ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زىيادە كۆيۈنۈش ماھىيەتتە زىيانكەشلىكتۇر.!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

    ئابدۇرېھىم ئابلا

مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانىدىم: بىر يىلى كۈزدە بىر توپ ئاق قۇ ئاق قۇ كۆلىدىكى بىر كىچىك ئارالغا كەپتۇ، ئۇلار شىمالدىن ئۇچۇپ كېلىپ، قىشنى جەنۇبتا ئۆتكۈزمەكچىكەن.
    ئارالدا بېلىقچى ئەر – ئايال تۇرىدىكەن، ئۇلار جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن كەلگەن بۇ ‹‹مېھمان››لارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ، توخۇ يېمى ۋە تۇتۇپ كەلگەن بېلىجانلار بىلەن ئاق قۇلارنى بېقىپتۇ. قىش پەسلىمۇ كەپتۇ، لېكىن ئاق قۇلار جەنۇبقا كەتمەپتۇ, كۆل يۈزىدە مۇز تۇتۇپتۇ، ئاق قۇلار ئوزۇق – تۈلۈك تۇتۇپ يېيەلمەپتۇ، بېلىقچى ئەر – ئايال كەپىسىنى ئېچىپ ئاق قۇلارنى ئىسسىندۇرۇپتۇ ھەمدە ئۇلارغا ئوزۇقلۇق بېرىپتۇ، بۇنى تاكى كېيىنكى يىلى باھار كېلىپ كۆلدىكى مۇز ئېرىگۈچە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
    كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ھەر يىلى قىشتا بېلىقچى ئەر – ئايال ئاق قۇلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ كەپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى ئۇلار ياشىنىپ قالغانلىقتىن كىچىك ئارالدىن كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاق قۇلارمۇ يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇلار جەنۇب تەرەپكە ئۇچۇپ كەتمەستىن، بەلكى كېيىنكى يىلى كۆل مۇز تۇتقاندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ.

    ھېكايىدە بېلىقچى ئەر – ئايال خۇددى ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيگەندەك ئاق قۇلارغا باشپاناھ بولغان، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالاي يىللار داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى ئۈزلۈكسىز بېغىشلاپ كەلگەن، كىشىلەر بۇ ئەر – ئايالنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى تەرىپلەپ، ئاق قۇلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىشقان. ھالبۇكى ئاق قۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى بىزگە يەنە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بېلىقچى ئەر – ئايالنىڭ چېكىدىن ئاشقان مۇھەببىتى ئاق قۇلارنى غەمسىز، خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆندۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئاق قۇلار ھۇرۇنلۇقنى يېتىلدۈرۈپ، ياشاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ، مۇھىتقا ماسلىشالماي، ئاخىرىدا ئۆزگەرگەن مۇھىت تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن!
    رېئال تۇرمۇشتا قانچىلىغان ئاتا – ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەتلىرىنى خاتىرجەم، راھەت ماكانغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياشايدۇ – ھە! بالىلىرى كىچىك چاغدا ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ، بوينىغا مىندۈرۈپ ئەتىۋارلايدۇ، بالىلىرى ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بېرىشكىمۇ تەييار تۇرىدۇ، بالىلىرىنى ئۆينىڭ ئىشىغىمۇ سالمايدۇ، بالىلىرىنىڭ ئازراقمۇ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ياخشى خىزمەت تېپىپ بېرىش، ئۇلارغا كۆپرەك مىراس قالدۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ، ئۆزلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ رازى بولىدۇ...
    بۇ دەل ‹‹بېلىقچى ئەر – ئايال›› تىپىدىكى ئاتا – ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ، شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى! ئەمما، ئاق قۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باقساق بىز يەنە بۇ خىل مۇھەببەتكە ئېھتىرام بىلدۈرەمدۇق؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل راھەت، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشنى كۆزلىگەن مۇھەببەت دەل كىشىلىك ھاياتتىكى بىر توزاق، بۇ توزاققا چۈشكەن كىشىلەر تايىنىۋېلىش ۋە ھۇرۇنلۇقتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر تۇرمۇشنىڭ دوقاللىرىغا دۇچ كەلسە، ئاقىۋىتى يۇقىرىقى ھېكايىدىكى ئاق قۇلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
    ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم مۇھەببەت، كۆيۈنۈشكە موھتاج، لېكىن بۇ خىل مۇھەببەت قارىغۇلارچە كۆيۈنۈشكە ئايلىنىپ قالسا، مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مەنبەمەنبە"تەڭرىتاغ تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-1-14 13:30:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  گەپكە قوشىلىمەن  : ھەممە ئادەم مۇھەببەت، كۆيۈنۈشكە موھتاج، لېكىن بۇ خىل مۇھەببەت قارىغۇلارچە كۆيۈنۈشكە ئايلىنىپ قالسا، مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-1-14 19:49:38 | ئايرىم كۆرۈش
چېكىدىن ئاشقان ئىش ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ئاخىرى يامانلىق بولىدۇ.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2017-1-16 18:19:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەمنىڭ پىكرىگە ئەگەشتىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:12 , Processed in 0.117598 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش