ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇپقۇن:ئېتىز بېشىدىكى ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-1-12 18:11  

ئۇپۇقتا كۆرۈنەر بەخت مەنزىلىم

ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن


سۈكۈتنىڭ قوينىغا شۇڭغۇيدۇ قۇياش،
ئاۋازىم ئالدىڭغا سالسا پايانداز.
خازاڭ بوپ تۆكۈلەر بېغىمغا ھىجران،
يېرتىلغان يۈرەكنى يامىغاندا ياز.

بۇلۇتنىڭ قورسىقى تاشلايدۇ قاسراق،
توپىلىق يوللاردىن ماڭسا خىياللار.
باغلارغا شۇڭغۇيدۇ ئەتلەس كۆينىكىڭ،
لېۋىڭگە تەلمۈرۈپ كۆيۈۋاتسا قار.

يانۋاردىن تامىدۇ كېچە چېچىكى،
كونا جاي ھۇ قۇشقا بولغاندا قونداق.
ئۇپۇقتا كۆرۈنسە بەخت مەنزىلىم،
ئەينەكتىن مارايدۇ سانسىز يوپۇرماق.

ئولتادىم بىر قىزنىڭ قۇرغاق كۆڭلىدە،
مۇز بولۇپ قاتماقتا بىر تامچە يېشىم.
ئالدىمنى توسقاندا ئىشىق لەشلىرى،
ئۇپۇقتا كۆرۈنەر بەخت مەنزىلىم.


كونا جايدىن ئۆتۈۋىتىپ


دەرەخلەر قاسراق تاشلىغان،
شاماللار ھېكايىسىنى باشلىغان.

ئويلىمىغان قايتا قەدەم بېسىشنى ئەسلا،
ئۆلۈمىم ھاياتتىن ئېلىنغان قىساس.
بۇ جايدىن ھەرقىتىم ئۆتسەم بېتەكرار،
مىڭ ئۆلۈپ مىڭ بىرگە تىرىلگىنم راس.

قىزلاردەك جەلىپكار تەلۋە خىياللار،
تېنىمنىڭ تېمىغا سېزار قوش يۈرەك.
ئۆتىمەن پەرىشان شۇ كونا جايدىن،
سەن كەتكەن تەرەپكە ئۇچسا كىپىنەك.

بىر دۆۋە ھەسرەتنى قۇچاقلاپ يالغۇز،
ئىسمىڭنى توۋلىدىم غېرىپ تۈنلەرگە.
ئامالسىز مەن يەنە باسىمەن قەدەم،
ئەينەكلەر چېقىلغان كونا شەھەرگە.


بىر قەدەم بىر قەدەمدىن

يوللار مېڭىۋاتىدۇ مەنمۇ ئامالسىز،
چۆللەرنى باشلىدىم چەشمە بۇلاققا.
تېزەككە سانجىيمەن بىر تال ئەتىرگۈل،
قارايمەن يۈرەككە چۈشكەن ياماققا.

بىر قەدەم-بىر قەدەم ئۆمۈرۈم قىسقىرار،
قاراڭغۇ بۇلۇتلار سالغاندا سايە.
مەن شۇنداق قەلەندەر سۆيگۈ تىلەيمەن،
تېنىڭنىڭ ئىشىكىدە چېلىپ سىپايە.

مۇزلىغان ئاتاشتىن ئالدىم بىر سىقىم،
كۆيگەن سۇلارنى پەرلەيمەن يەنە
قايتىمەن خىيالنىڭ زۇلمەت شەھرىگە
ئىچىمدىن سىرتىمغا چىققاندا سايە.

بىر قەدەم-بىر قەدەم ساڭا ئايلىناي،
ئەرۋاھلار گۆرۈمدە ساقلىسا مېنى.
چۈشلەردە مەست بولغان بىر ئاپقۇر كەيىپ.
ئاھ مېنى سۆيۈڭلار سۆيۈڭلار قېنى.


ئېتىز بېشىدىكى ئايال

نەزەر سالار يېراقلارغا خىيالچان،
يۇمران مايسا ئۇنىڭ سەبى بالىسى.
ھالسىراتسا توختىماستىن مۇھتاجلىق،
چۆلگە سىڭەر يامغۇر بولۇپ نالىسى.

چۆرگىلىتەر بىر قولىدا تۇرمۇشنى،
كۈچ تەرىدىن قاقاسلىققا سۇ باشلاپ.
ئېللىتىدۇ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئۆزگىگە،
مۇز ئۈستىدە زىمىستاننى باغاشلاپ.

ئۆتەر تەكرار قۇلىقىدىن يېڭنىنىڭ،
ئارقىسىدىن ئەرگەشتۈرۈپ كارۋاننى.
ياۋا قۇشتەك بىز بەختىيار چۇرۇقلاپ،
ھەر بىر تاڭدا تۇغۇپ بەرگەچ ئارماننى.

تاش ئورمانلار يېشىللىنار بىر پەستە،
تۇرار مەغرۇر ئېتىزلىقتا بىر ئايال.
قاپىقىغا سۇ ئۇسسىدۇ رېئاللىق،
قاقشال بولسا ئىچىمدىكى مەجنۇنتال.

گەز باغلىسا ئەگەر تاشنىڭ لېۋىنى،
سۇغۇرماقچى بولۇر ئىغىر كەتمەندە.
ياۋا ئوت-چۆپ باسار ياكى شورلىشار،
ئاشۇ ئايال ئېتىزىڭدىن كەتكەندە.

ساڭا پاناھ قاداق چۈشكەن قوللىرى،
ئىچىڭدىكى تەكلىماكان ياتار جىم.
گۈلزارلىققا ئايلىنىدۇ قاقاسلار،
چۈشسە ساڭا گەر نەزىرى بىر تېمىم.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-1-12 18:13:19 | ئايرىم كۆرۈش
قەلەملىرىڭىزگە ئاپىرىن ، كۈندىن -كۈنگە ئىلگىرلەش زور بۇلىۋاتىدۇ . سىزگە مەدەت تېلەيمەن .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-1-12 20:34:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئېتى ز بېشىدىكى ئايال دىگەن بۆلىكى ماڭا بەك يارىدى.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-1-14 11:47:25 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2017-1-12 18:13
قەلەملىرىڭىزگە ئاپىرىن ، كۈندىن -كۈنگە ئىلگىرلەش زور ب ...

رەھمەت.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-1-14 11:47:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2017-1-12 20:34
ئېتى ز بېشىدىكى ئايال دىگەن بۆلىكى ماڭا بەك يارىدى.

رەھمەت
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2017-1-14 13:29:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇپقۇن ئىنىم  ،بارغانسىرى ياخشى يازىدىغان بوپ كىتىۋاتىسىز جۇمۇ  
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-1-14 21:47:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2017-1-14 13:29
ئۇپقۇن ئىنىم  ،بارغانسىرى ياخشى يازىدىغان بوپ كىتىۋات ...

رەھمەت،ھەرقايسىڭلارنىڭ مەدەتلىرىدىن شۇنداق بولىۋاتىدۇ.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2017-2-3 18:11:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرقىسىنى بەكرەك ياقتۇردۇم مەنمۇ،تەشەككۈر
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
ۋاقتى: 2017-2-26 12:44:39 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭىمۇ ئىتىز بىشىدىكى ئايال دىگەن بۆلىكى بەكلا يارىدى ،باشقىلىرىنى چۈشىنىپ بۇلاممىدىم ھازىرچە
قوللىرىڭىزغا دەت كەممىسۇن ئاكا
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:12 , Processed in 0.128684 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش