بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-18 10:44
كەچۈر ئانىجان
كەچۈر ئانىجان ،
ئۈلگۈرەلمىدىم ،
خىزمىتىڭنى قىلغىلى،
پۇتلىرىڭنى تۇتقىلى ،
مۈكچەيگىنىڭدە
تاينىدىغان تاياق بولغىلى،
كەچۈر ئانجان ،
ئۈلگۈرەلمىدىم ،
ئوتۇنىڭنى يارغىلى ،
سۇلىرىڭنى توشۇغىلى ،
يالغۇزسىرىغىنىڭدا
ساڭا بىردەم مۇڭداش بولغىلى ،
كەچۈر ئانىجان ،
ئۈلگۈرەلمىدىم ،
ئۈنۈڭنى ئىشىتەلمىدىم ،
ۋەسىيىتىڭنى ئاڭلىيالمىدىم ،
يىنىڭدا تۇرۇپ
قولوڭنى تۇتۇپ خوشلىشالمىدىم ،
مەن تۇزكور ئەبلەخ ،
مەن نائەھلى،
قان تەرىڭ بىلەن ئۆستۈم ،
ئەجرىڭ بىلەن ئادەم بولدۇم ،
ئەمما …
سەن يالغۇزسىرىغاندا
مۇڭداش بولالمىدىم ،
كەچۈر ئانجان ،
كەچۈر ،
ئايال دەپتىمەن ،
بالام دەپتىمەن،
ئۆيۈم دەپتىمەن ،
خىزمەت دەپتىمەن ،
ئاقىۋەت دۇنياغا تويماپتىمەن .
نىمە قىلدىم ، ئانا سەن ئۈچۈن،
ھىچنىمە …
پەقەت ھىچنىمە ،
بىر مەررە ئەمدۈرگەن ،
(سۈت ھەققىگە ،يەتتە رەت ئاپارماق كىرەك مەككىگە،)
مەنچۇ ""؟
مىنى يەتتە يىل كۆتۈرۈپ باقتىڭ ،
سىنى بىرەر رەت يۈدۈپ باقمىدىم ،
تامىقىمنى يىگۈزگىنىڭ ئىسىمدە،
ئەمما مەن دوراڭنى ئىچ دەپ ،
بىر چىنە چاي سۇنۇپ باقمىدىم ،
سەن
مەن ئۈچۈن تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ،
مەنچۇ …
دوختۇرخاندا ياتقىنىڭدا
بىرەر ئاخشام ھەمراھ بوپ باقمىدىم ،
كەچۈر ئانىجان ،
كەچۈر…
يۈرىكىم ئۆرۆلدى
قانىتىم سۇندى ،
مۇزلاپ كەتكەن قولوڭدىن ،
ياق…
يۈرىكىڭدىكى چوغدىن ،
تىنىمغا بىر ئوت تۇتاشتى ،
مۈرەمدە جىنازاڭ ،
كىتىۋاتىمەن …
قەبرەگە قويار چاغدا ،
پارتىلىدى ھەسرىتىم ،
يۈرەكلەرنى يىرتىۋىتىدىغان ،
ئىچ باغرىنى لەختە لەختە قىلىۋىتىدىغان ،
ياندا بارىدا قەدرىگە يەتمەي ،
ئايرىلغاندا ئەسقاتمىدى پۇشايمان .
ئۇنتۇپتىمەن سىنى ئانىجان ،
ئۆيۆم ، بالام بوپتۇ ھۇزۇرۇم
كەتتىڭ شۇنچە مىسكىن بىر ھالدا ،
قالدىم يالغۇز ئازاپ دەشتىدە
…يىغلىماقتا ئەرلىك غۇرۇرۇم
ئاھ جۇدالىق …
يەتتىنچى كەتمەن توپا تاشلاندى ،
سوراق باشلاندى …
زوھرا 16-ماي گۇما
|