ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مال-مۈلكىنى «يوشۇرغان» ۋەزىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

                 مال-مۈلكىنى «يوشۇرغان» ۋەزىر

مىڭ يىللار ئىلگىرى، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدا سەيمور ئىسىملىك بىر ۋەزىر بولغان ئىكەن. بۇ كىشى دانىشمەن، سودا ئىشلىرىغا ماھىر بولۇپ، پادىشاھ بەكمۇ ئەتىۋارلايدىكەن ۋە پادىشاھتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش شەرىپىنى بەرگەن ئىكەن. ئۇ دۆلەتكە نۇرغۇن بايلىق يارىتىپ بەرگەچكە ئىش ھەققىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئارىلاپ پادىشاھنىڭ ئىنئاملىرىغىمۇ ئېرىشىپ تۇرىدىكەن. بىراق باشقا ۋەزىرلەر  بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشىدىكەن، ھەمدە ئۇنى پارىخورلۇق قىلىپ مال-بىساتى دۆلەت خەزىنىسىگە يېتەي دەپ قالدى دەپ پادىشاھقا مەلۇمات يوللاپ تۇرىدىكەن.

ۋاقىت ئۇزارغانچە پادىشاھمۇ باشقا ۋەزىرلەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قېلىشقا باشلاپتۇ ۋە بۇ دانا ۋەزىرىنىڭ مال-بىساتىنى ئېنىقلاپ بېقىش قارارىغا كەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بارلىق ۋەزىرلىرىنى ئوردىغا چاقىرتىپ كېلىپ، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشكەندىن كېيىن، ۋەزىر سەيمورنى يېنىغا ئېلىپ قېلىپ،  شەخسى مال-بىساتىنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ.
دانا ۋەزىر پادىشاھنىڭ تۇيۇقسىز چىقارغان قارارىدىن ئەجەبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يارلىققا قارشى چىقالمىغاچقا قەلەم، قەغەز كەلتۈرۈپتۇ. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ تىزىملىكنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ.

پادىشاھ تىزىملىكنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ ۋە شىرەنى مۇشتلاپ:
- مال-دۇنيايىڭنى مەندىن يوشۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ تېخى! بۇ تىزىملىكتە بارلىق مال-بىساتىڭنىڭ يېرىمى يېزىلىپتۇ، ساڭا تارتۇق قىلغان نەرسىلىرىممۇ بۇنىڭدىن كۆپ ئىدى، قارىغاندا باشقا ۋەزىرلەرنىڭ مەلۇماتلىرى راست ئىكەن. سەن تولىمۇ سەمىمىيەتسىز ئىكەنسەن،  ئىقتىسادى مەسىلەڭمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ، مال-مۈلكىڭنى مۇسادىرە قىلىپ دۆلەت خەزىنىسىنى تولدۇرىمەن. كېلىڭلار، بۇنى قاماققا ئېلىڭلار!-دەپتۇ.
سەيمور پادىشاھقا چوڭقۇر تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:

-ئالىيلىرى، سىلى ئېيتقاندەك مېنىڭ ئىلكىمدىكى مال-مۈلۈك بۇلا ئەمەس، ئەمما ھەقىقىي ماڭا تەۋە بولغانلىرى دەل سىلى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان تىزىملىكتىكى نەرسىلەردۇر. چۈنكى باشقا بايلىقلار ماڭا تەئەللۇق ئەمەس، ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت مەھرۇم بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. قاراقچىلار بۇلاپ كېتىشى، جەڭ ئوتىدا ۋەيران بولۇشى ۋە ياكى تەبىئىي ئاپەتلەردە يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مانا سىلىنىڭ بىر پەرمانلىرى بىلەن مەن ھەممىدىن ئايرىلدىم.  ماڭا ھەقىقىي مەنسۇپ بولغان بايلىقلا باشقىلار تارتىۋالالمايدىغان مال-مۈلۈكتۇر. سىلىگە خاتىرىلەپ كۆرسەتكەنلىرىم دەل ماڭا مەنسۇپ بولغانلىرى، ماڭا بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان، ماڭا بىر ئۆمۈر مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن، ھېچكىم تارتىپ ئالالمىغان دۇنيالىرىم. بۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېرىۋەتكەن.
ۋەزىرنىڭ سۆزلىرى پادىشاھتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ، كېيىنكىلەرمۇ مال-مۈلۈك توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بوپتۇ.


نۇر تورىدىن ‹خالىدە ئوسمان› تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-11-28 21:43:30 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ ۋەزىر بولىدىغان ۋەزىر ئىكەن جۇمۇ.ھە شۇنداقلا ئەقىللىق ۋەزىر ئىكەن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-15 05:51:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھەر جەمىيەتتە بولغان ئىكەن بۇ كۆرەلمەس، ھەسەتخور ، كەينىدىن ئورا كولايدىغان كىشىلەر .
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە تىخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن .
تىمىڭىزغا تەشەككۈر .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-12-15 12:59:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ، تەشەككۈر
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 11:52 , Processed in 0.128948 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش