ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس.!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

بۈگۈن بىرەر ئىشنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن ئۆزىڭىزنى نەس باسقان ئادەمدەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمما ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس.
ئامېرىكا «كالىفورنىيە تەكشۈرۈش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، كالىفورنىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى بىر قېتىملىق ئورمانلىققا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، بىر جەسەتنى بايقاپ قالغان. جەسەت ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان يېرىدە بايقالغان. ئۆلگۈچى ئەر بولۇپ، يۈزىگە نىقاب، ئۇچىسىغا سۇغا چۆكۈش كىيىمى، پۇتىغا رېزىنكە پالاقچە كىيىۋالغان بولۇپ، دۈمبىسىگە سۇدا نەپەسلىنىش ئەسۋابى ئېسىۋالغان ئىكەن. جەسەتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇ كىشى كۆيۈپ ئەمەس، بەلكى ئىچكى زەخىم سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
بەدىنىدە سۇغا شۇڭغۇش ئەسۋابلىرى بار ئادەم قانداق بولۇپ ئورمان ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەندۇ؟ تەكشۈرگۈچىلەر بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان.
ئۇلار ئاخىرى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ئورماندا ئوت ئاپىتى بولغان كۈنى ئۆلگۈچى ئورمانلىقتىن 20 مىل يىراقلىقتىكى دېڭىزدا سۇغا شۇڭغۇپ، دەم ئېلىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىكەن. ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى ئېغىر بولغاچقا، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، سۇنى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايونغا تۆكمەكچى بولغان. تىك ئۇچار ئايروپىلان چوڭ سۇ قاچىلاش ئەسۋابى بىلەن دېڭىزدىن سۇنى ئېلىپ، ئورمانلىققا ئاپىرىپ تۆككەن... شۇنداق، دېمىسەممۇ بىلىپ بولدىڭىز، بۇ نەس باسقان كىشى، ئەسلىدە تىنچ ئوكياندا سۇغا شۇڭغۇپ ئويناۋاتقان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن جاننى ئالىدىغان 300 فۇت ئېگىزلىكتىن ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر يەرگە پاقىچىلاپ سۇ ئۈزۈپ چۈشۈپ كەتكەن.
ھە؟ ئۆزىڭىزنى يەنىلا نەس باسقان دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ بولىدۇ، بىز يەنە «فىلورىدا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قاراپ باقايلى:
بىر ئەر ئۆز ھويلىسىدا موتوسىكلىتىنى رېمونت قىلىۋاتقان ئىدى، ئايالى بولسا ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتاتتى. ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن موتوسىكلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ، تېخى ماي تەپكىسىنى كۆچۈپ دەسسىۋېتىپتۇ، بەختكە قارشى قولى تۇتقۇچتا بولغاچقا، موتوسىكلىت ئۇنى سورەپ ئۆينىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىپ ئاخىرىدا پول ئۈستىگە يىقىلىپتۇ.
ئايالى تاشقىرقى ئۆيدىكى چېقىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا، ئۆيدىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلار ئۆرۈلگەن، يولدىشىنىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتقان ئىكەن. ئايال دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرتقان. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يولدىشىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆيدە قېلىپ  چېقىلغان بۇزۇلغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرغان. ئۇ ئالدى بىلەن موتوسىكلىتنى ھويلىغا ئىتتىرىپ چىقارغاندىن كېيىن، قەغەز بىلەن پولدىكى ماي قالدۇقلىرىنى سۈرتۈپ، ئاندىن قەغەزنى تازىلىق ئۆيىدىكى تەرەت تۇڭىغا تاشلىغان.
ئەر دوختۇرخانىدا بېشىنى تاڭدۇرۇپ، يارىسى ئېغىر بولمىغاچقا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. بىر ئازدىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ھاجەت قىلماقچى بولغان ۋە كەيپىياتى ناچار بولغاچقا تاماكىدىن بىر تال چەككەن، ئاندىن تاماكا قالدۇقىنى تەرەت تۇڭىغا تاشلىغان. ئەمدىكى ئىشنى سىزمۇ بىلدىڭىز، ئايال ئاشخانا ئۆيدە تۇرۇپ پارتلىغان ۋە يولدىشىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان. يۈگۈرۈپ تازىلىق ئۆيگە كىرسە يولدىشى ئىڭرىغىنىچە يەردە ياتقان، ئىشتانلىرى تىتىلىپ، ساغرىسىمۇ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى يەنە بىر قېتىم چاقىرتقان. دوختۇرخانا ئالدىنقى قېتىمقى ماشىنىنى يەنە ئىۋەتكەن بولغاچقا، قۇتقۇزغۇچى خادىم ناسولكىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ جەريانىنى سورىغان، ئەھۋالنى ئۇققان بىر خادىم كۈلكىسىنى تۇتالماي قالغان،  بۇ دەل پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان چاغ بولغاچقا، پۇتى سېرىلىپ كېتىپ ناسولكا قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، نەس باسقان ئەرنىڭ بىر بىلىكى سونغان.
نېمە؟ يەنە ئۆزىڭىزنى نەس باسقان دەپ يۈرىۋاتامسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئەڭ نەس باسقان ئەمەس، سىزدىنمۇ ئۆتە نەس باسقان ئادەم تېخى نۇرغۇن.
1. ئالياسكىدا بىر ماي پاراخوتىدىن ماي ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر دېڭىز يىلپىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن. ئەڭ كۆپ خىراجەت كەتكەن ئىككى دېڭىز يىلپىزىنى تەنتەنىلىك بىلەن بىلەن دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بىر مىنۇت بولماي، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئوركا كىتىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتكىنىگە قاراپلا قالغان.
2. بىر ئايال ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قارىسا يولدىشى ئاشخانا ئۆيدە غال-غال تىترىگەن ھالدا ئۆرە تۇرغان. ئەرنىڭ بېلىدە بىر تال توك سىمى توك چەينەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. يولدىشىنى توك تېپىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئايال، دەرھال ئىشىك كەينىدىكى كالتەكنى ئېلىپ، يولدىشىنى توكتىن ئاجرىتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرغان، نەتىجىدە ئەرنىڭ بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن. ئەمما ئۇنى توك سوقمىغان بولۇپ، بېلىگە تاقىۋالغان ھەردەم تىڭشىغۇچتىكى مۇزىكىغا مەست بولۇپ تولغىنىپ ئويناۋاتقان ئىكەن.
3. كاي ۋالاجىت ئىسىملىك ئىراقلىق تېررورچى بومبا سېلىنغان پوسولكىنى بىرەيلەنگە ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەمما پوچتا ھەققى يەتمىگەنلىكتىن، پوچتىخانا «پوچتا ھەققى يەتمىگەنلىكتىن پوسولكا ئىگىسىگە قايتۇرۇلسۇن» دېگەن تامغىنى ئۇرۇپ قايتۇرۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇ بومبىنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ پوسولكىنى ئېچىپ ئۆزى پارتلاپ يارىلانغان.
شۇنداق، تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق پېشكەللىلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز. شۇ ئىشلار ئۈچۈن، پەرىشان بولغان، بېشىمىز قاتقان، خۇرسىنغان چېغىمىزدا، ئەتراپىمىزدا بىزدىنمۇ بەك قىيىنچىلىقتا يۈرۈۋاتقانلارنى ئويلاپ قويۇش كېرەك. بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ سىزچىلىك ئامىتى كەلگەن بولسا تەڭرىگە رەھمەت ئېيتقان بولاتتى. شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس.


خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
مەنبە"نۇر تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2016-12-16 05:52:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ھا ھا  ، بىرىنجىسىنى ئەتتىگەندە تىلفۇندا ئوقۇپ بەك كۈلدۈم . ھەممىسى گەرچە نەس باسقانلار بولسىمۇ ئىشلىرى تولىمۇ قىزىقارلىق ئىكەن .مىنى نەس بىسىپ باقماپتۇ بۇ تىمىغا نىسبەتەن ئىيىتقاندا .

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-16 12:28:18 | ئايرىم كۆرۈش
meni inkas yazmisun damdu nima mawu temiga

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-12-16 13:47:17 | ئايرىم كۆرۈش
  ۋۇييۇ  ما بىچارىلەرنى

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-12-19 17:47:31 | ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا مەنمۇ بۇ تېمىدىن يىراق ئىكەنمەن دە.....
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-12-20 23:57:34 | ئايرىم كۆرۈش
بالا كەلسە قوشلاپ كەپتۇ دىگەن شۇ مانا
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-29 00:14 , Processed in 0.138485 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش