مۇھەببەت ھېكايىسى
ئۆزخان
بىر يىگىت بىر قىزغا كۆيەتتى قەۋەت.
بىراق قىز يىگىتكە سالمىدى نەزەر.
شۇ سەۋدا يىگىتىنى شۇنچە ئاسانلا ،
يىقىتتى يېرىمجان قىلدى بىمەھەل
قىز مەغرۇر ئول يىگىت شۇنچە پەرىشان،
شۇ خىلدا بىر مەزگىل ئۆتكەندە ۋاقىت،
يىگىتنىڭ قەلبىدە ئۆلۈپ مۇھەببەت.
يامان بىر قىسمەتكە بولدى ئۇ شاھىت.
ئول يىگىت بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپتۇ.
دەپتۇمىش بىرلا رەت كۆرۈشەيلى بىز.
ھېچقاچان ئاۋارە قىلماسمەن كىيىن ،
كۈتىمەن بۇ خەتكە جاۋاپ بېرىڭ تىز.
خەت قىزنىڭ قولىغا يەتكەن ۋاقىتتا،
ساددا قىز بىردىنلا ئويلىنىپ قاپتۇ.
كۆرىشەي مەيللىلا پەقەت بىر قېتىم
سۆيگەچكە قەلبىدىن شۇنداق دىگەندۇ؟
شۇ كېچە قىز شۇنداق چۈشنى كۆرگەنمىش،
گوياكى بىر ئېيىق قوغلارمىش ئۇنى،
ئۇ ياردەم سورسىمۇ ئاسمان-زىمىندىن،
ئاۋازى تۇتۇلۇپ چىقماسمىش ئۈنى
قىز چۆچۈپ ئويغانسا كۆرگەن چۈشىدىن،
گۈپۈلدەپ سوقارمىش ئاجىز يۈرىكى،
بۇلۇتنىڭ تەكتىگە مۈكۈپتىمىش ئاي،
تەرلەيمىش ئۇ سۇغا چۈمۈلگەن كەبى .
شۇ كۈنى قىز كۆڭلى يېرىمكەن بەكلا،
قانداق ئىش زادىلا بىلمەسكەن ئۆزى
كۆزلىرى چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرسىمۇ
يۈرىكى سىزەر بىر قاراڭغۇلۇقنى
قىز شۇنداق بىئارام كۈلگۈنچەك قوياش،
نۇر تۆكۈپ زىمىنغا بولۇپ قاپتۇ چۈش.
‹‹بوپتۇلا كۆرىشەي ئاداققى بىر رەت،
تۈگىسۇن يىگىتچۈن پايانسىز كۈتۈش.
بىراق قىز يىگىتنى ئەسلا چۈشەنمەس،
قەلبىدە نە ئوي بار بىلمەيدىكەن ھەم .
شۇ سەۋەپ بىخەۋەر ئاچچىق قىسمەتتىن،
كېلىشكەن جايغا ئۇ تاشلاپتۇ قەدەم.
شۇ چاغدا قوياشمۇ قىزىپتۇ ئوتتەك.
تونۇردەك قىزىقمىش پۈتۈن يەر-جاھان.
قىز بېرىپ قارىسا ئول ئاشىق يىگىت،
مۇڭلىنىپ تۇرغانكەن شۇنچە پەرىشان.
خىلۋەت بىر تاللىققا كەپتۇ قىز يىگىت
دەپتۇ قىز دۇئادا ياد ئېتەي سىزنى،
سۆيگۈنۈم بار مېنىڭ،بەخىتلەر تىلەي.
قەلبىڭىز بېتىدىن ئۆچۈرۈڭ مېنى.
ئويلاركەن سەبى قىز ياخشى سۆز بىلەن،
ئىرىتسەم ئۆمۈدىنى ئۈزەر مېنىڭدىن،
ھەقىقەت بىرىگە باغلانسا كۆڭۈل،
ئۇنىڭدىن ئۆمىدنى ئۈزۈش بەك قيىن
يىگىتنىڭ قەلبى ھەم ئىكەن بەك ئويغاق
بىلەركەن قىزنىڭ ئوي-خياللىرىنى،
ئويلاپتۇ‹‹ھەددىڭدىن ئاشقىنىڭ يېتەر.
رەنجىمە مېنىڭدىن چەيلەيمەن سېنى
تەڭلەپتۇ بىر قۇتا مىۋە سۈيىنى،
ئۇسساپمۇ قالغانسىز ››تارتىنماڭ دەپتۇ
ئويلاپتۇ ئۇ قىزمۇ كۆيۈملۈك ئىكەن.
سۆيەركەن بوپتۇلا غېمىمنى يەپتۇ.
ئىسسقتا يۈركى چاڭقاپ تۇرغان قىز.
ئۇ دەپتۇ ئۇ سۇدىن ئىچىپ قانغۇچە.
بىردىنلا بېشى سەل قايغاندەك بوپتۇ.
ئايلانغان ئەمەسكەن ئۇنچە ھارغۇچە.
يىگىتنىڭ كۈتكىنى دەل مۇشۇ ئىكەن.
غەزەپلىك كۈلۈپتۇ قىلغان ئىشىغا،
تىتىرەپتۇ يەر-زىمىن شۇبۇ قىسمەتتىن،
قوياشمۇ مۈكۈپتۇ بۇلۇت قېتىغا.
ئول ئىبلىس چەيلەپتۇ سەبى غۇنچىنى
ھە ئەمدى ھالىڭنى بىر كۆرەي دەپتۇ.
كېتىپتۇ شۇ پېتى تاشلاپلا كېتىپتۇ قىزنى
يەر-زىمىن تىتىرەپتۇ ئۇنى بىلمەپتۇ.
شۇ چاغ قىز يامان چۈش ئىچىگە غەرىق،
ئاھ دەركەن تىپىرلاپ تىنماي قاچاركەن.
زەھەرلىك بىر يىلان ئۇنىڭ كەينىدىن،
قوغلاركەن تىلىدىن ئوتلار چاچاركەن.
ئول يىلان ئاخىرى يۆگىشىپ قىزغا
زەھەرلىك ئاچچىق بىر نەشتەر ئۇرۇپتۇ.
بىچارە يالۋۇرۇپ يىغلاپ بېقىپتۇ.
ئاخىرى تەقدىرگە بويۇن سۇنۇپتۇ.
بىر چاغدا ناتىۋان ھۇشىغا كېلىپ،
قارىسا سۇمبۇلدەك چاچلىرى چۇۋۇق.
كىيىملەر تىتىلغان تەنلىرى يارا،
بوپ قاپتۇ كاللىسى شۇئان قۇپقۇرۇق.
ھېىلىھەم ئۇيقۇسى كېلىپ تۇرارمىش،
بېشنىڭ بىر يېرى ئاغىرپ تۇرارمىش.
ھېلىقى مەلئۇننى ئويلاپتۇ خىرە،
خازانغا ئايلانغان ئەمدى ھەممە ئىش.
دەل شۇ چاغ قىزچاقنىڭ تىلفۇنى سايراپ
قايتۇرۇپ كەپتۇدەك خىيال ئىچىدىن.
يىگىتى ئىكەن ئۇ بولۇپ بىتاقەت،
چۈشۈمگە كىرىپسەن دەپتۇ كېچىدىن
يۈرۈپسەن قاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە،
بىر ئېيىق قوغلاپتۇ قېچىسەن جېنىم
ھەر قانچە قىلساممۇ يەتمىدى قولۇم.
سەن ئۈچۈن يىغلىدىم ۋاي ئېسىت دىدىم.
سەن ھازىر قەيەردە كۆرىشەيلى بىز.
سۆزۈم بار دىمىسەم بولمايدۇ پەقەت.
سېنى بەك سېغىندىم كۆرەي يۈزۈڭنى،
ئايرىلماي يۈرۈشنى ئويلايمەن ئەبەد.
شۇ چاغ قىز تىلفۇننى كۈچەپ ئېتىپتۇ.
يىغلاپتۇ باچكىدەك ئۈكسۈپ بۇقۇلداپ.
‹‹ئەي خۇدا بۇ جاننى ئالساڭچۇ تىزراق
قالدىمۇ ماجالىم يۈرگىدەك ياشاپ.››
بۇ سەبى قىزدا بىر يۈرەك بار ئىكەن.
يارىدىن ئۆزىگە سىغماسكەن ھېچكىم.
ئاھ خۇدا يۈزۈڭگە قارايمەن قانداق،
كەچۈرگىن ئاشىقىم مېنى بىر قېتىم.
ئۆلۈمنى ئويلاپتۇ شۇ چاغ گۈزەل قىز.
يوق ئىكەن شۇ تاپتا بۇندىن باشقا يول.
يىغلىغاچ مېڭىپتۇ گۈزەل قىز ئاستا.
تىك يارنىڭ بويىغا كەپتىمىش ئۇدۇل.
شۇ چاغدا كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ،
تۇرارمىش ئالدىدا مەزلۇم ئانىسى.
يىگىتى بىر ياندا تۇرغىدەك يىغلاپ.
ھويلىنى بىر ئاپتۇ ئاتا ھازىسى.
ئويلاپتۇ قىز ‹‹ھايات نىمانچە ئاچچىق،
جاھاندا دەردى يوق كىشى بارمىدۇ؟
ئىمانلىق ياشىماق نىمانچە قىيىن.
قىزلارغا بۇ جاھان شۇنچە تارمىدۇ؟ ››
خىياللار ئىچىدە ئۈزەر ئىكەن قىز،
ئالدىدا ھايات ۋە مامات ئىككى يول.
تاللاشنى بىلەلمەي تۇرغان چاغدا ئۇ
بىلەكتىن تارتىپتۇ. قاتتىق بىر جۈپ قول.
قارىسا بايامقى ۋىجدانسىز يىلان،
يەر بېقىپ تۇرارمىش ‹‹يىغلايدىغاندەك››
قىزچاقنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرى شۇئان
بېقىپتۇ يىلانغا خۇددى خەنجەردەك.
دەپتۇكى ئۇ نادان كەچۈرۈڭ مېنى
سىز ئۈچۈن جېنىمدىن كېچەي مىڭ قېتىم.
سەۋدالىق ئەقلىمنى بۇلغاپتۇ بايا،
سىز ئۈچۈن تەسەددۇق ئەرزىمەس جېنىم.
كۈلۈپتۇ قىز ئاچچىق كۆزلىرىدە ياش،
شۇنداقمۇ ‹‹مەن ئۈچۈن كېچىسەن جاندىن
ياخشىغۇ بۇ يەردىن ئاتساڭ ئۆزۈڭنى،
سۆيگۈڭگە،سۆزۈڭگە ئىشىنەي ئاندىن.
تۇرارمىش ئول قاۋان بېشىنى سېلىپ،
كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇرار چارىسىز.
قىز ئاستا كەينىگە يېنىپتۇ دەپتۇ.،
كۆزۈمگە كۆرۈنمە ئەسلا ۋىجدانسىز.
ئارىدىن بىر زامان ئۆتۈپتۇ جىمجىت
قىز بولسا توي ئۈچۈن بوپتۇ ‹‹ئالدىراش››
ھېلىقى چار يىلان شۇنچىلىك خۇشال،
_قانداق ھۇي ئەھۋالىڭ-،دەپتۇ ساتىراش.
-كۆردۈڭمۇ مەن دىگەن ھەقىقى ئەركەك،
كىردىمغۇ ئاخىر ۋىسال بېغىغا.
پو ئېتىپ تۇرغاندا ئۇ بوغما يىلان
بىر يىگىت دۇكاندىن چىقىپتۇ ئاستا.
بۇ ئەسلى قىزنىڭ چىن سۆيگىنى ئىكەن.
بىلمەسكەن نە ئىشنى قىلغاننى خاتا.
پەقەتلا چىدىماس ئىكەن يۈرىكى،
قىلچىك بىر ئازار يەتسىمۇ قىزغا.
كۆرۈشمەك بولسىمۇ قىز بىلەن مىڭ رەت،
قىز ئۇندىن ئۆزىنى قاچۇرار ئىكەن.
توڭ تەگكەچ يگىتكە نەچچە رەت تېخى
يىگىت ئول پىراقتا ئاھ ئۇرار ئىكەن.
بىردىنلا چۈشىنىپ يىگىت ئەھۋالنى
بۆرىدەك ھۇۋلاپتۇ. كۆزلىرىدە قان.
ئەسلىدەمۇھەببەت قۇربانى بولۇپ
يارىڭنى چۆللەرگە تاشلاپسەن جانان
يار دىدىم ياتلاردىن قوغدىيالمىدىم.
خەيىر ئەي دىلبىرىم ئۆزۈمدە گۇناھ ،
ئەمدى ئۆز قېنىمدىن بىر داستان پۈتەي،
مېنىڭدىن بىر ئىبرەت ئالسۇن بۇ دۇنيا.
قىز ئۈچۈن تىز كەپتۇ توينىڭ ھارپسى،
تەييارلىق باشلىنىپ تەرەپ-تەرەپتىن.
ھەممەيلەن خۇش ئىكەن بىلمەسكەن ئەسلا،
تۆكۈلگەن ھەسرەتنى ئاجىز يۈرەكتىن.
كۈيئوغۇل ئەسلىدە ئىكەن خېلى باي،
بىر نەچچە ئۆيى بار ھەم ماشىنىسى،
خۇدايىم بەرگەن بۇ ئىسىل پۇرسەتتىن،
مەمنۇنكەن قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانسى.
ئانسى قىزىمىڭ بەختى بار ئىكەن،
-دادىسى بۇ تەقدىر ئاجايىپ ئىكەن.
بىلمىگەچ قىزىغا كەلگەن قىسمەتنى،
ئويلىماس كۈيئوغۇل گۈلمۇ يا تىكەن.
شۇ كۈنى بىر يىگىت تىمتاس دالاغا
دەردىنى سۆزلەپتۇ يىغلاپتۇ يۈرەك.
ئايرىلدىم گۈلۈمدىن بىۋاپا دۇنيا،
ئۇنىڭسىز بۇ ھايات ماڭا نە كېرەك.
ئاخىرى توي بوپتۇ شۇنچىلىك ھەشەم،
داپ،دۇتتار،راۋاپلا سايرىشار تىنماي،
چۈشۈپتۇ ئۇسۇلچى قىز-يىگىتلەر شوخ،
لەرزىگە كەپتۇدەك شۇ چاغ ھەممە جاي.
ئەتىسى ھەسرەتلىك خەۋەر ۋەجىدىن
قازاندەك قايناپتۇ پۈتۈن مەھەللە،
يارىدىن ئايرىلغان سەۋرىسىز يىگىت،
ئۆزىنى دەرياغا ئاتقان ئەسلىدە.
بۇ خەۋەر يەتكەندە قىزنىڭ قۇلقىغا،
قوي كۆزلەر شۇ ھامان قاپتۇ چەكچىيىپ،
توي ئۈچۈن پەرىدەك ياسانغان شۇ قىز،
جىم بوپتۇ ئاھ دەپلا كېتىپ ھۇشىدىن.
تاس قاپتۇ بىر ئوبدان توي بۇزۇلغىلى،
مىھمانلار چۈشۈپتۇ قىزىق پاراڭغا،
بەزىلەر توۋا دەپ ياقىنى تۇتۇپ،
كۈلۈپتۇ چىقىرىپ قىزنى ساراڭغا .
قىز بىر چاغ ئېچىپتۇ كۆزىنى ئاستا،
قاتتىق بىر ئۇيقىدىن ئويغانغان كەبى.
تەئەججۈپ ئىلكىدە قاراپ تۇرغانلار.
بىردىنلا يەڭگىللەپ ئۇھ دەپتۇ ئەمدى.
مىھمانلار ئۇزاپتۇ كۈنمۇ كەچ بوپتۇ.
كۆرۈنەر قىزغا بۇ ھوجرا دوزاقتەك.
ئويلىسا بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشنى،
كەلگۈسى نا ئېنىق خۇددى توزغاقتەك.
قىز ئۇزاق ئويلىنىپ كەپتۇ قارارغا..
ئەمدى بۇ ھاياتتا قالمىدى مەنا.
ئاشىقىم كەينىدىن يىتەيچۇ تىزرەك،
يەتكۈزمەي يىلاننى مەخسەتكە ئەسلا.
گۈزەل قىز ھەسرەتتە يۇم-يۇم يىغلاپتۇ.
قولىغا ئېلىپتۇ قەغەز ۋە قەلەم.
بىر-بىرلەپ پۈتۈپتۇ يۈرەك سىرىنى،
يېقىنلاپ قاپتۇ ئەڭ ئاخىرقى قەدەم.
بىر چاغ ئۇ نا ئەھلى ھوجرىغا كىرىپ،
كۆرۈپتۇ قان بىلەن بويالغان قىزنى،
كۆز يۇمغان گۈزەل قىز شۇنچە خاتىرجەم،
مەھكەم تۇتقىنىچە ئۇچلۇق بىر تىغنى.
توۋلاپتۇ نا ئەھلى ئەسەبىيلىشىپ،
-تىز كىرىپ قاراڭلار بۇ قىز ئۆلۈپتۇ
كۆپچىلىك ھۇدۇقۇپ كىرىپ قارىسا،
نازىنىن بىر تاتلىق ئۇخلاپ يېىتپتۇ.
بەزىلەر بىر قاراپ كۆرۈپتۇ قىزنىڭ
قولىدا بىر پارچە تۇمار تۇرغىدەك،
ئاشكارە بولۇپتۇ ھەممە ئىش شۇئان،
نائەھلى چاياننى بېسىپتۇ تىتىرەك.
كۆپچىلىكنىڭ كۆزى شۇئان ئۇنىڭغا،
خەنجەردەك قادىلىپ نەپرەت تۆكۈپتۇ.
قىزلارمۇ ئەيىپلەپ بېرىپتۇ دەشنەم،
بۇ يىلان بىر ئەمەس مىڭ رەت ئۆلۈپتۇ
ھەممەيلەن قىز ئۈچۈن ئېچىنىپتۇ بەك،
ۋەلىكىن لاغىلداپ تىتىرەركەن يىلان،
ئۇ ئاستا بىر ئۆيگە كىرىپ كەتكەنمش،
بەزىلەر پىچىرلاپ بوپتۇ دەر گۇمان.
ھېچقانچە ئۆتمەستىن سۈر-ھەيۋە بىلەن
ساقچىلا كەپتىمىش خەۋەرنى ئاڭلاپ.
تەيياركەن قولىدا ئېغىر كويزىسى.
گۇماندارنى تۇتۇپ ماڭماقچى يالاپ.
تەكشۈرۈش بەكمۇ ئاياغلىشىپتۇ.
-تۇتۇڭلار گۇماندار،-دەپتۇ،-قەيەردە؟
سۆيگۈنى پايخان قىپ يۈرگەن بۇ ئىپلاس،
شۇ تاپتا يۈرەركىن قېنى نەلەردە؟
چۇۋۇلۇپ چۈشۈپتۇ. ئۆينىڭ ئۆگزىسى،
ساقچىلاردىن يەتكەن قاتتىق زەربىدىن.
ئېسىلىپ ئۆلگەنمىش بۇ نىجىس قانخور،
قېچىشقا كۆز يەتمەي قانۇ تورىدىن.
ئەتىسى قوياش بەك ئىللىق نۇر چېچىپ
زىمىنغا بەرگەندە ئىللىق ھارارەت.
سەپ بولۇپ مېىڭىپتۇ قەبرىستانلىققا،
ئېلىپ ئۈچ مېيىتنى مىڭلاپ جامائەت.
ھەر كۈنى كىشىلەر ئۆتكەندە يولدىن
دۇئا قىپ ئۆتىدۇ ئىككى قەبرىگە،
بەزىلەر لەنەتلەر ئېتىدۇ مىڭلاپ،
چوقچىيىپ تۇرغان بىر تەنھا قەبرىگە.
ھۆرمەتلىك تورداشلار : ۋاقىت قىسلىقى سەۋەپلىك تېخى دىگەندەك پىشىپ كەتمىگەن تىمىنى ھوزورۇڭلارغا سۇنۇپ قالدىم. ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن. شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزنى قۇبۇل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە مۇئامىلە قىلغايسىلەر.
|