ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خىسلەتتە ياخشىلار -خورما دەرىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

خىسلەتتە ياخشىلار -خورما دەرىخى
قاراخان
سۈركەلسەم ئەڭگىزىم تۆكۈلەر سەندىن،
سۆزۈڭدىن سىماپتەك ئېرىيدۇ تاشمۇ .
ئاشقاننى كۆرمىدىم سەندەك چىچەندىن،
ئەقلىڭگە ياخشىلار ئەقىل تەڭداشمۇ.
روھ تېنىڭ خالىدۇر ئەسلا ئىۋەندىن،
ئېيتقىنا سەن ئېسىل دەرەخ ئوخشاشمۇ؟

سۇۋادان،قارىغاي ئالدىڭدا خىجىل،
سەن گويا خىسلەتتە خورما دەرىخى.
ئۆتىسەن دوست-دۈشمەن بىلەن پار ئىجىل،
مەيلى بار يوق بولسۇن پايدا،بايلىغى.
ساڭا بار ساماۋى كىتاپتا تەمسىل*
ياخشىنىڭ بىباھا قىممىتى، نەرخى.

ئىش ھەركەت سۆزلىرىڭ تۈپتۈز ھەم دۇرۇس،
ئېتىقاد ،مەيدانىڭ ئەمەس سىڭايان.
بار سەندە ئىرادە ،ۋىجدان ئار نومۇس،
يوق سەندە ھايۋاندەك قىلمىش ناشايان.
مۇسىبەت ،ئېغىر كۈن ،باسسا تاغ ،تورۇس،
قەددىڭ تىك،قەلبىڭدە سەبرى  نامايان.

ئىچ -تېشىڭ ئىمانغا ئىنساپقا تولغان،
بەدنىيەت،ھەسەتخور كېسەلدىن يىراق.
يۈرىگىڭ سەمىمى،يات رىيا -يالغان،
قۇرمايسەن ھېچكىمگە ھىلىدىن  قىلتاق.
نەپ ئۈچۈن ھالالغا قىلمايسەن ھايان،
تېگىدۇ سېنىڭدىن ھەركىمگە ‹‹ماياق››.

ياخشىغا ياخشىسەن يامانغىمۇ ھەم،
تۆت پەسىل ھامى سەن قېرىنداش ئەلگە.
نا شۈكۈر ،مۇتىھەم ،ئەمەسسەن ئۆكتەم،
سەندە بار ئەزگۈلۈك  مۇرۇۋەت بەلگە.
ئۆرلەشكە ،ھالقىشقا بار مەزمۇت قەدەم،
دەسسىمەس ئاسىلار دەسسىگەن چەلگە.

چۈشمەيدۇ بويىدىن كەمتەرلىك تونى،
ئېغىرلىق سالمايدۇ قوشنا قولۇمغا.
يوق ئۇنىڭ ئۇسسۇلغا سالار ئويۇنى،
قان دىسە قان بېرەر زەئىپ مەھكۇمغا.
كەتسىمۇ بار ۋەسلى، كەتسىمۇ خۇنى،
قول سۇنار ھالى يوق نىمجان مەھرۇمغا.

ياخشىلار خورمىنىڭ دەرىخى گويا،
ياخشىلار دۇنيانىڭ گۈلىدۇر گۈلى.
يامانلار قول پۇتقا سانجىلغان خوخا،
يامانلار رەزىللىك،زۇلمەتنىڭ قۇلى.
ياخشىلار ئالەمگە چاچقان نۇر زىيا،
ياخشىلار ھاياتنىڭ تەۋرەنمەس ھۇلى .

2015 -يىلى 18-سىنتەبىر



























بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

94

تېما

341

يازما

3808

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 5
يازما سانى:
341
تىللا:
2592
تۆھپە:
270
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
81 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-2

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىسۆيۈملۈك ئەزائالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-9-19 13:12:05 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشىلار خورما دەرىخى گويا،
ئۆزى خۇشپۇراق،شېرىندۇر تەمى.
يامانلار گوياكى رەيھان مەسەللىك،
چىرايى ئايدەك،يوقتۇر ھېچ پەمى.
تېپىلغاي ئۇندا بارچە ئىللەتلەر،
قېلىنلىقتا ئۇ، ئۆتۈكنىڭ چەمى....

قاملاشتۇرالمىساممۇ، ئەگەشتىمغۇ مانا..

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-9-20 15:30:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل شېئىر ، قەلەملەر ھارمىغاي، ياندىشاي دېسەم كەپسىز  ئىلھامىمىم
نەلەرگە كەتتىكىن …
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-9-22 22:27:10 | ئايرىم كۆرۈش
مىسرانىمدا كۈرۈپمۇ شۇنداق خۇش بولغان ئۇقۇپ بۇ مۇنبەردە كۈرىشىمنى ئويلىماپتىمەن.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:51 , Processed in 0.128196 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش