلىيەت جەريانىدا، تەشكىلات بۇ پىرىنسىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا، تەشكىلى قۇرۇلۇشىنىڭ يامان تەرەپلىرىدىن ساقلىنىپ، جانلىق بىر تەشكىلات ھالىتىنى يارىتالىشى مۇمكىن. تەشكىلات، ئەقىللىق مېڭىلىكلەرنى ئاممىنىڭ ئۈستىگە تىكلەشنى ھەمدە ئاممىنى بۇ ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت.
تەشكىلات، خەلق ئاممىسى ئىچىدىن چىقىدىغان ئەقلى بەك ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىشىنى چەكلەشكە قەتئىي ھەققى يوق. دەل ئەكسىنچە، تەبىي يارىتىلىش بۇ كىشىگە بۇنداق ئىمكانىيەتنى بۇرۇنلا سۇنغان ۋە بۇنداق زىھنى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن بەكلا كۆپ ئىمكانىيەتلرنى سۇنۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئىنسانلارنىڭ ئائانانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئامما تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئىنسان ئىرقىنىڭ ھەقىقىي تەڭرى نىمىتى بولغان يارىتىشچانلىقى ئۈستۈن ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ھەممىگە پايدىلىق. چۇنكى ھەممىنىڭ مەنپەئەتى نە قابىلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ قولىدا ياكى ئاخماقلارنىڭ ھۈكمىرانلىقىغا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەڭ قابىلىيەتلىك بولغان كىشىلەر چوقۇم ئىش باشقۇرۇش ئورنىدا بولىشى شەرت.
ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەركىشىلەرنى تېپىپ چىقىش ئىشى، يوقۇرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھاياتلىق كۈرىشى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتلاردا سىناقتىن ئۆتۈپ تاللىنىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇ تۈردىكى تاللىنىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر يىمىرىلىپ كۈكۈم تالقان بولۇپ غايىپ بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا لايىق ئەمەسلىكىنىمۇ ئىسپاتلىغان بولىدۇ. ئاخىرسىدا بەكلا ئاز كىشى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا لايىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تاللانغان كىشىلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. ئىدىيولوگىيە ۋە گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە، شۇنچە ئېغىر باج-سىلىقلارغا قارىماي ئىقتىسادى ساھەلەردە، بۇنىڭدەك ئۆزلىكىدىن ئىستىپا بېرىدىغان، تەبىئىي شاللىنىپ چىقىدىغان ھادىسىلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوتتۇرغا چىقىپ تۇرماقتا. دۆلەت ئورگانلىرىدا ھەمدە ئارمىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق كۈچلىرىنىمۇ يەنىلا شۇنداق مەخسۇس شەخسىلەر باشقۇرىدۇ. بۇ يەرلەردە تەبىئىي ھالدا مۇتلەق ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلىدە مەسئۇللارنىڭ تولۇق مەسئۇلىيەتچانلىق شەكلىنى ھەممە يەردە ئۇچرىتالايمىز. بۈگۈنكى كۈندە پەقەت سىياسىي پائالىيەتلەرلا بۇنداق تەبىئىي مەجبورىيەت سىرتىدا تۇرماقتا. ھەر بىر مەدەنىيەت، شەخسىلەرنىڭ ياراتقۇچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر نەتىجىسى. شۇ قاتاردا يەنە كۆپسانلىق پىرىنسىپى بۇنداق ئالاھىدىلىكىنى ھەر بىر ھۆكۈمەتتە، بولۇپمۇ ئەڭ يوقۇرى ساھەلىرىدە بۇنداق شەخسىلەرگە مەسئولىيەت بېرىش پرىنسىپىنى تەدرىجى تۈردە يوق قىلىپ، دۆلەت تەۋەسىدە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە ئاستا-ئاستا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلمەكتە، رەسمىي تۈردە بۇزۇلماقتا ۋە چىرىتىلمەكتە. بۇنىڭ ئورنىغا يەنە يەھۇدىيلارنىڭ ئىزچىل تۈردىكى ۋەيران قىلارلىق ئۇرۇنۇشلىرى قوشۇلۇپ ئەھۋال تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالغا كەلمەكتە. يەھۇدىيلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەردە شەخسىلەرنىڭ رولىنى ئۇپۇرتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆپسانلىق دېگىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە. شۇنداق قىلىپ، ساپ ئالىي ئىرقنىڭ ئىجابى پىرىنسىپلىرى ئورنىغا يەھۇدىيلارنىڭ ۋەيران قىلغۈۇچى پىرىنسىپلىرى دەسسىتىلمەكتە. يەھۇدىيلار ئىرقلارنىڭ، مىللەتلەرنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكروپبىر ئامىل ھەمدە كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى كەينىگە چېكىندۈرۈش رولىنى ئوينىماقتا. ماركسىزمغا كەلسەك، يەھۇدىيلارنىڭ پاكىز مەدەنىيەت ساھەسىدە پەيدا قىلىۋاتقان ۋەيرانچىلىقىنى ماركسىزمچىلارمۇ پەيدا قىلماقتا. ئۇلار ھەر تۈرلۈك شەخسىيەت ئۈستۈنلىكىنى يوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىغا سان ئۈستۈنلۈكى قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ تەلىمات، سىياسى جەھەتتە پارلامېنت _ ئومۇمىي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشقان بولۇپ، بۇ باشقۇرۇش شەكلى خەلقنىڭ ئەڭ كىچىك گۇرۇپپىلىرىدىن تارتىپ ئەڭ يوقۇرىدىكى مىللەتكىچە ئۇ نىڭ ناچار تەسىرىنى كۆرمەكتىمىز. ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئۇيۇشما ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىشماقتا، ئەمما بۇ تۈر ھەرىكەتلەر ھېچ قاچان ئىشچىلار مەنپەئەتىگە بىرەر پايدا كەلتۈرەلمىدى. پەقەتلا خەلقئارالىق يەھۇدىيچىلىقنىڭ ۋەيران قىلغۇچى دۇنيا قارىشى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر ئىقتىسادىي ئىگىلىك شەخسىلەر پىرىنسىپىدىن قانچىكى يىراقلاشسا، ئاممىنىڭ تەسىرىگە ۋە نوپۇزىغا قانچىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، قىممەتلىك ۋە ياراتقۇچى كۈچمۇ شۇنچە غايىپ بولىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ۋەيرانچىلىق ۋە چېكىنىشلەرمۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەسلىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشنىڭ ئورنىغا بارلىق ئىشلەپچىقىرىشلار ئىشلەپ چىقىرىش ئۈستىدە بىرەر  تەسىر پەيدا قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بارلىق كەسىپى مەسلىھەت ئورگانلىرى يەنە شۇ ۋەيران قىلغۇچى غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. بۇ تەشكىللەر ئادەتتە ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە بۇ سەۋەبتىن شەخسىلەرگە زىيان سالماقتا. چۇنكى مىللەت مەنسۇپلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن، نەزەرىيەلەر بىلەن قاندۇرغىلى بولمايتتى. بۇنداق ئېھتىياجلار ھەر كۈنى ھەممە كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئەقەللى مەنپەئەتلىرىنىڭ نىسبىتى ئارقىلىقلا ھەل بولىشى مۇمكىن. شۇ ئارقىلىقلا ئاممىنىڭ، شۇ قاتاردا كىشىلەر مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.
ئاساسىي مەسىلە، ماركسىزمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆز جەمئىيەت تەلىماتلىرىغا ئاساسەن ھازىرقى ئىقتىسادىي يۈكنى ئۈستىگە ئېلىش-ئالالماسلىقى، بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ-داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىك مەسىلىسىدۇر. بۇ پىرىنسىپنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى مۇنازىرە قىلىشىغا قاراپ ئۇنىڭ بۈگۈنكى ھالەتنى كىلەچەكتە باشقۇرۇپ كېتىشى ئۈچۈن لايىق بولۇش-بولماسلىقىنى ھەرگىز ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدەك بىر مەدەنىيەتنى قۇرۇپ چىقىش قابىلىيىتىنى ئوتتۇرغا قويالىغىنىدىلا ئاندىن ئىسپاتلاپ بېرەلىشى مۇمكىن. بەلكىم ماركسىزم بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ئىگىلىكنى مىڭ قېتىم قولغا كەلتۈرىۋالالىشى، ئۇنى باشقۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك نەتىجىلىك باشقۇرۇپ كېتەلىگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز پىرىنسىپلىرىنى يولغا قويۇش نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىقارغان نەرسىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالماسلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىجابىي ھادىسىلەردە ئەڭ كىچىك بىرەر ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، بۇ قارىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.
بۇ قاراشلىرىمىزنى ماركسىزىمنىڭ ئۆزىمۇ ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى. ماركسىزم، ئەڭ ئاددى بىر مەدەنىيەت، بىر ئىگىلىك سىستېمىسى قۇرۇپ چىقالمايلا قالماستىن، ئۇلارغا تۇتقۇزۇلغان تەشكىللەرنى ئۆز پىرىنسىپلىرى بويىچە پايدىلىنىش قابىلىيىتىنىمۇ كۆرسىتەلمىدى. قىسقا بىر دەۋردىن كېيىن، ئۆز پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلىشىپ، خۇسۇسىيلار پىرىنسىپىغا قايىل بولۇشقا مەجبۇر قېلىپ، ئۆز تەشكىلىنىڭمۇ بۇ پىرىنسىپقا بوي سۇنماي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىدۇ.
بىزنىڭ ئىرقچى كۆزقارىشىمىزنى ماركسىزم قارىشىدىن تۈپكى جەھەتتە پەرقلەندۈرىدىغان بىر نوقتا، ئىرقچى قاراش پەقەت ئىرقنىڭلا قىممىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي شەخسىلەرنىڭ قىممىتىنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بۇنى ھەربىر ئىجابىي ئىشلارنىڭ ئاساسى قىلىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەگەر مىللەتچىق سوتسىيالىزم ھەرىكىتى بۇ ئاساسى پىرىنسىپنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمىگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكى ھالىتىمىزغا ئاز-تۇلا تولۇقلىما بېرىشلەر بىلەنلا بولدى قىلسا ئىدى، كوپسانلىق ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغان بولسا ئىدى، ماركسىزم بىلەن رىقابەت قىلىۋاتقان بىر پارتىيىدىن باشقا ھېچ بىر ئالاھىدىلىكى بولمىغان بولاتتى. ئۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىدا ئۆزىنى نەزەرىيىۋىي بىر تەلىمات ئوتتۇرغا قويغۇچى دەپ قاراش ھەققىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.
ئەگەر ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي پروگراممىسى شەخسىلەرنى ئېتراپ قىلماي ئۇنىڭ ئورنىغا كۆپسانلىق پىرىنسىپىنى قويىۋالغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا مىللەتچى سوتسىيالىزمنى خۇددى ماركسىزم زەھىرى بۈگۈنكى بۇرژۇئا پارتىيىلىرىنى غاجىلاپ يىمىرىشقا كىرىشكىنىدەك يىمىرىپ تۈگىتىۋەتكەن بولاتتى.
ئىرقچى دۆلەت، ھەر تۈرلۈك شارائىتلار ئاستىدا شەخسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ۋەتەنداشلىرىنىڭ باياشاتلىقى ۋە بەختىيارلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمىنى كېڭەيتىپ، ھەر كىشىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
ئىرقچى دۆلەت، بارلىق باشقۇرغۇچى ساھەلەرنى، بولۇپمۇ سىياسىي ساھەلەرنى پارلامىت كۆپسانلىق پىرىنسىپىدىن، يەنى خەلق ئاممىسىنىڭ قارارى بويىچە ھەرىكەت قىلىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قەتئى چەكلىمىسىز تۈردە شەخسىلەرنىڭ ھەققىنى تىكلەپ چىقىدۇ.
بۇنىڭدىن مۇنداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز:
ئەڭ ياخشى بىر ئاساسىي قانۇن، ئەڭ مۇۋاپىق بىر دۆلەت شەكلى، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلىرىگە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تۇتقۇزالىغان، ھەقىقى رەھبەرنىڭ نوپۇزىنى كاپالەندۈرەلەيدىغان دۆلەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
ئىقتىسادى پائالىيەتلەردە ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلەر باشقۇرغۇچىلىققا يوقۇرىدىن تەيىنلىنىش شەكلى بويىچە تىكلەش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئۆز-ئۆزىنى تونۇتۇپ ئوتتۇرغا چىققان بولىشى كېرەك. ئالايلۇق، ئەڭ ئاددى بىر دۇكاندىن ئەڭ چوڭ بىر ئىش يېرىگىچە ھەر باسقۇچتا بۇ پىرىنسىپ ئاساس قىلىنىپ ھەرىكەت قىلىنغىنىدا بۇ تۈر قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا ئۆزلىكىدىن سىنىلىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. سىياسىي يېتەكچىلەرمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالالمايدۇ. داھىلار، پەۋقۇلئاددە ئەخلاقلىق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەر قوبۇل قىلىدىغان قائىدىلەرگە ماقۇل دەپ ئولتۇرالايدىغان كىشىلەردىن ئەمەس.
دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئورگانلار، ئەڭ كىچىك بىر ئاممىۋىي گۇرۇپتىن تارتىپ مەتلىكەتلىك ئەڭ يوقۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغىچە شەخسلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىشلىرى شەرت.
بۇنداق بىر دۆلەتتە كۆپسانلىقنىڭ قارارلىرى رول ئوينىغان بولماستىن ھەر بىر ئىشتا مەسئولىيەتچان يېتەكچى كىشىلەر بولىشى كېرەككى، بۇ يەردە كېڭىشىپ ئىش قىلىشمۇ ئەسلى مەنىسىگە ئېرىشكەن بولىشى كېرەك. ھەر بىر كىشىنىڭ قېشىدا مەسلىھەتچىلەر بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئاخىرقى قارارنى چوقۇم بىرلا كىشى بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك.
بۇرۇن، پرۇسىيە ئارمىيىسىنى نېمىس خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قايىل قىلالايدىغان، ھەممىنى ھەيران قالدۇرالىغىدەك تەشكىلات ھالىغا كەلتۈرەلىگەن پىرىنسىپنى سىياسىي سىستېمىمىزنىڭ ئاساسى ھالىغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك. بۇ پىرىنسىپ، ھەر بىر مەسئۇل كىشى قول ئاستىكىلەر ئالدىدا مۇتلەق ھوقۇقى بولىدىغان، يوقۇرىدىكىلەر ئالدىدا تولۇق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان پىرىنسىپتۇر.
ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز پارلامېنت دېيىلىدىغان بۇ كوئوپىراتىپلارنى رەت قىلالمايمىز. ئەمما بۇ پارلامىنتلاردا بولىدىغان بارلىق مۇزاكىرىلەر مۇتلەق تۈردە مەسلىھەت ۋە تەۋىسىيە خاراكتېرىدىكى مۇزاكىرىلەر بولىشى، باشقۇرۇش ۋە قۇماندانلىق قىلىش ھوقۇقى بولغان پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بىرلا كىشى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولىشى كېرەك.
پارلامىنتلار ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر بىر ئورگان. چۇنكى بۇ يەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسئولىيەت تاپشۇرۇلىدىغان مەسئۇل كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىدىغان، ئاستا-ئاستا يېتىشتۈرۈلىدىغان بىر مۇھىت.
شۇنداق ئىكەن، بىز مۇنداق بىر جەدۋەل تۈزۈپ چىقالىشىمىز مۇمكىن:
ئىرقچى دۆلەتتە، كومۇتېتلاردىن تارتىپ پارلامېنت ھۆكۈمىتىگىچە بولغان بارلىق كومىتېتلەردە كوپسانلىقنىڭ ئاۋازى بويىچە قارار ئالالايدىغان ھېچقانداق ۋەكىللەر مەجلىسى بولمايدۇ. ئۇ يەرلەردە پەقەتلا مەسلىھەتلىشىش يىغىنلىرىلا بولالايدۇ. ئۇلار مەسئۇل كىشىنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ ئۇنىڭدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بەزىدە مۇۋاپىق كۆرۈلگىنىدە بەزى ساھەلەردە كوئوپىراتىف رەئىسلىرىنىڭ قارار قىلغىنىدەك تولۇق مەسئۇلىيەتنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالالىشى مۇمكىن.
ئىرقچى دۆلەت، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە مەسىلىلەر ئۈستىدە بەلگىلىمە ۋە پائالىيەتلىرى جەھەتتە پەقەتلا ھوقۇقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ پىكىر بېرىش ياكى قارار قىلىشلىرى تەلەپ قىلىنالمايدۇ ۋە بۇنىڭغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئىرقچى دۆلەت قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى «سىياسىي يىغىنلار»، «كوئوپىراتىپ يىغىنلىرى» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
بۇ ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ھەمكارلىقىنى ئۆنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇلارنىڭ تۆپىدە سايلانغان يەنە بىر قۇرۇلتايمۇ بولىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي كېڭەش پالاتاسى دەپ ئاتىلىدۇ.
مەيلى قۇرۇلتاي بولسۇن ياكى كېڭەش پالاتاسىدا ھەرگىزمۇ ئاۋاز بېرىش ئىشى بولمايدۇ. چۇنكى بۇ يەرلەر ئىجرائىيەت ئورگانلىرى بولۇپ، ھېچقاچان ئاۋاز بېرىش يېرى ئەمەس. ھەر بىر ئەزادا كېڭىشىش ھەققىنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئاۋاز بېرىش ھەققىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما قارار قىلىش ھەققى يوق. قارار قىلىش ھوقۇقى مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان رەئىسكىلا ئائىت بىر ئىش.
بۇ يەردىكى پىرىنسىپ، مۇتلەق ۋە چەكسىز مەسئۇلىيەت قەتئىي تۈردە بىر مەسئۇلىيەت بىلەن پۈتۈنلەشتۈرۈش، بۈگۈنكى پارلامېنت مەسئۇلىيەتسىز دەۋرىمىزگە تەدرىجى تۈردە تاللانغان مەسئۇل كىشىلەر گۇرۇپپىسىنى تەمىنلىيەلەيدۇ (بۈگۈنكى كۈندە بۇنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرەلمەيمىز).
شۇنداق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ساھەلەر بويىچە ئۇلۇغلىنىدىغان پىرىنسىپلار بىلەن ماسلاشقان ھەلەت ۋۇجۇتقا كەلگەن بولىدۇ.
«بۇ تۈردە ئىجرا قىلىنىش ئىمكانىيەتلىرى، ئۇنۇتمايلىكى كوپسانلىق قارار قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىدىغان پارلامىنت پىرىنسىپى، ھېچ قاچان دۇنياغا ھۆكۈمران بولالىغان ئەمەس. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بۇنداق بىر ئىش تارىختا بەكلا كام كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنداق بىر پىرىنسىپ بويىچە ئوتتۇرغا چىققان دۆلەتلەرمۇ ھەر ۋاقىت خەلقىنىڭ ۋە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىققان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.»
بۇنىڭ بىرلىكتە، پۈتۈنلەي نەزەرىيىۋىي بولغان، يوقۇرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقلارغا ئاساسەن قارار قىلىنغان تەدبىرلەر مەنتىقلىق بىر شەكىلدە دۆلەتنىڭ تەشىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالالمايدۇ. يەنە قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشىدۇ، ھەممە كىشىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ھۈكمىران بولىدىغان بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. بۇنداق بىر ئىنقىلاب، بۇنداق چۈشەنچىلەردىن كۈچ ئالغان، كەلگۈسىدىكى دۆلەتنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدىغان بىر پارتىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.
شۇنداق بولغاچقا، بۈگۈن مىللەتچى سوتسىيالىزم پارتىيىسى بۇ تۈر قاراشلار بىلەن قۇراللىنىشقا مەجبۇر. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز بېشىغا دۆلەتكە بۇيرۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئەمەس بەلكى ئۆز دۆلىتىگە تەشكىللىك بىر ھەيئەتنىمۇ سۇنالىشى ئۈچۈن ئىچكى تەشكىللىنىشىنىمۇ بۇنداق بىر ئىجرائەت ئۈچۈن تەييارلىشى شەرت.

بەشىنچى بۆلۈم
ئىدىيىۋىي چۈشەنچە ۋە تەشكىلات

بىز شەكلىنى سىزىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىرقچى دۆلەتنى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-7-12 11:59:53 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى   داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يولايدىكەنسىز  -  دە  .
بۇ ئەسەرنىڭ داڭقىنى بەك كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ، ھازىر  تولۇق ئوقۇپ بولالمايمەن ، تولۇق ئەۋەتىپ بولغاندىن كىيىن  بىسىپ چىقىرىپ ئوقۇسام ھەم ساقلاپ قويسام بولغۇدەك .
جاپا چەكتىڭىز  ، تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:09 , Processed in 0.415257 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش