[audio]http://kg.qq.com/sharئانامنىڭ قەدرى
نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم
ياقا يۇرتتا ئۆتەلدىغۇ ئانامنىڭ قەدرى،
يالغۇزلۇقۇم جۆر بولدىغۇ ئانامنىڭ قەدرى.
باشقىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئانىسى ياندا،
كۆز ياشلارنى ئەكەلدىغۇ ئانامنىڭ قەدرى.
مۇساپىرمەن قىرىنداشسىز ئۆزگە يۇرتلاردا،
شۇ چاغلاردا بىلىندىغۇ ئانامنىڭ قەدرى.
سىغىنىشتا باغرىم كاۋاپ بولۇپ بەزىدە،
يۈرەكلىرىم زەپ تىلدىغۇ ئانامنىڭ قەدرى.
سىرتتا يىگەن ئاش پولۇلار تىتىماي ماڭا،
ئاش تاماقتا ئۆتەلدىغۇ ئانامنىڭ قەدرى.
يۇرسەممۇ گەر ئۆزگە يۇرتتا باياشات كۈلۈپ،
غىرىپلىقىم ھار كەلدىغۇ ئانامنىڭ قەدرى .
2016-يىل1-ئاينىڭ27 -كۈنى
ئۈرۈمچى
e.html?s=q2nQJ1Bg3r8O[/audio] |