چىن مۇھەببەت
(ھېكايە)
ئېلى ياسىن
‹‹ماھىرەنىڭ چىرايى مەشنى كوچىلاش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن مەشكە چاپلىشىپ قېلىپ بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ›› دېگەن گەپ تارقىلىشى بىلەن ئۇنى تۇنۇيدىغانلار ‹‹ ۋاي ئسىت چىرايىغا كۆز تېگىپتۇدە، بەك ئۇز قىز ئىدى، ›› دەپ ئىچ ئاغىرتىشتى، دېمىسىمۇ ماھىرە مەھەللىدىكى تەبىئىي گۆزەل قىز بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيى ئەتىراپىدىن يېگىتلەر ئەگىپ كېتەلمەيىتتى،ئۇنىڭ ئۆيىگە توي تەكلىپىنى قويۇپ كىرگەن ئەلچىلەرمۇ خېلى بار ئېدى، بىراق ماھىرە ئۇلارنىڭ بىرەرسىگىمۇ ماقۇل دېمىگەنىدى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپ تارقىلىشى بىلەن تەڭ ئەلچىلەرنىڭمۇ ئايىغى بېسىقىپ قالدى، ئۆيى ئەتىراپىدىن ئەگىپ كېتەلمەيدىغان يېگىتلەرنىڭمۇ قارىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. پەقەت كېچىكىدىن تارتىپ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان، ناھايىتى كەم سۆز،بىكار چاغلىرىدا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىشىلىرىغا ياردەملىشىدىغان قۇربان ئىسىملىك يېگىتلا ماھىرەنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئۇنىڭ ئىشكىگە ئۇزاققىچە تەلمۈرۈپ يۈرەتتى،ھېلىقى گەپ تارقالغاندىن كېيىن ئۇ ماھىرەنى كۆرمىدى، بورۇن ماھىرە مۇشۇ ئۆستەڭدىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن دائىم چىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، لېكىن ھازىر چىقمايدىغان بۇلىۋالدى،بۇ توغرىسىدا بەزىلەر‹‹ چىرايى ساق چېغىدا گۈزەللىكىنى كۆز- كۆز قىلىپ تالادىن كىرمەيىتتى، ئەمدىلىكتە چىرايىدىن نۇمۇس قىلىپ سىرتقا چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ...›› دەپ گەپ تېپىشتى...
لېكىن قۇربان ماھىرەنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆستەڭگە سۇ ئالغىلى چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ،شۇڭا بىكار بولسىلا ماھىرەنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى سۈگەت تۈۋىدە ئۇنىڭ چىقىشىنى كۆتۈپ ئولتۇراتتى، بەزىدە ئۆزى ئامىراق نېيىنى لىۋىگە قىستۇرۇپ مۇڭلۇق كۈيلەرگە چالاتتى، بۇرۇن ماھىرەنى قوغلۇشۇپ ھالى قالمىغان بەزى يېگىتلەر قۇرباننى كۆرسە ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ:
-ماۋۇ، يېتىم ئوغلاق ئاداش مۇشۇ كۈنلەردە ماھىرەنىڭ ئىشكى ئەتىراپىدا بەز مارىلىغان ئوغرى مۈشۈكتەك لاغايلاپ يۈرىيدىغان بولۇپ قالدى-ھە؟!
- بۇرۇن ماھىرەگە بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئۇنىڭغا چۆمچۈيۈپ شۆلگۈيىنى يۇتۇپ پارقىراپ قاراپ تۇراتتى، ھازىر ماھىرە سەتلىشىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزمەپتۇدە؟
- ۋاي، بۇ ئاداشچۇ بىشەم مۇماي بىلەن يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ياخشى كۆرۈپ قالسىمۇ شۇلارنىڭ ئۆيى ئالدىغا ياتاق ئاپىرىپ يېتېۋىلىشتىن يانمايدۇ...
-ھا...ھا...ھا...
بۇنداق گەپلەرگە قۇربان پىسەنىت قىلىپ قويمايىتتى، خىيالىدا پەقەت ماھىرەلا ئۆزۈپ يۈرەتتى...كۈنلەر كۈتۈش، سېغىنىش ئىچىدە ئۆتۈۋەردى...ئاشۇ بىر تۈپ سۈگەت تۈۋىدە ئۇنىڭ قانچىلىغان ۋاقتى ساقلاش بىلەن ئۆتتى، نەي بىلەن قانچىلىغان مۇھەببەت كۈيلىرىنى ياڭراتتى بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى...
ئۇ كۈتكەن ھاياجانلىق ۋاقت ئاخىرى يېتىپ كەلدى، ئۇ كېچەمۇ-كۈندۈز سېغىنغان جانان ئاخىرى چېلەك كۆتۈرۈپ سېرىتقا چېقتى، قۇربان نەي چېلىشتىن توختاپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۆرىكى قاتتىق سۇقۇپ نەپسى يېتىشمەي قېلىۋاتاتتى...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماھىرە، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟-دېدى قۇربان ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ماھىرە چىرايىنى چۈمبەل بىلەن ئۇرىۋالغاچقا ئۇنىڭ بىرجۈپ شەھلا كۆزىنىلا كۆرەلىدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوبدان تۇردۇم، سىزمۇ؟...
نىمىشقىدۇر ماھىرەنىڭ ئاۋازى تېتىرەپ چىقىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەرۋايتتەك ياش تامچىلىرى دۇملاپ چۈشتى...
- ماھىرە، مەن...
- بولدى گەپ قىلماڭ، مەن ھەممىنى بىلىمەن... قېنى قۇلۇمدىكى چېلەكنى ئېلىپ ماڭا سۇ ئۇسسۇپ بېرىڭ؟! - قۇربان قىزنىڭ قۇلىدىن چىلەكنى ئالدى، ماھىرەگە ئۆستەڭدىن سۇ ئۇسۇپ بېرىش شەرىپىگە ئىرىشكەن يېگىت قۇربان بولدى، بۇرۇن ماھىرەگە سۇ ئۇسسۇپ بىرەيلى دېگەن يېگىتلەر ئۆزىنى ئۆستەڭدە كۆرەتتى...
ئۇزاق ئۆتمەي مەھەللىدە ناغرا سۇناي ئاۋازى ياڭرىدى، قۇربان بىلەن ماھىرەنىڭ تۇيى ئەڭ قىزىغان تويلاردىن بولۇپ قالدى، تويدىن كېيىن مەلۇم بولدىكى ماھىرە قۇرباننىلا ياخشى كۆرگەچكە باشقا يىگىتلەرنى ۋە ئەلچىلەرنى تەزدۈرۈش ئۈچۈن ئەتەي چىرايى نابۇت بولغان قىياپەتكە كىرىۋالغانىكەن... |