ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇپقۇن:كۆزلەر سۆزلەشسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

كۆزلەر سۆزلەشسۇن

ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن

يارنىڭ لېۋى ئوتنىڭ رەڭگىدە

رەڭگى جاننى يايرىتار بىر پەس،
ھەۋەسلەرگە قىلىدۇ تۇتقۇن.
قىزىل گۈلدەك جۇلالىنىدۇ،
كۆزلىرىمدىن چاقنىتىپ ئۇچقۇن.

يارنىڭ لېۋى ئوتنىڭ رەڭگىدە،
كۆيدۈرىدۇ تۇيغۇلىرىمنى.
كاۋاپ بولدۇم لېۋىدە بۈگۈن،
ئاھ كىملەرگە ئوخشىتاي سېنى.

ئۇسما سۈيىدەك كۆكەرگەن ئاسمان،
خىيالىمنى قاچار ئوغۇرلاپ.
ھاياجاننىڭ بوستانلىرىدا،
ئوتقا ئوخشاش چەكتىم ئىزتىراپ.

يارنىڭ لېۋى ئوتنىڭ رەڭگىدە،
مەڭلىيىدە گويا تاڭ ئاتقان.
ئۈستى بېشى رەڭدەر چىمەنزار،
ئىزلىرىدىن رەيھان ئىچىلغان.

يارنىڭ لېۋى ئوتنىڭ رەڭگىدە،
ھارارىتى تارار يىراققا.
ئوت رەڭگىدە لېۋى بار شۇ قىز،
ئىشقى بىلەن ئالار قىيناققا.

كۆزلەر سۆزلەشسۇن

كەل نىگارىم جىمجىت جايغا كېتەيلى،
سىرىمىزنى بېرىپ قويۇپ سۈكۈتكە.
قۇل تۇتۇشۇپ مۇھەببەتكە كىرەيلى،
ئەتراپ تولسۇن ھاياجانلىق ئۈمىدكە.

ئايدىڭ كېچە يۇلتۇز ئاقار ئېچىمگە،
قار گۈللىرى توزىغاندا پەرىشان.
بىلدۈرمىدىم سەندىن باشقا ھىچكىمگە،
ئىشكىمنى چەكسە نەچچە زىمىستان.

ئىككى تەندە سۆزلەر كېرەك ئەمەستۇر،
ئۈنسىز-ئۈنسىز پىچىرلىشار كۆزىمىز.
لەۋ ئىزىغا توشۇپ كېتەر ھەربىر قۇر،
ئوت ياقسا گەر ئارمىنىمغا ئاشۇ قىز.

قويۇۋەتتىم مەيلىگە ھەم تۇيغۇمنى،
ئاشىقلىقىم بىلىنىدۇ كۆزۈمدىن.
رۇخسارىڭغا تېگىشەيمۇ ئۇيقۇمنى،
جىمى دەرتكە دەۋا ئىزدەپ ئۆزۈمدىن.

قاقشال لەۋ

ھەرۋاقت تىڭىرقاپ چۆكتۈم خىيالغا،
بېغىمغا زىمىستان چېللىغىنىڭ راس.
قاقشالدۇر لەۋلىرىم تەكلىماكاندەك،
قىينىما جىنىمنى بولدى دارغا ئاس.

كۆزۈمگە تەلمۈرۈپ باقسا بارخانلار،
تۇيغۇمدا بىر ئاپقۇر ھىجران قاينايدۇ.
قاقشالغا ئايلانسا جانسىز لەۋلىرىم،
يۈرىكىم بېغىشى ئوتنى چاينايدۇ.

ئۆتمۈشنىڭ تاغلىرى سالغاندا سايە،
قېنىمدا چاپىدۇ توختىماي ئاق ئات.
قاقشالغا ئايلانسا تاشلاندۇق لەۋلەر،
سېغىنىش كەپتەر بوپ قاقىدۇ قانات.

قولۇڭدىن تارىغان ئىللىق سېزىمدا،
ئىچىمدىن-ئىچىمگە قىلىمەن سەپەر.
قار كەبى توزىسا ساداقەت گۈلى،
ئاھ ئۈنسىز پىچىرلار شۇ قاقشال لەۋلەر.

ئاپتۇرى:بايىنغۇلىن كەسپى-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى بىئوقۇرلۇش فاكۇلتېتى 2014-يىللىق چارۋا-مال دوختۇرلۇق سىنىپتا
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى:18699681182
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-12-30 17:35:09 | ئايرىم كۆرۈش
لىرىكىڭىزغا  تەشەككۈر ئىنىم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-1-6 18:24:09 | ئايرىم كۆرۈش
تېمىڭىز ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ شۇنداق ياقتۇردۇم .بىرتال سۆز سەل خاتا بۇلۇپ قاپتۇ.
ئۇسما ئەمەس‹‹ئوسما››
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-1-10 22:18:53 | ئايرىم كۆرۈش
روھناز يوللىغان ۋاقتى  2017-1-6 18:24
تېمىڭىز ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ شۇنداق ياقتۇردۇم .بىرتال  ...

رەھمەت
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:15 , Processed in 0.136658 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش