- جۇغلانما
- 200

بايلىق- 123 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
2-قىسىم
ئىككىنچى بۆلۈم چەكسىز ھەرىكەت
1. تاقىم ئاراللىرىنىڭ كىمىلىرى415
2. تاقىم ئاراللىرىنىڭ پورتلىرى 452
3. مەھبۇس كارۋانلىرى480
4. ئارالدىن ئارالغا498
3-قىسىم
ئۈچىنچى بۆلۈم ئەمگەك بىلەن يوقۇتۇش لاگىرى
1. ئاۋرېلنىڭ بارمىقى 17
2. ئاراللار لەيلەپ چىقتى 18
3. ئاراللاردا ۋابا تارقالدى 19
4. ئاراللارنىڭ قېتىپ قېلىشى 20
5. ئاراللارنىڭ تەكتى 21
6. رالى فاشىستقا ئايلاندى 22
7. يەرلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى 23
8. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدىكى ئاياللار 24
9. ھەرتۈرلۈك ئالۋانلار 25
10. سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى 26
11. ئىدىيىسى ساپلار 27
12. ۋاڭ-ۋاڭ-ۋاڭ! 28 ...
13. يەنە بىر قات تېرەڭنىمۇ تاپشۇر! 29
14. تەغدىرىڭنى ئۆزگەرتىمىز 30 !
15. ئايرىم جازا كامىرى، مەجبۇرى باشقۇرۇش قوتىنى، مەجبۇرى باشقۇرۇش مەيدانى 31
16. جەمئىيەتتىكى يېقىن كىشىلىرى 32
17. بالا جىنايەتچىلەر 33
18.
19.
20.
21.
22.
4-قىسىم
4-بۆلۈم روھ ۋە چېگرا سىمى
5-بۆلۈم ئېغىر جازا
6-بۆلۈم سۈرگۈن
7-بۆلۈم ستالىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن
第十八章 古拉格的缪斯 34
第十九章 泽克民族 35
第二十章 狗的职务 36
第二十一章 营旁世界 37
第二十二章 我们在建设 38
第四部 灵魂与铁丝网
第一章 向上 39
第二章 还是败坏?40
第三章 带“笼口”的自由 41
第四章 几个人的命运 42
第五部 苦役刑
第一章 在劫难逃 43
第二章 革命的微风 44
第三章 锁链,还是锁链… 45
第四章 怎么会忍受?46
第五章 铁板下诗篇,岩石下真理 47
第六章 坚定的逃跑者 48
第七章 一只小白猫 49
第八章 靠意志逃跑与靠技术逃跑 50
第九章 拿冲锋枪的孩子们 51
第十章 营区的土地在燃烧 52
第十一章 摸索前进,扯断锁链 53
第十二章 肯吉尔营四十天 54
第六部 流放
第一章 自由初期的流放 55
第二章 农瘟 56
第三章 流放地日趋茂密 57
第四章 放逐各族人民 58
第五章 刑满之后 59
第六章 流刑犯的幸福生活 60
第七章 出狱后的囚犯 61
第七部 斯大林死后
第一章 事到如今,左右为难 62
第二章 统治者易人,群岛依然在 63
第三章 今天的法律 64
مۇقەددىمە
1949-يىلى، مېنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ قولىغا پەن-تېخنىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ نەشرى قىلىۋاتقان "تەبىئەت" دېگەن بىر پارچە ژۇرنىلى چۈشتى. بۇ ژۇرنالدا ئۇششاق ھەرىپلەر بىلەن بېسىلغان غەلىتە بىر ئەسكەرتىش بار ئىدى. بۇ ئەسكەرتىشتە كولىما ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىش ئىشىدا بۇندىن تۈمەنلەرچە يىل ئاۋال يەر ئاستىدا توڭلاپ ساقلىنىپ قالغان مۇزدا، ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلانغان ئەۋرىشكىلەردە، شۇ دەۋرلەرگە تەۋە بېلىق ۋە سەمەندەر جانلىقلار قالدۇقى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇنى يازغان ئالىم مۇخبىر، شۇنچە ئۇزاق دەۋرلەردىن كېيىنمۇ بۇ قېدىمى ھايۋان ئەۋرىشكىلىرىدە قىلچىمۇ ئۆزگىرىش بولماستىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، شۇ مەيداندا بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ جانلىق ئەۋرىشكىلىرىدىن تەييارلانغان يېمەكلەرنى قاتتىق ئىشتەي بىلەن يېيىشكەنلىكىنى يېزىپتىكەن.
توڭلىغان بېلىقنىڭ شۇنچە ئۇزۇنغىچە ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر، بەلكىم "تەبىئەت" ژۇرنىلى مۇشتېرىلىرىدىن بەكلا ئاز كىشىنى ھەيران قالدۇرالىغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما دىققەتسىزلا يېزىلىپ قالغان بۇ خەۋەرنىڭ مەنىسىنى شۇ كىتاپخانلاردىن قانچىسى چۈشىنەلىگەندۇ؟
ئەمما بىز بۇ خەۋەرنىڭ ئەھمىيىتىنى شۇ ھامان چۈشەنگەن ئىدۇق. يەنى بىز، مۇزنى چېقىپ شۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن تارتقان جاپالارنى، كىشىلەرنىڭ شۇ مەيداندا ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى، سالامەتلىكىگە بىرەر تەسىر كۆرسىتىپ قالارمۇ دەيدىغان سالامەتلىك بىلىملىرىگە پىسەنت قىلىشماي مىڭلارچە يىل يەر ئاستىدا ساقلىنىپ قالغان بۇ گۆشنىڭ ئۇياق-بۇياققا سۈرۈلۈپ يۈرۈشلىرىنى، قىزىتىپ ئېرىتىلىشىنى ھەمدە پىشۈرۈپ يىگەنلىرىنى، قىسقىسى شۇ يەردە يۈز بەرگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇددى بىزمۇ شۇ يەردىكىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندەك كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشكەن ئىدۇق.
ئەسلىدە بىزمۇ شۇ ئىشلارغا قاتنىشىدىغانلار ئارىسىدا بولىشىمىز مۇمكىن ئىدى، بىزمۇ شۇ سەمەندەر بېلىقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرۈپ ھاياجاندا يايراپ كېتەر ئىدۇق دەپ كۆڭلىمىزدىن ئۆتكۈزمەي قالمىدۇق. چۇنكى بىزمۇ خۇددى شۇ نادىر كۆرۈلىدىغان قېدىمى بېلىق ئەۋرىشكىسىدەك دۇنيادا تەڭدىشى كۆرۈلمەيدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتچىلەر مەزھىبىنىڭ بىرەر ئەزاسى ئىدۇق.
كولىماغا كەلگەندىن كېيىن، جوغراپىيىلىك جەھەتتە پارچىلارغا بۆلۈنگەن، ئەمما چۈشەنچە جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ ئاجايىپ گۇلاگ ئېلىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە داڭلىق ئارىلى ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادا تەڭدىشى يوق قورقۇنۇچنىڭ بىر قۇتۇبى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. بۇ ئاراللاردىكى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بىلىندىرمەي ھېچكىمگە مەلۇم بولماي دېگىدەك كېلىۋاتقان بۇ ئەلنىڭ خەلقلىرى "مەھبۇس" دەپ ئاتىلاتتى.
گۇلاگ - ئانا ۋەتەننىڭ باغرىدىكى بىر يەر ئىدى. ئانا ۋەتەن بىلەن گۇلاگ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەست باغلانغان زېمىنلار ئىدى. بۇ يەردىكى تاقىم ئاراللار ئانا ۋەتەن شەھەرلىرى، كوچىلىرىغا ھۈكمىران بولغىنى، ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھەممە يەرگە كۆرسىتەلىگەن بولغىنىغا قارىماي بۇ ئاراللار خېلى كۆپ كىشىگە بىلىنمەي ياشاشنى قاملاشتۇرالىغان بىر يەر ئىدى. گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەرلەردە بىر ئىشلار بولىۋاتسا كېرەك دەپ گۇمان قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭغا قارىماي بۇ ئەلدە نېمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقىدىن ئېنىق خەۋەردار بولالايدىغانلار يەنىلا شۇ بۇ يەرگە بېرىپ كېلەلەيدىغان كىشىلەرلا ئىدى.
ئەمما ئۇ يەرگە بېرىپ كېلىدىغانلار گويا كىچىك تىلىنى يۇتىۋالغاندەك ھەرگىزمۇ ئۇ ئاراللار ھەققىدە تىنمايتتى.
بۇ تاقىم ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۇنچە بەك ۋاي دەپ كېتىشكە بولمىغىدەك دەسلەپكى خەۋىرىنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىمۇ تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بىلەن ئاشىكارىلانغان دېيىش مۇمكىن. بۇ ئىشنى تارىخىمىزدا كۆرۈلگەن بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىغا باغلىق بىر ھادىسە دېيىش كېرەك (يەنى ستالىننىڭ ئۆلۈمىگە باغلىق - تۈركچە تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى، يەنى "ت. ت. ئى"). ئەندىلىكتە بولسا، ئىلگىرى قولىمىزغا كىشەن سالغانلار "ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتەيلى" دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشتى: "ئۆتمۈشنى ئۇنۇتمىغاننىڭ بىر كۆزى كۆر بولغاي!" ئەمما بۇ كونا گېپىمىزنىڭ مۇنداقمۇ بىر ئۇزانتىسى بار ئىدى: "ئۇنتىغاننىڭ ئىككىلا كۆزى كۆر بولغاي!"
دەۋرنىڭ ئۆتۈشى ئونلىغان يىللار بىلەن خاتىرلىنىدىغان بولغىنى ئۈچۈن، بۇنچە ۋاقىتتىن كېيىن ساقايغان يارىلارنىڭ ئىزىمۇ قالمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئارالدا قالغانلارنىڭ بىر قىسمى بۇ جەرياندا تارقاپ كەتكەن، غايىپ بولغان، ئەستىن كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ئارىدىن بىرەر يۈز يىل ئۆتمەيلا بۇ ئاراللاردا ھاۋامۇ ئۆزگەرگەن، ئۇ يەرنىڭ پۇخرالىرىنىڭ ئىزلىرىمۇ خۇددى شۇ سەمەندەر بېلىقىدەك بەكلا ئۇزۇن قېدىمى تارىخ ئەۋرىشكىلىرىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان ھالغا كېلىپ بولىدۇ.
بۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىققىدەك غەيرەت مەندە قالمىغان ئىدى: ئۇ ۋاقىتلار ھەققىدىكى ئەمەلىي پاكىت بولالايدىغان ماتېرىياللارغا ئېرىشەلمىگەن ئىدىم، راست، ئۇنداق بىر ماتېرىيالنى كىممۇ قولغا چۈشىرەلىسۇن؟ ئۇ يەردە يۈز بەرگەنلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بولسا ئۇ ئىشلارنىڭ پاكىتلىرىنى يوق قىلىۋېتىشقا ۋاقتىمۇ يېتەرلىك ئىدى ھەمدە ئۇنتۇلدۇرۇشقا بۇندىن كېيىنمۇ يەتكىدەك ۋاقىت چىقىرالىشى شۆبھىسىز.
مەن ئۇ يەردە ئۆتكەن 11 يىللىق ھاياتىمدا بېشىمغا كەلگەنلەرنى مېنىڭ ئۈچۈن نۇمۇسلۇق بىر قىسمەت ياكى ئۇزۇن بىر قار بېسىش دەپمۇ قارىمايمەن. شۇنداق تۇرۇغلۇق، مەن ئۇنتۇلماس ھەم پاسكىنا ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، تىرىك ئىسكىلىتلەر، ھېلىغىچە ئۆلمىگەن شۇ يەردە ياشىغان سۇدىكى سەمەندەر بېلىقلىرىدەك جانلىقلار ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان بىر نەرسىلەر يازسام، قىزىققىدەك ئادەم تېپىلارمۇ؟
بۇ كىتاب، يالغۇز بىرلا ئادەمنىڭ تىرىشىشى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىرىشقا بولىدىغان بىر كىتاب ئەمەس. يازغانلىرىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانلىرىم، ئۆز بەدىنىم بىلەن تېتىغانلىرىم ھەمدە ئۆزەم خاتىرلىغانلىرىمدىن باشقىلىرى، ماتېرىيال سۈپىتىدە 227 كىشىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەنمۇ يۇغۇرۇلۇپ يېزىلدى.
بۇ كىشىلەر بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ماڭا سۆزلەپ بەردى، خەت يېزىپ بىلدۈردى، مەلۇمات بەردى.
مەن ئۇ كىشىلەرگە بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن شەخسەن رەخمىتىمنى بىلدۈرەلمەيمەن: بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز شۇ يەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەمدە قىيىن-قىستاقلاردا ئازاپلىنىپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تىكلەنگەن بىر ئابىدە بولۇپ قالغۇسى.
بۇ كىتاب ئۈچۈن ياردىمىنى ئايىمىغان، كۈتۈپخانىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ مەن ئۈچۈن بىبىلوگرافىك ماتېرىيال توپلىشىپ بەرگەن، بازاردىن تاپقىلى بولمايدىغان، پەقەتلا قىرائەتخانىلاردىنلا تاپقىلى بولىدىغان كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بۇ كىتابىم ئۈچۈن لازىملىق ماتېرىيال توپلىشىپ بەرگەن، بولۇپمۇ شۇ قورقۇنۇشلۇق كۈنلەردە قوليازمىلارنى قاچۇرۇپ يۈرۈپ ساقلىغان ۋە كېيىن بۇ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ چىققانلارنىڭ ئاتلىرىنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم.
ئەپسۇس، تا بۈگۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشىكارىلاشقا بولىدىغان پەيىت تېخى كەلمىدى.
سولوۋسكى مۇناستىرىدىكى لاگىرنىڭ كونا مەھبۇسلىرىدىن بىرى بولغان دمىترى پېتروۋىچ ۋىتكوۋسكى بۇ كىتابنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئۆستىگە ئالماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۆمىرىنىڭ يېرىمىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ۋىتكوۋسكى، بەكلا بالدۇر پارالېچ بولۇپ قالىدۇ. ئۇ لاگىردا يازغان ئۆز ئەسلىمىلىرىنى "يېرىم ئۆمۈرۈم" دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىغان بۇ دوستىمىز، تىلىدىن قالغاندىن كېيىنلا ئاران يازغانلىرىمنىڭ بىر قانچە بۆلۈمىنى ئوقۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ دوستىمىزمۇ مېنىڭ ھەممىنى تولۇق يېزىپ چىقالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلالىغان ئىدى.
ۋەتىنىمىزدە ئەركىنلىكنىڭ پارلىشى خېلى كېچىكىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسىرىم قولدىن قولغا ئۆتۈپ كىتابخانلىرىمنىڭ بېشىغا بالا بولۇشقا باشلىغىدەك قىلسا، ئۇ چاغدا، كەلگۈسىدىكى كىتابخانلارغىمۇ ئۇلاردىن، يەنى شۇ يوقىتىلغانلاردىن سالام يوللاش ھەمدە رەخمىتىنى يەتكۈزۈشنى داۋام قىلىۋېرىمەن.
1958-يىلى كىتاب يېزىلىشقا باشلىغىنىدا يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ئۈستىدە يېزىلغان ئەسلىمىلەر ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە پەقەتلا خەۋىرىم يوق ئىدى. بۇ ئىش ئۈستىدە ئىش باشلىغىنىمدىن كېيىن، يەنى 1967-يىلىغا كەلگىچە تەدرىجى تۈردە ۋارلام شالاموۋنىڭ "كولىما ھىكايىلىرى" ھەمدە د. ۋىتكوۋسكىنىڭ، ئې. گىنزبۇرگنىڭ، ئو. ئاداموۋانىڭ ۋە ھەممىگە مەلۇم بولغان ۋەقەلەردىن (بەرىبىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم بىلىنىپ قالىدىغان) سۆز باشلىغىنىدا چوقۇم بۇ ئىشلار ئۈستىدىمۇ توختىلىشقا مەجبۇر بولىشى چوقۇم ئىدى.
ۋىژدانغا خىلاپ ھەمدە مەقسەتكە زىت بولغىدەك قىلسىمۇ بۇ ئەسىرىم ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىشى جەھەتتە ئەڭ چوڭ ياردەم م. ي. سۇدراپتىن – لاتسىستىن، ئۇزۇندىن بېرى باش مۇفەتتىشلىك قىلغان ن. ي. كرىلېنكودىن، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى ئا. ي. ۋىشىنىسكىدىن ۋە ياردەمچى قانۇنچىلاردىن كەلدى. قانۇنچىلار ئارىسىدىن ئى. ل. ئاۋېرباخ نىمۇ تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمەن.
ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئارىسىدا ماكسىم گوركى بىلەن بىر قاتاردا يەنە36 نەپەر سوۋېت يازغۇچىسىمۇ بار ئىدى. ئۇلار بېلومورقانال ئۈچۈن بېسىلغان كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن ئىدى. يەنى يۈزىگە داغ چۈشىرىدىغان ئەسەردە كىشىلەرنىڭ قۇلدەك ئىشلىتىلىشى سىستېمىسى ئۇرۇس ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم مەدھىيلەنمەكتە.
بىرىنچى بۆلۈم
تۈرمە سانائىتى
پۈتۈن ئەتراپ دۈشمەن بىلەن قورشالغان "دىكتاتۇرلۇق دەۋرى" مۇھىتىدا، بىز شۇنچە ساددىلىق بىلەن بەزىدە بىكارغىلا مۇلايىملىق، مەرھەمەتلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېتىمىزكەن. “
_ مۇپەتتىش كرىلېنكوۋ
"ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى" سوتىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن
1. قولغا ئېلىنىش
بۇ سىھىرلىك تاقىم ئاراللىرىغا قانداق بارغىلى بولىدۇ؟ ئۇ يەرگە ھەر دائىم ئايروپلان ئۇچۇپ تۇرىدۇ، پاراخوت، پويىز قاتناپ تۇرىدۇ - ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىدە نەگە ماڭغانلىقى ھەققىدە بىرەر يېزىق يوق. ئەگەر سىز مەيلى بىلەت ساتقۇچىسى بولسۇن، سوۋېت ساياھەت پونكىتى ياكى خەلقارالىق ساياھەت شىركىتىنىڭ خادىملىرىدىن بولسۇن، ئۇلاردىن ئۇ يەرگە بارماقچى بولۇپ بىلەت ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇلار ھەيران بولغان ھالدا چىرايىڭىزغا قارىشىدۇ. ئۇلار مەيلى بۇ ئارالارنىڭ بىرەرسىدىن ياكى باشقىسىدىن بولسۇن ھېچ بىرىنى بىلمەيتتى، ئۇلار بۇنداق بىر يەرنىڭ بارلىقىدىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى.
بۇ ئاراللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ماڭغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئىچكى ئىشلار كومىسسارلىقى – م ۋ د (مىنىستېرسۋو ۈنۇترېننىخ دېل – ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سۆزىنىڭ باش ھەرىپلىرى – ت. ت. ئى) نىڭ مەكتىبىنى پۈتتۈرگەنلەر بولاتتى.
ئۇ ئاراللارنى قوغداش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي تەرەپ ئىۋەرتىدىغان ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان.
ئەمما ئۇ يەرگە ئۆلۈم ئۈچۈن ماڭغانلار خۇددى سىزنىڭدەك، مېنىڭدەك ۋە بۇرۇنقىلارنىڭ ھەممىسىلا چوقۇم قولغا ئېلىنغانلاردىن بولاتتى. ئۇ يەرگە بېرىشنىڭ باشقا يولى يوق.
قولغا ئېلىنىش! بۇ دېگەنلىك سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىزدىكى تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىشى، خۇددى گۈلدۈرمامىلىق بىر كۈندە دەل سىزنى تاللاپ بېشىڭىزغا چاقماق چۈشكىنىدەك بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
بۇنداق بىر ئىش ھەممە كىشىنىڭ بېشىغا كېلىۋەرمەيدۇ. سىزنى ئۇجۇقتۇرۇپلا قويىدىغان، ئەقلىڭىزنى يوقۇتۇپ قويۇشىڭىزغا سەۋەب بولىدىغان بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان ئېغىر روھىي زەربە. بەزى كىشىلەر بۇنداق ئېغىر زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ساراڭلىقى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇسىز؟
بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى كائىناتنىڭ بىرەردىن مەركىزى دەپ ھېسابلايمىز. بۇ دېمەك، كائىناتتا قانچىلىك جانلىق بولىدىكەن شۇنچىلىك مەركەز بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئەگەر بىرسى كېلىپ سىزگە "قولغا ئېلىندىڭ" دەپ پىچىرلىغاندەك ئۇقتۇرغىدەك بولسا، سىز دەل شۇ پەيتتە بېشىڭىزغا ئاسمان گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك ھېس قىلىسىز.
سىز قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن "بۇ ئېغىر زەربىدىن كېيىن بۇ دۇنيادا يەنە نېمە قالدى؟" دەپ ئويلايدىغانلىقىڭىز ئېنىق.
ئەمما گالىۋاڭلىشىپ قالغان بۇ كاللا بۇنىڭدەك ئاسمان گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك ئېغىر ۋەقە ئالدىدا ھېچ نېمىنى ھېس قىلالماي گالۋاڭلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇ چاققىچە ھاياتلىقتا شۇنچە كۆپ تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغانلىقىمىزغا قارىماي، دۇنيادىكى ئەڭ زىرەك ياكى ئەڭ ساددا بولغىنىمىزدىمۇ ئوخشاشلا نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي ھۇجۇقۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار شۇ پەيىتتە ھاياتى بويىچە شۇنچە كۆپ تەجرىبە توپلىغان بولىشىمىزغا قارىماي ئەقلىمىزگە ئارانلا مۇنۇ بىر جۈملە سۆز كېلىشى مۇمكىن:
"يەنى مەنمۇ؟ نېمىشقا؟!"15
بىزدىن بۇرۇنمۇ كىشىلەر بۇ سۇئالنى مىڭلارچە، مىليونلارچە قېتىم سوراپ باققان، ئەمما ھېچ كىم بۇنىڭ جاۋابىغا ھېچقاچان ئېرىشەلىگەن ئەمەس. (چېكىدىكى رەقەم تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ بەت نومۇرى – ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن)
قولغا ئېلىنىش – بۇ ئەھۋال، بىر كىشىنىڭ تۇيۇقسىزلا پۈتۈنلەي باشقا بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر.
بىز بەلكىم ئەگرى-توقايلىقلار بىلەن تولغان بۇ ئۇزۇن ھاياتىمىز جەريانىدا بەزەن قاتتىق خۇشال بولۇپ يۈگۈرگىنىمىزچە، بەزەن قاتتىق كۆڭلىمىز يېرىم پۇتىمىزنى ئاران سۆرىگىنىمىزچە بۇنىڭدەك قورغان تاملىرىنىڭ ئوڭ ياكى سول يېنىدىن تالاي قېتىملاپ ئۆتكەن بولىشىمىز مۇمكىن، يەنى كونىراپ كەتكەن تاختايلار بىلەن، تىكەنلىك چېگرا سىملىرى بىلەن توسالغان، خىش-كېسەكلەر بىلەن قوپۇرۇلغان، سىموت-بىتونلار بىلەن قورشالغان، تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن ئايرىلغان تام-توساقلار بويىدىن ئۆتكەن بولىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز بۇ ئىگىز توساقلار كەينىدە، بۇ مۇستەھكەم تاملارنىڭ كەينىدە نېمە باردۇ دەپ بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ باقمىغان، كەينىدە نېمە باردۇ دەپ قىزىقىپ بوينىمىزنى سوزۇپ قاراپ بېقىش خىيالىغا پەقەتلا كەلمىگەن بولىشىمىز مۇمكىن. ئەمما گۇلاگ ئۆلكىسى ئەسلىدە ئەنە شۇ يەردىن، يېنىمىزدىن ئىككى مېتىردەكلا نېرىدىن باشلىنار ئىكەندۇق. ھەتتا بۇنداق قورغانلارنىڭ ئىچىدە تولۇق نىقاپلانغان، بەكلا پۇختا تاقىلىدىغان ھەرخىل چوڭ-كىچىكلىكتىكى ئىشىكلەر بىلەن تولغان بولىدىكەن. بىز ئۇلارنى پەقەتلە كۆرەلمەيدىكەنمىز. ئەسلى بۇنداق يەرلەر پۈتۈنلەي بىز ئۈچۈن تەييارلانغان كامىرلار ئىكەندۇق. شۇنداق، ئەنە شۇنداق ئاپەتلىك ئىشىكلەردىن بىرسى ئېچىلىپ، ئۆمۈرىدە بۇنداق ئېغىر ئىشلاردا ئىشلەپ كۆرمىگەن، ئۆزىنى ئاسىراپ چوڭ بولغان، ئەمما قولىغا ئېلىشقىنىنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشنى ياخشى بىلىدىغان بىر جۈپ يىگىت پۇت-قولىمىزدىن، مۆرىمىزدىن، ھەتتا قۇلاقلىرىمىزدىن قامىلىغىنىچە چىڭ تۇتۇپ سۆرىگىنىچە شۇ كامارلاردىن بىرسىگە، بىزنى قايتىدىن بۇرۇنقى ھاياتىغا قايتىپ كەتمىسۇن دەپ ئايرىپ تۇرىدىغان شۇ ۋەھىمىلىك ئىشىكتىن سۆرىگىنىچە ئەكىرىپ تاشلاپ، ئىشىكىنى قايتا مەڭگۈ ئېچىلماسلىقى ئۈچۈن ئىتىپ قۇلۇپلىۋېتىشىدۇ.
ئىش تامام. سىز ئەندى قولغا ئېلىنغان بىرىسىز!
بۇنىڭغا سورالغان ھەرقانداق بىر سۇئالىڭىزغا جاۋاب ئالالمايسىز. سىز پەقەت قوزىنىڭ مىرىلدىغىنىدەكلا مىرىلداپ سورىيالايسىز:
"مەن ... مەن ... قولغا ئېلىندىممۇ، نېمە ... نېمە قىلغىنىمغا؟"
قولغا ئېلىنىش دېمەك، كۆز قاماشتۇرغىدەك كۈچلۈك چاقماق چېقىلغاندەك، كۈچلۈك بىر زەربە يېگەندەك بىر ھادىسە. بۇ ئىككى زەربە بىرلىشىپ بۈگۈنىڭىز ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ، مۇمكىن ئەمەس دەيدىغان ئىش بۈگۈنىڭىزگە ھۈكمىران بولىدىغان بىر رىياللىققا ئايلىنىدۇ، تامام. ھەتتا سىز بۇنى قولغا ئېلىنغان تۇنجى دەقىقىلەردىلا ئەمەس بەلكى ئارىدىن ئۆتكەن بىر قانچە سوتكىغىچە چۈشىنەلمەيسىز، ئەقلىڭىز جايىدا قېتىپ قالغاندەك ھېچنېمىنى ئويلىيالماس بولۇپ قالىسىز.
سىرىك ئويۇنلىرىدا كۆرگەن دېكلىراتسىيە قىلىنغان قەلەيدىن ياسالغان ئايلارغا ئوخشىغان بىر خاتالىق بۇ، چوقۇم توغرىسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ، دېگەنگە ئوخشايدىغان ئۆزىڭىزنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان خىياللارنى قىلىشقا كىرىشىسىز.
شۇندىن كېيىن ئەتراپىڭىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، خۇددى ئوقىغان رومانلىرىدا تەسۋىرلىنىدىغان بەدىئىي تەسۋىرلەردىكى مەنزىرىگە ئوخشايدىغان، كۆز ئالدىڭىزدا روي بېرىۋاتقان بۇ قولغا ئېلىنىش دەيدىغان ئەنئەنىۋىي قاراشلارنى ئوڭدا-دۈمدە قىلىۋېتىلگەن كاللىڭىز زادىلا قوبۇل قىلالمايدۇ. پەقەت سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەردە ھەمدە ئىش ئورنىڭىزدىكى يېقىن تۇنۇشلىرىڭىزدىلا بۇ تۈر مەنزىرىلەر رىياللىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
كەچتە چېلىنغان قاتتىق قوڭغۇراق ئاۋازى ياكى ئىشىكلەرنىڭ ئېچىلىپ يېپىلىشىدىن ئاڭلانغان كۈچلۈك ئاۋازلار، كىرىۋاتقان گۇندىپايلارنىڭ چوتكىلانمىغان پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەن ئۆتۈكلىرىنىڭ گۈرسلىگەن ئاۋازىنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ كېلىۋاتقان شاھىتنىڭ قورققىنىدىن تاتىرىپ تىترەپ كېلىۋاتقان چىرايى كۆرۈنىدۇ (بۇ يەردە شاھىتلارنىڭ نېمە ئىشى دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. نېمە سەۋەپتىندۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچى بۇنىڭ سەۋەبىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، مەسئۇل خادىملارمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ، ئەمما بۇ بىر بەلگىلەنگەن قائىدە. چاقىرىلغان بۇ شاھىت ئۇ يەردە تاڭ ئاتقىچە ساقلايدۇ، ئاندىن سوراق قىلىنغان تۇنۇشىنى قارىلاش ئۈچۈن قولىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇنداقلار ئۆيىدىن چاقىرتىلىپ كېچىچە ئۇياق-بۇياققا چاپتۇرۇلۇپ ئۆز خوشنىلىرىنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى قولغا ئالدۇرۇشنىڭ غىمىنى قىلىپ يۈرىدۇ. بىر ھېسابتا بۇمۇ بىر زۇلۇم.)
ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللارغا ئۇيغۇن قولغا ئېلىنىشتا ئائىلە ئەزالىرى غالىلداپ تەمتىرەپ تىترىگىنىچە ئېلىپ مېڭىلىدىغان يېقىنى ئۈچۈن بىرەر قۇر كىيىم، بىرەر تۇغاچ سوپۇن، يەنە ئازىراق يەيدىغان نەرسىلەر تۈگۈپ بېرىش ئۈچۈن ئاۋارە بولىشىدۇ. ئەمما بۇ بىچارىلار تۈرمىدە نېمە لازىم، نېمىنى ئېلىپ كېتىشكە يول قويىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق.16 ئۇ يەرگە قايسى خىل كېيىم-كېچەكنىڭ ماس كىلىشىنى بىلەلمەي كەلگەنلەر بىلەن تالىشىپمۇ باقىدۇ، ئەمما كەلگەنلەر ئۇنىڭ گېپىنى قوپاللىق بىلەن كېسىۋېتىپ، ئۇ يەردە ھېچنېمىگە ئېھتىياجى يوق، ئۇ يەردە تويغىدەك تاماق بار، تۇرىدىغان يېرىمۇ ئىسسىق ئۆيلەر دېگىنىچە ئۆيدىكىلەرنى ئالدىرىتىپ كېتىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ بىرسىمۇ راس گەپ ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈنلا ۋارقىراپ ئادەم قورقۇتماقچى بولىشىدۇ.
ئەنئەنىۋىي قولغا ئېلىش ئۇسۇلىدا تەلەيسىز ئادەم ئېلىپ كېتىلگىنىدىن كېيىن، بۇ بىنانى بىر قانچە سائەتكىچە قوپال، رەھىمسىز كۈچلەر ئىگەللىشىدۇ. ئۇلار ئىشىكلەرنى چېقىپ ئېچىپ بىنانى بىكار قىلدۇرۇپ تامغا ئېسىلغان نەرسىلەردىن تارتىپ پۈتۈن نەرسىلەرنى سۈكۈپ يىغىپ ئوتتۇرلۇققا دۆۋىلىشىدۇ. قوپال ئۆتۈكلىرى بىلەن ئىزىپ چەيلەنگەن ئۆي سايمانلىرىنىڭ ئاۋازى كۆتۈرلىشكە باشلايدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆي ئاختۇرۇش جەريانىدا مۇقەددەس ھېسابلانغان نەرسىلەرنىمۇ ئاياپ ئولتۇرماي ئالدىغا كەلگەن ھەممىنى ئۇرۇپ چېقىپ بۇزۇپ چاچىدۇ. پاراۋۇزچى ئىنوشىن قولغا ئېلىنغىنىدا ئۆيىدە تېخى يېڭىلا ۋاپات بولغان بۇۋىقىنىڭ مىيىتى تاۋۇت ئىچىدە ياتاتتى. بۇ قانۇن يۈرگۈزگۈچىلەر جەسەتنى چىقىرىپ تالاغا چۆرۈپ تاشلاپ تاۋۇت ئىچىنىمۇ ئالا قويماي ئاختۇرۇپ چىققان؛ ئۆيلەردە مەيلى كېسەل ياتقانلار بولسۇن بىرنىمۇ قويماي سۆرەپ چىقىشىپ ئۇلارنىڭ گىپىسقا ئېلىنغان تېڭىقلىرىنىمۇ ئاياپ قويماي سۆكۈپ ئىچىدە يوشۇرغان بىرەر نەرسە تېپىلارمۇ دەپ ئاختۇرۇپ چىقىشىدۇ (1937-يىلى دوختۇر كازاكوۋنىڭ تەتقىقات يۇرتى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ۋاقتىدا ئۆزى كەشىپ قىلغان لىزات دېگەن دورا بىلەن داۋالاپ ساقايتقان مەجرۇھلار بىلەن بىمارلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىگە ئېتىبار قىلماستىن بوتولكىلاردا ساقلانغان دورا لىزات كومۇلاچلىرىنى كومۇتىتتىكىلەر تۆكىۋېتىشكەن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە بۇ دورا زەھەر ئىكەنمىش؛ ئۇنداقتا بۇ دورىلارنى نېمىشقا جىنايەت دەلىلى سۈپىتىدە ساقلىماي تۆكىۋېتىشكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ – ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى، يەنى س. ئى).
ئاسارە-ئەتىقە ھەۋەسكارى چېتۋېرۇخىننىڭ ئۆيىدە چار پادىشاھلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان بىر مۇنچە "بۇيرۇقنامە" لەر چىققان. بۇ بۇيرۇقلار ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، مۇقەددەس ئىتتىپاقلىق تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەمىرنامىلار، 1830-يىلقى كولېرا ۋاباسىغا مۇناسىۋەتلىك دۇئا قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەمىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسادىرە قىلىنغان.
تىبەتنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغان ئالىم ۋاسترىكوۋ ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخى ۋەسىقىلەر تارتىپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ تارىخى ماتېرىياللار ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بېرىپ ك گ ب نىڭ قولىدىن مىڭ تەستە قايتۇرۇپ ئالالىغان. شەرقشۇناس نېۋسكى قولغا ئېلىنغىنىدا ئۇنىڭ قولىدىكى تانغۇت (غەربىي شىيا) يېزىقلىرىمۇ مۇسادىرە قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ يېزىقلارنى ئوقۇش ئۇسۇلىنى تاپقىنى ئۈچۈن ئۆلۈپ 25 يىل ئۆتكەندىلا ئاندىن لېنىن ئوردىنى بېرىلىپ كەشپىياتى تولۇقلاپ مۇكاپاتلانغان.
كارگەردىنمۇ يەنسەي ئوستاكلارغا مەنسۈپ قەدىمى ھۈججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكەندىن كېيىن شۇ يېزىقلار ئاساسىدا بۇ قەبىلىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجات قىلىنغان يېزىقمۇ ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان يېزىق دەپ ئىشلىتىش چەكلىۋېتىلگەن. نەتىجىدە بۇ خەلق ئۆز يېزىقى يوق بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇلغان. بۇنىڭدەك ۋەقەلەرنى بۇنداق ئەدەبىيات تىلى بىلەن بىرمۇ-بىر بايان قىلىش ئۈچۈن بەكلا كۆپ بەتلەر سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئۆي ئاختۇرۇپ مۇسادىرە قىلىش ھادىسىسىنى خەلق قىسقىچە مۇنداق دەپ ئاتاشقان: قويمىغان نەرسىسىنى ئاختۇرۇش.
مۇسادىرە قىلغان نەرسىلەرنى بەزىدە ماشىنىلىق ئېلىپ مېڭىشسا، بەزىدە قولغا ئېلىنغان ئۆي ئىگىسىگە كۆتەرتىپ ئېلىپ مېىشاتتى. مەسىلەن، رۇسىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېنجىنېرى، ھەر دائىم كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتقان ئارخىكتور پالچىنسكىنىڭ تۇل قالغان ئايالى نىنا ئالېكساندروۋناغا يولدىشىنىڭ ھۈججەت ۋە خەت-چەكلىرى سېلىنغان تاغارنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ قايتا مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانغا ئېيىق ئىنى گ پ ئۇ نىڭ ئىشىگىكىچە كۆتەرگۈزۈپ ئاپارتقان.17
قولغا ئېلىنىشتىن كېيىن، ئۆيدە قالغانلارغا ئوڭ-تەتۈر قىلىۋېتىلگەن، كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە پەقەتلا ئىمكانى قالمىغان قۇپ-قۇرۇق ئۆيلا قالىدۇ، ئۇلار قولغا ئېلىنغان كىشىسى ئۈچۈن بىرەر نەرسە يەتكۈزۈپ بېرىش تاماسىدا ساقچى-تۈرمىلەرگە قاتىراپ دەرۋازىلارغا تەلمۈرۈش بىلەن كۈنى ئۆتىدۇ. ئەمما ھەر قېتىملىق ئالىدىغان جاۋابى ئوخشاش: "بۇ يەردە ئۇنداق بىرسى يوق!" "تىزىملىكتە ئىسمى يوق!" ئۇلار دەرۋازىلاردا ئېچىلغان كىچىك تۈشۈك پەنجىرىدىن ئەنە شۇ جاۋابنى ئېلىش ئۈچۈن لېنىنگرادنىڭ ناچار ھاۋا شارائىتىدا ئاز دېگەندە 5 كۈن ئۈچىرەتتە تۇرۇشاتتى. ئەنە شۇنداق قاتىراپ يۈرۈپ، تەلىيىڭىز بولسا بەلكىم ئالتە ئايدىن كېيىن، ياكى بىرەر يىل ئۆتكەندىلا ئاندىن مەھبۇسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشىڭىز، ياكى "خەت يېزىش چەكلەنگەن" دېگەن گەپنى ئاڭلىيالىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ مەنىسى "ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئېتىپ تاشلاندى" دېگەندەك بىر جاۋاب ئىدى (قىسقىچە ئېيتقاندا، بۇ ئىش خۇددى لېنىننىڭ 1910-يىلى بابۇشكىن ئۈچۈن يازغان ئۆلۈم خەۋىرىدە يازغىنىدەكلا بىر ئىش ئىدى: لەنەتلىك دەۋرلەردە ياشىماقتىمىز. ئادەملەر ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ، ئانىلارنىڭ، يولدىشىنىڭمۇ بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمايدۇ. ئۇلار غايىپ بولغان كىشىسىنىڭ خەۋىرىنى يىللاپ-يىللاپ ئالالماي يۈرىدۇ. راستىنى ئېيتسام، بابۇشكىن قوزغىلاڭ ئۈچۈن قۇرال قاچۇرۇپ يۈرەتتى. قولغا ئېلىنىپ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاندى. ئۇمۇ بۇنداق خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. بىزدەك قورقۇنچاق توشقان مىجەزلەرنى ئۇنىڭغا زادىلا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. – س. ئى).
دېمەك، بىز ئادەتتە قولغا ئېلىنىش دېگەننى ئەنە شۇنداق بىر ئىش دەپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن.
راست، يوقۇرىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك بۇنداق كېچىلەردە قولغا ئېلىشنىڭمۇ خېلى كۆپ پايدىسى بولاتتى: ئىشىك ئۇرۇلىشى بىلەن بىنا زالىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق قورقۇپ كېتىشىدۇ. ئىسسىق يوتقان ئىچىدە ياتقان كىشى قولغا ئېلىنىپ قاتتىق ئۈركۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا ئۇ كىشىنىڭ ئەقلى ھېچنېمىگە ئىشلىمەي قالىدۇ. كېچىدە قولغا ئېلىش بولغىنىدا قولغا ئالغۇچىلارمۇ ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشى مۇمكىن؛ بىر ۋوزىۋوت قۇراللىق ئەسكەر ئالدىدا تېخى كىيىمىنىڭ تۈگمىسىنىمۇ توپچىلاشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان قولغا ئېلىنغۇچى بىچارە تېخىچىلا تولۇق ئۇيقىسىدىن ئويغۇنۇپ كېتەلمەي دەلدۈش قىياپەتتە تۇرغان؛ ئاختۇرۇش ۋە يىغىشتۇرۇش جەريانىدا بىنا كورىدورى ئالدىدا بۇ بىچارە ئەسىرنىڭ يېقىنلىرىمۇ يىغىلىپ توپلىنىش پۇرسىتى بولمايدۇ؛ مۇكەممەل پىلانلانغان بۇنداق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە بۇ يەردىكى بىر ئۆيدىن يېقىندىكى باشقا بىر ئۆيگە باستۇرۇش، ئۇ يەردىن يەنە ئۈچىنچى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىش، ئەتىسى قايتىدىن باشقا ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىشتەك مۇشۇنداق زىنجىرسىمان داۋاملاشتۇرۇلىدىغان قولغا ئېلىش ھەرىكىتى جەريانىدا بەكلا ئالدىرىمىسىمۇ قولغا ئېلىشنى بەكلا تىنچ ۋە ئوڭۇشلۇق بىجىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. يەنى ئازلا ئادەم بىلەن خېلى كۆپ يۇرتداشنى قولغا ئېلىش ئىشىنى ئاسانلا پۈتتۈرىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇنىڭدەك كېچىدە قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇنداقمۇ بىر پايدىلىق تەرىپى بولىدۇ: خۇلۇم-قوشنىلار بىلەن كوچىدىكىلەردىن ھېچ كىم كىملەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، زادى قانچە كىشى قولغا ئېلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيدۇ. بۇنداق قولغا ئېلىشتا پەقەت يان قوشنىلارنىلا تىنىتىپ قويىشى مۇمكىن. يىراق قوشنىلار ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر بىرەر ۋەقە بولۇپمۇ تۇيۇلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك، كېچىسى تۈرمە ماشىنىلىرىنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چېپىشىپ يۈرگەن بۇ سىمونت يولدا تاڭ ئاتقىنىدا بىغەم ناخشا توۋلىشىپ، بايراقلىرىنى پولاڭشىتىپ گۈل-چىچەكلەرنى كۆتۈرۈشۈپ يۈرگەن ياشلار كېچىدە يۈز بەرگەن قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز مىغىلداپ ئۆتۈشۈپ خۇشال-خۇرام ئويناپ يۈرىشىنىلا كۆرەلەيدۇ.
ئەمما ئادەم تۇتۇشنى ئۆزىگە مەخسۇس كەسىپ قىلىۋالغان ياردەمچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قولغا ئېلىنىدىغان كىشىدە كۆرۈلگەن قاتتىق قورقۇپ كەتكەندىكى پاجىئەلىك قىياپىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى ئوغرى تۇتىۋالغىنىدەكلا ئادەتتىكىچە بىر ئىش ھېسابلىناتتى. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئادەم تۇتۇپ بېرىشنىڭ قانچىلىغان ئازاپلارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىدەك رەھىم قىلىش ۋىژدانىمۇ قالمىغان كىشىلەردۇر. ئادەم تۇتقىلى كەلگەنلەرنى قولغا ئېلىش قائىيدە-تۈزۈملىرىدىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەر دېگەندەك ساددا كىشىلەر دەپ ئويلاپ قالمايلى. ئۇلار بىلىدۇ، بۇنداق قائىدە-تۈزۈملەر ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ يەنىلا ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت، بۇنداق ئادەم تۇتۇش قائىدىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنداق قائىدە-تۈزۈملەر جەمئىيەت تۈزۈملىرىنى ئۆزىگە ئارقا تىرەك قىلىدىغان تۈرمە تۈزۈملىرىنىڭ بىر پارچىسى.18 قولغا ئېلىنىشنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، كېچىسى قولغا ئېلىش، كۈندۈزى قولغا ئېلىش، ئۆيىدىن قولغا ئېلىش، ئىش ئورنىدىن قولغا ئېلىش، يوللاردا قولغا ئېلىش، بىرىنچى قېتىم قولغا ئېلىش، قايتا-قايتا قولغا ئېلىش، بىردىن-بىردىن ياكى كوللىكتىپ قولغا ئېلىش قاتارىدىكى بەكلا كۆپ تۈرى بار. شۇنىڭدەك يەنە ئالدىن مۆلچەرلىنىدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدەك ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قاراپمۇ ئوخشىمىغان قولغا ئېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ (شۇنداقتىمۇ نەچچە ئون مىليوندەك قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرەرسىدىمۇ بۇنداق قارشىلىق كۆرسىتىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن). قولغا ئېلىنىشتا ئاختۇرۇشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ يەنە (بۇ جەھەتتە يەنە ئاختۇرۇش ئىشىنى ئۆگىتىدىغان مەخسۇس كەسىپى بىلىم تارماقلىرىمۇ بار ئىدى. مەن ئالمۇتادا مەكتۈپ ۋاستىسى ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرىدىغان قانۇنچىلارغا ئاتالغان مەخسۇس بىر رىسالە - قوللانمىنىمۇ قولغا چۈشەرگەن ئىدىم. بۇ قوللانمىدا بىر قىسىم قانۇنچىلارنى ئالاھىدە ماختاپ تىلغا ئالغان. ئۇلار بىر قېتىملىق ئۆي ئاختۇرۇشتا قىلچە زىرىكمەي 32 توننا – تۈركچە تەرجىمىدە 2 توننا بولۇپ قالغان – قىغنى، 6 كۇپ ئوتۇننى، ئىككى تاتۇر ماشىنا قۇرۇتۇلغان ئوتنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ ئاختۇرۇپ چىققانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ھەمدە پۈتۈن قورا-جايدىكى قارلارنى تازىلاپ ئاختۇرۇلغانلىقىنى؛ ئاختۇرۇشتا ئۆيدىكى ئۇچاقلارنىمۇ سۆكۈپ، قورادىكى يۇندا كۆلچەكلىرىنى بوشىتىپ، سۇ ئىدىشلىرىنى تۆكۈپ تىگىنى ئاختۇرپ چىققانلىقى؛ ئاختۇرۇلمىغان ئىت كاتىكى، توخو كاتىكى، كەپتەرخانىلارمۇ قالمىغانلىقى؛ كارىۋاتتىكى كۆپە-يوتقانلار سۆكۈپ تەكشۈرۈلگەنلىكى، ھەتتا بەدەنلىرىدىكى گېپىس، يارا تاڭغان داكىلار، ئالتۇن ياكى يالغان چىشلارمۇ ئىچىگە كىچىكلىتىلگەن ھۈججەت لېنتىسى يۇشۇرۇلغان بولمىسۇن دەپ سۆكۈپ قۇمۇرىلىپ تەكشۈرۈلگەنلىكى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ كىتابچە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلىنىپ ئوقۇتۇلغان بولۇپ، كىتاپتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئاۋال بەدەندىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئاخىرىمۇ تەكشۈرۈلۈپ بولغان نەرسىلەر ئارىسىدا يوشۇرۇپ قويغان بىرەر نەرسىنى قايتا ئېلىۋالغان بولمىسۇن دەپ يەنە شۇ بەدەن بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى؛ ئاخىرىدا يەنە شۇ تەكشۈرۈلگەن جايغا باشقا بىر سائەتلەردە قايتا تەكشۈرۈشكە بېرىشنىڭمۇ ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق تەكىتلەنگەن. – س. ئى) تېپىلغان نەرسىلەرنى تىزىملىتىش، ئۆي ياكى تۇرالغۇنى پىچەتلەش زۆرۈرمۇ، يولدىشى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئايالىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىش زۆرۈرمۇ، ئۇنداقتا بالا-چاقىلىرىنى تەربىيىلەش يەسلى-بالىلار باغچىلىرىغا ئاپىرىۋېتىش كېرەكمۇ، ياكى قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرگۈنگە يوللاش كېرەكمۇ، ۋە ياكى ئائىلىنىڭ چوڭلىرىنىمۇ يىغىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا قامىۋېتىش كېرەكمۇ دېگەندەك ئوخشىمايدىغان قېلىپلاردا قولغا ئېلىنىشلارمۇ بار ئىدى.
قولغا ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى بىر خىللا ئەمەس. ياق، ياق، بەكلا كۆپ شەكىللەر بويىچە قولغا ئېلىناتتى. ۋىنگىر قىزى ئىرما مېندەل (1926-يىلى) بولشوي تىياتىرخانىسىنىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى ئېلىۋالغىنىدىن بەكلا خۇشال ئىدى. يەنە كېلىپ ئالدىنقى قاتارلاردا بىر ئورۇننىڭ بېلىتى دەڭ. بۇ بىلەتنى كومىنتېرىن ئورگىنىدىن ئالغان ئىدى. ئاندىن بۇ قىز سودىيە كلېگېلنىمۇ تىياتىر كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇ ئاخشىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتۈزىۋالغاندىن كېيىن، بايىقى سوتچى ئېرمانى ئۇدۇل لۇبيانكا (لۇبيانكا - داڭلىق تۈرمە – س. ئى) غا يېتىلەپ ئاپىرىدۇ. ئەگەر سىز 1927-يىلىنىڭ كۈن نۇرى چاقناپ تۇرغان ئىيۇن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قولىدا سەل ئاۋال سېتىۋالغان قارامتۇل يېشىل رەڭلىك رەخت ئورالغان بولاقنى تۇتقىنىچە پوچى بىر ياش بىلەن بىرلىكتە پەيتونغا ئولتۇرىۋاتقان مەڭىزلىرى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەن سېرىق گۈزەل قىز ئاننا ئېكرىپكوۋانى كۆرگەن بولسىڭىز، شۇنى ئۇنۇتماڭكى، بۇنى ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق مۇھەببەت ئۇچرۇشىشى دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇ بىر قولغا ئېلىنىشتۇر. ئۇزۇنغا قالماي بۇ مەپە قارا دەرۋازىلىق لۇبيانكا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىدۇ (بۇنى ئەندىلا پەرق قىلغان پەيتونچى چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە ئەتراپقا قارايتتى. دېمەك، بۇ خادىملاردىن كرا پۇلىنى ئالالمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى). ئۇنۇتماڭكى بۇ بىر قولغا ئېلىنىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ رمانتىك چاخچاق ئەمەس. ئەگەر سىز (ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەندە) ئاق پلوت فورمىسى كەيگەن، ئۇچىسىدىن قىممەتلىك ئەتتىر پۇرىقى كېلىپ تۇرغان پلوت كاپىتانى – يۈزباشى بورىس بۇركوسكىنىڭ سۆيگۈنىگە بىر قۇتا تورت ئالغىنىنى كۆرسىڭىز بۇ تۇرتقا قىزنىڭ ئېغىز تېگەلەيدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭ. ئەكسىچە بۇ تورت تەكشۈرگىچىلەرنىڭ پىچىقىدا قوچىلىپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى، ھېلىقى يۈزباشىنىڭمۇ ئۆمۈرىدە كۆرۈپ باقمىغان كامىرغا تۇنجى قېتىم قامىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. مەيلى كۈپكۈندۈزى بولسۇن، مەيلى يولدا كېتىۋاتقاندا بولسۇن، ۋەياكى مىغىلداپ ئادەم قايناپ تۇرغان ئۇچۇقچىلىقتا بولسۇن قولغا ئېلىنىشلار ھەر دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ھەمدە بۇ تۈر قولغا ئېلىنىشلار شۇنچە ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. - بۇ ئىشتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ يەردە قۇربانلىق قىلىنغۇچى مەسئۇل خادىملارنىڭ ئارزۇسى بويىچە قىلىۋاتقان ئىشىنى ئەتىراپتىكىلەرگە بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بەكلا ئەدەپلىك سىلىق مۇئامىلىدە بولىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر ئارىسىدا قاخشاپ زارلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.19 قىزىق يېرى قۇربانلىقمۇ ئەدەپلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىشى ئىدى.
ئەمما ھەممىلا كىشى ئىشىكى گۈلدۈرلەپ ئۇرۇلۇپ باستۇرۇپ كىرش شەكلىدە قولغا ئېلىنىشى (بۇنداق ئىشىك قېقىشلار مەيلى بىنا باشقۇرغۇچىسى ياكى پوچتىكەچ نامىدا ئۇرۇلغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر) ناتايىن. ياكى ھەممىلا قولغا ئېلىنىشلار ئىش ئورنىدا يۈز بېرىلىشىمۇ ناتايىن. ئەگەر قولغا ئېلىنىش قارار قىلىنغان كىشى بەكلا سەزگۈر بىرى بولۇپ قالغىدەك بولسا، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇ كىشى پىششىق بىلىدىغان يەردە ئەمەس بەلكى ئۇنداق يەردىن ئايرىلىپ يىراقلاشقىنىدا ئىجرا قىلىنىدۇ – يەنى ئائىلىسىدىكىلەردىن يىراقلاشقىنىدا، خىزمەتداشلىرىدىن ئايرىلغىنىدا، يېقىن دوست-يولداشلىرىدىن ئايرىلغان پەيتلىرىدە، يوشۇرۇنغان يەرلىرىدىن سىرتقا چىققانلىرىدا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ: قولغا ئېلىنغۇچى بىرەرمۇ نەرسىسىنى يوق قىلىۋېتىشىغا پۇرسەت چىقىرالمايدىغان، سۇقۇپ قويۇش پۇرسىتى بولمىغان، باشقا بىر يەرگە يۆتكىۋېتىش ئىمكانىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان بولىشى كېرەك. ھەربىيلەر تەۋەسىنىڭ ياكى يوقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە كادىرلىرىنى قولغا ئېلىنىشقا توغرا كەلگىنىدە، ئۇلارغا ئاۋال يېڭى بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلۇپ، ئۇ يەرگە بېرىشى ئۈچۈن مەخسۇس ھەشەمەتلىك ۋاگون ياكى مەخسۇس پىكاپ ئايرىلىدۇ. ئاندىن سەپەر ئۈستىدە بىر بىر يەرلەردە قولغا ئېلىنىدۇ. ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان قولغا ئېلىنىشلارنى كۆرۈپ قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۈركۈپ كەتكەن، بىرەر ھەپتىدىن بېرى باشلىقىنىڭ ئالىيىپ قاراشلىرىدىن ئىمانى ئۈچۇپ كەتكەن نام-شەرىپىنىڭمۇ تايىنى يوق ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا چاقىرتىلىپ، مەسئۇل بىرسى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئۇچۇق-يۇرۇق كۈتىۋالغىنىچە سوچى (كاپكازىيىدە قارادېڭىز ساھىللىرىنىڭ بىرىدە داڭلىق ساياھەت يېرلىرىدىن بىرى. – س. ئى) ساناتورىيىسىگە بىر مەزگىل دەم ئېلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ياۋا توشقاندەك ئۈركىگەك بۇ ئادەم شۇ ھامان قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىدۇ: «بىكاردىنلا قورقۇپ كېتىپتىمەن، ئەسلىدە ھېچ ئىش يوق ئىكەندۇققۇ؟» دېگىنىچە باشلىقلىرىغا رەخمەت ئېيتقىنىچە ئۆيىگە قاراپ چاپىدۇ. ئايالىغا ساياھەت سومكىسىنى تەييارلىتىدۇ، پويىزنىڭ قوزغۇلۇشىغا يەنە 2 سائەت ۋاقىت بولىشىغا قارىماي پويىز ئىستانسىسىغا ئالدىرايدۇ. بۇ ئارىدا ئايالىنىڭ ئەزمىلىكىدىنمۇ رەنجىپ ئۈلگۈرىدۇ. پويىز ئىستانسىسىغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. پويىزنىڭ ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىغا خېلى بار. پويىز كۈتۈش زالىدا ياكى بىرەر بوتكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئازىراق پىۋا ئىچىپ ئولتۇرىدۇ. دەل شۇ پەيتتە بەكلا يېقىملىق بىرسى يېنىغا كېلىپ «ۋوي، بۇ پېتر ئىۋانوۋىچقۇ، مېنى تونىيالمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدۇ. بىزنىڭ قەھرىمانىمىز ھەر قانچە ئويلىسىمۇ يېنىدىكىنى ئەسلىيەلمەيدۇ: «كەچۈرىسىز، پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم» دەپ يېنىدىكى بۇ ناتۇنۇش كىشىگە دوستانىلىق بىلەن قارايدۇ. تونىيالمىغان بايىقى دوستى ئىۋاننوۋىچنىڭ ئايالىغا بۇرۇلۇپ ئەدەپ بىلەن «كەچۈرۈڭ، يولدىشىڭىزنى بىر مىنوت ئارىيەت بېرەلەرسىزمۇ؟» … دېگىنىچە ئىۋانوۋىچنى قولتۇقلاپ ئادەملەر ئارىسىدا بىردەمدىلا غايىپ بولىدۇ. بىرەر ئىش بولىدۇ دەپ قەتئىي گۇمان قىلمىغان بىچارە شۇ ئايرىلغىنىچە ئايالى بىلەن يا 10 يىل ئۆتكەندە ئۇچرىشالايدۇ ياكى مەڭگۈ كۆرىشەلمەيدۇ.
پويىز ئىستانسىسىدا ھەممە بۇرۇنقىدەك داۋام قىلىۋېرىدۇ، يېڭىراقتا بۇ يەردە بولغان ئىشلاردىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمايدۇ. ئاھ بىزنىڭ بۇ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان يۇرتداشلىرىمىزغا قاراڭ! ھەر قانداق بىر بىكەتتە گ پ ئۇ نىڭ شۆبىلىرى، ئۇنىڭغا قاراشلىق پونكىتلارنىڭ، سوراقخانىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدىغان ئادەملىرى ئۆكسىمەيدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتماڭ.
ھېچقاچان لاگىر ھاياتىنى تېتىپ باقمىغان بىرسى، بۇنىڭدەك يالغان تونۇشلارنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئاۋارىچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىشى بەكلا تەس. ئالايلۇق، سىز ئا ق ش ئەلچىخانىسىدىن بىرسى بولۇڭ، ئىسمىڭىز ئالېكساندىر د. بولسۇن دەيلى، سىزدەك بىرسىنى كۈپكۈندۈز گوركى كوچىسىدىكى مەركىزى تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىدا قولغا ئالالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ سىزگە يېقىنلاشقان تونۇشمايدىغان بىر دوستىڭىز ئالدىڭىزغا ئۈنۈپ چىقىشى، سىزگە قاراپ غۇلىچىنى ئاچقىنىچە «ۋاي بۇ ساشاغۇ، … كېرۈخاغۇ، … كۆرۈشمىگىلى راستىنلا ئۇزۇن بوپتۇ-ھە» دەپ ۋارقىرىغىنىچە كېلىپ سىزنى قۇچاغلاپ كېتىشى، «قېنى باشقىلارنىڭ يولىنى توسىۋالماي بىر چەتكە ئۆتۈپ ئازىراق مۇڭدىشىۋالمايلىمۇ،» دېگىنىچە بىر چەتتە تەييار تۇرغان پوبىدانىڭ يېنىغا سىزنى تارتىشى مۇمكىن. … (ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە تاسس ئاگېنتلىقىدىن قاتتىق غەزەپ بىلەن يېزىلغان بىر بايانات ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەر بارلىق گېزىتلاردا بېسىلىدۇ: ئالېكساندىر د. نىڭ يوقاپ كېتىشى توغرىلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ھېچ بىر خەۋەر يوق، دەپ يېزىشىدۇ).20 بۇنداق ۋەقەلەرنى بىرەر پەۋقۇلئاددە ۋەقە دېيەلەمسىز؟ (بىزنىڭ بۇ نوچىلىرىمىز موسكۋادىلا ئەمەس ھەتتا برۇكسەلدىمۇ ئەنە شۇنىڭدەك قولغا ئېلىشلارنى بېجىرەلىگەن. يەنى جورا بلېدنوۋنى ئەنە شۇ شەكىلدە قاچۇرۇپ كېلىشكەن).
خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭمۇ رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ: ناتىقلارنىڭ نۇتۇقلىرىنى، تىياتىر ئويۇنلىرىنى شۇنىڭدەك ئاياللار كېيىملىرىنىڭ خۇددى بىرلا زاۋۇدتا ئىشلەنگەندەك ئوپ-ئوخشاش چىقىدىغان بۇ دەۋردە، قولغا ئېلىنىش ئۇسۇللىرى ھەر نېمە دېگەن بىلەن ھەرخىل شەكىللەردە بولماقتا. سىز زاۋۇت دەرۋازىسىدىن كىرگىنىڭىزدە مۇتلەق تۈردە سالاھىيەت كارتۇشكىڭىزنى كۆرسىتىپ ئۆتىسىز. ئەمما دەل شۇ پەيتتە بىر چەتكە چاقىرىلىشىڭىز، شۇ يەردىلا تۇتۇپ كېتىلىشىڭىز مۇمكىن؛ سىزنى يەنە قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ 39 دەرىجە قىزىپ ھەربىي بالىنىستا ياتقان يېرىڭىزدىن تۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن (ئانس بېرنستېيىندەك)، بۇنىڭغا دوختۇرىڭىزمۇ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ (قېنى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگىدەك جاسارىتىنى كۆرسىتىپ باقمىسۇنمۇ!)؛ سىزنى ئاشقازان كېسىلىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتقان پەيتىدىمۇ تۇتۇپ كېتىشى (ن. م. ۋوروبيېۋ بىر مائارىپ مۇپەتتىشى ئىدى، 1930-يىلى ئۇنى قان ئىچىدە ياتقان يېرىدىن سۆرەپ ئاپىرىپ تۈرمە كامىرىغا سولىۋەتكەن) مۇمكىن؛ (كارپۇنىچنىڭ ئەسلىمىسى). سىز ناديە لېۈىتسكايا، ئانىڭىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن كۆرگىلى رۇخسەت سوراپ ئىلتىماس سۇنىسىز، دەرۋەقە بۇنىڭغا رۇخسەت بېرىلىدۇ، ئەمما بۇ رۇخسەت ئېتراپلىرىنىڭ توغرا-يالغانلىقىنى سورىۋېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت بولۇپ چىقىدۇ. كەينىدىنلا سىزنىمۇ قولغا ئېلىشىدۇ: ئاۋال سىزنى مەھەلىڭىزدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر دۇكىنىنىڭ مال زاكاس ئىشخانىسىغا چاقىرتىشىدۇ ۋە شۇ يەردە قولغا ئېلىشى مۇمكىن؛ يەنە سىزنى ئىسا رازىلىقى ئۈچۈن دەپ ئۆيىڭىزدە مېھمان قىلىپ قوندۇرىۋالغان دىندىشىڭىز سەرگەردانمۇ قولغا ئېلىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك يەنە سىزنى قولغا ئالىدىغان كىشى توك سائېتىڭىزنى تەكشۈرگىلى كەلگەن ئېلېكترچى ئۇستام، كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا سىزنى ئۇرىۋاتكەن ۋېلىسىپىتلىق، پويىزلاردا بىلەت تەكشۈرگۈچى، تاكسى شوپۇرى، بانكا ئامانەت قويۇش خىزمەتچىسى، كىنوخانا مەسئولى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك سىزنى قولغا ئالالىشى مۇمكىن. سەل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار قويۇن يانچۇقىدىن قان قىزىل رەڭلىك سالاھىيەت كىنىشكىسىنى چىقىرىشىپ بۇرنىڭىزغا تەڭلەپ نۇقۇپ قويىدۇ، خالاس.
بەزىدە بىرەرسىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك بىھۇدە خىيالىي قىلىقلارنى چىقىرىپ شۇنچە ئارتۇق كۈچەپ كېتىشەتتىكى، مۇنداق قارىماققا كىشىگە قولغا ئېلىش ئەمەس بەلكى بىر ئويۇن ئوينىلىۋاتقاندەك تەسىرات بېرەتتى. ئەسلىدە ئۇنچىلىك ئاۋارىچىلىك تارتىشمىسىمۇ قۇربانلىقنىڭ خىيالىدا قارشىلىق كۆرسىتىش دەيدىغان بىرەر خىيال ھەرگىزمۇ يوق ئىدى. ياكى بولمىسا قولغا ئالغىلى كەلگەنلەر بۇ تۈر كۈلكىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇنچە كۆپ كىشى بىلەن ئادەم تۇتقىلى كەلگەنلىكىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئاخلىماقچى بولىشامدىغانمىدۇ؟ ياكى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى خەلققە كۆرسەتمەكچىمىدۇ؟ ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا بۇنداق قولغا ئېلىنماقچى بولغان قورقۇنچاق ياۋا توشقانلارغا بىرەر پارچە چاقىرىق قەغىزى ئىۋەرتسىلا يېتىپ ئاشاتتى. شۇنداق قىلغان بولسىلا بۇ بىچارىلەر ئۆزلىكىدىنلا باشلىرىنى ئېگىپ كىچىك بوخچىلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە دەل ۋاقتىدا، ھەتتا مىنوتمۇ كېچىكتۈرمەي دەل ۋاقتىدا دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسى ئالدىغا ئۆزلىكىدىنلا يېتىپ كېلىشكەن، ئاندىن ئۇلارغا ئايرىلغان كامىرلارغا كىرىشىپ ئۆزىگە لايىق بىر بۇلۇڭغا چۆكۈشنى كۈتۈپ تۇرغان بۇلار ئىدى. (كولخوز سەھرالىرىدىكىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن، قاراڭغۇ كوچىلاردىن كىچىلەردە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەيدىغان يەرلىرىگىچە ئاۋارە بولۇپ تۇتقىلى بېرىشىنىڭ نېمە كېرىكى؟ يېزا كەنتلەرگە بېرىپ تۇتماقچى بولغانلارنى يىغىن ياكى سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز دەپ چاقىرتىپ كېلىپ شۇ يەردىلا قولغا ئېلىشسا بولمامتى؟ قوپال ئىشچىلارنى قولغا ئېلىشتىمۇ سېخ ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ كىرىپ تۇتسىلا يەتمەسمىدى؟)
دېگەندەك، ھەر قانداق بىر ماشىنىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بىر يۈك كۆتۈرۈش چېكى بولىدۇ. ئۇ ماشىنا شۇ چەكتىن ئارتۇق يۈك ئالالمايدۇ. ھەممە يەر قاتتىق چىڭىپ كەتكەن، ھەممە ھاياجانغا تولغان 1945~1946-يىللىرى، ياۋروپادىن يولغا چىققان ھەربىي پويىز قاتارلىرى كەينى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بۇ ۋاگونلاردىن كەلگەنلەرنى بىراقلا گۇلاگ تاقىم ئاراللىرىغا ئاپىرىپ سىڭدۈرىۋېتىش دەيدىغان ئۇيۇن ئوينىغاندەك ئاسان ئىشلار قالمىغان، ئۇ كۈنلەردە قولغا ئېلىش دېگەننىڭ ئەنئەنىۋىي قائىدىلىرىمۇ تۈپتىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. كەلگەن مەھبۇسلارنى مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىدىغان ئىشلارمۇ قالمىغان ئىدى؛ ئاقىبەتتە نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتار تۇرغۇزۇپ يوقلىما قىلىش بىلەنلا پۈتكۈزىلەتتى: مەسئۇل خادىم ۋاگون ئالدىدا قولىدىكى تىزىملىك بويىچە ئادەملەرنى بۇ پويىز ئىشلونىدىن يەنە بىر پويىز ئىشلونىغا يۈتكەپ قويسىلا قولغا ئېلىنىش رەسمىيىتى پۈتكەن ھېسابلىناتتى. 21
ئۇ يىللىرى، دۆلىتىمىزدە سىياسىي قولغا ئېلىنىشلارنىڭ تىپىك بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ گۇناھسىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىقىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىرسى بۇنداق بالادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دەيدىغان ئورتاق قاراش مۇھىتى پەيدا قىلىۋېتىلگەن، ھېچكىم گ پ ئۇ – ن ك ۋ د (گ پ ئۇ – گوسۇدارستۋېننويې پولىتىچېسكويې ئۇپراۋلېنىيې – دۆلەت سىياسىي ئىدارىسى؛ ن ك ۋ د – ناروننىي كومىسسارىيات ۋنۇترېننىخ دېل – ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەنىسىدە خەۋىپسىزلىك ئورگىنى – س. ئى) نىڭ قارارلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دەيدىغان ئومۇمىي يۈزلۈك قاراش پەيدا بولۇپ قالغان (مەسىلەن پاسپورت – كىملىك كارتۇشكا سىستېمىسىدا ئەنە شۇنداق ئورتاق قاراش تىكلەنگەن).
قولغا ئېلىش بىر تۈرلۈك ۋابا بولۇپ يېيىلىۋاتقان بىر دەۋرلەردە، كىشىلەر ئەتىگەن ئىشقا ماڭغان ۋاقىتلىرىدىمۇ، ئاخشىمى ئۆيىگە قايتىپ كېلىش-كېلەلمەسلىكىگە ئىشەنچى بولمىغانلىقىغا قارىماي، بىرەرسىنىڭ قېچىپ كېتىدىغان ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى (پەقەت بەكلا ئاز كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتى). بۇمۇ سىياسەت يۈرگۈزگىچىلەرنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. چۇنكى يۇۋاش قوي بەرىبىر قورادا قېلىشنى خالايدۇ-دە!
بۇمۇ ئەسلىدە قولغا ئېلىش يۇقۇملۇق كېسەل ئاپىتىنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى، ئاقىۋىتى نەگە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى. قانداق كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقى ھەمدە قانداق كىشىلەرگە چېقىلمايدىغانلىقىنى ھېچقانداق بىر ئىدارە ئېنىق بىر بەلگىلىمە قويمىغان بولۇپ، پەقەت سان توشقۇزۇشنىلا مەقسەت قىلىنغاندەك بىر نورىما ھەرىكىتى ئىدى. نورما تۇشقۇزۇشتا بەلۇم بىر مەقسەت بويىچە ئىش كۆرۈلۈشتىن باشقا يەنە ئۇدۇل كەلگەن بىرەر ۋەقەلەرگە قاراپمۇ بەلگىلىنەتتى: 1937-يىلى نوۋوۋچېركاسسكتىكى ن ك ۋ د ئورگىنىغا بىر ئايال كېلىپ بىر ئىشنى سورايدۇ. قولغا ئېلىنغان خوشنامنىڭ ئەمچەكتىكى بالىسى ئۆيىدە قالغىنى ئۈچۈن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىش تەھدىتى ئاستىدا قالدى. ئۇنى قانداق قىلماقچىسىلەر دەپ سورايدۇ. سەل كۈتۈپ تۇر، بۇ ئىشنىڭ قانداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقايلى دەپ كەلگەن ئايالنى ساقلىتىدۇ. كۈتۈش بۆلۈمىدە ئولتۇرۇپ كۈتكەن ھېلىقى ئايال، ئىككى سائەت بولغاندا ئىچكىرىدىن چىقىپ كەلگەن خادىملار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ بىر كامېرغا قاماپ قويۇلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار قولغا ئالىدىغانلار سانىنى تولدۇرالماي ئادەم تۇتۇشقا ئىۋەرتكىدەك ئادىمى يوق بېشى قېتىپ تۇرغان ئىكەن، نەق ئالدىغىلا ئۆزى مېڭىپ كەپتۇ-دەڭ! ئەندى تۈۋەندە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يۈز بەرگەن بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى: ئورشا (رۇسىيىنىڭ غەربىدە بىر شەھەر – تۈركچە تەرجىمان سەلىم تايغان ئىزاھاتى يەنى ت. ت. ئى) ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان لاتۋىيەلىك ئاندرېي پاۋېلنى ئۆيىدە قولغا ئېلىشقا كېلىدۇ. پاۋېل ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىش ئورنىغا كەينى دېرىزىدىن تاخلاپ چۈشۈپ قاچقىنىچە ئۇتتۇر سىبىرىيىگە بېرىۋالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇزۇنغىچە ئۆز ئىسمىنى يوشۇرماي ياشاپ كەلگەن پاۋېل، ئورشالىق ئىكەنلىكىنى سىر قىلىپ ساقلاپ كەلگەچكە پەقەتلا تۇتۇلماي يۈرىۋېرىدۇ. بۇ يەردە پاۋېل بىرەر قېتىممۇ ساقچىغا چاقىرتىلماي، ھېچكىمنىڭمۇ گۇمانىنى قوزغىماي يۈرىۋېرىدۇ. ئادەتتە بىرەرسىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ مۇنداق 3 خىل ئۇسۇلى بولاتتى: بىر بولسا تەۋە بولغان ئوبلاست تەۋەلىكىدە ئاختۇرىلاتتى، بىر بولسا تەۋە بولغان جۇمھۇرىيەت تەۋەلىكىدە ئاختۇرىلاتتى ۋەيا رېسبوپلىكىلار تەۋەلىكى ئىچىدە ئاختۇرىلاتتى. قولغا ئېلىنىش دولقۇنى يۈكسەك پەللىگە چىققان ئۇ يىللاردا ئادەتتە قولغا ئېلىنىش ئۈچۈن ئاختۇرۇش ئېلانلىرى باشقا ئوبلاستلاردا بەك رولى بولمايتتى. بىرەرسىنىڭ پاش قىلىشىدىن ياكى پەۋقۇلئاددە بىرەر ھەرىكەت سەۋەبىدىن ئاختۇرۇش ئېلانى چىقىرىلغان بىرەرسى خۇددى ئا. پاۋېلنىڭ قىلغىنىدەك دەرھال خوشنا ئوبلاستلارغا قېچىپ كەتكەنلەر ئاختۇرۇش دولقۇنى ۋاقتىدا قېچىپ كېتەلىگەن بولسىلا قايتىدىن ئۇنى تاپىمىز دەپ سۈرۈشتە قىلىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيتتى. ئەمما قورقۇنچاقلىق قىلىپ، ئامالسىز، تەغدىرگە بوي سۇنۇپ قېچىپ كەتمەي ناھقچىلىكنى تۈزىتىشكە يول ماڭىمەن دەپ ئۆز يېرىدە جاھىللىق بىلەن تۇرىۋالغانلارلا قولغا ئېلىناتتى. قولغا ئېلىنىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئەنە شۇنداقلاردىن تەشكىل تاپاتتى.22
ئاختۇرىۋاتقان ئادىمىنى تاپالمىغان ن ك ۋ د تەشكىلاتى، قاچقۇننىڭ يېقىن تۇققانلىرىدىن شەھەردىن سىرتقا چىقمايمەن دەيدىغان ھۈججەت ئېلىۋېلىشاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا قېچىپ كەتكەن كىشىنىڭ ئورنىغا قالغان تۇغقانلىرىنى قولغا ئېلىش تۇرغانلا گەپ ئىدى.
ئوپچە گۇناھسىزلىق تۇيغۇسى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا بىغەملىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى. بەلكىم ماڭا چېقىلماس، بۇ دولقۇنمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ بىغەم يۈرىۋېرەتتى. ئا. ئى. لادىژېنسكىي، كىچىك بىر چەت ناھىيە بولغان كولوگرىۋ شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە غوللۇق ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. 1937-يىلى، بازاردا ئايلىنىپ يۈرگىنىدە يېنىغا بىر دېھقان قىياپىتىدە بىرسى كېلىپ بىرسىنىڭ گېپىنى يەتكۈزىدۇ: «ئالېكساندر ئىۋانوۋىچ، ئىسمىڭىز تىزىملىككە چۈشۈپ قاپتۇ، دەرھال قېچىپ كېتىڭ!» ئەمما ئالېكساندىر «مەكتەپنىڭ مەن باشقۇرماقتىمەن. ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ مەكتىبىمدە ئوقىۋاتقان تۇرسا مېنى قانداقمۇ قولغا ئالسۇن» دەپ كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ مەكتەپ مۇدىرى، ئۇنداق گەپلەرگە قىلچە ئەھمىيەت بەرمەي ئىشلەۋىرىدۇ. ئەمما ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنىدۇ. ھەممىلا ئادەم 14 ياشلىق ۋانيا لېۋىتسكىيدەك ئويلىمايدۇ-دە! «ھەرقانداق ساپ نىيەتلىك ئادەم چوقۇم تۈرمىگە كىرىشى كېرەك. بۈگۈن دادام قاماقتا، چوڭ بولسام مېنىمۇ تۈرمىگە سولىشىدۇ» (دېگەندەك، ئۇمۇ 23 ياش ۋاقتىدا قاماققا ئېلىنىدۇ). كۆپ ساندىكى كىشىلەر، «گۇنايىم بولمىغانىكەن، مېنى نېمىشقا قولغا ئېلىشىدىكەن» دەپ بەكلا بىغەملىك قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. ئەسلى بۇنداق ئويلاش پۈتۈنلەي خاتا ئىدى. سېنىمۇ پاتتىڭىڭدىن سۆرەشكىنىچە ئاپىرىپ سۇلىۋېتىشىدۇ. شۇڭا سەن يەنىلا ئۇقۇشماسلىق بولغان، چوقۇم بىلىپ قويىۋىتىدۇ دەپ بىغەم يۈرەلمەيسەن. بەلكىم سىزنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدىن تۇتۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ مەنىسى يوق بىر ئىشلار، ئەمما سىز شۇنداق پەيتتە كۆڭلىڭىزگە كېلىدىغىنى، گۇناھكار كىشى بەلكىم يېنىمدىكى باشقا بىرسى بولىشىمۇ مۇمكىن، مېنىڭ جىنايەتچى بولۇپ قېلىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم بىر ئۇقۇشماسلىق بولغان دەپ قولغا ئېلىش ئورۇنلىرىدىن يەنىلا ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىسى كۈتۈپ ئۈمىدلىنىشىڭىز مۇمكىن.
نېمىشقا قاچقىدەكمەن؟ … نېمىشقا قارشىلىق كۆرسەتكىدەكمەن؟ … ئۇنداق قىلسام بىكاردىن ئۆزەمنى گۇمانغا قويۇپ ئەھۋالىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋالمامدىم، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا توسالغۇلۇق قىلغان بولۇپ قالمامدىمەن؟ دەپ ئويلايسىز. قېچىش، قېچىپ كېتىش دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرۈش دېگەن نەدە. ھەتتا قولغا ئېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغىنىدا ئاۋاز چىقارما، خۇلۇم-قوشنىلار تۇيۇپ قالمىسۇن دەپ بۇيرۇق قىلسا، ئۇلارغا ماسلىشىپ ھە دەپ پەلەمپەيلەردىن پۇتۇڭنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ چۈشۈپ بېرىسەن تېخى! (ئۇندىن كېيىن لاگىرلاردا سۆرۈلۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزدە پۇشايمان قىلىپ مۇنداق ئويلاپ كېتىمىز: ئەگەر كېچىسى ئىشقا ماڭغان خىزمەتچىلەر ساق-سالامەت ئۆيىگە قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغان بولسا، ئىشقا ماڭغانلىرىدا ئۆيىدىكىلەر بىلەن خوشلىشار بولغىيمىدى؟ لېنىنگراد ئاھالىسىنىڭ تۆتتەن بىرى قولغا ئېلىنىپ قامىلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە يوشۇرۇنغىدەك بىرەر تۆشۈك ئاختۇرۇش ئورنىغا، ئەندى يوقۇتىدىغان نېمەم قالدى دېگەن خىيال بىلەن، بارلىق خەلق، تاپالىغىدەكلا نەرسىلەرنى، پالتا، بولقا، ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلىكى نەرسىلەرنى قۇرال قىلىپ قولغا ئالغىلى كەلگەن ھۆكۈمەت ئادەملىرىگە ئۆيلىرىدە قىلتاق قۇرۇپ تۈن يېرىمىدا ئادەم تۇتقىلى كەلگەنلەرنى ئۇجۇقتۇرۇش ئىمكانلىرى زادىلا يوقمىدى؟ ياكى يېرىم كېچىدە ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىدىغان بىرسىدىن بىرەر ياخشىلىق كۈتىدىغان يېرىڭىزمۇ بارمىدى؟ شۇنداق ئىكەن، بېشىغا سال، ئۇجۇقتۇر ئۇلارنى! ھېچ بولمىغاندا ئىچىدە يالغۇز شوپۇردىن باشقا ھېچكىم يوق شۇ ئادەم تۇتقىلى كەلگەن تۈرمە ئاپتوموبىلنىچۇ؟ تارتىۋېلىپ قېچىپ كەتكىلى بولماسمىدى ياكى چاقىنى يېرىپ يېلىنى چىقىرىۋەتسەڭچۇ؟ ھەممە شۇنداق قىلغان بولسا ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ تۇنجۇقتۇرلغان، قانخور ستالىننىڭ ئارزۇسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىنغان، نەتىجىدە بۇ ۋەھشى تۈزۈم پالەچ ھالغا چۈشۈرۈلگەن بولماسمىدى؟ ئەگەر ... ئەگەر ... ؟ ئەسلىدە بىزدە يوق بولىۋاتقىنى بۇنداق ئەگەرلەر ئەمەس بەلكى ئەركىنلىككە بولغان سۆيگۈ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كام بولىۋاتقان رىياللىققا تاقابىل تۇرغىدەك جاسارىتىمىز ئىدى. ئەسلىدە بىز 1917-يىلى، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن جاسارىتىمىزنى زايا قىلىۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن باش ئېگىشتىن باشقىنى بىلمىدۇق. ھەتتا باش ئېگىشتىن ھۇزۇرلىنىپ يۈردۇق. ... بۇ ھەقتە ئارتۇر رېنسون 1921-يىلى ياروسلاۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىشچىلار مىتىنگىنى مىسالغا كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى: كومپارتىيە مەركەزى كومۇتېتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئىشچىلار بىلەن سۆزلىشىشكە باشلايدۇ. ئۆكتىچىلەر ۋەكىلى بولغان ي. لارىن ئۇيۇشمىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىشچىلار تەبىقىسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش، غوجيىنلارغا قارشى ئاتلىنىش دېگەندەكلەر ئۈستىدە سۆزلەيدۇ. ئىشچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەي مۇنداقلا ئاڭلاپ قويغان ئىدى. ئۇلار كىمگە قارشى تۇرۇشلىرى كېرەكلىكىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىگەن ئىدى. ئەمما كومۇنىستىك پارتىيە ۋەكىللىرى ئوتتۇرغا چىقىپ كومپارتىيىنىڭ يولغا قويىدىغان سىياسەتلەردىن، ئىشچىلارنىڭ پاسكىنا، ھۇرۇن ھالغا كەلتۈرۈلگەن ھالىتىدىن، ناھەق، بىكارغا ئارتۇق ئىشلەش تەلەپ قىلىنىشلاردىن، ھەربىي ھالەت يولغا قويۇلىشىدىن، يىمەك-ئىچمەك ئازلىقىدىن سۆزلەشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، يىغىندىكى ئىشچىلار شۇنداق ئالقىش كۆتۈرۈشتىكى، كۆتۈرۈلگەن بۇ ئالقىش ساداسىدىن زال ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە ئازلا قالدى دېيىشكە بولاتتى. شۇندىن كېيىن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆرۈشكە باشلىدى. – س. ئى)23
راست، سىز نېمىگە قارشى تىركىشمەكچىدىڭىز؟ بەلبېغىڭىزنى تارتىۋېلىشتىن، ئۆت ماياققا، دېگەن بۇيرۇقىدىن قۇتۇلۇش، ياكى ئىشىكتىن سۆرەپ چىقىرىلىشىڭىزغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ قولغا ئېلىش دېگەن بۇ جەريان نۇرغۇنلىغان ھەرىكەت دېتاللىرىدىن تەشكىل تاپقان، شۇڭا ئۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ھەرىكەتلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇش، ئۇلارغا بىرمۇ-بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈستىدە باشقاتۇرۇپ يۈرۈشنىڭ قىلچە مەنىسى يوق (ھالبۇكى، قولغا ئېلىنىۋاتقان كىشىنىڭ كاللىسى \مېنى نېمىشقا قولغا ئېلىشىدۇ؟\ دەيدىغان تېخىمۇ چوڭ سۇئاللار ئۈستىدە باش قاتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ تۇرىۋاتقىنىدا ئۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى ئويلىنىشقا نەدىمۇ ۋاقتى بولسۇن!).
قولغا ئېلىنىۋاتقان شۇنچە سەبى بۇ ئادەم، كاللىسىدا، شۇ پەيتتە نېمىلەرنى ئويلىمايدۇ دەيسىز! بۇ سەبىينىڭ شۇ تاپتا ئەقلىگە كەلگەنلىرىنى يازىدىغان بولسا، چوقۇم قېلىن بىر رومان پۈتىشى مۇمكىن. بىز كۆز ئالدىىمىزغا كەلتۈرەلمىگەن ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى دېمەيلا تۇرايلى. 1921-يىلى 19 ياشلىق قىز ئېۋگىنىيا دويارېنكوۋ قولغا ئېلىنغان ۋاقتىدا 3 نەپەر ياش چىكا خادىمى ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى كارىۋېتىنى، ئىشكاۋىنىڭ تارتمىلىرىدىكى كېيىم-كېچەكلىرىنى چۇۋۇپ ئاختۇرىشىۋاتقىنىدا بىر بۇلۇڭدا تۇرۇپ تەكشۈرگىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزەتكىنىچە بىر خىيالىدا يوق قاراپ تۇرىدۇ. ئاختۇرغۇچىلارغا قولغا ئېلىشقىدەك بىرەر نەرسە بولمىغاچقا ئۇلارمۇ ھېچنېمە تاپالمايدۇ دەپ ئويلايتتى. بۇ ئاختۇرۇش ئىشى ئۇنىڭ ھەتتا ئاپىسىغىمۇ كۆرسەتمەي يوشۇرۇپ ساقلاپ كېلىۋاتقان كۈندىلىك ئىشلار يېزىلغان مەخپى خاتىرە دەپتىرىنى تېپىۋالغىچە داۋام قىلىدۇ. بايىقى قىزغا دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغان 3 نەپەر چىكا خادىمى بۇ خاتىرە دەپتىرىنى قۇرمۇ-قۇر ئوقۇشقا كىرىشىپ قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن قىز، پۈتكۈل لۇبيانكا گەمە قەۋىتىدىكى تۆمۈر رىشاتكىلىق كامىرلىرىدا كۆرىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشىدىنمۇ بەكىرەك چۈچۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە تۈرمىلەرگە قامىلىپ ھەددىدىن تاشقىرى ئازاپقا قالغىنىدىنمۇ ئېغىر قورقۇنۇچ پەيدا قېلىۋېتىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتلىرى تەسۋىرلىنىدىغان بۇنداق خاتىرىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن كېلىدىغان قورقۇنۇچ، سىياسىي قاراشلىرىنى زورلاپ تاڭماقچى بولۇپ قىيناشلىرىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ۋەقە ھېسابلىناتتى. ئادەتتە بۇنداق ئېغىر زوراۋانلىق مۇئامىلىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشتا قىلچە تەييارلىقى بولمىغان بىرى ئۈچۈن بۇنداق ئىچكى دۇنياسىنىڭ دەلىللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەھدىتكە ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيتتى ۋە ئاخىرى بەكلا ئاسان باش ئېگىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.
بەلكىم، ئەقىللىق ۋە جەسۇر كىشىلەرلا بۇنىڭدەك بىر زەربىگە تاقابىل تۇرۇشتا تەييارلىقتا تۇرالايدىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن.
پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە گيولوگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولغان گرىگورىيېۋ، 1948-يىلى قولغا ئېلىشقا كەلگەنلەر ئىشىكىنى ئۇرغىنىدا ئىچىدىن تاقىۋېلىپ بىر مۇنچە توساقلارنى قويۇپ ئىشىكىنى تىرەپ قويۇپ ئىككى سائەتكىچە تىركەشكىنىچە دەلىل بولغىدەك بارلىق ماتېرىياللىرىنى تىنماي كۆيدۈرۈپ تۈگىتىۋالغان.
بەزىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك ئۇف دەپ ئارام تېپىپ قالىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ. ھەتتا بۇنداق بىرسى قولغا ئېلىنىشتىن يايراپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. سەۋەبى، بۇنداق قولغا ئېلىنىش دولقۇنى قوزغالغان ۋاقىتلاردا ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. يەنى، پۈتۈن ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئىدىيىدىكى كىشىلەر بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىنىۋاتقان، ئەمما نېمىشقىدۇ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ ئۆزىگە پەقەتلا نۆۋەت كەلمەيۋاتقان، … شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسان ئىچكى دۇنياسى بۇنداق ئەھۋالغا پەقەتلا تاقەت قىلالمايدىغان، بۇنداق ۋەزىيەتتتە بەكلا ئېغىر ئازاپلىنىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنداق ئەھۋال روھىي جەھەتتىن ئاجىز كىشىلەردىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، ئىرادىلىك كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدەك ئەھۋاللار بۇرۇنمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. ئالايلۇق ئالېكساندر ئۇليانوۋ بىلەن يېكاتېرىنوۋدارلىق ئايال ئوقۇتقۇچى سەرژۇكوۋا ئەنە شۇنداق ئەھۋالغا قالغان. شۇڭا ئۇ ئىككىسىلا قولغا ئېلىنىشتىن ئالاھىدە راھەتلىشىپ قالغان. كېيىن نۇرغۇن قېتىم مىسالغا ئالىدىغىنىمىز كىشى، جەسۇر يۈرەكلىك كومۇنىست ۋاسىلىي ۋلاسوۋ، ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇشنى تەكلىپ قىلغان پارتىيىسىز دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى رەت قىلىدۇ.24 ئەمما ئۇنى قولغا ئېلىش نۆۋىتىنىڭ كەلمەسلىكىدىن شۇنچىلىك ئىچى سىقىلىپ كېتىدۇكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق تونۇشلىرى قولغا ئېلىنىپ بولغاندىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا نۆۋەت كەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئازاپلىنىپ كەتكەن (1937)، ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن راھەتلىنىدىغان مىجەزدىكى بىر كىشى ئىدى. دەرۋەقە، ئۇنىڭغىمۇ نۆۋەت كېلىدۇ: قولغا ئېلىنىپ خېلى كۈنلەرگىچە ئالاھىدە راھەتلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
1934-يىلى، پوپ ئىراكلىي سۈگۈن قىلىنغان جامائىتىدىكىلەرنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ئالمۇتىغا بارغان. بۇ ئارىدا ئۇنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆيى 3 قېتىم ئاختۇرۇلغان. شۇڭا ئۇنىڭ جامائىتىگە مەنسۈپ بىر قانچە ئايال، پويىز ئىستانسىسىدا ئۇنىڭ قايتىشىنى كۈتۈپ ئالدىغا چىققان، ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن پويىزدىن ئۇنى ئېلىپ ئۆيىگە ئاپارماي باشقا يەرلەردە يوشۇرۇپ يۈرۈپ 8 يىلغىچە قولغا ئېلىنىشتىن ساقلاپ قېلىشقان. ئەمما شۇنچە يىل قاچقۇن بولۇپ ياشاشتىن زىرىككەن بۇ پوپ، 1942-يىلى قولغا ئېلىنغىنىدا خوشاللىقىدىن تەڭرىگە مىڭ شۈكرى قىلىپ دۇئا قىلىپ كەتكەن.
بىز بۇ بابتا، ساپلا شۇ تۈرمىلەردىن بېرى كېلەلمىگەن، نېمە ئۈچۈن سولانغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان شۇ كۆپچىلىكتىن، بىزگە ئوخشاش كىشىلەردىن، ئۈركىگەك ياۋا توشقانمىجەزلەردىن پاراڭ قىلدۇق. ئەمما بۇ كىتابتا، يېڭى دەۋرلەردىمۇ سىياسىي ئەربابلاردىن بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز. ۋېرا رىباكوۋا – سوتسىيال سېموكاراتلارغا مايىل ستۇدېنت، پۈتۈن ئەركىن ھاياتى بويىچە سۇزدال تۈرمىسى (ۋىلادېمر ئوبلاستىنىڭ كىچىك شەھىرى بولغان سۇزدالدا بىر تۈرمە – ت. ت. ئى) گە قامىلىشنىلا ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتى. چۇنكى ئۇ، شۇنداق بولغىنىدىلا ئۇ يەرگە قامالغان ئوخشاش قاراشتىكى چوڭلىرى بىلەن بىرگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى خامخىيال قىلاتتى. (بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنمىغىنى يوق ئىدى) ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىنىدىلا ئىجتىمائىي تەلىم-تەربىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى. سوتسىيال دېموكرات بولغان يەنە بىر قىز – يىكاتېرىنا ئولىتسكايا، 1924-يىلى ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر تۈرمىگە قامىلىشقا شەرتى توشمىغانلىقىدىن بەكلا كۆڭلى يېرىم يۈرەتتى. چۇنكى ئۇ تۈرمىگە قامالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك رۇسىيىنىڭ ئەڭ نەمۇنىلىك كىشىلىرى ھېسابلىناتتى. ئۆزىنى ئۇلاردەك بىلىملىك، قابىلىيەتلىك ھېسابلىمىغاچقا ئۇلاردەك رۇسىيىگە پايدىلىق بىرى بولۇشتىن تېخى يىراق ھېس قىلىپ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولاتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىنلىكمۇ ئۆز قوچىقىنى ئاچمايدۇ. بۇ ئىككىلا قىز، ئىنتايىن خۇشال، ئىتايىن مەغرۇر بىر قىياپەتتە تۈرمىگە كىرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانداق زۇلۇمغا دۈچ كەلمىگەن كىشىلەر بىزنى «قارشىلىق كۆرسەتسەڭلار بولماسمىدى؟ نېمىشقا قارشىلىق كۆرسەتمىدىڭلار؟» دەپ ئەيىبلىشىدۇ. راست دەيدۇ. بېشىغا كەلمىگەنلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيدۇ ئەلىۋەتتە. ئەسلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش دەل شۇ قولغا ئېلىنىۋاتقان پەيتتە كۆرۈلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، كۆرۈلمىدى.
شۇڭا ئۇلار سىزنى قىينالمايلا تۇتۇپ كېتىشتى. كېچە كۈندۈز قولغا ئېلىش ئىشىدا قايتىلانماس قىسقا بىر مومېنت چوقۇم بولىدۇ: ئۇلار بىر بولسا يوشۇرۇن شەكىلدە، ئالدىن تىمسىقلىشىپ يۈرۈپ سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پۈتىشىۋالىدۇ، ياكى ئوچۇق ئاشكارە، تاپانچىلىرىنى ئېسىشقىنىچە كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ خۇددى سىزدەك يۈزلىگەن، مىڭلىغان گۇناھسىز ئەمما سىزدەك بېشىغا كېلىدىغان بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىن سىزنى تۇتۇپ كېتىۋېرىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئاغزىڭىز ئىتىپ قويۇلمىغان بولغاچقا يەنىلا ۋارقىراپ-جاقىرغىدەك پۇرسىتىڭىز بار ئىدى، خالايىق بۇلار مېنى تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ، مۇنۇ رەھىمسىز ئەبلەخلار كۈپ-كۈندۈز ئادەم تۇتىشىۋاتىدۇ، دەپ ۋارقىرىغىنىڭىزچە كىشىلەر توپىغا ئېلان قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان مۇنۇ رەھىمسىز ئەبلەخلەر بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىشىۋاتىدۇ، بىرسىلىرىنىڭ تۆھمىتى بويىچىلا بىگۇناھ قولغا ئېلىشىۋاتىدۇ دەپ ۋارقىرىسىڭىز بولاتتى، مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۈن-تۈنسىز قولغا ئېلىپ يوقىتىشماقتا دەپ ئۇقتۇرىشىڭىزغا بولاتتى. پۈتۈن كۈن بويىچە، شەھەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقىقىدا ئاڭلىنىدىغان بۇنداق ۋارقىراشلار،25 بەلكىم خەل ئاممىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنى پەيدا قىلالىشى، قولغا ئېلىشلارغا توسالغۇ پەيدا قىلالىشى مۇمكىن ئىدى.
1927-يىلىسى، يۇۋاشلىقىمىز مېڭىمىزغا ئۇنچە كۈچلۈك جايلىشىپ بولالمىغان دەۋرلەردە، ئىككى نەپەر چېكا (چرېزۋىچاينايا كومىسسىيە – پەۋقۇلئاددە ئەنجۇمان مەنىسىدە) خادىمى كۈپ-كۈندۈزدە سېرپۇخوۋ مەيدانىدا بىر ئايالنى قولغا ئالماقچى بولىدۇ. ئۇ ئايال كوچا چىرىقى تۈۋرىكىگە يېپىشقىنىچە ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدۇ. ماڭمايمەن دەپ تۈۋرۈككە چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. نەتىجىدە ئەتراپىنى كىشىلەر ئورىۋالىدۇ. (ئەسلىدە ئەنە شۇ ئايالدا بولغاندەك جاسارەت بولىشى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەنە شۇنداق بىر جامائەت بولىشى لازىم ئىدى.) كوچىدىكى ھەممە كىشى قىمىرمۇ قىلماي جىم تۇرىۋالىدۇ. بىرمۇ كىشى ئۇنى كۆرمەسكە سالمىدى، بىرمۇ كىشى باش چۆكۈرۈپ كېتىپ قالمىدى. بايىقى نوچىلار بۇ ئەھۋالدىن ئۆركۈپ ماشىنىلىرىغا ئولتۇرغىنىچە قويرۇقىنى تىكىۋېتىدۇ. ئۇلارمۇ كۈپكۈندۈز ئادەم تۇتقىلى كوچىغا چىقماسلىقى كېرەكتە! (يامان يېرى، بايىقى ئايالمۇ دەرھال پويىز ئىستانسىسىغا قېچىپ كىرىپ پويىزغا ئولتۇرۇپ غايىپ بولۇش ئورنىغا ئۇدۇل ئۆيىگە كەتكەن. ئاخشىمى قايتا تۇتۇلۇپ ئۇدۇل لۇبيانكىغا ئېلىپ كېتىلگەن.)
ئەگەر سىز قورقۇپ قۇرۇپ كەتكەن ئاغزىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ۋارقىرمىسىڭىز، ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ سىزنى يېنىڭىزدىكى جاللاتلار بىلەن كوچا ئايلانغىلى چىققان دوستلار بولسا كېرەك دەپ ھېچكىم سىزگە دىققەت قىلىشمايدۇ.
ماڭىمۇ ۋارقىراپ توۋلايدىغانغا نۇرغۇن پۇرسەتلەر كەلگەن ئىدى.
قولغا ئېلىنىپ 11 كۈن بولغاندا 3 نەپەر مىلتىقلىق سمېرش (سمېرت شپىيوام – جاسۇسلارغا ئۆلۈم نامىدىكى ھەربىي قۇراللىق تەشكىلات بولۇپ، جامائەت خەۋىپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈرى) ئاقنانچىلىرى مېنى موسكۋادىكى بېلېروسكىي پويىز ئىستانسىسىغا يالاپ ئاپارغان ئىدى. (يول بويى مەندىن بىرەر ئىش چىقماسلىقىغا ئىشەنگەن بولغاچقا مەندىن بەكلا خاتىرجەم ئىدى) مەندىن ئەنسىرەش ئورنىغا ئۇرۇش غەنىمىتى ھېسابلىنىدىغان 4 سومكا ئۇلارنى بەكىرەك ئەنسىرىتەتتى. بۇ گۇرۇپ كىشىلەر ئالاھىدە قوغدىغۇچىلار ئەترىتى بولغىنى ئۈچۈن مۆرىسىگە ئېسىۋالغان قۇراللىرى بەكلا قوپال ۋە ئېغىر ئىدى، شۇڭا بايىقى سومكىلارنى كۆتۈرۈش ئۇلارغا بەكلا ئېغىر كەلمەكتە ئىدى. بۇ سومكىلاردا ئىككىنچى ئاقلار فرونتىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان قىسىم مەسئۇللىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىق يولى بىلەن توپلىغان يۇرتلىرىغا، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېنى يالاپ مېڭىش باھانىسىدا يولغا سېلىۋاتقان بايلىقلىرى قاچىلانغان ئىدى. 5-سومكىنى مەن مەجبۇرى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئىدىم. بۇ سومكىدا ئۆزەمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىم، يازغان ئەسەرلىرىم بار ئىدى – بۇ نەرسىلىرىم ئۆزەمگە قارشى قويۇشتا پايدىلىنىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار ئىدى.
مېنى يالاپ ماڭغان بۇ ئۈچەيلەنلا موسكۋانى ياخشى بىلمەيدىغانلار ئىدى. شڭا ئۇلار مېنى ئاپىرىدىغان لۇبيانكانى پەقەتلا بىلمەيتتى. مېنى سولايدىغان تۈرمىگە بارىدىغان يولغا باشلاش ئىشى ماڭا قالغاچقا، ئۇلارنى لۇبيانكىغا (مەنمۇ ئۇ يەرنى بۇرۇنلاردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا كېرەك دەپ يۈرۈپتىكەنمەن) باشلاپ بېرىش ئىشى ماڭا قالغان ئىدى.
مەن بىر كۈنۈمنى توپكورپۇس ئىستىخبارات ئورگىنىدا، ئۈچ كۈنۈمنى يۆلۈنۈش ئارمىيە ئىستىخبارات ئورگىنىدا ئۆتكزدۈم. ئۇ يەرلەردە بىرلىكتە تاڭ ئاتقۇزغان كامىرداشلىرىم ماڭا قانداق جاۋاب بېرىشىم ھەققىدە خېلى كۆپ تەلىملەرنى بېرىشتى (ئۇلار ماڭا رازىۋىتچىكلارنىڭ ئالداش ئۇسۇللىرى، تەھدىت سېلىشتىكى غەرەزلىرى ھەمدە ئۇرۇپ قىيناشلىرىنىڭ مۇددالىرىنى تونۇتقان ئىدى؛ ئەگەر قولغا ئېلىنىدىغانلا بولىدىكەنمەن، چوقۇم ئون يىلدىن كام ياتمايدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرغان ئىدى)، شۇندىن كېيىن مەن تۇيۇقسىزلا ئۇلاردىن ئايرىلىپ 4 كۈن بويىچە خۇددى بىر ئەركىن ئازاد ئادەمدەك كوچىدىكى ئادەملەر ئارىسىدا يۈردۈم. …26 گەرچە مەن كامىرلاردا تەرەت چىلىكىنىڭ يېنىدا سېسىپ كەتكەن سامان دۆۋىسىدە ياتقان بولساممۇ، گەرچە مەن ئۇرۇپ لەخشە قىلىۋېتىلگەن ئادەملەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئازاپلىق ئېڭىراشلىرىنى قۇلىقىم بىلەن تۇيغان، چىرىگەن كۆكتات شورپىلىرىنىڭ تەمىنى ئېغىزىم بىلەن تېتىپ باققان بولىشىمغا قارىماي يەنە نېمىشقا ئۈن-تىۋىش چىقارماي كەلدىم؟ نېمىشقا شۇ جامائەتچىلىك ئالدىدا كۆرۈنۈشنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى ئىشقا سېلىپ ئالدانغان جامائەتچىلىكنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن بىر نېمە دېمىدىم؟
مەن پولشا شەھىرى بولغان برودنىتسادا ئۈنۈمنى چىقارمىدىم. بەلكىم ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇسچە بىلمەيدۇ دەپ ياكى ئۇ يەردىكىلەر مېنىڭ بېشىمغا كەلگەنلەرگە قىزىقمايدۇ دەپ ئويلىغىنىمدىن بولسا كېرەك؟ بىيېلوستوك كوچىلىرىدىمۇ ئۈنۈمنى چىقارمىدىم. ۋولكوۋىسك پويىز ئىستانسسىدىمۇ ئاۋازىمنى چىقارمىدىم. – بەلكىم ئۇ يەر يالغۇز قالغان بىر يەر دەپ ئويلىغىنىمدىن بولسا كېرەك. بىرگە يولغا چىققان يېنىمدىكى بۇلاڭچىلار بىلەن بىرلىكتە مىنسك گەرەجىنىمۇ قىدىرىپ چىقتىم. – ئەمما ئۇ يەر بومباردىمان دەردىدە ھېلىغىچە ھۇشىغا كەپ بولالمىغان بىر يەر ئىكەن. مانا ئەندى سمەرشچىلەرنى مېترونىڭ دۈگىلەك ئاق گۇمبازلىق بېلورۇسسىيە پويىز ئىستانسىسىنىڭ يۇپيورۇق يۇرىتىۋېتىلگەن زالىدا تۆۋەنگە باشلاپ چۈشمەكتىمەن. ئاپتوماتىك پەلەمپەيدە قاتار تىزىلىپ كەتكەن موسكۋالىقلار، پاراللېل قوش يۆلۈنۈشلۈك ئاپتوماتىك پەلەمپەيدىن سەلدەك يوقۇرى كۆتۈرىلىۋاتقان كىشىلەر، گويا ھەممىسىلا ماېنىڭ بىر نېمە دېيىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك، سىرلىق بىر دۇنيادىن نۇر چاقنىغان گۇمبازغا قاراپ ئۆرلىگىنىچە ئۇدۇل ماڭا قاراپ كېلىۋاتقان مىغىلدىغان ئادەملەر راستىنلا مېنىڭ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا ئېھتىياجى باردەك ئىدى. يەنە نېمىشقا ئۈنۈمنى چىقارمىدىم، يەنە نېمىنى كۈتەتتىم؟!
ئۆزىنى ئوتقا تاشلىماسلىق باھانىسىدا ئادەم ھەر ۋاقىت بىر قاتار سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
شۇ ھالىدىمۇ ئادەمدە ئىشلارنىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشىغا بولغان ئىشەنچى غايىپ بولمايدۇ. ئۈنىنى چىقىرىپ قويۇش بىلەن تۈزىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىشىنى بۇزۇپ قويىشىدىن (ئۇ دۇنيادىن خەۋەر كەلگىنىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ، تەقدىرىمىزنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋاقتىمىزدىن تارتىپلا ئەڭ ناچار ھالەت بويىچە ھەل قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلىنىپ بولغانلىقى، ھەرقانچە نارازىلىق بىلدۈرسەكمۇ ئەھۋالىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ناچارلىشىش ئېھتىمالى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ) قورقۇش ھەممە كىشىدە بولۇپ تۇرىدۇ. ئارىمىزدا خەلق توپلىمى ئېغىزىدا ئەسكەرتىش شىفىرى ئۇقۇملىرىنى چۈشىنەلىگىدەك يېتىلمىگەن كىشىلىرىمىز خېلى بار. ئىشارەتلەر، پلاكاتلار ئەسلىدە ئىنقىلابچىنىڭ ئېغىزىدىكى گەپلەردىنلا مەلۇم ئىدى. بۇنداق ئىشارەتلەر ئۇلارنىڭ ئاغزىدىنلا سىرتقا تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ھېچقانداق بىر ئىشقا ئارىلاشمايدىغان تىنىچ يۇۋاش يۇرتداشلىرىمىز بۇنى نەدىن بىلسۇن. ئۇلار نېمىنى ئىپادىلەشنى نەدىن بىلىدۇ؟ ئەمما شۇنداق بىر تۈركۈم ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار بەكلا كۆپ ئىشلاردىن خەۋىرى بار، بەكلا كۆپ ئىشلارنى كۆرەلەيدۇ، ئۇلار كەلكۈندەك ئۆركەشلەپ تۇرغان ھېسسىياتلىرىنى بىردە-يېرىم داتلىنىشلار بىلەنلا بوشىتىپ بولالمايدۇ.
مېنىڭ ۋارقىرىماستىن جىم تۇرىۋالغانلىقىمنىڭ يەنە مۇنداقمۇ بىر سەۋەبى بار: ئىككى پەلەمپەينى لىق توشقۇزۇپ چىقىۋاتقان موسكۋالىقلار ماڭا يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭ داتلىنىشىمنى يالغۇز 200 ياكى ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسى بولغان 400 كىشى تۇغانمۇ دەيلى، ئەمما 2 مىليون خەلقچۇ؟ ئۇلارمۇ ئاڭلارمۇ؟ ياق، پات يېقىندا 200 مىليون ئىنسانمۇ ئاڭلىيالىغىدەك پۇرسىتىم كېلىدۇ …
بۈگۈنگىچە ئاغزىنى ئاچماي كېلىۋاتقان ۋارقىرماسلىقىم، بەلكى بۇ ئاپتوماتىك پەلەمپەيدە تۇرۇپ ۋارقىرىشىم ھەممە ئىشلىرىمنى بۇزىۋېتىپ دوزاققا قاراپ مېشىمنى تېزلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن بولماسمۇ؟27
شۇڭا مەن، ئوخوتنىي كوچىسىغا بارغىنىمدىمۇ ئۈنۈمنى چىقارمايمەن.
شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىمۇ ۋارقىرىمايمەن.
لۇبيانكا مەيدانىدا – گولگاتخادىمۇ (قۇددۇستىكى ھەزرىتى ئىسا كىرىستقا مىخلاHhyfنغان مەيدان – س.ئى) قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. …
قولغا ئېلىنىشىم، پەرەزدىكى ئەڭ ئاز ئازاپلىق بىر خىل قولغا ئېلىنىش دېيىشكە بولاتتى. مېنى ھەرھالدا يېقىن كىشىلىرىمدىن، كۆنگەن، ئەتىۋارلىق ئائىلە مۇھىتىمدىن ئايرىپ مەجبۇرى ئېلىپ كېتىشمىگەن ئىدى. يەنى مېنى روھىي چۈشۈپ كەتكەن ياۋروپانىڭ بىر فىۋرال كۈنىدە بالتىق دېڭىزىغا سوزۇلغان تار يەرنىڭ ئۇچى تەرىپىدە − بىز نېمىسلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدۇقمۇ ياكى ئۇلار بىزنى قورشاۋغا ئېلىۋالغانمۇ بىلەلمىدىم، − خېلى كۆنۈپ قالغان بىر توپچىلار روتىسىدىن ئۇرۇش ئاخىرلىشىدىغانغا 3 ئاي قالغان بىر ۋاقىتتا ئۇرۇش مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان يېرىمدىن قولغا ئېلىپ مېڭىشقان ئىدى. بېرگادا كوماندىرىمىز مېنى شىتابىغا چاقىردى. ھېچبىر غەرەرەزسىز تۇرغىنىمغا قارىماي كوماندىرىم مەندىن يان قورالىمنى تاپشۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ھېچقانداق بىر ئىشتىن گۇمانلىنىپ يۈرمەي تاپانچامنى غىلاپىدىن چىقىرىپ كوماندىرىمىزغا تاپشۇردۇم. دەل شۇ پەيتتە ئۇشتۇمتۇتلا نېرىدا قاراپ تۇرۇشقان ئوفىسسېرلاردىن بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئىككىسى ئېتىلغىنىچە كېلىپ ئىتىك ھەرىكەتلەر بىلەن قاسقان شەپكەمدىن قىزىل يۇلتۇزلۇق كاكار بىلەن مۆرەمدىكى پاگونلىرىمنى يۇلىۋېلىشتى، ئاندىن تاسما-كەمەرلىرىمنى يېشىپ ئېلىشتى. غەلىتە بىر ئاۋازدا ۋارقىراشتى:
«قولغا ئېلىندىڭىز! …»
ئۈستۈمگە قايناقسۇ تۆكىۋېتىلگەندەك ھۈرپىيىپ كەتتىم. ئەقلىمگە تۈزۈكىرەك بىر گەپ كەلمىگەچكە، ئارانلا:
«مەنمۇ؟ نېمىشقا؟» دېيەلىدىم.
گەرچە بۇنداق بىر سۇئالغا ھېچقاچان جاۋاب ئېلىنمايدىغان بىر سۇئال بولسىمۇ، قىزىق، مەن جاۋاب ئالالىغان ئىدىم. ئادەتتە قايدىغا سىغمايدىغان بىر ئىش بولغاچقا بۇنى بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمىسەم بولمايدۇ. سمەرىچنىڭ ئادەملىرى مېنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، سومكام بىلەن بىرگە سىياسىي قاراشلىرىمنى خاتىرلەپ ماڭغان خاتىرە دەپتىرىمنىمۇ بىرگە ئېلىۋالدى. نېمىس سىنارىيەتلىرىنىڭ گۈمبۈرلەپ پارتلاپ تۇرۇشلىرىدىن بەك رەھەتلىنىپ كېتەلمىگەن بۇ يولداشلار ئىشىنى تېز تۈگىتىشتى. ئاندىن مېنى تۈرتكىنىچە سىرتقا قاراپ يالاپ مېڭىشتى. دەل شۇ پەيتتە، «قولغا ئېلىندىڭىز» دېگەن گەپتىن كېيىن، گويا قورقۇنۇچلۇق بىرەر ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىمدەك ھەممە مېنىڭدىن نېرى تۇرۇشقان شۇ پەيتتە بېرگادا كوماندىرىمنىڭ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
«سولژېنىتسىن، بۇياققا كېلىڭ!»
دەرھال كەينىمگە بۇرۇلدۇم-دە، مېنى يالاپ ماڭغان سمەرىچلەرنىڭ – جاسۇسلۇققا قارشى خادىملار قولىدىن ئاجراپ كوماندىرىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ دىققەتتە تۇردۇم. مەن بۇ كوماندىرىمنى بەك تونۇپ كەتمەيتتىم. ئادەتتىكى ئىشلار ھەققىدە مېنىڭ بىلەن بەك سۆزلىشىپمۇ يۈرمەيتتى. ئەمما بۇ قېتىم كوماندىرىم بەكلا مىھرىبان كۆرۈنەتتى. بولمىسا كوماندىرىم ئادەتتە بەكلا كەسكىن، بۇيرۇق قىلىش قىياپىتىدە قوپال بىر قىياپەتتە كۆرۈنەتتى. ئەجەبا بۈگۈن ئۇ رەزىل بىر ئىشقا مەجبۇرى ھەمكارلاشقىنىدىن ئۆزىنى بەكلا رەھىمسىزلىك قىلغان ھېس قىلىپ نومۇس قىلغانمۇ قانداق، ئۆمۈر بويى ئەمەل قىلىپ كەلگەن شەرتسىز بوي سۇنۇپ كېلىۋاتقان ئەمەل دەرىجىسى بويىچە بوي سۇنۇش قائىدىسىنى تۇنجى قېتىم بۇزغاندەك بىر ھالدا كۆرۈنەتتى.28 مەن بۇندىن 10 كۈن ئاۋال ئۇنىڭ 12 تال ئېغىر قۇرالى بار بىر توپچىلا باتالىئونىنىڭ قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان يېرىدىن رازىۋىتكا روتامنى ساق-سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقىۋالغان ئىدىم. مانا ئەندى بىزنىڭ بۇ كوماندىرىمىز بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئېلىپلا مېنىڭدىن كەسكىن چېگرا ئاجراتقان بىر قىياپەتتە ئالدىمدا تۇراتتى.
ئۇ مەندىن كەسكىن قىلىپ سورىدى: «سىز … سىزنىڭ بىرىنچى ئۇكرائىنا دالا ئارمىيىسىدە بىر دوستىڭىز بارمىدى؟»
«ياق بولمايدۇ، … سىزنىڭ بۇنداق سوراش ھوقۇقىڭىز يوق!» − بايىقى قارشى جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى، كاپىتان بىلەن مايور ئىككىسى پولكوۋنىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋارقىرايدۇ. بۇ چاغدا تام تەرەپتە تۇرغان شىتاپ خادىملىرى خۇددى بېرگادىرنىڭ بۇنداق يەڭگىللىك بىلەن مەسئولىيەتسىزلىك قىلىش پوزىتسىيىسنى كۆرۈپ قورققىنىدىن تۈگۈلۈپلا كېتىۋاتاتتى. (ئەمما شۇ تاپتا سىياسىي كومىسسارلار بېرگادىرنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ تۇرماقتا ئىدى.) ئەمما بۇ گەپ مېنىڭ ھەممىنى چۈشىنىشىمگە يېتىپ ئاشقان ئىدى. مەن شۇ ھامات، مەن ئەسلىدە قايسى بىر ئوتتۇرا مەكتەب ساۋاقدىشىمنىڭ ئۈستۈمدە مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنماقتا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدەك، بۇ ئىشلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر خەتىرى بولىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
گەرچە زاخار گيورگېۋىچ تراۋكىن، شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالسا بولاتتى. ئەمما جىمىمىدى. ئۇ ئۆز ۋىژدانىنى ئاخلىماقچى، ئۆزىنىڭ روھىنى ئىپادىلىمەكچى ئىدى. ئورنىدىن تۇردى (بۇندىن ئىلگىرى مېنىڭ ئالدىمدا بىرەر قېتىممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تىك تۇرغىنىچە ماڭا ھۆرمەت كۆرسىتىپ باقمىغان ئىدى)، ئۇ ۋابا چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ قولىنى ماڭا ئۇزارتتى (مەن ئەركىن ۋاقىتلىرىمدا بېرگادىرىمىز بىرەر قېتىم بولسىمۇ مېنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ باقمىغان ئىدى). ئۇ مۇزدەك ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان رەزىل چىرايلار ئالدىدا قولۇمنى چىڭ سىققىنىچە كەسكىن كۆرۈنۈشلۈك چىرايىدىن مىھرىبانلىق ئىپادىلەپ دانە دانە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«سىزگە، بەخىت تىلەيمەن، يۈزباشى!»
مەن شۇ تاپتا كاپىتان ئەمەس ئىدىم – ئۇ مىنوتتىن باشلاپ چاۋىسى چىتقا يېيىلغان بىر خەلق دۈشمىنى ھېسابلىناتتىم (چۇنكى بىزدە، قولغا ئېلىنغان ھەرقانداق بىرسى قولغا ئېلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ئەپتى بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلانغان بىرى ھېسابلىناتتى). ئۇنداقتا بېرگادىر كوماندىرىمىز دۈشمەنگە بەخىت تىلىگەن ھېسابلىنامدۇ؟ …
دېرىزە ئەينەكلىرى شىددەتلىك جاراڭلاپ تىترەيتتى. نېمىس توپ-زەمبىرەك ئوقلىرى 200 مېتىر ئەتراپىدا يەرگە چۈشۈپ شىددەت بىلەن يېرىلىپ يەرلەرنى ئوڭ-تەتۈر قىلماقتا ئىدى. بۇ پارتلاشلار بىزگە شۇنى ئەسلىتەتتى: ئەگەر يىراقلاردا تۇرغان بولساق، ئەگەر ۋەتىنىمىزنىڭ تۇپراقلىرىدا تۇرىۋاتقان بولساق، مۇقىم تۇرمۇش كاپالىتى ھىمايىسىدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ يۈز بەرمىگەن بولىشى كېرەك ئىدى. چۇنكى بۇنىڭدەك ۋەقەلەر ھەممە كىشى تەڭ كۆرىدىغان مۇشۇنداق ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋاللاردىلا يۈز بېرىشى مۇمكىن. (ھەيران قالارلىق بىر ئىش بۇ. ھەرقانچە بولسىمۇ ئادەم بالىسى ئىنسانلىقتىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەكتە. ترايكىنغا بىر نېمە بولمىدى. ئۆتكەندە ئۆزئارا يېقىن مۇناسىۋەت مۇھىتىدا بىر-بىرىمىز بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. ئۇ بىر پىنسىيىگە چىققان گېنېرال ئىدى. شۇنىڭدەك ئوۋچىلار جەمئىيىتىنىڭ نازارەتچىسى ئىدى – س. ئى)
بۇ كىتابنى ھەرگىزمۇ مېنىڭ شەخسى تۇرمۇشۇمنىڭ ئەسلىمىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ شۇ چاغدىكى ھۇلۇقتۇرىۋەتكەن قولغا ئېلىنىش ۋاقتىمدىكى كۈلكىلىك قىياپىتىمنى بىر-بىرلەپ تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ بايان قىلمىدىم. شۇ كېچىسى، جاسۇسلۇققا قارشى ئورگان خادىملىرى خەرىتىگە قاراپ يۆلۈنۈش بەلگىلەشكە قەتئىي كۆزى يەتمەيدۇ (ئەسلىدىنلا بۇ كىشىلەر بىرەر قېتىممۇ خەرىتە ئىشلىتىپ كۆرمىگەن ئىكەن). شۇڭا ئۇلار قولىدىكى خەرىتىنى ئەدەپ بىلەن ماڭا تۇتقازدى. سىز شۇ شوپۇرغا كورپۇس جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنىغا قانداق بېرىش مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويسىڭىز دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۇلارنى بىرگە باشلاپ بۇ تۈرمىگە كەلدىم. ئۇلارمۇ بۇنىڭ رەخمىتى ئۈچۈن مېنى ئۇدۇل مەھبۇسلار كامىرغا سولىماي ئاۋال جازا كامىرىغا سولىۋېتىشتى.29 بۇ يەر توغرىلىق، يەنى ۋاقىتلىق جازا كامىرى قىلىنغان بۇ يەر ئۈستىدە بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلماي ئۆتەلمەيمەن.
بۇ يەر ئادەم بويى ئۇزۇنلۇقىدا، كەڭلىكى 3 كىشى قىسىلىپ ياتقىدەك، تۆت كىشى ياتسا بىر-بىرسىگە يېپىشىپ ياتمىسا سىغمىغىدەك بىر يەر ئىدى. مەن ئۇ يەرگە 4-جىنايەتچى بولۇپ ياتقۇزۇلدۇم. ئۇ كاتەككە ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋېتىلگەنىمدە ۋاقىتمۇ تۈن يېرىمىدىن ئاشقان ئىدى. ئۇ تارچۇقتا ياتقان 3 كىشى جىنچىراق يۇرۇقىدا ماڭا ھۆمىيىپ قارىشىپ سىغدىلىشقىنىچە ماڭىمۇ ئازىراق بوش يەر چىقىرىشتى. شۇنداق قىلىپ سامان يېيىتىلغان بۇ تارچۇق ئۆيدە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئۇزانغان 8 پۇت بىلەن 4 ھەربىي پەلتۇ كۆرىنمەكتە ئىدى. قالغانلار ئۇيقىسىغا غەرق بولغان، ئەمما مېنىڭ قالبىم ئوت يالقۇنجاپ كۆيىۋاتقاندەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. يېرىم كۈن ئاۋال ئۆزىگە شۇنچە ئىشەنچ قىلىدىغان بۇ يۈزباشى ئەندىلىكتە بۇ كىچىك كاتەكتە قىستىلىپ بىئارام بولماقتا ئىدى. ياتقانلار بىر قانچە قېتىم قىستىلىپ ئۇيۇشۇپ قالغاچقا ئويغۇنۇپ ھەممە بىردەك ئۆرۈلۈپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالغان بولدۇق.
سەھەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئويغۇنۇپ كەينى-كەينىدىن يۈتەلگىنىچە كىرىلىپ پۇتلىرىنى تۈگۈپ ھەر قايسى بىردىن بۇلۇڭنى ئىگەللەپ ئولتۇرۇشتى. ئاندىن ئۆزئارا سالاملىشىپ بىر-بىرىگە تۇنۇشلۇق بېرىشتى:
«سەن نېمىشقا كىرىپ قالدىڭ؟»
سمېرېچ – جاسۇسلۇققا قارشى ئورگاننىڭ سېسىپ كەتكەن بۇ كامىرىدا قالغان ئۈچەيلەننىڭ چىقارغان سېسىق گازلىرى مېنى پەقەتلا ئارامىمدا قويمىغان ئىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا ھەيران بولغان ھالدا سۆزلىدىم:
«مەن نەدىن بىلەي، بۇ ئەبلەخلەر نېمىشقا قولغا ئېلىنغانلىقىڭنى ئېيتىدۇ دەمسەن؟»
ئەمما مېنىڭ بۇ بىچارە بۇ كامىرداشلىرىم – قارا رەڭلىك يۇمشاق تانكىچىلار شەپكىسى كەيگەن بۇ ئەسكەرلەر نېمىشقا قامالغانلىقىنى مېنىڭدەك يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. بۇ 3 نەپەر سەمىمىي سادىق، ئۆت يۈرەك ئەسكەر – مېنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدا بەكلا تونۇشلۇق ۋە ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىم ئىدى (بەلكىم تېخى مەن ئۇلاردىن كۆپ مۇرەككەپ ۋە قۇۋ بىرى ھېسابلىناتتىم). ئۇ ئۈچىسىلا ئوفىسسېر ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ پاگونلىرى سۆكۈپ يۇلىۋېلىنغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. مۆرىسىدە ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە سۆكۈلگەندە قالغان يىپلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن ھەربىي ئۈنىفورمىلىرىدا بەزى يەرلىرى پاكىز يېڭى كۆرۈنەتتى. دېمەك ئۇ يەرلەر يۇلىۋېلىنغان مېدال-ئوردىن ئىزلىرى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. يۈز-كۆزلىرىدە، قول-ئالقانلىرىدا قىزىل داغ-تاتۇقلار بار بولۇپ، بۇلارمۇ ئوق ئىزلىرى ياكى كۆيگەن يەرلەر بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ ئۇلارغا قالدۇرغان يالدامىلىرى ئىدى. تەلەيسىزلىكىگە قاراڭ: ئۇلارنىڭ باتالىيونى بۇ 48-كورپۇسنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنى – سمېرېنچلەر چۈشكۈن قىلغان كەنتكە كېلىپ توختىغانلىقىنى قارىمامدىغان. ئۇلار ئالدىنقى كۈنىكى جەڭدە پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئالغاچ ئازىراق ئىچىشكەن. ئاندىن بۇ يېزىنىڭ مونچىسىغا كەينىدىن ئۈسۈپ كىرىشكەن. ئۇ يەردە ئىككى نەپەر قىز ئەسكەر كىرىپ يۇيىنىۋاتقان ئىكەن. ئەسكەرلەر ھاراقنىڭ تەسىرىدە پۇتلىرى ئالمىشىپ تېيىلىپ مۇنچىدا يېقىلىپ چۈشكىنىدە قىزلار ئۈستىگە بىر نەرسىلەرنى ئارتىپ قېچىپ ئۈلگۈرگەن. ئەمما ئارىدا ئادەتتىكىچىلا كۆرۈنگەن بىر قىز بار ئىدى. ئۇ قىز ئەسلىدە بۇ جاسۇسلۇققا قارشى ئورگاننىڭ مەسئۇلى بولغان ئەمەلدارنىڭ بىرگە ئېلىپ يۈرگەن ئايالى ئىكەندۇق.
قارىمامدىغان بۇ ئىشلارغا! ئۇرۇش 3 ھەپتىدىن بېرى گېرمانىيە تۇپراقلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا، ھەممىمىز شۇنى ئېنىق بىلەتتۇق: ئەگەر بۇ قىزلار نېمىس بولسا ئىدى، ئۇلارنى مەجبۇرى … قىلغان، ئاندىن ئېتىپ تاشلىغان بولاتتۇق. بۇنداق قىلىش بىر ھېسابتا ئۇرۇش تۆھپىسى ھېسابلانغان بولاتتى. ئەگەر ئۇ قىزلار پولەك ياكى بىز قوغلىۋەتكەن ئۇرۇس قىزلىرى بولۇپ قالغىنىدىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنى يالىڭاچلاپ ئېتىزلىقلاردا پاچاقلىرىغا ئۇرۇپ قوغلىغىنىمىزچە كۆڭۈل ئېچىۋالغان بولار ئىدۇق. بۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى. ئەمما بۇ ئەسكەرلەر جاسۇسلۇققا قارشى ئورگاننىڭ ئەمەلدارىغا تەۋە «ئۇرۇش مەيدانىدا بىرگە ئېلىپ يۈرىدىغان ئاياللىرى» غا ئۇچراپ قېلىپ،30 ئارىدىن ئارقا سەپ ئورگىنىنىڭ بىر نەپەر سېرژانتىغا توغرا كېلىپ قېلىپ شۇ ھامان بۇ دالا ئارمىيىسىگە مەنسۈپ 3 نەپەر ئوفىسسېرنىڭ كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ دەلىللەپ تەستىقلاپ بېرىلگەن پاگونلىرىنى قوپاللىق بىلەن سۆكىۋالغان، ئالىي سوۋېت رەئىسىيەتىنىڭ ئۇلارنى تەغدىرلەپ تارقىىپ بەرگەن ئوردىنلىرىنىمۇ كۆكرىكىدىن يۇلىۋېلىشقان – مانا ئەندى زەنجىر تاپانلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم دۈشمەن ئاكوپلىرىنى چەيلەپ ئۆتكەن بۇ قەھرىمان ئەسكەرلەر، ھەربىي سوتنىڭ ھۈكۈمىنى ساقلاپ ياتماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەربىي سوت، ئەنە شۇ سوتلىنىۋاتقان قەھرىمان ئەسكەرلەرنىڭ تانكىلىرى بولمىسا ئىدى، ئۇ سودىيىلەرنىڭ بۇ كەنتكە كېلەلىشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇ قىستاقچىلىق كامىر ئىچىدىكى نەپەسلىنىشكە يارايدىغان پۈتۈن ساپ ھاۋايىمىزنى خورىتىپ بولغاچقا، پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان جىنچىراغنىمۇ ئۆچۈرىۋەتتۇق. كامىر ئىشىكىدە ئىسىم كارتۇچكىسى چوڭلىقىدا بىر پارچە ھەرىكەتچان قاپقاق بار بولۇپ، كورىدوردىن ئەكس ئەتكەن يۇرۇقلۇق ئەنە شۇ تۈشۈكتىن كىرىپ غۇۋا يۇرۇق بېرىپ تۇراتتى. بۇ جازا كامىرىدىكىلەرنى بەكلا ئازادە يېتىپ كېتىشتى دەپ ئويلىغانمۇ قانداق، بۇ تارچىلىققا يەنە 5-بىر مەھبۇسنى سۆرەك كىرىپ تىقىشتى. يېڭى كىرگىنى يېڭى قىزىل ئارمىيە پەلتۇسى كەيگەن، بېشىغىمۇ يېڭىدىن تىكىلگەن ھەربى شەپكە كىيگەن ئىدى. ئۇ ئىشىك يېپىلغىچە ئارىلىقتا ئۇنىڭ كۆرىنىشىگە دىققەت قىلدۇق: كىرگەن يېڭى مېھمان تىك بۇرۇنلۇق، قىزغۇچ ئىڭەكلىك پارقىراپ تۇرغان روھلۇق ياش بىرى ئىدى.
«سەپداش، نەدىن كەلدىڭ، كىم بولىسەن؟»
«نەدىن كەلدىممۇ؟، مەن قارشى تەرەپتىن كەلگەن بىر جاسۇسمەن» دەپ جاۋاب بەردى شاڭخو قىلغاندەك.
«چاخچاق قىلىۋاتقانسەن؟ − بىز ئۇنىڭ دېگىنىدىن ھەيران قالغان ئىدۇق (بۇ جاسۇس ئۆز كىملىكىنى ئۆزى ئېيتىۋاتاتتى. «شېينىن ۋە تۇر ئاكا-ئۇكىلار» دېگەن كىتاپتىمۇ بۇنىڭدەك كىشىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم.) (شېينىن، لېۋ رومانوۋىچ <1906~1967> سوۋېت تەكشۈرۈش ئىجرائىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 1950-يىلىدىن كېيىن جاسۇسلۇق ھىكايىلىرى يېزىشقا كىرىشكەن. تۇر ئاكا-ئۇكىلار دېگىنى سوۋېت كىنوسى، جاسۇسلۇق ھىكايىلەر يازغۇچىسىنىڭ لېيونىد داۋىدوۋىچ تۇبېلسكى <1905~1961> ھەمدە پىيوتر لۋوۋىچ رىزاخى <1908> ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن يالغان ئىسىم – ت. ت. ئى)
يېڭى قوشۇلغان بۇ ياش قايىللىق بىلەن چوڭقۇر بىرنى تىنىۋېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىي ھالەت دەۋرىدە چاقچاق قىلىش ياراشمايدۇ-دە. خوپ، ئۇنداقتا مەن سىلەردىن مەسلىھەت سوراي، مەن قانداق قىلسام بۇ ئەسىر لاگىرىدىن قۇتۇلۇپ ئۆيۈمگە قايتىپ كېتەلەيمەن؟»
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ ئالدىنقى كېچە نېمىسلار ئۇنى ئالدىنقى سەپتىن ئۆتكۈزۈپ بۇ تەرەپكە كىرگۈزىۋەتكەنلىكىنى، بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش، كۆرۈكلەرنى بۇزىۋېتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشنى بۇيرىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ بۇ تەرەپكە ئۆتىۋېلىپلا يېقىندىكى بىر باتالىئونغا كېلىپ تەسلىم بولغانلىقىنى، ئەمما ھېرىپ چارچاپ كەتكەن باتالىئون كوماندىرى ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە پەقەتلا ئىشەنمىگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنى سېسترانىڭ قېشىغا بېرىپ دورا ئىچىپ كېلىشكە بويرىغانلىقى دېگەندەك ئەڭ مۇھىم يېرىگە كەلگىنىدە تۇيۇقسىزلا ئىشىك ئېچىلىدۇ ئشىك ئالدىدا پۈتۈن بىر دەرەخنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ قۇمۇرىۋەتكىدەك بەستىلىك بىر ئون بېشى ھەيۋەتلىك قىياپەتتە بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى:
«دەرھال چىقىڭلار، تاھارەتكە بارىسىلەر! قولۇڭلارنى كەينىچە قوشتۇرۇڭلار!»
ئامبارنىڭ كەينى تەرىپىدىن قىيالىققا بارىدىغان يول ئەتراپى ئاپتوماتلار بىلەن قۇراللانغان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان ئىدى. ئاچچىقىمدىن يېرىلىپ كەتكىدەك ھالغا كەلگەن ئىدىم: بۇ قانداق گەپ! ساۋاتسىز بىر ئون بېشى بىزگە، بىز ئوفىسسېرلارغا «قولۇڭلار ئارقىغا!» دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتاتتى. ئەمما تانكچىلار ئۈن-تۈنسىز قوللىرىنى كەينىگە تۇتۇپ تۇرىشاتتى. مەنمۇ ئىلاجىسىز قولۇمنى كەينىگە قىلدىم.
ئامبارنىڭ كەينىدە كىچىك بىر ئېغىل كاتىكى كۆرۈندى.31 دەسسىلىپ كەتكەن قارلار ئۈستىدە دۆۋە-دۆۋە گەندىلەر بىلەن دەسسىگىدەك يەر قالمىغان ئىدى. بەشەيلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ چۆككىدەك يەر تاپتۇق. ئىككى نەپەر ئەسكەر بەكلا سەت بىر شەكىلدە ئاپتوماتلىرىنى بىزگە تەڭلەپ تۇرىشاتتى. ئارىدىن بىرەر مىنۇتمۇ ئۆتمەي بايىقى ئون بېشى ئىشنى چاققان پۈتتۈرۈڭلار دەپ ۋارقىرىدۇ.
«چاققان، بۇ خىل ئىشلار بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە بەكلا چاققان پۈتكۈزىلىدۇ!»
تانكىچىلاردىن بىرسى، ئىگىز بويلۇق، ئوچۇق چىراي روستوۋلۇق لېتىنانت يېنىمدا بىر يەردە زوڭزايغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى تانكىنىڭ ئىس-تۈتىگىدىنمۇ ياكى باشقا چاڭ-توزاڭلاردىنمۇ ئەيتاۋۇر قارىداپ كەتكەن، ياڭىقىدىكى چوڭ بىر تاتۇق ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
بۇ لېتىنات تەمكىن بىر قىياپەتتە «بۇ تەرەپلەر دېگىنىڭىز قەيەر؟» دەپ بىر خىيالىدا يوق سورايدۇ. قارىغاندا ئۇ كىرسىن پۇرىقىدا بۇلغىلىنىپ كەتكەن بايىقى كاتەككە قايتىشقا بەك ئالدىرىمايدىغاندەك كۆرىنەتتى.
ئون بېشى ئۇنىڭغا سمېرىش تەۋەسىدىكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتى دەپ مەغرۇرلانغاندەك قىياپەتتە ۋارقىرىدى. ساقچىلار «جاسۇسلارغا ئۆلۈم!» دېگەن بۇ سۆزنى دېيىشتىن بەكلا مەغرۇرلىنىدىغان سمېرىچ ئىسمىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. بۇ سۆز بىلەن كىشىلەرنى قورقۇتۇشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى.
«ئەمما بىزدە بۇ ئىشلار ئالدىراپ كەتمەي ئاستا پۈتكۈزىلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ قالپىقى بىر يانغا ىەيسىيىپ قالغان ئىدى. ئۇزۇندىن بېرى ساتراشقا كىرمەي ئۆسۈپ كەتكەن چاچلىرى چۇۋۇلۇپ بىر چېتىدىن چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۇرۇش سەپلىرىدە تۇلا يۈرۈپ پىشىپ كەتكەن ئارقىسىنى سوغۇق مەيىن شامالغا تۇتقىنىچە ئولتۇراتتى.
ئون بېشىنىڭ كۆرەڭلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى:
«بىزدە دېگىنىڭ قايەر ئەمىسە؟»
زۇڭ ئولتۇرىشىدىن زىرىكمىگەن لېتىنات، ئون بېشىغا تىكىلدى:
«قىزىل ئارمىيىدە» دەپ ئالدىرىماي جاۋاب بېردى.
مانا بۇلار، تۈرمىدە تۇنجى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم.32
2. يۇندا قاناللىرىمىزنىڭ تارىخى
ئۆزىگە چوقۇندۇرۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغانلارنىڭ بىلىدىغىنى ھەردائىم 1937~1938-يىللاردىن ماختىنىپ سۆز قىلىشى ئىدى. كىشىلەرنى گويا شۇ يىللارنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ھېچقاچان ئادەم تۇتىدىغان ئىشلار كۆرۈلمىگەندەك تۇيغۇغا كەلۈرمەكچى بولىشىدۇ.
قولۇمدا ستاتىسىكىلىق ماتېرىيال بولمىغاندەك قىلسىمۇ 1937~1938-يىلقى سەل ئاپىتىنىڭ شۇ يىلقىلا ئاپەت بولۇپ قالماي سەل ئاپەلەرنىڭ ئەڭ چوڭىمۇ ھېسابلانمايتتى. بۇنداق دېيىشتە ھەرگىز خاتالاشمايمەن دېيەلىشىم مۇمكىن. 1937~1938-يىلىدىكى يۇندا تۇربىلىرىدا تاشقىن بولۇپ ئاققان يۇندا تاشقىنى تۈرمىلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇ، چىرىپ سېسىپ كەتكەن، تۇربىلارغا پاتماي چىڭقاپ ئاققان ئۈچ چوڭ ئېقىمدىن بىرقېتىمقىسىلا ئىدى، خالاس.
ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يۇندا تېشىپ كېتىش ۋەقەسى 1929~1930-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى يۇندا تاشقىنى خۇددى ئوب دەرياسىنىڭ ئېقىمىغا ئوخشاش قورقۇنۇشلۇق تاشقىن بولغان ئىدى. شۇ قېتىمقى تاشقىندا 15 مىليون، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يېزىلىق سەل زەربىسى ئاستىدا قېلىپ، ھەر يەردە توڭ كۆتۈرۈلۈپ تايگايا ئاستىدا قالغان ئىدى. ئەمما بۇ سەرالىقلار ساۋاتسىز، ئېغىزىنى ئاچالماس بولغىنى ئۈچۈن ھېچكىم ئەرز قىلىشالمىدى، بۇ ئىشنى يېزىپمۇ قالدۇرالمىدى. شۇنداق قىلىپ پىركىراتورلارنى بۇ ئىشنى تەكشۈرەيمەن دەپ كېچە-كۈندۈز ئۇيقۇسىز كېچىلەرنى ئۆتكۈزۈشكىمۇ مەجبۇرلاشمىدى. ئۇلارغا بۇ ئاپەت ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىش ئاۋارىچىلىقىغىمۇ زورلاشمىدى. يېزىلىق سوۋېتى چىقارغان قارارلار ھەممە ئىشنى پۈتتۈرگەن ئىدى. بۇ سەلدە ئېقىتىپ كەتكەن نەرسىلەرنى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقلار ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ئىرىتىپ يوق قىلىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندە شۇ ۋەقەنى ئەسلىيەلەيدىغان ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئاق كۆڭۈللەردىن ھېچكىم قالمىدى. بۇ ھادىسىلەر گويا ئۇرۇس غۇرۇرىنى زەدىلىمەي ئۇنتۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئەمما بۇ ئاپەتلەر ستالىننىڭ (شۇنىڭدەك بىزدەكلەرنىڭ ھەمدە سىزدەكلەرنىڭ) شۇ چاغدا پەيدا قىلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن، ئەڭ ئېغىر جىنايەتلىرىدىن ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە خۇددى يەنىسەي دەرياسىنىڭ تاشقىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر قېتىم تاشقىن يۈز بېرىدۇ: 1944~1946-يىللىرى خەلقىمىز پۈتۈن تەشكىلاتلىرى بويىچە ئەنە شۇ يۇندا قاناللىرىغا چۈشتى: يەنى خەلقىمىزدىن مىليونلىغان ئادەم ئەسىرگە ئېلىنغان ئىدى. ئۇلار ئاۋال گېرمانىيىگە يالاپ ئاپىرىلغان بولسا، كەينىدىنلا يۇرتىمىزغا ھايدالدى (ستالىن، بۇ ئەسىر ياردارلىرىمىزنى ئۇھ دەپ نەپەس ئېلىۋالمىسۇن، قايتا تەرتىپكە كېلىۋالمىسۇن دېگەننى مەقسەت قىلىپ بۇ خەلقنىڭ يارىلىرىنى لاخشىگىر بىلەن داغلاپ تۇراتتى). ئەمما بۇ يۇندا كانىلىدا ئېقىتىلغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئادەتتىكى كىشىلەر بولغاچقا ئۇلارمۇ ئۆز ئەسلىمىلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشنىمۇ بىلمەيتتى!
ئەمما 1937-يىلى پەيدا بولغان بۇ يۇندا دولقۇنى، جەمئىيەتتە سالاھىيىتى بولغان، پارتىيە ئىچىدىمۇ رول ئوينىغان كىشىلەرنى، ئوقىغان كىشىلەرنىمۇ قوشۇپ ئاقۇزغىنىچە گۇلاگ تاقىم ئاراللىرىغا يىغىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەردە قالغان كىشىلەر، ئۇلارغا چېتىلىپ قالغان كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ساۋادى بار، قەلەم تۇتالايدىغان كىشىلەردىن ئىدى. بۈگۈن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يېزىشقا، خاتىرە قالدۇرۇشقا، سۆزلەشكە، ئەسلەشكە تىرىشماقتا. مانا بۇلار شۇ سىر بولۇپ ساقلانغان 37-يىلنىڭ ۋەقەلىرى ئىدى! خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋولگا دەرياسىنىڭ سەللىرى ئىدى!
ئەمما سىز قىرىم تاتارلىرىغا، قالمۇقلارغا ياكى بولمىسا چىچەنلەرگە 37-يىلى نېمە ئىش بولغانتى دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار مۆرىسىنى قېقىپلا قويىشىدۇ: مەن نەدىن بىلەي! لېنىنگرادلىقلارنىڭ بېشىغا 35-يىلى كەلگەن بولغاچقا ئۇلار 37-يىلىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن نېمىنى ئەسلىيەلىسۇن دەيسىز!33 شۇنىڭدەك ئىككىنچى قېتىم سۈرگۈنگە ھايدالغانلارغا ياكى بالتىق دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە 1948~1949-يىلىدا بېشىغا كەلگەنلەر تېخىمۇ ئېغىر كەلمەسمىدى؟ بەلكىم يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا ياكى جوغراپىيىلىك بىلىملەرگە قىزىقىدىغان كىشىلەر مەندىن رەنجىپ مېنى ئەيىپلەپ يۈرىشىمۇ مۇمكىن: سىز رۇسسىيىنىڭ قالغان دەريالىرىدا پەيدا بولغان كەلكۈنلەرنى تىلغا ئالماپسىز دېيىشلىرى مۇمكىن. ئالدىرىماي تۇرۇڭ، قالغان بەتلەرنىمۇ ئوقۇپ چىقىشقا چىداڭ. مەن تېخى ئۇششاق-چۈششەك ئۆستەڭلەرنى ساناپ چىقمىدىم. ئۇنۇتماڭ، ئۇلاردىنمۇ شۇنداق يۇندا دەريالىرى شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىپ چىقىمەن.
شۇنى ئۇنۇتمايلىكى، ئىشلىمىگەن ھەرقانداق بىر ئورگان چوقۇم قورۇلۇپ يىگىلەپ قالىدۇ.
يەنە شۇنىمۇ ئۇنۇتمايلىكى، مەدھىيلىنىپ تىرىك قالغانلارنىڭ ئۈستىنى چەيلەپ كۆكلەرگە چىقىرىۋېتىلگەن ئورگانلار (بۇنداق بەتبەشىرە سۈپەتلىنىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۆزىگە قويىۋالغان نامۇ-شەرىپىلىرى) نىڭ بىرەر تال توقۇلمىسىنى بولسىمۇ زىيان تارتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا تېخىمۇ ئۆسۈپ بۆك باراخسان ھالغا كېلىشتى. دېمەككى ئۇلارمۇ بۇنداق دولقۇن پەيدا قىلىش مەشىقىدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى تۇرمىغان.
بۇنىڭدەك يۇندا تۇربىلىرىدىكى پاسكىنا سۇ ئېقىمىنىڭ بېسىمى بەزىدە پىلانلاندىكىدىن ئېشىپ كەتسە، بەزىدە تۈۋەنلەپمۇ قالاتتى. ئەمما تۈرمىلەردىكى بۇنىڭدەك پاسكىنا سۇ ئېقىمى ھېچقاچان توختاپ قالمىدى. قان، تەر ۋە تاھارەت سۇيۇقلۇقى تۇربا ئىچىدە توختىماستىن ھەر دائىم شالاخشىپ ئېقىپ تۇرغىنى تۇرغان ئىدى. بىزدىكى بۇ يۇندا كاناللىرىنىڭ تارىخى، توختىماي ئېقىپ كېلىدىغان تىنماي ئېقىتىپ تۇرىدىغان ئېقىن تارىخىدۇر. بۇ يەردىكى يۇندا بەزىدە كۆتۈرلۈپ ۋە بەزىدە پەسىيىپ تۇراتتى؛ يەنە قايتا ئۆرلەپ-يەنە پەسىيىپ تۇراتتى. بەزىدە گۈلدۈرلەپ كەلكۈندەك كېلىپ تۇرسا، بەزىدە تامچا-تامچا يىغىلىپ يامغۇر نوكېشىدىن ئېقىپ ھەر يەردىن ئېرىق-ئۆستەڭ، دەريا بولۇپ بۇ يەرگە سەل بولۇپ توپلىناتتى.
كېيىن توختالماقچى بولىدىغانلىرىمىز، ھەر خىل ۋەزىيەتلەردە دولقۇن ھالىغا كەلتۈرۈلگەن مىليونلىغان قولغا ئېلىنغانلاردىن شەكىللەنگەن بۇ تۈر تاشقىنلار بەزەن مىڭلارچە يۈزمىڭلارچە ئېقىن بولۇپ بۇ يەرلەرگە ئېقىن قىلغان بولسا، يەنە بەزەن كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئون كىشىلىك ئۇششاق ئېقىنلار بىلەنمۇ بۇ يەرگە ئېقىپ تۇردى. ئەممە بۇ دېگەنلىرىم بۇ خىل سەل دولقۇنىنىڭ شەكىللىنىشىنى تەسۋىرلەشكە پەقەتلا يەتمەيدۇ. بىلىدىغانلىرىم بەكلا ئاز، بۇ ئىشتا ئۆزەمنىڭ تارىخى ۋەقەلەرنى كۈزىتىش قابىلىيىتىمنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ دۈچ كېلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى تولۇقلىشىم ئۈچۈن شۇ كۈنلەردە ھايات كىشىلەردىنمۇ سۈرۈشتە قىلىپ ماتېرىيال توپلىشىمغا توغرا كەلمەكتە.
بۇ باپلارنى يېزىشتا، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇقىنى دەلىللەش لازىم ئىدى. ئەمما دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى كونا مەلۇماتلارنى دەلىللەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، بەكلا تەس. چۇنكى سانلىق مەلۇماتلارنى قانچىكى بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولىدىكەنمىز، ساقلىنىپ قالغان ھايات شاھىتلار شۇنچە ئازىيىپ كەتكەن؛ ئۇ ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك تۆھمەت پاكىتلىرىمۇ يوق قىلىنغان، سۆزلەنگەن سۆزلەرمۇ ئەسلىرىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن. ئۇ دەۋرلەرنىڭ مەلۇماتلىرى دەۋرلەر بويىچە خاتىرلەنمىگەنلىكى ياكى خاتىرلەنگەنلىرىمۇ چەكلەنگەن كىتاپلار قاتارىغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تېپىش بەكلا تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقلار بىلەن تولغان يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى (يەنى گراژدانلار ئۇرۇشى يىللىرىنى) ئازتۇلا كۆڭلىدىكىنى ئېيتقىلى بولىدىغان دەسلەپكى تىنچلىق يىللىرىدىكىسىگە سېلىشتۈرىمەن دېيىشمۇ ئۇنچە بەك ھەققانىيلىق بولماي قالىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. بولمىسا ئۇ يىللاردىكى ۋەقەلەرنى سۈرۈشتە قىلىشمۇ بىزنىڭ ھەققىمىز ئىدى.
ھەتتا ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ رۇس خەلقىنىڭ سوتسىيالىزمغا تېخى تەييار ئەمەلىكى مەلۇم ئىدى. ۋەتىنىمىزنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە پاسكىنىچىلىقلار بىلەن بۇلغىلىنىپ كەتكەن ئىدى. دىكتاتورلۇقنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇملىرى كادەتلەرگە قارىتىلغان ئىدى. (چارلىق دەۋرلىرىدە كادەتچىلار – ئىنقىلاپ مىكروپلىرى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدىمۇ كونىلىقنى تىرىلدۈرۈشنىڭ مىكروبى ھالىغا كەلگەن ئىدى.)
1917-يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قۇرغۇچىلار قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىلىشى كېرەك بولىۋاتقىنىدا يىغىن ۋاقتىدا ئېچىلمايدۇ. كادەت پارتىيىسى (1905-يىلى قۇرۇلغان دېموكراتلار پارتىيىسى – ت. ت. ئى) قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، پارتىيە ئەزەلىرىنى قولغا ئېلىش ئىشى باشلىتىلىدۇ. ئۇ دەۋرلەردە، قۇرغۇچىلار قۇرۇلتاي ئىتتىپاقى بىلەن ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسىدا قولغا ئېلىنىش، قاماققا ئېلىنىش باشلىتىلىدۇ.
ئىنقىلابنىڭ غايىسى بىلەن ئۇنىڭ روھىنى ئويلىغىنىمىزدا «كرېستى»، «بۇتىركى» تۈرمىلىرى بىلەن باشقا ئوبلاستلاردىكى ئۇلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈرمىلەر ئۇ ئايلاردا ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بايلار، 34 جەمئىيەتنىڭ داڭلىق ئەربابلىرى، گېنېراللار، ئوفىسسېرلار ۋە شۇنىڭدەك ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەردىكى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىدىغان مەمۇرى خادىملار بىلەن لىق تولۇپ كەتكەنلىكىنى قىينالمايلا بىلەلەيمىز. چىكا تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى ئىجرا قىلغان ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى شۇكى، رۇسسىيە مەمۇرى كادىرلار ئىتتىپاقى ئىش تاشلاش كومۇتېتىنى قولغا ئېلىش. ن ك ۋ د نىڭ 1917-يىلىدا چىقارغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەمورى كادىرلارنىڭ ئىشنى ئاقسىتىش بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، بۇ جەرياندا مۇسادىرە قىلىش، مەجبۇرلاش ھەتتا قولغا ئېلىشلاردىنمۇ چېكىنمەسلىكى لازىم.» (ن ك ۋ د ھۈججىتى، 1917-يىلى، 1-سان. 4-ماددىسى – س. ئىزاھاتى)
ۋ. ئې. لېنىننىڭ 1917-يىلى ئاخىرىدا «ئىنقىلابىي تەرتىپنى قەتئىي چىڭ تۇۇش» تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدا «زابويلارنى، خۇلىگەرلەرنى، ئەكسىل ئىنقىلابچى ۋە شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ» پەيدا قىلىدىغان ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىزچىل ۋە رەھىمسىزلەرچە كۈرەش قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا كېلىدىغان كەلگۈسى تەھدىتلەر زابويلاردىن كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىغان، مۇتەئەسسىپلەر بولسا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان تەھدىت دەپ قارىغان. (لېنىن پۈتۈن ئەسەرلىرى 35-توم، 68-5 – س.ئىزاھاتى)
ئەمما يەنە شۇ لېنىن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە بويىچە كۈزىتىدۇ: 1918-يىلى 7- ۋە 10-يانىۋار كۈنكى «بەسلىشىشنى قانداق تەشكىللىشىمىز كېرەك» دېگەن تېمىلىق ماقالىسىدا كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئورتاق غايىنى ئېلان قىلىدۇ: رۇسسىيە تۇپراقلىرىنى بارلىق زىيانلىق ھاشارەتلەردىن تازىلايلى دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. (لېنىن ئەسەرلىرى – س. ئىزاھاتى)
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان زىيانلىق ھاشارەت (پاتىيىلىك بولمىغان بارلىق رۇسسىيە خەلقىنى كۆزدە تۇتماقتا – ت. ت. ئى) دېگىنى سىنىپى دۈشمەن تەبىقىسىدىكىلەرنىلا كۆزدە تۇتقان بولماي، ئىشتىن قاچقان ئىشچىلارنىمۇ كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. مەسىلەن، لېنىنگرادتىكى پارتىيە باسمىخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان نابورتچىكلارنىمۇ كۆزدە تۇقان ئىدى. (بۇ ئىشلار ئەنە شۇ دەۋرلەردە كۆرۈلگەن ئىشلار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تۈر ۋەقەلەرنىڭ روي بېرىشىنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيمىز. يېڭىلا دېكتاتورلۇق يۈرگۈزىشنى قولغا ئالغان ئىشچىلار قانداقسىگە ئۆزى ئۈچۈن ئەمگەك قىلىشنى خالىماس بولىۋالىدۇ؟) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «چوڭ شەھەرلەرنىڭ قايسى بىر رايونىدا، قايسى زاۋۇتىدا، قايسى بىر يېزىسىدا ئۆزلىرىنى زىيالى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەردىن بۇزغۇنچى بولمىغانلىرىنى يوق دېيەلەيسىز؟» لېنىن بۇ تۈر زىيانلىق ھاشارەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن يەنە شۇ ماقالىسىدا بىرقانچە تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ: بەزى يەرلەردە قاماققا ئېلىنىشى، بەزى يەرلەردە ئېرىق كولاپ پاتقان تازىلىتىش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلىشى، قاماق جازاسىنى پۈتكۈزگەنلەرگە سېرىق تونۇشتۇرۇش كارتۇچكىسى (بۇرۇنلاردا رۇسسىيىدە پاھىشىلەرگە بېرىلىدىغان بىر خىل تۇنۇشۇرۇش كارۇشكىسى بولۇپ، ئۇنداقلارنىڭ بۇزۇقلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تۈرلۈك تۇنۇشتۇرۇش قەغىزى – ت. ت. ئى) بېرىلىشى، يەنە بىر قىسىم تەييارتاپلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى؛ ياكى بولمىسا ئېغىر تۈرمە ئەمگىكى بىلەن ئۆزگەرتىش يولىدىن بىرنى تاللىۋېلىشقا قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. لېنىن، بېرىلىدىغان جازالارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق جازانىڭ كولخوزلاردا ياكى كوپىراتىپلاردا ئۆزئارا بەسلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشلاردا ئاۋانگارت بولۇشلىرى دېگەندەك چارىلەرنى ئىجرا قىلىش يولىنى ئوتۇرغا قويىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا كىملەرنىڭ زىيانلىق ھاشارەت دەپ بېكىتىلىدىغانلىقىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېنىق بىلەلمەيمىز: رۇسسىيىدىكى خەلقلەر شۇنچىلىك كۆپ تەبىقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر، يەنە بىر قىسىملىرى جەمئىيەتكە پايسى بولمىغان گۇروھلار دەپ قارىلاتتى. … مەھەلە ئاقساقىلى ۋە كوپىراتىپچىلارنىڭ ھەممىسى زىيانداشلار قاتارىغا تەۋە قىلىناتتى. شۇنىڭدەك بارلىق ئۆي خوجايىنلىرىمۇ ئەنە شۇنداقلاردىن ھېسابلىناتى. گىمنازىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىكى بۇنداق زىيانلىق ھاشارەتلەرنىڭ سانى بەكلا كۆپ ئىدى. چىركاۋ جامائىتىنى باشقۇرىدىغانلار، چىركاۋلاردا دىنى خور ئوقۇيدىغانلار، پوپلار، راھىپ-راھىبەلەرنىڭ ھەممىسىلا ھاشارەتلەر – سىنىپى يات ئۇنسۇرلار ھېسابلىناتتى. دۆلەت خىزمىتىنى قىلىدىغانلار،35 ئالايلۇق تۆمۈريول ئىدارىسىگە ئىشقا كىرگەنلەر ۋە كىرمەكچى بولغانلار سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇراللىق مۇداپىيە قىلىش ھەققىدە يېزىق شەكلىدە قەسەم بېرىشتىن باش تارتقان تولستويچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ زىيانلىق ھاشارەتلەر ئىكەنلىكىنى ئاشىكارىلاپ قويىدۇ (بۇ تۈر كىشىلەر ئۈستىدىكى رازىۋىتكا قىلىپ سوراق قىلىنىشلىرى ئۈستىدە كېيىن يەنە ئايرىم توختىلىمىز). تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈستىدە گەپ بولغانىكەن، تۆمۈريول ئىدارىسى ئۈنفورمىسى ئاستىغا يوشۇرۇنغان بەكلا كۆپ زىيانلىق ھاشارەت بارلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆمەي بولمايدۇ. ئەنە شۇلارنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقىپ ئىدارىدىن قوغلاپ چىقىرىش، لازىم بولغىنىدا ئۇنداقلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ تازىلىۋېتىش زۆرۈر ئىدى. تېلېگراف ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ ھەيران قالارلىق شەكىلدە سوۋېتلەرنى ھىمايە قىلمايدىغان زىيانلىق ھاشارەتلەر ئىدى. ۋىكژېل – پۈتۈن رۇسسىيە بويىچە تۆمۈريول ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى بىلەن قالغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈستىدىمۇ مەدھىيىلەنگىدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلىش ئىمكانىيىتى يوق دەپ قارىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئىشچىلار سىنىپىغا دېۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغان بەكلا كۆپ زىيانلىق ھاشارەت بار ئىدى.
تىلغا ئېلىنغان بۇ تەبىقىلەر يەنە كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر تەبىقە ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇلارنىمۇ ئۇزۇن يىلغىچە تازىلاپ ئاران تۈگىىش مۇمكىن ئىدى.
شۇنىڭدەك يەنە بەكلا نۇرغۇن ئوقۇغان زىيالىي مەلئۇنلار، جىدەل چىقىرىپلا يۈرىدىغان ستيۇدېنتلار، غەلىتى مەخلۇقلار، ھەققانىيەت ئاخۇرۇپ يۈرىدىغانلارنىڭ سانىنى مۆلچەرلىمەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. رۇسسىيىدىكى بۇنداق مەلئۇنلار قاتتىق سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ھەردائىم توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچلەردىن بولغاچقا، ھەتتا ساراڭ نېكولايمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنى تازىلاپ قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ئىدى.
ۋاقتى ئۆتكەن سوتقا بېرىش، قانۇن بويىچە سوتلاش دېگەندەك ئۇنداق ۋاقتى ئۆتكەن تەدبىرلەرگە تايىنىش، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۇرۇش شارائىتى ئاستىدا بۇنداق بىر گۇروھ ھاشارەتلەردىن قۇتۇلۇشنى ئويلاش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان چارە ئىدى. شۇڭا بۇ تازىلاش ئۈچۈن تۈپتىن يېڭى بىر ئاساس ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ: سەتقا بەرمەيلا ئىشىنى پۈتتۈرىۋېتىش. بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان پىداكارلارمۇ تەييار ئىدى: ۋ چ ك ئورگىنى (خەۋىپسىزلىك ئورگىنى – س. ئىزاھاتى) بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولىدۇ. ئۇلار ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى تازىلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ رەھىمسىز بىر ئورگان بولۇپ، پېيىغا چۈشۈش، قولغا ئېلىش، رازىۋېتكا قىلىش، تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشتەك رەزىل ئىشلارنى بىر قوللۇق ئىجرا قىلىدىغان ئىنقىلاب قاراۋۇللىرى ئىدى.
1918-يىللىرى كۈلتۈر ساھەسىدىكى ئىنقىلابنى تېزلىتىش مەقسىتىدە ئەۋلىيالارنىڭ قالدۇقلىرىنى گۆرلىرىدىن كولاپ چىقىرىپ تازىلاش، چىركاۋلارنىڭ ئەسلىھەلىرىنى مۇسادىرە قىلىش دولقۇنى قوزغىتىلغاندا خەلق ئاممىسى چىركاۋ ھەمدە ماناستىرلارنى قوغداش مەقسىتىدە ھەر يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرىشىدۇ. نەتىجىدە يەنە بىر ئاپەت سىگنالى چېلىنىدۇ. دىنىغا سادىق كىشىلەر قوللىرىغا كالتەك توخماقلارنى ئېلىپ ئوتۇرغا چىقىدۇ. ئاقىبەتە ئۇلارمۇ جايىدا تازىلاش، بەزىلىرىنى قانۇنغا تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بۈگۈن، 1918~1920-يىللىرىنى كۆزئالدىمىزغا كەلتۈرگىدەك بولساق، نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز. تۈرمىگە يېتىپ بارمايلا يولدا ئېتىپ تاشلانغانلارنىمۇ تۈرمىگە ئېقىتىلغان دولقۇنلار ئارىسىدا ھېسابلىيالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ ياكى يېزا كەمبەغەللەر كومىتېتى تەرىپىدىن يېزىلىق سوۋېت بىناسى كەينىگە ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇجۇقتۇرىۋېتىلگەنلەرنى قايسى دولقۇننىڭ ھېسابىغا قوشۇش كېرەك؟ دولقۇنسىمان ھەر ئوبلاستتا ئوتتۇرغا چىقىرىلغان بۇزغۇنچىلار گۇلاگ تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنمىدۇ؟ ھەر بىر ئوبلاستتا ھۆكۈمەتكە قارشى بۇزغۇنچىلىق پىلانلىرى پاش قىلىندى (ئىككىسى رىيازان، كوستروما، ۋىشنېۋولوتسك، ۋېلىژ، بىر قانچىسى كىيېۋدە، بىر قانچىسى موسكۋادا، ساراتوۋدا، چېرنىگوۋدا،36 ئاستراخاندا، سېلىگېردە، سمولېنسكتا، بوبرۇيدا، تامبوۋدا، چەمەردە، ۋېلىكىيە لۇكىدا، مستىسلاۋلدە ھەمدە باشقا يەرلەردە) باستۇرۇلغان داڭلىق قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇپ (ياروسلاۋ، مۇروم، رىبىنسك، ئارزاماسلاردا) ماڭىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پەقەت ئىسمىنىلا ئەسلىيەلەيمىز. ئالايلۇق 1918-يىلىدا كولپىن قىرغىنچىلىق ۋەقەسى دېگەندەكلەرنى ئىسمىنىلا بىلىپ قالدۇق. ئۇ يەرلەردە نېمە ۋەقە بولغان؟ كىملەر بېسىقتۇرۇلغان؟ بۇلارنى كىمنىڭ ھېساۋىغا كىرگۈزىشىمىز كېرەك؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە گراژدانلار ئۇرۇشى دەۋرىدە يەنە ئون مىڭلىغان گۆرۆگە تۇتۇلغانلارنىمۇ ئۇنۇتمايلى. ئۇلارنى تۈرمە يۇندا قاناللىرىنىڭ ھېسابىغا قاتالايمىزمۇ؟ ئۇلانى كىمنىڭ ھېسابىغا يېزىش كېرەك؟ ھېچقانداق گۇنايى بولمىغانلارنى، يىغىپ توپ؛ىغانلىرىدا ھەتتا ئىسمىمۇ يېزىلمىغانلارنى دۈشمەننى ياكى قولغا ئېلىنغانلارنى قورقۇتۇش ياكى بولمىسا ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يوقۇتۇلغانلارنى كىمنىڭ ھېسابىغا يازىمىز؟ 1918-يىلى 30-ئاۋغۇستتىن كېيىن (فاننى قاپلان ئىسىملىك ئىجتىمائىي ئىنقىلاپچى مۇسەۋىي قىزى ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا لېنىنغا بىر قېتىملىق سۈيىقەست پىلانلانغان بولۇپ، ئاتقان ئوق جايىغا تەگمەي قالغان – ت. ت. ئى) ن ك ۋ د نىڭ بەرگەن يوليورۇق بويىچە: «بارلىق ئوڭچىل سوتسىيالىست ئىنقىلابچىلار قولغا ئېلىنىدۇ، بۇرجۇئازىيە سىنىپىدىن ۋە ئوفىتسېرلاردىن يەتكىدەك ساندا گۆرۆگە ئادەم تۇتىلىشى (ن ك ۋ د ھۈججىتى 1918-يىللىق 21~22-سانلار 1-بەت – س. ئىزاھاتى) كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. (بۇنىڭغا ئوخشايدىغان لاردىن: گۇمانلىق بولغانلار، ئالېكساندېر ئۇليانوۋنىڭ سۇيىقەستىدىن كېيىن قاتناشقانلار يالغۇز ئوقۇغۇچىلارلا بولۇپ قالماي، رۇسسىيىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە زور مىقداردا يەرلىك ئاپتونومىيە خادىملىرىمۇ قولغا ئېلىنغان بولسا نېمە بوپتۇ؟) مىللىي مۇداپىيە كومۇتېتىنىڭ 1919-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدە، يىغىنغا لېنىننىڭ رەئىسلىك قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان قارار بويىچە تۆمۈريولىدا قار تازىلاش ئىشى قايىل قىلارلىق ئىشلەنمىگىنىدە شۇ يەردىكى يېزىلىقلاردىن گۆرۆگە ئادەم تۇتۇش، ھەمدە «قارلار تازىلانمىغىنىدا ئۇلارنى ئېتىپ تاشلاش» بۇيرۇقى بېرىلەتتى. (سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى قارارلىرىدىن، 4-توم م. 1968. 627-بەتلەر – س. ئىزاھاتى) 1920-يىلىدا خەلق كومىسسارلىقى يىغىنىدا سوتسىيال دېموكراتلاردىنمۇ گۆرۆگە ئادەم تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ۋاھالەنكى پەۋقۇلئاددە قولغا ئېلىنىشلارنى يېقىندىن كۈزەتكىنىمىزدە 1918-يىلى باشلىنىپ، نۇرغۇن يىل توختىماستىن داۋام قىلىدىغان خائىن سوتسىيالىستلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ئېقىمىنى كۆرەلەيمىز. بۇ پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى: سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيە، مېنشىۋېكلەر پارتىيىسى، ئانارخىستلار، خەلق سوتسىيالىستلىرىنىڭ ھەممىسىلا يالغان ئىنقىلابچىلار، نىقاپلىنىۋالغان يالغان ئىنقىلابچىلار ئىكەنمىش. ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا مەھكۈم قىلىنغانلىقىغا قارىماي ئەسلىدە ئۇلار راستچىل كىشىلەردىن ھېسابلانمايدىكەن. شۇنىڭدەك ئۇلار ئىنقىلابنىڭ داغدۇغۇلۇق قانات يېيىۋاتقانلىقىغا قارىماي، بۇ سوتسىيالىست خائىنلارنىڭ بۇرجۇئازىيە تەركىبى ئۇيقۇسىنى ئاچالمىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى شەرت ئىكەنمىش. كادەتچىلەرنى قولغا ئېلىشتىن كېيىن، قۇرغۇچى قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ تارقىتىۋېىلىشى، پريوبراژېنسكىي بىلەن قالغان پولكلارنىڭ قۇرالسىزلاندۇرۇلۇشىدىن كېيىن، تەدرىجى تۈردە سوتسىيال دېموكراتچىلارنىڭ ھەمدە مېنشىۋىكلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى داۋراڭ قىلىنماي باشلىتىلىدۇ. 1918-يىلى 14-ئىيۇندىن ئىتىبارەن، بۇ كۈن، ئۇلارنىڭ سوۋېتلەر ھاكىمىيىتىدىن تازىۋىتىلگەن كۈن ئىدى، قولغا ئېلىنىشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. 6-ئىيۇندىن ئېتىبارەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ، ئۇششاق پارتىيىنىڭ يېقىنلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قالتىس ئۇستىلىق بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۆزلىرىنى تونۇتۇشنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرغان سولچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭمۇ يەنە شۇ جايغا يوللىنىشى باشلىتىلىدۇ. شۇ كۈنلەردىن ئېىبارەن،37 خالىغان بىر زاۋۇدتا شەھەرچىلىكتە، ئىشچىلار ئارىسىدا قوزغۇلۇش، ئىش تاشلاش، نارازىلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلگىنىدە، يول قويۇشلار بولىدۇ، ئىشچىلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى قاندۇرۇلىدۇ، شۇنداق قىلىپ ۋەقە تىنجىتىلىدۇ. يەنە بىر ەرەپتىن چېكامۇ ئۈن-تۈنسىز ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچى ئەسلى جىنايەتچىلىرى دەپ قارالغان مېنشىۋىكلارنى ھەمدە سوتسىيال ئىنقىلابچىلارنى كېچىلەردە ئۈن چىقارماي قولغا ئېلىشاتتى. (1918-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق ۋەقەلەر كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ئەمما 1921-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پېتىرگرادنى، موسكۋانى، ئاندىن كرونستادنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ نېپ <رۇسچە يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت مەنىسىدىكى سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى. خۇسۇسىي ئىگىلىككە يول قويۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى – س. ئىزاھاتى> نى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.) 1918-يىلى يازدا، 1919-يىلى ئافرېلدا ھەمدە ئۆكتەبىردە ئانارخىستلارنىڭ ئوپچە قولغا ئېلىنغان دەۋرلىرىدۇر. 1919-يىلىدا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار مەركەزى كومىتېتىنىڭ تۇتۇلغان ئەزالىرى بۇتىركى تۈرمىسىگە قامالدى ھەمدە سوتلىنىدىغان كۈن كەلگىچە شۇ يەردە تۇردى (1922). داڭلىق چېكا مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان لاتسىسنىڭ 1919-يىلى مېنشىۋىكلار ھەققىدە يازغانلىرىدىن «بۇ ئادەملەر بىزگە توسالغۇلۇق قىلىشتىن ئارتۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇتىمىزغا پۇتلىشىپ يۈرمىسۇن دەپ ئۇلارنى يول ئۈستىدىن يىغىپ بىر يەرگە يىغماقتىمىز. … بىز ئۇلارنى چەت بىر بۇلۇڭغا، بۇتىركىغا قاماپ ساقلايمىز. ئۇلار شۇ يەردە ئەمگەك بىلەن كاپىتال ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئاخىرلاشقان كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرىلىدۇ.» (م. ي. لاتسىس، «ئىچكى فرونتتا ئىككى يىللىق ئۇرۇش» كىتابىدىن چىكا پائالىيەتلىرىنىڭ داغدۇغىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش. 1920. 61-بەت – س. ئىزاھاتى) يەنە شۇ 1919-يىلى پارتىيىسىز ئىشچىلار قۇرۇلتىيىغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۈمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىمۇ كرېمىل لاتۋىيە مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ قاماققا ئېلىندى ۋە نەتىجىدە بۇ يىغىن ئېچىلالمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ. (يوقۇرقى كىتاب، 60-بەت – س. ئىزاھاتى) 1919-يىلى چەتئەلدىن قايتقان رۇسلار ھەققىدىلا گۇمان تۇغۇلغان ئىدى: (ئۇلار نېمە ئۈچۈن قايتقان، قانداق ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، دېگەندەك گۇمانلار) شۇڭا فرانسىيىدە نېمىسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان رۇس كورپۇسىنىڭ ئوفىسسېرلىرىمۇ قولغا ئېلىنىدىغان بولىدۇ.
خۇددى شۇ شەكىلدە 1919-يىلىسى، گۇمانلىق دەپ قارالغان يالغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەت پىلانلىرى («مىللىي مەركەز»، «ھەربىي سۈيىقەستچىلەر») باھانىسىدا موسكۋا، پېتىرگراد ۋە شۇنىڭدەك بەزى شەھەرلەردىمۇ تىزىملىك بويىچە (باشقىچە ئېيتقاندا ئازاد كىشىلەر تۇتۇلۇپ دەرھال ئېتىپ تاشلىنىش بەلگىلىمىسى بويىچە) ئېتىپ تاشلانغانلىقى مەلۇم. يەنە شۇ ۋاقىتتا كادېتپەرەس زىيالىلار يىغىشتۇرۇلۇپ تۈرمىلەرگە قامىلاتتى. كادېتپەرەسلەر دېگىنى قانداق گەپ؟ مونارخىست بولمىغان، سوتسىيالچى بولمىغانلار شۇنداق دېيىلەتتى. مۇنداق ئېيتقاندا ئىلىم ساھەسىدە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە ئىشلەيدىغانلار، شۇنىڭدەك يەنە بارلىق ئىنژېنېرلارنى كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. چېكىدىن ئاشقان تەرەپباز يازغۇچىلار، سوتسىيالىزم نەزەرىيىچىلىرى ۋە دىنىي تەتقىقاتچىلاردىن باشقىلىرى، بارلىق مەلۇماتلىقلار تەبىقىسىنىڭ 80 پىرسەنت قىسمى، كادەتپەرستلەر دەپ قارىلاتتى. لېنىننىڭ قارىشى بويىچە كورولىنكودەكلەرمۇ (ۋىلادېمر گالاكتىنوۋىچ كورولىنكو <1870~1918> مەشھۇر يازغۇچى. بولشېۋىكلارنىڭ قارىشىدا دېموكراتىك يېزا بۇرجۇئازىيىسى. چار دەۋرىدە پات-پاتلا نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىپ تۇراتتى – ت. ت. ئى) مانا بۇ تەبىقىگە تەۋە كىشىلەر ھېساپلىناتتى. «چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ خۇراپىي ئېتىقاتىغا پېتىپ قالغان ئۇششاق بۇرژۇئازلار» (لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى – س. ئىزاھاتى)، «نوپۇزلۇقلارنى بۇنداق نەچچە كۈنلۈك قاماپ قويۇش گۇناھ ھېسابلانمايتتى (يوقۇرقى ئەسەردىن 48-بەت – س. ئىزاھاتى). قولغا ئېلىنغان بۇنداق گۇروھلار ھەققىدە38 مەلۇماتنى گوركىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىدىنمۇ بىلەلەيمىز. بۇ ھەقتە ئىلئىچنىڭ بەرگەن بۇ جەھەتتە خاالىشىشلارنىڭ كۆرۈلىشى بىزگە نىسبەتەن ئېنىق، ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ناھەقچىلىق بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر ئاپەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي بۇ «چىرىك زىيالىلارنىڭ دەرت تۆكۈشلىرىگە قۇلاق سېلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ (يوقۇرقى ئەسەر، 48-بەت – س. ئىزاھاتى)
1919-يىلىنىڭ يانىۋارىدىن باشلاپ ئاشلىقنىڭ دۆلەتكە تاپشۇرۇش پروگراممىسى تۈزۈلىدۇ. بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئەسكەر ئاجرىتىلدى. يېزىلىقلارنىڭ بەزىدە جىدەل قىلىشلىرى، بەزىدە ئۇششاق-چۈششەك ئەمما جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشلاردا نەق مەيداندا ئوققا تۇتۇلۇشتىن باشقا يەنە ئۇدا ئىككى يىل قولغا ئېلىنغانلار ئېقىمىغا قوشۇلۇشى پەقەتلا توختىمايدۇ.
ئوبلاستلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن تارتىپ فرونتنىڭ ئالغا سىلجىشى بىلەن مۇناسىبەتلىك چېكاچىلارنىڭ، مەھەللىۋىي گۇۋاردىيىلەرنىڭ ئىنقىلاب سوتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان قۇراللىق ئەتىرەتلەر توپى ھەققىدە بۇ يەردە مەخسۇس توختالمىدۇق. ن ك ۋ د نىڭ 1918-يىلى 30-ئاۋغۇست كۈنكى يوليورۇقى − «ئاقلار ئارمىيىسىگە قېتىلغانلار قەتئىي ئېتىپ تاشلىنىشى بەلگىلەنگەن. قانداق قىلغاندا توغرا پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئادەم بەزىدە پەقەتلا بىلەلمەي قالىدىكەن. 1920-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا دون دەرياسى بويلىرىدىكى گراژدانلار ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، ئەمما قالغان جايلاردىكى بۇنداق ئۇرۇش تېخى تۈگىمىگەن، روستوۋ، نوۋوچېركاسك (روستوۋغا ئوخشاش دون ساھىلىدىكى بىر شەھەر – ت. ت. ئى) تىن ئەسىر ئوفىسسېرلار توپ-توپ ئارخانگېلسكقا ئۇ يەردىن يەنە سولوۋكىغا توشۇلماكتا ئىدى.»
ئارخانگېلسكتىن سولوۋكىگە (ئۆز ۋاقتىدا سولوۋېتسكى ئاراللىرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ يەرلەر شىمالى ئاق دېڭىزدىكى بىر قاتار تاقىم ئاراللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللاردا نۇرغۇنلىغان ماناستېرلار بار ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئىسيانكار پوپلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىدىغان يەرلەر ئىدى. 1917-يىلقى ئىنقىلابتىن كېيىنكى تۇنجى ئەمگەك لاگىرلىرى <سلون> ئەنە شۇ ئاراللاردا قۇرۇلغان – ت. ت. ئى) توشۇش ئىشلىرى چاتما كېمىلەردىن پايدىلىنىلغان بولۇپ (بۇ جەرياندا بىر قانچە چاتما كېمە پاتۇرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرىدۇ. كاسپى دېڭىزىدىمۇ بۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.)، ئۇنداقتا، بۇ يۈز بەرگەن ئۇجۇقتۇرۇلۇشلارنى ئىچكى ئۇرۇش ھېساۋىغا تەۋە قىلىش كېرەكمۇ ياكى دەسلەپكى تىنچلىق يىللىرىنىڭ ئىجابىي ھېساۋىغا قوشۇش كېرەك؟ يەنە شۇ يىللاردا يولدىشى يوشۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنغان ئوفىسسېرنىڭ ھامىلە ئايالى نوۋوچېركاسك شەھىرىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇ ساننى قايسى ھېسابقا تەۋە قىلىش كېرەك؟
كومپارتىيە مەركەزى كوممۇتېتىنىڭ 1920-يىلى ماي ئېيىدىكى «ئارقا سەپتىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى» ھەققىدە چىقىرىلغان قارارمۇ ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭدەك ۋەقەلەرنىمۇ تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى قانداق بىر باستۇرۇلۇش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز: بۇ ۋەقەلەرمۇ ھەر تەرەپتىن سەل بولۇپ ئېقىپ كېلىۋاتقان قولغا ئېلىش دولقۇنلىرىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز. ئېلىنغان قارارنىڭ ئۆزىلا بۇ سەل ئېقىنلىرىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. 1922-يىلىغا كەلگىچە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ يوقلىقى قولغا ئېلىش كەلكۈنىنى پەيدا قىلغۇچىلار ئۈچۈن بەكلا نۇرغۇن مۈشكۈلچىلىكلەرنى پەيدا قىلىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈنمۇ بەكلا كۆپ باھانىلارنى چىقىرىشى ئۈچۈنمۇ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. قۇربانلىقلىرىنى تاللاش ۋە بۇ سەلنى تېزگىنلەيدىغانلارنىڭ بىردىن-بىر ئۆلچەم شۇكى، ئىنقىلابچىلارنىڭ ھېچقاچان ئالدامخالتىغا چۈشمەيدۇ دەيدىغان ئىشەنچى ئىدى. يەنى ئۇلار كىملەرنى قولغا ئېلىش كېرەكلىكىنى، ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
مەن بۇ كىتابىمدا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرىدىغان جىنايەت ئىشلىگەنلەرنىڭ يۇندا قاناللىرىغا قوشۇلىشى ئۈستىدە توختالمايمەن. ئەممە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ كېلىدىغان بالا-قازالار، باشقۇرۇش ئورگانلىرى، ئىدارىلارنىڭ ھەمدە قانۇنلارنىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تەڭشىلىپ تۇرۇلۇشى جەريانىدا ئوتتۇرغا چىقىدىغان يېتەرسىزلىكلەرنىڭ، ئوغرىلىقلارنىڭ، بۇلاڭچىلىقلارنىڭ، زوراۋانلارنىڭ، پارىخورلۇقلارنىڭ ۋە پىتنە-پاساتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇشىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن.39 رېسبوپلىكىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئۇنچە بەك ئەنسىرىگىدەك خەتىرى بولمىسىمۇ يوقۇرىدا ساناپ كۆرسەتكەن جىنايەتلەر بەزەن سۈرۈشتە قىلىنىپ تۇرۇلاتى. بۇلارنىڭ يۇندا قانىلىدىكى ئەكسىل ئىقىلابچىلار يۇندا سەلىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن قىسمەن تۆھپىسى بولۇپمۇ قالاتى. سپېكۈلاتسىيە – قالايماقان قۇرۇق گەپلەرنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك سىياسىي خىلىمۇ بار ئىدى. لېنىننىڭ ئىمزاسى بىلەن 1918-يىلى 22-ئىيۇل كۈنى خەلق كومىسسارىياتى يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارنامىسىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، «رېسپوپلىكا ئىگىدارچىلىقىدا تۇتۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى يوشۇرۇپ ساقلاش ، سېتىۋېلىش ۋە سېتىش بىلەن خۇسۇسىي شوغۇللانغۇچىلار … ھېچ بولمىغاندا 10 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى… بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشى … ئەڭ ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا مەھكۈم قىلىنىشى … بەلگىلەنگەن. (دېھقانلار قولىدىكى مەھسۇلاتىنى كېيىن سېتىپ پۇل قىلىشى ئۈچۈن دۆلەتكە تاپشۇرماي ساقلىغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ نېمىسى گۇناھ؟) (ئا. سولژېنىتسىن).»
شۇ يىللاردىن باشلاپ يېزىلىقلار ئىشلەپ چىقارغىنىدىن ئارتۇق ھوسۇل تاپشۇرۇشقا زورلىنىپ، ھەر يىلى ھوسۇلىنى بىكارغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئاقىۋەت، بۇ يېزىلىقلار قوزغىلىشقا، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە باشلاپ، ئۇلارنى بېسىقتۇرۇش، قولغا ئېلىشلار باشلىنىدۇ. 1920-يىلى، «سىبىرىيە يېزىلىقلار ئىتتىپاقى» نىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق (ئەسلىدە خەۋەر تاپالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس …). يەنە شۇ يىلى ئاخىرلىرىدا تامبوۋ ئوبلاستىدىكى يېزىلىقلار قوزغىلىڭىمۇ ۋاقىتلىق باستۇرۇلىدۇ (سوتلىنىش دېگەن ئۇ يەرلەردە يوق گەپ).
تامبوۋ يېزىلىرىنىڭ تولۇق بىكار قىلىنغان ۋاقتى 1921-يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىغا توغرا كېلەتتى. (كورولىنكوۋنىڭ 1921-يىلى 10-ئاۋغۇست كۈنى گوركىغا يازغان مەكتۇبىدا «خەلقنىڭ ئەڭ ئەمگەكچان قىسمى ھەقىقىي مەنىدە تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇلدى» دېگىنىنى كۆرەلەيمىز – س. ئىزاھاتى). پۈتۈن ئوبلاست بويىچە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئائىلىلىرىنى قامايدىغان لاگىرلار قۇرۇلىدۇ. ئېتىزلىقلاردا ئەتراپى چېگرا سىملىرى بىلەن قورشالغان مەيدانلار تەييارلىنىپ قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلغانلارنىڭ ئائىلىلىرى بۇ ئوچۇق لاگىرلاردا 3 ھەپتىگىچە نەزەربەنتە تۇتۇلىدۇ. بۇ جەرياندا ئەگەر ئائىلىنىڭ گۇمانلىق ئەزاسى يوشۇرنىۋېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا كەلمىسە، ئۇنىڭ ئائىلىسى بايىقى نەزەربەنت لاگىرىدىن بىراقلا سۈرگۈنگە ھەيدىلەتتى («كۈرەش ۋە ئىنقىلاب» ژۇرنىلى 1926-يىللىق 7\8-سانى، تۇخاچېيسكى: «ئىنقىلاپقا قارشى ئىسىيانلارغا قارشى كۈرەش» − س. ئىزاھاتى).
ئۇنىڭمۇ ئالدىدا، يەنى، 1921-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا كرونشتاد ئىسيانى ۋە ئېتىپ تاشلانغان ماتروسلاردىن ساق قالغانلىرى پېتروپاۋلوۋ (لېنىنگرادتا كېيىن تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەن قېدىمى ۋە تارىخىي بىر قەلئە – ت. ت. ئى) قەلئەسىنىڭ ترۇبېتسكوي تۇمشۇقى قانىلى ئارقىلىق گۇلاگ تاقىم ئاراللىرىغا يولغا سېلىندى. 1921-يىلى پۈتۈن رۇسسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى كومۇتېتىنىڭ 1921-يىلى 8-يانىۋار 10-نومۇرلۇق بۇيرۇقى بويىچە باشلىنىدۇ: «بۇرژۇئازىيە سىنىپىغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتەيلى» دېگەن يېڭى بىر ھەرىكەت باشلىتىلىدۇ. گراژدانلار ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەرىكەت ئۇسۇلى يۇمشاش ئورنىغا كۈچەيتىلىش تەلەپ قىلىندى. قىرىمدىكى ۋەزىيەتنى ۋولوشىن بىزگە بىر قانچە شىئېرى بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.
1921-يىلى ياز ئايلىرىدا «ئاچارچىلىق ئاستىدا قالغانلارغا ياردەم قىلىش كومۇتېتى» دىكىلەر قولغا ئېلىنىدۇ. (كۇسكوۋا، پروكوپوۋىچ، كىشكىن قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنىدۇ). بۇ تەشكىلات، رۇسسىيىنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاچارچىلىق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاشلىق يەتكۈزۈش بىلەن شوغۇللىنىۋاقان بۇ كىشىلەر ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلىدىغان كىشىلەردىن ھېساپلانمايتتى. ئۆلۈم گىرۋىكىدە جان تالىشىۋاتقان ھەمدە كەچۈرۈم قىلىنغان مومىتېت رەئىسى كورولىنكوۋ، كومېتىتنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، «سىياسەتچىلىكنىڭ ئەڭ ناچىرى،40 ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ پاجىئەسى» دەيدۇ (1921-يىلى 14-سىنتەبىردە گوركىغا يېزىلغان بىر مەكتۈپتىن).
يەنە شۇ كرولېنكوۋدىن 1921-يىلقى تۈرمىلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىدىن خەۋەر تاپىمىز: ئۇ يىللاردا تۈرمىلەر تىفۇس ۋاباسىنىڭ پەيدا بولۇش ئورنىغا ئايلانغان. سكرىپنىكوۋا بىلەن، شۇ يىللاردا بىر تۈرمىدە ياتقان يەنە بىر كىشىمۇ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
1921-يىلى ستۇدېنتلار ئىچىدىمۇ قولغا ئېلىنىشلار يۈز بېرىدۇ (ئالايلۇق، تىمىراز ئاكادېمىيىسىنىڭ ئې. دويېرىنكوۋ گۇروھى). بۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن باھانە، «ھاكىمىيەت شەكلىنى تەنقىت قىلدى» دېيىش ئىدى (1921-يىلى 29-ئىيۇندا كورولېنكوۋنىڭ گوركىغا يازغان مەكتۈبى: «ھەقىقىي ئىنقىلابچىلار بىلەن سوتسىيالىزمچىلارغا قارشى تۇرغان بولشېۋىكلار، چارلىق ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» س. ئىزاھاتى) (بۇ گەپلەرنى ئاشىكارە ئوتتۇرغا قويغان بولماستىن بەلكى شەخسى سۆھبەتلىرىدە دېيىلگەن). يوقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ۋەقەلەر ھەرقانچە ئازدەك بىلىنسىمۇ، قولغا ئېلىنغان گۇروھلارنىڭ سوراق قىلىنىشى بىۋاستە مېنژىينىسكى بىلەن ياگودا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلاتتى. (مېنژىنىسكى بىلەن ياگودا – ھەممىگە تونۇشلۇق مەخپىي ساقچى باشلىقلىرى – س. ئىزاھاتى)
ئەمما بۇنىڭدەك ۋەقەلەرنى ئۇنچە بەك ئاز كۆرۈلدى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. 1921-يىلى موسكۋا تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ستيۇدېنتلىرى تۇيۇقسىزلا باتۇرلۇق بىلەن دەرس تاشلىغىنىدا يەنە نېمىشقا قولغا ئېلىنىش بىلەن ئاخىرلاشمىدى؟ رەھىمسىز زوراۋان ئەكسىيەتچى ستولپىن دەۋرلىرىدىن تارتىپ بۇ مەكتەپتە مەكتەپ پروفېسسورلىرى ئىچىدىن مەكتەپ مۇدېرى سايلاپ چىقىدىغان ئەنئەنىسى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ چاغدا سايلانغان مەكتەپ مۇدېرى كالىنىنكوۋ (بىز ئۇنى يەنە جاۋابكارلار مۇنبىرىدە ئۇنى كۆرەلەيمىز) ئىدى، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئۇنىڭ ئورنىغا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىنژىنېرنى مۇدېر قىلىپ يوللايدۇ. بۇ ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي ئىمتىھان بېرىۋاقتان پەيتلىرى ئىدى.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشىدۇ. ستيۇدېنتلار ئۇنىۋېرسىتېت قوراسى ئىچىدە ھاياجانلىق مىتىنگ ئۆتكۈزۈپ تەيىنلەنگەن يېڭى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۆىزىگە ئۆزى خۇجىلىق تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش تەلىبىنى بىلدۈرۈشىدۇ. ئاندىن بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ مىتىنگ قىلىش مەقسىتىدە يولغا چىقىپ موخوف چوڭ كوچىسىغا قاراپ يۈرىدۇ. بۇ ھەرىكەت ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق بىر ھەرىكەت ئىدى: ئەندى دائىرىلەر قانداق قىلار؟ ھېچ كىم بىلەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەت كومپارتىيىگە قارىتىلغان ھەرىكەت ھېسابلانمايتتى. چار دەۋرىدە بارلىق ئەخلاقلىق مەتبۇئاتلار، بارلىق زىيالىلار ساھەسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى: يوقالسۇن ھۆكۈمەت، يوقالسۇن چار پادىشاھىي! ئەمما بۈگۈن ناتىقلارنىڭ تىزىمى ئېلىنماقتا، مىتىگ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى، ئىمتىھان ئەمەلدىن قالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنى ئوخشىمىغان يەرلەردە بىرمۇ-بىر قولغا ئېلىنىشنى پىلانلىشىدۇ. قالغان كىشىلەرمۇ بۇ سەۋەبتىن ئىنژىنېرلىق دېپلومىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
يەنە شۇ 1921-يىلىدا قالغان پارتىيىلىكلەرنىڭمۇ شەكلەن كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش باشلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ كۈرەشتە غالىبىيەتتە ئېرىشكىنى كومپارتىيە بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا رۇسسىيە پارتىيىلىرى يېڭىلگەن ھېسابىدا ئىدى. (بۇ ئىش باشقىلارغا ئورا كولىغاندەكلا بىر ئىش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ) قالغان وارتىيىلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى توساش مەقسىتىدە پارتىيىلىكلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى پارچىلىنىشى لازىم ئىدى.
بولشېۋىكلار پارتىيىسىدىن باشقا پارتىيىگە ئەزا بولغان رۇسسىيە گراژدانى بۇندىن كېيىن بېشىغا كېلىدىغان بۇ تەغدىردىن قۇتۇلالمايتتى. چۇنكى ئۇلارغا كېسىم چىقىرىپ بولۇنغان ئىدى. (ئەگەر مايىسكى بىلەن ۋىشىنىسكىلارغا ئوخشاش گۈمۈرۈلۈپ چۈشىۋاتقان بىنانىڭ خارابىلىرى ئاستىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنى، يەنى بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇپ كومىنىستلار تەرىپىگە ئۆتىۋېلىشنى بىلەلمىگىنىدە). بۇ گراژدان ھە دېگەندىلا قولغا ئېلىنىدىغانلار تىزىملىكىنىڭ بېشىدا بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئۇلارغا كېلىدىغان خەۋىپنىڭ چوڭ-كىچىكلىك دەرىجىسىدىن قارىغاندا 1922- ۋە 1932-يىلى، ھەتتا 1937-يىلىغىچە ئەركىنلىكتە ياشىيالىغان بولاتتى. ئەمما ئۇلار تىزىملىككە چۈشۈپ بولغان ئىدى. بۇ تىزىملىك ئۈچرىتى تىنماي يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، نۆۋەت ئۇلارغا كېلىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىمۇ قولغا ئالىدىغانلىقىدىن گۇمان قالمىغان، ياكى بولمىسا ئۇنىڭدىن چىرايلىقچە مۇنداق دەپ سوراشلا قالغان ئىدى: شۇ ۋاقىتتىن بۇ ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا … راستىنلا … قاتناشقانمىدىڭ؟ دەپ سورىشىنىڭ ئۆزىلا يېتىپ ئاشاتتى. (بەزىدە بەلكىم ئۇنىڭ دۈشمەنلەرچە قىلغان ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئەڭ دەسلەپكى سورالغىنى ئۇنىڭ پۈتۈن تەغدىرىنى بەلگىلەپ بولاتتى، نەچچە ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇنى بىز بەش قولدەك ئېنىق بىلمەكتىمىز.) ئۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم ئۆزگىرىش كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن بولاتتى. يەنى بەزىلىرى بىۋاستە داڭلىق چارلىق دەۋرىدىن قالغان مەركەزى تۈرمىگە ھەيدىلىپ، تەلىيى كەلگەچكىمىكىن تارىختىن بېرى كۆپ ئۆزگەرتىلمىگەن بۇ تۈرمىلەردە سوتسىيالىستلار بۇرۇندىن ياخشى بىلىدىغان كامىرلارغا قامىلىپ، قايتىدىن بۇرۇندىن تونۇش گۇندىپايلارنىڭ ئالدىغا كېلىشەتتى. بەلكىم يەنە بىر قىسىملارغا ئانچە كۆپ بولمىغان، ئىككى-ئۈچ يىللىقلا سۈرگۈنگە يوللىنىش تەكلىپ قىلىنىشى، يەنە بەزىلىرىگە تېخىمۇ يەڭگىل جازالار بېرىلىشىمۇ مۇمكىن بولاتتى: «كەچۈرۈم قىلىنىپ، جازاسى كامايتىلدى» دەيدىغان تونۇشتۇرۇشقا رازىلىق بىلدۈرۈشۈپ سۈرگۈنگە بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مۇنداق ئېيتقاندا، باردىغان يېرىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىيالىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇنداق ئۇنسۇرلارنىڭ بېرىشى ئۈچۈن نومۇرى توشمايدىغان مەنفى نومۇر بېرىلگەن شەھەرلەرگە (بۇنداق بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ بېرىشى چەكلىنىدىغان مەنفى نومۇرلۇق 13 مەركەزى شەھەر بار ئىدى) سۈرگۈن قىلىنىشىنى تەلەپ قىلالمايتى. ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردە مەجبۇرى تۈردە ئولتۇراقلىشىش جازاسىغا مەھكۈم قىلىنىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن گ پ ئۇ نىڭ – دۆلەت سىياسىي ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىشى مۇمكىن ئىدى.41
بۇنداق ھەرىكەتلەر موسكۋا، پېتىرگراد دېگەندەك شەھەرلەرنى، پورتلارنى، سانائەت مەركىزى بولغان جايلارنى، ۋە شۇنىڭدەك كېيىن يۈز بېرىدىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى قەتئىي سىر قىلىپ يوشۇرۇپ تۇتۇپ، باشقا تۈردىكى سوتسىيالىستلارنى تازىلىۋېتىش مەقسىتىدە نەچچە يىللاپ سوزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ تازىلاش ھەرىكىتى ھەممە ئۈچۈن تەلەي سىناپ ئېچىلغان قەرت پالىدەكلا بىر ئىش ئىدى. داۋراڭ قىلىنماستىن جىممىتىلا ئېچىلىدىغان بۇنداق پال ئېچىشلارنى بىز بۈگۈنكى كىشىلەرگە ھەقىقەتەنمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر سىر بولۇپ بىلىنەتتى. بۈگۈن بىز بۇ پال ئويۇنىنى تاشقى كۆرۈنۈشلىرىدىنلا تەخمىن قىلالىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق چەك تارتقاندەك پال سېلىش ئۇسۇلىنى قانداق بىر ئادەم، يىراقنى كۆرەر ئەقىللىق قانداق بىر ئادەم تاپقان بولغىيدى؟ ئىشىنى كوڭۈل قويۇپ بېجىرىدىغان، كۆزىدىن ھېچ بىر ئىشنى قاچۇرمايدىغان بۇ كىشىلەر بىر تىزىق قەرت ئىچىدىن ئۈچ يىلغا يەتكىدەك قەغەزنى ئېلىپ ئۇستىلىق بىلەن يەنە بىر تىزىق قەرت ئىچىگە ئارىلاشتۇرغاندەك مەركەزى تۈرمىدە ياتقانلاردىن بىر قىسمىنى سۋۈرگۈنگە (تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە) يوللايدۇ، مەنفىلىك ۋاقتىنى توشقۇزغان بولسىمۇ بەرىبىر سۈرگۈنگە ھەيدىلەتتى؛ ئەمما بۇ قېتىم مەنفى نومۇر بېرىلگەن شەھەرلەردىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىلاتتى. سۈرگۈندىن سۈرگۈنگە، ئاندىن يەنە بىر مەركەزى تۈرمىلەرگە ھەيدىلەتتى. بۇنداق كىشىلەر ئىشىدىن ھەرگىز زىرىكمەيتتى. شۇڭا رەقىپ پارتىيە ئەزالىرى قاخشاپ زارلانماي، غەلۋىمۇ قىلماي كۆزدىن يوقىلاتتى. ئۇلار بۇرۇنقى تونۇش-بىلىشلىرى بار يەرلەردىن، تونۇشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ بارلىق ئالاقىلىرى كېسىپ تاشلىناتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ تۈر بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار مىتىنگلىرىدە داۋراڭ قىلىپ يۈرگەن، مەغرۇر ھالدا چار پادىشاھىنىڭ كويزىلىرىنى شاراخشىتىپ تاقىغان بۇ كىشىلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي شارائىت ھازىرلىناتتى.
بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەلەي سىناش قەغەز ئويۇنلىرى ئارقىلىق چارلىق دەۋرىدە ئېغىر ئەمگەكلەرگە مەھكۈم بولغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئوجۇقتۇرۇلاتتى. بۇ كىشىلەر توپى سوتسىيال ئىنقىلابچى ھەمدە ئانارخىزىمچىلاردىن تەركىپ تاپاتتى. ئەسلىدە بۇنداقلار چارلىق دەۋرىنىڭ سودىيەلىرى تەرىپىدىن ئەڭ ئېغىر جازاغا مەھكۈم بولغان كىشىلەر ئىدى. بۇ يەردە سوتسىيال دېموكراتچىلار ئىككىنچى پىلاندا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلار قاتارىغا چۈشۈپ قالاتتى.
(كرولىنكوۋ 1921-يىلى 29-ئىيۇن كۈنى گوركىغا يازغان مەكتۈبىدە «تارىخ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بولشېۋىك ئىنقىلابى چارلىق ھاكىمىيىتى ئىشلەتكەن تەدبىرگە پۈتۈنلەي ئوخشاش چارە بىلەن سەمىمىي ئىنقىلابچىلارنى ھەمدە سوتسىيال پارتىيىلىكلەرنى رەھىمسىزلەرچە يوقاتقىنىدەك ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى تونىتىدۇ» دەپ يازىدۇ. شۇنداق، ئىشلار مۇشۇنچىلىكلا بولسا ياخشىدى! ئۇنچىلىكلا ئىش بولسا ئىدى، بۇ كىشىلەر چوقۇم ئۆلمىگەن بولاتتى.)
كۆپ سانلىق پىشقەدەم سىياسىي جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ھەممىسى «پال بېقىش ئويۇنى» ھەرىكىتىدە يوق قىلىندى. ئۇلار سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيە ئەزالىرىدىن ئەمەس بەلكى سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئانارخىستلاردىن بولغاچقا، چارلىق دەۋرى سوتىدا ئەڭ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، كونا ئېغىر ئەمگەك جازا بىلەن سۈرگۈن قىلىنغان جايلارنىڭ ئاھالىسىمۇ دەل شۇنداق كىشىلەردىن تەشكىل قىلىنماقتا ئىدى.
ئەمما بۇنداق يوقۇتۇش تەرتىبىنى يەنىلا ھەققانى بولغان دېيىش مۇمكىن: 1920-يىللاردا بۇ پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيىسىدىن ئايرىلىش ھەمدە پارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىش ھەققىدە بايانات بېرىپ قول قويۇپ بېرىشلىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا بەزىلەر ئۇنىمىغان بولغاچقا بىرىنچى تۈركۈمدە يوق قىلىنىدىغانلار قاتارىغا كىرىپ قالغان، بۇنداق بايانا بېرىپ تىل خەت بەرگەنلەر يەنە بىر قانچە يىل ئارتۇق ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇنداق باش ئەگكەنلەرمۇ جازالىنىشتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەي، ئاقىۋەتتە بەرىبىر كاللىسى ئېلىنىشتىن ساقلىنالمايتتى. (بىز بەزىدە گېزىتلاردىن پەقەتلا ئەقلىمىزنى يەتكۈزەلمەيدىغان خەۋەرلەرنىمۇ ئوقۇپ قالىمىز: 1959-يىلى 24-ماي كۈنكى «خەۋەرلەر» گېزىتىدا «گېرمانىيىدە ھىتلېر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنىدىن كېيىن ماكسىمىليان خاۋۇك ئىسىملىك بىرسى، كومپارتىيىگە ئەزا بولغىنى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ كىشىنى كېيىن ئۆلتۈرىۋېتىشتىمۇ؟ ياق، ئۇنىڭغا ئارانلا ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىشكەن. قاماق مۇددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا قاماققا ئېلىشقانمىدى؟ ئۇنداقمۇ قىلمىغان. ئۇنى قويۇپ بەرگەن. ئەركىن ياشاپ ئۆتكەن ھەمدە مەخپى تەشكىلاتتىن بىرنى قۇۇرۇپ چىققان. ئۇ كىشى ئەنە شۇنداق جاسارەتلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ماقالىدا ئۇنىڭ ھەققىدە توخىلىنغان. بۇنىڭغا قاراپ بىزدىكى ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىغا ئۆزىڭىز بىر نېمە دەرسىز. – س. ئىزاھاتى)
1922-يىلى كۈزلەردە، كونىچىلىق بىلەن پۇرسەتپەرەسچىلەر (سپېكۈلاتسىيە) گە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە كومىسسىيە (قىسقارتىلىپ چېكا دەپ ئاتالغان تەشكىلات – ت. ت. ئى) ئىسمىنى گ پ ئۇ (دۆلەت سىياسىي بىخەتەرلىك ئىدارىسى) غا ئۆزگەرتىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ۋاقىتلاردا چىركاۋ ئىشلىرىغىمۇ قول تىقىش ئويىدا «چىركاۋ ئىنقىلابى قوزغاپ، چىركاۋ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئالماشتۇرۇش» پىلانىنى ئىشقا سالماقچى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغان يېڭى باشقۇرغۇچىلار بىر قۇلىقى كۆكتە، يەنە بىر قۇلىقى لۇبيانكىدا بولىدىغان كىشىلەردىن بولىشى كېرەك ئىدى. بۇ يېڭى دىنىي باشقۇرغۇچىلار (بۇ كىشىلەر چىركاۋنى كومپارتىيىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان دىنىي زاتلاردىن ئىدى (ئۇلار ھەرگىزمۇ يېڭىچە بىر مەزھەپ كىشىلىرى ئەمەس – ت. ت. ئى). ئەمما ئۇلار سىرتنىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ چىركاۋ ئورگانلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا باش پىسكوپوس تىخون قولغا ئېلىنىدۇ.42 ھەمدە ئىككى قېتىم داغدۇغىلىق سوت ئاچىدۇ. ھەر قېتىملىق سوتلاشتا بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئېتىپ تاشلىنىدۇ: چوڭ شەھەرلەردىكى چىركاۋ ھوقۇقىنى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىنىي زالارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن باش تارتقانلىقى سەۋەبىدىن موسكۋادا پاترىك چاقىرىقلىرىنى تارقاتقانلار سوتقا تارتىلىدۇ، پېتىرگرادتا باش پىسكوپوس بېنيامىنغا سوت ئېچىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئوبلاست، ناھىيە شەھەرلىرىدىمۇ ئېكىسپوپلار، پوپلار قولغا ئېلىنىدۇ. ھەر قېتىم تورغا چۈشكەن چوڭ بېلىقلارنىڭ ئارقىسىدا بەكلا كۆپ نام-شەرىپى گېزىتلارغا ئېلىشەلمەيدىغان ئۇششاق دىنى راھىب-راھىبە دېگەندەكلەر سۆرۈلۈپ چىقىپ بىرلىكتە قولغا ئېلىنىدۇ. يەنى، كومپارتىيىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان، يېڭىچە ئىسلاھات تەرەپتار دىنىي زاتلارغا چىركاۋ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇشنى خالىمايدىغان بارلىق دىنىي زاتلار يىغىشتۇرۇلۇپ قامىۋېتىلىدۇ.
ھەركۈنكى قولغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا ئىلاھىيەتچى خادىملار چوقۇم چەتتە قالالمايتتى. ھەر تۈركۈم سولوۋكىغا ھايدالغان كىشىلەر قاتارىدا چوقۇم بۇنداق ئاقچاشلىقلار چوقۇم كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
1920-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئىلاھىيەچىلەر، مىستىكچىلەر، باخشىلار (كىنەز پالېننىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر رۇھلار بىلەن سۆزلەشكەنلىك خاتىرىلىرىنى يازغىنىدە) قاتارىدىكى ئۇششاق گۇروھلار، دىنىي گۇرۇپپىلار، بېردايېۋ گۇرۇپپىسىدىكى پەيلوسوپلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشىدۇ. بۇ جەرياندا «شەرق كاتولىكلىرى» (ۋلادېمر سولوۋىيېۋغا قول بەرگەنلەر) بىلەن ئا. ئى. ئابرىكوسوۋانىڭ ئۇششاق گۇرۇپپىلىرىمۇ ئۇدۇللۇق يىمىرىپ تاشلىنىپ، بارلىق مۆرتلىرى توپلىنىپ قاماققا ئېلىنىدۇ. ھەتتا ئادەتتىكى كاتولىك مۆرتلىرى بولغان پولەك كاتولىك راھىپلىرىمۇ نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي شۇ قاتاردا يىغىشتۈرۈلۈپ قامىۋېتىلىدۇ.
دۆلەت سىياسىي ئامانلىق ئىدارىسى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارلىقىنىڭ پۈتكۈل 20- ۋە 30-يىللار بويىچە ئاساسى نىشانلىرىدىن بىرى، بۇ ئەلدە دىننى قەتئىي يوقۇتۇش ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قەتئىي تۈردە ئورتودوكس مۆرتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىپ قامىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىدۇ. نۆۋەت ئەر ياكى ئايال راھىپلارغا كەلگەندە بۇرۇنقى رۇسسىيە ھاياتىنى دەل بۇ تۈر ئادەملەر قاپقاراڭغۇ ھالغا كەلتۈرىۋەتكەن دەپ قارىشىپ بۇنداقلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە سۈرگەۈنگە يوللىنىشىنى بەكلا چىڭ تۇتۇپ بېجىرىشىدۇ. دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان ئۇنسۇرلىرىمۇ قولغا ئېلىنىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدى. بۇنىڭدەك جازالاشلارنىڭ دائىرى كۈنسايىن كېڭىيىپ، ئاخىرى بىر كۈنلىرىگە كېلىپ ئادەتتىكىچە دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان پۇخرا مۆمىنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايال مۆمۈنلەر بەكلا جاھىل بولۇپ، ئۇلار سۈرگۈن يەرلىرى ياكى ئەمگەك بىلەن جازالاش لاگىرلىرىدا ئەقىدىسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇلارنى كۆرسە خېلى يىللارغىچە راھىبە خانىم دەپ ئاتىشاتتى.
(ئوقۇلۇش ئەھۋالىغا قاراپ ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىپ يوللىنىدۇ. تولۇق پۈتكەندىن كېيىن ئىككى خىل تىل نۇسخىسى ئاساسىدا قايتا سېلىشتۇرۇلۇپ ۋە تۈزىتىلىپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بېكىتىلىدۇ) |
|
|
|
|
|
|