تەركان 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيەنىڭ Alzey دېگەن يېرىدىكى بىر تۈرك كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسىنىڭ ئىسمى Ali Tevetoğlu ئېدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا «Tarkan» دېگەن ئىسىم قەدىمىي بىر تۈرك پادىشاھىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى «باتۇر، قەيسەر» ئېكەن. 1986-يىلى ئۇ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ مۇزىكا ئۆگەنگەن. تەركاننىڭ ناخشا مەستانىلىرى تۈركىيەدە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئوتتۇرا شەرىق، شىمالى ئافرىقا، ياۋروپا، ئامېرىكا، لاتېن ئامېرىكىسى قاتارلىق دۆلەت ۋا رايونلاردىمۇ بار. تەركان 1991-يىلى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، 1993-يىلى تۇنجى ناخشا ئالبومى «Yine Sensiz» نى تارقىتىپلا داڭقى چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە پىلاستىنكا تارقىتىپ سېتىلىش مىقدارى مىلىيوندىن ئېشىپ كەتكەن ۋە تۈركىيەنىڭ مودا ناخشا پادىشاھىغا ئايلانغان. 1999-يىلى ئۇ ئىجاد قىلغان ناخشا «Simarik» بىر مەزگىل ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدا قاتتىق مودا بولغان، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە ۋە بىلروسىيەدە ناخشىلار قاتارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. تەركاننىڭ تازا نامى چىقىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈۋاتقان مەزگىللەردە، مېدىئالاردا ئۇنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈمىگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىغان، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلى 18 ئاي بولۇپ، بۇ مەزگىل بەلكىم ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىرى بولۇشى مۇمكىن ئېدى، ئەمما دەل شۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 1999-يىلى تۈركىيە چەتئەل گىراژدانلىرىنىڭ پۇل تۆلەپ ھەربىي مەجبۇرىيەت مەزگىلىنى ئورۇندىسا بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىدۇ، تەركاننىڭ ئامېرىكا گىراژدانلىق سالاھىيىتى بولغاچقا، ئۇ پەقەت سىمىۋول خارەكتېرىلىك ھالدا 1 ئاي ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ. ئۇ ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئىجادىيەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، مېكسىكىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ 250 مىڭ تاماشىبىن قاتنىشىدۇ، ناخشىلىرى ۋېنسۇئېلا، پاناما قاتارلىق دۆلەتلەردە ناخشا قاتارىنىڭ تۆرىگە چىقىدۇ. «Simarik» دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغانلار بۇ ناخشىنى ھىندىچە ناخشىكەن دەپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ 1997-يىلى تارقىتىلغان تۈرۈكچە مودا ناخشىدۇر. بۇ ناخشى ئىلگىرى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېيتىلغان بولۇپ، گېرىتسىيە، سېربىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، شىياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا تەرجىمە قىلىنىپ ئېيتىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى 2002-يىلى ئەنگىلىيەلىك Holly Valance ئېيتقان نۇسخىسىدۇر. 2005-يىلى تەركان ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېنگىلىزچە ئالبومىنى تارقىتىپ، زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ، بۇ ئالبومنىڭ ئىسمى «يېقىناراق كەل (Come Closer)» ئېدى. بۇ ئالبۇمغا بۇنداق ئىسىم قويۇلۇشنىڭ سەۋەبى تەركاننىڭ مەدەنىيەت بىلەن مۇزىكىنىڭ دۆلەت چېگرىسى يوق، كىشىلەر تېخىمۇ يېقىنلىشىشى كېرەك، مەن ناخشا-مۇزىكىلىرىم بىلەن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن دەپ قارىغانلىقىدىن ئىكەن. ئۇ تۈركىيە ۋە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىغا نۇرغۇن تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ چىقارغان پىلاستىنكىلىرى 1992-يىل «سەنسىز (Yine Sensiz)» 1994-يىل «ئاجايپ سەن (Aacayipsin)» 1997-يىل «سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا (Olurum Sana)» 1999-يىل «Tarkan» 2001-يىل «قالايمىقان (Karma)» 2003-يىل «خانىم (Dudu)» 2006-يىل «يېقىناراق كەل (Come Closer)» 2007-يىل « يىمىرىلىش (Metamorfoz)» 2010-يىل «ئۇنۇتما (Adımı Kalbine Yaz)»
|