كۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يامغۇر تۆكسە،
قەلبىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتىدۇ.
... مانا بۇ مۇھەببەت.
_ تاگور
<1>
مەن شېئىرىيەت ئالىمىدە قورقۇنچاق بىر پەرۋانە ئىدىم. ئۇنىڭ ھارارىتىدە ئۆزۈمنى ئىللىتماقچى بولاتتىم. ئەمما، يەنە ئۇنىڭغا بەك يېقىنلىشىپ ئۆزۈمنى كۆيدۈرىۋېلىشتىن قورقاتتىم. شۇنداق، مەن پەرۋانە ئىدىم. ئەمما، قورقۇنچاق پەرۋانە ئىدىم.
«ئاشىقلىق ئادەمنى يا شائىر قىلىدۇ، يا ساراڭ قىلىدۇ» دېگەن گەپلەرگە ئىشەنمەي يۈرىدىغان، ئازابنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەس بەختلىك پەرۋانە ئىدىم. چۈنكى، مەن دەيتتىم: مەن ئاشىق بولۇپ باقمىغان، قەلبىمگە سۆيگۈ ئوتىنى يېقىپ باقمىغان... شۇنداق، شېىرىيەت ئالىمىدىكى ئاشىقسىز پەرۋانە ئىدىم.
مىسرالار قوينىدا ئەركىن نەپەس ئېلىپ، توسقۇنسىز پەرۋاز قىلىدىغان ئازاد پەرۋانە ئىدىم. شۇئار قىلىپ توۋلايتتىم:«شېئىر ئالدىمىسۇن سېنى» دەپ. شۇنداق.. شېئىرىيەت ئالىمىدىكى ئازاد پەرۋانە ئىدىم.
شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كېلىپ قالدى، سەن ماڭا قاراپ دەستىلەر تىزىپ يېقىنلاپ كەلدىڭ. قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم... كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقاندەك، ھاللاشقاندەك... كاللام گاراڭ بولغاندەك، ئېچىلىپ كەتكەندەك... زۇۋانىم تۇتۇلغاندەك، سۆزمەن بولۇپ كەتكەندەكمۇ قىلاتتىم...
مەن ئۆزۈم تونۇيدىغان مەن ۋە نائېنىق مەن ئارىسىدا گاڭگىراپ قالدىم. ئۆزۈمنىمۇ يوقىتىپ قويىۋاتقاندەك قىلاتتىم. غايىپتىن سادا كەلدى. «مانا مۇشۇ مۇھەببەت» دەپ. مەن ھەيران قالدىم... شۇنداق، بۈگۈندىن ئېتىبارەن كىشەنلەنگەن ئىدىم. توغرا، بۇنى دەسلەپ بىلمەس ئىدىم. بىلگەن بولسام ھېلىقى مەن قورقۇپ يۈرگەن ھارارىتى كۈچلۈك ئوتقا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ ئۆلۈشكە رازى ئىدىمكى، بۇ يولغا قەدەم باسمايتتىم.
ئوتقا شەيدا پەرۋانە ئىدىم - يۇ، مۇھەببەت دېڭىزىدا يۇيۇنماق بولدۇم. ساراڭمۇ - ھە مەن، ئۆزۈمنى ئۆزۈم ھالاك قىلماقچى بولدۇم. خۇددى ھېلىقى كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالاردەك... ئۇلارغا ئوخشايتتىممۇ مەن؟ ياق، ياق.. لېكىن ئېغىزىمدا بىرلا گەپ بار. «نېمە دەرد بۇ ماڭا، نېمە ئەلەم» قىززىق. راست - ھە، نېمە دەردكەن ئۇ مەندىكى؟ ناھايىتى دەسسىمەك بولدۇمغۇ سۆيگۈ يولىغا تۇنجى قەدەمنى.
باغرىڭنى كەڭ ئاچتىڭ. خۇددى مەن بىلەن قوشۇپ پۈتكۈل دۇنيانى ئۆز باغرىڭغا كىرگۈزىۋالماقچى بولغاندەك. مەنمۇ قوينۇڭغا تاشلاندىم. خۇددى كېيىنكى سىكۇنتتىلا بۇ ئىش مەڭگۈ مۇمكىن بولماس ئىشقا ئايلىنىدىغاندەك. كېيىنچۇ؟ كېيىن... ھەممىنى ئۇنۇتتۇم. ھەتتا ئۆزۈمنى. مۇھەببەتكە يېڭىدىن ئېنىقلىما بەردىم. مۇھەببەت ئەسلى ئۆزىنى ئۇنۇتقۇزىدىغان دورا ئىكەن. ئاخىر، پەرۋانە ئىكەنلىكىمنى ئۇنۇتتۇم. ئۇ ئوتنىڭ ھارارىتى ماڭا ئەمدى كېرەك بولماي قالدى. چۈنكى، سەندىن ئۇ ئوتنىڭ ھارارىتىدىنمۇ ئىللىق بىر تۇيغۇلارنى ئالالايتتىم. كۆزلىرى مال - دۇنيا، مەنپەئەتتە بويىلىپ، اللەنى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتىرىۋەتكەن كىشى بارلىقىدىن ئايرىلغاندا قايتا سەجدىگە يۈكۈنۈپ اللەغا سېغىنغاندەك مەنمۇ ھەم پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىڭنى ھېس قىلغاندىلا، شېئىرغا ئىختىرا قىلاتتىم. توۋا دەيمەن، نېمىلەرگە ئېرىشتىم؟
شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كەلگەن ئىدى. كېيىن ئۇنداق كۈنلەرمۇ كەتمەكچى بولدى. بۇنى سېنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ ياكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلىقىمگە قويسام قەتئىي بولمايتتى. نېمە ئامال، ھەممىسى تەقدىر تۇرسا، كۆڭۈل دېگەننى ئۆز مەيلى بويىچە باشقۇرغىلى بولمىسا... سۆيمەس يۈرەكنى زورىغا كەتكۈزمەي، قەلبىمگە تېڭىپ قويساممۇ نېمە پايدىسى بولماقچى؟
ئاخىر قولۇڭنى قويىۋەتتىم... سەن كەتتىڭ. قايتا پەرۋانە بولماقچى بولساممۇ، پەرۋانىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە پەرۋانە ۋە مەشۇقسىز ئاشىقلىق ئارىسىدا گاڭگىراپ يۈردۈم. ھېچ ئۆزۈمنى تاپالمايتتىم.
<2>
بار - بارا كەلمەس بولۇپ كەتكەنلىكىڭنى تونۇپ يەتتىم، مەن تەن بەردىم. قاناتلىرىم دەرياغا ئايلانغان كۆز ياشلىرىمغا مىلىنىپ قايتا كۆتۈرىلەلمەس بولۇپ قالدى. يۈرىكىممۇ شۇنداقلا يوقاپ كەتتى. بۇنى ھېچكىمدىن كۆرمەيتتىم. يۈرىكىمنى ساڭا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويغانمۇ، ماڭارىڭدا «ئال يۈرىگىڭنى!» دېسەڭ «سەندە قالسۇن» دېگەنمۇ مەن ئىدىم. ھېچكىمنى ئەيىبلىمەيمەن ھەم ئەيىبلىيەلمەيمەن. ئاخىرى بولۇپ ئۆزۈمنى ياردىن ئىتتىرىۋەتكەن بولدۇم... مەن يۈرەكسىز تىرىكلىك ۋە نەپەسلىك ئۆلۈكلۈك ئارىسىدا ئالمىشىپ يۈردۈم.
<3>
ئاشىقلارچە ئۇزۇن قۇلاقلىرىمغا سېنىڭ خەۋىرىڭ كىرىپ قالدى. سەن مەندىن يىراق بولمىغان، ئەمما ناھايىتى ئېگىز سېپىلدا ئايرىلغان بىر باغدا ئىدىڭ. ئۈمىدلەندۈرگۈچى كىشىلەر قۇلاق تۈۋىمگە توختىماي پىچىرلىدى: «ئۇ سېنى كۈتىۋاتىدۇ» دەپ... قارا نىيەتلەر ئالدىمدا ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:«ئۇ باشقا تۇمۇچۇق، سۇمۇرۇغلارنىڭ پېيىدا يۈرىدۇ» دەپ...
ئۇ سېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم بولمىسىمۇ، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. سەن قەلب ئېكرانىمغا قايتا نىقتىلىپ كىرگەندە، يەنە كېلىپ شۇنداق پىتنىلەر بىلەن كىرگەندە سېنى ئۇنتىيالمايدىغانلىقىمنىلا ئەمەس سېنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈپ ئۆتىدىغانلىقىم ئەسكە كەلدى. يۈرىكىمنى يېرىپ خەندان ئۇردۇم «ئۇ مېنى سۆيەتتىغۇ» دەپ. كۆز ياشلىرىم ئەمدى ياش بولماي قالدى. تېنىمنىڭ قانداقتۇر يەرلىرىدىن ئاجرىلىپ چىقىۋاتقان ئىسپېرتلار بىلەن قوشۇلۇپ مېنى مەست (ياق، ياق، ياق) خامۇش قىلدى.
مەست ياكى خامۇش بولغىنىمنى راستىنى ئېيتقاندا ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. نېرۋام پۈتۈنلەي تورمۇزلاندى، ئۆزۈمنى ئالدىغۇدەك مادارمۇ مەندە قالمىدى. قاناتلىرىم ئۇچۇشقا تەمشىلىپ ئاجىزغىنە تەۋرىنەتتى، مەن پەقەت شۇلارنىلا بىلەتتىم. كېيىن، كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، مەن كۈندە ئۇچۇشنى ئىستەپ، يېنىڭغا بېرىش كويىدا يۈرۈپتىمەن. ئاخىر، قاناتلىرىم ئارانلا قىمىرلىدى، كىشىگە ئۆزىنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدىلا... ئېغىر ئازاب بەدىنىمنى تىتما - تىتما قىلىۋەتكەن ئىدى، يارا ئېغىزلىرىغا ھېلىقى ئىسپېرت تېگىپ مېنى سەگەكلەشتۈردى، لېكىن كاللام يەنىلا خامۇش ئىدى. مەن سەگەكلىك ۋە مەستلىك ئارىسىدا دەلدەڭشىپ يۈردۈم.
<4>
سېنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدىم، يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئەمدىلا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ قولىغا ياغ چاچرىتىۋالغاندەك... سېنى ئاجىز ئاۋازىمدا چاقىرىپ باقاي دەپ ئويلىدىم - يۇ، ئەتراپىڭدىكى نازىنىنلارنى ئۈركىتىۋېتىشتىن ئەنسىرىدىم. ئۆزۈم ساڭا يېقىنلىشىشىم، يۈرىكىڭنىڭ يەنىلا ماڭا تەلپۈنىدىغانلىقىنى ئەتراپىڭدا باشقا يۈرەك ئىگىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىشىم كېرەك. شۇ چاغدا خاتىرجەم بولالايمەن. بولمىسا ماڭا ئۇنداق ھېسداشلىق ياكى مەسئۇلىيەت يۈززىسىدىنلا يۈكلەنگەن مۇھەببەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى ھەم ئەھمىيىتى يوق.
ئۆزۈمنى يوقىتىپ خامۇشلۇق ۋە مەستلىك ئارىسىدا دەلدەڭشىپ يۈرۈپ، سېنى ئىزدەشكە، يېنىڭغا بېرىشقا بەل باغلاپ يۈرگەن كۈنلىرىم ئاجايىپ مۆجىزە يۈز بەردى. «باشقا كەلگەندە باتۇر» دېگىنى راست ئوخشايدۇ ئەسلى. مەن ئىككىمىزلا ئۇقىدىغان ئىلاھىي تىلنى قايتا رەت ئېسىمگە ئالدىم، پەرۋانىلىقىم ئېسىمگە كەلدى، ئۆزۈمنى قايتا تاپتىم. يامىنى، سەندىن ئايرىلالمايدىغانلىقىممۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
مەن يەنە يۈزسىزلىك بىلەن پەرۋانىلارچە ئىشىقتا ھېلىقى مېنى كۆيدۈرىۋېتىشكە قىللا قالىدىغان ئوتلارنى ئىزدەپ ماڭدىم. ئىشىنەتتىم، ئۇ يەرگە بارساملا يېڭىچە يوللارنى تېپىپ كېتىمەن. قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سولانغان تېنىمنى پاللىدە يورۇتۇپ سېنى جەلب قىلىمەن. ھېچ بولمىسا بىلىپ قالىسەن قەيەردىلىكىمنى.
ئىلاھىي تىللاردا، ئېچىنىشلىق ئاھاڭدا نالە قىلىپ تۇرۇپ قۇرلار كوچىسىدا تۈنىدىم. كۆزلىرىمدىكى ھەسرەت ياشقا ئايلىنىپ مىسرالىرىمنى چىلىققىدە قىلىۋېتەتتى. باشقىلار دەيتتى: «نېمە دەرد بۇ ساڭا نېمە ئەلەم» راست - ھە. مېنى سۆيەر سۆيمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان يۈرەكنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئەرزىمدۇ بۇنداق قىلىشلىرىم؟ ئىشقىلىپ بۇنى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم، سېنى قىدىرىش مۇساپىسىدە كەتتىغۇ نەچچە باھار، قىشلىرىم.
ئويلىسام ئۆزۈمگە كۈلگۈم كېلىدۇ، ياقام يىرتىپ «ئويغانغىن!» دېگۈم كېلىدۇ. بەزەن ھەتتا يىراقلارغا كەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن، ئاللىقانداقتۇر بىر كۈچ مېنى كەتكۈزمەيدۇ، ئاللىقانداقتۇر ماگىنىت مەيدانى پۇتلىرىمنى كىشەنلەيدۇ، نەدىندۇر كەلگەن ئاشىقلىق ئويلىرىمنى پېچەتلەيدۇ. مەن يەنە گاڭگىرايمەن. ماڭا ھەقىقىي ئۆزۈم ياكى سەن كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن. مەن دەيمەن، ھەر ئىككىسىگە ئېرىشسەم. لېكىن، بۇ يەنە تۇرمۇشتە. رىئالىي تۇرمۇش، كىشى ھەممىلا ئارزۇسىنى قاندۇرسا بولمايدىغان تۇرمۇش.
شۇندىلا ئەقلىمنى تاپىمەن. ناھايىتى كۆيۈكقۇ. قىينالساڭمۇ نېمە بولىدۇ. ئۆزۈڭنى تاپقىن، ئۆزۈڭگە قايتقىن، دەپ توۋلاپ كېتىمەن. ئاللىبۇرۇنلا سېنىڭ سادىق قوللىغۇچىڭغا ئايلانغان يۈرىكىم بار ئاۋازدا توۋلايدۇ: «كاللاڭنى سىلكى! ھەقىقىي مۇھەببەت شۇنچە ئاسانمۇ؟ بىر ئادەمگە پۈتكۈل ئۆمرىدە بىر نېسىپ بولۇشمۇ ئوڭاي ئەمەسقۇ!»
ئەقلىم گەپ باشلايدۇ: «توغرا تاللاۋاتىسەن. ئۆزۈڭنى تاپقىن. ئۇنى ئىزدىدىڭمۇ دەيلى، ئۇ سېنى سۆيمىسىچۇ؟ مۇھەببەت قەلەندەرى بولامسەن؟ ياق، ياق. ئۆزۈڭگە شاھ بول. گېزى كەلسە يۈرەكسىز ياشا»
قۇلاقلىرىم ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايتتى، گاڭگىرايتتى. گاڭگىراشلار ئىچىدە قارار چىقىرىپ بولالمىساممۇ، ئالدىمغا باسقان قەدەمنى مېڭىۋېرەتتىم، قاياققا ماڭغىنىمنى بىلمەيتتىم. شۇنداق قىلىپ، يا يۈرىكىم يا ئەقلىمنىڭ كەينىگە كىرەلمەي قايمۇقۇپ يۈردۈم.
<5>
ئاخىر، قىزلارچە تەپەككۇرىم بويىچە ھېسسىياتىم غالىپ كېلىپ، يۈرىكىم غەلىبە قىلدى. توغرا، ئاخىر يۈرىكىمنىڭ گېپىگە كىردىم. قانچە ئازاب تارتساممۇ، نېمە كۈن كۆرسەممۇ مەيلى، دەپ تۇرۇپ، شۇ ئېگىز سېپىلدىن ھالقىپ ئۆتمەكنى، سېنىڭ يېنىڭغا كەتمەكنى ئىستىدىم.
ئاجىزلىقىمغا ئېچىندىم. بۈركۈت بولالمىساممۇ قاناتلىرى مۇكەممەل يېتىلگەن سېغىزخان، ھېچ بولمىسا ھەرە قۇش بولۇپ قالسامچۇ - ھە. مىڭ تەستە ئەسلىمگە ئەكەلگەن پەرۋانىلىكىم ئەمدى مېنىڭ كانىيىمنى بوغۇۋاتاتتى. ئاھ، پەرۋانىلىك، ئاجىزلىق، مىسكىنلىك....!
<6>
ئاشىقلىقىم ھەممىنى يەڭدى. ھېلىقى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك سېپىلنى ئاخىر ھالقىپ ئۆتتۈم. شۇندىلا مېنىڭ پەرۋانىلىكىمگە مەست بولۇپ قاراپ تۇرغان سېنى كۆردۈم. ئاچكۆزلەرچە سېنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ يوقاتقۇم يوق، دېدىم... لېكىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۆز ئەسلىمگە قايتىش، ئۆزۈمنىلا سۆيۈش تەييارلىقىنىمۇ پۇختا قىلىپ قويدۇم.
چاناقلىرىڭ نەمدەلگەن ئىدى، ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى، سېنى ئازار يەپ قالغانمىدۇ دەپ. «سېنى ئاخىر تاپتىم، پەرۋانەم» دېگىنىڭدە يىغلىۋەتتىم. پەرۋانە ئىكەنلىكىمنى ئاخىر ئىقرار ئەتتىڭ، مېنى پەرۋانىلىكىم بىلەن سۆيمەك بولدۇڭ...
_ خاتىمە ئورنىدا _
بىر ئادەمنى سۆيسەڭ بارلىقى بىلەن، كەمچىلىكىنىمۇ قوشۇپ سۆي. ئۆزۈگۈرىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھەببەت ھەقىقىي ئەمەس. ھەسەن ئاكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق، بولمىسۇن سۆيگۈ يولىدا....
_ 2012. 11. 23 _
|