ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇھەببەت مەنزىلى ***ئۆزخان***

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا


مۇھەببەت مەنزلى

ھكايە

ھەر قېتىم دوستۇم قاھاردىن تىلفۇن كەلسىلا سەل بىئارام بولۇپ قالىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا ئۇرغان تىلفۇنىنىڭ ئوننىڭ ئىچىدە توققۇزى چوقۇم بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۈش بولىدۇ. مانا ھازىرمۇ تىلفۇنۇم سايراپ ئىكراندا ئۇنىڭ ئىسىمى كۆرۈنۈۋىدى  ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بېشىمنى چايقاپ قويۇپ تىلفۇننى قۇلاققا ياقىتىم:
-قېنى گەپ قىلە،
-ئاداش ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۆيۈمگە كېلە،-دىدى ئۇ سالام-سائەتمۇ قىلماستىنلا  .
-كېچىدىن يامان چۈش كۆرۈپ قاپسەنمۇ، نىمە بولدى؟
-چاقچىقىڭنى قويۇپ تىز كەل، بەك مۇھىم ئىش بار،-دىدى ئۇ تەنە قىلىۋاتقىنىمنىمۇ چۈشەنمەي.
-ئاداش ھازىر قولۇم ئىشتا ئىدى،-دىدىم سەۋەپ كۆرسىتىپ.
-ھەر قانچە مۇھىم ئىشىڭ بولسىمۇ كەلمىسەڭ بولمايدۇ،-دىدى قاھار .‹‹يەنە قانداق شۇق خەۋەر يەتكۈزەر بۇ ساراڭ ››دىدىم ئىچىمدە.  
-ئالدى بىلەن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى دىمەمسەن، ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلمامدىمەن.
- سۇلتان توي قىلدى،-دىدى ئۇ بىردىنلا ھېجىيىپ  مەن تۇرۇپلا قالدىم. ‹‹بۇ قاغىنىڭمۇ ئادەمگە خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان چاغلىرى باركەن-دە ››
- ، تىز كەل،-دىدى ئۇ يەنىلا ئۆز گېپىنى تەكرارلاپ.  
-بولىدۇ. مەن ھازىرلا باراي،-تىلفۇننى قويدۇم. ئىگىز بوي، بادام قاپاق، بۇغداي ئۆڭ بىر چىراي كۆز ئالدىمدىن يالىت قىلىپ ئۆتتى.
قاھار بىلەن سۇلتان مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم بولۇپ يىزىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يىزىسىنىڭ ئارلىقى ئالتە-يەتتە كىلومىتىر كېلەتتى. مەن ھېچنىمىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا كىيىملىرىمنى ئالماشتۇردۇم-دە موتوسىكىلىتقا مىنىپ قاھارنىڭ ئۆيىنى كۆزلەپ ماڭدىم. ئالدىراشچىلىقتا ياخشىراق بىر سوۋغاتمۇ ئالماپتىمەن دىسە، قاھار دىگەن دەلتە ئادەمنى ئالدىرىتىپ...
...قاھار مېنى كۈتۈپ ئىشىك ئالدىدىلا تۇرۇپتىكەن. گەپ سۆز قىلمايلا ئارقامغا مىنگەشتى. بىز سۇلتاننىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق.
- بايا تىلىفۇندا سورىسام دىمىدىڭ، ئەمدى دىگىنە ئۇنىڭ تويى قاچان بولدى؟ ،-سوردىم ھاھاردىن.
-بۈگۈن،-دىدى ئۇ ،-مەنمۇ تېخى بايىلا خەۋەر تاپتىم.
-ئادەمنى ئالدىراتمىغان بولساڭ. ياخشىراق سوۋغات ئېلىۋالماسمىدۇق،
-ۋاي بولدى. ئىككىمىز قولداش بولىمىز. ئۇسۇل دىگەننى ئوشتۇپ ئويناپ، تويدىن ئوت چىقىرىۋەتسەك ئەڭ چوڭ سوۋغات دىگەن شۇ ...
-ئۇنىڭ ساراڭلىقى تېخىچە ئوڭشالماپتۇ-دە،-دىدىم بېشىمنى چايقاپ،
-قانداق دەيسەن،-دىدى قاھار.
-بۇنداق ئىش دىگەننى ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلمامدۇ؟ بىزمۇ بالدرۇراق كېلىپ بىر ئىشلارغا قاراشمامتۇق.
-ئۇنى دىسەمغۇ ئۆيىگە دەسسىگۈممۇ يوق بۇ ساراڭنىڭ،-دىدى قاھارمۇ كۈلۈپ،- ئەمما ياماننىڭ ئوتى يامان دەپ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا يەنىلا شۇنداق يېقىن تۇرىدىغۇ؟
-ماڭايلى،-دىدىم موتوسىكلىتنى قوزغىتىپ.
بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلمەي تۇرۇپلا ھويلىدىن چىقىۋاتقان ئېلىكتىرونلۇق چالغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. ھويلىغا كىرسەك ئۇسۇل ئويناۋاتقانلار ئاساسەن كىچىك بالىلار ئىكەن. بىز كىرىپ بولغىچە ئۆيدىن ھېجايغىنىچە سۇلتان چىقىپ بىز بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئاندىن بىزنى ئچىكىرى ئۆيگە باشلىدى.
-بۈگۈن ھاۋا نىمىدىگەن ياخشى،-دىدى قاھار ئۆينىڭ تورۇسىغا قاراپ قويۇپ،-ئۆتكەن تۆت –بەش يىلدا ھاۋانىڭ تۇتۇقلىقىدىن نەپسىمىز سىقىلىپ ئۆلەيلا دىگەندۇق.
-ھەي بۈگۈن قۇتلۇق كۈنۈم،-دىدى سۇلتان ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۈپ قويۇپ،-قالايمىقان سۆزلىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ.
-قۇتلۇق كۈنۈم دەپ قوي،-دىدى قاھار بېشىنى گىلدىڭشىتىپ قويۇپ،-قۇتلۇق كۈنۈڭدە بالدۇرراق تىلفۇن قىلىپ ھايىت دەۋەتكەن بولساڭ ئۆلەرمىدىڭ؟
-بۈگۈن قاغا نىمانداق ئەنسىز سايرايدىغاندۇ،-دىدى سۇلتان ماڭا قاراپ،- سىلەر ئالدى بىلەن مېنى تەبىرىكلەپ قويۇشىڭلار كېرەكتىغۇ دەيمەن.
-سېىنى بارغۇ بىر مۇشت سالغۇم كېلىۋاتىدۇ ،-دىدىم مەنمۇ يالغاندىن قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ، -بالدۇرراق خەۋەر قىلساڭ كېلىپ ئاز-تولا ئشىلىرىڭغا قاراشمامدۇق.
-بولدى، مېنى ئەيىپلەۋەرمىسەڭلارچۇ،-دىدى سۇلتان خىجىل بولغان قىياپەتتە،- مەنمۇ شۇ سىلەرنى ئويلاپ بولمامدۇ، ھازىر تېرىقچىلىق مەزگىلى بولغاچقا ئاۋارا قىلماي دەپ شۇ..
- بولدى،-دىدى قاھار ،-بىز قىلىدىغان نىمە ئىش بار؟
-سىلەر دىگەن مېنىڭ ئەزىز مىھمانلىرىم،-دىدى سۇلتان،-بۈگۈن ھېچ ئىش قىلماي يېنىمدا تۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى.
-قولداش بولامدۇق،-دىدى قاھار،- مەن ئۇسۇل ئوينىيالمايمەن جۇمۇ.
-ئوينايسەن،-دىدى سۇلتان،-بۈگۈن ئوينىمىساڭ زادى بولمايدۇ.
-بۈگۈن جان كەتسىمۇ ئوينغىن،-دىدىم قاھارغا،-بۇنداق پۇرسەت ئۈچ يىلدىن بىر ئاران كەلدى.
-ماقۇل،-دىدى قاھار،-سەن ئۈچۈن ئوينىيالمىساممۇ بىر ئويناي.
-ھەي يەڭگىمىز توغرىلىق سۆزلەپ بېرە،-دىدىم گەپنى ئاساسى تىمىغا يۆتكەپ،-نىمە قىلىدۇ ، قانداق تونۇشقان دىگەندەك.
-ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،-دىدى سۇلتان قاھار ئىككىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ،-تونۇشقىلى بىرەر يىل بولدىغۇ دەيمەن.
-بىز ئەجەپ بىلمەيدىكەنمىزغۇ،-دىدى قاھار.
-توۋا قىزلارنىڭ ئەقلىنىڭ كەملىكىگە ئەمدى راستىنلا ئىشەندىم جۇمۇ،-دىدىم مەن،-قارىغاندا قىزلار بىنورمال يىگىتلەرنى بەكرەك ياقتۇرىدىغان ئوخشايدۇ،-بۇ گېپىم بىلەن ئۈچلىمىز كۈلۈپ كەتتۇق.
- ھازىر مېنى گەپكە سالماڭلار،-دىدى سۇلتان ماڭا قاراپ ،-توي تۈگىگەندە ساڭا بىر تال خاتىرە بېرىمەن. قالدى ئىشلارنى شۇ خاتىرىگە قاراپ بىلىۋالىسەن.
-ھېلىقى قارا خاتىرىنىمۇ،-دىدىم ھەيران بولۇپ،-ھېلىقى كۈندىلىك خاتىرەڭنى دەيمەن.
-ھەئە،-شۇ خاتىرىدە سىلەر بىلمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بار .
-ماڭا بەرگىن،-دىدى قاھار،-ئۇنى مۇقەددەس كىتاپ قىلىپ ساقلايمەن بولامدۇ؟
- يەنىلا ئەزىزگە بېرەي، ئۇ يېزىقچىلىق قىلغاندا پايدىلىنالايدۇ. ئەمەسمۇ؟-قاھار ئەپسۇسلانغان قىياپەتتە ئۇھ تارتىپ قويدى.
مەن سۇلتاننىڭ ئۇ خاتىرىسىنى بىلىمەن. ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغىدىلا شۇ خاتىرىسىگە بىر نىمىلەرنى يازاتتى. ئەمما ھەر قانچە سورساقمۇ نىمە يازغىنىنى بىزگە دەپ باقمىغان. راستىمنى دىسەم مېنىڭ سۇلتاننىڭ ئاشۇ خاتىرىسىگە بولغان قىزىقىشىم قىزلارغا بولغان قىزقىشىمنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى. ئەمدى شۇ خاتىرىنىڭ مېنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ خۇشاللىقىمدىن ئېغىزىم كالچىيىپ قالدى.
  بىز چۈشكىچە سۇلتاننىڭ ئۆيىدە بولدۇق. مەن قاھارغا ئاز-تولا ئۇسۇل ئويناشنى ئۈگەتكەن بولدۇق. چۈش بولغاندا كېلىشكە تېگىشلىك كىشىلەر ئاساسەن كېلىپ بولدى. بىز قوزغىلىپ قىز كۆچۈرۈشكە ماڭدۇق. سۇلتان بۈگۈن توي قىلىۋاتقاچقىمۇ ياكى ئەزەلدىن كېلىشكەنمۇ بىلمىدىم. كۆزۈمگە باشقىچە سۆلەتلىك كۆرۈنۇۋاتاتتى. چىرايىدا بۇرۇنقىدەك ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان غەمكىنلىكتىن ئەسەرمۇ يوق. ئىللىق كۈلكىسى ۋە تەمكىنلىكى ئادەمگە بىر خىل يېقىنلىق ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلايتى.
قىزنىڭ ئۆيىمۇ ئانچە يىراق ئەمەسكەن. ئىشىك ئالىدىدا قارشى ئېلىشقا چىققان جامائەتلەر سەپ تارتىپ تۇراتتى. بىز ئۇلار بىلەن بىر باشتىن كۆرۈشۈپ ماڭدۇق. ياش بالىلاردىن بىر قانچىسى قوللىرىدا چىلاپچىلارنى كۆتۈرۈپ مىھانلارنىڭ قولىغا سۇ بەردى.
ھويلا ئانچە چوڭ بولمىغىنى بىلەن شۇنچە رەتلىك، پاكىز بولۇپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى گۈللۈكتە بىر قانچە تۈپ ئەتىرگۈل ھۈپپىدە ئېچىلغاندى.
چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغاندا قائىدە رەسمىيەتلەر ئاخىرلىشپ كېلىننى ئېلىپ ماڭدۇق. ئالدىمىزدىكى ماشىنىدا چېلىنىۋاتقان ناغرا بىلەن سۇناينىڭ ئاۋازى مەھەللىنى بىر ئالغاندى.
... نەغمە-ناۋا باشلاندى. ھەممەيلەن ياش-قېرى، ئەر-ئايال دىمەستىن مەيدانغا چۈشۈپ كەتتى. تاماشا كۆرگۈچىلەرنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى مەيداننى تېخىمۇ جانلاندۇرغاندى. ئۇسۇل ئويناش نۆۋىتى قولداشلارغا كېلىۋىدى. ھاھار سەل قىزىرىشقا باشلىدى. سۇلتان بىرىپ ئۇنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ قويىۋىدى. ئۇ قايتىدىن روھلىنىپ مەيدانغا چۈشتى. ئارقىدىن سۇلتان بىلەن كېلىچەكمۇ مەيدانغا چۈشتى. ياشلار ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ باش ئۈستىدىن چاچقۇلار چېچىلىدى. سۈرەتكە ئالدىغان بالا ئۇلارنى ھېلى ئۇياقتىن-ھېلى بۇياقتىن سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى. مەن كېلىنچەككە قارىدىم.  ئۇ قوشۇما قاش، قوي كۆز ، تولىمۇ زىلۋا بىر قىز بولۇپ بىر قاراشقا ئوقۇتقۇچىغا ئەمەس ئارتىسقا بەكرەك ئوخشايتى. ياراشقان گىرىملىرى ئۇنى بەرىق ئۇرۇپ ئېچىلغان بىر تال گۈلگە ئايلاندۇرۋەتكەندى. ‹‹ بۇ ساراڭغا مۇشۇنداق گۈل قىزلار نەدىن ئۇچرايدىغاندۇ›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. شۇ چاغدا قولداش قىزنىڭ چاندۇرماي پۇتۇمغا دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ مەيداندا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىمنى ئەسكە ئالدىم. قولداش قىز ‹‹ دىھقىتىڭىزنى يىغىپ ئوينىمامسىز›› دىگەن مەنىدە ماڭا قاراۋاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ‹‹كەچۈرۈڭ›› دىگەن مەنىدە قاراپ قويدۇم. قاھارغا قارىسام ئۇ يەنە بىر قىز بىلەن شۇنداق بېقىشىپ ئويناپ كېتىپتۇكى‹‹ سۇلتان بايا ئۇنىڭغا بىرەر ئەپسۇن ھۈرۈپ قويغانمىدۇ ›› دەپ ئويلاپ قالدىم. ئويۇن تاكى كەچ سائەت ئونغىچە داۋاملاشتى.
كەچتە سۇلتاننىڭ ئانسى ئۈچىمىزگە ئايرىم بىر ئۆيگە ئورۇن راستلاپ بەردى. يۇرتىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە نىكاھ قىلىنغان كۈنىنىڭ ئەتىسى كەچتە قىز-يىگىت قوشۇلاتتى....
-ھەي ئۇسۇل ئويناشنىڭ ئالدىدا سۇلتان ساڭا نىمە دىدى،-سورىدم قاھاردىن.
-ھە ، ئۇ ماڭا ‹‹ سەن بىلەن ئۇسۇل ئوينايدىغان قىزغا دەپ قويدۇم. سېنى تەڭلىك قىلماي سەن بىلەن ماسلىشىپ ئوينايدىغان بولدى››دىدى،-دىدى قاھار.
-ئۇنداقتا سەن كىيىن شۇنداق بېرىلىپ ئويناپ كەتتىڭغۇ؟
-ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇ قىزنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئۆزۈممۇ بىلمەي ئويناپ كېتىپتىمەن،-ئۇ شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى.
... بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردىكى قىزىقارلىق ئەسلىمىلەرنى سۆزلىشىپ خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىمىدۇق. بىر چاغدا قارىسام قاھار بىلەن سۇلتان جىمىپ قالدى. بوش چاقىرساممۇ جاۋاپ بەرمىدى. ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندى. مېنىڭ ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. ھە دىسىلا سۇلتاننىڭ ئىلگىرىكى ئادەمنى شۈركەندۈرگىدەك غەمكىن چىراي كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى. مەن ئاخىرى ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ئەسلىمىلەر ئىچىدىن ئۇنىڭ خاتىرىلىرىنى تېپىپ چىقماقچى بولدۇم.
راستىمنى دىسەم مەن ئۆزۈمنى سۇلتاننى  ئانچە چۈشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا دوستلىرىم ئىچىدە ئەڭ يېقىندەك، بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن زادىلا تونۇشمايدىغاندەك بىر تۇيغۇ دائىملا مېنى بىئارام قىلىدۇ.  
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىزدا سۇلتان توغرىلىق ئېسىمدە قالغان ئىشلارنىڭ تۇنجىسى شۇكى قاھار، مەن ۋە سۇلتان ئۈچىمىزنىڭ بويىمىز تەپمۇ-تەڭ . بىز دائىم ياتاق ئىچىدە بويىمىزنى تەڭلەشتۈرۈپ كىم ئىگىز، كىم پاكار دىگەننى مۇھاكىمە قىلاتتۇق. ئۈچىمىزنىڭ بويىمىزنىڭ كېسىپ قويغاندەك تەك ئىكەنلىكى ياتاقداشلارنىڭ ئورتاق باھاسى ئەمما مەن سەل سىمىزرەك سۇلتان قارىماققا زىلۋا كۆرىنىدۇ، قاھارنىڭ بولسا بېلىنىڭ ئاستى سەل قىسقا ئۈستى ئۇزۈن كۆرىنىدۇ.  
  ئېسىمدە قالغان ئىككىنچى ئىش بولسا ئۇئوقۇشقا كىرگەن دەسلەپكى يىلى تولىمۇ چىقشقاق، سۆزمەن، خۇشخۇي ئىدى.    ھەمىشە چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيتى. ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى يىللىقتىن  باشلاپ ھەددىدىن زىيادە جمغۇرلىشىپ كەتتى. ساۋاقداشلار ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ئىلگىرى يۇرتىدا قىز دوستى بولغان بولسا ھازىر ئايرىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەپ بولغان بولىشى مۆمكىن دەپ خۇلاسە چىقىرىشتى. ئەمما ھەقىقى سەۋەپنى تاكى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ.
دەسلەپتە ئۇنىڭ غەلىتە قىلىقلىرىغا ھېچكىم پەرۋا قىلمدى. ئەمما كىيىن ھەمما ساۋاقداشلار ئۇ توغرىلىقلا پاراڭلىشىدىغان بولدى. چۈنكى ئۇ شۇ كۈنلەردە بەزى ئاخشاملىرى ياتاققا كىرمەي، كىرسىمۇ كەچتە باشقىلار ئۇخلاپ قالغاندا چىقىپ كېتىپ سىنىپتا ئىككى شىرەنى تىزىپلا كارۋات قىلىپ ئۇخلاپ ئەتتىگىنى شۇ يەردىن تۇرىدىغان بولۇپ قالغاندى. ئۇ سىنىپ باشلىقى بولغاچقا ھەم سىنىپلارنىڭ كارىدورىغا قۇلۇپ سېلىنمايدىغان بولغاچقا ئۇ ھەر قانداق چاغدا سىنىپقا بىمالال كىرىپ چىقالايتى. مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە گەپ قىلغانمۇ بولدى. ئەمما ئۇ دەرسىلەردە ياخشى بولغاچقا رەھبەرلىكمۇ ئۇنى كۆپ باشقۇرۇپ كەتمىگەندى.
ئۈچىنجى ئىش ئۇنىڭ غەلىتە مىجەزى ئىدى. ئۇ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكىتپ قاتنىشاتتى. مەكتەپنىڭ ئۇزۇنغا يۈگىرەش چىمپىيۇنى ئىدى. سەنئەت پائالىيەتلىرىدە بولسا ئۇ كەم بولسا بولمايتى. ئۇ ئۇسۇلغا خېلىلا ئۇستا، ئۇسۇل  ئويناشقا بەك ئامراق ئىدى. ئەدەبىيات دەرسىگە ئوبدانلا قىزىقاتتى. ئەمما فىزىكا خىمىيە دەرىسلىرىدە رومان ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ماتېماتېكا دەرسىدە بولسا ئۇخلاپ قالاتتى. ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭ خورەك ئاۋازى مۇئەللىمنىڭ دەرىس سۆزلىگەن ئاۋازىنى بېسىپ كېتىپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتكەندى. دەرىستىن سىرىتقى چاغلاردا بولسا خۇددى ئەزەلدىن كۈلۈشنى بىلمەيدىغاندەك ياكى ھېىلىلا بىرى بىلەن مۇشلىشىپ كېتىدىغاندەك ئەلپازدا يۈرەتتى.
ئۇ پەقەت دەرىس ۋاختىدىلا سەل ئېچىلاتتى. تاماق ۋاختىدا ئازراق كۈلۈمسىرەيتى. كەچلىك ئۈگىنىشتە كىتاپ ئوقۇۋاتامدۇ؟ ياكى كىتاپقا قاراپ خىيال سۈرىۋاتامدۇ ھېچكىم بىلمەيتى. ياتاققا كىرگەندە يا باشقىلارنىڭ گەپ سۆزىگە ئارلاشماي ياكى ئۇخلىماي مۇردىغا ئوخشاش چەكچىيىپ ياتاتتى. سەنئەت پائالىيەتلىرىدە بولسا ھەممەيلەن جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۇسۇل ئوينىسا ئۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىغا كىرىۋېلىپ ئۆزى يالغۇز ئۇسۇل ئوينايتى. شۇنداق چاغلاردا مەن خېلى كۆپ قىزلارنىڭ ئۇنىڭ ئۇسۇلغا تارتىشىنى تاما قىلىپ بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ئۇنىڭغا قاراپ مۇڭلىنىپ كەتكەنلىرىنى كۆرەتتىم. ئەمما ئۇ بۇ قىزلارغا زادىلا قاراپ باقمايتى. ئۇ نۇرغۇن ئىشلارغا بىپەرۋا ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلغان ھەر قىسما گەپلىرىنىمۇ، ماختاشلىرىنمۇ پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايتى.  خۇددى پۈتۈن شەھەرنى ئۇتتۇرۋەتكەندەك ياكى بىرسىدە ئېلىشى باردەك قاپىقى تۈرۈك ئىدى. شۇنداقلىقىغا قارىماي قىزلار ئۇنى كۆرسە خۇددى بىرەر كىنو چولپىنىنى كۆرگەندەك قىلىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭغا قاراپ مەن قىزلار نورمال ئوغۇللارغا قىزىقمىسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالغاندىم.
مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى تۆۋەن يىلىلىقتىكى بىر قىز  ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. قىزنىڭ ئىسمى بۇخەلچەم بولۇپ بويى ئىگىز چىرايى سەل ئاقپىشماق، كۆزلىرى چوڭ، چاچلىرى بولسا دائىملا بۈدرە ئىدى . ئۇنىڭ پۈتۈن تەقى-تۇرقىدىن بىرەر ئەيىپ نۇقسان تاپقىلى بولمايتى. بىز ئۇنىڭ شۇنچە يېقىن دوستلىرى تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ بىر قىز بىلەن ئارلاشقانلىقىدىن بىخەۋەر يۈرگەن ئىكەنمىز. بۇ ئىشنى سىنىپىمىزدىكى ئاينۇر ئىسىملىك  قىز تاسادىپى بايقاپ قالغاندى. ئەسلىدە سۇلتان بۇخەلچەمدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى ئەدەبىيات كىتاۋىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويغان كىيىن ئاينۇر كىتاۋىنى سورغاندا خەتنى ئېلىۋالمايلا بېرىپ تۇرغان ئىدى. ئەتىسى بۇ خەتنىڭ ئىشى سىنىپقا پۇر كەتتى. سۇلتان ئاينۇردىنمۇ ياكى ئۆزى توغرىسىدا قالايمىقان گەپ-سۆز قىلغانلاردىنم ئاغرىنمدى. خۇشالمۇ بولمىدى. گەپ قىلمايلا سىرىتقا چىقىپ كەتتى. بۇ ئىش ئاينۇرنى خۇشال قىلغان بىلەن باشقىلارنىڭ ئوبدانلا ئوغىسىنى قايناتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ قايناپ كەتمەي بولدى قىلغىنى ياخشى ئىش ئىدى. ئەمما ساۋاقداشلار بۇنى سۇلتان بىزنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدىكەن دەپ چۈشىنىپ قالدى. كىيىن بۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار ئۇنىڭ قۇلقىغا يەتكەندە ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك بۇ يەردە ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان شۇنداقلا بىز مەكتەپ پۈتتۈرگەنگە قەدەر جاۋابى  تېپىلمىغان بىر سۇئال بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ سۇلتان قانداقسىگە مەكتەپكە كەلگىلى ئەمدىلا بىر مەۋسۇم بولغان بىر قىز بىلەن يۈرۈپ قالدى ؟  مەن شۇ چاغدا رازىيە ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمىزنى ئۇنى ياخشى كۆرەمدىكىن دەپ ئويلايتىم. چۈنكى رازىيە يوقىلاڭ بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولاتتى. ئۇنىڭ ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقى بىلەن كارى بولماي بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ كېتەتتى. ئەمما سۇلتان يەنىلا شۇنداق توڭ، ئون ئېغىز گەپ قىلىدىغان يەرگە بىر ئېغىز گەپ قىلىپ يۈرەتتى.ئۇنىڭغا زادىلاپەرۋا قىلمايتى. سۇلتاننىڭ تۆۋەن يىللىقتىكى بىر قىز بىلەن ئارلاشقانلىقىنى ئاڭلىغاندا رازىيە خۇددى مۇسابىقىدە يېڭلىپ قالغان ماھىردەك بىر تاتىرىپ، بىر قىزىرىپ سىنىپتىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاغرىپ قالدىم دەپ رۇخسەت سوراپ ساق بىر ھەپتە، مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلەتتۇق. كىيىن بىلدىمكى سۇلتانغا يوشۇرۇن كۆز تاشلاپ يۈرگەن قىزلار خېلى كۆپ ئىكەن. شۇ چاغدا نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا قارىتا ئىچىمدە بىر خىل ئۆچمەنلىك ئوتىنىڭ لاۇۇلداۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىم. ئارقىدىن نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنچىلىق قىلىدىغان بولدۇم. يېقىنچىلىق قىلاتتىم-يۇ ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئۆلگىدەك ئۆچ بولۇپ كەتكەندىم.
كىيىنكى ھەپتىسى رازىيە مەكتەپكە كەلدى. ئۇنىڭ مەكتەپكە كېلىپ قىلغان تۇنجى ئىشى بۇخەلچەم بىلەن قاتتىق بىر مەيدان جەڭ قىلىش بولدى. ئۇ قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ تۇرمۇش ھەيئىتى ئىدى.  شۇ كۈنى ئۇ ياتاق تازلىقى ياخشى بولمىغان دىگەننى باھانە قىلىپ بۇخەلچەمنى سەتلەپ تىللىغان، بۇ خەلچەممۇ بوش كەلمەي تەڭ تۇرغان. ئاخىرى ئىككىسى چاچ-پاچلىشىپ كەتكەندى. ئەگەر باشقىلار تۇتىۋالمىغان بوسلا قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ھېچكىم بىلمەيتى.
  مەن بىر كۈنى قاھارنى بۇ خەلچەمنىڭ قېشىغا ئەۋەتتىم. ئۇنىڭغا ‹‹ مۇشۇنداق مۇز چىراي ئادەم بىلەن قانداقمۇ ئارلىشىۋاتقانسەن دىگىن›› دىدىم. بۇ خەلچەم قاھارغا‹‹ ئۇ مۇز چىراي دوستۇڭلار مېنى كۆرگەندە ئىرىپ ھورغا ئايلىنىدۇ›› دەپتۇ.
-ھورغا ئايلىنىدۇ دىگىنى نىمىسى،-دىدى قاھار گېپىنىڭ ئاخىرىدا.
-بۇنىچۇ ئەڭ ياخشىسى سۇلتاندىن سورا،- دىدىم ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ.
-ۋاي نىمە بولدى، ھورغا مەن ئەمەس، سۇلتان ئايلىنىدىكەن،-دىدى ئۇمۇ جىلى بولۇپ .
مەن ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ قويدۇم. شۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ بىرەرسى بىلەن ئارلىشىپ باقايچۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. كىيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە تۆت قىزغا تەلەپ قويغان بولساممۇ ھېچقايسىسى ئۇنىمىدى.
سۇلتان توغرىسىدا ئېسىمدە قالغان تۆتىنچى  ئىشىم بولسا ئۇ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا بەكلا ئامراق ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى قارا تاشلىق يوغان خاتىرىسىگە نىمىلەرنىدۇر يازغىلى تۇرسا، بۇ تەرەپتە مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ كېتەتتى. كىيىنكى كۈنلەردە مېنىڭ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يازغۇچى بولۇپ كېتىشىمگە شۇ چاغدىكى سۇلتانغا بولغان كۈچلۈك ھەسىتىم سەۋەپ بولغانمىكىن دەيمەن.
بەشىنچى ئىش بولسا ئۇ گۈلگە بولۇپمۇ ئاق ئەتىرگۈلگە بەك ئامراق ئىدى. باش باھاردا مەكتەپ ھويلىسىدىكى ھەر خىل ئەتىر گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ كېتەتتى. چۈشلۈك ئارام ۋاقىتلىرىدا بەزى چاغدا كەچتە ھەتتا بەزى چاغدا تاڭ سەھەردە مەن ئۇنىڭ گۈللۈكنىڭ سەل چېتىدىكى بىر تۈپ ئاق ئەتىرگۈل تۈۋىدە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم. بەزىلەر ‹‹ئۇنى گۈلگە ناخشا ئېتىپ بېرىدىكەن››دەيتى. بەزىلەر ‹‹ياق سۇلتان ناخشا ئييتالمايدۇ . ئۇ گۈلگە كىتاپ ئوقۇپ بېرىدىكەن ››دەيتى. يەنە بەزىلەر بولسا ‹‹ خاتا ئۇ گۈلگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىدىكەن ›› دەيتى. ئەمما ئىچكى ئەھۋالنى ھېچكىم بىلمەيتى.  
مەنمۇ ئۇنى دوراپ بىر تۈپ قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ تۈۋىدە بىر نەچچە كۈن ئولتۇرۇپ باقتىم. ناخشا ئېيىتتىم. شىئىر ئوقۇدۇم. مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلدىم. ئەمما ئاخىرىدا گۈل يەنىلا شۇ گۈل پېتى تۇرىۋەردى. بەشىنچى كۈنى ئۇ يەردىن نېرى كېتىپ ئىككىنچى ئاياغ باسمىدىم.
مەن ئۇنى باشقىلارنىڭ دىھقىتىنى تارتىش ئۈچۈن قەستەنگە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلساممۇ ئىچىمدە يەنىلا ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتىم. قانداق قىلسام مىجەزىم ئاشۇنداق بولار دەپ ئويلايتىم. قەستەنگە كاللامغا ئېچىنىشلىق ئىشلارنى ئەكىلىپ پەرىشان بولىۋالساممۇ ئون مىنۇتتىن كىيىنلا يەنە بىر ئىشلار تۈپەيلىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىم. ئاخىرىدا ‹‹بولدىلا بۇنداق ساراڭنى دوراپمۇ ئىشمۇ›› دەيتىم.
بىز ئوقۇش پۈتكۈزگىلى يېرىم يىل قالغاندا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا سۇلتان بىلەن بۇ خەلچەمنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىنى ئاڭلىدۇق. ئوغۇللار قاتتىق ئېچىندۇق. قىزلار بولسا ھېيىت ئايەم بولغاندەك خۇشال بولۇشتى. بىر ھەپتىدىن كىيىن تېخى سىنىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ بىر قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى باھانە قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلغانلىقىنى. ئەمەلىيەتتە بولسا سۇلتان بىلەن بۇخەلچەمنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى تەبىرىكلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. توۋا دەيمەن قىزلارمۇ قىزىقكەن. باشقىلار ئارلىشامدۇ، مۇھەببەتلىشەمدۇ نىمە كارى دەيمەن. ئۇ يا بىر داڭلىق چولپان بولمىسا، ئۇنىڭغا شۇنچە قىلىش كېتەمدۇ، بىزنىڭمۇ ھېچبىر يېرىمىز ئۇنىڭدىن كەم ئەمەسقۇ؟
مەن ئەمدى قانداق ئىش يۈز بېرەر دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئىچىمدە ‹‹ ئادەم قاراشتىن ئەيمىنىدىغا تەلەتىڭ ئەمدى قانداقراق بولۇپ قالار›› دەپ ئويلىغاندىم. لىكن  ئارتۇق ئويلاپ كېتىپتىمەن. ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇخەلچەم مەكتەپتىن چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۇنى زادىلا كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما ئۇ ھازىر ناھېيىدىكى چوڭ بىر تاللا بازىرىدا پىركازچىكمىش.
ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم خۇددى باشتا دىگىنىمدەك سۇلتاندا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمدى. ئەمما شۇنىڭدىن بىرى  مەن بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ قولىغا كىتاپ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. دەرىس ۋاختىدا ھەيكەلدەك ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. مۇئەللىم سۇئال سورسا نەق جاۋاپنى بېرىپلا بىرەر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلىپ سالسا بىرسى بىر قانداق قىلىدىغاندەك قاراپلا تۇرغان. باشقا چاغلاردا بىرەرسى گەپ سورسا ياكى ‹‹ھەئە ›› ياكى ‹‹ياق ›› دەپلا جاۋاپ         بەرگەن. خۇددى مۇز ھەيكەلنىڭ ئۆزىلا بولغاندى. ئەمما ئۇ ھەر كۈنى سەھەردىكى بىر سائەت چېنىقىشنى زادىلا توختىتىپ قويمىدى.
  كىين بىز مەكتەپ پۈتتۈردۇق. بەزىلەر ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كەتتى. بەزىلەر ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلەر ئىچىدە سۇلتان، قاھار ۋە مەن ئۈچىمىزمۇ بار ئىدۇق. قاھار سۇلتان بىلەن بىر يىزا ئىدى. ئۈچ يىلدىن بىر كۆپلىگەن ساۋاقداشلارنىڭ ئالاقىمىز زادىلا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. سۇلتاننىڭ مىجەزىمۇ سەل مۆتىدىللىشىپ باشقىلار بىلەن ئارلىشىدىغان، ئانچە-مۇنچە كۈلىدىغان بولغاندى. تېخى قاھاردىن ئاڭلىسام چىرايلىق بىر قىز بىلەن ئارلىشىپتىكەنمىش. قارىغاندا ھازىرقى يەڭگەم شۇ ئوخشايدۇ.
  مەن تاققا-تۇقا خىياللاردىن ئويغىنپ يوتقانغا بېشىمنى پۈركەپ ئەمدىلا ئوخلاپ تۇرىشىمغا بېشىمىزغا قويۇپ ئالتىگە توغرىلاپ قويغان سائەت جىرىڭلاپ كەتتى.
-يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايلى،-دىدى قاھار، يوتقانغا ئىچكىرلەپ كىرىپ.
-ھەي كالۋا. تىزرەك تۇرايلى، بۈگۈن بۇ ئۆيگە جامائەت كىرىدۇ ،-دىدىم.
-ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن. ئۇنتۇپ قاپتىمەن،-قاھار شۇنداق  دىگىنىچە كىيملىرىنى تى-تىز كىيىشكە باشلىدى. سۇلتان بولسا سەھەردىلا تۇرۇپ كەتكەندى. ئۇ مەكتەپتىكى چاغدىمۇ ھەممدىن سەھەر تۇراتتى.





داۋامى بار.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-2-3 18:49:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ قېتىم يەنە قالتىس ئەسەردىن بىرگە ئۇچرايدىغان چىراي،ھاي ھاي،ئۆزخانكا،بولىلى ئىتتىك.ساقلاپ قالدۇق.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-2-3 20:45:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 18:49
بۇ قېتىم يەنە قالتىس ئەسەردىن بىرگە ئۇچرايدىغان چىراي ...

ئويلىنىۋاتىمەن. ئاخىرىنى تىزلا يازىمەن.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2017-2-10 18:24:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان بۇرادەر ئەھۋالىڭلا ياخشىمۇ؟ دىدار غەنىيمەت.
يېڭى ئەسىرىڭلار پۈتكەن كۈنى تولۇق ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن. رەھمەت
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2017-2-13 19:28:54 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2017-2-17 20:44:46 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كىيىنگە قالدۇراي ئۆزرە ، ئىنكاس يازماي چىكىتىشكە كۆزۈم قىيمىدى
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2017-2-18 13:14:15 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىچۇ   ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2017-2-25 18:37:08 | ئايرىم كۆرۈش
يوق  يوق  يوق  ......
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2017-2-25 19:02:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى قېنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

10#
ۋاقتى: 2017-3-9 12:09:02 | ئايرىم كۆرۈش
مېنى دوراپسىزدە ، ئۇنداق قىلماڭ  داۋامىنى يېزىۋېتىڭە ساقلاپ قالدۇق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:08 , Processed in 0.157036 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش