بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-24 22:55
ئاپتۇرى : ‹‹نەزەردىن جامالىدىن ››
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ ،
ئەنسىزلىكتە ئۆتەر كۈنلىرىڭ .
ئائىلەڭنىڭ بەركىتى ئۇچۇپ ،
كۆزۈڭ نۇرسىز ، ئۆچەر ئۈنلىرىڭ .
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ ،
تاپقىنىڭنى سورىيدۇ ھەرۋاق .
باللىرىڭنى بۇزسا بۇزاركىن ،
بىرەلمەيدۇ تەربىيە - ساۋاق .
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ ،
ئىمان ئۇچار ئۆيۈڭدىن زىنھار .
خۇشاللىقتىن ئەسلا ئەسەر يوق ،
غەم - ئەندىشە بولۇر ساڭا يار .
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ ،
ئائىلەڭدە مىھىر قالمايدۇ .
بىلگىن ھاراق پۇرىغان ئۆيدىن ،
پەرىشتىلەر قەدەم ئالمايدۇ .
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ ،
پەرزەنتىڭنىڭ كۈنلىرىگە ۋاي .
ئائىلەڭنىڭ بەختى سورۇلۇپ ،
ئازاپلارغا قالىسەن ئايھاي . . .
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ ،
كۈندە سوقۇش ، كۈندە ۋاي يىغا .
ئىچ ئاغىرتماي چاچىدۇ بۇزۇپ ،
سەن تەر تۆكۈپ دۆۋلىسەڭ دۇنيا ...
ئاللا ساڭا بەرسۇن بىر تەلەي ،
بۇ دۇنيادا جۈپكە يول ئالساڭ .
ئىسىڭدە تۇت ، راۋاژ تاپمايسەن ،
ھاراقكەشكە خوتۇن بوپ قالساڭ . . .
مەنبە:سىتۇدىنىتلار مۇنبىرى
|