ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىزدىكى كېچىككەن پەرزەنت تەربىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

بىزدىكى كېچىككەن پەرزەنت تەربىيەسى
ئوسمان زاھىر

50 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ ئاتىمۇ ئەينى چاغدا ياشلىقنىڭ بەڭباش كوچىلىرىغا كىرىپ، ئارمانلىق دۇنيانىڭ گۈزەل چىمەنلىكلىرىنى كېزىپ باققان. بەخت، ئازاب، شۇنداقلا ئىنسان بېشىدىن ئۆتىدىغان نى-نى قىسمەت، رەڭگارەڭ تۇيغۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان. ۋاھالەنكى، ئۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكنىڭ، توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر قېتىملىق «ئازغۇن»لۇقنىڭ ھاياتىغا باشتىن ئاخىر غەم -غۇسسە كۆلەڭگىسى تاشلاپ، يۈرەك پارىسىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرۈلمەيدىغان تاش يۈرەككە ئايلىنىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئۇ توي قىلغان 5-6 يىل جەريانىدا ئائىلە تۇرمۇشى ھەر ھالدا خاتىرجەم ئۆتتى. بالىلار ئۈچكە يەتكەندە ئۇ ھاراققا ئاستا-ئاستا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. دائىم ئۆيىگە غەرق مەست كىرىپ ئايالىنى ئۇراتتى. ئۆيىدە ئولتۇرۇش بولغان كۈنلىرى بىچارە ئايال قۇچىقىدىكى بالىنى پەپىلىگەچ ئۇنىڭغا زاكۇسكا تەييارلايتتى. تۈگىمەس تېتىقسىز پاراڭلار، ھاياسىز كۆز بېقىشلارغا تەڭكەش ئالا-تاغىل ناخشىلار تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلاتتى. گاھىدا ئاتا تېخى ئەمدىلا 5-6 ياشقا كىرگەن ئوغلىغا ھاراق ئىچكۈزۈپ ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى «نومۇر»ىدىن كۆپچىلىكنى ھۇزۇرلاندۇراتتى. ئۈزۈلمەس ئولتۇرۇش، جەڭگى-جېدەللەر داۋامىدا ئوغۇلمۇ بارا-بارا چوڭىيىپ قالدى. مەكتەپتە سىنىپنىڭ نوچىسى، مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئاتامانى ئىدى. كۈنلەر ئۆتۈپ تېخى دادىسىنىڭ تىقىپ قويغان ھاراق-تاماكىلىرىغا شېرىك بولىدىغان بولدى. ئوغرىلاپ كېلىنگەن توخۇلار زاكۇسكىغا ئايلىناتتى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتىن ئۇلار ئاخىر زېرىكتى. تۇنجى نىكاھ سەپىرىگە ئەنە ئاشۇنداق چېكىت قويۇلدى. ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىدى. ئوغۇل ئاتىغا بۇيرۇپ بېرىلدى. ئاتا 3 نىكاھلىق بولۇپمۇ كېلىشەلمىدى. ئوغۇل يېڭىدىن-يېڭى ئائىلە مۇھىتى، يىپيېڭى «ئانا»لار ئالدىدا مۇھەببەتسىز، مېھىرسىز چوڭ بولدى. تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن تەلتۆكۈس يۈز ئۆرىدى. تالاي ئاچچىق قىىسمەتلەر ئاتىنىمۇ ئۆزگەرتتى. ھاراقنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلىدى. تۇرمۇشىنى يېڭىۋاشتىن باشلاشقا، پەرزەنتىگە ھەقىقىي ئاتىلىق مېھرىنى بېرىشكە بەل باغلىدى. ئەپسۇس، ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى. ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۆزگەرمەس، كۆكەرمە، مېھىرسىز بىر داشقالغا، تۈرمىنىڭ دائىملىق «مېھمان»ىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ يېقىندا ئوغرىلىق سەۋەبى بىلەن يەنە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
ئاتا ئاخىرقى قېتىم نىكاھلانغاندىن كېيىن ئوغلى بۇ ئۆيگە قايتا ئاياق باسمىدى. ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى. ئاران تېپىپ كەلگەندە بولسا يەنە غىپپىدە تىكىۋېتەتتى. ئاتا ئۇنى ئۇرۇپ باقتى. تىللاپ، ھەتتا تەسىرلىنىپ قالار دەپ ياخشى گەپلەرنىمۇ قىلىپ باقتى. بىراق ئوغۇل بارلىق تىرىشچانلىقلار ئالدىدا ياغاچ ئويما ھەيكەلدەك ئىپادىسىز قېتىپ تۇراتتى. ئاتا بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ «0» بىلەن خۇلاسىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
ھەر قېتىم بۇ ئادەمنى كوچىدا ئۇچراتقىنىمدا، ياداپ كەتكەن چىرايى، ئورا كۆزلىرىگە چوڭقۇر بىر ھەسرەتنىڭ يوشۇرۇنغىنىنى كۆرىمەن. بەلكىم بۇ ئاتا ھاياتىدىكى خاتا باسقان قەدىمى، بالىسىغا كىچىكىدىن ئىگە بولمىغان سەۋەنلىكى، مىللەتكە بالا ئەمەس «بالا» تەربىيەلەپ بەرگەنلىكىگە ئۆكۈنىۋاتقاندۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئاتىغا، تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ۋۇجۇدى، قەلبى تېخىمۇ سوۋۇپ كېتىۋاتقان، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىۋاتقان شور پىشانە بالىغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇشىنى، ئاتا-بالىلىق مېھىر يالقۇنىنىڭ قايتا يېلىنجىشىنى تىلەيمەن. شۇنداقلا ھەر قېتىم بۇ ئىش يادىمغا يەتسە «تالنى نوتا چېغىدا ئەگ» دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمەن.
ھاياتنىڭ رىژىسسورسىز سەھنىلىرىدە ئىنسان ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. يېقىندا، مەن بۇ ئەرنىڭ تۇنجى ئايالى بىلەن يارىشىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇزۇن يىللىق ھىجراندىن كېيىن بۇ بىر ئائىلە ئاخىرى جەم بولدى. تونۇش-بىلىش، ئۇرۇق- تۇققانلار ئۇلارنى مۇبارەكلەشتى. ئۇلار يېڭى قورۇ- جايلىق بولدى.  قىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتتى. ئەر–ئايالنىڭ چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان ئىدى. ئوغۇلمۇ ئۆيلەنگۈدەك ھالغا كەلدى. كۆرۈنۈشتىكى ئىللىق ئائىلە ۋۇجۇدقا كەلدى. لېكىن كۆڭۈلگە سېلىنغان دەز، ئۇزۇن يىللىق ئاسارەت بىر ئۆمۈر بۇ ئائىلە كىشىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ قالدى.
ئىنسانغا ھايات پۇرسىتى پەقەت بىرلا قېتىم بېرىلىدۇ. ھاياتنى قايتا سىناق قىلىش پۇرسىتى يوق. ئاتا-ئانىلارنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ دەردىنى پەرزەنتلەر تارتىشى كېرەكمۇ؟
خەلقىمىز «كۆزگە ئىلمىغان چوماق كۆزگە كىرەر» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. دەرۋەقە، قاتناش ۋەقەسى شوپۇرنىڭ دەقىقىلىق بىخەستىلىكى، ئوت ئاپىتى ئەرزىمەس بىر تال تاماكا چوغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھايات ھەر بىر ئىنساندىن ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەستايىدىللىقنى كىشىلىك ھايات دەستۇرى قىلغان ئادەم، قولىدىكى ھەر بىر مىنۇتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەيدۇ. ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ. بىپەرۋالىق كىشىگە مەڭگۈلۈك پۇشايمانلارنى كەلتۈرىدۇ.
مەن بىر قىسىم ئاياللار ئۈستىدە راي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ھېس قىلدىمكى، ئاياللار ئەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. مەسئۇلىيەتچانلىق ئەستايىدىللىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئايالى بىلەن بالىسىنى تاشلاپ قويۇپ قىمارخانىدا يۈرگەن ئەر، ئىش ۋاقتىدا ئويۇن ئوينىغان خادىم، بالىسىدىكى ناچار خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىخلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ تەربىيە قىلمىغان ئاتا... مانا بۇلار كەلگۈسىدىكى ھەسرەتنىڭ ئىنىكئانىلىرىدۇر. ئىنساندا ئەقىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مەسئۇلىيىتىدىن ھېساب بېرىدۇ. مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىغان جەمئىيتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق كۆڭلىمىز تولىمۇ يېرىم بولىدۇ. كوچىدىكى ئوغرى ئاتا- ئانىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. توم-توم كىتاب چىقارغان يازغۇچى، ئېسىل راۋاقلارنى لايىھىلىگەن ئېنژىنىر، تالانتلىق دوكتورلارنى يېتىشتۈرگەن پىروفىسسور، قابىل پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرگەن ئانا پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. چۈنكى، ئۇ ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ بۇرچنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۈستىگە ئالغان ھەم شۇ يولدا ئىجتىھات قىلغۇچىلاردۇر. جەمئىيەت مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ ۋە پارلاق مەنزىللەرگە يېتەكلىنىدۇ.
كەڭ يېزا-قىشلاقلىرىمىزلا ئەمەس، مەدەنىي سانالغان شەھەر مۇھىتىدىمۇ نىكاھ، ئائىلە پاجىئەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە. يىتىملىك، خارۇ-زارلىق، مۇھتاجلىق، ئۆگەيلىك بەختسىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قاردەك ئاق ۋۇجۇدىغا قورقۇنچلۇق جاراھەتلەرنى قالدۇرماقتا. ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. پەرزەنتلىرىنى دېسكوخانىلاردىن، تورخانىلاردىن ئىزدەپ يۈرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىيىشى، بىھۇدە تۆكۈلگەن ياشلار، بىھۇدە ئاققان قانلار، يۈرىكى خۇن بولغان ئاتا-ئانىلار... تۈنۈگۈنكى پەرۋاسىزلىق بۈگۈنكى پۇشايمانغا سەۋەپ بولماقتا.
ۋۇجۇد توغرا ئەقىدە ۋە ئادىمىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئىنسان سالاھىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا تامامەن بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن شەرق مۇتەپپەككۇرى جالالىدىن رۇمى ئىنساننىڭ پاكىزە روھ ئارقىلىق تەندىن ئىبارەت ئاتنى توغرا يولغا سېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلىدۇ.
مەن ھەم بۇ تۈردىكى پاجىئەلەرنى قىسمەن بولسىمۇ كۆرۈپ ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنت تەربىيىمىزدىكى ئەجەللىك نۇقسانلار ھەققىدە تەشۋىشلىك ئويلارغا چۆكىمەن. ماددىي تەرەققىياتقا تەتۈر تاناسىپ ھالدا چۆكۈۋاتقان ئەخلاق مەسىلىسى جىمجىت تۇرغان خىياللىرىمنى داۋالغۇتىدۇ. شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ «بالىنى يىلىكىدىن باشلاپ تەربىيەلەش» دېگەن ھېكمىتىنى تارازىغا سالىمەن. ئۆتمۈشكە نەزەر سالغانسېرى شۇنچە نۇرانە سىمالارنى چېلىقتۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ھەرگىزمۇ ئەخلاقىي بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولالمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. بۈگۈنكى كۈندىكى بىر ياكى ئىككى پەرزەنتنىڭ دەردىدە ھالسىزلىنىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرىشان ھالىتىنى ئويلاپ قايغۇرىمەن.
جاھان تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر دەۋرىگە كىردى. ھەشەمەتلىك رېستۇرانلاردا ھەشىمەتلىك توي، قاتار چايلار تۆگە كارۋىنىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتكۈزىلىۋەردى. «بىز بەختىيار ئەۋلادلار» ناخشىسى ئېيتىلىۋەردى. ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا-ئانا مېھرى قان ھەم جاندەك زۆرۈر بولىدىغان چاغدا بىز قەرز، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەھىمىسىدە تىپىرلاپ ئۇلارنى جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە بىزگە خۇددى يات ئادەمگە قارىغاندەك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى، كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان ۋەھىمە، ياتسىراش ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىنىمىزدە نېمىلەرگە ئېرىشىپ نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى كېچىككەن ھالدا ھېس قىلدۇق.
دەرۋەقە، پەرزەنتىگە چىن كۆڭلىدىن مېھىر بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلار تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك، خىزمەت باھانىسى بىلەن ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا، ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ ياكى ساپاسىز بالا باققۇچىلارغا تاشلاپ قويىۋاتىدۇ. كارل ۋېتر پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيەلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «قۇرت-قوڭغۇزلارمۇ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلمايدۇ». بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
يېقىندا، «مىراس» ژۇرنىلىدا «مەسئۇلىيەتسىز كۆيۈمنىڭ كېرىكى يوق» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇئەللىپ ماقالىسىدا مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئادەتلىرىدىكى ئەجەللىك نۇقسان بولغان مۇددىئاسىز مېھىر-مۇھەببەت ئۇستىدە توختىلىدۇ. ئۇ «بىز بالىلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت بېرەلىدۇق، لېكىن مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسى، غايە ۋە يۈكسەك نىشاننى كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق» دېگەن نۇقتىلارنى ئاساسلىق پىكىر يولى قىلىدۇ. مەنمۇ ھەم بۇ پىكىرنىڭ «يانتاياق» لىرىدىن.
دەرۋەقە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پەرزەنت تەربىيەلەش ئادەتلىرىدىن قارىغاندا ئىنتايىن يارقىن خاتىرىلەرنى، پارلاق سەھىپىلەرنى ئۇچرىتىمىز. شىرمەت ئەزىمەتلەر، ئىپپەت ۋە قەيسەرلىكنىڭ ساھىبى بولغان گۈل يۈزلۈك قىزلار بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. لېكىن يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، ئانىلىرىمىزنىڭ بالىلارغا كۆيۈم ئاتا قىلغىنى بىلەن نىشان، بىلىم ۋە ئىرادە يېتىشتۇرۇش،  مۇكەممەل ئەخلاق پىرىنىسىپ بويىچە ياشايدىغان، مۇستەقىل پىكىر يولىغا ئىگە پەرزەنت قىلىپ تەربىيەلەش جەھەتتە نۇرغۇن چولتىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالىمىز. مەسىلىنىڭ جان يېرى دەل ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە.
يېزا-قىشلاقلارغا نەزەرىمىزنى بەرسەك، «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق» دېگەندەك ساپاسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بالىلار ناۋادا قىز بولسا ئۆلگۈچە ئانىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ بالا، نەۋرە، قوي باقىدۇ. نەۋرىسى ياكى قويىنى بېقىپ بېرەلمىگىنىگە ئۆكۇنىدۇ، خىجىل   بولىدۇ، ھەسرەتلىنىدۇ. پەرزەنتلىرىمۇ خۇددى ئانىنىڭ ھەسرەتلىنىشى يوللۇقتەك ھېس قىلىدۇ. مۇشۇنداق مىننەتسىز ئەجىر بىلەن تالاي ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۇنسىز ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار مېھرىبانلىق، پەرزەنتلەرنى كۈتۈش، تويۇندۇرۇش  جەھەتتە دۇنيادا يىگانە. لېكىن كۆيۈم ئىچىدە نىشان بولماسلىق، پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئۇزۇن يىللىق پىلان بولماسلىق ئاقىۋەتتە كۆيۈمىلا بار، ئىرادىسى يوق، ئوتىلا بار سۈيى يوق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالىدۇ.
مەلۇم بىر ئېتوتتىكى: «ساۋاقداشلار، ساۋاقداشلار، باغقا بارايلى! قوناقلىققا ياڭيۇ تېرىپ كاۋا ئالايلى!» دېگەن ھەجۋىيلەر رىئاللىقىمىزنى ئوبدان ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دېمەك، بىز پەرزەنتلىك بولدۇق. ئۇنى باقتۇق (ھايۋانلارمۇ بالىلىرىنى ناھايىتى ئوبدان تويۇندۇرۇپ باقالايدۇ.) لېكىن ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا ئىدىيە ھەم توغرا قاراش سىڭمىگەنلىكتىن، قىسىقىسى، سىڭدۇرەلمىگەنلىكىمىزدىن قولىدىن ھېچقانچە ئىش كەلمەيدىغان، 30 غا كىرگەن تۇرۇقلۇق يات شەھەردە 10 كۈن ئاتا-ئانىسىز ياشاپ قالسا ئانسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلايدىغان بېلى بوش يىگىتلەرمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئۆز ئوقۇش تارىخىنىمۇ تولۇق دەپ بېرەلمىگەن ئەپتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دېمەك، بىز گۈلنىلا كۆرسىتىپ، تىكەن بارلىقىنى كۆرسەتمىدۇق. نامەلۇم نەرسىلەردىن قورقۇشنى ئۈگىتىپ، ئىنتىلىشنى ئۆگەتمىدۇق. «ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن ئادەم قۇل» دېگەن ھېكمەتنى چۈشەندۈرمىدۇق. پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ناقىسلىقى ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئادەمگە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى، غايىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان مەرەز.
ئائىلە مۇتلەق ئەركىن بىر دۇنيا. ئەمدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئاتا-ئانىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. ئاتا-بوۋىلىرىمىزغۇ ئېسىل ئۆگۈت-نەسىھەتلەر بىلەن نى-نى ئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈپتىكەن. لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە،  بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە پەندى-نەسىھەت سىڭىدىغان ئورۇن قالمىدى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بالىلىرىمىزنىڭ قەلب ئېكىنزارلىقى خىلمۇ-خىل ئۈندۈرمىلەرنىڭ ئەبجەشخانىسىغا ئايلاندى. ساپلىق يىراقلاشتى.
يېقىندا، مەلۇم تور بەتتە ئىچكى ئۆلكىدىكى مەلۇم شەھەردە 10 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەن بوۋىسىغا ئايىغىنىڭ بوغقۇغىنى چىگىپ قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە سۈرەت ئېلان قىلىندى. سۈرەتتە ھېلىقى ئەركە بەگزادە غادىيىپ تۇرغان، بەللىرى مۈكچەيگەن بوۋاي رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ بوغقۇچىنى چىگىۋاتقان ھالەت ئىپادىلەنگەن ئىدى. بۇ سۈرەت نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىسىگە سەۋەبچى بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىلدىكى كۆرۈنۈشلەر پات-پاتلا كۆزىمىزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قالدى. ئەتىۋارلىق بالىلىرىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ، ئاقىۋەتتە ھەسرەتتە قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنىڭ چوڭلارغا بولغان ھۈرمىتى سۇسلىشىپ بارماقتا. ئىلگىرى بىزدە ئەڭ ھۈرمەتلىنىدىغان ئادەم بوۋا–مومىلار ئىدى. بوۋا–مومىلارنىڭ سىرلىق ھېكايە، رىۋايەتلىرى ئوماق نەۋرىلەرنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ ئىدى. ئاقارغان باشلار، ئاقارغان ساقاللار، مۈكچەيگەن قامەتلەر ئاخىرقى ئۆمرىنى نەۋرىلەر ئارىسىدا، يۇمشاق كۆرپىلەر ئۈستىدە ئۆتكۈزەتتى. تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ سۇسلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئارتىشى، بالىلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مەئىشەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە بالىلارنىڭ قەلب دۇنياسىدىلا ئەمەس، چوڭلارنىڭ قەلب دۇنياسىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بالىلىرىمىز زوراۋانلىق تۈسى ئالغان ئويۇنلار ئارىسىدا تۇغما مېھرىبانلىق ۋە سەمىمىيەتنى ئۇنتۇشقا كىرىشتى. ئاتا-ئانىسىغا قوپال، بەدخەج، ئويۇنخۇمار بىر تۈركۈم «بەگزادە»لەر پەيدا بولدى.
بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنى ياراتمايدۇ. تۇغۇلغان كۈنلىرىنى ھەشەم بىلەن ئۆتكۈزۈشكە قىستايدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈرمىڭ جاپادا پەرزەت تۇغۇپ قاتارغا قوشۇشى غايەت زور مەسئۇلىيەت، چىدام، سەزگۈرلۈك تەلەپ قىلىدۇ. 12 ياشقىچە ئەدەپ-ھايانىڭ نېمىلىكىنى، ياخشى-ياماننىڭ نېمىلىكىنى پەرق ئەتكۈزمىگەن بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە بېشىڭىزغا «بالا» بولۇشى مۇتلەقتۇر.
مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىككى بوۋاي ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ دائىم ئۆزىنى ئۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن. بۇ ئاچچىق سىگنال ئاشۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنىڭ ئاچچىق مېۋىسىنى تېتىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟ بىر بالىنىڭ قەلبى ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ. سىز ئۇنىڭغا نېمىنى يازسىڭىز، شۇ بويىچە بولىدۇ. گۈزەل ئەخلاق بىلەن قەلبى بېزەلگەن بالا سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر. ھېلىمۇ ياخشى بالىلىرىمىز تېخى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمىغىدەك ھالدا قالغىنى يوق. ئائىلىلەردە ئەخلاق ھەققىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بالىلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ناچار ئىدىيەلەرنىڭ مەنبەئىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ناۋادا تېلېۋىزور بولسا بالىلار پىروگىراممىسىدىن باشقىنى كۆرسەتمەڭ، تور بولسا تورغا چەك قويۇڭ، يامان دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ قالغان بولسا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە دالالەت قىلىڭ. بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىد چىرىغىمىز. بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ دەۋردە ئاشۇ ئەتىۋارلىق پەرزەنتلىرىمىزنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىققىنىمىز ئەڭ زور مۇۋاپپىقىيەتتۇر. بالىنى ھايۋانمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بىزنىڭ ياخشى كۆرىشىمىز، بالىنى ئادىمىيلىك پىرىنسىپلىرى ئىچىدە تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىپادىسىنى تېپىشى لازىم. يىغىپ ئېيتقاندا، بالىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيەنى ھەرقاچان بوشاشتۇرۇپ قويمىساق، بالىمىزدىكى چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرگە مۇۋاپىق چەك قويۇپ تۇرالىساق، «ئەركە بەگزادە»لەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنى سۆيۈندۈرگىدەك ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشى مۈمكىن.
بىر كۈنى بىر تونۇشۇم بىرەيلەننىڭ يېڭى تۇغۇلغان قىزىغا ئىسىم قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپتۇ. بالىغا ئىسىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بالىنىڭ مومىسى بالىنى ئېغىزلاندۇرماقچى بولۇپ قولىغا ئاپتۇ ۋە «بىرنى دېسە بىرنى دەيدىغان، ئىككىنى دېسە ئىككىنى دەيدىغان ئادەم بولسىلا» دەپ تىلىكىنى بىلدۈرىۋاتقۇدەك. ھېلىقى تونۇشۇم ئىچىدە «توۋا» دەپ قاپتۇ. بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ دىلىنى ئۇزاققىچە بىئارام قىلىپتۇ. قىزلار بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپلا ئاجىزە، دەپ قارىلىپ ئائىلىسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يۈزى تۆۋەنلىك، ھايا، پاكىزلىقنى سۆيۈش، ئۆزىنى يامان كۆزدىن ساقلاش قىزلارنىڭ سۈپىتى تەرىقىسىدە ئۇلارغا باھا بېرىشتىكى ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ. ئەجىبا، بۈگۈنكى قىسمەن ئانىلىرىمىز قىزلىرىنىڭ، نەۋرىلىرىنىڭ بىرگە–بىرنى دەيدىغان، ئاغزى يامان، ئۇششۇق بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلامدىغاندۇ؟ تارىختا بىر ئېغىز سۆز سەۋەبلىك تالاي ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن، بىر ئېغىز سۆزنى كەم قىلىش بەدىلىگە ئىشىك تۈۋىگە كەلگەن دۈشمەن پەيلىدىن يانغان. ئەل ئىچىدە «سۆزگە ئېتىبارسىز، ئەلگە ئېتىبارسىز» دېگەن ھېكمەت كەڭ تارقالغان. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى قىممەتلىك دەستۇرلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. مەيلى جەمئىيەت قانداق بولۇپ كەتسۇن، قىز بالىلىرىمىز بىزگە بېرىلگەن ئامانەت. ئۇنى ئەدەپ ئەركانلىرى ئىچىدە ھايالىق قىلىپ چوڭ قىلىپ، ئۆمۈر يولدىشىغا سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىش ئاتا-ئانىنىڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيتى. قىز بالا پەرزەنت يېتىشتۈرىدىغان، نەسىل كۆپەيتىدىغان ئېتىز. قىزلارنىڭ ھايا لىباسىنى چۆرىۋېتىشى قەۋمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئاپەت.
بەلكىم قىسمەن ئانىلىرىمىز قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە يولدىشىغا بوزەك بولۇپ قالماسلىقىنى، ئۆزىدىن كېيىن قالسىمۇ جېنىنى جان ئېتەلەيدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغاندۇ؟ بىر-بىرى بىلەن تۆر تالاشقان نىكاھ ھالاك بولغان نىكاھتۇر. ئاغزى بېسىلمايدىغان جاۋۇلداق قىز ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ ئۇ نىكاھقا چۈشكەن مىتىدۇر.
بىزنىڭ ئانىلىرىمىز تويى بولغان قىزغا:
ئەتىگەن قوپار بولغاي،
تۈڭلۈك ئاچار بولغاي.
توققۇز ئوغۇل، بىر قىزلىق بولغاي،
خۇدايىم مۇبارەك قىلغاي...
دېگەن بىيىتلەرنى سوۋغا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشچان، ئەدەپلىك بولۇشىنى، ئەنە شۇ سۈپەتلەر بىلەن بەختلىك ياشىشىنى تىلىگەن.
تەربىيە شەكىللىرىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. ھەر بىرىمىزگە  ئائىلىمىزنىڭ ئاتموسفېراسىنى ساپلاشتۇرۇپ پەرزەنت تەربىيەسىنى مەلۇم نىشان، كەلگۈسى پىلان ئىچىگە سىڭدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىش بەكمۇ زۆرۈر بولماقتا. قىسىقىسى، مەسئۇلىيەتسىز كۆيۈمنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى.
«قابۇسنامە» دە مۇنداق ھېكمەتلەر بار: «ئەي ئوغۇل، تىرىشىپ، ئىجتىھات قىلىپ، تۈرلۈك ئىلىملەردىن خەۋەردار بول. تۈرلۈك ئىلىملەرنى ھاسىل قىلماقچى بولساڭ، ئالىملارنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ ماڭغان يولىغا كىرىپ، ئۇلاردىن ئۆگەنگىن. كامىل بىر ئۇستازنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ ئىلىم ھاسىل قىلىشىڭ لازىم.»
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ جازا تەربىيەسز قالدۇرۇش. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار. ئالىملار ئافرىقىدىكى ئىنتايىن ياۋايى بىر قەبىلىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ قەبىلە ئادەم گۆشى يەيدىكەن. بۇ ئالىملار بۇ قەبىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىپ، ئۇلارنى مەدەنىي جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ئويىغا كەپتۇ. ئۇلار شۇ قەبىلىدىكى بىر بوۋاقنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېتىپ ئىنتايىن ياخشى شارائىتتا تەربىيەلەپتۇ. زامانىۋىي بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپتۇ. ئاخىرى ئۇنى قەبىلىسى ئىچىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇ يىگىت دۆلىتىگە قايتىپتۇ. ئالىملار ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئافرىقىغا بېرىپ ھېلىقى قەبىلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بوپتۇ. ئۇلار بارسا ھېلىقى قەبىلە يەنىلا بۇرۇنقى قېلىپتا ياشاۋاتقۇدەك. ھېلىقى ساپالىق يىگىتنى سورىغان ئىكەن. ئۇلار «ئۇنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن، شۇڭا ئۆلتۈرۈپ يەۋەتتۇق» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ھېكايەت كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بىر مىللەتتە ئومۇمىي ساپا يۇقىرى بولمايدىكەن، بىر نەچچە ئاقىل ھېچقانچە ئىش قىلالمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن كۆك كۆزلۈك چەتئەللىكنىڭ كاللىسىدا ئالەم كېمىسىنىڭ چېرتىيۇژى شەكىللىنىدۇ-يۇ، چىمەن دوپپىلىق كاللا ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سخىمىسىدا توختاپ قالىدۇ؟ پەرق تەربىيىلىنىش سۈپىتىنىڭ، ساپانىڭ ئوخشىماسلىقىدا، ئەلۋەتتە.
تەربىيەسىز قېلىشنىڭ تەسىرىدىن باشقا بالا بولىۋاتقان چۆچۈرىدەك بالىلار، قاراڭغۇ كۈلبىلەردە سىقىلغان ئارمان، كۆزى ئوچۇق كەتكەن ئاتا-ئانا... نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىلىمنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلەش ئېڭى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان نۇرغۇن رىئال مەسىلىلەر مەۋجۇت بولماقتا.
تۇيۇقسىز بالىلىق دەۋرىم ئېسىمدىن كەچتى. رەختتىن تىكىلگەن سومكىغا پارچە قەغەزلەرنى يىپ بىلەن تىكىش ئارقىلىق ياسالغان دەپتەرنى، تولا ئۇچلىنىپ قولدا ئاران تۇرغۇدەك دەرىجىدە قىسقىراپ كەتكەن قېرىنداش قەلەمنى ئىشلەتسەكمۇ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى قەدىردان ئاتا-ئانام دېھقان بولسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئۇلار بىلىمنىڭ قۇدرىتىنى ئۆزلىرىنىڭ دېھقانچە تەپەككۇرىغا تايىنىپ چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى.
ئانام تۇخۇم ساتقان پۇللارنى كىتاب پۇلىغا تاپشۇرغاندا، دادام بىر كالاچنى كەم كىيىش بەدىلىگە ماڭا ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە مېنىڭ بۈگۈنكىدەك شەھەر مۇھىتىدا ياشايدىغان ئادەم بولۇشۇمنى تەساۋۋۇر قىلالمىغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەمما ئۇلار بالىلىرىنى تەربىيەسىز قويۇشنىڭ ئىنتايىن رەزىل ئىش ئىكەنلىكىنى ئاقكۆڭۈل يۈرىكى بىلەن ھېس قىلغان. شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى. شۇڭا ھەر قېتىم سەھراغا بارغاندا مۇھتاجلىق قەددىنى ئەگكەن بوۋاي- مومايلارنى، كەتمەن دەستىدىن مەزگىلسىز قېرى چىراي بولۇپ قالغان ئاتا- ئانىلارنى ئۇچراتسام ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ بۇنداق جاپالارغا قالماسلىقىنى تىلەيمەن.
ئاجرىشىش نىسبىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان، ئائىلە، نىكاھ كىرىزىسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان، مېھىر-مۇھەببەت سۇسلاۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، پەرزەنتلەرنىڭ كۈتىدىغىنى پەقەتلا بىر ئىللىق ئائىلە.
بىز بالىلىرىمىزغا ئېسىل ياسىداق ئۆيلەرنى مىراس قالدۇرۇشنى قوغلاشتۇقكى، ئېسىل يوسۇن، ئادىمىيلىك خىسلىتىمىزنى مىراس قالدۇرۇشنى ئويلاشمىدۇق. باشقىلارغا نەسىھەت قىلدۇق، لېكىن ئۆزىمىزدىن باشلىمىدۇق.
بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان ھەم ئوقۇش تارىخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن «ئەقىللىق يىشيۇ» قىلىشقا تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ تېخى كۆپ نەرسىلەرنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز خىيالى، ئويۇنلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ. بىر بولسا بالىسىنىڭ قورسىقىغىلا ئىگە بولىدىغان، بىر بولسا «ئالىم» قىلىمەن دەپ كاردىن چىقىرىدىغان خاتا تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ.
ئائىلە باشلىقلىرىدا ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدىغان ئاڭ بولمايدىكەن، بۇ ئائىلىدىنمۇ جەمئىيەتكە مەسئۇل بولمايدىغان ساپاسىز ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ساپاسىز ئەۋلادلارنىڭ كۆپىيىشى شۇ قەۋمنىڭ كېلەچەكتە يىغلايدىغان يىغىسىنىڭ كۆپىيىشىدۇر.
پەرزەنت ھەرگىزمۇ ئەۋلادلارنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغان ئەمەس. ئاتا-ئانا بولسا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولدا ۋىجدان يۈكلىگەن قەرزلەرنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەم ئۇنى ئادا قىلغۇچى ھەمسەپەرلەردۇر. ياراملىق بىر پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىر قەۋم ئۆچۈن يېڭى قان قوشقان بىلەن باراۋەر.
كۆز ئالدىمىزدىكى رەڭگارەڭ مەئىشەت دۇنياسىدىن نەزىرىمىزنى ئائىلىمىزدىكى سەبىي كۆزلەرگە كۆپرەك ئاغدۇرايلى. ئۇلارغا كۆپرەك مېھىر بېرەيلى. ئۇلار كەلگۈسىدىكى يېڭىچە تراگىدىيىلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى يېڭىچە تەرەققىياتلارنىڭ شاھىدلىرى بولسۇن. «قوي بېقىپ خوتۇن ئالىدىغان، خوتۇن ئېلىپ تۇغۇلغان بالىسىغا يەنە قوي باققۇزىدىغان» يارىماس ئەنئەنە بىزدىن مەڭگۈلۈك يىراقلاشسۇن. بارلىق ئوي-پىكرىمىز ئىلمىيلىككە، رىئاللىققا، پەرزەنت تەقدىرىگە باغلانسۇن. شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى...


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-1-7 12:05:34 | ئايرىم كۆرۈش
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن دەپتىكەن
كونىلار  ھەي............   ئاتا —ئانا دىگەن  بالىنىڭ بىرىنجى ئوقۇتقۇچىسى شۇڭا  ئاتا ئانىلار  ئۆز پەرزەنتىگە
ياخشى ئىش  ياخشى گەپ  قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ ياخشى تەسىر  بىرىشى زۆرۈر
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-1-9 00:43:41 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ەسەر  بەك ئ‍ىسىلكەن ، كومپىيۇتىردا چىقىپ ئ‍ىنكاسىمنى تولۇقلايمەن ئ‍اداش  ھە .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2017-1-9 16:19:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئائىلە پەرزەنتنىڭ بىرىنجى مەكتىۋى  ، ئاتا - ئانا  پەرزەنتنىڭ  بىرىنجى ئۇستازى  .
تەپسىلى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغۇدەك تىما يوللاپسىز  ،  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2017-1-12 18:32:45 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ ، ماۋۇ تېمىنى شۇنداق راھەتلىك ئىچىدە ئوقۇدۇم دېسە . تەشەككۈر .
ئاتا -ئانا پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، شۇڭا جەمىيەتتە ، مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلىدىغىنىمۇ ئاتا ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى تەربىيىسى . شۇڭا پەرزەنتىڭنى ياراملىق قىلاي دېسەڭ ئالدى بىلەن ئۆزەڭنى تەربىلە دېگەن گەپ بار .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:26 , Processed in 0.136512 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش