ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەقىقى ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ


مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ- مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛
ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال؛
ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛
گۈزەللىكنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالماي ، پىنھان تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛
كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛
ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي خۇلقلىق ئايال؛
ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛
راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛
ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛
چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛
ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛
ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛
بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛
پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۈمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدە تەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...
مانا سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكاممۇللاشسا، سەن ھەقىقىي ئايال، ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايال...سەن ھەقىقىي ئايال، ئەڭ ھەقىقىي ئايال

مەنبەسى: (كەچۈرۈڭلار تازا ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، ئەينى چاغدا خاتىرلىۋالماپتىكەنمەن)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى

0

تېما

10

يازما

76

جۇغلانما

مىھمان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 42
يازما سانى:
10
تىللا:
266
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
3 سائەت
ئاخىرقى:
2013-8-29
دېۋان
ۋاقتى: 2013-8-6 20:21:47 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى سۆز لەركەن

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-8-7 00:05:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئايال بولماق ئاسان ئەمما ئۆزىنىڭ ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغان بىر ھەقىقى ئايال بولماق تەس.رەھمەت ھەدە ياخشى تىما يوللاپسىز..

3

تېما

88

يازما

1602

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 171
يازما سانى:
88
تىللا:
1394
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2015-2-10
يەر
ۋاقتى: 2014-3-26 20:30:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئايال بۇلماق ھەقىقەتەن تەس بىر قۇلدا باللانى يەنى بىر قۇلدا ئەر ھەم پۇتۇم ئائىدىكلەرنى ھەي بىر ئەمەس غىمى كۇنللار دەيدۇ بىرقۇلدا بۆشۇكنى يەنە بىر قۇلدا دۇنيانى  .........ئاللامۇ دەيدىكى قىزباللا قاچچان ئانا بۇلغان ۋاقىتتا قەدمىنىڭ ئاستىدا جەننەت بۇلدۇ دەيدۇ چۇنكى ئانا ھەم خۇتۇن بۇلماق ھەقىقەتەن تەس خۇدى ئەر بۇلماق تەستەك ھازىرققى ئەرللەر ھەممە نەرسىلەر تەيار تۇرسا ئۆيدە نىمگە زارلىندۇ دەيدىكەن ئۇ غۇ راس بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىللاندى يەنللا مەن دەيمەن ئايال بۇلماق بەك تەس
گۈل

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-3-27 17:25:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئايال-ئۇ ئايالغۇچى،ئايىلىشقا،كۆيۈنۈشكە ،مھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-1-26 20:55:14 | ئايرىم كۆرۈش
قەھۋەنى كۆرگۈم كەلدى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:31 , Processed in 0.138519 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش