بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلگۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-14 12:43
قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا مۇنبىرىمىزدىكى خانىم- قىزلارغا قىش پەسلىدە تېرە ئاسىراشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ كەلدىم.
قېنى بىللە ئوقۇپ باقايلىمۇ؟
1.ھەسەل -تۇخۇم مەلھىمى
يېڭى تۇخۇمدىن بىر تالنى چېقىپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزگە سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، يۈزىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، قىشتا سۈرگەندە، يۈزنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2.ئۆرۈك مېغىزى مەلھىمى
900 گىرام ئاقلىۋېتىلگەن ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئاخشىمى يۈزگە سۈرۈپ، ئەتىسى يۇيۇۋەتكەندە قورۇق يوقىلىدۇ.
3.تۇخۇم سېرىقى - ھەسەل مەلھىمى.
تۇخۇم سېرىقىغا ھەسەل بىلەن ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يۈزگە چاپسا، دانىخورەك داغلىرىنى يوقىتىپلا قالماي، يۈزنىڭ قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر يۈز تېرىسى مايلىق بولسا، مەلھەمگە بىر قوشۇن لىمون سۈيى ئارىلاشتۇرۇۋەتسە بولىدۇ. مەلھەمنى سۈرۈپ 15-20 مىنۇتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىش كېرەك.
قېنى بىلىدىغانلىرىڭلار بولسا سىلەرمۇ تۆكۈڭلار داستىخانغا ...بىللە پايدىلىنايلى ھە ؟
مەنبە: ئۇ يەر-بۇ يەردىن تەرمەچلەر شۇ |