ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: (سەردار)
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋەھىملىك ئەسەر : ئالۋاستى تۇمار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-20 06:03:12 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھە چاقچاق قىلىپ قويدۇم خوش كەپسىلەر، كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

12#
ۋاقتى: 2016-12-20 07:56:49 | ئايرىم كۆرۈش
قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدىغۇ ، جىن ئالۋاستىلارنى كىم يوقىتار بۇ ھىكايىدە... داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز . داۋامى تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق چىققۇسى ئىنشائاللا .

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-20 12:18:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئالۋاستى تۇمار                 (ۋەھىمىلىك ھېكايە)    ئاپتۇرى: مۇساجان مۇھەممەد(سەردار)   ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ قىزقىشى ئاساسىدا يېزىلغان، ئەسەر خاراكتىرى بىر قەدەر قورقۇنۇچلۇق، يۈرىكى ئاجىزلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،                             3.قىسىم  ئەمدى نەزىرىمىزنى، ئابدۇللانى ناھىيەگە ئاپىرىپ قويغان ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرىغا قارىتايلى. ئابدۇللا شۇ كۈنى ماشىنىنىڭ كىرا ھەققىنى بېرىدىغان چاغدا، يانچۇقىدىن پۇل ئالغۇچە ئىھتىياتسىزلىقتىن مەۋلاننىڭ بوينىدىن ئېلىۋالغان، ھېلىقى قاشتېشى ماشىنا ئورۇندۇقىغا چۈشۈپ قالدى، ئابدۇللامۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنى بايقىمىغانىدى، شوپۇرنىڭمۇ قاشتېشىنى كۆرۈپ نىيىتى بۇزۇلغاچقا، ئابدۇللا كىرا ھەققىنى بېرىپ ماشىنىدىن چۈشۈشىگىلا ماشىنىسىنى ئۇچقاندەك ھەيدىگىنىچە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى، شۇنداق قىلىپ قاشتېشى شوپۇرنىڭ قولىغا چۈشتى. شۇ كۈنى ئاخشىمى شوپۇر ناھىيەدېن يېزىغا ئۈچ ئادەمنى ماشىنىسىغا ئېلىپ ماڭدى، ماشىنا خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن ئىككى تەرىپى خارابىلىق ھېلىقى تاشلىنىپ قالغان زاۋۇتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يولغا يېتىپ كەلدى، لىكىن نىمىشقىكىن ماشىنا بارغانسىرى غىچىلدىغىنىچە ئېغىرلىشىپ ماڭالماي قالدى، شوپۇر ئەمدى ماشىنىسىنى توختاتمىسا ماشىنىسىنڭ كادىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ، يولنىڭ چېتىگە توختاتتى ۋە، ئاستا ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ماتورى دېگەندەك يەرلىرىنى تەكشۈردى، لىكىن ھەممە نۇرمال ئىدى، ئۇ ماشىنىسىنى قايتىدىن قوزغىتىپ بېقىش ئۈچۈن ئوت ئالدۇرىۋىدى، ماشىنا بىر خىرىلداپلا ئوتى ئۆچۈپ قالدى، شوپۇر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز يېزىدىكى ماشىنا رىمۇنت قىلىدىغان بىر رىمۇنتچى  ئاغىنىسى يادىغا يەتتى-دە، تېلىفۇنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدى، لىكىن قېرىشقاندەك سىگنال يوق دەپ تېلىفۇنى ئىشلىمىدى، شوپۇرمۇ كۆڭلىدە، بۇ قانداق بولغىنى، ئەجەب بۈگۈن سىگنال ئىشلىمىدى يا، باشقا ۋاقىتلاردا مۇشۇ يەردىن تېلېفون سۆزلىشىپ ماڭساممۇ سىگنال ئىشلەۋېرەتتى، بۈگۈن ماشىنا بۇزۇلغان ئازدەك تېلېفونمۇ بۇزۇلغان ئوخشايدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدى، چۈنكى ئۇ يەتتە يىل شوپۇرلۇق قىلىپ بۇنداق ئىشقا تېخى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشى ئىدى، ئۇ ئەمدى ماشىنىدىكى خېرىدارىنىڭ تېلىفۇنىنى ئىشلىتىۋېلىشقا سورىدى، لىكىن ھېچقايسىنىڭ تېلىفۇنىدا سىگنال يوق ئىدى.شوپۇر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا، خارابىلىق ئىچىدىن چىققان سۇس ئۆتنىڭ يۇرۇقىغا كۆزى چۈشتى، ئوتنىڭ يۇرۇقى بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى، شوپۇرمۇ ئۇ تەرەپتە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئاستا قەدەملەر بىلەن شۇ تەرەپكە قاراپ كېتىپ باراتتى، باشقىلار شوپۇرنى ھاجەت قىلغىلى ماڭغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ گەپ قىلمىدى. شوپۇر يۇرۇق چۈشكەن جايغا يېقىنلىشىۋىدى يۇرۇقلۇقمۇ ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ غايىپ بولدى، لىكىن ئۇ تېلىفۇنىنىڭ چىرىقىنى يۇرۇتۇپ تېخىچە ئۇ يەرگە زەن سېلىپ قارايتى، لىكىن ھېچ نەرسە يوق ئىدى، چارچاپ قالغان ئوخشايمەن، ئۆزەمچە بۇ يەردە ئوت كۈيىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، شوپۇر شۇلارنى ئويلىغىنىچە ماشىنا تەرەپكە ماڭماقچى بولۇپ ئەمدى نەچچە قەدەم ئېلىشىغىلا، ئارقا تەرەپتىن بىر قىزنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، شوپۇر بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئارقىسىغا قارىۋىدى، ئون بەش ياشلار چامىسىدىكى ناھايتى گۈزەل بىر قىزنىڭ بېشىنى تىزىغا قويۇپ، تىزىنى قۇچاقلىغىنىچە يوغان بىر تاشقا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېغىز ئاچتى: -قىزچاق، سىز بۇ خارابىلىقتا نىمىش قىلىسىز؟، ئۆيىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىز يوقمۇ؟. ئۇ قىزمۇ شوپۇرنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا يىغلاشتىن توختاپ ئورنىدىن تۇردى ۋە خارابىلىققا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مېڭىشقا باشلىدى، شوپۇرمۇ ئىختىيارسىز ئۇ قىزنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىغا قىزىقىپ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، ئۇ قىز شۇ ماڭغىنىچە قىش پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان خۇمداننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، شوپۇرمۇ ھايال بولمايلا قىزنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىردى، خۇمداننىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىدىكى تامنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەچكە، ئاينىڭ نۇرى خۇمداننىڭ ئىچىنىمۇ سۇس يورۇتۇپ ناھايىتى سۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى، شوپۇر بۇ مەنزىرىدىن بىرئاز قورقۇشقا باشلىدى-دە،كەتمەكچى بولۇپ ئارقىغا بۇرۇلىۋىدى، ھېلىقى قىز شوپۇرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، لىكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل يېنىپ تۇرغان بولۇپ، شوپۇر ئۇنىڭ ئادەم ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلۇپلا قېچىشقا باشلىدى، لىكىن ئۇ ناھايىتى كېچىككەن ئىدى، چۈنكى  ئالۋاستى ئايال  ئۆز قىياپىتىدە، خۇددى جان ئالغۇچى مومىياغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، شوپۇر ئەمدى قېچىشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ، قورققىنىدىن ئالۋاستى ئايالغا تىزلانغىنىچە ئۇنىڭغا يالۋۇراتتى، ئايال ئالۋاستىمۇ شوپۇرنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا  پەرۋا قىلماي بىر سىلكىپلا ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى-دە، قولىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىپ يۈرگىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا ئاغزىغا سېلىپ يەۋەتتى، لېكىن ئايال ئالۋاستى شوپۇرنىڭ قورسىقىدا ھېچقانداق يارا ئىزى قالدۇرمىغانىدى، شوپۇرمۇ مەيدىسىنى تۇتقىنىچە بىر قورام تاشقا يۆلىنىپ جان تالىشىشقا باشلىدى، ئايال ئالۋاستى ئۇنىڭغا قىلچە رەھىم قىلماستىن مەۋلاننىڭكىگە ئوخشاشلا كۆزىنى ئۇيۇۋالدى، شوپۇرمۇ ئاغرىققا چىدىماي قاتتىق ۋارقىرايتتى، ئۇنىڭغىچە ماشىنا يېنىدا ساقلاپ تۇرغانلار شوپۇرنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ. -شوپۇر ئۇستام، شوپۇر ئۇستام:-دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئاۋاز چىققان تەرەپكە يۈگۈرۈشكە باشلىدى، ئايال ئالۋاستى ئاۋازنىڭ بارا-بارا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشنىڭ ئەپ ئەمەسلىكىنى بىلدى-دە، شوپۇرنىڭ قورسىقىغا قولىنى تىقىپ قوچۇشقا باشلىدى، شوپۇرمۇ ئاغرىققا چىداپ بولالماي قاتتىق ۋارقىراپ، تىپىرلاپ ئاخىرى جان ئۈزدى، ئايال ئالۋاستى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ غايىب بولدى، ئۇنىڭغىچە باشقىلارمۇ يېتىپ كېلىشتى، ئۇلار خۇمداننىڭ ئىچىگە كىرىپلا يەردە ياتقان جەسەتنى كۆرۈپ، بىرى تېلېفوننىڭ چىرىغىنى ياندۇردى، دەرۋەقە بۇ شوپۇرنىڭ جەسىدى ئىدى، ئۇلار بۇ مەنزىرىدىن بەكلا قورقۇپ كېتىشتى-دە، ئارقىغا قاراپلا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق قېچىشقا باشلىدى، ئۇلار شۇ يۈگۈرگىنىچە ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ توختىدى، بىراق ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بۇ يەر، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سايلىق بولغاچقا قەيەرگە مېڭىشىنى، نېمە بىلەن مېڭىشىنى بىلەلمىدى، ئۇلار بۇ يەردە ماشىنا ساقلاپ بېقىش ئۈچۈن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت تۇرغان بولسىمۇ، ماشىنا ياكى ھېچقانداق قاتناش ۋاستىسى بۇ يەردىن ئۆتمىدى، ئارىدىن ئوتتۇز بەش ياشلار چامىسىدىكى قارامتۇل، پاكار، سېمىز، خوجايىن سۈپەت بىركىشى گەپ باشلاپ: -ھەي ئۇكىلا، مەن ماشىنا ھەيدىيەلەيمەن، ئەمدى مېڭىپ كېتىمىز دېسەك يېرىم كۈن ماڭساقمۇ بۇ سايلىقتىن چىقىپ بولالمايمىز، شۇڭا بىر ئامال قىلىپ ماشىنىنى ئوڭشىمىساق بولمايدۇ، بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرساق ھەممىمىز شوپۇر ئۇستامدەك ھالغا چۈشۈپ قالىمىز:-دېدى، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنىڭ تېگىگە يېتىپ، بۇ پىكىرگە قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن خوجايىن سۈپەت بۇ كىشى ماشىنىنى قايتىدىن ئوت ئالدۇرۇپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن ماشىنىغا چىقتى، لېكىن قېرىشقاندەك ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى يوق تۇراتتى، ئۇ جىددىيلەشكەندەك تەلەپپۇزدا گەپ باشلىدى: -ئاپلا، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى يوقتۇرىدۇ، ئەمدى قانداق قىلامىز؟. -شوپۇر باياتىن ماشىنىدىن چۈشكەندە ئاچقۇچنى يانچۇقىغا سالغاندەك قىلاتتى:-دېدى ئارىدىن قاۋۇل ئىسىملىك ئۇرۇق، ئىگىز بىر ياش يىگىت بۇ كىشىنىڭ گېپىگە قارىتا. -قايسىڭلار بېرىپ شوپۇرنىڭ يانجۇقىدىن ئاچقۇچنى ئەپكېلىسىلەر؟:-خوجايىن سۈپەت كىشى بۇ ئىككەيلەنگە قاراپ شۇنداق دېدى، لىكىن ئىككەيلەن دەرھاللا بۇ پىكىرنى رەت قىلدى، چۈنكى كىممۇ بۇ ۋەقەنى كۆرسە ئۆزى يالغۇز خارابىلىققا كىرىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، خوجايىن سۈپەت كىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ: -بوپتۇ، يا ئۆلەم، يا كۆرەم، ھەممىمىز بىرلىكتە بېرىپ ئاچقۇچنى ئەپكېلەيلى، قانداق، قوشۇلامسىلەر:-دېدى، باشقىلارمۇ ئامالسىز بۇ پىكىرگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار شوپۇر ئۆلتۈرۈلگەن خۇمدانغا قاراپ ماڭدى، ئۇلار بىردەم ماڭغاندىن كېيىن خۇمداننىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە، ئىچىگە كىمنىڭ كىرىشى توغرىلىق بىردەم مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، قاۋۇل خۇمداننىڭ ئىچىگە كىرىپ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېچىقىدىغانغا، قالغان ئىككىسى خۇمداننىڭ كىرىش ئېغىزىدا تۇرۇپ، ئەتراپنى كۆزىتىشكە دېيىشتى، شۇنداق قىلىپ قاۋۇل ئەندىشە ئىچىدە شوپۇرنىڭ جەسىتىگە يېقىنلاشتى-دە، يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ھەقىقەتەن بىر يانچۇقىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى ۋە ھېلىقى قاشتېشى چىقتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ قاشتېشىنى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالدى. -ئۇكەم تېز بولۇڭە تېز، بۇ يەردە راستىنلا ئالۋاستى بار ئىكەن، تېز بۇياققا چىقىڭ:-قاۋۇل خوجايىن سۈپەت بۇ كىشىنىڭ شۇنداق دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى-دە چاققانلىق بىلەن خۇمداننىڭ ئىشىكى تۈۋىگە قېچىپ بېرىۋالغاندىن كېيىن خۇمداننىڭ ئىچىگە قارىدى، راستىنلا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا قىپقىزىل بىرجۈپ كۆزنىڭ ئۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، بۇ ئۈچەيلەن شۇنداق قىلىپ تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ئاخىرى ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىۋالدى، خوجايىن سۈپەت كىشى قاۋۇلنىڭ قولىدىن ئاچقۇچنى ئالدى-دە، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن ماشىنىغا چىقتى، بۇ قېتىم ماشىنا نورمال ئوت ئېلىۋاتاتتى، شۇنداق قىلىپ خوجايىن سۈپەت كىشى ماشىنىنى ھەيدەپ، قالغان ئىككىسى ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يېزا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ئۇلار يەنە يېرىم سائەتلەرچە ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى يېزىغا يېتىپ كەلدى، قاۋۇل بىر دېھقاننىڭ بالىسى ئىدى. ئەتىسى چۈش. قاۋۇل ئېتىزلىقتا قاتتىق ئىشلەۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا ئاخشامقى قاشتېشى كەلدى-دە، يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ قاشتېشىنى قولىغا ئېلىپ: -پاھ نېمىدېگەن چىرايلىق قاشتېشى بۇ، بۇمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ بەرگىنى:-دېگىنىچە قاشتېشىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ ئىشلەۋەردى. مانا كەچمۇ كىردى، قاۋۇلمۇ ئېتىزلىقتىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ ئۆيگە بارغۇچە، بۇ قاشتېشىنى بۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالسام بولمايدۇ ،ھېچكىم كۆرمىدى دېگەندىمۇ ئۈستىمىزدە كۆرۈپ تۇرغۇچى خۇدا بار، ھېچ بولمىسا بۇ قاشتېشىنى سېتىپ پۇلىنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتسەم بولغۇدەك، دېگەندەك خىياللار بىلەن بىردەمدىلا ئۆيگە كېلىپ كەلدى، ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان ئانىسىغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىشقا تەمشەلدى-يۇ، لىكىن  ئانىسىغا قاشتېشىنى كۆرسىتىپ قويسا ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىۋالىدىغانلىقىنى بىلىپ خىيالدىن  ۋاز كەچتى، چۈنكى بۇ قاشتېشىنى ئانىسىغا كۆرسىتىپ قويسا ئانىسى دادىسىغا دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دادىسى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ سوراپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قالسا قاۋۇل دادىسىدىن دەشنام ئاڭلايدۇ. -ۋاي بالامنىڭ چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ، بىرەر نەرسىدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك، ياكى ماڭا دىيەلمەيۋاتقان بىرەر گېپىڭ بارمۇ قانداق. -ياق، ياق ئانا، ھېچ ئىش يوق، بۈگۈن سەل چارچاپ قاپتىمەن:-قاۋۇل شۇنداق دېگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئاخشىمى تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن قاۋۇل ئۆزى ئۇخلايدىغان ئۆيگە كىرىپلا ئورىنىغا كېلىپ يېتىپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى، لىكىن نېمىشقىكىن ئۇنىڭ ئۇيقىسى پەقەتلا كەلمىدى، مانا يېرىم كېچە بولاي دېدى، قاۋۇلنى ئازراق مۈگدەك بېسىشقا باشلىدى، ئارىدىن تەخمىنەن تۆت سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قاۋۇل دىرىڭڭىدە چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى-دە، ھاجىتىنىڭ قىستاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ھاجەتخانىغا قاراپ ماڭدى، (ئۇلارنىڭ ھاجەتخانىسى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى باغ تەرەپتە) ئۇ ھاجەتخانىغا ئازلا قالغاندا ئالدىدىكى ئۆزىنىڭ سايىسىنىڭ يېنىدا يەنە بىر نامەلۇم سايە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى-دە، دەرھاللا ئارقىغا قارىدى، لىكىن ئارقىسىدا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، بولدى قىلاي، ئۇيقۇچىلىقتا كۆزگە نىمە كۆرۈنمەيتى، قاۋۇل شۇلارنى ئويلىغىنىچە كۆزىنى يۇمۇپ يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭدى، لېكىن نەچچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا بىر نەرسىگە كاللا قويۇپ تاسلا قالدى ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشكىلى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇيقۇسى رەسمىي ئېچىلغان بولۇپ پىشانىسىنى سىلىغىنىچە ئالدىغا قارىدى، لىكىن ئالدىدا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، مېنى نىمانچە نەس باسىدىغاندۇ، بۇ يەردە ھېچ نەرسە يوقكەن بولمىسا، ئۇ شۇلانى ئويلىغىنىچە ئەمدى بىر قەدەم ئېلىشىغا، يۈزىگە مۇزدەك بىر تامچە سۇيۇقلۇق تامچىلىدى، ئۇ يۈزىدىكى سۇيۇقلۇقنى قولى بىلەن سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن قولىغا قاراپلا چۈچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا قىپقىزىل قان تۇراتتى، قاۋۇل بۇ ئەھۋالدىن ئۈستىدە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ دەرھال ئۈستىگە قارىدى-دە قورققىنىدىن تاسلا قالدى ۋارقىرىۋەتكىلى، چۈنكى ئۈستىدە ئايال ئالۋاستى قىپقىزىل بىرجۈپ كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىككىىنىچە بوشلۇقتا لەيلەپ تۇراتتى، شۇتاپتا قاۋۇل قورققىنىدىن ئىشتىنىنىمۇ نەمدەپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، ئۇنىڭغىچە ئالۋاستى ئايال قاۋۇلنىڭ يېنىغا كەلدى-دە، ئەتراپىنى بىر ئايلىنىۋەتكەندىن كىيىن قاۋۇلنىڭ ئىشتىنىغا سىيىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مازاق قىلغاندەك، مەسخىرە ئارلاش سوغۇق كۈلۈشكە باشلىدى، شۇتاپتا مەۋلاننىڭ ئېغىزى تۇتۇلۇپ گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى، ئۇنىڭغىچە ئالۋاستى ئايال ئېغىز ئاچتى: -سەن ئۆلىسەن، سەن ئۆلىسەن، ئېيتە سەن قايسى خىل ئۇسۇلدا ئۆلۈشنى خالايسەن. -يااااق، ياااااق مەن ئۆلۈپ كەتسەم بولمايدۇ، مېنىڭچە بۇ مېنىڭ تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن ئەمەس، ھەرگىزمۇ:-نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن تاڭ، قاۋۇل شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. -سەن مەن بىلەن قارشىلاشماقچىما، ھەددىڭ ئەمەس:-ئالۋاستى ئايال شۇنداق دەپ ۋارقىراپ قاۋۇلغا قاراپ ئېتىلدى.                         داۋامى بار.....   بۇ ھېكايىنىڭ نادىر مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز، ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىمدا بولسۇن.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

14#
ۋاقتى: 2016-12-26 10:14:56 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامى ... داۋامى....

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

15#
ۋاقتى: 2016-12-26 11:45:40 | ئايرىم كۆرۈش
جىن - ئالۋاستىلار تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىەرنى بەك ئوقۇيمەن جۇمۇ . كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسىنىمۇ بەك ئوقۇدۇم .....................
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

16#
ۋاقتى: 2016-12-26 11:48:01 | ئايرىم كۆرۈش
گۈلدەستە يوللىغان ۋاقتى  2016-12-26 11:45
جىن - ئالۋاستىلار تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىەرنى بەك ئوقۇي ...

ئاشۇ كىتاپ سىزدە بارما ؟

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

17#
ۋاقتى: 2016-12-26 12:02:45 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2016-12-26 11:48
ئاشۇ كىتاپ سىزدە بارما ؟

نەدىكىنى ، توردىن ئوقۇدۇم ، ئالۋاستى سالونىدا بار ............ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىمۇ بار ، كېچىسى كۆزىڭىزگە ئۇيقۇ كەلمىگەندە ئوقۇڭە ......قاپ يۈرەك بۇلۇپ كېتەمسىز تېخى
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

19#
ۋاقتى: 2016-12-26 12:07:01 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر قارا مۈشۈك دەپ بىر ۋەھىمىلىك ئەسەرنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ ............
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
20#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-26 12:46:33 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم ئالاقىلىشىش چ چ رىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:39 , Processed in 0.141837 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش