بىز قېرىنداش
ساڭا سالام بولسۇن قېرىندىشىم.
مۇشۇ دەملەردە ساڭا سالام يوللاش بىلەن ئۆزۈمنى ئەڭ بەختىيار ھېسابلىماقتىمەن. خۇددى كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىڭدەك كۆزۈم سەندە ، يۈرۈكۈم سەندە. ئۆمىدىم ھەم تىلىكىم سەندە. تېنىڭنىڭ ساقلىغى مېنىڭ بەختىمدۇر. چۈنكى سەن مېنىڭ قېرىندىشىمسەن.
مەن ساڭا ئوتلۇق كۆزلىرىم بىلەن تىكىلىپ قارىغان دەقىقىلەردە خۇددى بىگانە كىشىلەرگە ئوخشاش نەزىرىڭنى مەندىن قاچۇرۇپ يىراقلارغا كۆز تىكمە. كۆزۈمدىن تۆكۈلگىنى -قېرىنداشنىڭ قېرىنداشقا بولغان ساپ مىھىر-مۇھەببىتىدۇر. يۈرىكىمنى چىن ئىشتىياقىڭ بىلەن ئاختۇرۇپ كۆرسەڭ، شۇنى بايقايسەنكى ئۇنىڭدا سېنىڭ مۇھەببىتىڭدىن ئۆزگە ھېچ نەرسە يوقتۇر.
مەن ساڭا بولغان مۇھەببەت ۋە ھۆرمىتىمنى <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >>دىگەن بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاپ، ئوڭ قولۈمنى كۆكسۈمگە قويۇپ ساڭا خۇددى شاھلارغا ئىگىلگەندەك ئىگىلىپ سالام بېرىمەن. ساڭا چوڭقۇر ۋە چوڭقۇر ئھترام ھۆرمەت ۋە ئخلاس قىلىمەن . چۈنكى سەن مېنىڭ قېرىندىشىمسەن.
مەن سېنڭ قوللىرىڭنى شۇنچىلىك مىھىر بىلەن سىقايكى سەن ئۇندىن مېنىڭ ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى كۆرگىن.
ھەرقېتىم سېنى كۆرسەم شۇنداق بىر تاتلىق تۇيغۇلاردا بولىمەنكى بىر زەئىپ ئانا يىللارچە ئايرىلىپ كەتكەن يۈرەك پارىسىنى كۆرۈپ سۇسىز دالىلاردەك چاك-چاك يېرىلىپ ، مىھىرسىراپ كەتكەن يۈرىكى ياشىرىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ ئالغا ئېتىلغاندەك، بەللىرى يادەك ئىگىلگەن، چاچلىرى قاردەك ئاقارغان بىر مۇيسىپىت يىراقتىن قۇچاق ئېچىپ كەلگەن ئوغلىنى كۆرۈپ خۇددى ياشلىقىغا قايىتىقاندەك بولۇپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالغا ئېتىلغاندەك بىر ھېسيات بىلەن سېنى باغرىمغا بىر باسسام....
بەلكىم ساڭا <<ماڭا سەندىن ئۆزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس >>دىسەم كۈلۈپ كېتەرسەن. ئەمما شۇنى ئەستىن چىقارمىغنىكى سەن مەن ئۈچۈن سۇلايمان خەزىنىسىدىنمۇ بەكرەك قىممەتلىكسەن. بۇ گەپكە ھەيران بولمىغىنكى سەن مېنىڭ قېرىندىشىمسەن.
بىر چاغلار بەلكىم يۈرىكىم سەندىن ئازار يەپ قالار. ئېسىڭدە بولسۇنكى سەندىن كەلگەن بارچە ئەلەم ماڭا ياتتىن كەلگەن باغى-رىزىۋاندىن مىڭ ئەۋزەلدۇر. ھەر كۈنى شۇنداق بىر ئەقىدە بىلەن ياشايمەن. ئەگەر قېرىنداشلىق سۈپىتىڭ بىلەن بوينۇمغا قىلىچ ئۇرساڭ ، ئوچۇق قالغان كۆزلىرىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇھەببەتمۇ سەن ئۈچۈندۇر.
يامان كۈنلەردە دائىم قېشىڭدا بولالماسلىقىم مۆمكىن. مېنى ئىزلەپ ھەر يان باقارسەن. دەل شۇ چاغدا شۇنىڭغا ئىشەنكى مەن قەيەردە بولۇشۇمدىن قەتئىنەزەر سەن ھامان مېنىڭ يۈرىكىمدە.
ئالدىڭدا خاتالىرىم بولسا ئەپۇ قىلىشىڭنى سەمىمىلىك بىلەن سورايمەن. ئەگەر زادىلا ئەپۇ قلالمىساڭ ئۇنداقتا يۈرىكىمنى ئويۇۋال .شۇنى بايقايسەنكى سەن ھېچقاچان كىشى ھەققىگە خىيانە قىلمىدىڭ بەلكى ئۆزۈڭگە تېگىشلىك نېسىۋەڭنى ئالدىڭ خالاس.
ئەگەر مېنى يەنىلا كەچۈرەلمىسەڭ ، سەن تەپەككۇر قىلغىنكى بىز قېرنداشمىز. بىزنىڭ تىلىمىز بىر ، دىلىمىز بىر ، ئىمانىمىز ھەم بىر. بۇلار سېنىڭ مېنى، شۇنداقلا مېنىڭ سېنى ئەپۇ قىلىشمغا يېتىپ ئاشىدۇ.
يەنە دەيمەنكى سەن مېنىڭ تۈگىمەس ھەم خورىماس بايلىقىمسەن. سېنىڭ بوي-بەستىڭ، مىھىرلىك كۆزلىرىڭ، ھەر بىر قەدەم ئىزلىرىڭ ھەم مەن ئۈچۈن بىر سەنئەتتۇر.
بىزلەر يات ئاەەملەر ئەمەس. ئەتراپىڭغا قارا قېرىندىشىم. مەيلى قەيەردە بول. ئەتراپىڭدا سنىڭ قەدەملىرىڭگە قۇت تىلەپ تۇرىۋاتقان جۈپ-جۈپ قوي كۆزلەرنى بايقايسەن. ئۇلارنىڭ قەلبى سەن ئۈچۈن دائىملا پەسلى باھاردۇر.
ئۇلار جۇت-شىۋىرغانلاردا ئۆزلىرى توڭلاپ جانلىرىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە سېنى قوغداپ قالىدۇ. ھەيران بولما.
بىز ھەممىمىز قېرىنداش.
ھەر سەھەر مېنىڭ يۈزۈمنى ھەم يۈرۈكۈمنى ئاپئاق نۇرلارغا تولدۇرغان قوياش. سېنىڭ چىھرىڭنى ھەم يۇرۇتسۇن. مەن ساڭا قاراپ ھوزۇرلىناي. كۆزلىرىڭدىن ئۆز ئەكسىمنى كۆرەي. مەڭزىڭگە مەڭزىمنى يېقىپ ساڭا قۇت تىلەي.
كامالى مىھرىبانلىق بىلەن بېشىڭنى سىلاي. سېنى مۈرىدەپ يۈكسەك ئىگىزلىككە كۆتۈرەي. ئىگىز چوققىلار ساڭا قاراپ ھەيرەتتە قالسۇن. بىزنىڭ قان- قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى ئالەم بىلسۇن. خۇشاللىق كۈلكىمىزدىن رەقىپلىرىمىزنىڭ يۈرىكى يېرىلسۇن.
ئۆزۈڭنى مەندىن ئۇنچە يىراق دەپ ئويلىما. مېنى كۆرسەڭ خۇددى بىگانىلەردەك جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتمە. بىز قېرىنداش بۇنى دۇنيا بىلىدۇ.
بىز قول تۇتۇشۇپ ياشايلى. بىرلىكتە كۈلۈپ خەندان ئۇرايلى. مەن سېنىڭ قانچە ئۈزۇن ياشىيالايدىغانلىقىڭنى زادىلا بىلمەيمەن. ئەمما سېنى نىشان قىلىپ ئېتلغان بارچە ئوق مېنىڭ كۆكسۈمگە قادالسۇن. مەن بۇنى گۈل -چەمبىرەك دەپ بىلىمەن خالاس.
نىمە ئۈچۈن دەمسەن ؟ بىرلا ئېغىز گەپ:
بىز ھەممىمىز قان- قېرىنداشمىز.
ئۆزخان
2010.12.12
يۈركىمگە قولۇمنى قويۇپ دەيمەنكى: بىز ھەمىمىز قېرىنداشمىز.
|