ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سوغۇق بېكەت سادىر يۇمۇرلىرى S.D

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


             زىركىپمۇ قالغانسىلەر بەلكىم ئەمىسە ،‹‹سوغۇق بېكەت سادىر يۇمۇرلىرى S.D››دىن بەھېر ئېلىڭلار

1. خوسمىرە:-ۋىيەي ئاداش تېخىچە بويتاق ئۆتۈۋاتامسەن؟
مەتلىرە: -قانداق قىلىمەن ئاداش، ئوغۇللار سەتكەن دەپ ياراتمىسا؟
خوسمىرە: -ياراتمىسا دەپ ئولتۇرماي نايىس ئوينىغىنە، مەنمۇ پەچەت توۋشاڭ ئىشلىتىپ كىرسەم بىردەمدە 18 ئوغۇل بالا گۇەنجۇ قىپتۇ، گىرىمنى ئاتتەك قىلىپ جىبو قىلسام تېخى نەچچىسى بەك چىرايلىقكەنسىز دېيىشىپ كەتتى، شۇنداق خوش بولدۇم.
مەتلىرە: -نىمە ئۇ نايىس دېگەن؟
خوسمىرە: -شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ ئۇ دېگەن دوستلىشىش پاراڭلىشىش دېتالى.
مەتلىرە: -پاراڭلىشىدىغانغا ئۈندىدار، كوت كوت باغۇ؟
خوسمىرە: -ۋاي سەن نەدە ياشاۋاتىسەن؟ ئۈندىداردا يىگىتلەر قوشۇپ ئاۋۋال ئىسمىڭنى ئاندىن رەسىمىڭنى سورايدۇ، ئاندىن كۆرۈپلا ياراتماي يۇيۇپ تاشلىشىدۇ، ئۇنىڭدا بىرەر يىلدىمۇ بىرەر يىگىت بىلەن تونۇشالمايسەن.
مەتلىرە: -ئۇنداقتا سەن دېگەن نايىستىچۇ؟
خوسمىرە: -ئاۋال چەستەي توۋشاڭ ئىشلىتىپ كىرىسەن، يىگىتلەر ئۆزلۈكىدىن گۇەنجۇ قىلىدۇ، ئاندىن سەنمۇ گىرىمنى ئايىماي قىلىپ بىرلا جىبو قىلساڭ ئىش پۈتىدۇ. خۇددى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان باشلىقتەك پوچى، كىم سوئال سورىسا جاۋاپ قايتۇرۇپ قويۇپ ئولتۇرساڭلا ئىش پۈتىدۇ.
مەتلىرە: -بۇغۇ بەك ياخشى ئىشكەن، لېكىن ئۇلار مېنى كۆرۈپ ياقتۇرمىسىچۇ؟ ئۈندىداردىمۇ نەچچىسى رەسىمىمنى كۆرۈپ سەتكەنسىز دەپ كۆڭلۈمگە ئازار بەرگەن.
خوسمىرە: -خاتىرجەم بولە، ئۇ يەردە كۆرىدىغان يىگىتلەر ساماندەك، كىم ياختۇرماي سەتكەنسىز دېگەندەك قالايمىقان گەپلەرنى قىلسا ئۇدۇل خېيمىڭدەنگە تىقىسەن، ھە راس مەن تېخى ھېلىقى ئابلاجان ئاۋۇتنىمۇ گۇەنجۇ قىلىۋالدىم.
مەتلىرە: -ئۇييۇ، راستما؟
خوسمىرە: -راست بولمايچۇ؟ ئىشەنمىسەڭ قارا ھە، زەنلەپ بېرەي.
مەتلىرە: -ۋاھ راستلا بەك نوچىكەن، مەنمۇ ئوينايچۇ، ئۆگىتىپ قويە.
خوسمىرە: -بەكلا ئاسان، ئاۋۋال نايىسنى چۈشۈرە، بىلمىگەن يېرىڭنى ئۆگىتىپ قويىمەن......
شۇنداق قىلىپ قىزلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نايىس ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى، ئىسىت......... مۇشۇنداقلا تىرىشساڭلا بۇ دېتالنىمۇ دىيارىمىزدا ئېچىلماس  قىلىۋېتەلەيسىلەر .S.D
*****************************************
2. ئەيسا: -كىچىكىمدە بىر ژۇرنالدىن ياپونىيەلىكلەر بىر كۈندە ئالتە سائەتلا ئۇخلايدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇخلىسا خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىقلارغا ۋاقتى يېتىشمەيدۇ دېگەن تېمىنى ئوقۇپ، ئۇلار قانداق چىدايدىغاندۇ دەپ ھەيران قالغان ئىدىم ھەم چوڭ بولسام مەنمۇ چوقۇم تىرىشچان ئادەم بولىمەن دەپ ئويلايتىم...
ئادەم تىرىشسىلا قىلالايدۇ، مانا مەن جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق ھازىرقىدەك بىر كۈندە ئۈچ، تۆت سائەتلا ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم.
چۈنكى ئاشۇنداق يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىماي ئۈندىدار ئوينىمىسام كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالمايدىكەنمەن.
ئالىم: -تەلەپنى قاتتىق قويغاندىلا ئادەم ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
مەن كىچىكىمدە ئەمدى يوتقانغا سىيمەيمەن دېگەن گەپنى تولا قىلىپ ئاپاممۇ بۇ گىپىمگە ئىشەنمەس بوپ كەتكەن.
مانا ھازىر راسلا يوتقانغا سىيمەيدىغان بولدۇم، چۈنكى ئايالىمنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا يەنە يوتقانغا سىيىپ قويۇپسىزغۇ دەپ ۋارقىرىغىنىنى قوشنىلار ئاڭلاپ قالسا، چوپچوڭ بوپقالغاندا سەل خىجىل بولىدىكەنمەن.
مەتلى: -كىچىكىمدە چوڭ بولسام ھېچكىمدىن قورقمايدىغان باتۇر ئادەم بولىمەن دەپ ئويلايتىم، چوڭ بولۇپ راسلا ھېچكىمدىن ھەتتا ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان ئادەم بولۇپ يېتىلدىم.
چۈنكى ئۆلۈمدىن قوقماي ئوقتەك كېلىۋاتقان ماشىنىغا سوقۇلمىسام تۆلەم ئالامماي قالىمەن.
بۇ چاغدا چاچ ساقاللىرى ئاقارغان بىرسى كېلىپ: -مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ دېدى.
ئۈچى تەڭلا: -سېنىڭ ئارزۇيۇڭ نېمە ئىدى؟ دېيىشتى.
ئۇ:-مەن كىچىكىمدە چوڭ بولسام چوقۇم توي قىلىمەن، دەيتتىم.
ئۈچى: -مۇشۇمۇ ئارزۇ بولدىمۇ؟ قانداق ئارزۇيۇڭغا يەتكەنسەن؟
ئۇ: -ياق، مېنىڭ ھەتتا قىز دوستۇممۇ يوق.
ئۈچى ھەيران بولۇپ:-سەن كىمۇ؟
ئۇ غەمكىن ئاھاڭدا: -مەن ئابلىكىم.....
ئۈچى ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ كېتىشتى. S.D
*****************************************
3. غەرىپكە ساياھەتنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا نۇسخىسى
تاڭسىڭنى بىر ماشىنا ئالۋاستى تۇتۇۋاپتۇ، سۈنۋۇكوڭ ھەر قانچە ئېلىشىپمۇ تەڭ كېلەلمەي ئەرىشتىكىلەرنى باشلاپ كەپتۇ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئالۋاستىنى يېڭىپ ئەمدى ئۇراي دەپ تۇرسا، بىرسى: -ئەۋلىيا ئەززەم، ئاچچىقلىرىغا ھاي بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتسىلە، ئۇ مېنىڭ مىنىدىغان ئۇلىقىم ئىدى، دەپتۇ دە، ئالۋاستىغا:-ھايۋان، ئەسلىڭگە قايتماي تۇرىسەنغۇ؟دېسە، ئالۋاستى بىرلا ئابورت ئېلىپ ياماخا موتوغا ئايلىنىپتۇ، تۈگەپتۇ. S.D
*****************************************

    مەنبە:‹‹سوغۇق بېكەت سادىر يۇمۇرلىرى S.D››دىن
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-5-19 16:24:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاھ تەڭرىم .ماۋۇ يۇمۇرىڭىزنى  ئىككى كۈن بۇرۇن يوللىغان بولسىڭىز .......
تۈنۈگۈن مەندىن بىرى مۇشۇ دېتالنى سوراپتىكەن ئەسلى يا ئاللا...........مەن كالۋا نىمە ئۇ تەنتەربىيە كىيىمنىڭ ماركىسىما دەپ جاۋاپ بەرسەم سىزدىن مۇشۇنى سورىغان مەنمۇ ساراڭ دىگەن ئىدى

زامانغا يىتىشىپ بولالمايلا ئۆتۈپ كېتەمدۇ نىمەئادەم
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-5-20 13:36:58 | ئايرىم كۆرۈش
راس دەيدۇ   .  مەنمۇ باللارنىڭ تىلفۇندىن كۆردۈم مۇشۇ نايىس دىگەننى..  يىقن ئەتىراپتىكى ھەممە ئادەم  بىلەن  پاراڭلاشقىلى بولدىكەن. .  ئۇنىڭغا  كىشىلەر  ئولتۇرغان ،تۇرغان،    يىگەن ،ئىچكەن،  ..... قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىنى رەسىمگە تارتىپ چىقىردىكەن...      توۋا  دەيمەن..      ئۆزىنىڭ رەسىمىنى يوللاشتىن پەقەت  تارتىنمايدىكەن..     تور  دىگەن  باكا  گەپ ئەمەسكەن مۇشۇ...  


ما يۇمۇرلىرىڭىز  پەچەتكەن.  
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-5-20 17:54:22 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يۇمۇرلاركەن .
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-5-21 10:42:41 | ئايرىم كۆرۈش
مەن نايىس دەپ ئاڭلا باقماپىتكەنمەن .
مىنىڭغۇ ئۇنچىلىك كۆپ بىكار ۋاقتىممۇ يوق ، مۇشۇ ئۈندىدار  ، مۇڭداشقۇغا ئاران يىتىشىۋاتىمەن .
مۇشۇ سوغۇرق بىكەت يۇمۇرلىرى دەھشەت قىززىپ قويىدۇ ھە  ،  مەنمۇ ھەر سانىنى تولۇق ئوقۇيمەن .
يوللىغىنىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

6#
ۋاقتى: 2016-5-21 22:32:33 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بىر خىل پەيزى

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-5-22 03:42:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-5-21 10:42
مەن نايىس دەپ ئاڭلا باقماپىتكەنمەن .
مىنىڭغۇ ئۇنچىلىك  ...


مەندىن نەچچە  كۈن بۇرۇن بىرسى« نايىس بارمۇ» دېسە ،«نىمە دەۋاتقانىڭىزنى چۈشەنمىدىم،تەنتەربىيە كىيىمنىڭ ماركىسىمۇ » دەپتىمەن.ئۇ «مىجەزىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنى سورىغان مەنمۇ ساراڭ »دېسە «ئۆزىڭىز ساراڭ »دەپ تىللاپ قويۇپ ئىشىمنى قىلىۋەرگەنتىم.ئەتىسى ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كۈلۈپ ئايلىنىپ كېتەي دېدىم.
يۇمۇرنى كۆچۈرۈپ ئۇنىڭغا يوللاپ بەرسەم نىمە بۇ دەپتى.
گېپىمنى ئاڭلاپ ھوشىڭىزدىن كەتمىگىنىڭىزگە شۈكرى ،نايىسنىڭ نىمىلىكنى ئاخىر بىلدىم دېسەم كۈلىدۇ
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-5-22 03:43:57 | ئايرىم كۆرۈش
نەدە تارقىتىدۇ ماۋۇ قىزىق بېكەت يۇمۇرلىرىنى باللو؟مەن پەقەت كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

7

تېما

493

يازما

3577

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19
يازما سانى:
493
تىللا:
3068
تۆھپە:
8
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر ئاتىسىئالاھىدە شەرەپ

9#
ۋاقتى: 2016-5-23 09:56:04 | ئايرىم كۆرۈش
نىمە ئۇ نايىس دىگەن ماڭا چۇشۇرۇش ئادرىسىنى يوللاپ بىرىڭە دوستۇم

13

تېما

100

يازما

456

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

پىراكتىكانىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 857
يازما سانى:
100
تىللا:
356
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
91 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-1

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

10#
ۋاقتى: 2016-7-17 09:39:47 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئاڭلاپ باقماپتىمەن نايىس دىگەن نەرسىنى لىكىن ئاۋۇ يۇمۇرلار بوپ قويدىكەن جۇمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:15 , Processed in 0.139253 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش