بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-9 15:45
بۇ خىل ئادەت سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق
يېتەرلىك سۇ ئىچىپ بەرمەسلىك: يېنىك دەرىجىلىك سۇسىزلىنىش (پەقەت %2 بەدەن سۇيۇقلۇقى كەمچىل بولۇش) بولغان تەقدىردىمۇ، بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۇسىزلىنىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ھەرقايسى ئورگانىزىملارغا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش: تۆمۈر كەملىك ئوكسىگېننىڭ مۇسكۇل ۋە ھۈجەيرىلەردىكى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىش خۇشياقماسلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، بەدەن ئاجىزلىشىش ۋە زېھنىنى يىغالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ناشتا قىلماسلىق: ئەتىگەنلىك تاماق ياخشى بولغاندا مېتابولىزمنى جانلاندۇرۇپ، كىشىنىڭ بىر كۈن تولۇق ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ناشتا قىلمىغان كىشى ئاسانلا چارچاش ھېس قىلىدۇ.
ئەخلەت يېمەكلىككە ئامراق بولۇش: بۇ قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىنى ئاسانلا چارچىتىپ قويىدۇ.
يېتىپ يان تېلېفون ئويناش: تاختا كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكرانىدىن تارقالغان كۆك نۇر مېلاتونىن (melatonin) نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي بىيولوگىيەلىك رىتىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كىشىگە ئاسانلا ھاردۇق يېتىدۇ.
ھەپتە ئاخىرىدا ئۇخلىماي تۈنەپ چىقىش: بۇ خىل ئەھۋال يەكشەنبە كۈنى كەچلىك ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى ئۇيقۇ يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|