ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1808|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ساڭا شۇنى دېگۈم بار (كۈلكە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

ساڭا شۇنى دېگۈم بار     

  -سىز ساۋاقداش زۇلپىيەنىڭ يېنىدىكى پارتىدا ئولتۇرۇڭ.
مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.سەن مەن تەرەپكە قاراپ كىلۋتىتىڭ.شۇ ۋاقىتتا مۇئەلىمگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى. خەپ ئولتۇرغىلى ئادەم چىقمىغاندەك مېنى يەنە ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرغۇزۇپ قويغىننىنى دەپ غودۇڭشىغان ئىدىم ئىچىمدە.
يېڭى سىنىپقا چىقىپ تۇنجى بۇلۇپ سەن بىلەن تۇنۇشىشنى پەقەت ئويلىمغان ئىدىم.كونا ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىلىپ كوڭلۈم يېرىم بولغاچقا  شۇ ۋاقتتا ساڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان ئىدىم ،سەنمۇ ماڭا گەپ قىلمىغان ئىدىڭ.ھازىر ئويلىسام بەكمۇ كۈلگۈم كىلدۇ.شۇنداق قىلىپ بۇ بىر كۈن سەن ماڭا گەپ قىلمىدىڭ مەن ساڭا گەپ قىلمىدىم.ھەتتا سالاممۇ بېرىشمەي بىر كۈننى كەچ قىلغان ئىدۇق.مەن سېنىمۇ كونا ساۋاقداشلىردىن ئايرىلىپ كۆڭلى يېرىم بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىيىن بىلسەم سەن مۇشۇنداق كەم سۆز ئىكەنسەن ئەمەسمۇ.
ئەتىسى سىنىپتا يوقلىما قىلغاندا ئىسمىڭنىڭ قەيسەر ئىكەنلىكنى بىلدىم.سەن يەنە ئۆزۈڭنىڭ ئىشنى قىلىپ بۇ پارتىدىشىڭغا پەرۋاقىلمىغان ئىدىڭ.  -توۋا بۇ بالا بۇتمۇ نىمە-دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم ئىچىمدە-بولدىلا بىر يىل پارتىداش بولۇپ ئۆتىدىغان بولغاندىكىن مەن گەپ قىلاي دېدىم دە ساڭا قاراپ:
-ياخشىمۇ سىز ئىسمىم زۇلپىيە  پارتىداش بولغاندىكىن بۇندىن كىيىن ئۆگنۈش جەھەتتە بىر-بىرمىزگە ياردەم قىلىپ ئۆتەيلى-دېدىم.سەن يەنىلا بىر خىل پەرۋاسىز قىياپەتتە:
-ھە ئىسمىم قەيسەر-پەقەت مۇشۇ بىر ئېغىز گەپنىلا قىلدىڭ.مەن بەكلا ھەيران قالدىم.ئادەممۇ مۇشۇنداق كەم سۆز بۇلامدۇ.
  مانا مۇشۇنداق قىلىپ بىز ساۋاقداش ھەم پارتىداش بۇلۇپ قالدۇق.
ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتۈپ مەن سىنىڭ پارتاڭدا مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان ‹‹ئامەت ۋە ئاپەت ››ناملىق روماننى كۆرۈپ قالدى بۇ بالمۇ كىتاپ ئوقۇشقا قىزقىدىغان ئوخشايدۇ ھە دەپ ئويلىدىم ھەم سەندىن:
-سىزمۇ بۇ كىتاپقا ئامراق ئىكەنسىز ھە-دەپ سوردىم
-ھە مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتاپ بۇ-دەپ جاۋاپ بەردىڭ.مەن مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغۇللارنى پەقەت توپ ئويناشقىلا قىزقىدۇ دەپ ئويلايتىم،لىكىن سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كىتاپ ئوقۇشقا قىزقىدىغىنىڭنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قالدىم.
-كىتاپ ئوقۇشقۇ ياخشى ئادەت لىكىن بۇنداق ھالقىق ۋاقىتتا كىتاپ ئوقۇسىڭىز ئۆگنىشىڭىزگە تەسىر يەتمەمدۇ،ئەڭ ياخشى ئىمتاھاندىن كېيىن ئوقۇڭ-سەن بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدۇڭ.
توۋا بۇ بۇتمۇ كۈلەلەيدىكەن ھە.ئىچىمدە شۇلارنى ئويلدىم
ئۆزۇممۇ كىتاپ ئوقۇشقا قىزىققاشقىمۇ پارتىدىشىم بولغان سېنىڭمۇ قىزقىشىڭنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئىكەنلىكنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولغان ئىدىم.چۈنكى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق ياىشى ئەمەسمۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ مەن سېنىڭ پارتاڭدا مەن ئوقۇپ بولغان ھەم ئوقۇمغان يېڭى كىتاپلارنى پات- پات ئۇچۇرتىپ تۇردۇم.سەن ماتىماتكا دەرىس ۋاقتىدىلا كىتاپ ئوقۇيتىڭ پەقەت دەرىسكە دېققەت قىلمايتىڭ.مەن نەچچە قېتىم ئەسكەرتكەن بولساممۇ يەنە شۇنداق قىلىۋەردىڭ.كىيىن مەنمۇ گەپ قىلمايدىغان بولدۇم.
دەل شۇ كۈنى شۇ سائەتلىك دەرىستە مەن سېنى ھەقىقى چۈشەنگەندەك بولدۇم.ئۇ ئەدەبىيات دەرىس ۋاقتى ئىدى.
مۇئەللىم بىزگە بىر قىسقا ھېكايىنى ئوقۇپ بېرىپ ھېكايىگە بولغان تەسىراتىمىزنى سۆزلەشكە قويدى.بىر نەچچە ئوقۇغۇچى جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن مۇئەللىم سېنى تۇرغۇزۇپ سەندىن سورىدى.پاھ ئەسلى سەن بىر ناتىق ئىكەنسەن ئەمەسمۇ ،ھەر بىر ئېغىز سۆزۈڭ شۇنداق جايىدا قايىل قىلارلىق كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.مەن ئېغىزىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .سەن كىتاپ خالتىسنىڭ كارامىتى بۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ.سەن سۆزلەپ بۇلۇپ ئولتۇرغاندا ھەممىمىز ساڭا ئالقىش سادايمىزنى ياڭراتقان ئىدۇق.بۇ ۋاقىت ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.دەرىستىن چۈشكەندە مەن ساڭا:-بەك ياخشى سۆزلىدڭىز جۇمۇ،كىتاپنى كۆپ ئوقۇغىنىڭىز بىكار ئەمەسكەن ئەسلى-دېگەن ئىدىم.سەن:
-نەدىكىنى پەقەت كۆڭلىمدە ئويلىغاننى دەپ قويدۇم-كەمتەرلىك بىلەن شۇنداق دېدىڭ.
كىيىن بىز دەرىس يوق ۋاقىتلاردا ئوقۇغان كىتاپلىرمىز توغۇرلۇق پىكىر ئالماشتۇردۇق.بىرەر پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرنى تەھلىل قىلغاندا گەپ تالىشىپ قالاتتۇق. بۇنداق ۋاقىتلاردا سەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن مىنى قايىل قىلماي قالمايتىڭ بۇ ۋاقىتلاردا مەن ھەر قانچە ئۇششۇقلۇق قىلساممۇ ئاقمايتى.
شۇنداق قىلىپ بىز بىر-بىرمىزنى ئاستا-ئاستا چۈشنىشكەن بولدۇق.
مەن قىززىپ قالغان شۇ كۈنى ئېسىڭدىمۇ؟شۇ كۈنى مەن مەكتەپكە ئارانلا كىلەلىگەن ئىدىم.قىززىپ ئاخشىمى ياخشى ئۇخلىيالمىغاچقا بېشىم تېخمۇ ئاغرىپ دەرىس ۋاقتىدىمۇ پارتا ئۈستگە بېشىمنى قۇيۋالغان ئىدىم.بىرىنچى سائەتلىك دەرىس ۋاقتى مۇئەللىم ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ئۆيگە بېرىپ ئارام ئېلىڭ دېگەن بولسىمۇ ئىمتاھانغا ئاز قالغاچقىمۇ كەتكۈم كەلمىدى.ئىككىنچى سائىتىدە فىزىكا دەرىسى بار ئىدى،شۇ ۋاقىتتىكى فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئېسىڭدە بارمۇ،شۇنداق ئاچچىقى يامان مۇئەللىم ئىدى.مەن مۇئەللىمدىن قورقۇپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم.قانداق بولغىنىنى بىلمەيمەن بىردەمدىلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.-زۇلپىيە-مۇئەللىمنىڭ قوپال ۋارقىرشى مىنى چۆچىتۋەتتى.
-ئاخشام ئۇخلىماي نىمە قىلغان ئىدىڭىز تۇرڭە ئورنىڭىزدىن ئۆرە تۇرۇپ ئۇيقىڭىزنى ئېچىڭ -مىنى نېمانچە نەس باسىدىغاندۇ دېدىم ئىچىمدە.ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.مۇئەللىم پەرۋاسىز دەرىسنى سۆزلەۋەردى.
بېشىم قاتتىق ئاغىرۋاتاتى.ئۆرە تۇرۇش شۇنچە تەس كەلگەن ئىدى.ئەلۋەتتە دەرىس ۋاقتى ئۇخلاپ قالغان ئوقۇغۇچىنى ھەممە مۇئەللىم مۇشۇنداق جازالىشى كېرەك،بۇ نورمال ئىش.بولدى چىدۋىتەي.ئۆز -ئۆزۈمگە شۇنداق دېگەن ئىدىم.تۇيۇقسىز سېنىڭ كۈلۋاتقىنىڭنى بايقاپ قالدىم .سەن كىتابىڭغا قاراپ ئولتۇرغىنىڭچە پىخلداپ كۈلۋاتاتىڭ.گەرچە باشقىلار بايقىمىغان بىلەن مەن يېنىڭدىلا بولغاچقا ئېنىق كۆرۈپ تۇرغان ئىدىم.مىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۋىتىپتۇدە دەپ ئويلدىم.سەن قۇلۇڭدا بۇرنۇڭنى تۇتقان بۇلۇپ كۈلىۋەردىڭ مىنىڭ بەك ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى.ئەگەر ئاغرىپ قالمىغان بولسام ئۇخلاپ قالماستىم،كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلۇدۇميۇ يىغلاپ كەتتىم،چۈنكى باشقلار مىنى مازاق قىلۋاتسا مەن قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن.يېشىمنى قۇلۇمدا سۈرتۈپ تۇراتتىم ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتۋالساممۇ ئېسىدىگەن ئاۋازىم سىرىتقا چىقىپ كەتتى.مۇئەلللىم ھەم ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراپ ھەيران قالدى.مۇئەللىم يەنە قوپال ئاۋازدا  -ئولتىرۋېلىڭ- دېدى.مۇئەللىمىڭ بۇ تەنە ئارلاش سۆزى مىنى تېخمۇ يىغلىتۋەتتى.
دەرىستىن چۈشكەندە ساۋاقداشلىرىم نىمە بولغانلىقنى سورىغان بولسىمۇ گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.كىيىنكى سائەتلىك دەرىستە مۇئەللىم دەرىس ئۆتمەي كۈنۈكمە ئىشلەشكە بۇيرۇپ ئۆگنۈشكە يىتەكچىلىك قىلۋاتاتى.سەن بىر پارچە ۋاراقچىنى ماڭا ئۇزارتتىڭ. ۋاراقچىگە ‹‹بايا نىمە ئىش بولغان ››مۇشۇ خەت يېزىقلق تۇراتتى.مەن كۆرۈپ ‹‹ئىسىت ساۋاقداشمۇ سىزدەك بۇلدىكەن››مەن پەقەت مۇشۇ خەتنى يېزىپلا ساڭا بەردىم.سەن كۆرۈپ ماڭا شۇنداق تىكلىپ قاراپ كەتتىڭ چىرايىڭدىن غەزەپلەنگىنىڭ چىقىپ تۇراتتى،مەن كارىم بولماي كىتاپقا قاراپ ئولتۇرىۋەردىم.دەرىستىن چۈشكەندە سەن ماڭا:-ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سورىسام نىمە قىلدىم مەن سىزگە-شۇنداق دېدىڭ.قىززىق ئىكەنمىز شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ بوش كەلمەي:-ھالىمنىڭ يوقلىقىدا ئۆرە تۇرۇپ بولالمايۋاتسام سىز نىمگە كۈلسىز شۇنچە كۈلگۈدەك قىززىق ئىشمىكەن-سەن ئەمدى ئاۋازىڭنى قۇيۋىتىپ كۈلۋەتتىڭ.قانداق بىر ئادەم بىلەن پارتىداش بۇلۇپ قالغاندىمەن دەپ ئويلۇدۇم يەنە.سەن يەنە كىچچىكنە ۋاراقچىگە‹‹ھەي كالۋا قىزچاق مەن سىزگە كۈلمىدىم .شۇ ۋاقىتتا بىر كىتاپتا ئوقۇغان ۋەقەلىك ئېسىمگە كېلىپ قېلىپ شۇنى ئويلاپ كۇلگۈم كېپ كەتتى بەك ئۇششۇقكەنسىز جۇمۇ ،›دەپ يېزىپ ماڭا بەرگەن ئىدىڭ.
يەنە شۇ كىتاپ.سېنىڭ كۈلشىڭگە سەۋەپچى بولغان كىتاپ مىنىڭ يىغلىشىمغا سەۋەپچى بولغان ئىدى.
چۈشتىن كىيىنلىك دەرىستە مەن يەنە تەستە ئولتۇردۇم.بېشىمنىڭ ئاغىرشى قىززىشى مىنى قىيناۋاتاتى. چۈشتىن كىيىنكى ئىككى سائەت ئىختىيارى ئۆگنۈش ۋاقتى بولغاچقا بېشىمنى پارتا ئۈستگە قۇيۇپ ئولـتىرىۋەردىم.بىر ۋاقىتتا:-بۇ دورىنى ئىچۋېلىڭە- سىنىڭ بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈردۈم.سەن بىر قولۇڭدا دورا بىر قۇلۇڭدا قايناقسۇ تۇتۇپ تۇراتتىڭ-مەكتەپ دوخـۇرخانىسىدىن ئاچىقتىم.ئىچىۋېلىڭ ياخشى بۇلۇپ قالسىز.سەن شۇنداق دەپ پارتا ئۈستگە قۇيۇپ قويدۇڭ.مەن رەخمەت دېدىم سەن يەنە:-ھە ساۋاقداش دېگەن مۇشۇنداق بۇلدۇ،تېز ئىچىڭە-شۇنداق دېگنىڭچە دورنى ئەمدى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدۇڭ.مەن كۈلۈپ قۇيۇپ دورىنى ئىچتىم.
دورىنىڭ تەسىردىمكىن مەن يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىر ۋاقىتتا ئويغۇنۇپ قارىسام ئاللبۇرۇن كەچ بولغان ئىدى.سىنىپتا  ئىككىمىزدىن باشقا ھىچكىم قالمىغان بۇلۇپ سەن يېنىمدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتىڭ.سەن ماڭا قاراپ:-كىچىك بالدەكلا ئۇخلايدىكەنسىزغۇ-دەپ كۈلۋەتتىڭ.بېشىمنىڭ ئاغرىقى خېلى پەسەيگەن ئىدى.-ئويغۇتۋەتسىڭىز بولماسمىدى.مەن ئەمدى قانداق كىتىمەن رازىيەمۇ كېتىپتىغۇ-مەن شۇنداق دېگەچ سىنىپتىكى يېقىن ئۆتىدغان ساۋاقدىشىم رازىيەنىڭ پارتىسىغا قاراپ قويدۇم.سەن يەنە پەرۋاسىز ھالدا:-قارىسام شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپسىز ئويغاتقۇم كەلمىدى.يۈرڭە ئۆيڭىزگە مەن ئاپىرىپ قۇياي-شۇنداق دەپ سومكامنى كۆترۈپ ماڭدىڭ.-بولدى ئۆزۈم كىتەلەيمەن سومكامنى بېرىڭ-سەن گېپىمنى ئاڭلىمغاندەك مېڭىۋەردىڭ.ئامالسىز مەنمۇ ساڭا ئەگشىپ ماڭدىم.تېخى قاراڭغۇ چۈشمىگەن بولسىمۇ خېلى كەچ بولغان ئىدى.بىز گەپ قىلىشماي مېڭىۋەردۇق.بىر ۋاققىتتا سەن:-زۇلپىيە بىز بىر سىنىپتا ئوقۇغىلمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى خۇددى دوستەك بۇلۇپ قالدۇق.سىزمۇ مىنى سەن دەڭ مەنمۇ شۇنداق دەي دوسلار ئارا سەن دېيىشسەك ئارىدا تارتىنىش تۈگەيدۇ.
-ياق-مەن ئىتتىكلا شۇنداق دەۋەتتىم.
-نىمىشقا؟-سەن ھەيران بۇلۇپ ماڭا قارىدىڭ.
-بۇنداق دېسەك قانداق بۇلدۇ،سەن دېيىشسەك مەن كۈنەلمەيمەن.يەنىلا سىز دېيىشەيلى-سەن بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ:
-كۈنۈپ قالىسىز.ئەمسە شۇنداق دېيىشتۇق ھە-مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە:-بالدۇرراق ئارام ئال ،ئەتە ساقىيىپ كەل ھە خوش- تۇنجى قېتىم مىنى بىر ئوغۇل بالنىڭ سەن دىيىشى ئىدى.شۇنچىلىك غەيرىلىك ھىس قىلىپ كەتتىم.ھە خوش دىگنىمچە كىرپ كەتتىم.ئۆيگە كىرىپ بۈگۈن بولغان ئىشلارنى ئويلدىم بۈگۈن بولغان ئىشلار كاللامغا كىرۋالغان ئىدى.پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى.باشقا ۋاقىتلاردا بولمايدىغان بىر خىل ھېسىيات مىنى جۇلغىۋالغان ئىدى.
ئەتىسى مەن سىنپقا كىرپ سېنى كۈرشۈم بىلەنلا يەرگە قارىۋالدىم.توۋا مەن نىمە بولغاندىمەن.باشقا چاغدا ئەزەلدىن بۇنداق بۇلۇپ باقمىغان ئىدىم.ئەجبا مەن..........
جايىمغا كىلىپ ئولتۇردۇم.سەن يەنە بۇرۇنقىدەك قىلچە ئوزگىرىش يوق ئولتۇراتتىڭ
-قانداق ياخشى بۇلۇپ قالغانسەن-سەن شۇنداق دېدىڭ.
-ھەئە ياخشى بۇلۇپ قالدىم-مەن مۇشۇلارنى ئارانلا دېيەلىدىم.سەن يەنە:
-دېققەت قىل جۇمۇ.يەنە ئاغرىپ قالما،ئەمدى ئاغرىپ قالساڭ ساڭا دورا ئاچقىپ بەرمەيمەن.ئۆزۈڭ ئاچىقىسەن-دېدىڭ.مەن كۈلۈپ قويدۇم.
شۇ كۈندىن باشلاپ  مەن سېنى سەن دەپ كۈنۈپ كەتتىم.ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ مەن سىنى  بۇ سىنىپتىكى بىردىنبىر تايانچىم دەپ بىلگەن ئىدىم.چۈنكى مەن قانداقلا قىيىنچىلىققا ئۇچراي يېنىمدا سەن بار ئىدىڭ.دوستى بولسا نىمدىگەن ياخشى ھە دەپ ئويلاپ قالاتتىم بەزىدە.
كۈنلەر ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.مانا ئىمتاھان ۋاقتىمۇ يېتىپ كەلدى.سەن ماتىماتكا ئىمتاھاندىن غەم قىلاتتىڭ.شۇنداق تۇرۇپ مەن بۇرۇن دەرىس ۋاقتى كىتاپ ئوقۇماسلىق توغىرسىدا نەسىھەت قىلسام بىرنىمۇ ئاڭلىمىغنىڭ قىززىق.
ئىمتاھانمۇ بەردۇق.ئىمتاھاننى ئاياغلاشتۇرۇپ ئارزۇ تولدۇردىغان ۋاقىتتا ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇماقچى بۇلۇپ ئارزۇنى ئوخشاش تولدۇردۇق..
تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئىمتاھان نەتىنجىسىمۇ چىقتى.ئىككىمىزنىڭ ئومۇمى نۇمىردا پەقەت 4 نۇمۇر پەرىق قىلاتتى.ئەپسۇس ماتىماتكىدا سەن ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چىكىگمۇ چىشلەشمىگەن ئىدىڭ.بىلەمسەن شۇ ۋاققىتتا مەن سەندىن بەك ئازاپلانغان ئىدىم.چۈنكى مەن......
-مانا دەرىس ۋاقتى كىتاپ ئوقۇغاننىڭ پايدىسنى ئەمدى كۆرگەنسەن.ياخشى بولدىمۇ مانا3 يىل ئوقۇغان ئوقۇشۇڭ بىكار بولدى.-مەن ساڭا مۇشۇلارنى دېگەندە سەن ئۈندىمەي جىم تۇرغان ئىدىڭ.
ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ ماڭا چاقىرىق كەلدى لىكىن بىز بىللە تاللىغان مەكتەپتىن ئەمەس باشقا مەكتەپتىن كەلگەن ئىدى.سېنىڭ ئۆتەلمىگنىڭنى ئويلسام پەقەت بارغۇم يوق ئىدى.ئەگەر ئۆيدىكلەر قۇشۇلغانلا بولسا قايتا ئوقۇشقا رازى ئىدىم.لىكىن ئۆيدىلەرلا ئەمەس سەنمۇ ئەسلا قۇشۇلمىغان ئىدىڭ.
مەن ساڭا قايتا ئوقۇش توغۇرلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ سېنى بىزار قىلۋەتكەن ئىدىم.شۇنداق بولسىمۇ مەن نىيتىمدىم پەقەت يانمىدىم.مانا سەنمۇ ئاخرى قوشۇلدۇڭ.لىكىن مەن بېرىۋېردىغان كىلەر يىلى سەن مەن كەلگەن مەكتەپنى تالايدىغان بۇلۇپ پۈتۈشكەن ئىدۇق.
-بۇ يىل مەن باراي كىلەر يىلى سەن كەل.ئىككىمىز بىللە ئوقۇيمىز.لىكىن بىر شەرتىم بار.چوقۇم كىتاپلىرىڭنىڭ ھەممىنى ماڭا تاپشۇرسەن.ئەدەببى خاراكتىردىكى كىتاپلارنى ئىمتاھان تۈگگىچىلىك ئوقۇشىڭغا رۇخسەت يوق.
سەن بۇ گېپىمنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈڭنى تۇتۋالالماي كۈلۈپ كەتكەن ئىدىڭ
-بەك گۆدەككەنسەن.كىتاپ دېگەن كىتاپخانىدا جېق تۇرسا.بولدى ھەممە كىتاپلىرىمنى ساڭا بەردىم ئېلۋال-سەن شۇنداق دېدىڭ.
-ھەي دوستۇڭنىڭ بىر ئېغىز گېپىنىمۇ ئاڭلىمامسەن.مەن كىيىنمۇ سەن بىلەن دوس بوپ ئۈتۈشنى خالايمەن.لىكىن سەن خالىمايدىغان ئوخشايسەن.-شۇ ۋاقىتتا بۇ گەپلەرنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىننى بىلمەيمەن.
-راسما ،بۇلىدۇ گېپىڭنى ئاڭلايمەن.مىنى ساقلاپ تۇر.چۇقۇم كىلەر يىلى چۇقۇم قېشىڭغا بارمەن.لىكىن پارتىداش بۇلالمايدىغان بولدۇق دە-سەن شۇنداق دېگنىڭچە ئېغىر خۇرسۇنۇپ قويغان ئىدىڭ.
سېنىڭ بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ قانچىلىك خوش بولغانلىقمنى بىلەمسەن.....
شۇنداق قىلىپ مەن ئالىي مەكتەپكە كەلدىم سەن قايتا ئوقۇش ئۈچۈن قالدىڭ.بىز ھەر بىر قېتىم تىلفۇندا پاراڭلاشقاندا‹‹تاماقنى ۋاقتىدا يە،ئاغرىپ قالما ،ئۆزۈڭگە پۇختا بول››مۇشۇنداق گەپلەر ئېغىزىڭدىن چۈشمەيتى.
بىر شەنبە كۈنلىكى تىلفۇندا قىلغان گېپىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ئۇ كۈنى سىلەرنى قۇيۇپ بەرگەن ئىكەن.چۈشتىن بۇرۇن دەرىس بولغاچقا مەن سىنىپتا ئىدىم.
-نىمە قىلۋاتسەن؟-سەن شۇنداق دېدىڭ.
-سىنىپتا كىتاپ كۆرۋاتمەن.-دېدىم مەن سەن ئۇلاپلا:
-كۆزۈڭگە دېققەت قىل جۇمۇ ،مەن بارغۇچە كۆز ئەينەك تاقايدىغان بۇلۇپ قالساڭ سېنى ھەرگىز دوستۇم دېمەيمەن.
بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدۇم.
-سەنچۇ -مەنمۇ سوردۇم.
-مەن مۇشتلىشىشنى ئۆگنۋاتىمەن-مەن سېنىڭ كىنو كۆرۋاتقىنىڭنى بىلدىم.
-ھەي ئۆگنىش قىلساڭ بولمامدۇ،يەنە ئۆتەلمەي قالساڭ قانداق قىلسەن-شۇنداق دېگنىمدە سەن يەنە چاقچىقىڭنى باشلىدىڭ:
-ئۆگنىشمۇ مۇھىم، لىكىن سېنىڭ يېنىڭغا بارغاندا سەن دوستەكنى قوغداش ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە مۇشتلىششنى ئۆگنۈپ قويمىسام بولماس-مەن يەنە كۈلۈپ قويدۇم.بىلەمسەن مەن سىنىڭ مۇشۇنداق چاقچاقلىرىڭغا بەكلا ئامراق ئىدىم.
سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن سەن بىلەن بىرگە بولغان چاغدىكىھەر بىر كىچىككنە ئىشلارمۇ مانا مۇشۇنداق  ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ.ئەگەر قىزلىق غورۇرۇم يول قويغان بولسا ئالبۇرۇن ساڭا دەۋەتكەن بۇلاتتىم.لىكىن سېنىڭ ماڭا بولغان ھېسياتىڭ يەنىلا ماڭا قاراڭغۇ.
بۈگۈن ھېساپلاپ باقسام سېنىڭ كىلشىڭگىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قالماپتۇ. سەن كەلسەڭ ئىككىمىز بىللە ئوقۇساق بۇ نىمدىگەن ياخشى.
سەن كەلگەندە سەن ئېغىز ئاچمىساڭ مەيلى.مەن چۇقۇم ساڭا شۇنى دەيمەن.
    مەن........سېنى.........ياخشى.........كۆرمەن.
                                          
    مەنبە:قەلمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3شۆھرەت +20 بايلىق +20 تۆھپە +20 يىغىش سەۋەبى
يارقىن + 5 + 5 + 5 قوللاش!
بۇلبۇل + 5 + 5 + 5 قالتىس!
تىلسىم + 10 + 10 + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-17 18:35:28 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 18:41  

مۇنبەرلەرگە  يېڭى  ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋاقىتلرىمدا يازغان ھېكەيەم ئىدى  ،شۇنداقلا  تۇنجى ھېكايە  ئىجادىيتىم مۇشۇ ئەسەر بىلەن باشلانغان  تور  ئارلاۋىتىپ ئۇچۇرتۇپ قالدىم  پەقەت بىرلا مۇنبەرگە  يوللاپتىكەنمەن..
دوسلۇرۇمنىڭ  قىممەتلىك پىكىرلىرنى ئالاي دېدىمغۇ  

باھا سۆز

ھىلىمۇ قىرى چال بوپ كەتتۇق ، ھىچقىسى يوق .  ۋاقتى: 2014-1-17 18:50
دىۋاننى ئۆزى ئالىدىغان ئىش نەدە ، خەپ .  ۋاقتى: 2014-1-17 18:47

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-17 18:41:45 | ئايرىم كۆرۈش
ھىكايىنى ئوقۇغ جەريانىدا ئۆزۈمنى ئويلاپ قالدىم ، بۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن ئوغۇل پىرسۇناژ بەك ئىغىر بىسىق ئىكەن ، لىكىن مەن ئۇنداق ئەمەس، ئىنتايىن شوخ ، ‹‹ بالىلارمۇ مەن سىنىپقا كىرمىسەم سەن يوق سىنىپ قىززىمىدى ›› ‹‹ سەن سىنىپىمىزنىڭ كۈلكە دورىسى جۇمۇ ›› دەيدىغانتى. لىكىن كىتاپقا ئامراقلىقىم،  ماتىماتىكا دەرىسىدە توختىماي كىتاپ ئوقۇيدىغىنىم ئاجايىپ ئوخشايدىكەن . قىز پىرسۇناژ بولسا سىنىپىمدىكى دىلنار دەيدىغان بىر قىزغا بەك ئوخشايدىكەن ، تولا ئاغرىپ قالاتتى ، دەرىستە يامان ئەمەس ئىدى ، كىتاپقىمۇ ئامراق ئىدى ، لىكىن ئۇنىڭغا بىر ئىشلار بەك تەسىر قىلامدىكىن ، بىردەمدە يىغلاپ بولاتتى ..
بۇ ھىكايە لىكىن بەك ياخشى چىقىپتۇ  ،  ھىكايىدىكى ئوغۇل پىرسۇناژنىڭ كىلەر يىلى قىز پىرسۇناژ يىنىغا كىلىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىۋاتىمەن.
قەلىمىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك بوپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ . كىچىل يازغۇچى . بۇ راسىت ئىشلار خاتىرىسىمۇ ياكى توقۇلمىمۇ ؟

باھا سۆز

قەيسەر ئىنىمنىڭ ئىسمىمۇ قەيسەر يەنە .... رىئالىقتىكى بەزى ھېكايەمنىڭ شاھىدى بۇ ئىسىم شۇڭا چىقىپ قالدى...  ۋاقتى: 2014-1-17 19:02
ئەمما مىنىڭ جېنىم چىڭ ئاسان ئاغرىپ قالمايمەن  ۋاقتى: 2014-1-17 18:58
چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈمەكچى بۇلۇپ شۇنداق بوپ قالدى خاپا بولماڭ قېرىپ كىتسىز..  ۋاقتى: 2014-1-17 18:49
؟؟؟  ۋاقتى: 2014-1-17 18:44

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-17 18:54:54 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 18:41
ھىكايىنى ئوقۇغ جەريانىدا ئۆزۈمنى ئويلاپ قالدىم ، بۇنى ...


  
بۇ ھېكايەمنى سىنىپتىكى باللا  ئۇقۇپ  كەينىمگە كىرىپللاۋالغانتى  راستىڭنى ئېيتە  دەپ  ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ ئىشلىرنى سۆزلەپ ئاران قۇتۇلغانتىم
ئەمدى  سىزمۇ شۇنداق دەيسىزغۇ  بۇ تۇقۇلما  .
قارىغاندا چىن  ۋەقەلكتەك چىقرىپ يازالىغنىمغا قارغاندا  ياخشى يېزىپتىمەن  جۇمۇ  (سەت بولدى ئۆزەمنى ماختاپ سالدىم )

باھا سۆز

ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، قەيسەر سىزنىڭ ئىنىڭىز ، بۇرۇن سىزدىن ئاڭلىغان .  ۋاقتى: 2014-1-17 19:03
قەيسەر دىگەن تونۇشلا ئىسىم ، شۇڭا دەيمەن.  ۋاقتى: 2014-1-17 18:58

6

تېما

266

يازما

1511

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 250
يازما سانى:
266
تىللا:
1015
تۆھپە:
75
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
54 سائەت
ئاخىرقى:
2014-9-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىقىزغىن ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-1-17 19:06:25 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلكە يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 18:54
بۇ ھېكايەمنى سىنىپتىكى باللا  ئۇقۇپ  كەينىمگە كىرىپ ...

مەنمۇ ھەقىقىي ۋەقە دەك ھىس قىلىپ قاپتىمەن دىسە......
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز،چىنلىقى كۈچلۈك ئىكەن،،

0

تېما

67

يازما

752

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 247
يازما سانى:
67
تىللا:
594
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
15 سائەت
ئاخىرقى:
2014-1-26

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-1-17 20:09:42 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز، سىز بۇرۇن بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىغانمۇ؟بۇرۇن بىرقىتىم ئوقۇغاندەكلا ھىس قىلدىم،ھەم بەكلا ياقتۇردۇم.

باھا سۆز

ھەئە باشقا مۇنبەرگە يوللىغان.  ۋاقتى: 2014-1-19 17:03
ھەئە باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىغان .  ۋاقتى: 2014-1-19 13:03

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2014-1-17 20:35:06 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ راس  ۋەقە ئوخشايدۇ دەپتىمەن  ئەممە قالتىس  يىزىپسز   كۇلكە
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-1-17 20:41:09 | ئايرىم كۆرۈش
تىلى يىنىك تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك.مەنمۇ ئوقۇپلا بېشىدىن ئۆتكەن راست ئىشلار خاتىرىسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.ھىكايىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى قانچە كۈچلۈك بولسا كىشى قەلبىنى تىتىرىتەلەيدۇ.
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!!!!!!!!!!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

9#
ۋاقتى: 2014-1-17 22:18:16 | ئايرىم كۆرۈش
يۇقارقى ھىكايىنىڭ چىنلىقى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن ...
مەنمۇ راس ئوخشايدۇ دەپ سىزگە ھەۋەس قىپ كىتىپتىمەن تېخى ... بىكاردىن بىكار......
لىكىن مۇشۇنداق چىنلىقى يۇقىرى يېزىلغان ھىكايىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرىكىنى تىترىتەلەيدۇ ....
دىمەك سىز بۇ ھىكايڭىزدە غەلبە قازاندىڭىز دىگەن گەپ ....
لىكىن ئاخىرىنىمۇ يېزۋەتمەي .....تېخىمۇ پەيزى چقاتتى ،...

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

10#
ۋاقتى: 2014-1-17 23:19:09 | ئايرىم كۆرۈش
سەن دېيىشسەك... دېگەن جايلىرىنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەپسىز. ھېكايە ياخشى باشلىنىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىپتۇ. گەرچە تۈگۈنى يېشىلمىگەن بولسىمۇ ئەمما تۈگۈننى يېشىشنى ئوقۇرمەنگە قويۇپسىز. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

باھا سۆز

باش سۈرىتىڭزگە ھەجەپ دېققەت قىلماپتىمەن ئىككمىز ئوخشاش بىر جايغا قاراپ تۇرۇپتىمىز ھە ھى ھى ھى  ۋاقتى: 2014-1-19 17:07
تۈگۈننى ئۆزىڭىز ئويلىغنىڭىز بۇيىچە يېشىۋېرىڭ ھە ھى ھى  ۋاقتى: 2014-1-19 13:13
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:42 , Processed in 0.190292 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش