ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سېنى كۆرۈپ تۇراي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-17 11:58  

ئاپام بىزنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدا كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقىمغا پۇشايمان قىلدىم. شۇنچە كۆپ ئاغرىقنى ساقايتقانىدىم، بىراق ئاپامنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشقا ئامال قىلالمىدىم.
راك ھۈجەيرىسى ئاپامنىڭ كۆكرەك قىسمىغا تاراپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. ئاپام ھەر بىر يۆتەلگەندە قان ياندۇراتتى. بۇ ھالنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىيتتى. بىراق ھېچقانداق ئىلاج قىلالمايتتىم، ئەڭ ياخشى تاشقى كېسەللىكلەر مەسئۇل ۋىراچى دېگەن نامىممۇ ئەسقاتمايۋاتاتتى.
چۈشتىن كېيىن، قۇياش نۇرى كېسەل كارىۋىتىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئاپامنىڭ كۈمۈش رەڭ چېچىنى ئاستا تارىدىم، ئاپام كېيىنكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى: ‹‹دوختۇرخانىدىن چىقسام شەھەردە ھەرگىز تۇرمايمەن، بۇ يەر بەك ۋاراڭ–چۇرۇڭكەن، سۇلار شارقىراپ ئاقىدىغان يېزىدا تۇرىمەن. بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال كىيىملىرىمنى تەييارلاپ قويغانىدىم، بىراق بىر كۆڭلەكنى تەييارلاپ بولالمىدىم، ئۇنى چاققانراق تەييار قىلىپ قويۇڭلار››. ئاپام ئەزەلدىن گۈزەللىكنى، پاكىزلىقنى سۆيەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئادىتى ھازىرغىچە قالمىغانىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ ئاشۇنداق پاكىز كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئاپام ياتقان ياتاق بىلەن ئىشخانام بىرنەچچە قەدەملا كېلەتتى، بىراق ئاپام بىرەر قېتىممۇ مېنى ياتىقىغا چاقىرتىپ باقمىدى. ھەر قېتىم قېشىغا كىرسەم ‹‹ئاغرىقلار سېنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىق›› دەپ مېنى قوغلاپ تۇراتتى. بىراق بىلىمەن، ھەر قېتىم ئاپامنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتكىنىمدە، ئۇ قىيمىغان ھالدا ئارقامدىن قارام يىتكۈچە قاراپ ياتاتتى. مەن ئاپام بىلەن بىللە بولغان بەختلىك كۈنلەرنى مىنۇت بىلەن ھېسابلىسام، ئاپام مېنى كۆرگەن ۋاقىتنى سېكۇنت بىلەن ھېسابلاپ تۇراتتى.
بىر كۈنى بىر ئاغرىقنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن گەپ تەگىشىپ قالدىم، كەيپىياتىم ناچار بولغاچقىمۇ، ئۆزۈمدىن بىرنەچچە قەدەم نېرىدا تۇرغان ئاپامغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. ياش بىر قىزنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەنىدى، دەل شۇ چاغدا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىر يىگىت دوختۇرخانىغا كەلدى. دوختۇرلۇق مەسئۇلىيىتىم بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئوغلىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلىشقا نەسىھەت قىلدىم. يىگىتنىڭ دادىسى قوشۇلدى، ئاپىسى مېنى ‹‹دوختۇر بولۇشقا، ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسكەنسىز، سىز ئانىنىڭ قەلبىنى پەقەت چۈشەنمەيدىكەنسىز، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوغلۇمنىڭ بىر تال مويىغا تېگىشىگە يول قويمايمەن›› دەپ ۋارقىراپ كەتتى. دوختۇر بولۇپ بۈگۈنگىچە بۇنداق قىيىن ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدىم. بىر تەرەپتىن، قىزنىڭ ئاپىسى يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن، يىگىتنىڭ ئاپىسى قوشۇلمايۋاتقان، ئاخىر نەسىھىتىمنى توغرا تاپمىغان ئانا ئازاب ئىچىدە تەلۋىلەرچە ۋارقىراپ كەتتى:
-نېمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلىشقا كۆندۈرمەيسىز؟
-مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. شۇنداق، سالماقلىق بىلەن ئويلانسام، مەن شۇنداق قىلالامدىم؟
بىر چاغدا مېنى چاقىرغان تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئاپام يۇم–يۇم يىغلىغىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
-بالام، مېنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردەمنى ئۇ قىزغا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ دېدى ئاپام.
ئىشخانا ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى، قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم، بۇ سۆزنى ئاپام قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ ئاپام ئەزەلدىن بىرەر ئەزاسىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىغىمۇ قىيمايتتى، بىراق ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىن كەمتۈك ھالدا كېتىشىنى خالاۋاتاتتى. ھەممىمىز ئاپامغا تىكىلگەنىدۇق، ئۇنىڭ چىرايىدا توساتتىن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىزىللىق پەيدا بولدى. ئاپام تەسلىكتە ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-بالام سېنى كۆرۈپ تۇرغۇم بار، مېنى كۆرگىلى قوي!
كۆز يېشىم تاراملاپ تۆكۈلدى، بۇ مېنىڭ ئاغرىقلار ئالدىدا تۇنجى قېتىم كۆز يېشى قىلىشىم، بىلىمەن، بۇ ئاپامنىڭ خوشلىشىش ئالدىدا مەن ئۈچۈن قىلغان ئاخىرقى ئىشى. ئاپام ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندىن باشقا، مېنىڭ ئوسال ئەھۋالدا قېلىشىمنى خالىماي مۇشۇنداق قىلىۋاتاتتى.
كېيىن يىگىتنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئۇ قىزغا تەقدىم قىلىشقا قوشۇلدى، چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئاپامنىڭكىدىن ياش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇمۇ ئوغلىنىڭ كۆزىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئاپامنىڭ سۆزىدىن مۇھەببەتنى ئەسلىدە مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى
.


ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-5-17 12:05:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئاپامنى كۆرمىگىلى تۆت كۈن بوپتۇ.زۇڭتۇڭ بىكار قالسۇن ئالدىراشلىقىمغا .....
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئاپامنى كۆرگىلى بارىمەن.مەيلى كېچە ئىشتىن چۈشسەممۇ ....
ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ئەكەپسىز گۈلۈم،ھەقىقەتەن مېھىر مۇھەببەت ھەرخىل شەكلىدە مەۋجۇت ،بىز ھېس قىلالىساقلا
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-5-17 18:11:54 | ئايرىم كۆرۈش
دادام ئۆيدە يوق،ئۈچ ئايلىق ئوقۇش دەپ يېزىدىن ناھىيلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئەكەتتى،ئۆپكە جىخىرىغا گىرىپتار ئاپام ئۆيدە يالغۇز قالدى،ئىنىم باشقا مەكتەپتە،سىڭلىم باغچىدا،بالام بىر ياش يەتتە ئايلىق بولدى،قورسىقىمدىكى بالام يەتتە ئايلىق بولدى،بىر تەرەپتىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىمىز دەپ تامچىلار ئىشلەۋاتىدۇ،شەنبە يەكشەنبە ئۆيۈمگە كېلىمەن،دۈشەنبە كۈنى ئاپامنىڭ يېنىغا قايتىمەن،ياكى چوڭ ئانام بېرىپ دەملىشىپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خاۋار ئالىمىز،ئاپام تېزراق ساقايسا بولاتتى،بارالمىغان كۈنلىرىمدە كەچكىچە ئىككى ئۈچ قېتىم تېلىفۇن قىلىپ بولىمەن،بالامنىڭ تاتلىق چۇقىراشلىرى بىلەن ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن،.......ھەي يامان كۈنگە قالدۇق...
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-5-17 22:11:59 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا  تەسىرلىككەن ،  
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-5-18 10:07:44 | ئايرىم كۆرۈش
ياقتۇردۇم،تۇرمۇش راستىنلا ئادەمنى ئالدىغا سىلىۋالىدىكەن.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-5-18 18:50:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2016-5-17 18:11
دادام ئۆيدە يوق،ئۈچ ئايلىق ئوقۇش دەپ يېزىدىن ناھىيلىك  ...

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ  ،  ئاپىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ياخشى بوپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-5-18 18:52:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتا - ئانىمىز  بىزنىڭ يۆلىنىدىغان تىغىمىز ، يايرايدىغان بىغىمىز ئىكەن .
ياخشى ئەسەر ئىلى كەلگىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:25 , Processed in 0.163338 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش