1
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېچلىق تۇردىڭىزمۇ بالام؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،خۇداغا شۈكرى،تېچلىق تۇردۇم،ئۆزىڭىزچۇ ئاپا؟
-اللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ،مەنمۇ ئوبدان تۇردۇم،دادىڭىز،ئۇكىڭىز ،چوڭ ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز ياخشى تۇردۇق؟تاماق يېدىڭىزمۇ بالام؟ئاغرىپ –تارتىپ قالمىغانسىز؟
-تاماق يەپ بولدۇم.ئاغرىپ قالمىدىم،ئوبدان تۇرىۋاتىمەن.
-ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟
-ياخشغۇ؟
-نەچچە كۈن بولدى تېلىفونمۇ قىلمىدىڭىز،ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن،‹‹قانداقراق تۇردىكىن ؟››دەپ تېلىفون قىلىشىم.ياخشى ئۆگىنىڭ ئوبدان بالام،ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ،ئەسكى –تۈسكى بالىلارغا ،ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭ...
-خاتىرجەم بولۇڭ ئاپا،ياخشى ئوقۇيمەن....
2
-ۋەي ،ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئاپا،تېچلىق تۇردىڭىزمۇ؟چوڭ دادام،چوڭ ئاپاملار، دادام،ئۇكام ياخشى تۇردىمۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، اللاھقا شۈكرى ، ئوبدان تۇردۇم بالام،ھەممىمىز ئوبدان تۇردۇق، ئۆزىڭىزچۇ؟
-خۇداغا شۈكرى ئوبدان تۇردۇم.
-تېخى تۆنۈگۈن تېلىفوندا كۆرۈشكەن ئىدۇق،بۈگۈن يەنە تېلىفون قىپسىزا؟بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-ياق،ھېچقانداق ئىش بولمىدى،شۇ سىزنى سېغىنىپ....
-ئاۋازىڭىز بوش چىقىۋاتىدىغۇ بالام؟
-شۇ...
- مېنى سېغىنپمۇ يا مەن ئەۋەتىدىغان پۇلنى سېغىنىپمۇ؟
-شۇ ھەر ئىككىلىسىنى سېغىنىپ ...
-ئادەتتە پۇلىڭىز تۈگىمىسە مېنى ئۇنداق ئىتتىك سېغىنىپ كەتمەيسىز بالام..
-ياق ،ئۇنداق ئەمەس،ئۇنداق دېمىڭە ئاپا...
-مېنىمۇ سېغىنىڭ ،مەن ئەۋەتكەن پۇلنىمۇ مۇۋاپىقراق سېغىنىڭ بالام،تېخى ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا كارتىڭىزغا 200 يۈئەن سېلىپ بەرگەن ئىدىم،پۇلىڭىز تۈگىدىما؟
-شۇ لازىملىق بىرنەرسىلەرنى ئېلىپ...
-ئەۋەتكەن پۇللارغا مىننەت قىلىپ دېگىنىم ئەمەس بالام، تېلىفونىڭىزغا تۆلىگەن پۇل، تاماق ۋە ئۇششاق خىراجەتلىرىڭىزگە بولۇپ ئايدا 2000 يۈئەنگە بېرىپ قالاي دەۋاتىدۇ.ئىككى -ئۈچ ئايدا بىر ئەۋەتكەن خالىتىلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا تېخى، بۇ مېنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىم 2700يۈئەن ،قولۇمغا تېگىدىغىنى 2000 يۈئەندىن كۆپرەك بالام،ئۆيدە يەنە دادىڭىز،مەن ئۇكىڭىزمۇ بار،ئۆينىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈنمۇ پۇل كېتىدۇ،بۇنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس ،پۇل دېگەن تېرەكنىڭ غازىڭى ئەمەس سېيرىۋالىدىغان، پۇلنى سەپ تېجەپراق ئىشلىتىڭ بالام،ئادەم ئۇنداق بەدخەج بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ئەۋەتىپ بەرمەي دېسەم تېلىفوندا ‹‹ ئاپۇي››دېگەن بىچارىلەرچە ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرۈكۈم‹‹شۇررىدە ››ئېرىپ كېتىدىكەن،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ‹‹بالىمىز ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراق جايدا ئوقۇۋاتىدۇ،كىشىنىڭ يۇرتىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن،يېنىدا پۇلى يوق ئەسكى يوللارغا كىرىپ قالمىسۇن››دەپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ تۇرغاچقا ‹‹پۇل››دېسىڭىزلا ئۆزىمىزدە يوق بولسا ئۆتنە –يېرىم قىلىپ بولسىمۇ سېلىپ بېرىۋاتىمىز،بىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،سىزگە ئەۋەتىدىغان شۇ پۇللارنىڭ قانچىلىك جاپا –مۇشەققەتلەر ئىچىدە قولىمىزغا كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،سىزنى ئالىي مەكتەپكە ‹‹پۇل خەجلەشنىلا ئۆگەنسۇن›› دەپ ئەۋەتمىگەن ،بىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سېغىنىشىڭىزنى،سىزنى سېغىندۇرغان ،بىز ئەۋەتىدىغان پۇلنى تېجەپراق ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن بالام،...
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش:بۇ تېمىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا –ئانىسىنىڭ قەدرىگە ئاز –تولا بولسىمۇ يەتسۇن دەپ يوللۇدۇم.
|