ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 5304|ئىنكاس: 249
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھېلقى ساۋاقدىشىم(پوۋىست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 07:52  



‹مۇقەددىمە ›


            ئوقۇشىمىز پۈتەي دەپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە ئىززەتنىڭ «قونداق»تا تۈنەپ قالدىغان كۈنلىرى كۆپىيىپ قېلۋاتاتتى.بىردە ئۇنىڭ تەقدىرىدىن ۋايىم يىسەم،يەنە بىردە ئۇنىڭ ياتاققا كىرمەسلىكىدىن خۇشمۇ بوپ قېلۋاتاتىم.چۈنكى ئۇ ياتاققا كىرگەن كۈنلىرى بىزنىڭ «ئازاپ»قا دۇچار بولۇپ بىرنەچچە كۈن روھسىز   يۈرىيدىغانلىقىمىز  ئېنىق دىگەن گەپ.

            ھەپتىدە تۆت كۈن سورۇن ئويناپ سىرىتتا تۈنەپ قېلىش ،ئاتائانسىنىڭ چەكسىزكۆيۈمى ۋە باي-باياشات ئائىلە مۇھىتى ئىچىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىق كۆرمەي،ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك خاتىرجەم چوڭ بولغان بۇ شەھەرلىك ئەتىۋارلىق باي غۇجام-خېنىملارنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشى، ياتاققاقايتىپ كەلگەندىن كىيىن ھەر ئاخشىمى نۆۋەت بويىچە بىركۈن بىر ياتاقتا،يەنە بىركۈن ياتاقتا تۈن يېرىمدىن ئاشقۇچە سورۇن تەسىراتلىرنى سۆزلىشىپ سەت چىرقىراپ كۈلۈشۈش بولسا ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىشى، ئەتىسى دەرىسكە چىقماي كۈن چۈشكىچە ئۇخلاش ئەڭ راھەتلىنەرلىك ئىشى  بولسا كېرەك.لىكىن ئۇلار  ئاشۇ «خۇشاللىق»لىرىنىڭ باشقلارنىڭ ئازابى بەدىلىگە بولىۋاتقانلىقىنى بىلشمەيدۇ.ئۆزلىرى قايسى بىر بايۋەتچە يىگىتلەرنىڭ ،كېلىشكەن ئوغۇللارنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ ھوزۇر بىلەن كۈلشىۋاتقىنىدا،ئۇلارنى قولغا  كەلتۈرۈشنىڭ تەدبىر،پىلانلىرنى تۈزۈش ئۈچۈن زوق-شوخ بىلەن «قىممەتلىك»تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتىرغا قويشىۋاتقىنىدا ، باشقا ئۇيقىسىرىغان بەش جۈپ قارا كۆزنىڭ ، بەش دانە ھارغىن قەلىبنىڭ ئۇلاردىن سۆھبەتنى تىزراق ئاخىرلاشتۇرۇشنى تىلەپ نىدا قىلۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ قويۇشمايدۇ.ئەگەر چىش يېرىپ بىرنىمە دەپلا قالسىغۇ شۇ ئادەمنىڭ تۈگەشكىنى شۇ.ئىشقىلىپ كۆپ ئەھۋاللاردا ئىززەتنى ياتاققا قايتىپ كىرمىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدىغان، كۆزۈم كۆرمەيدىغانلا ئىش بولسا نىم بولسا بولسۇن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.
          نېمە ئۈچۈن دېمەكچىمۇ سىز؟!  ئەمىسە داۋاملىق سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ..ئاۋال بىز ۋىژدان، ئىمان،غۇرۇر دىگەندەك چوڭ ئوقۇملاردىن سۆز ئاچماي تۇرايلى،ئەڭ ئەقەللىيسى بىر ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشى ئۆز قەۋمىدىن بولغان بىرھەمشىرىسىنىڭ،ساۋاقدېشىنىڭ،قۇردېشىنىڭ،ياتاقدېشىنىڭ يامان يوللاردا مېڭىپ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىنى  خالىمايدۇ ھەم ھەرۋاقىت شۇ قېرىندىشىنڭ غېمىنى قىلشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ،ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بارچە ئاماللار بىلەن چارە ئىزدەيدۇ ،ياردەم قولىنى سۇنۇشتىن باش تارىتمايدۇ ئەلۋەتتە.ئەمما خەنلەرنىڭمۇتەپەككۇرى كۇڭزى ئېيىتقاندەك:«چىرگەن ياغاچقا نەقىش ئويغىلى بولماس،كېسەك تامنى سىرلاپ ئاقارىتقىلى بولماس،گەپ تەسىر قىلمايدىغان ئادەملەرنى نەسھەت قىلىپ ئۆزگەرىتكىلى بولماس.»دېگەندەك ھالەتكە كېلىپ قالغان بۇ خىل ئادەملەرگە، ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا«ئەلھەكمۇدۇللا!»دېمەكتىن ئۆزگە چارە يوقكەن.ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن تەپ تارىتمايدىغان «چويۇن قۇلاق»لار بىزدەك يالاڭتۆش،سوكسوك ساۋاقداشلىرىنىڭ تەربىيە سۆزلىرىنى پىسەنتىگە ئالامتى دەيسىز؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ياتاققا قايتىپ كەلسە زىيان «قوش»بولىدىكەن دەڭە، شۇڭا بۇ تەكرارلىق ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىۋىرىپ ،ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەت زىيىنى كۈندىن كۈنگە زوريىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ  «ئىنساپسىز»،«ئەكسىيەتچى» خيالىمدىن خىجىللىق ھىس قىلىپ كەتمەيدىغانمۇ بولدۇم.باشقىسىمۇ مەيلتى، ئەمما ئەڭ ئاچچىغىم كېلدىغىنى،مۇشۇلار ياتاققا قايتىپ كەلگەن كۈنلەردە مېنىڭ سەھەر پەرزىنى ئادا قىلدىغان ۋاقتىم ۋە كۈندىلىك مەشغۇلىيەت پىلانىمنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى ئىدى.
           دېمەيلا قويۇڭ، ھازىرقى مۇشۇنداق كىشى قەلبىدىكى ھورۇنلۇق ئېشىپ،شەيتاننىڭ ۋەس-ۋەسسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ،كىشلەر ئېڭى بارغانسىرى بىخۇدلىشىپ بېرۋاتقان،ئىمان نۇرى يەر يۈزىدىن بارغانسىرى كۆتۈرلۈپ كېتىۋاتقان،ئىنسانلار قەلبىدىكى ئىتقاد بايرىقى بارغانسىرى بوشاپ لەپپەڭشىپ قېلىۋاتقان  ۋەزىيەتتە،سىزنىڭ نۇرمال مەشىغۇلىيەت ۋاقىت تەرتىپڭىز ئىككى كۈنلا قالايمىقان بولۇپ كېتىدىكەن، ئۇنداقتاسىزنىڭ بۇ خىل ئاستىن-ئۈستۈنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرشىڭىز ئۈچۈن ساق بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىشىدە  گەپ يوق. مەندەك غەيرى خاراكتىردىكى ئادەم بولسىڭىز تېخىمۇ قىين.باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپمۇ ئۈلگۈرىسىز تېخى.قانداقسىگە دەمسىز؟ ئەمسە ئاڭلاڭ، مەن مۇشۇ ياتقىمدىكى «مەشھۇر شەخىس»نىڭ «زىيانكەشلىكى»تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ پەرىزنى ئاداقىلمايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپسالدىم.بۇنى ئۇنداق قىلىپمۇ تۈزتەلمەي،بۇنداق قىلىپمۇ تۈزتەلمەي،ئاخىردا شىنجاڭدىكى بىرقانچە ساۋاقدېشىمنى ياردەمگە چاقىردىم.كىم بىلسۇن ، ئۇلار مېنى ئۆزلىرنىڭ  مەشغۇلىيەت ۋاقتى بويىچە ئويغىتىپتۇ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتى قانداقمۇ ئۇدۇل كەلسۇن؟!نەتىجىدە يەنىلا«يەتتەئاكاڭ،سەككىز ئاكاڭ (ئىككى سەككىز ئون ئالتە دېگەن مەنىدە) »دېگەندەك ئىش بولدى.ئۇلارنى ئەيىبلىۋىدىم مەندىن رەنجىپ قېلىشتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزغا تېخىمۇ ئۆچلۈكۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى.
          ئەمەلىيەتتە بۇ قىزنىڭ ياخشى تەرپىمۇ يوق ئەمەس.ھازىرغۇ ئەدەبىياتتا «يۇملاق پىرسۇناز»،«چاسا پىرسوناز»دىگەندەك گەپلەر ئوتتىرغا چىقتى.ھەممىڭلار بىلسىلەر،«يۇملاق»دىگەن كۆپ قىرلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە،«چاسا»دىگەنلىك بىرلا خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە دىگەنلكنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما مەن يەرشارىدا «چاسا»خاراكتىرلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا چىنپۈتمەيمەن زادى.چۈنكى دۇنيادا نوقۇللا ياخشى ياكى يامان ئادەم بولمايدۇدە.ئىنسان بولغانىكەن چوقۇم ئۇ ئۇنداق مۇنداق ياخشى بولمىغان خاراكتىر ياكى ھەر خىل ھەر ياڭزا نۇقسانلاردىن خالى بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دوستۇمنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئادەمنى سۆيۈندۈردىغان ئوماق تەرەپلىرى ۋە ياخشى خىسلەتلىرىمۇ ناھايتى نۇرغۇن ئىدى.
مېنىڭ ئالى مەكتەپ تۇرمۇشۇم ۋە ھاياتىمنى ئىززەتتى ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئالى مەكتەپ ھايات سېمفونىيەمدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىپ دەپ قارساممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئالى مەكتەپ تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىملەرنىڭ شاھىدى . ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى تېخىمۇ سەرخىل ئۆتكۈزۈشۈم ۋە كۆڭۈللۈك ئەسلىملەرنى قالدۇرىشىمنىڭ،تۇرمۇشىمدىكى بەزىبىر خاتالىقلار ۋە كۆڭۈلسىزكلەرنىڭ سەۋەپكارى . شۇنداقلا ئالى مەكتەپتىكى ياتسىراش، غېرىپلىقنىڭ سىرىتمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ،ئۈمىدۋار بىر قىزغائايلىنىشىمغا مەدەت بولغان بىردىبىر كىشى ئىدى.قىسقىسى ئۇ ئالى مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن سىردىشىم ئىدى. ئالى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇنجى قەدەمنى ئالغان كۈندىن باشلاپ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىمدا،ئالى مەكتەپتىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك شۇنداقلا ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرشۇنداقلا مەن ئويلاشنىمۇ خالىمايدىغا بىرقىسىم يىرگىنىشلىك ئەسلىمىلەربىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ.........
         -ھەي قىز،سىزمۇ مۇشۇ ياتاققا بۆلۈندىڭىزمۇ؟
         -ئىسمىڭىز نېمە سىزنىڭ؟دادىڭىزنىڭ ئىسمىچۇ؟
         -ئىسمىڭىزنىڭ خەنزۇچە يېزلىشىنى دەپ بېقىڭە قېنى؟
         -مەن مۇشۇ ياتاققا بۆلۈندۈم دەيدىغانغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟
         -ياتاققا بۆلۈنگەنلىك ئىسپات ھۆجىجىتىڭىز بارمۇ؟ ياتاق ھەققى تالۇنىڭىزچۇ؟
         -ئاچقۇچ بارمۇ سىزدىمۇ؟
         -كىملىك نۇمۇرىڭىزنى يادلاپ بېقىڭە قېنى؟
         ئالى مەكتەپكە كىلە-كەلمەيلادۈشكەلەشلەشلەرگە ئۇچرىغىنىمدىن ئاچچىغىم كېلىپ ئولتۇرسام ئۇزۇن چاچلىق، يوغان كۆزيېڭى ياتاقدېشىمنىڭ، يارمىغان كۆتەكتەك سېمىز،قىزىل كۆز ،ئچكىرچى ئاياللاردەك كۆرنىدىغان سۆرۈن تەلەت ھامما ئاچىسى(كىيىن نۇرزىيەدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ ئىلگىرى راستىنلا ئچكىردە تۇرغانمىش،ھەم شۇ جەرياندا تۆت ياشلىق قىزى ئىككىسى نەچچە قۇر ئالتۇن جابدۇقلۇق بولۇپ قايتىپ چىققانمىش.)  ھەيۋە بىلەن ئالدىمغا كېلىپ،خۇددى خەلىق ئىشلارئىدارىسىنى رازۋېدكا خادىملىرى گۇمانلىق «ئۇنسۇر»لارنىڭ ماتىرياللىرىنى تەكشۈرگەندەك ھەممە نەرسەمنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ كەتتى.مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن،ئالدىراپ كېتىپ قالغان داداملارنى ئويلاپ كۆزلىرىمگە غىللىدە ياش كەلدى.ئۇئايال مېنىڭ «ھەقىقى ياتاق ئەزاسى» ئىكەنلىكىمنى جەزىم قىلغاندىن كىيىن،چىرايىمغا قاراپ سىېمىز ئېڭەكلىرى ئارسىدا بىلنەر-بىلىنمەس ھالەتكە كېلىپ قالغان كىچىك ئويماق ئاغزىنى يانغا قىيسىيتىپ كۈلۈپ يىنىككىنە تەبەسسۇم قىلىپ قويغاندەك قىلدىيۇ،ئارقىدىنالا ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ ماڭغىنىچە جىيەن قىزىنىڭ كارۋىتىغا كېلىپ ئۆزىنى تاشلىدى. مەن چاناقلىرىمغا ئېسىلىپ ئۈلگۈرگەن كۆزياشلىرىمنى دەماللىققا قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي كارۋىتىمغا چىقتىم،-دە يوتقاننى يۈزۈمگەياپتىم.....
          تالاش-تارتىش داۋام قىلماقتا ئىدى.ھېلقىمىنى سوراق قىلغان ئايال بىلەن يانا بىر بويى مەن بىلەن تەڭ دېگۈدەك كېلىدىغان چىرايلىق، بودەك ياتاقدېشىمنىڭ ئوقۇتقۇچى ئاپسى ياتاققا كىملا كىرسە سوراققاتارتىپلا تۇراتتى.ئاقىۋەتتە ھەممىمىزدە ئاچقۇچ ۋە تالۇن بار بولۇپ چىقتى. ھېلقى ئىككى ئايال ئۇيان مېڭىپ،بۇيان مېڭىپ ئىشنى ھەل قىلىپ بولالماي ئاخىردا ئۇيقۇغا كېتىپ قېلىشتى.تېلفۇنۇمنىڭ يورۇقىدا تورۇسقا قارغىنىمچە ياتىمەن.كۆزلەردە ھېچ ئۇيقۇ يوق.كاللامدا يېڭى تۇرمۇش ھەققىدە خىياللار ئەگىمەكتە...قانچىلىك ياتتىمكىن؟بىر چاغلار بولغاندا ياتاقتا خورەك باشلىنىپ كەتتى.يا پاناھ... ھېلقى ئىچكىر چىراي پور كۆتەكنىڭ تارىتقان خۇرىكىنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ خورىكى بىر ياندا قالىدىكەن ئەمەسمۇ! توۋا دەپ ياقامنى چىشلىگىنىمچە تىڭشىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ ناخشىنى بولىشىغا قويدۇم. ئەتىسى ئويغانسام تېلفۇندىن ناخشا چىقىۋېتىپتۇ.قۇلاقلىرىمنىڭ ساق-سالامەت قالغىنىدىن خۇرسەن بولۇپ ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇردۇم.
         ئالتە كىشلىك ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا مەن،ھېلقى ئۈرۈمچىلىك ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ قىزى ئىززەت،مېنى سوراق قىلغان غۇلجىلىق سېمىز ئايالنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان جىيەنى نۇرزىيە،يانا بىرسارىگۈل ئىسىملىك قەشقەرلىك قىز، ئارزىگۈل(تاجىك)ئىسىملىك ئاقتۇلۇق قىز ،جاينا(قازاق)ئىسىملىك ئالتايلىق قىز ،سارىن(موڭغۇل)ئىسىملىك كورلىلىق قىز قاتارلىق يەتتىمىز بۆلۈنگەنىكەنمىز.ئارىمىزدا خېلى جەڭگى-جىدەللەردىن بولۇنغاندىن كىيىن، ياتاق ئەزالىرى ئومۇمى ئىسىملىك جەدۋىلىدە سارىگۈلنىڭ ئىسمى يوقلىقى ئېنىقلاندى.ھېلقى سېمىز ئايال مۇڭغۇل قىزنى باشقا تاققا ئالماشتۇرۋىتىش تەكلىپىنى ئوتتىرغا قويدى.بىز ھەممىمىز قوشۇلدۇق. كىم بىلسۇن، ئۇ مۇڭغۇل قىز«ئۇيغۇرلار بىرلىشۋېلىپ مېنى بوزەك قلماقچى.»دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ مۇڭغۇل ئاچىللىرىنى باشلاپ كىرىپ جېدەلنىڭ چوڭىنى چىقاردى.ئاخردا ياتاق باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىملار سارىگۈلنى باشقا ياتاققا تەڭشەپ ئىشنى جىمىقتۇردى.شۇنداق قىلىپ، مەن، ئىززەت ،نۇرزىيە ،سارىن،جاينا،ئارزىگۈللەر بىرياتاق بولۇپ قېپقالدۇق. دەسلەپتە بىز سارىننىڭ بىزگە غۇم ساقلاپ ئۆچ ئېلشىدىن ئەندىشە قىلىشتۇق.ئويلىمىغان يەردىن سارىن بىزگە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خۇش چىراي ئېچىپ،دوسلۇق قولىنى سۇندى.
         بىزئالتىمىز شىنجاڭنىڭ ئالتە جايىدىن كەلگەن ھەمشېرىلەر بولغاچ،ھەممىمىزنىڭ شېۋسى ھەر خىل، مىجەز-خاراكتىرىمىز ھەرياڭزا ئىدى.بولۇپمۇ مەن، ئارزىگۈل،جاينا ئۈچىمىز سەھرادىن كەلگەن، قالغان ئۈچى شەھەردىن كەلگەن بولغاچ،بىز ئۆز-ئاراپىكىرلەشكەندە ياكى ھەركەت قىلغاندا ئاسانلا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپقالاتتۇق.جاينا گەرچە ئالتاي قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان ئاددى قىز بولسىمۇ، شىمالىدىن كەلگەن بولغاچقا، جەنۇبى شىنجاڭ سەھرا مايسىللىرى بولغان ئارزىگۈل ئىككىمىز ئۇنى ئۆزىمىزدىن مەدەنىيەتلىكرەك،ئىلمىيراق  دەپ ئويلاپ ،گەپ-سۆزدە ئۇنىڭدىن ئىھتىيات قىلىپ،ئۆزىمىزنى چەتكە ئالاتتۇق. ئىززەت،سارىن،نۇرزىيەلەرغۇ شەھەر قىزلىرى ھەم بىر-بىرىدىن چىرايلىق مۇدا  يۈرىدىغان قىزلار بولغاچ ئارتۇق-تۈشۈك گەپ قىلىشتىن ئەسلا تەپ تارتاتتۇق.بۇ قىلقىمىز ئىززەتنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.ئۇ ئارىمىزدا ئازادە كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلدى بولغاي،ئاپىسى كەتكەن كۈنى ئاخشىمىلا بىزنى يېتەكلەپ تاماققا ئېلىپ چىقتى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن مۇشۇ توغرىسىدا سۆز ئېچىپ:
        -ھەي باللار، بىز كەلگىنىمۇ ئۈچ تۆت كۈن بولاي دېدى.تېخچە بىر-بىرىمىز بىلەن تۈزۈكرەك تونۇشۇپ ئەھۋاللىشىپمۇ باقماپتۇق.-دېدى ھەم مېنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ،-بولۇپمۇ سىز جۇمۇ ئەي مۇز تەلەت قىز ،چىرايىڭىزنىڭ تاينى يوقلىقىغا باقماي تېخى قاچان قارىسا غورا يەۋالغاندەك تۇتۇلۇپلا يۈردىكەنسىز،سىزگە  «غورا قىز»دەپ دەپ لەقەم قويۇپ قويمايلى يانا. غورىدەك كۈكۈرۈپ ئولتۇرىۋەرمەي،ئانچە-مۇنچە كىشىگە ئارلىشىپ ئۆتىلى ! مۇنداق ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ تۆت يىلنى.بەك تارتىنجاقمۇ نېمە سىز،گەپ قىلىپ ئولتۇرلى ھەئانچە-مۇنچە!
          مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بىردە خىجالەت بولۇپ شەلپەردەك قىزارسام،يەنە بىردە بۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان ئەپچىلگىنە چاقچاقتىن ئازادىلىك ھېس قىلدىمدە،يۇمۇرىستىك خاراكتىرىمغا ماس ھالدا پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلىۋىتىپ، ئاستا جاۋاپ بەردىم:
          -بۇ سەت چىرايلىقنىڭ گېپنى چىقىرىپ قاللا ئۇز خېنىم؟ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمىسىلە ئەمدە.«قولنى كۆيدۈرگەن يەڭلىك،يۈزنى ئاقارىتقان ئەڭلىك»،«تام سۇۋاق بىلەن چىرايلىق،قازان تۇۋاق بىلەن چىرايلىق،ھازىرقى قىزلار بوياق بىلەن[چىرايلىق]» دېگەندەكسىلنىڭ چىرايلىرىمۇ چا چاغلىق. ئالدىللىردا سەھرلىقتەك كۆرۈنگىنىمىز بىلەن چا بۇنچىلىك ئىشلانى بىلگۈچىلكىمىز با بىزنىڭ.بىزمۇ چا مەتۇ،تومپاي بولغىنىمىز بىلەن سىلىگەئوخشا جابدۇندىغان بولساق ئۆزلەدىن قېلىشقۇسىز «تىرىسسىدە» قىزۇۋلا جۇما!يانا بىرگەپ، سىلى غورا ئۇنداق ، غورا بۇنداق دىگەنلىرى بىلەن بۇ غۇرىمۇ چا،يامان نەرسە ئەمەستى ئانداق.غورىنىڭمۇ چا،ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچقىلىقى با جىما........
         شېۋەم قىززىق تۇيۇلدىمۇ ياكى سۆزلىرىىم غەيرى بىلىندىمۇ ئەيتاۋۇر شىماللىق تۆتى بىر-بىرىگە قارشىپ «ۋاي ۋاي ۋاي قەشقەرررررررررر....»دېيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.ئىززەت ماڭا :«بولدى ،يېتەرلىك بولدى»دېگەن مەنىدە ئىشارە قىلىپ قويۇپ،يەرلىك شېۋىدە ئېيتىلغان سۆزلىرىمنى قايتاتەكرارلاپ كۈلكىنى تېخىمۇ ئاۋۇتتى. ئارزىگۈل قارىسا ھاڭۋاقتىدەك كۆرىنىدىغان ئىچ مىجەزلىك قىز بولسىمۇ،ئۇنىڭغا نېمە شۇنچە تەسىر قىلدىكىن تاڭ! مېنى قاتتىق ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ئۇلارغا قوشۇلۇپلا كۈلۈشكە باشلىدى.مەن قاتتىق ئوڭايسىزلاندىم ۋە ئىچىمدە ئىككىنجى شېۋە سۆزلىمەيمەن دەپ ئويلىدىم.ئەمما ئىززەتنىڭ« بەختىگۈل،ئىسمى-جىسمىڭىزغا لايىق سەھرانىڭ بەخىتلىك گۈلى ئىكەنسىز»دېگەن گىپى كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ،بارچە كۆڭۈل يېرىمچىلىقمنى سۈپۈرىپ تاشلىدى.ئۇ كۈنى بىز ھەممىمىز ئېچىلىپ – يېيلىپ پاراڭلاشتۇق.خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا قايتىپ، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتىرغا تىزىشىپ ، ئىززەتنىڭ رىياسەتچىلكىدە كۆڭۈللۈك ياتاق بەزمىسى قىلىشتۇق. شۇكۈندىن باشلاپ بىز-بىرىمىزدىن تەپ تارتىشماي ئازادە كەيپىياتتا ئارلىشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ ئۆتۈشتۇق،ياتقىمىزنىڭ بۇخىل كەيپىياتقا كېلىشىگە باشتىن-ئاخىر ئىززەت بىرقوللۇق يول ئاچقان بولدى،بىز ھەممىىز ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدۇق.
         بولۇپمۇ مەن ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتىم.چۈنكى مېنىڭ نەزرىمدىكى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلە شارائىتى ياخشى ئۈرۈمچى قىزلىرى ئالدىراپ بىرىنى ياراتمايدىغان،نەزرى ئۈستۈن،ھاكاۋۇر كىشلەردىن ئىدى.ئۇنىڭ مەن ئۇچراتقان ئۈرۈمچى شەھەر قىزلىرنىڭكىدىن روشەن پەرىقلىندىغان بۇ خىل ئىسىل خاراكتىرى،ئالىجاناپ تەققى-تۇرقى ۋە گۈزەل ھۆسن-جامالىغا ماس بولمىغان كىچىك پىئىللىقى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە خۇشال قىلدى.ئۇنىڭ تۈرىتكىسىدە مەن بىردىنلا جانلىنىپ،كۆڭلۈمدە:«باشقىلارنىڭ ئىككى كۆزى بىر ئاغزى بولسا مېنىڭمۇ شۇغۇ،مېنىڭ بۇلاردىن ھېچنەرىم كام ئەمەسقۇ!»دەپ ئويلايدىغان،باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئانچە يىتىرقاپ كەتمەيدىغان بولدۇم، قىسقىسى،ئىززەت مېنىڭ ئۆزۈمگە ئشەنىچ تۇرغۇزۇشۇمغا تۈرىتكە بولدى.
           بىز تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىر-بىرمىزدىن چىرايلىق ئالتە قىز تىزلا ئىچكىشىپ،ھەپتە ئىچىدىلا ئىسملىرىمىزنى قىسقارتىپ ئاتايدىغان بولۇشتۇق.مېنى بەختى،ئارزىگۈلنى ئارزى،سارىننى سارى،جاينا نى جايى،ئىززەتنى ئىززى،نۇرزىيەنى نۇرزى دەپ چاقىرشتۇق.بىز نېمىش قىلساق بىرلىكتە قىلاتتۇق.مەن تولىراق ئىززەت بىلەن بىرگە بولاتتىم.چۈنكى ئۇ ئىككىمىز بىر سىنىپ، جاينادىن باشقا ئۈچى بىر سىنىپ،جاينا ئايرىم بىر سىنىپ ئىدى.شۇلا دەسلەپتە مەشخۇلىيەت ۋاقتىمىز ئوخشاش بولغانلىقتىن بىللە يۈرۈشتۇق كىيىن بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان دەرجىدە ئامراقلىشىپ كەتتۇق.
         ئىززەت تولىمۇ چىرايلىق ھەم قويۇق قارا چاچلىرى بەلگىچە چۈشۈپ تۇردىغان نازاكەتلىك قىزئىدى. ئىلمىيلىك بىلەن قىلىنغان گىرىملىرى ئۇنى تېخىمۇ ئۇماق قىلۋىتەتتى. ئۇ ياخشى  بىر پەرداز ئۇستىسى ئىدى.ئارزىگۈل ئىككىمىزنىڭ ئۇنمىغنىغا قويماي گىرىم قىلىپ قوياتتى.بىزگە يانا قىزلارنىڭ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى.مۇشۇنداق چاغلاردا ئۇ ماڭا ھەممىنى بىلدىغان«كۆپ قىرلىق» ئادەمدەك تۇيۇلاتتى ھەم ئۇنىڭغا بولغان قىزقىشىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم.چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىلەن بىللە بولسام ئۆزۈمگەبولغان ئىشەنچىم  كۈچيىدىغاندەك تۇيغۇدابولاتتىم.
         بۇ ئىددىيسى ئوچۇق،يېقىشلىق ئەركە شەھەرقىزى ئىززەت بىزگە ئەگىشىپ تىزلا ناماز ئۆتەشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇنىڭ چەبدەسلىك بىلەن تەرەت ئېلشلىرى ،نامازنى يىغىنچاق ۋە گۈزەل ھەركەتلەر بىلەن ئۆتەشلىرى مېنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى.دەسلىپىدە قىياپىتىگە قاراپ مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ بۇنداق خاراكتېردىكى قىز دەپ ئويلىمىغان ھەم ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مەندىن ياخشىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۇنى ئۆزۈمگە چوڭ بىر تەھدىد دەپ بىلگەن ھەم ئۇنى ئانچە ياقتۇرمىغان ئىدىم.كىيىنچە ئىززەتنىڭ ئىسىللىكى مېنى بۇ خىل ئويۇمدىن ۋاز كەچتۈرۈپ،ئۆزى بىلەن دوسىتلاشتۇردى.
         بىز ئالى مەكتەپنى رېئال تۇرمۇشتىن ھالقىغان بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ تەسەۋۇر قىلۋالغان بولساق كېرەك،ئىشقىلىپ ئەمەلىيەتتىكى بۇ ئالى  مەكتەپ تۇرمۇشى تەسەۋۇرىمىزدىكىگە ھېچ ئوخشىماي قالدى.ئالى مەكتەپتىمۇ تولۇق ئوتتىردىكى جىدديلىك ۋە بېسىملاردىن خالى
بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدا بىر ئاز ئەپسۇسلاندۇق.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىز  كۈنلىرىمىزنى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئازادە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتۇق. ئىززەتنىڭ پىلانلىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى بىلەن بىز ھەر ھەپتىنىڭ بەشى كەچتە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىمىزنى كىيىشىپ ۋە ئۆزىمىزنى چىرايلىق تۈزەشتۈرشىپ بىرلىكتە تاماق يىگىلى چىقاتتۇق.ھەر قېتىمدىلا سارىن كىلىشىپ قويغان ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتقاچ بىزنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.مەن ،ئىززەت،نۇرزىيەلەرئاشخاننىڭ ئارقىسىدىكى جامىئەنىڭ ئاياللار خانىسىغا كىرىپ شام نامزىنى  ئۆتەپ چىقاتتۇق.ئاندىن تاماق ۋە قورۇمىلار تولۇقى بىلەن چىقمىغۇچە ئىززەت بىزنىڭ قول سېلشىمىزغا يول قويمايتى.ئۇنىڭ دېيىشىچە تاماقلارتولۇق چىققاندا بىرەر قۇر سۈرەتكە تارتىپ كوت-كوت بوشلىقىغا (ئۇ چاغلاردا ئۈندىدارتېخى ئومۇملاشمىغان)چىقىرىپ كۆز-كۆز قىلىۋالماستىنلا يىيىلگەن تاماق  ،ھايۋاننىڭ ھەلەپ يېيىشى بىلەن ئوخشاشمىش.
          -بولدى قىلىڭە ئاداش،تاماق بۇنداق ئالدىمىزدا تۇرسا قورسىقىمىز تېخىمۇ ئېچىپ كېتىدىكەن.دەپ زارلىنىپ كېتەتتى تاقىتى تاق بولغان نۇرزىيە.قالغانلىرىمىز بولسا:
         -شۇ شۇ،راس دەيدۇ لىكىن.دېيىشىپ نۇرزىيەنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋەتلىشەتتۇق.
         قورسىقىمىز ئېچىپ كۆزىمىز«سەككىز» بولغان بەشىمىز ئىززەتنىڭ  «ئىجازەت»ىنى ئالغاندىن كېيىنلا،قوشۇق-چوكىلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ھوجۇمنى باشلاپ كېتەتتۇق............
         تاماقتىن كىيىن  بىر نەچچە پەدە ئۇسۇل ئوينىشاتتۇق ،سۈرەتلەرگەچۈشىشەتتۇق.ئۇسۇل ئويناش باسقۇچىمىزنى« مۇۋەپىقيەتلىك تاماملاپ» بولغاندىن كېيىن،پىيادە مېڭىپ پاراڭلاشقاچ مەكتەپكە قايتاتتۇق،شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى،ۋە باشقا دەرىس ئازكۈنلىرى قەدىمى دەريا خۇاڭخى نىڭ بويىغا بېرىپ كاتىرلارغا چىقىپ ئوينايتۇق،تاغلارغاچىقاتتۇق... ، سۈرەتلەرگە چۈشىشەتتۇق.سۈرەتكە چۈشۈشىمىز دەپ رەسىمچى تەتەيلەرگەقويۇلۇپ كەتكەن ۋاقىتىلىرىمىزمۇ بولغان تېخى.چۈنكى بۇ يەردىكى سۈرەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن ئۆتە كاززاپ بولغاچقا،بىزدەك نادان قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا ئالداپ بىرمۇنچە پۇلىنى قويىۋالاتتى. بۇ پائالىيتىمىز تەخمىنەن بىر يېرىم ئايچە داۋاملاشقاندىن كىيىن،پائالىيەت ئارلىقىنى ئونبەش كۈنگە ئۇزارىتتۇق.چۈنكى ھەپتىدەبىر قېتىم يۇقرى خىراجەت بىلەن بىرۋاخ تاماقلىنىش بىزگە سەل بېسىم بولۇپقالدى.كېيىنچە بۇ ئايدا بىر قېتىمغىچە ئۇزراپ باردى.ئەمما ئىززەت ئىككىمىز بوش ۋاقىت تاپساقلا خۇاڭخى بويىغا ئوينىغىلى بېرپ تۇردۇق.بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىززەت ماڭا ئۆزى ۋە«دوستى»توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەتتى ۋە مېنىمۇ «دوسىتلىشىش»قا ئۈندەيتى.
         بىر قېتىملىق تاغقا چىقىش پائالىيتىمىزپەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.بىر شەنبە كۈنلۈكى بىز ياتاقتىكى ئالتەيلەن خۇاڭخىنىڭ بويىدىكى تاغقا چىقماقچى بولۇپ سەھەردە جابدۇنۇپ ناشتا قىلىپ يولغا چىقتۇق.ئازتولا يىمەكلىك ۋە ئۇسسۇزلۇق تەييارلىۋالغاندىن كىيىن تاغقا يامىشىشنى باشلىۋەتتۇق.تاغدىكى سۈنئىي يوللار ئۇزۇن ھەم ئەگرى توقاي بولغاچقا بىز تىزلا يول مېڭىشتىن يالتىيىپ قالدۇق.ئىززەت ئىككىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن بىز ئادەم مېڭىپ باقمىغان يەرلەر بىلەن تاغقا ياماشماقچى بولۇشتۇق.كىم بىلسۇن،ماڭا ماڭمايلاخەتەرگە دۇچ كەلدۇق.تاغنىڭ يېرىمىغا كىلە كەلمەيلا ئۈچ تەرپى چىرمىشىپ كەتكەن يۆگىمەچسىمان ئۆسۈملۈكلەر ۋە قويۇق چاتقاللار بىلەن بىر جايغا قاپسىلىپقالدۇق.كەينىمىزگە يانايلى دېسەك بىز ياماشقان جاي ناھايتى تىك بىر قىيا بولغاچقا چىقىشتىن قورىقمىغان بىلەن چۈشكەندە سىيرىلىپ دومىلاپ كېتىشتىن قورىقتۇق. مەن كىچىك ھاشارەتلەردىن قورقىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە يۈرەك ئالدى بولۇپ زادى تۇرالمىدىم.«قورىققانغا قوش كۆرۈنەر» دېگەندەك ئاران تەسلىكتە بىر شورا تېپىپ شۇ يەردىن يۇقرىغا ئۆرلەپ مېڭىۋاتقىنىمىزدا چاتقال غوللىرىدا مىغىلداپ يۈرگەن بىر-بىرىدىن «فىگورىلىق»تۈكلۈك چىپار قۇرۇتلارغا كۆزۈم چۈشۈپ ئەس-ھوشۇمنى يوقىتىپ پەسكە سىيرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم.پەسكە سەنتۈرلۈپ كېتىۋاتقان جانسىز گەۋدەم كەينىمدىن تاپ بېسىپ كەلگەن ئارزىگۈلنىڭ قاۋۇل بىلەكلىرى ئارسىغا قىسىلدى.ئۇ مېنى يۈلىگەن پېتى شورىدىن سۆرەپ ئۆتكۈزۈپ ئۈستى تەرەپتىكى ئوچۇقچىلىققا ئېلىپ چىقىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.قورقۇنىچتىن پاچاقلىرىم تىتىرەپ،يۈرىكىم خېلىغىچە ئىزىغا چۈشمىدى.ئاچچىغىمدا ئىززەتلەرگە:
         -خېنىم بۇدا بۇندا يوللاغا باشلاشىسىڭىز ماڭمايمەمەن،دېدىم.ئۇلار مېنىڭ بوپ كەتكەن ھالىمغا قاراپ بىر ھازاغىچە كۈلۈشۈپ مېنى مەسخىرە قىلىشتى.
          بىز قورساقلىرىمىزنى بىرەر  قۇر ئەستەرلىشىۋالغاندىن كىيىن يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. تاغنىڭ چوققىسىغا ئاز قالغاندا بىر ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ قالدۇق. بۇ دەل غورا پەسلى بولغاچقا شاخلاردا غورىلار غۇچچىدە بولۇپ كەتكەن ئىدى.قارىماققا بۇ ئادەم ئايغى يەتمىگەن ياۋا ئۆرۈكزارلىقتەك قىلاتتى.بىز خۇشاللىقىمىزنى باسالماي  غورىلارنى پۇتاشقا كىرشىپ كەتتۇق.ئالدىمىزغا ماڭغانسىرى تېخىمۇ يوغان پارقىراق غورىلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.بىزدەسلەپ يانچۇقلىرىمىزغا قاچىلاشقان غورىلارنى تاشلاپ،«ماۋۇ ئاچچىقكەن»،«ئاۋۇتاتلىقكەن»دېيىشىپ غورا تاللىشىپ ئالدىمىزغا كېتىۋىرىپتۇق.بىر چاغ بولغاندا باغنىڭ پولات چىۋىق بىلەن تىكەنلىك قىلىپ ياسالغان چىت قورا تېمىغا تاقىشىپ توختىدۇق.چىتقورا تامغا« ئادەملەر كىرىش چەكلەنگەن يىرىتقۇچ ھايۋانلار رايۇنى.ئۇقۇشماي كىرىپ زەخمىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىڭ.»دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي ئېسىقلىق تۇراتتى.بىزنى سۈر بېسىشقا باشلىدى.پولات سىمدىن ياسالغان ئېگىز قورا چىتتىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىز مۇمكىن بولمىغاچقا بېشمىز قايغان تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدۇق.قاچە-قاچ ئاخىر بىرگىياھ ئۈنمىگەن قاقاسلىققا كېلىپ توختىدۇق.قورساق نەغمە قلىشقا باشلىدى.ئېلىۋالغان نەرسىللىرىمىزنى ئۈرۈكلۈك باغقا تاشلاپ قاچقان بولغاچقا يېنىمىزدا بىرەر يۇتۇم سۇمۇ يوق ئىدى.ئامالسىز تاغدىن چۈشۈپ تاماق يىمەك بولۇپ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق.ئەمما يولدىن ئېزىپ قالغان بولغاچقا تاغدىن چۈشۈپ بولغۇچە ئىگىز-پەس،ئويمان-چوڭقۇريوللاردا شۇنچىلىك قىيىنىلپ ماڭدۇق.تاغدىن چۈشۈشكە ئازلا قالغاندا ئالدىمىزنى بىر چوڭ ئەخلەت دۆۋىسى توسىۋالدى.ئامالنىڭ يوقىدىن ئەخلەتخانىنى پېتىقلاپ مېڭىشقا توغرا كەلدى. مىڭبىر جاپادا ئەخلەتخانىدىن ئۆتۈپ، ئەخلەتخانا بىلەن پەستىكى چاسا قورو ئارلىقىدىكى تىك قىيادىن تىكەنلەرنى قاماللاپ يۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ تۇرىۋىدۇق،قورودىن يوغان بىر ئىت ئېتىلىپ چىقماسمۇ قورىققىنىمىزدىن چۇرقىرىشپكەتتۇق.ئاڭغىچە چاسا قورونىڭ غەرىپ تەرپىدىكى ئۆيدىن بىر ئاق چاچ  موماي چىقىپ كالدىرلاپ كەتتى:
        -سوڭ نار لەي دې بۇ جېڭ داڭ دې جىيەن نۈيرېن ئا نىمىن شې(نەدىن كەلگەن نېمىلەر ھوي ھەقەسىڭ)؟ كۆزىڭگە بۇيەر داغدام يول كۆرۈنۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ ھوي سەت پەسەندىلەر؟.سەن بۇزۇقلارنىڭغۇ ماڭمىغان يولى قالمىغان بولغاچ نەس ئاياغلىرىڭ مۇشۇ يەرگىچە يېتىشكەن گەپ....
        - جىې بۇ شى نامې يى خۈي شې داما،نىن جىي ۇۋۇ خۈي ۋو مېنلې(ئۇنداق ئەمەس،خاتا چۈشنىپ قالدىلا چوڭ ئانا)دەپ گەپ باشلىدى ئىززەت راۋان بولغان خەنزۇ تىلىدا.ھېلقى قېرى تەتەينىڭ بولسا بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغۇدەك رەپتارى يوق توخىتىماي بىرنېمىلەرنى دەپ ۋالاقلاپ  بىزنى تىللاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئەمما ئۇ قەتئىيلىك بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى.- بىز مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى.تاغقا ئوينىغىلى چىقىپ يولىدىن ئېزىپ قېلىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدۇق.بىز سىيرۇلدۇرۇپ چۈشۈرۋەتكەن نەرسىلەرنى تازلاپ ئەكسىگە كەلتۈرۈپ بېرەيلى.بىرمۇنچە جاپادا كەپتۇق مۇشۇ يەرگىچە.ئەمدى بىزنى كەينىمىزگە ياندۇرماي  مۇشۇ يەردىن چوڭ يولغا ئۆتكىلى قويسىلا. سىلىدىن ئۆتۈنگەن بولايلى...
         -بىيې زەي شوشېنمې لې(بولدى قىلىش)دەپ ۋارقىرىدى موماي  قېرى جېنى ئاغزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكىدەك سەت خىرقىراپ تۇرۇپ.-سەن نەس نېمىلەرنىڭ ئايغى تەگكەن يەردىن بەرىكەت ئۇچىدۇ.مېنىڭ ھويلامنى تازلاپ بېرىمە دېگۈچە ئاستا يولۇڭنى تېپىپ قايتىۋېلىش.سەنلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قېلىشقىنىڭىنى كىم بىلمەيدۇ ئەي نۇمۇسسىزلار.كېتىشە ۋۇ تېگى پەس بۇزۇقلار،قانداق كەلگەن بولۇشساڭ شۇنداق كېتىش.يوقىلىش قانجۇقلار!
       موماي شۇلارنى دېگەچ يەردىكى بىز سىيرۇلدۇرىۋەتكەن ئۇششاق تاشلارنى تىرىپ بىزگە ئېتىشقا باشلىدى.بىز تىكەنلەرگە ئېسىلىپ يۈرۈپ ئەخلەتخانىنى يانا بىر قېتىم كىچىپ ئۆتۈپ تاغ باغرىدىكى قارغايزارلىققا كىرىپ كەتتۇق.بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن بالسىنى يېتىلىۋالغان بىرخەنزۇ ئايال ئۇچرىدى.بىز ئۇنىڭدىن يول سۇراپ يۈرۈپ ئاخىر بىخەتەر تاغدىن چۈشىۋالدۇق.بىراق ھېلىقى مۇمايدىن ئازسانلىق مىللەت بولغىنىمىز ئۈچۈنلا(بۇ يەردە ئازسانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە چەتكە قېقىش ئېغىر بولغاچقا ھەتتا ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلارغا چىقساقمۇ خەنزۇلار بىزدىن«ھەزەر ئەيلىشىپ» نېرى تۇراتتى.تاكسى توسساق توختىمايتى.) شۇنچىلىك ئىزا ئىششىتقىنىمىزنى ئويلاپ كۆڭلىمىز بىر قىسمىلا بولۇپ قالغاچقا،ئاچچىقىمىزنى چىقىردىغان يەر تاپالماي، ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ قېرى جادىنى پۇخادىن چىققۇچە تىللاشتۇق.
         ياتاقداشلىرىم شۇنچىلىك مەرىد ، سخىي ئېدى .بولۇپمۇ ئارىمىزدا ئىززەت بەكمۇ ئوچۇق قول ئىدى.ھەر قېتىم ئۇنىڭغا خالتا كەلسە(ياتىقىمىزدا سارىن بىلەن ئىززەتكىلا پات-پات خالتاكېلەتتى.سارىن مۇڭغۇل بولغاچقا ئادەتتە كۆپىنچە نەرسىللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا باب كەلمەيتى.) بىز تولمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق.چۈنكى ئۇنىڭغا كەلگەن خالتا ھەممىمىزنىڭ ئېدى. ياتاقتىكىلەرمۇ ئادەتتە بىرنەرسىلەرنى سېنىڭ،مېنىڭ دەپ ئايرىشىپ كەتمەيتۇق. بىز مۇشۇنداق بارنى تەڭ خەجلەپ،يوقنى تەڭ غەملەپ،بىر-بىرىمىزگە غەمخان بولۇپ ئىناق-ئىجىل ئۆتەتتۇق.مېنىڭ نەزرىمدە ئىززەت كەم-كۈتسىز ئىنسان ئىدى.ئۇنى شۇنداق چوڭ كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلۋالدىم.لىكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنى تازا ياقتۇرماس ،ئۇنىڭ بىلەن بىللەبولۇشنى خالىماس بولۇپ قالدىم.چۈنكى ئۇ تولىمۇ غەيرى ئىدى. بازارغا چىقتىمۇ يېنىدا پۇل قالمىغانغا قەدەر كىيىم ئالاتتى.ھەتتا بىللە بازارغا چىققان ھەمرايىدىن پۇل سوراپ خەجلەيىتى ،ئەگەر پۇل بېرىپ تۇرمىسىڭىز سىزدىن خاپا بولاتتى.كىيىملىرى دۆۋە-دۆۋەبولۇپ بەزىللىرىنى كىيىشكە ئۆچرەت تەگمەي قالاتتى.ئەمما ئۆزى پۇلسىز قالاتتى.كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى دىلنار ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلسا:
         -سېنىڭ نىمە دىگىنىڭ بۇ؟ بىرىپ تۇرغان پۇللىرىمنى قايتۇرالماسمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسە؟قىلغان ياردىمىڭگە مىننەت قىلغۇڭ كېلىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ!خاتىرجەم بول،پۇلۇڭنى يىمەي يىغىپ بولسىمۇ بىرىمەن،_ دەپ چالۋاقاپ كېتەتتى.
         بىر كۈنى كەچلىكى كۇتۇپخانىدىن يېنىپ ياتاققا كىرسەم ئىززەت ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ تېلفۇن سۆزلىشىۋېتىپتۇ.
         -ۋىيەي ئاپا،نەدىكى تاينى يوق گەپنى قىلدىكەنسىز،مەن نەدىمۇ بەتخەج بولاي،سىز ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇرۇپ بەرگەن ئۇ ئىككى مىڭ ئۈچيۈز كوي پۇلنىڭچۇ مىڭ كۇيىغا ئىنگىلىزتىلى بىلەن كومپىيوتىر تەربىيلەش كۇرسىغا تىزىملاتتىم. تەربىيلەش كۇرسىغا يۈز كويدىن ئىككى يۈز كوي ماتىريال پۇلى تۆلىدىم.يەنە تېخى ئايدا بىر قېتىم سىنىپ پۇلى يىغىدۇئەمەسمۇ.......
         ئۇنىڭ قىلۋاتقان «سەمىمى»گەپلىرىنىداۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىۋىرىشكە تەقەت قىلالماي ئىشىكىنى يېپىپ ئاستا كەينىمگەبۇرۇلدۇم.....بارا-بارا ئىززەت مۇشۇنداق «راس گەپ» قىلىشقا كۆنۈپ كەتتى.ئۇنىڭ ھېلى «ھەرخىل كۇرىسلارغا پۇل تۈلەپ»پۇلى قالمىسا،ھىلى «ئاغرىپ  قېلىپ  داۋالىنىپ»ياكى «يىقلىپ چۈشۈپ پۇتى قايرىلىپ كېتىپ ئوكۇل ئاسقۇزۇپ» پۇلى قالمايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ ھەتتامەلۇم بىر ساقچى-ئوفتىسىرلار مەكتىۋدىكى «يېقىن دوستى»دىنمۇ پۇل سۇرايتى.غۇلجىلىق نۇرزىيە ئۇنىڭچىلىك بولىسمۇ،لىكىن بەزى قىلىقلىرى ئوخشىشىپ قالاتتى.ئارزىگۈل ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىمەن دەپ دائىم تىل ئىشتىۋالاتتى.كىيىنچە بىز بۇلارغىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق، ھەم بۇنىڭدىن ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيدىغان بولدۇق.
         كىيىنكى كۈنلەردە ئارىمىزدا مۇھەببەت توغرىسىدا بەزى گەپلەر بولىنىدىغان بولۇپ قالدى.مەن تۇرۇپلا خىجىللىق ھېس قىلساميەنە بەزىدە  مۇشۇ  شىمال باللىرىنىڭ «ئوچۇق-يورۇق»لىقىدىن ھەيران بولاتتىم. بىركۈنلۈكى ئىززەت بىزدىن يۈرگەن-يۈرمىگەنلىكىمىزنى، مۇھاببىتىمىزنىڭ بار يوقلقىنى سوراپقالدى.بىز ھەممىمىز بېشىمىزنى چايقاشتۇق.غۇلجىلىق قىز نۇرزىيە ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سوردى:
        -قارىغانداسىزنىڭ يىگتىڭىز با رئوخشىمامدۇ؟
        -بار،تولۇق ئىككىنجى يىللىقتىن باشلاپ يۈرىۋاتقان...
        -ساقچى-ئوفتىسىرلارمەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ شۇنداما؟ئوھھوي،قارىغاندا بىزلا يۈرىۋاتقان ئوخشىمامدۇق زاماننىڭ كەينى چاقى بولۇپ،مۇھەببەت تۇتماي؟!دېۋىدىم ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا،قىززقچىلىق قىلماق بولۇپ.كىم بىلسۇن، بۇ گىپىم ئىززەتنىڭ گەپ پىلتىسىغا ئوت يېقىۋەتتى:
        -ماڭا قاراڭلار دوسىتلار، بىز ئەمدى تولۇقسىز،باشلانغۇچنىڭ بالىسى ئەمەس ،تېخى كىچىك،ئىش ئۇقمايدۇ،يۈرسە بولمايدۇ دەيدىغانغا، دېدى ئۇ چىرايىغا جىددى تۈس بېرىپ.ئوقۇشنىمۇ ئوقۇيدىغان يەردە ياخشى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگىچە ئۇلاشتۇق ئاللاھنىڭ مەرھەممىتى بىلەن.ئەمدى ئۇنداق ئۆگۈنۈشقىلىۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ.ھەممە ئىشچۇ ئۆز لايىقىدا بولغان ياخشى،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاندىكىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ يۈرۈپ قويغۇلۇق. سىلەرگە دېسەم بارغۇ مۇھەببەتسىز تۇرمۇش سەي سالمىغان لەغمەنگىلا ئوخشايدۇ.ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلاردابىرەر قېتىم مۇھەببەتلەشمەي ئوقۇش پۈتتۈرىۋەتسەڭلار ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ،كىيىن پۇشايمان يەپ قالسىلەر جۇمۇ!
        -بولدى قىلىڭە ئاداش،دېدى ئاقتۇلۇق تاجىك قىز ئارزىگۈل.-ئاڭلىشىمچە ئالى مەكتەپتە ئوغۇللار ھەۋەس ئۈچۈنلا يۈرۈپ قويارمىش،مەقسىتىەە يېتىش ئۈچۈن ھەر ئاماللارنى بىلەن قىزلارنى قارمىقىغا ئىلىندۇرۇپ،ئاخىرىدا بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلۋەتكەندىن تاشلاپ،ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچارمىشقۇ؟!شۇڭا بۇ خەققە ئەخمەق بولۇپ بىكارلىق ئويۇنچۇق بولۇپ بەرگۈچە، ئاستا ئوقۇشىمىزنى ياخشى ئوقۇپ، چىرايلىق قايتىۋالىدىغان ئىشنى قىلايلى جۇمۇ.....
        ئۇ يەنە بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى بولىۋىدى ئىززەت گېپىنىڭ بىلىگىلا تەپتى:
        -جىڭ سەھرالىقتە بۇ! ھەي مەتۇ،مۇھەببەتلىشىشكىمىچۇ تاكتىكا كېتىدۇ تاكتىكا،بىلەمسىز؟!ئەگەر توغرا تەدبىر قوللىنالماي ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىكەنسىز،ئويۇنچۇق بولماي ئىلاجىڭىز يوق.ئاۋۇ مۈرىڭىزنىڭ ئۈستىدىكىنى بىكاغا بورداۋەرمەي ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىسىز مۇشۇنداق ئىشلارغا.ئالدايدىكەن دەپ ساياقتەك يۈرىۋەرسىڭىز زىيان تارتىسىز جۇمۇ ئاخىر!كۆرمەي بىلمەي ئاتا-ئانسى تېپىپ بەرگەن بىلەن توي قىلدىغان زامان كەتتى نەۋاخ.بۇمۇ چۇ بىزدەك ئىش ئوقمايدىغان نادان قىزلار ئۈچۈن تۇرمۇش تەجىربىسى توپلايدىغان ياخشى پۇرسەت. ھە بەختىغان،ئۆزلەردىغۇ بىرەر نىشان باردۇ ھېچ بولمىسا؟!
         مەن سېكونىت توختىۋالغاندىن كېيىن،قىززىقچىلىق قىلىپ:
        -نېمە دەيدىغانسىز ئاداش،ماڭا نەدىكەن دەيسىز؟!يوق.ياخشى يىگىتلەر بوش قالماپتۇ،ھەممىسىنىڭ« توچەي »ى باركەن.قارىغاندا ئايپاتەمنىڭ قاياشى بولۇپ ئۆتۈش پىشانەمگە يېزىلغان ئوخشىمامدۇ؟!دېدىم.
       ياتاقداشلىرىم «ئالە شەرىڭنى!ۋۇ ساراڭ قەشقەرلىك.»، دېيىشىپ بىر ھازاغىچە كۈلۈشتى.نۇرزىيە ئارزىگۈللەر تەڭلا: -ھەي ساراڭ قىز!بارىنى ياراتماي،ياخشىنى تاپامماي ،مايمۇندەك تاللاپ-تاشلاپ مېڭىۋىرىپ مۇماي بولۇپ كەتمەڭ يەنە.ئا كەينىمىزدىن مېڭۋاتقىننى ماڭدۇرىۋەرمەيلى جۇمۇ ،ھېرىپ قالىدۇ.ئۇنچىلىكمۇ قىپ كەتمەيلى،ئۆزلە كۆز مۇنچاق بولساق باشقىلارمۇ كېرەكسىز چامما ئەمەس.كىين يېنىپقالىدۇ جۇمۇ،ئۆتنە ئالەم بۇ......
         يۈزلىرىمگە ئوت كەتتى.خۇددى تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرىدەك خىجالاتچىلىكتە قالغاچقا تىللىرىم كالۋالىشىپ دەماللىققا نېمەدەپ جاۋاپقاي تۇرشىم كېرەكلىكىنىمۇ بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم.بۇلارنىڭ بۇئىشلاردىن  قانداقسىگە خەۋەر تېپىپ بولغىنىڭ تېگىگەيىتەلمەي شۇنداق بىتاقەت بولدۇم.قارىغاندا راستىنلا«تامنىڭ قۇلىقى بار» ئوخشايدۇ جۇمۇ دەپمۇ ئويلاپقالدىم.مۇشۇ گەپلەر بولۇنۇپ كۆپ ئۆتمەي ئىززەت بىلەن نۇرزىيەدىن چاتاق چىقىشقا باشلىدى.
1-بۆلەك تۈگىدى

2-بۇرۇلۇش

        تولۇقلىما  ئىمتاھاندىن چىققان  ئىززەت بىلەن  نۇرزىيە  كۆزۈمگە باشقىچىلا  سۇلغۇن كۆرۈنۈپ  كەتتى. ئىززەت مېنىڭ«قانداراق  ئاداش؟»دەپ سورىغان سۇئالىمغاجاۋاپمۇ  بەرمەستىن  ئۈستىلى ئۈستىدىكى  چېقىلدىغانلىكى نەرسىلەرنى يەرگە  ئېتىپ  چېقىشقا باشلىدى.مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن ياش تامچىسىغا قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ  تۇرۇپلاقالدىم.ئارزىگۈل بىلەن جاينا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولىۋىدى:
- ئۆز مەيلىگە قويۇڭلار،ئىچىنى بوشىتىۋالسۇن.دەپ توختىتىپ قويدۇم.
   ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا قاراپ ھېچكىم ئۇنى بۇنچىلىك ئىشلارنى ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمايتى.ئادەتتىمۇ ئۇ قارىماققا قەتئىي ھەم مەغرۇر كۆرنىدىغان شوخ قىز بولغاچقا، كىشىگە يۈركى پۈتۈن،بىپەرۋا قىزلاردەك تۇيغۇ بېرەتتى.مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ كۆزىدىن پەقەت ئىككى تامچىلا ياش چىقىپ توختىدى.ئۇ باشقا «مەغلۇبىيەتچى»قىزلاردەك بوزلاپ يىغلىمىدى.ئەكىسچە تىزلا ئەسلىگە كېلىپ ياتاقنى بىرەر قۇر يىغۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن،ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىز بىلەن ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.ماڭا شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت ئىمتاھاننى ياخشى بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلائەمەس ئېدى.ئالتە قىزنىڭ ئىچىدە بۇنى بىردىنبر ھېس قىلالىغان كىشى پەقەت مەنلا ئېدىم(يەنى ئۇنى مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغان دەپ پەرەز قىلغانىدىم.).شۇڭا ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاپ سالماسلىق ئۈچۈن،توغرىسى  باشقا ياتاقداشلارنىڭ ئۇنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىغابولغان چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە سۇئاللارنى سورىماي  ياتاقتا سېلنىۋاتقان پاراڭلارنى تىڭشاپ ئولتۇردۇم.تۇيۇقسىز كىشى تەسەۋۇر قىلغۇسىز ۋەقەدىن بىرى كېلىپ چىقتى:
     - بۇ خەقچۇ زادى بىزنى ئۆتمىسۇن دېگەنگەپ. دېدى نۇرزىيە چېچىلىپ.-شۇندامۇ قاملاشمىغان سۇئال چىقارغان بارمۇ دەيمەن.بەك جىلە قىلۋەتتى جۇمۇ مېنى بۇ ئىمتاھان.ماۋسۇمنىڭ بېشىدىلا ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىغاسوغوق سۇ سېپىپ.   -ھوي خانقىز،ئا پاچاق-بىلەكلەرگە چاپلىۋالغان جاۋاپلار ئەسقاتمىغان ئوخشىمامدا ئەھۋالدىن قارىغاندا؟! سۆزلەپلا قاپتۇقيا ئەجەپ! ئىززەتخانغىمۇ بەختىخان يوللىغان قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ پايدىسى تەگمىگەن ئوخشىمامدا....ئارزىگۈلنىڭ گىپىنى ئىززەت تارتىۋالدى:
  -«ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ»دېگەننى ئاڭلىغانمۇ جېنىم،نۇرزىخان بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇ چارىسى باشقا يەردە كۈچىنى كۆرسىتەلىسىمۇ بۇ جەددال خوتۇننىڭ ئالدىدا بىر تىيىنگە ئەرزىمەس بولۇپ قالدى لىكىن.ھېلىيگەرلىكىنى كۆرمەمسىلە ئۇنىڭ.كىتاپتىن چىقارغان يېرى قىرىق پىرسەنگىمۇ يەتمەيدىكەن دەڭلار. بۇ بىزنى تەتۈر قىينىغىنى بولماي نېمە؟ ئىشىقىلىپ يەن دىگەن بىرنىمىنىڭچۇ قىزلار بىلەن پۇرچىقى پىشمايدۇ زادى.ئۆتەلمەسلىكىمىزدىن ئەجەپلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ مېنىڭچە.
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئاداش،يەن يۈەن مۇئەللىم پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن،بىزگە ئانا يوللۇق ئايال.-دېدى سارىن ئىززەتنىڭ«قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ،ئوغۇللارنى بىزدىن چارە كۆرىدۇ.»دېگەن گىپىگە تۈزىتىش بېرىپ.-مېنىڭچە بۇ مۇئەللىم شۇنداق پىرىنسىپئال،مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگەدەرىسلەرنىمۇ شۇنداق ياخشى سۆزلەيدۇ. سىز دىگەندەك ئۇنچىلىكمۇ چىقارمىغاندۇ سۇئالنى؟!يۈزدە توقسان پىرسەندىن ئارتۇق يەر كىتاپتىن چىقىدۇ دەپ ئېنىق دىگەن تۇرسا.چوقۇم سىلەر دەرىستە دىققەت قىلمىغان،ھەم كىيىن تەكرار قىلمىغان مەزمۇنلار بولۇشى مۇمكىن ئۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر دەرىسلەرگە ئانچە ئەستايدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيسى......   - ساڭا نېمە قويدى ۋوي ساقام، بەك ماختاپ كەتتىڭيا ئۇ قېرى بۇزۇقنى. گەپ قىلمىسا بىزنى ئويۇن قېپى، ئالقاپ قىزلارغاچىقرىۋەتكۈڭ با ھە سېنىڭ. بايقاپ گەپ قىل جۇمۇ،ئاچچىغىم كىلىپ قالىدۇ مېنىڭ! جاجاڭنى يەپ قالما يەنە!-سەنلەپلا چۈشتى نۇرزىيە سارىننىڭ ئۆزلىرىنى چۈشۈرۈپ سۆزلەشلىرىدىن تىرىكىپ.
   سارىنمۇ جىدەل سېغنىپ قالغان چېغى، پەيىتنى توغرا تاللىيالمىغىنىغا ۋە بىزنىڭ ئىشارەت قىلىشلىرىمىزغا دىققەت قىلمايلا بۇ «ئىستىل تۈزىتىش ھەركىتى»نى  جاھىللارچە داۋاملاشتۇرىۋەردى.
    -مەنمۇ سىزنى سەن دەۋىرەي ئەمىسە!سۆزلىرىمدىن رەنجىپ قاپسەنغۇ ھە دېسەم-دېمىسەم.ئەمما ئارقىڭغا بىر تەپسىلىي قاراپ ئۆزۈڭگە بىر باھا بىرىپ باق.يەن مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى قانچە قېتىم تاشلىغىنىڭنى،قانچە قېتىم ئېغىزچە سىناقتا تۇرۇپ قالغىنىڭنى،تاپشۇرۇقنى قانچە قېتىم تاپشۇرمىغىنىڭنى ھېسابلاپ باق.بۇ پەنىدىن قېلىپ قېلىشىڭ ھېچبىر سەۋەبسىز ئەستۇ ھەر قانچە بولسىمۇ؟باشقىلاردىن ئاغرىنىۋەرمەي ئۆزۈڭدىنمۇ ئىزدەپ بېقىشىڭ كېرەكتە سەۋەبىنى. خەنلەرنىڭمۇتەپەككۇرى كۇڭزىنىڭ بىر داڭلىق شاگىرتى زېڭزى:«مەن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ ئۆز خاتالىقىم ئۈستىدە ئويلىنىمەن.» دېگەنىكەن. ئەمما سەن بىلەن بىز كۈنىگە ئەمەس،ئېيىغا يېرىم قېتىم بولسىمۇ ئويلىنىپ قويمايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
   -بولدى قىلە ۋوي قالماق!-دەپ چالۋاقاشتى ئىززەت بىلەن نۇرزىيە تەڭلا.  «ساقنى تازدېسەڭ كۈلگۈسى كېلۇر،تازنى تاز دېسەڭ ئۆلگۈسى كېلۇر.» دېگەندەك سارىننىڭ بۇ گەپلىرى  بۇ ئىككىسىنىڭ يېغىرىنى تاتلاپ قويغانىدى.  -ھەدەپ قويساق سۆزلەۋېرىسەنغۇ مۇمامدەك. بەك كۆتىنى يالايسەنغۇ قېرى قانجۇقنىڭ؟قارىغاندا «سېسىق ئۇستىخان»لىرىدىن سەنمۇ ئوبدانلا «ئېغىزلىنىپ» قالغان چېغىڭۋا.كىمىمىز ئىدىڭ سەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا داۋلى سۆزلەيدىغانغا ؟ ئاپار ئۇ كوڭزى بوۋاڭنى!بۇ گەپلىرىڭنى نەگە بېرىپ دېسەڭ دە،ئەمما بىزنىڭ ئالدىمىزدا دېگۈچى بولمائۇختۇڭما!بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئاقمايدۇ ئۇنداق يالاقچىلىقىڭ جۇمۇ بىلىپ قوي!سەنمىغۇ تېگىڭدىن پەس بىرنىمە زادى، شۇڭىمىغۇ ئازراق« يالاق »«يالاپ»لا ئۆزۈڭنى بىلەلمەي قالغان چېغىڭ.كوڭزى –پۇڭزى دەپ نەدىكى بىرنىملەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بىزگە تەربىيە ئىشلەپ كېتىشلىرىڭنى قاندا قىلاي؟! كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ،تۈفى......
جېدەل ئاۋۇدى،سارىنمۇئېغىزىنى بولىشىغا قويىۋەتتى:
    -سەنلەرمىچۇ ئۆز ھالىڭغا قاراپ گەپ قىلىش.ئالدىمدا مەلىكىلەردەك گىدىيىپ ھەيۋە كۆرسىتشكىنىڭ بىلەن،ھەقنى بىلگۈدەكمۇ ئەقلىڭ يوق دۆت بىر نېمىلەركەنسەن   ،سەندەك قۇتىغۇر،رەسۋا بىر نېمىلەرنىڭ قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشىدىن ھەيران قال......
   « چاڭ-چۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سارىننىڭ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى. نۇرزىيەنىڭ :« ما نېمىنىڭ دورىسىنى بىرىپ قويمىساق ئۆزىنى بىلەلمەيىغان ئوخشايدۇ،قوپە ئاداش.» دېيىشى بىلەن تەڭلا ياتاقتا تاراق-تۇرۇق كۆپىيىپ كەتتى. ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام نۇرزىيە بىلەن سارىن بىر-بىرىگە ھوجۇم قىلىشقىلى،ئىززەت نۇرزىيەگە بولىشىش ئۈچۈن تەمشەلگىنى تۇرۇپتۇ. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىززەتنى بېلىدىن قۇچاقلاپ تارىتقۇشلىدىم.ئەمما ئۇنىڭ   بەدىنىنى كونتىرول قىلىپ تۇرالىغىنىم بىلەن ئاغزىنى كونتىرول قىلىپ تۇرالمىدىم.
   -ئەپتىڭگە قاراپ ئىش قىلساڭ بولمامدۇ ھېي ئورانگۇتان.بىز بىر ھامماچاڭنىڭ قىزى بولمىغاندىكىن تولا شىلتىڭ ئاتما جۇمۇ ھە.بوش ئاتكاچىلىق قىلساڭ بولامىكى سەن.ئالدىمىزدا ھە ھۇ دەپ دۇرۇس قىياپەتكە كىرۋالغىنىڭ بىلەنچۇ بەش قولدەك بىلىمىز سەن جالاپنىڭ قىزىنىڭ قانداقلىقىنى. كۆتۈڭگە قايناقسۇسەن مەرەزنىڭ.
      -سېسىق ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل ھېي،ئاپامغا تولا تىل تەككۈزمە جۇمۇ ئاچاڭنىڭ ئىرىنى ئاجراشتۇرۇپ تېگىۋالمىغاندىكن. نوچى بولۇشساڭ بىرگە بىر كېلىشە نۇمۇسسىز ھايۋانلار!- دەپ ۋارقىرىدى نۇرزىيە بىلەن«جەڭ»قىلىۋاتقان سارىنمۇ بوش كەلمەي.  
   نۇرزىيەنىڭ قولى ئىتتىك  بولغاچقا بەسىتلىك كەلگەن كۈچتۈڭگۈر مۇڭغۇل قىزى سارىن تېخى ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا نەچچە تەستەك يەپ كەتتى.جاينا  بېرىپ نۇرزىيەنى تۇتۋېلشى بىلەن تەڭلا سارىن كېلىپ ئۇنىڭ ئۇزۇن چېچىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ قورسىقىغا نەچچىنى تىپىۋەتتى.ئارزىگۈل سارىننى سىرىتقا سۆرىۋىدى،نۇرزىيە شۇھامان ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان ۋىجىك قازاق قىزنىڭ قولىدىن يۇلقىنىپ
چىقتى –دە:
  «ۋۇ رەزگى جالاپ،بادام قاپاق، ئوسۇرۇق كۆز، چۈپرەندە قانجۇق،لالما ئىتنىڭ كۆتىنى يىگەن مەينەت. »دەپ ۋاقىرغىنىچە سارىننىڭ يەڭسىز،پەس ياقىلىق كوپتىسىدىن مارىلاپ تۇرغان ئوچۇق بەدىننى   ئۇرۇپ  تاتىلاشقا باشلىدى.جاينا ئۇنى توسۇپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي قالدى. سارىن چىرقىرىراپ تىپىرلاشقا باشلىدى.جاينا ئارزىگۈلگە سارىننى قويىۋىتىشنى ئىشارەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ جىدەلنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ،جاھىللىق قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋەردى.ئويلىمىغان يەردىن نۇرزىيە ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن (ئۇ  تىرنىقىنى ياسىتىپ گۈل سىزغۇزۇش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغانىدى.) سارىننىڭ كۆكسىنىمۇ قوشۇپ تاتلىۋالدى.ئاچچىق ئازاپتىن چۈچىگەن سارىن ئارزىگۈلنى كۈچ بىلەن ئىتتىرۋىتىپ نۇرزىيەگە ئېتىلدى ۋە:«ۋۇ مۆشۈكنىڭ كۆتىدىن تۆرەلگەن پەسەندى جالاپ.ئەقلىگە پوق ئولتۇرۇپ قالغان ھايۋان، ئىنساپسىز،نامەرىد،پەس چۈپرەندى. »دەپ تىللىغىنىچە ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنى يەرگە باستى.ئۇلارپولدا يېتشقىنىچە پومداقلىشىپ كەتتى.جاينا ئىككىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلارنى ئاجرىتالمىدى.
   بىز ئامالسىز قالغان شۇ پەيىتتە،ياتقىمىزدىكى قىيا-چىيانىڭ دەستىدىن ئارامسىزلانغان، قوشنا ياتاقتىكى چوڭ ئاچاشلار كىرىپ بۇلارنى ئاجراشتۇردى ۋە:
  -نېمانداق يۈزى قېلىن بىرنىمىلەر ھەي سەنلەر، نۇمۇس قىلىشساڭ بولمامدۇ كىچىككىنە تۇرۇپ بىر-بىرڭگە ئېسىلىشىپ جودا چىقىرىشتىن.قىز بالىمۇ سەنلەردەك بولامدۇ ھەي؟ نوچلىقىڭنى بۇنداق جايغا ئىلىشلىتىشمەي ئۆگۈنۈشكە ئىشلىتىشسەڭ بولمامدۇ؟! ۋۇ يۈزى قېلىن شەرمەندىلەر. ئىسىت سەنلەرنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچسى بولۇپ قالغىنىڭ.بۇدۇ بۇنداق سەتلىشىشكىنىڭنى كۆرسىتىشكۈچە بولۇشما ھە.ئۆزۈڭنى بىلىپ،كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ يۈرۈش.بۇ دىگەن مەكتەپ،سەنلەر جىدەل چىقىردىغان يەر ئەمەس.سەنلەرنىڭ ئىش ھەركىتى بۇ يەردە بىر ئۆزۈڭگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ جۇمۇ بىلۋېلىش،بۇندىن كىيىن ئۆزۈڭگە كۆپرەك دىققەت قىلىۋېلىش ھە!-دەپ بىرمۇنچە تىللاپ كەتتى.
  نۇرزىيەنى ساۋاقداشلىرى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.جاينا سارىننىڭ چېچىنى تاراپ قويدى.مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرى ۋە بوينىدىكى قان ئىزلىرىنى سۈرتۈپ كىيملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم.بىز جىدەلنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭ مۇڭغۇل ئاچىللىرىنىڭ يېنىدىن چىقىپ تۇرشىنى ئۆتۈندۇق ئەمما ئۇ رەت قىلدى.نۇرزىيەمۇ باشقا يەرگە چىققىلىى ئۇنىمىدى.ئۇلار نەچچەھەپتىگىچە بىر-بىرىگە «كەينى»نى قىلىشىپ يۈرۈشتى. ياتىقىمىزنى بىرخىل بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلاپ كەتتى.ئۇلار پات-پات بىر-بىرىگە يېنىچە، قىرىچە تىگىشىپ قوياتتى.
   نېمىشقىدۇر يىل ئۆرۈلۈشى بىلەن بىردىنلا بىزنىڭ  مىللىي ئوقۇغۇچىلارقەسىرى  ئالدىدا  ئاللىكىملەرنىڭ  داڭلىق ماركىلىق ماشىنىللىرى  كۆپىيىپ قالدى.«بىسمىللا» دېمەي تۇرۇپ ئۈچ پەن ئىمتاھاندىن قېلىپ قېلىشقان ئىززەت بىلەن نۇرزىيەنىڭ يۈزلىرىدىكى نەچچە كۈن ئاۋالقى قايغۇ  ۋە  پۇشايمان ئپادىللىرى  تىزلا ئۆچۈپ، قايتىدىن«رەڭ تۈزەش»كە باشلىدى. چىرايلىق پەرداز قىلشقان ئىككىسى سارىننى قولتۇقلىشىپ كۈلۈشكەن پېتى ياتاققا كىرىپ كېلىپ بىزنى ھەيران قالدۇردى ۋە تولىمۇ سۆيۈندۈرىۋەتتى.باشقىچە  بىر خىل قىزغىنلىق ياتىقىمىزدىكى سوغوق كەيپىيانىڭ ئورنىنى  ئېلىپ،ياتىقىمىزدا ئىللىق بىر كەيپىيات قايتىدىن ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. بىراق ياتىقىمىز  ئەتراپىدا كۈندىن-كۈنگە  ئاۋۇپ  كېتىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلارنى، شۇ  ئىسىل  ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان  مەكتىۋىمىزنىڭ ھەرمىللەت  ساھىپجاماللىرىنى (دەسلىپىدە بۇلارنىڭ ئارسىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت قىزلىرى يوق ئېدى.)  كۆرگىنىمىزدە بىر قىسمىلا بولۇپ كېتەتتۇق.
    كىيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، بۇ قىزلاردىكى بىرخىل جىنىسى ئەۋزەللىكىمىش، ئۇلار بۇ خىل ئەۋزەللىكتىن جايىدا ۋە ۋاقتىدا تولۇق پايدىلىنىۋېتىپتىمىش.بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ماددى جەھەتتى مۇكەممەلشتۈرشكە،يەنە بىر جەھەتتىن  پۇرسەتنى چىڭراق تۇتۇپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە كۆپرەك پۇل يىغىۋېلىشقا ئاساس سېلىۋېتىپتىمىش. بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەمەس قىزلارغا بۇ تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتمىش،ئەگەر پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويسا ئۆمۈلۈك پۇشايمانغا قالامىش.بۇلارنى ئاڭلاپ شۇنداق قۇسقۇم كېلىپ كەتتى.
   ئىززەتنىڭ كەيپىياتىدىكى چۈشكۈنلۈك بارغانسىرى روشەنلىشىشكە باشلىدى.ياتاقداشلار ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇنى-بۇنى دەپ بېقىشتۇق.بۇ خىل بۇرۇقتۇرمىلىققا چىدىمىغان مەن بىر كۈنى بالىلا تولۇق ۋاقىتتىلا:
      -ئاي خېنىم، بىزدىن بىر نەرسىنى  يوشۇرمايۋاتقانلا  ھە! ئۆزلىرىگە  ئوخشىمايلا  قېلىۋاتىدىلا مۇشۇ  كۈنلەردە ، زادى  نىم  بوغان  سىلىگە؟- دەپسورىدىم  گەرچە  كۆڭلۈمدە  بۇنىڭ  جاۋابى ئاشكارە بولسىمۇ.
      -ھېچنىمە بولمىدىم،بىر ئوبدان تۇرمامدىمەمانا!بىرەر ئىش بولىدىغان بولسا دېمەمتىم سىلەرگە! ئەجەپ مەن بىلەنلا قاپسىلەرغۇ ئەمدى؟ دېدى ئىززەت مۇغەمبەرلىك بىلەن.
    -ئۆزلىرىنى بىلىپ ئىقرار قىلاملا ياكى مەن ئاشكارلىۋىتىمەنمۇ ؟-دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.  ئىززەت:«نېمىنى ئىقرار قىلىمەن زادى؟»دېگەن مەنىدە قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي تۇرىۋالدى.
   - ئەمسە دېدىم ھە؟! توي قىلمىغان يىگىتلىرى تالاق قىلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟دېدىم مەن يۇمۇرىستىك قىلىپ. ياتاقتا«ئاللا، توۋا»ئاۋازلىرى بىلەن بىرپەس كۈلكە كۆتۈرۈلدى.ئىززەتمۇ دۈگىلەك كۆزلىرىنى پارقىرتىپ كۈلۈپ كەتتى.
  - سىزدىن ھېچنىمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىكەن زادى.داخانمۇ يا سىز؟-دېدى ئىززەت ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ.
    بىز ئىززەتنىڭ سۇنغان دىلىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپ تەسلەللىلەرنى بېرىپ،ئۇنى ئۈمىدۋار ،غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندىدۇق.ھەم ئۇنى بۇ كۆڭۈلسىزلىك پاتقىقىدىن تىزراق تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى قىلىشتۇق.
   ئۈندىدارنىڭ ئومۇملىششغا ئەگىشىپ ئىززەتنىڭ روھى ھالىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.ئەمما بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئىددىيسىدە تەسەۋۇر قلغۇسىز دەرجىدە بىر خىل ئەخلاقى چىرىكلىكنىڭ ئۇرۇقى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى.دەسلىۋىدە ئۆزى چىرايلىق،مودا، ئەمما ئەخلاقى بۇلغانغان بىر قانچە قىز بىلەن دوسىتلىشىپ قالدى.«ئېغىلدا يۈرسەڭ ئىشەكنىڭ خۇيىنى ئالىسەن.»دېگەن گەپ راس بولسا كېرەك،ئۇ ھېلقى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «ئىسىل»دوسىتلىرىنىڭ  بىر قوللۇق «تەربىيلەپ » چىقشى ئارقىسىدا ناھايتى «جەزبىدار» بىر قىزغا ئايلانىدى. يارشىملىق قارا چاچلار قىرقىلىپ سېرىققا بويالدى.كىيمىلىرى تارلاشتى،قىسقىرىدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇل «مەستانە»لىرى كۆپەيدى.بارا-بارا ھەرخىل ئۇچۇرشىشلار ئاۋۇپ،ئاخشىمى ياتاققا بەك كەچ قايىتىدىغان، ھەتتا ئارلاپ- ئارلاپ كىرمەيدىغانمۇ بولدى.
   شۇنىڭدىن ئىتبارەن ئىززەتنىڭ كاللىسىدا«سورۇن»،«ئوغۇل بالا»،«مۇھەببەت»تىن باشقا ئۇقۇملارغا قىلچىلك ئورۇن قالمىدى.ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق ئىككى دوستى ئۇنى پات-پات يوقلاپ تۇردىغان بولدى.ئۇ ئۈچى بىر يەرگە كەلسە پاراڭلىشىدىغان بىردىنبىر تېمىسى مۇھەببەت ئىدى.بۇلار بۇ تېما ئۈچۈن ئاچ قورساق ھالەتتە ئولتۇرۇپ كەچ كىرىپ تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رازى ئىدى.ئەگەر بىللە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا ، كىنودىكى ئارتىسلارنىڭ چىراي شەكلى ، بەدەن قۇرۇلمىسىغا باھا بېرىشەتتى ۋە ئۆز كۆڭلى بويىچە لاھىيلەپ چىقاتتى. مەنچە بولغاندا بۇلار ئۈچۈن قانداقلا ھالەتتە يارىلىش ئەيىپ ئىدى.مەيلى سىزنىڭ چىرايىڭىز ۋە بەدەن شەكلىڭىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ كۆز قارشىچە ھامان ئۇنداق مۇنداق نۇقسانلاردىن خالى ئەمەس ئىدى.بۇلارتېخى ئۆز خىياللىرىدىن ھوزۇر ھېس قىلىشىپ كېتەتتى،يەنە بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ دوسلۇقىدىن ، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغىنىدىن مەنمۇنىلىق ھېس قىلىشىپ:«مال تۈرى بىلەن،ئادەم خىلى بىلەن دېگەن راسكەن. بىز نېمىدىگەن قاملاشقان دوسىتلارھە!»دېيىشەتتى. مەنمۇ كۆڭلۈمدە ئىززەتنىڭ لېيىدىلا مۇشۇنداق خاراكتىر بار بولۇشى مۇمكىن دىگەنگە ھۆكۈم قىلىپ، بۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ خىلى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايتىم.ھەم بۇلارنىڭ بۇ «ئۆزگىچە» قىزقىشىدىن ھەيران بولاتتىم.
  «خۇرۇم چاپان بۈدرە چاچ،ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ» دېگەندەك،ئىززەتنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى نوچىرىغانسىرى تۇرمۇشى شۇنچىلىك غورىگىل قېلىۋاتاتتى.ئەمما «سۆلەت بىرىنجى،سالامەتلىك ئىككىنجى » دېگەننى ئۆزلىرىگە شۇئار ۋە مىزان قىلۋېلىشقان ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھېلقى چىرايلىق ئىككى دوستى ئۈچۈن بۇ بۇنداق ئۆتۈشمۇ بىرخىل شەرەپ ۋە بەخىت ھېسابلىناتتى. ھېساپلىناتتى.نۇرزىيەمۇ ئۇلارغا ئوخشاش سۆلەتۋاز بولغىنى بىلەن،يانچۇقىنىڭ بۇشلۇقى ۋە قورساقنىڭ ئاچلىقىغا بۇلاردەك «سەبىر»قىلالمايتى.شۇڭا ئۇ خاراكتىرى ئۇلارنىڭكى بىلەن بىر سىزقتا توختىسمۇ، كەسكىن بۇ توپقا يېقىنلاشماي،ئۆزى قاچانلاردىندۇر يۈرىۋالغان خۇتەنلىك مۇھەببىتى بىلەن ياخشى يۈرۈپ كېتىشنىڭ كويىغا چۈشتى.
       ئىززەت ھەر دائىم ماڭا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرشىش تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى.چۈنكى بىر مەنلا ئۇنىڭ بۇخىل قىلىقلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلساممۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاخىرغىچە ئەستايدىل ئاڭلايتىم.ئۇنىڭ كىچىلىك سورىنىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش تېخىمۇ زوربولدى.ھەر كۈنى ئەتىگىنى قويۇق تاماكا پۇرىقىغا مىلەنگەن پېتى قايتىپ كىرگەن  ئىززەت  مېنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ھاياجانلانىغىنىچە ئۆزىىگە كېچىدىكى سورۇندا قانچە ئوغۇل بالىنى دىققەت قىلغانلىقىنى،قانچە يىگىتنىڭ يېقىنلىشىش ئىپادىسىدە بولغانلىقىنى،قانچىسىنىڭ تانسىغا تارىتقانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن چەكسىز پەخىرلىنىش ۋە بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە سۆزلەپ بېرەتتى. كىچىلك سورۇنغا شۇنچىلىك بىرىلىپ كېتىۋاتقان ئىززەتكە قاراپ،مەن كۆڭلۈمدە:«مۇشۇ كىچىلىك بەزمىخانا دېگەن جاينىڭ ئوغۇل-قىزلارنى ئىسسىق يوتقاننىڭ مىھرىدىن،تاتىلىق ئۇيقۇسىدىن كەچتۈرەلىگۈدەك زادى قانداق سىھرى كۈچى باردۇ؟ زادى قانداقراق جايدۇ ئۇ؟»دەپ ئويلاپ قالاتتىم.
  ياتىقىمىزدا بىردىنلا مۇھەببەتلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. جاينا غۇلجىلىق بىر قازاق يىگىت بىلەن تېپشىۋالدى.سارىنمۇ تۈۋەن يىللىقتىكى ئۆزى بىلەن بىريۇرىتلىق مۇڭغۇل يىگىت بىلەن يۈرۈپ قالدى. پەقەت ئارزىگۈل ئىككىمىزلا نىشانسىز لەيلەپ يۈرىۋاتاتتۇق.ھەپتە ئاخرى ياتاقداشىرىم مېنى يالغۇزلۇق پاتقىقىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزھالى بىلەن بولۇشاتتى. شۇ يالغۇزلۇق ئىچىدە غېرىپلىقنىڭ باسمىقىدا ھالسىزلانغانمەن تۇرمۇشۇمنى سۇسىز قۇدۇققا ئوخشاش ۋەيرانە ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم. كارۋىتىمنىڭ بېشىدىكى ئارىيەتكە ئېلىپ چىققان دۆۋە-دۆۋە ئوقۇشلۇقلار بۇ بوشلۇقنى پەقەتلا تولدۇرالمايۋاتاتتى.شۇ ئىزتىراپ ئىچىدە قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆز ئالدىمدا بىرئاق ئاتلىق شاھزادە پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە مەن ئىشەنگەن ۋە ئەگەشمەكچى، بىر ئۆمۈرپىشىنى تۇتماقچى بولغان ئۇ يىگىتنىڭ  ئاق  ئاتلىق شاھزادە بولماستىن،بەلكى ئاق ئىشەكلىك مەلئۇن ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنى قانچىلىك ئېغىر سىناق ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى قىلچىمۇ سەزمىگەن ئىكەنمەن.
    تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قېلىشىم ئۇزۇندىن بېرى كەينىمدىن پايپاسلاپ يۈرىۋاتقان يىگىتلەرنى قاتتىق نادامەتتە قويدى. نىيتىمنىڭ يامانلىقىدىنمۇ ياكى نەزرىمنىڭ ئۈستۈنلىكىدىنمۇ ۋە ياكى بەك ساددا بولغانلىقىم تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق يامان بىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ قالدىممۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ ياراتقۇچىنىڭ مېنى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سىنىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بىر ھېكىمىتى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.يەنە بىر تەرەپتىن،بۇ خەققە قىلۋالغان يوغانلىقلىرىمنىڭ جاجسى بولۇشىمۇ مۇمىكىن دېگەن يەكۈنگە كەلدىم.
        چولپانلارغا ئوخشاش ۋال-ۋۇل يۈرىيدىغان ،ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىشنى بىلىدىغان ئىززەت،مىھىرلىك سۆيگۈ قۇچىقىدا بەخىت يالقۇنلىرى بىلەن ئەللەيلىنىۋاتقان نۇرزىيە،ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت تەپتىدىن كۈندىن-كۈنگە ياشرىپ جانلىنىپ كېتىۋاتقان سارىن بىلەن جاينا،ھېچكىم بىلەن كارى بولمايدىغان،كەچكىچە ئۆز ئىشى بىلەن بەنىد بولىدىغان،مەن  خۇراپى قىز ، زامانىمىزدىكى «بىلكوف» دەپ قارايدىغان ساددا تاجىك قىزى ئارزىگۈل قاتارلىقلارنىڭ  ئەتراپىدا مەندەك بىر ھەمشىرىسنىڭ مەۋجۇتلىقىغا  پەرۋاسىزقارىشى،تۇرمۇشۇمدىكى بۇ بوشلۇقنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ، مېنىڭ دەردۇ-ھالىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.
        بەزىدە بۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنى مەتۇ ھېس قىلسام،يەنە بەزىدە مۇشۇ ئارقىلق  ئۆزۈمنىڭ خاتالىقلىرىغا يول قۇياتتىم ۋە  تەسەللى تاپاتتىم. بارا-بارا ئۆزۈمنى ياخشىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ناچارلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا،باشقىلاربىلەن ئۆگۈنۈشتە بەسلىشىشتىن،كىيىم-كېچەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا بەسلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدىم.ئەمما قەلبىمدىكى غايەم ۋە جاپاكەش دادام ئارزۇسى ئۈچۈنلا سوقىدىغان يۈرىكىم،كەلگۈسۈم ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئاتىۋەتكەن قەلبىمنى، ئۆزخاراكتىرىمدىكى قەتئىيلىك ۋە ئۆزگەرىتكۈسىز جاھىللىق سەۋەبىدىن  ھېچبىر نەرسە ئىگىلەپ كېتەلمىدى.مەيلى مەن باشقا ئىشلارغا قانچىلىك بېرىلىپ كېتەي،ئۆگۈنۈشكە بولغان قىزغىنىلقىم قىلچىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى.
       ياشلىقىمنىڭ قوناق ئېتىلدۇرمىسىنىڭ پاراسلاپ ئېتىلىشلىرىدەك قىزغىن ھەم جۇشقۇن  مەزگىللىرىدە،  مۇھەببەتكە بولغان قىزقىشىمنىڭ گۈلخان كەبى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان پەيىتلىرىدە ئۇنىڭ توساتتىن پەيدا بولىشى بىلەن تەڭ،شۇنداقلا قەلبىمدە مۇكەممەل بولغان «ئەركەك» ئوبرازى تىكلىشىگە ئەگىشىپ،مەن بارلىق تاللاشلىرىمدىن ۋاز كىچىپ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى،پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئۆتۈشنى توغرا تاپقانىدىم ، ھەم بۇنى ھاياتىمدىكى ئاقىلانە تاللاش دەپ ھېسابلاپ ئۆز تاللىشىمدىن شۇنچىلىك رازى، ياراتقۇچىنىڭ  بۇ ئورۇنلاشتۇرشىدىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولغانىدىم. گەرچە ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك يىرگىنىپ تۇرساممۇ،بىراق ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدىكى كۆڭۈللۈك پاراڭلىرىمىز،شۇ پەيىتلەردىكى ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ۋە قەلبىمدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالغان گۈزەل ئوبرازى،ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تاتلىق ئەسلىمىلەر بىرىنجى بولۇپ كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇنى ئويلىماسلىق،ۋە مەڭگۈلۈك  ئۇنتۇش قارارىغا كېلىمەن. ئەمما خۇددى ياغاچقا ئاۋال چىرايلىق نەقىش گۈل ئويۇپ ئارقىدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قالايمىقان سىزىۋەتكەنگە ئوخشاش،ئۇ ئۆز قولى بىلەن يۈرىكىمگە ئويۇپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ياخشى-يامان ئىزلار مېنىڭ بۇ ئويۇمنى ھامان بۆشۈكىدىلا ئوجۇقتۇرۋېتەتتى. چۈنكى  ياراتقۇچى ئىنسانلار ئارسىغا تاراتقان مۇھەببەت چىن ، چەقىقى،غەرەزسىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، مەيلى ئۇ  ئاليجاناپ ، ئېسىل بىرى بولسۇن ياكى  ناھايتى رەزىل ۋە پەسكەش بىرى بولسۇن،ۋە ياكى مەن بىلەن نېمە مەقسەتتە بېرىش-كېلىش قىلغان بولسۇن،مېنىڭ ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىدىغانلىقىم،توغرىسى ئۇنى ئىلگىرى چىن قەلبىمدىن سۆيگەنلىكىمدىن ئىبارەت بۇ ھەققەتنى ھېچقانداق بىر نەرسە ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايتتى.
        ئىككىمىزنىڭ تونۇشىشى،باشلىنىشى قانچە تىز بولغان بولسا يىراقلىشىشى،ئاخىرلىششىمۇ شۇنچە تىز بولغانىدى.دەسلىپىدە بىز دوسىتلۇق تورى(پېڭ يوۋ ۋاڭ)دا تونۇشقانىدۇق.ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ تېبەت تورخانىسىدا ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرغانىدىم.ئۇنىڭ بىلەن قاچانلاردىن بېرى تورداش دوسىت بولۇپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.ئەمما ئۇ شۇ چاغدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ مەن بىلەن مەكتەپداش ئىكەنلىكىنى،بىر ئىنىستىتوتتا ھەتتا بىر كافىدىرادىكى ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى  بىلگەنىدىم. بىزئۆزلىرىمىزنىڭ ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇيدىغان «ئاكا-سىڭىللار»ئىكەنلىكىمىزنى بىلشىپ  ئەركىن-ئازادە بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە رەسىمنى يوللاپ بېرىش بىلەن بىرگە مەندىن رەسىم تەلەپ قىلدى. مەن ئەتراپىمدا ماڭا بەزى ئىشلاردا يول كۆرسىتەلەيدىغان ھەمدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام دادىللىق بىلەن يارىدەم قولىنى سۇنالايدىغان بىرەر ئوغۇل تونۇشۇمنىڭ يوقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنى مەندىن بىلدىغىنى كۆپ، بەزى ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىشكە ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ،نېرى-بېرىسنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا بىر پارچە سۈرىتىمنى يوللاپ بەرگەنىدىم.
        كىم بىلسۇن دەيسىز، مېنىڭ بۇ سۈرىتىمنىڭ  ئۇنىڭ مېنى «ئوۋ »نېشانى قىلىپ بېكىتىشىدىكى ئاساسلىنىدىغان قورالى بولۇپ قېلىشىنى! پاجىئە ئەسلىدە دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغانىكەن.ئۇ مېنىڭ سۈرىتىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن،سۈرەتتىكى ساددىلىق چىقىپ تۇرغان،ئۇپا-ئەڭلىكتىن خالى مەسۇم يۈزۈمگە قاراپ مېنى<ئاسان باپىغىلى بولىدىغان يۇۋاش قىزكەن> دەپ ئويلىدىمۇ،ئەيتاۋۇر تۇخۇم ئوغرىسى توخۇنىڭ كەينىدىن ئىرىنمەي پايپاسلاپ ماڭغىنىغا ۋەئەپچىللىك بىلەن پەيىت كۈتكىنىگە ئوخشاش،ئۇزاققىچە مېنى نازارەت قىلىپ، ئەھۋالىمنى ئېگەللەپ، كەيپىياتىمنى كۈزىتىپ يۈرۈپتۇ. كەيپىياتىم شۇنداق تۆۋەن، قەلبىمدىكى زىرىكىشلىك ھېسيات تازا ئەۋجىگە چىققان بىر كۈنلەردە ئۇ مەندىن كۆرۈشۈشنى ئۈتۈندى.مەن ئىلاجىسىز ھەپتە ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە« بەش بۇلاق تېغى»غا چىقىشقا ۋەدە بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مەندىن ئەتىسلا كۆرۈشۈشكە چىقىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى.مەن تولۇق ئون سائەت دەرسىم بارلىقىنى،بوش ۋاقتىم يوقلىقىنى ئېيتىپ چىرايلىق رەت قىلدىم.ئەمما بۇ يالغانچىلىقىم ھېچقانچە ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەي تۇرۇپ، تىزلا ئاشكارلنىپ قالدى.شۇ كۈنى ئالتىنجى سائەتلىك دەرىستىن چۈشۈپ مەكتەپكە يېقىن جايدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن بىر يۈرۈش چاچ يۇيۇش ۋە ئاسراش  سۇيۇقلۇقى سېتىۋالغاندىن كېيىن، مەكتەپ ئاشخانىسىغا تاماققا كىردىم.تەلىيىمگە بىر قانچە ساۋاقدېشىم تاماق ساقلاۋاتقانىكەن.مەن ئادەتتىكى خۇشخۇيلۇقۇمغا ماس ھالدا كۈلۈمسىرگىنىمچە ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ  بىللە  تاماقلاندىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ  مېنى كۈزىتىپ ئولتۇرشى، مېنى قاتتىق چۈچۈتتى.ئۇۋاقىتلاردا مەن ئۇنى پەقەتلا تونۇمىغاچ ھەم ئۇنىڭ سۈرىتىگە نىسبەتەن كاللامدا ھېچبىر ئىنكاس شەكىللەنمىگەن بولغاچ،ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن قىلچىلىك خەۋەرسىز ئېدىم.  ئاشخانىدىن ئايرىلدىغان ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەڭلا:
      -بەختىگۈل، بايا يان تەرەپتە ئولتۇرۇپ تاماق يىگەن يۇقرى يىللىقتىكى ئىككى ئاكاشنىڭ بىرى سىزگە بەكلا قاراپ كەتتى.سىز ئۇنى تونۇمسىز؟ يۇرىتلىقىڭىزمۇ يا؟دەپ سورىشىدىنمۇ ھېچنىمنى سېزەلمەي:
     -ۋاي مەن نىم بىلمە ئۇ خەقنىڭ كىملىكىنى! مېنىڭ ئوغۇل يۇرىتلىقىم يوق،پەقەت ئىككىلا قىز يۇرىتلىقىم بار. قارىدى دەپلا ئۇنى-بۇنى بۇنى پەرەز قىلىپ باقساقلار قاندا بولىدۇ؟ تازىمۇ بىر، كۆزى بولغاندىكىن قارايدۇ خەق، قارىغۇسى كەلگەن نەرسىلەرگە . دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانىدىم.
      ياتاققا قايتىپ كېلىپ كومپىيوتېرنى تورغائۇلاپ تۇرشۇمغىلا ئۇنىڭدىن خەت كەلدى:
     - ھە يالغانچى، نېمىشلارنى قىلىپ،كىملەرنى ئالداپ يۈرىۋاتىسىز؟
    -ۋوي، بۇ نېمىگەپ ئەمدى؟ -سورىدىم ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇپ.
       -بۈگۈن تولۇق دەرسىم بار دەۋاتاتتىڭىز، ئەمما تاماق يەپ بولۇپ ياتاققا قايتىپ كېتىۋاتىسىزغۇ بايا؟ يالغانچىلىقنىمىچۇ قاملاشتۇرالىسىڭىز قىلىڭ ئۇختىڭىزمۇ  قاپاقباش. -دېدى ئۇ خۇددى بىرەر ئوغرىنى تۇتىۋېلىپ خىزمەت كۆرسىتىش شەرپىگە مۇيەسسەر بولغان ساقچىغا ئوخشاش مەغرۇرانە كۈلۈپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن مەن ئىتتىك سورىدىم:
    -نېمە؟ سىز مېنى تونامسىز؟ قاچان، قەيەدە،كىملەر بىلەن كۆردىڭىز مېنى ؟
    -سائەت بەشلەرگە يېقىن  ۋاقىتقۇ دەيمەن، سىز قارا سومكىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېسىپ ئاشخانىغا ھېجايغىنىڭىزچە كىرىپ كەلدىڭىز،ئاندىن تاماق ئالدىغان كۆزنەكنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر نەچچەساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە تاماق بۇيرۇتۇپ يېدىڭىز.شۇنداقمۇ يا؟
    - ئەمسە مەن ئورۇقمۇ سېمىزمۇ؟ قارىمۇ ئاقمۇ؟پاكارمۇ ئېگىزمۇ؟ئىتتىك سورىدىم مەن،ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىر ئاكاش سىزگە قاراپ كەتكەنتى دېگەن سۆزلىرىنى غىل-پال ئېسىمگە ئېلىپ.
      - ئورۇق ھەم قاررىراق كەلگەن، بېشىدىن رومال چۈشۈرمەيدىغان،ئېگىز دېسە بەك ئېگىز ئەمەس، پاكار دېسە پاكارغا كىرمەيدىغان، خۇددى ئۆلچەپ تەڭشەپ تەقسىملەپ بەرگەندەك  غۇنچەبوي،چىرايلىق  قىز سىز شۇ.
     - سىز مېنى قانداقسىگە بۇنچە ئېنىق بىلىسىز؟
    - ئۇ سۈرىتىڭىزنىچۇ ئەلەس ئادەمگە يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بىر قاراپلا تونىۋالىدۇ سىزنى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۆزىڭىزمۇ سۈرىتىڭىزدىكىدىن قىلچىلىك پەرقسىز ھالەتتە ئاددى،رەتلىك  ھەم پاكىز يۈرىدىغان تۇرسىڭىز. دەپ مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلدى ئۇ. لاسسىدە بوشىشىپ كەتتىم، نېمەدېيىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان شۇ پەيىتتە:
     -چىقىڭە،ئايلىنىپ كېلىمىز.- دېدى ئۇ.
مەن بارچە ئاماللار بىلەن رەت قىلساممۇ تەرسالىق قىلىپ :
    -ئۆتۈنۈپ قالاي چىقىڭ،ئۆتۈنۈپ قالاي. دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلاۋەردى. ياتاقداشلىرىمغا مەسلىھەت سېلىۋىدىم ئۇلار چىقىپ شامال يەپ كىرىشمىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. ئامالسىز ئۇنىڭغا:
     - مېنى مەكتەپنىڭ شەرقى دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاڭ،كېيىن قالسىڭىز ياكى مېنى تونۇيالمايدىكەنسىز كەينىمگە بۇرۇلۇپلا قايتىپ كېتىمەن.مومىڭىزنى غاجاپ قېلىپ قالىسىز دېدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ سۆزلىرىمگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن چاپىنىمنى كىيىپ دېيىشىپ قويغان ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم. ئۇ يىراقتىن مېنى كۆرۈپلا ئالدىمغا كېلىپ سالام قىلدى ۋە:
     - مېنى ئىلگىرى پەقەتلا كۆرۈپباقماپتىكەنسىزمۇ؟-دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي تۇرۇپ:
     -ياق.-دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مېنى كۆپ قېتىم كۆرگەنلىكىنى،شۇنداق گەپ قىلغۇسى بولسىمۇ تىل ئىشتىشتىن قورقۇپ
ئېغىز ئاچالمىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇدۇمنى بىلمەي كۈلۈپ تاشلىدىم:
      -ھى ھى ھى ھى... سىز قورىققىدەك شۇنچىلىك مۇز تەلەت، ھازازۇل كۆرىنەمدىكەنمەن؟ نەنىرەك ئايلىنىمىز ؟
     - سىزغۇ غېمى يوق كىچىك بالىدەك قاچان قارىسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان خۇش چىراي قىزكەنسىز.ئەمدى شۇ ئۇشتۇمتۇتلا گەپ قىلسام مېنى تونىمىغاندىكىن ئىتتىك سەتلىۋىتىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىدىم.خۇاڭخى بويىغا بېرىپ كەلمەيمىزمۇ ھامىنى چىققاندىن كېيىن. –دېدى ئۇ.
      -نېمە؟-چۈچۈپ سورىدىم مەن.-مۇشۇ كەچتە خۇاڭخىغا بارىمىزما؟
    - كەچ دەيدىيا!-بىلىكىدىكى ئۆزىنى تېخمۇ ئىستىداتلىق كۆرسىتىدىغان چىرايلىق سائىتىگە قارىۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ.-ھەي بالا، سائەت تېخى ئەمدى ئالتە يېرىم بوپتۇ.يېرىم سائەتتە بارساق يېرىم سائەتتە كېلىمىز دېگەن گەپ.ئەڭ بولمىغاندىمۇ سىزنى توققۇزدىن بۇرۇن ئەكىلىپ قويۇشقا ۋەدە قىلاي،قانداق؟
    ئىلاجىسىزئۇنىڭغا سوڭداشتىم.ئۇ شۇنچىلىك سۆزمەن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆزلىرى شۇنچىلك سىپايە ھەم ۋەزىنلىك ئېدى.مەن خۇددى ئېگىسى بىر تۇتام ئوتنى تەڭلەپ ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتقان يۇۋاش ئوغلاقتەك ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بېرىلىپ،ئۆزۈمنى ئۇنتۇغىنىمچە  ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتىم. ئارىمىزدا مەن تەسەرۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرگەن يېتىرقاش، خىجىل بولۇش ئالامەتلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق .خۇددى نەچچە يىللىق كونا تونۇشلاردەك شۇنچىلىك ئەركىن  پاراڭلىشىپ مېڭىۋاتىمىز،مېڭىۋاتىمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى بىر يېڭىلىق يارتىش تۈرىگە تېما قاتناشتۇرۇپ تاللانغانلىقى ھەم قانچىلىك تەمىناتتىن بەھىرمان بولغانلىقى، مېنىڭمۇ سىناپ بېقىشىم كېرەكلىكى،ئەگەر خالىسام ماتىريال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ۋە بۇنى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغىچە سۆزلىدى. ئاندىن قىز-ئوغۇللارنىڭ دەرىسلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ، قايسى دەرىسلەرگە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشۇم، قانداق تەكرارقىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنشىم ،نېمىلەرنى ئۆگىنىشكە كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈشۈم ۋە نېمىلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشۇم توغرىسدا بىر مۇنچە سۆزلىۋەتكەندىن كېيىن مەندىن قېلىپ قالغان پەنلىرىمنىڭ بار يوقلىقىنى سورىدى. مەن ھازىرغا قەدەر  تېخى بۇنداق «شەرەپ»تىن «مەھرۇم» ئىكەنلىكمىنى،يەنە تېخى دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ ماڭا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
     -قارىغاندا مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە كۆزتاشلاپ يۈرمەپتىكەنمەندە؟! - دېدى . مەن قۇلاقلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم.
    بىز خۇاڭخى نىڭ بويىغا كېلەي دېگەندە ئۇبىزنىڭ قاراردىكى «ئاكۇلا قىز»،«نامازشامگۈل»،«تۈن پەرۋانىسى» (بۇلار ئىززەت ۋەئۇنىڭ ئىككى دوستىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، مەكتەپتىكىلەر ئۇلارنى ئۆز ئالاھىدىلكىگەقاراپ مۇشۇنداق ئاتاشقا كۆنگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈن پەرۋانىسى، كېچىدە ئوينايدىغان سورۇنغا كېيىن قېتىلىپ بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئىززەتنى كۆرسىتىدۇ.)  قاتارلىقلارنى سورىدى.  مېنىڭ يېتەرلىك چۈشەندۈرۈشلىرىمدىن كېيىن ئۇ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى سۈرەتكەتارتىپ ئوينايدىغان ئەيبىمنى تارتىپ چىقىرىپ،مېنى بىرمۇنچە خىجىل قىلۋەتتى ۋە  ئۆزى ساقلىۋالغان( ھەممىسى مەن دەرىس ۋاقتىداتارتىپ دوسىتلۇق چەمبىرىكى ياكى كوت-كوت بوشلۇقىغا چىقارغان سۈرەتلەر)كۆرسەتتى . قايتا-قايتا تەكىتلەش نەتىجىسىدە، مەندىن بۇندىن كېيىن قايتا تەكرارلىماسلىق ھەققىدە سۆز ئېلىۋالدى.ئۇنىڭ تېخى قەلبىمدە ئەمدىلا ئويغىنىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر بۈيۈك ئوبرازى، ئۇنىڭ كەچۈرمىشى سۆزلىنىشى بىلەن تىزلا بىخ سۈرۈپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشقاباشلىدى.
   بىز خۇاڭخى نىڭ بويىغايىتىپ كەلگەندىن كىيىن، دەريا بويىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشماقچى بولدۇق.ئەمما ئۇ كۈنى بوران چىققان بولغاچقا، ئورۇندۇقلارنىڭ ئۈستى قېلىن بىرقەۋەت توپا بىلەن قاپلانغانىدى.مەن ھېلىلا دۇكاندىن ئېلىۋالغان قەغەز قولياغلىقنى ئورۇندۇق ئۈستىگە يايدىم.بىز مۈرە كەڭلىكىدە ئارلىق تاشلىشىپ ئولتۇرۇشقاندىن كىيىن سۆھبەتنى باشلىۋەتتۇق. ئۇنىڭ ھېكايىسى مۇنداق باشلانغانىدى:
      مەن بۇ مەكتەپكەقايتا ئىمتاھان بېرىپ كەلگەن. تۇنجى يىلى دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئېمتاھانىغاقاتناشقان ۋاقتىمدا  ئارزۇنى ياخشى تولدۇرالمىدىممۇ ياكى تەقىدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقمۇ ۋە ياكى كۆرىدىغان كۈنۈم شۇمۇ  417 نۇمۇر بىلەن ھېچقانداق يەرگە ئىلنىشالماي قېلىپ قالدىم. مەندىن خېلى تۆۋەن نۇمۇر ئالغان ساۋاقداشلىرىممۇ چاقىرىق تاپشۇرۋېلىپ سىتيۇدېنىت بولۇپ ئالى مەكتەپلەردە ئاقسا ئوقۇپ يۈردى. ئىچىم ئاچچىققا توشۇپ  ئۈسسىيدىغان يەر تاپالماي ئاران يۈرگەن شۇ كۈنلەردە مەھەللىمىزدە مەن توغىرلىق ھەر خىل تۈردىكى ئۆسەك سۆزلەركۆپىيىپ قالدى:
     - بۇ قاسىماخۇننىڭ ھېلقى كىتاپپۇرۇش ئوغلى ھېچيەرگە ئۆتەلمىدى ھە شۇنداق قىلىپ. كۆڭلى يېرىم بولىۋاتقاندۇ شۇ تاپتابېچارىلەرنىڭ.
     -ئوغۇل بالا دېگەن ھامىنى ئوغۇل بالا دە ،كەچكىچە كىتاپ كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن تۈزۈك بىر نەرسە ئۆگەنمەي،تايىنىلق ئوقۇغان چېغىۋا!
    - ئىشتىن قېچىپ كېتاپ كۆتۈرۈپ يۈردىمۇ تېخى.ۋەەەەەەەەەەەيىت....
   - ۋاي كىم بىلدۇ دەيسىز، مەكتەپتە دەرىس ئوقىدىمۇ ياكى قىزلارنى ماراپ يۈردىمۇ.ۋۇ ھا ھا...
   -  417نۇمۇر دېگەندەك قىلغان، ئادەتتىكى مىللىي تولۇق ئوتتىردا ئوقۇغان باللارغا نىسپەتەن بۇ يامان ئەمەس نۇمۇر ھېسابلىناتتىغۇ. قانداق بۇلۇپ چاقىرىق كەلمەي قالغاندۇ؟
   - ۋاي ھە دەپ قويۇڭلار، ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان خەق ئۇ، دېۋالغان گېپىدۇ بەلكىم 417 نۇمۇر ئالدى دېگەن .ئۇنچىۋالا نۇمۇر ئالالىسا بۇ يەرلەردە پوق دەسسەپ يۈرەتتىمۇ ئالى مەكتەپلەرگە كەتمەي؟!
   - شۇ شۇ، پالانچىنىڭ قىزى بىلەن پوكۇنىچىنىڭ ئوغلىمۇ ئۈچيۈز قانچە نۇمۇر بىلەن پۇستانى مەكتەپتە ئوقۇۋاتمامدۇ ئاينا. بەلكىم ئەل- جامائەت ئالدىدا سەت بولمىسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويۇپ تۇرغاندۇ.
     -174نۇمۇر ئالغان بولسا تەتۈرسىگە ئۆرۈپلام417 دەۋالدىمۇ تېخى. ھاھ ھاھ ھا ھا ھا...
     - ئىشقىلىپ ئۆزىگە ئۆزى قىلغان نېمە ئۇ.  كوچىلاردا لۈكچەكلىك قىلىپ يۈر مەي  تېرشىپ ياخشى ئۈگەنگەن بولسا ئاللاھ تىرىشقىنىغا تۇشلۇق ئەجرىنى بېرەر ئىدى.     - مانىمۇ كۆر دېگەندۇ  ھەقىچان خۇدايىم؟! خوپ بوپتۇ.
   - ئىشنى قىلىپ نېمىلا سەۋەپتىن بولغان بولسۇن،ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىغۇ ئاخىر.
      «ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىغۇ ئاخىر.»دېگەن  بۇ سۆز قۇلاق تۈۋىىمدە تەكرار-تەكرار يېنىپ يۈرىكىمگە نەشتەردەك ئۇرۇلدى. مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىمدىكى جاراھەت ئۈستىدەقايتا-قايتا ساپان سۆرىشى ۋە زەھەردەك سۆزلىرى بىلەن ماڭا ئۈستى-ئۈستىلەپ زەربە بېرىشى، ئەسلىدىنلا ئېغىر بولغان  كۆڭۈل يېرىمچىلىقمنى ۋە بىئارامچىلىقمنى  تېخىمۇكۈچەيتىۋەتتى. بارا-بارا كاللامدا بۇ قاغىشتەككۈر مەھەللە ۋە تىلى زەھەركىشىلەردىن بىر مەزگىل بولسىمۇ يىراق تۇرۇش ئىستىكىدىن باشقا ھېچقانداق بىر سېزىم قالمىدى. شۇڭا دادامنىڭ «قايتا ئوقۇپ باق.» دېگەن دېگەن تەكلىۋىنى كەسكىن رەت قىلىپ مېنى باشقا يۇرىتلارغا بىر مەزگىللىك يولغا سېلىپ قويۇشىىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدىم.دادام -ئاناملار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىدى.مەن ئاچچىغىمدا ئۇلارغا :
      -چىرايلىق يولغا سېلىپ قويساقلار قويۇڭلار،بولمىسا . ئۆزۈم تۇيدۇرماي ئىچكىرگە قېچىپ كېتىمەن.- دەپ تەھدىد سالدىم.
        بىر ئۆمۈر پوسكام تەۋەسىدىن چىقماي ياشىغان،جاھاننىڭ ھېچقانچە خوۋلىقىنى كۆرمىگەن، ساددا ،ئاقكۆڭۈل،مۇلايىم ئانام كۆزيېشى قىلىشقا باشلىدى. ئېتىز بىلەن ئۆي ئارلىقدا تىنىمسىز چېپىپ يۈرۈپ بەللىرى ۋاقىتسىز مۈكچەيگەن ساۋادسىز دادام، ئامالسىز مېنى 700سوم پۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى. شۇنداق قىلىپ،مەن ئاخىر كاللامنى ئېچىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم.
        ئۈرۈمچىگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ، مەن بىرقانچە كۈن ئۇياق-بۇياقلاردا لاغايلاپ يۈردىم. 700كوي پۇل بىزنىڭ يېزىدا خېلى كۆپ پۇل سانالغىنى بىلەن بۇ ئاۋات چوڭ شەھەردە ئاران نەچچە كۈن قورساق بېقىشقىلا پايلىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئىش تېپىپ ئىشلەش قارارىغا كەلدىم. قورسۇقۇمنى توقلاش ئۈچۈن ئىشلارنى تاللىماي قىلدىم. چۈنكى تاللاش پۇرسىتىممۇ يوقتى.پوچتىخانىلاردا ۋاقىتلىق يۈك توشىغۇچى بولدۇم،ئېشىنسام مۇھىت ئىدارىسىنىڭ ئەخلەت توشۇش ئىشلىرىغا قاراشتىم. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا لاي توشۇغۇچى بولدۇم. ئىشقىلىپ ئادەم قىلدىغانلىكى قارا ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم.بىراق يەنىلا ئاچ قالدىم. چۈنكى ئۈرۈمچىدە يۇرتۇمدىكىدەك بەش كويغا لەغمەن بەرمەيىتتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئىستىمال سەۋيىسى ھەددىدىن زىيادە ئۆرە بولغانلىقتىن،كۈنلۈك تاپقان پۇلۇم كۈنلۈك قورسىقىمغا يەتمەيۋاتاتتى.
         ئاچلىق ئازابى مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋېلىپ ۋۇجۇدۇمنى ئامبۇردەك قىسقان ۋاقىتلىرىمدا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا  لاينى پەستىن يۇقىرغا ئىتتىرىپ ئېچقىۋېتىپ غالتەكنى باشقۇرالماي يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتۇم سۇنۇپ كېتىپ ئۆزۈم يالغۇز ياشاپ،مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارىتقان بۇ يات شەھەردە تاپتەك يېتىپ، ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ ، غېرىپىلق نەشتىرىنىڭ يۈرۈكۈمگە رەھىمسىزلەرچە شەبخۇن ئۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن  قاتتىق ئازاپلانغان ۋاقتىمدا، مەن ئۈچۈن ئەتراپىمدا پايپىتەك بولۇپ يۈرىيدىغان شۇ مىھىربان ئانامنىڭ شەخسىيەتسىز سۆيگۈسىنى، ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن تېنىمسىز تىپىرلايدىغان جېنى تۆمۈر، پىششىق دادامنى ۋە ئۇ تېپىپ بەرگەن پۇللارنى غەمسىز خەجلىگەن ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ كۆزلىرىمگە غىللىدە ياش كەلدى.نەچچە قېتىم ئۆيدىن پۇل سوراي دېدىم يۇ،يۈزۈم چىدىمىدى. «ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگەباراي داۋاغا» دەپ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن چىشىمنى چىشلەپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم.
       «كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم،ھاسىدىن ئايرىماپتۇ.»دېگەندەك ئاللاھنىڭ مەرھەممىتى تاسادىبى پۇرسەتتە بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقىۋاتقان  بىر يۇرىتلۇق ئاكام بىلەن تېپىشىپ قالدىم،ۋە ئۇنىڭ كەسكىن ياردىمى ، چەكسىز غەمخورلىقى ئاستىدا  تىزلا ھەممە ئىشىمنى ئىزىغا چۈشۈرۋالدىم.
       ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن ئۆز ئىنىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىنمۇ بەكرەك ياخشى خەۋەر ئالدى. پۇتۇم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشكەباشلىغاندا مېنى ئۈرۈمچىدىكى نامى بار ئالى مەكتەپ ۋە باشقا داڭلىق جايلارغا ئاپىرىپ ئايلاندۇردى. مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ياتاق تامىقىمنىڭ ۋاقىتلىق  بولسىمۇ ھەل بولغىنى ئېدى. ئۇنىڭدىن شۇنداق مىننەتدار بولۇپ قالدىم. شۇ پەيتىلەردە تۇيۇقسىز دادام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.  ئۇ مېنى توپتوغرا يىگىرمە يىلنىڭياقى ھېچبىر ۋايسىماي بېقىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،  ئەمما مەن مۇشۇ يېشىمغىچە ئۇنىڭدىن بىرەر قېتىم مىننەتدار بولۇپ باققىنىمنى  ئەسلىيەلمەيتىم.شۇندىلا مەن ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىشكە ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم.
       مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى،ئۇلارنىڭ مەكتىۋىنىڭ ئىككى يېرىم كويلۇق گۆش پولۇسى ئىدى. تاماق شۇنچىلىك يىيىشلىك بولغاننىڭ سىرتىغا مىقدارى كۆپ،يەنە تېخى ئۈستىدە يوغان بىر پارچە گۆشى بار ئىدى.مەن ئۇنىڭغا:
     -سىرىتتا تاماق قىممەتكەن، ئەمما  مەكتىۋېڭلاردا تولىمۇ ئەرزانكەن . -دېۋىدىم ،ئەقىللىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇھامان ھامان كۆڭلۈمدىكىنى چۈشىنىپ:
     _ ئاپلا، بالدۇراق ئۇقۇشماي قاپتۇق ئەمەسمۇ ئېنىم،بىزنىڭ ياتاقتا بىر ئۈرۈمچىلىك بايۋاتچە بالا بولىدىغان ،مەكتەپتن پەقەتلا تاماق يېمىگەچ تاماق كارتىسى بىكارلا تۇرىدۇ. ئەگەر بالدۇرراق دېيىشىپ ئۇنىڭ تاماق كارتىسىنى سىزگە ئارىيەت ئېلىپ تۇرغان بولساق بۇنچىلىكمۇ جاپا تارتىپ كەتمەيتىڭىز. – دېدى ۋە دەررۇ ھېلىقى ياتاقدېشىدىن كارتىنى ئارىيەتكە ئېلىپ چىقىپ بەردى.
        ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭرى بولغاچ، ماڭا مەكتىۋىگە يېقىن بىر جايدىكى پوچتخانىدىن مال يۆتكەش خىزمىتنى ھەل قىلىپ بەردى ۋە ئۇلارغا مېنى ۋاقتىنچە  ھەددىدىن زېيادە ئېغىر ئىشلارغا سالماسلىقنى تاپىلاپ قويدى. ئۇنىڭ يۈزىدىن  گەرچە قىلىۋاتقان ئىشلىرىم يەڭگىل بولسىمۇ، بىراق تەمىناتىم باشقا ئىشچىلاردىن تۆۋەن بولمىدى . ياتاق-تاماق مەسىلەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ئازدۇر-كۆپتۇر ئېشىندىغانمۇ بولدۇم.شۇنداق قىلىپ ئانچە-مۇنچە ئىقتىسادمۇ توپلىۋالدىم.
      توققۇزىنجى ئاينىڭ ئاخىردا ئۆيدىن يېنىپ چىققان ئادەم تاكى ئون بىرىنجى ئاينىڭ ئوتتىرغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈردۈم. قايتىش ئۈچۈن بارلىق ئۆيگە قايتىش چىقىملىرىمنى قىلىپ ۋە سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ تۈگەتكىنىمدە، يېنىمدا ئاران  385 كويلاپۇل قالغانىدى. ئەتە ماڭىمەن دەپ يۈرگەن كۈنلەردە كەچلىك بازادا كىتاپ سېتىۋاتقان كىتاپپۇرۇش بالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدا مەن ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان «لېيىغان بۇلاق» رومانى تولۇقى بىلەن دەستىلەگلىك تۇراتتى. مەن دەرھال كىتابلارنى قولۇمغا ئېلىپ سىيلاپ كەتتىم. ئۇ بالا مېنىڭ كىتاپقا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كېتىشلىرىمگە قاراپ يىنىككىنە تەبەسسۇم قىلدى ۋە:
      - ياخشى كىتاپنى بىر قاراپلا تونىۋالدىڭىز ھە ئاكا ! تولۇق قىسىم رومان ئاران ئۈچيۈزسوم ،ئەرزانچىلىق. ئىككىلەنمەي سېتىۋېلىڭ، سېتىۋالغان پۇلىڭىزغا چوقۇم رازى بولىسىز.-دېدى.
      مەن ئاستا يانچۇقۇمنى سىيلاپ قويدۇم. شۇتاپتا قاتتىق ئىككىلنىپ كېتىۋاتاتتىم. گەرچە كىتاپنى ئوتتەك سېتىۋالغۇم بولسىمۇ ،دادامنىڭ ئالدىغا بۇ مېنىڭ تۆت ئايدىن بېرى جەملىگىنىم دەپ سەكسەن بەش كوينى كۆتۈرۈپ بېرىشتىن قاتتىق خىجىل بولدۇم ۋە ئاخىرىدا ئامالسىز كىتاپنى سېتىۋېلىش ئويۇمدىن ۋاز كەچتىم.ئەمما كېتاپپۇرۇش بالىنىڭ يايمىسى ئالدىدىن خېلى ئوزاققىچە ئەگىپ كېتەلمەي قالدىم.
      تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن سەھەر قوياشىنىڭ ئوتلۇق تەپتىدەك جانغا ئارام،دىلغا ھوزۇر  ئىللىق ماكانىمغا، ۋۇجۇدى مېھىر-مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئۈنچىللىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان مىھىرى ئاتەش،قەلبى دېڭىز قەدىردانلىرىمنىڭ يېنىغا ئاخىر قايتىپ كەلدىم.ماڭا بۇ تۆت ئايلىق سەپەر شۇنچىلىك ئۇزاق ۋە مۈشكۈل بىلىنىپ كەتتى. ئانام ئۈرۈمچى ھاۋاسىدا ئاقارغان ئەمما سەل ئۇرۇقلاپ قالغان يۈزلىرىمگە يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ كەتتى.دادام بولسا مېنىڭ ئۆزىگە تەڭلىگەن ئۈچيۈز نەچچە كوي پۇلغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن مۈرەمگە ئۇرۇپ قويدى ۋە:
      -مەن سېنى تۆت كۈندە يىلى چىقىپ قايتىپ چىقامىكىن دېگەنىدىم.ئەمما سەن بىزدىن پۇل سورىماي مۇستەقىل ھالدا كۈن كەچۈرۈپ،مۇشۇنچىلىك ئەھۋالدا قايتىپ كەپسە. بۇنىڭغا قاراپمەن سېنىڭ نەگىلا بارساڭ كۈنۈڭنى ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشەندىم ھەم سەندىن خاتىرجەم بولدۇم.- دېدى.
      دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ قويدى. مەن ئۆيدە 15 كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن ئىككىنجى ئاي كىرىشى بىلەنلا ناھىيلىك تولۇق ئوتتىردىكى تەكرار سىنىپىغا كىردىم. نەتىجىدە تۆت ئاي توختىماي كۆرەش قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى نۇمۇر بىلەن بۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ  ئۇھ... دېدىم.
  مەن ئۇنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىللىرىنى خۇددى چۆچەك ئاڭلاۋاتقان ئۆسمۈر بالىدەك قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنچىلىك بىرىلىپ ئاڭلىدىم ،بىردە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىگە ھېسداشلىق قىلسام ، يەنە بىردە كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ جاپاغا چىداش روھىغا قايىل بولدۇم. ئۇ مېنڭ دەريا بويىنىڭ سوغوق شامالىدا توڭۇپ تاتىرىپ كەتكەن يۈزۈمنى كۆرۈپ:
      -توڭلاۋاتامسىز؟- دەپ سورىدى. مەن ئىچ-ئىچىمدىن توڭلاپ، بۈگۈنكىدەك كۈندە سىرىتقا چىقىپ سالغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدە مىڭ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرغان بولساممۇ،ئىلاجىسز بېشىمنى چايقىدىم.
      -يالغان ئېيتىۋاتىسىز ھە!-دېدى ئۇ خۇددى ئىچىمدىكىنى بىلىپ قالغاندەك. مۇشۇنداق سوغوق كۈندە رەخت چاپان كېيىۋالغان ئادەم توڭلىماي قالامتى.
     - ۋاي مېڭەم،بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ سىزنىڭ چاپىنىڭىزمۇ بىر كېگىز-پالاستىن ياكى سۇلياۋ-رېزىنكىلەردىن تىكىلمىگەن بولغىيتى ھەقەچان؟ دوبۇلغا-ساۋۇت كېيىپ چىقىشنىڭ ئورنى يوقكەن ئەمدى.
    -ماۋۇ شەيتاننىڭ دەۋاتقان گېپىنى! -دېدى ئۇ كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىۋېلىپ تۇرۇپ. -بەك يېلىڭ كىينىۋاپسىز دېمەكچىتىم مەن .توڭلىمىغان بولسىڭىزلا مەيلىغۇ ئەمىسە.
     بىز  تۇرۇپلا تولۇق ئوتتېردىكى قىزقىشلىرىمىزنى سۆزلىشىپ كەتتۇق.قىززىق يېرى ھەر ئىككىلىمىز جۇغراپىيە تارىخقا ئامراق،سىياسەتكە ئۆچ ئىكەنمىز. بۇنىڭ بىلەن بۇ زۇۋاندۇرۇزنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى:
    -مەن كىتاپقا بەك ئامراق، پۇل تاپساملا كىتاپ ئالىمەن، ئۈزمەي كىتاپ يىغىمەن.ئۆيدە ھەتتا باشلانغۇچتا ئىشلەتكەن كىتاپلىرىممۇ شۇ پېتى ساقلاقلىق. ئاچىللىرىم بولسا كېيىم يىغىدۇ.كىتاپ بىلەن خۇشى يوق. ئۇلار مېنىڭ لىققىدە قاچلانغان نەچچە ساندۇق كىتاپلىرىغا قاراپ مېنى زاڭلىق قىلىشىدۇ.
       ئۇ ئەمدى گەپ باشلىشىغا مەن سائەتكە قارىۋىتىپ ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇمۇ سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن: «ماڭغاچ پاراڭلىشايلى!» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ،چاپىنىنى شاققىدە سېلىپ ماڭا تەڭلىدى. مەن كەسكىن رەت قىلىپ ئالدىدا ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتىم .بۇ  قىلقىم  ئۇنىڭغا سەل غەيرى بىلىندىمۇ ئەتىمالىم يۇمۇرىستىك ۋە خاپىخان تەلەپپۇزدا:
      - ۋوي نىمانچە قاچىسىز؟ چاپىنىمنىڭ سىزنى چىشلىۋالىدىغان چىشى، چىقىۋالىدىغان پىتى  يوقتى  بولمىسا. كىسلى بولسا يۇقۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىردىڭىزمۇ يا؟ قىزلارنىڭ ئىممونىت ئىقتىدارى تۆۋەن ، شۇڭا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ ماڭقىسنى تارتىپ يۈرمىسۇن دېمىسەم نېمە قىلىمەن ھەي مەن بىر بەلەن ئىسسىق چاپىنىمنى سېلىپ. خاتىرجەم بولۇڭ، چاپىنىمنىڭ يۇقۇملۇق كېسىلى يوق. –دېدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
      -مەن توڭلىمىدىم، يەنىلا ئۆزىڭىز كىيڭ .-دېدىم. ئۇ چاپىننى كىيگەچ بايقى گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
     - ھەر تەتىلدە ئۆيگە قايىتقان ۋاقىتلىرىمدا مەھەللەمدىكى ئۇششاق بالىلارغا،تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىللىرىغا  كۇرىس ئاچىمەن. دەرىسلەرنى ساقلاپ قويغان كىتاپلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈم خالىغانچە ھەر خل شەكىلدە ناھايتى قىزقارلىق قىلىپ سۆزلەيمەن.ئىشقىلىپ ئۇلار بىلمىگەندىكىن نېمىلا دەپ ،قانداقلا ئۆتسەم مېنىڭ راس بولىدىغان گەپكەن.شۇڭا سۆزلىيەلمەسلىكىمدىن ئانچە ئەنسىرمەي،ئوڭ-تەتۈر قىلىپ ئۆتىۋەردىم . تولۇق ئوتتىردىكى ۋاقتىمدا ئالغان گىلوبوس ،ياتاق ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغاچاپلىۋالغان خەرىتىللىرىممۇ بار ئىدى تېخى. شۇلاردىن پايدىلنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئاز-تولا جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇ دۆلەت بۇيەردە بۇ دېڭىز ئۇ يەردە دەپ ئۇنى-بۇنى كۆرسىتىپ قويسام خۇشاللىقىدىن«ۋاي مۇئەللىم»دەپ چۇرۇقلىشىپ ماڭا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مۇئەللىم بولۇپ ئۆزۈمگە خۇشاللىق تاپقاننىڭ سىرتىدا مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتقىچە  نەچچە مىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىمەن شۇ باھانىدا. ھازىر ياتىقىمدا پارچە-پۇرات يېمەكلىك،ئوقۇش قۇراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋاتىمەن دەڭە.شۇنىڭدىن قىلغان كىرىم بىلەن ئۆيدىكلەرگە ئانچە بېسىم قىلماي ئۆزۈمنىڭ غېمىنى ئۆزۈم غەملەپ ئوقۇپ كېتىۋاتىمەن.
      ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئېشىۋاتاتتى.ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي قەلبىمدە ئۇنىڭغا بولغان بىر خىل مايىللىق باش كۆتۈرۈۋاتاتتى. .يولىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۇ بىزنىڭ پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ گېپىنى چىقىرىپ مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ تەرىپىنى قىلىشلىرىدىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتىم.
     مەكتەپكە ئاز قالغاندا ئۇ بىر يەرلەردىن تىزلىك بىلەن توڭگانلارنىڭ  قازان نېنى ئارسىغا ئېلىنغان قورۇما كاۋپىنى تېپىپ كېلىپ ئۇنمىغىنىمغا ئۇنىماي قولۇمغا تۇتقۇزدى ۋە ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن، كەچ بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تاماققا تەكلىپ قىلالمىغانلىقىغا ئۆزۈر سورىدى. ئۇ كۈنى ئۇ ۋەدىسىگە بىنائەن مېنى دەل ۋاقتىدا ياتقىمنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويدى،ۋە خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا:
     - سىزبىلەن پاراڭلىشىپ شۇنداق راھەتلىنىپ قالدىم. خاراكتىر كېلىشىدىغان ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىشمۇ شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك بىر ئىشكەن .مېنىڭچە  دوسىتلۇق ياشنىڭ، مىللەتنىڭ ،جىنىسنىڭ چەكلىمسىگە ئۇچرىمايدۇ .ئوبىكىت مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى كېلشەلىگەن ئادەم بىلەن مۇۋاپىق شەكىلدە پاراڭلىشىپ ئىچ-باغرىنى بوشتىۋېلىشمۇ ناھايتى ياخشى بىر ئىش. مېنىڭ بۈگۈن سىزنى چاقىرتىپ چىقىشىمدىمۇ  پەقەت سىز بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىپ  قەلىب سۆزلىرىمنى ئورتاقلىشىشتىن ئۆزگە مۇددىئا  يوق. شۇڭا سىز بۇنىڭدىن ئارتۇقچە شۈبھىيلىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ھەراسىت، ئىسمىم زاھىر جۇمۇ.كىرىپ كەتكەندىن كىيىن كىم بالا بولغىيتى دەپ يۈرمەڭ يەنە.- دەپ قوشۇپ قويدى. ياتاققا كىرە-كىرمەيلا ئۇ ئەۋەتكەن ئۇچۇرغا كۆزۈم چۈشتى:
   -بەختىگۈل ، ئاۋازىڭىز ، كۈلۈشلىرىڭىز شۇنچىلىك تاتلىقكەن.
   جىسمىمغا شۇ ھامان ئىللىق بىر سىزىم تارىدى.ئۇنىڭ ماختاشلىرى ۋە بۇ سەممى مۇئامىلىسى قەلبىمنى شۇررىدە ئىرىتىۋەتتى.
نېمىشقىكىن ئۇ ئىككىنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشكە شۇنچىلىك ئالدىرىدى. مەن ئەينى چاغدا ئۇنىڭ سىرلىق ھېكايىسى ۋە شۇ ئارقىلىق قەلبىمدە قالدۇرغان گۈزەل ئوبرازدىن مەسىتخۇش بولۇپ ، بۇ يېقىملىق پەپىلتىشلەرنىڭ ئارقىسىغا ئاچچىق بىر تەستەكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ،ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىنىڭ ماڭا قەدەممۇ-قەدەم قىلنىۋاتقان بۆكتۈرمە ئىكەنلىكىنى ، بۇلارنىڭ  تېگىگە ئاللىقانداق بىر شۇملۇقلارنىڭ يوشۇرۇنغىنىنى قىلچىمۇ سەزمىگەنكەنمەن.ئىككىنجى قېتىملىق ئۇچىرشىشتىن كىيىن ئۇ ناھايتى ماھىرلىق بىلەن تومۇرۇمنى تۇتتى.
     بۇنچە كەچ  قايتىپ  كېلىشىمدىن  ئەجەپلەنگەن  ياتاقداشلىرىم ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا  ماڭا  گەپ  ئاتقىلى  تۇردى:
       -ۋۇيىت  بەختىخان، «ياق ياق دەيدۇ، موك- موك يەيدۇ »دىگەننىڭ بىرى سىز ئوخشىمامسىز؟!ئەتىدىن- كەچكىچە ياتاقتىن چىقمايتىڭىز، ئەمدى بىرچىقىپ كىرىڭ دەپ قويساق خۇددى ئاران قالغاندەك تاس قالدىڭىز ھە كىرمەي قويغىلى !قانداقراق  بولدى يۆخۈيلىرىڭىز؟
       -ياتاققا قايتىپ كىرگۈسىمۇ كەلمەي ئامالسىز قايتىپ كىرگىنىگە قارىغاندا خېلى چىقىشىپ قالغان چېغى بار.
       - پاھ ، تېخى يىمەكلىكلەرنى يۈدۈپ كىرىپتۇ قاراڭلار.
     - ئىم،يۈخۈينى سىزلا قىلسىڭىز بولىدىكەن ئەسلى.بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا ئىشىڭىز خېلى ئوبدان.
      - ئەسكى ياغلىقىمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار دەڭە مۇنداق. ئىشنى سىز ئوبدان ئەپلەيدىكەنسىز ئەسلى، قارسا جىم-جىم يۈرگىنىڭىز بىلەن.
     - بولدى قىلىڭلارھەي جانلىرىم!- دېدى ئىززەت بولنىۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە خاتىمە بەرمەك بولۇپ. – ھەنىم بولسا  سەھرالىقلىقىنى چاندۇرۇپ بىزنىڭ   555 نىڭ يۈزنى تۆكمەي كىرىپتۇ جۇمۇ . ياتقىمىزغا نىسپەتەن تەبرىكىگۈدەك ياخشى بىر بۇرۇلۇش بوپتۇ بۇ. ئەمدى بۇ يۈزى قېلىن دىلى نازۇك خېنىمنى تولا خىجىل قىلىۋەرمەي ياتقىمىزدىكى ئايپاتەملەرنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىلھام بېرىپ قويايلى ئانچە-مۇنچە. شۇ باھانىدا دىككىدە قوپۇپ كېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.قانداق دېدىم؟   
   ئىززەتنى گېپى بىلەن ياتاقتا بىر پەس قىيقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى. ئۇلار بىردەم ئۇنى بۇنى دەپ باققاندىن كېيىن ئاخىرىدا ھەممىسى مېنى ئۇنىڭ بىلەن داۋامىلىق بېرىش قىلىشقا، كۆرۈشۈشكە چاقىرسا رەت قىمماي چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى. كەچلىك پەرىزنى ئادا قىلىپ بولۇپ،ئاستا كارۋىتىمغا چىقىپ ياتتىم.شۇتاپتا كاللامدا ئۇنىڭ قەلبمگە ئۇرغان ئالىيجاناپ ئوبراز تامغىسى يالىت-يۇلىت قىلىپ خۇددى سۈزۈك سۇغاچۈشكەن ھىلال ئاي شوۋلىسىغا ئوخشاش جىلۋىلەنمەكتە ئېدى.چاتاق يېرى مەن ئۇنىڭ چىرايىغا ئوبدانراق سەپسالمىغان بولغاچ،ئۇنىڭ زادى قانداق سىياقتا ئىكەنلىكىنىمۇئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم...
      ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ياخشى تەسىرى ۋە ياتاقداشلىرىمنىڭ قىزىتىشى نەتىجىىسىدە ناھايتى كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بىلەن ئىككىنجى قېتىملىق ئۇچۇرشىشقا چىقىپ كەتكەن مەن خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك ناھايتى گاراڭ، ئوڭايسىز ھالەتتە قايتىپ كىردىم.بىر خىل بىئارامچىلىق يۈرۈكۈمنى قاماللاپ رەھىمسىزلەرچە مۇجۇماقتا ئىدى. ئۆزۈمنى تېخمۇ يالغۇز ۋە بېچارە ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئىچ-ئىچىمدىن بىر ھەسرەتلىك پىغان كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.     مەن خۇددى قورسىقى بەكلا ئېچىپ كەتكەن بىرئادەم شۇنداق ئوخشىغان لەغمەننى ئىشتاھا بىلەن بىر تارتىم يېيىشىگىلا تاماق ئارسىدىن لۆممىدە قۇرىت  چىقىپ  چايناۋاتقان تاماقنى يا يۇتۇۋېشنى يا تۈكۈرۋېتىشنى بىلەلمەي ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىغا ئوخشاش بىر خىل ھېسياتتا بولۇپ قالغانىدىم. زادى قانداق قارار چىقىرىش توغرىسىدا خېلى ئۇزۇن ئويلاندىم.ئەمما يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمىدىم. ئاغزىمدىكى چايناۋاتقان لەغمەننى يۇتماي دېسەم قورسىقىم ئاچ، يۇتاي دېسەم كۆڭلۈمگە شەك چۈشۈپ قالدى. زادى قانداق قىلسام مۇۋاپىق بولىدىغاندۇ؟ كۆڭۈل ئىكرانىمدا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان گەپ-سۆزلىرى بىر-بىرلەپ ئايلانماقتا ئېدى....
ئۇ كۈنى مېنىڭ دەرسىم ئىجتىمائى پەنلەر ئوقۇتۇش بىناسىدا، ئۇنىڭ دەرىسى ئۇنۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىدا ئېدى. مەن دەرىستىن چۈشۈپ ئۇدۇل بىز دېيشىۋالغان ئاپتۇبوس بېكىتىگە چىقتىم. ئۇ يوق تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلقىغا غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى ۋە شۇھامان كەينىمگە بۇرۇلۇپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم.بىر قەدەم ماڭا-ماڭمايلا ئارقا تەرپىمدىن بىرى تېلفۇن بىلەن مۈرەمگە نوقۇدى. ئىتتىك كەينىمگەبۇرۇلدۇم. ئىگىز بوي، ئاق پىشماق، تەمبەل بىر يىگىت ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.مەن دەسلىپىدە غەيرىلىك ھېس قىلىپ سەل چۆچۈگەن بولساممۇ،ئەمما ئۇنىڭ قولىدىكى تونۇش تېلفۇن ھەم بىلكىدىكى چىرايلىق سائىتىگە قاراپ ئۇنىڭ مەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئاكاش ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلدىم ۋە ئۇنىڭ قانداقلارچە بۇنچە تىز كىلىپ بولغىنىدىن تولىمۇ  ھەيران قالدىم.
    -شۇنچە بالدۇر كېلىپ ساقلاپ تۇرسام كېلە-كەلمەيلا كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كېتىۋاتىسىزغۇ؟ مەندىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ يا؟
ئۇنىڭ شۇ گېپىدىن كېيىنلا ئۆزۈمنىڭ بايا ئۇنى تونىيالماي، كەلمەپتۇ دەپ خاپا بولۇپ  قايتىپ كەتمەكچى بولغانلىقىمنى بىلدىم . ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقلىرى سەل پەسكە ساڭگىلىغان بولغاچقا، ئەگەر بىرقانچە خەنزۇ يولداش بىلەن بىللە تۇردىغان بولسا ئۇنىڭ ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەنلىكىگەھۆكۈم قىلماق سەل قىيىنغا توختايتى. مەن ئويلىغانلىرىمنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بىرىۋېدىم،ئۇ ھېچىنمە دېمەي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.بىز دېيىشىۋالغىنىمز بويىچە خەلىق مەيدانىغا كەلدۇق. مەن خۇددى چۆگىلىتىپ قۇيىۋەتكەن كېچىك بالىدەك ھېچقانداق يەرنى پەرىق ئېتەلمەي ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق ئېدى.بىز بىرەر يەرنى تېپىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشماقچى بولدۇق.ئۇ مەندىن:
    - ئاپتاپتا ئولتۇرىمىزمۇ ياكى سايىدىمۇ؟-دەپ سورىدى. مەن پېشانەمگە قولۇمنى سايە قىلىپ يۈزۈمنى كۆزنى چېقىپ تۇرغان كۈن نۇرىدىن دالدا قىلىپ تۇرۇپ:
    -سايىدا ئولتۇرايلى.بۇ ئاپتاپتا بىر قارا ئادەم ئىككى قارا بوپ كەتمەي يانا .- دىدىم.
    -مەنمۇ قارىغۇئاينا؟!
   - نەدىكىنى! يەنىلاماڭا يەتمەيدىكەنسىز.
ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە يەنە:
    -بەكلا ئورۇقكەنسىز، ئەگەر بىرئاز سەمرىسىڭىز تىرىڭىز سۈزۈلۈپ تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كېتەتتىكەنسىز ئەسلى. سەمرىشكە تىرشىڭ جۇمۇ ھە! دېدى.
    بىز بىر-بىرىمىزگە كەينىمىزنى قىلىپ،خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈنچىقماي ئولتۇرشۇپ كەتتۇق. ئاخىردا ئۇ تىمتاسلىقىنى بۇزۇپ،ماڭا يۆلىنىپ ئولتۇرۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيىتىۋىدى، مەن قوشۇلماي ئۇنى سەل رەنجىتىپ قويدۇم. ئەمما ئۇنى رەنجىگەنلىكىنى قىلچىمۇ چاندۇرمىدى. بىزبىردەم ھەرخىل ئىمتاھانلار ۋە ئۆگۈنۈش توغرىسىدا پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن پەم  بىلەن ئاساسى تېمىغاكۆچتى.
   - بىلەمسىز؟-گەپ باشلىدى ئۇ. ھېلقى كۈنى سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كىرپ كەتكەندىن بېرى سىزنى خىيالمدىن بىردەممۇ نېرى قىلىپ باقمىدىم. شۇ تاتلىق كۈلكە ئاۋازىڭىز قۇلاق تۈۋۈمدىن كەتمىدى سىز بىلەن بىر قاراردا ئوقۇپ قالمىغىنىمدىن شۇنداق ئۆكۈندۈم. بۇنداق دېسەم  مېنى تازىمۇ تېىقىسىز بىرنېمىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ. دېمەكچى بولغۇنۇم، سىز ماڭا شۇنداق ياخشى تەسىر بەردىڭىز.ئاشۇ  ساددا  ۋە پاكىز قەلبىڭىزگە، شۇنچىلىك تەبئىي ۋە ئۇماق خۇلۇقلىرىڭىزغا قاراپ سىزنى  ئۆزۈم  ئىزدەۋاتقان  ئىشەنچىلىك قىزلاردىن ئىكەن دەپ ئويلىدىم. سىزمەكتەپ سىرتىغا كۆپ چىقمىغاچقا بەلكىم نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولىشىڭىز مۇمكىن.ئەمما شۇنى كېسىپ ئېيتىيالايمەنكى ھازىر مەكتىپىمىزدىكى pئارتۇق ئۇيغۇر قىزلىرى ئارسىدا   «جىنسى ئەۋزەللىكتىن پايدىلنىش ئېقىمى» مودىغا ئايلىنىۋاتىدۇ.شۇڭىچۇ ھازىر ئەخلاقىغا كىر قونمىغان سىزدەك ئىسىل خۇلىقلىق قىزلارنى تاپماق تولىمۇ  مۈشكۈل بىر ئىش.
  مەن بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭ ئاغىزىدىن قايتا ئاڭلاپ قالغىنىمدىن،ھەم ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆپرەكى بۇ ئېقىمغا كىردى دېگىنىدىن قاتتىق ئەجەپلىنىپ:
    - قارسىغا گەپ قىلمىڭە ئۇنداق! ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇ خىل ئىشلارنى قىلىپ يۈرىشى مۇمكىنمۇ؟! –دېدىم.
    - سىزگە ئوخشاش جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن قۇلىقى تىنىچ، يۇۋاش قىزلار ئەلۋەتتە ئىشەنمەيدۇ. –دېدى ئۇسالماق ھالدا. ئەمما سىز كۇتۇپخانا بىلەن سىنىپ ئارلىقىدا يۈرۈپ ھېچنىمدىن خەۋەرسىز قالغان بىلەن،بىزدەك ھەممە ئىشتا بار،ھەممىلا يەردە يۈرىيدىغان ئوغۇل بالىلار كۆزىمىزنى ئېتىۋالساقمۇ يەنىلا كۆرۈپ قالىمىز ئۇنداقلارنى. ئىشەنمىسىڭىز مەن بىلەن  بىللە ئۇيان بۇياننى ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىڭە بىرنەچچە كۈن، قۇلقىدىن تۇتۇپ كۆرسىتىپ قويىمەن مەن . بەلكىم ئاشۇ ئاددى كاللىڭىز بىلەن ئىپپىتى بۇزۇلسا قانداق توي قىلىدۇ؟ كىممۇ  كېيىنكى يولىنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىۋىتىشنى خالايدۇ؟ دەپ ئويلاپ يەنىلا ئىشەنگىڭىز كەلمەيۋاتقان بولىشى ھەم  ھازىر ئۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قۇلايلىقلىشىپ، ئىپپەتنىڭ كۇرسى400 كويغا توختاپ قېلۋااتقانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
    ئۇ  «بىزنىڭ مەكتەپتىكى مەن بىلدىغان 400 كويلۇق ياماق قوڭ قىزلار» دەپ ، باشقا ئېنىستىتوتلاردىكى مەن بىلمەيدىغان  نەچچە ئون قىزنىڭ،يۇقىرى يىللىقتىكى بىر قانچەقىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قاراردىكى بىرنەچچە قىز بىلەن ئىززەتنىڭ نامازشامگۈل ، ئاكۇلاقىز دېگەن ئىككى دوستىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ:
    - بۇ قىزلارنى مەن ئىككى موچەنگىمۇ ئالمايمەن. چۈنكى ئۇلار ئەخلاق تۈۋرىكى چاك چېكىدىن چىرىگەن قىزلاردۇر. دادام ماڭا:« ئوغۇل بالىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور مۇۋەپىقيىتى ئۇنىڭ ھەقىقى بىر قىزغا ئۆيلىنەلىگەنلىكى.» دېگەن.شۇڭا
ەن كەسكىن ھالدا سىزنى ماڭا خۇدايىم بەردى دەپ قاردىم. ئاللاھنىڭ مېنى سىزدەك بىر ئەخلاقىغا شەك چۈشمىگەن پەزىلەتلىك  مەسۇم قىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇشى مېنىڭ بەخىت-تەلىيىم. ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا مەن بۇ بەخىتنى چوقۇم قەدىرلەيمەن.-دېدى.
مەن ئۇنىڭدىن بۇنى كۈتمىگەن، توغرىسى مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇنچەتىزلا بۇخىل يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلشىنى ئويلىمىغان بولغاچقا،ھەم  ئۇنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق  قىلۋاتقان بىزەپ ۋە كۆپتۈرمە سۆزلىرىدىن سەل بېزارلىق ھېس قىلغاچقا،بىر خىل مۇرەككەپ كەيپىيات ئىچىدە چىرايىمنى پۈرۈشتۈردۈم. ئۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكى كۆرۈپ ئولتۇرغاندەك:
    - ئىككى كۆرۈشۈپلا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىغا قارىغاندا تازىمۇ بىر تۇتامى يوق لاۋزا بالىكەن دەپ ئويلىغان بولىىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەمما مەن سىزنىڭ پاكلىقىڭىز ۋە ئەخلاقىڭىزغا خۇددى يەسلىدە ئوقۇۋاتقان كىچىك قىزلارنىڭ پاكىلىقىغا ۋە ئاقلىقىغا ئىشەنگەندەك ئىشەنگەنلىكىم ، شۇنىڭدەك ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقائالدىرىغىنىم ئۈچۈنلا بۇ ئىشقا مۇنچە جىددى پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمەن. سىزنى باشقىلاردىن ئۆستۈن كۆرسىتىۋاتقىنى ھەم قەدىرلىك قىلىۋاتقىنى دەل سىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتىڭىز ، مەينەتىچىلكىتىن خالى ئاق قەغەزدەك پاك  ئىپپىتىڭىز ئەمەسمۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ ئاشۇ پاسكىنا قىزلاردىن قىلچىلىك پەرقىڭىز بولمىىسىدى، مېنىڭ سىزنى كۆرۈشۈشكە چاقىرتىشىم،مۇھىمى سىزگە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلپ ئولتۇرشۇم مۇمكىنمىدى؟ -دېدى ۋە چىرايىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىغان قانائەت ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىپادىسىنى كۆرۈپ تىزلا «دورا بېھۇش»نى ئىشقا سېلىشقا ئۆتتى:
        - توغرا ،پەيزاۋات بىلەن پوسكامنىڭ ئارلىقى يېقىن ئەمەس، سىز بەلكىم كۆڭلىڭىزدە :« مەن مۇشۇ بالىنى دەپ شۇنچە يىراققا كەتسەم، مېنى ئاپىرۋېلىپ بوزەك قىلسا قانداق قىلىمەن، ئۇيەردە مەن تىكەندەك يالغۇز تۇرسام. ئالىمادىس ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچار بولۇپ قالسام قانداق قىلىمەن؟ تېخى ئاتا-ئانىسى قانداق خىسلەتلىك   ئىنسانلاركىن ؟ ئەگەر ئۇ يەرگە بېرىپ قالسام قانداق كۈنلەرنى كۆرىمەن بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. » دەپ خاتىرجەم بولالمايۋاتقان، ئىككىلنۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ۋىژدانىم بىلەن شۇنىڭغا ۋەدە بېرىمەنكى، ئاپسى شۈمەك سېلىپ باققان بىر ئەركەك تۇرۇپ سىزنى يالغۇز، ئاجىز دەپ بوزەك قىلدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن.  ماڭا ئەگىشىشنى خالىسىڭىزلا سىزنى  ھەرگىز زىيان تارىتقۇزمايمەن. مەن بىلەن ئۆتۈپ جاپا تارتىپ قېلىشتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولدۇ. ئائىلىدە پەقەت تاماق ئېتىشتىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگىلا چوقۇم چامىمنىڭ يېتىشىچە قارىشىپ بېرىمەن.ھەرقانداق جاپانى تەڭ تارتىمىز. ئەمما ھالاۋەتتە چوقۇم سىزنى ئالدىغا تۇرغۇزىمەن. ئاتا-ئانامغا كەلسەك، ئانام بولسا ناھايتى ساددا ھەم كۆيۈمچان بىر ئانا. ئۇ  ئەگەر دادام  بىر تاغارنى  ئۆگزىگە يۈدۈپ چىقىپ ئارقىدىن قايتۇرۇپ چۈش دېسە، نېمىشقا بىكاردىن بۇنداق بېمەنە قىلىقلارنى قىل دەيسىز، سەۋەبى نېمە زادى ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىماي، دادامنىڭ دېگىنىنى خۇدانىڭ ئەمرى دەپ بىلىپ بىجاندىل ئورۇنلايدىغان شۇنچىلىك يۇۋاش، ئاقكۆڭۈل بىر ئايال.دادام بولسا ئېغىر بېسىق، كەمسۆز ، ئۆزىنى توختاتقان كىبىرسىز بىر ئادەم. شۇڭا سىز ئۇ تەرەپلەردىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.مۇشۇ مىجەزىڭىزلا  بولىدىكەن،چوڭلار بىلەن سۆزسىز چىقىشىپ كېتىسىز.
      -خۇدايىم توۋا...........ئانام يۇۋاش،دادام كەمسۆز دەيسىزيۇ، ئۆزىڭىز شۇنچىلىك گەپدانكەنسىز.سىز ئۇلارنىڭ بېقىۋالغان بالسى ئەمەسسىز ھەر نېمە بولسا؟ ۋىتۋىلاقنىڭ تۇخۇمى بىلەن ئېغىزلاندۇرۇپتىكەنمۇيا سىزنى ؟!- دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرالماي،ئۇنىڭ شۇنچە گەپلەرنى قىلىپ ئۇسساپمۇ قالمىغىنىدىن ھەيران بولۇپ.
      - دەۋاتقان گېپىڭىزنى قاراڭ! يۇۋاشنىڭ بالىسى چوقۇم يۇۋاش بولىدۇ دەيدىغان گەپ بارمىكەن بىريەردە؟! ئەگەر كەمسۆز ئوغۇللارنى ياقتۇردىغان ئىشىڭىز بولسا دەڭ جۇمۇ. گەرچە قاتتىق ئازاپلانساممۇ سىزنىڭ ياقتۇرشىڭىزغا ئىرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئاز گەپ قىلىشقاتېرىشىمەن .-دېدى ئۇ كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىۋېلىپ ھەييارلىق بىلەن.
      مەن گەپ-سۆز قىلماي كۈلۈپلا قويدۇم. ئۇ قانچە سۆزلىگەنسىرى قەلبىمدىكى ئۇنىڭغا بولغان مايىللىق ۋەھۆرمەت ھېسياتى شۇنچە كۈچىيۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا بىر قېرى خەنزۇ كېلىپ ئىككىمىزنىڭ ئارسىدىكى بوش ئورۇنغا قىسىلدى.بىز ئايلانغاچ پاراڭلاشماقچى بولۇپ ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق.مېڭىپ-مېڭىپ بىر ئېگىز سودا ساراينىڭ يېنىدىكى ئادەمسىز يەرگە  كەلگەندە ئۇ چىپپىدە توختىدى ۋە:
-شۇنچىۋالا كاپشىسام بىر ئېغىزمۇ  گەپ قىممىدىڭىز، كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى بىر قىلىڭە،سىزنىڭ يىگىتىڭىز بارمۇ ياكى كۆڭلىڭىزگە پۈككەن بىرەرسى بامۇ؟ ۋەياكى سىز ساقلاۋاتقان،سىزنى ساقلاۋاتقان بىرەرسى بارمۇ؟ - دېدى. مەن ياق دېگەن مەنىدە بېشىمنى چايقىدىم ۋە نېرىراقتىكى بوش ئورۇندۇققا بېرىپ  ئولتۇردۇم. ئۇمۇ كەينىمدىن كېلىپ يېنىمدائولتۇردى.
   - ئەمسە نېمىشقا سۆزلىرىمگە قىلچىلىك ئىپادە بىلدۈرۈپ قويمايسىز.چىرايىم كۆرۈمسىز تۇيۇلۇپ ياقمىدىممۇ  ياكى ئاتا-ئانىسى دېھقانكەن دەپ نامرات كۆرۈپ قېلىۋاتامسىز ؟  بۇمۇ راسىت،ئاتا-ئانام جاپاكەش  نامرات دېھقان، لىكىن ئۇلار دىھقان بولغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ ھالال قان-تەرىگە تاينىپ، تىرشىپ-تىرمىشىپ ،  ئاخىردا ئىككى ئاچامنى دۆلەت مەمۇرى، مېنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قىلدى. –دېدى ئۇ مۇڭلانغان ھالدا.  ئاتا-ئانام ناھايتى تىرىشچان خەق.  ئاددى دېھقان ئائىلىسى بولغىنىمز بىلەن كەڭ قوراجايىمىز ، چوڭ  مېۋىلىك باغلىرىمىز بار .مەنزىرسى شۇنداق گۈزەل. ئەگەر سىز خالىسىڭىز قايىتقاندا سۈرىتىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار تېخى بىر ئوغلۇم دەپ ماڭا ئاتاپ بىنادىن ئۆي ئېلىپ قويدى. ئەگەر بىز توي قىلىپ قالساق سىزنىڭ خالىغىنىڭىزچە قايسىلا ئۆيدەتۇرساق بولىۋىرىدۇ. ئەگەر كۆڭلىڭىزدە باشقا ئادەم بولمىسا، مېنى ياراتسىڭىز سۆزلىرىمنى ئويلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىزمۇ بىر پەيزاۋاتلىقلارنىڭ چوڭ دادسىنى ئۆلتۈرۈپ قويمىغاندىكىن پەيزاۋاتنىڭ سىزدەك ياخشى قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ تۇغقان بولۇپ ئۆتسەك يامىنى يوقتۇ ھەقچان. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم.شۇ پۇرسەتتە   ئۇ تۇيۇقسىز ئورۇندۇقتىن چۈشپ ئالدىمدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى ۋە :
     - يېنىڭىزدا تەڭ ئولتۇرۇپ گەپ قىلسام ئانچە ئۈنۈمى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. سىزدىن پەس ئولتۇرۇپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سىزگە قايتىدىن  تەكلىپ قوياي. جىم ئولتۇرۋالماي كۆڭلىڭىزدىكىنى دەڭ. ھەممە ئىشنىڭ ئېنىق بولۇپ كەتكىنى ياخشى. چۈشەنسىڭىز مەن سىزگە يۈرۈش تەكلىپى ئەمەس توي تەكلىپى قويىۋاتىمەن. مېنىڭ باشقا ئاتالمىش ئاشىق –مەشۇقلارغا ئوخشاش  ئارلاشتۇق، رىئاكسىيەلەشتۇق دەپ ھەممە يەرگە داۋراڭ قىلىپ، نە كەلسە ھەر قىسىم بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈش بىلەن خوشۇم يوق. پەقەت مەن سىزنى خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ھەدىيەسىى،مېنىڭ مەلىكەم دەپ قارىغىنمدەك، سىزمۇ مېنى يارىتىپ ،  ئاللاھ ئەۋەتكەن ئاق ئاتلىق شاھزادەم دەپ قارسىڭىز بىز پەقەت كۆڭلىمىزدە بىر-بىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى نېشانى دەپ بىلىشىپ، قەدىر-قىممىتىمىزنى ساقلىشىپ، بىر-بىرىمىزگە سادىق بولۇشۇپ ئۆتسەك، ھەر ئىككىلىمىز جەميەتكە چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۈچۈن تەييارلىق ھازىرلىۋالساق دەپ ئويلايمەن. توغرا،  سىز ماڭا تەگىمىگەنگە ئەرسىز قالمايسىز، مەنمۇ سىزنى ئالمىغانغا خوتۇنسىز قالمايمەن. ئەممابىز بېرىپ بىلمىگەن بىرى بىلەن تويلاشقاندىن ، مەن سىزنى ياقتۇرغاندىن كىيىن،سىزمۇ مېنى ياقتۇرسىڭىز بىز ھازىردىن باشلاپ چۈشىنىش ھاسىل قلغاچ تۇرساق كىينىكى تۇرمۇشىمىزدا بەزىبىر توقۇنۇشلاردىن خالى بولىمىزمىكىن دەپ قارايمەن. مەن گەرچە ئاق ئاتلىق شاھزادىلەردەك كېلىشكەن،مۇكەممەل بولمىساممۇ، بىر قاش-كۆزى جايىدا ئادەم بولغاندىن كىيىن چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز سىزمۇ. چۈنكى دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ.ئەگەر بىز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان بولساق، بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.  مەن كەتكەندىن كېيىن سىز  ئوقۇش پۈتتۈرگىچە خىزمەت تېپىپ پۇل  يىغقاچ تۇرىمەن. سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالتە ئاي ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ ئاتا-ئانىڭىزغا قېنىۋالىسىز،بىرىنجى ئاينىڭ ئوتتىرلىرىدا مەن سىزنى كۆچۈرۈپ كېتىمەن.خىزمەتنى پوسكامدىن تاپىسىز. بىرلا شەرىت،مەن بىلەن يۈردىكەنسىز چوقۇم توي قىلىش مەقسىتىدە يۈرشىڭىز كېرەك. ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە يۈرۈپ باقمايمەنمۇ ، ئۇنىڭدىن كېيىن نېم بولسا بوممامدۇ دەپ مېنى ئەخمەققىلىش ،ئۆزىڭىزنىڭ تەجىرىبە ماتىريالى قىلىش ئۈچۈن  مۇنداقلا يۈرۈپ قويىشىىڭىزغا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق نېيىتىڭىز بولسا ئوچۇق دېسىڭىز بولىدۇ. مەن سىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن.بىز ۋاقتىدا ئۆز يولىمىزغا ماڭساق بولىدۇ. - دېدى ۋە  يەنە نۇرغۇن گەپلەر بىلەن تىزلا كەلگۈسىنىڭ چىرتىيوژىنى شۇنچىلىك مۇكەممەل ۋە چىرايلىق ھالەتتە سىزىپ مېنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزقىشىمنى ۋە تىنق كۆل سۈيىدەك تىنىچ كۆڭلۈمنى  خۇددى كۈچلۈك بورانغا دۇچ كەلگەن دېڭىزدەك دولقۇنلىتىۋەتتى.ئۇنىڭ كىنولاردىكىدەك رومانتىك ھالەتتە  ئالدىمدا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئولتۇرىشى ۋە سۈەنپەن ئۇرۇقچىسىدەك دانىمۇ-دانە ،مېغىزلىق سۆزلىرى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى.لىكىن ئالدىراپ بىر قارارغا كېلىپ بولالمايۋاتاتتىم. ناھايتى چىگىش، مۇرەككەپ خېياللار ئىچىدە تېڭىرقاپ قېلىۋاتاتتىم :
  - ئارلىقنى يىراق كۆرىۋاتقىنىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن شۇ تاپتا  مەن پەيزاۋاتتىن خىزمەت تېپىپ ئىككىمىز شۇ يەردە ياشىساقمۇ بولاتتى. ئەمما مەن بىر ئوغۇل. ئاتا-ئانامنى تاشلاپ  كەتسەم قەتئىي بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشتا ماڭايول قويۇشىڭىزنى ئۆتىنىمەن. سىز باشقا ئىشلارىنى ئويلاشماي ئاشۇ 190 كىلومىتىرئارلىقنىلا ئويلىشىڭ.  مەن چوڭلارنى چوقۇم  ۋاقتىدا يوقلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىمەن. ئەگەر خالىسىڭىز ئۆيدىكىلەرگە بىلدۈرۈپ ھازىردىن باشلاپ ئاتا-ئانىڭىزنى قايىل قىلغاچ تۇرساق ھەمدە  ئاتا-ئانام ئۆيىڭىزگە بېرىپ قويسا بولىدۇ. دەپ قوشۇپ قويدى.
كاللام قۇپقۇرۇق، نېمەدېيشىمنى بىلەلمەي كۈلۈمسىرگىنىمچە تىمتاس ئولتۇرۇپ كەتتىم.ئۇ مېنىڭ ئىپادىسىز ئولتۇرۇشلىرىمدىن بىزار بولدىمۇ  تۇيۇقسىز چالۋاقاپ كەتتى:
     - نېمىشقىمۇ ئوغۇل بالا بولۇپ يارلىپ قالغان بولغۇيتىم دەيمەن، ئەگەر قىز بالا بولغان بولسام مەنمۇ سىزدەك ئوغۇللارنى يالۋۇرغۇزۇپ قويۇپ پۇتۇمنى مىنگەشتۈرۈپ تەتۈر قاراپ ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ  ئولتۇرار بولغىيتتىم . مېنى ياراتمايۋاتىسىز،ئۆزىڭىزچە ھالىمغا كۈلۈپ زاڭلىق قىلىۋاتىسىز ھە كۆڭلىڭىزدە؟ راستلا شۇنداق بولسا ئوچۇق دېسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ قىينالغۇچە. مەندىن خاتىرجەم بولالمايۋاتامسىز يا؟ باشقىلاردىن سورسىڭىز، سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ قانداقراق ئادەملىكىمنى. ئون ئادەمدىن توققۇرى ياخشى دېمىسە ئالدىڭىزدا ئىت بوپ بېرىمەن مەن.مۇشۇنداق ئادەمنىڭ جېنىغا ئىكەك سېلىپ چىشنى چىقرىپ ھىجيىپ ئولتۇردىغان چوڭچى قىزلارنى كۆرسەم نىرۋام ئۆرلەيدۇ مېنىڭ. مېنى ساراڭ بولۇپ قالمىسۇن دېسىڭىز گەپ قىلىڭ، بىر نەرسە دەڭ. سىزدىن خوش بولاي، ئۆتۈنەي. ھە راسىت ، باشقا قىزلاردەك كۆپرەك يالۋۇرغۇزۇپ، كەينىڭىزدىن ئۇزاقراق چاپقۇزۇپ ئاندىن  ماقۇل دېمىسىڭىز قەدىر-قىممىتىڭىز بولمىغاندەك تۇيۇلۇپ كۆڭلىڭىز يېرىم بولامدىكەن يا؟
    -نەدە زاڭلىق قىلدىم ، نەدە چوڭچىلىق قىلىپ  ياراتمىدىم مەن سىزنى؟ يوغان گەپتىن بىرنى قىلىپ قويۇپ بۈگۈن جاۋابىنى ئالىمەن دەپ قىستىسىڭىز قانداق بولىدۇ ئادەمنى؟! ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ بۇ ئىشقا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىڭ دەپ. تولا مېنى تەتۈر قىينىماڭ سىز، ئۆمۈرلۈك ئىشىمغا بۇنچە ئالدىراپ قارار چىقرالمايمەن مەن. ئۆزىڭىز باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز دەپ تۇرۇقلۇق، شۇلار بىلەن قىلچە پەرىقسىز ھالەتتە ،ھەتتا بىر قېلىپتا گەپ قىلۋاتسىزغۇ خىجىلمۇ بولماي! ئاچچىغىم كىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن ماڭا بۇنداق قاملاشمىغان گەپلەرنى قايتا دەپ سالماڭ ھە ئەڭ ياخشىشى.– دېدىم زەردە بىلەن، ئۇنىڭ  كېيىنكى بىساپا گەپلىرىدىن بىر خاپا بولۇپ.
   - ئەمىسە  ئويلىنىڭ ، يېقىن دوسىتلىرىڭىز بىلەن  مەسلىھەتلىشىڭ.- دېدى ئۇ دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا.
    بىراق كۆپ ئۆتمەيلايەنە گېپىدىن يېنىۋالدى.
  - بەختىگۈل ، مېنى يەنە قانداق قىلسۇن دەيسىز؟ ماڭا ماقۇل بولۇڭ بولامدۇ؟ مېنى ئارتۇقچە قىيناۋەرمەڭ. بۈگۈن يەنە مېنى جاۋاپسىز كىرگۈزىۋەتىسىڭىز مەن ئۆگۈنۈش قىلالمايمەن،قۇلۇمدىكى ماقالەمنى يازالمايمەن. سىزگە ۋەدە بېرەي، سىزنى خاپا قىلمايمەن سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسراپ ئۆتىمەن .گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن.  ماڭا ماقۇل بولۇپ، سۆزلىرىمنى خوپ كۆرسىڭىز  قولىڭىزنى بېرىڭ.-ئۇ شۇنداق دەپ ئالقىننى ئچىپ قولىنى ماڭا تەڭلىدى.
   مەن خۇددى قولدىكى تاتلىق تۈرۈمنى باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن كېچىك بالىدەك قولۇمنى كەينىمگە يوشۇرغىنىمچە  ئىپادىسىز ئولتۇرىۋەردىم. ئارىمىزنى ئېغىرسۈكۈنات قاپلىدى. ئۇ قۇلىنى چۈشۈرمەي تەڭلەپ تۇرىۋەردى.  ئۇنىڭ قولى ئاشۇنداق ھالەتتە قانچىلك ۋاقىت تۇردىكىن بىلمىدىم. بارا-بارا مەن بۇ خىل كەيپىياتتى بىزارلىق ھېس قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىم، ئەمما ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك پەرۋاسىز ھالەتتە قولىنى تەڭلەپ ئولتۇرىۋەردى. بىر ۋاقىتلا ربولغاندا  ئۇ ئاچچىغى بىلەن ئىتتىك ئورنىدىن  تۇردى ۋە چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كېتىپ قالدى. بۇنچە كېچىدە  ئۆزۈم بىلمەيدىغان ناتونۇش بىر كوچىغا تاشلىنىپ قالغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلغانلىقى  ۋە قەلبىمنى چىرمىۋالغان قورقۇنىچ ھېسلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم.
توساتتىن ئۇبىردىنلا  يېنىمدا پەيدا بولدى  ۋە  مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن مەندىن تەكرار-تەكرار  ئەپۇ  سورىدى. مەن خۇددى ئانىسى سەپەردىن قايتىپ كەلگەن كىچىك بوتلاقتەك قايتىدىن خاتىرجەملىككە ۋە خۇشاللىققا چۈمۈلدۈم . ئۇ مېنى ياتاقنىڭ ئالدىغچە ئەكلىپ قويۇپ ،  گەپلىرىنى ئەستايدىل ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئىزدىشىمنى،قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قارارغا كېلىشىمدىن قەتئىينەزەر ماڭا بولغان كۆڭلىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى،مېنى كۈتىدىغانلىقىنى ،ھەمدە  ئۆگۈنۈشى ئالدىراش بولغانلىقتىن بۇندىن كېيىن مېنى پات-پات ئىزدىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى.
      ئۇنىڭ بۇ چارىسى ناھايتى ئۈنۈم بەردى .مەن نەچچە ھەپتىلەرگىچە قويغان-تۇتقۇنىمنى بىلمەي گاراڭ ھالەتتە يۈردۈم.ھەتتا گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى. ھېچقانداق ئىشقا زوقۇم بارماي پۇتبول مەيدانى، كۇتۇپخانا ئەتراپىدا  ئىشكى يۈتكەن موللامدەك مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈردۈم. ئۇنىڭ ئۆز ۋەدىسىدە  تۇرۇپ مېنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدەپ قويماسلىقى مېنى قاتتىق تىت-تىت قىلىپ ،ئازابىمنى تېخمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.
بۇ مەكتەپتىكى بىردىنبىر يېقىنىم ھېساپلىنىدىغان ئىززەتتىن مەسلىھەت سوراي دېسەم قېرىشقاندەك ھەپتە ياتاققا كىرمەي قويدى.كاللامنىڭ  ئىچىمۇ،تېشىمۇ قاتتى. ئۆزۈمگە تېتىغان بۇ تاماقنى شەكلىنىپ قالدىم دەپ يېمەي دېسەم ئاچ قالاتتىم، يەي دېسەم ئىككى تايىن بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. تۇرۇپلا يەنە بۇ  ئاللاھ ماڭا سۇنغان بەخىت ئاچقۇچى بولسا كەم ئەقىللىق قىلىپ پەرىق قىلماي ئىرغىتىۋىتىپ قالماي دەپمۇ ئويلىدىم. بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمىگەن قاتارغا چىقىرۋەتمەكچى مۇ بولدۇم.  بىراق، قولۇمدىن كەلمىدى. گەرچە  ئۇنىڭ مېنى يامان يەردىن تۇتىۋالغىنىنىمۇ ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنىلا خىيال قىلىپ بۇنىڭغا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدىم.
    ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئەخلاق، شەرمى-ھايا ، ئىپپەت توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ۋە بۇ ھەقتە ماڭا بەرگەن باھاسىنى ئەسلىگىنىمدە خۇددى قەدىرقىممىتىم نەچچە گەز يۇقرى كۆتۈرۈلگەندەك ھېس قىلىپ، ۋۇجۇدۇمدا  ئىپادىگۈسىز بىرخىل لەززەتلىك سىزىم پەيدابولاتتى.كۆڭلۈم چەكسىز شادلىققا چۈمۈپ، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. يەنە تۇرۇپلا ئۇنى شۇنداق مۇكەممەل قابىليەتلىك بىر ئىنساندەك ، مېنى بىردىنبىر بەخىتكە يېتەكلىيەلەيدىغان ئەقىللىق يىگىتتەك ھېس قىلاتتىم. بۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچىرشىش ئىستىكىم ۋە ئەسرالىشىش قىزغىنلىقىمنى قىش كۈنلىرىدىكى ياپراقسىز تېرەك دەرىخدەك يالڭاچلاپ ، يۈرۈكۈمنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قاتتىق مۇجۇيتتى.
      كۈتە-كۈتە، شۇ ئىشتىن كېيىنكى يەتتىنجى كۈنى ئىززەت ئاخىر قايتىپ كىردى. مەن خۇددى ئانامنى كۆرگەندەك خوش بولۇپ كەتتىم ۋە تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇنى چاقىرىپ چىقىپ بولغان ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا بىرەر قۇر سۆزلەپ بېرىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدىم. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
      سۆزلىرىڭىز ۋە سىزگە قالدۇرغان تەسىردىن قارىغاندا ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز ئېسىل بالىدەك ھېس قىلدىم. سىزگە دېسەم  قىز بالا دېگەننىڭ يۇرتى بولمايدۇ. «ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ» دېگەندەك،سىزنى قايەردە ، كىم ھەقىقى بەخىتتىن بەھىرمان قىلالىسا ، سىز نەگە توي قىلسىڭىز ، قەيەردە بىر خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشسىڭىز شۇ يەر سىزنىڭ يۇرتىڭىز. ئاشۇنداق ئېسىل بىلەن ھېلىغۇ پوسكامكەن،جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە كەتسىڭىزمۇ ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش پۈتتۈرگىچە مۇناسىۋېتىڭلارنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىنى بىر ئېگىسى بىلىدۇ. ئەگەر شۇ ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرالىساڭلار، رىسقىڭلار پۈتۈلگەن بولسا توي قىلارسىز، ئۇ ئارلىق دېگەن ھېچنىمىگە ھېساپ ئەمەس . مۇبادا سىزگە مىجەر-خۇلىقى، تەققى تۇرىقى ياققان بولسىلا ئىككىلەنمەي ماقۇللۇق بۈلدۇرۈڭ، يۈرۈپ قېلىڭ. ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا يۈرۈشۈپ كېتىدۇ . بېشىڭىزنى قاتۇرۇپ بەك يىراقنى ئويلىۋالماڭ. -دېدى.
    ئۆز ۋۇجۇدۇمدىكى تەخىرسىزلىك ۋە ئىززەتنىڭ بۇمەسلىھەتىنىڭ تەسىركۆرسىتىشى نەتىجىسىدە  مەن يۈزۈمنىڭ قىزىرىپ چىمىلداپ كېتىۋاتقانلىقىغا پەرۋامۇ قىلماستىن ، ئۇچىرشىش تەلەپ قىلىنغان مەزمۇندا ئۇچۇر يېزىپ دەقىقە ئويلىنۋالغاندىن كىيىن ، ئىككىلەنمەيلا يوللاش كونۇپكىسىنى باستىم. ئەمما كۈتمىگەن بىر جاۋاپقا ئېرىشىپ ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم........
2-بۆلەك تۈگىدى


3.ئازغۇنلۇق
-مېنڭ يۈزۈممۇ گۆشتىن يارالغان،خېجىل بولۇشنى،قىزىرىشنى  بىلىدۇ. مەن يانا بىر قېتىم زەربە يەپ،شەرمەندىلەرچە قۇرۇق قول قايتىپ كىرىشنى خالىمايمەن. گەرچە نامرات دېھقاننىڭ  ئوغلى بولساممۇ،نى نى مەن مەن دېگەن ئوغۇللاردىن ئېشىپ چۈشكىدەك غورۇرى بار يىگىتمەن، ئەگەر مېنى يەنە نائۈمىدتە قويىدىغان ئىشڭىز بولسا بولدى كۆرۈشمەيلى. مەن ئۇ گەپلەرنى دېمىگەنلا بولاي. سىزمۇ مېنى ۋە بۇلارنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ....................................................................................................
          ھېچ گەپتىن  ھېچ گەپ يوق ماڭا يەنە نەچچە يۈز سومغا زىيان بولدى. دەردىمنى تېلفۇندىن چىقارغىنىم بىلەن يانا شۇ تېلفۇننىڭ مېھرى ئۈستۈن كەلدى. ئۆيدىكىلەرگە يالغان گەپ قىلاي دېسەم تېخى. ئامالسىز ساۋاقدېشىم ئابلىمىتنى چاقىرىپ چىقىپ تۇرمۇش پۇلۇمغىلا تېلفۇندىن بىرنى تولۇقلىۋالدىم. ئەمما  «مۇئاشىم» چىققۇچە بولغان ئارلىقتا يەتكۈچە قىسىنچىلىق تارتىپ، ئېچىن-توقىن قالدىم. بۇنىڭدىنمىغۇ ئانچە ئازاپلىنىپ كەتمىدىم،ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ ھاكاۋۇرلارچە قىلغان گېپى يۈركىمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ،ئۇنىڭ قەلبىمدە كۆكلەشكە باشلىغان گۈزەل ئوبرازىغا شىددەت بىلەن بىر  پالتا ئۇردى.
قىسمىتىمىز شۇنداقمۇ ياكى بۇ ياراتقۇچىنىڭ مېنى ۋە ئۇنى ئۇستىلىق بىلەن سىناق ئېقىنلىرىلىرىغا تاشلىشىمۇ ،بىلمىدىم. تەقدىر بورىنىنڭ ئۇچىرتىشى بىلەن بىز ئاخىر بىر يەرگە ئەكىلىپ تاشلاندۇق.بىز ئىككىنجى قېتىملىق ئۇچىرشىشتا كەلگەن جايدا، بۇرۇن ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇراتتۇق.بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى ۋە ئۆتۈنىشى بىلەن بولغاندى. قارىغاندا قېلىنلىقنى يەنىلا ئوغۇللار ياخشىراق قاملاشتۇرسا كېرەك. ئۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يېنىمدا مەغرۇر ئولتۇراتتى. مەن نەچچە كېچىدىن بېرى ئويلىشىپ تەقلەپ قويغان گەپلىرىمنى ئۇنىڭغا قايسى تەرقىدە دېيىشنى، گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي دېلىغۇل بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ گەپ-سۆزسىز بۇرۇنقىدەك ماڭا قولىنى تەڭلىدى،مەن  قۇچقىمدىكى قول سومكام بىلەن  ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ:
     - زاھىر، مەن ئۇزاق ئويلاندىم. گەرچە شۇنچە يىراققا تويلىشىش كاللامدىن ئانچە ئۆتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ سەمىمى سۆزلىرىڭىز ۋە قابىلىيىتىڭىزگە قاراپ، ھەقىقەتەن مۇشۇ يىگىت بىلەن بەختىم ئېچىلىدىغانلا بولسا ، ياراتقۇچۇم مۇشۇنى كۈتكەن ۋە پۈتكەن بولسا تەقدىرگە بويسۇنۇپ رېئاللىققا يۈزلىنەي، بىخۇدلۇق قىلىپ تايانىچ قىلىشقا يارايدىغان بىرنى قولدىن چىقىرىپ قويماي دېگەن يەكۈنگە كەلدىم. سىز بىلەن تونۇشۇپ قەدرىمنى قىلىدىغان بىرى بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن دەپ شۇنچىلىك خوش بولدۇم. ئەلۋەتتە بۇمۇ مېنىڭ قەدىرلىشىمگە ئەرزىيدىغان بىر تەرەپ. لېكىن سىزدىن كۈتىدىغىنىم شۇكى، ماڭا يول قۇيۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم يول قۇيىسىز،مەنمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىزگە بويسۇنىمەن. ئەمما مەندىن خۇددى ئانىڭىز دادىڭىزغا ئىتائەت قىلغاندەك ئىتائەتنى تەلەپ قىلماسلىقىڭىز كېرەك. چۈنكى مېنىڭ ئىدىيەم ئانىڭىز قوبۇل قىلىپ ياشىۋاتقان ئىدىيەدىن تولىمۇ يىراق. ئانىڭىز بولسا ساددا دېھقان ئايال،لىكىن مەن ئىددىيسى ئوچۇق زىيالى قىز. كونىلارمۇ«شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورق.»دەپتىكەن. شۇڭا مەندەك «شەھەر  كۆرگەن ئىت»لار ئاپىڭىزدەك خۇتۇن بولالىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ نوقتا سىزگە  ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئاپىڭىز سەۋەبىنى سورىماي يۇۋاشلىق بىلەن ئۈن-تىنسىز ئىش قىلغىنى بىلەن ، مەن ئۇنداق قىلىپ كېتەلمەيمەن، دىتىمغا ياقمىسا سىز بىلەن داۋلىلىششىم،ھەتتا قىلىشنى رەت قىلىشىممۇ مۇمكىن. شۇڭا سىز بۇنىڭغا توغرا قارىيالىشىڭىز كېرەك. يەنە بىرى، ھەرقانداق ئىشتا سىزگە شەرىتسىز بوي سۇنۇشىمنى كۈتمەسلىكىڭىز ، كىمنىڭ توغرا بولسا شۇنى راسىت قىلىشىڭىز،شۇ بويىچە ئىش قىلىشىڭىز كېرەك. مېنىڭ كۆزۈمگە سىغمايدىغان قىلىقلىرىڭىز، ناچار ئادەتلىرىڭىزنى سۆزسىز تۈزتىشكە ، مەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا،مېنى مەن خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىققا  ماقۇل بولىشىڭىز،ۋەدە بىرىشىڭىز   كېرەك. مېنىڭ ئۆتمۈشىڭىزنىڭ قانداق بولىشى بىلەن چاتىقىم يوق، ماڭا كېرىكى سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىپادىڭىز.شۇڭا سىز باشقىلارنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى قىلىپ مۇناسىۋتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر سۆزلىرىمنىڭ بىرىگە خلاپلىق قىلىپ مېنى خاپا قىلدىغان ئىشنى قىلىپ قالسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا مەندىن ھەرگىز رەنجىمەڭ. بىر ئۈمۈر بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىنى قىلىپ ئۆتۈشكە، ماڭا ئاسىيلىق قىلماسلىققا كۆزىڭىز يەتسە قولۇمنى تۇتۇڭ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مەندىن يىراق تۇرۇڭ.-دېدىم.ئۇنىڭ يۈزلىرىدە رازىمەنلىك ئىپادىللىرى ئەكىس ئىتىپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى ۋە قولۇمدىكى سومكىنى ئېلىپ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا قويغاندىن كىيىن ماڭا يېقىن سۈرۈلۈپ   قوللىرىمنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئېلىپ تۇرۇپ كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە:
   - سۆزلىرىڭىز دەل كۈتكەن يېرىمدىن چىقتى. تامامەن قوشۇلىمەن.چۇقۇم سىز ئېيىتقاندەك قىلىشقا تىرشىمەن. لىكىن شۇنى سوراپ باقاي،مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟- دېدى ، ۋە مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمۇپلا ھە دېگەن جاۋابىمغا قانائەتلەنمەي، - كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىڭ،مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟-دەپ تەكرار-تەكرار سورىدى.
مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئەمما كاللامدا ئەكىس ئەتكىنى ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئالىيجاناپ تەسىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان مىھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسى بولماستىن ، ئۇنىڭ تېلفۇنۇمنى چېقىشىمغا سەۋەپ بولغان ھېلقى ھاكاۋۇرلارچە قىلغان سۆزلىرى پەيدا قىلغان  ئەلەملىك ، نۇمۇسلۇق تۇيغۇ بولدى.  شۇ تاپتا ئۇنىڭ شۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن قولىنى سىلكىۋىتىپ پېشىمنى قاققىنىمچە كېتىپ قېلىپ، قىلغانلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويغۇم كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېساپتا ئۇ ئۆزى ماڭا ئىگىلگەنلىكى سەۋەبىدىن، شۇنداقلا يەنە بىر  ئىغىر خاتالق سادىر قىلىپ قويۇشتىن،توغرىسى ئۆزۈمگە پايدىسىز ئەھۋال پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۋالدىم. گەرچە ئۇنى تېخى دېگەندەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىگەن بولساممۇ،چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ  ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا:«سىزنى ياخشى كۆرىمەن.» دېدىم. ئۇ خۇشال كەيپىياتتا قوللىرىمنى چىڭ قىستى. لىكىن مەن خۇدىدى ئوڭ قولۇم بىلەن سول قولۇمنى تۇتقاندەك ھېچقانداق سېزىمسىز ،جىمجىت ئولتۇردۇم.شۇ تاپتا ئازاپقا تولغان قەلبىمدە ھاياجانلىق ھېسلار ئەمەس يىرگىنىش ھېسياتى لاۋىلداۋاتاتتى...
سۆيۈملۈك مۇمام سىماسىنى ئەسلىتىدىغان ئىللىق تەبىئەتلىك قوياشنىڭ خۇددى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە ئالدىرغان جاپاكەش ئايال، كۆيۈمچان  ئانىغا ئوخشاش ، ئالدىرغىنىچە ئاستا-ئاستا ماكانى قوينىغا چۆكۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خەلىق مەيدانىدىكى ئادەملەر كۆپىيىشكە باشلىدى. مەن خۇددى پۈتۈن شەھەرىدىكى  ھەممە ئادەم مۇشۇ يەرگە توپلىشىۋالغاندەك ، ھاۋا يىگىلى چىققان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن تىقما-تىقما بولۇپ كەتكەن مەيدانغا قاراپ بىرخىل بىئارام بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.شۇ ئەسنادا  80ياشلار چامىسىدىكى ئاق چاچلىق بىر  كىشى يېنىمدىكى ئالقانچىلىك بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى، ۋە بېشىمدىكى مېنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ تۇرغان رومىلىمغا ، شۇنىڭدەك خەنزۇلاردىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئۆزگىچە چىرايىمغا ئەجەپلىنىش ۋە قىزقىش ئىچىدە قارىۋەتكەندىن كېيىن :
      - قىزچاق بەك چىرايلىقكەن،قايسى دۆلەتتىن كەلدىكىن ؟ - دەپ سورىدى. مەن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆزۈمنى كۈلكىدىن ئاران توختىتىپ تۇرۋىدىم تېخىمۇ قىززىق گەپتىن يەنە بىرى چىقتى:
     - قارىغاندا ئوغۇل دوستىڭىز خەنزۇ ئىكەندە!  سىلەر بىرىڭلار ئۇيغۇر، بىرىڭلار خەنزۇ  مۇھەببەتلەردىن ئىكەنسىلەر شۇنداقمۇ- ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا................-ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي قاتتىق كۈلىۋەتتىم. ئۇ خىجىللىق بىلەن ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى ۋە مېنى :«باشقا جايغا كېتىپ ئولتۇرايلىچۇ.» دەپ تارىتقۇشلىغىنى تۇردى. مەن :«بولدى قىلىڭە ، ماۋۇ چوڭ دادىمىز بىلەن بىردەم پاراڭلىشايلى!» دەپ قوپقىلى ئۇنىمىدىم. ئۇ ئامالسىز قايتىدىن يېنىمدا ئولتۇردى. بىر يېنىمدا ئۇ، بىر يېنىمدا بوۋاي.بىز بىردەم ناھايتى قىززىق پاراڭلاشتۇق. بوۋاي ئۇنى چىرايىڭىز قەتئىي ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىكەن دەپ  قاتتىق جىلە قىلدى.
      - بۇ بىرىنجى قېتىملىقى ئەمەس.- دېدى ئۇ بوۋاينىڭ سۆزلىرىدىن كىيىن.-مېنى بۇرۇن باشقىلارمۇ شۇنداق دېگەن. پويىزدا كېتىۋاتقاندا مېنى باشقىلارنىڭ :«ئەجەپ ئۇيغۇرچىغا ئۇستا خەنزۇكەن» دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغان ھەم ئۇلارنىڭ ماڭا خەنزۇچە گەپ قىلشىغا ئۇچرىغان. يەنە مەكتەپتە، يوللاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە گەپ قىلىشىغا يۇلۇققان.ئىشقىلىپ مېنى تۇنىمايدىغانلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ دەپ ئويلاپ قالىدىكەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا راسلا خەنزۇغا ئوخشىسام كېرەك.
        ئۇنىڭ گەپلىرىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە كۈلدۈم. ئۇ دەسلىپىدە ماڭا ماسلىشىپ ئانچە-مۇنچە كۈلۈپ ئولتۇرغان بولسىمۇ،بارا-بارا بۇنىڭغا رايى بارمىدىمۇ ، قانداقتۇر بىر خىياللار بىلەن لەنجۇنىڭ يۇلتۇزسىز ئاسمىنىغا جىمجىتقىنە كۆز تىكتى. مەن كۈلكىدىن توختاپ ئۇنى ئاستا نوقۇدۇم ۋە:

      -زاھىر، مەن سىزنىڭ ئاشۇ دانىمۇ-دانە ۋەزمىنىلك سۆزلىرىڭىز ئارقىلىق ماڭا قالدۇرغان ياخشى تەسىرىڭىز ، كەلگۈسىگە تۇتقان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىڭىز،شۇنداقلا تېخى  كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولمىغان  ئاشۇ جاپاكەش بىر جۈپ قەدىردانىڭىزغا بولغان غايىبانە ھۆرمىتىم ۋە قەلبىمنىڭ سىزگە ئەگىشىشكە بولغان كۈچلۈك ئىسيانى سەۋەبلىك، سىزنى مېنى ھەقىقى بەخىتتىن بەھىرمان قىلالىغۇدەك قابىليەتكە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن،ئۆزۈم 20 يىل ياشىغان ھەم بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئىللىق باغرىغا سىڭىپ ياشاشنى ئارزۇ قىلدىغان ئاشۇ  سۆيۈملۈك ئانا ماكانىمدىن، مېنى شۇنچە يىلدىن بېرى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ، ئوتۇمدا كۆيۈپ،سۈيۈمدە ئېقىپ  مەن ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك ئاتا-ئانامدىن، باسقان ھەر قەدىمىدە مەندەك بىر قېرىندىشىنى ئېسىدىن چىقارمايدىغان، يىقىلغىنىمدا ماڭا مەدەت ۋە يۆلەك بولىدىغان  ،مەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ ھەر ۋاقىت قۇربان بېرىشكە تەييار تۇردىغان، مەندىن ھېچنىمسىنى ئايىمايدىغان، ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس  بىر قىسمى ھېساپلىنىدىغان مېھرى ئاتەش،، كۆيۈمچان  قېرىنداشلىرىمدىن  ئايرىلىش  ئازابىغا چىشىمنى چىشلەپ، سىز بىلەن ياشاپ ئۆمۈرلۈك بەخىتكە ئېرىشىشنى كۆزلەپ مۇشۇ قارارنى چىقارغانمەن. مېنىڭ  پەقەت سىز ئۈچۈنلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان نەرسىلىرىمدىن ۋاز كېچىپ  بۇخىل قارارغا كەلمىكىمنىڭ قانچىلىك قىيىنغا توختىغانلىقىمنى دېمىسەممۇ  سىزگە ئايان. شۇڭا،مەن سىز ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك قۇربانلىقلارنى بېرىشكە رازى بولغىنىمغا تۇشلۇق سىزمۇ مەن ئۈچۈن بەزى بەدەللەرنى تۆلەشتىن باش تارىتمالىقىڭىزنى، بۇ خىل ھېسياتنى قەدىرلىشىڭىزنى ،بۇندىن كېيىن ئامال بار كۆڭلۈمنى ئاغرىتماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەقەت مەن ئۆزۈملا سىزگە ئەگىشىشنى تاللىدىم،ئەمما بۇ تاللىشىم ھەرگىزمۇ سىز ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا تەييار تۇرغىنىمدىن ، سىزنى دەپلا ھېچكىمنىڭ كۆڭۈل رايىنى نەزەرگە ئالماي قېشىڭىزغا ئۇچۇپ بېرىشىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  مەن بىرلا ئادەمنىڭ كۆڭۈل مەيلىنى ئۇتىۋالغىنىڭىز ئۈچۈنلا بۇ ئىشلارنى توسالغۇسىز بىر باشقا ئېلىپ چىقىپ كېتەلىشىڭىز ناتايىن. شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم، مەن سىز ئۈچۈن ئاتا-ئانامنى رەنجىتىشنى خالىمايمەن. ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئاتا-ئانامنى رازى قىلىش سىزنىڭ مەجبۇرىيتىڭىز. ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىش سەۋەبلىك ماڭا بېسىم ئىشلىتىشىڭىزنى خالىمايمەن. ئەگەر چوڭلارنى قايىل قىلالىسىڭىزلا مەن سىزگە سۆزسىز ئەگىشىمەن. سىز بىلەن كېتىش- كەتمەسلىك مېنىڭ ئىشىم،مېنى ئەكىتىش- ئەكىتەلمەسلىك سىزنىڭ ئىشىڭىز .  – دېدىم. ئۇ سۆزلىرىمدىن ھەيران بولغاندەك قىياپەتتە چىرايىمغا بىرنى قارىۋىتىپ:
     - بۈگۈن سەل باشقىچىرەك تاماقلارنى يەپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ ئادەتتە شۇنداق ئېغىر كۆرۈنەتتىڭىز كىشىگە.سىزنى تېخى بۇنچىلىك گەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. كۆزۈمنى بېر ئېچىپ قويدىڭىز جۇمۇ لىكىن.دېدى. مەن ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيۋىدىم ئۇ دەرھاللا سۆزلىرىمگە  ئۆز پوزىتسىيسىنى بىلدۈردى:
  - ئېيىتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق. تەكلىۋىڭىزنى قوبۇل قىلدىم. مەن چوقۇم ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق ئاتا-ئانىڭىزنى قايىل قىلىپ،ئۇلارنى قىزىمىزنى مۇشۇ يىگىتكە خاتىرجەم تاپشۇرساق بولىدىكەن دېگەن ئىددىيگە كەلتۈرۈشكە تىرشىمەن. سىزنى ھەرگىزمۇ چوڭلار ئالدىدا يەرگە قارىتىدىغان ئىشنى قىلمايمەن. بۇنىڭدىن سىز تامامەن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. مەن رازىمەنلىك بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ ماڭا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيىتتى. بۇ كۈنى ئىككىلىمىز خۇشال كەيپىياتتا مەكتەپكە قايىتتۇق. ئايرىلىش ئالدىدا ئۇ قولۇمنى كۆتۈرۈپ سول كۆكرىكى ئۈستىگە چىڭ باستى. مەن دەماللىققا بۇنىڭ زادى نېمە مەنىسى بارلىقىنى چۈشىنەلمىدىم شۇنداقلا بۇ ماڭا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلدى. مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مېنىڭ مۇھەببەتلىك ھاياتىم باشلاندى.  مەن بىلەن تەڭلا ياتاقتىكى ئايپاتەملەرنىڭ ھەممىسى قوپۇپ كەتتى. ئىززەت مەكتىۋىمىزنىڭ شۆبىسىدىكى بىر قارمايلىق بالا بىلەن تىزلا تېپىشىپ تىزلا يۈرۈپ كەتتى. ھېلق «غىلاپ بەندىسى» ياتاقدېشىمىزنىڭ ئۈچەكتىن چىقىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالغان بولسا كېرەك ، ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ،مەكتىۋىمىزنىڭ تىببى ئېنستىتوتىدىكى بىر تۇڭگان يىگىت بىلەن تېپىشىۋالدى. بىز ياتاق بويىچە مۇھەببەت قايناملىرىغا بېشىمىزچىلاپ كىرىپ كەتتۇق. ئەمما مەن بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ  ھەم ياتاقداشلىرىمنىڭ ئازغۇنلىق پاتىقىقىغا قەدەممۇ-قەدەم كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قىلچىلىكمۇ سەزمىگەن ئىكەنمەن.  ئارزىگۈل  ئىككىمىز شېرىن مۇھەببەت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ غەمسىز يۈرىۋاتقان شۇ كۈنلەردە نۇرزىيەلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە قاتتىق دەز كەتتى. ئۇ ھەر ئاخشىمى يىگىتى بىلەن ۋارقىراپ-جارقىراپ سوقۇشۇپ يىغلايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىش ئون نەچچە كۈنچە داۋاملاشقاندىن كېيىن ئاخىردا ئۇلار ئۇيان-بۇيان بولۇشۇپ كەتمەكچى بولدى. ئىززەت ئۇنىڭغا:
      -ئاداش ، سەل سوغوققانراق بولغىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن ئەمەسمۇ. يوقنىڭ دەردىنى تارىتقىنىڭدىن بارنىڭ دەردىنى تارىتقىنىڭ ياخشىراق. يىگىتىڭ قەدىرلىشىڭگە ئەرزىگىدەك  شۇنچىلىك ئوڭلۇق بالا.ئۆكتەملىكنى ئازراق قىلىپ، ئۇنىڭغا كۆپرەك يول قويساڭلا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئايرىلساڭ ئازاپلىنىدىغى يەنىلا ئۆزۈڭ. ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قىينايدىغان ئەخمىقانە ئىشنى قىلمىغىن.-دەپ بىرمۇنچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا قىلغۇلىقىنى قىلىپ،دەردىنى كۆزىدىن ئېلىپ ئولتۇردى.
         مەن بۇ جەھەتتە تېخى تەجىربىسىز بولغاچقا،ھىجران ئازابىنىڭ،ئايرىلىش ئازابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەۋسەۋۇر قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئېدى. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ساددا خىيالىم بويىچە كۆڭلۈمدە ئۇنى  نادان قاتارىغا چىقىرۋىتىپ، ئۇنىڭ يىغلاشلىرىنى زاڭلىق قىلىپ،قۇرۇق سەپ-سەتلەرنى سېتىپ يۈردۈم. ئەمما ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ ھامان بىر كۈنى مۇزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلدىغانلىقىنى، جاھاننىڭ ئالدىرىشى يوق جاھان ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.
        ئىززەتنىڭ زۇلپىقار ئىسىملىك يېڭى يىگىتى ھەر ھەپتنىڭ بەشى ياتقىمىزنىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتى. بىز بالكوندىن مارىلاپ ئۇنىڭغا قارايتۇق. بەزىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ  قويۇپ قېچىپ كىرىپ كېتىپ ئۇنى ئەخمەق قىلاتتۇق. ئۇ دەسلىپىدە رەنجىگەندەك قىلدىيۇ  كېيىن بۇنىڭغا تىزلا ماسلىشىپ كەتتى. ئىززەت چىرايلىق ياسىنىپ ، پەرداز بويۇملىرى ۋە بىر نەچچە قۇر كىيىمىنى ئېلىپ شۇ چىقىپ كەتكەنچە  ھەپتىنىڭ بىرى ئەتىگەندە پەيدا بولاتتى. بىز بۇنىڭدىن سەل غەيرىلىك ھېس قىلساقمۇ چىش يېرىپ بىرنىمە دېيىشكە پېتىنالمايتۇق. بارا-بارا بۇمۇ بىزگە غەيرى بىلىنمەس بولۇپ قالدى.
       ياتاقتا مەنلا كەمدىن-كەم ئۇچىرىشىش قىلاتتىم. باشقىلارنىڭ ھەممىسى يىگىتى بىلەن كۈنىگە نەچچە ۋاخ كۆرۈشۈپ،ھەر قېتىمدا ھەرخىل نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ كىرەتتى. سارىن بىلەن جاينانىڭ يوغان قونچاقلىرى بار ئېدى . جاينانىڭ ئوغۇل ئېيىق،سارىننىڭ قىز ئېيىق بولغاچ  جاينا سارىننىڭ قونچىقىنى كىلىنىم دەيتىتى. ئۇلار كېلنىمنى بوزەك قىمماڭ، كۈيئوغلۇمنى بۇنداق قىمماڭ دەپ  چاقچاقلىشىپ كەتسە ،شۇنچىلىك مەسىتلىكىم كېلەتتى.ھەتتا بۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ يىگىتىم بار تۇرۇقلۇق خۇددى مۇھەببىتى يوق ئادەمدەك يۈرىۋاتقانلىقىمدىن ئەپسۇسلىناتتىم. لېكىن يەنە ئۆز-ئۆزۈمگە :« مېنىڭ يىگىتىم ھەممىسىنىڭكىدىن قالتىس ، يەنە كىلىپ بىزنىڭ مۇناسىۋتىمىز بۇلارنىڭكىدىن ئالاھىدىرەك ،شۇڭا  ئۇنىڭ بىلەن پات-پات بىللە تاماقلانماسلىقىم، سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرماسلىقىم ناھايتى تەبئىي. مۇناسىۋىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق يوسۇندا داۋاملىششىمۇ مەن ئۈچۈن پايدىلىق.» دەپ  تەسەللى بېرەتتىم.
          بىز ئۇنىڭ پىلانى بويىچە ناھايتى تەرتىپلىك ئۇچىرشىش قىلاتتۇق. ئۇ دەسلىپىدە شۇنچىلىلىك ئەدەپلىك ھەم قائىدىلىك يىگىت ئىدى. قىلغان ھەربىرئېغىز سۆزى شۇنچىلىك ۋەزمىنىلك ھەم ئورۇنلۇق ئېدىكى، ئاڭلىغان ھەربىر ئاڭلىغۇچىنى قايىل قىلماي قالمايتى. ئۇ مېنى ئۆگۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى،ھەم مېنىڭ ئوقۇشۇمغا چوڭ تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن مېنى پات-پات ئۇچرىشىشقا چاقىرمايتتى. بىز ئۇچراشقان ۋاقىتلاردىمۇ سۆھبەت تېىمسى دەرىس، ئوقۇتقۇچى،مەكتەپ توغىرلىق بولاتتى. ئۇ ناھايتى گەپدان ھەم يۇمۇرىستىك بولغاچقا ھەر قېتىملىق ئۇچىرشىشتىن شۇنداق جۇشقۇن ھەم خۇشال ھالەتتە قايتىپ كىرگەن مەن كېيىنكى قېتىلىق ئۇچىرشىشنى تاقىتىم-تاق بولغان ھالدا تەقەززالىق بىلە ساقلايتىم.   بەزى كۈنلىرى دەرىسكە ماڭغىنىمدا ئۇ مېنى كۆرىۋالماقچى بولۇپ يول بويىدا ساقلاپ يىراقتىن تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى ھەم مېنىڭ يۈز-ئابرويۇم ئۈچۈن دوسىتلىرىم بىلەن كېتىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ماڭا ئارتۇقچە يېقىنلاشمايتى. بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ،كۆڭلىمىزدە بىر-بىرىمىزدىن ئەھۋال سورىشىپ،يۈرەك سۆزلىرىمىزنى بايان قىلشىۋالاتتۇق. ئۇ تاكى  مېنىڭ قارام يۈتكۈچە كەينىمدىن قاراپ قاراپ تۇراتتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرشىغا ئەگىشىپ،نەتىجىدە ئۇ ئاشۇنداق كەينىمدىن قاراپ قالغان ۋاقىتلاردا خۇددى يۈرىكىمنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ يېنىدا قېلىپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ بىر يەرلىرىمدىن بىئارام بولىدىغان ھالەتكە يەتتىم. دېمەك، بارا-بارا ئۇنىڭ قەلبىمدىكى خۈنۈك ھەم سولاش ئوبرازى قايتىدىن  جۇلالىنىشقا باشلىغانىدى.
     -دەرىسلەرنى نۇرمال ئۆگىنىڭ گۈلۈم .-دەيتى ئۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا.- ھەرگىز ئەڭ ئالدىنى،بىرىنجىلىكنى تالاشماڭ. باشقىلارنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرۈپ كوللىكتىپتىن ئايرىلىپ قالسىز،ھەتتا بەزى يامان ئادەملەرنى كۆزى تېگىشىمۇ مۇمكىن.  شۇڭا نۇرمالراق ئۆگۈنۈپ،سىنىپتا نۇرمالراق مېڭىڭ.ھەرگىز خەق بىلەن ئۈستۈنلۈك تالشىدىغان ئىشنى قىلىپ سالماڭ.  ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئانچە دىتىمغا يېقىپ كەتمىسىمۇ ، پەقەت ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا ھە دەيتتىم.
       ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېششىغا ئەگىشىپ،مەن ھەپتە ئاخىرىدا تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇنى ئۆزۈم تەشەببۇسكار ھالدا ئىزدەيدىغان بولدۇم. مېنىڭ بۇ ئاكتىپىلىقىم  بارا-بارا ئۇنى تېخىمۇ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئەتەي تېلفۇنۇمنى ئالمايدىغان، تاكى مەن قايتا تېلىفۇن ئۇرغىچە قايتۇرۇپمۇ قويمايدىغان،سەۋەبىنى سورىسام ئۆگۈنىشىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلپ تۇرۋالىدىغان بولۇپ قالدى. مەن مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ تومۇرۇمنى تۇتىۋاتقانلىقى بىلىپ قالدىم ھەم ئېچىمدە قانچىلىك تىت-تىت بولساممۇ ئۇنىڭغا باش ئېگىشىنى راۋا كۆرمىگەنلىكىلىكىم  ۋە غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئازابلارغا چىشىمنى چىشلەيتتىم. بۇنداق چاغلاردا ئۆزۈم بىلىپ-بىلمەي كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. شۇندىلا مەن نۇرزىيەنى خاتا مازاق قىلغىنىمنى قايتىدىن ھېس قىلىپ يەتتىم. گەرچە ئۇنى قاتتىق سېغىنىپ ، ھەر ۋاقىت ئۇنى خىيالىمدىن نېرى قىلالمايۋاتقان بولساممۇ، ئەمما بۇنى قىلچىلىكمۇ چاندۇرماي شۇنچىلىك بىپەرۋا ھالەتتە يۈردۈم.
مەن ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغان بولغاچقا ، ئۇ قايتىدىن ئاكتىپ ھالەتكە قايىتتى. كېيىنچە بىز پات-پات ئۇچرىشىپ تۇردۇق.ئەمما كۆپىنچە كەچقۇرۇنلاردىلا ئۇچۇرشاتتۇق.كوچا چىراغلىرى يېقىلىپ ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۈمەي دېگەن ۋاقىتلاردا مەن «نىكاھ ئوقۇتمىغان ئەر-خوتۇنلار» لىققىدە توشقان مەيداندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرشاتتىم. بىز بۇرۇنقىدەكلا شۇنچىلىك قىزغىن ھەم شېرىن سۆھبەتلىشەتتۇق. بەزى كۈنلەردە ئۇ چىرايىمغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ كېتەتتى. تۈن قاراڭغۇسىدا مەن ئۇنىڭ ماڭا قاراشلىرىدىن بىرەر غەيىرىلىكنى سېزشكە ئامالسىز ئېدىم. «ئالدىرماڭ يارەي،سىزگىمۇ بارەي.»دەپ مەن نۇرزىيەنى زاڭلىق قىلغىنىم بىلەن كۆپ ئۆتمەيلا بىزنىڭ مۇناسىۋتىمىزدىنمۇ چاڭ چىقىشقا، ئۇ كېيىۋالغان قوي تېرىسىنى سېلىپ ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارلاشقا باشلىدى....  ئىززەتنىڭ ھېلقى نىكاھ ئوقۇتمىغان ئېرى بىلەن تىزلا يىرىكىلىشىپ قېلىشى،ياتىقىمىزنىڭ ئارامىنى بۇزدى . ئۇ ھە دېسىلا زۇلپىقار بىلەن ئۇرۇشۇپ يېزىشقان ئۇچۇرلىرىنى ماڭا ئوقۇتۇپ مېنى تەھلىل قىلغىنى سالاتتى. مەن مىڭلىغان ، يۈزمىڭلىغان خالىماسلىق ۋە بىئارامچىلق ئىچىدە ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۈستىدە  ئامال بار ۋەزىيەتىنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ مۇلاھىزە قىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتىم. ئىززەت بىلەن زۇلپىقارنىڭ ئارسىدىكى ھايا پەردىسى بالدۇر يىرتىلغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئىززەتكە بولغان قىزقىشى سۇسلاپ كەتتىمۇ،ياكى ھەر ھەپتىلىك ئۇچۇرشىشتا ئىززەتنىڭ ئۇنىڭغىلا تاينىۋېلىپ،زور چىقىملىق كۆرۈشۈش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۆزىگىلا ئارتىلىشى ئۇنىڭ ئىقتىسادى بېسىمنى ئاشۇرۇپ ئۇنى ھارغۇزدىمۇ،ئىشقىلىپ ئۇنىڭ تىزلا ئىززەتتىن رايى يېنىپ ئۇنىڭغا سوغوق مۇئامىلە قىلىدىغان بولىۋالدى. ماڭا بۇ ئىچ پۇشۇقى يەتمىگەندەك زاھىرنىڭ كۆزۈمگە سىغمايدىغان قىلىقلىرى بارغانسىرى ئاۋۇپ  مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ ئازابىمنىڭ ئۈستىگە ئازاپ قوشۇشقا باشلىدى.
       ئۇ بىلمەيدىغان نەرسىسى ئاز، ماڭدامدا بىر داۋلى سۆزلەپ تۇردىغان ئادەم بولغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ دېگىنىگە ئۆزى ئەمەل قىلمايتى. ئۇ گەرچە قۇرئان ساۋادلىق بولسىمۇ ئەمما ناماز ئوقۇمايتى. رامىزان تۇتمايتى. ئۇ مەندىن چوڭ بولغاچقا مەن ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا قانداق سۆز ئېچىشىنى ۋە تەربىيە قىلىشنى بىلەلمەي بېشىم قاتتى.توغرىسى ئۇنىڭ سۆزلىرىمنى ئىلىك ئالماي مېنى سىلكىشلەپ كۆڭلۈمگە ئازار بېرىشتىن قورىقتىم. بۇ ئىش يۈرۈگۈمنى قاتتىق ئاغرىتىپ  ئۇنىڭدىن رايىمنى ياندۇرۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن سىرىت،مەن ئۇنىڭ مېنى كەچ ۋاقىتلىرى ئۇچىرشىشقا چاقىرىشلىرىدىن قاتتىق بىزار بولۇپ كەتتىم. چۈنكى مۇھەببەتتە ساپىقنى ھەم  پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئالىيجاناپ مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان بۇ ئىسىل سۈپەت ئادەم بارا-بار ماڭا يېقىنچلىق قىلىشنى ئىزدەيدىغان،مەن بىلەن رېئاكسىيەلىشىشنى خالايدىغان تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاخشاملىرى مېنى ئەتەي كەچ قويىدىغان بولىۋالدى. ياتاققا كەچ كىرگەن كۈنلىرىمدە ياتاقداشلىرىمنىڭ ماڭا غەيرى نەزەردە قاراشلىرى جېنىمدىن ئۆتۈپ كېتەتتى. زاھىردىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش ئاستا-ئاستا مېنى ئۇنىڭدىن يىرگەندۈرۈشكە باشلىدى. بىر كۈنى مەن بۇ ئىشلارنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي ئۇنىڭ بىلەن تاقاشتىم:
          - زاھىر، بىز نېمىشقا دائىم خۇددى شۇنچە ئۇزۇن كۈندۈزدىن ۋاقىت چىقمىغاندەك پەقەت ئاخشىمىلا كۆرىشىمىز؟ بىزمۇ باشقىلاردەك كۈندۈزى كۆرۈشۈپ ، مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ئۇياق- بۇياقلارنى ئايلىنىپ كۆڭلىمىزنى ئېچىپ كەلسەك بولمايدىغان نەرى بار؟ سىز مۇھەببىتىمىزگە نېمىشقا  بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ ياكى كۆڭلىڭىزگە ياقمىغۇدەك ،مەن بىلەن بىللە مېڭىشتىن خىجىل بولغۇدەك بىرەر يېرىم بامۇ؟ مېنى بىلمەيدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ كېلىدۇ.كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا ئۆز قېرىندىشىمدىنمۇ چارە تۇرۇپ ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ،قىسقىسى مېنى بۇ مەكتەپتە يالغۇزلۇق،ئىچ پۇشۇقى تارىتقۇزمايدۇ ،ماڭا يۆلەك بولىدۇ دېمىسەم،يەنە ئارزۇلىغىدەك نەرىڭىز بار سىزنىڭ؟
     - كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز جېنىم، ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، كۈندۈزى كۆرۈشسەك تامامەن بولىدۇ. ئەمما قىلۋاتقان ئىشلىرىم ناھايتى جىق،شۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىكەنمەن كۈندۈزى...........
        -قانداق گەپ بۇ؟ شۇ مۇھىم  ئىشلىرىڭىزنى كۈندۈزى قىلمىسىڭىز زادى بولمامدا؟ شۇ كۈندۈزى قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى قويۇپ تۇرۇپ،كۈندۈزى مەن بىلەن بىللە ئايلىنىپ كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئاخشىمى مېنىمۇ ئارامىمدا قويۇپ، ئۆزىڭىزمۇ ئارامىڭىزدا ئولتۇرۇپ قىلسىڭىز پەقەت بولمامدا؟ سىزنى بۇنچىلىك شەخسىيەتچلىك قىلار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. قارىغاندا سىزنىڭ ئالىڭىز ئىچىڭىزدە خېلى بار ئوخشايدۇ.خۇي چىقارغىلى تۇرىۋاتىسىز بارغانسىرى.  مەن ئاۋۇ ياتىقىمدا يەنە نەچچە يىل تۇرۇشۇم كېرەك چۈشەندىڭىزمۇ؟ ئادەم دېگەننىڭ ئاغزىدا گەپ بولغىنى بىلەنلا بولمايدۇ جۇمۇ! – دېدىم مەن ئاچچىغىم بىلەن.
          گەپلىرىم ئۇنىڭغا خېلى تەسىر قىلغان چېغىۋا ، شۇ ھەپتىسىلا مېنى خۇاڭخى ئانا ئابىدىسى يېنىدىكى غەربى كىچىك كۆل باغچىسىغا ئاپىرىپ ئايلاندۇردى ھەم خۇددى ئىچىمدىكى ئوقىۋالغاندەك شۇندىن باشلاپ مېنى ئانچە-مۇنچە سىرىتلارنى چۆگىلىتىپ كىرىدىغان بولدى. مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايتىم. ئۇ پەقەت لەنجۇدىكى مەن بىلمەيدىغان يەرلەرنى كۆپرەك ئايلاندۇرسىلا شۇنىڭ بىلەن  كۇپايىلىنەتتىم. تاماق يېگەندىمۇ بەك ھەشەم قىلماي باھاسى مۇۋاپىق تاماقلارنى تاللاپ بۇيرىتاتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش  يالاڭتۆش ئوقۇغۇچى ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىقتىسادى بېسىم قىلسام بولمايدۇ دەپ ئويلاپ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇنى ئايايتىم. شۇ پۇرسەتتە  مەن ھېچ بولمغاندا سىرىتلارغا چىققاندا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا قانداق ئولتۇرۇش كېرەكلىكى،قايسى ئاپتۇبۇسلارنىڭ قايەرگە بارىدىغانلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ ساۋادىلىق بولۇپ قالدىم. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز شۇ تەرىقىدە شۇنچىلىك ساپ ھالەتتە داۋام ئەتتى.مەن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم.
    بىر كۈنى مەن ناھايتى ئازادە كەيپىياتتا، كارۋىتىمدا يېتىپ  مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن ئارىيەتكە ئېچىققان،مىسىر يازغۇچىسى ئىھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ «يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا»ناملىق ئەسىرىنى كۆرۈپ ياتسام ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ  ئۇچۇرنى كۆرۈپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.ئۇچۇردا مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار قىلىشىدىغان ئەڭ ئەقەللى يېقىنچىلىقلارغا يول قۇيۇشۇم كېرەكلىكى، ئۇنىڭ ئەمدى بۇنداق كېتىۋىرىشكە تاقىتى يوقلىقى سۆزلەنگەنىدى. خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققدەك تاسادىبىيلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارغا بىر تۇرۇپ بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. شۇ ھامان ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم. ئەمما ئۇ ئالماي قويدى،قاتتىق جىلە بولۇپ كەتكەنلىكىمدىن  تېلفۇننى  قايتا- قايتا قىلىۋەردىم. ئاخىر ئۇنىڭدىن سادا كەلدى:
  - ۋەي، ھە تېلىفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ ماڭقام، بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى............
- مەن سورىسام بولا كۈننىڭ قاياقتىن چىققانلىقىنى! خىجىل بولماي دەۋاتقان گېپىنى كۆرۈڭ ما چىرايلىقنىڭ.
   - بولدى،بولدى . خاپا بولمىڭە .تېلفۇنىڭىزنى كۆرمەي قاپتىمەن. نېمە ئىش بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى،كەيپىياتىڭىزنى بۇزمىڭە ئۇنداق.-دېدى يات بولمىغان ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن. مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بىر ئاز پەسكويغا چۈشۈپ:
  -زاھىر، بۇ سىزما؟ ئەجىبا بايىقى ئۇچۇرنى راستىنلا سىز يازدىڭىزما؟-دەپ سورىدىم.
  - ھە،مەن شۇ زاھىر، ئۇچۇرنى مەن يازغان. نېمە،بىرەر ئىش بولدىما سىزنى بۇنچە ھودۇقتۇرىۋەتكۈدەك؟ ئۇنڭ بۇ گېپى تېخىمۇ ئوغامنى قاينىتىۋەتتى:
  - بىر ئىش بولدىما دەۋاتامسىز؟ ئەلۋەتتە بولدى. نېمە يېزىپ نېمە يولىغىنىڭىزنى بىلىپ قىلغان بولغىيتىڭىز ھەقەچان؟! نېمە ئىمىر-چىمىر گەپلەر ئاۋۇ؟
  - ۋوي نىم بوپسىز؟ ئەجىبا ئۇ دېگنىم خاتاما؟- دېدى ئۇ بىر ئاز ئاچچىقلانغاندەك تەلەپپۇزدا.
  -ئەمسە توغرىما سىزنىڭچە؟ ئوغۇل بالا بولسىڭىز غىلجىڭشىپ ئۇچۇر يېزىپ يۈرمەي مەن بىلەن  يۈز كۆرۈشۈپ ،نەق مەيداندا كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن دېسىڭىز بولمامدۇ؟ قانداق قىلىق بۇ ئەمدى؟
  - قانداق قىلىقكەن؟ توغرا بولماي نېمە بوپتىكەن؟-دېدى ئۇ خۇددى سۆزلىرىم ھېچنەرىگە كەلمىگەندەك پەرۋاسىزلىق بىلەن. – ئىككىسىنىڭ نېمە پەرقى بار سىزنىڭچە؟
        -ئەلۋەتتە پەرقى بار.- دەپ ۋرقىردىم مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن جىلە بولۇپ.- كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىڭىزگە كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىشتىن قورىققانسىز ھەقەچان. ئاغزىڭىزدا دۇنيانى سوراپ،ئىسىل گەپلەرنى قىلىپ يۈرگىنىڭىز بىلەن تايىنلىقلىكەنسىزغۇ مانا؟ باشقىلاردىن پەرىقىلىك بولىمىز، پەس قىلىقلاردىن نېرى تۇرىمىز،قەلبىمىزنى پاك تۇتۇشۇپ ۋىسال شارابىنى پاك ھالەتتە ئىچىمىز دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟ مۇشۇنچىلىكمىتىڭىز ئەسلى؟ ئەينى چاغدا بۇ گەپلەرنى ئاغزىڭىزدىن چىقارغانمۇ يا...................
           يەرگە ئاتسام يانا زىيان بولمىسۇن دەپ تېلفۇنۇمنى كارۋىتىمغا يېيقلىق يوتقىنىمنى ئۈستىگە نەچچىنى ئېتىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالدىم.بۇ خىل خاراكتىر بىزنىڭ زوۋلىمىزغىلا قوشىۋىتىلگەنمۇ  ياكى بۇ زاكىمىزدىن تەگكەن كېسەلمۇ قانداق،ئاكام ئىككىمىزلا ئاچچىقىمىز كەلسە تېلىفۇن ياكى ئۇنى-بۇنى چاقىدىغانلاردىن ئىدۇق. ئاچچىقتىن يېشىلىپ،كەيپىياتىم بېسىلىپ  ئەمدىلا ئۇھ... دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇنىڭدىن يانا ئۇچۇر كەلدى:
    - بەختىگۈل، بۇ قىلقىڭىز بولمىدى. بۇ ئىشنىڭ شۇنچە ئېغىر ئېلىپ كەتكۈدەك نەرى بار. توغرا ، مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلماي پەسلەشكىنىم راسىت، ئەمما مېنىڭ مەيدانىمدا تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ. مەن يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەن ھېسىياتلىق بىر ئەركەك تۇرسام، يەنە كېلىپ شۇنچىلىك ئىسىل ھەم چىرايلىق بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇنىچىلىك ئارزۇ-ھەۋەسلەردە بولماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟ مەن سىزدىن جىق نەرسە تەلەپ قىلمىدىم، قۇچاقلىشىش،سۆيۈشۈش دېگەن يۈرىۋاتقانلاردا بولىدىغان نۇرمال يېقىنچىلىقلارغۇ؟ يەنە كېلىپ مەن يا سىزگە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويمىسام.مېنى نا ئۈمىدتە قويماڭ  بولامدۇ؟ سىزدىن خوش بولاي................. -  ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئاغزىمنى بولىشىغا قويىۋەتتىم:
  -خىجىل بولىدىڭىزمۇ ئەي موشۇ گەپلەرنى قىلىشتىن؟ ئۇنداق ئادەم بۇرۇن ئۆزىمىزنى دەڭسەپ گەپ قىلساق بولمامتى يوغان يەردىن چۈشكىچە؟ مېنى نېمە كۆرۈپ قېلىۋاتىسىز سىز؟  سىز ھېسىياتلىق ئادەم بولسىڭىز مەن ھېسياتسىز مەخلۇقمىكەنمەن؟ مېنى ئۆزۈم خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئېدىڭىزغۇ؟ قارىغاندا سىزدىن ئىككى كۈندە بىر ۋەدە ئېلىپ ۋەدىنى يېڭلاپ تۇرمىسا ،كونىسى قېرىپ كۈچتىن قالىدىكەندە؟! ئىسىڭىزدە بولسۇن ، بىز يۈرىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار ئەمەس بەلكى ئۆمۈرلۈك بىر جۈپلەردىن بولۇشقا ۋەدىلەشكەنلەر. شۇڭا بىز  مەيلى قايسى جەھەتتتى بولسۇن، ئۇلاردىن روشەن  پەرىقلىنىپ تۇرىمىز . يەنە كىلىپ مېنىڭ سىزگە ئۇ ئىشلارنى قىلىپ بىرىش مەجبۇرىيتىم يوق. ھەم يەنە سىزنىڭ مەندىن ئۇنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىزمۇ يوق. سىزدىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: سىز ئۈچۈن بايرام ھېسابلىنىدىغان ئالاھىدە كۈنىدە ئانىڭىز سىلەر كۈندىلا يەيدىغان،سىز  يېڭىلىق ھېس قىلماس، تېتىماس بولۇپ كەتكەن تاماقنى ئېتىپ ئالدىڭلارغا قويسا سىز ئۇنى كەيپىياتىڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ھالەتتە يەنىلا خۇشاللىق بىلەن ياقتۇرۇپ يىيەلەمسىز؟ مۇشۇ كۈندە ياكى باشقا ۋاقىتلاردا يەنە ھەممە ئادەم تۇتۇپ زىدىلىشىپ كەتكەن ئالمىنى يىيىشكە رايىڭىز بارامدۇ؟  سىزگە شۇنىسى ئېنىق بولسۇن، مەن ھەرگىزمۇ باغچىلاردىكى ئۇنۋېرسال ئىجارە ئويۇنچۇقلاردىن ئەمەس. مەن  يۈرۈگۈمنىڭ خۇددى پۇتبولغا ئوخشاش ھېلى ئۇ تەرپىدىن ،ھىلى بۇ تەرپىدىن، ھىلى ئۇ ياققا ھېلى بۇياققا تىپىلىپ يۈرىشىنى خالىمايمەن.  شۇڭا بۇ دۇنيادا يۈرىكىم بىرلا ئادەمگە مەنسۇپ بولىدۇ، مېنى بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت بىرلا ئادەم قۇچاقلايدۇ. پەقەت بىرلا. مەن كەلگۈسىدە مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم ئالدىدا بېشىمنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىشنى ئىزدەيمەن...... ئەگەر بۇ ئارزۇيىڭىزدىن يانمايدىكەنسىز ،بىرلا ئېغىز سۆز.،مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەردە تامام. مەنمۇ سىز بىلەن تونۇشمىغان،سىزمۇ مېنى بىلمىگەن ، ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولسۇن. خەيىر...................
         ئۇنىڭدىن كەلگەن جاۋاپ خەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولماستىن ئەكىسچە بارلىق روھى بېشىملاردىن خالاس بولۇپ، زىممەمدىن ئېغىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتىشىشتىن ئىلگىرىكى تىنىچ تۇرمۇشۇمنى شۇنچىلىك سېغىنغانىدىم. شۇڭا ئەمدى ئاشۇ خاتىرجەملىكىمگە قايتىپ، قايتىدىن ئادەم بولىمەن ، ئالى مەكتەپ تۇرمۇشۇمنى ئەمدى ھەرگىزمۇ ھەرقانداق بوران -چاپقۇنلارنىڭ قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنىشىغا يول قويمايمەن دەپ ئويلىدىم. ئاخشىمى ياتاقداشلىرىم قايتىپ كىرگەندە ئۇلارغا ھېچنىمە دېمەستىن قاپىقىمنى تۈرۈپ جىددى تۈستە:
     - بۇندىن كېيىن ئالدىمدا زاھىر ئۇنداق،زاھىر بۇنداق دېگەن گەپلەرنى  قەتئىي چىقىرىپ قالماڭلار، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇ بىرنىمىخان بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق. مەندىن نېمە ئىش بولغان، نېمىشقا بۇنداق  بولدى دەپمۇ سورىماڭلار. ئىسىڭلاردا بولسۇن، مەن يەنىلا ئىلگىركى ئايپاتەم شۇ . مەن ھېچقاچان بىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىپمۇ باقمىغان ھەم  ئۇنداق بىرىنى تونىمايمەن ھەم تونۇشۇپ باقمىغان. ئەگەر ئۇقۇشماي ئۇنى بۇنى دەپ قالىدىغان بولساڭلار مەندىن رەنجىمەڭلار.-دېدىم.
   ئۇلار ھەيرانلىقتا بىر-بىرىگە قارىشىپلا قالدى. ئىززەتنىڭ بۇنى بىلەپ باققۇسى كېلىپ  باشقىلار يوق يەردە خېلى گەپ كوچىلاپ باقتى. ئەمما مەن ھېچنىمە دېمىدىم.توغرىسى ئۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا دېيىش تۈگۈل ، ئۇ بار يەردە ئويلاشتىنمۇ خىجىل بولدۇم. چۈنكى مەن تۇرمۇش مىزانىمدا ئۇنداق ئىشلارغا قىلچىلىكمۇ ئورۇن بەرمىگەن بولغاچقا ، بۇ خىل ئىشلار مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق تۇمۇشۇمدا قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلىغان ۋە ئىشەنگەنىدىم. شۇڭا يۈرىكىمنىڭ قاتتىق ئاغرىشلىرىنى  ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم ئارقىلىق پەسەيتىپ،ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ يۈردۈم. ئۇ كۆڭلىدە مېنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندىكىن چوقۇم ئۆزى ئاۋال ئىزدەيدۇ دەپ چوتنى خاتا سوقۇپ قويغاندى. ئەمما مەن ئۇنى ئويلاش تۈگۈل خىيالىمنىڭ بىر بۈرجىكىگىمۇ ئەكىلىپ سالماي،شۇنچىلىك خۇشال ھالەتتە ،خىرامان يۈردۈم. ئۇنى ئۇچراتقىنىمدا خۇددى ناتونۇش بىرنى كۆرگەندەك ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالەتتە گىدىيىپ ئۆتۈپ كەتتىم. شۇ ئىشتىن كىيىنكى ئۈچىنجى كۈنى ئۇ ماڭا توختىماي تېلىفۇن قىلىپ ئۇچۇر يازدى. ئەمما مەن تەۋرەپمۇ قويمۇدۇم. ئەتىسى چىقىۋاتقان شامالغا قارىماي غەربى قوۋۇق يەر ئاستى بازرىغا ئارزىگۈل بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقتىم.  خۇددى شەھەردىكى ھەمملا ئادەمنىڭ ئايىغى تەڭلا يىرتىلىپ كەتكەندەك،ئاياغ دۇكىنىدا ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى. بىز ئۇيان –چۆگىلەپ، بۇيان چۆگلەپ ئاخىر بىر ئاياغنى يارىتىپ قالدۇق. بىز دەل ئاياغنى سودىلشىۋاتقان پەيىتتە  ئۇنىڭدىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى، مەن ئالمىدىم، ئەمما ئۇ قايتا-قايتىلاپ ئۇرىۋەردى. تۇرۇپلا شەيتانلىرىم ۋەسۋەسىگە سېلىشقا باشلىدى.  مەن ئۇندا ئويلاپ بۇندا ئويلاپ ھېچ بىر خىيالغا كېلىپ بولالمىدىم. ئاخىر ئىرادەم  شەيتانلىرىم ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمەي تېلىفۇننىڭ قوبۇل قىلىش كونۇپكىسىنى باستىم. ئەمما بۇ  قىلىقىم ئويلمىغان يەردىن مەن ئۈچۈن تولدۇرغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
   - نەدە ، نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيسىز؟ مەن خىيالىڭىزدا بامۇ زادى سىزنىڭ؟ ئىزدەپمۇ قوياي دېمەيسىزغۇ ئەجەپ؟-دېدى ئۇ تىېلفۇننى ئېلىشىمغىلا ئاچچىق بىلەن. مەن تازا بىر كۈلىۋەتكەندىن كېيىن :-   
- بەك نوچىغۇ سىز؟ نەلەردە نېمە قىلىشىمنىڭ، نېمىلەرنى ئويلاش-ئويلىماسلىقىمنڭ سىز بىلەن ئەمدى مۇناسىۋىتىڭىز يوققۇ دەيمەن. بايقاپ سۆزلەڭ جۇمۇ جېنىم!- دېدىم.
    -  تولا مېنى زاڭلىق قىلىمەن دېمەي  سۇئالىمغا جاۋاپ بېرىڭ، نەدە سىز؟! مەيلى نەدە بولىشىڭىزدىن قەتئينەزەر يېرىم سائەتكىچە كۇتۇپخانىنىڭ ئالدىغا ئۈنۈپ بولۇڭ ئاڭلىدىڭىزمۇ!؟  سىز بىلەن كۆرۈشۈپ دېيىشىدىغان مۇھىم گەپ بار. مەن ئۇنىڭ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشلىرىدىن زەردەم قاينىغان ھالەتتە:
- سۇئالىڭىزغا جاۋابىم چىرايلىق يىگىت، مەن غەربى قوۋۇق يەرئاستى سودا ساريىدا. سىزدىن سوراپ باقاي، سىز نېمىگە ئاساسلىنىپ ماڭا بۇنداق گەپ قىلىسىز؟ ماڭا بۇيرۇق قىلىپ ئۇيەردە تۇر بۇ يەردە تۇرما دەيدىغانغا ئەمدى سىز كىمىم ئىدىڭىز مېنىڭ ؟ سىزنىڭ ماڭا گېپىڭىز بولسا ،مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم يوق. ئۇ گەپلىرىڭىزنى ئەمدى كىمگە قىلغۇىڭىز كەلسە شۇنىڭغا قىلىۋېلىڭ. خوش! –دەپلا تېلىفۇننى قويىۋەتمەكچى بولىۋىدىم، ئۇ دەرھاللا ئۆتۈنگەندەك تەلەپپۇزدا:
-بەختىگۈل توختاپ تۇرۇڭ، سۆزۈمگە كىرىپ مەن بىلەن مۇشۇ بىر قېتىملا كۆرىشىڭ ماقۇلمۇ؟ مېنىڭ ئۇ گەپلىرىمنى پەقەت سىزگىلا قىلغۇم بولغاچقا سىزنى ئىزدىدىم. مۇشۇ گېپىمگە كىرىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىز نېمە قىلغۇىڭىز شۇنداق قىلىڭ،مەن سىزنى ئەمدى ھېچقانداق ئىشقا مەجبۇرلىمايمەن.ماقۇل دەڭ، پەقەت بىر قېتىملا.- دېدى .  مەن بىردىنلا ئۇنىڭ گەپلىرىدىن يۇمشاپ قالدىم ۋە ئارزىگۈلنىڭ توسۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي،ئالغان ئايىغىمنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ مەكتەپكە قاراپ چاپتىم. يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇ يەنە تېلىفۇن قىلدى. مەن ئۇنىڭغا:
- ئەي خاشۇ كاللا گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ، ئەگەر مەن بارغۇچە سىز چىقىپ بولالمايدىكەنسىز بۇندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرىشىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ. كىيملىرىم بەكمۇ  يېلىڭ مېنىڭ ، شۇڭا گەپنى بەك ئۇزارتىۋەتمەي نوتۇق سۆزىنى پۇختا يادىلاپ، رەپىتىسنى ئوبدانراق قىلىپ چىقارسىز.- دېدىم.
- توڭلاپ كەتمەيسىز ۋاي ، خاتىرجەم بولىڭە، ھېلقى سىز كېيىشتىن قورىققان كېسىلى بار چاپىنىمنى ئالغاچ چىقىمەن سىزگە.- دېدى ئۇ ھېلگەرلىك بىلەن ھېجىيىپ تۇرۇپ.
ئۇ ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىدى. ئۇ ئادەتتە پادىچلار ئىشتىنى كېيىپ يۈرىدىغان بولغاچقا مەن ئۇنىڭ بۈگۈن كېيىۋالغان تەنتەربىيە ئىشتىنىدىن سەل غەيرىلىك ھېس قىلىپ كېلە-كەلمەيلا ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم:
- پاھ.........ھوي زاھىر قارى، تامبىلىڭىز سەت يارشىپتۇ جۇمۇ دېمىگەن بىلەن.بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز ئەمما. ھى ھى ھى.... گەپلىرىم ئۇنىڭغا قىززىق تۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە كۈلكىدىن توختىمىدى.
- يوق گەپنى قىممىڭە، نەدە تامبال بۇ!  يېڭى سېتىۋالغان يۆخۈي كۇ (مەخسۇس ئۇچرىشىشلاردىلا كېيىدىغان ئىشتان) رىم جۇمۇ بۇ ، ئەجىبا ياراشماپتىما؟ كېلە-كەلمەي زاڭلىق قىلغىنى تۇردىڭىزغۇ ئادەمنى،سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىنغۇ ياخشى گەپ چىقمايدۇ زادى. دېدى ئۇ كۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قېيدىغاندەك تەلەپپۇزدا.
- تولا  كىچىك بالىنىڭ ئۇكسىدەك ماي تارتىپ ئولتۇرماي نەخ گەپنى قىلى ھە! ئالدىرايمەن مەن. مېنىڭ يەنە ۋاقتىمنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە زايە قىلغۇم يوق. – دېدىم مەن قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ  كەسكىنلىك بىلەن.
         ئۇ گەپلىرىمنى ئوبدان ئويلانغانلىقىنى، مەندىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوقلىقىنى، ئەمدى ماڭا ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويمايدىغانلىقىنى، مەن بىلەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتكۈسى بارلىقىنى ،شۇڭا ئۆزىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشمىنى ئۆتۈندى ۋە  دەرھال قوللىرىمنى تۇتتى. ئۇنىڭ شىرىن-شېكەر گەپلىرىدنىڭ سىھرىدىن  بىھۇش بولغان  مەن، كۆڭلۈمدە ئۇنى ھېلقى ۋاقىتتا  بىردەملىك ھاياجان تۈپەيلىدىن شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ سالغان بولسا ئەمدى ئۆزىگە كەلگەن چېغى دەپ ئويلاپ ئۇنى ئاسانلا  كەچۈردۈم. ئۇ كۈنى بىز خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. كەچقۇرۇنلۇقى بىز قايىتماقچى بولغاندا ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىمغا ئۆتىۋېلىپ مېنى  كۈچ بىلەن باغرىغا تارىتتى. مەن تېخى قارىشلىق قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئارسىغا قىسىلىپ قالدىم.  ئۇ مېنىڭ تىپىرلاشلىرىمنى نەتىجىسىز قالدۇرۇپ مېنى چىڭ قۇچاقلۋالدى. يۈرۈكۈم خۇددى ھېلى ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ كەتتى، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ھاياجانلىش تۈپەيلىدىن بولماستىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىن ئېدى.
         مەن تۇيۇقسىزلا ھۈ تارتىپ يىغلاپ كەتتىم. چۈنكى بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئېدىم. قاتتىق چۆچىگەن ئۇ  خۇددى دانلاۋاتقان چۆجىدەك ئەتراپمدا پايپىتەك بولۇپ مەندىن قايتا-قايتىلا كەچۈرۈم سوراپ كەتتى.  مەن گەپ-سۆز قىلماي ئۇنىڭ ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كېتىپ قالدىم. ياتاق بېناسىغا كىرىپ بولغان بولساممۇ  ياتاققا كىرەلمەي سىرىتتا خىېلى ئۇزۇن تۇردۇم. ئاخىر ئامال بولماي، كۆزۈمنى يۇمۇپلا كىرىۋەردىم. ئەمما خۇددى گۇناھكار ئادەندەك يەردىن بېشىمنى ئالالمىدىم. تەلىيمىگە ياتاقتىكىلەر ئىززەتنىڭ كومپىيوتىرىدا كېنو كۆرىۋاتقان  بولغاچقا ماڭا پەرۋا قىلىشمىدى. مەن ياتاقتىكى چوڭ ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتىم...... شۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەن مەن كارۋىتىمغا چىقىپ پەردىلەرنى چۈشۈۋېتىپ   ئاشۇ ساددا خىيالىم بويىچە  بەيدۇدىن «قۇچاقلاشسا ھامىلدار بولۇپ قالامدۇ؟» دېگەنگە جاۋاپ ئىزدەپ يۈرگىنىمگە ھازىرغىچە كۈلگۈم كېلىدۇ. توۋا، ئادەم دېگەن نادانلىقتا نېمىنى قىلمايدۇ ھە؟!
  ئۇ كۈنى مەن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم.كاللامدا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملاشتۇرىمەنمۇ ياكى بولدى قىلىمەنمۇ دېگەن بىرلا سۇئال ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇنىڭ ىىلەن داۋاملاشتۇراي دېسەم قورقۇپ قالغانىدىم،كەينىمگە ياناي دېسەم يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە لاۋۇلداۋاتقان يالقۇننى ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىلىق ئۇچىرشىشتا يۈرۈكىمگە بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىزىنى ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز ئېدىم. ئەمما ئۇ ئىشنى ئويلىساملا يۈرۈكۈم خۇددى  ئېغىر خورلۇق تارىتقاندەك قاتتىق ئېچىشاتتى.تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ كېتەتتىم.
نەچچە كۈنگىچە تېلفۇنۇمنى ئاچماي گاراڭ ھالەتتە يۈردۈم. ئەمما يۈرىكىمنى بىر نەرسە توختىماي غاچاپ مېنى قاتتىق ئازابلايىتتى. كەيپىياتىمغا قاراپ گۇمانسىرغان نۇرزىيەنىڭ قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ، قاملاشمىغان نەرسىلەرنى سورىشى مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. مەن ئويلىنا-ئويلىنا ئاخىر كۆپرەك ئىھتىيات قىلىش يولى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆتۈش قارارىغا كەلدىم. ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلەردە  ئۆز خيالىمدىكى بويىچە قاتتىق ئىھتىيات بىلەن يۈردۈم.
زۇلپىقار بىلەن يىرىكلىشپ كەتكەن ئىززەت  ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزى ئىزدەپ بېرىپ ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپمۇ مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش ھاسىل قىلالماي ، بىر تاغار ئازابنى يۈدىگەن پېتى ئۇنىڭ بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ئايرىلىشنىڭ  ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى تەسۋىرلىگۈسىز زور بولدى. قاتتىق زەربە يەپ يۈرىكى پارە-پارە بولغان ئىززەت،ۋاستە تاللىماي ئۆز كۆڭلىنى خۇشال قىلىشقا ئۇرۇنىدى.بىرلا ۋاقىتتا بەش،ئالتە ئادەم بىلەن ئالاقە باغلاپ، بىردەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسە بىردەم بۇنىڭ بىلەن كەلسە-كەلمەس،بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىپ يۈردى.ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىدا ھامان ھېلقى ئىككى قەدىناسى ھەمدەم ئېدى.   مېنىڭ ئۇ ئىھتىيات قىلىشلىرىم خۇددى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ دەرۋازىسىدەك بىر تېپىككە پايلىماي قويدى.  ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپ بولۇپ كېتەي دېسەم ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ يولۇمنى توسىدى. مەن بارا-بارا بۇلارغىمۇ كۆنۈپ،كۆڭلۈمدە  ئۇنى ھامان بىر كۈنى ئەل قىلىپ سىزغان سىزىقىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھامان گەپلىرىمگە كۆندۈرۈپ ئىتقادىنى چىڭىتىمەن ، ئۇنىڭدىكى مۇشۇ كەمچىللىك تولۇقلانسا چوقۇم تېپلىغۇسىز ئىسىل ئەر بولىدۇ. شۇڭا ھازىرچە بۇ قۇربانلىقلاردىن باش تارىتماي تۇراي دەپ ئويلايدىغان، ئۆزۈمنىڭ  دېگىنىمگە ئەمەل قىلالماي تۇتامى يوق ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىمدىن خىجىللىق ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىمدا ئىززەتلەرگە ۋە ئەتراپىمدىكى باشقا قىزلارغا قاراپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم. ئەمما گۈدەكلەرچە خىياللارنى قىلىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ مەن تاش سانغىچە قۇم سانايدىغانلىقىنى ئويلىيالمىغاچقا  قاتتىق ئېزشقا باشلىغانىلىقىمنى تەسەۋۇر قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم........
   ئۇ رومىلىم ئارسىدىن توزۇپ چىققان جانلىق ھەم قارا چاچىلىرىمغا ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كېتەتتى. ئاخشاملىرى كۆرۈشكەن بەزى ۋاقىتلاردا شامالدا بېشىمدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ قالاي دېگەن  ياغلىقىمنى ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى تاراپ ئوينايىتتى ھەم:
    - كەلگۈسىدە بالىمىز سزگە ئوخشىسۇن، سىزدەك چىرايلىق ھەم چاچلىق بولسۇن دەيىتتى.
يۈزلىرىم شەلپەردەك قىزارغان مەن «قېلىن !» دېگنىمچە ئۇنىڭ كەڭ كۆكرەكلىرىنى مۇشىتلايتىم. ئۇ  قوللىرىمنى تۇتىۋېلىپ مېنى باغرىغا باساتتى. مەن خۇددى تىكەن قۇچاقلىۋالغاندەك شۇنچىلىك بىئارام بولۇپ تۇرساممۇ ، ئەمما ئۆز نېشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىشىمنى چىشلەپ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم.
  مەن كۈتكەن پەيىت ئاخىر يېتىپ كەلدى. مەن بىر قىز ساۋاقدېشىم بىلەن ھەپتىنىڭ بەشى غەربى كىچىك كۆل جامىئەسىگە بېرىپ جۈمەلىك ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاشقا قاتناشقاندىن كېيىن ، شۇ يەردىكى تۇڭگان بازىرىدىن  ئاي ئاخىرى بولۇپ مالىيەرىمدىن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ قېلىۋاتاتقىنىغا قارىماي خېلى كۆپ پۇل سەرىپ قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ ئۆزى كۆركەم، خەتلىرى ئېنىق، يۇغان بىر ئەرەپچە مۇقەددەس كىتاپنى سېتىۋالدىم.   «يالاڭتۆشكە مىڭ پۇتلاش.»دېگەندەك ، بىر نەچچە كۈن قورسىقىمنى گولداپ تۇرۇش ئۈچۈن ھېلقى ساۋاقدېشىمدىن ئارىيەت ئالغان يۈز يۈەن پۇلنى شۇ جايدىلا ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويدۇم.
   قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن چىرايلىق ئوراپ ، ئورىقى ئىچىگە مۇنداق مەزمۇندا بىر پارچە خەت سېلىپ قويدۇم:
        « قەدىرلىكىم، ئانىڭىزنىڭ سىزنى دۇنياغا كەلتۈرگەن كۈنىگە قۇتلۇق بولسۇن! سىزگە ۋە شۇ قەدىردانىڭىزغا  سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!  نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر سوۋغىنى تەييارلىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى دېمىسەممۇ ئاۋۇ ئەقىللىق خاشۇ كاللىڭىز ھېس قىلىپ  بولدىغۇ دەيمەن؟! بۇنىڭغا مېنىڭ  نەچچە ۋاققىتتىن بېرى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىم ۋە سىزدىن كۈتىدىغان بىردىنبىر  زور ئۈمىدىم مۇجەسسەملەنگەن. سىزدىن كۆڭلۈمدىكىنى چۈشىنىپ ئۈمۈدۈمنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى كۈتىمەن.
                                     - سىزنى چىڭ قۇچاقلاپ مەھبۇبىڭىزدىن.  »
  مەن خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ رازىمەنلىك بىلەن ئورالمىنىڭ ئىچىگە جايلاشتۇردۇم. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان كۈنى مەن نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئېلىپ تەخلەپ قويغان يېڭى كېيىملىرىنى كىيىپ، يېڭى رومىلىمنى ئارتىپ،ئۆزۈمنى چىرايلىق ياساپ ئۇچىرشىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇردۇم. ئۇ ئەتىگەندە بىر قانچە ئاسپارانىت دوستى بىلەن ئولتۇرۇش قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مېنى چاقىردى. مەن ئۇ ئېيتىپ بەرگەن يەرگە چىقىۋىدىم ئۇنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ياندىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ ئايلانغاچ تۇردۇم. كۆپ ئۆتمەيلا ئۇ تېلىفۇن قىلدى ۋە مېنىڭ ۋاقتىدا چىقماي ساقلاتقىنىمدىن خاپا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا ئۇ جايغا چىقتىم ئەمما ئۇ يەنىلا يوق ئىدى. مەن ئاچچىغىمدا ئۇنىڭغا قايتا تېلىفۇن ئۇردۇم. تېلىفۇن يېقىنلا يەردە سايرىغان بولسىمۇ شۇنچە كۆپ خەنزۇ يولداشلار ئارسىدىن مەن ئۇنى پەقەت ئىلغا قىلالمىدىم. تۇساتتىن بىر قول مۈرەمنى تۇتتى. بۇ ئۇ ئېدى. مەن ئۇنى خەنزۇغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن تونۇيالمىغانلىقىمنى سۆزلەپ ئۇنى قاتتىق جىلە قىلدىم. ئۇ مېنى :"تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز، مەن ئۈچۈن ئەجىر قىلغىنىڭزغا رەھمەت گۈلۈم !"دەپ ماختاپ كۆڭلۈمنى بۆلەكچىلا كۆتۈرىۋەتتى.

ئۇ كۈنى بىز مېنىڭ تەلەپ قىلىشىمغا ئاساسەن خۇاڭخى پىلى موزىيىغا ئوينىغىلى باردۇق. ئۇ تەرەپلەرگە ئۇيغۇرلار ئاز بارسا كېرەك، ئۇيەردىكى كىشىلەر ماڭا خۇددى غەلىتە مەخلۇققا قارىغاندەك ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىشىپ كەتتى. ئۇ :« ماڭا ھېچكىم قارىمىدى، ئەمما سىزگە خۇددى يۈسۈپكە قارىغاندەك ھەممىسى قاراپ كەتتى.» دەپ مېنى كۈلدۈرۋەتتى. چۈشتىن بۇرۇن موزىينى زىيارەت قىلدۇق، چۈشتىن كىيىن بىز  قويۇق دەرەخزارلىقلاردا يۇمران چىملارنىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياغ بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق. مەن بۇ كۈنى ئۇنى تۇنجى قېتىم، خىرمان ھالدا مىھىر بىلەن قۇچاقلىدىم. ئاخشىمى  بىز  خۇشال ھالدا مەكتەپكە قايىتتۇق. مەن تەييارلىغان سوۋغىتىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ،خۇددى بىر ئېغىر ۋەزىپىنى تاماملىغاندەك شۇنچىلىك يېنىكلەپ قالدىم. قەلبىمدە بۇ پىلانىمنىڭ چوقۇم ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا ۋە كەلگۈسۈمگە بولغان ئىشەنىچ پارلاپ، ۋۇجۇدۇمغا لەززەتلىك بىرخىل سېزىم تارىدى. ھاياجانلانغانىمدىن  ئۆزۈمچە  ئۇنىڭ ماڭا قايتۇردىغان  جاۋابىنى خىيال قىلىپ كەتتىم..................
  ئىززەتنىڭ ھېلقى ئىككى دوستىنى تۇيۇقسىزلا ھىجابلىنىپ پەيدا بولۇشى ۋە چۆگۈن كۆتۈرىشىپ تەرەت ئېلىپ يۈرۈشلىرى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۇلار ئاشۇ ئۇزۇن كىيىملىرى ۋە ھىجابىنىڭ ئىچىگە ئۆزلىكىگە قايتىۋاتقان دىيانەت نۇرلىرىنى يوشۇرماقچى بولدىمۇ  ياكى  شۇ ئارقىلىق ئىلگىرى قىلغان پەسلىكلىرىنى يوشۇرماقچى بولدىمۇ ، ۋە ياكى بۇنى قۇرال قىلپ تۇرۇپ يەنە قانداقتۇر بىر رەزىللىكنىڭ يېڭى پلانىنى يوشۇرماقچى بولدىمۇ ، ئىشقىلىپ بۇ ئىش مەندە ناھايتى كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى.
زاھىرنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن خۇدۇمنى يوقاتقان مەن ،سەكرەپ-تاقلىغىنىمچە ياتاق بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ نەچچىنى ۋارقىرۋەتتىم. قىلغان ئەجىرىمنىڭ يوققا چىقمىغانلىقىدىن شۇ قەدەر سۆيۈنگەنلىكىمدىن ئىكراندىكى خەتلەرنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيۈپ كەتتىم. يۈرۈكۈم ھاياجاندىن تىپچەكلىمەكتە، ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازدا قىلغان شۇ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا-قايتا ياڭرىماڭتا ئىدى:

    «- رەببىمنىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ گۈزەل،ئەڭ كاتتا ،ئەڭ سۆيۈملۈك ھەدىيەسى، ئەزىزىم، دىل ئارامىم،ئۇماق بەختىگۈلۈم،  راستىمنى دېسەم سىز بۈگۈن مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردىڭىز. سوۋغىڭىزنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى بىلەمسىز؟ ئەگەر شۇ دەملەردە يېنىمدا بولسىڭىز ئېدىڭىز ، سىزنى كۆتۈرۈپ نەچچىنى ئايلاندۇرىۋەتكەن، سىزنى مەھكەم قۇچاقلىغنىمچە باغرىمغا سىڭدۈرىۋەتكەن بولارئىدىم. ئەپسۇس........ شۇ تاپتا  سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. توغرىسى قۇرۇق رەھمەت بىلەن ئەجرىڭىزگە جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. شۇڭا مەن ھازىر سىزگە ئارتۇق رەھمەت دېمەي،رەھمىتىمنى ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق بىلدۈرۈشنى ۋە يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتىم. بۈگۈن مەن ياراتقۇچۇمنىڭ مېنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەنەبىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.چۈنكى ئۇ ماڭا ئادەتتىكىچە بىر قىزنى ئەمەس،ئۆزى چىچەن، ئەقىللىق ، دىيانەتلىك، پەرىشتە خۇلىقلىق بىر ئېسىل قىزنى ئۇچراشتۇرۇپتۇ .بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ خۇددى دادامنىڭ  ئېيىتقىندەك كېيىنچە مېنىڭ مۇۋەپىقەتچى ئەرلەردىن بولىدىغىنىمنى،يەنى ھەقىقى بىر قىز ،ھەقىقى بىر ئايالغا ئېرىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدىغىنىمنى بىلدۈرىدۇ. مېنىڭ بۈگۈن قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى سىز ھەرگىزمۇ تەسەۋۇر قىلالمايسىز.  مەن  ماڭا قىلىنغان بۇ ئىسىل ھەدىيەنى قەدىرلەشكە ،  چوقۇم كۆز قارچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا ۋەدە بېرىمەن. ھەم سىزنىڭ بۇ ھەدىيەرىڭىزنىمۇ سۆيۈپ ئوقىغاندىن باشقا،سىز كۈتكەندەك  ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن. ئەڭ ئاخردا سىزگە دەيدىغىنىم يەنىلا شۇ رەھمەت سىزگە !
ئۇ كۈنى  قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىمدىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم.خىيالىمدا بىرلا ئۇ، تەسەۋۇرۇمدا پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان  شىرىن مېنۇتلار،كەلگۈسى بەخىتلىك تۇرمۇشىمىز قاناتلانماقتا ئېدى.  خىيال بىلەن بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەن مەن ئەتگىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ، ئۆزۈم ياقتۇردىغان پەدىلەرگە غىڭشىغىنىمچە دەرىسكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشتىن ئەجەپلەنگەن ياتاقداشلىرىم بىر-بىرىگە مەنلىك قارشىۋالغاندىن كېيىن تەڭلا:
  - سىزدە بۈگۈن ئۆزگىرىش ناھايتى چوڭ، ئاخشامدىن بېرى ئۇخلىماي تولا ئۆرىلىپ كارۋاتنى سۇندۇرۇپقويغىلى تاس قالدىڭىز، ئاشۇ مۇز تەلەت چىرايىڭىزدىن تۇيۇقسىزلا تەبەسسۇم بالقىپ قالغىنىدىنقارىغاندا بىرەر خۇشاللىنارلىق ئىش يۈز بەرگىنى چوقۇم. ھە ئايپاتەم خېنىم، دېسەم دېمىسەم ئاخشام ئەيساجان بىلەن چىشلىشىپ كىردىڭىزغۇ دەيمەن؟ ۋەيىىىىىىىىىىىىىىىىىىىت.........كۈتمىگەن بىر سۇئالغا ئۇچرىغان مەن دەسلىپىدە بىر ئاز ھودۇققان بولساممۇ چاندۇرماستىن:
-يوق گەپنى قىلىشمىغىنە ۋاي، چىشلىشىدىغان ئىت بولمىساق يا بىز، تازىمۇبىر! - دېدىم.ياتاقداشلىرىم :
      - پاھ..........ماگەپ تازا كەلدى ئەمما .- دېيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كۈلدۈم.

  مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ يېقىملىق مۇھەببەت سىمفونىيەرىمىز ياڭراشقا باشلىدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن  بارا-بارا ماڭا ھەممىلا نەرسە شۇنچىلىك يېڭى تۇيۇلىدىغان،ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسى شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك بىلنىدىغان ، مەكتەپنىڭ قىرتاق تاماقلىرى شۇنداق تېتىيدىغان ھەم يىسەم-يىسەم يىگۈم كېلىۋىرىدىغان، لەنجۇنىڭ قوتور كوچىللىرىمۇ شۇنچىلىك يېقىشلىق كۆرىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. مەن شۇندىلا ئىززەتنىڭ «مۇھەببەتسىز تۇرمۇش سەيسالمىغان لەغمەنگە ئوخشايدۇ.» دېگەن گېپىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم. بىز بىرنەچچە ئاينى تولىمۇ  كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق. مەن ئىچىمدە ئاللاھنىڭ مېنى ئۇنىڭدەك بىرى  بىلەن ئۇچراشتۇرغىغىنىغا مىڭلاپ ھەمدۇ-سانالارنى ئېيىتتىم.
  ئىززەتنىڭ سىرت بىلەن بولغان باردى-كەلدىسىنىڭ قويۇقلىششىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدا روشەن  ئۆزگىرىشلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ياتاققا قايتىدىغان كۈنلىرى كۆرىنەرلىك كېمەيدى. بارا-بارا سىرىتقا چىققاندا ئېلۋالدىغان سومكىسى چوڭىيىپ خۇددى ئېرىدىن يامانلاپ قالغان چوكاننىڭ بوغچىسىدەك پومپىيىشقا باشلىدى. زاھىرنىڭ :«كېچىلىك مۇلازىمەتكە ماڭغان قىزلارنىڭ سومكىسى ئاشۇنداق بولىدۇ .» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغىنىمدا ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولۇپ كەتتى. ئەمما ،ناۋادا بۇ پەرزىم خاتا بولۇپ قالسا ئۇنىڭدىن تىل ئىشتىپ دەككەمنى يېيىشتىن قورىققىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا چىش يېرىپ بىرنىمە دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقان گىرىم بويۇملىرى ۋە كېيىۋاتقان كېيىم-كېچەكلىرىنىڭ سەرخىللىششىغا ئەگىشىپ بۇ ئىشقا بولغان  گۇمانىم تېخىمۇ ئاشتى. كۆڭۈل يېرىمچىلىقىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
زاھىر بىلەن شۇنچە ئەپ ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە تاسادىبىيلا ئىززەتنىڭ ئاغزىدىن غەيرى بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ زاھىرنى بىر دوستى بىلەن سىلاقخانا (مو با) دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەكلى ئۆزگەرگەن جىنسىي مۇلازىمەتخانادا كۆرگەنلىكىنى ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ھەزەر ئەيلىشىم ، بولسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ بولۇپ كېتىشىمنى ،بولمىسا مېنىمۇ بۇزىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. كاللامدا زاھىر ئەمەس، ئىززەت ئۇنداق يەرلەردە نېمىش قىلىپ يۈرىدىغاندۇ دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. بارا-بارا زاھىرنىڭ گېپى راسىتتەك بىلىنىپ ئۇنىڭدىن يىرگىنىشكە ، نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ:«بەزمىخانىغا كېتىۋاتقان چېغىمدا زاھىرنىڭ سىلاقخانغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.» دېگەن چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ قۇلقىمغا كىرمەي قويدى. زاھىرنىڭ ئىشىدىنمۇ ئۇنىڭ ئىشىغا بەكرەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى.بۇ ئىش يۈرىكىمنى تاتىلاپ ئارام بەرمەيۋاتقان بولسىمۇ  ئەمما بۇنى زاھىردىن قانداق سوراشنى بىلەلمەي شۇنچىلىك ئىچىم پۇشتى. بىر كۈنى خىيال بىلەن ئولتۇرسام ساۋاقدېشىم  نۇسرەت:
  -بەختى ئاداش،سىلەرنىڭ ياتاقتىكى ئىززەتچۇ قاراڭ، كېچىسى دا جىيۇ دىيەن(قاۋاقخانا)لەردە دادامدەك،دادامدەك قېرى خەنزۇ لوبەنلەرگە ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىشىپ بىرىپ پۇل تاپىدۇ......دېمەسمۇ بۇ گەپتىن قاتتىق ئەرۋايىم ئۇچقان مەن ئاچچىق بىلەن ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا:
  - بولدى قىلىڭە ۋاي،ئۆزىڭىزمۇ قېلىشقۇسىزغۇ ئاينا ،بولمىغان بولسا نەدىن بىلەتتىڭىز ئۇنىڭ نەدە ،نېمەئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى. خەق بىلەن قالغۇچە ئۆزىڭىزگە بىر ھېزى بولسىڭىز چۇ ئاۋال!- دەپ تاشلىۋىدىم . ئۇ مېنى جالاپتىن-جالاپقا،رەسۋادىن-رەسۋاغا سېلىپ تىللىغىنىچە كېتىپ قالدى. مەن ئىچىمدە ئۆزى قانداق بولسا خەقنى شۇنداق تىللايدۇ دەپ ئۆزۈمنى بەزلىگەن بولساممۇ ، لېكىن بىكارغىلا بىر ساۋاقدېشىمنى ئۆزۈمگە دۈشمەنلەشتۈرۋالغىنىمدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. چاتاق يېرى، نۇسرەت سەلخەتەرلىك قىزلاردىن ئېدى. شۇنڭدىن باشلاپ ئۇ ماڭا غۇم ساقلاپ، نەدە كۆرسە غەيۋىتىمنى قىلىپ يۈردى.مەن  ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىر يۈز بەرمەي قويمىدى.
شۇ گەپ بولۇنۇپ نەچچە كۈنىدىن كېيىن ئۇچىرشىشتىن قايىتقان مەن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۇدۇل مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم. زاھىر  ئاپتۇبۇشتىن چۈشۈپلا ئاشپۇزۇلغا قويۇپ قويغان كىتاۋىمىزنى ئالغىلى كەتكەنىدى. ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن مەكتەپكىچە خېلىلا بار بولغاچقا مەن ياتاق تاقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۇنى ساقلىماي مېڭىۋەرگەنىدىم. يېرىم يولغا كەلگەندە تۇيۇقسىز بىر قانچە لۈكچەك خەنزۇ ئالدىمنى توسىۋالدى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئويلىمىغان يەردىن كەينىمدىمۇ بىرقانچىسى تۇراتتى. مەن شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىم ۋە ئىتتىك تىلفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ زاھىرنىڭ نۇمۇرىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. بىراق بۇ ئۇرۇنۇشلىرىم بىكارغا كەتتى. خۇددى خۇرازنىڭ تاجىسىغا ئوخشاش بېشىنىڭ چوققىسىدىلا چاچ قويۇپ قىپقىزىل بويىۋالغان غاز  بويۇن  بىر لۈكچەك تېلفۇنۇمنى شارىتتىدە تارتىۋالدى ۋە يېنىدىكى بىرگە تۇتقۇزدى. ئاندىن ئوڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىڭكىمنى يۆلەپ تۇرۇپ چىرايىمغا قاراپ سەت كۈلىۋىدى ،مەن قاتتىق قورىققىنىمدىن چىرقىراپ يىغلاپ تاشلىدىم. شۇ ئەسنادا قاچانلارىندۇر پەيدا بولغان زاھىر مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلىغان پېتى ئۇلارغا ۋارقىرىدى:
       - زوۋ كەي،(نېرى تۇرۇش!) بىيې پېڭ ۋو دى باۋ بېي لاۋ پو ،(قەدىرلىكىمگە يېقىن كەلگۈچى بولۇشما!) دوۋ گې ۋو تىڭ جې، لاۋ لاۋ  جى جۇ ،يى خوۋزەي چۇ شىيەن ۋو مىيەن چىيەن ،ۋو خۇي راڭ نىمىن جىياۋ يې يې دې.گېي  ۋو گۈن!( ئىسىڭدە چىڭ تۇتۇش ، يەنە  مېنىڭ ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قېلىشىدىغان بولۇشساڭ،ئاتا بوۋاڭنى كۆزۈڭگە كۆرستىۋىتىمەن ئاڭلاشتىڭما؟! يوقىلىش!)
      ئۇ خەنزۇلار سانغاجىق بولغىنى بىلەن ھەممىسى بىر پەشۋاغا يارىمايدىغان چىۋىق بەدەن ،شۈمەك قوڭ بىر نېمىلەر بولغاچقا، مەندەك بىر ئاجىز قىزغا ھەيۋە قىلىشقا يارغىنى بىلەن  بەسىتلىك كەلگەن زاھىرنىڭ سۈرلۈك چىرايىغا قاراپ سەل قورىقتىمۇ تېلفۇنۇمنى يەرگىلاتاشلاپ قويۇپ،دىمىقىنى قېقىشقىنىچە غىڭشىپ كېتىپ قالدى. قورقۇپ كەتكەن مەن ئۇنىڭ سېمىز بەدىنىگە پارازىتتەك چىڭ چاپلاشتىم. ئۇ مېنى بۇۋاق بالىنى كۆتۈرگەندەك دەس كۆتۈرگەن پېتى مەكتەپكە قاراپ ماڭدى.  ئادەملەر شالاڭلىشىپ قالغان كوچىدا زاھىر مېنى كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتقان شۇ دەملەردە مەن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىدىم ھەم ئىززەتنىڭ ئۇنىڭغا «قارا چاپلاپ » دېگەن ھېلقى سۆزلىرىنى كاللامدىن پاك-پاكىز ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم. كېيىن زاھىر تىزلا بۇنىڭ نۇسرەتنىڭ قىلتىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
مەن بەزىدە ئىززەتنىڭ ئىسىل كىيىم –كېچەكلىرى، داڭلىق ماركىلىق تېلفۇنى ۋە يېقىندىلا ئالماشتۇرۇپ ئۈلگۈرگەن قىممەت باھالىق خاتىرە كومپىيوتېرى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئاددى كىيىم –كېچەلىرى، ئىكرانى سۇنۇق تېلفۇنۇم ۋە ئۆزۈم پۇل يىغىپ سېتىۋالغان كومپىيوتېرىمنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنى شۇنچىلىك زەئىپ ھېس قىلاتتىم،ئەمما يەنەساۋاقداشلىرمنىڭ ماڭا ۋە ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە مەندىكى ئىززەتتە تېپىلمايدىغان ئارتۇقچىلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ،ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن نەچچە غېرىچ ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئىززەتنىڭ ئۈستىلى ئۈستىدىكى ھەپتىدە ئالمىشىپ تۇرىدىغان بىر قۇچاق دەستە گۈل شۇنچىلىك زوقۇمنى قوزغايتى. ئەمما ئۇ گۈللەرنىڭ كېلىش مەنبەسى بىزگە بىر سىر ئېدى.
       ئىززەتنى پات-پات يوقلاپ تۇرىدىغان ھېلقى ئىككى چىرايلىق دوستىغا ھىجابى باشقىچە تۈس بېرىپ،ئۇلارنى تېخىمۇ جەلىپكار قىلىۋەتكەنىدى.گەرچە ئۇلارنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ،ئۇلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئورۇنلىقلىشىپ كېتىۋاتقان گەپ-سۆزلىرى، ۋاقتى-ۋاقتىدا تەرەت ئېلىپ كىرىپ كېتىشلىرىدىن شۇنچلىك بىر خىل ئىللىقلىقنى سېزەتتىم ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلغىنىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتىم. ئەمما ئۇلار نېمىشقىكىن تاڭ ئىززەتنى مېڭىۋاتقان يولىدىن توسماي ئەكىسچە ئۇنىڭغا تەدبىر ئۈگىتىپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان سۆزى بىلەن ھەركىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقى مېنى قاتىتىق ئويغا سېلىپ قويدى. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بۇنىڭ تېگىگە يېتىپ بولالمىغان مەن ئاخرى بۇنى زاھىردىن سورىدىم. ئۇ ماڭابىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن:
       -ئەسلىدە بۇئىشلارغا باش قاتۇرۇپ يۈرمىسىڭىز ياخشى بولاتتى. بۇلارنى بىلسىڭىز پەقەتلا كۆڭلىڭىز بۇزىلىدۇ خالاس.ئەمما سورىغانكەنسىز سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى بەرمىسەم بولمايدۇ. ئالدىرمىسىڭىز نەچچە ئايدىن كېيىن ئىزەتنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش  كېيىنىۋالغانلىقىنى كۆرىسىز. نېمىشقا دېسىڭىز ئۇلار بىر يولدىكى ئوخشاش كەسىپتىكى ئادەملەر، بۇنداق كىشلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھامان ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلار ئاشۇ كېيىنىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبىنى ياپقىنى بىلەن،باشقا دۇرۇس نىيەتلىك، قەلبى ئىمان نۇرلىرى بىلەن يۇيۇندۇرۇلغان، پاك  ھېجاپلىق قىزلارغا كۆتۈرگۈسىز ھاقارەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ياراتقۇچى ئادىلدۇر. ئۇ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ياخشى- ياماننى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا  ئۇلار ھامان قىلمىشىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماي قالمايدۇ.
       مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. شۇندىلا بىلدىمكى ، دەسلەپكى گۇمانلىرىم ئۇرۇنسىز ئەمەس ئېدى. ئەمما بۇنىڭغا   نېمىمۇ دېيەلەيمەن دەيسىز؟ ئەقلىم ماڭا پەقەت ئۆزۈمنىلا ياخشى باشقۇرۇش ،ئارتۇق ئىشلارغا باش قاتۇرماسلىق،پۈتۈن زېھنىم بىلەن  كېيىنكى بەخىتلىك تۇرمۇشۇم ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى تەكىتلىمەكتە ئىدى. بىز بەش ياتاقداش ئىززەتنى  بۇ يولدىن قايتۇرۇش توغرىسىداقايتا-قايتا مەسلىھەت ئۆتكۈزدۇق.ئەمما ھەر قېتىم ئىززەت قايتىپ كىرىشى بىلەنلا بۇ پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلىناتتى. چۈنكى ئىززەت ھېلقى ھىجاپلىق دوسلىرىدىن بىزگە ئاشمايتى. شۇڭا بىزنىڭ بۇ پىلانىمىز خېلى بىر ۋاقىتقىچە پىلان پېتى قېلىۋەردى.
       ياز كىرىشىگەئەگىشىپ زاھىر ماڭا كۆپرەك يېقىنچىلىق قىلىپ ئۆزىنى سۈركەيدىغان بولىۋالدى. مەن  ئۇنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلىقلىرىغا يول قويمايتىم. بۇ ۋاقىتلاردا  ئۇ شۇنچىلىك بىچارە ھالەتكە كىرىۋالاتتى  ئۇنىڭ بۇتۇرىقىدىن يۈرىكىم پارا-پارە بولۇپ چىدىغۇسىز دەرجىدە ئاغرىپ تۇرسىمۇ، ئۆز ھەركەت مېزانىمغا پۈتۈنلەي قارشى چىقىشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي ،ئازاپلارغا سەبىر قىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. بەزى ۋاقىتلاردا بىز شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز ھالدا قايتاتتۇق.  ئۇ مېنىڭ كۆينەك كىيىۋېلىشىمنى ياقتۇرمايتى. «كۆينەك كىيسىڭىز يۈسۈپ-زۇلەيخا فېلىمىدىكى مىسىر مۇھاپىزەتچىللىرىگە ئوخشاپ قالىدىكەنسىز جېنىم، ئىشتانلا كىيىڭە بولدى.» دەپ تۇرىۋالاتتى. مەن كۈلۈپ كېتەتتىم. بارا-بارا  مەن ئۇنىڭ يېقىنچىلىقلىرىغا يول قويمىغانسىرى ئۇمەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولىۋالدى. ئەمما ئۇ قاچقانسىرى قەلبىمدىكى ئۇنىڭغابولغان تەلپۈنۈش شۇنچىلىك دولقۇنلاپ مېنى قاتتىق ئازابلىدى.  كېيىنچە ئۇ ئۇچىرىشىشقا كەمدىن- كەم چاقىردىغان،ھەتتا بەزىدە تېلىفۇنلا قىلىپ قويۇپ:
        - ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ كۆرۈشۈپ يۈرمەيلى بولدى. بەرىبىر پايدىسى يوق.پەمىمچە يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولىشى چوقۇم،ھېچقانداق يېڭىلىق يوق. شۇڭا سىزمۇ ئۆگىنىشىڭىزنى قىلىڭ ، مەنمۇ كىتاۋىمنى كۆرۈپ ماقالەمنى يازاي.- دەپ تۇرىۋالاتتى.
        ئۇنىڭ مېنىڭ بۇ ھالەتتە ئۆگۈنۈش قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئەتەي مۇشۇنداق  گەپلەرنى قىلىشلىرىدىن يۈرىكىم تېرىلغۇ يەردەك تىلغانغان،ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈمنى ھەرقانداق نەرسىلەر بىلەن تىندۇرۇشقا ئىلاجىسزقالغان  مەن دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، كۆز ياشلىرىمنى ئختىيارىغا قويماي ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ ئولتۇرىۋالاتتىم. كۆرۈشۈش قېتى مسانىمىز ئازلىغانسىرى مەن ئۆزۈمدىكى بۇ ئىچكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۇنىڭغابىلىندۈرمەسلىككە ئامالسىز قالدىم. بەزىدە تۇرۇپلا: «ئادەم مۇھەببەت قاينىمىغاچۆككەن ۋاقىتلاردا بۇ يۈرەك دېگەن نەرسىنىڭ خۇشال بولىدىغان ۋاقتىدىن ئازاب چېكىدىغان ۋاقتى كۆپ بولىدىكەن.كىشى كىچىككىنە لەززەت ئۈچۈن  ئۇنى  ئازاپ ئوچىقىغا تاشلاپ پۇچىلاشقا رازى بولىدىكەن. ئۇ ئازاپ كۆلىگە بەنىد قىلىنغان نەرسەبولغاندىكىن  ئەلۋەتتە ئۇنىڭ  شۇنچىلىك  تەمسىز، لاۋزا بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن؟! شۇنىڭدىن قارىغاندا ھايۋانلارنىڭ ئازابىمۇ ئىنسانلارنىڭكىدىن قېلىشمىسا كېرەك.» دەپ  ئويلاپ قالاتتىم.  ئۇنىڭ رەھىمسىزلەرچە مېنى دەرىد قايىنىمىغا ئىتتىرىشى نەتىجىسىدە قان-زەرداپقا تولغان يۈرۈكۈم بىلەن ئازاپلىق نەچچە ئايلارنى ئۆتكۈزدۈم. قانچە ئازابلانغانسىرىم ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈم شۇنچە يالقۇنلايتى. بەزىدە كۆزياشلىرىم ئىختىيارىمغا بويسۇنمايتى. بۇ دەرتلەرگە ئىلاجىسىز  قالغانسىرى تۇرۇپلا ئاتاقلىق تۈرىك شائېرى فۇزۇلىنىڭ مۇنۇ شئېرلىرى ئېسىمگە ئالاتتىم:
ساچمائەي كۆز كۆڭلۈمدىكى ئوتلارغا سۇ،
بۇنچە ئوتقا ھەرگىز داۋا بولالماس ئۇ.
  شۇنچىلىك ئازاپلانغىنىمغا قارىماي كۆڭلۈمدە يەنىلا ئۇنى ئاقلايتىم. مېنى ياخشى كۆرمىسە بۇخىل خىياللاردا بولمايتتى، چوپچوڭ بىر ئوغۇل بالىنىڭ  بۇ خىل خىيالدا بولماسلىقى تېخىمۇئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەسمۇ؟! شۇنداق بولغانىكەن  بۇنى بىر نۇرمال ئارزۇ- ھەۋەس دەپ قارىسام دۇرۇس بولىدۇ دەپ ئويلايتىم.  تۇرۇپلا يەنە ئازاپلارغا پايلىيالماستىن  بەزىبىر ئاسىي خىياللارنىمۇ قىلىپ قوياتتىم. ئىچىمدە :« بەرىبىر ئۇنىڭ بولىمەنغۇ، مېنى سۆيسە نىم بوپتۇ. باشقا ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويمىدىغۇ ئاخىر.يەنە كېلىپ ئۇ شۇنچىلىك ئىسىل يىگت تۇرسا . بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلۋەتسەممۇ بولماس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ  ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام، ئىرادەمگە خىلاپلىق قىلمايمەن دەپ جېنىمغا ئىكەك سېلىپ نېمە كەپتۇ. ئىززەتلەرمۇ قىز بالىغۇ.شۇنچە ئىشلارنى قىلىپ شۇنچە گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتمامدۇ. مەن ئۇنىڭدىن جىق ياخشى. چۈنكى مەن يۈرسەم بىرلا ئادەم بىلەن يۈردۈم، نېمىش قىلسام بىرلا ئادەم بىلەن قىلدىم. بۇنچىلىك ئىشلار پەزىلىتىمگە داغ تەككۈزۈپمۇ كەتمەس ئەمدى.» دەپ ئويلىسام ئارقىدىنلا يەنە:«ياق. ئۆزۈڭدەك ياشا بەختى، كاللاڭنى سىلكىۋەت.  ئۇنىڭ تەلىپى بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر تەلىپىنى قاندۇرۇپ مېڭىۋىرىدىغان بولساڭ  ھامان بىر كۈنى  سېنى ھالاكەتكە ئىتتۈرمەي قويمايدۇ. يەنىلا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بولغىنىڭ تۈزۈك. بولمىسا ئاقىۋەتتە ھەممىدىن قۇرۇق قېلىپ تۈشۈك مۇنچاققا ئايلىنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. نېمە بولساڭ بولغىنكى ئىززىتىڭنى يەرگە ئۇرما،قەدرىڭ بىلەن ياشا.» دەپ ئويلاپ زىدىيەتكە تولاتتىم. ئاخىرىدا ئىرادەم ئۈستۈن كېلىپ:« ھېچقىسى يوق دادامنىڭ قىزى،غەيرەتلىك بول. ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنۇتماي پاك ياشا! ئەگەر  مۇشۇنچىلىك ئازاب ئالدىدا يەر بېغىرلاپ ياتىدىغان بولساڭ ساڭا لەنەت.» دەپ ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتىم.تۇيۇقسىز ئۇ تاكتىكىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قاراپ ئارزىگۈلنىڭ:« ئاداش، ئالى مەكتەپتە ئوغۇللار پەقەت ئۆزىنىڭ پەس نەپسى ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىغانلىرى ساناقلىق. ھەرگىزمۇ ئېزىپ يۈرمەيلى.»دېگەن گېپى غىل-پال ئېسىمگە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئىشەنگەنلىكىم،ۋە ئۇنىڭ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ، «سىز ئاللاھنىڭ ماڭا قىلغان چوڭ ئىلتىپاتى، سىزنى مۇشۇنداق قۇچاقلىغان پېتى پوسكامغا ئېلىپ كېتىپ ئۆمۈرۋايەت ئايرىلماي بىللە ياشايمەن. سىزسىز ياشاشقا چىدىمايمەن.»دەپ قەدەمدە بىر توۋلايدىغان مۇشۇ شۇئارى  يۈرىكىمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ سۆزلەر خۇددى چاقماق چاققاندەك كاللامدا يالىت-يۇلىت قىلىپ تىزلا ئۆچتى. ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىشى يۈرىكىمدە ساقايماس يارا پەيداقىلىپ، مېنى يەتكۈچە ئازابلىغان  بولسىمۇ مۇھەببەت ئوتىدا گۈلخان بولۇپ يېنىۋاتقان مەن ،ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن   ئۇنىڭ ئارقىدىن سەۋدايىلارچە ئەگىشىپ مېڭىپ ، ئۇمېنى ئۆزى ئۈچۈن تۇيۇق يولغا مېڭىشقا،تۈۋى يوق ھاڭغا سەكرەشكە دەۋەت قىلغاندىلا، مەن تۆۋەندىكى ھېكايىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم.

3-بۆلەك تۈگىدى

4-يوقىتىش
  «يازنىڭ سالقىن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز بارلىق تۇيغۇلار يىغىلىپ بىرلىكتە مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناشنى مەسلىھەتلىشىپ قاپتۇ. ئارىدىن تەلۋە ئوتتۇرىغا چىقىپ:

      -دوسىتلار،سىلەر مۆكۈڭلار،مەن تاپاي، قانداق ؟-دەپتۇ.ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىسى تەڭلا دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ. ئەڭ ئاۋال مېھىر قوياشنىڭ ئارقىسىغا،ئاندىن كېيىن ھەسەت شوتىنىڭ ئارقىسىغا،خىيانەت غازاڭ ئاستىغا،دوسىتلۇق دەرەخ ئارقىسىغا،جاسارەت ۋولقان ئىچىگە مۆكۈشۈپتۇ. ئەڭ ئاخىردا قالغان سۆيگۈ شۇ ئەسنادا قەيەرگە مۆكۈشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قاپتۇ. تەلۋە ساناق ساناپ.........85............86......دېگىلى تۇرۇپتۇ...سۆيگۈ دەرھال گۈللەر ئىچىگە پۈركىنىپتۇ. تەلۋە ساناق سانىغاچ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ ۋە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا سۆيگۈدىن باشقا ھەممىسىنى تېپىۋاپتۇ. بۇنىڭدىن ئۆرتىنىپ كۆزلىرىگە قىزللىق تىقىلغان ھەسەت چىدىماي  سۆيگۈنىڭ گۈللەر ئارسىغا پۈركىنىۋالغىنىنى دەپ قويۇپتۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەن تەلۋە پىچاقنى قولىغا ئېلىپ گۈللەر ئارىسىغا قالايمىقان تىقىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئەسنادا  كۆزلىرى ئويۇلغان،يۈزلىرى قان سۆيگۈ ناھايتى ئېچىنىشلىق ھالەتتە چىقىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن  ئوڭايسىزلانغان تەلۋە:

-ئەي سۆيگۈ مېنى كەچۈر، بۇ گۇناھىمنى يۇيۇشۇم ئۈچۈن ماڭا بىر پۇرسەت بەرگىن!-دەپتۇ ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا. سۆيگۈ:

-ئەمدى مەن كۆزۈمدىن ئايرىلدىم. ماڭا ياخشى بىر يولباشچى بولساڭ شۇ كۇپايە.-دەپتۇ.

شۇنىڭدىن ئىتبارەن سۆيگۈنىڭ كۆزى كور،ئۆزى تەلۋە ئىكەن .« سۆيگۈنىڭ كۆزى كور سېغىنىشنىڭ تەمى شور دېگەن ئىبارە مانا شۇنىڭدىن قالغانىكەن.»

شۇنداق، سۆيگۈنىڭ كۆزى كور بولغاچقا مەن شۇنداق بىر ئادەم سىياق ھايۋانغا كۆڭۈل بېرىپ قالغان،سۆيگۈ تەلۋە بولغاچقىلا مەن ياتاقداشلىرىمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە توسۇشلىرىغا قارىماي قاراملىق قىلىپ ئۆزۈمنى ئىپلاسلىق پاتقىقىغا غەرىق قىلغىنى تاسلا قالغان.سېغىنىشنىڭ تەمى شور بولغانلىقتىن مەن  سېغىنىشنىڭ ئاچچىق ھەسرەتىگە پايلىيالماي ۋەيرانە بولغان ھالدا ئۇنى ئۆلگۈدەك  سېغىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە  ئىز قالدۇرغان ھەربىر يەرلەردىن ئۇنىڭ ئىزناسىنى ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن.

      گەرچە ئۇنىڭغا چىش – تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولساممۇ،ئەمما بۇ سۆيگۈنى ئىنكار قىلىشقا، ئۇنى ئەسلىمىللىرىمدىن چىقىرىپ تاشلاشقا پەقەتلا قۇربىتىم يەتمەي قويدى. ئاللاھ ياراتقان مۇقەددەس سۆيگۈنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەپرەتلەنگەنسىرى ،ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈم ھەسسىلەپ ئېشىپ مېنى تېگى يوق ئازاپ قۇدۇقىغا تاشلايتى.شۇ دەملەردە مەن شۇنچىلىك چۈشكىنلىشىپ، دەرىسلەردە زېھنىنى يىغالمايدىغان خىيالپەرەس،خامۇش بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتىم. ساۋاقداشلىرىم پەقەت مېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزۈمنىلا كۆرۈپ ئىچىمدىكى دەردلىرىمنى كۆرەلمەيتى.ئەمما ئوقۇتقۇچىللىرىم بۇ دەردىمدىن تولۇق خەۋەردار ئېدى. ئۇلار مېنىڭ مىسكىنلىك قاپلاپ كەتكەن چىرايمغا قاراپلا ھەممىنى چۈشىنىپ يېتىشكەن، ئىچكى دۇنيارىمنى كۆرىۋېلىشقان  ئېدى. ئۇلارنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۈلۈپ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنمدا ئۆزۈمنىڭ ئۇنچىلىك ئەرزىمەس ئادەملەردىن ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلىپ كۆڭلۈم بىر ئاز تەسكىن تاپقاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ  بۇ تەسەللىيلىرى بىلەن ھەسرىتىم ئۈستىگە ھەسرەت  قوشۇلۇپ كۆڭۈل ئاغرىقىم ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتىپ قەلبىم ئاچچىق تۇيغۇلارغا تۇلاتتى.ماڭا بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەر شۇنچە خۇشال،غەمسىز  كۆرۈنۈپ، پەقەت بىر ئۆزۈملا شۇنچىلىك مىسكىن ، بىچارە تۇيۇلاتتى. تۇرۇپلا يەنە ھايات يۈرىشىمنىڭ ھېچقانداق بىر مەنىسى قالمىغاندەك، ئۆزۈمنى خۇددى سويۇپ تاشلىۋىتىلگەن كەمپۈت قەغىزىدەك  ھېس قىلاتتىم. قىسقىسى  بۇ مۇھەببەت مېنى شۇنچىلىك زەئىپلەشتۈرىۋەتكەنىدى. دەرىس ۋاقىتلىرىدا ئۆزۈممۇ بىلمەي چىقىپ كېتىدىغان كۆز ياشلىرىمنى ساۋاقداشلىرىمدىن يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ياغلىقىمنى كۆزۈمگە چۈشۈرۈپ ئولتۇراتتىم.دوسىتلىرىم نېمىشقا بۇنداق قىلدىغىنىمنى سورىسا:

     - ئۇيقۇم كېلىپ بولمامدۇ ئاداش، ياغلىقىمنى مۇشۇنداق قىلىۋېلىپ ئۇخلىسام مۇئەللىم كۆرمەي خاتىرجەم ئۇخلايدىكەنمەن .-دەيتىم چاندۇرماي. ئەمما دەردىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.

دوسىتلىرىم ئالدىدا ئازاپ چېكىۋاتقىنىمنى چاندۇرمىغىنىم بىلەن. قەلبىمدىكى پىغانلار ھەر ۋاقىت چۇقان سېلىپ مېنى ئارامسىزلاندۇرۇپ تۇراتتى. مۇھەببەت مېنى ھالسىزلاندۇرۇپ يىقىتماقچى بولىۋاتاتتى. ئەنە، مەن تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان  تۇڭگان مۇئەللىم  «ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى» دەرسلىكىنى سۆزلىمەكتە. مۇھەببەتلەشتىم دەپ يەتكۈچە زەربە يەپ باغرى لەختە-لەختە قان  بولغان مەن نادان قىزنىڭ خىيالى ئاللىقاياقلاردىدۇر پالاس قېقىپ، ئۆتمۈشتكى ئەسلىمىللىرى قوينىغا شۇڭغۇماقتا ئېدى.......

       مەن ئۇنى خاپا قىلىپ پەيدا قىلغان بىر مەزگىللىك بۇرۇقتۇرمىلىقتىن كېيىن ئارىمىزدا يەنە بىر پەس قىزغىن مۇھەببەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. نېمە تەسىر قىلدىكىن ياكى نېمىنى مەقسەت قىلدىكىن ، ئۇ ماڭا تۇيۇقسىزلا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ھەربىر كىچىك ئىشلارغىچە زىل مۇئامىلە قىلىپ كۆڭلۈمنى قاتتىق ئايىدى. مەن ئۆزۈمچە :«  دەسلىپىدە ئويلىغانلىرىم دۇرۇس،ئويلىغىنىمغا ئوخشاش،  مەن ئۇنى پۈتۈن ۋوجۇدۇم بىلەن سۆيگىنىمدەك،ئۇمۇ  مېنى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدۇ . بۇنسى شۈبھىسىز. ئۇ مېنىڭ قەدرىمنى ئەمدى بىلگەن چېغى. مەن ئەمدى شۇنىڭغا گۇمان قىلماسلىقىم كېرەككى، ئۇ مېنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ئىسىل يىگىتلەردىن. شۇڭا ئۇنى چىڭ تۇتۇشۇم ، قەدىرلىشىم كېرەك.» دەپ ئويلىدىم ۋە بۇ خىيالىمدىن شۇنداق ھوزۇرلىنىپ كەتتىم. دەرۋەقە ئويلىغىنىمغا يارىشا ئۇ مەندىن شۇنداق ياخشى خەۋەر ئالدى، ۋە مېنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقىپ بەردى.  بۇ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، مۇھەببىتىمنى مۇستەھكەملەپ، مېنى ئۇنىڭدىن مىنۇت ئايرىلىشقا قىيالمىغۇدەك دەرجىگە يەتكۈزدى.  بىز ئۇچراشقان ۋاقىتلاردا ئەمدى ئۇ ئەمەس،مەن ۋاقىتنىڭ ئاستىراق ئۆتىشىنى تىلەيدىغان، ياتاققا قايتىدىغان ۋاقىتنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كەينىگە تارتىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.

        ياتاقدېشىم ئىززەت بىلەن نۇسرەت  تۇيقسىزلا ھېجابلىنىپ بىر-بىرى بىلەن يېقىن بولۇشۇپ كېتىشتى . ھەم ھېلقى ئىككى ھىجابلىق قىزغا قوشۇلۇپ تۆت پۇرەك گۈل بولدى. ئۇلار ھەممە جايدا بىللە ئېدى. قىلىدىغان پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشاشلا ئېدى. تۇرۇپلا بىرلا ۋاقىتتا ياتاققا كىرمەي قويۇشاتتى. ئۇلارنىڭ «ئالاھىدە  يىغىلىش»قا چىققاندىكى كېيىمى ئاتقا ھىجاپ بولغىنى بىلەن توز قانىتىدەك شۇنچىلىك جۇلالىق كېيىم كېچەكلەر ئېدى. ئادەتتە كېيىدىغان ھىجابى ۋە باشقا قىزلارنىڭ ئاددى ھېجابىدىن روشەن پەرىقلىنەتتى.  ئۇلار بۇ كەڭ كېيىملىرى بىلەن جىسمىنى ھېجاپلىدىمۇ ياك روھىنى ھېجاپلىدىمۇ ، مەن بۇ ئىشقا ئىزچىل شۇنداق قىزىقسىنىپ كەلدىم ئەمما يېتەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. زاھىرنىڭ جاۋبىدىن قانائەت  تاپقاندەك قىلغان بولساممۇ ئەمما كۆڭلۈمدە يەنىلا بىر تۈگۈن بار ئېدى.

       - ئايدا بىر ئالىدىغان تۆت كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنىمۇ يوقۇلۇپتۇ دە بۇ چىرايلىق خېنىملارنىڭ، ئەمدى بىر مەزگىل خۇدانىڭ كۈنىدە تىجارەت قىلىپ  كىرىمنى ئاشۇرۋالغۇدەكتە.-دەيتتى زاھىر ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ.

مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ نېگىزلىك  مەنىسىنى  ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمەي ئاغزىمنى كاماردەك ئاچقىنىمچە ئۇنىڭغا قارايتىم. ئۇ تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ مۇنداق دەيتى.

- بۇلارنىڭ كېيىملىرىگە قاراپلا نېمىشقا بۇنداق  دېگىنىمنى بىلىۋېلىشىڭىز تەس ئەمەس. قورسىقىدا جىن بولمىسا نېمە قىلىدۇ ئۇ ئەسكى لاتىلارنى ئېغىردىن ئارتۇق يۈدۈپ. بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بۇلار ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدىلا مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىزلار. ئاۋۇ ئىززەت بىلەن ئاكۇلنىڭ باھاسى ا سەل قىممەترەك ، كېچىلىكى  680 كوي . نۇسرەت بىلەن نامازشامگۈل كۇرسى قالمىغان بىرنىمىلەر، كېچىلىكى 150 تارتىپ 300گىچە. ھازىر بۇلارنىڭ ئالاھىدە ۋاقتى بولغاچ دەم ئالماي ئىشلەيدۇ ،چۈشەندىڭىزمۇ؟ دېدىمغۇ، رەسۋاچىلىقىنى ئادالاپ بوپلا تاشلايدۇ يېپىنچىللىرىنى. ئەممازە خۇدايىم ساقلىسۇن بۇ خىل پاسكىنا قىزلاردىن.

ئۇ يەنە پات-پات مۇشۇ توغرىسىدا گەپ ئېچىپ، ئۇسۇل ئىنسىتىتوتىدىكى سېرىق چاچ جالاپ، تېببى ئېنىستىتوتتىكى ئۇزۇن پاچاق جالاپ دەپ بىرقانچە قىزلارنى ساناپ، ئۇلارنىڭ كېچىلىك باھاسى،قايسى ۋاقىتلاردا قايسى خىل تىپتىكى كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپبېرەتتى. ھەم ماڭا غەيرى گەپلەرنى قىلىپ  قوياتتى.

-بىزمۇ باشقا مۇھەببەتلەردەك توختاملىشىۋېلىپ،ئۆزىمىزگە چەك قويماي خالىغان  يېقىنچىلىقلارنى قىلىشىپ يۈرسەك تېخىمۇ ئوبدان بولمامدۇ ياشلىقىمىزنى تۇز سالمىغان ئاشتەك بەتتام ئۆتكۈزگىچە؟!- دەيتى ئۇ كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ تۇرۇپ.بۇ گەپلەردىن تۇرۇپلا زاھىرغا بولغان گۇمانىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ مەن كۆرسەتكەن يولدا مېڭىۋاتقانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم سۇسلايتى. ئىززەتنىڭ ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىشىمنى تاپىلاپ قىلغان گەپلىرىنى ئەسكە ئېلىپ چۈچۈيتىم.ئەمما  يەنە تۇرۇپلا ئۇنى ئاقلايتىم. بەلكىم ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىلىدىغان ئىشلىرى كۆپتۇ ، بىلدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ يۈرمەيدىغاندۇ .ەمدى.دەپ ئويلايتىم. كۈتمىگەن يەردىن  ئۇ ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشتى:

      - نېمىشقىمۇ ئانچە-مۇنچە بۇزۇقچىلىقنى ئۆگىنىپ قويمىغان بولغىيتىم.-دېدى ئۇ قىلماقچى بولغان يېقىنچىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي خاپا بولغان ھالدا. -ئۇنداق بولغىنىدا ئۆزۈمنى بۇنچىلىكمۇ قىيناپ يۈرمەس ئېدىم. ئوغۇللارنېمىشقا شاپاقچى قىزلارغا ئامراق كېلىدۇ بىلەمسىز؟

       - بەلكىم ئۇلار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نايناقلاشقا، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى  ئۇتۇشقا ماھىر كېلىدىغاندۇ. دېدىم مەن مەيۈس  ھالدا.

      - دەل شۇنداق، سىز نېمىشقا مېنىڭ ھالىمغا يېتەي دېمەيسىز، نېمىشقا مېنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ خۇشال قىلىشنى ئويلىمايسىز دەيمەن؟

       -سىزنىڭچە قانداق قىلىپ بەرسەم بولار سىزگە؟

      - ماڭا ماقۇل بولۇڭ، سىزگە ھەرگىز ئاسيلىق قىلمايمەن. قەسەم قىلىپ بېرەي، قۇرئان تۇتۇپ بېرەي.

      - قايسى تەلىپىڭىزگە ماقۇل بولىمەن؟ سىزگە دەپ قوياي مەن قۇربىتىم يېتىدىغانلىكى تەلىپىڭىزگە ماقۇل بولۇپ بولدۇم. بۇندىن كېيىنكى تەلەپلىرىڭىزنى قاندۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. سىزگە بېرىدىغان جاۋابىم  ۋە پەقەت پەقەت  ياق! نېمىلا تۇتۇپ بەرگىنىڭىز بىلەنمۇ ئىشنەلمەيمەن مەن سىزگە .

      - ئەمسە نوم تۇتۇپ بېرەي ماقۇلمۇ؟ ئىنجىل تۇتۇپ بېرەمتىم يا؟ -ھى ھى ھى...-ھېجايدى ئۇ.

     - ئاغزىڭىزغا ئۇرۇڭ، نېمە كۇپۇر گەپلەر ئۇ. مۇقەددەس كىتاۋىمىزنى ئاشۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سېلىشتۇرىۋاتامسىز؟ بۇ سۆزلىرىڭىز پەزىلىتىڭىزدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى جۇمۇ مېنى. قارىغاندا مەن تاپلىغان ئىشلارنىمۇ قىلماي يۈرىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟- دېدىم غەيرەتكە كېلىپ.

       - ھازىر ناز قىلىپ تۇمشۇقىڭىزنى ئۇچلاپ ئولتۇرغىنىڭىز بىلەنچۇ،ئۆتنە ئالەم بۇ. توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىزگە كەينىمنىلا قىلىپ يۈرۈپ سىزنى يەتكۈچە ئازاپلىمىسام ھېساپ ئەمەس. شۇ چاغدا يېتىسىز مېنىڭ ھالىمغا.

      -نىمانداق گەپ قىلىدىغاندۇ ماۋۇ داپيۈز؟!-دەپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە مۇشىتلىدىم مەن خىجىل بولغان ھالدا .

     شۇنداق قىلىپ ئۇ چاندۇرماستىن بۇ گەپلىرىنى چاقچاققا چىقىرىپ تۈگەتتى. ئەمما بۇ گەپلەر سۆيگۈ يالقۇنلاۋاتقان قەلبىمگە ناپاك نەرسىلەر بىلەن بىرنى جىجىلاپ، قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمان ھېسلىرىنى قوزغاپ ئۆتۈپ كەتتى. كىيىنچە ئۇ مېنى پات-پاتلا  كىچىسى سىرىتقا چىقىشقا دەۋەت قىلدىغان بولىۋالدى. مەن بۇنى كەسكىن رەت قىلدىم. ئۇ:

       - سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز تېخى! ھەممىسى قۇرۇق گەپ ، ئۆزىڭىز ئىشەنمەيدىغان بىرىنى ياخشى كۆرىشىڭىز مۇمكىنمۇ؟مېنى ئالداپلا كېلىۋاتىسىز ھەم  ماڭا پەقەتلا ئىشەنمەيسىز سىز. سىزگە شۇنداق دىيەلەيمەنكى: كېچىدە مەن بىلەن سىرىتقا چىقسىڭىز  سىزگە قەتئىي يامان نېيەتلەردە بولمايمەن.ھەتتا يەتتە قات  ئىشتان كىيىپ بېلىمنى چىڭ باغلاپ چىقالايمەن مەن. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز يوقمۇ يا؟-دەيتتى.

       ئۇ مۇشۇخىل  گەپلەرنى قىلىۋەرگەنسىرى  مەن خېلى يۇمشاپ قالدىم . ئەمما ئۇ پىتىر ناندەك خېمىغا يېنىپ دەرھال قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالدى.

   - ماقۇل، تۇنجى مۇھەببىتىم بولغانلىقىڭىزنىڭ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنڭ يۈزسىدىن بولسىمۇ  سىز بىلەن بىللە چىقاي. –دېدىم مەن ئاخىر چىداپ بولالماي. مەن ئۆزۈمگە ئىشەنىچ قىلالايمەن. ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنىچ قىلالامسىز؟ ماڭا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەي ئەكىلىپ قويۇشقا ۋەدە بېرلەمسىز؟

       - نېمىگەپ بۇ. ئەر-خۇتۇن بولۇشقا پۈتۈشكەن ئادەملەرغۇ بىز....

      -شۇنداق بولسا نېم بوپتۇ؟ تولا گەپنى ئەگىتمەي نەخ گەپنى قىلىڭ.

      - ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەيمەن ھەم سىزگە ۋەدىمۇ بېرەلمەيمەن.مەن ھېسىياتسىز چالما ئەمەس....

     - ئەمىسە مومىڭىزنى غاجاڭ. خوش!

      تېلىفۇننى ئېتىپ تاشلاپ چىڭغىز ئايتىماتوفنىڭ «يەر ئانا» ناملىق كىتاۋىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئوقىۋاتمەنيۇ، ئەمما نېمىنى ئوقىۋاتقىنىمنى بىلمەيۋاتىمەن ....... بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە تېلىفۇن قىلىش ئۈچۈن تېلفۇنۇمنى ئاچتىم . شۇ ھامان ئۇنىڭدىن تېلىفۇن كېلىۋىدى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يەنە ئۇنىڭ بىلەن ياخشىلىشىپ قالدىم. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا  شۇنداق ئاچچىغىم كېلەتتى. ھېلىقى تەلىپىنى تېخى ئىددىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەي يۈرىۋاتسام  ھەددىدىن ئاشقان بۇ يېڭى تەلىپى مېنى قورقىتىپ ھەم غەزىپىمنى قوزغاپ قويغانىدى. ئەمما دەماللىققا ئۈزىل-كېسىل بىر تەرەپ بولۇپ كېتىشكە بەرداشلىق بېرەلمىدىم. شۇڭا ئۇنىڭغا ئەمدى قاتتىق قول بولۇشنى، كۆپرەك ئىھتىيات بىلەن يۈرۈپ،مۇناسىۋىتىمنى ساقلاپ قېلىشنىشنى  توغرا تاپتىم.

     ئۇ خۇددى تۈلكىدەك ھىيلە-مىكىرى كۆپ ئادەم بولغاچقا  ئۇنى زادىلا چۈشىنىپ بولالمىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھېلقى گەپلەرنى قايتا ئاغزىغا ئالماي ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەررەك  سىلىق مۇئامىلە قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىغا دەز كەتكەن بولغاچقا ئۇنى بۇرۇنقىدەك كۆرۈپ كېتەلمىدىم. مەن  قەلبىمنى بىر ئۇنىڭغىلا مەنسۈپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بىز بىرنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقىتتىكىدەك ئېسىل ھالەتكە قايتىشىنى، مېنى ئەمدى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكنى، ھەرگىزمۇ چاكىنا ھەۋەسلەردە بولماسلىقنى  ئۆتۈندۈم. ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۋىدى قەلبىمنى تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل خاتىرجەملىك ئېگىلىدى. ئەمما بۇ خاتىرجەملىك ئۇزاق داۋاملىشالماي قالدى.

    كاللامدا لىققىدە خىيال.مېڭىۋاتىمەن،مېڭىۋاتىمەن. خىيالىمدا زاھىرنى ،بىزنىڭ كىينىكى تەرەققىياتىمىزنى ،ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىمىزنى ئويلاۋاتىمەن.......شۇ تاپتا ماڭا  ئەينى ۋاقىتتا ئۇ سۈرەتتەك ئېنىق قىلىپ سىزىپ بەرگەن كەلگۈسىمىزنىڭ چىرتىيوزى مانا ئەمدىلىكتە بۇزۇلۇپ كەتكەن كىنو لىنتىسدىكى كۆرۈنۈشلەرگە  ئوخشاش شۇنچىلىك خىرە ھەم پۈچەك تۇيۇلىۋاتاتتى.  خىيال بىلەن مېڭىپ تىزلا بىز ئۇچراشماقچى بولغان دوقمۇشقا كېلىپ قالدىم. ئۇ تېخى كەلمىگەنىدى. كۆڭلۈم شۇھامان تەسۋىرلىگۈسىز غەشلىككە تولدى.چۈنكى ئۇ كۆرۈشۈشلەرگە چىققاندا ئەزەلدىن مەندىن كىيىن قالمايتى. ياندىكى باللار باغچىسىغا  قاراپ بالىلىقتىكى شۇ غەمسىز،خۇشال ۋاقىتلىرىمنى،مۇھەببەتلىشىشتىن ئىلگىركى كۆل سۈيىدەك شاۋقۇنسىز، تىنىچ تۇرمۇشۇمنى ئويلاپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. بارا-بارا ئۇنى ساقلاش ماڭا بىرخىل ھاقارەتتەك تۇيۇلۇپ ئىچىم قاتتىق تىتلداپ كەتتى. ئەمما كىرىپ كىتەي دېسەم  پۇتلىرىم ئىختىيارىغا بويسۇنماي قويدى. خېلىدىن  كىيىن  ئۇ تېلفۇن سۆزلەشكەن پېتى يېتىپ كەلدى ۋە ماڭا ئىپادىسىزلا قاراپ قويۇپ يا ئالدىغا يا كەينىگە ماڭماي تېلفۇندىكى پارىڭىنى داۋاملاشتۇردى  . ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا قاتتىق ھار كېلىپ  كەينىمگە بۇرۇلۇپ ياتاق تەرەپكە مېڭىۋىدىم، كۈچۈك بىر قول بىلىكىمدىن قاماللاپ تۇتتى ۋە مېنى ئۆزىگە قارىتىپ ئالقىنى بىلەن مەڭزىمدىكى ياشلارنى سۈرىتتى......

    بىز يېرىم يولغا كەلگەندە قالغان مۇساپىنى پىيادە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدۇق. ئارىمىزدا بايىقى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. بىز بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن. مۇشۇ كۈنلەردە مەن بەك سەزگۈرلىشىپ،دىلىم نازۇكلىشىپ كەتتىممۇ ياكى ئۇ بەكرەك ئاشۇرۋىتىپ بارامدۇ،ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن تىزلا رەنجىپ قالىدىغان، كۆزلىرىمدىن ئاسانلا ياش قۇيۇلىدىغان بولۇپ قېلۋاتاتتىم. يولىنى كىسىپ ئۆتىدىغان يەرگە كەلگەندە ئۇ مېنى ئەركىلەتكەن پېتى ئۆزىنىڭ دالدىسغا ئۆتكۈزدى ۋە قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ ماڭدى.

         - بىرەر كىلىشمەسلىك بولسا ئاۋال ماڭا بولسۇن.سىزگە قىلچىلىك زەرەر يەتمىسۇن، سىز ماڭقامنىڭ قىينالغىنى كۆرسەم قانداق چىدايمەن مەن.ھى...ھى...ھى......

ياشلانغان كۆزلىرىمنى تىكىپ  تۇرۇپ:« ئۇ بۇ گەپلەرنى راستىنلا چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلىۋاتامدىغاندۇ، ماڭا ھەقىقەتەن شۇنچىلىك كۈيەمدىغاندۇ، ئەمسە نېمە ئۈچۈن مەن باشلىغان يولدا مېڭىشنى، مەن كۆرسەتكەن ئەقىل بويىچە ئىش قىلىشنى خالىمايدىغاندۇ؟ ئۇ مېنىڭ قىينىلىشمغا چىدىمايدىكەنيۇ ئەجىبا يۈرىكىمنىڭ ئۇ پەيدا قىلغان ئۈمىدسىزلىك تۈپەيلىدىن قانچىلىك ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى ، قانچىلىك قىينىلىۋاتقىنى پەقەتلا ھىس قىلمايۋاتامدىغاندۇ؟ ئەي خۇدا.......... ئۇنىڭ شۇنچە ئىشلارغا ئىشلىگەن ئاشۇ چىچەن كاللىسى، ئۆتكۈر ئەقلى نېمىشقا مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمايدىغاندۇ؟ نېمىشقا توغرا يولدا ماڭاي دېمەي، ئەگىرى-بۈگىرى، ئاخىرى خەتەرلىك يوللارنى تاللىۋالىدىغاندۇ؟ » دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.  بىز غەربى-شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆسۈملۈك باغچىغا كىرىپ راۋاق ئاستىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا جايلاشتۇق. ئالدىمىزدىكى فونتاندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئاجىز سۇ بىلەن شىۋىرلاپ يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇر بىرلىشىپ ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.سوغوق ھاۋادا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان مەن نۇرغۇن ئىككىلىنىش ۋە ئىزتىراپلار ئىلكىدە  ئاستا ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىم......

          بىز ئاشۇنداق ھالەتتە خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇق. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ جىمجتقىنە ئولتۇرتتى. مەن بۇ تەرەپلەردە ھاۋانىڭ بۇنداق سوۋۇپ كېتىغانلىقىنى بىلمىگەچ تولىمۇ يېلىڭ كىيىنۋالغاچقا،كەچنىڭ سوغوق شامىلىدا گەپ قىلىشقىمۇ خوش ياقماي ئۇنىڭغا مەھكەم يېپىشقىنىمچە جىم ئولتۇردۇم. بىر ۋاقىتتا قايتايلى دەپ تۇرسام ئۇ قولۇمدىن چىڭ تۇتىۋېلىپ پەقەتلا ماڭغۇزمىدى:

         - بۈگۈن كىچە قايىتپ كەتمەڭ، ماڭا ھەمراھ بولۇڭ جېنىم ماقۇلمۇ؟ سىزگە پەقەتلا قانمىدىم. مېنى ئۈمىسىزلەندۈرمەڭ،خاپا قىلماڭ، سىز بىلەن مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. بولامدۇ؟

        مەن ئاستا تېلفۇنۇمغا قارىدىم. سائەت ئوندىن ئاشقانىدى. ئۆسۈملۈك باغچىسى بىلەن  مەكتىۋىمىزنىڭ ئارلىقى خېلى يىراق ئىدى.شۇڭا  مەن ئاقكۈڭۈللۈك بىلەن  ئۆز كۆڭلۈمدە:« ھازىر ماڭساممۇ بەرىبىر ياتاققا ئۈلگۈرۈپ بېرىپ بولالماي،تىزىملىككە ئىسمىم چۈشۈپ قېلىشى ئېنىق. ئەتە شەنبە بولغاندىكىن بۈگۈن قايىتماي ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئەتە كۈندۈزدە ئۇيقۇمنى ئۇخلاي، مۇشۇ پۇرسەتتە بەزىبىر پىلانلىرىم ئىشقا ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .» دەپ ئويلاپ:

      -بوپتۇ ، سۆزىڭىزگە كىرسەممۇ كىرەي غوجام، ئاۋال نۇرزىيەگە تېلىفۇن قىلىپ ياتاقداشلىرىمنى بىر ئالدىۋىتەي ، تېلفۇن بولغاندىكىن يالغانچىلىقىم چېنىپمۇ يۈرمەس . – دەپ ھىجايدىم. ئۇ شۇ ھامان چىرايىغا جىددى تۈس بېرىپ:

          - ھە ، ئەسلى مۇنداقمۇ كارامەتلىرىم بار دەڭە بەختىگۈل، سىزنى سەل چاغلاپ قاپتىمەن جۇمۇ مەن. قارىغاندا بوش ئەمەس ئوخشايسىز سزمۇ؟ بۇ قىز بالا دېگەنگىغۇ ئاسانلىقچە باھا بەرگىلى، ئىشەنگىلى بولمايتى زادى.......

          ئۇنىڭ گىپى تېخى تۈگىمەستىنلا ئورۇندۇقتىكى كۈنلىكىمنى ئالدىم ۋە يىغلىغان پېتى كېتىپ قالدىم. يامغۇردا كۈنلۈكمۇ ئاچماي مېڭىۋاتمەن،يارلانغان زەئىپ يۈرىكىمنىڭ نە يامغۇرنى،نە سوغوقنى ھېس قىلغۇدەك ھالى يوق ئېدى. ئۇنىڭ مېنى ھاقارەتلەپ قىلغان سۆزلىرى جان-جېنىمغا ئۆتۈپ مېنى چىدىغۇسىز دەرجىدە ئازاپلاشقا باشلىدى. ئويلىدىم،قىزبالىغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خورلۇق بولماس.................كۆزياشلىرىم يامغۇرغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ئۇلغايماقتا ئىدى. كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىق بىلەن قاراشلىرىمۇ ، ياغلىقىمنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىمۇ خىيالىمغا كىرمەي ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىمچە ئالدىمغا قاراپ يۈگرەپ  كېتىۋاتىمەن.ئەقلىم پەقەت  :« ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ بەختى،بۇنى ئۆزۈڭنىڭ دۆتلىكىدىن ھاماقەتلىكىدىن كۆرمەي يەنە كىمدىن كۆرەتتىڭ؟  خوپ بولدى، ساڭا ئاناڭنىڭ نېنىدىنمۇ  ھالال بۇ. » دەپ چۇقان سالماقتا ئېدى.......

     ئۇ قوغلاپ كەلگۈچە كېتىۋالاي دەپ ئويلاپ تاقەتسىزلىك بىلەن ئاپتۇبۇس ساقلاشقا باشلىدىم. بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكىمۇ كەلگەن ئاپتۇبۇسلار توختىماي تىز-تىز ئۆتۈشۈپ كەتتى. شۇنچە قىلىپمۇ يا ئاپتوبۇس يا بىر تاكسى توسالمىدىم. شوپۇرلار مېنى يىراقتىن كۆرۈپلا سۈرئەتنى تىزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق تىتىلداپ كەتتىم ۋە مېڭىپ باقمەيمەنمۇ دەپ كەلگەن يول بىلەن يۈگرەپ مېڭىشقا باشلىدىم.بىر ۋاقىتتا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا زاھىر ياغلىقىمنى سىقىملىغان پېتى ئالدىمدا پەيدا بولدى ۋە قولىدىكى كۈنلۈكىنى تاشلاپ غۇلاچلىرىنى كەڭ كېرىگىنچە ئالدىمغا كەلدى. مەن دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ يۈگۈردۈم،ئۇ كەينىمدىن قوغلىدى.قاچا-قاچا تۇتۇلۇپ قالاي دېگەن ۋاقتىمدا مەن چاققانلىق بىلەن ياندىكى ئاپتۇبۇس بېكىتىنى چۆرگىلەپ يۈگەردىم ، بىز خېلى ئۇزۇنغىچە تۇتۇشماق ئوينىدۇق. ئۇ ئاخىر مېنى تۇتىۋالدى ئەمما مەن ئۇنىڭغا قارىغىلى ئۇنىمىدىم. ئۇنى تىپىپ ، چىشلەپ ، ئۇرۇپ ، تاتىلاپ يۈرۈپ پەقەتلا يېقىن كەلتۈرمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئاجىز ئىدىم  ..........

          كىيملىرىمىز ھۆل پېتى يامغۇردا قانچىلىك ۋاقىت قۇچاقلىشىپ تۇرغىنىمىزنى بىلىمەيمەن، مەن يىغلاۋاتىمەن، ئۇ ياشلىرىمنى ئېرتىپ ماڭا تەسەللى بەرگەچ، مەندىن توختىماي  كەچۈرۈم سوراۋاتىدۇ.خۇددى ھېندىستاننىڭ مۇھەببەت فېلىملىرىدىكىدەك............................... ئۇ ئۆزىنىڭ مەندىن ئورۇنسىز گۇمان قىلىپ مېنى رەنجىتىپ قويغانلىقىغا  قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى، يانا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىپ ئۆزىنى كەچۈرۋىتىشىمنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. مەندىن تەكرار-تەكرار ئەپۇ سوراپ  قىلىنغان بۇ سەمىمىي سۆزلەر قەلبىمدىكى مۇزدەك قاتقان ئازاپ پارچىللىرىنى ئاز-تولا ئىرىتكەندەك قىلغىنى بىلەن سوۋۇپ سېزىمدىن قالغان يۈرىكىمنى پەقەتلا ئىللىتالمىدى.

          ئۇنى سۆيگەنلىكىم تۈپەيلىدىن ئاخىرى مەن ئەل بولدۇم. چوڭلار:«قىزلار دېگەن ئۆچكە يېغى.»دەپ تولىمۇ توغرا ئېيىتقانىكەن. بىز قول تۇتۇشقان پېتى ئاشخانا ئىزدەپ ماڭدۇق. شۇ ئەسنادا مەن نۇرزىيەگە تېلىفۇن قىلىپ،ئۆزۈمنىڭ تېببى ئىنىستىتوتنى ياتىقىدا ئىكەنلىكىمنى، بۈگۈن كەچ ياتاققا قايىتماي مۇشۇ يەردە يېتىپ قالدىغانلىقىمنى ئېيتىتىم . نۇرزىيە سەل گۇمانسىرىغان بولسىمۇ، مېنىڭ تۇرمۇش ئادىتىم ۋە خاراكتىرىمنى ئويلاپ سەل پەسكويغا چۈشتىمۇ:

            - بۈگۈن بىر كۈن ئازاپ چېكىسىز ھەقچان، توخۇدەك قوندىقىڭىز ئالماشسا ئۇخلىيالمايدىغان غەيرى ئادىتىڭىز بولغاندىن كىيىن؟! شۇنداقتىمۇ ئومۇم ئۈچۈن چىداپ تۇرۇڭ بىرەر قېتىم. ئەگەر ئەتە سەھەر كېلىپ ئىشىك چىكىپ ئۇخلاتمايدىغان بولسىڭىز ساراڭ قەشقەرلىك ساقام، مەندىن كۆرگىلىكىڭىزنى كۆرىسىز جۇمۇ ھە!-دەپ قويۇپلا جىق گەپ سورىماي تېلىفۇننى قويدى.

            بىز ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋاتقاندا توپلىشىپ ئولتۇرغان بىر توپ خەنزۇ لۈكچەكلەر مېنى كۆرۈپلا ئېگىسى دان تاشلاپ بەرگەن توخۇدەك كۈرۈكلىشىپ كېتىشتى:

        - ئوھھوي، ھېلقى 400 يۈەنلىك بىرنىمە قوڭ گۈزەللەردىن ئىكەندە بۇمۇ! راستىنلا بولىدىكەن جۇمۇ. شۇ پۇلغا زايا كەتسە كېتىدىكەن  ئەمما........ھەي كاساپەت......

- ھەي باللا، راسىتنلا شۇمىدۇ؟ مېنىڭ تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ جۇمۇ.

          -شۇنچە چىرايلىق قىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئەرزان ،قەدىرسىز بولىشى مېنىڭمۇ ئەقلىمگە سىغمىدى جۇمۇ راستىمنى ئېيىتسام.

          - ئۇغۇ شۇ، راستىنلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن كىشىنىڭ. قارىمامسىلەر تومۇچۇقنىڭ بەللىرىنىڭ ئىنچىكىلىكىنى.ھى...ھى...ھى...

- ۋەدە بېرەلەيمەن، چوقۇم شۇ. كۆرمىدىڭلارمۇ نايناقنىڭ  ئا خەنزۇ ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ كېتىۋاتقىنىنى. يېڭى ئوۋ نېشانى بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى ئەمەسمۇ؟!

       -مەنچىمۇ شۇ، چىرايلىق بولسا نىم بوپتۇ؟! ئۆزىنىڭ كۇرىسىنى ئۆزى چۈشۈرگەن پەس قىزلار بۇ،شۇڭا قەدىرسىز بولىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.ئەگەر ئۆز ئىززىتىنى ساقلاشنى بىلسە ئېدى ،كۇرسۇككا چۈشكەن قانجۇقتەك ئاۋۇ ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن يورغىلاپ مۇشۇ يەرلەرگىچە كەلمەس بولغىيتى؟! قانداق دېدىم؟

      بۇ گەپنى ھەممىسى تەستىقلاشتى:  

          -توغرا،توغرا، راسىت شۇنداقكەن. شۇ شۇ ، چوقۇم شۇ بۇزۇقلاردىن بىرى بۇمۇ.

          ئىچىم ئاچچىق بولغان مەن ئاستا زاھىرنى چىمدىدىم. ئۇماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ ، بۇنداق گەپلەرگە ئىرەن قىلىپ كەتمەسلىكىمنى ھەم بۇنىڭدىن كۆڭلىمنى يېرىم قىلىپ يۈرمەسلىكىمنى ئېيىتتى. بىز چۆرگىلەپ يۈرۈپ ئاخىر بىر تۇڭگان ئاشخانىسىنى تېپىپ كىرىۋىدۇق،ئۇ يەردىكى مۇھىت يۈرىكىمنى تېخىمۇ سىقتى. ھەممىسىنىڭ نەپرەتلىك قاراشلىرى ئاستىدا خۇددى چوغ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ زەھەر ئىچكەندەك شۇنچىلىك ئازاپلىق ھېسلار بىلەن نېمە يەۋاتقىنىمنى بىلمىگەن ئاساستا تامىقىمنى يەپ تۈگەتتىم. ھېلىقى مۇلازىمنىڭ قىلغان مۇئامىلىسىچۇ تېخى؟! قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل نۇمۇس تۇيغۇسىغا چۇلغىنىپ،يۈرىكىمنى خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك قاتتىق ئاغرىتتى. ئەمما زاھىر بۇنىڭدىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز ،غېمىدە يوق ،خىرامان ئىدى...........

          مەن بىلەن بىر ئوبدان پاراڭلىشىپ  ئولتۇرغان زاھىر تۇيۇقسىزلا غەيرى گەپتىن بىرنى قىلىپ كۆڭۈل غەشلىكىمنى تېخىمۇ ئاۋۇتىۋەتتى.

         -  گۈلۈم، بىز ياتاق ئېچىپ ئۇخلايلى،ماقۇلمۇ؟ - ئالقانلىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ تۇرۇپ دىدىم:

         - جېنىم، مىنى قىينىماڭ، ئاغزىڭىزدىن ئەمدى يەنە بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغۇم يوق.  بۇ سىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ دېگەن گېپىڭىز ئەمەس، ماڭا چاقچاق قىلىپ قويىۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ ھەئە دەۋىتىڭە بىر!  - ئۇ قارىقاتتەك پارقىراق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ:

         -مەن سىزنى ئەمەس،سىز مېنى قىيناۋاتىسىز ئۇقتىڭىزمۇ؟ مېنى قاچانغىچە مۇشۇنداق قىينالسۇن دەيسىز؟ زادى قانداق قىلسام ئىشىنىسىز ماڭا؟ توختام ئىمزالىشايلى، قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ بېرەيمۇ دېدىم.زادى ئۇنىمىدىڭىز.  مەن چىدىمىدىم بەختىگۈل. مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەرمەي ئارزۇيۇمغا يەتكۈزۈڭ. سىزدىن ئۆتۈنەي.مۇشۇ تەلىپىمگە ماقۇل بولسىڭىزلا  مەن نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن. سىزنى ھەرگىىز خاپا قىلمايمەن،تېخىمۇ قەدىرلەيمەن.                    ئالدىمدىكى زاھىرنى تونۇيالمايلا قالدىم.گەرچە توڭۇپ-تىترەپ تۇرساممۇ بايقى گەپلىرىدىن چۈچۈپ  ئۇنىڭدىن ئىككى غېرىچ نېرىغا سۈرۈلدۈم ۋە:

- زاھىر ، ھەددىڭىزدىن بەكلا ئېشىپ كېتىۋاتامسىز قانداق؟ بۇ سۆزلىرىڭىزگە قانداق جاۋاپ بەرسەم بولار سىزنىڭچە؟ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغقۇدەك گەپلەرنى قىلسىڭىزچۇ بىر!- دېدىم.

   -ماقۇل دەۋەتسىڭزلا بوممامدۇ دەيمەن؟! نېمانچە قىلىپ كېتىسىز شۇنچىلىك ئىشقىمۇ؟ ھامىنى بولىدىغان ئىشقۇ ئۇ ئاخىر.

           -ساقمۇ يا سىز؟ كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ ئەقلىڭىز بىلەن سۆزلەڭ جۇمۇ يىگىت! ئاچچىقىم كېلىپ قالسا دەسسىۋەتمەي يەنە سىزنى !-دېدىم مەن ئاچچىق بىلەن ئايىغىمنىڭ پاشنىسىنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ. -ئۇ ئىش سىزگە نىسپەتەن ھېچقانچە ھېساپلانمىغىنى بىلەن  مەن ئۈچۈن جېنىمدىنمۇ مۇھىم. سىزگە دەپ قوياي،جېنىمنى ئالىمە دېسىڭىز بېرىشكە رازىمەنكى ئىپپىتمنى ھاياتىم بىلەن قوغدايمەن. ھاياسىز ياشغاندىن ئۆلۈمنى ئارتۇق كۆرىدىغان ئادەممەن.تويدىن بۇرۇن جېنىمنى ئالالىشىڭىز مۇمكىن ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشىمەن دېگىنىڭىز ئۇخلاپ چۈشىڭىز. تويلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرەمسىز چاپامسىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ مەيلى،ئەمما جېنىم تىنىمدىلا بولىدىكەن تويدىن بۇرۇن ئىپپىتىمنىڭ  بۇزۇلۇشىغا  يول قويالمايمەن. ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا بۇ نىيتىڭىزدىن يېنىڭ،ياكى بولمىسا مېنىمۇ ئۆز ئىختىيارىمغا قويۇپ، ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدىغانلارنى، ئۆز خىلىڭىزنى تېپىۋېلىڭ.      - ۋاي نېمانداق ئېغىر گەپ قىلۋىتىسىز ئەمدى؟!-دېدى ئۇجىددىيشىپ قالغان ۋەزىيەتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە يۇمىرىستىك بىرخىل ئاھاڭدا. – سىزنى يا ئۆلتۈرۈپ يىگىلى ئالمىسام مەن ، شۇنچىلىك گەپكىمۇ ئۆلتۈرەمسىز چاپامسىز دەپ چۈشكەن بارمۇ دەيمە. ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمەڭ ئەمدى.

         - ھەي.....نېمىشقا مېنى بوزەك قىلىمە دەپلا تۇردىغانسىز دەيمە زاھىر، مېنىڭ ئاكىللىرىممۇ بىرەرسىنى مۇشۇنداق بوزەك قىلغان بولغىيمىتى بۇرۇن؟-دېدىم ئۇنىڭ گەپلىرىدىن بىر ئاز يۇمشاپ.

         - ئەمدى شۇنداق جاھانكەن بۇ.ئانچە-مۇنچە بوزەك قىلىپ سالدىكەنمىز  بىز ئوغۇللار بوزەك قىلمىساق سىلەر قىزلار بوزەك قىلالمىغاندىكىن شۇ. ھى ...ھى ...ھى ...- ھىجايدى ئۇ. مەن ئۇنى مۇشىتلاپ تۇرۇپ:

         -سەت بېزەڭ،  يۈزى قېلىن. –دەپ ئەركىلىدىم. بىز بىردەم جىمىپ قالدۇق. مۇشۇ پەيىتلەدە مەن ئىچىمدە : «ئۇلۇغ ئاللا، باش پاناھىم! مەن بۈگۈن ئېزىپتىمەن. مېنىڭ مۇشۇ كېچىدىن ساق-سالامەت ئۆتىۋېلىشمغا مەدەت بەرگىن. مېنى بۇدۇنيادا خورلۇققا دۇچار قىلمىغىن! سەللاتتەك ئىككى ئاكىنىڭ  تەربىيسىدە ئۆسكىنىمگە لايىق بۇ كېچە مېنىڭ ئەقىل-ئىدراكىمنى زايە قىلىغىن. ھەرگىزمۇ ئاكىللىرىمنى ۋە مەندىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغان ئاشۇ جاپاكەش دادامنى يەرگە قارىتىدىغان ئىشقا ئىرادە قىلمىغىن. سەندىن ئۆتۈنەي، مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن ھەم ئېزىشتىن يىراق قىلغىن  !»دەپ ئۈن-تىنسىز نىدا قىلدىم. ئۇ تۇيۇقسىز جىمجىتلىقنى بۇزدى.مەن سورىدىم:

         - سىڭلىڭىز بار شۇنداققۇ زاھىر؟

- شۇنداق، مەريەمگۈل دەپ بىر سىڭلىم بار، بىزنىڭ ئۆينىڭ ماڭقىسى، مەن ئۇنى دائىم :«بالنىڭ كىچىكى، ئىتنىڭ كۈچۈكى.»دەپ تە قىلمەن.

   -ئەمىسە سوراپ باقاي،ئەگەر سىڭلىڭىز مەندەك ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ نۇمۇسىدىن ئايرىلغان ھالەتتە ئالدىڭىزغا كەلسە سىز قانداق ھېسىياتتا بولىسىز؟

   - ئۇ ئەگەر ئاشۇ ئادەم بىلەن توي قىلدىغانلا ئىش بولسا ،نېمە ئىشلا قىلسا مەيلى ، مېنىڭ چاتىقىم يوق.

  -دېمەككە ئاسان ھە؟ ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق قىلالىسىڭىز نوچىغۇ. سىزنىڭچە سىڭلىڭىزنى ئاشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان كىشى ئۇنى ئالامۇ؟ قىزىققۇدەك ھېچيىرى قالمىغان ئۇنى يەنە نېكاھلاپ  ئالغۇسى كېلەرمۇ؟

          -ئالىدۇ. –دېدى ئۇ بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ. ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالدىم:

        -ئالىدۇ دەۋاتامسىز؟ ئۇنىڭ يەنە نەرىنى ئالىدۇ؟ نېمىسىنى ئالىدۇ؟ ئۇ ئەھۋالدا يەنە  قەدىرلىگۈدەك نەرى قالاتتى ئۇنىڭ؟ كىچىك بالا كۆرىۋاتامىسىز مېنى؟ زاھىر ، مەن ئەمدى بۇرۇنقى بەختىگۈل ئەمەس. سىزنىڭ كەينىڭىزدە يۈرۈپ خېلى پىشىپ قالغان بىر قىزمەن. مۇشۇنداق ئەخمىقانە ياغلىما گەپلەر بىلەن مېنى بويسۇندۇرىمەنمىكى دەپ خام تامادا يۈرىۋەرمەڭ بولدى. نېمىنىڭ ياخشى ، نىمنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىلىكىم با مېنىڭ.

-سۆزلەپلا كەتتىڭىزغۇ ئەجەپ، زادى قوشۇلمامسىز بۇنىڭغا؟- ئاچچىقىمدا ۋارقىراپ كەتتىم:

   -يانا شۇ گەپمۇ؟ يۈزىڭىز رىپىدىكەنغۇ سىزنىڭ؟ ئەگەر ھازىر كەچ ۋاقتى بولمىغان بولسىدى زاھىر ، ئاللىقاچان يېنىڭىزدىن كېتىپ قالغان بولاتتىم ئۇقتىڭىزمۇ؟ ئىشەكچىلىك ئەقلىمنىڭ يوقلىقىنى ئىتراپ قىلىمەن. ئەگەر شۇنىڭچىلىك ئەقلىم بولغان بولسىدى، ئېزىپ ئىككىنجىلەپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا قايتىپ كەلمىگەن بولار ئىدىم. ئەمما بۇ قېتىم ئاللاھنىڭ مەندىن ئىشەككە بەرگەنچىلىك ئەقىلنى ئايىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەگەر مېنى راستىنلا ياخشى كۆردىغان ئىشىڭىز بولسا ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ. بولمىسا ئەمدى ئۈچىنجى قېتىم كەڭچىلىك يوق سىزگە!

  -ئۆزىڭىزگە ئىشەنىچ قىلالمايۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ بولمىسا بۇنچىلىك قىلىپ تۇرۋالماس بولغىيىتىڭىز ھەقىچان؟

- نېمە دېگىنىڭىز بۇ زاھىر؟

-ئۆزىڭىزنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنىچ قىلالامسىز؟ ئەگەر راستىنلا پاك بولسىڭىز نېمىشقا ماڭا پاكلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرىشتىن باش تارتىسىز؟بۇرۇن بىرەر سەت ئىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز ئوچۇق دېسىڭىز بولىد...........

- ئىپلاس..........نىمانداق رەزگى نىمە ھەي سەن؟! نېمە دەۋاتقىنىڭنى بايقاپ سۆزلە جۇمۇ! ئەينى ۋاقىتتا شالۋۇقىنى ئېقىتىپ كەينىگە كىرىۋالغان ئادەم مەن ئەمەستۇرمەن؟! ئۇنچىلىك ئىشەنىچ قىلالمايدىغان يىرىڭ بار ئادەم مەرەزدەك چاپلىشىپ يۈرگىچە، بىرەر ئانىغا قىز زاكاس قىلىپ قويۇپ شۇنىڭ شۇنىڭ قوڭىغا قاراپ ئولتۇرساڭ بولمامتى پاك قىزىڭنى ساقلاپ. ئىسىت ،كۆزۈم كوركەن مېنىڭ ساڭا زور ئۈمىد باغلاپ  ئاق ئاتلىق شاھزادەم دەپ  يۈرگەندىكىن، لەنەت سەن ئۈچۈن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمغا......

   - خاپا بولماڭ، توختاپ  تۇرۇڭ......قولۇمغا ئېسىلدى.

  - قويىۋەت قولۇمنى، نېرى تۇر مەندىن! – سىلكىشلىدىم مەن.

    -مۇشۇ بىر قېتىم گېپىمنى ئاڭلاڭ..........

- ئاڭلىمايمەن، ئاڭلاپ بولغان يەرنىڭ بېرى مۇشۇ، قوي مېنى!

         -گىپىمنى قىلىۋالماي تۇرۇپ قويۇپ بەرمەيمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچچىقىمدا دەپ قويغان گەپلەر ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. مۇنداق بولسۇن قاراڭ، بۇندىن كىيىن سىزگە ئەمدى ئۇنداق گەپلەر بىلەن بېسىم قىلماي، سىز خاتىرجەم ئوقۇشىڭىزنى ئوقىۋىرىڭ. مەنمۇ سىزنى ئاۋارە قىلماي باشقا قىزلارنى تېپىپ ئىچ پۇشۇقىمنى چىقىراي. كېيىن بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىلگىرى دېيىشكىنىمىز بويىچە تويلىشايلى......

          - شۇ تاپتا يۈزۈڭگە قۇسۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ زاھىر،ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى سەندەك يۈزى قېلىن بولامدىغاندۇ ھە؟ تەپ تارىتماي دەۋاتقان گېپىڭنى قارا، سەن مەن ئۈچۈن پاكلىقىڭنى ساقلاپ يۈرمەيسەنيۇ يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا يەنە ئاشۇنداق تەلەپ قويىۋاتىسەن؟! سەن پاكلىقىڭنى ساقلىمىساڭ مەيلى مەن ساقلايمەن ، ئەمما سەن ئۈچۈن ئەمەس. خوش!

        قولۇمنى سىلكىپ تارتىپ،كەينىمگىمۇ قارىماي مېڭىپ كەتتىم. گەرچە كېچە قاراڭغۇلىقىدىن،لۈكچەكلەرنىڭ غەيرى قاراشلىرىدىن قورقۇپ تۇرساممۇ،ئۇنىڭ گەپلىرىدىن چىشلىرىم غۇچۇرلاپ،بەدىنىم تىكەنلىشىپ،ئۆزۈمنى ئۆزۈمنى بوغۇپ قويغۇدەك بولۇپ كەتكەنلىكىمدىن،ئۆز قەۋمىمدىن بولغان بىرىدىن ئاھانەت ئاڭلاپ، ئىززىتىمنى دەپسەندە قىلغاندىن ، يات قەۋىم كىشىللىرى تەرپىدىن بوغۇزلاپ تاشلانساممۇ ھېچبىر ئارمىنىم يوق دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ يېنىدىن كەسكىن ئايرىلدىم. ئۇ توختىماي تېلىفۇن قىلىشقا باشلىدى. ئامالسىز تېلفۇنۇمنىڭ زۇۋانىنى تۇرمۇزلىدىم..........

         - ئەتىگەنلىك ئۇچىرشىشقا تەييارلىقنى باشلىۋەتكەن ئىززەت، ئۇزۇن پەرەنجىللىرىنى يېپىنجاقلاپ بولۇپ، بىردە قولۇمدىكى ناشتىلىققا،بىردە ئۇيقۇسىراپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزۈمگە قاراپ گۇمانسرغان ھالدا مەندىن نەلەردە يۈرگنىمنى سورىدى ۋە بەرگەن جاۋابىمغا ئىشەنمەي قويدى. مەن ئورنۇم يۆتكىلىپ كەتسە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىمنى ، شۇڭا سىڭىلچىقىمنىڭ ياتىقىدا ئوبدان ئارام ئالالمىغانلىقىمنى سەۋەب قىلىپ تۇرىۋالدىم. بۇ جاۋابىم ئۇنى رازى قىلدىمۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويۇپ ھېچنىمە دېمەي سىرىتقا ماڭدى.

         ئەكىرگەن ناشتىلىقىمنى تاشلاپ قويۇپ ئەمدىلا كارۋاتقا چىقىۋىدىم ،سىنىپ مەسئۇلىمىزدىن تېلىفۇن كەلدى:

        - بەختىگۈل، باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ئۆيگە چىقالامسىز؟ مىھمان كەلمەكچىدى، ئاپپايغا تاماققا يادەملىشىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. پولو قىلىشنى بىلىسىزغۇ سىز؟

   ئامالسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ،يۈزۈمگە ماي سۈرۈشكە باشلىدىم.ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. ئۆيدە مۇئەللىمنىڭ  قېرى ئاپىسى ۋە  ئايالى قەلبىنۇر ئاپپاي مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى. بىز بىر كۈن تىپىرلاپ يۈرۈپ مىھمانلارنى ئۇزاتتۇق. بۇ بىر كۈن كەيپىياتىم شۇنداق تۆۋەن ھالەتتە بولسىمۇ چاندۇرماي ساختا كۈلۈپ يۈردۈم. قايتىدىغان ۋاقتىمدا قەلبىنۇر ئاپپاي بەرگەن يېمەكلىكلەر، مۇئەللىم بەرگەن «ۋەتەن سۆيگۈسى» ناملىق رومانمۇ مېنىڭ ھارغىنلىق قاپلىغان مىسكىن كۆڭلۈمنى ئېچىلدۇرالمىدى.

    زاھىردىن تولا تېلفۇن كېلىۋەرگەچكە ئاچچىقىمدا تېلفۇندىن كارتىنى چىقىرىپ ئالدىم دە سۇندۇرۇپ بالكوندىن سىرىتقا قارىتىپ ئاتتىم ....ئويلىمىغان يەردىن كارتىنىڭ بىر پارچىسى كېلىپ ئوڭ مەڭزىمگە قاتتىق تەگدى. چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، ئەمەلىيەتتە بولسا مەڭىزمگە تەگكىنى مۇئەللىم ئاتقان بور ئېدى. شۇندىلا خىياللىرىمنى يىغدىم.

           -بەختىگۈل ، دېۋەڭ ئادەمدەك ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماي دەرىسكە دېققەت قىلىڭ! بۇ گەپ بىلەن تەڭ ساۋاقداشلىرىم:

           -يا ئاللا ، ئالى مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان ،مۇشۇ قىزنىڭ تەنقىد ئاڭلىشىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشىمىز ، يېڭىلىق تە بۇ .-دېيىشىپ كۈلىشىپ كەتتى. مۇئەللىممۇ كۈلدى. ئەمما مەنلا كۈلمىدىم، كۈلەي دېسەممۇ كۈلەلمەيتىم، چۈنكى ئىچى دەرىتكە توشۇپ كەتكەن بىر ئادەمدىن كۈلۈشنى تەلەپ قىلىش،خۇددى تۆمۈر خورازنىڭ قچقىرىشىنى كۈتكەندەكلا بىر ئىش ئېدى.

     كارتامنى سۇندۇرۋەتكىنىم بىلەن زاھىر مېنى يەنىلا بوش قۇيىۋەتمىدى.   

    دۇنيادا ئازاپتىن ئاچچىق ، ئازاپتىن قورقۇنۇچلۇق نەرسە بولمىسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. نېمە ئۈچۈن دېگەندە،باشقا نەرسىلەرنىڭ ئاچچىقى پەقەت ئېغىزنىلا ئېچىشتۇرىدىكەن شۇنداقلا ئاچچىق تەمى بىر ئازدىن كېيىنلا يوقاپ كېتىدىكەن. ئەمما ئازاپنىڭ ئاچچىق تەمى كىشىنىڭ يۈرىكىنى ھەتتا پۈتۈن جىسمىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىكەن. خېلى ئۇزاققىچە ۋۇجۇدىڭىزنى ھەسرەت ئوچىقىغا ئېسىپ قورىما قورىغاندەك چاراسلىتىپ قورىيدىكەن. بىرلا يېرى جاننى ئالمايدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسىدى مەكتىۋىمىزدىكى ئاتمىش پىرسەنىتتىن ئارتۇق قىز ئازاپتىن ھۆركىرەپ يىغلاۋاتقان ۋاقىتلىرىدا جان تەسلىم قىلىشىپ كېتىپ،مەكتىۋىمىزدە قىزبالا كىرزىسى كېلىپ چىققان بولار ئىدى.

        مەن يىغلىمىدىم،يىغلاش تۈگۈل يىغلاشنى خىيالىمغا ئەكىلىپمۇ سالمىدىم. ئۇنىڭدەك پەسكەش ئادەملەر ياش تۆكۈشۈمگە ئەرزىيتتىمۇ؟ ئەمما يۈرىكىم زەرداپقا توشۇپ كەتكەچكە قاتتىق ئېچىشىپ مېنى چىدىغۇسىز دەرجىدە بىئارام قىلدى. ئەگەردە يىغلىيالىغان بولسام ئېدىم،ئازاپلىرىم ئاشۇ ھەسرەتلىك ھۆركىرەشلەرگە،ئاچچىق كۆز ياشلارغا قوشۇلۇپ چىقىپ كەتكەن،ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇ بىر ئاز يەڭگىللىگەن ،نەتىجىدە يۈرۈكۈممۇ بۇنچىلىك قىينىلىپ كەتمىگەن بولار ئىدى. ئەپسۇس...... مەندىكى قان-قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن جاھىل خاراكتىر بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمىدى.

      ياتاقداشلىرىمنىڭ ئەجەپلىنىپ قاراشلىرى،ھەرخىل سۇئاللارنى تاشلاشلىرىغا پەقەتلا «سۇنغان ئەينەكنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ،يۈرىكىمنىڭ ئاشۇ سۇنۇپ چۇل-چۇل بولغان ئەينەكتىن قىلچىلىك پەرقى قالمىدى. يوقاتتىم، تۈگىدى.» دەپلا جاۋاپ قايتۇردۇم. گەپلىرىمدىن سەل ئىسكەنسېرىگەن نۇرزىيە ئىتتىكلا سوراپ قالدى:

      - ئاداش،ھەممە ئىش جايىدىدۇ؟ سالامەتتۇرسىز؟  - ئۇ شۇنچە يېپىپ دېگىنى بىلەنمۇ نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچقا ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىدىم:

     -سىزنىڭچە قانداقتۇرمەن نۇرزىيە؟ نېمانچە تېتىقسىزلىشىپ كەتتىڭىز سىز؟  شۇنىمۇ گەپ دەپ قىلىۋاتامسىز ماڭا؟

     -بولدى،بولدى. –دېدى ئىززەت ئارىغا چۈشۈپ.-بەختىگۈلنىڭ قانداق قىزلىقىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىدىغان بولغاندىكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە گۇمانلارنى قىلىشنى قويۇپ ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇتەسەللىي بولىدىغان گەپلەرنى قىلىشايلى. ياتاقداشلىرى تۇرۇپ بىز مۇشۇنداق دېگىلى تۇرساق باشقىلار نېمىلەرنى دېمەيدۇ؟ ئۇرۇشۇشنى قويۇپ،كۆڭۈللۈكرەك گەپلەرنى قىلىشايلى ،قانداق؟

-ئىززەت توغرا ئېيتىدۇ. بەختىگۈل ئۆز ئىشىغا پۇختا ، ئەقىللىق،ھۇشيار،چىچەن  قىز. ئۇنڭغا نىسبەتەن گۇمانى خىياللاردا  بولۇپ غەيرى گەپلەرنى قىلىش  ۋە سوراش ئۇچىغا چىققان  بىمەنىلىك . لىكىن  نۇرزىيەنىڭ ئۇنداق سوراپ قېلىشىنى خاتا دەپمۇ قارىمايمەن. چۈنكى بەخىتىگۈل «يوقاتتىم» دېدى ئەمەسمۇ؟ شۇڭا نۇرزىيەنىڭ  بۇ گەپنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى تەھلىل قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئاشۇنداق سوراپ قالغىنى ئېنىق. شۇڭا نۇرزىيەنىمۇ بەك ئەيىبلەپ كەتمەي،ھەممىمىز ئىتپاقلىشىپ،«ياتىقىمىزنىڭ بەختى»نىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى! - دېدى ئارزىگۈل. ھەممەيلەن بۇنىڭغا بىردەك باش لىڭىشتىشىتى.

       ئۇلار مېنىڭ يىغلىۋېلىشىمنى ئۈمىد قىلدى،ھەم مېنى يىغلىۋالسۇن دەپ ئالايتەن ۋاقتىت چىقىرىپ كۆڭۈللۈك تاغ سەيلىسى پائالىيتى تەشكىللەشتى.دالا تامىقى قىلىشتى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ھە دېگەندىلا بىكارغا كەتتى. خۇددى مېنىڭ سەۋەبىمدىنلا بولغاندەك،ياتاقداشلىرىم قايتىدىن ئىناقلىشىپ كەتتى. مېنى پات-پات تاماقلارغا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىپ كېلىشتى. ياتاققا كۆتۈرۈپ كىرگەن نەرسىللىرىنىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ماڭا تەڭلىشەتتى. بارا-بار كۆڭلۈم قايتىدىن ئىللىشقا قاراپ يۈزلەندى.كەيپىياتىم خىېلى ئىزىغا چۈشۈپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياتاقداشلىرىم تۇيۇقسىزلا بۇ ئايرىلىشنىڭ سەۋەبىنى قايتا سوراپ تۇرىۋالدى:

      -بەخىتى ئاداش، زادى  نېمىشقا ئايرىلپ كەتتىڭلار؟قايسىڭلار باشتا ئايرىلىشنى ئوتتىرغا قويدۇڭلار؟ ئېيتىپ بىرىڭچۇ بىز بىر يات ئادەم بولمىغاندىكىن! ئەگەر يانا دىگىلى ئۇنىماي جىم تۇرۋالسىڭىز بىزنى ئۆز كۆرمەيدىكەن دەپ خاپا بولىمىز جۇمۇ!

      -ياخشىسى سورمىساڭلار بولاتتى.-دېدىم بىر خىل غەيرى ئاھاڭدا. –سىلەر سوراپ  تۇرىۋالغان بىلەنمۇ مېنىڭ سىلەرگە قانائەتلەنگىدەك جاۋاپ بېرىشىم ناتايىن. چۈنكى زاھىر ئۇ مەيلى قانداقلا ئادەم بولمىسۇن،مەن بۇرۇن چىن دىلىمدىن سۆيگەن كىشىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ  مېنىڭ نەزرىمدە  چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن سۆيۈملۈك ئوبرازىنىڭ بۇ ئايرىلىش بىلەن تەڭلا  باشقىلارنڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنىدىنمۇ بىراقلا غۇلاپ چۈشىشىنى خالىمايمەن. ئۇ يەنە ياششى ،باشقا قىزلار بىلەن بېرش-كىلىش قىلىشى،تۇرمۇشقا چىقىشى كېرەك. يەنە كېلىپ زاھىرنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك مۇھەببەتتىن ئازار يىگەن باشقا قىزلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلغان سۆيگۈنىنى يىرىتىپ سۆكىدىغان ئەخمىقانە  ئىشنى قىلىش مېنىڭ خاراكتىرىمغاياتتۇر. چۈنكى مەن  ئۇنى سەتلەشتۈرگىنىمنىڭ ئۆزۈمنى سەتلەشتۈرگىنىمدىن،  ئۆزئىناۋىتىمنى ئۆزۈم يەرگە ئۇرغىنىمدىن قىلچىمۇ پەرقى يوق. ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا  ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كىلىش قىلغانلىقىم، بۇرۇن  ئۇنى سۆيگەنلىكىمدەك بۇ ھەقىقەتنى ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرتەلمەيدىغان بولغاندىكىن ئۇنىڭ پەسلىكىنى،ناچارلىقىنى داۋراڭ قىلىپ يۈرىشىم ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقان مەن بەختىخاننىڭمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشقۇسىز ئىكەنلىكىمنى،دەل ئۇنىڭ خىلى ئىكەنلىكمنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا ئۆز ئىناۋىتىمنى ساقلاش، ئۆزۈمدەك ياشاش ئۈچۈن ،ھەم ئۇنى بۇرۇن سۆيگەنلىكىم ، ھېلھەممۇ سۆيىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى ئاياشنى ئەۋزەل كۆرىمەن.مەيلى ئۇ ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ۋە ياكى ماڭا قايسى دەرجىدە يامانلىق قىلغان بولسۇن، ئۇ يەنىلا مېنىڭ سۆيگۈنۈم، تۇنجى سۆيگۈنۈم. مەن سۆيگۈنىمنى ئايايمەن ھەم بۇسۆيگۈنى ، بۇ خىل ھىسياتنى قەدىرلەيمەن. شۇڭا سىلەردىن ئۆتىنىدىغىنىم مەندىن ئارتۇق گەپ سورىماڭلار. سىلەرگە شۇنداق دىيەلەيمەنكى،پۈتكۈل لەنجۇ تەۋەسىدە مېنىڭ سىلەردىن ئۆزگە يېقىنىم يوق. مېنىڭ يېقىن سىرداشلىرىم بولغان ئىكەنسىلەر مېنىڭ ھالىمغا يېتىڭلار.

      ياتاقداشلىرىمنىڭ يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرۈپ بىردىنلا جىمىپ قېلىشىتى. مەنمۇ بىر مەزگىل خېلى ئارامىمدا يۈردۈم.

        ئىززەت ۋە ھېلقى دوسىتلىرىنىڭ ھىجابى ئۇلارنىڭ خىېلى بازرىنى چىقاردى بولغاي تىزلا كۇرىسى ئېشىپ،مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئوغۇللارنىڭ قوغلىشىش ئوبىكتى بولۇپ قالدى. بۇلارغا قاراپ كۆڭلۈمدە ئوغۇللار زادى بۇ قىزلارنىڭ ئەخىلاقى ياخشى دەپ كەينىدىن ماڭامدىغاندۇ ياكى ئاشۇ ئالى جاناپ كىيىمى ئىچىدىكى،گۈل بەرگى ئارسىدا جۇلالىنىپ تۇرغان مەرۋايىت دانىسىدەك چىرايلىق جامالىدىن ئېزىقىپ كېتىۋاتامدىغاندۇ؟ ۋە ياكى زاھىر ئېيىتقاندەك شاپاق قىزلارغا ئامراق بولغىنى ئۈچۈن...................» دەپ ئويلىدىم. بىردە تۇرۇپلا شۇنچىلىك چىرايلىق كەلگەن بۇ تۆت قىزنى دۇنياغا كەلتۈرگەن شۇ گۈزەل ئانىلارغا ھۆرمىتىم قوزغىلاتتىيۇ،يەنە بىردىنلا ئۇلارنىڭ شۇنچە چىرايلىق قىزلارنى تۇغۇپ قويغىنى بىلەن  ئۇيغۇر ئانىللىرىغا خاس ئىسىل تەربىيلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تەربىيلەپ  گۈزەل پەزىلەتلىك قىزلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرمىگەنلىكى،قىزلىرىنىڭ ھەربىر خۇلىقىدىن تىپىك  ئەخلاقلىق ئۇيغۇرقىزلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرۈشنى ئىزدىمىگەنلىكىدىن شۇنداق يىرگىنىپ كېتەتتىم. شۇنچە گۈزەل تۆت قىزنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەگەر گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت يىلتىز تارتالىغان بولسىدى نەقەدەر ئىسىل ئىش بولار ئىدى ھە؟!  بۇخىيالىم بىردىنلا ماڭا ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىتىپ،يارا-يېغىرغا تۇشۇپ كەتكەن بىچارە يۈرۈكۈمنى زەرىپ بىلەن تاتلاپ، كۆزلىرىمدىن ھەسرەتلىك ياشلىرىمنى قۇيۇلدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى.

      سارىن بىلەن جاينانىڭ بېشىمنى ئاغرىتىشلىرى يەتمىگەندەك ، تازا دەۋىر سۈرىۋاتقان ئىززەت بىر كۈنلەرگە كەلگەندە مېنى ھە دېسىلا زاھىر بىلەن يارىشىشقا دەۋەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. مېنىڭ ئۇ سۆيۈملۈك ئادىمىم ياتاقتىكى ھەممىسىگە ئەقىلنى كىسىدىغان بىھوش دورىسى ئىچكۈزىۋەتتىمۇ ، ياتاقداشلىرىم  مېنى رەھىمسىزدىن-رەھىمسىزگە چىقىرىپ ماڭا قاتتىق ھاقارەت قىلدى. ئەمما ئۇلاردىن قەتئىيلا ئاغرىنمىدىم. چۈنكى ئەمەلى ئەھۋالدىن قىلچىلىك  خەۋىرى يوق ئۇلارنىڭ زاھىر دېگەن پوق كاللىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن چالغان دېپىغا دىجى ئويناپ كېتىشى ناھايتى نۇرمال ئېدى. شۇڭا يۈرىكىم داشقالدەك قاتقان مەن بۇ ئىشلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي،يۈرىمگە مەھكەم ئورنىشىپ خۇاڭخىغا سەكرىسەممۇ چىقمايدىغان دەرجىگە يەتكەن ئاشۇ يىرگىنىچلىك ئىزنى، توغرىسى شۇ نۇمۇسلۇق ئۆتمۈشۈمنى قانداق خىرەلەشتۈرۈشنىڭ غېمىگە چۈشتۈم. بىر كۈنى ياتاقتىكىلەر مېنى قاتتىق تۇتتى:

       -ئاداش، زاھىرغا ئىچىڭىز ئاغرىپمۇ قويمىدىما؟ئەجىبا ئۇنى شۇنچە  تىزلا خىيالىڭىزدىن چىقرىۋىتەلىدىڭىزمۇ؟ نېمە قىلىسىز ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ قىيناپ؟ مۇشۇنداق قىلىپ نېمە پايدا تاپارسىز زادى؟ ئەخمەقتە سىز!!

      -ئازمايدىغان كىم با بۇ جاھاندا،كەچۈرۋەتسىڭىز بولماسمۇ ئۇنى بىرەر قېتىم؟ توغرا گەپكەن جۇمۇ شۇنىڭدىن قارىغاندا ھېلقى« ئاللاھ كەچۈرىدۇ،بەندە كەچۈرمەيدۇ.» دېگەن.شۇ بەندىنىمۇ ئاللاھ ياراتقان بولغاندىكىن سەل ئەپۇچانراق بولسا بولمامدۇ دەيمەن؟! ئۆمرۈمدە بەختىگە ئوخشاش باغرى قاتتىق قىزنى كۆرمىگەن مەن.

      -وندايدا اسىرىپ جىبەرمە(بۇنچىلىكمۇ قىلىپ كەتمىگىن) . دېدى جاينامۇ ئۆزىنىڭ تىلىدا.- وتكەندە ول سەنى رەنجىيىتگەن بولسا بالكىم سىڭىتەي وكىنگەن بولسا كى رەك( بەلكىم ئۇ بۇرۇن سېنى رەنجىتكەن بولسا ئەمدى پۇشايمان قىلغاندۇ).مەن قاراسام ول گبر  شىنشىل جان بولىپ (مەن قارىسام شۇنچىلىك سەمىمىي ھەم  قەتئىي كۆرۈندى ئۇ). سەنى راسىندا جاقسى كۆرەدى ەكەن (سېنى راستىنلا ياخشى كۆرىدىكەن جۇمۇ).وراي بولسا ونى كەشىر،جاراتقانىڭ بەرگەن ورايىن قولداپ جىبەرىپ الما.( مۇمكىن بولسا بۇ قېتىم ئەپۇ قىلىۋەت. خۇدانىڭ بەرگەن پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويما يانا تۇمشۇقۇڭنى ئۇچلاپ ئولتۇرىۋىرىپ).

       -ئاداش،ئۇ  سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى قىلىپ،  كەم ئەقىللىق قىلىپ چىراغ يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان  بىر ئىسىل  قىزغا يامانلىق قىلىپ قويدۇم، ئۇنى راستىنلاياخشى كۆرەتتىم،مېنى بىر كەچۈرۋەتسە بۇندىن كىيىن چوقۇم ئۇنى قەدىرلەيتىم دەپ  ئۆزىنىڭ سىزنى رەنجىتكەنلىكىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇ كۈندە ماڭا تېلىفۇن قىلىپ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ، تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى سورايدۇ. مەندىن سىزگە نەسىھەت قىلىپ قويۇشۇمنى ئۆتىنىدۇ.مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ نەسىھەت قىلىپ سىزنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىمنى،شۇڭا بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ ئامال قىلىشى ، ئۆز ئىپادىسى ئارقىلىق سىزنى قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى  دېگەنىدىم،ئۇ ھازىر ئۆزىگەشۇنچىلىك بىر پۇرسەتنىڭمۇ يوقلىقىنى،بولسا ئۆزىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىڭىزكېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالدى. ئۇ شۇنچىلىك بىچارە بولۇپ قاپتۇ ھازىر......... ئارزىگۈلنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا چېچىلىپ كەتتىم:

       - نەدە چوڭ بولغان نېمىكەن ئۇ شۇنچىلىك يۈزى قېلىن؟!پۇرسەت بەرگەن ۋاقىتتا ناشتىلىقىغا پوق يەپ قاپتىكەنمۇ  ئۇ گومۇش؟! ئىشىنى قىلسۇن ئەمدى..........-ئىززەت يانىمۇ بىر قىسىم گەپلەرنىڭ بولۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىردىمۇ ، ئىتتىك قولى بىلەن ئاغزىمنى ئىتىپ تۇرۇپ:

       - بەختىگۈل، مېنىڭمۇ سىزگە دەيدىغىنىم بۇلارنىڭكى بىلەن ھېچقانچە پەرىق قىلمايدۇ. ئاغزىڭىزدا تىللاپ جاھىللىق بىلەن ئىگىلمەي يۈرگىنىڭىز بىلەن ئىچىڭىزدە قانچىلىك ئازاپ تارتىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مەيلى نېمىلا دېمەڭ سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز، ھېلىھەممۇ بۇرۇنقىدەكلا . بۇ ئىش سەۋەبىدىنلا ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈڭىز بىر سانتىمۇ كەملەپ قالغىنى يوق. بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايسىز ئەلۋەتتە.  بىلىمىز، سىز ئىچى كۈچلۈك ،ئىرادىلىك قىز. لېكىن شۇنداقتىمۇ سىزگە نەسھىتىم، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈشۈپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.شۇندىلا سىز يولسىزلىق قىلمىغان بولىسىز. ئەگەرئۇنداق قىلماي جاھىللىق بىلەن ئۆز پىكىرىڭىزدە چىڭ تۇرىۋالىدىكەنسىز، قاراپ تۇرۇڭ، ئاخىرقى ھېساپتا ھەممە ھاقارەت سىزگە ئارتىلىپ،سىز رەھىمسىز، قائىدە چۈشەنمەيدىغانلاردىن سانىلىپ قالىسىز. شۇڭا سۆزلىرىمىزنى ئوبدان ئويلىشىپ كۆرۈڭ.ئەگەر بەك كۆڭلىڭىز كۆتۈرمىگىدەك بولسا چىقىپ، چىرايلىق بىر تەرەپ بولۇپ، ئۇنى سىزدىن پەقەتلا ئۈمىدىنى ئۈزدۈرۋىتىپ قايتىپ كىرسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! – دېدى.

        ئىززەتنىڭ گەپلىرى مېنى خېلىلا يۇمشاتتى.ئۇيان-ئويلىنا، بۇيان ئويلىنا ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدىم.چۈنكى بۇقارارغا كېلىشتە كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان بەزى پىلانلىرىم بار ئىدى. ئارزىگۈلگە ئۇنىڭغا  بىزنىڭ ئۇچۇرشۇش ۋاقتىمىز ،ئورنىمىزنى ئېيتىپ قويۇشنى، ئەمما نۇمۇرۇمنى ئاشكارلاپ قويماسلىقنى تاپلاپ قويدۇم   ۋە  تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قاپسىزغۇ دەپ سورغان سۇئالىغا كۆڭلۈمدە سان بار دەپلا قۇتۇلدۇم. بىز بۇرۇنقى جايدا ئۇچراشتۇق. نېمىشقىكىن ئۇنى كۆرۈپلا شۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كەتتىم. يۈرىكىم ئۇنى ھېلىھەممۇ سۆيىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئىتراپ قىلىشقا باشلىدى............ دېمىسىمۇ بىز كۆرۈشمىگەن بۇ بىر يېرىم ئاي داۋامىدا كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ تۇرغىنىم بىلەن ئاسىي يۈرىكىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغان ئىدى ھە!! ھاياجاندىن بەدەنلىرىم سۇس تىترەشكە باشلىدى.ئۇنىڭدىن ئىككى قەدەم ئارلىق تاشلاپ يەرگە قاراپ تۇردۇم.

      -نېمىشقا چىرايىمغا قارىمايسىز؟

     - خىجىل بولدۇم.

- نېمىشقا؟

- نېمە نېمىشقا؟ سىزدەك يۈزى قېلىن يارالماپتىكەنمە شۇ. يەنە كىلىپ قارىغۇدەك قانچىلىك چىرايىڭىز بار ئىدى سىزنىڭ.- دېدىم سەل نازلانغاندەك بىرخىل ھېسىياتتا. - مۇشۇ پۇرسەتتە كەيپىياتىم خېلى تەڭشىلىپ قالدى.

      - راس دەيسىز،سىز قاراشقا لايىق چىرايىممۇ يوق مېنىڭ، سىزگە لايىقمۇ ئەمەستىم. ئېگىزگە ئېسىلىپ سالغىنىمنىمۇ بىلىمەن.......

       -زاھىر ، مەن بۈگۈن بۇ يەرگە سىز بىلەن قۇرۇق سالا قىلشقىلى چىقمىدىم دېدىم مەن  ئازراق ھوشۇمنى تاپقاندەك بولۇپ. – گەپنى ئىخچام قىلىشىپ،ئېنىق مەقسىتىمىزنى دىيشەيلى.ئاۋال مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەۋالاي،سىز ئەستايىدىل ئاڭلاپ بىرىڭ . ئەگە رگەپلىرىم كاللىڭىزدىن ئۆتسە،ئاندىن  سىزمۇ ئۆز گىپىڭىزنى قىلىڭ ،مەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلايمەن. قانداق؟    - ئۇ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتقاندىن كىيىن مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم:

      - زاھىر ، بۇرۇن سىز ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولۇشنى ئەھدە قىلىپ تۇرۇپ مېنى قۇچاقلىغانىدىڭىز. ئەمما كەينىدىنلا ۋەدىڭىزگەخىلاپلىق قىلماقچى بولۇپ كۆڭلۈمنى قاتىق رەنجىتتىڭىز.  گەرچە مەن بۇ قېتىم سىزنى قەتئىي كەچۈرمەسلىكنى نىيەت قىلغان بولساممۇ سىزنىڭ سېلىپ كەتكەن پاراكەندىچىلىكىڭىز تۈپەيلىدىن ھەم سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم سەۋەبىدىن  سىزبىلەن يەنە يۈز كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن سىز قۇچاقلىغاندىن بۇيان سىزگە بۇرۇن ئېيىتقىنىمدەك  ئاللىقاچان ئۆزۈمنىڭ بەردەملىكىمنى يوقىتىپ ، مىجىق شاپتۇلغا ئايلىنىپ بولغانمەن. شۇڭا كۆڭلۈمدە مېنى بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قۇچاقلىغان ئادەم ئاخىرغىچە قۇچاقلىسۇن، شاپتۇلنى مىجىغان ئادەم ئۆزى يىسۇن دەپ ئويلاپ سىزگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بىرىشنى لايىق كۆردۈم. بولسا سىز بىلەن ئۆمۈرلۈك بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلدىم . ئەمما ئەڭ ئاۋال سىزدىن ،ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بىرىشنى ئۆتىنىمەن. ئەگەر سۆزۈمگە قوشۇلسىڭىز بىز ياخشىلىشىپ يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتىمىز. مەن سىزنى چوقۇم مېنى ئۈمدسىزلەندۈرمەيدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا بۇ يەرگە چىقتىم.تىلىكىمنى يەردە قويماڭ،بۇلامدۇ؟

       - ئاۋال دەپ بېقىڭ قېنى!

       - ماقۇل . دەڭە ئەمىسە.

        - ھەرقانچە بولسىمۇ ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بەر دېمەيدىغانسىز؟!

      - ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئاسان، ھەم ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ئىش ئۇ. ماڭا شۇنچىلىك ئاسان ھەم ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپ بىرىسىز،قانداق؟

     - قانداق ئىشتى زادى؟ دېمەمسىز ئادەمنى تەقەززا قىلماي!؟

-بۇندىن كىيىن ماڭا ئىبادىتىڭىزنى ۋاقتى-ۋاقتىدا قىلىپ،رامىزاننى تولۇق تۇتۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. سىزدىن بۇنىڭدىن باشقا تامايىم يوق. ئاددىيلا تەلەپقۇ ھە بۇ، ياق دېمەيسىزغۇ ھەرگىز؟ يەنە كىلىپ سىز ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بولغان. يېنىۋالسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ ھە! – دېدىم مەن ئەركىلەپ تۇرۇپ.  ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. مەن غەيرەتكە كىلىپ ئۇنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدىم ۋە كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:

    - شۇنداق ياخشى، ئىسىل بىر يىگىت بولغاندىن كىيىن سۆزىڭىزدىن يېنىۋالماڭ زاھىر. سىزگە زور ئىشەنىچ باغلاپ چىققان بەختىگۈلىڭىزنى ئۈمىدسىز قايتۇرماڭ! سىز قىلالايسىز شۇنداققۇ؟! ماقۇل دەۋىتىڭە بىر،يارلانغان يۈرىكىم ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي تاپسۇن. ماقۇل دەڭە! بىر ماقۇل دەۋىتىڭە!

        -ئەمسە ئاۋال ماڭا ھېلقى ئىشنى قىلىپ بىرىشكە ماقۇل بولۇڭ. مەن قەسەم قىلىپ بېرەي، قۇرئان تۇتۇپ بېرەي.سىزگە ئاسىيلىق قىلمايمەن. شۇ ئىشقا قوشۇلسىڭىزلا مەن سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى. شۇچاغدىلا سىز نېمىنى قىل دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن. گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن.....

      كۈتمىگەن بىر جاۋاپنى ئاڭلاپ خۇدۇمنى يوقاتقان مەن شۇ جايدىلا ئۆزۈمنى نەچچە تەستەك سېلىپ ۋارقىراپ كەتتىم:

      - مۇناپىق!!!!!!!!!! كۆرگەنسەن،ئاڭلىغانسەن ئەي پەسەندى يۈرىكىم!؟ ئۆزۈڭنى بىل ، غورۇرىڭنى ساقلا دەپ نەچچە قېتىم ئەسكەرىتسەم ئاڭلىماي پەسلەشكىنىڭنىڭ جازاسى بۇ،  تويدۇڭمۇ؟ سەن سېسىق گۆش ئاخىردا يەنىلا سېسىقىلىقڭنى قىلىپ قەدرىڭنى تۆت پۇڭ قىلىدىڭ بىلىۋاتامسەن ؟ بۈگۈن بىلدىمكى،ئۆزۈمنى ئالىيجاناپ سانايدىغان مەن، ئەقلىمنى يوقىتىپ   مۇشتۇمدەك بىر سېسىق گۆشنىڭ مەيلىگە بېرىپ پەسلەشكەندىكىن، ئەلۋەتتە ئەڭ پەسكەشلەردىنمۇ بەتتەر پەسكەنمەن،ساڭا لايىق سېسىقلاردىن ئىكەنمەن.ئەمما بۇ قېتىم ئىسىڭدە ساقلا،ئەمدى مەن سەن تارىتقان تەرەپكە ماڭمايمەن،مەيلى سەن ئازاپتىن ۋاككىدە يېرىلىپ كەتسەڭمۇ. بۇندىن كىيىن ساڭا تۆردىن ئورۇن يوق يۈرىكىم .بۈگۈندىن باشلاپ  سەن ئەقلىمنى ئەمەس، ئەقلىم سېنى باشقۇرىدۇ!!!

      بۇ قىلىقلىرىم  زاھىرنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى بولغاي ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا قالدى. مېنىڭ ئۇنى شۇنداق تىللىغىم ، بۇ گەپ ئاغزىڭغا قانداق پاتتى ھەي مەرەز دەپ ۋارقىرىغىم كېلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ،خۇددى ئۇنىڭ يۈركىگە دەسسەپ مېڭىۋاتقاندەك بارچە دەردىمنى يەردىن  ئېلىپ ، زەرىپ بىلەن تارسىلدىتىپ دەسسىگىنىمچە كېتىپ قالدىم.             تاس....تاس...تاس...تاس...تاس...تاس...تاس...تاس..،.تاس...تاس..تاس...تاس.....................................................  پەقەت تاپىنىم ئاستىدىن چىقىۋاتقان مۇشۇ ئاۋازلا ئارىمىزنىڭ ئۇزاقشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، مەڭگۈلۈك خوشلىشىۋاتقىنىمىزدىن بەلگەبېرىۋاتاتتى...... ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگىنىپ كەتكەنلىكىمدىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قاراپمۇ سالماي ئۇدۇل ياتاققىلا كىرىپ سومكامنى تاشلاپ ، كىتاپتىن ۋە ئۇچامدىكى كىيمىمدىن باشقا بارلىق نەرسەمنى كىرلىككە تۆكۈپ تازلىغۇچ بىلەن قايتا-قايتا يۇيۇپ چىقتىم .ئۇنىڭدىن  كىيىن  تاللا بازىردىن بىر قۇر يېڭى ئىچ كىيىم ۋە كىچىلىك كىيىم سېتىۋېلىپ  دەرھال  مۇنچىغا چۈشتۈم...............

        شۇنداق قىلىپ، يۈرىكىمدىن باشقا ھەممىلا نەرسەمنى پاك-پاكىز ھالەتكە كەلتۈردۈم.كۆڭلۈم سۇنۇق ۋاقىتلىرىمدا ساقلاپ قويغان پۇللىرىم تازا ئەسقاتتى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسەمنى ئېلىپ،ئۆز كۆڭلۈمنى خۇشال قىلىپ يۈردۈم. شۇندىلا بىلدىمكى،خۇشال ياشاشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ھېچقانداق ئادەمدىن ئۈىد كۈتمەسلىككەن،چۈنكى ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە زور بولىدىكەن،ئۈمىدنى پەقەت ۋە پەقەت يىگانە ياراتقۇچىدىنلا ئۈمىد كۈتۈش كېرەككەن.  شۇنداق تىنىچ ، ئازادە ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمدە ئويلىمغان يەردىن زاھىر مېنى يەنە پاراكەندە قىلىشقا باشلىدى. نۇمۇرۇمنى ئالماشتۇرۋەتسەم  تۆت كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇ يەنە تېپىۋالاتتى. كارتا ئالماشتۇرىۋىرىپ  دادامدىنمۇ بىرمۇنچە تىل ئاڭلاپ كەتتىم.ئاخىرىدا باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپلىۋالدىم.  ئۇ كۈنىگە نەچچە ۋاخ تېلىفۇن قىلاتتى،ئۇچۇريېزىپ مەندىن توختىماي ئەپۇ سورايتى. ھىلى كوت-كوتقا قاتسا، ھېلى ئۈندىدارىمنى قېتىۋالاتتى. بارا-بارا مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزۈمگە ھوزۇر ئىزدەيدىغان بولىۋالدىم. ئەمما بۇ ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىنى ئۆزۈم جىجىلاپ ئوينىغاندەكلا شۇنچىلىك ئازاپلىق بىر ئىش ئىدى.چۈنكى يۈرۈكىمدىكى گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان  ئۇلۇغ سۆيگۈ ئوتى ھامان ئەمدىلا تۇتشىپ لاۋۇلداشقا باشلىغان نەپرەت ئوتىنى بېسىپ چۈشەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ياتاقداشلىرىم ئالدىدا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن، ياخشى كۆرمەيمەن ، ئۇنتۇپ كەتتىم. دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلىغىنىم بىلەن  ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى دائىملا ئەسلەپ تۇراتتىم ، ئۇنى سېغىنىپ، بىز ئۇچراشقان ئورۇنلارغ بېرىپ ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتىم. ئۇ ئولتۇرغان ئورۇننى سىيلاپ كېتەتتىم.قىسقىسى ئۇنى خىيال قىلمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق ئېدى ....................مانابۇ ئىنسان روھىيتىدىكى ياكى بولمىسا قىزلار روھىيتىدىكى ۋە ياكى مېنىڭ روھىيتىمدىكى ئاجىزلىق بولسا كېرەك.......

بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئازراق چۈشكۈنلەشكەن بولساممۇ،لىكىن ئۆزۈمنى تاشلىۋەتمەي ئۆز لايىقىدا تىرىشچانلىقىمنى بوشاشتۇرمىدىم. ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئىكەن . ئۇ مېنى ھەسرەت  ئوتىغاسېلىپ شۇنچىلىك قىينىغان بولسىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا مېنى قاتتىق يۆلىدى. قىلغان ئەجرىمنىڭ جاۋابىنى  ھەسسلەپ بەردى. ماڭا ئوڭ كۆزىدە قاردى.شۇنچىلىك كۈنلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مەن يەنىلا سىنىپنىڭ ئالدى ئىدىم... خۇشاللىقتا زاھىر دېگەن بۇ ئۇقۇم كاللامدىن كۆتۈرلۈپ، قايتىدىن روھلىنىپ   غەيترىتىم تېخىمۇ ئاشتى. قەلبىمدىكى ھېلقى داغمۇ بىرئاز خىرەلەشكەندەك تۇيۇلۇپ كۆڭلۈم ئازادىلىككە چۈمۈشكە باشلىدى........

        بىر مەزگىل قاتتىق دەۋىر سۈرىشىپ كېتىشكەن، خۇدىنى بىلىشمەي ئېيىغا نەچچە قېتىم «دۇكان» ئالماشتۇرشۇپ يۈرۈشكەن ئىززەت قاتارلىق نامدار ھاجى خېنىملارنىڭ  بىر نەچچە ئاي ئۆتۈشى بىلەنلا ماڭىدىغان يولى بارا-بارا كېمىيىشكە باشلىدى. ئۇلار ياتاققا كىرسىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش قايناۋاتقان قازاندەك ۋاراقشىپ كۈلۈشۈپ گەپ قىلىشمايدىغان بولۇپ قېلىشتى.ئىززەتمۇ سىنىپلاردابۇرۇنقىدەك لىكىلداپ مېڭىپ يۈرمەيدىغان، بىر ئولتۇرسا مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سىنىپتىكى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارىتتى. كىيىنچە ئۇ دەرىس توشقۇچە چىداپ ئولتۇرۇپ بولالمايدىغان، يول ماڭسا بۇرۇنقىدەك شوخ-شوخ ماڭمايدىغان بولۇپ قېلىۋىدى سۆزلەر تېخىمۇ ئاۋۇشقا باشلىدى.بىر كۈنى مەن سىنىپىمىزدىكى لوپنۇرلۇق قىز مىھرىنسادىن  ئىززەت توغىرلىق غەيرى بىر گەپنى ئاڭلاپ ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم:

      -قاراڭ ئاداش، ئاڭلىدىڭىزمىكىن؟ سىلەرنىڭ ياتاقتىكى ھېلىقى ئىززەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرىدىغان ئۈچ ھاجى خېنىم دوستى ھامىلدار بولۇپ قاپتىمىش. ئۇلار كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرغانىكەن  شۇڭا بۇ قېتىم يانا ئالدۇرسا كىيىن پەرزەنىت كۆرەلمەسلىك خەۋىپى ئېغىر بولغاچقا بالىسىنى چارە قىلىپ تۇغارمىش.

- پىشانەمگە تاڭڭىدە بىرنى قويدۇم ۋە قۇلقىمنى كولىۋىتىپ:

       -بايا نېمە دېدىڭىزيا مىھرىنسا؟ قۇلىقىمدىن چاتاق چىقتىمۇ تازا توغرا ئاڭلىيالمىدىم....

       -ۋاي خاتا ئاڭلىمىدىڭىز، مەن دەل ئاشۇنداق دېدىم. ئىشىنىڭ بۇنىڭغا. بۇ دېگەن رېئاللىق.

- ھەي .....نىمانداق دۆت بىرنىملەر ئۇ؟!بىرنەچچە قېتىم بۇرنىغا سۇ كىرگەن بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ھاڭغا ئىتتىرىۋەرمەي،ئەقلىنى ئىشلەتسە، نېرى تۇرسا بولمامدۇ ئۇ پەس ئىشلاردىن؟! نېمىسىگە-نېمە يەتمەي شۇنداق قىلدىغاندۇ ئۇلار؟ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىگە قانداق قارار ئەمدى؟!

-ساددىدە سىز. ئاتا-ئانسىنىڭ يۈزىگە قاراشتىن خېجىل بولۇشنى بىلسە يەنە ئاشۇنداق قىلقلارنى قىلىپ يۈرەرمىدى ئۇلار؟! ئاللاھ ئىنئام قىلغان قىممەتلىك ھايا پەردىسىدىن ئايرىلغان قىزلار تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ھەم يىرگىنىشلىك بولۇپ كېتەرمىش. چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ئۆز قىممىتى، رولى بىلەن ياراتقاندە! نۇسرەتتىن ئاڭلىشىمچە بۇ خىل ئەھۋالدىكى قىزلار بەزى ئىشلاردا  ئۆزىنى تۇتىۋالىمەن دەپمۇ تۇتۇپ بولالمايدىكەن.

       مىھرىنسانىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر ماۋسۇم بۇرۇن ئەدەبىي تەرجىمە دەرسى بېرىدىغان مۇئەللىمنىڭ:« ئالى مەكتەپ دەۋرىدە ھەرگىزمۇ ھېسياتقا تاينىپ ئىش قىلماڭلار.قىزىققان بولماڭلار. بولۇپمۇ قىزلار، ھەرگىزمۇ كىيىم-كېچەكنىڭ، پۇل-مالنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. كىيىن  كىيم تېپىلىدۇ، پۇل تېپىلىدۇ، ئەمما تۆكۈلگەن قەدىر-قىممەت ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ئوغۇللار بۇزۇلۇپ كېىين تۈزۈلۈپ ياخشى يولغا قايىتسا ئۇ يەنىلا ئادەم، لىكىن قىزلار بۇزۇلۇپ تۈزۈلسە ھەرگىزمۇ قايتىدىن ئادەم سانىلالمايدۇ. بۇنداق دېگىنىم ھەرگىزمۇ ئوغۇللار بۇزۇلۇڭلار ، كېيىن  تۈزىلىۋالساڭلار ھېچ گەپ بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئوغۇللار بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە چۈشكەن قەدىر- قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ  قايتىدىن ئادەم بولۇش ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق  ئېغىربەدەللەرنى تۆلەيدۇ ،نۇرغۇن مۇشەققەتلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. شۇنىڭغا جاننى قىينىماسلىق ئۈچۈن ياخشىسى يولدىن قايماسلىق لازىم. ئەمما قىزلار، سىلەرنىڭ ئېغىر بەدەللەر بىلەن  ئادىمىيلىكىڭلارنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتڭلارمۇ يوق. شۇڭا سىلەر تېخىمۇ ھۇشيار ياشىمىساڭلار بولمايدۇ. » دېگەنلىرى    يادىمدىن كېچىپ، شۇ  سۆزلەرىنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆتمۈشۈمنىڭ رەھىمسىز پەنجىسى يۈركىمنى يەنە بىر  قېتىم قاتتىق سىقتى. ئامالسىز ئۆزۈمنى تېخىمۇ ناچار قىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق    تەسەللىي تاپتىم  . شۈكرى،  ھېلىھەم ئېرىشكىنىم كۆپ بولىسىمۇ، يوقاتقىنىم ئۇلاردىن ئاز ئىدى.......



خاتىمە
        ئەقلىمدىن قايتىدىن  ئېزىشىپ، سېغىنىش ئوتلىرىم قايتىدىن لاۋۇلداپ،ۋۇجۇدۇمنى شامدەك ئېرىتىشكە باشلىغان ۋاقىتلاردا تۇرۇپلا كومپىيورىمدىكى ئۇنىڭ ئىزلىرنى ھىدلىغۇم كېلىپ قالدى. ئۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن ، مەن ئۆچىرۋىتىشكە قىيمىغان ئىسلامى فىلىملەر شۇ پېتى تۇراتتى. قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەردە ۋە مۇھەببەتتىن ئازار يەپ گاڭگىراپ يۈرگەنلەردە كىنو كۆرۈش كىشىگە ياقاتتىمۇ دەيسىز؟مانا ئەمدىلىكتە ئايرىلىش ئازابىنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىپ،سۆيۈشنىڭ شەخسىيەتسىزلىكىنى، مۇھەببەتنىڭ ئەپۇچانلىقىنى ،سېغىنىشنىڭ  نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھىس قىلغان،   ھىجران چۆللىرىگە تاشلىنىپ،نىشان ئىزدەپ تەمتىلەپ يۈرگىنىمدە، نىشاندىن دىرەك بېرىدىغان ئاشۇ كونا ، خىرە ئىزلارنى ئىزلاشنى كۆڭلۈم تارتىپ كومپىيوتېرنى ئاچتىم. ئويلىمغان يەردىن ئۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن «ئىسلامى فىلىم»لەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم قايناپ كەتكەن مەنتەڭدەك بىراقلا تېشىپ چۈشتى.   
      ئەگەر بۇ كىنولارنى ئۇ «كۆردىڭىزمۇ يا؟» دەپ سورغان ۋاقىتلاردىلا كۆرگەن بولسام ئىدىم، ئۇنى بوش  قويىۋەتمىگەن ،ئادەم بولغىنىغا داد دېگۈزۈپ  ياقىسىدا ئىلەڭگۈچ ئۇچقان بولار ئىدىم.  ئىچىمدە :«  ئاناڭ تەلەينىڭ ئۈستىگە تۇغقان نېمىكەنسەن زاھىر، خەپ!» دېگنىمچە  كىنو ھۆججىتىنى ئاقارتىپ تاشلىدىم. بەلكىم سىلەربەختىخاننى خاپا قىلغان زادى قانداقراق بىر نەرسىلەر بولغىيتى ئۇ دەپ قىزىققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر سىلەر بولغان بولساڭلار ئېدىڭلار، مەندىنمۇ  بەكرەك ئاچچىقلىنىشىڭلار مۇمكىن ئېدى. بەلكىم زاھىر مېنى مۇشۇلارنى كۆرسە ئىدىيسىدە بۇرمىلىنىش كۆرۈلۈپ ماڭا تەسلىم بولار دەپ خىيال قىلغان بولغىيتى؟! ئەمما خۇددى چوڭلار ئېيىتقاندەك بۇ دۇنيا «غۇجامنىڭ غوجىسى،چامغۇرنىڭ ئورىسى بار.» دۇنيا بولغاچقا،يەنە كىلىپ دۇرۇس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غوجىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغاچقا زاھىردەكلەرنىڭ ھەر ئاماللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان بۇ خىل ئىپلاسلىقلى بىلىپ بىلمەيلا ئوجۇقۇپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟! بۇنىڭدىن  كۆڭلۈم شۇنچىلىك بۇزۇلدى. ئەمما ئويلىدىم، مەلئۇننى دوسىت تۇتقان ئۆزۈم تۇرسام ئەمدى بۇلارنى كىمدىن كۆرەي؟ ھېلىمۇ ئاللاھىنىڭ مېنى مۇشۇنچىلىك ئەقىل بىلەن ياراتقىنىغا مىڭ شۈكۈر!!

تەپەككۈر قىلىپ بېقىڭلار، كەلگۈسىدە  مىللەتنىڭ ئاتىسى،تۈۋرىكى بولىمش يىگىتلەر،مىللەتنىڭ كىلەچىكى، ئانىسى بولغان قىزلارنى ياخشى يولغا باشلىماقتا يوق،پەس نەپسى ئۈچۈنلا ئۇلارنى ھالاكەت يولغا باشلىماقچى بولسا، ئىددىيسىنى زەھەرلەپ،چىرىتمەكنى،نابۇت قىلماقنى كۆزلىسە  بۇ خىل ئەركەكلەرگە نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا بولماق،ئۇنىڭغا زادى قانداق تەبىر بەرمەك زۆرۈر؟ تۇرۇپلا  زاھىرنى سامساق چۆرۈگۈچكە سېلىپ ئىزىپ -ئېزىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى. چۈنكى  ئۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن ئەللىگ نەچچە تال ئىسلامىي فىلىمنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن مەينەت،بىر-بىرىدىن چاكىنا ،كىشنىڭ ئىدديسىنى چىرىتىپ ھايۋانىللققا باشلايدىغان ،پەيزاۋات چىلگىسىنىڭ شاپقىدىنمۇ سېرىق فىلىملەر ئىدى. مەن ھېچ بولمىغاندا بىرەرى بولسىمۇ تۈزۈكتۇ دەپ ئويلاپ ئىرىنمەي ھەممىنى چىكىپ كۆردۈم . ئەمما نەتىجىسى مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. بىلدىمكى،ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈشكە ئەرزىمەيدىغان چاكنا بىرىنى سۆيۈپ قالغان ئىكەنمەن................... چاتاق يېرى،دەل شۇ پەيىتتە بۇنى نۇرزىيە بايقاپ قېلىپ ماڭا غەيرى نەزەردە قاراپ كەتتى. ئۇنىڭغا چۈشەندۈرسەم ئەكىسچە تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئىلاجىسىز لىۋىمنى چىشلىدىم.تەلىيمگە ئۇ بۇ گەپلەرنى سىرىتقا توشۇپ يۈرمىدى. نۇرزىيەدىن شۇنچىلىك خوش بولۇپ قالدىم.

ئىززەتلەر بىر مەزگىل تالادىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇشتى. دەسلىپىدە ھېلقى ئىككىسىنىڭ قايسى بىر دوختۇرخانىنىڭ كىسەللىك ئىسپات قەغىزىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ مۇئەللىمىدىن ئونبەش كۈنلۈكتىن رۇخسەت ئېلىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئىززەت بىلەن نۇسرەت ئاپىللىرىنىڭ  ياردىمىدە رۇخسەت ئېلىشىپ يېرىم ئايچە يوقۇلۇشۇپ كېتىشتى. بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئۈستىدىن ھەرخىل ھەر تۈرلۈك گەپلەر چىقىشقا ۋە تىزدىنلا ھەممىلا جايغا تاراشقا  باشلىدى. بىرسى ئۇلار تۇغلىقىلى كېتىپتۇ دېسە يەنە بىرى داۋالانغىنى كېتىپتۇ دېيىشتى.بىركۈنى بانكىدىن پۇل ئېلىپ يېنىۋاتسام تۆۋەن يىللىقتىكى ئىككى قىزنىڭ قىلىۋاتقان پارىڭى قۇلقىمغا كىرىپ قالدى:

       -ئاداش، يۇقرى يىللىقتىكى ھېلقى تۆت قىزچۇ كارامەت يامانكەن ،ئۇلار قىلىپ يۈرگەن ئىشلارنى جىنلارمۇ قاملاشتۇرالمايدۇ جۇمۇ.بىلىشىمچە  ھازىر ئۇلار ھېلقى يىرىنى بۇشىيۇ قىلدۇرغاچ قايتىدىن بى خې جېڭ روڭ شوۋ شۇ (تۈزەش ئوپراتسىيەسى) قىلدۇرۇشقا چۈشۈپتىمىش. ئاڭلىسام بۇنىڭ ئۈنىمى شۇنداق ياخشىكەن، يۈزى ئېچىلمىغان قىز ھالىتىگە كەلتۈرۋىتەلەيدىكەن. بۇزۇق قىزلار مۇشۇ چارىنى قوللانسا ئۇغۇللارمۇ بۇلارنىڭ بۇرۇن ئوينىغان ئوينىمىغانلىقىنى بىلەلمەسمىش . ئىشەنمىسىڭىز قاراپ تۇرۇڭ ھە ! يانا ئون كۈندىن كىيىن سىز بىزدىن پاك چەستى قىزغا ئايلىنىپ مەكتەپتە  پەيدا بولمىسا قۇلقىمنى كىسىۋىتىمەن مەن.......

      كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كېلىشكە باشلىدى.  توۋا، تۆت كۈن بۇرۇن تېخى ئوغۇللاردىن يىرگىنىپ،دۇنيادا ئوغۇللاردىن چاكىنا،پەسكەش ئادەم يوقكەن دەپ يەكۈن چىقىرىپ ئولتۇرسام، ئەمدى بۇ قىزلارنىڭ  ئۇنىڭدىنمۇ يىرگىنشلىك بوپ كەتكىنى نېمىسى؟! ئەجبا ئۇلارنىڭ  تەنلىرى تۈزتىلىش بىلەن روھىيتىمۇ تەڭ پاكلىنىپ قەلبىدە ئازراقمۇ جىنايى تۇيغۇ،نۇمۇس تۇيغۇسى قالمامدىكىنە؟ قىلىپ يۈرگەنلىرىدىن ھېچبىر ۋىجدان ئازابى تارىتمامدىكىنە؟! دۇنيا مۇشۇنداق رەزىللىشىپ كېتىۋەرسە بۇندىن كىيىن قانداق ياشىمىقىز، باللىرىمىزنى قايسى تەرىقىدە تەربىيلىمىكىمىز مۇمكىن؟! ئاھ خۇدا........... بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغىنىمغا مىڭ پۇشايمانلارنى قىلىپ ياتاققا كىرسەم نۇرزىيەنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ:

     -قىزلارنىڭ ئىشلىرى ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ جۇمۇ ئەي دوسىتلار خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن.  ئاڭلىسام ھېلقىدەك ئوپراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلانغاندىن باشقا ئەڭ پەيزى يېرى باھاسى چۈشۈپتىمىش، ھېلقى كوچىدا تارقىتىۋاتقان لەنجۇ ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ ئىتبار كارتىسىنى كۆتۈرۈپ بارسا ئوتتۇز پىرسەنىت كۆتۈرەرمىش. يەنە...... – ئاچچىغىمدا تاراق-تۇرۇق قىلىۋىتىۋىدىم ئۇ دەرھال سۆزىدىن توختىدى.

       بۇ سۆزلەرنىڭ ئاساسى يوق ئۆسەك سۆز بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەتتىم. ئەمما رېئاللىق دېگەن يەنىلا رېئاللىقتە. ئاجىز بەندىنىڭ رىئاللقنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ قوبۇل قىلماقتىن باشقا نېمە چارىسى بولسۇن دەيسىز؟! بۇ ئىشلار ئاڭلىغانلىرىم بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.  ئاكۇلا بىلەن نامازشامگۈل قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نۇسرەت بىلەن ئىززەتمۇ پەيدا بولدى.دەسلىپىدە بۇلارنىڭ كىيىملىرى رەڭدارلىشىپ تارايغاندىن باشقا  خۇددى ئارتىسلاردەك ھەممىلا يەرلەردە پۇلاڭسشىپ مەكتەپكە پاتماي يۈرۈشتى. زاھىردىن ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىمدەك ، ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتە- ئۈتمەي بىر كىچىدىلا خۇددى ئۆچەكتىن چىققان  ئۆمۈچۈكتەك قاسراقلىرىنى تاشلىشىپ ئالى مەكتەپكە كەلگەن ئەمدىلا كەلگەن ۋاقىتىدىكىگە ئوخشاش يىپ-يېڭى ھالىتىگە قايتىپ كېتىشتى. مەن بۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام ھەرگىزمۇ ئىشەنمەس ئىدىم. بەلكىم سىز بۈگۈنى ھىجاپ كىيىپ يۈرگەن  بىر ھاجى خېنىمنىڭ ئەتىسىلا قىسقا چاچلىرىنى چوققىسىغا تۈرمەكلەپ كالتە –كۆسەي ساڭگۇر-سۇڭگۇر كىيىملەر بىلەن يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىكى ئۇ خىل ھېسياتنى تازا چۈشنىپ كېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مەنمۇ  بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن ،ئاغزىمدا توختىماي قايسىدۇر بىر كىتاپتىن كۆرىۋالغان،شائىرتېيىپچان ئىلىيوف شىئىرىدىكى :«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.» دېگەن قۇرلارنى يادلاپلا يۈردۈم.

   ئۆزۈمنى باشقىلارغا باھا بەرگۈدەك ھالەتتە ئۇنچىلىك پاك، كەم-كۈتىسىز ساناپ كەتمىسەممۇ ،بۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا ۋە مەكتىپىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزىبىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرى ئىشلارغا توۋا دىگۈم كېلىپ قالدى. كىيىن مەن خېلى ئەخلاقلىق قىزلاردىن سانايدىغان بەزى رومالچى قىزلارنىڭمۇ ئىشتان بېغى تۇرمايدىغان قىزلاردىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇ دولقۇن بىلەن تەڭ ياغىقنىڭ كۇرىسى قاتتىق چۈشۈپ ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ياغلىچى قىزلارغا غەيرى قارايدىغان،ھەتتا ياغلىقچى قىزلارنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمان قىلىشىپ: «ياغلىقنىڭ ئىچىگە كىرۋېلىپ ھەممە ئەسكە ئىشنى مۇشۇلار قىلىدۇ.» دەپ قارىغۇلارچە ھاقارەتلەيدىغان بولۇپ قالدى. مەنمۇ بەزىدە بۇ پىكىرلەرنى قاتتىق قوللىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېيىتقىنى دەر ھەقىقەت ئېدى.

ئەمما بۇنداق قاراشتا بولغىنىم ھەرگىزمۇ ياغلىق ئارتىدىغان قىزلارنى سۇندۇرۇپ يالاڭباش قىزلارنى كۆتۈرۈش خائىشىدا بولغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى مەنمۇ ياغلىقنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز،گەرچە ئۇنچىلىك ئالىيجاناپ بولمىساممۇ.  ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر  ئىسپاتلىدىكى، ياغلىق سالغان-سالمىغانلىقىغا،يۈرىش-تۇرىشىغا قاراپ ھەرگىزمۇ بىر قىزنىڭ ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن.ياغلىق ئاستىدىكى قىزلارنىڭ چوقۇملا ياخشى ، ياغلىقسىز قىزلار پۈتۈنلەي ناچار، ئەسكى قىزلاردىن بولۇشى ناتايىنكەن. كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر  ئاقىۋەتتە ياغلىق ئاستىدىكى مۆمىن قىزلار ئارىسىدىنمۇ ئىززەتلەردەك ھەم  مەندەك ئازغۇن قىزلار  چىقتى ئەمەسمۇ؟! ياغلىق سېلىش سالماسلىق شۇ قىز ياشىغان مۇھىت ۋە يىتىلدۈرگەن كېيىنىش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .ئەمما ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئەلۋەتتە ئەخلاقىلىق بىر قىز ئۆزىنىڭ گۈزەل يەرلىرىنى ياتلارنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇشنى ئىزدەپ بېشىغا ياغلىق سېلىشنى توغرا تاپسا بۇ گۈزەللىكىنىڭ ئۈستىگە گۈزەللىك قوشقانلىق بولىدۇ. ئەمما ياغلىقنى سېلىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ قىممىتىنى، مەنىسىنى بىلمەي، شۇ ئىسىل نەرسىنىڭ كۇرىسىنى چۈشۈردىغان پەس ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، ياغلىقنى مەزگىللىك ئېقىم ئۈچۈنلا ياكى باشقىلارنى جەلىپ قىلىشقا قۇرال قىلىش ئۈچۈنلا چىگىپ  قويسا باشقا ھەقنى تونىغان ئىسىل قىزلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۈشتىن باشقا ئىش بولمايدىكەن.

      ئىززەتلەرنىڭ شۇنچە ئىشلارنى قىلىۋىتىپ،شۇنچە  گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەمملا يەردە ئالچاڭشىپ يۈرۈشلىرى،يۈزلىرىنى داپتەك قىلىپ باشقىلارنىڭ يىگىتلىرىگە قوڭىنى سۇۋاپ ئېزىقتۇرۇپ يۈرۈشلىرى  قەتئىي كۆزۈمگە سىغمىدى. ئۆزى كېچە-كېچىلەپ ياتاققا كىرمەي پاسكىنچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ يۈرىيدىغان تۇرۇپ خەقلەرنى سەت گەپلەربىلەن تىللايدىغان، ئىقتىسادىنى چىشلەپ تارتىپ مازاق قىلدىغان بولىۋېلىشى،ياتاققا پاسىقلارنى توپ-توپى بىلەن باشلاپ كىرىپ تۇزى كەم گەپلەرنى قىلىشىپ ياتاقنى دەللال بازىرى قىلىۋېلىشى يۈرىكىمنى تېخىمۇ سىقتى. بۇلارنىڭ روھىيتىدىكى شەخسىيەتچىلىك،ئەخلاقى چىرىكلىك چېكىگە يېتىپ ، داۋالاپ ساقايىتقۇسىز دەرجىگە يەتكەن تۇرسا،بۇنىڭغا يەنە نېمە ئامال بولسۇن؟ گەپ قىلىپ سالسا قۇلاققا كەلگۈچە دورا يەپ  ھۆ قىلغۇدەك دەرجىدە تويۇنۇپ  قالىدىغان گەپتە.

       شۇنچە ئىشلارنى كۆرۈپ ۋە باشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرىدا شۇنداق يەكۈنگە كەلدىم. ئالىي مەكتەپ ئۇ ياخشىلىق،ئىسىللىق، مىھىر- بۇھەببەت ، سۆيگۈ-ساداقەت،يامانلىق،رەزىللك،ئىپلاسلىق،چاكىنىلىققا تارلىقلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئۇنۋېرسال سىناق سەھنىسى،ئىرادىنى تاۋلايدىغان ئالتۇن ئوچاق. ئالى مەكتەپ ھەرگىزمۇ ئاددىيلا كىتاۋىي ئىلىملەرنى ئۈگتىدىغان يەر ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى بىز ئوقۇپ كۆرگەن تۆۋەن باسقۇچتىكى  مەكتەپلەردىن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇبىزگە كىتاۋى بىلىملەرنى ئۈگەتكەندىن باشقا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، مۇستەقىل تۇرمۇش قارشى ۋە كىشلىك قارىشىنى تىكلەشنى ،قانداق ئادەم بولۇشنى،كىشلىكمۇ ناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى،تۇرمۇشتىكى چىگىش مەسلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.بىر كىشىنىڭ ئالى مەكتەپتە دەرىسلەرگە،ئىلىم ئۆگۈنۈشكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.بۇ مەزگىلدە ئارلاشقان دوستلىرى ئۇنىڭ قانداق خاراكتىر شەكىللەندۈرشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.  ئەگەر سىز بۇ نوقتىنى كۆرۈپ يىتەلمىسىڭىز ياكى   سەل قارىسىڭىز گۈزەلللككە ۋە خاتىرجەملىككە تويۇنغان شۇ گۈزەل جەننەت ماكاننى بىلىپ بىلمەي ئۆز قولىڭىزبىلەن دوزاققا ئايلاندۇرۋېلىپ  ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قىيناپ ،خۇددى تىكەنلەر ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ ماڭغاندەك بىئارامچىلىقتا ئۆتىسىز.

      مانا ھازىر ئىززەتلەر كۆتىدىكى  پوقى بىلەن كارى يوق  ۋال – ۋۇل قىلىشپ ،مەكتەپنىڭ كۆزى بولۇشۇپ ،ئالەمگەپاتماي ،مەنچە ئادەم يوق دەپ خىرامان يۈرۈشكىنى بىلەن ئىچىدىكى دەردىنى ئۆزلىرى بىلىشىدۇ. ئالتە – يەتتە پەننىڭ تولۇقلىما ئىمتاھانىدىن ئۆتۈش ئۇنچىلىك ئوڭاي ئىش ئەمەستە ھازىر ئۇلار ھۇش-كاللىسى يوق خۇشال يۈرشىۋاتىدۇ،غېمىدە يوق تېلىقىپ كۈلىشىۋاتىدۇ. تۆت كۈندىن كېيىن ئوقۇشىمىز پۈتۈپ بىز خۇشال يۈرشىۋاتقىنىمىزدا، ھۇسۇل شادلىقىدا ھۇزۇر بىلەن قاقاقلاپ كۈلشىۋاتقانلىرىمىزدا،نەچچە يىلنى ئىسراپ قىلىپ ئاقىۋەتتە  قۇرۇق قول قالغان  ئۇلارنىڭ كۆزى يىغلىمىسىمۇ يۈركى يىغلايدۇ. بىچارە يۈرىكى ئاچچىق پۇشايماننىڭ شور تەمىدە قاتتىق ئېچىشىدۇ.......

        نەچچە يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىمدا مېنى ئەڭ ئېچىندۇردىغىنى، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ياشلىقىمنىڭ ئالتۇندەك مەزگىللىرىنى ئوت-خەۋەستەك ئىسراپ قىلىپ،قەلىب دەرۋازامنى نەدىكى بىر پەسلەرگە سامان تاغرىنى ئاچقاندەك ئېچىپ بەرگىنىم، كاللامنى ئىشلىتىدىغان يەرگە ئىشلىتىپ گۈزەل ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ پەيزىنى قانداق سۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلمەي،كاللامنى ئۆزگىلەرگە ئويۇنچۇق سۈپتىدە تۇتۇپ بېرىپ،ئۆزۈمگە ئۆزۈم  ئازاپ ئىشكەللىرىنى سالغىنىم ئىدى.

       ئالى مەكتەپكە ئۆتۈشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىپ كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگىنىش قىلغان، ئالى مەكتەپ ھەققىدە شىرىن خىياللارنى سۈرگەن، نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ  ئالى مەكتەپتە ئوقۇش سەپىرىگە ئاتلانغان شۇ گۆدەكۋاقىتىلىرىم، ئالىي مەكتەپنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكىدىن تۈپتىن پەرىقلىندىغانلىقىنى چۈشىنىپ گاڭگىراپ  ئۈمىدسىز قالغان ۋاقىتلىرىم، ئىمتاھاندىن پاكىز ئۆتۈپ مېڭىش مەقسىتىدە پىژقىرم ئىسسقتا ۋە جاندىن ئۆتىدىغان سوغوقتا توم-توم خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە ئوقۇشلۇقلارنى يادلىغان ۋاقىتلىرىم، كۇتۇپخانىدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئىگلىۋېلىش ئۈچۈن تاتلىق ئۇيقۇمدىن كېچىپ ،تاڭ سۈزۈلمەستە چىقىپ كۇتۇپخانا ئىشكىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ۋە ئورۇن تالىشىمەن دەپ بىلەكلىرىمنى يېغىر قىلۋالغان شۇ سۆيۈملۈك،گۈزەل ۋاقىتلىرىم ھىلھەممۇ ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئالى مەكتەپتە ئوقۇش دەۋرى دەل ھاياتلىقنىڭ قاينام –تاشقىنلىققا،جۇشقۇنلۇققا تولغان ۋاقتى بولىدىكەن. ئەمما خامسۈت ئەمگەن ئىنسان باللىرى  شۇ گۈزەل ۋاقىتلىرىنى ئەسلى مۇددىئا ئۈچۈن سەرىپ قىلىشنى ئويلىماي قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بولىدىغان قىلچىمۇ زۆرۈرىيتى ۋە ئەھمىيتى يوق ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە  ئىسراپ قىلۋىتىدىكەنمىز.

ھەيھات، ئوقۇشىمىز پۈتۈپ بىر كۈنلەر بولغاندا ھازىر چىڭ تۇتۇشنى بىلمىگەن ، بىخۇدلىق قىلىپ قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلەرنىڭ ،كەتكۈزۈپ قويغان پۇرسەتلەرنىڭ قەدرىگە يېتىشىىز مۇمكىن. ئۆزىمىز ئاتا-ئانا بولۇشقاندا، ھازىر ئاتا-ئانىمىزنىڭ قەدرىنى بىشلمەي ، ھېلقى ساۋاقدېشىمغا ئوخشاش، ئاتا-ئانىمىزنى ئاتا-ئانا بولغۇنىغا قۇلاققا كەلگۈچە تويغۇزۇپ،  ئاتا-ئانا بولۇپ قالغان گۇناھىغا بىز ئۈچۈن  ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەتكۈزۈپ،زور قۇربانلىقلارنى بەرگۈزۈپ، بۇ يەتمىگەندەك يەنە ئەخلاقسىزلىق قىلىشىپ ،ئۇلارنى ئاچچىقتىن،نۇمۇس، ئىزا-ئاھانەتتىن قان قۇسقۇزۇپ يۈرگىنىمىزگە، ئۇلارنى ئايلاپ-يىللاپ خىيالىمىزنىڭ بىر بۈرجىكىگىمۇ ئەكىلىشىپ سالماي ئۆلگۈدەك ئەنسىرتىشىپ، نەدىكى بىر ئانام كۆرمىگەن ئانام كۆرمىگەن ئىتنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىپ قالغان ۋىجدانسىز ھارامتاماقلارنىڭ كەينىدىن ئاھ - ۋاھلىشىپ مېڭىپ يۈرگەنلىكىمىزگە چەكسىز پۇشايمان قىلشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئۇ چاغدا قاتتىق كېچىكىمىزدە.....ئەگەر ئازراق ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ،ئاشۇ پەسلەرگە قىلغانلىرىمىزنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاتا-ئانىمىزغا قىلىپ قويغان بولساق  بۇ ھەركىتىمىز ئۇلارنى قانچىلىك خۇشالقىلغان،سۆيۈندۈرگەن بولار ئىدى-ھە؟!

        ئەپسۇس،نادان ئىنسان باللىرى بۇنى ناھايتى كىچىكىپ چۈشنىدىكەنمىز. ئاللاھ مەرھەممىتىنى كەڭ قىلىپ بىزگە يارتىپ بەرگەن ئاشۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشنى، ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلىشى ۋە ئاتا-ئانىمىزنىڭ قان-تەر تۆكۈشى ئارقىسىدا ھاياتىمىزنىڭ گۈزەل ، شىرىن مىنۇتلىرىنى ياخشى،مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ياخشى شارائىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشنى بىلەلمەي  كۈنلىرىمىزنى ھاماقەتلەرچە ئۆتكۈزدىكەنمىز. مېنىڭچە،ئالى مەكتەپكە ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يېڭىدىن ئاتلانماقچى بولىۋاتقانلار ھەم شۇ گۈزەل پەلەمپەينىڭ تۇنجى قەدىمنى بېسىۋاتقانلار ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ بۇ جايغا نىمىگە ،نېمىشقا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ،ئالى مەكتەپتىكى ھەربىر قەدىمىنى بىخۇدلۇقتىن نېرى ھالەتتە سەگەكلىك بىلەن بېسىشى، ھېلقى ساۋاقدېشىمدەك ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلىمىكى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.



تۈگىدى


بۇ ئەسەر ئوقۇغۇچى مۇنبىرىگە تەۋە ، باشقا بىكەتلەرنىڭ مۇنبىرىمىز ۋە ئاپتۇرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتكە يۆتكەپ پايدىلىنىشىغا ، ئىشلىتىشگە بولمايدۇ.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4شۆھرەت +90 بايلىق +80 تۆھپە +90 يىغىش سەۋەبى
بىلگيار + 10 + 10 + 10
ئاتىكەم + 20 + 20 + 20 قالتىس!
تىلسىم + 30 + 30 + 30 قوللاش!
دىلشىر + 30 + 20 + 30 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 18:26:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 17:59
ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟ دىمەكچى بولغىنىم شۇنداق بولسا مەنبە ...

شۇنداق،داۋامى بار دېگەندىنلا كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ،ئاخىرى تېخى تونۇردىن چىقمىغاندىكىن

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 18:29:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەۋاتسام تەستىقلاپ بوپتۇ بۇنى،قىلغانلىرىم نۆل بولدىغۇ ئاخىر

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 15:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 21:18
ئەگەر تەھرىرلەپ توغرامەشغۇلات قىلغانلا بولسىڭىز ساق ...

ماقۇل،ئىمكان بار تىز يېزىپ پۈتتۈرۈشكە تىرشىمەن

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 15:29:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھمان23 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 14:43
‹‹ مەن ›› نىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادىسنىڭ ئاق ئىشەكلىك مەلئ ...

ماختاۋەرمەڭە تولا، ھېچكىم كۆرمەي شورلىشىپ قېلىۋاتقان تىمامنى

باھا سۆز

بىزمۇ ساقلاپ ماندا كۆزلەر تۆت بوپ كەتتى.قاچان خەۋەر قىلاركىن دەپ.ھى ھى ھى......  ۋاقتى: 2014-5-28 21:15
ئاخرىنى يوللاپ بۇلۇپ ،ئالدىدا ئىنكاس يازغانلارغا "ھۇيت"دەۋىتىڭ.  ۋاقتى: 2014-5-28 21:14
ماختىمىدىم ، كۆرمىگەنلەر ئارماندا دەيمە  ۋاقتى: 2014-5-28 15:37

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 21:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 21:04
مەن  باشتىن باشلاپ  تىخى كورمىگەن ئىدىم شۇڭا كەچتە  بىك ...

رەھمەت، ئىنكاس تەكلىپلەر چۈشۈپ تۇرمىسا داۋامىنى يېزىشقا رايىم بارمايدىكەن پەقەت

باھا سۆز

يىزىۋىرىڭ ئالتۇن ھەرگۇز كوملۇپ قالمايدۇ  ۋاقتى: 2014-5-28 21:09

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 23:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 21:24
مۇشۇ قىزلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشىدىن بەك قورقىمەن مەن. ئو ...

ئىمكان با تىز يوللايمە. ئەمما مەن سىلەردەك ئەستايدىل ئوقۇرمەنلىرىمنڭ كۆپرەك يول كۆرسىتىشىگە ئىھتىياجلىق

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 23:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 21:15
ئوقۇغۇچىنىڭ ئەزاسى بوپ كەتتى جۇمۇ سەبىر ، باشتا ئوقۇغ ...

تىلسىم بولغىنى بىلەن بەك چۈشنىدۇ ئەزالار كۆڭلىنى بۇ ئاتامان قارى

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 23:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 21:26
تۈنۈگۈن قارىسام باشقا يەردىمۇ يۈرۈپتىكەن بۇ تېما. تاس ...

مەن شۇ قىلغان ئىشىمنىڭ تاينى يوق تۇرۇپ ئۈچ تۆت تور بىكەن ئارسىدا سۆرلۈپ يۈرىۋاتىمە

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-29 00:15:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 23:51
تىمىنىڭ داۋامىنى كۆرۈپ چىقتىم،  شۇنداق ياخشى داۋاملىش ...

پۈتۈنلەي توقۇلممىمۇ ئەمەس توقۇلمىسىمان رېئاللىق ،يەنى تۇقۇلمىلاشتۇرۇلغان رېئاللق.ئەسەر نىگىزى يەنىلا رېئال ھادىسلەردۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:34 , Processed in 0.293334 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش