تارىم دەرياسىغا سۇئال
پەرھات نىياز
سەن ئەسلى،....
ئاقار ئىدىڭ ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەپ.
مانا بۈگۈن،....
نىمە ئۈچۈن؟ دولقۇنلۇرۇڭ قالدى پەسلەپ.
تارىم دەرياسىنىڭ جاۋابى!
مۇھەممەدتوختى سەببەت
ئاڭلا ئوغلۇم:
ئاقار ئىدىم قەدىمدىن بۇيان
تەكلىماكانغا،
باغرىمنى يېقىپ،
سىڭمەيتتىم ئېقىپ،
ئىككى قىرغاقتا،
توغراق قاراۋۇل،
يۇلغۇن ياساۋۇل،
قوغدار ئىدى-
قۇيۇنغا،
بورانغا،
كۆكرەكنى كېرىپ....
ئاقار ئىدىم،
ئەجدىھار كەبى،
شوخلىنىپ،
تولغىنىپ،
نەرە تارتىپ ھۆكۈرەپ،
نامايان قىپ جاسارىتىمنى!....
مانا!
كۆردۇڭ:
ئەشۇ ئادەملەر،
ياۋۇز قەدەملەر،
قاچان ئاياغ باستى قېشىمغا،
شۇئان توپا چاچتى ئېشىمغا،
كېسىلدى توغراقلار،
چەيلەندى يۇلغۇن.
بۇدەم ھەممىنىڭ كۆزىدە يوق نەم،
روھى بەك سۇلغۇن.
قېنى ئەمدى،
ئەشۇ نەرىلىك ئاۋازىم،
قېنى شۇ،
بارخاندىكى پەرۋازىم؟!
جەسۇرلۇقتىن ئەسەر يوق،
قارا قىسمىتىم،
بولغاچقا تولۇق.
قالدىم يۇۋاشلاپ،
بەئەينى،
پىچىلغان بۇقا!...
تەكلىماكان باردى كېڭىيىپ،
يۇتتى تالاي ئېقىننى بوران.
قاپلىۋالدى،
يورۇق تېڭىمنى،
غايىۋانە-
ۋەھىمە-تۇمان!
جاۋابكارى مۇشۇ قىسمەتنىڭ،
شۇ ئادەملەر،رەزىل ئادەملەر،
سېنىڭ ئاتاڭ-
سېنىڭ ئاكاڭ،
قەۋمى جامائەت،
قىلماي قانائەت،
نەپنى كۆزلەپ،
ئۆزرە سۆزلەپ،
تىلغىۋەتتى تەكلىماكاننى،
تىلغىغىنى قۇم ئەمەس،
بۇلغىغىنى مەن ئەمەس،
تىلغىدى ئۆز باغرىنى،
بۇلغىدى ئەۋلادىنى،
جاۋابكار شۇلار!
يېزىلغۇسى تارىخ بېتىگە،
كۆپ ئۆتمەي
مانا مۇنداق خەت:
ئۆتكەن بۇندا -قەدىمدە،
بىر كىچىك دەريا،
ئىسمى تارىم،
يۇتتى قۇملار،
يۇتتى بوران!
بۇ تەكرار تارىخ،
بۇ تەكرار قىسمەت.
ئامال يوق بۇڭا،
چۈنكى داۋام قىلغۇسى،
ھاياتلىق شۇنداق،
تۆرىلىپ-يوقىلىپ،
شۇڭا بۇلار
ئۆلمەس ھەقىقەت!
مەنبە: ئۆزۈم. |