ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1975|ئىنكاس: 46
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىلىشكەن يىگىتنى سۆيۈپ (ئاتىكەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

  

دۇنيادا كىلىشكەن يىگىتلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغان قىز بولمىسا كىرەك ، مانا مەنمۇ شۇنداق بولدۇم ، لىكىن بۇ سۆيۈش ،ماڭا نۇرغۇن ئازاپلارنى ئەكەلدى ، يۈرۈگۈم لەختە – لەختە قان بولۇپ كەتتى ، مۇھەببەتنىڭ مىنى بۇنچىلىك ئازاپلارغا سالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .

ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم ئالغان كۈنلىرىم ئىدى ، سىنىپىمىزدىكى بالىلار ئۆز – ئارا تونۇشۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتۇق ، مەن ئىككىنجى گورۇپپىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئورۇندا ئولتۇراتتىم ، بىرىنجى گورۇپنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بويلىرى ئىگىز ، رەڭگە ئاققا مايىل ، قوي كۆز ، قاڭشارلىق كىلىشكەن بىر بالا ئولتۇرىدىكەن . ئوقۇش باشلىنىپ ئىككىنجى كۈنىلا ئۇبالا مەندىن ئىسمىمنى ۋە يۇرتۇمنى  سورىدى ، مەنمۇ جاۋاپ بەردىم ۋە قايتۇرۇپ ئۆزىدىن سورۇدۇم ، ئۇ ماڭا جاۋابەن :

-ئىسىم يۈسۈپجان ، كورلا خۇشۇت ناھىيىسىدىن دىدى .

شۇنداق قىلىپ بىز يىقىن ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قالدۇق ، ھەر قىتىملىق تەنەپپۇستا مەن سول تەرەپكە قايرىلىپ ، ئۇ ئوڭ تەرەپكە قايرىلىپ توختىماي ھەر خىل ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشاتتۇق ، گەپلىرىمىز تولا ھاللاردا بىر يەردىن چىقاتتى ، يۈسۈپجان بەزىدە ئۆزىنىڭ يۇرتىدا بولغان قىززىق ئىشلارنى دەپ بىرىپ مىنى كۈلدۈرىۋىتەتتى ، بەزىدە مەنمۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتىم ،شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بەكمۇ يىقىنلىشىپ كەتتۇق ، بىرىمىز  بىرەر سائەتلىك دەرسكە چىقالماي قالساق بىر- بىرىمىزنى سۈرۈشتۈرەتتۇق ، ئاغرىپ قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەيتتۇق . شۇنداق قىلىپ 4 ئاي ۋاقىت ئۆتتى ، مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا ئاز قالغان ئىدى ، سىنىپتا دائىم ئىككىمىزلا قىلىپ تەكرار قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق ، مەنمۇ ئانچە بەك ئىرەن قىلىپ كەتمەپتىمەن ، بىر كۈنى يۈسۈپجان ماڭا گىپى بارلىقىنى ئىيتىپ ، مىنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى ، مەنمۇ نىمە دەيدىغاندۇ دەپ قىزىقىپ باردىم . ئۇ كۈنى ئۇ بەك پۇزۇر ياسىنىۋالغان ئىدى ، ئىككىمىز خۇددى دىيىشىۋالغاندەكلا پار كىيىنىۋاپتىمىز . تاماقخانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى ، ئۇ :

-بىلەمسىز ، سىز بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان ئۆزۈمنى باشقىچە بەخىتلىك ھىس قىلىدىغان بولدۇم ، بۇ دۇنيا ماڭا تىخىمۇ گۈزەل تۇيۇلىۋاتىدۇ ، بەزىدە خۇددى سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈنلا دەرسكە چىقىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن ، تەنەپپۇس ۋاقتىنىڭ تىزرەك توشۇشىنى كۈتۈپ ، كۆزلۈرۈم تۆت بولۇپ كىتىدۇ ، سىز بىرەر قىتىم دەرسكە چىقالماي قالسىڭىز نىمە بولغاندۇ ، ئاغرىپ قالغاندىمۇ دەپ ئولتۇرالماي قالىمەن ، كاللامغا دەرسمۇ چۈشمەيدۇ . مەن باشتا بۇ خىل تۇيغۇنى چۈشەنمەپتىكەنمەن ،كىيىن تەپسىلى ئويلىسام سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن ، راستىنلا سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىدىكەنمەن ، سىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتسەم دەيمەن ،تەلىۋىمنى رەت قىلمىسىڭىز ، دىدى .

مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم ، بۇ نىمە بولغىنىدۇ ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ھەقىقەتەن بەك ياخشى ،ئۇنىڭدا بار تۇيغۇلار مەندىمۇ يوق ئەمەس ، لىكىن مىنىڭ ۋەزىپەم ئوقۇش ، ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىشىش ئەمەس ، بۇ بالىنىڭ قىرىشقاندەك ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا مىنىڭ كاللامنى ئايلاندۇرۇۋاتقىنىنى قارىمامدىغان دەپ سەل ئاچچىقىم كەلگەندەك بولدى ، ۋە ئۇنىڭغا :

-يۈسۈپجان ، ھازىر ئىمتىھانغا ئاز قالدى ، مۇئەللىم ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاتا – ئاناڭلارغا ئىۋەتىمەن دەۋاتىدۇ ، مەن ئەزەلدىن 95 تىنن تۆۋەن نۇمۇر ئىلىپ باقمىغان ، سىز ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا بۇنداق دەپ مىنىڭ كاللامنى قايمۇقتۇرماڭ ، ھازىر ھەر ئىككىمىز ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى ،قالغان گەپلەرنى تەتىل مەزگىلىدە ياخشىراق ئويلاشساق ، دىدىم . ئۇ :

-سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن مىنىڭ كاللامغا پەقەت دەرس چۈشمەيۋاتىدۇ ، دەرس كىتاپلارغا قارىسام كۆزۈمگە سىزلا كۆرۈنىسىز ، تاماق يەۋاتساممۇ سىز قاچامدا تۇرغاندەك ، ھەتتا ئاخشىمى ياتساممۇ سىز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيسىز ،چۈشلىرىمدىمۇ سىزنى كۆرۈۋاتىمەن دەيمەن ، ھازىر مىنىڭ ئوقۇغۇنۇم ، يىگىنىم ، ئۇيقۇم ھەممىسى پەقەت سىزلا بولۇۋاتىسىز ، بۇنداق ئەھۋالدا مەن قانداقمۇ خاتىرجەم  ئولتۇرۇپ ئىمتىھان بىرەلەيمەن ، سىز مىنى خاتىرجەم قىلسىڭىز ئاندىن ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەمدىم ، دىدى . مەن :

-سىز ھازىر دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئوقۇڭ ، سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس ، مەن دەرستە ناچار ئوغۇللارنى ياخشى كۆرمەيمەن ، چۈشۈنەلمىگەن دەرسلىرىڭىزنى مەن چۈشەندۈرۈپ ياردەم قىلاي ، لىكىن ھازىرچە بۇ خىيالدىن ۋاز كىچىڭ ،ھەر ئىككىمىز ئىمتىھانلارنى تۈگۈتۈپ بولۇپ ، تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن تەپسىلىرەك ئويلۇنۇپ باقايلى ، تەتىل جەريانىدا ماڭا تىلىفۇنمۇ ئۇرماڭ ،بۇ ھىسياتىمىز ۋاقىتلىق قىزىقىشمۇ ياكى راستىنلا مۇھەببەتمۇ شۇ ۋاقىتتا ، بىر – بىرىمىزنى بىرەر ئاي كۆرمىگەن ۋاقىتتا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ ، شۇ چاغدا دىيىشەيلى ، دىدىم . ئۇمۇ ماقۇل بولدى .

شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىمىز جىددى ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىپ كەتتۇق ، ھىچكىم بۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالمىدى ، ئىمتىھانلارمۇ تۈگەپ ئەتە قايتىمىز دىگەن كۈنى يۈسۈپجان پويىز بىلىتى ئالغىلى كىتىپ ، ماڭا ئابدۇراھمان قاھارنىڭ «ھايات سىرى » ناملىق رومانىنى ئالغاچ كەپتۇ . مەن كىتاپ ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ، باشقىلارنىڭ قولىدا بىرەر ياخشى كىتاپنى كۆرسەم دەرھال تالىشىپ ، پەقەت بولمىسا بىر كىچىلىك ئارىيەت ئىلىپ ،كىچىچە ئۇخلىماي كارىدوردا ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ، كىتاپ ئوقۇش خاتىرەمنى يىزىپ بولۇپ ، ئاندىن ئەتىگىنى قايتۇرۇپ بىرەتتىم ، يۈسۈپجان مىنىڭ بۇ مىجەزىمنى بىلگەچكە ماڭا كىتاپ سوۋغا قىلغان ئىكەن ، مەن بەكمۇ خۇش بولدۇم ، بىز ماڭىدىغان بولدۇق ، ئۇ مىۋە- چىۋە ئىلىپ ئۇزۇتۇپ قويدى ، مەنمۇ كۆزۈم قىيمىغان ھالدا خۇشلاشتىم .

تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كۈنلۈرۈم ئۇنى ئويلاش بىلەن ئۆتتى ، قانداق قىلىشىمنى پەقەت بىلەلمىدىم ، ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەنمەن ئەمەسمۇ ؟ لىكىن بۇ مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار ؟ ئىككىمىز ئىككى يەرلىك تۇرساق ...دىگەندەك سۇئاللار مىنى بەك قىيناپ كەتتى ، ئاخىرى ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار ، بەلكىم يۈسۈپجان ئۆزگۈرۈپ قالار دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم .

تەتىل توشۇپ مەكتەپكە كەلسەك يۈسۈپجان بىزنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ،مەن بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ،  چامادانىمنى قولۇمدىن ئالدى ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي بىللە ماڭدىم ، ئۇ چامادانىمنى ياتىقىمغا ئەپچىقىشىپ بىرىپ ، ماڭا :

-سەپەردە ھاردۇق يىتىپ قالغاندۇ ، دەرھال يۇيۇنۇپ ئارام ئىلىۋىلىڭ ، ئەتە كۆرۈشەيلى ، دىدى .

مەنمۇ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قالدىم ، كۆڭلۈم بىر خىل بەخىتنى ھىس قىلماقتا ئىدى . ئەتىسى دەرس باشلاندى ، بىز يەنە بۇرۇنقىدەك تەنەپپۇس بولىشىغىلا ئوڭ سولغا قايرىلىپ پارىڭىمىزنى باشلىۋەتتۇق ، ئۇ تەتىلدە بولغان قىززىق ئىشلارنى توختىماي سۆزلەپ كەتتى ، مەنمۇ ئانچە – مۇنچە پاراڭ قىستۇرۇپ قويدۇم ، چۈشتە مىنى بىللە تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى ،بىز يەنە ھىلىقى تاماقخانىدا غىزالاندۇق ، ئۇ مەندىن :

-تەتىلنى قانداقراق ئۆتكۈزدىڭىز ؟ سىز تىلىفۇن قىلماڭ دىگەچ تىلىفۇن قىلالمىدىم ، مەن تەتىلنى سىزنى ئويلاپلا ئۆتكۈزدۈم ، مەن سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىكەنمەن ، سىز قانداقراق ئويلاشتىڭىز ؟ دەپ سورىدى . مەن :

-مەن نىمە دىيىشىمنى پەقەت بىلمىدىم ، سىزدىكى بۇ تۇيغۇ مەندىمۇ بار ، لىكىن يەنە نۇرغۇنلىغان ئەندىشىلەر بار ، بىز كىيىن قانداق قىلىمىز ؟ ئىككىمىز ئىككى يۇرتلۇق تۇرساق ، بىرىمىز – بىرىمىزنىڭ يۇرتىغا كەتسەك بولىدۇ ، لىكىن ھازىر خىزمەت تاپماق شۇنداق تەس تۇرسا ، خىزمەت ئىشىمىزنى قانداق قىلىمىز ؟ئاتا – ئانىلىرمىز بىرىمىزنىڭ غىمىنى ئاران قىلىۋاتقاندا ، يەنە بىر غەم قوشۇمىزمۇ ؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ كاللاپ قاپاق بولۇپ كەتتى ، دىدىم . ئۇ :

-ماڭا لازىمى سىزنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىڭىز ، كىيىنكى ئىشلارنى ۋاقتى كەلگەندە با مەسلىھەت بىر ئىش قىلمامدۇق ، ياكى ھەر ئىككەيلەن ئۈرۈمچىدە قالساقمۇ بولىدۇ  ، تاغام يىقىندا ئۈرۈمچىگە يۆتكەلمەكچى ، خىلى چوڭ مەنسەپ بىلەن كىلىدىغان ئوخشايدۇ ، بەلكىم شۇ تاغام ئىشىمىزغا ياردەم قىلىپ قالار ، ياكى ئۆزىمىز تىرىشىپ خىزمەت تاپارمىز ، دىدى .

مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يەنە ئويلۇنۇپ باقاي دىدىم . كۈنلۈرۈم  ئويلۇنۇش ئىلىكىدە ئۆتمەكتە ، قانداق قىلىشىمنى پەقەت بىلمىدىم ، مەن بۇرۇندىن ئۆزۈمگە مۇھەببەتلەشسەم باشقىلاردەك كۆڭۈل خۇشى ، ياكى پۇل – مىلى ئۈچۈن ۋاقىتلىق مۇھەببەتلەشمەيمەن ، بەلكى چىن سۆيگۈ – ساداقىتىم بىلەن ، ئۆمۈرلۈك يۈرۈپ ، ئاخىرى توي قىلىمەن دەپ كەلگەن ئىدىم ، لىكىن بۇ ساراڭ كۆڭلۈم پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىلا خالايتتى ، نامەلۇم كەلگۈسى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى ،مەنمۇ شۇنداق ئازاپلىنىپ كىتىۋاتاتتىم ،  شۇنداق قىلىپ يەنە بىر ئاي  ئۆتۈپ كەتتى . بىز يەنىلا تەنەپپۇستا پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق ، لىكىن گەپ – سۆزلىرىمىزدە بەك دىققەت قىلدۇق ، باشقىلاغىمۇ پەقەت بىلدۈرمىدۇق ، شۇنداقتىمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا ئىككىمىز بىر جۈپ دەپ چىقىپ بولغىلى نەۋاق ئىدى .

بىر كۈنى كەچلىك تەكراردىن كىيىن ئۇ ماڭا گىپى بارلىقىنى ئىيتتى ، بىز گۈللۈكتىكى ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق ، بۇ ئاي تولغان كىچە بولۇپ ، شۇنداق يورۇق ئىدى . ئۇ ماڭا :

-زادى نىمە بولدىڭىز ؟ نىمىشقا مۇشۇ ۋاققىچە ماڭا جاۋاپ بەرمەيسىز ؟ مىنى زادى نىمە قىلسۇن دەيسىز ؟ ئەگەر كىيىن ھەر ئىككىمىز ئۈرۈمچىدە قىپ قالالمىساق ، بولدى مەن سىز بىلەن قەشقەرگە كىتەي ، نىمە ئىش قىلسام مەيلى ، مىنى بۇنداق قىيناپ كەتمەڭ ، دىدى .مەن :

-يۈسۈپجان ، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىز بۇنچىلىك دىگەندىكىن كىيىنكى ئىشلار شۇ ۋاقىتتا دىيىشەيلى دىدىم ، ئۇ ـ

-راستىنلا تەكلىۋىمنى قوبۇل قىلدىڭىزمۇ ؟ راستىنلا مىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ ؟ دەپ قايتا – قايتا سوراپ كەتتى ۋە ئوڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋالدى ، ئۇنىڭ قولى تىترەپ كىتىۋاتاتتى ،ئاۋازىمۇ تىتترەپ چىقىۋاتاتتى . شۇنداق قىلىپ بىز مۇھەببەتلەشتۇق ، سىنىپىمىزدىكى بالىلار ئاخىرى شۇنداق بولماقچىتى دىيىشىپ تەبرىكلىگەن بولدى .كۈنلىرىمىز شۇنداق خۇشال ئۆتۈۋاتاتتى ، ئەتىگەنلىك ،چۈشلۈك ، ھەتتا كەچلىك تاماقنىمۇ بىللە يەيتۇق ،ھەتتا پار قىلىپ كىيىنەتتۇق ، بىر كۈنى ئىسكەندەر ئىسىملىك بىر  ساۋاقدىشىمىز بىلەن بىللە تاماق يىدۇق ، ئۇ ئىككىمىزگە قاراپ ئولتۇتۇپ كىتىپ :

-ھەي ، ئىككىڭلار چوقۇم توي قىلىڭلار ، بۇ دۇنيادا سىلەردەك ماس كەلگەن بىر جۈپتىن يەنە بىرنى تاپماق تەس ، دىدى .

ھەقىقەتەن بىز بەكمۇ ماسلىشاتتۇق ، ئىككىمىزنىڭ قاش ، ئىغىزىمىز ۋە ئۆڭىمىز ئوخشايتتى ، ھەر ئىككىلىمىز سىنىپىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز ، ئەڭ كىلىشكەن يىگىت ئىدۇق ، بىللە مىڭىپ بازار ئايلانساق بەزىلەرنىڭ ھەۋەس قىلىپ قارىغىنىنى كۆرۈپ قالاتتىم .

شۇنداق ياخشى ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمىزدە ئۇنىڭ تاغىسى ئۈرۈمچىگە مەلۇم نازارەتكە باشلىق بولۇپ يۆتكۈلۈپ كەلدى ، ۋە شىياۋشىمىن دىكى بۇرۇن ئىلىپ زىننەتلەپ قويغان ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى ، يۈسۈپجاننىمۇ ھەر جۈمە كۈنى كەچتىلا تاغىسىنىڭ شوپۇرى كىلىپ تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ئەپكىتىپ ، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئەپكىلىپ قوياتتى ، ئىككىمىزنىڭ بىللە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى ، بىزنىڭ پاراللىل سىنىپتىكى گۈلجامال دىگەن  قىزنىڭ ئۆيىمۇ شۇ يەردە ، تىخى ئۇدۇل قوشنا بولغاچ ئۇلار بىللە كىلىپ – كىتىپ يۈردى . ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بارغانسىرى سوۋۇپ كىتىۋاتاتتى ، ئىغىزىدە سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگىنى بىلەن سەل ئۆزگۈرۈش بولدى ، ئۇنىڭ گۈللۈكتىكى ئورۇندۇقتا دائىم باشقا قىزلار بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قالاتتىم ، كىيىن سورىسام ،ماڭا گىپى بار ئىكەن شۇڭا بىر ئاز پاراڭلىشىپ قويدۇم ، ھىچ ئىش يوق دەپلا گەپنى باشقا ياققا ئىپقاچاتتى . بىر دۈشەنبە  كۈنى ئۇ ماڭا قىززىق ئىش بولدى دەپ پاراڭ قىلىپ بەردى :

-قاراڭ ، ئۆتكەن شەنبە گۈلجامال تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپتىكەن ، مىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى ، مەنمۇ تاغامغا دەپ قويۇپ  بارغان ئىدىم ، ئۇ مىنى سورۇندىكىلەرگە مۇھەببىتىم دەپ تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم ، ئۇنىڭ بىر قوشكىزەك ئاچىسى بار ئىكەنتۇق ، ئىسمى ئايجامال ئىكەن ، تىببى ئۇنۋىرىستىتتا ئوقۇيدىكەن ، تۈنۈگۈن ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى دەپ مىنىمۇ تەكلىپ قىپتۇ ، قىرىشقاندەك گۈلجامالنىڭ جىددى ئىشى چىقىپ قىلىپ بارالمىدى ، شۇ سورۇندا ئايجامال مىنى ساۋاقداشلىرىغا مۇھەببىتىم دەپ تونۇشتۇردى ، مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي كۈلۈپلا قويۇپ ئولتۇردۇم ، نىمانداق قىززىق ئىش بۇ ، ماڭا بەك كۆپ قىزلار ئامراق بوپ قالىدىكەن ھە ؟ھازىر مەكتەپتىكى خىلى كۆپ قىزلار مىنى ياخشى كۆرىدىكەن ، تىخى يۇرتۇمدىمۇ نەچچىسى بار مىنى ساقلايمەن دەپ يۈرگەن ...دىدى . مەن غەزىپىمنى باسالماي قالدىم ۋە تەنە ئارلاش :

-سىز بەك كىلىشكەن بولغاچقا ھەممە قىزلار سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىكەن ، خۇددى ماڭا ئوخشاش ، دىدىم . ئۇ :

-نىمانداق دەيسىز ؟ باشقىلار قانداق قىلسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ، لىكىن مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم يەنىلا سىز ، دىدى .

شۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشكەندەك بولدى ، لىكىن جۈمە كۈنىنىڭ كىلىشىنى پەقەت خالىمايتتىم ، جۈمە كەچتە ئۇ يەنىلا گۈلجامال بىلەن بىللە تاغىسىنىڭ ئۆيىگە كىتەتتى ، ئىككى كۈن ئۇلار  بىر – بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ – چىقىپ يۈرەتتى ، مۇشۇلارنى ئويلىساملار ئىچ – ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ ، نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئۆيى بىر يەردە بوپ قالغان بولغىيدى دەپ كىتەتتىم ، گۈلجامالغىمۇ ئۆچلۈكۈم كىلەتتى . مىنىڭ كۈنلۈكۈم بەك يامان بولسا كىرەك ،يەكشەنبە ، جۈمە كۈنلىرى ئۇنىڭغا توڭ تىگەتتىم ، ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىشىنى توساتتىم ، لىكىن ئۇ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، ئاتا – ئانىسىنىڭ دائىم شۇ ئۆيگە بىرىشنى تاپىلايدىغانلىقىنى ئىيتىپ كىتىپ قالاتتى . مەن ئازاپتىن ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويۇشقا ئازلا قالغان ئىدىم ، بۇ ئازاپنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىشىنى پەقەت بىلمەيتتىم ، يۈسۈپجاننىڭ ھەپتىدە ئىككى كۈن گۈلجامال بىلەن بىللە يۈرگىنى ئاز كەلگەندەك ، مەكتەپتىكى گۈللۈكتە ، ياكى تاماقخانىلاردا باشقا قىزلار بىلەنمۇ بىللە تۇرۇشى ، باشقا قىزلارنىڭ ماڭا خەۋەر ئەكىلىشى مىنى بەكلا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ ، قىيناپ كىتىۋاتاتتى ، مەن ئاخىرى «ئىشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ » دىگەندەك ئايرىلىپ كىتىش قارارىغا كەلدىم ، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم بولمايتتى – دە ، ئۇ نىمە ئىش قىلسا ماڭا ئالاقىسى يوق بولىدۇ دەپ ئويلاپ ، بىر جۈمە كۈنى ئۇنىڭغا :

-يۈسۈپجان ، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى ، سىز باشقا قىزلار بىلەن ئۇيەر ، بۇيەرلەردە يۈرسىڭىز مەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن ، ئىچىممۇ سىقىلىپ كىتىدىكەن ، بەرىبىر ئايرىلىدىغان بولغاندىكىن ۋاقتىدا ئايرىلىپ كىتەيلى ، سىزدەك كىلىشكەن يىگىتكە قىز كاممتى ؟ دىدىم ، ئۇ :

-نىمە دەۋاتىسىز ؟ مەن سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتىمەن ، بەزى قىزلار گىپىم بار ئىدى ، پاراڭلىشايلى دىسە رەت قىلالماي قالىدىكەنمەن ، لىكىن ئۇلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق ، بىردەم پاراڭلىشىپ قويدۇم خالاس ، مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن ،بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلاي دىدى .

بىز يەنە داۋاملىق مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ قالدۇق ، لىكىن كۆنگەن خۇي ئۆلگىچە دەپ يەنە ئانچە – مۇنچە قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قالىمەن –دە  كۆزىگە غەزەپ بىلەن قاراپ قويۇپ كىتىپ قالىمەن .يازلىق تەتىل كەلدى ، بىز يەنە ئايرىلدۇق ، بەك تولا تىلىفۇق قىلىشىپمۇ كەتمىدۇق ، ئۇنى ئۇنچىۋالا ئويلاپمۇ كەتمىدىم ، قارىغاندا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمگە دەز كەتكەن ئىدى ، خۇددى بىر ناخشىدا ئىيتىلغىنىدەك :

       ھاۋانى تۇمان باستى ، ئاينى كۆرگىلى بولماس .

        كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى ، يارنى سۆيگىلى بولماس

ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق يۈرۈش – يۈرمەسلىك توغرىسىدا ئىككى خىيال بولۇپ يۈرۈۋاتاتتىم ، تەتىلمۇ توشتى ، مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق ، لىكىن ئالدىنقى قىتىمقىدەك ئالدىمغا چىقمىغان ئىدى ،كۆڭلۈم سەل يىرىم بولدى. مۇناسىۋىتىمىز بىر خىلدا كىتىپ باراتتى ، مەن قانداق ئىغىز ئىچىشنى بىلمەي تۇرۇۋاتاتتىم ،بۈگۈن مەكتەپتىن بىزنى ئەتىدىن باشلاپ 20 كۈنلۈك كىپەز تىرىشكە ئاپىرىدىغانىقىنى ، ھىچكىمنىڭ رۇخسەت سورىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ، چوقۇم تولۇق بىرىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئۇقتۇردى ، بىز ئالدىراش سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتۇق ، مەن قورساققا بەك ئامراق بولغاچقا ، يەيدىغانغا 20 دانە ئاي توقاچ ۋە باشقا ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى سىتىۋالدىم ، سەپەر سومكامنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەك يىرى يەيدىغان نەرسىلەر بىلەن ، قالغان يىرى يەڭگۈشلەيدىغان كىيىم – كىچەك بىلەن توشقان بولدى . شۇ چاغدا بىزدىن يۇقىرى ئوقۇپ ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتىۋىمىزدىكى پار قازان ئىشچىسى بىلەن توي قىلىپ ، مۇشۇ مەكتەپتىكى بىنادا ئولتۇرۇۋاتقان ئاينۇر دىگەن دوستۇن تىلىفۇن ئۇرۇپ دەرھال ئۆيىگە چىقىشىمنى ، دەيدىغان مۇھىم گىپى بارلىقىنى ئىيىتتى ، مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ،قولۇمدىكىنى قويۇپلا چىقتىم .ئۇ ماڭا :

-ئاڭلىسام ساۋەنگە كىپەز تىرىشكە بارىدىكەنسىلە ، بىزمۇ بۇلتۇر شۇ يەرگە بارغان ئىدۇق ، ئۇ يەردە دىھقانلارنىڭ ئۆيىدە يىتىپ – قوپۇپ كىپەز تىرىسىلەر ، سىنىڭ يۈرۈۋاتقان ئادىمىڭ بار ، بەك دىققەت قىلمىساڭ بولمايدۇ ، ئۇ يەردە سىلەرنى باشقۇرىدىغان مەكتەپ ، تۈزۈم يوق ، پەقەت كىپەز تەرسەڭلەرلا بولىدۇ ، بۇلتۇر بىزنىڭ سىنىپتىكى 4 جۈپلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە چاتاق چىقىپ قىلىپ بويىدا قىلىپ ، مەن دوختۇرخانا ئالاقىلىشىپ بىرىپ ھامىلىنى ئالدۇرىۋەتتى ، شۇڭا ساڭا بۇ گەپلەرنى دەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم ، يۈسۈپجان ئىككىڭلار ھازىرغىچە پەردىشەپ بىلەن ئۆتتۈڭلار ، لىكىن ئۇ يەردە بارغاندا نىمە ئىشلار يۈز بىرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ ، سەن بەك دىققەت قىل ، قىزبالار دىگەننىڭ يىغىرى ئۆزى بىلەن بىللە ، تاساددىپى بىر ئىش بولۇپ قالسا ھىچكىمگە ياخشى ئەمەس...دەپ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى . بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، تىخىمۇ بەكرەك ئويلاندىم ، ھەقىقەتەن ئايرىلىپ كىتىش ۋاقتى كەلگەن ئىدى ، بىر قاراغا كىلىپ يۈسۈپجانغا تىلىفۇن ئۇرۇپ كەچتە بىللە تاماق يىيىشنى ، دەيدىغان گىپىم بارلىقىنى ئىيتتىم . تاماق يەۋاتقاندا مەن :

-يۈسۈپجان ، ئىككىمىزنىڭ ئىشى بەرىبىر بىر باشقا چىقمايدۇ ، جاھاندا مەندىن ياخشى قىزلار دىگەن ساماندەك كۆپ ، بىز بۇنداق قىلىپ بىر- بىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيلى ، سىزمۇ كۆزىڭىزنى يوغان ئىچىپ ئەتراپىڭىزدىن سىزگە مەندىنمۇ بەكرەك ماس كىلىدىغان قىزنى تىپىڭ ، مەنمۇ ئۆز يولۇمغا ماڭاي ،دىدىم .ئۇ :

-ئاخىرى كۆڭلىڭىزدىكىنى دىدىڭىز – ھە ! بوپتۇ ، ئىختىيارىڭىز دەپلا قوپۇپ چىقىپ كەتتى .

مەن ئۈستۈمدىن چوڭ بىر تاشنى ئىلىۋەتكەندەك بولۇپ ، يىنىك تىندىم . ئەتىسى ساۋەن ناھىيە كونا ساۋەن يىزىسىغا كىپەز تىرىشقا باردۇق ، دىگەندەك بىزنى دىھقانلار ئۆز ئىھتىياجى بويىچە مانچە ئادەم دەپ ساناپ ئىلىپ كەتتى . مەن باشقا ئۈچ قىز ، ئىككى ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن ئابلىھەت ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق ، مەن شەھەر ئىچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا ، كىپەز دىگەننى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى ، ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كىيىن ، چۈشلۈك تاماق يىدۇق ، تاماقتىن كىيىن ئۆي ئىگىسى بىزنى تىراكتور بىلەن ئىتىزلىققا ئاپاردى ، بۇلارنىڭ 40 مو كىپىزى بار ئىكەن ، بىز كىپەز تىرىشكە باشلىدۇق ، مەن تىرەلمەي قوللۇرۇم تىتىلىپ كەتتى ، بىللە كەلگەن ساۋاقدىشىم بۇنىڭدىن كىيىن تىرنىقىڭنىڭ ئۈستى تەرىپىنى ئاق پىلاستىر بىلەن ئورىۋالساڭ بۇنداق بولمايدۇ دىدى ، تەلىيىمگە مەن جىددى ئىشلىتىدىغان دورا ، داكا ، پىلاستىر ئىلىۋاپتىكەنمەن ، دەل ۋاقتىدا ئەسقاتتى . ئەتىسىدىن باشلاپ كۈنلىرىمىز ئىتىزدا كىپەز تىرىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى . ئەتىگەندە 6 دە تۇرۇپ ، نان بىلەن چاي ئىچىپ تىراكتور بىلەن ئىتىزغا چىقاتتۇق ، چۈشتە ئىتىزدىلا قولىمىزنى ئىيتىۋىتىپ ، ئۆي ئىگىسى ئەكەلگەن يىلىمان چاي بىلەن نان يەيتتۇق ، ئىلىۋالغان ئاي توقىچىم بەكمۇ ئەسقاتتى ، ھەر كۈنى سائەت 4 بىلەن بىرنى يىۋالىمەن – دە خاتىرجەم كىپىزىمنى تىرىمەن .كەچتە شام ۋاقتى بىلەن ئىشتىن يىنىپ ، بىر كۈن تەرگەن كىپىزىمىزنى ئۆلچىتىپ خاتىرىلەتكەندىن كىيىن ، ئاندىن يەنە شۇ تىركتورغا چىقىپ قايتىپ كىلەتتۇق ، قايتىپ كىلىپ يۈز – كۆزلۈرىمىزنى يۇيۇپ ،كىيىملىرىمىزنى يەڭگۈشلەپ تاماق يەيتۇق ، تاماقتىن كىيىن بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ھارغاندا ئۇخلايتۇق .يۈسۈپجان ۋە باشقا ئۈچ ساۋاقدىشىم بىز تۇرغان ئۆينىڭ كەينىدىكى ئۆيگە چۈشكەن ئىدى ، ئۇ مىنى بىر قىتىم ئىزلەپمۇ قويمىدى . 6 كۈن بولغاندا ئۇنىڭ بىللە تۇرۇۋاتقان ئىسكەندەر دىگەن ساۋاقدىشىم ئىزلەپ كەپتۇ ، ئۇ ماڭا :

-سەن يۈسۈپجان بىلەن ئايرىلىپ كىتىپسەن ھە ! ئۇ ھازىر بىر تۇرغان ئۆينىڭ قىزى خۇرشى بىلەن چىقىشىپ قالدى ، خۇرشى 19 ياش ئىكەن ، خىلى چىرايلىق ، مۇشۇ يىزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققى قىلىپ ھازىر يۈرۈۋاتىدۇ ،دىدى . مەن :

-راسما ، ياخشى بوپتۇ ، دىدىم .

ئىغىزىمدا شۇنداق دىگىنىم بىلەن ،كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولۇپ كەتتى ، كىچىچە ئازاپتىن تولغۇنۇپ چىقتىم ، توۋا ، ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ، مىنى قولغا كەلتۈرگىچە قىلمىغان قىلىقى قالمىغان ئىدى ،مانا ئەمدى ئىككىمىزنىڭ 7 ئايلىق مۇھەببىتىمىز 7 كۈنگىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەپتۇ ، ئەجەبا ئۇنىڭ مۇھەببىتى شۇنچلىك بولغىيمىدى ، ھەر نىمەبولسا ۋاقتىدا ئايرىلىپ كىتىپتىكەنمەن ،بولمىسا مىنى ئالداپ يۈرەتتىكەن ، سىنىپتىكى  بالىلار ئۇ ئىككىسىنىڭ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ كەتسە قانداق ئويلاپ قالار ؟ بىزنىڭ ئايرىلىپ كەتكىنىمىزنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئايرىلىپ كىتەيلى دەپ تەلەپ قىلىپ ئايرىلىپ كەتكىنىمىزنى بىلىدىغانلار ئاساسەن يوق تۇرسا ، مىنى مازاققىلارمۇ ؟ ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن بالىلارغا قارايمەن (سىنىپىمىزدا ، مەكتىۋىمىزدىمۇ مىنى قوغلاشقانلار خىلى كۆپ ئىدى ، لىكىن مەن يۈسۈپجاننى دەپ ھەممىسىنى رەت قىلىۋەتكەن ئىدىم ، مەن ئۆزۈمگە بەكمۇ ئىشىنىدىغان ، ئۆز سۆزلۈك قىز ئىدىم ، ئەمدى ئۇلارغا تاماششا بولۇپ بىرىدىغان بولدى ) دەپ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى .

بىر ھەپتىدىن كىيىن يىزا مەدەنىيەت پونكىتىدا تانسا ئۇيۇشتۇرۇپتىكەن ، بىز ھەممىمىز باردۇق .بىز بۇ يىزىغا كەلگەندىن كىيىن ، بۇيەردىكىلەر ئابلىھەتنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بەك چىرايلىق بىر قىز بارئىكەن ، ھىندىستان كىنوسى «بۇزۇلماس ۋەدە »دىكى  سۇنىتاغىلا ئوخشايدىكەن دەپ ئالدى – كەينى كىرىپ مىنى كۆرۈپ كەتكەن ، تىخى ئەلى دىگەن بالىنىڭ ئاپىسى مىنى  3- قىزىم دەپ ئاتىۋالغان ئىدى (ئەلى 3 – ئوغلى بولغاچقا شۇنداق ئاتىۋاپتىكەن ).  ئەلى دىگەن بالا  شۇ يەردىكى بالىلارنىڭ يىگىت بىشى بولۇپ ، ھەممەيلەن ھۆرمەت قىلىدىكەن ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە بالىمۇ  ماڭا يىقىنلىشىۋاتقان ئىدى ، ئەلىمۇ بىللە باردى ، تانسىدا ئۇ ئىككىسىنى كۆردۈم ، مەن ھىچنىمە بولمىغاندەك ئەلى دىگەن بالا بىلەن پاراڭلىشىپ ، بىللە تانسا ئوينۇدۇم ، ئارلىقتا خۇرشىدە دىگەن ساۋاقدىشىم چاقىردى ، بارسام يىنىدا باشقىلارمۇ بار ئىكەن ، ئۇ ماڭا بىر قىزنى تونۇشتۇرۇپ :

-بۇ قىزنىڭ ئىسمى خۇرشى ، بىز تۇرىدىغان ئۆينىڭ قىزى دىدى ، مەن قاراپ قويۇپ دەرھال ئۇ يەردىن كەتتىم ، مىنىڭ ئۇ قىزبىلەن ، يۈسۈپجان بىلەن ھەتتا ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ پاراڭلاشقۇم يوق ئىدى ، ئۇلارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتتىم .

مەن تاكى تانسا ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىق ئەلى بىلەن پارڭلىشىپ ، بەزىدە بىللە ئوينۇدۇم ، ئەلى مىنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى ، بىز بىللە كىتىۋاتساق يۈسۈپجانمۇ خۇرشىنى ئىلىپ كەينىمىزدىن تاپ بىسىپلا چىقىپ قالدى ، يولىمىز بىر ئىدى ،بىز ئالدىدا  ئۇلار كەينىمىزدە  ماڭدى ، يولبويى مەن ئەلى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭدىم ، ئەلى ئاپىسىنىڭ ماڭا بەك ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭمۇ تىگى قەشقەردىن ئىكەنلىكىنى ئىيتتى ، مەنمۇ ئانچە – مۇنچە پاراڭ قىستۇرۇپ ماڭدىم . ئاخىرى بىز تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق ، ئەلى مەن كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتتى .

ئەتىسى ئەلىدىن ئاڭلىسام ، يۈسۈپجان يولدا  ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ ، مەن ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمۈدۈم . نەچچە كۈندىن كىيىن يۈسۈپجان خۇرشىنىڭ دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىرىپ ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قىلىپ ، يەنە ئەلىنى چاقىرىپ چىقىپ ئۇرۇشۇپتۇ ، ھەممىنى ئاڭلاپ پەرۋامۇ قىلمىدىم .

ئاخىرى 20 كۈن توشۇپ قايتىدىغان بولدۇق ، لىكىن مىنىڭ بالىلار بىلەن بىللە ماڭغۇم يوق ئىدى ، بالىلار يۈسۈپجان بىلەن خۇرشىنىڭ ئىشىنى دىيىشىپ كەتسە ئۆزۈمنى نەگە قويۇشنى بىلمەيتتىم ، تەلىيىمگە بىزبىلەن كەلگەن يەنە بىر سىنىپنىڭ بالىلىرى 3 كۈندىن كىيىن قايتىدىكەن ، مەن دەرھال مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ شۇلار بىلەن بىللە قايتىدىغان بولدۇم ، ۋە بالىلاردىن 3 كۈن كىيىن قايتتىم . ئاپتۇبۇس مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشىگىلا يۈسۈپجاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم ، قارىغاندا ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدى ئىشىكى يىنىغا كىلىپ مىنى ساقلاۋاتاتتى ، لىكىن  مەن ئۇ ساقلاپ تۇرغان ئىشىكتىن چۈشمەي ئارقا ئىشىكتىن چۈشۈپ ، ئالدى – كەينىمگىمۇ قارىماي ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم ، ياتاققا كىرىپ نەرسە – كىرەكلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇۋاتسام ئىشىك چىكىلدى ، كىرىڭ دىسەم بىرسى كىردى ، قارىسان يۈسۈپجان ئىكەن . ئۇ :

-نىمىشقا قەپ قالدىڭىز ؟دەپ سورىدى ، مەن :

-نىمە كارىڭىز ؟دەپ قاراپمۇ قويماي نەرسە – كىرەكلىرىمنى يۇغۇشتۇرىۋەردىم . ئۇ تۇرۇپ – تۇرۇپ چىقىپ كىتىپتۇ .

توۋا ، ئۇنىڭ يۈزى نىمانداق قىلىندۇ ؟ كىپەز تىرىشكە بىرىپلا ئۆزى تۇرغان ئۆينىڭ قىزى بىلەن تىپىشىۋالسا ، ئەمدى يەنە مەكتەپكە كىلىپلا مىنى ئىزدەپ يۈرسە ...مۇشۇنداقمۇ ئىنسان بولىدىكەن . كونىلار ھەقىقەتەن «چىرايلىقتا ۋاپا يوق » دەپ توغرا ئىيتىپتىكەن .


                                        مەنبە: ئۆزۈم (لالە)

ئەسكەرتىش :بۇ منىڭ يىقىن دوستۇمنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن راس ئىش ، ئۇ دوستۇم ئازاپلىنىۋىرىپ ، سالامەتلىكىمىدىنمۇ چاتاق چىققىلى تاس قالغان ، مەن شۇ دوستۇمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بۇ ئەسەرنى يىزىپ چىقىپ ، يەنە قوشۇلۇشى بىلەن مۇنبەرگە يوللىغان .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 10 + 10 + 10

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2014-1-13 14:39:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ دوستىڭىز دەل ۋاقتىدا ئايرىلىپ ناھايىتى ياخشى قىپتۇ.   ئۇنداق بولماي سۆرىشىپ يۈرگەن بولسا بەلكىم كىيىنكى ئازابى تىخىمۇ چوڭ بولاتتى ، بەلكىم نۇرغۇن بەدەل تۆلىشى مۇمكىن ئىدى ..
ھەقىقى مۇھەببەتنى قەدىرلىيەلەيدىغانلار قەيەردە باردۇر دەپ ئويلاپمۇ قالدىم .  قانچىكى ھۆرمىتىنى قىلسىڭىز ، قانچىكى ياخشى كۆرسىڭىز ئىشىۋىلىش پىسخىكىسىنى ئۆزىگە تازا يىتىشتۈرىۋتقان.
ھىكايىدە  ئالى مەكتەپ تۇرمۇشى ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ ، قەلىمىڭىز چارچىمىسۇن ، ئىجادىيەتلىرىڭىز يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن ھەدە .

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2014-1-13 16:54

12

تېما

162

يازما

1224

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 198
يازما سانى:
162
تىللا:
802
تۆھپە:
80
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
39 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-15

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-13 16:22:30 | ئايرىم كۆرۈش
قىزلارنىڭ دەردى قاچان تۈگەيدۇ!  ئۇغۇللار ئۈلۈپ كەتكەندە.
ئۇغۇللارنىڭچۇ! قىزلار تۈگەپ كەتكەندە.

باھا سۆز

ھى ھى....  ۋاقتى: 2014-6-26 18:06
راسمۇ ؟  ۋاقتى: 2014-1-13 16:54

2

تېما

219

يازما

1492

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 251
يازما سانى:
219
تىللا:
1183
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
75 سائەت
ئاخىرقى:
2014-12-3

مۇنبەر مەلىكىسى

يەر
ۋاقتى: 2014-1-13 17:21:51 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن.
ئۇ دوستىڭىز ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىپ بەك ياخشى قىپتۇ. بولمىسا بۇنىڭدىنمۇ ئىغىر ئازاپلارغا قالاتتىكەن.
بۇنداق ئىشلار قاچانمۇ تۈگە...

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2014-1-13 18:06:13 | ئايرىم كۆرۈش
راس دوستىڭىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق قىز ئىكەن. ئاشۇ 7 كۈنگە چىدىماي باشقىلار بىلەن تېپىشىۋالغان بالىدا يەنە ۋاپا بارمۇ دەيسىز... 7 كۈنگە چىدىمىغان ئادەمدە ئۆمۈرلۈك ۋاپا بولامدۇ؟!!
ئۇ قىز بەك ئەقىللىق ئىكەن، ۋاقتىدا ئەقلىقىنى تېپىتۇ، ئىشلىرىغا ھېسياتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقلى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.. مۇھاببەتلىشىچاتقان بىر جۈپلەرگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا ھەر ۋاقىت مۇھاببەت، ھېسيات ئەقلقىنى بېسىپ چۈشىدىغان... ئەقلىنى چىگىپ قويىدىغان ئىشلار كۆپ... بۇنداق بولغاندا بەلكىم ئۆمۈرلۈك ئازاپقا دۇچار بولىشى مۇمكىن...ئاللاھ ئۇ دوستىڭىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن! بارلىق يىگىت- قىزلىرىمىزغا ۋاپادارلىق، بەخت ئاتا قىلسۇن !

باھا سۆز

دىگىنىڭىز كەلگەي !  ۋاقتى: 2014-1-13 18:40

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2014-1-14 02:36:46 | ئايرىم كۆرۈش
دوسىتڭز ياخشى قىپتۇ  مۇنداق بى گەپ   ۋاپاسىزدا ئىمان يوق ئىمانسىزدا ۋاپا دەيدىغان ئۇنداق ئادەم ئۇچۇن  ئازاپلىنىش ئەرزىمەيدۇ
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

21

تېما

210

يازما

2459

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 225
يازما سانى:
210
تىللا:
1818
تۆھپە:
142
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-25

كۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-1-14 11:46:21 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى بىر ياخشى تىما يوللاپسىز ،مۇھەببەت ھەرگىزمۇ ئويۇن ئەمەس ،ھەم ئەقىل بىلەن باشقۇرغىلى بولمايدۇ ،كۆپ ھاللاردا مۇھەببەت ئالدىدا تىل كىكەچ ،قول پالەچ بولىدۇ .ھەم شۇ ئاشىق چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدىكى بىر خىل شىرىن ئازابقا دۇچار بولىدۇ .
لىكىن تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر قىزىقىش بىلەن چىن مۇھەببەتنى ئايرىيالمايدۇ .

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

8#
ۋاقتى: 2014-1-14 18:00:47 | ئايرىم كۆرۈش
جاسۇس يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 16:22
قىزلارنىڭ دەردى قاچان تۈگەيدۇ!  ئۇغۇللار ئۈلۈپ كەتكەند ...

تولىمۇ قايىل قىلارلىق ئىنكاسقۇ بۇ ... دىمىسىمۇ شۇنداق بولىدىغان چېغى ....

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

9#
ۋاقتى: 2014-1-14 18:01:39 | ئايرىم كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 18:06
راس دوستىڭىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق قىز ئىكەن. ئاشۇ 7 كۈنگە ...

ئاچا مىنىڭچە مۇھاببەتلەشكەنلەرنىڭ 10 نىڭ ئىچىدە 5 ئادەم نىشاننى خاتا تاللامدىكىن دەيمەن ھىسىياتقا بىرىلىپچۇ .........

باھا سۆز

مەنمۇ شۇنداق قىلغاندىمەنمۇ؟ ئىشقىلىپ مەن توي قىلىپ بولدۇم. توغرا قىلدىم دەپ قارايمەن.  ۋاقتى: 2014-1-15 19:04
مىنىڭچىمۇ شۇنداق .  ۋاقتى: 2014-1-15 16:57

6

تېما

266

يازما

1511

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 250
يازما سانى:
266
تىللا:
1015
تۆھپە:
75
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
54 سائەت
ئاخىرقى:
2014-9-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىقىزغىن ئەزا

10#
ۋاقتى: 2014-1-14 19:30:49 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر مەيلى كىلىشكەن بۇلسۇن ياكى بۇلمىسۇن،ئۇغۇللاردا ۋاپا يوق،
لىكىن بۇنداق بۇلىشىنى قىزلاردىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بۇلمايدۇ ئەلۋەتتە...
يەنىلا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:33 , Processed in 0.177978 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش